چىچەن ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى دىيارىم MTV كۇلۇبى بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ تېما 118 قېتىم كۆرۈلدى
bahtinur
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 22926
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 75
شۆھرەت: 99 نۇمۇر
پۇل: 539 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 باياۋاندىكى گۈلخان (تارىخىي رومان)

0

غۇلام ئۆمەر










باياۋاندىكى گۈلخان
(تارىخىي رومان)

(1)

بېغىشلىما

دالا ۋە ئورماندا، تاغدا، چۆللەردە
كارۋاننىڭ چۈشكۈنى _ ئۆتەڭلىرى بار.
ھارارەت، نۇر ئۈچۈن يېقىشىپ گۇلخان،
شۇ يەردە  دەم ئالار، تۈنەر كارۋانلار.

كارۋانلار بۇ يەردىن كەتكەندە ئۇزاپ،
چۆللەرنى يورۇتۇپ قالىدۇ گۇلخان.
چىرىسلاپ ئۆچىدۇ يالقۇنى ئاستا،
قارىيىپ بىر گەۋدە بولىدۇ ئورمان.

چوغلارنىڭ يۈزىنى توسار كۈل _ پەردە،
شۇ يوسۇن ئۆتىدۇ يەنە بىر زامان.
(يا چوغ بار، چوغ ئۆچسە كۈلدە ئىسسىقى)
سالقىنلار يەلپۈسە پىلىلدار شۇئان.

باشقىلار بۇ يەرگە باسقاندا ئاياغ،
بولىدۇ كۈل ئىزى ئۇلارغا نىشان.
ئاخىرقى چوغلارنى تېپىپ كۈللەردىن،
كېيىنكى كارۋانلار ياقىدۇ گۈلخان.


كىشىلەر ماڭا:”ئەگەر سەن تاتلىق ئۇخلاۋاتقان قۇلنى كۆرگىنىڭدە ئۇنى ھەرگىز ئويغاتما، بەلكىم ئۇ ئەركىنلىكنى چۈشەۋاتقاندۇر “ دەيدۇ. مەن ئۇلارغا: ”ئەگەر سىلەر تاتلىق ئۇخلاۋاتقان قۇلنى كۆرسەڭلار ئويغىتىپ، ئەركىنلىك ھەققىدە سۆزلەپ بېرىڭلار“ دەيمەن.
¬_ خ. جىبران: «ياش ۋە كۈلكە»

ھەقىقەت يولىدا ئىزدىنىش ھەقىقەتكە ئىگە بولۇشتىنمۇ قىممەتلىك.
_ لېسسىنگ(نېمىس پەيلاسوپى [1729 _ 1781])

ھاياتنىڭ مەخسىدى ھاياتتىنمۇ يۈكسەك بولغان نەرسىنى قوغلىشىشتۇر.
_ خ. جىبران.
مەيلى شېئىر، مەيلى غەزەل _ بومبا ۋە بايراق،
غەزەلچىنىڭ مۇددىئاسى _ سىنىپنى ئويغاتماق.
_ ماياكوۋىسكى




قـىـسـىـم









ســـۈبھــى


ياخشى سۆز ۋە كەچۈرۈش كېيىن ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان سەدىقىدىن ئەۋزەل.
— «قۇرئانى كەرىم» سۈرە «بەقەرە» 263 ـ ئايەت.

—دۇنيانىڭ قىزىقى نېمىدىلىكىنى بىلەمسەن؟
— خۇشچاخچاق بولۇشتا. ھەتتا ئىش ئوڭىدىن كەلمىگەن تەقدىردىمۇ خۇشچاخچاق بولۇشتا.
— ۋ. گىيوتى

كۈلكە كۈچلۈكلۈك ئالامىتى بولۇپلا قالماي، بەلكى كۈچلۈكلۈكنىڭ ئۆزىدۇر.
— ئا. لۇناچارىسكى
خۇشچاخچاق كىشىنىڭ بۈگۈنىمۇ، ئەتىسىمۇ قۇۋناق ئۆتىدۇ.
— ل. ن. تولستوى




بـىـرىـنــچـى بــاب

1

بـ
وغۇزنىڭ سالقىنى ئېسەتتى. بۇ سالقىن باھارنىڭ ئەلچىسىدەك، يېقىملىق، ئاللىقانداق پۇراقلارنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ يۈرەتتى. بۇ پۇراقتا يېقىن كەچمىشنىڭ خاتىرىلىرىنى قوزغىتىدىغان نېمىدۇر يوشۇرۇنغاندەك قىلاتتى. زېمىستان قىش مەھرۇم قىلغان شۇ نەرسە پات يېقىندا ھاياتقا قايتا كىرىپ كېلىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى «قىستۇرۇلغان» سالقىننىـڭ سوغۇقى ئەنە شۇ سەۋەپتىنمىكىن بەك ھېس قىلىنمايتى؛ ئەكسىچە ئۇنىڭ تېخىمۇ بىر ئاز بىلىنەرلىك ئۇرۇلىشىنى كۆڭۈل ئىستىگەندەك قىلاتتى. قەلبلەر ئۆزىگە تونۇش، ئەمما يەنىلا نېمىلىكى پۈتۈنلەي ئېنىق بولمىغان، «چالا تونۇش» ئاللىنېمىگە ئالدىرايتى.
بوغۇزدىن شەرققە ۋە شەرقتىن ئوڭ قولنى بېسىپ يەلپۈگۈچ شەكىللىك — تا غەربىي جەنۇپقىچە بېقىلغىنىدا، قەدىمىي يۇرت ئاتۇش ئالقاندىكىدەكلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ھازىر تېخى دەل- دەرەخلەر يوپۇرماق چىقىرىپ، قاراڭغۇلىشىشقا ئۈلگۈرمىگەچكە، ھېچبىر يۇرت ئورمانلار قۇچىقىغا يوشۇرۇنمىغان، ھەربىرىنى ئوچۇق ئىلغا قىلغۇدەك ھالدا ئىدى. ئەگەر سول تەرەپتىكى پارچەتاغ دەپ ئاتالغان، ھېچبىر تاغ تىزمىسىغا چېتىلمىغان، سۈنئىي دۆۋىلەپ قويۇلغاندەك ئىدىرنىڭ ئۈستىگە چىقىپ قارىسىغۇ ھەممە يەر بىر پەتنۇس ئۈستىدىكىدەكلا — تا مېيىدىن  قۇمسېغىغىچە     پەرق قىلارلىق كۆرىنەتتى.
ئوڭ تەرەپتىكى تاغنىڭ بوغۇز تەرىپى قەدىمىي ئەپسانىلەردە زىكرى قىلىنىدىغان بەھەيۋەت پالۋانلارنىڭ قىلىچىدا، بىرلا چېپىش بىلەن كېسىپ چۈشۈرۈلگەندەك تىك — تا ساينىڭ يۈزىگىچە چۈشسە؛ جەنۇپ يۈزى ئىشتاچى يېزىسى تەرەپكە تەدىرىجى پەسلەپ بارغان يانتۇلۇق؛ غەربى بولسا ئەجدىھارنىڭ دۈمبىسىدەك، ئۈستۈنئاتۇش تەرەپكە «سويلاپ» كېتەتتى.
قەدىمقى ئەجداتلار بەلكى بوغۇزدىكى مۇشۇ ئىگىزلىكتىن تۆۋەنگە — يۇرتلار جايلاشقان ۋادىغا باققان ۋە تەبىئىي ئالاھىدىلىككە كۆرە بۇ يۇرتلارنى ئىككى چوڭ سۇغۇرۇش رايونىغا ئايرىغان بولسا كېرەك: ئوڭ قول تەرەپتىكىسى ئوڭ ئېرىق؛ سول تەرەپتىكىسى سول ئېرىق دەپ ئاتالغان بۇ ئىككى رايون، زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن فونېتىك ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، «ئوڭ ئېرىق» — ئوڭۇرۇق، «سول ئېرىق» — شورۇق دېگەن يۇرت ئىسىملىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولسا كېرەك. ئەمما ھازىرغىچە بوغۇزدىن ئېقىپ چىققان سۇ ئىككى ئاساسىي بۆلەككە بۆلۈنۈشتەك ئەنئەنە داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
باھار دەل- دەرەخلەرنىڭ يېڭى شاخلىرىغا بىرىنچى «ئەستەر بويىقى»نى بېرىشكە باشلىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان نورۇز بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان بولىشىغا قارىماي، نورۇز ھارپىسىنىڭ كەيپىياتى بىلىنمەيتى. تەبىئەتتىكى ئويغىنىش ۋە جانلىنىشقا ئۇيغۇن ئىنسانلار كەيپىياتىدىمۇ جانلىنىش، شادلىق تۇغدۇرىدىغان، ھاياجان قوزغايدىغان نورۇزنىڭ جىمجىت، ساداسىز بىر پىچىمدە كېلىشى ۋە كېتىشى كۈتۈلەتتى. چۈنكى، بىرنەچچە يىلدىن بېرى ئايىغى ئۈزۈلمىگەن يېغىلىقلار ھاياتنى ئىزدىن چىقارغان، ئادەملەرنىڭ ھايات ھەلەكچىلىكى بىلەن، بايرام تەنتەنىسى سۈرگىدەك ھەپسىلىسىنى قويمىغانىدى.
بەزى ئالامەتلەرگە دىققەت قىلغان بىلەرمەنلەرنىڭ دېيىشىچە، يېغىلىقلار ئاساسەن بېسىلىپ قالغانمىش، يېڭىشەر- يېڭىسار ئەتراپىدا بىر ئاز توقۇنۇشنىڭ داۋام قىلىۋاتقىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، پالاكەتلەر ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلارمىش. بۇ توقۇنۇشلارمۇ تۇڭگانلار بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ئەسكەرلىرى ئارىسىدا «بەزلىشىۋالغان» شەكىلدە، بىر خىلدا داۋام قىلىۋاتاتتى. ھېچبىر تەرەپتە ئىلگىرىلەش، يېڭىش ـ يېڭىلىش بولمايۋاتاتتى.
گەرچە بۇ تەرەپلەر تىنچىپ قالغاندەك قىلسىمۇ، ئانچە يىراق بولمىغان قوشنا شەھەردە ئاتموسفىراغا تۈتەپ تۇرغان پوروخ ھىدى، يۈرىگالدى بولۇپ كەتكەن خەلقنى خاتىرىجەم قىلمايتى.
تەبىئەتنىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمە ئىشى؟ ئۇ ئۆزىنىڭ قانۇنىيەتلىك قەدىمىنى بېسىپ كەلمەكتىدى، ھەر گىيانى ئۆز رېڭىدە بوياشقا، تۇپراقنى يۇمشىتىپ، ئۇنىڭدىن «توپا ھىدى» ئۆرلىتىشكە، قىشىچە ئۆلۈك بىر تەرزدە ئۇيۇپ قالغان ھەر نەرسىدە ھاياتلىق قىمىلتىسى پەيدا قىلىپ، ھەممە نەرسىنىڭ خاس پۇراقلىرى بىرلەشمىسىدىن ئومۇمىي «باھار ئاتموسفىراسى» ھاسىل قىلىشقا داۋام قىلماقتا ئىدى.
«ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار» دېگەندەك، يەنە يېغىلىقلاردىن ئېشىپ قالساق، جاھان لازىم بولىدۇ ئەمەسمۇ، دېگەنگە ئىشەنگەن ئادەملەر، كۆڭۈلسىزرەك مىدىرلىسىمۇ ھەرھالدا باھارنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشاتتى؛ كۆچەت تىكەتتى، ئېتىز- ئېرىقنىڭ ھازىرلىق ئىشلىرىنى باشلىۋەتكەن ئىدى.
پوستەك توپىلىرى يۇمشاپ يېڭىۋاشتىن چېڭىشقا باشلىغان يېزا يوللىرىدا، خۇددى باھاردەكلا، ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ بالاسى، قازاسى بىلەن ئىشى يوق، غەمسىز ھالدا ئۆز كۆڭۈل خاھىشىنى ئىپادىلەشتىن چەكلەنمەيدىغان بالىلار، خوشال قىقاسلىرى، سۆگەت تاللىرىدىن چىقىرىلغان «بۇت- بۇت»لىرىنىڭ توم ـ ئىنچىكە ئاۋازلىرى بىلەن مەھەللىنى تولدۇرماقتا ئىدى. باھار ئەگەر زۇۋانغا كەلسە جەزمەن بۇ كىچىك بەڭۋاشلارنى سۆيۈپ قالغانلىقىنى بايان قىلغان بولاتتى؛ ئۇلارنىڭ ئۆز پەلسەپىسىگە كۆرە ھەركەت قىلىش خۇسۇسىيىتى، ئۆز مەنتىقىسى بىلەن ياشاش ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە ئوخشىتىپ، ئۇلارغا يېقىنلىق ئىزھار قىلغان بولاتتى.
بەزى بالىلار ھەتتا يېغىلىقلارنىڭ ئىلگىرىسىدىكىدەك، نورۇز تەييارلىقىدا بولۇپ، موللىكىسىغا «نورۇزلۇق» يازدۇرۇپمۇ يۈرەتتى. كاشكىدى، بۇلارنى ئوقۇغىدەك پۇرسەت، سورۇن، ئىمكان بولسا. ئاللاھ شۇنىڭغا نېسىپ ئېتەرمىكىن، بالىلارنى نورۇز قوشاقلىرى ئوقۇشقا؟ سايغا ياكى جەمەتلە  گە يىغىلىپ، ھەر خىل ئويۇنلارنى كۆرۈشكە؟...

2

بالىلارنىڭ سەبىي قەلبىدىن مىكرو دولقۇندەك تارالغان — تىل بىلەن ئپادىلەنمىگەن تىلەكلەرنى ئاللاھ ئىجابەت قىلغاندەك ئىش بولدى. ئۇلارنىڭ موللىكىسى ياكى خەلپەتلىرىگە يازدۇرىۋالغان بىرەر كۇپلىت «نورۇزلۇق»لىرىنى ئوقۇشىغا، تەڭتۇشلىرى بىلەن چېلىشقا چۈشىشىگە، ... پۇرسەت بولىشى بىلىنگىلى تۇردى. ساي بويلىرىدا نورۇزنىڭ ھارپا ئاخشىمى ۋاقىتلىق ئوچاقلار ياسىلىپ، ئەتىكى جامائەت توپلانغان پۇرسەتتە بىر ئاز تاپاۋەت قىلىشنى نىيەت قىلغان بازارلىقلارنىڭ ھازىرلىق ھەركىتىدىن خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىدى. بوزتاغ باغرىدا — جەمەتلە ئەتراپىدىمۇ بۇنداق بىشارەتلەرنى بار دېيىشەتتى.

داۋامى بار..
تېما تەستىقلىغۇچى : yarken
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-15, 03:51
MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-15 02:40 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
totem
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 13600
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 2637
شۆھرەت: 2121 نۇمۇر
پۇل: 3133 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1653(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-15

 

غۇلام ئۆمەر ئاكىنىڭ«باياۋاندىكى گۈلخان»ناملىق 3 قىىسىملىق تارىخى رۇمانى مەمتىلى ئەپەندى(تەۋپىق)نىڭ جەڭگىۋار ھاياتى ئىش-ئىزلېرى پۇتۇلگەن.تارىخى رۇمانلار ئىچىدە بەلگىلىك قىممەتكە ئىگىدۇر.ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇغاندا كۆزلېرىمدىن ياش،يۈرەكتە ھەسرەت،قەلىپتە پىغان لىق تۇشقان ھالەتتە ئوقۇپ تۇگەنكىنىم ئىسىمدە.20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئۇيغۇرنىڭ تىراگىدىيىسى يۇقۇرى ماھارەت بىلەن سىزىپ چىقىلغان موزىي-دەل«باياۋاندىكى گۈلخان»دۇر.
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-15 01:38 PM |
«ئەسقەر (灰狼) بىلەن دىيارىمدا سۆھبەت» تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى .
bahtinur
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 22926
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 75
شۆھرەت: 99 نۇمۇر
پۇل: 539 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

نىزامىددىننىڭ بالىلىرى بۇ خەۋەرنى ئۇقىشى بىلەنلا ئۆيگە چېپىشتى. ئۇلار بىر نەچچە كۈندىن بېرىلا دادىسىغا نورۇز سەيلىسى ئۈچۈن سايغا ئېلىپ بېرىش ھەققىدە يېلىنىپ يۈرەتتى. بۇنداق بىر توپلىنىشتىن ئۈمىدى بولمىغان نىزامىددىن بولسا، ئۈمىدسىز تۇتۇم ئىپادە قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلارنىڭ نورۇزلۇق يېزىپ بېرىش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى بىر باھانىلەر بىلەن رەت قىلىپ يۈرەتتى. مانا ئەمدى بازار تەرەپتىن كەلگەنلەرنىڭ كەلتۈرگەن خەۋىرىدىن ئەتە سەھەردىن باشلاپ ساي بويىنىڭ قىزىپ كېتىدىغانلىقى ئېنىق بولدى. بالىلار ئەمدى دادىسىنىڭ ھەرقانداق باھانىلىرىگە ئۇنىماي، ئۇنى نورۇزلۇق يېزىپ بېرىشكە قىستاشقا باشلىدى.
— ياماننى ياردا قىستاڭ دېگەندەك، مېنى ھەممىڭلار قىستىساڭلار، ھەممىڭلارغا نورۇزلۇققا نەگە باراي؟ نەدىن تاپىمەن ئۇنچە گەپنى؟ — دەيتى نىزامىددىن بالىلىرىنىڭ تاتلىق ئەركىلەشلىرىدىن سۆيۈنگەن ھالدا يالغان ئاغرىنىپ.
— موللىكاڭلار بولغان بولسىغۇ، نورۇزلۇق دېگەنگە كۆمۈپلا قوياتتى، — دەپ گەپ قىستۇردى زورىخان، — ئۇنىڭ ئىچى بىر دەريادى- دە، قوشاق يازغانغا تۈگەيدىغان ئەمەس...
— شۇنى دەيمەن، — دېدى نىزامىددىن ئايالىنىڭ گېپىدىن ئىنىسىنى يادىغا ئېلىپ ۋە چىرايىمۇ بىر ئاز قارىداپ كەتتى، — مەمتىلى بولغان بولسا، پۈتۈن بويامەتنىڭ بالىلىرىغا نورۇزلۇق يېزىپ بەرسىمۇ گېپى تۈگەپ كەتمەيتى،...
دادىسىنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشنى بىرىنچى بولۇپ بايقىغان غېنى، نورۇزلۇق ھەققىدىكى غەلۋىنى قويۇپ، دادىسىغا ئىچى ئاغرىغاندەك، گەپنىڭ تېمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن بۇرىدى:
— موللىكامنىڭ گېپىنى تولا قىلىپمۇ بىزنى كۆرمەي تۇرۇپلا ئۇنىڭغا ئامراق قىلىۋەتتىڭلار، موللىكام توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بەرگىنە بولمىسا.
— موللىكام بۈگۈن ئاخشام كېلىپ قالسا كۆرۈڭ...
— ھېچنېمە دەپ بولمايدۇ، — دېدى نىزامىددىن ئاللىقانداق ئۈمىد بىلەن پەپىلىنىپ، — ئاللاھقا ئاسان...
— ۋاي خۇدايىمەي، ما ئەدەمنى، — دېدى زورىخان يېقىملىق تەرزدە ئېرىنى ئەيپلەپ، — كىچىك بالىدەك، شۇ گەپ بىلەنلا ئەمدى كەلسىكەن دەپ قويسا، كېلىدىكەن دېگىلى تۇردىغۇ...،
— ياق،... دېگىنىڭ بىلەن، مەن بىكادىنلا خىيالىمغا كەلگەننى دەۋاتمايمەن، يېقىننىڭزى چۈشلىرىممۇ سەل باشقىچە، تۈنۈگۈندىن بېرى قاپىقىممۇ توختىماي تارتىۋاتىدۇ، دېدىمغۇ.
بىراق زورىخانمۇ ئېرىنىڭ تۇرقىدىكى بىچارىلىكنى پەملەپ، كۆڭۈل ياساپ گېپىنى ئوڭشىدى:
— راست دېگەندەك، كېلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، جۇما. بىر نەچچە كۈن بولدى، ئىشىك ئالدىدىكى تېرەكتە سېغىزخان ساراپ قېلىۋاتىدۇ.
ئەمدى ئۇلار نورۇز ھەققىدىكى تالاشلىرىنى ئۇنتۇپ، بۇ ئۆيدە ھەرقاچان سېغىنىش ۋە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىپ يادلىنىپ تۇرىدىغان مەمتىلى ھەققىدە پاراڭغا چۈشتى.
— موللىكام شۇنداق ئىشقۋاز ئادەمكەن، قوشاق يازسا تۈگىمەيدىكەن، سەن نېمىشكە يازالمايمەن دەيسەن؟ ئاكىسى بولغاندىكىن، سەن ئۇنىڭدىن چوڭ بولغاندىكىن، مەنچە سەن تېخىمۇ بەك يازىدىغان يەردە...؟ — دېدى ھەيران بولغان ئايىمگۈل، — سەن ئەجەپ ئۈگەنمەپتىكەنسەنا؟
— چوڭ بولغانغىلا بولىدىغان ئىش ئەمەستە بۇ، بالام. بۇ دېگەن ئاللاھ سالغان بىر ئوت. بۇنداق ئوتنى ئاللاھ ھەممە ئادەمگە سېلىۋەرمەيدىغۇ؟ ئۇ دېگەن بىر يەردە ئوقۇپ ئۈگىنىلىدىغانمۇ ئىش ئەمەس.
ئۇلار مەمتىلىنىڭ يۇرتتىكى ۋاقىتلىرىنى، بالىلارنى قاتار قىلىۋېلىپ، مەش دەسسىتىپ يۈرۈشلىرى، ئۆزلىكىدىن ئۇلارغا دەرس بېرىپ يۈرگەنلىرى، شۇنىڭ بىلەن كىچىك تۇرۇپلا «ئەپەندى» ئاتىلىپ قالغىنى، تەمبۇر چېلىشىدىكى ئۇستىلىقى،... ھەققىدە بالىلارغىمۇ ئاساسەن ياد بولۇپ كەتكەن، ئەمما ئاڭلىسا ئاڭلىسا يەنىلا يېڭى تۇيۇلىدىغان ئەسلىمىلەر بىلەن ئۇزاققىچە ئېچىلىپ- يېيىلىشتى.
ئۇلار ئائىلىدىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك ۋە قىزىق تېما بولغان مەمتىلى ئەپەندى تاغىسىنى ئەسلەشتىن كېيىنمۇ ئەتىكى نورۇز ھەققىدىكى ئارزۇسىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. نىزامىددىن ئۇلارنى بۇ تەلەپلىرىنى ئۇنتۇپ قالغاندۇر دەپ ئۈمىد قىلىپ تۇراتتى، ئەمما گەپ ئاخىرىدا يەنىلا بۇ ھەقتە ۋەدە ئېلىۋېلىشنى ئۇنۇتمىغان غېنى:
— شۇنداق قىلىپ، ئەتە سايغا ئاپىرىشىڭ راست بولدىغۇ؟ — دېدى قىستاپ.
بۇ قەدەر كۆڭۈللۈك ئەسلىمىلەردىن كېيىن بالىلارنىڭ سەبىي ئۈمىدلىرىنى يەردە قويۇش نىزامىددىننىڭ قولىدىن كەلمەيتى. شۇنداق بولسىمۇ بالىلارنىڭ تەرىپىنى ئېلىشقا ھازىر تۇرغان ئانا رەت قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىراپ سالا قىلدى:
— ئەمدى ماقۇل دەڭ، ئۆزىڭىزمۇ كىچىككىنە ئېچىلىپ قالارسىز، تونۇش بىلىشلىرىڭىز بىلەن شۇ يەردە ئۇچقىشىپ، بىردەم- يېرىمدەم ئىچ قارنىڭلارنى تۆكىشىۋالارسىلەر، بالىلارمۇ بىر پۇخانىدىن چىقسۇن، بىچارىلار تولا دەپ كەتتى.
— مەنمۇ شۇنى ئويلاپ تۇرىۋاتىمەن. ئەمىسە بالدۇرراق يېتىپ ئەتە ئەتتىگەن قوپۇشقا ھازىر بولۇڭلار، ئەمما نورۇزلۇق يازدۇرىمەن دەپ مېنى قىينىمايسىلەر. توغرا، ئەگەر ساي بويىدا تونۇشلاردىن قولىدىن كېلىدىغانراق بىرەسى بالدۇرراق ئۇچراپ قالسا يازدۇرۇپ بېرەرمەن.
— كىممۇ ئۇچقىشا دەيسىز؟ — دېدى زورىخان يەنە بالىلارغا يان بېسىپ، — بولسا بولمىسا ئىككى كەلىمە بىرنېمىنى پوملاپ بېرەي دېمىدىڭىز.
— ئۇ دېگەن پوملايدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇ دېگەن شېئىر، — دېدى نىزامىددىن زورىخان چۈشەنمەيدىغان بولسىمۇ شېئىرغا بولغان ئەستايىدىل مۇئامىلىسىنى بايان قىلىپ.
— خەقلەرچىلىكقۇ قاملاشتۇراردىڭىز، ئۆلگەن جېنىڭىزدا...
— ئەمما مەن خەقتەك ئويلىمايمەن، تۇزى يوق بىر نېمىنى شېئىر دەپ مېنىڭ بالىلىرىم ئوقۇپ يۈرمىسۇن دەيمەن، —ئۇ يەنە جىددىي تارتىشقا باشلىغان قاپىقىنى بارمىقى بىلەن بېسىپ، پىچىرلاپ بىرنېمىلەر دېدى.
ئۇنىڭ قاپىقى تارتىۋاتقىنىنى بىلگەن زورىخانمۇ:
      — ياراشقىلى نېسىپ قىلار، ئىلاھىم،... — دەپ تىلىكىنى بىلدۈردى.

3

باچاڭ تەرەپتە تاڭ شەپىقىنىڭ قىزىللىقى رەڭسىزلىشىپ ئاقىرىپ بېرىۋاتقاندىلا ساي بويىدا ئوچاقلار تۈتەشكە باشلىغانىدى. بازار ئەتىگىنى بولمىغان بۇ كۈندە ساي بويىدا بولىۋاتقان بۇ ھەركەتلەر يۇرتتا سۆزى ئۆتىدىغان ئادەملەر تەرىپىدىن بۇ كۈن نورۇز پائالىيىتى قىلىنىدىغانلىقىنىڭ جەزمەنلىكىدىن ئىدى. لەڭپۇڭچىلاردىنمۇ ياخشىراق دوقمۇشتىن ئورۇن ئېلىشنى كۆزلىگەنلىرى غالتەكلىرىنى سۆرەپ، ئۆزى ئەپلىك دەپ بىلگەن جايلارغا توختىتىپ ئۈلگۈرگەنىدى.
كىملەردۇر ساي ئىچىدىكى كەلكۈن قۇم تاشلىغان يەرلەرنى تۈزلەپ قويغانلىقى بۇ يەردە چېلىش ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ھازىرلانغانلىقىنى بىلىندۈرەتتى. يۇرت- يۇرتلاردىن بۇنداق كۈنلەردە پالۋانلار بىر توپ ئىخلاسمەنلىرىنىڭ ئارىغا ئېلىۋېلىپ، يېقىنچىلىق قىلىشلىرى ئىچىدە بۇنداق سورۇنلارغا كەلمەي قالمايتى. ھەممىدە يېڭىش ئىستىكى بولاتتى؛ بىرلىرى ئالدىنقى قېتىملىق مەغلۇبىيىتى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كېلەتتى. بۇنداق چاغلاردا قانلىق جىدەللەر بىلەن تۈگەيدىغان بۇ پالۋانلىق تالىشى، ئۇزاق زامانلار ئۈچۈنمۇ يۇرتلار ئارا زىددىيەت ئۇرۇقى بولۇپ قالاتتى.
داڭلىق قوچقارلىرى بولغانلار، داڭلىق خورازلىرى بولغانلار، داڭلىق ئىتلىرى بارلارمۇ بۇ سورۇندا ئۆزىنى كۆرسىتىشنى قولدىن بەرگۈسى كەلمەيتى. ھەتتا ھايۋانلىرى سوقۇشقا سېلىشنىڭ ئارقىسىدىنمۇ قانلىق جىدەللەرگە كېتىلەتتى. بۇ مۇسابىقىلارنىڭ ئارقىسىدا تەڭگىلەر، قويلار، ھەتتا تىللا ياكى ئاتلار قولدىن قولغا ئۆتىدىغان قىمار ياتاتتى. ئەمما ناھايىتى كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىغان ئاۋام ئۈچۈن يەنىلا بىر كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، يىلدا بىر قېتىملا بولىدىغان مەنىۋىي ھوزۇر ئىدى.
بالىلارمۇ ئۆز تەڭتۇشلىرى بىلەن چوڭلار مۇسابىقىلىشىدىغان ھەممە تۈرلەر بويىچە ئويۇنلىرىنى باشلىۋېتەتتى. ئۇلارنى ئاساسەن بەزى شوخ، ساياق يىگىتلەر خۇددى ئىتنى كىش- كىشلىگەندەك بىر ـ بىرلىرى بىلەن يا چېلىشقا سالاتتى، ياكى مۇشتلاشقا سالاتتى. كىمنىدۇر چېقىۋېلىش، كىمنىدۇر ئېزىۋېلىش بىلەن گويا ىۇمارى چىقىدىغاندەك ئىچى قارىلىق، دۈشمەنلىك توپلۇمنى چولغىۋالغىنى ئوچۇق بىلىنەتتى. دوستانىلىق، قېرىنداشلىق ناھايىتى تار دائىرىلەردە قاپسىلىپ قالغاندەك ئىدى.
ئۇقۇمۇشلۇقلارغىمۇ ئۆزلىرىگە يارىشا سورۇن بولاتتى: ئىلمىي مۇھاكىمىلەر، مۇلاھىزىلەر، ياكى مەلۇم بىر كىلاسسكنىڭ بىرەر ئەسىرى ھەققىدىكى تالاش- تارتىش؛ مۇشائىرە، لەپەر ئېيتىشلار ئۇقۇمۇشلۇقلارنىمۇ ئازدۇر- كۆپتۇر خۇماردىن چىقىراتتى.
ئادەملەر غولداشقا باشلىشى بىلەنلا، ئۇ يەر، بۇ يەردە توپلار شەكىللىنىشكە باشلىدى. ھەركىم ئۆزى قىزىققان توپقا باراتتى. كىملەردۇر بىر نەچچە بالىنى چېلىشقا سېلىپ قويغانىدى. كىشىلەر رەسمىي پالۋانلارنىڭ چېلىشى باشلانغىچە ئادەتتە سورۇننى مۇشۇنداق شەكىللەندۈرەتتى.
توپلار ئارىسىدا پۇتلىشىپ بىر ئاشىق مۇڭلۇق ھۆكمەت ئېيتىپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ ھۆكمىتى ئۇزاق ئۆتمۈشتىكى ئازاپلىق جاراھەتنى قايتا يېڭىلىغاندەك، ئاچچىق بىر لەززەت — تىراگېدىيە لەززىتى بېرەتتى. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ ئەقلى بېجىرىم بولمىغاچقا ھە دېگەندىلا ھۆكمەتنى كېسىپ، خەلق ناخشىلىرىدىن بىرىگە بۇرۇلۇپ كەتتى. ئۇ توپتىن توپقا ئۆتۈپ، ھەر توپتا ئەڭ دەسلەپ ئۆزىگە نېمە تەسىر قىلسا شۇنىڭغا كۆرە بىر نېمىلەرنى دەيتى ياكى پەقەت ئاشىقلارلا چۈشىنىدىغان غەلىتە تەسەۋۋۇرى، بۇ تەسىراتتىن باشقا بىر تۈرلۈك ئىنكاس تۇغدۇرۇپ، ئۇ ئەنە شۇنى ئىپادىلەيتى. كۆرگىنى بىلەن دەۋاتقىنىنىڭ ئالاقىسى يوقتەك، تازىمۇ «كاللا دېسە پاقالچاق» دېگەندەك كۆرۈنسىمۇ، دىققەت قىلىنسا ئۇنىڭ ئارىسىدا سىرلىق بىر باغلىنىش، غەلىتە مۇناسىۋەت بارلىقىمۇ سېزىلەتتى. گويا بۇ ئۇقۇمۇشلۇقلار سۆزلەيدىغان «ئۇلانما تەسەۋۋۇر»دىن ئەنە شۇنداق چاتاقلاپ كەتكەندەك.
— كۆزەڭگە قاراۋا، ساراڭ سولامچى!... — دېگەن ئاچچىق ھاقارەت، ئاشىقنى مەڭدىتىپ قويدى. ئۇ بىر لەڭپۇڭچىنىڭ ھارۋىسىغا پۇتلىشىپ كەتكەنىدى، — ئىت پوق يېمەستە سەن سولامچىغا نېمە باردۇ...
— ئانچىۋالا تىللىمىساڭچۇ ئۇكامۇي، ئاللاھنىڭ ئاشىقىنى. ئاللاھ سەن بىزنى ئىبرەت ئالسۇن، توۋا قىلسۇن دەپ ياراتقان پەرىشتىدەك بىر جانغۇ بۇ، ھېچكىمگە زەرەرى يوق...
— ماڭ- ماڭەۋە، پالان...تولا يېمەي، ئىشىڭنى قىلە! ھېلى بىكار خامىرىڭنى يارىمەن.
— ماڭا قاراڭ، بولدى قىلىڭ، گەپ قىلماي مايانغا مېڭىڭە، — ئۇنى بىرسى يېڭىدىن تارتتى، — بىلمەمتىڭىز بۇ بازارلىق ئۇششۇقلارنى، دادىسى «خوتنۇڭنى!...» دەپ تىللايدىغان ياۋايى ئېشەكلەرنى؟ بىكاردىن ئەتتىگەندىلا ئۆزىڭىزنى رەنجىتىۋالدىڭىز.
— ياق، دەيمىنا،...
— شىش، ئۈنىڭىزنى چىقارماڭ، «خوشولغاي» دەڭ. دادىسى بىلەن بىر تاۋكادا ئوينايدىغان بۇ قىلىقسىزلار بىلەن تەڭ تۇرغىلى بولامتى. ھېلى ھەممىسى ھۆمۈرۈلەپ كېلىدۇ بۇ خەقنىڭ. ئاستا يولىڭىزغا مېڭىڭ. راھمان ساراڭمۇ شۇلارنىڭ ئۆزىدىن، ئۆزلىرى چىقىشىۋالاتتى، سىز بىز ئارىلاشمىساقمۇ...
بۇلارنى بالاغا قويغۇچى راھمان ساراڭ بولسا ئەمدىلەتىن توپ بولۇشىۋاتقان، پاكىز سەللىلەرنى ئوراپ، رەتلىك كېيىنگەن ئۇقۇمۇشلۇقلارنىڭ توپىغا بېرىپ بولغانىدى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، خەلپىتىم، سىلىدەك مۆتىۋەرلەرگە بۇنداق سورۇندا نېمە بار؟ — دېدى ئۇ ئۇچلۇق ساقال، ئاۋاقراق كەلگەن ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشىگە تازىم بىلەن سالام قىلىپ.
سالاپەتلىك ئادەم بىر ئاز مەڭدەپ قالغاندەك بولدى، ئەمما ئۇ تەربىيە كۆرگەن ئادەملەردەك سەمىمىيلىك بىلەن راھمانغا جاۋاپ بەردى:
— خەلق بار يەردە بىزمۇ بولىمىز- دە، راھماناخۇن، نېمىشكە بىزگە ياراشماس بولۇپ قاپتىكەن؟
— نەغمە- ناۋا، ئۇسۇل- ساما، جىدەل- ماجرا بولىدىغان يەرلەردە دەيمەنغۇ،... — راھمان ئەمدى تامامەن نورمال ئادەملەردەكلا سۆزلەيتى. ئۇ ئەنە شۇنداق، بەزى چاغلاردا ئاجايىپ چوڭقۇر پىكىر قىلىپ كېتىدىغان، كىشىلەرنى ئويلاندۇرۇپ قويىدىغان بولغاچقا، بەزىلەر ئۇنى يالغان ساراڭ، «جاھان سارىڭى» دەپمۇ قارايتى. شۇڭا ئۇنى كەمسىتىپ «ساراڭ» دېيىش ئورنىغا «ئاشىق» نامىنى قوللىناتتى.
— ماڭا بولمىسىمۇ، ياش تالىپلىرىم بار ئەمەسمۇ، ئۇلارنى ئېلىپ كەلمىسەم كۆڭلى يېرىم بولىدۇ- دە، — دېدى خەلپەت يەنە شۇنداق سەمىمىي ئاھاڭدا. ئەمما ئۇنىڭ بۇ باھانىسىدە يەنە زامانىسىنىڭ رەسىملەشكەن قاتماللىقلىرىدىن ھېيىققىنى، شۇڭا بىرەر ئىشنى سەۋەپ قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولغىنىمۇ بىلىنەتتى.
راھمان بۇ يەردىنمۇ چاپسانلا زېرىكتى ۋە بۇ سورۇن تۈپەيلىمۇ، ئەيتاۋۇر ئابدىقادىر داموللا ھەققىدىكى مەرسىيەلەردىن بىر نەچچە كۇپلىتنى ۋارقىرىغاچ كېتىپ قالدى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تاھىر خەلپىتىم، راھمان ئاشىق بىلەن بەك سۆزلىشىپ كېتىپلىغۇ؟
بۇ سالام ئۇچلۇق ساقاللىق ۋىجىك خەلپەتنى مەڭدىتىۋەتتى.
— ۋۇي، ۋۇي، نىزامىددىنغۇ بۇ؟ سىزمۇ كەپسىز ـ دە؟
نىزامىددىنمۇ بالىلىرىنى باھانە قىلدى:
— بالىلار قويمىدى، نەچچە كۈن بولغان، باش ئاغرىتقىلى تۇرغان. ئاخىرى قۇتۇلالمىدىم، — ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ تاماشاغا كەلگەن «ئەيىبى»نى بەكمۇ ئاقلاپ كەتمىدى، — ئۆزۈممۇ شۇ ھەبىسىلىرىدەك پىكىر ساھىپلىرىنى خۇمارداپ، ئۇچراپ قالسا بىردەم يېرىمدەم كۆڭۈلنىڭ خۇمارىنى باسارمەن دەپ ئۈمىد قىلىپ كەلگەنتىم. مانا، يولۇم ئوچۇقكەن، ئەتتىگەندىلا سىلىگە يولۇقتۇم.
— مەنمۇ شۇ، مەنمۇ شۇ، — دېدى تاھىر خەلپەت ئوچۇق يورۇقلۇق بىلەن، ئەمدى ھېچ باھانىگە ئورۇن قالمىغانىدى.
— تېخى بالىلىرىمغا «نورۇزلۇق» قەرزىممۇ بار دېسىلە، ئۇلارغا بازاردا بىرەر نەزمىچى بۇرادەر ئۇچراپ قالسا يازدۇرۇپ بېرەرمەن دەپ ۋەدىمۇ قىلغانتىم. قارىغاندا بۇ ۋەدەمدىمۇ ئوسال بولمىغۇدەكمەن.
— ھە، ھە،... سىلىنىڭ قەستلىرى نېمىدىلىكىنى بىلدىم، ئەمما مەن نەدىمۇ نەزمە پۈتكۈدەك بولاي، ...
— باھانە كۆرسەتمىسىلە، مېنى ئوسال قىلمىسىلا، خەلپىتىم! — ئۇلار ئېچىلىپ سۆزلىشىۋاتقاننىڭ ئۈستىگە غېنى باشچىلىقىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى ساي بويلىرىنى بىر ئايلىنىۋېتىپ يېتىپ كەلگەنىدى. نىزامىدىن ئۇلارنى كۆرسىتىپ داۋام قىلدى، — مانا «قەرز ئىگىلىرى»مۇ كېلىشتى، — دەپ بالىلىرىنى كۆرسەتتى.
تاھىر خەلپەت مەدەنىي ئادەملەرنىڭ ئادىتىگە ئۇيغۇن مۇلايىم، ئاتىلارچە ۋە سەمىمىي تەلەپپۇز بىلەن بالىلارنى بىر قۇر ئەركىلىتىپ، ئىسىملىرىنى سوراپ، تونۇشۇپ چىققاندىن كېيىن:
— ئەمما نا ئۈمىد بولۇشقا ئورۇن يوق، مېنىڭ كونا تالىپلىرىمدىن بىرسى بار، ئۇ ھازىر ئوڭۇرۇقتا مەمتىمىن سوپىزادىدە ئوقۇيدۇ. ئاڭلىسام ئۇنى قالتىس شېئىرلارنى يازىدۇ دەيدۇ. ئەمما ئۆزى بەك تارتىنچاق بولغاچقا مەن تېخى كۆرۈپ باقمىدىم. ئىنىم ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە دوستى بۈگۈن مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ يەرگە ئازدۇرۇپ كەلدى: ئۇنى مۇشائىرىگە چۈشۈرەرمىش.
— مانا بۇ بىر ياخشى گەپ ئىكەن، قېنى ئۇلار؟
— بۇ ياققا كەلسىلە، — تاھىر خەلپەت بىر توپ ياشنىڭ يېنىغىراق سۈرۈلدى. ئۇلار نېمە توغرىسىدىدۇر تالىشىپ، قىزىشىپ سۆزلىشىۋاتاتتى، — مانا بۇ مېنىڭ ئىنىم، ئابلىمىتقارى، كۆرۈشكەنمىدىلىكىن؟ بەلكىم ئەسلىرىدە يوقتۇ، ماۋۇسى ئېلى ئۇستىنىڭ مۇھەممەت قارى، بۇنىسى سابىت، قوشنىمىز، ھەپتىيەك بىلەن قۇرئاندا مەندە ئوقۇغان، ئەمدى مېنى ياراتماي ئوڭۇرۇققا بېرىۋاتىدۇ، — بۇ گەپتىن كېيىنلا پولامپاي ھەركەتلەر بىلەن نىزامىددىنغا قول ئۇزاتقان بەستلىك، قوپال ئۇسقان يىگىت، بەستىگە ياراشمىغان بىر خىل نازاكەت بىلەن قىزىرىپ، ئۇستازىنىڭ چاخچىقىدىن ئۇجۇقۇپلا كەتكەچكە، نىزامىدىنغا تۈزۈكرەك سالام ـ سائەتمۇ قىلماي، مېيىقىدا كۈلگىنىچە تىكىلىپ قالدى.
— ئابلىمىت قارىنىغۇ كۆرگىنىم ئېسىمدە، سابىتقارىم بىلەن تونۇشۇپ
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 02:13 AM |
بىرمۇ بىر ئىزدەش تورى
bahtinur
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 22926
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 75
شۆھرەت: 99 نۇمۇر
پۇل: 539 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

قېلىشقا نېسىپ بولماپتىكەن، — دېدى نىزامىددىن.
— ئەمما ئۇنى سابىت ئەپەندى دېسىلە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. سىلىنىڭ ئىنى مەمتىلىگە ئوخشاپ كېتىدىغان تەرەپلىرى نۇرغۇن.
— ھە، ماندا دېسىلە، — دېدى نىزامىددىن ۋە ئىنىسىنىڭ ئىسمى چىقىشى بىلەن يەنە تېنى شۇۋ قىلىپ يېنىپ كەتتى. ئۇ دەرھال گەپكە كىرىشىپ، بۇ يارىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن، — سىلىگە مېنىڭ شۇ بالىلىرىمنىڭ بىر ئىلتىماسى بار، ئەمما بۇنداق دېگىلى تۇرسام يەنە «‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم›، دېسە، ‹ھە، ھېلىقى بەش تەڭگەمنى بېرىۋېتىڭ› دەپتۇ» دېگەندەك چۈشىنىپ قالماڭ، بۇ بىر ئىھتىياج، يەنى، بالىلار «نورۇزلۇق» يېزىپ بېرىشكە قىستاپ ھالىمنى قويمىغانتى، ئەمدى مانا شۇنىڭدىن بىر قۇتقۇزىسىز ـ دە...
سابىت يەنە قىزىرىپ كەتتى. تارتىنچاقلىق بىلەن دۇغدۇيۇپ، نە ئۆزرەخالىق ئېيتىپ رەت قىلىشنى، نە خۇشخۇي ئادەملەردەك، «چاتاق يوق» دەپ كۈلكە بىلەن ئۆتكۈزىۋېتىشنى بىلمەي، مەڭدەپ تۇراتتى، ئابلىمىت قارى سۆز ئېلىپ،
— نەزمە ـ قوشاق دېگەننىڭ پادىشالىرى كېلىدىغۇ ھېلى، — دېدى.
— يەنە كىملەر ئۇ؟ — تاھىر خەلپەتمۇ چۈشىنەلمەي.
— تېجەندىن موللا ئېزىز داموللامنىڭ ئوغلى ئەمەت مەخسۇم كېلىدۇ، ئىشتاچىدىن چوڭاخۇنباينىڭ ئابدىراھمانلار كېلىدۇ، يەنە باشقا بىز بىلمەيدىغان شائىرلارمۇ كەلسە كېرەك.
— ھە، مانا ئەمدى بىلدىم، — دېدى تاھىر خەلپەت، — سابىتنى مۇشائىرىگە ھازىرلىغىنىڭلارنىڭ تېگىدە گەپ بار ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ئاڭلىغان، ئاڭلىغان، سىلىمۇ بىلىلا، — دېدى ئۇ نىزامىددىنغا، — چوڭاخۇنباينى، قاراشەھەردىمۇ نۇرغۇن يەر زېمىنلىرى بار ئادەم. ئۇ ھەممە بالىلىرىنى ئوبدان يېتىشتۈرۈپتىكەن، چوڭ ئوغلى ئابدۇكېرىماخۇنمۇ، ئىككىنچىسى ئابدىرېھىماخۇنمۇ قەلەمدە يېتىشكەنلەردىنمىش. مانا بۈگۈن نېسىپ بولۇپ، بۇلارنىڭ كارامىتىنى بىر كۆرۈپ باقىدىكەنمىز- دە! ياخشىمۇ كەپتىمەن، ئەمدى كەلگىنىمدىن رازى بولدۇم. ئەمەت مەخسۇمنىغۇ ئوبدان بىلىمەن، سورۇنى بار يىگىت، پىكرى ئۆتكۈر. شېئىرلىرىنىمۇ كۆرگەنمەن. ئەمما سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن جىدەل چىكەتمەس؟ ئاۋۇ ئىت تالاشتۇرىدىغانلار،... دەك؟ — ئۇ چاخچاقتەك دېگەن بولسىمۇ، جەمىيەتنىڭ بۇزۇقچىلقىغا، مىھرى مۇھەببەتنىڭ سۇنۇپ، دۈشمەنلىكنىڭ ئېغىرلاپ كېتىۋاتقىنىغا بولغان ئېچىنىش ئاھاڭىدىن بىلىنىپ تۇراتتى.
سابىت ساۋاقدىشى ئابلىمىت قارى بىلەن مۇھەممەت قارىنىڭ زورى بىلەن بالىلارغا بىرەر كۇپلىتتىن نورۇزلۇق يېزىپ بەردى. ئەمما ئۇنى دوستلىرىغا كۆرسەتمەيلا بالىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ نېرى كەتكۈزىۋەتمەكچىدى، مۇھەممەد قارى يېپىشقاق مىجەزى بىلەن بۇنى كۆرمىگىچە قويمىدى.
— مانا قاراڭ، خەلپىتىم، — دېدى ئۇ بالىلاردىن ئېلىۋالغان قەغەزنى تاھىر خەلپەتكە تەڭلەپ، — تالىپىڭىزنىڭ كارامىتىنى كۆرۈپ بېقىڭ، بالىلارغا يازغاندىكىن دەپ، تەپمەھالال قىلىپلا قۇتۇلماي، قاراڭ، قانداق يېزىۋەتكەن!
— بولدى قىلە، تازىمۇ... — دەيتى سابىت ئۇنى ئۇستازىنىڭ كۆرىشىدىن توسماقچى بولۇپ.
ئاۋال نىزامىددىن ئېلىپ، تاھىر خەلپەتنىمۇ، سابىتنىمۇ خىجالەتتىن قۇتقازدى. نىزامىددىن ئانچە جىددىيەتسىز ھالدا كۆز يۈگەرتىپ كۆرۈپ، يۈرىكىدە نېمىدۇر داۋالغۇپ كەتكەندەك بىر سېزىم بىلەن سابىتقا بىلىندۈرمەي بىر قارىۋېتىپ:
— بالىلارغا بۇ قەرزگە بوغۇلۇپ تازىمۇ بېشىم قاتقانىدى، ھەجەپمۇ قۇتقازدىڭىز مېنى، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، — دېدى ئۇ. ئۇنىڭ راسا ماختىغۇسى بارىدى- يۇ، سابىتنى تەڭلىككە سالماسلىق ئۈچۈن ئاددىيلا رەخمەت ئېيتىش بىلەن چەكلەندى.
— مەن بۇلارغا ئۆزەم يادلىتىمەن، — دېدى مۇھەممەد قارى، — كېلىڭلار، مەن ئوقۇپ بېرىمەن، سىلەر يادلايسىلەر، — ئۇ بالىلارنى چەتكىراق ئېلىپ كەتتى. بۇ ئۇنىڭ يېپىشقاقلىقى ئۈچۈن سابىتنىڭ سەت كۆرمەسلىكىنى كۆزلەپ قىلىنىۋاتقان ياغلىمىچىلىقى ئىدى. سابىت بۇنى چۈشىنىپ كۈلۈپ قويدى.
بۇ جەرياندا يېغىلىقلارنىڭ ئەۋۋىلىدە بولىدىغىنىدەك، نورۇز كەيپى ساينى ئۆز قۇچىقىغا ئالغانىدى. ئاللىقەيەردە راۋاپنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن بىللە، ئەلنەغمىچىلەرنىڭ خەلق ناخشىلىرى ياڭراشقا باشلىغانىدى. چېلىش سورۇنىدىكىلەرنىڭ شاۋقۇنلىرى يوقۇرى پەللىگە چىققان بولسا، ئىت تالاشتۇرۇش سورۇنىدىن ئىتلارنىڭ قاۋىشى ۋە كىشىلەرنىڭ ئەپسانە تىللاشلىرى ئاڭلىناتتى.
مۇشائىرە باشلاش ئۈچۈنمۇ ئاۋال بالىلار، كىچىك تالىپچاقلارنى ئوتتۇرىغا ئىتتىرىپ كىرگۈزۈپ، نورۇزلۇقلىرىنى ئوقۇشقا زورلاشتىن باشلاشتى. دەسلەپ ھەركىم تارتىنىش بىلەن تىرەجەپ مەيدانغا چۈشكىلى ئۇنىمىغان بولسا، «غورا غورىنى كۆرۈپ ئالىيىپتۇ» دېگەندەك، بارا- بارا نۆۋەت تالىشىش ۋەزىيىتى شەكىللىنەتتى.
بالىلارنىڭ نورۇزلۇق ئوقۇشلىرى ئۈستىگە زىكرى كەچكەن ئەمەت مەخسۇم، ئابدىراھمان، مۇھەممەد قارى دېگەن ئوخشاش ئىسىملىكتىن يەنە ئىككى يىگىت تەرەپ- تەرەپتىن كېلىشىپ، توپقا قىستالدى. تاھىر خەلپەت ۋە نىزامىددىنلار بۇ ياش يىگىتلەر بىلەن كۆرۈشتى. بەكرەك تەرىپى بولىدىغان ئابدىراھمان يۈزىنى دانىخورەك باسقان بولىشىغا قارىماي، بۇ دانىخورەكلەر خۇددى يىگىتلىكىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر تەركىۋىدەك ياراشقان قىزغۇچ چىراي يىگىت ئىدى. بىر كۆرۈشتىلا نىزامىددىن ئۇنى ياقتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭدا چوڭ كىشىلەردەك سالاپەت، يېقىملىق ۋە ئېغىر- بېسىق مىجەز ئاجايىپ جىپىسلاشقان بولۇپ، چوڭ كىشىلەرمۇ ئۇنى تەڭتۇشۇممىكىن دەپ قالىدىغان بىر خىل تەسىراتقا كېلىپ قالاتتى. ئىككى مۇھەممەد قارى سۇنتاغدىن كەلگەنىدى. بىرى راۋاپ، تەمبۇر دېگەنلەرنى ئوينىتىۋېتەتتى. ھېلىمۇ ئۇ تەمبۇرىنى كۆتۈرىۋالغانىدى.
شائىرلىقى ھەققىدە تەرىپى بولۇنغان يىگىتلەرمۇ نىزامىددىن بىلەن تونۇشقىنىدىن مەمنۇن بولۇشتى. چۈنكى نىزامىددىنمۇ زامانىسىنىڭ ئۇقۇمۇشلۇقلىرىدىن سانىلاتتى. ئۇ بىر زامان تاغىسى تاشاخۇنۇمنىڭ سودا ۋەكىلى بولۇپ رۇسلار بىلەن بىللە ئىشلىگەن بولغاچقا رۇسچە بىلەتتى. بۇ ھال ئۇنى ياشلار ئىچىدە «مەشھۇر» ئورۇنغا ئىگە قىلغان بولسا، يەنە بىر تەرىپى، ئۇنىڭ ئىنىسى مەمتىلى تۈپەيلىدىن ئىدى. بىر زامان يۇلتۇزدەك چاقناپ ئۆچكەن بۇ يىگىت ھەققىدە يۇرتتا كۆپ ھىكايىلار بارىدى. شۇڭا ھەممە مەمتىلى ئەپەندى دېگەن قانداقراق ئادەمىدىكىن؟ مۇشۇ ئاكىسىغا ئوخشامتىكىن دەپ ئۇنىڭغا قارىشىپ قوياتتى.
بۈگۈنمۇ ياشلار ئۇنىڭدىن ئىنىسى ھەققىدە گەپ سورىدى. ھەممە ئۇنى چەتئەلدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتىدۇ، كېيىن قايتىپ كېلىپ يۇرتقا خىزمەت قىلىدۇ، دەپ بىلگەچكە، ئۇنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقى، نەلەردە يۈرگىنى ھەققىدە سوراپ كېتىشتى.
بالىلارنىڭ نورۇزلۇق ئوقۇشى قىزىغىلى تۇرغاندا نىزامىددىن بالىلىرىنى مەيدانغا ئۈندىدى. ئۇلار سەل- تارتىنىپ تۇرسىمۇ يەنىلا مەيدانغا چىقىپ، قوللىرىدىكى سابىت يېزىپ بەرگەن نەزمىلەرنى ئوقۇدى. ئۇلارنىڭ ئوقۇغىنى كېيىن كەلگەن ياش تالىپلارنى ھەيران قالدۇردى.
— بۇلارنى مەمتىلى ئەپەندى يېزىپ بېرىپ كەتمىگەن بولغىيدى؟ — دېدى ئابدىراھمان چاخچاققىمۇ راستقىمۇ ئوخشىمايدىغان ئاھاڭدا.
— سابىتنىڭ چاخچىقى بولمامدۇ، — دېدى مۇھەممەدقارى دوستى بىلەن ئىپتىخارلانغان ئاھاڭدا، — چاخچاقنىڭ ئورنىدا مۇشۇنداقلا ئىلمەپ قويسا ئاشۇنچىلىك چىقىپ قالىدۇ ئەمەسمۇ.
— ھەي سابىت، ھەي سابىت، — دېدى ئابدىراھمان، ئۆزىگە دەۋاتقاندەك، — ھەمىشە بىر قىلىقى بىلەن توككىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئادەم ھەيران قالدۇرۇشقا ئۇستا ـ دە.
— ھەبىسىلىرى بىلەن بۈگەن (بۈگۈن) مۇشائىرىدە تۇتۇشماقچى، — دېدى ئابلىمىت قارى ئەمەت مەخسۇم بىلەن ئابدىراھمان ئارىلىقىدا تۇرۇپ پەقەت شۇلار ئاڭلىغىدەك قىلىپ.
— شۇنداقلا بولسا ياخشىدىغۇ، ئەمما ئۇنى ئوتتۇرىغا چىقارغىلى بولماسمىكىن؟ — دېدى ئەمەت مەخسۇم.
— بۇ يېقىنى مۇھەممەد قارىغا قويىۋېتىڭلار، ئۇ چاپلاشقاق بىر نېمىلەر قىلىپ، ئۇنى چىقىرىدۇ. ئۇ قىزىتىشنىڭ ئېپىنى بىلىدۇ.
ئەمدى ياش تالىپلارمۇ بىرەر شېئىر ئوقۇپ بەرسە دېگەن كىرىش سۆز بىلەن، مۇشائىرىنى باشلىتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن سۇنتاغلىق مۇھەممەد قارى تەمبۇرنى سازلاپ بىر پەدە چالدى. كىمدۇر تېپىپ كەلگەن داپنى يەنە مۇھەممەد قارى چالدى. مۇڭ بىلەن خالايىق دىققەتكە كەلگەن پۇرسەتتە داپ چالغان مۇھەممەد قارى كۆپچىلىكنى دىققەتكە ئۈندەپ:
— ئەمدى ياش تالىپلىرىمىزدىن نەزمە ئاڭلاپ باقايلى، قانداق دەيسىلەر؟ — دېدى. كۆپچىلىك تەرتىپسىز سۈرەن سېلىپ، ئالقىش ياڭراتتى.
تارتىنمايدىغان ھەۋەسكارلار ئوتتۇرىغا چىقىپ شېئىر ئوقۇشقا باشلىغاندىلا، مۇھەممەد قارى سابىتنىڭ بېقىنىغا كىرىۋېلىپ، ئۇنى «بىلەشكە» باشلىغانىدى. لەپەرلەر، شېئىرلار ئوقۇلۇپ، ھەتتا زور ئالقىش ئىچىدە ئابدىراھمان ۋە ئەمەت مەخسۇملارمۇ نورۇزغا ئاتىغان نەزمىلىرىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن سابىت ئاران ئەيۋاشقا كەلدى ۋە قىزارغانچە ئوتتۇرىغا چىقتى.
بىرىنچى مىسرانى تارتىنىش ئىچىدە خىرىلداپ، ئاۋازى ئارانلا ئاڭلانغۇدەك باشلىغان سابىت، بارا- بارا شۇ سورۇننى تامامەن ئۇنتۇپ، ئۆزىنىڭ شېئىرىي ئالىمىگە پەرۋاز قىلىپ كەتكەچكە، قىزىپ كەتكىنىدىن شۇنداق گۈزەل ئاھاڭدا ئوقىدىكى، شېئىر چۈشىنىدىغانلارنىڭ يۈرەكلىرىدە ئىسسىق ئېقىم تېنىگە يامراپ، كۆزلىرى ياشاڭغۇراپ كېتىشتى. كىمدۇر ئۇنىڭ شېئىردىن توختاپ قېلىشىنى خاھلىمىغاندەك ئارقىدىن بىر نېمە دېۋىدى، سابىت ئۇنىڭغا جاۋابەن بىر رەددىيە شېئىرنى ھازىر جاۋاپلىق بىلەن شۇئاندىلا توقۇپ ئوقۇپ كەتتى.
ھەممىدىن بەك سۆيۈنۈپ كەتكىنى ئابدىراھمان ئىدى. چۈنكى ئۇ ھەممىدىن بەك چۈشەنگىنى، شېئىرنىڭ ئەھلى ئىدى. ئۇ سابىتنى مۈرىسىدىن مەھكەم قاماللاپ سىلكىتىپ، مەمنۇنلۇقىنى ئىپادە قىلىۋىدى، ئارىغا كىرگەن مۇھەممەد قارى:
— دوستىمىز قانداق ئىكەن؟ — دېدى.
— ھەممىدىنمۇ سېنىڭ ئۇنى قانداق قىزىتقىنىڭ قىزىق تۇيۇلىۋاتىدۇ، شۇنى بىزگە ئېيتىپ بەرگىنە، — دېدى ئەمەت مەخسۇم.
— بۇ بىر سىر. ئەمما سوئالىمغا جاۋاپ بېرىڭلار، دوستىمىز قانداقراق ئىكەن؟ — تەكرارلىدى ئۇ.
— دەيمەنغۇ، ئۇ ھەر زامان كۈتمىگەن بىر يەردىن چىقىپ، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
تاھىر خەلپەتنىڭ چېھرىسىدىمۇ شاگىرتى قۇچقان شەرەپكە بىر ھەغدالىق ئىپتىخارى بىلىنەتتى. ئۇ نىزامىددىنغا قانداق دېگەندەك قارىۋىدى، نىزامىددىنمۇ ئۈنسىز كۈلۈمسىرەش بىلەن باش لىڭشىتىپ قايىللىقىنى ئىپادىلىدى. ئارتۇقچە ماختاشلار بىلەن سابىتنى خىجالەت قىلماسلىقنى ئويلىغانىدى.
— ئۇ مانا شۇنداق، — دەپ خۇلاسىلىدى ئابلىمىت قارى، — سۆزگە كىرىشىۋالغۇچە قىز بالىدەك ئۇياتچان، قىزىشىپ كەتكەندىن كېيىن ھېچكىمگە نە يول، نە گەپ بەرمەيدىغان مەمەدانە.
ئەمدى يەنە تەمبۇرچى مۇھەممەد قارىنى بىر پەدە چېلىشقا ئۈندەشتى.



ئىككىنچى باب

ئۇلۇغ پەزىلەت بولمىسا، ئۇلۇغ ئادەم بولمايدۇ.
— رومىن روللان
ھەركىمنىڭ تىلى تاتلىق، گۈزەل بولسا، دوستىلىرى كۆپ بولىدۇ.
— «قابۇسنامە»

تـ
ەبىئەتنىڭ سەنئەتكار قولى دالىلارغا يېشىل رەڭ بەرگەن، ئورمانلار يىراقتىن گويا يامغۇردا يۇيۇلغاندەك توق يېشىل رەڭدە كۆرىنەتتى. دەل- دەرەخلەر باھاردا بەكرەك يېشىل بولامدۇ ياكى قىشىچە قاخشال ھالەتنى كۆرۈپ ئۈگەنگەن كۆزلەرگە تەبىئەتنىڭ بۇ يېڭى ئەسىرى ئاشۇنداق يېشىل كۆرۈنەمدۇ، ئەيتاۋۇر باھاردا سۆگەتلەر گوستاڭ بولغاندا شۇنچىلىك پاكىز ئوچۇق كۆرۈنەتتى. تۇپراقتىن باھارغا خاس پۇراق كېلەتتى، يېشىل رەڭدە بۇيالغان زېمىن — يەكەن دەريا ۋادىسى تاكى ئۇپۇققىچە تەپتەكشى سوزۇلۇپ ياتاتتى.
قاغىلىق (قاغىلىقتىن كېيىن يىلقىچى) تەرەپتىن چىققان خېچىر قوشقان ھارۋا ئەگرى- بۈگىرى يېزا يولىدا توپا تۇزۇتقان ھالدا شىمالغا قاراپ كېلەتتى. ھارۋىدا چەتئەل پاسونىدا كېيىنگەن ئۈچ كىشى، يەرلىك كىشىدىن ئىككىسى ۋە ھارۋىكەش بولۇپ  ئالتە كىشى قىستىلىشىپ ئولتۇرۇشاتتى.
ھارۋىكەش 25 ياشلاردىن ھالقىغان، ئەمما كۆرۈنۈشىدىن 30 ياشلاردا كۆرۈنىدىغان يىگىت ئىدى. ئۇنىڭ ئورۇق يۈزى سەپەر چاڭلىرى بىلەن ئاقىرىپ تېخىمۇ جۆدەڭ كۆرۈنەتتى. بىراق ئۇنىڭ  بىر جۈپ كۆزى ئۇيغۇر يىگىتلىرىگە خاس شوخلۇق بىلەن ئويناپ تۇراتتى. ئوڭ تەرەپتە ئۇنىڭ بىلەن ياندىشىپ ئولتۇرۇپ بىر پۇتىنى شوتىغا ئېلىۋالغان ئاق- سېرىق، مەڭزى قىزىل، يۇمىلاق يۈزلۈك، قاڭشىرىنىڭ ئاستىغىلا كىچىكىنە بۇرۇت قويۇۋالغان، كۆزلىرىدىن ئەقىل- پاراسەت نۇرى چېچىلىپ تۇرغان، ئاق شىلەپە، سۈررەڭ كاستىيۇم- بۇرۇلكا كېيگەن 30 ياشلار چامىسىدىكى كىشى ھارۋىكەش بىلەن سۆھبىتىنى ئۈزۈلدۈرمەي كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر- بىرىگە قىيا بولۇپ، ھارۋىنىڭ يېنى تەرەپتىن پۇتىنى ساڭگىلىتىپ يۈك - تاقلار ئۈستىدە ئولتۇرغان ئىككى كىشىىنىڭ بېرى سۈررەڭ شىلەپە، ئوچۇق يوللۇق رەخىتتىن كاستيۇم- بۇرۇلكا كەيگەن، كاستىيۇمى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ يىپەك گالىستۇك تاقىغان، پۇتىغا ئېنگىلىز ئۆتۈكى كېيگەن، ئىنتايىن سالاپەتلىك، سېمىز، قاۋۇل، جىددىي كۆرۈنىدىغان  35 ياشلار چاممىسىدىكى كىشى ئىدى. يەنە بىرى بوي - بەستى كىچىك بۇرۇت قويغان ئەپەندىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان، ئەمما چېھرىسى تۇتۇق، قۇيۇق قاشلىرى ئاستىدىكى يوغان كۆزلىرىدىن ئېغىر غەمكىنلىك چىقىپ تۇرغان 30 ياشلار چامىسىدىكى كىشى ئىدى. ھارۋىنىڭ ئارقا تەرىپىدە بىر- بىرىگە يانداشقان ھالدا سەپەر يۆنىلىشىگە ئارقىسىنى قىلىپ، ھارۋىدىن پۇتلىرىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرغان ئىككەيلەن چەكمەندىن چاپان، ماتادىن كۆينەك، پۇتلىرىغا كونىراپ كەتكەن كۆك چورۇق كەيگەن 20 ياشلاردىن سەل ھالقىغان دېھقان يىگىتلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ياشلىق ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى. كۆزلىرى بولسا ئارقىدا قېلىۋاتقان مەنزىرىگە تىكىلگەن ئىدى.  بۇلار ئاشۇ چەتئەلچە كېيىنگەن جانابلارنىڭ مۇلازىملىرىدەك قىلاتتى.
— مەمتىلى ئەپەندى  ئاجايىپ كىشىكەن جۇما، — دېدى مۇلازىم يىگىتلەرنىڭ بىرى، ئۇ بېشىغا چۆچۈرە بادام دوپپا كەيگەن قىلىقلىرىدىن شوخلۇق چىقىپ تۇرىدىغان، تولا گەپ قىلىدىغان يىگىت ئىدى. ئۇ تېخىچە قىشنىڭ تەۋەرۈكى بولغان ئۇزۇنچاق ئاق تۇمىقىنى تاشلىمىغان ھەمرىيىغا ھارۋىكەش بىلەن قىزغىن سۆھبەتلىشىپ كېتىۋاتقان كىچىك بۇرۇتلۇق كىشىنى ئىشارە قىلىپ داۋام قىلدى، — بەك چىقىشقاق ئادەمكەن، ھارۋىكەش بىلەن بىردەمدىلا قەدىناس بولۇپ كەتتىيا.
— توختاجىكام ھېرىپ بولالمايلا قاپتۇ، — دېدى تۇماق كىيگىنى جاۋابەن، يۈك- تاقىلار ئۈستىدە ئولتۇرغان سېمىز، قاۋۇل كىشىنى ئىما قىلىپ.
ئۇلارنىڭ پۈتكۈل سەپەر جەريانىدا قىلغۇدەك گېپى قالماي، ئەمدى جاناپلارنى باھالاشقا باشلىغانىدى. دوپپىلىق يىگىت گەپنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەندەك داۋام قىلدى.
— ئەخمەت ئەپەندىغۇ گەپنى پۇلغا ساتىدىغان ئادەمكەن، مۈگدەپلا ماڭدى. ھازىرغا كەلگىچە بىرەر ئېغىز گېپىنى ئاڭلىغىنىىم يادىمدا يوق، — بۇ گەپ چېھرىدىن غەمكىنلىك چىقىپ تۇرىدىغان قويۇق قاشلىق، يوغان كۆزلۈك كىشىگە قارىتىلغانىدى.
— نېمە دېيىشىۋاتىسىلەر، يىگىتلەر؟ — دەپ سورىدى توختاجى چالا يۇمۇۋالغان كۆزلىرىنى ئېچىپ، يىگىتلەرنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقىنىغا قىزىقىپ ئەمەس، زېرىككەنلىكىدىن سۆھبەتكە قوشۇلۇشقا قىزىقىۋاتقاندەك قىلاتتى. شۇڭا ئۇ يېنىدىكى ھەمرىيىنى نۇقىدى، — ئەخمەد ئەپەندى، كۆزلىرىنى ئاچسىلا ئۇخلاۋېرەملا دەيمەن.
ئەخمەد ئەپەندى كۆزلىرىنى ئاچتى ۋە بېشىنى چايقاپ قويدى. بۇ ئۇنىڭ ”ئۇخلىمىدىم“ دېگىنى ئىدى. مۇلازىم يىگىتلەر توختاجىنىڭ پاراڭ قىلىپ ماڭغۇسى كېلىپ قالغانلىقىنى  سېزىپ:
— بىز ئاۋۇ مەمتىلى ئەپەندىنى دەيمىز- يا، بەك چىقىشقاق، قىزىق كىشىكەن، ھارۋىكەش بىلەن بىردەمدىلا ئەسرا بولۇشۇپ كەتتى، — دېدى.
— بۇ ئۇنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگىنىدىن خۇشلىقىنى ئىچىگە پاتقۇزالماي قېلىۋاتقىنى، يەنە كېلىپ ھارۋىكەش ئەسكەر  بولغان يىگىتكەن ئەمەسمۇ، ئۇنىڭدىن ئىنقىلاپ ھەققىدە سوراپ تىنماي كەتكىنى  شۇ- دە، — مۇلازىم يىگىتلەرگە ۋەتەن ئاتالمىسى ئۇ قەدەر تونۇشلۇق بولمىسىمۇ يۇرتنى كۆزدە تۇتىۋاتقىنىنى بىلدى ۋە بۇ سۆز مەدەنىي تۇيۇلدى.
— سىلىچۇ، توختاجىكا؟ يۇرتقا قايتىپ كەلگەنلىرىدىن سىلى خۇش بولمايۋاتامدىلا؟
— مەنمۇ خوش، بىراق مەن بۇ ئىككى ئەپەندىدەك ۋەتەندىن ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولغانلاردىن ئەمەستە. مەن سودا ئىشى بىلەن ھەمىشە كېلىپ - بېرىپ تۇرىمەن. ماڭا ھەممە يەر ”قوغۇنلۇقنىڭ يولى“ بولۇپ كەتتى. مەمتىلى ئەپەندىگە ۋەتەندىن ئايرىلغىلى يەتتە يىلچە  بولۇپ قالغانىدى. ئەخمەد ئەپەنىدىگە تېخىمۇكۆپ بولدى.
— ئەمسە ئەخمەد ئەپەندى نېمىشكە جىملا مۈگدەپ ئولتۇرىدۇ؟
— بۇ دوستىمىز ھامان شۇنداق،—  دەپ چاخچاق  باشلىدى توختاجى، — ”بۇ ئالەمنى توپان باسسا ھوشۇقىغا  ئالمايدىغان“ لاردىن، ”ئىچىدىن پىشقان سىر بەرمەس“ دېگەن شۇ. مەمتىلى ئەپەندىنى ئادەم دورىيالامدىغان، ئۇ دېگەن بىر پارچە ئوت- دە.
— توختاجى يېنىدىن سىگارت چىقىرىپ ئاۋۋال ئەخمەد ئەپەندىگە تۇتتى، — چەككىلىرى كەلگەندۇ؟ ئۇيقۇلىرى قاچىدۇ، بىر تال چەكسىلە، — ئاندىن مەمتىلى ئەپەندىگە تەڭلىدى، — چېكىۋالسىلا، ئەپەندى، نىمانچىلا تۈگىمىگەن گەپ بۇ؟ — دېدى چاخچاق قىلىپ، ئارقىدىن مۇلازىم يىگىتلەرگە تەڭلىدى. ئۇلاردىن دوپپىلىق يىگىت ھازىرغىچە تارتىنىپ ئەپەندىلەرنىڭ چېكىدىغان نەرسىسىنى ئالمىغان ئىدى، ئەمدى سىگارتنى ئېلىپ چەكتى.
— قالتىس  نېمىكەن بۇ، شۇ بىر قاپچۇقى قانچە پۇل شۇنىڭ؟ —  دەپ سورىدى ئۇ ھەممىگە قىزىققۇچى كۆزلىرى بىلەن قاراپ.
توختاجى ئۇنىڭغا سىگارتنىڭ نەرقىنى قەشقەر پۇلىغا سۇندۇرۇپ ئېيتىپ بېرىۋىدى، يىگىتنىڭ قاشلىرى ئويناپ كەتتى:
— ۋاھ، يېرىم چارەك قوناقنىڭ پۇلىكەن.
مەمتىلى ئەپەندى سىگارتنى ئېلىپ تۇتاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن دوستىغا ئەدەپ بىلەن رەخمەت ئېيتىپ كۈلۈپ قويدى ۋە يەنە ھارۋىكەش تەرەپكە قايرىلىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ نۇرلۇق چاقنىشى، قىزىللىق تەپكەن يۈزلىرىدىن دائىمىي تەبەسسۇم يېغىپ تۇرىشى، ئۇنىڭغا بۇ ئۇزۇن سەپەرنىڭ ھېچقانچە تەسىر قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى.
— شۇنداق قىلىپ، جەڭلەردىمۇ بولدۇم دەڭ، — دېدى ھارۋىكەشنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ يېقىملىق تەبەسسۇم بىلەن ئۇنىڭ گەپ- سۆزلىرىدىكى ئاھاڭنىڭ يېقىملىقلىقى، چىرايىنىڭ ئىللىقلىقى ھەر قانداق كىشىدە شۇئانلا بىر خىل يېقىنلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلاتتى.
MP3كۈي ناخشا - مۇزىكا تورى
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 02:14 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
bahtinur
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 22926
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 75
شۆھرەت: 99 نۇمۇر
پۇل: 539 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

كۈلۈمسىرىگەندە كۆزلىرى سەل - پەل يۇمۇلۇپ، ئوڭ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدىكى بىلىنەر- بىلىنمەس تاتۇق يۇمۇلۇشتىن ھاسىل بولغان تالا- تالا پۈرۈكلەر ئارىسىدا كۆرۈنمەي قالاتتى. بۇنداق كۈلۈمسىرىشى ۋە شۇ چاغدىكى كۆزلىرىنىڭ يۇمۇلۇش ھالىتى بەكمۇ يېقىملىقىدى.
— ھە، — دېدى ھارۋىكەش،—  خوتەندىن قەشقەرگە قاراپ ماڭغان ”ئىسلام قوشۇنى“ مېنى ئەسكەرلىككە ئېلىپ ماڭغانىدى. يەكەندە جەڭگە قاتناشتىم، دەسلەپ تازا قوقتۇم، كېيىنچە ئانچە قوقمايدىغان بولدۇم، ئەمما- زە، قىلغان ئىشىمىزنىڭ ھېچ تۇتامى يوقتەك، ئۇيان سېكىلدەپ، بۇيان سېكىلدەپلا يۈرىمىز، مۇشۇنداغلام تايىنى يوق ئۆلەپ كەتسەم، ئارماندا كەتمەي دەپ ئۆيگە كېتىشنىڭ ئېپىگە چۈشتۈم.
— قانداق قايتىپ كەلدىڭىز؟ قاچتىڭىزمۇ يە؟
—  ھەئە، قاچتىم، —  دېدى ھارۋىكەش ۋە ئارقىدىنلا داۋام قىلىپ، — بۇ يىل قىشتا خوجانىياز ھاجى، مامۇت سىجاڭلار   قەشقەرگە كەلدى. بۇ چاغدا بىز، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ  ئەسكەلىرى ئەمىر ساھىپ نۇرمۇھەممەتنىڭ باشچىلىقىدا يېڭىشەھەردىكى ”چولاق زىخۇي  “بىلەن ئورىشىۋاتقانىدۇق. خوجانىياز  ھاجىلار كېلىپلا يېڭىشەر ئۇرىشىغا قاتناشىتى. ماجەنسەڭلار ئاجىزلىشىپ بەل قويىۋېتەي دېگەندە ئۇرۇسلاردىن يېڭىلىپ  ئۈرۈمچى تەرەپتىن چېكىنىپ كېلىۋاتقان  مافۇيۈەن، ماشىمىڭلار كېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەر تەرەپكە تېزىپ كەتتى. سابىت داموللا ئۆزىنىڭ سىپاھلىرى بىلەن يېڭىسارغا قاچتى، بىزدەك ئاددىي سولتەكلەرنىڭ بىرمۇنچىسى خۇجانىياز ھاجىنىڭ قوشۇنىغا قېتىلىپ، پەيزاۋات، مارالۋېشى ئەتراپىدا ئۇرۇش قىلدۇق، ئاخىرى تۇڭگانلارنىڭ جىمى ئادىمى ئۈرۈمچى تەرەپتىن كېلىپ ئاۋۇپ كەتكەچكە، خۇجنىياز ھاجى ئازراق ئەسكەر بىلەن ئاتۇش ئارقىلىق سايىزغا كەتتى. بىلەرمەنلەرنىڭ ئېيتىشىچە سايىزدا توختاملىشىپ قويغان قوراللىرى بارىكەنمىش، بىر قىسمىنى ئاقسۇدىكى ۋاقتىدا ئالغانىكەن؛ بەزىلەر ئۇنى تۇڭگانلاردىن قورقۇپ قېچىپ كەتتى دەيدۇ، ئىشقىلىپ،  ئۇ سايىزغا كەتكەندىن كېيىن ئېپىنى كەلتۈرەلىگەنلىرىمىز خۇدانى بىردەپ  جاننى ئېلىپ قاچتۇق. كەلسەم ئۆيۋاقامنى ھادىن قاچقان، يادىن قاچقان ئەسكەرلەر قۇرۇقداپ قويغانىكەن، شۇنىڭ بىلەن خەققە ياللىنىپ ئىشلەپ جان بېقىپ يۈردۇق، ئاكا.
— قايتىپ  كەلگەندىن كېيىن نىمىلەرنى ئاڭلىدىڭىز؟
— ھەرخىل پاراڭلارنى ئاڭلاپ تۇردۇق...
— بىلگىنىڭىزنى سۆزلىگەچ ماڭمامسىز، تۇڭگانلار قەيەرگىچە كەلدى؟ يەكەندە بارمۇ؟
— بەزى خەقنىڭ پارىڭىغا قارىغاندا يېڭىساردا بار ئوخشايدۇ، يەنە  بىر خىل  كوچا پارىڭىدا يەكەنگىمۇ كەلدى دىيىشىدۇ. لېكىن، يېقىندا قەشقەرگە بېرىپ يانغان بىر يۇرتلىقىمىز يېڭىشەردىن باشقا يەردە تۇڭگان كۆرمىدىم دەيدۇ، قايسى راستكىن تاڭ، ئىشقىلىپ يەكەنگە كىرىشمىسىلە، چىمدۇدىن كاچۇڭغا ئۆتۈپ، كاچۇڭدىن ئوتتۇرلا كۆكراۋاتقا ئۆتۈپ  كېتىشسىلە.
— بولمىسا تۇڭگانلار ئەسكەرلىككە تۇتۇۋالىدۇ، دەپ ئويلامسىز؟ — دەپ سورىدى مەمتىلى ئەپەندى چاخچاق ئارىلاش.
—  ھېچنىمە دەپ بولمايدۇ- يا، — دېدى ھارۋىكەش ئەستايىدىللىق بىلەن، بۇ خەق بىر بالاكەن-  يا، ئىمانى بار دېگەن بىلەن، ئەجەپلا باغرى قاتتىق خەقكەن، ئاڭلىساق مۇشۇ ئىككىنچى ئايدا قەشقەردە شۇنداق قەتلىئام قىپتىمىشكى، ئادەملەرنىڭ قېنى بىلەن كوچىلار چىلىق- چىلىق بولۇپ كېتىپتۇ.
— ئىككىنچى ئايدا؟ نېمىشكە؟
— ئەمەلىي ئەھۋالنىغۇ بىلمەيمەن، مېنىڭ ئاڭلىغىنىممۇ شۇنچىلىكلا.
— ” ئەر كىشىنى جەڭگە ياراتقان “ دەيدىغان گەپ بولىدىغان، سىز ياش تۇرۇپلا ئەسكەرلىكتىن قېچىىپسىزغۇ؟
— گەپلىرىنى قارىسىلا، بىكاردىن- بىكار جاننى دوغا تىكىپ بېرىدىغان ساراڭمۇ مەن؟ بى كۈن بوسىمۇ كۈننىڭ سېرىقىنى كۆمەيلىمۇ، —  ھارۋىكەش دېھقانلارچە نادانلىق  ۋە كۆزى كىچىكلىك بىلەن شۇنداق دېگەندىن كېيىن يەنە ئۆزىنى ئاقلاپ، — دېدىم يا، بىز يا  ئۇ خەقنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى بىلمىسەك، يا پايدىسىنى كۆرمىسەك؛ بىردەم ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشۇڭ، بىردەمدىلا بىرلىشىڭ، تازىمۇ ئەتى ـ مەتى يوق ئىشىقۇ ئۇ؟ بىھۇدە كەتمەمدۇ، كىشى.
مەمتىلى ئەپەندى ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن  بىر ھەقىقەتنى چۈشەنگەندەك بولدى. دېھقان يىگىت ئۇنى ھەيران قالدۇردى. دېمەك، ئىنقىلاپ قىلغاندا بىر نەچچە ئادەم ئۆزلىرى بىلگىنچىلا ئىش كۆرىۋەرسە، ئاددىي ئەسكەرلەر ھېچنەرسىنى ئۇقمىسا، ئۇلاردا ئاڭلىق پوزىتسىيە، جان پىدالىق بىلەن جەڭ قىلىش روھى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
— ئەسكەرلىكتە يۈرۈپ خېلى كۆزىڭىز ئېچىلىپ قاپتۇ جۇمۇ، ئىنىم، — دېدى مەمتىلى ئەپەندى دوستانە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.
— قالىسىلا، يەكەن دەرياسىغا كېلىپ قالدۇق، ئالدىمىزدىكى يۇرت چىمدۇ. چىمدۇنىڭ ئارقىسىدا يەكەن دەرياسى. ھەربىرلىرى بىلەن مۇشۇ يەردە خوشلىشىمىز. مۇشۇ يۇرتتىن قېيىقچى تېپىپ كاچۇڭ تەرەپكە كەتكىلى بولىدۇ، چېغىمدا، — دېدى ھارۋىكەش بىر كۆجۈم مەھەللىگە يېقىنلاشقاندا.
— ھوي، ئەپەندىلەر، — دېدى مەمتىلى ئەپەندى ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، —  مەنزىلگە كېلىپ قالدۇق، ئۇخلاپ قالمىغانسىلەر؟
—  ئۇخلىمىدۇق،— دەپ ئاۋۋال جاۋاب بەردى ئارقىدىكى يىگىتلەردىن بىرى.
— ھاجىم، ئۆزىڭىزنى قانداقراق ھېس قىلىۋاتىسىز؟ سېمىز ئادەمنىڭ ئىشى تەسقۇ دەيمەن؟ — دەپ  چاخچاق قىلدى مەمتىلى ئەپەندى توختاجىغا قاراپ، ئاندىن ئەخمەد ئەپەندىگە بۇرۇلۇپ، —  سىزچۇ، دوستۇم؟ خياللىرىڭىز بىلەن ئوبداق مۇڭدىشىۋالغانسىز؟
— شۇنداق، تەۋپىق، — دېدى ئەخمەد ئەپەندى ئۆزىگە خاس غەمكىن كۈلۈمسىرىشى بىلەن مەمتىلى ئەپەندىگە، ئاندىن يەنە شۈكلەپ كەتتى.
— سىلىزە، كەلمەي تۇرۇپلا نۇرغۇن ئەھۋال  بىلەن تونىشىۋاللا -  ھە؟ —  دېدى توختاجى، ــــ  ئەمدى قەشقەرگە   بارغىچە بىزگە سۆزلەپ بېرىلا جۇمۇ.
— ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ- دە، ئۇنىڭىسىزمۇ يول تۈگىمەيدۇ.
— ۋو! ۋو! — دېدى ھارۋىكەش ئاتلارغا خىتاپ قىلىپ، مەھەللىنىڭ دەسلەپكى ئۆيلىرىگە كەلگەندىلا ئاتنى ئاستىلىتىشقا باشلاپ.
— چۈشىمىزمۇ، ئىنىم؟
— ”بىلمىگەن يەرنىڭ ئوي- چوقۇرى تولا“ دەپتىكەن-  يا، يەنە كېلىپ بۇ دېگەن تازىمۇ ئەنسىز يىللار- دە، مۇشۇ يەردە خوشلىشىمىز. مەن بۇ يەردە بىرەسىنىڭ ئۆيىدە ئاتلىرىمنى چالدۇرۇپ، ئارقامغا ياناي، بولسىغۇ قەشقەرگىچە بىللەر بارسام ياخشى بولاتتى، كۆنىشىپ قاپتىكەنمىز، .... — ھارۋىكەش راستىنلا يېقىن قېرىنداشلىرى بىلەن ۋىدالىشىش ئالدىدا  تۇرغاندەك كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا دېدى، — ھەربىرلىرىنىڭ خىزمىتىدە بولالمىدىم، خاپا بولۇشماي رازى قېلىشالا...
— سىزنى ئاۋارە قىلدۇق، ئىنىم، رەخمەت سىزگە، —  دېدى مەمتىلى ئەپەندى ھارۋىدىن ئىرغىپ چۈشۈپ، —  چۈشەيلى، ئەپەندىلەر ياردەملىشەيمۇ، ھاجىم؟ ــــ دېدى ئۇ توختاجىغا، ھەم ئىتتىكلا ئۇنىڭ قولتۇقىدىن تۇتۇپ ھارۋىدىن چۈشۈشىگە ياردەملەشتى.
مۇلازىم يىگىتلەر چامادانلارنى بىر- بىرلەپ چۈشۈرۈپ، بىر تال بادرىنى بالداق قىلىپ تۇتقۇچىلاردىن ئۆتكۈزۈپ كۆتۈرۈپ ماڭدى. ئەپەندىلەر قول سومكىلىرىنى ئېلىشىپ، ھارۋىكەش بىلەن  خوشلاشتى. مەمتىلى ئەپەندى ھارۋىكەشنىڭ  دوستانىلىق ۋە يېقىنلىق  بىلەن قايتا- قايتا ئېيتقان خوشلىشىش سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بولۇپ، ئۇنىڭغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىگەندىن كېيىن ھېلال ئاي سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن دورا سومكىسىنى تاسمىسىدىن مۇرىسىگە ئارتىپ، قول سومكىسىنى بېلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئۆزى گويا مۇشۇ يېزا كىشىسىدەك ئەڭ ئالدىدا يول باشلاپ، يىنىك قەدەملەر بىلەن يۈرۈپ كەتتى.
مەمتىلى ئەپەندى ئەمدىلا دۇنياغا كۆز ئاچقان بالىدەك ئەتراپقا تويماي قارايتتى. توختاجى مۇلازىم يىگىتلەر بىلەن پاراڭلاشقاچ كېلەتتى. ئەخمەد ئەپەندى بولسا ھېچقانداق  مەۋجۇداتنى سەزمەيۋاتقاندەك ھېچ ياققا قارىماي، بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە  كېلەتتى. باھارنىڭ كېلىشى بىلەن يامغۇردىن كېيىنكى باغچىدەك گۈزەللەشكەن يېزىلارغا، ئەگرى- بۈگرى يېزا يولىغا، پاكار ئۆيلەرگە، سازلىقتا بۇلتۇردىن قالغان قۇرۇق ئوتلارنى قىدىرىپ ئوتلاپ يۈرگەن پادىلارغا قارىغانسېرى كىشىگە يېڭى ۋە راھەتبەخش تۇيىلاتتى. ھاۋامۇ ئۆزگىچە ساپ، نەمخۇش ئىدى. يولۇچىلارغا ئەڭ ئەۋۋەل ئۇچرىغان  ئادەم ئون نەچچە ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالا بولدى. بالا غەلىتە كىيىنگەن مېھمانلارنى كۆرۈپ بالىلارغا خاس قىزىقىشى بىلەن بىردەم قاراپ تۇردى ۋە ئۇلارنىڭ يېقىنراق كېلىشىنى كۈتمەيلا ئارقىسىغا بۇرالدى.
— قاچما، ئوغلۇم، — دېدى مەمتىلى ئەپەندى ئاتىلارچە مېھرىۋانلىق بىلەن سۇغۇرۇلغان ئاھاڭدا، — بىز يامان ئادەم ئەمەس، سەندىن بىرسىنى سورىماقچىمىز.
— كىمنى ئىزدەيلا؟ — دېدى بالا ئارقىغا بۇرۇلۇپ مۆلدۈرلەپ تۇرغان كۆزلىرىنى مېھمانلارغا تىكىپ، شۇنداقلا ئاستا يىراقلاشقاچ، ئۇنىڭ بېشىدا ياغلىشىپ كەتكەن شاپاق دوپپا، ئۇچىسىدا كۆك بويالغان ماتا كۆينەك، تامبال بارىدى، پۇتى يالىڭاياقىدى.
— بىز دەريادىن ئۆتمەكچىدۇق. قېيىقچى بارمۇ؟ دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قويسا پۇلنى جىق بېرەتتۇق.
بالىنىڭ سەبى قەلبى مېھمانلارنىڭ يامان ئادەملەر ئەمەسلىكىنى پەمىلەپ، قەدىمىنى توختتاتتى. مەمتىلى ئەپەندى بالىنىڭ يېنىغا كېلىپ، دورا سومكىسىنى ئۇ مۈرىسىدىن بۇ مۈرىسىگە يۆتكىۋالغاندىن كېيىن، يانچۇقىدىن بىر  نەچچە تال كەمپۈت چىقىرىپ ئۇنىڭغا تەڭلىدى.
— مە، يىگىن، تاتلىق نەرسە، — دېدى ئۇ كۆيۈمچان ئاتىلاردەك، — يەنە قورقۇۋاتامسەن؟
— ياق، مەن دېگەن ھېچنەرسىدىن قورقىمايمەن- يا، — دېدى بالا مەغرۇرلۇق بىلەن، — مەن دېگەن بىر قېتىم پوسكامدىن بۇ يەرگە چېرىكلەر كەلگەندە تامنىڭ كەينىدە تۇرۇپ چامما ئاتقانتىم، تېخى!
— ھە بەللى! ئوغۇل بالا دېگەن مانا شۇنداق بولىشى كېرەك، شۇنداققۇ، ئەپەندىلەر؟ — دېدى مەمتىلى ئەپەندى ھەمرالىرىغا قاراپ، ئاندىن يەنە بالىغا قاراپ، — سەن باتۇر بالىكەنسەن، بىز تونۇشۇپ قويايلى، مېنىڭ ئىسمىم مەمتىلى، سېنىڭ ئىسمىڭ نېمە؟— دەپ سورىدى.
— ئېتىممۇ؟ ئېتىم سۇلايمان.
— ھە، مانا تونۇشۇپمۇ قالدۇق، —  دېدى مەمتېلى ئەپەندى سۇلايماننىڭ بېشىنى سىلىغاچ كېتىۋېتىپ، — سۇلايمان، بىزگە قېيىقچىنى تېپىپ بېرەلەمسەن؟
— مېنىڭ دادامنىڭ قېيىقى بار ـ  يا، ئاشەدە بىژ قولتۇققا باغلاغلىق.
— شۇنداقمۇ؟ بىزنىڭ ئۇچرىشىشىمىز خاسىيەتلىك بولغان ئىكەن- دە! سەپىرىمىزنىڭ ئالدى ياراشتى، بۇرادەرلەر، ئەمدى بۇ كىچىك دوستىمىز دادىسىغا تونۇشتۇرۇپ قويىدۇ، شۇنداقمۇ سۇلايمان؟
— ھەئە، — دېدى سۇلايمان قەتئىيلىك بىلەن.
— داداڭنىڭ ئىسمى نېمە؟
— تۇداخۇن.
بالا بىردەمدىلا بۇ ئىللىق تاغىلىرى بىلەن چىقىشىپ قالدى. ئۇ ھەتتا تەۋپىقنىڭ دورا سومكىسىنى كۆتۈرۈشۈپ بەرمەكچىمۇ بولدى، بىراق مەمتىلى ئەپەندى ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ  رەت قىلدى.
— سەن بۇنى كۆتۈرەلمەيسەن، ئوغلۇم، —  دېدى ئۇ مېھرىبانلىق بىلەن، ئاندىن بالىنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن قول سومكىسىنى بەردى، — بۇنى كۆتىرىۋالساڭمۇ چوڭ ياردەم قىلغان بولىسەن.
بالا سومكىنى ئېلىپ ئۆزىنى چوڭ بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدى.
بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كېلىۋاتقانلار مەمتىلى ئەپەندىنىڭ چىقىشقاقلىقىدىن ھەۋەسلەنگەندەك، بىر- بىرىگە قاراپ كۈلۈشۈپ قويدى. توختاجى ئەخمەت ئەپەندىگە قاراپ:
— تەۋپىققە ھەم ھەۋەس قىلىمەن، ھەم ھەيران قالىمەن. ئۇ خۇددى ئون نەچچە بالىلىق ئائىلىنىڭ ئاتىسىدەك، يانچۇقىدىن تاتلىق- تۈرمىلەرنى ئۈزمەيدۇ. خەق بىلەن بىردەمدىلا چىقىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر مەنمۇ بالىلارغا تاتلىق- تۈرۈملەرنى بەرسەم ئۇلار ئالىدۇ- دە، قاچىدۇ، يەنىلا دوست بولۇپ قالالمايمەن. مەنغۇ ئاتىقى  چىققان باينىڭ ئوغلىمەن، دەپ چوڭچىلىقمۇ قىلمايمەن، شۇنداقتىمۇ قىياسىمچە كىشىلەر مېنى تەكەبۇرراق كۆرىدىغان ئوخشايدۇ... تەۋپىق بولسا تامامەن باشقىچە ئادەمكەن- دە، ئۇنى ماڭا قارىغاندا ئوبدانراق چۈشىنىلا ھەقىچان، مەن دېگەن سىلەرگە تېخى يېقىندىلا قوشۇلۇپ قالغان ئادەم، بىراق مۇناسىۋىتىمىز ئادەتتىكى سەپەرداشلىقىتىن ئۆتۈپ، نەچچە يىللىق قەدىناسلاردىن بولۇپ كەتتۇق، بۇمۇ مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاللىقانداق سىرلىق كۈچىدىن بولغان گەپ، بۇ ئادەمدە نېمە خىسلەت بارىكى؟
ئەخمەد ئەپەندى ئويچان كۈلۈمسىسرەپ، قويۇق قاشلىرىنى ھېمرىتىپ قويۇپ:
— ئۇنىڭ قەلبى پاكىز، ناتلىقلىق سەنئىتى ھەممىدىن كارامەت، ئۇ كىمگە قانداق سۆزلەش كېرەكلىكنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ، ― دېدى. ئىككىسى دوستىغا ھەۋەس بىلەن قاراپ جىم مېڭىشتى. بۇ چاغدا مەمتىلى ئەپەندى سۇلايمان بىلەن پاراڭلىشىپ كېتىۋاتاتتى:
— مەكتەپتە ئوقۇمسەن؟
— سۇلايمان بېشىنى چايقىدى.
— مەھەللەڭلاردا مەكتەپ يوقمۇ؟
— مىچىتنىڭ يېنىدا تاتۇق موللام بالا ئوقۇتىدۇ، مەن ئۇ يەرگە بارمەيمەن. دادام ئەۋەتمەيدۇ.
— ئۆيۈڭلاردا سەندىن چوڭلار بارمۇ؟
— يوق، ئۆلۈپ كېتىپتىكەن، ھازىر ھەممىسىدىن مەن چوڭ، ئىككى ئۇكام بار.
ھويلىلارنىڭ پاكار تاملىرىدىن يېزىلقلار يات مېھمانلارغا قىزىقىش، قورقۇش، ھەيران قېلىش بىلەن تولغان كۆز نۇرىدا قارىشاتتى. كىچىك بالىلار بولسا مېھمانلار بىلەن بىللە كېلىشىۋاتقان سۇلايماننى كۆرۈپ ئۇنىڭغا تارلىقى كەلگەندەك بولۇپ، ئانىلىرىنىڭ توسقىنىغا قارىماي ھويلىلاردىن يۈگرەپ چىقىپ، مېھمانلار بىلەن قاتارلىشىپ مېڭىشتى. سۇلايمان تەڭتۇشلىرىغا ۋە ھويلىلاردىن مارىشىۋاتقان  چوڭلارغا قاراپ قويۇپ، مەغرۇر ماڭاتتى. ئۇ دوستلىرىنىڭ تېخىمۇ تارلىقىنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن قولىدىكى خۇرۇم سومكىنى ئەتەي ئۇ قولىدىن بۇ قولغا يۆتكەپ قوياتتى. بەزىدە بالىلارغا قىزغىنىش تۇيغۇسىدا ھۆرپىيىپ قوياتتى.
— مەيلى، بىللە ماڭسۇن، ئوغلۇم، —  سىلەرنىڭ ئۆيگە بارغاندا مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېھمان قىلىمەن.
باشقا بالىلار بۇ چىرايلىق بۇرۇت قويغان مېھرىۋان كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، يۈرەكلىنىپ تېخىمۇ يېقىنراق مېڭىشتى. مۇلازىم يىگىتلەر بالىلار بىلەن چاخچاقلىشىپ ماڭدى. توختاجىمۇ  ئۇلاردىن ئۇنى - بۇنى سوراپ قوياتتى. پەقەت ئەخمەد ئەپەندىلا بالىلارنىڭ توپا- چاڭ بىلەن باسقان يۈز- كۆزىگە جۇل- جۇل كىيىملىرىگە قاراپ، بەتتام بىرنەرسىنى يۇتىۋاتقاندەك تۈپرىكىنى يۈتۈپ قويۇپ جىم ماڭاتتى.
ئۇلار سۇلايماننىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلگەندە ئەگىشىپ كەلگەن بالىلار سۇلايماننىڭ باش ئېغىتىشى بىلەن دەرۋازا تۈۋىدە قېلىشتى. سۇلايمان مېھمانلارنى باشلاپ ھويلىغا كىرىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاۋۋال كۆرگىنى ھويلا سۇپىسىدا يىغىلاۋاتقان بەش ياشلاردىكى قىز  ۋە ئۇنى بەزلەۋاتقان ئايال بولدى. خوجايىن ئايال مېھمانلارنى كۆرۈپ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. ئۈچ يىللىق يېغىلىق كىشلەرنى خۈدۈكچان قىلىپ قويغانىدى. شۇڭا بۇ ئايالمۇ دەسلەپ يوچۇن مېھمانلارنىڭ كىرىپ كەلگىنىدىن قورقۇپ كەتتى. بىراق، مېھمانلارنىڭ ئالدىدا خۇشال- خۇرام كېلىۋاتقان ئوغلىنى كۆرۈپ، كۆڭلى سەل ئارامىغا  چۈشتى. يىغلاۋاتقان قىزچاقمۇ يىغىسىنى توختۇتۇپ بولارغا قاراشقا باشلىغانىدى.
— ئاشۇ يىغلاڭغۇ مېنىڭ كىچىك ئۇكام، ئېتى تەلەيقىز، — دېدى سۇلايمان.
بۇ گەپ ئانىنىمۇ، تەلەيقىزنىمۇ ھەيران قالدۇردى.
— ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تۇققانلار — دېدى مەمتىلى ئەپەندى سۇپىغا يېقىن كەلگەندە ساھىپخانغا سالام قىلىپ.
بۇ مېھمانلاردىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشنى ياكى تۇرۇۋېرىشنى بىلمەي تېڭىرقاپ ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ قالغان ئايال  سالامنى ئىلىك ئېلىپ باش لىڭشىتتى ۋە:
— ئۆيدە ئەكىشى يوق... — دېدى، بىر خىل چەكلىگۈچى ئاھاڭدا.
― بىز سۇلايمان بىلەن يول ئۈستىدە دوستلىشىپ قالدۇق، يېڭىلىشمىسام يەڭگىمىز سۇلايماننىڭ ئانىسى بولىسىزغۇ دەيمەن؟ ــــ دەپ سورىدى مەمتىلى ئەپەندى قىلچە تارتىنىپ تۇرماي، بىر خىل ئىشەنچكە تولغان تەلەپپۇزدا ئۆزىنى ئەركىن، ئازادە تۇتۇپ، ― بىز تۇرداخۇنكامغا ھاجىتىمىز چۈشۈپ كېلىۋاتاتتۇق.
― ھە، ... ۋايەي، ئېسىم قۇرسۇن، ئۆيگە كىرىشسىلىيا، بىر پىيالا چاي قۇياي...
― رەخمەت يەڭگە، بىز مۇشۇ سۇپىدىلا ئولتۇرايلى، سۇلايمان بىزنى تۇرداخۇنكام بىلەن  تونۇشتۇرۇپ قويماقچى بولغانىدى. بىز كاچۇڭغا ئۆتمەكچىدۇق.
― ئوبدان بوپتۇ، دادىسى بىر ياققا كەتكەنىدى، كېلىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى. خاپا بومماي بىردەم ئولتۇرۇشۇپ تۇرۇشسىلا،ــــ دېدى ئايال سۇپىغا كېگىز سېلىپ، ئاندىن مېھمانلارنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي كۆرپە سېلىپ. بۇ چاغدا توختاجى مۇلازىم يىگىتلەرگە پىچىرلاپ:
― قانداق، مەمتىلى ئەپەندى بولسىلا بىزگە ھەر يەردە كۆرپە-يىكەنداز ئۈستىدە ئورۇن بار. ئۇنىڭغا ھەممە ئادەمنىڭ ئۆيى ئۆزىنىڭكىدەك،― دېدى چاخچاق قىلىپ.
― راستىنلا، ئۇ قالتىس ئادەمكەن، نەچچە كۈننىڭياقى كۆرىۋاتىمىز ـ يا. ئاقتامدا  ئۇ نورۇز دەپ بىردەمدىلا يۇرتنى قىزىتىۋەتمىدىما...
توختاجىمۇ ئاقتامدا بولغان نورۇز پائالىيىتىنى ئەسلەپ، ۋۇجۇدى قايتا ھاياجاندىن قىزىشىپ كەتتى. دەل نورۇز كۈنلىرىدە مۇشۇ يېزىغا يېتىپ كەلگەن يولۇچىلار، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ تەشكىللەش تالانتىنى جانلىق ئەمەلىيەت ئۈستىدە كۆرۈپ ھەيران قالغانىدى: ئۇ بۇ ناتونۇش مۇھىتتا بىردەمدىلا كىشىلەر بىلەن تونۇشۇپلا قالماي، بىر قانچە سازەندىنى تاپتۇرۇپ كېلىپ، ئۆزى باشلامچىلىق بىلەن ساز چېلىپ، بىر نەچچە يىللىق يېغىلىقتىن كېيىن بۇ يەردە تۇنچى ۋە كىشىلەر ئۇزاققىچە ئۇنتالمىغۇدەك بىر نورۇز كېچىلىكى ئۇيۇشتۇرغانىدى. يېزىدىن خوشلىشىپ چىققانلىرىدا بىر مۇنچە بالىلار ۋە ياشلار كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا، خۇددى قەدىناس ئادىمىدىن ئايرىلىۋاتقاندەك ئۇزىتىپ قېلىشقانىدى...
ئۇلار ئولتۇرۇشقاندىن كېيىن مەمتىلى ئەپەندى بايا ئۆزلىرىگە ئەگىشىپ كېلىۋاتقان بالىلارنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ قارىشىسىغا كېلىپ ئولتۇرغان سۇلايمانغا:
― ئوغلۇم، بىز يالغانچى بولۇپ قالغىلى تاس قاپتۇق ئەمەسمۇ، بۇ يەردە بالىلارنىڭ ھەممسىنى مېھمان قىلىشقا ۋەدە بەرگەن ئەمەسمىدۇق. يۈگۈر، بېرىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى باشلاپ كىر،ــــ دېدى.
بالىلارنىڭ جىمىسى دەرۋازا تۈۋىدە چۇۋۋۇلدىشىپ تۇرۇشقىنى ھويلىدىكىلەرگە ئاڭلىنىپ تۇراتتى. شۇڭا ئۇلار ھايال بولمايلا بىر- بىرىنى ئالدىغا ئىتتىرىشكەن ھالدا كىرىشتى. مەمتىلى ئەپەندى بالىلارغا قاراپ كۈلۈمسىرە تۇرۇپ:
― كەچۈرۈڭلار، بالىلىرىم، مەن سىلەرگە سۇلايماننىڭ ئۆيىگە بارغاندا مېھمان قىلىمەن، دەپ ۋەدە بېرىپ قويۇپ، ئېسىمدىن چىقىرىپ قويغىلى تاس قاپتىمەن، كېلىڭلار، يېقىنراق كېلىڭلار، يېقىنراق كېلىڭلار،― مەمتىلى ئەپەندى ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە كەمپۈت  تارقىتىپ بەردى، ― سىلەرنى مانا شۇنچىلىكلا مېھمان قىلىمەن، ئاز بولسىمۇ مېنىڭ كۆڭلۈم،― مەمتىلى ئەپەندى ئەستايىدىللىق بىلەن، گويا تەڭتۈشلىرى بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندەك سۆزلەيتتى. بالىلار بولسا بۇ كىشىنى چاپسانلا ياقتۇرۇپ قېلىشقانىدى. بۇ  چاغدا قاياقتىندۇر چوڭ ئۇكىسىنى تېپىپ كەلگەن سۇلايمان، ئۇنى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا باشلاپ كەلدى.
― بۇ مېنىڭ چوڭ ئۇكام، ھەمراجان، ــــ دېدى سۇلايمان.
مەمتىلى ئەپەندى 7- 8  ياشلار چامىسىدىكى  بۇ بالىغا قاراپ، نىمىشكىدۇر يۈرىكى ”شۈر“ قىلىپ قالدى. ئۇنىڭ خىيال ئىكرانىدا شەمەيدە قالغان ئوغلى ئابدۇسەمەد پەيدا بولغانىدى. ئوغلى ھەققىدىكى خىيال ئۇنى چۆچەككە، ئاندىن شەمەيگە ئېلىپ كېتىپ، ئايالى سەرۋەرنىڭ جاپاكەش، قەيسەر سىماسى كۆز ئالدىدا جانلىنىشقا باشلىدى... ئەمما ئۇ دەرھاللا ئازابلىق خىياللارنى ئۆزىدىن نېرى قىلىپ،كۆز ئالدىدىكى رىياللىققا قايتىپ كەلدى. ئۇ ھەمراجانغىمۇ كەمپۈت تۇتقۇزۇپ قويدى ۋە ئۇنىڭ قەيەردىدۇر توپىدا ئويناپ مەينەت قىلىۋەتكەن باش كۆزىنى كۆرسىتىپ:
— قارا، سېنى، توپىدا ئوينىساڭ كېسەل بولۇپ قالمامسەن، كىيىم ـ كېچىڭىمۇ پاسكىنا بولۇپ كېتىپتۇ، چوپ- چوڭ بالا تۇرۇپمۇ شۇنداق بەڭۋاشلىق قىلدىڭمۇ؟ — دېدى ۋە يەنە ئوغلى يادىغا يەتتى. ”ئابدۇسەمەد توشقان يىلى تۇغۇلغان، بۇ دېمەك 1927-يىلى،... ئەگەر ئۇ تىچ- ئامان بولغان بولسا مۇشۇ بالىچىلىك بولۇپ قالغاندۇر...“ ئۇ يەنە خىيالىدىن ئۆزىنى تارتىپ، ھەمراجاننى يېنىغا يېقىنراق كەلتۈردى ۋە ئۇنىڭ باغلىشىپ كەتكەن شاپاق دوپپىسىنى ئالدى. بالا ياپما تاز ئىدى. بۇنى كۆرۈپ مەمتىلى ئەپەندىنىڭ قىزىللىق كەتمەيدىغان يۈزىدە بىر يېرى چىدىغۇسىز ئاغرىۋاتقاندەك ئىپادە پەيدا بولدى. ئۇ توختاجىغا قاراپ، — بىز بالىلارنى مۇشۇنداق تاشلىۋېتىمىز، مۇھىتىمىزمۇ مۇشۇنداق كېسەللەرگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. قىسقىسى ھەممە نەرسە مەدەنىيەتكە باغلىق، مىللەتنى ھەم مەنىۋىي جەھەتتىن، ھەم جىسمانى جەھەتتىن سۈپەتلىك قىلىشقا تىرىشماي بولمايدۇ، — ئۇ توختاجى بىلەن ئەخمەد ئەپەندىگە قارىتىپ داۋام قىلدى، — مانا مۇشۇنداق كېسەلنىڭ يۇرتىمىزدا كۆپلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ئەڭ يېڭى رىتسىپلارنى ۋە دورىلارنى ئالغاچ كەلگەنىدىم. مانا قاراڭ، ھەر مەنزىلدە ماڭا خىزمەت چىقىپلا تۇرىۋاتىدۇ.
توختاجى بىلەن ئەخمەد ئەپەندىمۇ بالىنىڭ بېشىغا ئېچىنىش نەزەرىدە قاراپ قويدى. ئۇلار دوستىنىڭ قابىللىقىغا ھەۋىسى كەلگەندەك، مەمتىلى ئەپەندىگىمۇ قاراپ قويۇشتى.
— تەۋپىقنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشمۇ يوق، بار بولسىمۇ بەرىبىر ئۇزاق قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ــــ دېدى توختاجى كۈلۈمسىرەپ.
— ئەپەندى، مەن دېگەن تىۋىپنىڭ بالىسى، چەتئەلگە چىقىشنىڭ ئالدىدا دادامغا ياردەملىشىپ  تىۋىپلىكمۇ قىلغان. مانا ئەمدى غەرپ تىبابىتى بىلەن ئازراق تونۇشۇم، شۇ، — دېدى مەمتىلى ئەپەندى كۈلۈپ، ئاندىن سۇلايمانغا ، — ئاپاڭ قېنى ئوغلۇم؟ ــــ دەپ سورىدى.
— ئانام سىلەرگە چاي قاينىتىۋاتىدۇ، — دېدى سۇلايمان ماختىنىش ئاھاڭىدا.
— ئىھ، ئۇيغۇر مېھمان دوستلىقى! — دېدى مەمتىلى ئەپەندى كۆڭلى ئىرىگەن ھالدا، —  ئۇنداق بولسا تېخىمۇ ياخشى بوپتۇ بار، ئوغلۇم، ئاپاڭ چۆگۈننى كۆتۈرۈپلا چىقسۇن.
ساھىبىخان ئايال چاپسانلا بوسۇغىدا پەيدا بولدى. ئۇ ھەيرانلىق بىلەن:
— ما بالا... چاي تېخى قاينىمىغان ـ  يا؟ — دېدى.
— مەيلى ئېلىپ چىقىۋېرىڭ، دېدى مەمتىلى ئەپەندى ئىللىقلىق بىلەن. ساھىبخان چۆگۈننى ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، — بىز چاي ئىچمىسەكمۇ رەنجىمەيمىز، يەڭگە، سىز شۇ ئىسسىغان سۇ بىلەن ھەمراجاننىڭ بېشىنى يۇيىۋەتسىڭىزكەن، ــــ  دېدى.
ئايال يەنىلا ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەن بولسىمۇ، لېكىن چىلاپچا ئېلىپ چىقىپ، ھەمراجاننى ئېڭىشتۈرۈپ تۇرۇپ بېشىنى يويۇشقا باشلىدى ھەم بالىنىڭ تاز بولۇپ قېلىشى قايسى بىر ساتراچنىڭ ئەسكى ئۇستۇرسىدىن يۇققانلىقى، ساقايتىش ئۈچۈن قىلمىغان سەۋەبى قالمىغان بولسىمۇ يەنىلا بىر خىل تۇرىۋاتقانلىقىنى سۆزلىدى.
— بالىنى پاكىزە بېقىڭ، مەينەتچىلىك ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبچىسى، —  دېدى مەمتىلى ئەپەندى دورا سومكىسىنى ئېچىپ، دېزىنفىكسىيە قىلىنغان پاختا ئېلىپ ھەمراجاننىڭ بېشىنى سۈرتتى. ئاندىن پاختا بىلەن پەلكۈچ ياساپ، دورا بوتۇلكىسىدىكى  مەلھەم دور ىغا مىلەپ  چېپىشقا باشلىدى.
— ئەپكەلسىلە، مەن مىلەپ بېرەي، دېدى توختاجى بوتۇلكىنى ئېلىپ، —   ياردەمچى بولالامدىمكىن.
ئۇلار بىرلىكتە ھەمراجاننىڭ  بېشىغا قويۇقلىقى يۇقىرى بولغان ئاق رەڭلىك مەلھەمنى چېپىپ بولغاندىن كېيىن مەمتىلى ئەپەندى ئانىغا تاپىلاپ:
— بىزدە دورا ئاچچىق بولسا شىپالىق بولىدۇ، دەيدىغان ئېتىقاد بار، يەڭگە، بۇ دورىمۇ بالىنىڭ بېشىنى ئېچىشتۇرىدۇ، لېكىن شىپا قىلىدۇ. مەن سىزگە دورىدىن ئازراق بېرىپ كېتەي، سىز ئۆزىڭىز ئىسسىق  سۇ بىلەن بالىنىڭ بېشىنى پات - پات يۇيۇپ بېرىڭ، پاكىز تۇتۇڭ، توپىدا ئوينىمىسۇن، ــــ  دېدى.
ھەمراجان چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈشكە باشلىۋىدى، مەمتىلى ئەپەندى ئۇنىڭ بېشى ئېيچىشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ مەدەت بەردى:
— ئوغۇل بالا دېگەن بۇنچىلىك ئاغرىققا چىدالمامتى، قانداق، بالىلار؟ دورىنىڭ ئاچچىقىغا چىدىمىغان ئادەم ساقايمايدۇ، چىدىغىن، ئوغلۇم، —  دېدى. ئانىغا ئۇنىڭ دوپپىسىنى كۆرسىتىپ، —  بۇنى يۇيىۋېتىڭ، بەكلا كىرلىشىپ كېتىپتۇ. بۇنىڭدا كېسەل مىكروبى بولىشى چوقۇم، بۇنىڭدىن كېيىن بېشىمۇ، دوپپىسىمۇ پاكىز بولسۇن. بالىلارنى ياخشى ئاسراش كېرەك، توق بېقىشلا كۆيۈنگەنلىك بولمايدۇ.
يۈز-كۆزى پاكىز يۇيۇلغان ھەمراجان مەمتىلى ئەپەندىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرىۋالدى. ئۇ ئەڭ يېقىملىق كىشىنىڭ كۆيۈنىشىگە بىۋاستە ئېرىشكىنى ئۈچۈن ئۆزىنى مەغرۇر تۇتاتتى. ئۇنىڭدا ساقىيىش ئىستىكى كۈچلۈك بولغاچقا يېنىدىكى ”خۇدا ئەۋەتكەن“  ئادەمگە كۈچلۈك مۇھەببىتى  قوزغالغانىدى. چۈنكى ئۇنى تەڭتۈشلىرى ”تاز“ دېگەن ئەيىپىنى تىلغا ئېلىپ تىللايتتى. بۇ ئۇنىڭ سەبى قەلبىدە ئازاپلىق جاراھەت پەيدا قىلغانىدى. ئۇ مەمتىلى ئەپەندىنىڭ يېنىغا جايلىشىپ ئولتۇرغان ھامان، قىزغىنىش تۇيغۇسى قوزغالغان  تەلەيقىز ئەخمەد ئەپەندىنىڭ قۇچىقىدىن قوپۇپ كېلىپ توپ- توغرا ئاشۇ مېھرىبان تاغىسىنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرىۋالدى.
سۇپىنىڭ ئۇ تەرىپىدە تەڭتۈشلىرى  بىلەن ئولتۇرغان سۇلايمان ”دادام كەلدى“ دەپ توۋلىۋەتتى. دېگەندەكلا، تالادىن 45 ياشلار چامىسىدىكى چاساقال، يۈزلىرى قىزىل، تەمبەل بىر ئادەم كىرىپ كېلىۋاتتاتتى. ئۇ ئۆز ھويلىسىدا بىرمۇنچە بالىلار بىلەن بىللە ئولتۇرغان يوچۇن مېھمانلارنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. قىزى تەلەيقىز كىچىك بۇرۇت قويغان مېھماننىڭ قۇچىقىدا ئولتۇراتتى. ھەمراجان بولسا ئىككى مېھماننىڭ ئارىلىقىدا  قىسىلىپ ئولتۇراتتى. بالىلارنىڭ بۇنداق ئولتۇرىشىدا ئەڭ يېقىن تۇغقانلىق بارىدى. مەھەللىنىڭ  بالىلىرى  بولسا باشقا مېھمانلار  بىلەن ئارىلىشىپ كونا قەدىناسلاردەك ئولتۇرىشاتتى. بۇنى كۆرگەن تۇداخۇن بالىلارنىڭ سەبى قەلبى تونىغاندىكىن بۇلار چوقۇم ياخشى ئادەملەركەن دېگەن ئىشەنچكە كەلگەنىدى.
سۇلايماننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا مېھمانلار ئۇ تەرەپكە قاراشتى ۋە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى. ئالدىراپ يېتىپ كەلگەن تۇداخۇن ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ:
— قوزغىلىشمىسىلا، ئولتۇرىۋېرىشسىلە، دېدى ۋە ئۇلار بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ئاندىن ئۆي ئىچىگە قاراپ توۋلىدى، — ئانىسى، ھوي، ئانىسى،ــــ سۇلايمانغا قاراپ ئاناڭ قاياققا يوقالدى ـ  يا؟ —  دەپ سورىدى. بۇ چاغدا ساھىپخان ئايال ئاشخانا ئۆيدىن ئالدىراپ چىقىپ كەلدى، تۇداخۇن ئۇنىڭغا، ــــ مېھمانلارغا داستىخانا سالماي نىمە قىلىپ يۈرىسەن؟ ــــ  دېدى.
— سالاي دەپ چاي قۇيغان شۇ، —  دېدى ئايال، ماۋۇ بالىنىڭ بېشىنى... — ئۇ مەمتىلى ئەپەندى بىلەن توختاجىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرغان ھەمراجاننى كۆرسىتىپ توختاپ قالدى. ئاندىن، —  يەنە چاي قۇيدۇم، ئاز قالدى، —  دەپ قوشۇپ قويدى.
تۇداخۇن ئوغلىنىڭ بېشىغا دورا چېپىلغانلىقىنى كۆرۈپ، كەلگەنلەرنى پەرەڭلەرنىڭ  ئەمچىسى بولسا كېرەك دېگەن ئويغىمۇ كەلدى. بۇ چاغدا ھەمراجانمۇ دادىسىغا قاراپ مەمنۇنىيەت بىلەن كۈلدى.
— ھەر بىر لىرىنى قەيەردىن سورايمىز؟ —  دەپ سورىدى تۇرداخۇن ئۆزىگە زور بېرىپ، سەل ئوڭايسىزلانغان ھالدا.
— بۇ ئۈچىمىز تۈركىيىدىن كېلىۋاتىمىز، —  دەپ جاۋاپ بەردى مەمتىلى ئەپەندى، —  ئەسلىمىز مۇشۇ يەردىن —  سىز بىلەن ۋەتەنداش، بۇ ئىككى يىگىت كۆكياردىن كېلىۋاتىدۇ. بىزگە ياردەملىشىپ يۈك- تاقىلىرىمىزنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىۋاتىدۇ. بايا بۇ مەھەللىگە كېلىپ سۇلايمان بىلەن تونۇشۇپ قالدۇق، ئۇ بىزنى بۇ يەرگە باشلاپ كەلدى. ئۆزلىرىنى مالال قىلىدىغان ھاجىتىمىز بارىدى.
تۇرداخۇن سۇلايمانغا قاراپ قويدى. سۇلايمان  دادىسىنىڭ قارىشىغا جاۋابەن ” مەن باشلاپ كەلدىم، مەن شۇنداق ئوبدان بالا“ دېگەندەك كۆزلىرىنى ئوينىتاتتى.
— ئوبدان بوپتۇ، ئوبدان بوپتۇ، —  دېدى تۇرداخۇن دوستانىلىق بىلەن، خىزمەتلەرىگە تەييارمەن. ئەمدى، مۇشۇ ئۆيدە قونۇپ، ھادىقلىرىنى ئېلىشسىلا، ئەتە سەھەردە ئۆتكۈزۈپ قوياي.
— يۇرتىمىزدىن ئايرىلغىلى ئۇزۇن بولدى، بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇنراق ماڭايلى. ”تۇرمىغان مېھماننىڭ كەتكىنى ياخشى“  ئەمەسمۇ، —  دېدى مەمتىلى ئەپەندى كۈلۈمسىرەپ.
— ئىلاجى قىلىپ بۈگۈن دەريادىن ئۆتۈپ كېتەيلى، ئاكا، —  دېدى  توختاجىمۇ گەپ قىستۇرۇپ.
پەقەت ئەخمەد  ئەپەندىلا بىر خىلدا جىم - جىت ئولتۇرۇپ، قېشىدا ئولتۇرغان بىر كىچىك قىزچاقنىڭ بېشىنى سىلايتتى. ئەمما ئۇنىڭ خىيالى بۇ يەردە ئەمەسلىكى بىلىنىپلا تۇراتتى. مەمتىلى ئەپەندى ئەخمەد ئەپەندىنىڭ شۈكلەپ كەتكىنىگە قاراپ، ئۇنىڭ شۇتاپ نىمىلەرنى ئويلاپ كەتكىنىنى قىياس قىلدى.
— ھازىرچە كېتىشنىڭ گېپىنى قىلىشىمىسىلا، ھازىرچە سىلەر مېنىڭ ئىختىيارىمدىكى مېھمان، —  دېدى تۇراداخۇن داستىخان سېلىپ، چاي قويغاچ.
— بۇ ئۆيگە كېلىشكەن ئىكەنلا مەچىت بوممىغاندىكىن قۇرۇقلا چىقساق سەت تۇرىدۇ. ئاۋۋال ھاردۇقلىرىنى ئېلىشسىلا، ئۆيدىكىلەر  ھاردۇق ئېشى ئەتسۇن، غورىگۈل بولسىمۇ ھەمداستىخان بولىلى، ئاندىن بىر گەپ بولا.
— كۆردىڭلارمۇ، ئىنىلىرىم، — دېدى توختاجى كۆكيارلىق ئىككى يىگىتكە بۇرۇلۇپ، مەمتىلى ئەپەندى بىلەن چېقىشىپ،  مەمتىلى ئەپەندى جان بېقىشنى بىلەمدىكەن؟ بىردەمدىلا تونۇشتى، ئەمدى مېھمان بولماقچى.
مەمتىلى ئەپەندى كۈلۈپ، دوستىنىڭ مۈرىسىگە نوقۇپ تۇرۇپ:
— ئۆز مىللىتىنىڭىزنى چۈشەنمەمسىز، ئەپەندى، ئۇيغۇر دېگەن مېھماندوستلۇقى،  رەھمىدىللىكى، ئاقكۆكۈللىكى، ساددىلىقى بىلەن خاراكتىرلىندىغۇ؟
—  دېمىسىمۇ، مەمتىلى ئەپەندى بەك ئىسسىق چىراي ئادەمكەن- يا، — دېدى مۇلازىم يىگىتلەردىن بىرى.
—  نېمە دەيدىغاندۇ، ماۋۇ يىگتلەر، ئۇغۇ ھازىر مېھماندوستلۇق، ئۇيغۇر دېگەن شۇنداق بولمامتى، ۋاھاكازا، دېدى، ھىندىستاندىچۇ؟  — بۇ ئادەم ئوردۇلار، ھىندىلار ئارىسىدىمۇ ئوخشاشلا جان باقالايدۇ. قالتىس كىشى بۇ.
— توختاجكام - زە، مەمتىلى ئەپەندى بىلەن بەك چېقىشىدىكەن جۇما، —  دېدى دوپپىلىق يىگىت.
— بۇنى چېقىشقان دېگىلى بولامدۇ، — دەپ كۈلدى مەمتىلى ئەپەندى  چىرايىدىن يېقىملىق تەبەسسۇم ياغدۇرۇپ، —  قەشقەردە بىر قېرى دوختۇر بار، ئۆزى تۈركىيەلىك تۈرك، ئىككىمىز جان دوستلاردىن. ئۇ كىشى مېنى كۆرسە بولدى، يوپۇشۇپلا ئالىدۇ. ئەگەر ھېلىمۇ ئېسەن بولسا ئۇ ماڭا ”ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم“ دېيىش ئورنىغا چاخچاق قىلىشنى باشلايدۇ.
ئۇلار ساھىپخاننىڭ ئۆزلىرىنى قويىۋەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىشقاندىن كېيىن توختاجى دوستىدىن سورىدى:
— ئەمدى تۇرداخۇن ئاكامغا تۇتۇلدۇق، بۇ كىشى بىزنى قويۇپ بەرگىچە نىمە قىلىمىز، ئەپەندى؟
— مەن سىلەرگە كونسىرت ئويۇشتۇرۇپ بەرسەم قانداق؟ —  دېدى مەمتىلى ئەپەندى قىزغىنلىق بىلەن. ئۇنىڭ كەيپى چاغلىقى بىلىنىپ  تۇراتتى، —  مەن كونسىرتنى مۇشۇ بالىلار بىلەن بىللە قويىمەن. بۇلاردىن شۇنداق بىر خور ئۆمىكى تەشكىللەيكى، ئۇلار بۇ خورنى ئۇزاققىچە ئوقۇپ يۈرىدىغان بولسۇن. دېسەم ـ دېمىسەم  ئۇيغۇر دېگەننىڭ ئۆيىدىن بىرەر چالغۇدەك نەرسە تېپىلماي قالمايدۇ. تۇرداخۇنكامنىڭ ئۆيىدە چوقۇم بار، بولمىسا قوشنىسىڭكىدە بار، — مەمتىلى ئەپەندى ئىشەنچ بىلەن شۇنداق دېدى، —  ئەگەر پىيانىنوسىمنى ھىندىستاندىكى ئوردۇ دوستۇمغا تاشلاپ كەلمىگەن بولسامغۇ ھېچنەرسىگە ھاجىتىم چۈشمەيتى.
— خوش؟ ... توختاجى سوئال نەزىرىدە ساھىپخانىغا قارىدى.
— راستىنلا خىجىلمەن، دېدى تۇرادخۇن، —  ئۆيدە ساز يوق، ئەمما قوشىنىمىز تەمبۇرچى، سوراپ كىرەي. ئۇ شۇنداق  دەپلا بۇ چىقىشقاق مېھمانلارنىڭ كۆڭلىنى ئالىدىغان ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماي دېگەندەك ئىتتىك چىقىپ كەتتى.
— ئاقتامدا كۆردۇققۇ سىلىنىڭ كارامەتلىرىنى، خور ئۆمىكى تەشكىللەش دېگەن سىلىگە ئانچە بەك تەس ئىش ئەمەسكەن. سىلى بايا پىئانىنونى ھىندىستاندا تاشلاپ كەلمىگەن بولسام دەيلا، توۋا دېسىلە، ئاشۇ تاغلاردىن قانداق ئۆتكۈزەتتىم دېمەيلا ـ ھە؟ قاراقۇرۇم تاغلىرى دېگەن جاھاننىڭ ئۆگزىسىغۇ؟ شۇ كېلەڭسىز نەرسىلىرىنى ـ زە... — توختاجى گېپىنىڭ تېمىسىنى ئۆزگەرتىپ سورىدى، — بىزگە نىمىلەرنى ئورۇنلاپ بېرىلا، ئەپەندى؟ —  دەپ سورىدى توختاجى ساھىپخان كىرگىچە كۈنتەرتىپنى بېكىتىشىۋالماقچى بولغاندەك.
—  مەن بۇ ئوماق  بالىلارغا بىر ناخشا ئۈگىتىپ قويساممىكىن دەيمەن. قانداق، ئۈگىنەمسىلەر؟
— ئۈگىنىمىز! — دەپ چوقان سالدى بالىلار.
مەمتىلى ئەپەندى ئۇلارغا قاراپ، بۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىش شارائىتىنىڭ ناچارلىقى، تەربىيىلەشنىڭمۇ ئەقىلغە مۇۋاپىق ئەمەسلىكى ھەققىدە ئويلاپ كەتتى. ئۇ بۇ بالىلارغا ئۈگەتمەكچى بولىۋاتقان ناخشىسىنىڭ ئاھاڭىنى چېگرىدىن ئۆتكەندىلا  تۈنجى تاغلىق يېزىدىكى بىر تۈپ بالىغا قاراپ ئىجاد قىلغانىدى. كۆكياردا ئۇنى شۇ يەرلىك بالىلارغا ئۈگىتىپ قويۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، مۇزىكىسى پىشمىغانىدى. ئۇ بۇلارنىڭ مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىدا ۋۇجۇدى يېنىپ كېتەتتى. مانا ئىچكى ھاياجان مۇزىكا تۇغدۇرۇپ، بالىلار ناخشىسىنىڭ مۇزىكىسىمۇ پىشىپ باردى.
مەمتىلى ئەپەندى قويۇن دەپتىرىنى ئېلىپ، تۇراداخۇن كىرگىچە بولغان ئارىلىقتا نوتىغا قاراپ ئىچىدە ئوقۇپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ قوچىقىدىكى تەلەيقىز، يېنىدىكى ھەمراجانلار ئۇنىڭ خاتىرىسىگە نېمە بارىكىن دېگەندەك  بويۇنداپ قاراپ كەتتى.
تۇرداخۇن تەمبۇرنى ئېلىپ كىردى. مەمتىلى ئەپەندى تەلەيقىزنى قۇچىدىن ئېلىپ كىگىز ئۈستىگە ئولتۇرغۇپ قويۇپ، تەمبۇرنى قولغا ئالدى:
— تۈركىيەدىن چىققاندىن تارتىپ تەمبۇرنى قولۇمغا ئالمىغانتىم، ئۆزۈممۇ بۇ  ئۈلپىتىمنى بەك سېغىندىم، — دېدى تەمبۇرنى سازلىغاچ، —  ئەگەر تەمبۇر تېپىلمىغان بولسا سىلەردىن قانداق قۇتۇلارىدىمكىن.
— ئاقتامدىكىدەك، راۋاپ تېپىلسىمۇ، دۇتار تېپىلسىمۇ بىر ئىش قىلىلىغۇ سىلى، سىلى بوش كېلىدىغان ئادەممۇ. ھېچ بولمىسا پەتنۇسنى چېلىپمۇ جاھاننى قىزىتىشقا يارايدىغان ئادەمغۇ سىلى، — دېدى توختاجى.
— مېنى مۇنچە شىلىمىسىلىمۇ بولىدۇ، — دېدى تەۋپىق قاپىقىنى سۈنئىي تۈرۈپ.
ئۇ ئاۋۋال بالىلارغا ئۈگىتىدىغان ناخشىنىڭ ئاھاڭىنى تىرىڭشىتىپ چېلىپ كۆردى، ئاندىن غىڭشىپ ئوقىغاچ تەڭكەش قىلدى. ئارقىدىن بالىلارغا:
— ئاۋۋال مەن بىر قېتىم ئوقۇپ بېرەي، سىلەر ئاڭلاپ بېقىڭلار، ئاندىن بىرلىكتە ئۈگىنىمىز، قانداق؟ —  دېدى ـ  دە، ئوقۇشقا باشلىدى:
مەن ئۇيغۇر بالىسى — ۋەتەن غۇنچىسى،
زەرەپشان، تارىمىنىڭ سۈزۈك ئۈنچىسى.
كۆزۈمدە ئازاد تاڭ نۇرى —  بەلگۈسى،
مەنسۇپتۇر بىزلەرگە ۋەتەن كەلگۈسى.
    نەقرات: تۆرەلدىم قانلاردا، ئۆستۈم قانلاردا،
               بارىمەن ئەجداتلار باسقان يوللاردا.
ناخشا جەڭگىۋار مارش ئاھاڭىدا بولۇپ، ھەم بالىلارنىڭ چاپسانراق ئۈگىنىۋېلىشى ئۈچۈن باشقا كۇبلىتلىرىنى قىسقارتىۋەتكەنىدى. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاۋازى ناھايىتى ساز بولغاچقا مۇشۇ ئاددى بالىلار ناخشىسىنمۇ ناھايىتى ھېسىياتلىق ئوقىدى. ھويلا ئىچى جانلىنىپ كەتتى. ئۆز بالىلىرىنى ئىزلەپ كەلگەن ئاتا - ئانىلار تۇرداخۇننىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ۋە پاكارتام چىتلاقلار كەينىدە مارىشىپ تۇراتتى.
ئەمدى مەمتىلى ئەپەندى بالىلارغا مىسرامۇ- مىسرا ئۈگىتىشكە باشلىدى. بالىلارنىڭ زىل ۋە چىقىراق ئاۋازلىرى مىسرالارنى تەكرارلايتتى. ئۇلارنىڭ غۇبارسىز لەپىزىدىن چىققان كۈمۈش قوڭغىراقتەك ئاۋاز چىمدۇنىڭ ئاسمان بوشلۇقىدا يىراقلارغا تارقالماقتىدى. باھارنىڭ قويىنىغا قايتىپ كېلىشكە باشلىغان قۇشلار بۇ ئاۋازغا مەھلىيا بولغاندەك، پوتلا تاشلاۋاتقان شاخلار ئۈستىدە ئولتۇرۇشۇپ ئۆز ئارا تەسىرات سۆزلىشىۋاتقاندەك چۇرۇقلىشاتتى.
— ئاڭلىمىغانلا ناخشىكەن - يا، — دېدى دوپپىلىق يىگىت شېرىكىگە، تۇماق كىيگەن يىگىت جاۋابەن دولىسىنى چىقىرىپ قويدى. توختاجى  ئۇلارغا قاراپ:
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 02:14 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
bahtinur
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 22926
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 75
شۆھرەت: 99 نۇمۇر
پۇل: 539 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

  بۇنداق ناخشىلار تەۋپىقنىڭ قورسقىدىن چىقىۋېرىدۇ. ئۇ دېگەن ھەم قوشاق توقۇيدۇ، ھەم ئاھاڭ ئىجاد قىلىدۇ. دېسەم - دېمىسەم بۇ ناخشىنى ئۇ ھازىرلا قورسقىدىن چىقاردىغۇ، —  دېدى.
— ئاجايىپلا ئادەمكەن - يا، بۇ مەمتىلى ئەپەندى، —  دېدى مۇلازىم يىگىتلەرنىڭ بىرى.
ئەخمەت ئەپەندى ئۇنچىقماستىن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇراتتى. ئۇ يىگىتلەرنىڭ مەمتىلى ئەپەندى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلىرىنى ئاڭلاپ، ”تۈرك گەنچلەر بىرلىكى“ دىكى بىر  دوستىنىڭ مەمتىلى ئەپەندى ھەققىدىكى باھاسى ئىېسىگە كەلدى. ئۇ سىياسىيون شۇنداق دېگەندى:  ”تەۋپىق كۆيۈپ تۇرغان بىر پارچە چوغ. ئۇ ھەم كۆپ ھارارەت بېرەلەيدۇ، ھەم شۇنىڭ ئۈچۈنلا ھەممىدىن بۇرۇن كۆيۈپ تۈگەيدۇ. بۇنىسى بولسا ھەقىقەتەنمۇ شانلىق ھايات، ئارمانسىز ھايات“.
”شۇنداق، — دەپ ئويلىدى ئەخمەد ئەپەندى، —   ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر پارچە چوغ“.
بالىلارنىڭ غۇبارسىز زېھنىگە ناخشا ئورۇنلىشىپ قالدى. قانداقلا بولمىسۇن ”تىلى چىققان ھامانلا ناخشا ئېيتىيالايدىغان، ئايىقى چىققان ھامانلا ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغان“  ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن بۇنداق قىسقا ناخشىنى ئۈگىنىۋېلىش ئانچە قىيىن ئەمەسىدى. قايسىڭلار ئۈگىنىپ بولدۇڭلار؟ — دەپ سورىدى مەمتىلى ئەپەندى بالىلارغا قاراپ جىددىي تەلەپپۇزدا، گويا تەڭتۈشلىرى بىلەن رەسمى ئىشلار ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقاندەك.
— مەن!
— مەن!
— ...
بىر قانچە بالا تەڭلا چوقان سالدى. مەمتىلى ئەپەندى رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈمسىرەپ:
— ياخشى. لېكىن، تەرتىپلىكراق بولۇش كېرەك، چوقان سېلىش ياخشى ئەمەس، يېقىن ئارىدا سىلەرمۇ مەكتەپلەرگە كېرىپ ئوقۇشۇڭلار مۇمكىن، شۇ چاغدىمۇ مۇشۇنداق غەلۋىچى بولساڭلار ياخشى ئەمەس، مەقسەتنى ئېيتىش  ئۈچۈن تەلەبەلەر  قانداق قىلىدۇ، بىلەمسىلەر؟ مانا مۇنداق قول كۆتۈرۈش كېرەك، ¬—   ئۇ زەخمەك تۇتقان قولىنى كۆتۈرۈپ بالىلارغا  ئۈلگە كۆرسەتتى. بالىلارمۇ ئۇنى دورۇپ قوللىرىنى كۆتۈرۈپ بېقىشتى.
— قايسىڭلار ئوقۇپ باقىسىلەر؟
بالىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى قول كۆتۈردى.
— قىزىم، سەن ئوقۇپ باق، —  دېدى تەۋپىق، ھەم قىزغا ئۆزى ناخشىنى باشلاپ بەردى. قىز ئاساسەن ئۈگىنىپ بولغانىدى.  ئۇ ئوقۇپ باققاندىن كېيىن مەمتىلى ئەپەندى رازىمەنلىك بىلەن باش لىڭشىتتى ۋە قىزچاقنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇنى ئەركىلىتىپ تۇرۇپ پىشانىسىگە سۆيۈپ قويدى.
— ئەمدى ئاخىرقى قېتىم يەنە بىر تەكرارلايمىز ئاندىن سىلەر بۇ ناخشىنى ئېيتىپ ئاپاڭلارنىڭ، ئاتاڭلارنىڭ ئالدىغا قايتىسىلەر، ئۇلار سىلەرنى ئىزلەپ ئاۋارە بولۇپ قالسا ياخشى ئەمەس، شۇنداق قىلايلىمۇ؟ —  دېدى ئۇ.
يەنە بىر قېتىم مىسرامۇ - مىسرا تەكرارلىغاندىن كېيىن، مەمتىلى ئەپەندى ئۇلارغا ناخشىنى باشلاپ بەردى. بالىلار بىر ئاز ئىگىز ـ پەس بولۇشقان بولسىمۇ، ياخشى ئۈگەنگەنلەرگە ئەگىشىپ ئۆزلىرىنى تۈزىتىپ، جۈر بولۇپ كېتىشتى. شۇنىڭ بىلەن قاچاندۇر بىر كۈنى بۇ يەردىن ئۆتكەن ئەسكەرلەرگە تەقلىد قىلىپ، پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ، ئىگىز- پەس دەسسەپ چىقىپ كېتىشى.
ئەخمەد ئەپەندى بالىلارنىڭ ئارقىسىدىن ئۈنسىز قاراپ، دوستىنىڭ متودىغا زوقلاندى.
توختاجى گويا ”قانداق، يىگىتلەر، بىزنىڭ دوستىمىز تەۋپىق مانا قانداق كىشىكەن؟“ دېگەندەك قىلىپ، مۇلازىم يىگىتلەرگە ۋە تۇراداخۇنغا قاراپ قويدى.
مەمتىلى ئەپەندى بالىلارنىڭ ئارقىسىدىن مەمنۇنىيەت، مېھرىۋانلىق، زوقلىنىش، شۇنداقلا ئېچىنىش ئارىلاشقان سۇس كۈلۈمسىرىشى بىلەن قاراپ تۇرۇپ ئۇزىتىۋەتكەندىن كېيىن، دوستلىرىغا  قارىدى:
— كەچۈرىسىلەر، زېرىكتۈرۈپ قويمىغاندىمەن؟ ــــ دېدى ئۇ.
— ياق، ئەپەندى، ئەكسىچە، بەك ياخشى بولدى،— دېدى ئەخمەد ئەپەندى خىيالچانلىق بىلەن. مەمتىلى ئەپەندى ”ئۇنىڭ دېگىنى راستمۇ؟“ دېگەندەك  توختاجىغا قارىدى ۋە:
— ئەمدى نۆۋەت سىلەرگە، دوستلار، بىردەم مۇقاملاردىن مۇڭ قىلايلىمۇ؟ —  دېدى.
— قوللىرى  دەرت كۆرمىسۇن، شۇنداق قىلسىلا، —  دېدى توختاجى جانلىنىپ.
تەۋپىق تارلارنى تىرىڭشىتىپ تىڭشاپ، ئاندىن قايتىدىن سازلىدى، تەمبۇر غەمكىن تىرىڭلاپ، ئارقىدىن شوخ كۈيلەرنى، شاد- خوراملىقنى ھىكايە قىلىشقا باشلىدى. تەۋپىق راكنىڭ بىرىنچى داستانىنى ناھايىتى بەلەن ئاۋازدا ئوقۇدى:

ئەي دىلا گۈل ۋاقتىدا گۈلزارىدىن ئەندىشە قىل،
ئۈزمىگىل بىھۇدە گۈلنى كارىدىن ئەندىشە قىل.
كىمكى كىردى بۇ چىمەنگە تا گۈلنى ئۈزمەي يانمىدى،
ئارى- ئارى گۈل ئۈزەرسەن خارىدىن  ئەندىشە قىل.
پاشا كىم بىدارلىقىدىن ئىچتى ئادەم قېنىنى،
بەزى- بەزى مەردۇمى  بىدارىدىن  ئەندىشە قىل.
راست گېپىڭنى ئېيتمىغىل ھەركىمنى سەن مەھرەم بىلىپ،
ئاقىل ئەرسەڭ مەھرەمۇ ئەسرارىدىن  ئەندىشى قىل.
گەنجى- گەنجى،  زاھىر  ئەتمە، تۇت ناھان   ئەلدىن نېرى،
تاپسا شەھۋەت زالىمى بەتكارىدىن ئەنشىدە قىل.
*
**
تۇرداخۇن تاماقنىڭ تەييار بولغانلىقىنى خەۋەر قىلىش بىلەن ناخشىنى ئۈزۈپ قويۇپ، مېھمانلارنىڭ كەيپىنى بۇزىۋېتىشتىن خىجىل بولۇپ تەمتىرەپ تۇراتتى، توختاجى بۇنى سېزىپ، مەمتىلى ئەپەندى بىر ناخشىنى تۈگىتىپ، بىرىنى باشلىغىچىلا ئۇنى نوقۇپ:
— رەخمەت، ئەپەندىم، سەپەرنىڭ ھاردۇقىنى چىقاردىلا، ئەمدى ساھىپخاننى ساقلىتىپ قويمايلى، —  دېدى.
مەمتىلى ئەپەندى تەمبۇرىنى تۇداخۇنغا سۇنۇپ:
— ئارزۇلىرىمىزنى يەردە قويمىغىنىڭىز ئۈچۈن رەخمەت ئېيتىشقا تىلىمىز ئاجىز، — دېدى كۈلۈپ.
— يوغسۇ، يوغسۇ،.... —  دېدى. تۇرداخۇن، مۇشۇنداق ياخشى مېھمانلارغا دېگەندەك ئىش قىلىپ بېرەلمىگەنلىكىگە ئۆكۈنۈپ، — قول چايقاشسىلا، — ئۇ چاققان ھەركەتلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قولىغا سۇ بەردى ... تاماق يەپ بولۇشقاندىن كېيىن، بىر ھازا پاراڭ سېلىپ ئولتۇرۇشتى. تۇرداخۇننىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ كىرىشتى، شۇنداق قىلىپ ساھىبخانلارنىڭ خاھىشىغا بويسۇنۇپ، قونۇپ قالدى.
ئەتىسى ئۇپۇق سۈزۈلگەندە مېھمانلار كېتىش ئۈچۈن تەييارلىنىشتى. مەمتىلى ئەپەندى دورا سومكىسىنى ئېچىپ، ئۇنىڭدىن چاپىدىغان مەلھەم دورا ئېلىپ ساھىپخان ئايالغا بېرىشنى ۋە بالىنىڭ بېشىغا قانداق پەرۋىش قىلىش ھەققىدە تاپىلاشنى ئۇنۇتمىدى. باشقا بالىلار ھەققىدىمۇ بىر مۇنچە گەپ تاپىلىدى.
بۇ چاغدا بالىلارنىڭ ھەممىسىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشكەنىدى. چۈنكى ئۇلار تۈنۈگۈنلا مېھمانلارنىڭ  ماڭىدىغان ۋاقتىنى ئۇقىۋالغاچقا، ئىنتايىن سەگەك يېتىشقانىدى. مەمتىلى ئەپەندى بالىلارنىڭ ھەممىسىنى بىر- بىرلەپ سۆيۈپ خوشلاشتى. بىراق، بالىلار دەريا بويىغىچە بىللە بارىمىز دەپ تۇرىۋېلىشتى. تۇداخۇن بالىلارغا كايىدى. لېكىن، مەمتىلى ئەپەندى گەپنى ئۇزارتماسلىق ئۈچۈن گەپ- سۆزسىزلا تەلەيقىزنى كۆتىرىۋالدى، ئاندىن مەڭدەپ قالغان قېيىقچىغا:
— مەيلى، بارسا بارسۇن، بىز شۇ يەردە خوشلىشايلى،— دېدى.
تۇرداخۇن ئامالسىز قالغاندەك ئايالىغا قاراپ بېشىنى ئېغىپ قويۇپ، تەۋپىقنىڭ مۈرىسىدىكى دورا سومكىسىنى ئالدى- دە، مېھمانلارنى باشلاپ يۈرۈپ كەتتى.
كوچىدا تۈنۈگۈن ناخشا ئۈگەنگەن بالىلارنىڭ ھەممسى ۋە تۈنۈگۈنكى قىزىق مۇراسىمغا قاتنىشالماي قالغان بالىلارمۇ كۈتۈپ تۇرىشاتتى. ئۇلار ئاخشام سۇلايماندىن مېھمانلارنىڭ تاڭ سەھەردە يولغا چىقىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدى. مېھمانلار ۋە ئاساسەن ئۇششاق بالىلاردىن ئىبارەت بولغان ئۇزاتقۇچىلار قۇملۇق ساھىلىنى بويلاپ، نەم قىرغاققا روشەن ئىزلارنى قالدۇرۇپ، كېچىككە قاراپ كېتىشتى. باھارنىڭ قوياشى شەرق ئۇپۇقىنى قىزارتىۋەتكەن، ھاۋا نەم ۋە سوغۇق ئىدى. سەھەرنىڭ جىملىقىدا دەريانىڭ شاۋقۇنى ئالاھىدە ئاڭلىناتتى. ئۇلار كېچىككە يېتىپ كەلدى. مۇلازىم يىگىتلەر چۆمۇدانلارنى قېيىققا سالدى. مەمتىلى ئەپەندى ئۇلارنىڭ خىزمىتى ئاخىرلىشىپ قايتىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ سەل- پەل كۆڭلى يېرىم بولدى:
— خەير، ئۇكىلار، سىلەرنى تازا ئاۋارە قىلدۇق —  دېدى ئۇ تەسىرلىك ئاھاڭدا.
— ئانداغ دېمىسلىيا، بولسىغۇ قەشقەرگىچە ئاپىرىشپ بەرسەك بولاتتى، ئەممازە بەك يىراققا كېتىپ قالىدىكەنمىز، ھېلىمۇ سىلىگە چىدىماي شۇ، قاغىلىقتىن يانىمىز، پوسكامدىن يانىمىز دەپ مۇشۇ يەرگىچە كەپتۇق... —  دېدى. ئۇلار يىغلامسىرىغاندەك ئاھاڭدا. كۆڭلىدە بولسا دەسلەپ ياللانغاندا مېھمانلاردىن پۇل ئالغىنى ئۈچۈن خىجىل بولۇپ قېلىشقاندەك قىلاتتى.
توختاجى بىلەن ئەخمەد ئەپەندىلەرمۇ بىر- ئىككى ئېغىزدىن تەكەللۇپ ئېيتىپ، ئۇلار بىلەن خوشلاشتى.
تۇرداخۇن قېيىقنى يەشكىچە تەۋپىق تەلەيقىزنى يەرگە قويۇپ پىشانىسىدىن سۆيدى ۋە:
— خەير، قىزىم، —  دەپ خوشلاشتى،- دە قېيىققا سەكرەپ چىقىۋالدى.
— ئۇكاڭلارنى ئېلىپ ئۆيگە كېتىڭلار، بالام، — دېدى تۇرداخۇن سۇلايمانغا، قېيىقنى سايازدىن ئىتتىرىپ چىقىرىۋىتىپ.
— ياق، كەتمەيمىز، سەن كەلگىچە تۇرىمىز، —  دېدى ئوغلى خاتىرجەملىك بىلەن.
تۇرداخۇن قېيىقنى سايازدىن ئىتترىپ چىقارغىچە مەمتىلى ئەپەندى قىرغاقتا تۇرغان بالىلارغا:
— ئاخشام ئۈگەنگەن ناخشىنى ئۇنتۇپ قالمىغان بولساڭلار سۇلايمان، ئوغلۇم، سەن باشلاپ بەرگىن، —  دېدى.
سۇلايماندا بالىلارغا خاس ماختىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ، تەڭتۇشلىرىغا ئىشەشسىزلىك بىلەن بىر قاراپ قويغاندىن كېيىن گېلىنى قىردى ۋە ناخشىنى باشلىدى.
ئالدىراپ قالغان بالىلار دەرمەھەل ناخشىغا جۈر بولۇپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ، بىر- ئىككىدىن باشلاپ، ئاندىن ئومۇمىي خورغا ئايلاندۇرۇشتى. مەمتىلى ئەپەندى دولقۇنلار ئىچىدە ئېقىم  يۆنىلىشى بىلەن قىيپاش تۆۋەنگە سۈرۈلۈپ كېتىۋاتقان قېيىق ئۈستىدە تۇرۇپ، بالىلارنىڭ ساھىلنى زىل- زىلگە كەلتۈرىۋاتقان ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، توختىماي قول بولاڭشىتتى. شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قوياشنىڭ نۇرى تارام- تارام بولۇپ، غەرب تەرەپ ئاسمىنىدىكى بۇلۇتلارنى قىزارتقان، شۇنداقلا دولقۇن يۈزىدە جىلۋە قىلىپ جىمىرلايتتى.
مەمتىلى ئەپەندى ئۇ قاتتا قالغان بالىلارغا قاراپ گويا ياخشى كۆرگەن كىشىسى بىلەن ئەبىدىلىككە خوشلىشىۋاتقاندەك قىيماسلىق تۇيغۇسىدا يۈرىكى ”شۇر“ قىلىپ ئېغىپ كەتتى. ئۇنىڭ خىيالى تۈركىيىگە كېتىش ئالدىدا شەمەيدە قالغان ئايالى سەرۋەر ۋە ئوغلى ئابدۇسەمەت تەرەپكە كەتكەنىدى...  ئارقىدىن تۈركىيىدىن يولغا چىقىش ئالدىدا شەپقەتچىسى ئابدۇللا ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ يالغۇز قىزى ئەدىبە بىلەن خوشلاشقان چاغلىرىمۇ كۆز ئالدىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، ئېغىر، مۇڭلۇق ۋە تەسىرلىك مىسرالارغا ئايلىنىشقا باشلىدى. بۇ چاغدا ئەخمەد ئەپەندىمۇ تۈركىيىدىن يولغا چىقىش ئالدىدا ئايالى ۋە ئوغلى بىلەن خوشلاشقان چاغلىرىنى ئەسلىمەكتىدى ... ئۇلار شىمالىي قىرغاققا يېتىپ كەلدى. تۇرداخۇن مېھمانلارنىڭ يۈك- تاقىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ قۇرۇق يەرگىچە ئاپىرىپ بەردى. توختاجى ئۇنىڭغا پۇل تەڭلىۋىدى، ئۇ خاپا بولۇپ:
— نېمە قىلىۋاتىلا، ئەپەندىم؟ كەمبىغەل بولساممۇ ئادىمەتچىلىكنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق ـ  يا، —  دېدى.
— سىزنى دېسەكقۇ بەرمىسەكمۇ بولاتتى، —  دېدى مەمتىلى ئەپەندى توختاجىغا بولۇشۇپ،— لېكىن بالىلارغا كۆڭۈلدىكىدەك سوۋغا قالدۇرالمىدۇق، شۇڭا بۇ بىزنىڭ بالىلارغا تۇتقان سوۋغىمىز بولسۇن —  تەۋپىق كۈلۈمسىرەپ گەپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئاۋازىدا ئۆزىگىلا خاس بولغان، رەت قىلىۋېتىش قىيىن بولغان بىرخىل كۈچ بار ئىدى.
تۇرداخۇن ھېچنەرسە دىيەلمىدى. پۇلنى ئالغاندىن كېيىن ئاۋازى تىترىگەن ھالدا:
—  خەير- خوش، ئاقيول بولسۇن، خۇدايىمغا ئامانەت! — دېدى ۋە بوش ئاۋازدا قوشۇپ قويدى، —  يىمىسەكمۇ ئىچمىسەكمۇ بالىلارنى ئوقىتمىز، خۇدا بۇيرىسا...  يەكەنگە ئاپىرىپ قويىمەن، ئۇ يەردە تاغىسى بار...  — ئۇ بۇ گەپلەرنى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بالىلارنى ئوقۇتۇش ھەققىدىكى تاپىلاشلىرىغا قارىتا ئېيتىۋاتاتتى.
ئۇلار خوشلاشتى. تۇرداخۇننىڭ قېيىقى دولقۇنلار ئۈستىدە لەپەڭشىتىپ ئارقىغا قاراپ ئۈزۈپ كەتتى. يولۇچىلارنىڭ ئالدىدا كاچۇڭ يېزىسى سەھەر قوياشنىڭ نۇرىغا پۇركىنىپ ياتاتتى. ئۇلار بۇ يەردىن يەنە ئىككى ئادەم ياللاپ، سەپىرىنى داۋام قىلاتتى.
توختاجى دوستىغا چاقچاق قىلىپ:
— ئەپەندى، ئەرەپلەرمۇ، ھىندىلارمۇ، ئوردۇلارمۇ سىلى بىلەن بىردەمدىلا چىقىشىپ قالىدىكەن ھەم تېخى ئايرىلىشقا كۆز قىيماي كۆزلىرىگە ياش ئالىدىكەن، سىلىدە نېمە خاسىيەت بار؟ —  دېدى.
تەۋپىق جاۋابەن ئېچىلىپ- يېيىلىپ كۈلۈش بىلەن چەكلەندى.

ئـۈچـىـنـچى بـاب


1

مـ
ارتنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى.
بۇندىن سەل ئىلگىرى قەشقەر ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان خوجانىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قوزغۇلاڭچى قوشۇنلار بىلەن يېڭىشەھەرگە بېكىنىۋالغان ما جەنسىڭ قوشۇنلىرى ئارىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇھاسىرە ئۇرۇشى ئاياقلىشىپ، نىسپىى تېنچلىق شەكىللەنگەنىدى. قوزغۇلاڭچىلارنىڭ ئاساسىي قىسمى مەھمۇد مۇھىتى باشلامچىلىقىدا يەكەنگە كەتكەن؛ ”شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى“ نىڭ شامەنسۇر، ئەمىر ساھىپ نۇرمۇھەممەت باشچىلىقىدىكى ئەسكەرلىرى يېڭىسارغا جايلاشقان ئىدى. بۇ چاغدا خوجانىياز ھاجى ئۈرۈمچىدىن كېلىۋاتقان مافۇيۈەن قىلىسملىرىنى توسۇش ئۈچۈن مارالبېشىغا بىر بۆلۈك ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئۆزى ئاققاش ئەتراپىدا تۇراتتى. مارالبېشىدىكى توسۇپ زەربە بېرىشنىڭ مۇۋەپپىقىيەتسىز بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئاتۇش ئاغۇ بىلەن تەڭگە تار تەرەپكە چېكىندى. مافۇيۈەن قىسملىرى ئارقىدىن قوغلاپ تەڭگە تارغا كەلگەندە خوجانىياز ھاجى ئەپلىك يەر شارائىتىدىن پايدىلىنىپ دۈشمەننى چىكىندۈرىۋىتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن توختاپ قالغان ئەركەشتام سۆھبىتىنى داۋام قىلىش ئۈچۈن كەتكەنىدى.
مافۇيۈەن قىسىملىرى قەشقەرگە كېلىپ ماجەنساڭ قوشۇنلىرىغا قوشۇلغاندىن كېيىن، 27- مارت تاڭ سەھەردە يېڭىسارغا ھۇجۇم باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن نىسپبى تېنچلىق بۇزۇپ تاشلاندى. ئەمىر ساھىپ نۇرمۇھەممەت بەرداشلىق بېرەلمەي، سېپىل دەرۋازىلىرنى تاقاپ مۇداپىئە كۈرىشى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ چاغدا مەھمۇد مۇھىتىلار يەكەندە ئىدى. ئۇلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دەرھال يېڭىسارغا قاراپ ئاتلاندى.
*
**
”مامۇت  سىجاڭ ئەسكەر باشلاپ يېڭىسار بازىرىغا كىرىۋاتغۇدەك“ دېگەن خەۋەر ھايت- ھۇيت دېگىچە پۈتۈن بازارغا پۇر كەتتى ھەربىيلەرنى كۆرسە قورقىدىغان توخۇ يۈرەكلەردىن باشقا كىشلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كوچىلارغا چىقىپ يەكەن دەرۋازا تەرەپتىن كېلىۋاتقان جەڭچىلەرنى زور ھۆرمەت ۋە ئىشەنچ ئىچىدە كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزەتتى.
ئەڭ ئالدىدا 45 ياشلار چامىسىدىكى ئورتا بويلۇق، گەۋرە كەلگەن،  كالتە سېرىق ساقال، كەڭ يۈزلۈك، بۇغداي ئۆڭلۈك، قىلىچ ھەم تاپانچىلار بىلەن قوراللانغان ئىنتايىن سۈرلۈك، يوغان كۆزلىرىدىن  كىشنى تىترىتىدىغان ئاللىقانداق نۇر چېچىپ تۇرغان كىشى كېلەتتى. ئۇنىڭ قېشىدا قوش تاپانجا ۋە قىلىچ ئېسىۋالغان چەبدەس بىر يىگىت ياندىشىپ كېلەتتى.
— ئاشۇ سۈرلۈك ئادەم مامۇت سىجاڭ دېگەن شۇ! — دېدى ھەممىدىن خەۋەردار، پاراڭچى سارايۋەن ئۆزىنىڭ ھەممىنى سوراپ تۇرغۇچى مېھمىنىغا ھېلىقى ئورتا بويلۇق، كالتە سېرىق ساقال كېشىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، —  قېشىدىكىسى ئۇنىڭ نەۋكىرى  ئىلياس، ئۇ يىگىت مامۇت سىجاڭنىڭ قورۇقچىلىرىغا باشلىق.
سارايۋەننىڭ قېشىدا قورشاۋدىن بۇرۇن يېڭىسارغا كېلىپ، سارايۋەنگە مېھمان بولۇپ تۇرۇپ قالغان مەمتىلى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى تۇراتتى. سارايۋەن قېرىندىشىدەكلا بولۇپ قالغان كىچىك بۇرۇتلۇق بۇ ئەپەندىگە بۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆپ سۆزلەپ بەرگەن، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭغا مۇشۇ يىللاردىكى زور ۋەقەلەرنىڭ ئاساسلىق قەھرىمانلىرنى كۆرسەتمەكتە ئىدى.
— ئاينا ئاۋۇسى قۇربان نىياز،... ئاۋۇ قۇربان سەئىدى، —  سارايۋەن ھەر بىر بۆلۈنمىنىڭ ئالدىدا كېلىۋاتقان ئوفىتسىرلارنى تونۇشتۇراتتى، —  ئاۋۇ سەمىتاجى، ئاۋۇسى غوپۇر، بۇلار تەنجاڭلار  .
— تاغا، سىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوبدان بىلىدىكەنسىزغۇ؟ —  دەپ سورىدى مەمتىلى ئەپەندى قوشۇنلار ئۆتۈپ بولۇپ، ئۇلار سارايغا قايتىپ كېتىۋاتقاندا.
— ئۇلار بۇندىن ئىلگىرى يەكەنگە ئۆتكىچە چوڭلىرىنى تونىۋالغان گەپ بولمامدۇ. ھەم ئۆزۈمنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر تونۇشۇم بار، ئۆزى چوڭ كاتتىۋاش ئەمەس، ئەسكەر باشلىقى، يۈز بېشى چېغىمدا، ئۇنىڭ ئېتى ئابدۇنىياز، ئۆزى مامۇت سىجاڭ بىلەن تۇرپاندىن تاتىپ بىللە كەلگەن يىگىت. ئۇنىڭ بىلەن خېلى ئوبدان تۇنۇشلارىدىنبىز. ئەگەر چولىسى تەگسە مېنى ئىزدەپ كېلىپمۇ قالىدۇ، چېغىمدا، —   دېدى سارايۋەن ئىشەنچ بىلەن.
سارايغا قايتىپ كىرىشكەندىن كېيىن مەمتىلى ئەپەندى ھامان ئۇرۇش ھەققىدە باشقىلارنىڭ پىكرىنى بىلىشكە تىرشىپ گەپ كوچىلىدى. باشقىلارمۇ ئۇرۇشنىڭ چاپسانراق ئاياقلىشىپ ئۆيگە پاتراق يېتىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىشاتتى. شۇڭا ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىدا ئۇرۇش ھەققىدە گەپ بولىۋاتاتتى.

******

مەھمۇد مۇھىتى يېڭىسارغا كېلىپلا ئەسكەرلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئەمىر ساھىپ نۇرمۇھەممەت ئەسكەرلىرىدىن سەپنى ئۆتكۈزىۋالدى. تۇڭگانلار ماڭشىن تەرەپتىن سېپلغا يېقىنلىشىشقا تىرىشاتتى. سېپىل ئۈستدىكىلەر ئۇلارغا يېقىنلىشىش ئىمكانىيىتى بەرمەيتتى. ئۇرۇشتا شامەنسۇرنىڭ پۇتىغا ئوق تېگىپ، ئەمىر ساھىپ نۇرمۇھەممەدنىڭ ئەسكەرلىرى پۈتۈنلەي سەپتىن چېكىنىپ چىقتى. جەڭگاھتا پەقەت مەھمۇد مۇھىتى قوشۇنلىرىلا قالدى.

2

كۈلكە شۇنچىلىك قۇدرەتلىككى، ئۇنىڭغا جاھاندىكى ھەر قانداق مەن-  مەن دېگەن كىشلەرمۇ بوي سۇندۇ.  
—ئېمىل زورلا

بۇ چاغدا سارايدىكى مېھمانلار كېچە جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ ئاندا - ساندا ئېتىلىۋاتقان ئوق ئاۋازلىرىغا قۇلاق سېلىپ ئولتۇرۇپ، مۇشۇ ۋەزىيەت ھەققىدە سۆزلىشەتتى. ئۇلارنىڭ  ھەممىسىدە ئازدۇر-كۆپتۇر تەشۋىش بار ئىدى. تەۋپىقنىڭ ھەمراھلىرىدىن باشقا سارايدا يەنە بىر قانچە سودىگەر ۋە ھەر خىل يولۇچىلارمۇ بارىدى. سودىگەرلەرنىڭ قولىدا پۇللۇق مال بولغاچقا ھەممىدىن بەك تەشۋىشلىنەتتى. ھەتتا بەزىلەر خوتۇن- بالىلىرىنى كۆرەلمەي  ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ يىغلاشقا باشلىغانىدى.
— ۋەتەنداشلار، ئۇرۇشقا ئاز- پاز بولسىمۇ پايدىمىز تەگسە، غەمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەسسىمىزنى قوشساق ياخشى بولاتتى، —  دېدى مەمتىلى ئەپەندى تىت- تىت بولۇپ.
— نېمە دەيدىغانلا، ئەپەندى؟ زېرىكىپ قېلىۋاتقان ئوخشىماملا؟ —  دېدى  توختاجى بېشىنى چايقاپ، —  بىز ئۆزىمىزنىڭ جېنى بىلەن ھەلەك، سىلى تېخى...  يوق گەپنى قىلماي ئىچلىرى پۇشقان بولسا ساز چېلىپ بەرسىلە، ئۇمۇغۇ كۆڭۈل خاتىرجەم بولسا تېتىيدىغان نېمە...
— شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇرۇشنى پاتراق تۈگىتىش ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشساق دەيمەن ـ  دە، قولىمىزغا قورال ئالايلى، مەھمۇد مۇھىتى ئالدىغا بارساق بىزگە قورال بەرمەسمۇ؟
شۇ چاغدا سارايۋەن خوشال ھالدا كىرىپ كەلدى.
— مەن دېمىدىممۇ، ئابدىنىياز بىلەن بىز ئانداق-  مۇنداق تونۇشلاردىن ئەمەس، ئۇ چوقۇم مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىدۇ، دېمەپمىدىم. مانا، دېگىنىمدەك ئۇ مېنى ئىزلەپ كەپتۇ، —  دېدى ئۇ ۋە ئارقىسىدىكى بەستلىك ئادەمنى كۆرسەتتى، —  مانا ئۇلار، مەن بۇ كىشىگە سىلەرنىڭ گېپىڭلارنى قىلىپ بېرىۋىدىم، ئۇ كۆرۈشۈشكە قىزىقىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىردەم-  يېرىمدەم گەپلىشىپ ئولتۇرىمىز دەپ باشلاپ  كەلدىم.
سارايۋەن ئۇنى تونۇشتۇردى. مەمتىلى ئەپەندى ئۇنىڭدىن ئۇرۇش ۋەزىيىتى ھەققىدە سوراشقا بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ خوشال بولدى. ئۇلار ئولتۇرۇپ بولۇشقاندىن كېيىن مەمتىلى ئەپەندى ئابدىنىيازدىن سورىدى:
— ئۇ گەپلىرىنى قويسىلا، ئەپەندى، —  دېدى سودىگەرلەردىن بىرى، —  بىز قاچانغىچە تۆشۈككە بېكىنگەن چاشقاندەك ئولتۇرىمىز، دەپ سورايلى ئاۋۋال.
— تۇڭگانلار بىزنى چاشقان تۆشۈكىگە كىرىۋېلىشقا مەجبۇر قىلغاندىكىن ئۈستۈنلۈك ئەلۋەتتە شۇلار تەرەپتە بولىدۇ ـ دە! — ئابدىنىيازنىڭ ئاۋازىدا نارازىلىق سېزىلەرلىك جاراڭلاپ تۇراتتى.
— بۇ ھالەت قاچانغىچە داۋاملىشار؟
— بىزنىڭ ئوقىمىز تۈگەپ تۇڭگانلارغا تەسلىم بولغىچە! يا بولمىسا يېڭىسارنى تاشلاپ قاچقىنىمىزغىچە داۋاملىشىدۇ!
مەمتىلى ئەپەندى ئابدىنىيازنىڭ كۆڭلىدە يوشۇرۇن بىر نەرسە بارلىقىنى ھېس قىلدى. ھەمدە ئۇنىڭ يۈرەكلىك، دادىل ئادەم ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى.
— قارىغاندا، كۆڭلىڭىزدە غۇمىڭىز باردەك تۇرىدۇ، ئويلىغانلىرىڭىزنى دەپ باقمامسىز، ھېچ بولمىسا قورسىقىڭىز بوشاپ قالار، —  دېدى مەمتىلى ئەپەندى دوستانىلىق بىلەن، —  كىم بىلىدۇ ”ھەر سۆڭەكتە يىلىك بار، ھەر كۆينەكتە بىر ئەركەك“ دېگەندەك تېخى سىزگە ياردىمىمىز تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ئابدىنىياز بۇ يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان، چىقىشقاق ئادەمگە لەپپىدە قاردى. ئارقىدىن ئەخمەد ئەپەندى، توختاجىلارغىمۇ بىر- بىرلەپ قاراپ گويا ”سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن نېمە كېلەر“ دېگەندەك باش چايقاپ قويدى.
— دوستۇم، قارىغاندا بىزنى مەسلىھەتكە  يارىمايدۇ، دەپ ئويلاۋاتقاندەك تۇرىسىز، مەن سىزگە شەيخ سەئىدىنىڭ مۇنۇ مىسرالىرىنى ئوقۇپ بېرەي:
بەزىدە كاللىسى ئۆتكۈر دانادىن
چىقمايدۇ دۇرۇسراق تەدبىر - مەسلىھەت.
بەزىدە ئۇقۇشماي بىر گۆدەك نادان —  
ئوق ئاتسا، نىشانغا تېگىدۇ ھەيۋەت.
— بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟
ئابدىنىيازنىڭ چېگىشىپ تۇرغان كۆڭلى بىردىنلا ئېچىلىدى. ئۇ سۆھبەتداشلىرىنىڭ ئاددىي ئادەملەر ئەمەسلىكىنى، ئۇلار ئالدىدا كۆرەڭلىك قىلىپ قويغىنىنى ھېس قىلىپ، كۆڭلىدىكى نارازىلىقىنى، قارىغۇلارچە قىلىنىۋاتقان ئۇرۇشنى بىر- بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ پىلانىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.
— مەنچە بولسا سېپىل ئىچىگە سولۇنۇپ يېتىپ مۆكۈشمەك ئوينىماي، سىرتقا چىقىپ ئۇرىشاتتىم! ھاڭگىتلىق  تەرەپتىن بىر بۆلۈك  ئەسكەر چىقىرىپ، چولانئېرىق، قوشمە تەرەپلەر بىلەن ئايلىنىپ سىتلىگە   — تۇڭگانلارنىڭ ئارقىسىدىن كېلىدىغان بولسا لومودى  چولاقنىڭ  كۆرگۈلىكىنى كۆرسەتكىلى بولاتتى!
— ئۆزىڭىزنىڭ تەدبىرىنى نىمىشكە باشلىقىڭىزغا ئېيتمايسىز؟ — دەپ سورىدى مەمتىلى ئەپەندى.
— شۇنى دەيمەن، —  دەپ لوقما سالدى توختاجى، —  تەدبىرلىرىغۇ خېلى جايىدا تۇرىدۇ. نىمىشكە سىناپ بېقىش ئۈچۈن باشلىقلىرىغا دېمەيلا؟
— دېسەم ئاڭلىسىغۇ، بىر نۆرى، ئاڭلىماي قالسا، تېخىمۇ چاتاق يېرى ”ماڭا ئاقساقاللىق قىلىپ ئەقىل ئۈگەتمەكچىمۇ“ دەپ يامان كۆرۈپ قالسا پايدىسى يوق ـ  تە.
— ئىنقىلاپچىلار ئەگەر بىر نىيەتكە كەلمىسە، توغرا پىكىرنى قوبۇل قىلىپ، خاتانى تۈزەتمىسە قانداقمۇ غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ؟ قارىغاندا بۇ ئىش بەك مۇھىم ئىكەن، مەن بۇ ئىشقا بەك دەقەت بولىۋاتىمەن. ئەگەر سىز ئېيتىشنى خالىمىسىڭىز مانا مەن ئېيتىمەن. توپ- توغرا مەھمۇد مۇھىتىنىڭ ئۆزىگە ئېيتىمەن. شۇنداق قىلسام بولارمۇ؟
— سىجاڭنىڭ ئۆزىگە؟!...
— ھەئە، بولمامدۇ؟ ئۇ كىشى ئىنىقلاپ باشچىلىرىدىن بىرى بولغاندىكىن ئەلۋەتتە بۇنىڭغا توغرا قارار؟ بولمىسا ئىنتايىن خاتا قىلغان بولۇدىغۇ؟
— ئۇ كىشىغۇ توغرا پىكىرلىك ئادەم، بىراق... —  ئابدىنىياز توختاپ قالدى.
— ئۇ دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك  ئەڭ مۇھىم  ئىشتىن بىرى مۇشۇنداق ئىشلار تۇرسا، ئۇ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەس؟ ھازىرلا بېرىپ ئېيتسام بولارمۇ؟
— بۇ چاغ بولغاندا بەك ئەپسىز بولار، ئەتە بارالا، —  دېدى  سارايۋەن گەپ قىستۇرۇپ.
— سىز بۇ ئىشقا راستىنلا  بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتتىڭىزغۇ؟ —  ھەيران بولۇپ سورىدى ئابدىنىياز:
— نىمىشكە كۆڭۈل بۆلمەيدىكەنمەن؟ ئىنىقلاپ يالغۇز ھەربىيلەرنىڭلا ۋەزىپىسىمۇ؟ ئۇ پۈتۈن خەلقنىڭ، ھەر بىر پۇخرانىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسۋەتلىك تۇرسا كۆڭۈل بۆلمىسەم بولامدۇ؟ قانداق، ئەپەندىلەر؟ —  ئۇ ھەمراھلىرىغا قارىۋىدى، ئۇلار باش لىڭشىتىشتى.
مەمتىلى ئەپەندى كۆپچىلىكنىڭ مەسلىھەتى  بىلەن ئەتىسى ئەتتىگەندە مەھمۇد مۇھىتى بىلەن كۆرۈشۈشكە نىيەت قىلدى.  ئابدىنىياز ئەتىسى ئەتىگەندە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بولغاچقا بالدۇرراق ئارام ئېلىش  ئۈچۈن مېھمانلار بىلەن خوشلاشتى.
— يەنە كۆرۈشۈپ قالارمىز، —  دېدى ئۇ بۇ يېڭى تونۇشلىرىغا ئەمدىلا كۆڭلى چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، —  بىزنىڭ دوستىلىقىمىز مۇشۇ يەردىن باشلانسۇن.
— بەلكىم ئەتىلا مەھمۇد مۇھىتى ئالدىدا ئۇچرىشىپ قالامدۇق، تېخى. مەن سىزنى ئۇ كىشىنىڭ دېققىتىگە ھاۋالە قىلماقچىمەن. تەدبىرلىك سۇبايلار نى بايقاش قوماندان دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى ـ دە!
— رەھمەت ، ئەپەندىم، ¬—  ئابدىنىياز ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ خوشلىشىپ سارايدىن چىقىپ كەتتى.
*
**
― مەممەم! مەممەم!  نېمە ئادەمسىلەر؟ بۇ يەردە توي بولىۋاتمايدۇ، ئۇرۇش! جەڭ! ئادەم ئۆلىدىغان  گەپ! — سېپىلغا  چىقىپ كېتىۋاتقان مەمتىلى ئەپەندى، توختاجى، ئەخمەد ئەپەندىلەرنى قاۋۇل بىر ئەسكەر توسىۋېلىپ شۇنداق دېدى:
ئۇلار مەھمۇد مۇھىتنى ئۇچرىتالماي، جەڭ مەيدانىغىلا كېلىشكەنىدى. سېپىل ئۈستىدە ۋە سېپىلنىڭ ئۇ تەرىپىدە ھېلىدىن- ھېلىغا ئوق ئاۋازلىرى، گۈمبۈلىگەن پارتلاش سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ھاۋا بوشلىقىدىن سېپىل ئىچىگە قاراپ ئوقلار ئۇچۇپ ئۆتەتتى.
— بىزمۇ تويغا ئەمەس، سوقۇشقا كېلىۋاتىمىز، ئىنىم! نېمە، بىزنى مىلتىق تۇتالمايدۇ دەمسىز؟ — دېدى مەمتىلى ئەپەندى كۈلۈپ.
— بولمايدۇ، بۇياققا چىقماڭلار! — جەڭچى بىردە ئۇلاردىن گۇمانلانسا بىردە ئۇلارنى بىھۇدە ئۆلۈمدىن توسايتتى، —  جېنىڭلارغا ئۇگىلانمامسىلەر ؟
— قارىغاندا تۇرپانلىقتەك قىلىسىلەر، بۇ دېمەك، مەھمۇد مۇھىتىنىڭ كونا يولداشلىرى دېگەن سۆز ـ  دە، بىزمۇ مەھمۇد مۇھىتى بىلەن كۆرۈشمەكچىدۇق، ئۇ كىشى سېپىلدىكەن.
—  سىجاڭ بىلەن؟ ئۇ ئادەم بېشىنى قولتۇقىغا قىسىپ قويۇپ ئوقنىڭ ئارىسىدا يۈرسە، بۇلار ئۇنىڭغا مېھمان بولغىلى كەلگەن ئوخشايدۇ، تېخى! — جەڭچى نارازى بولغاندەك ئۇياقتا   دۈشمەن تەرەپكە قورال  بەتلەپ ياتقان ھەمرىيىنى توۋلىدى، —  ھاي، نىمتۇللا، بۇ يەردە بىزگە مېھمان كەپتۇ.
— نىمە مېھمان؟ ئاياللارمۇ؟ — سېپىل ئۈستىدىن سوئال ئاڭلاندى. ئۇلارنىڭ تۇرغان يېرى ھاڭگىتلىق تەرەپ بولۇپ، ئۇلار بۇ يەردە پەقەت تاسادىپيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈزەتتە تۇراتتى. ئۇرۇشنىڭ قايناۋاتقان يېرى ماڭشىن تەرەپتە ئىدى.
— ياق، سون سون  ئەپەندىلەركەن، سىجاڭ بىلەن كۆرىشىمىز دەيدۇ.
ـ نېمە؟ توختا، مەن قاراپ باقاي، ـ  نىمىتۇللا بۇ تەرەپكە كېلىپ ئەپەندىلەرگە بىر- بىرلەپ قاراپ چىقىپ،  — سىجاڭنى نىمە قىلىسىلەر؟ بۇ يەر بەك خەتەرلىك، سىجاڭ بىلەن جاھان تىنچىغاندا كۆرۈشەرسىلەر،— دېدى.
— ھوي، ئىنىم، بىز بالا ئەمەسقۇ؟ بىزمۇ جەڭ قىلىمىز دەپ كەلدۇق، نېمە، بىز تۆشۈكتە ئولتۇرىدىغانلاردىنمىدۇق؟
نىمتۇللا ھەمرىيىغا:
— مەڭلىك، سەن قاراپ تۇر، ئۇلار سېپىلغا چىقماي تۇرسۇن، كىم بىلىدۇ، ئادەم دېگەننىڭ ئالىسى ئىچىدە نېمە، مەن باشلىقلاردىن بىرسىگە ئېيتىپ باقاي، —  دېدى ۋە كېتىپ قالدى.
— كۆپ ئۆتمەي ئۇ قايتىپ كەلدى.
— لەنجاڭغا   دېسەم چۈشىنىپ ـ چۈشەنمەيلا ”جەڭ قىلىدىغان ئادەم بولسا كەلسۇن، قولىغا قورال بېرىڭلار“ دەۋاتىدۇ. مەيلى، ئۇ دېگەندىكىن بۇلار چىقىپ كۆرۈپ باقمىسۇنمۇ، جېنىغا ئۇگىلانسا كېتىپ قالار. ھەر ھالدا ئېھتىيات ئۈچۈن بۇلارنى داشۇ   ياققا ماڭدۇرىۋېتىلى، —   دېدى نىمتۇللا.
مەمتىلى ئەپەندى ھەمراھلىرى بىلەن سېپىلغا چىقتى.
— سىجاڭغا قەيەردە يولۇققىلى بولىدۇ، يىگىت؟ — سورىدى تەۋپىق.
— ھەر ھالدا پەسراق تۇرۇپ گەپ قىلىڭ، باشنىڭ لازىمى بولسا، كىم بىلىدۇ بۇ ئەتراپتىمۇ تۇڭگانلارنىڭ پىستىرمىسى بارمۇ، چىڭ قىلىپ بىر ئوق كەلسە بېشىڭىز يوق! سىجاڭنى دەمسىز؟ ئۇ ئادەم ئەمىر نۇرمۇھەممەد بىلەن بىر يەردە بولسا كېرەك، ئۇ كىشىنى بىلىدىغانسىز؟
— نۇرمۇھەمممىدىڭىزنى كىم بىلسۇن، قىزىقكەنسىز، بىز چەتئەلدىن كېلىۋاتىمىز.
— بوپتۇ، مېنى گەپكە تۇتماڭلار، داشۇ قاينىغان يېرىگە بېرىڭلار،  تەلىيىڭلار بولسا كەچتە كۆرۈشۈپ قالارمىز، مەڭلىكاخۇن شۇنداق دەپلا ئۆز ئورنىغا بېرىپ، سېپىلنىڭ سىرتىنى كۈزىتىشكە باشلىدى ۋە نىمتۇللاغا، —  بۇلار ئۆزى زانانە  سارىيىدا ئولتۇرماي ئۆزىگە جاپا سېلىپ نېمە قىلىتىكىن؟ — دېدى.
— دوستلۇققا يارايدىغان ئادەملەردەك قىلىدۇ، بىراق، ھازىر ۋاقتى ئەمەس بولۇپ قالدى ـ دە.
ئۈچەيلەن جەڭنىڭ بارغانسىرى جىددىيلىشىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال مەڭلىكاخۇن كۆرسەتكەن تەرەپكە بېرىپ روتا كوماندىرىدىن قورال تەلەپ قىلدى ۋە ئۇ كۆرسەتكەن جايغا بېرىپ مىلتىقلىرىنى تۆۋەنگە قارىتىپ بەتلەشتى.
توختاجى بىمەھەل يېڭىسارغا كېلىپ بۇنداق ئوشۇقچە دەدىسەرگە چۈشۈپ قالغىنىدىن بىزارلىق ھېس قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ قورال توتقان قوللىرى بىلىنەر- بىلىنمەس تىترەيتى. قاپاقلىرى سېلىنىپ كەتكەن، ھەرىكەتلىرى ئانچە قولاشماي  تۇرۇشلىرىدىن خورلىقى كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى.
ئەخمەد ئەپەندى ئارتۇقچە قىزىشىپ كەتكەن بولۇپ، بارلىق جىمغۇر، ئەمما ھېسياتچان ئادەملەرگە خاس ئىپادىلەر رەڭگى- روھىدىن بىلىنىپ تۇراتتى.
مەمتىلى ئەپەندى توختاجىنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، زاتۋۇرنى تاتىپ مىشەك چىقىرىۋاتقان پۇرسەتتە چېقىشىپ دېدى:
— ئادەتتە باي ئادەملەرنى ئۆلۈمدىن بەك قورقىدۇ، دېيىشىدىغان، سىزنىڭ ھازىرقى ھالىڭىزغا قاراپ، بۈگۈن ئىشەندىم.
توختاجى خاھلار- خاھلىماس كۈلۈپ قويۇپ:
— توۋا قىلدىم، ما ئادەمنى! جان بىلەن ئويناشقاندەك، مۇشۇ يەردىمۇ شۇ مىجەزى بىلەنلا! ئەپەندىم، سىلىدىن ئايرىلىپ قالغۇم كەلمىگەچكىلا ئارقىلىردىن كەلدىم، بولمىسا ئاتىمەن دېسىمۇ كەلمەيتتىم.... بەلكىم بىر سائەت ئىچىدە ئەجەل كېلەر، يەنە نېمە ئانچە خاتىرجەم سىلى؟ قانداقمۇ كۈلگىلىرى، چاقچاق قىلىغىلىرى كېلىۋاتىدۇ؟
— بۇ گەپلىرى بىلەن،«قۇرئانى كەرىم»دىن شۇنداق بىر ئايەتنى ئوقۇغىنىم ئېسىمگە كېچىۋاتىدۇ: «ئەجەل كەلگەندە نەدە بولساڭلارمۇ ئۇ سىلەرنى ئىزدەپ تاپىدۇ، ھەتتا مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ». مانا قارىسىلا، ئەجەل كېلىدىغان بولسا كۈلمىسەممۇ كېلىۋېرىدۇ، ئەپەندىم.
ئۇلار تاكى دىۋېزىيە ئىشتاۋىنىڭ ئالاقىچىسىغا يولۇققىچە جەڭ قىلىپ تۇرۇشتى. جەڭ مەيدانىغىلا ئېلىپ كېلىنىپ تارقىتىپ بېرىلگەن ”ئەسكەر تامىقى“دىن تېگىشلىكىنى ئالدى. گەرچە بۇ بىر ۋاقلىق قۇرۇق نان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا بەكمۇ تاتلىق تېتىدى. ئەخمەد ئەپەندى ئۆزىنى ھەقىقي  جەڭچىگە ئايلاندىم دەپ ئويلىدىمىكىن، خېلى شوخلىشىپ قالغاندەك بولدى. ئۇ مەمتىلى ئەپەندىگە قەلبىدىكىنى ئاشكارىلاپ” ھايات مانا مۇشۇنداق جىددىيلىك ئىچىدە ئۆتسە دەيمەن، كىشى ئارتۇقچە غەملەرنى ئويلاشقا ۋاقت تاپالمىسا...“ دېدى. بۇ بىر ئازاپلىق ئىڭراشقا، ئېغىر دەرت تاتقۇچىنىڭ ئۆز ئۆزىگە ئۆلۈم تىلىگىنىگە ئوخشاش سۆز ئىدى. تەۋپىق ئۇنى چۈشىنەتتى. شۇڭا ئۇ كۆز چاناقلىرىنىڭ ئېچىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇنداق، مەمتىلى  ئەپەندىمۇ مۇشۇنداق جەڭگىۋار ھاياتنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇ تاپ ئۇمۇ ئۆزىنى ھەقىقىي جەڭچىدەك ھېس قىلماقتا. پەقەت توختاجىلا بۇنداق جىددىلىككە، ئېغىرچىلىققا كۆنەلمەيتتى. چۈنكى ئۇ ئۆمرىدە بۇنداق رىيازەتلەرنى چېكىپ باقمىغان، ئاۋۇ ئىككىسىنىڭ بولسا سەرسانلىق — سەرگەردانلىقتا كۆرمىگىنى قالمىغانىدى.
دىۋېزىيە ئىشتابىنىڭ ئالاقىچىسى ئەتىسى چۈشتىن كېيىن بۇيرۇق ئېلىپ پولكوۋنىكلار بىلەن كۆرۈشكىلى كېتىۋاتقاندا مەمتىلى ئەپەندى ئۇنىڭغا  سىجاڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بىرمۇبىر ئىزدەش تورى
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 02:15 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
bahtinur
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 22926
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 75
شۆھرەت: 99 نۇمۇر
پۇل: 539 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

بۇ چاغقىچە ئەجبەبىيلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئۈچ ئەپەندىنىڭ ئۆزلىكىدىن كېلىپ جەڭگە قاتنىشىۋاتقانلىقى  ھەققىدىكى خەۋەر پۈتۈن لېنىيە بويلاپ تارقىلىپ كەتكەندى.
— سىلەرنىڭ جەڭگە  قاتنىشىۋاتقانلىقىڭلارنى سىجاڭمۇ ئاڭلىدى، — دېدى ئىشتاپ ئالاقىچىسى، — ئۇ جەزمەن  سىلەرنى چاقىرىدۇ.

3

كەچقۇرۇن، مەھمۇد مۇھىتى ئىشتابىدا ئۆزلىكىدىن ئۇرۇشقا ئشتراك قىلغان يوچۇن  ئادەملەرنى كۈتۈپ ئابدۇللا داموللا نەئىمى بىلەن ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ يوغان كۆزلىرىدە جىددىيلىك، ئاق سېرىق كەلگەن چىرايىدا غەمكىنلىك بىلىنىپ تۇراتتى. تاشقىرقى بۆلۈمدە مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى ئىلياس مېھمانلارنى كۈتۈپ تۇراتتى. سەلدىن كېيىن  ئىلياس ئىچكىرىگە كىرىپ چاس بەردى:
— مېھمانلار كەلدى، كىرسۇنمۇ؟
— چاقىر، — مەھمۇد مۇھىتى ھاياجانلىنىۋاتقاندەك ئالقانلىرىنى بىر- بىرىگە سۈركەپ قويدى.
ئىلياسنىڭ ئىشىك ئېچىپ بېرىشى بىلەن مېھمانلار بۆلۈمگە كىرىپ كەلدى. مەمتىلى ئەپەندى ئۆزىگە خاس جاراڭلىق، ئىشەنچكە تولغان ئاۋازدا سالام بەردى.  ئارقىدىن توختاجى ۋە ئەھمەد ئەپەندىلەرمۇ  شىلەپىلىرىنى قوللىرىغا ئېلىشتى.
— ۋەئەلەيكۇم ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، رەھمتۇللاھى ۋەبەركاتاھۇ، — مەھمۇد مۇھىتنىڭ روشەن ۋە تولۇق باس ئاۋازى  جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ ئەستايىدىل سالىمى مېھمانلاردا ئىشەنچ پەيدا قىلدى. ئارقىدىن ھەربىيلەرچە پىشقان قوللىرىنى ئۇزۇتۇپ كۈچلۈك ـ كۈچلۈك قول سىقىشىپ كۆرۈشتى.
— كۆرۈپ تۇرۇپسىز، ئاغا، قوللىرىمىز خېلى يىرىكلىشىپ قالدى. ئەسلى قەلەم تۇتۇپ كۆنگەن قوللار ئەلەم تۇتۇش بىلەن خېلى پىشتى، — دېدى تەۋپىق ئوچۇق- يورۇقلۇق بىلەن.
توختاجى دوستىغا ھاي بەرمەكچى بولغاندەك پېشىنى بىلىندۈرمەي تاتىپ قويدى. ئۇ ”سىجاڭ سېنىڭ تەڭتۈشۈڭ ئەمەس، ھۆرمەتتە تۇرغىن“ دېمەكچىدى. بىراق، مەمتىلى ئەپەندى ھەر قانداق ئوردا-ساراي ياكى مەشھۇر ئەرباپ ئالدىدىمۇ ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ، تارتىنمايدىغان كۆنۈپ قالغاچقا، ئومۇمەن ھېچ كىشى ئالدىدا قورۇنۇپ تۇرمايتتى، ئۆزى ياخشى دەپ بىلگەن ئادەملەر ئالدىدا گەپ ياساپ ئولتۇرمايتتى.
— ئاڭلىدىم، ئاڭلىدىم، جەڭگە قاتنىشىپسىلەر، — دېدى مەھمۇت مۇھىتى كۈلۈمسىرەپ، — خوش ئۆزۈڭلار كىم؟ نېمە ئۈچۈن جەڭگە قاتناشماقنى ئىختىيار قىلىپ قالدىڭلار؟
— بىزمۇ مۇشۇ قان- ياشقا تولغان زېمىننىڭ پەرزەنتلىرى. ئەسلىمىز قەشقەردىن. بۇ كىشىنىڭ ئىسمى توختاجى، قەشقەر قىزىل دۆۋىدىكى تۇداخۇنباينىڭ ئوغلى، ئۆزى ھەم سودىگەر، ھەم سەيياھ؛ ئىلىم ئەھلىنىڭ دوستى، ئازادلىق جەڭچىلىرىنىڭ ھامىسى. بىز چەتئەلدە تونۇشقان، ماۋۇ دوستىمىز ئەخمەد ئەپەندى. ئەسلى قەشقەر شەھىرىدىن. ۋەتەننىڭ تەقدىرى، مىللەتنىڭ ئىستىقبالىنى دەپ سەرسان ـ سەرگەردان بولۇپ، ئەل كېزىپ، ئاخىر تۈركىيىدە ئوقۇغان. ئەمدى ئۇ ۋەتەندە ئاقارتىش ئېلىپ بېرىش، ئىنقىلاپقا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتىدۇ. كەمىنىڭىز مەمتىلى ئەپەندى، لەقىمى تەۋپىق، قەشقەر ئاتۇشتن. مېنىڭ كەچمىش ـ كەچۈرمىشلىرىممۇ ئەخمەد ئەپەندىنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، مەنمۇ شۇنداق مەقسەتتە ۋەتەنگە قايتتىم. قورشاۋدىن بىر كۈن ئاۋۋال يېڭىسارغا كېلىپ چۈشكەنىدۇق، تەقدىرى قىسمەتتە بىزنىڭ قورشاۋدا قېلىشىمىز پۈتۈلگەنمۇ  قانداق، بۇ يەردە جەڭلەردىمۇ بولدۇق. دوستىلىرىمغا ۋاكالىتەن ئاخىرىقى سوئالىڭىزغا جاۋابىم شۇكى،  ۋەتەن ھەممىمىزنىڭ، ئىنقىلاپ ھەربىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ بۇرچى، شۇڭا گېزى كەلگەندە ئەلەم تۇتۇشمۇ، قەلەم تۇتۇشمۇ بىزنىڭ كۆزلىگەن مەقسىدىمىزگە ئۇيغۇن.
— ئولتۇرۇڭلار، بۇرادەرلەر، نىمىشقا تۇرىمىز، ئولتۇرۇپ سۆزلىشەيلى، — دېدى مەھمۇد مۇھىتى كۈلۈمسىرەپ. ئۇ مېھمانلارغا ئەمدىلا ئىشەنچ قىلغاندەك ئۆزىنى تونۇشتۇردى، ئاندىن كاتىبى ئابدۇللا داموللىنى تونۇشتۇردى. ھەممەيلە بەھۇزۇر ئولتۇرۇشقاندىن كېيىن، — تۈركىيىدىن كېلىۋاتقان بولساڭلار قەشقەردىكى يۈسۈپ زىيا، مەجىددىن ئەپەندىلەرنى تۇنۇيدىكەنسىلەر- دە، ئۇلارمۇ تۈركىيىدىن كەلگەنلەرىكەن، — ئۇ تەۋپىقنىڭ ئاللىقانداق بىر يەرلىرىنى ئاكىسى مەخسۇد، مۇھىتىغا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا ئوخشىتىپ يۈرىكى دۈپۈلدەپ كەتتى. ”ئۇلارنىڭ سۆزلىرى نەقەدەر ئوخشايدۇ - ھە؟“ دەپ ئويلىدى ئۇ.
— شۇنداق، ئۇ ئەپەندىلەر بىلەن ئوبدان بىلىشىمىز، ئۇلار ئىلگىرىرەك كېلىشكەن. دېمەك، ئۇلار ساق - سالامەت ئىكەن ـ دە؟
— بۇ يەردە ۋەزىيەت شۇنداقلا بولسا قانداق قىلىسىلەر؟ جەڭگە قاتنىشىۋېرەمسىلار؟
— بىز شۈبھىسىز ئىنقىلاپنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالدۇق. ئەمما سىزگە بەزى پىكىر- تەكلىپلەرنىمۇ بەرمەكچىمىز.
— خوش؟ مەنمۇ سىلەرنىڭ كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغىنىڭلارغا قاراپ شۇنداق ئويلىغانىدىم، ئەمسە ئويلىغانلىرىڭىلارنى قالدۇرماي ئېيتىپ بېقىڭلار.
مەمتىلى ئەپەندى يوشۇرۇن ھالدا سېپىلدىن چىقىپ، تۇڭگانلارنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتۈش ھەققىدىكى چارىنى سۆزلەپ بەردى.
— بولىدىغان مەسلىھەتكەن، سىناپ باقساق بولىدۇ. قارىغاندا سىزلەرنىڭ ھەربىي بىلىمىدىنمۇ خەۋىرىڭلار بارىكەن ـ دە؟
— ياق، بىز بۇ ئىشقا ساۋاتىسز، بىراق، قوشۇنىڭىزدا ھەربىي ئىقتىدارى بار ئادەملەرنى ئۇچراتتۇق، ئەگەر ئۇلار مۇۋاپىق ئىشقا قويۇلۇپ، رولىنى جارى قىلدۇرسا ئىنقىلاپ ئۈچۈن بەكمۇ پايدىلىق بولاتتى. ئەپسۇسكى، قوشۇن ئىچىدە مەسىلە ئېغىردەك قىلىدۇ، — تەۋپىق سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە توختاجىنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدى. توختاجى ئۇنىڭغا بولدى قىل دېگەندەك ئىشارە قىلاتتى.
— بىزنىڭ قوشۇندىكى كىمنىڭ ئويلىغان چارىسىكەن بۇ؟
— ئابدۇنىياز، دېگەن ئەسكەر باشلىقى. ئۇ ئۆزىنى يۈز بېشى دېدىغۇ دەيمەن.
— ئابدۇنىياز؟ — مەھمۇد مۇھىتى شۇنداق بىر سوئال قويۇپ سەل تۇرىۋالغاندىن كېيىن ئىلياسنى چاقىرىدى، — ئابدىنىيازنى دەرھال بۇ يەرگە ھازىر قىل!
— خوپ! ئۇ غوپۇر تەنجاڭنىڭ قولىدا، ھازىرلا باشلاپ كېلەي.
ئىلياس چىقىپ كەتتى.
ئابدىنىياز چاپسانلا چاقىرتىپ كېلىندى. ئۇ ئۆزىنى دادىل تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ تەكلىپىنى كونكېرىت ئوتتۇرىغا قويدى. مەھمۇد مۇھىتى ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى يېقىن ئارىدا سىناپ كۆرۈشكە ۋەدە قىلدى.
— قوشۇنىمىزدا يەنە قانداق مەسىلە ئېغىركەن؟ — سورىدى سىجاڭ.
— ھەربى ئىنتىزام ياخشى ئەمەس، ھەربى ئىنتىزامنىڭ ياخشى بولماسلىقى جەڭگىۋارلىقنىڭ سۇسلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جەڭگىۋارلىق بولمىسا ئۇرۇشتا ئۈستۈنلۈك قازانغىلى بولمايدۇ.
— يەنىچۇ؟ — مەھمۇد مۇھىتى  تەۋپىقتىن كۆزىنى ئۈزمەي ئولتۇرۇپ، يەنە بىر قېتىم ئاكىسىنى ۋە ئابدۇخالىقنى ئەسلىدى.
— يەنە ئەسكەرلەردە ئاڭلىق جەڭ قىلىش روھى كەم، ھەتتا يوق. كوماندىرلاردىمۇ شۇنداق. ئىنقىلاپنىڭ دەسلىۋىدە نېمە ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، بارا- بارا ئۇ نىشان سۇسلىشىپ كەتكەندەك، پەقەت باشلىقلىرى ئۈچۈن ”ھاشار“ غا جەڭ قىلىدىغان بولۇپ  قېلىشقان. ئەمەلدارلاردا بولسا، شەخسىي مەقسەت ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئادەمنى قۇربانلىق قىلىشتىن يانمايدىغاندەك بىر خىل...
— مەسىلەن؟ — مەھمۇد مۇھىتى بۇ سۆزلەرنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرغاچقا سۆز  ئارىلىۋەتكۈسى كەلمەي پەقەت قىسقا سوئاللارنى سوراش بىلەن چەكلەندى.
— تەۋپىق ئەپەندى شامەنسۇرنىڭ پۇتىغا ئوق تېگىشى بىلەنلا  ئۇنىڭ پۈتكۈل قوشۇنى سەپنى تاشلاپ، ئۇنى كۆتۈرۈپ چېكىنىپ چىققانلىقىنى نەزەردە تۇتىۋاتىدىغۇ، دەيمەن، — دېدى ئەخمەد ئەپەندى سۆز قىستۇرۇپ. ئۇ بۇ ئىشقا تەۋپىقتىن كەم كۆڭۈل بۆلمەيتتى. شۇڭا تارتىنىشنى قويۇپ، قاراشلىرىنى سۆزلەشتىن ئۆزىنى تۇتۇپ قالالمىدى، — ئۇغۇ سىزنىڭ قوشۇنىڭىز ئەمەس، ئىشقىلىپ شۇنداق ئىشلار سىلەردىمۇ يوق ئەمەستەك تۇرىدۇ. بىر باشلىققا ئوق تەككىنى ئۈچۈنلا پۈتۈن قوشۇن سەپنى تاشلاپ كەتسە بۇ قانداق كۈرەش؟ ئەگەر ئۇ ئۆلۈپ كەتسە كۈرەشنى پۈتۈنلەي توختۇتۇپ، قوشۇننى تارقىتىۋېتىش كېرەكمۇ؟
— شۇنداق، — دەپ تەستىقلىدى تەۋپىق، — شۇنڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار سىلەرنىڭ قوشۇنىڭلاردىمۇ خېلى باردەك قىلىدۇ. قوشۇندا بىرى، ھەربىي تەلىم ـ تەربىيىنى چىڭ تۇتقۇلۇق، ھەربى مەشىقنى ھەر ۋاقىت تاشلاپ قويماسلىق كېرەك. ئىككىنچى ھەربىيلەردە ئاڭنى ئويغۇتۇش، ئۇلارغا سىياسىي دەرس بېرىش كېرەك. ئۇلار قارىسىغا ئۇرۇش قىلىدىغان ئەمەس، ئاخىرقى نىشاننى بىلىپ ئۇرۇش قىلىدىغان بولىشى كېرەك!
مەھمۇد مۇھىتى بۇ سۆھبەتكە بەكمۇ ئېتىۋار بىلەن قارىدى. شۇنداقلا سۆھبەتداشلىرىنى ياقتۇرۇپ قالدى. ئۇ ئەپەندىلەرنىڭ پات- پات كېلىپ، مەسلىھەت بېرىپ تۇرىشىنى ئىلتىماس قىلدى. ئۇ مېھمانلارنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېين ئابلا دامۇللىغا:
—  مېنىڭچە، بۇلار بىزنىڭ قوشۇنغا تازا كېرەكلىك ئادەملەركەن. ئۇلارنى ئەسكەرلەرنىڭ سىياسىي تەلىم- تەربىيە ئىشلىرىغا قويسا بەك ياخشى ئىش بولغۇدەك، — دېدى.
— بولمىسا ئۇلارنى بىللە ئىشلەشكە تەكلىپ  قىلايلى، ــــ دېدى ئابدۇللا داموللا نەئىمى.
— كېيىنچە بىر نېمە دەرمسىز، —  دېدى قوماندان ۋە ئابدۇنىيازنىڭ تەكلىپىنى سىناپ كۆرۈش ئۈچۈن كۆڭلىدە كونكىرىت لايىھە ئويلىنىشقا باشلىدى.

4

غەربىي شىمال تەرەپتىن دۈشمەن ئارقىسىغا ئۆتۈش چارىسى سىناپ كۆرۈلدى. شۇ كۈنى زەربىدارلار ئەترىتىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلغان تەۋپىق، رازۋىتكىچلار بىلەن بىللە بارماقچى بولغانىدى. بىراق مەھمۇد مۇھىتى ئۇنىڭ بۇ خەتەرلىك ئىشقا قاتنىشىشىغا قوشۇلمىدى. زاپاستىكى قىسىملارغا سىياسىي دەرس بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاڭلىغان تەۋپىق ھەمراھلىرىغا:
— ماھمۇد مۇھىتى بىلەن تونۇشقىنىمىز زىيان بولدى،  — دېدى، توختاجىنى تېرىكتۈرۈپ، — تونۇشمىغان بولساق جەڭچى دېگەن شەرەپلىك نامىمىز بولاتتى، ئەلەم تۇتاتتۇق. سېپىلدىن چىقىدىغانلار بىلەن بارالمىغان تەقدىردىمۇ سېپىل ئۈستىدە مىلىكە ئۇرىشىغا قاتنىشاتتۇق. مانا ئەمدى ئەپەندىلىك قىلىدىغان بولدۇق، توختاجى دوستىمىزغۇ بىر ئۇھ دەپ تىنىۋالىدىغان بولدى، جېنى تاتلىق ئادەمكەن ئەمەسمۇ.
مەھمۇد مۇھىتى جاۋابەن سالاپەتلىك قىياپەتتە كۈلۈمسىرەپلا قويدى.
شۇنداق بولسىمۇ تەۋپىق زەربىدارلار ھەققىدە ھەر ۋاقىت سۈرۈشتە قىلىپ تۇردى. بۇ چارە ئوبدانلا ئۈنۈم بەرگەن بولۇپ، ماجەنساڭ قوشۇنلىرى زور تالاپەتكە ئۇچىرىتىلدى. بىراق، ئۈرۈمچى تەرەپتىن چېكىنىپ كېلىۋاتقان ماجوڭيىڭنىڭ قىسىملىرى ماجەنساڭ تەرەپنى تولۇقلاپ كۈچلىنىپ كەتكەچكە كۈچ سېلىشتۇرمىسى جەھەتتە تەڭ كېلىشكە بولمىدى. مەھمۇد  مۇھىتى بۇ چارىنى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى سىناپ كۆرگەندە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپ قالدى.
7- ئاپېرىل كۈنى ئەركاشتامدا سوۋېت تەرەپ بلەن سۆھبەتلىشىپ قايتىقان خۇجىنىياز ھاجى يېڭىسارغا يېتىپ كەلدى. ئۇ كېلىپلا مەھمۇت مۇھىتى بىلەن مەخپى مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى. مۇزاكىرىدىن كېيىنلا ئۆزىنىڭ خادىملىرى، خاس قۇرۇقچىلىرىنى ئېلىپ ئالدىن يەكەنگە  يۈرۈپ كەتتى. مەھمۇد مۇھىتى بۇ يەردىكى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئارقىدىن ماڭىدىغان بولدى.
ئۇ ئاۋۋال ئەمىر نۇرمۇھەدنى چاقىرىتىپ، ئۆزىنىڭ قوشۇنىنى ئېلىپ يەكەنگە كېتىدىغانلىقىنى ئيتتى. ئىككىسى ھەربى ئىشلار ھەققىدە ئۇزاق سۆھبەتلەشتى. ئاندىن ئىلياسنى ئەۋەتىپ مەمتىلى ئەپەندىلەرنى چاقىرىپ كەلدى.
—  ئەپەندىلەر، ھاجىمنىڭ بۇيرىقى بىلەن مەن ئەسكەرلەرنى ئېلىپ يەكەنگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرىمەن. ئەمىر نۇرمۇھەممەد يېڭىساردا قالىدۇ. بۇلار بۇ يەرنى ئۇزاق تۇتۇپ تۇرالمايدۇ. ئاڭۋاچۇن  مەن سىلەرنى بۇنداق تا شلاپ كېتەلەيمەن، — دېدى مەھمۇد مۇھىتى ئاللىقانداق ئىچكى ئازاپ بىلەن چىرايى پۈرۈشكەن ھالدا — ئەسلىدە مەن سىلەرنى بىز بىلەن قېلىشقا تەكلىپ قىلىش خىيالىدا بولۇپ يۈرگەنىدىم. شۇنداق قىلسام، سىلەر قوشۇندا بىزگە مەسلىھەتچى، ئەسكەرلەرگە ئۇستاز بولساڭلار پايدىلىق بولاتتى. ئەمدىكى ئەھۋال بۇ نىيىتىمنى ئۆزگەرتىشكە  مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ. قوشۇن بىلەن بولىدىغان ئىشلارنىڭ قۇيرىقىنى قۇم باستى، ھاجىمنىڭ بۇيرىقىدىن بۇ نەرسە ئاشكارىلاندى. ئاڭۋاچۈن، سىلەرنىڭ تېنچراق مۇھىتقا ئېرىشىپ مەكتەپ ئاچمىقىڭلار دۇرۇستراق تۇرىدۇ. ساۋاتىسز خەق بىلەن قىلغان ئىنقىلاپنىڭ قانچىلىك  نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى ئەمەلىيەتتىن كۆردۈم، تويدۇم. ئىنقىلاپ ئۈچۈن بۇ نەرسە تولىمۇ مۇھىم ئىكەن... مەن سىلەرنى بۈگۈن كېچە مۇھاسىردىن چىقىرىپ، لومپا، ئاتۇشباغ تەرەپ بىلەن يولغا سېلىپ قويماقچىمەن، تاشملىقتا قاسمىبەگنىڭ ھوزۇرىغا كىرىڭلار. مەھمۇت  مۇھىتى ئەۋەتكەن كىشلەرمىز دەڭلار، ئۇ سلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولىدۇ. قەشقەرگە تېنچ- ئامان يېتىپ بارساڭلار مەجىددىن ئەپەندى، يۈسۈپ زىيا ئەپەندىلەرگە مەندىن سالام  ئېيتىپ قويارسىلەر.
مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بىر نەرسىلەرنى كوچىلاپ سورىغۇسى بار ئىدىيۇ، بىراق، بۇ چاغدا مەھمۇد مۇھىتنىڭ قوڭۇر ساقاللىق كەڭ يۈزىدە ھەربىيلەرگە خاس جىددىلىك، سۈرلۈك قىياپەت ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ھەر قانداق سۆھبەت ئۈچۈن ۋاقتى ۋە ھەپلىسى يوقتەك قىلاتتى.
— ئىلياس! — مەھمۇد مۇھىتى جىددىي بۇيرۇق قىلدى، — ئابدىنىياز ئۆزىنىڭ ئىشەنچىلىك ئادەملىرىدىن يىگىرمىنى ئېلىپ دەرھال ھازىر بولسۇن،— ئۇ ئىلياس چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئەپەندىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك  قولىنى  ئارقىسىغا قىلىپ، بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە تۇرۇۋەردى. بۆلۈمدە سۈرلۈك جىم ـ جىتلىك ھۆكۈم سۈرەتتى. پەقەت سىرتتا ئەسكەرلەرنىڭ قەدەم تىۋىشلىرى ئاڭلانغاندىلا، — ئەپەندىلەر، بىز دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. بىز داستىخان ئۈستىدە تونۇشقان دوستلارغا ئوخشىمايمىز. جەڭ مەيدانىدا تونۇشتۇق. مۇشۇ دوستلۇقنىڭ يۈز خاتىرىسى ئۈچۈن سىلەردىن سورايدىغىنىم، ھەر قانداق ئىككىلىنىشلەردە بولماي، خەلقنى ئوقۇتۇڭلار. ئامان بولساق كۆرىشەرمىز! — ئۇ كۈچلۈك قوللىرى بىلەن ئەپەندىلەرنىڭ  قوللىرىنى ئاغرىغىدەك سىقىتى.
ئەپەندىلەر بولسا ئۇنىڭ قەلبىدە نېمىلەر ھۆكۈم سۈرىۋاتقانلىقىنى بىلىش كويىغا چۈشكەندەك زۇۋان سۈرۈشمىدى. پەقەت ئاخىرىقى مىنۇتلاردىلا:
— خەيىر، خوش! خۇدايىمغا ئامانەت!... — دېيىشتى.
ئابدىنىياز ئۇلارنى ھاڭگىتلىق تەرەپ  بىلەن ئېلىپ چىقىپ، ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن لومپا تەرەپكە ئېلىپ  كەتتى.
تەۋپىق ئىنىقلاپ تەقدىرى ھەققىدە ئويلاپ، كۆڭلى مەيۈسلىنەتتى. چۈنكى ئۇ مەھمۇد مۇھىتنىڭ تەلەپپۇزىدىن خوجا نىياز ھاجىمنىڭ يامان  خەۋەر بىلەن كەلگەنلىكىنى، قوراللىق  كۈرەشنىڭ توختايدىغانلىقىنى، ... ئىنىقلاپنىڭ ئاللا كىملەر تەرىپىدىن شىڭ شىسەيگە سېتىۋېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلغانىدى...
تاڭ سەھەرنىڭ نەمخۇش، سوغۇق ھاۋاسى ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرەتتى. چېچەككە پۇركەنگەن باغلار گىرىمسەن كۆرۈنەتتى. كائىنات ”ئانا ئۇيقۇسى“ غا چۆككەن بولۇپ، قۇلاقنى ئېتىۋالغاندەك جىملىق ھۆكۈم سۈرەتتى.
ئابدۇنىياز نىمتۇللا بىلەن مەڭلىكاخۇنلارنى ئالدىن رازۋىتكا قىلىپ مېڭىشقا بۇيرۇپ، ئارقىدىن ئۆزى مۇھاپىزەت قىلىپ، ئەپەندىلەرنى ئېلىپ كېتىۋاتاتتى. مەمتىلى ئەپەندى ئاللقانداق قىممەتلىك نەرسىنى تاشلاپ كېلىۋاتقاندەك كۆڭلى قىيمىغان ھالدا يېڭىسار بازىرى تەرەپكە ئۆرۈلۈپ قاراپ قوياتتى. ئۇلار ئارىلىىقتىكى سايدىن شەپىسىز ھەرىكەتلەر بىلەن ئۆتۈپ لومپىغا يېقىنلاشقاندا ئالدىدىكى چارلىغۇچىلاردىن ”دېققەت“ سىگىنالى كەلدى. ئابدۇنىياز ئەسكەرلەرنى دەرھال مۆكۈنۈپ كۈزىتىشكە بۇيرىدى ھەم بىردەم تىڭشاپ تۇرغاندىن كېيىن:
— پاپىلاپ  مېڭىڭلار! — دېدى.
ھەممىنىڭ كۆڭلىنى ۋەھىمە ئەسىر قىلىۋالدى. ئۇلار لومپا تەۋەلىكىدىكى بىر باغنىڭ ئارقىسىدا گۇمانلىق بىر نەچچەيلەننى قورشىۋېلىشتى. نىمتۇللا ئابدۇنىيازغا دوكلات قىلىپ:
— ئۇلار قوراللىق ئادەملەر، بۇنىڭدا شەك يوق. ئەمما كىملىكىنى خۇدا  ئۆزى بىلىدۇ، — دېدى.
قورشاۋدىكىلەرگە خىتاپ قىلىندى:
— قورالنى  تاشلاپ تەسلىم بولۇڭلار!
— ئاناڭنى! ... ”تازغا تاڭاتقان نەدە بار“ دېگەندەك، تەلىيىمىز تازىمۇ كاژ كەلدىغۇ... يەنە قولغا چۈشۈپتۇق!... — قارشى تەرەپتىكىلەرنىڭ سۆزلىرى كېچە جىملىقىدا ئۈزۈك- ئۈزۈك ئاڭلاندى.
— ھوي، ئۇلار تۇڭگانلار ئەمەس ئوخشايدۇ، شامەنسۇرنىڭ ئادەملىرى، يا بولمىسا خوجانىياز ھاجىنىڭ ئادەملىرى... — گۇمانلىق كۆلەڭگىلەر تەرەپتىن  پىچىرلاش ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
— ياق، تۇڭگانلار! بىز خەقنى ئالدىغا سېلىپ كەلگەن بولسا نېمە دېگۈلۈك؟ قاراپ تۇرۇپ دامىغا چۈشكىچە ئېتىشىپ ئۆلەيلى، ھەقىچان تەسلىم بولساقمۇ بىزنى ئاتىدۇ...
— ھوي! بىز خوجانىياز ھاجىنىڭ ئەسكەرلىرى!
— مامۇت سىجاڭنىڭ! تىزرەك بۇ تەرەپكە كېلىڭلار!
— بىزنى ئىشەندۈرىدىغان دەلىلىڭلار بارمۇ؟ بولمىسا ئېتىشىمىز!
— بۇ  لومۇدىلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ تۇرغاندا تۇڭگانلار ھازىرلا يېتىپ كېلىدۇ، ئاتايلى، — دېدى مەڭلىكاخۇن.
— توختاڭلار، — دېدى تەۋپىق سۆزگە ئارىلىشىپ، — ئوق چىقىرىپ جىملىقنى بۇزۇش تېخىمۇ پايدىسىز. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلىقى ئېنىق تۇرسا ئۆز مىللىتىمىزنى قىرىمىزمۇ؟ مەن ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ،  ئۇلارنى ئىشەندۈرۈپ ئېلىپ كېلەي، — شۇنداق دەپ ئۇ بەخرامان ھالدا تام تۈۋىدىكى قېرىمدا قورال بەتلەپ ياتقانلار تەرەپكە قاراپ كەتتى.
— توختا! ئاتىمەن! — دەپ ۋارقىرىدى ئۇياقتىكىلەر.
—  ئەپەندىم، قايتىپ كېلىڭ، داۋۇ  تەلۋىلەر ئېتىپ سالمىسۇن! سىجاڭ مېنىڭ بېشىمنى تېنىمدىن جۇدا قىلىدۇ!
— مەندە سىلەرنى ئىشەندۈرىدىغان دەلىل بار. ئوق چىقىرىشپ نېمە قىلىمىز؟ ئۇلارمۇ ئوق چىقارمايدۇ،ــــ  تەۋپىق شۇنداق دېدى كېتىۋېتىپ، — بىز ھەممىمىز بىر مىللەت تۇرۇپ، كىم ئۈچۈن بىر ـ بىرىمىزنى ئاتىمىز؟ بۇنچىلىك ئىشنى ئويلىغۇدەك ئەقلىڭلار باردۇر؟ — ئۇ كېتىۋېتىپ شۇنداق دەيتى. ئارىلىقمۇ ئانچە يىراق بولمىغاچقا ئىككى تەرەپتىكىلەرگە ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
— سىلەر بىزنى تۇڭگانلارغا تۇتۇپ بېرىسىلەر، ...
— ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇلار تۇڭگان قوشۇندىن قاچقانلاركەن، — ئابدىنىياز شۇنداق پەرەز قىلدى. مەمتىلى ئەپەندى ئۇلارغا يېقىن بېرىپ:
— مانا مېنىڭ جېنىم بىزنىڭ دۈشمەن ئەمەسلىكىمىزنىڭ دەلىلى، ئەمدى قورالىڭلارنى ماڭا بەتلەپ، ئارقامدىن مېڭىڭلار ئەگەر بىزنىڭ تەرەپتە تۇڭگانلار بولسا يېقىن بارغاندا قاراپ بېقىپ، ئاندىن مېنى ئېۋەتىسەڭلار بولىدۇ، — دېدى.
بۇ گەپ بىلەن قاچاقلار ئىككىلىنىپ قالدى. تەۋپىق ئۆزلىرىنىڭ سەمىمىيىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا ئۇندىدى. ئۇلار تەۋپىقنىڭ ئارقىسىدىن  بۇ تەرەپكە كېلىشتى. يېقىن كەلگەندە توختاپ ئەھۋالنى كۈزەتتى. ۋە سەل ئىشەنچ ھاسىل قىلىپ تېخىمۇ يېقىن كەلدى.
— بىز ماجەنساڭنىڭ قولىدىن قاچتۇق قوراللىرىمىزنى ئېلىۋېلىپ، بىزگە ئۆيلىرىمىزگە  كېتىش ئۈچۈن ئىجازەت بەرسەڭلار بولدى، — دېيىشتى ئۇلار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەمدىلا 17 - 18 ياشلارغا كىرگەن بىر يىگىتمۇ بارىدى. تۇڭگانلار ئۇنى مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە تۇتىۋالغان بولسا كېرەك، مەمتىلى ئەپەندى ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ قالدى.
نىمتۇللا بىلەن مەڭلىكاخۇن ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى يىغىۋالماقچى بولغانىدى، تەۋپىق ئۇلارنى توستى.
— بۇلار يەنە نى - نى پالاكەتلەرگە يولۇقىشى مۇمكىن، قوراللىرى ئۆزىدە قالسۇن، قورال دېگەن ئىشەنچىلىك ھەمراھ، — دېدى ئۇ، ئاندىن بىر ئاز خاتىرىجەملىككە ئېرىشكەن قاچاقلارغا قاراپ، — مېنىڭ ئىسمىم مەمتىلى، قەشقەر ئاتۇشتىن، ... — ئۇ ئۆزىنى  تونۇشتۇردى، — تونۇشۇپ قويايلى، بۇ تار دۇنيادا بىر كۈنى يەنە كۆرۈشۈپ قالارمىز، — ئاندىن قاچاقلارنىڭ ئىسمىنى سورىدى، ھېلىقى بالا چىراي يىگىتكە قىزىقىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئالاھىدە سورىدى.
— ئېتىم رېھىم، ئارالدىن، مۇشۇ يەرگە يېقىن، مېنى تېخى ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا تۇتىۋالغان، — دېدى يىگىت.
— يۇرتىڭىز بۇ يەرگە يېقىن بولسا ئۆيگە بارماڭ، ئۇ يەرلەردە تېخى تۇڭگانلار بولىشى كېرەك، ئەڭ ياخشىسى قەشقەرگە كېتىپ بىر زامان شۇ يەردە پاناھلىنىپ تۇرۇڭ، — دېدى تەۋپىق ئەنسىرەپ.
— قەشقەردە ھېچكىمىم يوق، شە دېگەندە تېنەپ قالسا يامان، — دېدى رېھىم.
— مانا بۇ ئاكىڭىز چوڭ باي، قىزىلدۆۋىلىك، ئىسمى توختاجى، ئۇنى ئىزدەڭ، بولمىسا قەشقەر نوۋېشىغا بارسىڭىز ئۇ يەردە يۈسۈپ دېگەن بۇرادىرىمىز بار، ئۇنى تاپسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۇ مۇئەللىم، سىز تېخى بالىكەنسىز، بەلكىم ئوقۇپ قالارسىز.
بۇ گەپ بىلەن گۇماندىن پۈتۈنلەي خالاس بولغان قاچاقلار چىن كۆڭلىدىن:
— بولدى بىزگە بۇ كۆسەيلەرنىڭ كېرىكى يوق، زېرىكتۇق، زادى! ... — دېيىشتى.
— خاتا دەۋاتىسز، ئىنىم، بىزنىڭ جىمى بەختسىزلىكىمىز قولىمىزدا مۇشۇ ”كۆسەي“ لەرنىڭ بولماي كەلگەنلىكىدە. ئۇنىڭ خەتىرى —  سىز ئۇنىڭ ئالدىغا روبىرو بولۇپ قالسىڭىز بولىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ قولىدىكى قورالدىن سىزگە زىيان يەتمەيدۇ. ئۇ خاتىرجەملىك ۋە بەخت كەلتۈرگۈچى. ھەدىستىمۇ ”جەننەت قىلىچىنىڭ سايىسىدا“ دېيىلگەن. دېمەك، مۇشۇ كۆسەي دېگىنىڭىز ئەنە شۇ قىلىچ. ئۇ قولىمىزدا بولسا جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە ۋاسىتە بولىدۇ. ئالغاچ كېتىڭلار. بىر يەرگە يوشۇرۇپ قويساڭلار ئاخىرى بىر كۈنى ئەسقاتىدىغان ۋاقتى كېلىدۇ.
تەۋپىق رېھىمگە ئېچىنىش، ئىچ ئاغرىتىش ھىسىياتىدا بېقىپ، ئۇنىڭ قورالنى تاشلىماي بىر يەرگە يوشۇرۇپ قويۇشىنى تاپىلىدى ۋە قەشقەرگە بېرىشىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى.
— سىلەرگە ئىجازەت! — دېدى ئابدىنىياز، — يولۇڭلارغا مېڭىڭلار.
قاچاقلار تاڭ سۈبىھىسىنىڭ گىرىمسەن يورۇقىدا يىراقلاپ كەتكەندىن كېيىن  بۇلارمۇ يولىنى داۋام قىلدى، ئابدىنىيازلار مېھمانلارنى لومپىدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇپ قايتىپ كەتتى.


تۆرتىنچى باب



لـ
ومپىدىن چىققاندىن كېيىن يەنە كەڭ دائىرىلىق سايلىق باشلىناتتى. غىلاڭ تاشلىق سايلىقنىڭ غەربى جەنۇپ تەرىپىدىن شەرقى شىمال تەرەپكە قاراپ ئىككى - ئۈچ تاشلىقچە تاغ سۈيى ساينى كېسىپ ئېقىپ تۇراتتى. سايلىقنىڭ ئەتراپىنى يېزىلار يىراقتىن ئوراپ ئالغان، غەربى جەنۇپ ۋە جەنۇپ تەرەپتە پەس تاغلار گىرمسەن كۆرىنەتتى تاڭ سەھەرنىڭ تۇمانىدا ئۇ خۇددى دەرپەردە ئارقىسدا تۇرغاندەك بىلىنەتتى.
ساي غەرب تەرەپتە كىچىككىنە يېشىل بەلۋاغ بىلەن ئۈزۈلۈپ، ئارقىدىن يەنە ساي باشلىناتتى. بۇ كىچىككىنە يېشىل بەلۋاغ تۈن دەپ ئاتىلاتتى. تۈندىن كېيىنكى سايمۇ شىمال ۋە شەرق تەرەپلىرى يىراقتىىن يېشىل سىزىق بىلەن؛ جەنۇپ ۋە غەربى جەنۇپ تەرەپلىرى سۇس كۆك رەڭدىكى تاغلار بىلەن  ئورالغانىدى. بۇ ساي بولسا غەرپ  تەرەپتە يەنە يېشىل بەلۋاغ بىلەن ئۈزىلەتتى. بۇ يەرنى موغۇل دەپ ئاتىشاتتى.
موغۇلدىن چىققاندىن كېيىن يول غەربكە قاراپ 30º لۇق يانتۇلۇق بىلەن داۋاملىق يوقۇرى ئۆرلەپ، ئۇپۇق سىزىقىدا غايىپ بولاتتى. يولنىڭ سول تەرىپىدە خۇددى گۈزەل سۈرەتلەرنىڭ ئارقا مەنزىرىسىدەك غۇۋا تاغلار كۆرىنىپ تۇرىدۇ. ئوڭ تەرەپ چېكى يوقتەك بىلىنىدىغان يانتۇ سايلىق، يول بولسا مانا شۇ بۇلۇتنىڭ سايىسى چۈشۈپ تۇرغاندەك  قارا ساينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاقۇش لېنتىدەك سۇزۇلۇپ ياتاتتى. بىراق بۇ نەپىس لېنتا ئەمەس، كىشىلەر ئاياقلىرى بىلەن پەيدا قىلغان، توپا ئۆرلەپ تۇرغان ئاياغ يولى ئىدى.
يولۇچىلار موغۇلدىن ئۆتكەندىن كېيىن شەرق ئۇپۇقى قىزىرىپ قوياش كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى، غەرپ تەرەپ ئاسمىنىنىڭ يىراق  بىر يېرىدە  لەيلەپ يۈرگەن بىر پارچە ئاق بۇلۇت قوياشنىڭ دەسلەپكى نۇرلىرىدا شەلپەر ئاسقاندەك نۇرلىنىپ كەتتى. بۇ 1934- يىل 8-ئاپرېلىنىڭ  سەھەرى ئىدى.
— بۇ قېتىمقى سەپىرىم ھەقىقەتەنمۇ پالاكەتلىك بولدى، — دەپ غۇدۇڭىشىدى توختاجى تەقدىردىن ئاغرىنغان ھالدا. ئۇ ھېرىپ قالغانىدى.
— خۇداغا شۈكرى دېيىشىڭىز كېرەكىدى، خەيىر...، سىز قانداق ئويلايسىز، ئەخمەد ئەپەندى؟ — سورىدى تەۋپىق ئەمەك ئۈچۈن گەپنى ئۇزارتىشىنى كۆزلەپ.
— ھەر ھالدا ئانچە خاپا ئەمەسمەن.
— مەن ئەكسىچە ئىنتايىن خوشالمەن. چۈنكى بۇ يەردە ئىنقىلاپنىڭ  مۇھىم بىر يولباشچىسى بىلەن دوستلىشىپ قالدۇق. بۇ تەقدىردىن يەنە نېمە ئۈچۈن ئاغرىنىغۇدەكمىز؟
— ئەگەر قەشقەرگە بارغىچە مۇشۇنداقلا ماڭىدىغان ئىش بولسا سىلىنىڭ خوشاللىقلىرى تۈتۈندەك غايىپ بولۇپ كېتەرمىكىن.
— نىمىشكە بۇنداقلا ماڭاتتۇق؟ ئەمدى  ھەر ھالدا تېنچ مۇھىتقا ئېرىشتۇق. ئالدىمىزدىكى يېزىدىن ھارۋا كىرا قىلىمىز، كىراغا ھارۋا تېپىلمىسا بىر- ئىككى يىگىتنى ياللاپ ئالىمىز. تاشمىلىققا بارغاندىغۇ ھارۋا تېپىلار؟
— ھارۋا بولمىسا ئۇلاق تېپىلسىمۇ بولاتتى.
— ئۈمىدۋار بولۇڭ، ئەپەندى.
يۇقىرى ئۆرلەپ كېتىۋاتقان ساي يولىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تۈگىگەندەº 30گىرادۇسلۇق يانتۇلۇق بىر ئاز تۈزلىنىپ 20º گىرادۇسلۇق  يانتۇلۇققا ئايلاندى. بۇ يەردىن ئەمدى ئاتۇشباغ يېزىسىنىڭ دەرەخلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى.
ئاتۇشباغ كۈسەن دەرياسىنىڭ شەرقى قىرغىقىغا جايلاشقان، تەخمىنەن ئەللىك تۈتۈنلۈك يېزا بولۇپ، بۇ  يەردىن ھارۋا تېپىلمىدى. بەكمۇ كەمبىغەل ۋە ئىپتىدائىي تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بۇ يېزىدىن ئاتمۇ تېپىلمىدى.  ھەر ھالدا يامان ئەمەس ئېشەكلەردىن تېپىپ مىنىشكە مۇۋەپپەق بولۇشتى. بىراق،  ئۇلاق ئىگىلىرى ئۇلارنى تاشمىلىققا ئاپىرىپ قويۇشقىلا رازى بولدى. مېھمانلار ئاتۇشباغدا چۈشلۈك ئازراق بىر نېمە يەۋالغاندىن كېيىنلا يولغا راۋان بولۇشتى.
ئۇلار ئاتۇشباغنىڭ غەربى جەنۇپ تەرىپى — ئالتۇنلۇق مەھەللىسىنى ئارىلاپ ئۆتۈپ كۈسەن دەريا قېشىغا چۈشۈشكە باشلىدى. دەريا بويلىرىدىكى سايازلاردا ئۇششاق ئاچ قىزىل مىۋىلەيدىغان چاتقاللار باراقسان ئۆسۈپ كەتكەندى. شاخلاردا ئۆتكەن يىلدىن قالغان مىۋىلەرمۇ بارىدى. دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە گۈلباغ يېزىسىنىڭ دەرەخلىرى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. دەريا  قېنى تولىمۇ كەڭ بولۇپ، ئازغىنە سۇ   بۇ كەڭ ساي ئىچىدە يېيىلىپ ۋە تاراملارغا بۆلىنىپ ئاقاتتى. دەريانىڭ ئاخىرى شەرقى شىمال  ئۇپۇقىدا غايىپ بولاتتى.
يولۇچىلار تاراملاردىن كېچىپ ئۆتۈپ، قارشى قىرغاقتىكى تاغ باغرىغا جايلاشقان گۈلباغقا يېتىپ كېلىشتى. گۈلباغ يېزىسىنىڭ يېرى قۇمساز، سۈيى مول بولغاچقا ئورمان ياخشى ئاينىيتى. گۈلباغ ۋە ئۇنىڭ غەربىدىكى يەلگەن يېزىلىرىدا تۇغراق كۆپ ئۆسەتتى. دەريا سۈيى تاشقان چاغلاردا ھەر دائىم نۇرغۇن مىقداردا قۇم ئېقىتىپ  كېلىپ بۇ يەرلەرنى قۇم بېسىپ تۇرىدىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. يولۇچىلار ئىشەكلىك بولغاچقا ئانچە ھارغىنلىق ھېس قىلمىدى. ئەكسىچە چۈشتىن ئاۋالقى ھارغىنلىقى بىر ئاز تارقىغاندەك بولۇپ قېلىشتى. ئۇلاق ئىگىلىرىنى يول بويى پاراڭغا سېلىپ ماڭغاچقا زېرىكىشمۇ ھېس قىلمىدى.
ئۇلار كەچقۇرۇن تاشمىلىققا يېتىپ كەلدى. بۇ يەردە ئۇلار قاسىمبەگنى تېپىپ، ئۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدى. تەۋپىق بۇ يەردىمۇ ئۆزىنىڭ ئاجايىپ سېھرى بىلەن خۇددى ماگنىتتەك جەلپ قىلىپ، بىرمۇنچە دوست تېپىۋالدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئەتىسىلا كەتمەكچى بولىشى ساھىپخانلارنى تولىمۇ مەيۈسلەندۈردى.
مېھمانلارغا گەز دەرياسىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدىغان بولغاچقا ھارۋا ياللاشقا قولايسىزىدى.شۇڭا قاسىمبەگ ئۇلارغا ئات تېپىپ بەردى. ئۇلار ئوپالغىچە ئاتلىق بېرىشى كېرەكىدى.
ئۇلار سەھەردىلا ئاتلىق يولغا چىقتى. بۇ يەردە گەز دەرياسى تەرەپتن سالقىن ئۇزۇلۇپ، دىماققا نەم ھاۋانىڭ ئۆزىگە خاس پۇرىقى ۋە ئاللىقانداق كۆكاتلارنىڭ پۇرىقى بىلىنەتتى. ئۇلار 30- 40  مېتىرچە ئىگىزلىكىتىكى قاشقا چىققاندىن كېيىن دەريا تەرەپتىن تېخىمۇ كۈچلۈك نەملىك بىلىندى.
گەز دەرياسىنىڭ قېنى بۇ يەردە مىڭ مېتىردىن ئارتۇقراق كېلەتتى. بۆلۈنۈپ- بۆلۈنۈپ، ئاشۇ كەڭلىك ئىچىدە ئەركە بالىدەك قىيغىتىپ ئاقاتتى.
گەزنىڭ سۈيى بىر قەدەر مول بولغاچقا ھەربىر تاراملىرىمۇ كىشىنى ئەيمىندۈرگىدەك ھەيۋەت بىلەن ئاقاتتى. دەريا قىنىنىڭ سۇسىز يەرلىرىدە ياۋا چاتقال، زىرق، ژۇلغۇن قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر ، باراقسان ئۆسكەن، دەريانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بىر يېشىل نۇقتا كۆزىگە تاشلىناتتى. بۇ ئارال كەنت ئىدى. بۇ يەردىن غەربى قىرغاقتىكى چامئېرىق كەنتى ئېنىق كۆرىنىپ تۇراتتى. تۆۋەن ئېقىم تەرەپتە بىر كىچىك تاغ دەريا قىنىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا چوقچىيىپ تۇراتتى.
ئۇلار ھەيۋەتلىك، شوخ ۋە تارام- تارام تاغ سۈيىنى بىر-بىرلەپ كېچىپ ئۆتۈپ چامېرىققا چىقىشتى. ئۇ يەردىن جۇلۇقباشقا قاراپ ئاتلىنىشتى. بۇ ئارىنى ئىدىرلىق ساي ئۈزۈپ تۇراتتى. ساي يولىنى كېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن بىر تۆپلىكنىڭ يانباغرىغا جايلاشقان قىرغىز يېزىسى جۇلۇقباشنى ئارقىغا تاشلاپ دۆلەتبۇلىقىغا  كېلىشتى. بۇ يېڭى ئۆزلەشتۈرۈلگەن سازلىق بولۇپ، ئوپاللىق سۇلايمان قازىھاجىمغا قارايتتى. بۇيەرنى ئۇنىڭ قىرغىز ئوتاقچىسى مۇساق باشقۇراتتى.
يولۇچىلار بۇ يەردە ئاتلارنى دەم ئالدۇرۇپ، ئۆزلىرى ئۇسسۇلۇق ئىچىپ مېڭىش ئۈچۈن توختاشتى. سۇلايمان قازى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ يەردە ئىكەن. ئۇ توختاجى بىلەن ھەم ئۇنىڭ ئاتىسى بىلەن يېقىن تونۇشلاردىن بولغاچقا مېھمانلارغا ئۆزىنىڭ مېھماندۇستلىقىنى كۆرسەتتى.
مۇشۇ قىسقىغىنە  پۇرسەتتە مەمتىلى تەۋپىقنىڭ چىقىشقاق مىجەزى بۇ مۆتىۋەر ئادەمنى ئۆزىگە رام قىلىپلا ئالدى. ئۇ ھەتتا مېھمانلار كىتىش ئۈچۈن قوزغالغاندا قىيالماسلىق بىلەن.
— ئەگەر ئالدىراش بولمسام سىلەرنى قەشقەرگىچە ئۇزىتىپ باراتتىم، — دەپ ئۆكۈنۈپ قالدى.
ئۇلار مېھماندۇست ساھىپخان بىلەن خوشلىشىپ ئوپالنىڭ تېرەك، شوتا، دۆڭئۆستەڭ، قۇمباغ كەنتلىرىنى ئارىلاپ ئۆتۈپ ئوپال بازىرىغا كەلدى. بۇ يەردە ئاتلارنى ئىگىسىگە بېرىۋەتكەندىن كېيىن ھارۋا ياللاپ دەرھال سەپىرىنى داۋام قىلىشتى.
ھارۋىغا جايلىشىۋالغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرىنى خېلى يېنىك ھېس قىلىشتى. كەيىپى كۆتۈرۈلۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەمتىلى ئەپەندى ھارۋىكەشنى پاراڭغا سېلىشقا باشلىدى. بۇنىڭسىز  زېرىكىپمۇ قېلىشاتتى. ھارۋىكەش ئەسكەر بولۇپ بىر نەچچە قېتىم جەڭلەرگە ئىشتىراك قىلغان يىگىت بولۇپ چىقتى. ئۇ ئۆزى قاتناشقان جەڭلەر ھەققىدە تولىمۇ جانلىق، تەسىرلىك سۆزلەپ بەردى. ئارقىدىن قەشقەردە يۈز بەرگەن ”فېۋرال پاجىئەسى“   ۋە شۇ ئايدا تۇڭگانلار بىلەن خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى ئارىسىدا ھىمىتنىڭ سېيىدا بولغان قانلىق جەڭ ۋە قوزغىلاڭچىلارنىڭ پاجئەلىك ھالاكىتى ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىنى ھىكايە قىلىپ ماڭدى.
— بۇ تۇڭگان دېگەن بەك رەھىمىسىز خەقكەن، بىز خەقنى چامغۇرنىڭ كۆكىنى يۇلغاندەكلا، كاللىسىنى ئېلىپ تاشلاۋېرىدىكەن، خۇدايا! ئىگىسى يوق جاھانمىدۇ بۇ؟ پاشىچىلىكمۇ قەدرىمىز يوق خەقكەنمىز...
— ئۆز مىللىتىڭىز ھەققىدە نېمىشكە بۇنداق يامان گەپلەرنى قىلىسىز، ئىنىم؟ — دېدى تەۋپىق جىددىيلىك بىلەن ئۇنىڭ ئاۋازىدا نارازىلىقمۇ، چېكىپ بېقىشمۇ بارىدى، — سىز بۇ مىللەتنىڭ ”پاشىچىلىكمۇ قەدرى يوق“ ئىكەنلىكىنى ئوبدان چۈشۈنۈپسز، بۇ ياخشى ئەھۋال، لېكىن بۇ چۈشىنىش ئۆز- ئۆزۈمىزنى مەسخرە قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، مىللەتنى ”ئالتۇندەك قەدرى بار“ قىلىش ئۈچۈن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
ھارۋىكەش بۇ سۆزلەرنىڭ ۋەزنىنى دەڭسەپ كۆرۈش ئۈچۈن ئويلاشقا باشلىدى. مەمتىلى ئەپەندى يەنە ئۇنىڭغا نادانلىق ئاپىتى ھەققىدە، ھۆرلۈكنىڭ بىردىن - بىر يولى خۇراپاتلقتىن قۇتۇلۇپ، ئىلىمگە يۈرۈش قىلىش ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاددىي قىلىپ سۆزلەپ ماڭدى.
تەۋپىقنىڭ شۇنچە ئەستايىدىللىقىدىن كۈلگىسى كەلگەن توختاجى ئۇنى بېقىنلاپ:
— ئەپەندى، قىزىق- قىزىق لەتىپە ئېيتىپ ماڭساقچۇ، بەرىبىر ئۇ بۇلارنى چۈشەنمەيدۇ، — دېدى.
— مەن ئۇنداق بولىشىغا ئىشەنمەيمەن، ھەر ھالدا بىر ئادەم بالىسى ياخشى گەپ دېگەننى روھى بىلەنمۇ بىر ئاز سېزىدۇ. ھېچ بولمىسا ئازراق مەنپەئەتى بولىدۇ.
بىر خىلدا سوزۇلۇپ ياتقان يولدىن زېرىككەن توختاجى يەنە:
— ئەگەر شۇ تاپ بۇ يولنى پايېزدا ماڭغان بولساق، سىلى تەمبۇر چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ ماڭسىلىرى، بىلىنمەيلا يول تۈگەپ قالاتتى، — دېدى.
— نېمە، سىز پەقەت مەمتىلى ناخشا ئوقۇيدۇ دەپ ئويلامسىز؟ — دېدى تەۋپىق كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، چېقىشىىش تەلەپپۇزىدا، — خەلق ناخشىلىرىدىن بىر نەچچىنى ئاڭلىساق نېمىسى يامان؟ مانا  بۇ ئىنىمىز بىزگە بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئاڭلىيالمىغان ناخشىلارنى ئوقۇپ بېرىدۇ، — دېدى.
ئۇلار ھارۋىكەشنىڭ تۈزۈت قىلغىنىغا قويماي ئۇنى ناخشا ئوقۇپ بېرىشكە ئۇندىدى. يىگىت ئاخىر:
— قاملاشتۇرۇرالمىسام زاڭلىق قىلىشمايلا، — دەپ گېلىنى قىرىپ، سەل تۇرىۋالغاندىن كېيىن بىردىنلا جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن ناخشا باشلىدى.
ھارۋىكەش يىگىتنىڭ ناخشىسى سۈكۈتكە چۆمگەن دالىدا يىراقلارغىچە دولقۇن تارىتىپ كەتتى. ناخشىنىڭ ئاھاڭىدا ئۆزگىچە بىر خىل كۈچ يوشۇرۇنۇپ ياتاتتى. ناخشىنىڭ مۇڭى ھەربىر  ئادەمنى خىيال سەھراسىغا باشلاپ كېتەتتى.
شۇ تاپ مەمتىلى ئەپەندى ناخشىنىڭ مۇڭىدىن ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى ۋاراقلىغاندەك بولدى: يۇرتىدىن ئايرىلىپ ”تاغ ئارقىسى“ غا كەتكىنى، يېڭى مەدەنىيەت بىخلىرى بىلەن تونۇشقىنى، سەرۋەرگە ئۆيلەنگىنى،... ”ئىسيانچى“ دەپ قارىلىپ تەقىپ قىلىنغىنى ۋە ئىلاجىسىزلىقتىن سوۋېتكە كېتىپ شەمەيدە تۇرۇپ قالغىنى،.... ئوغلى ئابدۇسەمەتنىڭ تۇغۇلىشى،.... ”ھەيي، ئۇلار ھازىر قانداقراق تۇرىۋاتىدىكىن!؟...“  ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن تۈركىيەگە كەتكىنى، دەسلەپكى سەرسان- سەرگەردانلىقتا ئۆتكەن  ھايات، ... دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇش، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش، تىرىشىپ سىرتتىن ئۈگىنىش،... گۈزەل ئەدىبە، ئۇنىڭ باياشات ئائىلىسىنىڭ ياردىمى، ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ مېھرىبانلىقى،... ۋەتەندىكى ئىنقىلاپ خەۋىرى... قاتارلىقلار بىر- بىرلەپ كۆز ئالدىدىن ئۆتەتتى.
ئەخمەد ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ غەمسىز بالىلىق دەۋرىدىن تارتىپ ئويلاشقا كىرىشىپ كەتكەنىدى...  ئويلا- ئويلا تۈركىيەدىكى ھاياتى يادىغا كەلدى. سادىق رەپىقىسى — تۈرك قىزى سارماشىق ، ئوغلى ئىستىقلال كۆز ئالدىغا كېلىش بىلەن سېغىنىش پىراقىنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا قالدى...
توختاجىمۇ ئاللىقانداق ئەسلىمىلەر قوينىغا چۆمگەنىدى. ھارۋىكەش بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كەچمىش دەپتىرىنى ۋاراقلىغاندەك قىلاتتى.
لەڭگەرنىڭ دەرەخلىرى كۆرىنىپ تەدرىجىي يېقىنلاپ، ئاندىن ئارقىدا قالدى. سايۋاغنىڭ يوللىرى ئۇلارنى كۈتىۋالدى.

********

ئۇلار پاختەكلىدىن ئۆتۈپ قىزىل دەرياسىغا يېقىنلاشقاندا ھەممەيلەننىڭ قەلبىنى ئاجايىپ بىر ھېسياتقا ئۆز قۇچىقىغا ئالدى. بۇ شۇنداق ھېسياتىدىكى، ئاشىق ئۆز مەشۇقىدىن ئايرىلىپ، جەڭگە كەتكەن ئوغۇلمۇ ئۆز ئۆيىنىڭ بوسۇغىسى ئالدىغا كەلگەندە ئەنە شۇنداق ھېسياتقا كېلەتتى. بۇ چاغدىكى ئىنتىزارلىق شۇ قەدەر تەخىرسىز بولاتتىكى، ئۆتكەن نەچچە يىل، نەچچە ئون يىلمۇ مۇشۇ ئاخىرقى سائەتلەردەك ئۇزۇن بىلىنمەيتى. ھەممەيلەن ئالدى تەرەپكە — شاۋقۇنلىنىپ ئېقىۋاتقان دەريا دولقۇنلىرىغا ۋە ئۇ قاتتىكى شامالباغ، قىزىل دۆۋە تەرەپلەرگە خۇددى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان مەشۇقلىرىنى كۆرمەكچى بولغاندەك بويۇنداپ قاراشتى. قەشقەر قانداقراق بولۇپ قالدىكىن؟ ئاخىرقى يىللاردا بۇ قەدىمىي شەھەر نۇرغۇن پاجىئەلەرنى باشتىن كەچۈردى، بۇ يەردە قانلار دەريا بولدى؛ بۇ يەردىن كۆتۈرۈپ چىقىلغان جەسەتلەر بىلەن يېڭىدىن- يېڭى قەۋرىستانلىقلار پەيدا بولدى... شەھەر ئۆزىچۇ؟ ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدى تىترەپ كەتتى.
تەۋپىقىنىڭ قەشقەر ھەققىدىكى خىياللىرى قاناتلىنىشى بىلەنلا شائىرانە ھېسلار قەلبىنى تولدۇردى. ئۇ ئىتىيارسىز ھالدا گۇمنامنىڭ مۇنۇ مىسرالىرىنى شائىرانە ئاھاڭدا دىكلىماتسىيە قىلىدى:

مەزرەئى لۇتفى ئىلاھىدۇر دىيارى كاشىغەر،
ئىشىق ئېلىنىڭ قىبلەگاھىدۇر مەزارى كاشىغەر.
ئىشقۇ- ئۇلفەت چەشمەسىدىن دەردۇ - مېھنەت جۇش ئېتەر،
تۇفراغى ھەسرەت بىلەن پۈتكەن ھىسارى كاشىغەر.
دىلرەبالەر باغرىنى لەئىلە بەدەخشان ئەيلەگەي،
بىر نىگاھى غەمزەسىدىن گۇلئۇزارى كاشىغەر.
ئەيش ئېلىگە خارىدىن كەلگەي ئىشرەت ئېسى،
چۈن سۇلەيمان دەۋلەتىدۇر خارۇ- زارى كاشىغەر.
ئۇدۇ- ئەنبەر تۇفراغىدۇر، ئابى -كەۋسەردۇر سۈيى،
دۇررى- مەرجان تاشلارىدۇر كوھسارى كاشىغەر.
....................
مەمتىلى ئەپەندى ئۇ قىرغاقتىكى يېشىللىققا پۈركەنگەن يېزىلارغا تىكىلگىنىچە جىمىپ قالدى. سەلدىن كېيىن ئەخمەد ئەپەندى قوشۇپ قويدى:

يا پەرى، يا ھۆر، يا باغى ـ ئېرەم ياد ئەيلەمەس،
شەھرىنى ئۇنتار، بولۇر ھەركىم دۇچارى كاشىغەر.

ئۇلار ئاللىقانداق ھەيۋەتلىك گۈمبۈرلەشنى كۈتۈپ، دېمىنى ئىچىگە ئالغاندەك جىمىپ كېتىشتى. ھارۋىنىڭ غىچىرلىشى بىلەن تاراقلىشى، دەريانىڭ شارقىرىشى ئاڭلىنىپ تۇراتتى...
ئۇلار ئالدى بىلەن قىزىل دۆۋىگە بېرىپ تۇداخۇنباينىڭ قەدەم جايىغا ــــ توختاجىنىڭ ئۆيىگە چۈشتى. ئۇ يەردە توختاجىنىڭ ئىنىسى ئابدېكىرىماخۇن، ساھىپخانلىق قىلدى.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 02:15 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
bahtinur
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 22926
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 75
شۆھرەت: 99 نۇمۇر
پۇل: 539 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

بـەشـىـنـچـى بـاب
1

ئ
ۇلار شۇ كۈنىلا توختاجىنىڭ ئاكىسى ئىمىنھاجى، ئىنىسى ئابدېكىرىماخۇنلاردىن قەشقەر شەھرىنىڭ ئەھۋالىنى ئوقۇشتى. مەمتىلى ئەپەندى كونا تۇنۇشلىرىنى — يۈسۈپ زىيا ۋە مەجىددىن دوختۇرنى سورىدى. ئۇ يۈسۈپ ئەپەندى بىلەن ئىكساقتىكى ”ھۈسەينىيە“ مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان چاغدىن تارتىپلا تونۇشاتتى، گەرچە ئۇلار تەڭ قۇراملىق بولمىسمۇ بۇ ئۇلارنىڭ دوستىلىقىغا توسقۇن بولالمىغانىدى. كېيىن ئۇلار تۈركىيىدىمۇ بىللە بولۇشقانىدى. مەجىددىن ئەپەندى بىلەن تۈركىيەدىكى تونۇشلۇق مەزگىلى ناھايىتى قىسقا بولغان بولسىمۇ، بىر- بىرىگە بەك ئامراق بولۇپ قېلىشقانىدى.
يۈسۈپ زىيا ئوردا ئىشكىدە ئولتۇردىكەن، نوۋېشى مەكتەپكە دەرس بېرىدىكەن، مەجىدىن ئەپەندى ”ھىلال ئەھمەر“  دە ئىشلەيدىكەن ھەم شۇ يەردە ئولتۇرىدىكەن. ئۇلار يەنە يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ توي قىلىۋالقانلىقىنى ئوقتى. بارلىق ئىشقى- مۇھەببىتىنى مىللەتنى ئاقارتىش ئىشىغا بېغىشلىغان بۇ كىشى ئوتتۇرا ياشقا بارغاندىلا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە ئويلاشقا ئېشىنغانىدى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاراكتېرى ۋە ئادەتلىرىدىن ئېيتقاندا ئاددىي مەسىلە ئەمەس، كىچىك قۇربان بېرىش ئەمەسىدى. ئۇلار يەنە مەجىددىن ئەپەندىنىڭمۇ ئۆيلەنمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتشتى. بوۋاي شامالباغلىق ئىبادەتخان دېگەن ئايال بىلەن توي قىلىش ئالدىدىكەن.
يۇقارقى سۆھبەتلەر بولۇپ ئۆتكەن پۇرسەتتە ئازراق دەم ئېلىۋالقان ئەخمەد ئەپەندى تەۋپىقنى شەھەردە كۈتىدىغان، نوۋېشى مەكتەپتە ئۇچرىشىدىغان بولۇپ شەھەرگە كىرىپ كەتتى، توختاجى ۋە باشقا ساھىبخانلار ئۇنى ئېلىپ قېلىشقا خېلى تىرىشقان بولسىمۇ، دوستىنى ھەممىدىن بەك چۈشىنىدىغان تەۋپىق ئۇنىڭغا ئىجازەت بېرىش ئەڭ ئاقىلانىلىق دەپ قارىدى. ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىغا كەلگەندە كىم بۇنداق ئالدىرىمىسۇن؟ تەۋپىق ئۆزى توختاجىنىڭ ئۆيدە قوناق بولۇپ قالدى.
تەۋپىق سەپەر چاڭلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇزاق يۇيۇندى. ئادەتتە ئۇ ئاۋال ئىسسىق سۇ بىلەن ئۇزاق يۇيۇنۇپ ئارقىدىن مۇزدەك سوغوق سۇدا چايقايتتى. بۇنداق قىلىش بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، دەپ چۈشەندۈرەتتى ئۇ.
ئەتىسى ئەتتىگەندە ئۇ ھەممىدىن بالدۇر تۇردى، ئۇزاق گىمناستىكا ئوينىغاندىن كېيىن يۈز-كۆزىنى يۇيدى. ئاندىن بىر بۇردا قاتتىق نان يىدى. بۇمۇ ئۇنىڭ ئۇزاقتىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئادىتى بولۇپ، دادىسى ــــ تىۋىپ موللا توختاجىنىڭ قارىشىچە قاتتىق نان كېچىسى ئاشقازاندا پەيدا بولىدىغان ۋە زەردىنى قاينىتىدىغان ئاچچىق سۇيۇقلۇقنى شۈمۈرۈپ، ئاشقازاننىڭ پائالىيىتىنى ياخشىلاشقا پايدىسى بارىكەن، ئۇ دادىسىنىڭ شۇ نەزەرىيسىگە ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كېلەتتى. تەۋپىق تاكى ساھىپخان ئەتتىگەنلىك چايغا تەكلىپ قىلغۇچە قىزىل دۆۋىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ئايلىنىپ يۈردى.
ئەتتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىنلا مەمتىلى ئەپەندى شەھەرگە كىرىشكە ئالدىرىدى.
— قەشقەر بىر ياققا قاچمايدۇ، ئەپەندىم، بىر- ئىككى كۈن، ھېچ بولمىسا بۈگۈن بىر كۈن دەم ئالسىلا ئاندىن كىرەيلى، — دەپ توستى توختاجى.
— شۇنداقمۇ؟ — دېدى تەۋپىق كۈلۈمسىرەپ، — دوستۇم، دۇنيادا بىرمۇنچە قاچمايدىغان نەرسىلەر بار، لېكىن ئىنسان ۋاقتى كەلگەندە ھامان ئۆزىنى تۇتىۋالالمايدۇ. ئەگەر سىزنى بىر گۈزەل كۈتىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭ بەرىبىر كېتىپ قالمايدىغالىقىنى بىلسىڭىزمۇ ئالدىرايسىزغۇ؟
— ئۇغۇ راست.
— شۇنداقتىمۇ مىللىتىمىزنىڭ يۈرىكى بولغان بۇ دىيارنى كۆرمىگىلى ئون نەچچە يىل بولغانلىقىنى نىمىشكە نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىسىز؟
— يائاللا، نىمانچە ھاياجانلىنىپ كېتىلا، ئەپەندىم؟ ئۇنداق بولسا جۈرسىلە مەن تېخى مەمتىلى ئەپەندى بىر پارچە چوغ دېسە، نېمە دەيدىغاندۇ دەپتىكەنمەن، ئەمدى قارىسام سىلى كۆيۈپ تۇرغىنىدىن ئىكەنلىغۇ، — توختاجى كۈلۈپ كېتىپ، دوستىغا ئىجازەت بەردى ۋە ئۆزىمۇ بىللە كېرىشكە تەييارلاندى.
مەمتىلى ئەپەندى يۈك- تاقىلىرىنى ئېلىپلا كەتمەكچى بولىۋېدى، توختاجى ئۇنى توسۇپ:
— يۈك- تاقىلىرىنى ئالمىسىلىمۇ بولىدۇ، يەنە كېلىمىز. بۈگۈن قايتىپ كېلىمىز، بىزنىڭكىدە قونىلا. ئەتە ئەتتىگەندە نەگە بارىمەن دېسلە، يول بولسۇن دەيمەن، — دېدى.
تەۋپىق ئۇنىڭ سۆزىنى يىرالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى توختاجىنىڭ پوچتىسىغا ئولتۇرۇپ شەھەرگە قاراپ ماڭدى. شەھەر سېپىلىغا يېقىنلاشقانسېرى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ كۆكرەكلىرى تېز- تېز كۆتۈرۈلۇپ ـ پەسىيشكە باشلىدى. ئۇ ئۇزۇن يىل ئايرىلىپ كەتكەن ئەزىز ۋە مۇقەددەس جاينى قايتا كۆرۈش شاتلىقىدا مەست ئىدى.
ئۇلار قۇم دەرۋازىسى بىلەن شەھەرگە كىرگەندىن باشلاپ مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئەتراپتىكى بارلىققا قاراشلىرىدا چوڭقۇر ۋەتەن سۆيگۈسى بىلەن سېغىنىشنىڭ ئوتى يالقۇن چېچىپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا زىچ جايلاشقان ئۆيلەرنىڭ قەدىمىيلىقى، ئۈستى يېپىق كوچىلار ئېگىز- ئېگىز سىرەج تاملار، سالاسۇنلار،... ئومۇمەن شەرق ئۇسلۇبىدىكى بۇ شەھەرنىڭ تۈركى مىللەتلىرىگە خاس ئۆزگىچىلىكى قىزىق ۋە يېڭى تۇيىلاتتى. ئۇنىڭغا ھەتتا چىرمىشىپ كەتكەن، ئادەم ئېزىپ قالغۇدەك مۇرەككەپ كىچىك كوچىلىرىمۇ ئاجايىپ زوق بېغىشلايتتى. قەشقەر بازىرىغا يېتىدىغان بازار يوقىدى.
ئۇلار ئۆستەڭ بويى كوچىسى بىلەن ھېيتگاھ ئالدىغا چىققاندا مەمتىلى ئەپەندى بۇ ھەيۋەتلىك قۇرۇلۇشقا بالىلىق مېھرى بىلەن ئۇزاققىچە تىكىلدى. ئۇنىڭ شائىرغا خاس قەلبى ھاياجانغا، تەسەۋۇرغا باي مېڭىسى ئاجايىپ خىياللارغا چۆمدى. ئۇ خيالىدا قۇش بولۇپ ئۇچتى ۋە قۇببە ئۈستىدىكى ھىلال ئاينى سۆيدى. ئۇ خيالىدا غايەت زور بىر كىشىگە ئايلىنىپ مۈنارىنى قۇچاقلىدى. ئاخىردا ئۇنىڭ خيالى ئۆزىنى ئاشۇ مۈنارغا ئايلاندۇرىۋەتتى. بۇ مۈنارە بولسا تەدرىجىي بەھەتۋەت نەيزىگە ئايلىنىپ جاھالەتكە روبىرو بولدى...
توختاجى ئۇنى ئۈنسىز بېقىنلىغانىدى، ئۇ شۇندىلا خيالى مۇھىتتىن ئايرىلىپ ھېيتگاھ ئالدىغا — رېئاللىققا قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ مېڭىسىدە  ھېيتگاھ ھەققىدە بىر شېئر پۈتۈپ قالغانىدى. ئۇ ئىچىدە ئاشۇ يېڭىلا دۇنياغا كەلگەن مىسرالارنى تەكرالىغاچ نوۋېشى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
توختاجى ئەسلىدىمۇ كۆپ گەپ قىلمايتتى، ئەمدىلىكتە ئۇ تەۋپىقنىڭ كۆڭلىدە ئاجايىپ كارتىنىلارنىڭ پەيدا بولۇپ ۋە يېڭىلىنىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلگەچكە تېخىمۇ شۇك ماڭدى. ئۇ شائىرلارنىڭ خيالغا پاتقان ھامان كۆڭلىدە سۆھبەت، مۇشائىرە باشلايدىغانلىقىنى بىلەتتى.
— ئەپەندىم، نېمىشكە گەپ قىلمايسىز؟ — دەپ سورىدى تەۋپىق دوستىدىن، ئۇ خيالدىن باش كۆتۈرگەنىدى.
— سىلىنىڭ خىياللىرىنى بۆلىۋەتمەي دېدىم.
— شۇنداقمۇ؟ مېنىڭ خىيال سۈرىۋاتقانلىقىمنى قانداق  بىلدىڭىز؟
— شائىر دېگەن جىم بولغاندىكىنلا ئىچىدە بىر نېمە توقۇشقا باشلايدۇ دەپ ئۇققانتىم.
— شۇنداقمۇ، مېنىڭچە ھەمىشىمۇ ئۇنداق بولىۋەرمەيدۇ. ئەمما مەن ھېلىراقتا ھېيتگاھ توغرۇلۇق خىيال قىلغانىدىم، بۇنى نەزەردە تۇتقاندا پەرىزىڭىز ھەقىقەتەنمۇ توغرا.
ئۇلار نوۋېشى مەكتەپكە بۇرىلىدىغان دوقمۇشتا تۇرغان ئەخمەد ئەپەندى بىلەن ئۇچراشتى.
— خەيرلىك كۈن، ئەپەندى، — دەپ سالام قىلدى، تەۋپىق ئاۋال ئېغىز ئېچىپ، — قانداق، تۇققانلار بىلەن تېپىشتىڭىزمۇ؟ ھەممىسى تېچلىقمىكەن؟ خۇداغا شۈكرى.
— ھە، يامان ئەمەسكەن، — غەمكىن جاۋاب بەردى ئەخمەد ئەپەندى.
ئۇلار نوۋېشى مەكتەپكە يېتىپ كەلدى. مەكتەپ ئورنىدا ئىنقىلاپتىن ئىلگىرى بۇتخانا بولۇپ، ئىنقىلاپتا بۇتخانا چېقىپ تاشلىنىپ، ئورنىغا مەكتەپ سېلىنغانىدى. ئۇلار مەكتەپ ھويلىسىغاكىرىپ كەلگەندە چۈشكە يېقىنلاشقانىدى. شۇڭا ئۇزاق كۈتۈشكە توغرا كەلمەيلا ئەپەندىلەر دەرىستىن چۈشتى. مەمتىلى ئەپەندى سىنىپتىن چىقىۋاتقان يۈسۈپ زىيانىڭ ئالدىغا قاراپ ماڭدى. يۈسۈپ ئەپەندى قىرىق ياشلاردىكى قارا مۇتۇق، ئۇرۇق، سوزۇنچاق يۈزلۈك كىشىدى. ئۇ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقان كىچىك بۇرۇتلۇق، كېلىشكەن ئادەمنى كۆرگىنىدە قولتۇقىدىكى كىتاپ-دەپتەرلەرنىڭ چۈشۈپ قالغىنىنىمۇ تۇيماي قۇچىقىنى ئاچتى. ئۇلار شۇ يوسۇن ئۈنسىز قۇچاقلىشىپ تۇرۇشتى. ئارقىدىن بىر- بىرىنى نېرى ئىتتىرىپ ئۇزاق تىكىلىشتى. ئاندىن قوللىرى ئاغرىپ كەتكۈدەك قول قىسىشىپ تۇرۇپ:
— سالام...، — دېيىشتى ۋە ئۆز- ئارا ھال- ئەھۋال سورىشىپ كەتتى.
بۇ كەيپىياتنى جىددىيلەشتۈرىدىغان مۇراسىم  تۈگىگەندىن كېيىن مەمتىلى ئەپەندى يەرگە چۈشۈپ كەتكەن كىتاب- دەپتەرلەرنى ئېلىپ، ئەستايىدىل قېقىشتۇرۇپ، قاراپ چققاندىن كېيىن ئۇنى يۈسۈپ ئەپەندىگە سۇندى.
¬— تەبرىكلەيمەن، مەرىپەتنىڭ زىياسىنى  چېچىشنى باشلاپسىلەر، دېدى ئۇ.
— تېخى يېقىندىلا...  ئاسان بولمىدى، ئەپەندىم.
بۇ چاغدا نوۋېشى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن تۇرغۇن ئەپەندى، ساۋۇت ئەپەندىلەر ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلدى. يۈسۈپ زىيا ئۇلارنى تەۋپىق بىلەن ئەخمەد ئەپەندىگە تونۇشتۇردى، تەۋپىق بولسا ئەخمەد ئەپەندىنى ۋە ئۆز- ئۆزىنى تونۇشتۇردى.
— يۈرۈڭلار، ئاۋۋال بىزگە مېھمان بولۇڭلار، چۈشتىن كېيىن مەجىددىن ئەپەندىنىڭ قېشىغا بارىمىز، — دېدى يۈسۈپ زىيا.
— ياق، دوستۇم، ئاۋۋال بوۋاي بىلەن كۆرىشەيلى، تاماقنى شۇ يەردە يەيلى، — دەپ ئۇنىمىدى تەۋپىق، ئۇ مەجىددىن ئەپەندى بىلەن دائىم چېقىشىپ تۇرۇشقا ئامراق، سىرداش دوستلاردىنىدى. شۇڭا ئۇ قېرى دوستىنىڭ ھوزۇرىغا  بېرىشقا بەك ئالدىرىغانىدى.
يۈسۈپ ئەپەندى ئۆزىمۇ خېلىدىن بېرى مەجىدىن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشمىگەنىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن بىر جۇدالىقتىن كېيىن ئەمدىلا كۆرۈشۈپ تۇرغان دوستىنىڭ كۆڭلىگە بارماي بولمايتتى. شۇڭا ئۇ دەرھال قوشۇلدى.
— جۈرۈڭلار، ھەممىمىز بىللە بارايلى،― دەپ تەكلىپ قىلدى تەۋپىق ئوچۇق- يۇرۇقلۇق بىلەن ھېلىلا تۇنۇشقان تۇرغۇن ئەپەندى ۋە ساۋۇت ئەپەندىگە.
ئۇ ئىككەيلەنمۇ بۇ كىشىنىڭ سەمىمىيلىك، دوستانىلىق يېغىپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلشقا ئاجىز كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممىسى بىلەن ياۋاغقا — ”ھىلال ئەھمەر“ گە قاراپ كېتىشتى.

2

ئۇلار ”ھىلال ئەھمەر“ گە بارغاندا مەجىددىن ئەپەندى ئىشخانىسىدا ئىكەن، ئۇ 55 ياشلار ئەتراپىدىكى، ساقاللىرىغا ئاق كىرگەن بوۋاي بولۇپ، قولىدا ئەگىرى ساپلىق ھاسا بارىدى.
ئۆزى ئورۇق، ۋىجىك، ئويناپ تۇرغان كۆزلىرىدىن چاققانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ تەۋپىقنى ئۇزاق قۇچاقلىدى. كىچىك كۆزلىرىنىڭ چانىقى ياش بىلەن پارقىراپ كەتتى.
— خوش گېلدىنىز، سەفا گېلدىنىز، ئەپەندى؟ — دېدى ئۇ قويۇق ئىستانبۇل شىۋىسىدە، گەرچە ئۇ ھازىر تولۇق قەشقەر شىۋىسىدە سۆزلەيدىغان بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، دوستلىرى يېڭىدىن تۈركىيەدىن كەلگىنى ئۈچۈن نېزىقىغاندەك قىلىپ شۇنداق سۆزلىمەكتىدى.
— سالامەت، ئۆزىڭىز ئوبدان تۇرغانسىز؟ ئوبدان بولمىسىڭىز تويىڭىزنى قانداق ئوينايمىز؟
تەۋپىق ئۇنىڭ ئۆيلەنمەكچى بولغىنىنى ئاڭلىۋالغاچقا چاقچاق قىلدى.
— مەنمۇ مانا شۇنچىلىك، — دېدى ئۇ مۈرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئىنتايىن چاققان ھەرىكەت بىلەن ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى نامايەن قىلىپ، — تىرىك يۈرۈپتىمەن، ئىستىخبارات  سىستېمىلىرىڭىزنىڭ سەزگۈرلىكىدىن سۆيۈندۈم، مېنىڭ جىمى ئەھۋالىمنى سىزگە مەلۇم قىلىپ بولغان چېغى؟
تەۋپىق كۈلۈپ قويۇپ:
— تىرىك بولۇڭ، دوستلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى سالام ئېيتىشتى، — دېدى.
— سالامەت بولسۇن ، بۇ ھەقتە ماڭا كېيىن سۆزلەپ بېرىسىز، ھازىر يېمەك ۋار، سوفرايا گېلىنىز، — دېدى ئۇ يەنە ئاغزى ئىستانبۇل شىۋىسىگە كېتىپ، ھاسىسىنى يىپ ئەشكەندەك بىر پىرقىرىتىپ قويۇپ، مېھمانلارنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى، — بىز سىزنىڭ ۋەتىنىڭىزدە نۇرغۇن بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈردۇق. بۇلار ھەققىدىمۇ كېيىن سۆزلىشىمىز،— ئۇ كېتىۋېتىپ شۇنداق دەيتتى.  ئۇ توختاجىنىڭ قولىنى تۇتىۋېلىپ پەس ئاۋازدا دېدى، — مەن سىزنى بىلىمەن.
— مەنمۇ شۇنداق، سىلىنى تونۇيمەن، — دېدى توختاجى قىسقىلا.
ھويلىدا ئۇلارغا بىر كىشى ئۇچرىغانىدى، مەجىددىن ئۇ كىشىنى يېڭى  كەلگەن مېھمانلارغا تونۇشتۇرۇپ:
— بۇ كىشى نامان ئەپەندى بولىدۇ، تەۋپىق بىلەن يۇرتداش، ”ھىلال ئەھمەر“ نىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن، — دېدى ئاندىن نامان ئەپەندىگە،— يۈرۈڭ، سىزمۇ بىز بىلەن بىللە مېڭىڭ، بۇلار بىلەن تونۇشۇپ قېلىڭ، ھەر ھالدا ئۈلپەتچىلىككە يارايدىغان ئادەملەر،— دېدى.
نامان ئەپەندى تەۋپىقنىڭ يۈرتىشى،”ھىلال ئەھمەر“ نىڭ قۇرغۇچىسى دېگەن گەپلەرگە قىزىقىپ قالغان مەمتىلى ئەپەندى مەجىددىن دوختۇرنىڭ ئۆيىگە كىرگىچىلا نامان ئەپەندى بىلەن تونۇشىۋالدى ھەم ئۇنىڭ ئاتۇش ئوڭئېرىقتن ئكەنلىكىنى، تىبابەت ساھەسىدە ۋە پەننىڭ باشقا ساھەلىرىدە خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالى، شۇنداقلا جامائەت ئەربابى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشقا ئۈلگۈردى.
ئۇلار مەجىدىن ئەپەندىنىڭ ياتاقخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ساھىپخاننىڭ پارىڭى تۈگىمەيلا كەتتى. ئۇنىڭ سۆز- ھەرىكىتىدىن تەۋپىقنى ئۆز بالىسىدىنمۇ يېقىن كۆرىدىغانلىقى، شۇڭا ھازىر خوشاللىقىدىن نېمە قىلارىنى بىلەلمەي مەڭدەپ كېتىۋاتقانلىقى  بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ قولىدىكى ھاسىسىنى پات- پات يىپ ئەشكەندەك پىرقىرتىپ قويۇپ، گاھ تەۋپىققە چاخچاق قىلاتتى؛ گاھ سوئال سورايتتى، ئارقىدىنلا ئۆزىنىڭ قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىنكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ كېتەتتى. ئىنقىلاپ ھەققىدە سۆزلىگەندە ئالاھىدە جانلىنىپ كېتەتتى. كېيىن روي بەرگەن پاجىئەلەر، تېرورلۇق ھەرىكەتلەر — يوشۇرۇن تۇتۇپ كېتىش، يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش... لەر ھەققىدە سۆزلىگەندە غەمكىنلىشىپ قالاتتى. ئۇ ئۇلار باشتىن كەچۈرگەن بارلىق بەختسىزلىككە ئىچ ئاغرىتىپ سۆزلىدى.
تۇرغۇن ئەپەندى، ساۋۇت ئەپەندىلەرنىڭ چۈشتىن كېيىن دەرسى بولغاچقا مەكتەپكە قايتىپ كەتتى. قالغانلار يەنە بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشتى.
— ئەمدى، ئەپەندىلەر، بىزگە ھەمرا بولساڭلار، قەشقەرنى ئايلانساق، ھەممە يەرنى كۆرۈپ سېغىنچىلىرىمىزنى باسساق، — دېدى مەمتىلى ئەپەندى.
— ئۈلگۈرسىز، ئەپەندى ھەممىگە ئۈلگىرىسىز، نېمە ئانچە ئالدىرايسىز؟ — دېدى مەجىددىن  ئەپەندى، — ئاۋۋال بىز سىلەرگە بولغان سېغىنىچىمىزنى باسمايلىمۇ.
— ھەممىمىز بىللە چىقساق، پاراڭلىرىمىزنى كوچا ئايلانغاچ داۋاملاشتۇرساق بولىدىغۇ، — دېدى تەۋپىق ئورنىدىن تۇرىۋېلىپ، باشقىلارمۇ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.
ئۇلار ”ھىلال ئەھمەر“ دىن چىقىپ ھېيگاھ تەرەپكە قاراپ مېڭىشتى. شۇ چاغدا مەمتىلى ئەپەندى قېرى دوختۇردىن سورىدى:
— ئەپەندىم،  ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىكى بولغان، ”شەرقنىڭ يۇلتۇزى“ دەپ ئاتالغان قەشقەر شەھرى سىزگە قانداق تەسىرات بەردى؟ ياقتىمۇ؟
— ھەقىقەتەنمۇ قايناق شەھەر ئىكەن، قەشقەرنىڭ بازىرىدىن ياۋرۇپادىكى چوڭ شەھەرلەردىمۇ ئاسانلىقچە تاپقىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنى تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم، — دېدى دوختۇر چىن قەلبىدىن ماختاپ.
— ”قەشقەرنىڭ بازىرىدا توخۇ سۈتىدىن باشقىسى تېپىلىدۇ“ دېگەن گەپ بىكار ئېيتىلمىغان ـ دە! — دېدى مەمتىلى ئەپەندى ئىپتىخار بىلەن.
— بىراق،... — دەپ توختاپ قالدى دوختۇر.
مەمتىلى ئەپەندى ئۇنى قولتۇقلىۋالدى ۋە ئۇنىڭ دېمەكچى بولغان، ئەمما دېيەلمىگەن سۆزىنى بىلىۋالغاندەك سۆزلەشكە باشلىدى:
— بىراق، مۇشۇ بىر قەدىمىي شەھەر تەرەققىي قىلماي ئوتتۇرا ئەسىر قالاقلىقىدا، مەڭگۈلۈك ئاسارە- ئەتىقە بولۇپ تۇرۇپتۇ، دەپ ئېچىنىۋاتىسىزغۇ دەيمەن، شۇنداقمۇ؟ — دېدى ئۇ نۇرلۇق كۆزلىرىنى ئالدى تەرەپتىن ئۈزمەستىن كېلىۋېتىپ، — بىز بۇ شەھەرنى گۈزەل قىلىپ قۇرۇشنى، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايتتۇق. ئالدىنقىلارمۇ خالايتتى. لېكىن، بەختسىز ئۇيغۇر خەلقى ئاسارەت زەنجىرىدىن قۇتۇلالمىدى. جاھانگىرلار، مۇستەملىكچىلەر ھەرخىل چىرايلىق نىقاپلارغا ئورۇنۇپ بىزنىڭ بېشىمىزنى سىلىغۇچى ”ماشايىخ“ لار سۈپىتىدە كېلىشىپ، مىللىي مۇناپىقلار، ۋەتەن ساتقۇچىلار، ئاخماق ۋە قىزىلكۆز موللىلار بىلەن بىرلىشىپ ۋەتىنىمىزنىڭ بايلىقىنى گويا بىر بۈيۈك تەندىن قان شورىغاندەك شوراشتى. ئامىتىگە شېرىك بولدى، ئاپىتىگە ئىگە بولمىدى — پايدا بولغاندا ھەممىگە ئىگە بولىۋېلىپ، ھەقىقىي ئىگىلىرىنى يېقىن كەلتۈرۈشمىدى؛ بىراق زىيان بولغاندا مەزلۇم ئەلنىڭ ئۆزىگە ئىتتىرىپ قويۇپ، ئۆزلىرى چەتكە چىقىۋېلىشتى. ئەنە شۇنداق قىلىپ بايلىقلارنى توشۇپ كېتىپ ئۆز شەھەرلىرىنى ھەشەمەتلىك قىلىپ قۇرۇشتى. بۇ يەر بولسا خۇددى سۈت بەرگەن كالىدەك باشقىلارنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىن ئەتتى ـ يۇ، ئۆزى بېقىش تاپمىدى. — توختاجى، ئەخمەد ئەپەندى، يۈسۈپ زىيالار پاراڭ قىلماي مېڭىشتى. ھەممەيلەن تەۋپىقنىڭ ھاياجان بىلەن ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىگە قۇلاق سالاتتى، — لېكىن، بىز ئەمدى ئەسىرلىك ئۇيقۇدىن ئويغىنىمىز، ۋەتىنىمىزدە تەبئىي بايلىق مول، ھەرخىل ”تەييارغا ھەييار“ ”دوست“ لارنى بىزگە ”ماشايىخ“ بولىۋالغان ئالدامچىلارنى قوغلىۋەتسەكلا ناھايىتى تېز پۇرسەتتە ھەر قانداق مەدەنىيەتلىك ئەل بىلەن تەڭلىشىپ قالىمىز. مانا بۇ جانلىق ئاسارە- ئەتىقىنىمۇ پارىژدەك، بېرلىندەك، لوندوندەك قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز. چۈنكى بىز ئوغۇز ئەۋلادى! بىز ئىنسانىيەتكە قەغەزنى، مەتبەنى ۋە يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى تەقدىم قىلغان خەلقمىز!
ئۇلار قىززىق پاراڭ بىلەن ھېيتگاھ جامەسى ئالدىغا يېقىنلاشقاندا ئۇلارنىڭ قارشىسىدىن 45 ياشلار چامىسىدىكى دۈپچەك، قاڭشار بۇرۇن، ئاق سېمىز، بۇرۇت قويغان، ساقالسىز بىر كىشى چىقىپ كەلدى ۋە ئۇلارغا گۇمان ھەم دۈشمەنلىك نەزىرىدە قاراپ قويدى. ئۇنىڭ چېھرىسىدىن بىر خىل سوغۇق، رەھىمسىز نۇر تارقىلىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. ئۇ ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن يۈسۈپ ئەپەندى:
— بۇ ساقچى باشلىقى قادىر ھاجى دېگەن كىشى بولىدۇ، ئۆزى قازېرىقلىق  ھاشىمباي دېگەننىڭ ئوغلىكەن. ئىلگىرى دادىسى بىلەن ھەجگە بېرىش سەپىرىدە سوۋېت يېرىدە قېلىپ يولدىن چىققان، ئەتكەسچىلىك، قىمارۋازلىق قاتارلىق بولمىغۇر ئىشلارنى قىلغانىكەن، شۇڭا ھاشىمباي ئۆلۈش ئالدىدا ”كاپىرغا مىراس قالدۇرۇش دۇرۇس ئەمەس، قادىر كاپىر بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭغا ھېچنىمە  بەرمەڭلار“ دەپ ۋەسىيەت قىلغانىكەن. بىراق، قادىر ھاجى سوۋېتتىن كەلگەندىن كېيىن ئەمەلدار بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىر تۇغقانلىرى ئۇنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ مال- مۈلۈكنىڭ كۆپرەك  بىر قىسمىنى ئۇنىڭغا بېرىپتۇمىش، — دەپ تونۇشتۇردى.
— بۇ كىشىدە راسا جاللاتلىق تەبئىتى باردەك قىلىدۇ، — دېدى تەۋپىق
— شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىش مەقسىتىدە مۇشۇ خىزمەتكە قويۇلغان ـ دە، — دېدى يۈسۈپ زىيا.
— نېمە گەپ بۇ، ھازىر بۇ يەردە سوۋېتتە ئوقۇغانلار ئىش بېشىغا چىقىۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟
— ھازىرچە تېخى بەك ئاشكارىلانمىدى، ھەرھالدا كېلىشىملەرنىڭ مەزمۇنلىرى شۇنداق بولىشى كېرەك، ئاستا ـ ئاستا كومۇنىستلار ھاكىمىيەت قاتلاملىرىغا چىقىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىغىمۇ سوۋېتتىن كەلگەن بىرىنى قويۇپتىمىش، يېقىندا يەنە بىر بولشىۋىك خىتاي كەپتۇ دېيىشىدۇ، قەشقەرگە ۋالى بولارمىش. ئەمما تېخى ئاشكارىلانمىدى.
ئۇلار  جامە ئىچىگە كىرىپ زىيارەت قىلىشتى. ئىككى رەكئەت تەھىييەتۇل مەسجىد  نامىزى ئوقۇپ، ئۇ يەردىن قايتىپ چىقىپ ئۆستەڭ بويى كوچىسىنى، ئاندىن ئايلىنىپ يان دەرۋازا، قوناق بازىرى، ئوردا ئالدى كوچىلىرىنى زىيارەت قىلىشتى. ھەممە يەردە پۈتكۈل شەرق بازارلىرىنىڭ ئومۇمىي خۇسۇسىيىتى چىقىپ تۇراتتى.
— مەن دەيمەن، — دەپ سۆز باشلىدى مەجىددىن ئەپەندى، — ئۇيغۇرلار بەك ئاقكۆڭۈل خەلق بولۇش بىلەن بىللە، يەنە ئىنتايىن قىزغىن مىجەزلىك خەلق ئىكەن. دېققەت قىلدىڭلارمىكىن، بىز ئايلىنىپ ئۆتكەن كوچىلاردىلا نەچچە يەردە توپلىشىۋالغانلارنى كۆردۇق، ئۇلارنىڭ قىزغىنلىق بىلەن ئولىشۋالغانلىقىغا قاراپ ئۇ يەردە قىزىق بىر ئىش بولغان ئوخشايدۇ،دەپ قالىسىز. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇنچىۋالا ئىش يوق. يا بىر چەتئەللىك مال ئېلىۋاتقان بولىدۇ، يا ئىككى ئادەم قىزىرىشىپ قالغان  بولىدۇ... ئىشقىلىپ شۇنچىلىكلا بىر ئىش.
مەمتىلى ئەپەندىنىڭ چىرايىغا قويۇق قىزىللىق تەپتى. ئۇ بۇ گەپتىن ئۆزى ياكى يېقىن كىشىسى  ھاقارەتكە ئۇچىرىغاندەك نومۇسى كەلدى. لېكىن ئۇ مەجىددىن ئەپەندىدىن رەنجىمىدى، دوختۇرنىڭ ھاقارەت مەخسىتىدە دېمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ گەپلەر ھەقىقەتەنمۇ راسىدى. شۇڭا ئۇ يۈرىكىنىڭ شىددەت بىلەن تېپىشىنى سەل تىزگىنلىۋېلىپ دېدى:
— ئومۇمەن، ھاياتتىن لەززەت تاپالمايدىغان، تۇرمۇشنى ھايۋانلاردىن سەللا يۇقىرى سەۋىيىدە ئورۇنلاشتۇرۇۋېلىپ شۇنىڭدىن قانائەتلىنىدىغان، بەلكى بۇنىڭدىن يۇقىرىراق تۇرمۇشنىڭ بولىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان، مەنىۋىي دۇنياسى قۇرۇق بولغان ئادەملەر  ھەربىر ئۇششاق ئىشلارغىمۇ قىزىقىپ، ھېچنەرسە كۆرمىگەن كىشىدەك ئۆزىنى ئۇرۇپ تۇرىدۇ. ئەسلىدە بۇ ئادەملەر ھاياتنىڭ باشقا قىزىقچىلىقلىرىنى، ھەقىقىي لەززىتىنى تېتىپ كۆرمىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋىي دۇنياسى تېخىمۇ كەمبىغەل بولىدۇ. بەزىلىرى ماددى جەھەتتىن ئالاھىدە باي بولسىمۇ، يەنىلا مۇشۇ قالاق مۇھىت ئىچىدە ياشاپ تۇرغىنىچۇن مەنىۋى جەھەتتىن ئوخشاشلا گاداي بولىدۇ. چۈنكى بايلىققا تايىنىپ، تۇرمۇشى ئۈچۈن مەنىۋى بايلىق يارىتىشنى بىلمەيدۇ. روھى لەززەت ئېلىشنى بىلمەيدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا بۇنداق تەلەپمۇ بولمايدۇ. مانا شۇنداق كەڭ دائىرىلىك مەنىۋى گادايلار مۇھىتىدىكى بۇ ئادەملەر يولدا بىرسى يىقىلىپ چۈشسىمۇ گويا كەم ئۇچرايدىغان قىزىق تاماشا تېپىلغاندەك  ئەتراپىغا ئولىشىۋالىدۇ. مۇشۇنداق ئەرزىمىگەن نەرسىلەرنى ئەمەك قىلىپ ئۆمرىنى ئۆتكۈزىدۇ، مەنىۋى ئاچلىقىنى بېسىشقا تىرىشىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ زادى نىمىگە تەشنا بولىۋاتقانلىقىنى، كۆڭلىدىكى ئاچلىقنىڭ ئوزۇقى نىمە ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرىمۇ چۈشەنمىگەچكە بىرسىنىڭ دوپپىسى چۈشۈپ كەتكەنگىمۇ، بىرسىنىڭ تېيىلىپ كەتكىنىگىمۇ  ”ھو!...“ توۋلىشىپ دىۋەيلىشىدۇ، ― تەۋپىق ئازاپ ۋە ئېچىنىشقا تولغان ئاۋازدا سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە بىر ئاز زەردىلىك ئاھاڭىدا قوشۇپ قويدى، ― بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ياخشىمۇ ئاران ئون مىلىيونكەن ، ئاز  بولغىنىمىز بىلەن بىز توۋلىشىپ، قىستىلىپلا يۈرىمىز. بىزگە تەرتىپ، قائىدە - قانۇنمۇ ئاسانلىقچە ئۆزلىشىپ كەتمەيدۇ. بۇنداق چېچىلاڭغۇلۇققا يۇرتۋازلىق ئىللىتى قوشۇلۇپ، جاھاگىرلارنىڭ بىزنى كولدۇرلىتىشى ئۈچۈن پايدىلىق شەرت شارائىت ھازىرلايدۇ. بىزدىكى يۇرتۋازلىق شۇ دەرىجىگە يېتىپ بارىدۇكى، يۇرت بىلەن يۇرت ئارىسىدىكى زىدىيەتتە ئۆز مىللىي قېرىندىشىمىز ئۈستىدىن غەلبە قىلىش ئۈچۈن ئورتاق دۈشمىنىمىزنى ئىتتىپاقچى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشتىن  يانمايىز. ئۆز ئىچىمىزدىن بىرى يۇرت سورىسا ھچكىم ئۇنى قوللىمايدۇ، ياراتمايدۇ ― يا ئۇنىڭ  يۇرتىنى پەس كۆرىدۇ، يا ئۇرۇقىنى پەس كۆرىدۇ. ئەمما چەتتىن كەلگەن بىرى شىللىمىزگە مىنىۋالسا ھېچكىم ئۇنىڭ نەسەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايدۇ. ئەكسىنچە ئۇنىڭ بىلەن كارى يوق، ئۇنىڭ ياردىمى ۋە يەل بېرىشى بىلەن ئۆز ئارا  نىزاھ - جاڭجال قىلىشنى توختاتمايدۇ...  ھېلىقى چەتتىن كەلگەن كەلگىندى بولسا ئەسكەر، يالاقچى ۋە باشقا زۆرۈر خادىملارنى ئۆزىمىزدىن ئېلىپ، ئۆزى يالغۇزمۇ جاھان سوراپ كېتىۋېرىدۇ...
تەۋپىقنىڭ ھەمرالىرى باشلىرىنى سېلىپ جىم مېڭىشتى. ئۇلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجىزلىقلىرى ھەققىدە مەمتىلى ئەپەندى ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقان باھاغا قوشۇلاتتى. بۇ مىللەتتىكى ئىللەتلەر ھەققىدە ئەڭ ئەۋەل دىموكرات ئابدۇقادىر داموللا دىئاگنوز قويغان، شۇنداقلا داۋالاشقا جىددى كىرىشكەنىدى.  ئۇنىڭدىن ئىلگىرى يا كېسەلنى داۋالاشقا جىددىي ئۇرۇنۇلمىغانىدى، يا كېسەل يوشۇرۇلغانىدى. كېسەلنى يوشۇرۇشنىڭ ئىنتايىن پايدىسىز ئىكەنلىكى ھەر بىر زىيالىغا ئايان بولغىنىدەك سۆھبەتداشلارنىڭ ھەممىسىگىمۇ ئايان بولغاچقا بۇ نۇقتىنى چۈشىنەتتى. مەجىددىن ئەپەندى بولسا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئازاپلىق ئىقرارىدىن يۈرىكى ئېچىشقان ھالدا يەر ئاستىدىن ئۇنىڭغا قاراپ قويدى. بۇ چاغدا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ يۈرىكى ئۆزى بايا دىئاگنوز قويغان كېسەلنى ساقايتىش ئىستىكى بىلەن تولغانىدى. مەجىددىن ئەپەندى ئۇنىڭغا تەسەللى ئېيتماقچى بولغاندەك:
—  بۇ ئىللەتلەر يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجىزلىقى ئەمەس، ئومۇمەن تۈركى خەلقلەرنىڭ ھەممىسىگىلا ئورتاق، ئەپەندىم، — دېدى.
— بىراق، بۇ بىر ئۇلۇغ ئانا، قېرى ئانا...  ئۇنى ئەيىپلەش ھەددىمىز ئەمەس، — دېدى تەۋپىق خىيالچان ھالدا.
ئۇلار ئوردا ئالدى  كوچىسى بىلەن يەنە ھېيتگاھ ئالدىغا چىققاندا قوياش غەربكە قىشايغان بولۇپ، ھېيتگاھ مۈنارىسىنىڭ سايىسى ئۇزىراپ كەتكەنىدى.
بۇ يەردە بىر نەچچە ساقچى ئۇلارنى توسۇپ، مەمتىلى ئەپەندى بىلەن ئەخمەد ئەپەندىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈردى.
ساقچىلار كەتكەندىن كېيىن يۈسۈپ ئەپەندى:
— بايقى قادىر ھاجى ئەۋەتكەن ئادەملەر ئوخشايدۇ،— دېدى،— ئۇلار ھەربىر ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەرگە، يەنە بىرگە، باي ئادەمگە ئەنە شۇنداق دېققەت قىلىدۇ، ئۇلاردا ھەربىرىمىزنىڭ تەپسىلى ئارخىپىمىز بولىشىمۇ مۇمكىن... ئاجايىپ ئەنسىز جاھان بولۇپ كەتتىغۇ... — يۈسۈپ ئەپەندى كۆڭلىنى خىرە قىلغۇچى سۆزلەرنى ئانچە ئۇزۇنغا سوزمىغان بولسىمۇ بەزى مۇھىم ھالقىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
كەيپى خېلىلا  بۇزۇلغان زىيارەتچىلەر مۇشۇ مەنزىلدە توختاپ، ھەر قايسى  ھەر تەرەپكە تارقاشماقچى بولۇشتى.
— ئەپەندىم، قەيەرگە بارماقچىسىز؟ — دەپ سورىدى مەجىددىن ئەپەندى، — مېنىڭ ئۇۋامغا كېتەمدۇق ياكى ئوردا ئىشىكىگە كېتەمسىز؟ سىزنىڭ نەغمە ـ ناۋالىرىڭىزنى خويمۇ سېغىىۋېدىم...
يۈسۈپ ئەپەندىمۇ ئۇنى ”قانداق قىلىسەن؟“ دېگەندەك قارىدى.
— مېنىڭ نەرسە- كېرەكلىرىم قىزىل دۆۋىدە، ھازىر توختاجى بىلەن كېتىمەن. ئەتە نەرسە- كېرەكلىرىمنى ئېلىپ ئۇزاپ كېلىمەن. ئاۋۋال ئوردا ئىشىكىگە – زىيانىڭ ئاستانىسىگە چۈشىمەن، ئۆگۈنلۈككە سىزگە قوناق بولىمەن، لېكىن شۇندىمۇ نەغمە- ناۋادىن تامادا بولمىغايسىز. بۇ گەپنى ئېچىپ خاپلىقىمنى قوزغاپ قويدىڭىز. بىلەمسىز، پىئانىنوسىمنى ھىندىستاندا تاشلاپ كېلىشكە توغرا كەلدى.
— بۇ كىشى ئۇ يەردە مېھمانخانا خوجايىنى بىلەن دوستلىشىپ قېلىپ، ئايرىلىدىغان چاغدا ئاغىنىدارچىلىقنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن ھىسىياتقا بېرىلىپ كېتىپ پىئانىنوسىنى قالدۇرۇپ كەلگەندى، ئەمدى چىدىمايۋاتىدۇ،— دېدى توختاجى كۈلۈپ.
— ئۇ چاغدىكى ئەھۋالدا ئۇنى ئاياپ ئولتۇرۇشقا بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلىقى ئاجايىپ داۋانلاردىن ئۇنى ئېلىپ ماڭماقمۇ مۈمكىن بولماسكەن، قالدۇرغىنىمىزمۇ توغرا بولغانىكەن، دەپ ئويلاۋاتاتتىم. بىراق، ئەمدى ماڭا پىئانىنو بەكمۇ لازىم بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلىۋاتىمەن.
— غەم قىلماڭ، دوستۇم، ئۇنىڭسىزمۇ قەشقەر دېگەن دۇتار-تەمبۇرنىڭ كانىغۇ، بىز شۇلار بىلەن قىلىدىغىنىمىزنى قىلىۋېرىمىز.
— بىراق پىئانىنومۇ ئۆز نۆۋىتىدە لازىم ـ دە، بۇ ئىشتىن كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم.
تەۋپىقنىڭ راستىنلا كۆڭلى يېرىم بولغىنىنى چۈشەنگەن دوختۇر تەسەللى ئېيتىپ:
— ئالدىرىماڭ، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماي تۇرۇڭ. مېنىڭ شىۋىد دوختۇرخانىسىدا بىر تونۇشۇم بار، ئۇنىڭكىدە بىر پىئانىنونىڭ بارلىقىنى كۆرەتتىم، ئەمما بىر قېتىممۇ چالغىنىنى كۆرگىنىم يوق، يا ئۇ ئاۋالقى دوختۇر قالدۇرۇپ كەتكەن نىمە، بولمىسا بۇزۇق مال.
— قېنى سىز سۆزلىشىپ كۆرۈڭ، بۇزۇق بولسىمۇ مەيلى، ئوڭشىۋالىمەن، سېتىپ بېرىشكە  ئۇنىسىلا بولغىنى.
ئۇلار شۇ يەردە خوشلىشىپ ھەر قايسى ھەر تەرەپكە تارقاشتى.

3

تۈن نىسبىدىن ئاشقان بولسىمۇ مەمتىلى ئەپەندى ئويقۇسىنى قوغلاپ  تۇتالماستىن ئۇيان - بۇيانغا ئۆرلەتتى. ئۇنىڭ خىيالىدىن نۇرغۇن ئىشلار تىزىلىپ ئۆتەتتى.
قەشقەر ئۇنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنىدىن يامانراق بولۇپ چىقتى. ئەسلىدە ئۇ ئۆزى چەتتە يۈرگەن يىللار ئىچىدە قەشقەردە مەلۇم تەرەققىياتلار بولدىغۇ دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن قەشقەر جاھالەتنىڭ تۇمانىدا غۇۋلىشىپ تۇرغان، يەنە كېلىپ ئالدىنقى ئۈچ يىللىق يېغىلىق خەلقنى تېخىمۇ نامراتلاشتۇرىۋەتكەنىدى. نامراتلىق ھەر قاچان خۇراپات ياخشى كۆكلەيدىغان تۇپراقىدى. خۇراپات بولسا قاشقا بېدىگە ئوخشاش ئۆزى ئۆسكەن تۇپراقنى ”ياخشىلايتتى“.
”نامراتلىق — خۇراپاتلىق ¬— نامراتلىق“ دەۋر قىلىپ بۇ قەدىمىي مىللەتنىڭ قەدىمى شەھىرىنى ئۆزىنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرىۋالغانىدى. قەشقەر بازىرىدىكى تەرتىپسىزلىك، بىكارچىلىك، نامراتلىق، جىدەل - ماجرا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ يۈرىكىنى سانسىز خەنجەردەك ئىسكەنجىگە ئېلىۋالغانىدى.
ھەممىدىن يامىنى شۇ ئىدىكى، خەلقنىڭ نادانلىقىدىن پايدا ئېلىپ ئۈگەنگەن ھۆكۈمران گوروھ ئىلغار  پىكىرلىك  كىشىلەرنى يوق قىلىۋېتىش كويىدا ئىدى. ئىلگىرى ئابدىقادىر داموللىنى قانداق يوق قىلىشقانلىقلىرى ھەققىدىكى خاتىرە كۆڭۈل ئىكرانىدىن  ئۆتمەكتىدى. ئۇقمىشلاردىن قارىغاندا ھازىرقى ۋەزىيەتكە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايتتى. سوۋېت بولشىۋىكلىرى شىڭ شىسەينىڭ ھاكىمىيەتنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشى ئۈچۈن ياردەملىشىپ، بۇ تۇپراقلاردا ئىمتىياز قازانماقتا، ئاشكارە يوشۇرۇن شەكىللەر بىلەن ئۆز ئادەملىرىنى بۇ يەرلەردىكى ھاكىمىيەت قاتلاملىرىغا تىقماقتىدى. بۇ ھالدا كېتىۋەرسە تەبىئىيكى، بۇ يەردىمۇ بولشىۋىكلارنىڭ تازىلاش سىياسەتلىرى، رەھىمسىز سىنىپىي كۆرەشلەر ئەۋج ئېلىپ كېتىشى مۆلچەردىن تاشقىرى ئەمەسىدى. بۇ ۋاقىتلىق تېنچلىق بۇزۇلغان ھامان ئىشپىيونلار تەرىپىدىن ئاللىقاچان رويخېتى تۈزىلىپ تەييارلىنىپ بولغان ئادەملەر ھەرخىل شەكىلدە يوقىلىشقا باشلايتتى.
مەمتىلى ئەپەندى بېشى تەرەپتىكى ئېچىۋېتىلىگەن دەرىزىدىن يولتۇزلۇق ئاسمانغا قاراپ ياتاتتى. نەدىدۇر بىر يەردە پاقا كۇكىرىدى. قىزىل دۆۋىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە بىر سازلىق ئېرىق، جەنۇبىدا قىزىل دەرياسى بارىدى، شۇڭا بۇ يەردە پاشلارمۇ يېتەرلىكىدى. مەمتىلى ئەپەندى ئۈچ - چېكى يوق خىيالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن شامنى ياقتى. (ئۇ ھەر قانداق جايدا ياتسا ياستۇقى يېنىغا چىراق، سەرەڭگە ۋە يانچۇق دەپتىرىنى قويۇپ ياتاتتى) ئاندىن بۈگۈن ھېيتگاھ ھەققىدە كۆڭلىگە تىزىۋالغان شېئىرنى خاتىرلەپ قويدى. ئاندىن يەنە چىراقنى ئۆچۈرۈپ، ئۇخلاش ئۈچۈن ئۆز - ئۆزىنى مەجبۇرلىدى.
لېكىن ئويلا- ئويلا، ئۇيقۇسى  كەلمىدى. ئۇخلىيالمىغانسېرى خىيال باستى ئاخىرى ئۇنىڭدا ھەممىدىن بىزار بولۇش تۇيغۇسى پەيدا بولدى. ئۇ بۇ يەرگە  كېلىشتە بىرمۇنچە زىيان تارتقانىدى. ئۇنىڭ ئوبدان خىزمەت ئورنى بارىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەدىبە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان باغلىنىشى تېخىمۇ ئاجايىپىدى. ئەگەر ئۇ ئەدىبەگە ئۆيلىنىشىنى خاھلايدىغانلا بولسا كاتتا بىر بايغا مىراسخور بولۇپ قالاتتى. بۇنچە كۆپ مال- مۈلۈك بىلەن ئۇ غەمسىز ياشىيالايتى. ئەدىبەدەك تېپىك ئۇيغۇر گۈزىلى ئۇنىڭ ھاياتىغا بەخت  ۋە خوشاللىق بەخىش ئېتەلەيتى. .. ئۇنىڭدا ئىككىلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولدى. نىمىشكە ئىككىلىنىش پەيدا بولمىسۇن؟ ئۇ شۇنچە كۆپ قۇربان بېرىپ — ئاۋۋال يۇرتىدىن ئايرىلىپ، ئاندىن ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ  خوتۇن، بالا- چاقىسىنى تاشلاپ ئوقىغان، كېيىن ئەدىبەدەك گۈزەلنى ۋە ئۇنىڭ نۇرغۇن مال مۈلكىنى تەرك ئېتىپ، شۇنچە ئۇزاق مۇساپىنى بېسىپ كەلسە بۇ يەردە ئۇنى دار كۈتۈپ تۇرسا... جاھاننىڭ تېنچ ۋاقتىدا قايتىپ كەتكەن تۈزۈكمۇ، قانداق؟
تەۋپىق بىر قارارغا كېلەلمىدى. ئاخىر ئۇ ئالدى بىلەن قەشقەردىكى دوست بۇرادەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، پىكىرلىشىپ، ئاندىن ئاتۇشقا بېرىپ ئۇرۇق- تۇغقانلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بۇ ھەقتە بىر قارارغا كەلمەكچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن سەل- پەل يىنىكلەشكەندەك بولدى.
ئۇ ئۇيغۇغا كەتكەندە باش توخۇ چىللىغانىدى.


ئـالـتـىـنـچـى بـاب
1

تـ
ۈن پەردىسى ئالەمنى قاپلىغان، ئەتراپ جىمجىت...
... نىزامىددىن  بىلەن مەمتىلى ئەپەندى قەھىرلىك ئۆركەشلەۋاتقان، شاقىراشلىرى كېچە جىملىقىغا سۈر بېغىشلايدىغان بىر دەريانىڭ ساھىلىدا ئۇچراشتى. سەل ئىلگىرى ئىككىسى دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ قول پۇلاڭلىتىشقان، ھېلىراقتا مەمتىلى ئەپەندى بۇ تەرەپكە ئۆتكەنىدى.
دەريا بويى بۇلۇتلار ئارىسىدا ماراپ چىققان ھىلال ئاي نۇرىدا سۇس يورىغان، سۇ يۈزىدە ئاي شولىسى ئەلەڭلەپ تۇراتتى. ئۇلار بىرىبىرىنىڭ قولىنى سىقىشقان چاغدا نىزامىددىننىڭ سوزۇنچاقراق، گۆشلۈك، كەڭ يۈزى ۋە قېلىن كالپۇكلىرى دىرىلدەپ كەتتى. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ پىشقان ئالمىدەك يۈزىدىن نۇر تۆكۈلۈپ تۇراتتى. نۇرلۇق  كۆزلىرىدە كۈلۈمسىرەش،... سۇس يورۇقلۇقتا ئۇلارنىڭ رەڭگى  ـ روھىدا ئىپادىلىنىۋاتقان تېخىمۇ نازۇك ئىپادىلەرنى بايقىغىلى بولمايتتى.
— ئاخىرى قايتىپ كەپسەن ـ دە؟ — دېدى نىزامىددىن، ئىككىسى بىر- بىرىگە قارىشىپ بىر ھازا ئۇنسىز بېقىشىپ تۇرۇشقاندىن كېيىن، — ئەمدى ئىككىمىز ئايرىلمايلى، مېنىڭ سەندىن باشقا قېرىندىشىم يوق ئەمەسمۇ...
— مېنىڭ تۇرىشىم قانداق بولاركىن، ئاكا، — دېدى مەمتىلى ئەپەندى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە بىلىنەر- بىلىنمەس مەيۈسلۈك چاقناپ ئۆتكەن بولسىمۇ ئىللىق كۈلۈمسىرىشىنى داۋام قىلىپ، ئۇ پات- پات دەرياغا گويا سۇ ئۇلغىيىپ دولقۇن كۆتىرىلىۋاتامدۇ قانداق دېگەندەك قاراپ قوياتتى.
— نېمىشكە؟ نىمىشكە تۇرمايسەن؟ ئەجەبا ئون نەچچە يىللىق جۇدالىق ساڭا يەتمىدىمۇ؟ ئۆز ۋەتىنىڭدىن زېرىكتىڭمۇ؟ بىزدىن زېرىكتىڭمۇ؟
— ياق، ئاكا، ئۇنداق ئەمەس، لېكىن، ... مەن بەك كېچىكىپ قاپتىمەن، بەك كېيىن كەپتىمەن ئەگەر بۇرۇنراق كەلگەن بولسام بەك ياخشى بولاتتى... ئىنقىلاپنىڭ راسا قىزىغان ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ كېلەلمەپتىمەن...
— مەيلى، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، كۆڭۈلدىكىدەك ياشاپ كېتەلەيسەن. ساڭا ئوخشاش چەتتە ئوقۇغان ئادەمگە ھەر قانداق مەھكىمىلەردە خىزمەت تېپىلىدۇ.
مەمتىلى ئەپەندى ئىستىھزا بىلەن كۈلۈمسىرىدى.
— ئاكا، ”پادىشاغا خىزمەت قىلىشنىڭ ئىككى تەرىپى بار. ھەم نان ئۈمىدى، ھەم جان قورقۇنچىسى“ . شۇڭا ئاشۇ ئۈمىدنى دەپ قورقۇنچقا چۈشۈپ قېلىش ئاقىللارنىڭ پىكىرىگە خىلاپ،— دېدى   ئۇ ئىلگىرىكىدەكلا سالماق قىياپىتىنى بۇزماي.
— ئۇنداق بولسا تېخى ياخشى، ئۆيدە ھۈنەر قىلساقمۇ بەخۈدۈك جان بېقىپ كېتىمىز. بىلەمسەن، مەن خېلىدىن  بۇيان ئۆيدە بوياقچىلىق دوكىنى ئېچىپ كېلىۋاتىمەن، ئالدىراش بولغاندا ئونچە نىمكار سالىمەن، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ئىككى نىمكار ئىشلەيدۇ. دەسلەپ بىر مەزگىل ئاخۇن دادامغا ۋەكىل  بولۇپ ئورۇس كونسولخانىسىدا تۇردۇم، ئىشنىڭ تەقەززارسىدىن شۇ يەردە ئاشۇ خەقنىڭ تىلىنىمۇ ئۈگىنىپ كەتتىم دېگىنە... كېيىن ئاخۇن دادامنىڭ سودا ئىشى توختىغان ھامانلا بوياقچىلىقىمنى قىلىغىلى تۇردۇم، ئىككى نىمكارنى دائىمىي ياللىۋالدىم،... مېنىڭ ئەھۋالىم ئەنە شۇنداق، سەن ئەمدى تىۋېپچىلىك قىلساڭمۇ بولىدۇ، ئىشقىلىپ قولۇڭدىن ھېچ ھۈنەر قېچىپ قۇتۇلالمايدىغۇ؟...
— ھۈنەر بولىدىغان گەپ،... مەن ماۋۇ لايقا سۇدىن ئەنسىرەيمەن،...ـ مەمتىلى ئەپەندى كۆڭلىدىكىنى ئېيتىشتىن ئەنسىرەۋاتقاندەك جىمىپ قالدى. ئۇ يەنە دەرياغا قاراپ قويدى. تاشقىن بولۇش ئېھتىمالى باردەك قىلاتتى. ئۇ ئاي پېتىپ كەتسە مۇشۇ گىرىمسەن يۇرۇقلۇقتىنمۇ مەھرۇم قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرىگەندەك باش كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراپ قويدى.
— بولمىغۇر گەپلەرنى قويۇپ يۈر ئۆيگە!
— مۇشۇ ئۆي بولماي قەيەر؟
نىزامىددىن ھەيران بولۇپ ئەتراپىغا قارىۋىدى، راستىنلا ئۇلار ھويلىغا كېلىپ قېلىشقانىكەن، خۇلۇم- خوشنا، ئۇرۇق- تۇققانلار ھويلىنى بىر ئالغانىدى، ھەممىسى مەمتىلى ئەپەندىگە ئېھتىرام بىلدۈرەتتى، مەمتىلى ئەپەندى بولسا ئۇلارغا تېخىمۇ تۆۋەنچىلىك بىلەن تازىم قايتۇراتتى.
ئۆز- ئۆزىدىن مەرىكىلەرمۇ پەيدا بولدى. مېھماننىڭ شەرىپىگە نەغمە- ناۋا قىلىنىشقا باشلىدى. مەمتىلى ئەپەندى سۇپىنىڭ لىۋىدە نىزامىددىننىڭ كىچىك قىزى پاتىمەنى قۇچىقىغا ئېلىۋالغان بولۇپ ”ئانام، ئانام“ دەپ ئەركىلىتەتتى. بۇ قىز مومىسى بىلەن ئىسمداش ئىدى.
بىرەمدىلا ئۇنىڭ ئالدىدا چوڭ جىيەنى غېنى پەيدا بولدى. تەۋپىق ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ:
— يەكەن دەرياسى بويىدا سەن بىلەن تەڭ بىر دوستۇم قالدى...
— ماللىكامنىڭ قىزىقلىقىنى، — دەيتى بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭى ئايىمگۇل، — غېنى بىلەن تەڭ بالا ماللىكامنىڭ دوستىكەن!...
نەبى بىر چەتتە تۇرۇپ بۇ ئاجايىپ كېلىشكەن ئادەمنىڭ ئۆز تاغىسى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيۋاتقاندەك قىزىقىش بىلەن قارايتتى.
— كىچىك بولسا دوست بولمامدىكەن؟ دوستلۇق دېگەن چوڭ-كىچىك دەپ چەكلەنمەيدۇ، گەپ كۆڭۈلدە،.... — دەپ چۈشەندۈرەتتى تەۋپىق جىيەنىلىرىگە، ئۆزىگە خاس ئەستايىدىللىق، زېرىكمەيدىغان پوزىتسىيە بىلەن، — سىلەر ھەممىڭلار ماڭا يېقىن كېلىڭلار، نېمشكە ئۇنداق قاراپ تۇرىسىلەر، مولۇندەك، — دەيتى ئۇ چەتتىراق يېتىرقاپ تۇرغان رەجەپ بىلەن خانگۈل ۋە نەبىلەرگە قاراپ.
زورىخان قېينى ئىنىسىگە ئولىشىۋالغان بالىلىرىغا قاراپ ھەم سۆيۈنگەن ھەم چېچىلغان ھالدا:
— ماللىكاڭلارنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ ھەممىڭلار يامىشىۋاپسىلەرغۇ؟ — دەيتى. نىزامىددىن ئىنىسىنىڭ قىزىق مىجەزىگە قىزىقىپ قاراپ تۇراتتى... مىھمانلار كۆپەيمەكتىدى. ھەممە ئادەم مەمتىلى ئەپەندىگە ئىھتىرام بىلدۈرەتتى...
...نىزامىددىن ئېغىر خيالغا پېتىپ ئۆزىگە كەلگەندەك ئەتراپقا قارىغان چاغدا ئاكا- ئۇكا تېخىچە ھېلىقى سۈرلۈك دەريانىڭ ساھىلىدا تۇرىشاتتى. گۇگۇم پەردىسى كۆكنىڭ يۈزىنى يېپىپ، ئەتراپ قاراڭغۇلاشقان بولۇپ،دولقۇنلارنىڭ ئۆرلىشى ۋە قايناملارنىڭ سۈرلۈك تولغۇنىشلىرىنى كۆرگىلى بولمىسىمۇ شاۋقۇننىڭ ۋەھىمىلىك ئاۋازىدىن ھەممىنى ھېس قىلىغىلى بولاتتى. دەريانىڭ باش- ئايىقى بولسا ئاسماننىڭ قارا رەڭگى بىلەن پۈتۈنلەي قوشۇلۇپ كەتكەنىدى.
نىزامىددىن ئىنىسى بىلەن بىللە بولغان قىسقا، تاتلىق دەملەرنىڭ پەيزىدە مەست بولغاندەك، ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي ئەتراپقا قارايتتى، قەلبى ۋىسال شارابىغا قانمىغان ئىدى. بىراق، ئۇ ئىنىسىنى تۇتۇپ قېلىشقا ئاجىسىز كەلدى.
مەمتىلى ئەپەندى نېمىشكىدۇر خوشلاشماستىن جىم- جىتلا گۇگۇم قۇچىقىدا ئىڭراۋاتقان دەريا تەرەپكە مېڭىپ كەتتى. ئۇ شۇنچىلىك تۇيۇقسىز كەتتىكى، ھەممە گويا ئەسلىمىدەك تويۇلۇپ كەتتى.
— توختاپتۇر، نەگە بارىسەن؟ مەنمۇ بىللە باراي!.... — نىزامىددىن قول پۇلاڭشىتىپ ۋارقىرايتى.
مەمتىلى قول ھەركىتى بىلەن ئاكىىسنىڭ بىللە مېڭىشىنى خالىمىغاندەك ئىپادىنى بىلدۈردى ۋە دولقۇنلار باغرىدا كۆرۈنمەي قالدى. نىزامىددىن تېڭىرقىغانچە ساھىلىدا تۇرۇپ قالدى. ئەتراپ ئاۋالقىدەك جىمىپ قالغان بولۇپ، سۈكۈتكە چۆمگەن كائىنات رىۋايەتلەردىكى ئابى ھايات يوشۇرۇنغان زۇلمەتتەك چەكسىز ۋە چوڭقۇر بىلىنەتتى، نىزامىددىننىڭ ئەتراپىدا يۇرتداشلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى ۋە ئۇنى ئورىۋالدى، ئۇلارنىڭ ئېغىر نەپەسلىرىنى ئاڭلىغاندىلا ئۆزىگە كەلگەندەك بولدى ـ دە، دەريا تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇ قەھرى بىلەن نەرە تاتتى، ئارقىدىن ساھىلدا تۇرغانلار ئىچىدىكى بىر مۇنچە كىشى ھەم دولقۇنلار باغرىغا ئۆزلىرىنى ئېتىپ غايىپ بولدى. گەرچە بۇ مۇدھىش قىسمەتنى سېزىپ تۇرسىمۇ نىزامىددىندا  ئۆزىمۇ ئۆلۈپ بولغاندەك تۇيغۇ بولغىنى قىزىق ئىدى. ئۇ ھەم ئەندىكىپ ھەم بوغۇلۇپ تېپچەكلەيتى...
... ئۇ سوغۇق تەرلەپ كەتكەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ چۈش كۆرگەنلىكىنى بىلىپ خۇداغا شۇكرى- سانا ئېيتتى ۋە تۈننىڭ قالغان قىسمدا ئىنىسىنى ئويلاپ ئۇخلىيالماي تولغىنىپ ياتتى ...
ئۇ ئەتتىگەنلىك چاي ئۈستىدە بۇ چۈشىنى زورىخانغا ئېيتتى. بالىلارمۇ داستىخاندا جەم ئىدى.
— خەيردۇر، ئىنشائاللاھ، خۇدا نېسىپ قىلسا پات يېقىن دىدارلاشساق ئەجەپ ئەمەس، كۆڭلۈمدە ئۇ كېلىپ قالىدىغاندەكلا  قىلىپ تۇراتتى، — دەپ ئۈن قاتتى زورىخان چوڭقۇر تىنىپ.
— دادا، ماللىكام قانداق ئادەم؟ — دەپ سورىدى نەبى ھەمشە ئۆيدە تەرىپى بولۇپ تۇرىدىغان، ئەمما ئۆزى كۆرۈپ باقمىغان تاغىسىنى بىلگۈسى كېلىپ.
— مەن بىلىمەن، ماللىكام ئوتتۇرا بوي، ئاق سېرىق، چىرايلىق ئادەم، چاخچاقچى، بالىلارغا ئامراق، ھە، يانا، يانا... — دەپ چوڭقان سالدى غېنى.
— بىكار گەپ، — دېدى ئايىمگۈل ئىنىسىنى رەت قىلىپ، ھەممىڭنىڭ ئاچىسى تۇرۇپ مەنمۇ تازا ئەسلىيەلمەۋاتسام، سەن قانداق بىلىتىڭ؟
— ئىشەنمىسەڭ دادامدىن سوراپ باق، مېنىڭ دېگەنلىرىم راستمۇ قانداق؟ مەن دېگەن بەك كىچىك ۋاقتىمدىكى ئىشلارنىمۇ ئېسىمگە ئالالايمەن.
— دېگەنلىرىڭغۇ راست. لېكىن ھەممىسى دادام ئېيتىپ بەرگەن گەپلەر. ئۇنداق گەپنى دېسەڭ سەن تۈگۈل پاتىمەممۇ بىلىدۇ.
— سەن نىمىشكە بىلمەيسەن، ئايىمگۈل، دېدى زورىخان،— ماللىكاڭ تاغ ئارقىسىغا چىقىپ كەتكەندەك سەن نەبىجانچىلىك بارىدىڭغۇ دەيمەن.
— چۈشۈمدىكىدەك بىلىمەن، تازا ئاڭقىرىپ كېتەلمەيمەن.
— بۇ كالۋا، مەن بولسا بىلىتىم،— دېدى غېنى.
— دادا، — دېدى نەبى، ماللىكام نىمىشكە تاغ ئارقىسىغا چىقىپ كەتكەن؟
— بۇ ئىشلارنى سەن چوڭ بولغاندا ئېيتىپ بىرىمەن. ھازىر بۇنى دېسەممۇ چۈشەنمەيسەن، — دېدى  نىزامىددىن قېلىن كالپۇكىنى بىلىنەر-بىلىنمەس تىترىتىپ.
دۇئادىن كېيىن ئۇ بۇياقخانىغا كىرىپ كەتتى.
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 02:16 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
bahtinur
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 22926
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 75
شۆھرەت: 99 نۇمۇر
پۇل: 539 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

2

نىزامىددىن قويلارغا ھەلەپ ئېتىپ بولۇپ ئوقۇرنىڭ تۆشۈكىدىن باشلىرىنى چىقىرىپ، ھەلەپنى تۇمشىقى بىلەن ئۆرۈپ كېپەكلىك يېرىنى تاپماقچى بولۇپ ئۇرۇنىۋاتقان قويلارغا قاراپ، ئۇلارنىڭ بىر خىلدا ”گىرت- گىرت“ قىلىپ ھەلەپ چايناشلىرىغا قۇلاق سېلىپ، خىيالچان تۇرۇپ قالدى. ئۇ دېھقانچىلىق ۋە بوياقچىلىقتىن تاشقىرى ئۇلاق بېقىش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئۇ ئۇلاقنى بىرخىل ئەرمەك دەپ بىلەتتى، ئىچى پۇشقاندا ئۇلار بىلەن مىلىكە بولاتتى.
ئۇ ئاشۇ ھالەتتە يەنە قانچىلىك تۇراتتىكىن، بىراق بىرمۇنچە كىشىنىڭ يېقىنلا جايدىن ئاڭلانغان، سۆزلىشىش ئاۋازى ۋە ئۇششاق بالىلارنىڭ ۋاراڭ- چۇرۇڭى بارغانسېرى يېقىنلاپ كىلىپ، ئۇلارنىڭ دەرۋازىسى غىچىرلاپ ئېچىلدى. مانا شۇندىلا نىزامىددىن خىيال ئەسىرلىكىدىن قۇتۇلۇپ ئارقىسىغا ئىتتىك ئۆرىلىۋىدى، جەنۇب تەرەپكە قاراپ تۇرىدىغان دەرۋازىنىڭ بوسۇغىسىدا ئۈستى- بېشىغا سەپەر چاڭ- توزاڭلىرى قونغان، كاستيۇم- بۇرۇلكا، بېشىغا بېرى  كىيگەن، كىچىك بۇرۇت قويغان، نۇرلۇق يۈزلىرىدىن تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان ئوتتۇرا بويلۇق بىر كىشى تۇراتتى. نىزامىددىن ئۆز كۆزىگە ئىشەنمىگەندەك كۆزىنى چىمچىقلىتىپ بىر نەچچە سىكونت مەڭدەپ قالدى. بۇ ۋاقت ئىچىدە مېھمانمۇ نىزامىددىننىڭ ئىگىز بويلۇق، بەستىلىك قامىتىگە كۆز تىكىپ ئۇنى باشتىن- ئاياق كۈزىتىپ چىقىشقا ئۈلگۈردى. مېھمانغا ئەگىشىپ كەلگەن مەھەللە- كويلار ۋە كەپسىز بالىلارمۇ بۇ ئاجايىپ ھاياجانلىق مىنوتلارنىڭ كەيپىنى بوزىۋېتىشنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئالدىن كېلىشىۋالغاندەك تاپسىدا ۋە بۇسۇغىدا تۇرۇپ قېلىشتى. ئۇلار مېھماننىڭ يۈك- تاقلىرىنى كۆتىرىۋېلىشقانىدى.
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئاكا! ... — دېدى ئاخىرى مېھمان تىترەڭگۈ ئاۋازدا. ئۇ ”مېنى تونۇمىدىڭمۇ؟“ دېمەكچىدى، لېكىن ھاياجاندىن بوغۇلغان تىلىغا بۇ گەپلەر دەرمەھەل كەلمىگەچكە ئۇنداق دېيىشكە ئۈلگۈرمىدى، ئاڭغىچە نىزامىددىنمۇ ئېسىنى يىغىپ:
― ۋەئەلەيكـ...مەمتىلى! ... — دەپ ۋارقىرىدى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كەلدى، نىزامىددىننىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، نېمىلەرنى دېگىنىنى ئاڭقىرىپ بولمايتى.
ئۇلار ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇچاقلاشتى. نىزامىددىن بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەچكە ھېلى سېغىنچلىرى ھەققىدە بىر نەچچە ئېغىز پىچىرلايتتى. كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ئارىلىقتا ھويلىدا قىيا- چىيا باشلاندى. ئارقىدىنلا يېتىپ كەلگەن ئۇرۇق- تۇغقانلار ۋە يېقىن خۇلۇم قوشنىلار خۇددى بىرسى قازا قىلغاندەكلا يىغا- زارە كۆتۈرۈشتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مەمتىلى ئەپەندىگە ئېسىلىپ يىغلىشاتتى. مومايلارنىڭ ئىچىدىن بەزىلىرى مۇڭلۇق قوشاقلارنى قوشۇپ يىغىلىشاتتى. گاھ ئۇنىڭغا، گاھ بۇنىڭغا  ئېسىلىشىپ، ھويلا سەيناسىدا دەۋر قىلىپ ئايلىنىشاتتى.  قوشنا - خۇلۇملار، ئۇرۇق - تۇغقانلار، كىچىك بالىلار ھويلىغا سانجاق- سانجاق تولۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مويسىپىتلىرى پىشايۋان سوپىسىدا ئولتۇرۇشۇپ، ئۇزۇن يىل ئايرىلىپ كەتكەن قېرىنداشلارنىڭ مەرھۇملارغا ھازا تۇتۇپ ھەمدە قايتا دىدارلىشىش خۇشاللىقىدىن يېرىلىپ يىغلاشلىرىغا قاراپ، ئۆز قاراشلىرىنى، تەقدىرنىڭ سىرلىق يازمىشلىرى بولىدىغانلىقىنى سۆزلىشەتتى. ئورۇن تەگمىگەنلەر تام بويلاپ تىزىلىشىپ ئۆرە تۇرىشاتتى. بۇ ئاجايىپ قاينام- تاشقىنلىقنىڭ چۈش ئەمەسلىكىگە  ئىشىنىش نىزامىددىن ئۈچۈن ئاسان بولمىدى.
يىغا- زارە قوشاقلىرىدا مەرھۇم موللا توختاجى ۋە پاتىمەملەر يادلىناتتى. ئۇلار ھايات بولسا، بارسا كەلمەس يولدىن قايتىپ كەلگەن ئوغلىنى كۆرسە نېمە بولۇپ كېتەرىدى، دېگەندەك ئارمانلار بايان قىلىناتتى.
جامائەت ئىچىدىن يورت ئاقساقاللىرىدىن چىقىپ يىغا- زارە قىلىشىۋاتقانلارنى سەۋرىگە ئۈندىدى، خۇدانىڭ ھىممىتىگە شۈكرى سانا ئېيتىشقا دەۋەت قىلدى.
يىغا - زارە بېسىققاندىن كېيىن مەمتىلى ئۇيغۇر ئادىتى بويىچە ئۇزۇن يىللىق جۇدالىقتىن كېيىن  ھەربىرەيلەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، تېنچلىق سورىشىپ چىقتى. شۇ پۇرسەتتە كىشىلەرنى ئىنىسىگە تونۇشتۇرىۋاتقان نىزامىددىن بۇ سورۇندىكى مويسىپىت بىر ئادەمنى بويامەتنىڭ ئىمامى مۇھەممەد ئىمام دەپ ئىنىسىگە ئاستىلا ئەسكەرتتى ۋە ئىنىسىگە باشقىچىلا قاراپ قويدى. بۇ مويسىپىت تەۋپىققا بىر خىل شۈبھىلىك نەزەردە قاراپ سوغۇقلا كۆرۈشۈپ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇق- تۇغقانلار، يۇرت مۆتىۋەرلىرىدىن باشقىلار بىر ئىككىدىن تارقاشتى.
قالغانلار پىشايۋان سۇپىسىدا بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇشۇپ، سۈنچاي ئىچكەچ ھەر خىل تېمىلاردا پاراڭغا چۈشتى. مەمتىلى ئەپەندى ئۇلاردىن يۇرتنىڭ ئەھۋالىنى سورىسا، ئۇلار ئۇنىڭدىن چەتئەلدە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىنى سورايتتى.
بۇ سورۇنمۇ ئۇزاققا بارمىدى. قاراڭغۇ چۈشكەندە ئۆي ئىگىلىرى بىلەن  ئەڭ يېقىن تۇققانلاردىن بىر نەچچىسى قېلىپ، باشقىلار خوشلىشىپ:
— مېھمان ئۇزۇن يولدىن كەلدى، بالدۇرراق ھاردۇق ئالسۇن،— دەپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.
نىزامىددىن ئۇلارنى ئۇزىتىپ دەرۋازىنى تاقاپ قايتىپ كەلگەندىن  كېيىن، تېخىچە ئۇخلىماي كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ ئولتۇرۇشقان بالىلارغا تاتلىق- تۈرۈملەرنى بېرىپ، پەپىلەپ ئولتۇرغان ئىنىسىگە قاراپ:
— ئانامنىمۇ، دادامنىمۇ سەنسىز ئۇزىتىپ قويدۇق، ئۇكام،...ـ دېدى غەمكىنلىك بىلەن، — ئۇلار سېنىڭ كەلگىنىڭنى بىر كۆرگەن بولسا نېمە بولۇپ كېتەرىدى...
— ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن ، ئاللاھ جايىنى جەننەتتىن قىلغاي،— مەمتىلى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ۋە ئاكىسىنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن تەسەللى ئېيتتى. قايغۇلۇق سۆزلەردىن پەيدا بولغان سۈكۈت ئارىدا بىردەم ھۆكۈم سۈردى. جىم- جىتلىقنى يامان كۆرىدىغان تەۋپىق بالىلار بىلەن پاراڭ قىلىش ئارقىلىق ئارىدىكى سۈكۈناتنى قوغلىۋېتىش ئۈچۈن بالىلارنىڭ چوڭى بولغان ئايىمگۈل بىلەن غېنىغا:
— ۋۇي، ئايىمگۈل، غېنى، ئىككىڭلار ماڭا ئۇكىلىرىڭلارنى تونۇشتۇرۇپ قويمامسىلەر؟ — دېدى.
15 ياشلار چامىسىدىكى ئايىمگۈل تاغىسى يۇرتتىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن تۇغۇلغان ئۇكىلىرىنى  تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى:
— بۇ رەجەپ، غېنىنىڭ ئارقىسىدىكى، بۇنىڭ ئارقىسىدىن ماۋۇ، خانگۈل، توققۇز ياشقا چىدى؛ بۇنىڭ  كەينىدىن بىر ئۇكام ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ كەينىدىكىسى ماۋۇ نەبى، بەش ياشقا چىدى؛  بۇنىڭ كەينىدىن پاتىمەم، يەنە تېخى روشەنگۈلمۇ بار، ئۇ بۆشۈكتە ئۇخلاۋاتىدۇ.
— شۇنداقمۇ؟ — دېدى مەمتىلى ئەپەندى ئادەت سۆزىنى ئىختىيارسىز تەكرارلاپ،— ۋۇي، بۇ مېنىڭ ئانام ئىكەنغۇ، — دېدى ئۇ يېتىرقاپ تۇرغان پاتىمەمنى قۇچىقىغا ئېلىپ، — قانداق، ئانىجان؟ — دەپ چېقىشتى ئۇ.
— ئانامنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن بۇنىڭغا ئانامنىڭ ئىسمىنى قويۇپ قويدۇق، — دېدى نىزامىددىن.
مەمتىلى ئەپەندى بالىلارنىڭ بۇرۇنراق ئۇخلىشىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتى:
— شۇنداق  قىلىپ سىلەر بىلەن تونۇشۇپ قالدۇققۇ؟— دېدى بالىلارنى بىر- بىرلەپ سۆيۈپ،  — ئەمدى ئەتە يەنە كۆرۈشىمىز،  بىللە ئوينايمىز، قانداق؟ ئەمسە ھازىر بېرىپ ئوخلاڭلار، ياخشى بالىلارنىڭ ياخشى يېرى، گەپ ئاڭلايدۇ، شۇنداققۇ؟ — بالىلار گەرچە بەك گەپ ئاڭلايدىغانلاردىن بولمىسىمۇ، نىمىشكىدۇر تاغىسى شۇنداق دېگەن ھامانلا سېھىرلەنگەندەك ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئانىسىغا قاراپ قويۇشتى. ئۇلارنىڭ قەلبىدە تاغىسىنىڭ نوپۇزى يۈكسەك ئورۇنغا چىققانىدى.
— بۇلارنى ئۇخلىتىڭ، يەڭگە، — دېدى مەمتىلى ئەپەندى زورىخانغا.
زورىخان پاتىمەنى كۆتۈرۈپ، بالىلارنى باشلاپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئاكا- ئۇكا ئىككەيلەن يۇرتتىكى ئۆزگىرىشلەر، خەلق قوزغىلىڭى، تۇڭگان يېغىلىقى، ھازىرقى ئەھۋاللار ئۈستىدە پاراڭلاشتى نىزامىددىن ئىنىسى يۇرتتىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىنكى كەچمىشلىرىنى ۋە يۇرت ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەردى.
— ما دوتەي ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئاخۇن دادام قايتىپ كېلىپ سوۋېت بىلەن سودا توختامى تۈزدى. مېنى ئۆزىگە ۋەكىل قىلىپ كونسۇلخانىغا ئەۋەتتى.  بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك سودا بولماقچىدى. شۇڭا مەن ئىشنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن كونسۇلخانىدا تۇرۇپ روسچە ئۈگەندىم. سودىمىز يېغىلىق يىللىرىغىچە داۋام قىلغانىدى. كېيىن  ئۇرۇش قالايمىغانچىلىقىدا ھەممە ئىش ئاستىن- ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. خەلق قوزغىلىڭىدىن كۈتكەن  ئۈمىدىمىز يوققا چىقتى.
شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىكى بوياقخانىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدىم. .. ئەمدى سەن كەلدىڭ، يۈرىكىم توق بولدى. ھەر نىمە قىلساقمۇ بىللە قىلىمىز.
—مەن ۋەتەنگە قايتىشتا زور بىر ئىسلاھات قاينىمىغا چۆمۈشنى  ئويلاپ كەلگەنىدىم، بۇنداق دىيىشىمدە مەنمۇ قوزغىلاڭغا ئۈمىد باغلىغانىدىم. خەلق قوزغىلىڭىنىڭ قۇدرىتى بىلەن ئەسىرلىك زەنجىر-كىشەنلەرنى چېقىپ تاشلاپ،  يېڭى دۇنيا  قۇرۇشنىڭ دولقۇنىدا ئۈزۈشنى ئارمان قىلغانىدىم. بۇنداق ئارزۇدىكىلەر ئاز ئەمەسىدۇق. ئەپسۇسكى، كۆپ كېچىكىپ قاپتىمەن ... ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەزىيەت ئىنتايىن قالايمىقان بولغاچقا چەتئەلدىن كېلىدىغانلار  قاتتىق كونترول  قىلىنىۋاتقانىكەن، ھىندىستاندا ھايال بولۇپ قالدۇق... قوزغىلاڭ ئىنتايىن مەككار ئادەملەر تەرىپىدىن بۇرمىلىنىپ كېتىپتۇ، ... ئاڭسىزلىق ئۆزىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىپتۇ، شىر كۈچلۈك بولغىنى بىلەن ئاڭسىز بولغىنىچۇن قاپقانغا دەسىگەندەك ئىش بوپتۇ...  ئەمدى ۋەزىيەت بىزنىڭ خاھىشىمىزغا ئىستەك ـ ئارزۇيىمىزغا، غايىمىزگە يارىشا بولامدۇ يوق، كۈزىتىپ بېقىپ، نېمە قىلىش توغرىسىدا بىر نېمە دېيىشەرمىز... — دېدى مەمتىلى ئەپەندى.
— ئەگەر بالدۇر كەلگەن بولساڭلارمۇ بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىش قىيىنىدى. بۇ ئىشقا ھەدېگەندە چەتئەل كۈچلىرى، چەتئەل قولچوماقلىرى ئارىلىشىپ ئىشنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتتى، دەسلەپ بىرى ئارىلاشقان بولسا،  كېيىن قالغانلارمۇ تەسىر دائىرە تالىشىش ئۈچۈن تەرەپ- تەرەپتىن كېلىپ ئارىلىشىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى گاڭگىراپ قالدى. بۇنداق ئەھۋالدا نېمە قىلغىلى بولىدۇ؟
— ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قوزغىلاڭ پارتىلىغان غەزەپنىڭ مەھسۇلى، ئويغانغان ئاڭنىڭ مەھسۇلى ئەمەس،  دەڭا!
— شۇ،... بىزنىڭ ۋەتىنىمىز باشقىلار تالىشىپ ئوينايدىغان ئىگىسىز نەرسىدەك بولۇپ قالغانىكەن...
— ئاڭلىسام، سوۋېت تەرەپ دەسلەپتە قوزغىلاڭچىلارنى قوللىغانىكەن، كېيىن ھۆكۈمەت تەرەپكە ياردەم بېرىپتۇ ، سىز بۇنىڭغا نىمە دەپ قارايسىز؟
— ھەي، ئۇكام، ”جانمۇ- جان ئۆزىنىڭ جېنى، كىشىنىڭ جېنى ـ ئىتنىڭ جېنى“ دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ. دۇنيادا خالىس ياردەمچىنىڭ بولىشىغا ئىشەنمەيمەن. سوۋېتنىڭ دەسلەپ قوزغىلاڭچىلارنى قوللىشى، كېيىن شىڭ ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىشى ئوخشاشلا بىر مەقسەتنى ئاساس قىلغان — ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەنپەئەتى. قوزغىلاڭچىلارنى قوللاپ، ئۇلارنىڭ غەلبىسىدىن  كېيىن بولىدىغان  ئىمتىيازدىن كۆرە،  مەۋجۇت ھۆكۈمەتنى قوللاپ، نەخنى نېسىغا تېگىشمىسە پايدىلىقراق ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭدا ھەم ئۆزلىرىگە پايدىسىز ئاقىبەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلىمۇ بولىدۇ، ”ئىنەكنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ“ دېگەندەك، خىتايلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈننىڭ ئۆز بېشىغىمۇ كېلىشىنى ئويلىماي قالامدۇ،— نىزامىددىن بىردەم شۈكلەپ كەتكەندىن كېيىن پەس ئەمما قەتئى ئاۋازدا قوشۇپ قويدى، — ھەركىم ئۆز غېمىنى ئۆزى يېيىشى كېرەك! ... ئاخىر زامان بولۇپ ئىسانىڭ ئاسماندىن چۈشۈشىنى، ئاخىر زامان پادىشاھى ئىمامھەسەننىڭ بەنت بولۇپ كەتكەن تاغدىن چىقىپ  بىز ئۈچۈن غازات قىلىشنى كۈتۈش ھاماقەتلىك، ئەلۋەتتە.
مەمتىلى ئەپەندى جىم- جىت قۇلاق سالدى.
— سېنىڭ قارىشىڭ قانداق؟— دەپ سورىدى نىزامىددىن.
— ... شۇ، شۇنداق، خەقتىن ياكى غايىپ روھلاردىن ئۈمىد كۈتۈش ئەخمەقلىق! ھەركىمنىڭ چىرىقىنىڭ يورۇقى ئۆزىگە چۈشىدۇ، شۇڭا ھەر كىم ئۆزىگىلا ئىشەنچ قىلىشى كېرەك!... — ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئۆرە تۇرۇپ قىلدى ۋە پەگادا ئاستا ماڭغاچ داۋام قىلىپ، باغ تەرەپكە كىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ يۈرىكىنى نىمىدۇر بىر نەرسە قاماللىۋالغاندەك بولۇپ قالغانىدى. شۇڭا كۆك ئاسمانغا قاراپ بىردەم نېرۋىسىنى ئاچماقچى بولدى ھەم بىر تال ”سۋىرناي“ نى تۇتاشتۇرۇۋېلىپ، تۈتۈننى كۆك ئاسمانغا قارىتىپ پۈۋلەشكە باشلىدى.  
ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەنگەن نىزامىددىن ئىنىسىنى مەيلىگە قويۇپ، زورىخاننى چاقىرىدى:
— ئىسسىق سۈيىڭ بارمۇ؟ مەمتىلى ھەقىچان نەچچە ھەپتىدىن بېرى يۇيۇنمىدى، يۇيۇنىۋالسۇن، ئوبدانراق ھاردۇقى چىقىدۇ، — دېدى.
—  ئىسسىق سۇنى راسلاپ قويدۇم.
باغدىن قايتىپ چىققان تەۋپىق، ئاكىسىنىڭ يۇيۇنىۋېلىش تەكلىپىنى ئاڭلاپ يەڭگىسىگە:
— يەڭگە، خاپا بولماي ئايرىم بىر چۆگۈن سوغۇق سۇمۇ بېرىڭ، ئاچياردىكى بۇلاقنىڭ مۇزدەك سۈيدىن بولسا تېخىمۇ ياخشى، — دېدى.
نىزامىددىن  ئىنىسىنىڭ دادىسىدىنىڭ تېببىي قاراشلىرى بىلەن شەكىللەنگەن ئادەتلىرىنى ھازىرغىچە ساقلاپ كېلىۋاتقىنىغا قاراپ كۈلگىسى كەلدى، ھەم ئاللىقانداق روھى تەسىرلەر بىلەن يۈرىكى لەرزىگە كەلگەندەكمۇ بولدى.
تەۋپىق قازناقتىكى ئەۋرەزدە ئىسسىق سۇ بىلەن ئۇزاق يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، سوغۇق  سۇ بىلەن بەدىنىنى چايقاپ، تازا  راھەتلەنگەندەك بولدى، ئۆزىنى يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى. ئۇ شۇنداق كەيپى چاغ بولۇپ قازناقتىن چىقىپ نىزامىددىننىڭ يېنىغا سېلىنغان ئورۇنغا كىرىپ ياتتى. ئاكا- ئۇكا ئىككەيلەن يەنە ئۇزۇنغىچە ئۇيقۇلىرى كەلمىگەچكە پاراڭلاشتى.
ئەتىسى تەۋپىق ئاكىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاتا- ئانىسىنىڭ تۇپراق بېشىغا  چىقتى. قەۋرىستانلىق بويامەتنىڭ غەربىي جەنۇپ تەرىپىدە، ئاچيارنىڭ شىمالى قىرغىقىغا يېقىن جايدا— تېتىر يېزىسىغا كېتىدىغان يولنىڭ شەرق تەرىپىدە ئىدى. بۇ بىر پارچە ئاپپاق ئاقىرىپ تۇرغان قاغچىراق يەر بولۇپ، ئاندا- ساندا شاپ ۋە كۆك يانتاقلار ئۈنگەنىدى.  قەۋرە ئۈستىدىكى  جىم- جىتلىق ۋە قۇرغاقچىلىق كىشىگە ئىختىيارسىز بىچارىلىك بېغىشلايتتى. ھاياتنىڭ ئاخىرىقى مەنزىلى  بولغان بۇ جايدىمۇ جەمئىيەتتىكى تەكشىسىزلىك بىلىنىپ تۇراتتى؛ ئېگىز ياسىلىپ پۇختا سۇۋالغان قەۋرىلەر بايلاردەك، سانسىز توپا دۆۋىلىرى بولسا ئاۋامدەك تۇيىلاتتى. بىراق،  بۇ يەر جەمئىيەتتەك  قىزىق ۋە قىزغىن ئەمەسىدى. بىر چاغلاردا ھەيۋەتلىك بولغان گۈمبەز ۋە قەۋرىلەرنىڭ شامال ھەم يامغۇر زەربىسىدىن — يىللار دەھشىتىدىن ئۇپراپ، ئۇۋۇلۇپ چۈشكەن ھالەتلىرى گويا بىر چاغلاردا جاھانغا پاتماي قالغان شوخ ۋە ساياق قىزنىڭ ئاخىرىدا ئىگە- چاقىسىز بىچارە مومايغا ئايلىنىپ، دوڭغاقلاپ قالغىنىدەك ئۆمسە بىلىنەتتى. ئومۇمەن  بۇ سۆزلىيەلمەيدىغان، مىدىرلىيالمايدىغان، قىسقىسى، تاۋۇش چىقىرالمايدىغانلار ماكانى شۇ قەدەر سۈرلۈك سۈكۈنات باسقانىدىكى، خۇددى جىنازا نامىزى ئالدىدىكى مۇسىبەت جىمجىتلىقىنى ئۆزىگە سىڭدۈرىۋالغاندەك ھەربىر كۆرۈنۈشىدىن مۇڭ ۋە ھەسرەت تۆكۈپ تۈراتتى.
بۇ جىمجىتلىقنى بۇزغۇسى كەلمىگەندەك ئۇلارمۇ جىمجىت تۇرۇپ ئۈنسىز دۇئا قىلدى. ئەسلىدە نىزامىددىن ئىنىسىنى قۇرئان ئوقۇمدىكىن دېگەندەك بىر ھازا كۈتكەن بولسىمۇ، تەۋپىق دۇئاغا قولىنى كۆتۈرۈپ پەقەت رەسۇلۇللاھ قەۋرىستانلىقتا ئوقۇغان دۇئانى ئوقۇش بىلەن چەكلەندى. ئارقىدىن ئۆزىنىڭ تىلەك ئىلتىجالىرىنى بىلدۈرۈپ، ئاتا ـ ئانىسىغا جەننەت تىلىدى.
— نېمىشكە قۇرئان ئوقۇمۇدۇڭ؟ — دەپ سوراپ قويدى نىزامىددىن قەۋرىستانلىقتىن يولغا چىقىۋاتقىچە.
— بىدئەت، پەقەت دۇئا قىلىش كېرەك، رەسۇلۇللاھ قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغاندا ”ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يا ئەھلەل قۇبۇر ۋە ئىننا ئىنشائاللاھۇ بىكۇم لەلاھىقۇن“ دېگەن دۇئانى ئوقۇغان، قۇرئان ئۇقۇمىغان، — دەپ جاۋاپ بەردى تەۋپىق.


يـەتـتـىـنـچـى بـاب

1

ئ
ۈچىنچى كۈنى نىزامىددىن ئىنىسىنىڭ تېنچ- ئامان  قايتىپ كەلگىنى ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەرۋاھلارغا ئاتاپ ياغ پۇرىتىش ئۈچۈن تۇز  قۇيۇشقا تۇتۇندى. بۇ تۇز ئەينى ۋاقىتتا يەنە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ يۇرتتىكىلەر بىلەن يۈز كۈرۈشۈش  مۇراسىمى بولاتتى. ئۇزۇن يىللىق سەپەردىن كەلگەنلەرنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن نەزرە بېرىش قەدىمىدىن  داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئادەتىدى.
ھويلا، يىراق- يېقىندىن كەلگەن ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەر بىلەن تولۇپ، بوشاپ تۇراتتى. نىزامىددىن ئاتۇشنىڭ ئاتاغلىق كىشىلىرىدىن  بولغان تاشاخۇنۇمنىڭ جىيەنى بولغاچقىمۇ، ھەم ئۆزى ھۈنەرۋەن — ئەلنىڭ مۇلازىمەتچىسى بولغاچقىمۇ ئۇنىڭ ئىجتىمائي مۇناسىۋەت دائىرىسى خېلى كەڭ ئىدى. مەرھۇم تاغىسى تاشاخۇنۇمنىڭ كىچىك خوتۇنى سارىخېنىم ئوغۇللىرى سەيپىددىن ۋە لىۋاھىددىنلارنى ئېلىپ ئەتتىگەندىلا كەلگەنىدى.
تەۋپىق، ئاخۇن دادىسىنىڭ ئوغۇللىرىنى چاپسانلا ياقتۇرۇپ قالدى. يىگتلەرنىڭ تەسىراتىمۇ ئۇنىڭدىن باشقىچە ئەمەسىدى، ئۇلارنىڭ بىر نەۋرە ئاكىسىنى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن ئەمەسىدى، ئەلۋەتتە. سەيپىددىن بىلەن لىۋاھىددىن ئىككسى ئاق - قارىنى پەرق ئېتىدىغان، ئوقۇمۇشلۇق يىگىتلەرىدى. چوڭى سەيپىددىن ھازىر قەشقەر ۋالى مەھكىمىسىدە كاتىپلىق قىلىپ يۈرەتتى. ئىنىسى لىۋاھىددىن بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىدىكى مەكتەپتە تاتار مۇئەللىم سالاھىدىدىن بىلەن ئۇنىڭ ئايالى مۇشىپقە خانىمنىڭ ھەم ئوقۇغۇچىسى، ھەم ياردەمچىسىدى. ئۇ يول يۈرگەندە ئازراق ئاقسايدىغان ئەيىپى بولىشىغا قارىماي، تولىمۇ چىرايلىق، كېلىشكەن، چىچەن يىگىت ئىدى.
تەۋپىقنىڭ بىر نەۋرە ئىنىلىرى ئۇنىڭغا يۇپۇشۇپلا ئالدى. ئۇلارنىڭ ھەممىنى بىلىشكە تەشنا قەلبى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىدىن لەززەت ۋە ئارام تاپقاندەك بولاتتى. شۇڭا سوئال سوراپ ھارمايتتى.
نەزىرگە ئاتۇش قازىلىرىدىن تېجەنلىك موللا ئېزىز داموللا ئوغلى ئەمەت مەخسۇم بىلەن قەدەم تەشرىپ قىلىشقانىدى. موللا ئېزىز داموللام تۆرت قازىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئادالەتپەرۋەر كۆڭلى يۇمشاق كىشى بولغىنىچۈن، ئاۋام خەلق ئىچىدە ھۆرمىتى چوڭ ئىدى. ئۇ كىشى ئاددىي پۇقرالارنىڭ ھەرخىل مەرىكىلىرىگىمۇ كۆڭۈل ئاياپ قەدەم تەشرىپ قىلاتتى. ئۇ قازىلىق قىلغاندىن تاشقىرى ئۇڭرۇقتىكى موللا تۇداجى، ئىمىنھاجى ئاكا- ئۇكىلار سالدۇرغان مەدرىستە مۇددەرسلىك قىلاتتى. ئوغلى ئەمەت مەخسۇممۇ شۇ مەدرىستە ئوقۇيتتى. ئۇلارنىڭ جامائىتىدە يەنە تېجەن بايلىرىدىن قۇناجىممۇ بارىدى. ئۇنىڭ بىلەن ئوغلى ئابدىغوپۇر بىللىدى. ئابدىغوپۇرمۇ ئوڭۇرۇقتىكى مەدرىستە موللا ئېزىز داموللام ۋە مەمتىمىن سوپىزادىلەردىن دەرس ئالدىدىغان تەلەبىلەردىن بولغاچقا ياش يىگىتلەر بىر بىرلىرىگە يات ئەمەسىدى. بەزىدە مەدرىسكە كېلىپ تەلىم ئېلىپ تۇرىدىغان لىۋاھىددىن بىلەن تونۇشاتتى. شۇڭلاشقا ئابدىغوپۇر بىلەن ئەمەت مەخسۇممۇ مېھماننى ئورىۋېلىشقان ياشلارنىڭ توپىغا قوشۇلۇپ كەتتى.
ھايال ئۆتمەي نىزامىددىن ئۆزى بىلەن قۇرداش، ئورۇق بىر كىشىنى ئىنىسگە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن باشلاپ كەلدى. مېھماننىڭ ئارقىسىدا يەنە بىر ياش يىگىت بارىدى.
— بۇ مېنىڭ دوستۇم تاھىر خەلپىتىم، — دېدى. نىزامىددىن، — شورۇقتىن. بۇخارا، ھىندىستانلاردا ئىلىم تەھسىل قىلغان. بۇ يىگىت ئۇنىڭ ئىنىسى ئابلىمىت قارى، مانا بۇ شائىر ئىنىمىز سابىت، بىز تېخى يېقىندا، مۇشۇ نورۇزدا تونۇشقانتۇق، مۇھەممەد قارىنى ئالغاچ كەلمەپسىلەر ـ دە؟ — دەپ ئېسىگە ئالدى نىزامىددىن، — بۇلار مۇشۇ يىگىتلەر بىلەن تونۇشىدىغۇ، دەيمەن،...
تاھىر خەلپەت مەمتىلى ئەپەندى بىلەن بىردەم پاراڭلاشتى. ئاندىن خوشلىشىپ قايتماقچى بولۇپ، ئىنىسىگە قارىۋىدى، ئىنىسى بۇ چاغدا ياشلارنىڭ توپىغا قوشۇلۇپ، سۆھبەتكە شۇڭغۇپ كەتكەنىدى، شۇڭا نىزامىددىنغا قاراپ ئۇنىڭ ۋاقتى چاغ تۇرۇپتۇ، زېرىككەندە كەتسۇن“ دېگەندەك ئىشارە قىلىپ ئۆزى نىزامىددىننىڭ ئۇزۇتىشى بىلەن چىقىپ كەتتى.
ياشلار ئۆزلىرىنى ئاتۇشنىڭ ئەڭ ئىلغار پىكرىدىكى يېڭى ئەۋلادى دەپ ھىس قىلىشقاچقا ناگان- ناگاندا ئوڭۇرۇقتىكى مەدرىستە بىريەرگە توپلىنىپ قېلىشسا مەسىلىلەرنى مۇتائىلە قىلىشىپ، ئۆز- ئارا پىكىرلىشىپ كېتىشەتتى. مۇشۇ بىر ئەۋلاد پىكىرداشلارنىڭ ئىچىدە ئىشتاچىلىق ئابدىراخمان بىلىم ۋە ھۆرمەتتە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگىنىدى...  يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىپتىخارى بولغان بۇ يىگىتىنى تۇشمۇ- تۇشتىن تەرىپلەپ، مەمتىلى ئەپەندىگە تونۇشتۇرۇپ كەتتى. ئابدۇراخماننىڭ دادىسى چوڭاخۇنباي ئىشتاچىنىڭ چوڭ بايلىرىدىن بولۇپ، مەرىپەتلىك كىشى ئىدى. ئۇنىڭ تەسىرى ۋە تەربىيىلىشى بىلەن بالىلىرىمۇ ئوقۇمۇشلۇق بولۇپ ئۆسكەنىدى. ئابدۇراخماننىڭ چوڭ ئاكىسى ئابدۇكېرىماخۇنمۇ شېئىر يازاتتى. ئىككىنچى ئاكىسى ئابدۇرېيىماخۇنمۇ كىلاسسىكلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشلۇقىدى. چوڭاخۇنباينىڭ قارا شەھەردە قۇراجاي، يەر- زېمىنلىرى بولغاچقا ئۇلار قاراشەھەردە بەزەن يىللاپ تۇرۇپ قالاتتى. قارا شەھەر بىلەن ئاتۇش ئارلىقىدا قاتناپ سودىگەرچىلىك قىلىشاتتى.
تەۋپىقنىڭ ياش ئىخلاسمەنلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ سۆھبىتىمۇ قىزىپ كەتتى. تەۋپىق بۇ ياش دوستلىرىنى ياقتۇرۇپ قالدى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئېچىلىپ- يېيىلىپ جاۋاب بەرگەندىن باشقا، ياشلارنى قىزىقتۇرىدىغان پەن يېڭىلىقىلىرىنى سۆزلەپ بەردى. كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە بولسا كەلگۈسى ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىگە كېرەكلىك قابىل ۋە ساداقەتلىك ياردەمچىلەرنىڭ تېپىلىدىغانلىقىغا سۆيۈنمەكتىدى. شۇنداقلا بىر كۈن ۋاقت چىقىرىپ ئوڭۇرۇققا مەدرىسكە بېرىپ، مەدرىسنى كۆرگەچ، ياش يىگىتلەر بىلەن تونۇشۇپ كېلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى. بۇندىن باشقا مەدرىسمۇ ئۇنىڭ مەلۇم پىلانلىرىغا مۇناسىۋەتلىكتەك قىلاتتى.
نەزىرگە كېلىپ ـ كېتىۋاتقان مېھمانلاردىن بىرەر- يېرىم ياش ئايرىلىپ كېلىپ، تەۋپىقنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە قوشۇلۇپ تۇراتتى... گەرچە تەكلىپ قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەنئەنىمىزدىكى ”تۇزغا بېشىچە بولسىمۇ بارغۇلۇق“ دېگەن قاراشتىن پايدىلىنىپ، مەشھەتنىڭ جامائىتىگە قوشۇلۇپ، ئاتۇشنىڭ ئامانلىق مەسئۇلى توختى زۇنۇنمۇ كەلدى. بەلكى قەشقەردىن يوليورۇق تاپشۇرۇپ ئالغان بولسا، ”ئوۋ“نى تونۇپ قويۇش ئۈچۈن كەلگەندۇ. ھەرھالدا ۋەزىپىسىنى بەك سىلىق بېجىرىشنى بىلىدىغان كىشىدى؛ ئاممىۋى مۇناسىۋەتكە بەك دىققەت قىلاتتى، توي- تۆكۈن، نەزىر- چىراقلاردىن قالمايتى، كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدىغان سىلىق، سىپايە ئادەم ئىدى، شۇڭا، ساددە ئادەملەر ئۇنى بەك ئادىمىگەرچىلىكى بار، دەپ باھالىشاتتى. نىزامىددىن ئىنىسىگە ئۇنى تونۇشتۇرغاندا ئىسمىنىلا ئاتاپ:
— كۆپنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان ئاقكۆڭۈل ئاغىمىز، توختى زۇنۇن، مەشھەتتىن، — دەپلا تونۇشتۇرغان بولسىمۇ، ئۇ داستىخان تەرەپكە كېتىۋاتقاندا ئىنىسىنىڭ قۇلىقىغا شىۋىرلاپ ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى ئېيتىپ قويدى. ھە، دېگەندە بۇ ئادەمنىڭ ”ئادىمىگەرچىلىك“نى ئىپادىلەپ تۇزغا كېلىپ ئولتۇرىشى نېمىشكىدۇر نىزامىددىننىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىپ قويدى. چۈنكى ئۇ تاغىسىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش تۈپەيلىدىن ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرگە خېلى ساۋاتلىق بولۇپ قالغاچقا خەلق سىپايە، ئوبدان ئادەم كۆرىۋاتقان توختى زۇنۇننى بىر ئاز بىلگەندەك قىلاتتى.
يىگىتلەر  بىلەن تەۋپىقنىڭ سۆھبىتى تاكى مېھمانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلگىچە داۋام قىلدى. تەۋپىق ئۇلارنىڭ باشقا دوستلىرى بىلەن مەدرىستە بىركۈن ۋاقت چىقىرىپ كۆرۈشمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىۋىدى، ياشلار تۇشمۇ- تۇشتىن ئۇنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى ۋە ئەڭ كۆپ توپلىشىدىغان كۈنى بازار ئەتىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى، شۇنداقلا باشقا ياشلار بىلەن خەۋەرلىشىپ، ئالغاچ بارىدىغان بولۇشتى. شۇندىن كېيىنمۇ ئۇلار چەتئەلدىن كەلگەن ئەپەندىنىڭ يېقىملىق چىرايىغا قاراپ، ئۇنىڭ كىشىنى جەلپ قىلىدىغان سۆزلىرىگە بولغان ئەسىرلىكىنى يوشۇرالمىغان ھالدا قىيماستىن خوشلاشتى.
ئۇلار كوچىغا چىققاندىن كېيىنمۇ ئاڭلىغانلىرى ھەققىدە قىزغىن تالاش- تارتىش قىلىشتى، ھەيرانلىقىنى، مەپتۇنلىقىنى ئىزھار قىلشتى. ئاخىردا ھەر بىرى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ شەخسىي سۈپەتلىرى ۋە ئۇ سۆزلەپ بەرگەن يېڭىلىقلار ھەققىدىكى ئاخباراتنى ئېلىپ كەنتلەرگە تاراپ كەتتى. تەۋپىق ناھايىتى چاپسانلا سۆھبەتلەرنىڭ تېمىسىغا ئايلىنىپ، نۇرغۇن كۆڭۈللەردە قىزىقىش پەيدا قىلدى.

2
ئابلىمىت قارى بىلەن سابىت خېلى كەچ قايتتى. ئۇلار تالىپ ئاتالغىنى بىلەن ئىزچىل ئوقۇش يوق، بەزەن بېرىپ، بەزەن بارماي ئوقۇپ يۈرىشەتتى. بەزىدە بارسىمۇ دەرس بېرىدىغان ئادەم يوق، قايتىپ كېلىشەتتى. چىڭ تۇتمىغان ئوقۇشنىڭ تايىنى بولاتتىمۇ؟ بەزىدە ئوڭۇرۇق مەدرىسكە بارسا، بەزىدە تاشاخۇنۇمنىڭ ھويلىسىدىكى سالاھىددىن ئەپەندىگە بېرىشاتتى. ھېچبىرىدە ئىزچىللىق يوقىدى.
ئۇلار بۈگۈن ھاياتىنىڭ ئەڭ ھاياجانلىق بىر كۈنىنى ياشىغاندەك بولۇشتى. قانداق ئادەم ـ ھە؟ مۇشۇنداق ئۇستازىڭ بولسا... دېگەنلەر كۆڭۈللىرىدىن كېچەتتى.
— مۇھەممەد قارىنى بىللە ئېلىۋالغان بولساقچۇ، ئېسىت، — دېدى ئابلىمىت قارى، — ئەمدى بۇ يېڭىلىقلارنى ئۇقسا ئۇ چىچاڭلاپ كېتىدىغان بولدى ـ دە، تاپا ـ تەنىسىدىن قۇتۇلماقمۇ تەس.
سابىت جاۋاپ بەرمىدى. ئۇنىڭ خىيالى بۈگۈن ئاڭلىغان دۇنيا يېڭىلىقلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى. تەپەككۈرى ئاللىقاچان ئاشۇ ئاجايىپ شەھەرلەرگە پەرۋاز قىلىپ كەتكەنىدى.
ئۇلار مەشھەدتىن ئۆتكەندە ئوتۇراق بىلەن مەشھەد ئارىسىدىكى سايلىق بىلەن ئاق بوز توپىلىق قاغجىرىغان ئۈزۈك ئارىلىقتىن ئۆتەتتى. ئاق بوزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىگىز پەخشى تام بىلەن قورشالغان بىر قورغانچە بارىدى. ئۇنىڭ ئىچىدىمۇ بۇ قەدەر ئىگىز تام سوقۇپ مۇھاپىزەت قىلغۇدەك ھېچنېمە يوق، ئوخشاشلا ئاق بوز ئىدى. بۇ قورۇقنى «تاشاخۇنۇمنىڭ قورىقى» دېيىشەتتى. بۇ تېنىمسىز يېڭىلىقپەرۋەر ئادەمنىڭ بۇ قورۇقنى چۆرۈشتە قانداق پىلانلىرى بارىدىكىن، ئەمما ئۇ مەلۇم بولۇشقا ئۈلگۈرمىگەچكە، بۇ قورۇق خۇددى چۆچەكلەردىكى غايىپ غەزنىلەر يوشۇرۇلغان سىرلىق يەردەك بىر تۈرلۈك سۈر بېغىشلاپ قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.
ياشلار ئوتۇراقنى ئارىلاپ ياقىۋاغنىڭ بوستان مەھەللىسىگە يېقىنلاشقاندا ئابلىمىت قارى دوستىغا چاخچاق باشلىدى:
— ئاستانەڭگە كېلىپ قالدۇق، — دېدى ۋە ناۋايى غەزەللىرىدىن بىر بىيىت ئوقۇدى:

ئاستانەڭگە بېرىپ مەنزىلدە ياتماق ئارزۇ،
سەگلىرىڭنىڭ  سانىغا ئۆزۈمنى قوشماق ئارزۇ.

سابىت بۇ چاخچاقلارغا كۈلۈمسىرەپلا قويدى. بوستاندا ئۇنىڭ مەشۇقى بارىدى. شۇڭا دوستى ئۇنىڭغا شۇنداق چاخچاق قىلاتتى.
سابتنىڭ مىجەزى قانداق ئېغىر بولسا ئۇ باشتىن كەچۈرگەن كەچمىشلەرمۇ شۇنداق ئېغىرىدى. بەلكىم ئاشۇ كەچمىشلەر ئەنە شۇنداق خاراكتېرنى ياراتقاندۇر.
سابىت ئانىسىنىڭ  قانداق ئايال ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئۇ ئېسىگە كەلمەستە ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەنىكەن يېتىم سابىتنى شۇندىن  كېيىن بوستاندىكى ھاممىسى بېقىۋالدى. دادىسى ئۇنى تاھىر خەلپەتتە ئوقۇتتى، كېيىن ۋاقۋاغقا بېرىپ تاشاخۇنۇمنىڭ ھويلىسىدا سالاھىددىن ئەپەندىدىنمۇ دەرس ئالدى، مۇشۇ جەرياندىمۇ ئۇ يەنىلا ھاممسىنىڭ ئۆيىدە تۇراتتى. بۇ ھال دادىسى قازا قىلغانغا قەدەر داۋام قىلدى. بوۋاي ئاًًًًًًًًًًًًًًًًًًًًخىرقى يىللاردا  كېسەلچان بولۇپ قالغىنىچۈن تاھارىتىگە سۇ بەرگۈدەك بىر كىشىگە مۇھتاج بولۇپ، ”سابىتنىڭ مىراسىغا شېرىك كۆپەيتمەيمەن“ دېگەن ۋەدىسىنى بۇزۇپ ئۇرۇق- تۇققان، يار- بۇرادەرلىرىنىڭ  سالاسى بىلەن بىر تۇغماس ئايالغا ئۆيلەنگەنىدى. بۇ ئىنتايىن ھازازۇل خوتۇن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەجىلىنى تېزلىتىشتىن باشقىغا كېرەككە كەلمىدى. بوۋاي قازا قىلىش ئالدىدا قىيامەتلىك قەرز بولۇپ قالمىسۇن دەپ، بۇ ئايالنىڭ ئەسكىلىكلىرنى ئەپۇ قىلىپ ئۇنىڭغا لايىقىدا مىراس قالدۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ دەۋاسى تۈگۈمىگەنىدى، سابىت يىتملىكتە چەككەن رىيازەتلىرى ئاز كەلگەندەك ئەمدى ئۆگەي ئانىسى بىلەن بولغان مىراس دەۋاسىدىن بىر مۇنچە كۆڭۈلسىزلىك تېپىۋالغانىدى.شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، ئۇ تېخىمۇ شۈكلەپ قالغانىدى.
— ناۋايىنىڭ دىۋاننى ئوقۇپ بولدۇڭمۇ؟ — دەپ سورىدى ئابلىمىت قارى دوستىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن.
سابىت بۇ سۆزنى خىيال ئىچىدە ئاڭلاپ، ناۋايى دېگەن ئىسمغا ئاۋۇ باغلارنىڭ تېمىدىن چىقىپ تۇرغان چېچەككە پۈركەنگەن شاخلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئويلىدى:

”باغ ئىچرە ماڭا ساچتى گۈل ئاقۇ ـ قىزىل ياپراق“...

باھار پۇراقلىرىغا، توي- تاماشانىڭ خۇشال- خۇراملىقىغا تولغان بۇ مىسرالار ئۇنىڭ كۆڭلىگە يۇرۇقلۇق بەخش ئەتكەندەك بولۇپ، خىيالدىن باش كۆتۈردى ۋە دوستىغا قاراپ باش لىڭشىتىپ قويدى.
— ئوقۇپ بولغان بولساڭ ”دىۋان زەلىلى“ نى ئۇقۇغىن كەچتە ئۆيۈڭگە ئالغىلى كىرىمەن،  ئالماشتۇرۇپ ئوقۇيلى. ئاكامنىڭ كېتىدا بىز كۆرمىگەن كىتابلار تېخى نۇرغۇن، تاھىر خەلپەتنىڭ سەككىز كۆزلۈك بىر كاتتا لىق كىتىپى بار دىيىشكىنىنى ئاڭلىماپمىدىڭ.
سابىتنىڭ كۆزلىرى كوچا بويىدىكى باغ تېمىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، كېيىن جىگدە شاخچىلىرى بىلەن قاشالاپ قويۇلغان جايغا تىكىلگەنىدى.
سابىتنىڭ يۈرىكى تۇيۇقسىزلا قاتتىق دۈپۈلدەپ كەتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرى چىتلاق كەينىدىن غىل- پال كۆرۈنۈپلا پەخشى تام كەينىگە ئۆتۈپ كەتكەن ئادەم كۆلەڭگۈسىگە چۈشكەنىدى.سابىت ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ مېڭىشنى قارار قىلدى.
— ”يار دوستلىرى بىلەن كەلسە جاپا قىلىش ئۈچۈن كەلگەندۇر، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇنداق ئۇچرىشىش رەشىك ۋە ھەسەتتىن دېرەك بېرىدۇ  “ دېگەندەك، گۈلزادەم  شۇنداق ئويلاپ قالمىسۇن، ئاغىنە، — دېدى ئابلىمىت قارى، — مەن كەتتىم، گېپىڭنى پاتراق تۈگۈتىپ قايتارسەن، كەچتە ئۆيۈڭدە ئولتۇرماقچى بولغىنىمىز ئېسىڭدە بولسۇن، ھېلىقى چاپلاشقاق ئاغىنەڭ بىتاقەت بولۇپ كۈتىۋاتىدۇ ھەقىچان، ئۇنى ئاڭلىغانلىرىمىز بىلەن ھەيران قالدۇرىۋېتىمىز.

3

سابىت مەيۈسلۈك، مىننەتدارلىق ئارىلىشىپ كەتكەن غەمكىن كۈلۈمسىرىشى بىلەن دوستىنىڭ ئارقىسىدىن ئۈنسىز قاراپ، ئۇ ئەگرى- بۈگرى يېزا يولىدا ئۇزاپ كەتكۈچە جايىدا تۇرۇپ، ئاندىن قاشا تەرەپكە ماڭدى.
كوچىدا تۇرۇپ قىز بىلەن سۆزلىشىش بىئەپ ئىدى. شۇڭا ئۇياق- بۇياققا قارىۋېتىپ چاققانلىق بىلەن قاشادىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، باغ ئىچىدىكى كۆكۈرۈشكە باشلىغان بېدىلىككە چۈشتى ۋە چوڭقۇر بىر تىنىۋېلىپ، تام تۈۋىدە پۇتىنىڭ ئۇچىغا قاراپ تۇرغان 15- 16 ياشلاردىكى، بويالغان ماتا كۆينەك، پۇتىغا نىمكەش كۆن ئۆتۈك كىيگەن ۋىجىككىنە قىزغا ھەۋەسلىنىپ قارىدى. قىز تامغا ئارقىسىنى قىلىپ بىر خىل ھالىتىنى ساقلاپ تۇرىۋەردى.
گۇگۇم پەردىسى كائىناتقا ئېتەك يېيىۋاتقان بولسىمۇ سابىت مەشۇقىنىڭ تەڭداشسىز گۈزەلىكىنى پۈتۈن بەدىنى بىلەن كۆرۈپ تۇرغاندەكىدى. ئۇنىڭ ئاشۇ قىزىقىش، سۆيۈنۈش ۋە ھاياجان ئارىلىىشىپ كەتكەن قارىشىدا ئاجايىپ مەستانىلىك بىلىنىپ تۇراتتى. ئاشۇ تەقلىدتە بىر نەچچە سىكونتلا تۇرغان بولسىمۇ، مۇشۇ سۈكۈتتە ئۆتكەن بىر لەھزە ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈردەك ئۇزۇن بىلىنىپ كەتتى. ئارقىدىن ئۆزىنىڭ قوپال بەستىگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان بىرخىل نازۇكلۇق بىلەن ھاياجانغا تولغان تىترەڭگۈ ئاۋازدا:
— گۈلزادە!... — دەپ خىتاب قىلدى.
بۇئاۋاز ھېلىقى ئاددىي ”تاغ گۈلى“ نىڭ ۋۇجۇدىنى تىترىتىۋەتتى.
— كەلدىڭىزمۇ؟...
— بۇ يەردىن قاراپ تۇرۇپتىكەنسەن....
— بايا ئۆگزىگە تېزەك يايغىلى چىققانىدىم، يولغا قارىسام ئابلىمىت قارىكام بىلەن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدىكەنسىز،... يانسا .... دەپ پات- پات قاراپ تۇرغانتىم...
— بىز بويامەتكە نەزىرگە بارغانتۇق، ... ـ سابىت توختاپ قالدى، ھەممە گەپنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بېرىش ھاجەتسىز دەپ قارىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزنىڭ ئالدىدا ئەپلەشتۈرۈپ سۆزلىيەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىدى.
ئۇلارنىڭ ئۇچرىشىشلىرى ھەمىشە شۇنداق بولاتتى. كۆرۈشۈش ئالدىدا گويا ئۆزىنى كۆڭۈللۈك ئىشلار، قىزىق تاماشا كۈتۈپ تۇرغاندەك ئالدىراش تەشنالىق، ھاياجان ئىلكىدە ئازابلانسا، كۆرۈشكەندىن كېيىن پاراڭنىڭ تايىنى بولماي يۈرەكلىرى سىقىلاتتى. شۇنىسى تېخىمۇ قىزىق  ئىدىكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھازىرغىچە مۇھەببەت ھەققىدە سۆز بولمىغانىدى. شۇنداق تۇرۇپمۇ ئۇچرىشىپ تۇرۇشاتتى ۋە ئۇچرىشىش ھەققىدە پۈتۈشۈپ قويۇشاتتى. ئۇلارنىڭ تۇنۇشلىقى ناھايىتى بۇرۇن —  بالىلىق ۋاقىتلىرىدىن باشلانغان بولسىمۇ، ئۇلار ئارىسىدىكى ئۆزگىچە مۇناسىۋەت بۇلتۇر كۈزدىن باشلانغانىدى.
سابىت ھاممىسى بىلەن بىللە تۇرۇشقا باشلىغاندىن تارتىپلا ئۇلار بىللە ئوينايتى. سابىتنىڭ ھاممىسى بىلەن گۈلزادىلەر قوشنا ئىدى. ھەر ئىككىسى ئانىسىز يىتملەرىدى. گۈلزادە ئۆگەي ئانىسىدىن تاياق يېسىلا بۇ ئۆيگە كىرەتتى. پەقەت مۇشۇ ئۆيدىلا تەسەللىگە ئېرىشەتتى. سابىت ئۇنىڭدىن ئۈچ ياشچە چوڭىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كۈچلۈك، قاۋۇل بالا بولغاچقا ھەمىشە قىزغا ياردەم قىلىپ تۇراتتى. كېيىن ئۇلار جاڭگالدا ئۇلاغ باقتى. بىللە تېزەك تېرىشتى، ئۇلار تولا ئۇرۇشۇپ قالاتتى. لېكىن بىردەمدىن كېيىنلا بۇنى ئۇنتۇپ قېلىشاتتى...
كېيىن سابىتنى مەكتەپكە بەردى. سابىت تۇغۇلغان مەھەلىسگە بېرىپ تاھىر خەلپەتتە ئوقىدى. ئارقىدىن ۋاقۋاغدا ئوقىدى. شۇ جەرياندا ئىككىسى يىراقتىن كۆرۈشكەننى ھېسابقا ئالمىغاندا ئايرىم ئۇچرىشالمىدى...
كۆپ ئۆتمەي تەقدىر سابىتنىڭ دادىسىنىمۇ ئارىدىن ئېلىپ كەتتى. قاراقسىز قالغان ئۆيگە دادىسىنىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن قايتتى. بۇ مەزگىلدە ئۇلار تېخىمۇ ئۇچراشمىدى. بۇلتۇر كۈزدىن باشلاپ سابىت ۋاقۋاققا بېرىشنى توختۇتۇپ، ھەپتىدە بىرەر كۈن ئوڭۇرۇققا بېرىپ ساۋاق ئېلىپ كەلگەندىن باشقا، ئۆز تېرىكچىلىكى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇ يەنە جاڭگالغا باردى. مانا شۇ چاغدا ئۇلار قايتا ئۇچراشتى.
بۇ چاغدا ئۇلار ئۆزلىرىنى باشقىچە ھېس قىلىشتى. ئارىدا يېتىرقاش ۋە يەنە ئاللىقانداق نازۇك تۇيغۇلار پەيدا بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى. ئۇلارنىڭ قەلبىدە نېمىدۇر  پىشپ يېتىلگەنىدى. گۈلزادە سابىتنى ”سىز“ لەپ گەپ قىلىشقا باشلىدى. چۈنكى ئايال كىشى ئەر كىشىنى شۇنداق ئاتىشى كېرەكىدى. بىرىنچى كۈنىلا ئۇلار جاڭگالدىن قايتىدىغان چاغدا زەيكەشتىن ئۆتكىچە سابىت گۈلزادىنىڭ قېپىنى سۇنىۋېلىش ئۈچۈن قول ئۇزاتقىنىدا ئىككىسىنىڭ قوللىرى بىر- بىرىگە تېگىپ كېتىپ، ھەر ئىككىسىنىڭ ۋۇجۇدىغا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر خىل ئىسسىق ئېقىم تاراپ كەتتى. بۇرۇن ئۇلار ھەمىشە دېگۈدەك سۈركىشىپ يۈرسىمۇ بۇنداق سېزىم بولمىغانىدى. مانا شۇ ئىش ئۇلارنىڭ كېيىنكى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى.
ئەمما ئۇلار ئۇچراشقاندا ”يۈرەك سۆزلىرى“ نى تۆكۈشۈپ، سېغىنىشلىرى، چۈشلىرى، خىياللىرى ھەققىدە سۆزلىشىپ كەتمەيتتى. ئۈنسىز سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇپ، ئاخىردا خوشلىشاتتى.
— خاپا بولماڭ... ھېلىقى ھازازۇلنىڭ ئاھانىتىگە قالماي يەنە...
سابىت ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسىدىن قورقۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ ئۇنى قىيىن ئەھۋالدا قالدۇرماسلىق ئۈچۈن :
— ياق نېمىگە خاپا بولىمەن، كىرىپ كېتىۋەر،— دېدى خوشلىشىپ،— كېلەر قېتىم مەن ساڭا ئاجايىپ- غارايىپ گەپلەرنى سۆزلەپ بېرىمەن، — دەۋەتتى ئۇ ساددا ئادەملەرگە خاس خۇسۇسىيەت بىلەن قورسىقىدىكىنى يوشۇرالماي.
— ئاجايىپ گەپ؟
— ھەئە. بۈگۈن بويامەتكە بېرىپ ئەپەندىمدىن ئاڭلاپ كەلدۇق... — ھەمىشە خىجىل بولغاندەك بۇرنىنىڭ ئۇچى تەرلەپ تۇراتتى، قولىدا ھەمىشە سىقىملىۋالىدىغان بىر غاڭزا بولاتتى ۋە قىلغىلى قىلىق تاپالمىغان، خىجالەتتىن قوللىرىنى نەگە قويۇشىنى بىلمىگەن چاغلىرىدا غاڭزىنى ئويناپ خىجالىتىنى يوشۇرماقچى بولغاندەك قىلاتتى. بۇ غاڭزىنى بۇلتۇر قەشقەرگە ئوتۇن ساتقىلى كىرگەندە دوتەي يامۇل ئالدىدىن تېپىۋالغانىدى.
— ھە،... — دېدى قىز ھېچنېمىنى ئاڭقىرالمىسىمۇ، — ماقۇل ياخشى چۈش كۆرۈڭ...
— خوش...
سابىت قاشادىن كوچىغا ئاتلاپ ئۆتۈپ، گۈلزادىنى بارمۇ، كىرىپ كەتتىمۇ دېگەندەك كەينىگە قاراپ قويۇپ، ئاندىن يولىغا يۈرۈپ كەتتى.


سـەكـكـىـزىـنـچـى بـاب

1

نـ
ەزرىدىن كېيىن نىزامىددىن ئىنىسىنى تۇققانلارنىڭ ئۆيلىرىگە پاتىھە قىلدۇردى. ئۇلار ئەڭ ئەۋۋەل ۋاقۋاققا — تاغىسى تاشاخۇنۇمنىڭ ئۆيىگە پاتىھە قىلىشتىن باشلاپ، ئاخىرىدا يېقىن  ئۆتۈشكەن باشقا ئادەملەرنىڭ ئۆيلىرىگە باش ئۇرۇشتى. بۇ رەسمىيەتلەر ئاخىرلاشقاندا بازار كۈنىمۇ كېلىپ قالغانىدى.
— ئەمدى ئاتۇشنىڭ بازىرىنىمۇ كۆرۈپ قوي، بەلكى ئېسىڭدىنمۇ چىقىپ قالغاندۇر، — دېدى نىزامىددىن دۈشەنبە  كۈنى ئەتتىگەندە.
تەۋپىق بۈگۈن چەتئەلدىن كېيىپ كەلگەن غەلىتە ”پەرەڭچە ئۈستىۋاش“تا ئەمەس، (نىزامىددىننىڭ زورى بىلەن) شۇ مۇھىتتىكى يىگىتلەرنىڭ چەكمەن تونىنى كېيىۋالغان، شايى بەلۋىغىنى باغلىۋالغان ئىدى.
بۇ يەرنىڭ مۇھىتىغا ئۇيغۇنراق يۈرمىگەندە ياخشى بولمىشىنى بىلگەن توختاجى ئۇنىڭغا ئۆيدىن ئۇزايدىغاندا باي بالىلىرى كېيىدىغان قەشقەرنىڭ مۇھىتىغا كۆرە ئالىي ھېساپلىنىدىغان ئىككى قۇر كىيىم كېچەكنى تەۋپىقنىڭ سومكىسىغا سېلىپ بەرگەنىدى. ئۇ چاغدا ئۇ بىر ئاز تېرەجىگەن، ئالماسلىققا ھەركەت قىلىپ كۈلگەن بولسىمۇ، ئەمدى ئاكىسى ۋە يەڭگىسىنىڭمۇ ئوخشاش تەۋسىيەدە بولىشى ئۇنى ئويلاندۇرۇپ قويغانىدى. دېمەك، دوستى بىر ئىشلارنى ئالدىن پەملەپ بۇلارنى بېرىپتىكەن ـ دە!
توننىڭ ئوچۇق ياقىسىدىن ئىچىدىكى كۆينەك كۆرىنىپ تۇراتتى، شىمى، خىرۇم پەتىنكىسى، بېشىدىكى تۈرك بېرېسىمۇ ئۇنى يەنىلا مۇھىتقا كۆرە باشقىچە كۆرسىتىپ تۇرۇشقا يېتەتتى.شۇڭا ئۆتكەن- كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى قىزىقسىنىپ قارىشاتتى؛ بەزىلەر مىش- مىشلاردىن ئاڭلىغانلىرىغا كۆرە قىزىقىپ قارىسا، بەزىلەر شۇ ئاندىكى تۇرقىغا قىزىقىپ قارايتى.
بازار (مەشھەد) بىلەن بويامەتنى تېجەن يېزىسى  ئايرىپ تۇراتتى. تېجەن قىران دەريا ئېقىنىدىكى  يوپۇرماق شەكىللىك ئارال بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدە قۇرۇق دەريا ئېقىنى بارىدى. بەزى چاغلاردا بۇ قۇرۇق سايغا ھەيۋەتلىك كەلكۈن كېلىپ دەريانىڭ ساھىلىغا جايلاشقان يېزا خەلقىگە بالايى- قازامۇ كەلتۈرەتتى. بۇ خىل بالا قازالاردىن يالداما بولۇپ قالغان بىرمۇنچە خەلق قوشاقلىرى شۇئانغا قەدەر يادلىناتتى. ساينىڭ شىمال ئېتىكىدىكى ئازغان كەنتىنى يالاپ، سايغا يېقىن ئۆيلەرنى ئېلىپ كەتكەن كەلكۈندە كەتكەن نەۋجۇۋانلار ھەققىدە شۇنداق قوشاقلار بارىدى:
ئامىنەمۇ ـ ئامىنەم،
لايدا ياتقان ئامىنەم.
لاينىڭ تېگىدە يېتىپ
«خۇدا!» دېگەن ئامىنەم!

ئاخشام كەلگەن بەش ئاتلىق،
بەشىلىسى قاراتلىق ،
ئامىنەمنى ئەپقاچقان
مەمىتىمىن قاناتلىق....

سايدىن چىققاندىلا ئۇ قاتتىكى بازار كۆرۈندى.
— يېغىلىقلاردىن كېيىن بازار قىممەتچىلىك بولۇپ كەتتى، نىمىشكە دېسەڭ گا سىلىڭنىڭ  ئەسكەرلىرى خەلقنىڭ بىر قەۋەت تېرىسىنى شۇلۇپلا ئالدى، — دەپ پاراڭ  سېلىپ كېلەتتى نىزامىددىن.
مەمتىلى ئەپەندى بولسا ئۇنىڭ سۆزلىرىگە جىم- جىتلا قۇلاق سېلىپ يولدىن ئۆتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ چىرايىدىن ئەنە شۇ يېغىلىق قالدۇرغان ئازاپ، جاراھەتنىڭ ئىزناسىنى تاپماقچى بولغاندەك قاراپ باراتتى. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ يۈرىكى تېنىمسىز دۈپۈلدەپ، ئاللىقانداق تۇيغۇلار كەلكۈنى  قەلبىدە مەۋج ئۇرۇپ، ئۇنى  چەكسىز ھىسىيات دېڭىزىغا غەرق قىلماقتىدى. ئۇ كەچلىرى شېئىر يازاتتى، ئويلايتتى، تەسەۋۋۇر قىلاتتى... يۇرتلارنى ئارىلاپ يۈرگەندە ھەممە نەرسىگە سوئالغا تولغان كۆزى بىلەن ئۇزاق تىكىلەتتى...  ”ئىھ، مەن بۇ مىسكىنلىك يېغىپ“ تۇرغان زېمىننى قانچىلىك سېغىنغاندىم ـ ھە؟“ دەپ ئويلىدى ئۇ. ئارقىدىن ئاكىسىنىڭ سۆزلىرىگە جاۋابەن:
— شۈكرى قىلىپ كۆنگەن خەلققۇ بىز، ئاكا — دېدى ئويچانلىق بىلەن، — بۇ كۈنلەرنىمۇ سەۋر بىلەن ئۆتكۈزۋېتىمىز. بۇ كۈنلەرمۇ پايدىسىز ئەمەس، قاتتىق سوغۇق كىشلەرنى قېلىن كېيىنىشكە مەجبۇر قىلىدۇ؛  قاتتىق ئۇخلىغان ئادەم بېشى يېرىلغاندا ياكى تۇمىشىقى قانىغاندا كۆز ئۆچماي قالمايدۇ. ئەلۋەتتە.
— چالا ئويغانغان كىشىلەرنىڭ ئوبدانراق كۆز ئېچىۋېلىشىغا ئىمكان بەرمەي يەنە ئەللەيلەيدىغان ئادەملەر، تېخىمۇ قاتتىق ئۇخلىتىدىغان دورىلارمۇ تەييارلا ـ دە!
— ئاكا، ئەڭ يوغان  قەپەزدىكى ئىمكانىيەتمۇ پەقەت قەپەزگە چۇشلۇقلا بولىدۇ. ئۈزۈل- كېسىل ھۆرلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن قەپەزنىڭ كەڭلىكىگە ئالدانماسلىق كېرەك. قەپەزنى سۇندۇرۇپ گۈلزارلار ئۈچۈن قاشا ياساش كېرەك. تۈركىيەدىكى ئىسلاھاتنى ئاڭلىغانسىز؟ ئەنە  شۇنداق، ھەم ھۆكۈمران  گورۇھنى، ھەم جاھالەتلىك مۇھىتنى يىمىرىۋەتمىگىچە بىرسى يەنە بىرىسىنى پەيدا قىلىپ، بىزەڭ چىۋىن بىلەن پاسكىنا  مۇھىتتەك دەۋر قىلىۋېرىدۇ.  تۈركلەردە مۇنداق بىر تەمسىل بار  ” Cami yıkılmış ama mihrabı yerinde“ ئەنە شۇنداق قوزغىلاڭ قىلدۇق دېگەن بىلەن ئاڭ بولمىغاچقا ”جامەنى يىقىتىۋەتكەن بىلەن مىھرابى جايىدا“ تۇرۇۋېرىدۇ- دە! شۇڭا ”جامە“ نىمۇ، ”مىھراپ“ نىمۇ  يىقىتىپ، ھەممىنى قايتىدىن ياساپ چىقىش كېرەك! ... ئەڭ مۇھىمى ئويغانغان ئاڭنىڭ بولىشى، قارا غەزەپ دېگەن يىرتقۇچتىمۇ بولىدۇ.
ئۇلار پاراڭلىشىپ بازارغىمۇ كېلىپ قالدى. ئۇلار ئاۋۋال مەشھەدكە كىرىپ ھەزرەت سۇلتان جامەسىنى، سۇلتان سۇتۇق قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى. ئۇلارنىڭ زىيارىتى ئاخىرلاشقاندا ۋاقت چۈشكە تايىن بولۇپ قالغانىدى. نىزامىددىن غىزالىنىپ ئاندىن  بىردەم ئايلىنىشىنى تەكلىپ قىلدى.  ئىككىسى يەنە ساي بويىدىكى بازارغا كەلدى.
شەرقنىڭ جىمى بازارلىرىدىكىگە ئوخشاش ئاتۇش بازىرىمۇ ئۆزگىچە مىللي ئالاھىدىلىككە ئىگە مەھسۇلاتلار، چەتئەل ماللىرى، جۇڭگو تاۋارلىرى، خوتەننىڭ يىپەك توقۇلمىلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، سېتىقچىلار دۇنيادىكى جىمى ياخشى سۈپەتلەر بىلەن ئۆز مېلىنى ماختاپ چوقان سېلىپ تۇراتتى.
بازاردا ئومۇمىي تەرتىپسىزلىك ھۆكۈم سۈرەتتى. مىغ- مىغ بازاردا پات- پاتلا جىدەللىشىۋاتقانلارنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. بازارلىقلار ھەمىشە ئۇششۇقلۇق، جىدەلخورلۇق بىلەن يىراق- يېقىندىن كەلگەنلەرنى بوزەك قىلىشقا تىرىشاتتى. سىرتتىن كەلگەنلەرمۇ بازارلىق بىلەن بىر يېرى سوگىشىپ كېتىشتىن ھەزەر ئەيلەيتى. چۈنكى ھەممە ئادەم ئۇلارنىڭ خۇي- پەيلىنى بىلگەچكە ”بۇدۇشقاقلارنى ياماشتۇرىۋالغاندىن كۆرە، سېنىڭ راست دەپ قۇتۇلغىنىم ياخشىراق“ دەپ ئويلىشاتتى. بەشكېرەم، پەيزاۋات قاتارلىق يېراق جايلاردىن ئەمەس، ئاتۇش تەۋەلىكىدىكى باشقا كەنتلەردىن بىر نەرسە  ساتقىلى كەلگەن بىچارىلەرنىڭمۇ مېلىنى ئۆز ئەركى بويىچە سېتىش ئىمكانىيىتى يۇقىدى، بازارلىقلار بىشەملىك بىلەن ئۇرۇشۇپ ئەرزان ئېلىۋېلىپ ئۆزلىرى ساتاتتى. ئۇلار قارشى تەرەپ مەندىن قورقتى دەپ ئويلاتتى. گويا ئەڭ ياۋۇز دۈشمىنىنى يېڭىۋالغاندەك غەلبە ئىپتىخارى بىلەن گۈكىرەپ كېتەتتى،  بۇ كىشىلەرنىڭ نادانلىقى، ئاڭسىزلىقى ئۆزلىرى ئۇرىشىۋاتقان، ئۇرۋاتقان كىشىلەرنىڭ يەنىلا بىردەريانىڭ سۈيىنى ئىچىدىغان قېرىنداشلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە  ئىمكان بەرمەيتى.  يۇرتلار ئارا ئۆچمەنلىك، ئىشەنمەسلىك چوڭقۇر  يىلتىز تارتىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنداق ئۆچمەنلىك ئۇلارنىڭ  كۆز ئالدىنى پەردىلەپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقى دۈشمەنلىرىنى تونىۋېلىشقا كاشىلا بولاتتى. خەلقنىڭ ئىناقسىز بولىشىنى خالايدىغان ھۆكۈمرانلار بۇنداق ”ئۇششۇق نوچى“ لاردىن  تولىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىناتتى:  بۇ ئىناقلىقنى بۇزغۇچى قورالنى قوغدايتى، ئاسرايتى، دەي- دەيگە سالاتتى، شۇلاردىن گۇناھ ئۆتسىمۇ سورىمايتى. ھەر قانداق يولسىزلىق قىلسىمۇ ئۇلارغا گۇناھ قويۇلمىغاچقا باشقىلارنىڭ ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىمەي ئىلاجى يوق ئىدى...
بازارنىڭ بىر دوقمۇشىدا راخمان ئاشىق ئۆتكەن- كەچكەنلەرگە قاراپ بىر ئوڭدىن، بىر سولدىن سۆزلەۋاتاتتى:
— ھەر قايسىڭنى مۇشۇنچىلىك ئادەم قىلىپ قويدۇم، بولمىسا نېنىڭنى تېپىپ  يىيىشەلمەيسەن! ئەمدى مېنى كۆزۈڭگە ئىلىشمەيسەن! مەن كىم؟ ھەممەڭنىڭ ئاتىسى! ھەربىر يۇرتتىن يەتتىدىن ئادەم بوغۇزغا سۇغا چىقىڭلار، چىقمىغانلارغا سۇ يوق! قېنى شۇ چاغدا سۇ دەپ بېقىشە، كەتمەن بىلەن سالىمەن!...
ئاتۇشنىڭ بازىرى ئانچە چوڭ ئەمەس،  بىردەمدىلا بىر چېتىگە بېرىپ قالىدىغان، بۇ كىچىككىنە بازار بىرلا چۆرگىلىسە تۈگەپ قالىدىغان بازارچاق بولغاچقا تونۇش- بىلىشلەر ئۇچراپ تۇراتتى. قاقاس ساي بويدا بولغاچقا توپا- چاڭ توزۇپ تۇرغاندىن  تاشقىرى، ئاۋازلارمۇ مۇھىت تەرىپىدىن شۇمۇرۈلمەيتى. شۇڭا بىر- بىرىگە  قوشۇلۇپ كەتكەن ئومۇمىي شاۋقۇن ئۇزاقلارغا كېتەتتى. يىپ بازىرىدىكى ئاياللارنىڭ ئاۋازى بىلەن دوپپا بازىرىدىكىلەرنىڭ توۋلاشلىرى  بىرىكىپ كەتسە،  ناۋاي بىلەن سامسىپەزنىڭ ئاۋازىمۇ بىر كىشىنىڭكىدەك ئىشتىلەتتى.پەقەت  ئومۇمىي شاۋقۇن ئىچىدە راخمان ئاشىقىنىڭ ئالىجوقى سۆزلىرى روشەن  بىلىنىپ تۇراتتى.
— سايغا شۇنداق بىر سەلەپ كېلىدۇكى، ھەممەڭنىڭ سېتىۋاتقان نەرسىلىرىڭنى ئېقىتىپ كېتىدۇ. قايسىڭنىڭ كۈچى  يېتىدۇ؟ خۇدانىڭ ئىشى شۇنداق! ھەر بىر يۇرت ماڭا  تۆرتتىن ئەركەك بېرىڭلار، سۇنى ئۆزەم ياقىلاپ بېرەي، قانداق دەيسىلەر؟ ساقىلى بولسىلا ئەركەك بولمايدۇ،  ”بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، چاچ تارىغان بىلەن خوتۇن“ دەپتىكەن،... ”ئېتىڭ بەكمۇ چىرايلىق ئابدىقادىر ئەمەسمۇ؟ ... ئاي تۇتۇلماس دەپتىمىز، كۈن تۇتۇلماس دەپتىمىز، داموللامغا دە يۈزلەر قەست قىلالماس دەپتىمىز...“ جىننىڭ گېپىنى قىلسا جىن كېلىدۇ. دېگەندەك، داموللامنىڭ غەزىلىنى  ئوقۇۋاتسام مەيەردىنمۇ موللا ـ ئۆلىمالار كېلىپ قالدىغۇ؟ خوش تەخسىر،...
راخمان سۆزلەۋاتقان  تەرەپتىن راست دېگەندەك يەڭدەك يوغان سەللىلەرنى يۆگىگەن بىر  نەچچەيلەن ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن بىرمۇنچە سالىكلار ھەزرەت سۇلتان جامەسى تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى  بەستلىك، قويۇق ساقاللىق، كۆزلىرىدە قېرىلارغا خاس بولمىغان ئۆتكۈر نۇر چاقناپ تۇرغان بىرسى سالاپەت بىلەن كېلەتتى. ئۇنىڭ ئۆزىنى تۇتۇشلىرىدا، قاراشلىرىدا بىر خىل مەغرۇرلۇق، پەقەت ئارزۇلۇق چوڭ بولغان، تۇغما ھۆكۈمرانلاردىلا بولىدىغان خۇسۇسىيەتلەر ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ يېنىدا ئانچە- مۇنچە خوشامەتچىلىك قولىدىن كېلىدىغانلىقى، ئورنىنى تاپسا كاتىۋاللىقنىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالايدىغانلىقى بىلىنىپ تۇرغان يەنە بىر ھۆرمەتلىك شەخىس كېلەتتى.
نىزامىددىن ئۇلار ئۆتۈپ كەتكىچە كەپسىز بالىغا ھېزى بولغاندەك ئىنىسىنىڭ يېڭىدىن تارتىپ يولنىڭ چېتىگىرەك سۈرۈلۈپ قول باغلاپ ھۆرمەت- ئېھتىرام بىلەن تۇردى. ئۇلار ئۆتۈپ  كەتكەندىن كېيىن تەۋپىق تەخىرسىز سورىدى:
— كىملەر ئۇ؟
— كۆزى چاقناپ تۇرىدىغىنى قازى ھابۇلھاجىم، ئۇنى يەنە ”ھابۇل شەيتان“مۇ دېيىشىدۇ، بۇندىن باشقىمۇ بىرمۇنچە لەقەملىرى بارىكەن، شۇ لەقەملەر بىكار قويۇلمىغان بولسا كېرەك، «لەقەمنى خىزىر قويىدۇ» دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ. «ھابۇل خىتاي»، «ھابۇل زىناخور» دېگەندەك؛ ئۇنىڭ قېشىدىكى كەنجى قازاخۇنۇم، ئارقىسىدىكىلەر ئۇلارنىڭ ئىخلاسمەنلىرى، ئۇلار ناماز  ئەسىرنى ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىتكە ماڭدىغۇ دەيمەن، — دېدى نىزامىددىن.
— ئەركە ئۈگەنگەن ئادەملىكى مانا مەن  دەپ تۇرىدۇ.
— شۇنداقراق،  ئۇ ئاغزىدىن چىققان سۆزنى راست قىلىشقا ئۈگىنىپ قالغان، تەرسا ئادەم، — نىزامىددىن سەل جىم تۇرغاندىن كېيىن، — بولمىسا بىزمۇ ناماز ئەسىرنى ئەسسۇلتۇنۇمدا ئوقۇۋالىمايلىمۇ — دېدى.
ئۇلار قازىلارنىڭ ئارقىسىدىنلا جامەگە قاراپ ماڭدى.
نامازدا ھۆرمەتلىك قازى- ئۆلۈمالار مىھراپ تەرەپتە بولغاچقا تەۋپىق ئۇلارنى  كۆرەلمىدى. قايتىپ چىققاندىن كېيىن چاقناپ تۇرغان ھەرىكەتچان كۆزلەر بىلەن مۇرەككەپ ئىپادىلىك كۆزلەرنى يەنە بىر قېتىم ئۇچراتتى. بۇ چاغدا ھابۇلھاجىم كەنجى قازاخۇنۇمنى باشلاپ ئۆيى تەرەپكە ماڭغانىدى. مەمتىلى ئەپەندى بۇ مەغرۇر   ۋە مۇتەكەببىر كىشىلەرنىڭ پەقەت توختى زۇنۇنغا ئىلتىپات بىلەن سالام قىلغانلىقىنى كۆرۈپ تۇردى.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 02:18 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
bahtinur
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 22926
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 75
شۆھرەت: 99 نۇمۇر
پۇل: 539 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

2

كىچىككىنە ئاتۇشتا تەۋپىقنىڭ پەيدا بولىشىدەك يېڭىلىق بىردەمدىلا بۇلۇڭ- پۇشقاقلارغىچە پۇر كەتتى. كۈتۈلگىنىدەك، ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن يېڭىلىقلىرى ھەممىگە قىزىققۇچى، يېڭىلققا ئەڭ ئاسان مايىل بولىدىغان ياشلار ئارىسىدا قىزىقىش، يېقىنلىشىش تۇيغۇسى ئويغاتقان بولسا، بىرمۇنچىلاردا گۇمان، شۈبھە، ھەتتا دۈشمەنلىك پەيدا قىلىشقىمۇ ئۈلگۈردى.
ئۇنىڭ كىيىم ـ كېچىكى، چېچى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر باراتتى؛ ئۇنىڭ مۇرتەد بولۇپ كەتكەن بولۇش ئىھتىمالى ھەققىدىكى پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇش بىلەن، ئارقىدىن چالا ئاڭلىغان بىرەسىنىڭ گەپ توشۇشى ئارقىسىدا ئۇنى ئاللىقاچان مۇرتەد بولۇپ بولغانمىش دېگەن گەپكە ئايلىنىپ ئەتراپقا تارىدى. لېكىن، قانداقلا بولمىسۇن ھازىرچە ئۇ ھېچكىمنىڭ بىرەر مەنپەئەتىگە زىيان سالمىغىنى ئەمەلىيەت بولغاچقا، يامان كۆرۈش، دۈشمەنلىك تۇيغۇلىرى كونكىرىت تۈس ئالمىغان، پەقەت قىزىقىش ئۈستۈنلۈكتە ئىدى.
بازار ئەتىسى ئوڭۇرۇقتىكى مەدرىسكە ساۋاغ بەرگىلى، يېڭى تاپشۇرۇقلىرىنى ئالغىلى بارىدىغانلار كۆپ بولاتتى. بۇ كۈنى ياشلار بىلەن شۇ يەردە ئۇچراشماقچى بولغان تەۋپىق، ئاكىسىدىن مەدرىس ھەققىدە ئانچە ـ مۇنچە ئاخبارات ئىگىلەپمۇ باقتى.
— سىزنىڭچە مالتۇداجى، ئىمىنھاجىلار قانداقراق ئادەملەر؟ سوپىلاردىنمۇ؟ يا بولمىسا ھەشەمەتچىلەردىنمۇ؟ تەقۋادارلاردىنمۇ ياكى رىياكارلاردىنمۇ؟
— مېنىڭچە ئاكا- ئۇكا ئىككىسى خېلى يامان ئەمەس ئادەملەر. شە كۆرگەن، چەتكىمۇ چىققان ئادەملەر. ئابدۇقادىر داموللىنىڭ بىر نەچچە كىتىپىنى ئاشۇلار پۇل چىقىرىپ قازاندا باستۇردى. مەدرىسنىمۇ ياشلار ئىلىم ئالسۇن دەپ سالدۇرغان ـ دە.
— ئەمىسە، ئۇلارنى تەرەققىيپەرۋەرلەردىن دېيىشكە بولىدىكەن. دېمەك ئۈمىد توقسان بەش پىرسەنت، — مەمتىلى سەل تۇرۇپ بىر نېمىنى ئويلاۋاتقاندەك قىلىپ ئاندىن، — رەنجىمەيسىز، ئاكا، ئىشلىرىڭىزغا قارىشىپ بېرەلمەيۋاتىمەن، بۈگۈن بەلكىم كەچرەك كېلەرمەن دېدى.
— نېمە دەيسەنۇي؟ ئۈمىد توقسەن بەش پىرسەنت، دەيسەن، كەچ كېلىمەن دەيسەن، نەگە بارماقچىسەن؟
— بۈگۈن ئوڭۇرۇقتىكى مەدرىستە ئاتۇشنىڭ تەلەبە ياشلىرى بىلەن ئۇچراشماقچىدۇق، بىر بېرىپ، جاھاننىڭ رەپتايىنى دەڭسەپ كۆرەي، نېمە قىلىمەن، نېمىلەر قىلغىلى بولىدۇ، مۆلچەرلەپ باقاي دەيمەن، — تەۋپىق شۇنداق دەپ، چۈشكە يېقىن ئۆيدىن چىقتى.
غەرپ تەرەپتىن شەرققە  سۇزۇلغان يول مەدرىس ھويلىسىنىڭ جەنۇبى تېمى ۋە شىمالى تېمىنى ياقىلاپ يەنە شەرققە كېتەتتى. ئاشۇ يول بىلەن يانداش غەرپتىن شەرققە ئاقىدىغان ئۆستەڭ ئۇدۇل مەدرىس دەۋازىسىنىڭ شىمالى تەرىپىدىكى سۇڭگۇچتىن ئۆتۈپ قورا ئىچىگە كىرەتتى. غەرپ تەرەپكە قاراپ تۇرىدىغان دەرۋازىدىن كىرگەندە ئوڭ تەرەپتە ھەشەمەتلىك جامە قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. جامەنىڭ رىشاتكا بىلەن ئايرىپ قويۇلغان ھويلىسى مەدرىس قوراسى ئىچىدە بولۇپ جامەنىڭ دەرۋازىسى مەدرىس ھويلىسىدا — شىمالغا قاراپ تۇراتتى. سول تەرەپتە تالىپلارنىڭ ھوجرىسى بولۇپ دەرۋازا تۈۋىدىن شىمالى تامغىچە بەش ئېغىر  شىمالى تامنى بويلاپ ئوقۇتۇش بىناسىغىچە ئون ئېغىز جەمئىي ئون بەش ئېغىزلىق ھوجرا بارىدى. يول بويىدىن ئايرىلىپ كىرگەن ئۆستەڭ جامەنىڭ  شەرق تەرىپىدىكى رىشاتكىنى بويلاپ جەنۇپقا بۇرۇلۇپ مەدرىس ھويلىسىدىن چىقىپ كېتەتتى. ئۆستەڭنىڭ ھويلا ئىچىدە جەنۇپقا بۇرالغان دوقمۇشدىن تاتىپ مەدرىس مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغىچە چوڭ كۆل بارىدى. ھويلىنىڭ شەرق تەرىپىدە ئوقۇتۇش بىناسى بولۇپ بۇ بىنا ”لـــا“ شەكلىدە غەرپ تەرەپكە — مەيدانغا قاراپ تۇراتتى. ھوجرىلار بىلەن ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئارىلىقىغا يەنە بىر كىچىك دەرۋازا جايلاشتۇرۇلغانىدى ئوقۇتۇش بىناسىدا تۆرت سىنىپ (قوش دەرىزىلىك)، ئىككى ئىشخانا، بىر ئامبار، ئىككى دالان ئۆي بولۇپ بىنانىڭ ئالدى تەرىپى نەقىشلىك پىشايۋان ئىدى.
مەمتىلى ئەپەندى مەدرىسنىڭ ھەممە يېرىنى كۆزدىن كەچۈردى كۆل بويىدىكى دەرەخلەر مال- ۋاران ۋە ئۇششاق بالىلارنىڭ دەخلىسى تۈپەيلى قۇرۇپ كەتكەن دەرىزىلەرنىڭ ئەينەكلىرى چېقىۋېتىلگەنىدى.
ئۇ ئوبدان كۆرۈپ بولۇپ، كۆل بويىغا كېلىپ سۆگەت سايىسىدا ئېسىنى ئېلىپ تۇرغاندا ياشلار دەرسخانىدىن چۇۋالىشىپ چىقتى. بۇلار ئاتۇشنىڭ خەت ـ ساۋادى بار ياشلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكىلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ئۇستازى موللائېزىز داموللاممۇ چىقىۋاتاتتى. تەۋپىق ئۇلار بىلەن ئامانلىشىپ، تونۇش بولمىغانلار بىلەن ئۆزئارا تونۇشقاندىن كېيىن، داموللام قايتىشقا ئىجازەت سورىدى.
— داموللام، دەرس تۈگىمىگەن بولسا مەن مالال قىلىپ قويمىغاندىمەن؟ — دېدى تەۋپىق مۇلايىملىق بىلەن.
— يوغسۇ، بىمالال پاراڭلىشىۋېرىڭ، ئەپەندىم، دەرس تۈگىدى، دەرس دېگىدەك نېمە ئىش دەيسىز؟ شۇ، تاپشۇرۇقنى ئاڭلايمەن، يېڭىسىنى بېرىمەن شۇ، ئىش جىق، سىجىل دەرس بەرگىدەك ئەھۋالىم يوق، بالىلار ئۆزىمۇ يېڭى- يېڭى ئىلىم تەلەپ قىلىدىغان بولغان باللا بولغاچقا، مەندە بۇلارنىڭ تەلىپىگە لايىق بىر گەپ يوق، مانا شۇنداق. خوش ئەمىسە، ماڭا ئىجازەت بولسا، سىلەرگىمۇ دەخلى بولماي، ئەمىسە، — دېدى داموللام.
موللا ئېزىز داموللام كەتكەندىن كېيىن تەۋپىق سىنىپنىڭ ئىچىنى كۆرۈپ بېقىش نىيىتىنى بىلدۈردى. ئۇلار بىلەن بىللە دەرسخانىغا كىردى ۋە تەۋپىقنىڭ مىجەز- خۇلقى ئوچۇق- يورۇق بولغاچقا تۈزۈت تەكەللۇپلارغا ئورۇن قالمايدىغان بولغاچقا، تېزلا پاراڭلىرى قىزىپ كەتتى.
بۈگۈن دوستلىرىنىڭ دەۋىتى بىلەن ئابدىراھمانمۇ كەلگەنىدى. ئۇندىن باشقا تېجەندىن ئەمەت مەخسۇم، ئابدىغوپۇر قۇناجى، بىر نەۋرە ئىنىلىرى سەيپىددىن، لىۋاھىددىن، شورۇقتىن مۇھەممەت قارى، ئابلىمىت قارى، سابىتلار، سۇنتاغدىن ئىككى مۇھەممەت قارى،... كېلىشكەنىدى.
تەۋپىق بۇ سۆھبەتلەردىن نېمىنىدۇر كۆڭلىگە پۈكەتتى. ياشلار بولسا پۈتۈنلەي ئۇنىڭغا ئەسىر بولغان ئىدى. ياشلار ئۇنىڭ رەسمىيەتچىلىككە ئايلانغان قۇرۇق تەكەللۇپلارنى قىلماسلىقى، سۈنئىيلىكتىن خالى بىر خىل چىن يېقىنلىق بىلەن توغرىدىن توغرى ھەمدە دوستانە مۇئامىلىسىدىن يېنىكلىك ھىس قىلىشتى. بۇ ھال ھەممە ئادەمنىڭ قورۇنۇشلىرىنى تارقىتىۋېتىپ، نېمە بولسا شۇنى دەلەيدىغان كەيپىيات يارىتاتتى. ئۇ مۇشۇ سورۇندىلا مۇھەممەت قارى ئىسىملىك يىگىتتىن ئۈچى بارلىقىنى بىلگىنىدە ياشلارنى كۈلدۈرۈپ كۆڭۈللۈك چاخچاقلارنى قىلدى.
— بىز تېز پۇرسەتتىلا ئۈچىڭلارنى ئارىلاشتۇرىۋەتمەسلىكنىڭ ئوبدان چارىسىنى تاپىمىز، — دېدى ئۇ.
ئۇ ياشلارغا ھەم چەتئەللەردىكى تەرەققىياتلار توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسە، ھەم ياشلارنىڭ روھى دۇنياسىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ئارزۇ ـ ئارمانلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولدى.
بۇ سورۇندىن تارقىغاندىن كېيىن ياشلار ئاڭلىغان ئاجايىپ غارايىپ يېڭىلىقلار ھەققىدە ھەرقايسى يۇرتلاردا كىشىلەرگە سۆزلەپ بەرگەنلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىش ۋە ئىخلاسىنى يوشۇرالمىدى.
تەۋپىق ياشلاردىن ئايرىلىپ، مەدرىسنىڭ قۇرغۇچىلىرى بولغان موللاتۇداجى، ئېمىنھاجى ئاكا- ئۇكىلار بىلەن تونۇشۇپ قويۇش نىيىتىدە ئۇلارنى ئىزدەپ كەتتى.

3

سابىت بويتاق ھەم يەككە- يىگانە بولغاچقا، كەچقۇرۇنلىرى، دوستلىرى ۋە باشقا قوشنا- قۇلۇملار ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ تۈن يېرىمىگىچە ئولتۇرشۇپ كېتىشەتتى. سابىت كىرگەنلەرگە چۆچەك، جەڭنامىلەرنى ئوقۇپ بېرەتتى.
سابىت ئوڭۇرۇقتىن قايتىپ كېلىپ ئازراق غىزالاندى. ئاندىن قولىغا بىر پارچە كىتاب ئېلىپ تۇراتتى، مۇھەممەد قارى بىلەن ئابلىمىت قارى كېرىپ كېلىشتى. ئۇلار سابىتنى مەشۇقى ھەققىدە گەپ قىلشقا قىستاپ، چېقىشىپ بىردەم ئولتۇراتتى، سابىتنىڭ قوشنىلىرىدىن ئەبەيدۇللا ئوغلى ئابلەقنى يېتىلەپ كىرىپ كەلدى. ئابلەق سەككىز ياشلاردا بولۇپ، ئانىسى ئۆگەي بولغاچقا ھامان يىغلاپلا يۈرەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەڭتۇشلىرىمۇ ”تاز“دەپ ئارام بەرمەيتتى. بۇلتۇر سابىت بوستاندىن قايتىپ كېلىپ، بۇ ئۆيدە تۇرۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئابلەق ئۇنىڭغا ئۈگىنىپ قالغانىدى. بىچارە يېتىم ئوغۇل سابىتتىنلا ياخشى گەپ ئاڭلايتى ۋە مۇلايىملىق، ئەركىلىتىشكە ئېرىشەتتى. سابىتمۇ يالغۇزلىقىغا ئۇنى ھەمرا دەپ بىلىپ ئۇنىڭغا ئاكىلارچە غەمخورلۇق قىلاتتى. شۇڭلاشقىمۇ ئابلەق دادىسى سىرىتتكى ئوقەتلىرىدىن قايتىپ كەلسىلا ”سابىتكامنىڭ ئۆيىگە كىرەيلى“ دەپ تۇرىۋالاتتى.
ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن سابىتنىڭ كىچىك ئۈلپەتلىرىدىن ئەكبەر كىرىپ كەلدى. ئۇ ئون نەچچە ياشلاردىكى ناھايىتى شوخ بالا ئىدى. ئۇ سابىتتىن باشقا ھېچ ئادەمدىن تەپ تارتمايتتى.
ئۇلارنىڭ كىرىشى بىلەن ياشلارنىڭ چاقچىقى ئۈزۈلۈپ، بىردەم ھەممىسى بالىلار بىلەن چېقىشتى.
— جەڭنامىلەردىن بىرەر كەلىمە ئاڭلىساق بولمامتى، يىگىتلەر، — دېدى ئەبەيدۇللا.
— يەنە ئاڭلىسىڭىز يەنە شۇ، چۆچەكنىڭ گېپىنى قىلماڭا — دېدى مۇھەممەد قارى، — سابىت ئۆزىنىڭ ئاشىقلىق تارىخىنى سۆزلەپ بەرسە ياخشىراقمىكىن دەيمەن.
سابىت جاۋابەن سۇسقىنا كۈلۈمسىرەپ قويدى. بۇرنىنىڭ ئۇچىمۇ تەرلىگەندەك قىلدى، بىر قولى  يانچۇقىدا غاڭزىنى سىقىمىدا تۇتۇشتىن بوشىمايتى. بۇ چاغدا تەڭتۇش يىگىتلەردىن يەنە بىر قانچىسى كىردى. ئۇلارنىڭ كىرىشى بىلەن مۇھەممەد قارىنىڭ سابىتقا قارىتلغان چاقچىقى ئۇنتۇلۇپ، يېڭى كىرگەنلەر بىلەن بىر قانچە ئېغىزدىن ئېسەنلىك سوراش، چاقچاقلىشىش بىلەن بولۇشتى.
ئاخىردا ئۇلار دىققىتىنى بۈگۈنكى ئوڭۇرۇقتا ئاڭلاپ كەلگەن چەتئەل يېڭىلىقلىرى ئۈستىگە ئاغدۇرۇشتى. بۇ مەۋزۇدىكى پاراڭنىڭ قىزىقلىقى ئاۋۇ كۈنى ئابلىمىت قارىلار بويامەتكە بېرىپ كەلگەن ئاخشامدىمۇ بىلىنگەن ئىدى. بۈگۈن ئەمدى بۇ ھەقتىكى پاراڭلارنى ئاڭلىغانلار ئۈچ بولۇشتى، شۇنىڭ بىلەن ئەبەيدۇللا، دىھقان يىگىتلەر ۋە ئەكبەرلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغاندىن تاشقىرى ئۆزلىرىنىڭ خۇمارى ئۈچۈنمۇ ئۇلار بۇ تېمىدا پاراڭ قوزغاشتى. ئابلىمىت قارى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ نامىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىپ:
— مەمتىلى ئەپەندى قالتىس كىشىكەن جۇما، ئەگەر  پۇرسەت بولۇپلا قالسا ئاكامغا دەپ ئۇنى ئۆيگە تەكىلىپ قىلىپ، بىرەر ئاخشام پارىڭىنى ئاڭلىمىساق بولمايدۇ، — دېدى.
— ئۇ كىشى قىزىقچىمىكەن- يا؟ — دەپ سورىدى ئەبەيدۇللا. بۇ چاغدا ئابلەق ئۇنىڭ قۇچىدا مۈگدەشكە باشلىغانىدى.
— قىزىقچى دېسىمۇ بولىدىكەن، — دېدى ئابلىمىت قارى، — دانىشمەن دېسىمۇ بولىدىكەن، ئىشقىلىپ ئۇ ئادەمنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ قالغان ئادەم يىراق كېتەلمەيلا قالىدىكەن. ئۆزى شۇنداق ئوچۇق، گەپلىرى قىزىق ھەم ئورۇنلۇق.
— ئۇ چەتتە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بەردىمۇ؟
— نىمىسىنى ئېيتىسەن، يېرىم كۈن دېگۈدەك پاراڭلاشتۇق، — دېدى مۇھەممەد قارى سەل كۆرەڭلىك بىلەن، — ئۇنىڭ گېپىدىن قارىغاندا ئۇچاق   دەيدىغان بىر نېمە بولىدىكەن، ئۆزىنى تۆمۈردىن ياسىغان، ئىچىدە ئولتۇرىدىغان كوسلىرى ، بولىدىكەن، ئون- يىگىرمە ئادەمنى ئېلىپ ئۇ چالايدىكەن، بىر ئادەم ئۇنى ھەيدەپ خاھلىسا يۇقىرى، خاھلىسا تۆۋەن قىلىپ باشقۇرىدىكەن. ئىلگىرى ئەنجانغا بارغانلار دەپ كەلسە ئشەنمەپتىكەنمىز، قارىغاندا راست ئوخشايدۇ.
— يا ھەزرەت، خۇدايا توۋا دەڭلا، باللا،— دېدى ئەبەيدۇللا، — چۆچەكلەردىكى ياغاچ ئاتنى شۇنداق دەۋاتامدۇ، نېمە؟
— راست گەپ، مەن دېگەندەكلا دېدى، ئشەنمىسەڭلار مانا سابىت،  ئۇنىڭدىن باشقىمۇ مۆجىزىلەر ئاز ئەمەس ئوخشايدۇ. ئوقۇغاننىڭ خاسىيىتى شۇ، دەيدۇ.
— سىلەرمۇ ئوقۇغانلارغۇ، ئابلىمىت قارىكا،— دەپ ”ئاقساقاللىق“ قىلدى ئەكبەر.
— ئۇنچىلىك ئوقۇش نېمىگە كېرەك كېلىدۇ؟ «سوپى ئاللا يار» نى ئون يىل يادلىساڭمۇ ئۇچاق پۈتمەيدۇ، دېگىنە.
— ئەمىسە ئۇلار نىمىنى ئوقۇيدۇ؟ ئۇ ئادەم ناسارالارنىڭ ئوقۇشىنى دەمدىغاندۇ يا؟
—”ئىنجىل“ نى ئوقۇسا كېرەك.
— يا بولمىسا ”تەۋرات“ نى ئوقۇيدىغان گەپمىكىن؟
— ھەي، سىلەر ھەر نېمە دەۋېرىسىلەر- دە، ئۇنىڭ دېيىشىچە پەن ئوقۇش كېرەككەن، پەن!
— پەن؟! — سابىت ئۆندەرىگەندەك بىر ئېغىز غۇدۇڭشۇپ قويدى.
— پەن؟ بىزنى كىم پەن ئوقۇتىدۇ؟ ئۇچاق ياساشنى كىم ئۈگىتىدۇ؟
— مەمتىلى ئەپەندى بىلەمدىكەن ـ يا؟
— ئۇ ئادەم بىلمەيدىغان نېمە يوقتەك، ئۈگىنىپ كەلسىمۇ كەلگەندۇ. ئۇ بەك ئەقىللىق ئادەمدەك قىلىدۇ.
ئۇلار داۋام قىلدى. ئەبەيدۇللا قاتارلىق قوشنىلارنىڭ سوئالى بەك كۆپىيىپ كەتكەچكە، ئاۋۇ ئىككەيلەن  ئاڭلىغانلىرىنى بىر باشتىن سۆزلەپ بېرىشكە باشلدى. مۇھەممەد قارى سوئال بىلەن  ئايدىڭلاشتۇرۇپ تۇردى. سابىت بولسا جىم- جىت ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ خيالى ئۇچاق ياسايدىغان پەننى ئۈگىنىۋېلىش بىلەن قاناتلىنىپ كەتكەنىدى.
— مەن دادامغا دەپ ئۇچاق ياسايدىغان ئۇستىغا شاگىرت بولىمەن. ئاندىن ئۆگزە بويى ئۇچۇپ، ئۆگزىلەرگە يېيىپ قويغان گۈلە- قاق، جىگدىلەرنى سېرىپ سۈرۈپۈرۈپ ماڭىمەن،— دېدى كەپسىز ئەكبەر. ئۇ چوڭلار ئالدىدا بىر كىشىلىك گەپ يورغىلىتىپ تۇراتتى. مۇھەممەد قارى ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە سۆھبەداشلارنىمۇ ئورتاق قىلىش ئۈچۈن، مۆجىزىلەر ھەققىدىكى ھىكايىنى داۋام قىلاتتى:
— بىر ئۆيدەك، بىر ئۆيدىنمۇ چوڭراق تۆمۈرچاقلىق ھارۋىلار بولىدىكەن، بۇنداق ھارۋىلاردىن ئوتتۇز- قىرىقنى بىر- بىرىگە چېتىۋېلىپ سۆرەپ ماڭىدىغان يەنە بىر نېمە بارىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ شورۇق— ئۈچ يۇرتنىڭ پۈتۈن ئۆيۋاقىسىنى ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ يۈكلەپ ماڭغىلى بولىدىكەن.
— توۋا قىلدىم! نىمىنىڭ كۈچى يېتىدۇ ئۇنىڭغا؟ بۇ بىر چۆچەك ئوخشايدۇ.
— سۇ قاينىغان چاغدا چىققان ھونىڭ كۈچى بىلەن ماڭىدىكەن...
بۇ گەپكە ھېچكىم ئىشەنمىدى. ئەمما ھەيرانلىقىدىن داڭقېتىپ قېلىشتى، ئۇلار بۇرۇنمۇ سودىگەرلەردىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان گەپلەرنى ئاڭلايتى، ئەمما ئۇ چاغلاردا بۇنى پەقەت بىر قىزىقچىلىق ئۈچۈن ئېيتىلغان گەپ بولسا كېرەك دەپ ئۆتكۈزىۋېتەتتى. ئەمدىلىكتە بۇنداق گەپلەر كۆپەيگىلى تۇردى، يەنە كېلىپ بەزىلىرى راست چىقىۋاتاتتى. مەسىلەن ئۇلار ”كوڭكا“  ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىدا ئەنە شۇنداق ئىشەنمىگەن، كېيىن بىر قېتىم ماشىنىنى كۆرۈشكەنىدى.
— ئاسمانغا  تاقاشقىلى ئاز قالىدىغان ئۆيلەر بولدىكەن. ئۇنىڭ ئۆگزىسىگە قارىماقچى بولساڭ دوپپاڭ چۈشۈپ كېتىدىكەن.
— نېمە دەيدىغاندۇ، بۇ؟ ئۇنداق ئېگىز ئۆگزىگە شاخ- پاخ، ئوتۇن- ياغاچ قويماقچى بولسا قانداق تاتىپ چىقىرىدۇ؟
— بىزمۇ شۇنى سورىدۇق، شەھەرلەردە ئۆگزىگە شاخ باسىدىغان ئىش يوق ـ تە. ئوتۇنمۇ كەتمەيدىكەن، ئۆيلەرنى سۇ بىلەن ئىستىدىكەن، ھېلقىدەك سۇنىڭ ھورى بىلەن.
— ھە، سۆزلە، سۆزلەۋەر، بەرىبىر بىز ئىشەنمەيمىز.
— شەھەرنىڭ يوللىرى تۈز ھەم سىلىق، ئەينەكتەك پارقىراپ تۇرىدىكەن، چاڭ- توزىمايدىكەن...
―  پىتكىسىنى ئۆزەڭ قوشۇپ دەۋاتامسەن، ئاڭلىغانلىرىڭنىڭ ئەينى ئۆزى شۇمۇ؟
― شۇنى دەيمەن، بىر يۇرتنى پۈتۈن ئۈستىگە يۈكلەپ ماڭىدىغان نەرسىنىڭ  بارلىقىغا ئىشەنگىلى بولامدۇ.
— بىزمۇ دەسلەپ ئىشەنمىگەن، قانداقلا قىلدى، بىر نىمىلەر  قىلىپ  بىزنى كۆرگەندىنمۇ بەك ئىشەندۈرىۋەتتى، — دېدى ئابلىمىت قارى جىددىيلىك بىلەن.
مۇھەممەد قارى يەنىلا ئىشەنمىگەندەك باش چايقاپ قويدى. بىراق،  بىر نېمە دېمىدى. سابىت ھەممىنىڭ ئاغزىغا قاراپ جىم ئولتۇراتتى. ئەكبەر ئۆزىنىڭ  بالىلارچە ئويىغا كەلگىنىنى دەپ قاتاردىن قالمايتتى.
— مەن ھېلىقى ئېگىز ئۆيلەرگە ھەيرانمەن،— دېدى ئەبەيدۇللا،— ئۆينى  ئۇنداق ئېگىز سېلىپ نېمە قىلىدۇ؟
— شەھەرلەردە ئادەم كۆپ، يەر قىس بولغاچقا ئۆينىڭ تۆپىسىگە ئۆي سېلىپ ئاشۇنداق ئاسمانغا ئاچىقىپ كېتىدىكەن، مۇشۇ بىز خەقنىڭ بالىخانىسىغا ئوخشاش بىر گەپ- تە. قەشقەردىمۇ بەزىلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدە ئۆيى بولىدىغۇ، شۇنداق.
—ئۆنىڭ تۆپىسىگە بىر ئۆيمۇ سالسۇن،  ئۇنىڭ ئۆگزىسىگە يەنە بىرنىمۇ سالسۇن، سېلىۋەرسە چىقماقتا گەپ بار ـ دە!
— ئۇنىڭغا چىقىپ- چىقماي شوتا قويۇپ چىقامتى، ئۆنىڭ ئىچىدە پەللەمپەي بولىدىكەن.
— ئۇنداق ئىگىزگە ھەركۈنى چىقىپ چۈشمەك ئاسان گەپما؟ قوياڭلا شۇ گەپنى، يا راستۇ، يا يالغان! بىر ئۆي دېگەندە قۇشتەك قونداققا چىقىۋېلىپ ئولتۇرىۋەرسە قوساق ئاچمايدىغان گەپما؟ سۇ ئەكىرمەمدا؟ ئۇلاغلارغا ھەلەپ- پەلەپ ئەتكىلى چۈشمەمدا؟...
— بىزنى بۇلارنى سورىمىدى دەمسەن؟ ئۇلارنىڭ باقىدىغان ئۇلاغلىرى بولمايدىكەن، سۇنى كۆلدىن يا قۇدۇقتىن ئۇسۇپ چىقىدىغان ئىش يوق دەيدۇ، ئۆينىڭ ئاشخانىسىدا سۇ چۈشىدىغان جۈمەك بولىدىكەن، خۇددى ساماۋەرنىڭكىدەك، بۇراپ قويسىلا چۈشىدىكەن...
— ئۇنىڭ ئىچىدە تۈگىمەيدىغان قانداق سۇ باركەن؟ كۆل بارمىكەن يا؟ كۆل بولسىمۇ تۈگەيدۇ، سۇ ياقىلاپ كېلىپ سۇ سالماق كېرەك.
ئابلىمىت قارى ئوسال بولغاندەك جاۋاپ بېرەلمەي دۇدۇقلاپ قالدى. ئۆزىنىڭ قانداقسىگە مۇشۇنداق گەپلەرگە شۇنچە ئاسان ئىشىنىپ قالغىنىغا ھەيران قالدى. ئەمما سۆھبەتداشلىرى ئۇنىڭ ياقىسىنى قويىۋېتىدىغاندەك ئەمەسىدى.
— تاھارەتكە چىقسا قانداق قىلىدۇ؟ يا بولمىسا شەلىكتەك ئۆگزىسىگە چىچامدىكەن؟ — دېدى ئەبەيدۇللا.
— خالاسى ئۆينىڭ ئىچىدە بولىدىكەن، سۇ بىلەن ئېقىپ كېتىۋېرىدىكەن... — دەپ ئۈن قاتتى مۇھەممەد قارى.
— ئوھ! بۇنىسى شەلىكتىنمۇ ئۆتەراقكەنغۇ!؟
— پەسكە چۈشمەكچى بولسا پەللەمپەي بىلەنلا چۈشمەيدىكەن، يەنە ئاسانسۆر  دەيدىغان بىرنېمە بولىمىش، ئۇ بىرنەچچە ئادەمنى بىر ئېلىپ، چىقىدىغان يېرىگىچە ئاچىقىپ قويىدىكەن، كۆزىنى يۇمۇپ ئاچقىچە ھاۋايى مۇئەللەققە ئاچىقىپ قويىدىكەن...
— خۇدايا توۋا، بۇمۇ بىر مۆجىزە بولدى، ئەگەر راست بولسا.
— ئەسەنسەر دېگىنىڭ قانداق نىمىكەن؟ ئۇنى ئادەم تاتىپ چىقىرامدۇ، ئۇلاغمۇ؟
— توك دەمدۇ، تاك دېدىمۇ بىر نېمە بىلەن ماڭىدىغان ئوخشايدۇ.
— توك؟ غەلىتە بىرنىمىكەن، ئەنجانغا بارغانلارمۇ كۆرۈپ كەپتىكەنغۇ، ئۇنىڭدا ھەم چىراق ياققىلى بولىدىكەن، ئادەم قىلالمايدىغان ئېغىر ئىشلارنى قىلالايدىكەن،... شۇغىنىسى ئادەم تۇتسا ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن.
— راست، مەن سودىگەرلەردىن ئاڭلىغان، قارىغاندا بۇ راست گەپ ئىكەن ـ دە!
— سابىت، سەن ئىشىنىۋاتامسەن، قانداق؟ نىمىشقا ئۇنچىقمايسەن؟
— ھە... مەنما؟ ئىشقىلىپ مەن ئاشۇ ئەپەندى دېگەن ئوقۇشقا قىزىقىپ قالدىم... خۇدايىم نىسىپ قىلسا ئوقۇسام دەيمەن... — سابىت توختاپ قالدى.
— مەنمۇ ئوقۇيتتىم، — دېدى ئەكبەر، — سابىتكام بىلەن بىللە ئوقۇيتتىم ـ دە.
ئەمدى ئۇلار سابىتنىڭ گېپىنى چۆرىدىگەن ھالدا ”شۇنداق ئوقۇش بولۇپ قالسا ئوقۇش كېرەكمۇ قانداق؟“ بۇنداق ئوقۇش مۇسۇلمانلارغا دۇرۇس بولامدۇ- يوق؟ موللىلار رۇخسەت قىلامدۇ، ... دېگەندەك تالاش ـ تارتىشلارنى قىلىشتى.


توققۇزىنچى باب
1

ھ
ايت- ھۇيت دېگۈچىلا ماي ئېيمۇ كىرىپ قالدى. كەچقۇرۇننىڭ  مەين شامىلى بۇغدايلىقتىن ئۆزىگە خاس پۇراقلارنى ئېلىپ كېلەتتى. كۈندۈزلىرى بولسا ئىسسىقنىڭ تەپتىدىن ئاق يەرلەر ئۈستىدە ئالۋۇن ۋىلىلداپ كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
بۇ مەزگىل ئىچىدە مەمتىلى ئەپەندى ئاكىسىنىڭ توسقىنىغا قارىماي ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرىغا قارىشىپ ئۆتكۈزدى. تاشمەت بىلەن ئىگەمبەردىگە قىزىق پاراڭلارنى سېلىپ بەرگەچ بوياقچىلىقنىمۇ قىلدى. ساچتراچلىق ھۈنىرىنى كۆرسىتىپ ئۆيدىكى بالىلارنىڭ ۋە نىمكارلارنىڭ چاچلىرىنى ئېلىپمۇ قويدى. بىراق ئۇ ئاخىرىقى ھېسابتا ئۆزىنىڭ زېرىكىۋاتقانلىقىنى  ھېس قىلدى. ھەر خىل ئۇششاق- چۈششەك، پارچە- پۇرات ئىش بىلەن ئۆمۈرنى زايا قىلىش ئۇنىڭ يۈرىكىنى يىمەكتىدى. بۇنداق ياشاپ بولمايتى. بىرەر ھەقىقىي ئىش بىلەن شۇغۇللانماي بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى، ئۇنىڭسىز ھاياتتا نە لەززەت، نە مەنا بولمايتى.
بىراق، قايسى ”ھەقىقى ئىش“ بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك؟ نىزامىددىن تىۋىپچىلىك قىلىش، مۇزدۇزچىلىق قىلىش، ئاشخانا ئېچىش قاتارلىقلارغا بىرمۇ- بىر سايە قىلىپ چىقتى. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچبىرى ئۇنى قىزىتۇرمىدى. ئەجىبا ، ئۇ مۇشۇنداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ پەقەت ئۆز جېنىنى جان ئېتىش ئۈچۈنلا  ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن بولسا ـ ھە؟  ئۇ قاينام- تاشقىن ۋەزىيەت ئىچىدە ئالدىراپ ياشاشنى خالايتتى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا بىر خىل قىزىق ھەم تىنىمىسىز قان مەۋج ئۇراتتى. لېكىن ئۇ ئوتتەك قىزىق يىللاردا كېلەلمەي قاپتۇ. ئەمدى نېمە قىلىشى كېرەك؟  يەنە بىر قاراشتا  بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىش خەتەرلىكتەكمۇ قىلاتتى. نىمىلىكى بولمىسۇن بۇنى قەشقەردىكى دوستلار بىلەن مەسلىھەتلىشمەي بولمايدۇ. يۈسۈپ زىيا مەكتەپ ئېچىپ ياخشى قىپتۇ، جاھالەتكە ئوت ئاچماقتىنمۇ مەنىلىك ئىش بولامدۇ؟ بولمىسا يۈسۈپنىڭ يېنىدا ئىشلىسىمۇ بولارمىدىكىن؟  ئاخىرى ئۇ نىزامىددىنغا بۇ خىيالنى ئېيتتى.
— نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى قەشقەردىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ كەلسەممىكىن، ئاكا.
— شۇنداق قىل، لېكىن بىزنىڭ ئۈمىدىمىز، قېشىمىزدىن ئاجرىمايدىغان قارارغا كەلگىن.
— ھېچ بولمىسا ھازىرچە ئىچ پۇشقۇمنى چىقارغۇدەك بىر نېمە تېپىپ كەلمەمدىمەن.
— بولىدۇ، بېرىپ كەلگىن.
مەمتىلى ئەپەندى ئەتىسى سەھەردىلا يولغا چىقتى.
ئۇ ئۇدۇللا نوۋېشى مەكتەپكە باردى. مەجىددىن ئەپەندى مۇشۇ يەردە ئىكەن، يۈسۈپ ئەپەندى ئەخمەت ئەپەندىگە بالا ئەۋەتتى. توختاجى قەشقەردە بولمىغاچقا مەمتىلى ئەپەندى قىزىل دۆۋىگە چىقماسلىق نىيىتىگە  كەلدى. باشقا دوستلار مۇشۇ يەردە  جەم بولۇشتى.
— بەك ئۇزاق يوقاپ كەتتىلىغۇ، ئەپەندىم؟ — يۈسۈپ ئەپەندى تەۋپىقتىن ئاغرىنغان ھالدا سورىدى،— بىزنى ئۇنتۇپلا كەتتىلىغۇ؟
— كونا دوستلارنى قانداقمۇ شۇنچە تېز ئۇنتۇپ قالاي؟ ئۇنۇتمىدىم، سىز دېگەندەك بەك ئۇزۇن ۋاقت  ئۆتۈپ كەتكىنىمۇ يوق. خوش، دوستۇم، نېمە قىلىۋاتىسىز؟ — سورىدى ئۇ ئەخمەد ئەپەندىدىن.
— بىكارلا يۈردۈم.
— مۇشۇنداق بىكارلا يۈرمىسەك بولاتتى...
— بىر ئىش  قىلساق بولاتتى...
— بىر ئىش؟ — دېدى مەجىددىن ئەپەندى ئېتىراز بىلدۈرۈپ، — ئەمدى بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتقۇدەك پۇرسەت قالمىدى، ئەڭ ياخشىسى ”بىر ئىش“نى كەلگەن يېرىڭلارغا بېرىپ قىلساڭلارمىكىن؟! — بۇ گەپ ھەممەيلەننى ئويلاندۇرۇپ قويدى.
— نىمىلەرنى  دەۋاتىسىز، دوختۇر، چاخچاق قىلىۋاتامسىز؟ ”ئۆزى كەلگەن يار- يار، ئۆزى كەتكەن يار- يار“ دېگەندەك ئۆزىمىزچە كەلدۇق، ئەمدى كېتىشىمىز تېخىمۇ تېز بولسۇنمۇ؟— مەمتىلى ئەپەندى  رەسمىي ئاھاڭدا سورىدى.
— نېمە قىلاي دەيسىز؟
— بىز ئاقارتقۇچىلارمىز، يەنە نېمە قىلاتتۇق؟ شۇتاپ خەلقىمىزگە ئەڭ زۆرۈرىمۇ شۇ.
— لېكىن، ئەپەندى، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى توغرا مۆلچەرلىمەكمۇ زۆرۈر، — دېدى مەجىددىن ئەپەندى.
ئەخمەد ئەپەندى گويا سىلەر قانداق قارار چىقارساڭلار مەن شۇ دەۋاتقاندەك بېشىنى يەرگە سېلىپ جىملا ئولتۇراتتى. يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ تاشقى ئىپادىلىرىدىن مەجىددىن ئەپەندى بىلەن بىر پىكىردە ياكى مەمتىلى ئەپەندى تەرىپىدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولمايتتى.
— ھېچ بولمىسا بىر نەچچە زامان تېنچ بولىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. چۈنكى شىڭ شىسەي تېخى ئەمدىلا پۇت تېرەپ تۇردى. قوزغىلاڭچى قوشۇنلا تېخى مەۋجۇت، — دېدى  تەۋپىق مۇلازھىزە يۈرگۈزۈپ،— خوجانىيازھاجى مۇئاۋىن رەئىسلىككە تەكلىپ قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا يېڭى ھۆكۈمراننىڭ قانداق سىياسەت يۈرگۈزىشىنى مۆلچەرلەش مۇمكىن. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن  خەلقچىللىق تونىنى كىيىدۇ، ھەمدە مۇشۇ تونغا لايىق تۇرۇشى چوقۇم.
— ئەمما ئاخىرىدىچۇ؟ — سورىدى مەجىددىن ئەپەندى.
— ئاخىرىدا؟ — دېدى تەۋپىق ياندۇرۇپ، — بەلكىم ھېچنىمە بولماس، ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى ئۆز  رولىنى كۆرسەتسە، شىڭشىسەي بىزنىڭ سىياسىيغا ئارىلاشمايدىغان ئاقارتقۇچىلار ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنىپ قالسا...
— ئىشىنىپ قالسا! — دېدى مەجىددىن ئەپەندى قولىدىكى ھاسىنى يىپ ئەشكەندەك قىلىپ بىرنەچچە پىرقىرىتىپ، — بۇ ئۇلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدمۇ؟ چوپان بۆرىگە  ئۈمىد باغلىغاندەك سەمىمىي ئۈمىدمۇ؟ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ياخشى كۆرۈنمەك ئۈچۈن چوقۇم سوۋېت سىياسىتىگە ئۇيغۇن سىياسەت يۈرگۈزىشى كېرەك، بۇنىڭ ئاقارتىش ئىشلىرىدىكى ئىجابىيلىقىنىلا كۆرۈپ، سىياسىي جەھەتتىكى تازىلاشلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتسەك بەڭۋاشلىق بولارمىكىن دەيمەن.
— ھازىر  بىزنىڭ بۇ تەقلىتتىكى مۇھاكىمىمىز سەل ۋىجدان چېكىدىن چىقىپ كېتىۋاتامدۇ، قانداق؟ — دەپ سۆز قىستۇردى يۈسۈپ زىيا.
— بۆرى توق بولسا بەلكىم يېمەس، دەپ ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ كىشى،— دەپ باش چايقىدى مەجىددىن ئەپەندى.
— شۇنداق، بۆرى دېگەن يىرتقۇچ، ئۇ قوساق تويدۇرۇش ئۈچۈنلا يىرتقۇچ بولغان ئەمەس، — دەپ داۋام قىلدى تەۋپىق، — ئۇ توق بولسىمۇ جان ئېلىپ كېتىۋېرىدۇ.  بۇ ئۇنىڭ مەنتىقىسى.
—  ئەنە خالاس! — دېدى  دوختۇر، — يەنە نىمە ”ئىشىنىپ قالسا“ دەيسىز ئەمسە؟
— ئەپەندىلەر، بىز جان قايغۇسىغا چۈشۈپ قالغاندەكمۇ قانداق؟ — يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى  يۈسۈپ ئەپەندى.
— بىراق قاراملىق قىلىشمۇ بولمايدۇ ـ دە، نەدىلا بولسا ئىنسانىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغىلى بولىدۇ. خالىساڭلار تۈركىيىگە قايتىپ كېتەيلى. بولمىسا ئافرىقىدىكى ئىپتىدائى دۆلەتلەرگە بېرىپ ”پىدائى“ بولايلى.
— ھا ھا... — مەمتىلى ئەپەندى جاراڭلىق ئاۋازدا خاتىرجەملىك بىلەن كۈلدى. ئارقىدىن چاخچاق ئارىلاش،— سىز نېمىدىن شۇنچىلا ھۈركۈپ  كەتتىڭىز؟ ھارۋىنى ئېلىپ قاچماقچىمۇ؟ بىرىنچىدىن ئۆز ئېلىمىز ياردەمگە مۇھتاج تۇرغاندا باشقا ئەلگە ”پىدائى“ بولۇپ بېرىشىمىز كۈلكىلىك ئىش بولار، قارىغاندا بىزنىڭ يۇرتىمىز ئافرىقىدىن ئېشىپ چۈشكىدەك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى تونۇدۇق؛ ئىككىنچىدىن ياخشى ئىش قىلىمىزلا دەيدىكەنمىز، ھەممە يەردە قارشىلىققا ئۇچرايمىز، ئىپتىدائى ئورماننىڭ بۆرىسى ئادەم يىمەيدۇ دەمسىز — دېدى.
— شۇنى سەمىڭىزگە سېلىپ قويايكى، بىزنى پايلاپ يۈرىۋاتقانلار بار. مەن بۇ ”قۇيرۇق“ لارنى بىر  نەچچە قېتىم سېزىپ قالدىم...
— ”قۇيرۇق“ لارنىڭ ۋەزىپىسى شۇنداق، پايلاش بەدىلىگە مائاش ئالىدۇ؟ ئىتقا ئىگىسى نېمە ئۈچۈن سۆڭەك بېرىدۇ؟  ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق مەجبۇرىيەتلىرى  بار- دە. بىراق، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز قېچىش ئەمەس،— تەۋپىق دوستلىرىغا پاسسىپ تەسىر بەرمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىنى خاتىرجەم تۇتۇپ شۇنداق دېدى، — ھەقانداق ھاكىمىيەتنىڭ ئەنە شۇنداق بىر تالاي ”ئالاھىدە خىزمەتچىلىرى“ بولىدۇ. ئەپەندىلەر، شۇنى ئۇنۇتماڭلاركى، ياز كۈنى چىۋىندىن خالى بولغىلى بولمايدۇ. چىۋىنلەرنىڭ قونۇش ئىھتىمالىدىنلا كۆڭلىگە شەك كەلتۈرگەن كىشى ئاچ قالىدۇ،  ئەلۋەتتە.  بۇ خۇددى ”قۇچقاچتىن قورقۇپ ئىكىن ئەكمىگەندەك“ بىر ئىش بولىدۇ.
مەمتىلى ئەپەندىنىڭ خاتىرجەم سۆزلىرى بىلەن تالاش- تارتىش ۋاقىتلىق توختىغان بولسىمۇ لېكىن كۆڭۈللەر قېتىغا يوشۇرۇنغان ۋەھىمە تارقاپ كەتمىگەنىدى. ئىنساننىڭ ياشاش ئىستىكى، ئۆزىنى مۇھاپىزەت قىلىش تەبئىي تۇيغۇسى خەتەر  ئالدىدا دەككە- دۈككە پەيدا قىلاتتى. ئارىدا  پەيدا بولغان ئوڭايسىز ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مەجىددىن ئەپەندى تېمىنى يۆتكىدى؛
— ئەپەندىم، بىزگە قاچانغىچە مېھمان بولىسىز؟
— ئەتە كېتىمەن، — جاۋاب بەردى مەمتىلى ئەپەندى سالماقلىق بىلەن، — ئىچىم پۇشۇپ، سىلەر بىلەن دىدارلىشىپ چىقاي دەپلا كەلگەنىدىم. ئەتە چۈشكىچە بازار ئارىلىسام، چۈشتىن كېيىن كېتىمەن. بازاردا قىلىدىغان سودىلىقىممۇ كۆپ ئەمەس، كىتاب- پىتاپ ئالىمەن.  ئاندىن ياخشى ئۇستىغا باشلاپ  بارساڭلار بىر تەمبۇر سېتىۋالمىسام بولمىدى.
— ھە، راست ئەپەندىم، — دېدى مەجىددىن مۇھىم بىر ئىشنى يادىغا  ئالغاندەك، — سىزنى بىر خوشال قىلاي دەپ شىۋىد دوختۇرخانىسىدىن ھېلىقى پىئانىنونى  سۆزلىشىپ ئېلىپ قويدۇم، قانداق، خوشال بولغانسىز؟
— شۇنداقمۇ؟  خوشال بولمامدىغان، بەكمۇ پەيزى ئىش بوپتۇ. مەن يەنە شۇ يەردىن ئازراق دورا سېتىۋالماقچىدىم. پىئانىنونى شۇ چاغدا كۆرۈپ ئېلىپ كېتەرمەن.
— ئۇنداق بولغاندىكىن بۈگۈن ماڭا قوناق بولارسىز؟
— رەخمەت، بوۋا،— (مەمتىلى تازا ئامراقلىقى تۇتقاندا مەجىددىن ئەپەندىگە شۇنداق خىتاپ قىلاتتى) — يۈسۈپ زىياغا قوناق بولىمەن. مۇھىمى ئۇنىڭ بىلەن دېيىشىدىغان گەپلەر بار. يەنە بىر قېتىمدا سىزنى ئاۋارە قىلىمەن. ئەلۋەتتە.
تەۋپىق كەچتە يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ ئۆيگە — قوناق بازىرىغا  كەتتى. كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئىككىسى بىردەم كوچا ئايلىنىپ يۈرۈشتى. ئەنە شۇ چاغدا تەۋپىق  يۈسۈپ ئەپەندى بىلەن ۋەتەندە قېلىپ خىزمەت قىلىش ياكى چەتكە چىقىپ كېتىش مەسىلىسى ھەققىدە ئېنىق پىكىرلىشىۋېلىشقا پۇرسەت تاپتى.
— سىز قانداق ئويلايسىز، دوستۇم؟  — دەپ سورىدى ئۇ.
يۈسۈپ زىيا ئاسمان گۈمبىزىنىڭ ئالدى تەرەپتكى قارىيىپ كۆرىنىۋاتقان ئۆگزىلەر ئۈستىگە ئىگىلىپ چۈشكەن يايىدىكى پىلىلداپ كۆرۈنۈشكە باشلىغان يۇلتۇزلارغا بىر ھازا قاراپ جىم- جىت ماڭدى. ئاخىر ئۇ ئۆز كۆز قارىشىنى قويۇشتىن كۆرە، مەمتىلىنىڭ كۆز قارىشىنى بىلىپ بېقىشنى توغرىراق ھساپلاپ، قايتۇرۇپ سورىدى:
— سىلىچۇ؟ سىلى قانداق  ئويلاۋاتىلا؟ سىلىنىڭ  ئويلىرىنى بىلىپ باققىم بار.
— مېنىڭ پىكىرىمنى سورىسىڭىز، مەن نېمە دەيتتىم. يولىمىزدىن قايتمىساق ياخشىراق بولىدۇ، — دېدى ئەزەلدىن ئۆز قارىشىنى يوشۇرمايدىغان تەۋپىق،— ئاڭلىغانمىدىڭىزكىن، بۆرى قوي پادىسىغا تېگىشتىن بۇرۇن پادىنى ئايلىنىپ ھوۋلايدىكەن، ئەگەر قويلار غۇژمەك بولىۋېلىپ تۇرىۋەرسە بۆرى ئۇلارغا چېقىلالماي پادىنى ئايلىنىۋېرىدىكەن. مۇشۇنداق ۋەھىمە سالىدىكەن. بىراق، قوي دېگەن  ساددا مەخلۇق بولغاچقا توپىنىڭ سىرتىدىكىلەر ئىچىگە كىرىۋېلىشقا ئۇرۇنىدىكەن، لېكىن  بەرىبىر بىر مۇنچىلارغا سىرتتا تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ ـ دە؟  بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز جېنىنىڭلا قايغۇسىدا بولغاچقا ھەممىسى ئۆز جېنىنى قوغداش ھەلەكچىلىكىدە پادىنىڭ مەركىزىگە قسىتىلىپ، شۇنىڭ بىلەن تەرتىپ بۇزىلىدىكەن. شۇ چاغدا بىر- ئىككىسى ئۆزىنى باشقىلارغا قارىغاندا داناراق ھېسابلاپ،  قېچىپ قۇتۇلۇش ئەڭ ياخشى چارە دەپ ئويلايدىكەن- دە،  سىرتقا — ئوچۇقچىلىققا قاراپ  قاچىدىكەن. بۇ بولسا  پۈتۈن  پادىدا ”سايىسىدىن  ھۈركۈش“ دېگەندەك ۋەھىمە پەيدا قىلىپ، ھەممىسى ھەر تەرەپكە پىتراپ كېتىدىكەن. مانا بۇ بۆرى ئۈچۈن  ئەڭ ياخشى پۇرسەت ئىكەن،— مەمتىلى ئەپەندىنىڭ تەلەپپۇزىدىن جىددىي كۈلۈمسىرەۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى، — شۇنداق دوستۇم بىز ئاشۇ بىرلىكنى بۇزىدىغان بىرىنچى قوي بولمايلى. ئەگەر بىرىمىزلا مۇشۇ بۇزۇلۇشقا  رازى بولىدىغان بولساق ”پىتراپ كېتىش“ يۈز بېرىدۇ...
— خاتىرجەم بولسىلا، مەن ھامان  سىلىنىڭ پىكىرلىرىنى قوللايمەن... گەرچە ئەھۋال ھەقىقەتەن خەتەرلىك بولسىمۇ...
— بۇنىسى چۈشىنىشلىك، ھەممىمىزگە  ئېغىر، چۈنكى بۇ ھايات مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ... لېكىن، ھەممە ئادەم ئۆز جېنىنىڭلا غېمىدە بولۇپ كەتسە بۇ بەخىتسىز مىللەتنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا كىم باش قاتۇرىدۇ؟
مەمتىلى ئەپەندى يۈسۈپ زىيانىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەندىن  كېيىن سەل خاتىرجەم بولدى. لېكىن، كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر بىر يېرىدە بىر ئارامسىزلىق يەنىلا تىركىشىپ تۇراتتى.
— ئۇنداقتا قىلىدىغان ئىش توغرىسىدا نېمە قارارغا كېلىۋاتىلا؟ مەن بىلەن بىللە نوۋېشىدا ئىشلىسىلە، سىلى شوتا بولسىلا مەن يانداق بولاي، قانداق دەيلا؟
— رەھمەت، مەن بۇنىمۇ ئويلىمىدىم ئەمەس، موھىمى، ھەممىمىز كەتمەيدىغان قارارغا كېلىۋالساق بولغىنى، باشقىسى ئۆز ئۆزىدىن ھەل بولۇپ كېتىدۇ. قىلىدىغان ئىش توغرىسىدا كۆڭلۈمگە يەنە باشقا پىكىرلەرمۇ كېچىۋاتىدۇ، مەن بىر قارارغا كېلىۋالاي، دوستۇم.
— ئۆزلىرى بىلسىلە، ھەممىمىز بىر يەردە بولساققۇ بەك بەلەن ئىش بولاتتى.
ئۇ ئەتىسى يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ ھەمراھلىقىدا بازار ئارىلىدى. ئاۋۋال ھېيتگاھ جامەسى ئالدىغا كېلىپ، تۈنۈگۈن كۆڭلىگە پۈكۈپ قويغان كىتابلارنى سېتىۋېلىشقا ئالدىرىدى. ئۇ ناۋاينىڭ ”چاھار دىۋان“ نى ”دىۋان مەشرەپ“ نى ۋە يەنە كىلاسىكلارنىڭ باشقا بىر نەچچە ئەسىرىنى سېتىۋالدى. ئۇندىن باشقا ئابدىقاردىر داموللامنىڭ قازاندا نەشىر قىلىنغان ”سەرپ نەھۋى“ ، ”نەسىھەتۇل ئەتپال“ قاتارلىق كىتابلىرىنى سېتىۋالدى.  بۇ كىتابلارنى ئوڭئېرىق بايلىرىدىن موللا تۇداجى، ئىمنھاجىلار پۇل چىقىرىپ نەشىر قىلدۇرغانلىقىنى ئاكىسىدىن ئاڭلىغان ۋە ئاۋۇ كۈنى ئۇ ئۇلار بىلەن تونۇشقىلى بارغاندا ئۇلارنىڭ ئاغزىدىنمۇ ئاڭلىغانىدى.
ئاندىن بۇلتۇر قەشقەردە نەشىر قىلىنغان «ئەركىن ھايات» گېزىتىنى كۆرۈپ  قېلىپ، ئۇنىمۇ سېتىۋالدى ۋە بۇ گېزىتنىڭ قۇتلۇقھاجىم شەۋقى مۇھەررىرلىكىدە چىققانلىقىغا دېققەت قىلدى ـ دە، يۈسۈپ ئەپەندىگە قاراپ:
— ھازىرچە مۇشۇلار يېتىدۇ،— دېدى ۋە جىددى تۈردە، — گېزىت قەشقەرنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىدا مۆلچەرلىگۈسىز بۈيۈك ئىش، ئۇ بىر ئىنقىلاپ! بۇنداق بىر ئىشنىڭ بولىشى ئادەمنى بەكمۇ خۇرسەن قىلىدۇ. سىز قۇتلۇقھاجىم  شەۋقى بىلەن تونۇشمامسىز؟ — دەپ سورىدى قولىدىكى گېزىتنى پۇلاڭلىتىپ قويۇپ.
— تونۇشىمەن،¬— دېدى زىيا.
—ئەگەر ئۇ زات خالىسا مەنمۇ دوستلىشىپ قالسام بولاتتى، سىز  بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايسىز.
— بۇلىدۇ، مەن ئۇ كىشى بىلەن ئۇچراشقاندا سىلى توغرۇلۇق پاراڭ قىلاي، ئۇ چوقۇم سىلىگە قىزىقىدۇ.
— يەنە بىر كەلگىنىمدە جەزمەن تونۇشۇپ قالىدىغانلىقىمغا ئىشەنسەم بولىدىكەن- دە؟ رەخمەت، ئەپەندىم. ئەمدى مېنى چالغۇ ئەسۋاپ ياسايدىغان داڭلىق ئۇستىنىڭ دۇكىنىغا باشلاپ بارسىڭىز، شۇنىڭ بىلەن مالال قىلىشىم توختايدۇ، ئاندىن ”ھىلال ئەھمەر“ گە كېتىمەن. بوۋاي بىلەن بىللە بولۇپ قايتىمەن، — يۈسۈپ زىيا مەمنۇنىيەت بىلەن دوستىنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇنى ئۆستەڭ بويى كوچىسىغا باشلاپ كەتتى.
ئۇلار ھېيتگاھ ئالدىدىن ئايلىنىپ ئۆتەيلى دەۋاتقاندا ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ۋالىنىڭ پوچتىسى سۈر ھەيۋىلىك قورۇقچىلىرى بىلەن ياۋاغ تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىۋاتقانىكەن، بۇنى كۆرۈپ يۈسۈپ ئەپەندى:
— سوۋېتتىن ئەۋەتىلگەن يېڭى ۋالى شۇ بولسا كېرەك، قارىغاندا تىرەكلىك جۈزىگە  مېڭىپتۇ ـ دە، — دېدى.

2
  
ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئەڭ مەخپى يىغىنىلار ئۆتكۈزىلىدىغان كىچىك خانىسىدا ساقچى، ھەربى ۋە مۈلكىي ئەمەلدارلارنىڭ يىغىنى چاقىرىلدى. قادىرھاجى يىغىننىڭ ساھىپخانى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ياكى بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرى مەنسەپتىكىلەر بولغاچقىمۇ بۇ يەرگە جەم بولغانلار ئىچىدىكى ”ئەڭ پەگادىكى“ لەردىن بىرسىدەك كۆرىنەتتى. ئۇنىڭ ”قار يېغىپ تۇرىدىغان“ قاپىقى ئېچىلىپ قالغاندەك. شۇنداقلا ئادەتتىكى سۈر- ھەيۋىسىدىن ئەسەر قالمىغاندەك قىلاتتى. يىنىغا يەنە بىر ساھىپخان ۋۇ دارىن رەئىسلىك قىلاتتى.
ئىپەك يوپۇقلار يېپىلغان شىرەنىڭ ئۇ تەىپىدە گىدىيىپ ئولتۇرغانلارنىڭ قىياپەتلىرىدىنلا سورۇننىڭ ئەڭ ئۇلۇغى كىم ئىكەنلىكىنى  بىلىۋالغىلى بولاتتى. ئۇزۇنچاق قەغەزلىك  ئىككى پارچە  ھۆسىنخەت تىكىسىگە ئېسىلغان جاينىڭ ئوتتۇرىدا ۋاڭ ”دارىن“ ئولتۇراتتى. ئۇ تېخى ھازىرچە جامائەتكە ئاشكارە مەلۇم بولمىغان يېڭى كەلداخۇن بولغىنى بىلەن، بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ يېقىن  ئارىدا قەشقەر ۋالىيسى بولىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، سىياسىي سەزگۈرلىكى  يۇقىرى بۇ كىشىلەر مۇۋەققەت  ۋالى ماشياۋۋۇغا ئېتىبار قىلماستىن، ۋاڭ باۋچىيەن (ۋاڭ دارىن) غا ئالاھىدە ئىھتىرام بىلەن مۇئامىلە قىلشقا باشلىغانىدى. ئۇنىڭ بىر تەرەپىدە سېرىق چاچلىق، قىرلىق ئىگىز قاڭشارلىق بىر روس مۇشاۋۇر سۆلەت بىلەن گىدىيىپ ئولتۇراتتى. يەنە بىر تەرەىپىدە ئىگىز بويلۇق، ئۇچلۇق ساقال، بېشىغا سەللە ئورىۋالغان ئاۋاق يۈز كەلگەن بىر ئۇيغۇر كىشى ئولتۇرغانىدى. ئۇ ھەر قانداق يېڭىلىق قاينىمىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولىدىغان ئاجايىپ ماھارىتى بىلەن ھەممىنىڭ ھەۋەس- ھۆرمىتىنى قوزغىغان كىشى بولۇپ، جەمئىيەتتە    ئۇنى ھەر تەبىقە ھەرخىل تونۇيتى، ئەمما ھېچقايسىسى دۈشمەن كۆرمەيتى. لىبراللار، يېڭىلىق تەرەپدارلىرى ئۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى زىيالىسى، مەشھۇر ئاقارتىش ئەربابى، خەلقپەرۋەر دەپ تونۇيتى، ئۇ سابىت داموللا ھۆكۈمىتىدىمۇ ۋەزىپە ئالغان، ئۇنى ئاغدۇرغانلارنىڭمۇ ئىلتىپاتىدىن مەھرۇم قالمىدى. ئەشەددى ئوڭچىلار ئۇنى سوۋېتپەرست ئۇنسۇر، 3- ئىنتىرناتسۇنالىنىڭ ئىشپىيۇنى (خەلقئارالىق كومۇنىست ئىشپيۇن) دەپ قارشاتتى. ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭغا ئىلتىپاتلىق مۇئامىلىدە بولىۋاتقانلىقى ئۇلاردا يەنە ئۆز قاراشلىرىغا نىسبەتەن گۇمان تۇغدۇرغاچقا، ئۇلارمۇ ئۇنى يامان كۆرەلمەيتتى.  ئۇنىڭ قېشىدا ھەربى ئەمەلدار ليۇبىڭ ئولتۇرغانىدى.
روس مۇشاۋۇر ئاللىقانداق مەنىۋي كۈچ بىلەن ھەممىنى تىزگىنلەپ تۇرىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. چۈنكى ئۇ ”دارىن“ لارنى قىلچە كۆزىگە ئىلمەيتتى. ھەم بۇنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمايتى. ئۇ شۇنداق كىبىرلىك، تولىمۇ مەغرۇر ئىدى. ئۇ  پەقەت ئۇچلۇق ساقاللىق ئاۋاق ئۇيغۇرغا ۋە ۋاڭ دارىنغا ئىلتىپاتلىق مۇئامىلە قىلاتتى. بۇنىسى سۆز ئارىلىىقىدا  ئارىلاپ: ”شۇنداقمۇ، مەخسۇم؟“، ”سىز بۇنىڭغا نىمەن دەيسىز جاۋشى؟  “ دېگىنىدىن بىلىنىپ قالاتتى. ئۇلار بۈگۈنكى قوزغىلاڭ تىنچىتىلغان مۇشۇ ۋەزىيەتنى قانداق ساقلاپ قېلىش،  مۇستەھكەملەش؛ يەنە قوزغىلاڭ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھازىرغىچە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىۋاتقان قوزغىلاڭچى قوشۇنلارنىڭ تەھدىتىنى قانداق تارايتىپ، قانداق ئازايتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەشمەكتىدى.
― ئەمدى قوزغىلاڭ چىقمايدۇ دەپ ھۆددە قىلغىلى بولمايدۇ. خوجا نىياز ھاجىنىڭ قۇشۇنلىرى تېخىچە مەۋجۇت، قوراللىرىمۇ بار تېخى! سابىت داموللامنىڭ تەسىرىمۇ يوق ئەمەس. بۇ ھال خەلقنىڭ ئۇيۇشۋېلىشى ئۈچۈن تۈرتكە ھەم پۇت تېرەپ تۇرۇش ئىمكانىيىتى بېرىدۇ،― ۋۇ دارىن ياسىما كىبىر بىلەن ئەتراپىغا ئايلىنىپ قاراپ، ئۇلۇقلارنىڭ ئۆز نۇتقىدىن قانداق تەسىرلىنىۋاتقانلىقىنى ئوغۇرلۇقچە كۈزىتەتتى.
— گېپىڭىزچە بولغاندا قوزغىلاڭچىلارنىڭ مەۋجۇتلىقى خەلقنىڭ قايتا ئۇيۇشىشىدىكى تاشقى شەرتنىڭ بىرىكەن، شۇنداقمۇ؟ — دېدى مۇشاۋۇر ۋۇ دارىننىڭ تومتاقراق ئېيتىلغان سۆزلىرىنى ئۆز تەلەپپۇزىغا ئايلاندۇرۇپ، پەلسەپىۋى تۈس بېرىپ، — شۇنداق چۈشەنسەك بولامدۇ؟
— شۇنداق چۈشىنىش مۇمكىن، دېدى ۋۇ دارىن ئىشەنچىسىزلىك بىلەن، چۈنكى ئۇ تاشقى شەرت دېگەننىڭ نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى تازا ئاڭقىرالمىغانىدى،— ھەئە، شۇنداق، — ئۇنىڭدىكى  ياسىما كىبىر يەنە ئەسلىگە كەلدى.
— ئۇنداق بولسا ئويۇشۇشنىڭ، قايتا قوزغۇلۇپ چىقىشنىڭ ئىچكى ئاساسى نېمە، جانابى ۋۇ دارىن؟ — ئاغزىنى غەلىتە بىر تۈرلۈك پۈرۈپ، مەسخىرە  قىلغاندەك سورىدى رۇس مۇشاۋۇر.
— ...، — ۋۇ دارىننىڭ يايپاڭ بۇرنىنىڭ ئۇچى تەرلەپ كەتتى. ۋاڭ دارىن  مىللى بىرلىك تۇيغۇسىنىڭ سېزىلمەس  تۈرتكىسى بىلەن ۋۇ دارىننى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئورنىدا جاۋاب بەردى.
— ئىچكى ئاساسى — ئاڭنىڭ ئۇيغۇنىشى ۋە ئىتتىپاقلىق.
بۇ گەپ بىلەنلا ئەقلىنى تاپقان ۋۇ دارىن دەرھال سۆز ئېلىپ ئۆزىنىڭ ئانچىۋالامۇ دۆت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئالدىرىدى (بايقى خىجىللىق ئۇنى بەك ئازاپلىغاچقا ئۆزىنى كۆرسىتىپ، شۇ سەھۋەنلىكىنى خەقنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈۋېتىش ھەلەكچىلىكىدە تولا پالاقشىدى):
— شۇنداق، شۇنداق، مەنمۇ شۇنى دېمەكچىدىم. ئەمدى بىزگە قىلىدىغان ئىش- ئىسياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلىدىغان ئىش — ئىچكى بىرلىكىنى بۇزۇش! ئېيتايلۇق: قەشقەرلىك بىلەن ئاتۇشلۇق بىر- بىرىنى دۈشمەن كۆرسۇن. قەشقەرنىڭ ئۆزىدە بولسا ھەربىر مەھەللە، ھەربىر كوچا بىر- بىرىنى تالاپ تۇرسۇن. بىز بولساق ئۇلارنىڭ جىدىلىنى ئايرىغۇچى بولايلى. بۇ ئەلنىڭ ئىناقلىقىدىن ئەلھەزەر!...
ئۇنىڭ دەۋاتقانلىرى قانداقتۇر كەشپىيات ئەمەس، ئەزەلدىن قوللۇنۇلۇپ كېلىۋاتقان كىلاسسىك ئۇسۇل ئىدى، شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى تەستىقلاپ بىر نەچچەيلەن ھىجايغىنىچە باش لىڭشىتتى. ۋاڭ دارىنمۇ ”ئەمدى ئەقلىڭنى تاپتىڭ، يارايسەن“ دېگەندەك قىلىپ ئىلتىپاتلىق نەزەرىدە قاراپ باش لىڭشىتتى. مەسلىھەتچى رۇسلا ئۇنى ياراتمىغاندەك مىېيقىدا كۈلۈپ، مەخسۇم تەرەپكە  قاراپ بىلىنەر - بىلىنمەس مۈرسىنى قىستى. ئۇنىڭ يىغىن ئەھلىنىڭ ئەقلىگە چوڭقۇر ئورناتماق ئىستىگەن تۈپ مەخسەت بۇنداق كونكىرېت ئۇسۇللار ھەققىدىكى تەپسىلاتلار ئەمەس، ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە ― بۈيۈك دۆلەتنىڭ بۈيۈك ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر پارچىسى، يەنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دوستلىقىنى زۆرۈرىيەت دەپ ئېتىراپ قىلدۇرۇش، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىنى كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈرىيەت دەيدىغان تونۇشنى ھاكىم قىلىش، ك گ ب تىپىدا بىر ئاخبارات تورى قۇرۇپ چىقىش ئىدى.  ئاندىن مەنسىتمەسلىك تەلەپپۇزى بىلەن:
— ئەپەندىم، خوجانىياز ھاجىدىن خاتىرجەم  بولسۇن. ئۇنىڭ ئىشى يېقىن ئارىدا چىرايلىق بىر تەرەپ بولدى ۋە بولىدۇ، بۇ ئىشتا بىز
پاي چىكى تورى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 02:18 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
bahtinur
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 22926
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 75
شۆھرەت: 99 نۇمۇر
پۇل: 539 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

دوستلىقىمىزنى يېتەرلىك ئىسپات قىلدۇق. بۇنىڭ بىلەن خەۋپنىڭ تاشقى شەرتى مەۋجۇتلۇقتىن قالىدۇ، دېگەن سۆز. ئەمدى ئۇنىڭ ئىچكى ئاساسىي توغرىسىدا ئەپەندىنىڭ دېگەنلىرى ئورۇنلۇق، ئەمما تېخىمۇ مۇھىمى ”ئاڭنىڭ ئويغۇنىشى“ مەسىلىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا يامانراقى زىيالىلار! بولۇپمۇ چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەنلەر! بۇ قايتا تەشكىللىنىش، قايتا توپىلاڭ قوزغىلىشنىڭ ئاساسىدۇر. تۈركىيەدە ئوقۇپ كەلگەنلەر جەزمەنكى، پانتۈركچىلىك ئۇرۇقى چاچىدۇ. بۇ بولسا سىلەرگىمۇ، بىزگىمۇ ياقمايدىغان يامان ئاقىۋەتلەرگە ئېلىپ بارىدۇ. مۇشۇنداق بىر ئىچكى ئامىل، يەنى تەشكىللىنىشنىڭ بىخلىرى مەۋجۇتكەن، قىلىشقا تېگىشلىك ئىش يېتىپ ئاشىدۇ، باش ئاغرىقىمىز كىچىك ئەمەس، ئەپەندىلەر! بۇنداق زور تىرەنمە كۈچىگە قارشى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن نېمە كېلىدۇ؟ ― ئۇ مەسخىرىلىك ئىپادە بىلەن دارىنلارغا بىر بىرلەپ قارىدى، ئاندىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دوستلىقىنى زۆرۈر دەپ ئىما قىلىشنى ئۇنتۇمىدى، ― ھەرھالدا بىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق باسمىچىلىق ھەركىتىگە قارشى تەجرىبىمىز سىلەرنى بۇ باش ئاغرىقىدىن خالاس قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنسەڭلار بولىدۇ.
— تەبىئى، چەتئەلدە ئوقۇپ كەلگەنلەر، بولۇپمۇ تۈركىيەدە ئوقۇپ كەلگەنلەرنىڭ مەۋجۇتلىقى، ئاپەتنىڭ ئۇرۇقى دېگەن گەپ.
— ئۇلاردىن يېقىن كەلگۈسىدە بىر خەۋپ كېلىشى ناتايىن ئەلۋەتتە،— داۋام قىلدى مۇشاۋۇر، — ئەمما ئۇلار يىراق كەلگۈسىدىكى  مىسلىسىز ئاپەتنىڭ ئاساسىنى تىكلىگۈچىلەر! شۇنداققۇ، جاۋشى؟
ۋاڭ باۋچيەن تېخى ئاشكارا سەھنىگە چىقمىغاچقا ئاز پىكىر بايان قىلىشقا، مۇلايىمراق كۆرۈنۈشكە تىرشىۋاتقاندەك قىلاتتى.
قادىر ھاجى بۇ گەپلەر ئىچىدىن ھەممىدىن كېرەكلىكىنى ئىلغاپ  چىقماقچى بولغاندەك دېققەت بىلەن قۇلاق سالاتتى.چۈنكى بۇ يەردە قارار تاپقان ئىشلارنىڭ كونكىرېت ئىجراچىسى ئۇ ئىدى.
— تەبىئىيكى، بۇ ئىشتىكى ئاساسىي خىزمەت سالمىقى ئامانلىق ساھەسىگە چۈشىدۇ، — داۋام قىلدى مۇشاۋۇر.
— ئەلۋەتتە، دۆلىتىڭىزلارنىڭ دوستانە ياردىمى بىلەن بۇ ئىشلار نەتىجىلىك بولغۇسى. ئەمدى كونكىرېت چارىلار ھەققىدە بىر ئاز توختالساق، قانداق دەيسىلەر؟ — دېدى ۋۇ دارىن.
ۋۇ دارىن زۆرۈر ياردەملەر، مۇتىخەسىسلەر، مەسلىھەتچىلەر، ئەسلىھەلەر ھەققىدىمۇ سۆزلىدى.
— سىزنىڭچە قانداق، مەخسۇم؟ ۋۇ ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان چارىلارغا نېمە دەيسىز؟ — دېدى مۇشاۋۇر كۆزلىرىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ.
— بولىدىغان گەپلەر... — دېدى شۇ داڭ يۇز مەخسۇم سالاپىتىنى چۈشۈرمەسلىك ئۈچۈن داناراق كۆرۈنۈشكە تىرىشىپ.
— شۇنداق، بولىدىغان گەپلەر، — دېدى مۇشاۋۇر چىرايىغا ياسىما جىددىيلىك بېرىپ، — سىزگە ماقۇل كەلگەن بولسا ئەلۋەتتە بولغىدەك قېنى ئىشنىڭ كونكېرت ئىجراچىسى بولغان ھاجى نېمە دەيدىكىن؟ — دېدى ئۇ قادىر ھاجىغا بورۇلۇپ.
قادىر ھاجى چۆچۈپ كەتتى، ئۇنىڭ گۆشلۈك يۈزى لىپىلداپ، بۇرۇتلىرىمۇ تىتىرەپ كەتتى. دەھشەت يېغىپ تۇرىدىغان چىرايى يەنە چاپسانلا ئەسلىگە كەلدى. ئۇ بارلىق كەسپى جاللاتلارغا ئوخشاش پەرۋاسىزلىق بىلەن:
— داراىنلار، ئەپەندىلەر كېرەك تاپسا بىز شۇنى ئىجرا قىلىمىز، دۆلەت مەنپەئەتى كېرەك تاپسا ھەر نەرسە ئۇنىڭ يولىدا قۇربان قىلىنىدۇ،... — دېدى ئۇ ئۈگىتىلگەن، فورمۇلىلاشقان ئىبارىلار بىلەن. ئاندىن تەكلىپ بويىچە يېقىنقى قەشقەر ئەھۋالى، تەقىپكە نىشان بولغان يېڭى ئادەملەر ۋە ئۇلارنىڭ كىملىك — سالاھىيەتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى. يېڭى ئېچىلغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پروگراملىرى ئۇلارنىڭ دىققەت نەزىرىدىن چەتتە ئەمەس ئىدى.
مۇشاۋۇر  تولۇقلىما بېرىپ:
— ئۇلارنىڭ مەكتەپلىرى قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغان جايغا ئايلىنىپ قېلىش ئېھتىمالى چوڭ. بۇنىڭغا كۆز- قۇلاق بولۇش كېرەك. بىزنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك بىر دۈشمىنىمىز بار: ئۇ بولسىمۇ جامە! بىزنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بىر ئىتتىپاقچىمىز بار: ئۇ بولسىمۇ جامە! جامە ئەھلى!ـ ئۇ بۇ يەردە ئولتۇرغان كالۋالار بۇ قارىمۇ- قارشى سۆزلىرىمنى چۈشىنىۋاتامدۇ- قانداق دەۋاتقاندەك ھەممەيلەنگە قاراپ چىقىپ داۋام قىلدى، — بۇمۇ بىر كىلاسسىك تاكتىكا. كىم ئۇستا كەلسە جامەدىن شۇ پايدىلىنىدۇ، كىم بالدۇر ھوشىنى تاپسا جامە شۇنىڭغا خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار نېمىنى تەشەببۇس قىلسا شۇنىڭ تەتۈرىنى قىلىپ تۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدە ئادەملەر بولسۇن!
قادىر ھاجى باش لىڭشىتتى. ئۇنىڭ كۆڭلى پاللىدە يورىغاندەك بولدى. ئۇنىڭ تەجربىلىك كاللىسىدا بۇ پلان كونكېرتنى ئادەملەر، كونكېرت جايلار ئۈستىدە باردى. ئېنىق تەخسىماتلار بولدى. بىرى قۇلاقلارنى كۆپەيتىش ھەققىدە مەسلىھەت بېرىۋىدى، يەنە بىرەيلەن راسخودنى كۆپەتكەننىڭ نېمە پايدىسى دەپ قارشى چىقتى. روس مۇشاۋۇر زەھەرخەندىلىك بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ:
— ئۇلارنى سىز مائاشىڭىز بىلەن باقمايسىز، يەنىلا خەلق ئۆزلىرى باقىدۇ. بۈركۈتى بار ئادەم ئۇنىڭغا ئۆزگۆشىدىن بېرەمدۇ، ئوۋ گۆشىدىنمۇ؟ ئوۋنىڭ گۆشى بىلەن باقىدىغۇ؟ شۇنداق، ھەر توپتا ئادەملىرىڭىز بولىشى كېرەك، ھەر تەبىقىدە ئادەملىرىڭىز بولىشى كېرەك! — دېدى.


ئـونـىـنـــچـى بـاب
1

ھ
ەش- پەش دېگۈچىلا تومۇز ئايلىرى كىردى.
تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرغان تەۋپىق گىمناستىكا ئويناپ بولۇپ، ساپ ۋە سالقىن ھاۋادىن راھەتلەنگەچ  ئاچيارغا چۈشۈپ سوغۇق سۇدا يۈز- كۆزىنى يۇيدى. ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ ئادىتى بويىچە بىر پارچە قاتتىق نان يەۋەتتى- دە، تاھارەت ئېلىپ ئەمدىلا تەييارلانغان نىزامىددىن بىلەن نامازغا چىقىپ كەتتى.
مەمتىلى نامازدىن يېنىپ ئۆيىگە كېلىۋاتقىچە ئاكىسىغا بۈگۈن ۋاق- ۋاغقا بېرىپ كەلمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىۋېدى، نىزامىددىنمۇ بىللە بارماقچىدى بولدى.
— توغرا ئويلاپسەن، كىچىك ئاپاملارنى يوقلاپ كېلەيلى، ئەتە - ئۆگۈن ئومىغا كىرىشىپ كەتسەك خېلى ئۇزۇنغىچە چولىمىز تەگمەيدۇ،— دېدى ئۇ.
خامانلاردا، ئېتىزلىقتا دېھقانلار ئالدىراشدى. ئۇلار سەھەرنىڭ بىردەملىك سۆرۈن ھاۋاسىدا كۆپرەك ئىش تۈگىتىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىرايتى. ئېتىزلىقلاردا بالىلار مال بېقىشاتتى.
ئاكا- ئۇكا ئەتتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن يولغا چىقىشتى. ئىيوننىڭ جان قاخشاتقۇچ ئىسسىقى باشلانغانىدى. نىزامىددىن يەنە تەۋپقنىڭ ئىشلىرى ھەققىدە گەپ تەشتى. چۈنكى ئىنىسى ھېلىمۇ چەتئەلگە چىقىپ كېتىش ياكى قېلىش مەسىلىسدە ئاكىسىنى خاتىرجەم  قىلدىغان  بىرەر ئەمەلىي ئىپادىدە بولمىغانىدى. شۇڭا ئۇ ئىنىسىنىڭ يەنە كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتى، ئۇنى ئېلىپ قېلىش ئۈچۈن يېلىنەتتى. تەۋپىق كۆڭلىدىكى پاراكەندىچىلىكنى قىلچە چاندۇرماي، يەنىلا ناھايىتى خۇشخۇيىدى. ئۇنىڭ رەڭگى- روھىدىنمۇ بىئارملىقى بىلىنمەيتتى. ئۇ نامازدىن كېيىن نامازخانلار بىلەن مەسچىت ئالدىدا بىردەم- يېرىم دەپ تۇرۇپ، ئۇلارغا قىزىق- قىزىق پاراڭلارنى قىلىپ بېرەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن بازارغا ياكى تونۇش- بىلىشلەرنىڭ سۆھبىتىدە بولغىلى باراتتى؛ باشقا چاغلاردا ئاكىسىنىڭ ئىشلىرىغا قارىشىپ بېرەتتى، قۇلۇم- قوشنىلارنىڭ ئىشلىرىغىمۇ قارىشىپ بېرەتتى. مەھەللە ئارىلىسا دائىم دورا سومكىسى مۈرىسىدە بولاتتى ۋە تاز داۋالاشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى. كېيىنچە ئۇنى دوختۇركەن دەپ بىلىشكەنلىرىدە باشقا كېسەللەرنىمۇ كۆرسىتىدىغان بولۇشتى. بىراق ئىچىدىغان دورىلارنى ئىچىشكە تەرسالىق قىلىشاتتى، ئىككى كۈن ئۆتمەيلا پايدا قىلمايدىكەن دەپ تاشلىۋېتەتتى. بۇنداق نادانلىق تەۋپىقنى چەكسىز چۆلدە قالغاندەك بىر تۇيغۇغا غەرق قىلىپ، روھىنى ئېزىپ تاشلايتى. ھەي، بۇ خەقنى قانداق قىلغاندا چاپسانراق ئادەم قىلغىلى بولاركىن!
— نېمە قىلىشنى ئويلاۋاتىسەن؟ كېتىش خىيالىڭ يوق ھەر ھالدا؟
— كېتىش خىيالىم يوق، تەبىئى، ئەمما ئىش توغرىسىدا ئويلاۋاتىمەن، يۈسۈپنىڭ مەكتىپىدە ئىشلىسەممىكىن دەيمەن، قۇتلۇق شەۋقى دەيدىغان بىر چوڭىمىز گېزىت چىقىرىۋېتىپتۇ، بۇمۇ ياخشى بىر ئىش ئەلۋەتتە. ماڭا ھەممىسى توغرا كېلىدۇ... نېمە قىلىش ھەققىدە ئوبدانراق ئويلىنىۋالاي، بىر ئىشنى باشلىدىممۇ، يېنىش يوق، غەلىبە قىلىشلا كېرەك!
نىزامىددىن ھېچنېمە دېمىدى. نېمە دېيىشنىمۇ بىلمەيتى. ئۇ ئىنىسىگە خۇددى تىۋىش چىقارسىلا ئۇچۇپ كېتىدىغان قۇشقا مۇئامىلە قىلغاندەك ئىھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلماقتىدى.
— ئاكا، ئايىمگۈلنى نېمىشكە ئاخۇن دادامنىڭكىگە  ئاپىرىپ بەرمەيسىز؟ مۇشپقە خانىمنىڭ تەربىيىسىگە بەرسىڭىز  ياخشى  بولاتتى،― دېدى تەۋپىق ئاكىسىغا سەمىمىي ئاھاڭدا.
— ئانىسى يالغۇزچىلىق تاتىپ قالىمەن دەپ ئۇنىمايدۇ... ئۇكىلىرى قاراقسىز قالدۇ- دە،— دېدى نىزامىددىن، مەمتىلىنىڭ ئەيىپلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ.
— غېنىچۇ؟ ئۇنى نېمىشكە سالاھىددىن ئەپەندىگە بەرمىدىڭىز؟
— ئالدىمىزدىكى كۈزدە ئاپىرىپ بېرەي دەۋاتاتتىم، تېخى، ... ئۆزۈم ئۇقۇتسام ياخشىراقمىكىن بولمىسا... — دېدى نىزامىددىن يەنە خىجىللىق بىلەن،— ئارىلىق يېراق، بالا كىچىكلىك قىلارمىكىن دەيدىكەنغۇ، كىشى.
— ئوقۇتۇڭ، سىز ئوقۇشقا مۇشۇنداق قارىسىڭىز، باشقىلاردىن نېمە دەپ ئاغرىنغۇلۇق؟
نىزامىددىن ئۈنچىقمىدى.
ۋاقۋاقنىڭ زەي  تۇپرىقىدىن ئۆزىگە خاس چىرىندە پۇرىقى، ئېچىغان پاتقاق پۇرىقى كېلەتتى. بۇ پۇراق تىنجىق بىلەن قوشۇلۇپ دىماققا ئۇرۇلغاندا كىشىنى تېخىمۇ بۇرۇختۇملۇق ھېس قىلدۇراتتى.
ئۇلار تاشاخۇنۇمنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ كەلگەندە ئۇلارنى يېڭىلا قەشقەردىن كەلگەن سەيپىددىن كۈتىۋالدى ۋە مېھمانخانىغا تەكلىپ قىلدى. دالاندا سارىخېنىم، لىۋاھىددىنلار ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئېسەنلەشتى. مەمتىلى ئەپەندى كىشىگە يېقىنلىق تۇيغۇسى بېرىدىغان، قېرىنداشلىق مۇھەبىتىنى ھېس قىلدۇرىدىغان قۇۋناقلىق بىلەن:
— قانداقراق، كىچك  ئاپا؟ تېنىڭىز ساقمۇ؟ — دەپ  ئاۋۋال سارىخېنىم بىلەن ئەھۋاللاشتى.
— خۇداغا شۈكىرى، بالام، ئۆزىڭىزچۇ؟
— بىزمۇ مانا تىرىك يۈرۈپتۇق،— دېدى مەمتىلى ئەپەندى كۈلۈپ. ئاندىن لىۋاھىددىنگە قاراپ، — سىزچۇ؟ ئوقۇۋاتامسىز؟ سالاھىدىن ئەپەندى، مۇشپقە خانىملار قانداقراق؟ ئوقۇۋاتقانلار كۆپمۇ؟
لىۋاھىدىن بىر نەۋرە ئاكىسىنىڭ سۇئاللىرىغا بىر- بىرلەپ جاۋاب بېرىپ، ئاخىرىدا:
— يىگىرمىچە بالا ئوقۇۋاتىدۇ، كۆپ دېگىلى بولمايدۇ،— دېدى.
— نېمىشكە كۆپ ئادەم جەلپ بولمايدۇ؟ ئارىلىقنى يىراق كۆرۈپ، باشقا يۇرتلاردىن كەلمەيدىغان ئوخشىمامدۇ؟
— يېتىپ ئوقۇيدىغانلارمۇ بار، يىراق دېسە يېتىپ ئوقۇسا بولاتتىغۇ، ئەمما،  بۇ ئىشلارنى تەكىتلەپ، تەشۋىق- تەرغىپ قىلىپ  تەشكىللەيدىغان كىشى يوق ـ تە، — دېدى سەيپىددىن ئىنىسىدىن ئاۋۋال جاۋاب بېرىپ.
— سالاھىدىن ئەپەندى بىكار بولسا چاقىرساڭلار بىردەم پاراڭلاشساق بوپتىكەن، — دېدى تەۋپىق.
— توختاپ تۇر، ئۇكام، كېيىنراق چاقىرايلى، ھازىر باشقا گەپ بار، — دېدى  نىزامىددىن ۋە سارىخېنىمغا قاراپ،— مەمتىلى كەلگەندىن بېرىلا ئارسالدى بولۇپ يۈرىۋاتىدۇ. كەلدى ـ دە، بىر ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ قالدى. تۇرۇشقا قەتئىي نېيىتى يوقتەك مېنى ئەنسىرىتىۋاتىدۇ. سىز ئانىمىزنىڭ ئورنىدا نەسىھەت قىلسىىڭىز بىر يەرگە كېلىشكە پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس، دەپ ئۇنى بىللە ئەكەلمەكچى بولۇپ تۇراتتىم، ئۆزىنىڭمۇ كېلىش نىيىتى بارىكەن، كېلىۋاتقىچىغۇ كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، شۇنداق بولسىمۇ كۆڭلۈم تىنمايدۇ. گەپ قىلسىڭىزچۇ، ئانام- داداملار ئۆلۈپ- تۈگەپ كەتتى، مەمتىلىنىڭ داغىدا قان يىغلاپ كەتتى.  بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىزنىڭ ئارامى بولمىدى. ھالا بۈگۈنگە كېلىپ، ئاران جەم بولدۇق، كېتىدىغان بولسا يەنە جەم بولىشىمىزغا كۆزۈم يەتمەيدۇ.
— كېتىدىغان نىيىتىڭىز يوقتۇ، بالام؟ — سورىدى سارىخېنىم.
— ئۇنداق نىيەت ئەمدى بولمايدۇ، — دېدى تەۋپىق ئىللىق كۈلۈمسىرەپ.
مەمتىلى ئويچان كۆزلىرىنى ئاكىسىغا تىكىپ بىر دەم تۇردى ۋە كۆز نۇرىنى لىۋاھىددىن بىلەن سەيپىددىنگە يۆتكەپ، ئاخىرىدا سارىخېنىمدا توختىدى- دە ئېغىر ئۇھ تاتىپ قويدى. ئۇ ئاساسەن ۋاقۋاغدا بىر تۇغقانلىرى يېنىدا چوڭ بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادەتتىكى تۇغقانلىق مۇناسىۋىتىدىن ھالقىغان بىر خىل چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەت ھاسىل   بولغانىدى. ئۇ تاغىسىنىڭ ئۆيىدىمۇ بىر مەزگىل تۇرغان، شۇڭا تاغىسىنىڭ كىچىك خوتۇنى سارىخېنىمنى بەك ھۆرمەت قىلاتتى. مۇشۇ ۋەجىدىنمۇ نىزامىددىن سارىخېنىمنى ئارىغا سېلىپ ئىنىسىنى تۇرۇپ قېلىشقا ئۈندەشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەنىدى. مەمتىلى ئەپەندى كەتمەكچى ئەمەسىدى، پەقەت ھەمراھلىرىنىڭ قەتئىي نىيەتتە بولالماسلىقىدىنلا ئەنسىرەيتى.
— نىزامىددىننىڭ دېگىنىمۇ توغرا، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۆز يۇرتقا يەتمەيدۇ، ئۆز يۇرت دېگەندە كۆڭۈل تۇقراق ئۆتكىلى بولىدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن ئاتا ـ ئانىنىڭ تۇپرىقى بار يەردە، ھېيت ـ ئايەملەردە ياغ پۇرىتىپ، تۇپراق بېشىغا چىقىپ، زىيارەتتە بولۇپ ئۆتكەن ياخشى بولمامدىغان. تۇرىدىغان نىيىتىڭىز بولسا ئوبدان بوپتۇ، بالام، ھەممىمىزنى خاتىرىجەم قىلىسىز. دۇنيادا خاتىرجەملىكتىنمۇ ئارتۇق نەرسە بارمۇ؟...
سارىخېنىم ئۇنىڭغا ئۇزاق نەسىھەت قىلدى. ئۇ تەربىيە كۆرگەن، ئوقۇمۇشلۇق ئايال بولغاچقا، ئۇنىڭ چىن قەلبىدىن ئېيتىلىۋاتقان سۆزلىرى  مەمتىلىگە چوڭقۇر تەسىر قىلدى.
— ھەممىڭلارنى نارازى قىلىش ھەددىم ئەمەس، مېنىڭ بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتقىنىم قىلىدىغان ئىشىم ئىدى،  ئەتە قەشقەرگە بېرىپ يولداشلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ كېلەي، ھەر ھالدا ئۇلار بىلەن يەنە بىر كېڭەشكىنىمنىڭ پايدىسى بولار،— ئۇ سەيپىددىنگە قاراپ، — ئەتە كېتىدىغان بولساڭ بىللە ماڭايلى،— دېدى.
— بولىدۇ، مەنمۇ ئەتە قايتماقچىدىم، بىللە ماڭايلى.
مەمتىلى ئەپەندى كۈلۈمسىرەپ باش ئېغىتىپ قويدى.
يېقىدىن بېرى يۈز بەرگەن يېڭىلىقلارمۇ ئۇنى قەشقەرگە بېرىپ  كېلىشكە ئۈندىمەكتىدى. خوجانىيازھاجى مۇئاۋىن ئۆلكە رەئىسى بولۇپ كۇرسىغا ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنى قەشقەر تەۋەسىگە كەلگەن مەھمۇد مۇھىتى قەشقەر گارنىزونىغا مۇئاۋىن قوماندان (قوماندانى لىيۇ بىڭ ئىدى) بولۇپ تەيىن قىلىنغانىدى. ئۇنىڭ قولىدىكى قوزغۇلاڭچى قوشۇن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى شىتاتىغا ھېساپلىنىپ، 6 ـ دىۋىزىيە دەپ ئاتالغان، دىۋىزىيىنىڭ قوماندانلىق شىتابى قەشقەر ”يۇمىلاق شە“(گۈلباغ) دە قارار تاپقانىدى. ئۇ مەھمۇد مۇھىتىنىڭ قەشقەردە قارار تېپىشىدىن بىر تامادا بولىۋاتاتتى، بۇ بۈيۈك بىر ئۈمىد، ئاداققى غايىسىگە ئۇيغۇن بىر ئۈمىد ئىدى.
— سالاھىدىن ئەپەندىنى قىشقىرىتىپ كىرسەك بولىدۇ،— مەمتىلى پاراڭلاشماقچىكەن، — نىزامىددىننىڭ ئاۋازىدىن خېلى كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالغانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى.
لىۋاھىددىن سالاھىدىن ئەپەندىنى چاقىرىپ كىرىش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى.

2

مەمتىلى ئەپەندى سەيپىددىن بىلەن قەشقەرگە كىرىپ، ئاۋال ”ھىلال ئەھمەر“ گە يولۇقۇپ مەجىددىن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئۇنى ئېلىپ نوۋېشى مەكتەپكە كېتىشىتى. ئۇلار ئەخمەد ئەپەندى بىلەن شۇ يەردە ئۇچراشىتى.
مەجىدىن ئەپەندى ئادىتى بويىچە مەمتىلى ئەپەندىگە چاقچاق قىلىپ بىردەم كۈلۈشكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ چاقچىقىغا مېيىقىدا كۈلۈپ قاراپ تۇرغان يۈسۈپ زىيا تەۋپىققە:
— سىلىنىڭ تاپشۇرۇقلىرىغا بىنائەن قۇتلۇق ھاجىم بىلەن كۆرۈشتۈم. شەۋقى ھەزرەت سىلى بىلەن تونۇشۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، سىلى كەلگەن ھامان خەۋەر قىلىشىمنى تاپىلىغانىدى. ئەگەر خالىسىلا بىز بارىلى ياكى ئۇ كىشىنىڭ كېلىشىگە چولىسى تەگسە باشلاپ كېلەي،— دېدى.
— رەھمەت دوستۇم، بۇ خوشخەۋىرىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت. ئەگەر ئۇ كىشى مۇشۇ يەرگە كېلەلىسىغۇ تېخىمۇ ياخشى بولاتتى، — دېدى. مەمتىلى ئەپەندى چىن كۆڭلىدىن خۇشال بولۇپ، يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ مۈرىسىدىن سىلكىپ، — بۇ يەردە تازىمۇ تېپىشقانلار جەم بولاتتۇق، ئەمما مېنىڭچە بىرىنچى قېتىمدىلا چوڭ ئادەمنى ئالدىمىزغا چاقىرتىش ئەدەپتىن بولمىسا كېرەك، ئاستانىسىغا ئۆزىمىز بارايلى، ۋاقتى بولسا بىللە كېلىپ، مەجلىسىمىزگە قاتايلى، قانداق؟
— توغرا ئويلاپلا، — دېدى يۈسۈپ ئەپەندى ۋە دەرھال، — مەن ھازىر، — دەپ قوشۇپ قويدى، ئارقىدىن جىددىي بىر ئىش يادىغا يەتكەندەك، — ئارال يېزىلىق بىر يىگىت سىلىنى سوراپ كەپتىكەن، يېڭىسار ئەتراپىدا تونۇشقانكەنسىلەر، ئۇنىڭ يېشى ئىپتىدائىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن سەل چوڭراق بولغاچقا دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇسۇن دەپ ئەخمەد ئەپەندىگە ئەۋەتىپ بەردىم، قالغىنىنى مۆرىمەس دوستلىرىدىن ئاڭلايلا، — دېدى يولغا جابدۇنىۋېتىپ.
ئەخمەد ئەپەندى دارىلمۇئەللىمىندە ئىش باشلىۋەتكەنىدى. يۈسۈپ ھازىرلانغىچە ئارىلىقتا ئەخمەد ئەپەندىدىن رېھىم ھەققىدە سورىدى ۋە ئۇنى ئوبدان تەربىيىلەشنى تاپىلىدى.
— دېمىسىلىمۇ گەپ كەتمەيدىغۇ، — دېدى ئەخمەد ئەپەندى جاۋابەن.
تەۋپىق دوستىنىڭ سۆزى بىلەن قانائەت ھاسىل قىلىپ، ئاندىن بىللە كەلگەن سەيپىددىنگە بۇرالدى. ئۇ سەيپىددىنگە شۇ يەردە ئىجازەت بەردى ۋە ئەتە شۇ يەردە كۆرۈشۈشنى تاپىلىدى. سەيپىددىن دوتەي يامۇلغا (ۋالى مەھكىمىسىگە) كەتكەندىن كېيىن مەكتەپتە جەم بولغان دوستلىرىغا ئۆزر ئېيتىپ، شەۋقى ھەزرەت بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر بولسا ئۇنى باشلاپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، يۈرۈپ كەتتى.
ئۇلار پاراڭلاشقاچ قوتلۇق ھاجىم شەۋقىنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى. مەمتىلى ئەپەندى سۆرەلمىلىكنى ياقتۇرمىغاچقا ۋاقتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈشكە ئالدىرىماقتىدى. يۈسۈپ زىيا ئۇنى شەۋقىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كىرىدى.
ئۇلار ھويلىدا ئۇچراشتى، شەۋقى 50 نەچچە ياشلاردىكى كىشى بولۇپ، ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي تۇرقىدىن جاسارەت، قىزغىنلىق ئۇرغۇپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۈستى — بېشىدىكى تون، سەللە، پۇتىدىكى مەيسە- كالاچ ئۇنىڭ لاتاپىتىگە مۇلايىملىق، مھىرىۋانلىق تۈسى بەرگەنىدى.
تەۋپىق ئىككىسى خۇددى ئىلگىرى قەيەردىدۇ بىللە ياشاپ كېيىن ئايرىلىپ كەتكەن قەدىناس دوستلاردەك  ئاۋال ئۈچ قېتىم قۇچاقلاشتى، ئاندىن قىزغىن  قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. تەۋپىق بۇ پىشقەدەم شائىرنىڭ قولىنى قويىۋەتمەي سىقىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۇزاق سەپ سېلىپ قارىدى ۋە:
— تونۇشقىنىم ئۈچۈن ناھايىتى خوشالمەن،— دېدى ۋە قوشۇپ قويدى،— سىز مۇھەررىرلىك قىلغان گېزتنى كۆرۈپ، ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇپ سىزنى مەندىنمۇ ياشراق يىگىت بولسا كېرەك دەپتىكەنمەن، — تەۋپىق ھەر قانداق ئادەمنى بىر دەمدىلا قەدىناسلارغا ئايلاندۇرىۋالىدىغان بىر خىل يېقىملىق، دوستانە پوزىتسىيە بىلەن كۈلۈمسىرىدى، ئۇنىڭ سۆھبەت ئۇسلۇبىمۇ توختاجى تەرىپلىگەندەك، كىمگە قانداق سۆزلەشنى بىلىدىغان؛ قايسى سورۇندا قانداق سۆزلەشنى بىلىدىغان بولغاچقا، يېقىنلىشىشنى كېچىكتۈرىدىغان ئۇزۇندىن ئۇزاق ياسالما تەكەللۇپلارنى بىر تاقلاشتا ئاتلاپ ئۆتۈپ، مۇساپىنىڭ قاق بېلىدىنلا چىقاتتى، — مانا ئەمدى كۆردۈمكى، سىز ئەسلىدە ياشىنىپ قالغان كىشىكەنسىز. بىراق شۇنچە قىزغىنلىق، شۇنچە جاسارەت ۋۇجۇدىڭىزغا قانداق پاتتىكىن؟ مۇشۇنداق بىر ئوت يۈرەك كىشى ياش ۋاقتلىرىدا قانداق بولغىيدى، بۇ تار جاھانغا قانداق پاتقان بولغىيدى دەپ ئويلىغۇسى كېلىدۇ، كىشىنىڭ.
شەۋقى تەۋپىقنىڭ مىجەزى تەسىرىدە  ھەقىقەتەنمۇ ئۆزلىرىنى قاچاندۇر  ئىلگىرى تونۇشقان، كونا بۇرادەلەردەك تۇتۇشقا باشلىدى ھەم بۇ ئىختىيارسىز ئىللىق سېزىمدىن سۆيىنىپ يىنىك كۈلۈمسىرىدى:
— مەنمۇ سىلى بىلەن  دىدارلاشقنمىغان خوشالمەن، — دېدى ئۇ،— مېنىڭ ياش ۋاقتىمدا قەيەرگە پاتقانلىقىمنى سوراپ قاللا، ”جاھانغا پاتىمىغان“ سەركىمۇ قازانغا پېتىپتىكەنغۇ؟ مەنمۇ بىر بۇلۇڭغا ئۇن- تىنسىز   پېتىپ كەلدىم، گاھىدا مەرىدىم، گاھىدا جىم ... — شەۋقى بۇ سۆزلەرنى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ چاقچىقىغا جاۋابەن چاخچاق تەلەپپۇزىدا دېگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ سۆزىدە مىللەتنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانلىرىغا بەخشەندە بولۇپ كەلگەن كۈلپەتلىك تەقدىرنىڭ ئىخچام تەسۋىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان قايغۇلۇق ئاھاڭ يوشۇرۇنغانىدى. شۇڭا بۇنداق تېمىلاردىكى سۆزلەرنىڭ تېگى- تەھتىنى چۈشىنىكە زىل بولغان تەۋپىق قاتتىق تەسىرلىنىپ، غەمكىنلىشىپ قالدى.
— نام شەرىپىلىرى مەمتىلى، تەخەللۇسلىرى تەۋپىق ئىكەنلىكىنى يۈسۈپ ئەپەندىدىن ئاڭلىدىم. مېنىڭ گېپىمنى قىپتىكەنلا، ئۇنداق قىلمىسىلىمۇ مەن ئۆزلىرىنى ئىزلەپ باراتتىم،— دېدى شەۋقى كۈلۈپ، — ئېسىم قۇرىسۇن، سىلىنى ئۆيگە باشلىماي ئاياقتا تۇرغۇزۇپ سۆزلەۋەرگىنىمنى قارىمامدىغان. قېنى مەرھەمەت!
— بۇنىسى بىزگە تېخىمۇ ياقىدۇ، چىن دوستلار ئارىسىدا ئوشۇقچە تەكەللۇپلار بولمىغىنى تېخىمۇ ياخشى، — دېدى تەۋپىق ۋە شەۋقىنىڭ ئاۋالقى تەكەللۇپىغا قارىتىپ، — سىز بىزنى ئىزلەپ كەلگىچە قاراپ ئولتۇراتتۇقمۇ، بالىنىڭ ئاتىنى، ئىنىسىنىڭ  ئاكىسىنى، شاگىرتنىڭ ئۇستازنى ئىزدىگىنى خوپراق ئەمەسمۇ.
ئۇلار ئەنە شۇ تەقلىتتە پاراڭلاشقاچ، ھەتتا قوللىرىنىمۇ چىڭ تۇتىۋېلىشقان ھالدا مىھمانخانىغا كىرىپ، سالا- سۇلەسىزلا ئۇتتۇر كەلگەن يەرگە ئولتۇرۇپ، پارىڭىنى شۇ بويىچە داۋام قىلدى.
— يۈسۈپ ئەپەندى توغرا ئېيتىپتىكەن، مەن سىلى بىلەن كۆرۈشمەي تۇرۇپلا سىلىنىڭ مىجەز- خاراكتېرىلىرىنى، قانداق تېمىلاردا پاراڭلاشسام ياخشىراق بولىدىغانلىقىنى سوراپ كېتىپتىمەن. يۈسۈپ ئەپەندى: تەۋپىق دېگەن بىر پارچە ئوت، كۆرىشىپلا قالسا بىزدەك كونا تونۇشىلىرىنى ئۇنتۇپ شۇنىڭ بىلەنلا بولۇپ كېتىلا دېگەنىدى. مانا ئەمدى ئىشەندىم، ئىنىمىزدىن تېچلىق سورايمۇ دېمەپتىمەن، — دېدى شەۋقى چىن كۆڭلىدىن خوشال بولۇپ.
— مانا شۇنداق، بۇ تەۋپىق دېگەن ئادەم كىشىنىڭ ھەسەتلىرىنىمۇ قوزغىۋېتىدۇ، يەنە بۇ ھەسەتلەرنى چەيلەپ يوقمۇ قىلىۋېتىدۇ، — دېدى يۈسۈپ ئەپەندى كۈلۈپ.
— ھاي، قايسىڭلار بار؟ — دېدى شەۋقى سىرتقا قاراپ توۋلاپ، — بىزگە بىر پىيالىدىن چاي ھازىرلاپ بېرىڭلا.
— ھەزرىتىم، چاينى بولدى قىلسىلا، نوۋېشىدا ئەپەندىلەر ساقلاپ قالدى، بىرمۇنچە ئادەمنى ئۇ يەردە ساقلىتىپ قويۇپ، بىز بۇ يەردە چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ كەتسەكمۇ سەت، ۋاقتلىرى بولسا بىز بىلەن يۈرسىلە، — دېدى يۈسۈپ زىيا.
— توغرا دەيدۇ، بىز سىزنىڭ ئاستانىڭىزگە باش قويۇپلا يېنىشقا ۋەدە قىلىپ كەلگەنىدۇق، بىز بىلەن بىللە بېرىڭ، ئۇستاز.
— ئەمما ئۆيۈمدىن قۇپ- قۇرۇق چىقىپ كەتسەڭلار سەت ئەمەسما؟ بىرىنچى قېتىمدىلا؟
— نېمە كېرىكى شۇ قۇرۇق تەكەللۇپلارنىڭ؟ بىز بىلىشمىگەن ئادەملەر بولمىساق، قويايلى شۇنداق رەڭۋازلىقنى، ئادىمىگەرچىلىكنىڭ بۇنداق ئىپادە شەكلى بىزدىلا قالدى، تەكرار- تەكرار تەكەللۇپ قىلىشماي، بىرلا ئېغىز سۆز بىلەن ئىشقا كىرىشىدىغان بولساق، شۇنداق ئۈلگە ياراتساق دەيمەن، ئۇستاز. قانداق دەيسىز؟ — تەۋپىق ئاللىقاچان ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەنىدى ۋە ئىشىك تەرەپكە سىلجىغاچ سۆزىنى داۋام قىلاتتى.
— مەيلى ئەمىسە، ئېسىمنى يوقاتتىم، گەپ بىلەن. بولمىسا ئىككى قېتىم چاي قاينىغۇدەك ۋاقت كەتتى، — دېدى شەۋقى، — سۆزلىرىگە يەنە تىرەجەش ئىمكانى قالمىدى، بۇيرۇقۇڭلارغا ھازىر بولماقتىن باشقا چارەم يوق.
شۇنداق دەپ شەۋقىمۇ ئۇلارغا ئەگەشتى. ئۇلار يەنە شۇ تەقلىتتىكى قىزغىن پارىڭى بىلەن ئۆيدىن چىقىپ، تۇيماستىنلا نوۋېشىغا كېلىپ قالدى.
شەۋقى مەكتەپتە ئەپەندىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ تېنچلىق سورىشىپ بولغاندىن كېيىن، مەجىددىن ئەپەندى شەۋقىدىن سورىدى:
— تەۋپىق ئەپەندى بىلەن توشۇپ قالغانسىز ھەرھالدا؟ بۇ كىشىگە گەپ كەتمەيدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
— شۇنداق، ھېچ ھايالسىزلا ئۆزلىشىپ كەتتۇق، — دېدى شەۋقى كۈلۈپ.
— بۇ ئەپەندىنىڭ بېرى ئەنە شۇ، — دېدى مەجىددىن ئەپەندى ئىپتىخارلىنىش ئاھاڭىدا، ئەمما ساختا ئاغرىنىش بىلەن،— ھەممە دوستىمىزنى تارتىۋالغان. ھەتتا بالىلارمۇ بۇ كىشىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئاتىسىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ.
— راستىنلا، مانا ئەمەسمۇ، شۇنداق بولدى، — دېدى شەۋقى ئېچىلىپ كېتىپ. — مەجىددىن ئەپەندى بىلەنمۇ تۈزۈكرەك ئەھۋاللاشمايلا سىلى بىلەن بولۇپ كېتىپتىمەن.
يۈسۈپ ئەپەندى ساھىپاخانلىق قىلىپ، ئۇلارغا چاي قۇيدى. يېڭى تونۇشلار چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىپ بىردەمدىلا ئىچەكىشىپ كەتتى.
ئەخمەد ئەپەندى تەۋپىقنىڭ چەتئەلدىن كەلگىچە سەپەر ئۈستىدىكى قونالغۇلاردا قانداق قارشى ئېلىنغانلىقىنى يادىغا ئېلىپ، بۇ سۆزلەرنى توغرا تاپقاندەك باش لىڭشىتىپ قويدى. ئۇنىڭ كەم سۆزلىكى بۇ ۋاقئەلەرنى زوق- شوق بىلەن ھىكايە قىلىپ كېتىشكە ھالاقىت بېرەتتى. ئۇ پەقەت:
— رېھىم دېگەن قاچاق ئەسكەر بىلەن كۆرۈشۈپ كېتەملا قانداق؟ — ئۇ بىچارە شۇنداق يالۋېرىپ، تاپىلاپ كەتكەن... مانا، شۇنىڭدىنمۇ قارىساق بولىدۇ: ئۇنىڭغا شۇنچە ياخشى مۇئامىلە قىلىۋاتىمىز، مەكتەپكە جايلاشتۇردۇق، ئەمما يەنە مەمتىلى ئەپەندىلا دەيدۇ...
— چاخچاقنى قويايلى، ئۇ بالا ھەققىدە باشقا تەپسىلاتىنى ئايرىم سۆزلىشەرمىز. گېزى كەپ قالسا كۆرەشتۈرەرسىز، ― دېدى تەۋپىق خوشال بولۇپ، ئاندىن شەۋقى بىلەن سۆھبىتىنى داۋام قىلىپ، — «ئەركىن ھايات»  بۇغۇلۇپ قالدىمۇ، نېمە بالا؟ قانداق قەپەزگە مۇپتىلا بولۇپ قالدى؟ — دەپ سورىدى تەۋپىق شەۋقىدىن.
— بۇنىڭدا ھەرخىل سەۋەبلەر بار، ئەپەندىم. ئەمما ھازىر يەنە قايتا نەشىر قىلىشقا تەييارلىق كېتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە- بەختىمىزگە يارىشا مەھمۇد سىجاڭ بۇنداق ئىشلارغا بەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەمكەن. ئەمدى «يېڭى ھايات» نامىدا نەشىر قىلماقچىمىز. بەلكىم بىر- ئىككى ئايدىن كېيىن يۈز كۆرۈشۈپ قېلىشالا.
— شۇنداق بولسىغۇ،— دېدى مەمتىلى ئەپەندى خوشال كۈلۈمسىرەپ، — مېنىڭ ياردىمىم كېرەك ئەمەسمۇ؟ گېزىت چىقىدىغانلا ئىش بولسا مېنى نىمكار ئىشلەتسىڭىزمۇ رازىدىم.
— ياق، سىلىنى ئۇ ئىشقا ئاۋارە قىلىمايمىز، لېكىن سىلىنىڭ ياردەملىرىگە قاراغلىق بىر مۇھىم ئىش بار، ئەگەر مالال كۆرمىسىلە...
— سىز ئىش بۇيرۇيدىغان بولسىڭىز يەنە مالال- پالال دېگەنمۇ گەپمۇ؟
— مەندە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك» ئەسىرى بارىدى، تۈركىيىدە نەشىر قىلىنغان نۇسقىسى. شۇنى ئالىمنىڭ ئانا تىلىغا تەرجىمە قىلىشنى ئۈزۇندىن بېرى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كېلىۋاتاتتىم، لېكىن ئىجىتىمائىي مۇھىت، تۇرمۇش ۋە باشقا شەرت- شارائىتلارنىڭ يار بەرمەسلىكى بىلەن بۇ ئىش كەينىگە كېتىۋاتىدۇ. مەن بولسام ئۆمرۈمنىڭ قىران مەزگىلىنى ياشاپ بولدۇم، ئەمدىلىكتە بۇ ئېغىر يۈكنى ئۈستۈمگە ئېلىشقا ئاجىزلىق قىلىمەن، ئۇنى تۈگىتىشكە ئۆمرۈم يار بەرمەسلىكىمۇ مۇمكىن. ئەگەر سىلى بۇ ئىشتا شۇتا ئات بولۇپ بەرسىلە، مەن يانداق بولسام، ئەۋلادلار، ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى كۆرسە ئۆلسەممۇ خاتىرىجەم كېتەتتىم.
— بارىكاللا، سىزگە. ئىنتايىن ياخشى ئويلاپسىز، كەمىنە گەرچە ئىقتىدار ئىگىسى بولمىساممۇ، ئۇستازىمنىڭ يېتەكلىشى بىلەن مۇشۇنداق شان- شۆھرەتلىك ئىشقا قول تىقىش بەختىگە مۇيەسسەر بولالىسام، يەنە نېمىنى ئايايتىم؟ قېنى، يول باشلاڭ، ئىشىمزدا ئاللاھ يار بولغاي.
— يۇقسۇ، يۇقسۇ، مەندە ئۇنچىۋالا دەسمى نېمە قىلسۇن، بۇ ئىشتا مەن سىلىگە تايانماقچى ئىدىم.
— بۇنىڭ تالىشىدىغان نېمىسى بار ئۇستاز؟ بىز بۇ ئىشنى چوقۇم تۇتىدىغانغا كېلىشتۇقمۇ؟ ھە، بولدى، قالغان ئىش پۈتۈشەلمىگۈدەك ئەمەس.
— ئەمىسە، بۈگۈن بىزنىڭ ئۆيگە كېتىپ قونسىلا، كىتابنى كۆرسىلە، قانداق قىلىشنىڭ يولىنى شۇيەردە سۆزلىشەيلى.
— رەھمەت، ئۇستاز. ”بىسمىللا دىمەيلا“ سىزنى مالال قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن. ھەم كەچكىچە قىلىدىغان ئىشلىرىممۇ بار، ئەپۇ قىلىڭ. ئەگەر مالال كۆرمىسىڭىز ئەتە يەنە مۇشۇ يەردە كۆرۈشسەك بولماسمۇ؟ كىتابنىمۇ بىللە ئېلىپ كېلىشكە بولسا...
قۇتلۇقھاجىم تەۋپىقىنى كۆپ تۇتمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ جاۋابى ئۇنى قانائەتلەندۈرگەنىدى. ئۇ خېلى ئۇزاق پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، خوشلىشىپ قايتىپ كەتتى.
شەۋقى چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، مەجىدىن ئەپەندى مەمتىلى ئەپەندى، ئەخمەد ئەپەندىلەر ئۇياقتىن- بۇياقتىن پاراڭلىشىپ، ئارقىدىن يەنە ”تۇرىمىزمۇ، كېتىمىزمۇ“ دېگەن مەسىلىگە كۆچتى.
— ئەپەندىم، — دېدى تەۋپىق سالماقلىق تۈس بېرىدىغان تەبەسسۇمى بىلەن مەجىدىن دوختۇرغا قاراپ، — ئاخىرقى قارارغا ئاللىقاچان كەلدۇققۇ، يەنە نېمە پۈتمىگەن مۇزاكىرە؟ مەسىلەن، مەن ۋەتىنىم ئۈچۈن خىزمەت قىلماي نەگە بارىمەن؟ سزمۇ قېلىڭ. ئاتايىن ياخشى نىيەتلەر بىلەن كەپتۇق، ئەمدى بىردىنلا ھېچگەپتىن- ھېچگەپ يوق كەتكىنىمىز قانداق؟ سىز تېخى بەينەلمىنەلچىسىز!
— يۈسۈپ ئەپەندى نېمە دەيدۇ؟
— ئۇ كىشى نېمە دەيتتى، ئۇ بۇ يەردە ئۆيلۈك- ئوچاقلىق بولۇپ بولغاندا، ئائىلىسىنى تاشلاپ كېتىشكە تېخىمۇ چىدىمايدۇ، دەڭا. ئەگەر سىزنىمۇ پاتراق ئۆيلەپ قويغان بولساق، سىزمۇ يىپسىز باغلىنىپ قالاتتىڭىز.
— ئەگەر سىزنىڭ قارارىڭىز بويىچە بولغاندا ئەمدى بۇ يەردە ئۇۋا تىزمايمۇ بولمىغىدەك، — دەپ چاقچاق بىلەن جاۋاب بەردى دوختۇر. ئاندىن يەنە جىددىيلىك بىلەن،— بۇ ئىشتا ياشلىق قىلمايۋاتقىنىڭىزغا ئىشەنچ قىلالامسىز؟ — دەپ سورىدى.
— ئۆزەمنىڭ ھاياتىنى دېگەندە بەلكى ياشلىق قىلىۋاتقاندىمەن، لېكىن تاللىغان يولۇم جەھەتتىن ياشلىق قىلمايۋاتقىنىم ئېنىق، سالماقلىق بىلەن يول تاللىغىنىمغا ئىشەنچ قىلالايمەن.
— دېمەك، سىز ھەممە ئېھتىماللىقنى نەزەردە تۇتۇپسىز ـ دە؟
— شۇنداق؟
— ھەتتا ئۆلۈمنىمۇ؟
— ”ھەممە“ دېگەندىكىن ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ـ دە.
— يېقىندا مەھمۇد مۇھىتى بىلەن كۆرىشىۋىدىم ئۇ كىشىمۇ بىزنى كەتمەسلىككە دەۋەت قىلىپ چىڭ تۇرىۋالدى. تېخى سىزنى تەكرار- تەكرار سۈرۈشتە قىلغانىدى، سۆزلەشكۈسى باردەك، — دېدى دوختۇر غەمكىن قىياپەتتە، — مەھمۇد ئەپەندى بىزنىڭ قايتىشىمىزغا ئۇنايدىغاندەك ئەمەس.
— شۇنداقمۇ؟ مەن بۇ قېتىم ئۇ كىشى بىلەن كۆرۈشۈپ كېتىمەن. ئەمدى سىز قانداق قارارغا كەلگەنلىكىڭىز ھەققىدە بىر نېمە دېسىڭىزچۇ!
— سىز نېمىنى ئۈمۈد قىلىسىز؟
— ئەگەر ماڭا تاللاش ھوقۇقى بېرىلگەندە سىزدىن ئايرىلماسلىقنى خاھلايمەن.
— ئەمدى ماڭىمۇ شۇنى خالىماسلىقتىن باشقا ئامال بولمىدى ـ دە، — دېدى، مەجىدىن ئەپەندى مەيۈس كۈلۈمسىرەپ، ئارقىدىنلا جىددىي، ئەمما ئۆز- ئۆزىگە دەۋاتقاندەك قىلىپ، — لېكىن، زۇلمەتكە يەم بولىشىمىزدا گەپ يوق،....ـ دەپ قوشۇپ قويدى.
— مەن قارارىمنى ئۆزگەرتمەيمەن، — دېدى تەۋپىق تېخىمۇ جىددىيلىشىپ، — مەن يات ئەللەرنى كەزدىم، بىلىم ئالدىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى نېمە ئۈچۈن؟ ۋەتەن ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ مۇشۇ بەخىتسىز مىللەت ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ مۇشۇ مىللەتكە خىزمەت قىلىشنىڭ پۇرسىتى كەلگەندە ئەلۋەتتە خىزمەت ئۈستىدە ئۆلۈش تازا مېنىڭ غايەمدىكى ئىش، — ئۇ سەل تۇرىۋېلىپ كېىيىن شائىرانە ئاھاڭدا قوشۇپ قويدى،— ”لەھەڭنىڭ ئاغزىدىن قورقسا گەر غەۋۋاس، دېڭىزنىڭ تەكتىدىن گۆھەر ئالالماس!“
ئاخىرقى ھېساپتا مەجىددىن ئەپەندىنىڭ قېلىش ۋەدىسى ئېلىنغاندىن كېيىن مەجىددىن ئەپەندى، يۈسۈپ زىيالار ۋاقت چىقىرىپ ناخشا- ساز، ئۇسۇل- تاماشا قىلىپ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇلار مەمتىلى ئەپەندىنىڭ تەمبۇرىنى سېغىنغانىدى.
— ئەپەندىلەرنىڭ كۆڭلىنى يەردە قويۇش ھەددىم ئەمەس، — دېدى تەۋپىق،— لېكىن، قەشقەرنىڭ ئۇستا سازەندىلىرىدىن بىر قانچىنى تەكلىپ قىلساق، ئۆز- ئارا ئۈگىنىشكە ياخشى پۇرسەت بولاتتى. ئاندىن بىرلىكتە قىزىتمامدۇق، — ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئۇيغۇر سەنەملىرىنى نوتىغا ئېلىش خىيالى بارىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن يەرلىك سازەندىلەر بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىش زۆرۈرىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە ئالدى بىلەن سەنەملەرنى خەلق سەنئەتكارلىرىدىن ئۈگىنىۋالسا ئاندىن ئۇنى نوتىغا ئالغىلى بولاتتى. شۇ دوستلارنىڭ بەزمە قىلىش تەلىۋىدىن پايدىلىنىپ، خەلق سەنئەتكارلىرى بىلەن ئۇچراشماقچى بولدى.
— سازەندە تۇنۇشلار باردۇر؟
— تۇنۇشلارغۇ بار، — دېدى يۈسۈپ زىيا.
— مېنىڭ ئىلتىماسىم سىلەرگە ماللالىق كەلتۈرمىسە شۇنداق بولسۇن. ئەكسىچە بولسا ناھايىتى ئۆزرلىكمەن.
— ئەمىسە ئەتە بىزنىڭ ئۆيدە ئولتۇرايلى، دېدى يۈسۈپ زىيا.
— مالال كۆرمىسىڭىزلا.
—  مالال بولغۇدەك نېمسى بار.
— ئۇنداق بولسا سىز مۇشۇ ئىش بىلەن بەنت بولسىڭىز، دوختۇر مېنى سىجاڭ ئالدىغا باشلاپ بارسا بولارمىكىن. قانداق دەيسىز بوۋا؟
— مەن تەييار. بۈگۈن ماڭا قوناق بولۇڭ، ئەتە ئەتتىگەندە سىجاڭ بىلەن كۆرۈشۈپ قايتقاندىن كېيىن زىيانىڭكىگە بارايلى.
— مانا قاراڭ، شەۋقى ئۇستاز بىلەن كېتىپ قالغان بولسام بۇنچە ئىش پۈتمەيتتى، — دېدى تەۋپىق ئورنىدىن تۇرىۋىتىپ.
— بۈگۈن كۆرۈشكەن ئادەم بىلەن بۈگۈنلا مېھمان بولغىلى كېتىپ قالسىڭىز سەت تۇرارىدى، ئەپەندى، — دېدى دوختۇر چېقىشىپ.
— بەزىدە ئادەم يىگىرمە يىلدىمۇ سىنىشىپ، چۈشىنىشىپ بولالمايدۇ، بەزىدە بولسا ئاشۇنداق، كۆرۈشۈپلا چۈشىنىشىكىلى بولىدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ زىيا؟ ئەخمەد ئەپەندى بىز بىلەن بارامسىز؟ ياق؟ مەيلى.
— سىلى ئۈچۈن قىيىن ئىشمۇ ئازغۇ، دوستۇم، — دېدى يۈسۈپ.
— شۇنى دەيمەن.
— ناتايىن، — دەپ كۈلدى تەۋپىق تالاغا قاراپ مېڭىۋېتىپ، — بەزىدە گەپنى ئاشۇرىۋېتىشىڭىز بولمىغىنىدا سىزمۇ ياخشى كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان كىشىسىز. بىراق مۇشۇ ئىشڭىز ماڭا ياقمايدۇ.
ئۇلار شۇ گەپلەردىن كېيىن نوۋېشى مەكتەپتىن چىقىپ ”ھىلال ئەھمەر“ گە قاراپ كېتىشتى. يولدا كېتىۋېتىپ تەۋپىق مەجدىدىن ئەپەندىن سورىدى:
— توختاجى چەتئەلدە كۆپ تۇرۇپ قالماس؟
— كۆپ تۇرمايدۇ، بۇنداق دېيىشمدىكى سەۋەب، ئۇ كىشىمۇ ئەمدى يېڭى دەۋر ئۈچۈن ئاز- تولا خىزمەت قىلماقچى بولسا كېرەك. چالا قالغان بەزىبىر مۇئامىللىرىنى ئۈزۈۋېتىپ كەلمەكچىكەن. چاممامدا كېلىدىغانغا ئاز قالدى.
— ئەمدى بىز تۇرىدىغان بولغاندىكىن دەرىسلىك كىتابلار كېرەك بولىدۇ. توختاجى كەلسە يەنە بىر قېتىم چەتكە چىقىشىدا بىز ئۈچۈن تاشكەنتتە دەرسلىك بۇيرۇتۇپ بەرسە ئوبدان بولاتتى.
— ئۈلگۈرىسىز، ئەپەندىم، ماڭا ئۆزىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىزچۇ، پىلانلىرىڭىز، ئارزۇلىرىڭىز ھەققىدە، دېدى مەجىددىن.
ئۇلار مەجىدىن ئەپەندىنىڭ تۇرالغۇسىغا يېتىپ كېلىپ، ئازادە پاراڭغا چۈشتى.
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 02:19 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
bahtinur
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 22926
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 75
شۆھرەت: 99 نۇمۇر
پۇل: 539 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

3

ئەتىسى تەۋپىق سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ گىمناستىكا ئويناپ، يۈز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن بىر بۇردا نان شوكۇم قىلغاچ تۈنۈگۈن كەچ يازالماي قالغان كۈندىلىك خاتىرسىنى يېزىپ تولۇقلىۋەتتى. بۇ ئىشلارنى ئۇ مەجىددىن ئەپەندى ئورنىدىن تۇرۇپ يۇيۇنۇپ بولغىچىلا تۈگەتتى، ئاندىن تەييار بولغان مەجىددىن بىلەن بىللە ناماز ئوقۇپ بولۇپ، چايۋاقتىغىچە  ھويلىدا ئايلىنىپ پاراڭلاشتى.
چايدىن كېيىن ئىككىسى يۇمۇلاق شەگە بېرىش ئۈچۈن تۇرۇشتى.
— سىجاڭنىڭ سەھەردە سېپىل ئۈستىدە ئايلىنىپ يۈرىدىغان ئادىتى بار. بەلكىم بۇ چاغقىچە ئىشخانىسىغا قايتقاندۇر، — دېدى مەجىددىن ئەپەندى. ئۇنىڭ يول باشلىشى  بىلەن ئۇلار ئاۋۋال مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى ئېلياسقا يولۇقۇشتى. ئىلياس ئۇلارنى ئىشخانىغا باشلاپ باردى. سىجاڭنىڭ كۈتۈش بۆلۈمىدە ئىشتاپ باشلىقى ئىدىرىس ئۇلارنى كۈتىۋالدى.
― سىجاڭ سەلدىن كېيىن ھازىر بولدۇ، كۈتۈپ تۇرۇڭلار، ― دېدى ئىدرىس دىپلوماتلارچە مۇلايىملق بىلەن. ئۇنىڭ مۇئامىلىسىدىن تەربىيە كۆرگەن ئادەملىكى بىلىنىپ تۇراتتى.
سەلدىن كېيىن ئىشخانىغا تولۇق ھەربى فورما كىيگەن، ئورتا بويلۇق، گەۋرە كەلگەن، بۇغداي ئۆڭلۈك، 45 ياشلار چامىسىدىكى بىر كىشى كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ مەزمۇت قەدەم  ئېلىشلىرىدا پىشقان ھەربىيىنىڭ بەردەملىكى، جەسۇرلىقى بىلىنىپ، ئۆزىگە خاس سۈر بېغىشلاپ تۇراتتى.
تەۋپىق رەسمىي ھەربى كىيىمىدىكى بۇ كىشىنىڭ سىجاڭ ئىكەنلىكىنى روھى سېزىملىرى ۋە مەجىددىننىڭ سالىمى ئارقىلىق تونىدى دېيىشكە بولاتتى. چۈنكى ئۇ سىجاڭنى يېڭىساردا كۆرگەندە بۇنداق ھەربىيچە فورمىسى يوق ئىدى.
— ياخشىمۇ سىز، سىجاڭ، مەن سىزگە كونا تۇنۇشىڭىزنى باشلاپ كەلدىم.
شۇنچە قىسقا ۋاقىتتىلا  بولغان ئۆزگىرىشلەرگە قىزىقىپ تۇرۇپ قالغان تەۋپىق ئېغىز ئاچقۇچىلا، سىجاڭ ئۇنىڭغا بىر قەدەم يېقىنلاپ كەلدى:
— ۋۇي، تەۋپىق، ئۆزلەمۇ؟— دېدى سىجاڭ قول ئۇزىتىپ ھەم ھەربىيلەرگە خاس تېز ۋە چۈس ھەرىكەتلەر بىلەن ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغاچ چاپىنىنى يېشىۋىتىپ، — سىز تازىمۇ تۇتۇق بەرمەس ئادەمسىزغۇ؟ نەلەردە يۈردىڭىز؟ — دېدى ئۇ مەمتىلى ئەپەندىگە.
— ئاتۇشتا يۈردۈم، مەنمۇ تېخى يېڭىلىقلارنى — ھاجىمنىڭ رەئىس بولۇپ ئۈرۈمچىگە ماڭغانلىقىنى، سىزنىڭ بۇياققا كېلىپ قارار تاپقىنىڭىزنى يېقىندىلا ئۇقتۇم. سىز   بىلەن كۆرۈشۈشكە نېمە ئۈچۈن ئالدىرىماي، بىراق مانا ئەمدى نىسىپ بوپتۇ.
مەھمۇد مۇھىتى سەمىمىيلىك بىلەن باش ئېغىتىپ قويدى. ئاندىن ئۇنىڭدىن تەپسىلى ئەھۋال سوراپ كەتتى. ئۇنىڭ سالماق، ئېغىر ئاۋازىدا ئاجايىپ مېھرىبانلىق، جەلىپ قىلغۇچى كۈچ يوشۇرۇنغانىدى.
مەمتىلى ئەپەندى گاھ سىجاڭنىڭ يوغان، جىددىي كۆزلىرىگە تىكىلىپ جاۋاب بەرسە، گاھ ئاددىي سەرەمجانلاشقان ئىشخانىغا كۆز يۈگۈرتكەچ جاۋاب بېرەتتى.
— كونا دوسلىقىمىزنىڭ يۈز خاتېرىسى ئۈچۈن بولسىمۇ ھەمكارلىشىپ ئىشلەشكە ماقۇل دەرسىلەر؟ — دەپ سورىدى سىجاڭ يېقىملىق بىلەن. — مۇنداق دېگىنىم، سىلەرنى كەتمەكچى بولىۋاتىدۇ دەپ ئاڭلىغىنىم، راست ئەمەستۇ؟
— ئۇنداق خىياللارمۇ بولمىدى ئەمەس، — دېدى تەۋپىق سەمىمىيلىك بىلەن، — بىراق ئاخىرى يەنە كەتمەس بولدۇق.
— بەرىبىر مەن رۇخسەت قىلمايتتىم، ئەمدى ئوبدان بوپتۇ، ئىشلەڭلار. زىبىلداپ  يۈرگەننىڭ پايدىسى يوق، — دېدى.
— شۇنداق، نېمىلا بولمىسۇن ئاخىرى شۇ قارارغا كەلدۇق. ئەمدى سىزنىڭ پېشىڭىزغا ئېسىلىپ بىرنېمىلەر قىلارمىز، بىلگىنىمىزنى چىللارمىز، — دېدى مەمتىلى ئەپەندى ئوچۇق- يۇرۇقلۇق بىلەن كۈلۈمسىرەپ(ئۇنىڭ بۇنداق يېرىم چاقچاق، يېرىم جىددىي سۆزلىرى كۆپ چاغلاردا يېڭى تۇنۇشلىرى بىلەن بولغان ئارلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇش رولىنى ئويناتتى)، ئۇنىڭ مۇددىئالىرىنى ئوچۇقراق ئۇقۇپ بېقىشقا ئالدىرىغان سىجاڭ ئىتتىك ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ سورىدى:
— نېمە ئۈچۈن قالدىڭىز؟
— ئاكىڭىزنىڭ قەلىمىگە ۋارىس بولۇش ئۈچۈن، يەنى بىز مىللىتىمىزنىڭ قالاق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بۈيۈك مەخسەتنى دەپ قالدۇق.
— مېنىڭ ئاكام؟... — سىجاڭ مەرھۇم ئاكىسى تىلغا ئېلىنىشى بىلەنلا غەزەپ ھەم قايغۇ ئارىلاشقان روھى ھالەت بىلەن تەۋپىققا تىكىلىپ قالدى.
— مەخسۇت مۇھىتىنىڭ قېنى بىكارغا ئاقتى دەمسىز؟  ئۇ قان بىزنىڭ كۆزىمىزنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ئاقمىدىمۇ؟ ...
مەھمۇد مۇھىتى تەۋپىقنىڭ دوستانىلىقى ئالدىدا ئېرىپلا كەتتى. ئۇنىڭ تېخىمۇ مىھرى ئېشىپ:
— خوش، پىلانلىرىڭىز قانداق؟ — دەپ سورىدى ئۇ.
— مەن ئاتۇشقا قارارلىشپ، مەكتەپ ئېچىش ئىشىغا كىرىشمەكچىمەن.
— يالغۇزمۇ؟
— شۇنداق، سىجاڭ. بىراق، ئىشقا كىرىشكەن ھامان بىر مۇنچە دوست تېپىۋالالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.
— ياخشى. شۇنداق قىلىڭلار، مەرھۇم ئاكاممۇ خەلقنى ئاقارتىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلىكىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى... — دېدى سىجاڭ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، — بىز ئىنقىلاب قىلىش داۋامىدا نادان ئادەملەر بىلەن ھېچنەرسە قىلىپ بولمايدىغانلىقىنى ئۇبدانلا تونۇپ يەتتۇق...
شۇ چاغدا بۆلۈمگە سېرىق چاچ، كۆك كۆز، ئېگىز بوي، سېرىق ساقال بىر چەتئەللىك كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ يېنىدا ھېلىقى تاشقىرى بۆلۈمدە ئۇچراشقان شىتاپ باشلىقى ئىدرىسمۇ بارىدى. ئۇلارنىڭ بىللە كىرىشىدىن ئىدىرىسنىڭ تەرجىمانلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولاتتى.
ئۇلارنى كۆرۈپلا مەھمۇت مۇھىتنىڭ چىرايىدا كەيپى ئۇچقاندەك ئالامەت پەيدا بولدى. ئۇنى مېھمانلاردىن تەۋپىق بايقاپ قالدى.
ـДоброе утро   Здрàвствуйте?  ― دېدى چەتئەللىك ئوچۇق ـ يورۇق كۈلۈمسىرەپ.
— مەن سىلەرنى تونۇشتۇرۇپ قوياي، — دېدى مەھمۇد مۇھىتى ھېلىقى ئىككەيلەننى تەۋپىققا كۆرسىتىپ، — بۇياق مېنىڭ ھەربىي مۇشاۋىرىم رىبالكىن بولىدۇ،... — ئاندىن تەۋپىقنى قارشى تەرەپكە ”مۇئەللىم“ دەپ ئادىيلا تۇنۇشتۇردى.
ئىدرىس بىرمۇ گەپنى قويماستىن تەرجىمە قىلىپ تۇردى.
―Хорошо, Хорошо! Я  очен рад с вами познакомиться! ، ― دەپ كۈلۈپ تۇرۇپ باش لىڭشىتتى رىبالكىن.
مەھمۇد مۇھىتى ئۇھ تاتىپ كىرسلۇدىن تۇردى.
— ھازىرچە سىلەرگە ئۇزاق ئۈلپەت بولالمايمەن، ۋاقتىڭىزلار يار بەرسىلا مېنى ياد ئېتىپ يوقلاپ كېلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىلەر، خەير، — دېدى خوشلىشىپ،¬— ئالدىرىمىساڭلار باشقىلار سىلەرگە ھەمراھ بولىدۇ، بىر دەم ئولتۇرۇپ كېتىڭلار.
— رەھمەت، يەنە بىر قېتىم كۆپرەك ئولتۇرارمىز، ھازىر بىزمۇ ئالدىرايمىز، — دېدى، تەۋپىقمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ.
رىبالكىن ئۇلارنى مېھماندوستلۇق بىلەن چىڭ تۇتقانىدى، تەۋپىق سەمىمىيلىك بىلەن رەت قىلىپ، بىر دوستىمىزنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇشقا كېلىشىپ قويغانىدۇق، ئۇلارنى ساقلىتىپ قويمايلى، دەپ سەۋەب كۆرسەتتى. شۇندىلا مۇشاۋۇر ئۇلارنى ئارتۇق زورلىمىدى ھەم مەمنۇنىيەت بىلەن كۈلۈمسىرەپ، شتاب باشلىقىغا قاراپ مۈرىسىنى قىستى.
ئىلياس ئۇلارنى دەرۋازىغىچە ئۇزۇتۇپ قويدى. يولدا كېتىۋېتىپ مەجىددىن ئەپەندى:
— قارىغاندا سىجاڭ بىلەن ئۇنىڭ ئورۇس مۇشاۋۇرى بىر- بىرىگە ئىشەنمەيدىكەن، خېلىدىن بېرى بۇنى بايقاپ كېلىۋاتىمەن. ئورۇس ھەرقاچان پەيدا بولۇپ سۆھبەتكە داخىل بولىدۇ. بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى، سىجاڭنىڭ بىز بىلەن كۆپرەك پاراڭلاشقۇسى باردەك قىلىپ تۇراتتى، كېيىن بىردىنلا كەيپسىزلىنىپ كەتتى.
— شۇنداقمۇ؟— دېدى تەۋپىق خىيالچانلىق بىلەن ھەمدە ئۆزىنىڭ ساددىلىق بىلەن ئۇ يەردە دوستلىرىنىڭكىدە ئولتۇرماقچى ئىكەنلىكىنى دەپ يۈرگىنىگە ئۆكۈنۈپ قالدى.
— زىيانىڭكىگە كېتىمىزمۇ؟ — سورىدى دوختۇر.
— ھوي، تېخى ئەتىگەن. ئۇ بەلكىم مەكتەپتىدۇر. بىز شەۋقىنىمۇ نوۋېشىغا كېلىشكە تەكلىپ قىلىپ قويماپمىدۇق؟ يەنە تېخى مېنىڭ ھېلىقى ئىنىممۇ شۇ يەرگە بارماقچىدى. ئاۋۋال مەكتەپكە بارايلى، ئاندىن ھەممىمىز بىللە كېتىمىز. زىيانىڭ دەرسى تۈگىسۇن، كۈتەيلى.
ئۇلار نوۋېشى مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندە سەيپىددىن ئىشخانىدا بىر نەۋرە ئاكىسىنى كۈتۈپ ئولتۇرغانىدى. ساۋۇت ئەپەندى، تۇرغۇن ئەپەندىلەر ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى. يۈسۈپ ئەپەندى دەرسكە كىرىپ كەتكەن، سەۋقى تېخى كەلمىگەنىدى.
— ھازىر يۈسۈپ زىيانىڭكىگە بېرىپ بەزمە قىلىمىز. ئاندىن ئاتۇشقا كېتىمىز. سەنمۇ ۋالى مەھكىمىسىدىكى ئىشڭنى تاشلا، كېتىپ مەكتەپ ئاچىمىز. — دېدى ئۇ سەيپىددىنگە.
يۈسۈپ زىيا دەرستىن چىقىپ سازەندىلەرنى ئۇقۇشۇپ، تەييارلىقىنى تەق قىلىپ قويغانلىقىنى ئېيتىپ تەۋپىقنى خوشال قىلدى. ئۇلار بىردەم خوشال- خورام پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاننىڭ ئۈستىگە شەۋقى سالام بېرىپ كىرىپ كەلدى.
شائىر ھەمىشەمكىدەك ئۇزۇن تون، مەيسە-كالاچ كىيىۋالغان، ساقىلىنى چىرايلىق تاراپ، كىيىملىرىگە خۇشبۇي ئەتر چېچىۋالغانىدى.
تەۋپىق ئۇنىڭ ياشانغانلارغا خاس يومشاق ۋە قۇرۇق چۈشكەن قوللىرىنى قوش قوللاپ سىقىپ قويىۋەتمەي تۇرۇپ:
— خىجىلمەن، ئۇستاز. دىدارىڭىزنى كۆرۈپ، سۆھبىتىڭىزدە بولۇشنى دېمىسەم ئاستانىڭىزگە بالا ئەۋەتىپ كىتابنى ئەكەلدۈرۈسەممۇ بولاتتى. سىزنى ئەتتىگەندىلا بۇ يەرگە كېلىشكە ئالدىرىتىپ قويغىنىم سەل قاملاشمىغان ئىش بولدىمۇ نېمە؟ — دېدى ھۆرمەت بىلەن.
― بۇ نېمە دېگەنلىرى، ئىنىم؟ ― دېدى شەۋقىمۇ بىر خىل چوڭلارنىڭ كىچىكلەرگە قارىتىدىغان مېھرىۋانلىقى بىلەن،— مەن سىلىگە ھاجەتمەن بولسام ـ يۇ، يەنە سىلى خىجىل بولىدىغان نىمىسى بار؟
— لېكىن، ئۇستاز، سىزنىڭ ماڭا ھاجەتمەن بولغىنىڭىز قانداق؟ بۇ  يە مېنىڭ، يە سىزنىڭ شەخسىي ئىشىمىز ئەمەس، مىللەتنىڭ ئىشىغۇ؟ بۇنىڭغا سېنىڭ- مېنىڭ كېتەمدۇ، قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىز بولسا بىمالال ئېتىۋېرىڭ، مېنى  ساداقەتمەن شاگىرتىم دەپ  بىلىسڭىز بولىدۇ.
— تەۋپىق راست  دەيدۇ. بۇ كىشىنىڭ ئالدىدا ھەرگىز تۈزۈت كەتمەيدۇ،— دېدى يۈسۈپ ئەپەندى گەپ قىستۇرۇپ، — بۇ ئەپەندىنى چۈشەنگەنسېرى ئۇنىڭ مىللى مەنپەئەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىكى مەيدانىنى كۆرۈپ يېتىلا، بۇ كىشى تارتىنىپ ئولتۇرىدىغانلاردىن ئەمەس.
مەجىددىنمۇ ئۆز نۆۋەتىدە تەۋپىقنى چېقىشىپ تۇرۇپ ماختىدى.
شەۋقى بۇ تەرىپىلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ مەمتىلى ئەپەندىگە زوقلىنىپ باقاتتى. ئۇنىڭ كىچىك بۇرۇتى ياراشقان، قىزىللىق تەپكەن ئاق يۈزىنى، بولۇپمۇ ئەقىل- پاراسەتنىڭ چىرىغىدەك يېنىپ تۇرغان كۆزلىرىنى سۈرەتكە ئېلىۋالماقچى بولغاندەك ئۇنىڭغا قارايتتى. كۆڭلىدە تېخىمۇ ئىسيانكار، تېخىمۇ قىزغىن  ئىككىنچى ئەۋلادتىن  سۆيۈنمەكتە، خاتىرجەم بولماقتىدى.
— دوستۇم، — دېدى مەمتىلى ئەپەندى يۈسۈپ زىياغا قاراپ، ئۆزى ھەققىدىكى گەپلەرگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، — ھاجىمكامنىڭ شۇنچە سەھەردە كېلىشىگە قاراپ ئېيتىپ بېقىڭە، ئۇ تازا قىزغىن، ئوت يۈرەك كىشى ئەمەسمىكەن.
— ئەلۋەتتە، ئۇ بىر پارچە چوغ، ئۇ يېنىپ بولغىلى تۇرغان چوغ، سىلى تازا يېنىۋاتقان چوغ. ئەمدى ئىككى چوغ بىر بولدۇڭلار.
— بۇ كىشى نېمە دەيدۇ، ئەپەندى؟ — دېدى شەۋقى تەۋپىقنى ھوجۇمغا ئاتلاندۇرۇش ئۈچۈن دەي ـ دەيگە سېلىش ئاھاڭىدا، كۈلۈپ تۇرۇپ.
— نېمە دەيتى، ئىنتايىن توغرا گەپ قىلدى، بىزدە ”يالغۇز ئوتۇن يالۋۇرسا كۆيمەس“ دېگەن گەپ بارغۇ، دېمەك، ئەمدى كۆيگۈچى ئىككى بولسا ئوت ئولغۇيىدۇ، شۇ،— دېدى تەۋپىق كۈلۈپ،— بىزنىڭ شولا چېچىپ تۇرغان سىرتقى قەۋىتىمىزنى كۈل بېسىشقا باشلىغاندا يېڭى ئوتۇن سېلىنىپ تۇتاشتۇرۇلسا بۇ ئوت ئۆچمەيدۇ، دېگەن سۆز. شۇنداق ئەمەسمۇ، ھاجىكا؟
— بولدى قېلىڭ، يۈسۈپ ئەپەندى، — دېدى مەجىددىن ئەپەندى چاخچاققا ئارىلىشىپ، — بىزنىڭ تەرپىمىز ئاجىز، بۇلار كۈچلۈك كېلىپ قالدى. ئىككى شائىر بىر بولىۋالسا بىزدەكلەرنى پوملايدۇ ـ دە.
— بولدى، بولدى، بوۋا، بىز ھاجىكام بىلەن ئۆز ئىشىمىز ئۈستىدە سۆزلىشىۋالايلى، ھېلى زىيانىڭ ئۆيىگە كېتىمىز، ئۇ چاغدا  بۇ ئىشلارنى سۆزلىشىشكە پۇرسەت بولمايدۇ. قېنى، ھاجىكا، ”دېۋان“ ھەققىدە قانداق ئوي- پىلانلىرىڭىز بولسا ئېيتىپ بېقىڭ. دوستلىرىمىزنىڭ بارىدا ئۇلارنىڭمۇ مەسلىھەتىنى ئالايلى.
— پاتراق پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ئىككىمىز بۆلىشىۋالساق بولماسمۇ؟
— بۇنىڭدا ئىككىمىزنىڭ ئىشلەتكەن سۆزلىرىمىزدە ئىككى خىللىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم باشتىن- ئاخىر بىر  قولدىن ئۆتمەي بولمايدۇ. دېمەك، بىر ئادەم مۇھەررىرلىك قىلمىسا بولمايدۇ.
— سىلىنىڭچە بولغاندا...؟
— مېنىڭچە بولغاندا كىتابنى ماڭىلا بېرىڭ، مەن تەرجىمە قىلاي. ئۇتتۇرلۇق ئېلىپ كېلىپ سىزگە بېرەي، سىز تەھرىرلەڭ. شۇنداق قىلساق ھەم تەرتىپلىك، ھەم تېز بولىدۇ؟ دەپ ئويلايمەن.
— بۇنداق بولغاندا ھەممە ئېغىرچىلىق سىلىنىڭ ئۈستىلىرىگىلا چۈشۈپ قالغۇدەكقۇ؟
— ئۇنداقمۇ ئەمەس، ئەگەر شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ مەن ياش بولغاندىكىن ئېغىر تەرىپى ماڭا بولسىمۇ ھېچقىسى يوق. سىز پىشقەدەم بولغاندىكىن نازۇك تەرپىنى ئۈستىڭىزگە ئېلىڭ. شۇنداق بولغاندا مەندە يۈك ئېغىرلىقى، سىزدە مەسئۇلىيەت ئېغىرلىقى بولىدۇ. يەنىلا سىزنىڭ ئەجرىڭىز كۆپرەك سىڭگەن بولىدۇ.
—سىلىزە، راستىنلا ھېچكىمگە گەپ بەرمەيدىكەنلا، جۇمۇ، — دېدى شەۋقى كۈلۈپ.
— شۇنداق پۈتۈشتۇقمۇ، ھاجىكا؟
— شۇنداق بولدى ـ دە، ئەمدى.
ئەمدى ئۇلار كونكىرېت مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىرلەشتى، بۇ زور ئىشنىڭ پىششىقراق بولىشى ئۈچۈن ئارىدا ئەخمەت ئەپەندىنىڭمۇ بىر قېتىم كۆرۈپ ئاققا كۆچۈرۈپ بېرىشى مۇۋاپىق تېپىلدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىلمىي گورۇپپا ئۆز ئۆزىدىن شەكىللەندى. بۇ ھەقتىكى گەپلەر بىر يەرگە بارغاندىن كېيىن:
— ئۇنداق بولسا، ئالدىراش بولمىسىڭىز بىز بىلەن بىللە يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ ئۆيىدىكى بەزمىگە بېرىپ كۆڭۈل ئېچىپ كېلىڭ. بىز ئۇيەردە ئېچىلىپ- يېيىلماقچى،— دېدى تەۋپىق شەۋقىنىڭ قولىقىغا يېقىن كېلىپ قىزىقچىلىق بىلەن.
— نېمە بەزمە؟ ئۆيلەنمەكچى بولىۋاتاملىيا؟
— بۇ بەزمە سىلەردەك يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشقانلىقىمىز شەرىپىگە بېغىشلىنىدۇ. شۇنداقلا يەنە بىزنىڭ نۆۋەتتە تۇتۇش قىلىدىغان زور ئىلمىي ئەمگىكىمىزنىڭمۇ باشلىنىش مۇراسىمى بولۇپ قالىدۇ. تۇرۇڭ ئەمسە، كەتتۇق.
تەۋپىق، سەيپىددىن، يۈسۈپ زىيالار ئالدىدا مېڭىشتى ئىككى بوۋاي ئارقىدىراق قالغىنىدا شەۋقى دوختۇرغا:
—    تەۋپىق ھەقىقەتەنمۇ ئۈلپەتچىلىككە يارايدىغان يىگىتكەن، — دېدى.
يۇرتۇم بوۋاقلار سۈت جەۋھىرى
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 02:20 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
bahtinur
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 22926
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 75
شۆھرەت: 99 نۇمۇر
پۇل: 539 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

ئون بىرىـنـچـى بـاب


ئائىلە ئۈچۈنلا ياشاش ھايۋانلار ئارزۇسىدۇر، بىر كىشى ئۈچۈنلا ياشاش پەسكەشلىكتۇر، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشاش نومۇسسىزلىقتۇر.
— ن. ئوستورىۋىسكى

يـ
ۈسۈپ زىيا تەكلىپ قىلغان سازەندىلەرنىڭ ھەممىسى قەشقەردىكى زىيالىلار بىلەن تونۇشلۇق بولغان، سانايى نەپسە قارمىقىدىكى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق يىگىتلەرىدى. ئۇلارنى تەكلىپ قىلىنمىغان بولسىمۇ سانايى نەپىسە مۇدىرى ئوبۇلقاسىم باشلاپ كەلگەنىدى.
تەۋپىق ئوبۇلقاسىم بىلەن تېزلا تونۇشىۋالدى ۋە ئۇنىڭ سانايى نەپىسەدەك مەدەنىيەت مۇئەسسەسىدە يېتەكچى بولىشىنىڭ موھىم ئەھمىيىتىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى ماختاپ قويدى.
ئۇ ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقى، يول يۈرمەك قىيىنچىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئولتۇرۇشنى چۈشتىن كېيىن ھاۋا يانغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغانىدى. ئولتۇرۇش ھەقىقەتەنمۇ كۆڭۈللۈك بولدى. ئويۇن- كۈلكە، ناخشا- ساز بىلەن بىرگە يەنە ئىلمىي سۆھبەت، كەلگۈسىدىكى ئىشلار ھەققىدە قىزغىن تالاش- تارتىشلارمۇ بولدى. بۇ كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇشتىن كېيىن مەمتىلى ئەپەندى يېڭى- كونا تونۇشلار بىلەن خوشلىشىپ، كەتمەك بولۇپ ئورنىدىن تۇردى. ئوزىتىپ چىققانلار بىلەن بىر- بىرلەپ قول ئېلىشىپ ئاخىرىدا شەۋقىگە:
— كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ، ئۇستاز. مەن «دىۋان»نى تەرجىمە قىلىشنى باشلىغاندىن كېيىن، تەرجىمە قىلىنغىنىنى ھەر قېتىم كەلگىنىمدە ئوتتۇرلۇق ئالغاچ كېلىمەن.  قانداق؟— دېدى ئۇ قولىدىكى خىرۇم سومكىسىنى سەل يوقىرى كۆتۈرۈپ.
— خەير، ئىنىم، خۇدا مەدەتكار بولسۇن، كۆرۈشكىچە ئامان بولسىلا، — دېدى شەۋقى ھاياجانلىنىپ. ئۇلارنىڭ مۇئامىلىسى تېخى تۈنۈگۈنلا تونۇشقاندەك ئەمەسىدى.
تەۋپىق سەيپىددىننى باشلاپ چاپان بازىرىدىن ھېتگاھ ئالدىغا چىقتى. شۇ يەردىن پوچتا ياللاپ ئاتۇشقا يۈرۈپ كەتتى. ئۇ پىئانىنونىمۇ ئېلىپ كېتىشى كېرەكىدى. پوچتىدا كېتىۋېتىپ سەيپىددىن:
— قەشقەر سەنىمى، قاغىلىق سەنىمىنى گاچچىدىلا ئۈگىنىۋالدىڭىز- ھە؟ — دېدى گەپ باشلاپ.
— ئىلگىرىمۇ چالاتتىم، سەل باشقىچىراق بىر خىل (ۋارىيانتى) ئىدى، بۈگۈنكىسى يەنە سەل باشقىچىراقكەن، ئوبۇلقاسىم سانايى نەپىسەنى ياخشى باشقۇرىۋاتقاندەك قىلىدۇ، ئۇ ئۆزى قانداقراق ئادەمكىن، ئۇقۇشۇپ كۆرەلمىدۇق، — دېدى تەۋپىق. ئۇنىڭ كەيپى ئىنتايىن چاغ ئىدى. شۇڭا ئۇ بىر نەۋرە ئىنىسىگە چۈشەندۈرۈپ، — سەنەملەردە مىللىتىمىزنىڭ خاراكتېرى باردەك قىلىدۇ، شۇڭلاشقىمۇ نوتىغا ئېلىپ قوياي دېگەنىدىم، ھەر ھالدا نوتىغا ئېلىنىپ ساقلىنىپ قالغىنى ئىشەنچىلىكراق، — دېدى.
ئۇلار گۈزەردىن چىقىپ ھەزرەت يولىدا كېتىۋاتقاندا ئېڭىزلىقتا ئوتلاۋاتقان پادىغا، يېشىل تامدەك تۇتاش كەتكەن قوناقلىقلارغا تويماي بېقىپ، بىردىنلا سەيپىددىنگە بۇرۇلۇپ:
— مۇنداق ماڭساق زېرىكىپ قالىمىز، مەن ساڭا كەچمىشلىرىمنى ھىكايە قىلىپ بېرەي، ئاڭلامسەن؟ — دەپ سورىدى خۇشخۇيلۇق بىلەن.
— جان دەپ ئاڭلايتىم، — دېدى سەيپىددىن.
— مەن ساڭا ئاتۇشتىن ئايرىلىشىم ۋە شۇندىن  كېيىنكى ئىشلار ھەققىدە سۆزلەپ بېرەي، بولامدۇ؟ — دېدى تەۋپىق يەنە.
— مەيلى، ئەمسە باشلاڭ.
تەۋپىق ئەتراپىدىكى يېزىلارغا-يىراققا سوزۇلغان ئېتىزلارغا باققىنىچە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ سەل ئويلىنىپ تۇرۋېلىپ، يەنە شۇ مەنزىلەردىن كۆزىنى ئۈزمەستىن سۆز باشلىدى:
— مەن تېجەندە — ئاق مەھەللىسىدە قۇناجىم ئاچقان مەكتەپتە ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئېكىساقتا ئوقۇغانىدىم، ئېكىساقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىن باشلاپ سۆزلەپ بېرەي. بولمىسا  ھىكايەم بەك چولتا بولۇپ قالغۇدەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە يولمۇ ئۇزۇن، — مەمتىلى ئەپەندى بىر نەۋرە ئىنىسىگە لەپپىدە بىر قاراپ قويغاندىن كېيىن، يەنە كۆزىنى يىراققا تىكتى، ئىسسىقتا ئۇنىڭ مەڭزى تېخىمۇ قىزىرىپ كەتكەنىدى،— بۇ 1915- يىللىرىدىكى ئىش. تۈركىيەلىك ئەھمەد كامال  ئىكساق مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان  چاغلار ئىدى. مەن ساڭا ئۇستازىم ئەھمەد كامالنى نېمە دەپ تەسۋىرلەپ بەرسەم بولىدىكىن، ئۇ مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان بىر كىشى. ئۇ ماڭا ھاياتقا قانداق قاراشنى، ئادەمدە  غايە ۋە ئەقىدە بولىشى كېرەكلىكىنى، ھەمدە بۇ غايە قۇرۇق سۆز بولۇپلا قالماي كىشى ئۆز غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۈگەتكەنىدى. مەن ئەنە شۇ كىشىدىن دەسلەپ ۋەتەن ئوقۇمىنى، مىللەت ئوقۇمىنى، نادانلىقنىڭ ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالغانىدىم. مېنىڭ شوخ مىجەزىم، سوئالغا تولغان قەلبىم، تىنىم تاپماسلىقىم، خاتىرەمنىڭ كۈچلۈكلىكى ئۇستازىمغىمۇ بەك ياقاتتى. ئۇ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىمۇ پۇرسەت تېپىپ مەن بىلەن چوڭ كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك پاراڭلىشاتتى. ماڭا ياۋرۇپادىكى چوڭ شەھەرلەر، باغچىلار، دېڭىزلار، ئالى مەكتەپلەر، زاۋۇتلار ھەققىدە سۆزلەپ بېرەتتى. ئۇنىڭ ھىكايىلىرىدىكى ھەممە يىڭىلىك قەلبىمدە تۈگىمەس سوئاللارنى قوزغايتتى ۋە مەن ئۇنى سوئاللار يامغۇرىغا كۆمۈۋېتەتتىم.
— ئەھمەد كامالنىڭ تەربىيىسى ۋە پەرۋىشىدە كەلگۈسىگە تەلپۈنۈش، تىرىشىپ ئىستىقبال تېپىش، تىرىشىپ ۋەتەنگە خىزمەت قىلىش ئىستىكى تۇغۇلغانىدى. بىراق رۇس كونسۇلى ۋە قەشقەر بايلىرىدىن ئۆمەر باي قاتارلىقلارنىڭ ھۆكۈمەتكە چېقىشى بىلەن ئۇ ھەپسىگە ئېلىندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇستازىمدىن ئايرىلىشقا توغرا كەلدى. كېيىن ئۇنى ئۈرۈمچىگە يوللىۋېتىشتى، ئۇ يەردىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەنمىش. ئۇنىڭدىن ئايرىلغان ۋاقتىمدا مەن ئەمدىلا يىگىتلىك يېشىغا قەدەم قويىۋاتقان ئۆسمۈر ئىدىم.
— ئاكام ئىككىمىزنىڭ ئاشۇنداق بىر ئادەمدىن تەربىيە ئېلىشىمىزغا داداڭ سەۋەپچى بولغان. ئەگەر ئاخۇن دادام بىزنى يېڭى مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا ئۈندىمىگەن بولسا بۈگۈنكى تەۋپىقنىڭ بولىشىنى تەسەۋۇر قىلىشمۇ تەس ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئاخۇن دادامغا مىنەتدارلىقىم چەكسىز.
— كېيىن ئاكام ئىككىمىز تېجەندە بىر مەزگىل ئوقۇغان بولساقمۇ لېكىن كۆپ ئۆتمەي مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئۆيگە قايتتۇق. ئۆيگە قايقاندىن كېيىن بۇيامەتتە پەننى مەكتەپ ئېچىپ بالىلارنى ئوقۇتماقچى بولۇپ، تەشۋىق قىلدىم. قىرىقچە بالا يىغىلدى. بالىلار مېنى ”مەمتىلى ئەپەندى“ دەپ ئاتاشتى، چوڭلارمۇ شۇنداق ئاتاشقا باشلىدى. بىراق مېنىڭ ئىشىم كونا دۇنيانىڭ بۇرۇختۇرم مۇھىتىدا كۆپ ھايات كەچۈرەلمىدى. كونا كۈچلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا بالىلارنىڭ ئاتـا- ئانىلىرى بالىلىرىنى ئېلىپ كېتىشتى. مەن تولىمۇ مەيۈسلەنگەن بولساممۇ، بىراق، ئاچچىق ئەمەلىيەت ئالدىدا ھېچنىمە قىلالمىدىم. بۇ چاغدا يېشىممۇ خېلى زورىيىپ قالغان، ئەقلىممۇ خېلى ئاشقانىدى.
— ئامالسىز دادامغا  ياردەملىشىپ تىۋىپچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. كۆڭلۈمدە تىۋىپچىلىكنى قېتىرقىنىپ ئۈگىنىپ، مۇشۇ جەھەتتىن  بولسىمۇ خەلققە خىزمەت  قىلىمەن دېگەن نىيەتكە كەلدىم. دورا ئۆسۈملۈكلىرى يىغدىم. ئۆسۈملۈكلەرنى قۇرۇتتۇم، سوقۇپ، ئايرىم- ئايرىم قاچىلىدىم ۋە دادامنىڭ تەجرىبىلىرى ئاساسىدا ئاسترتتىن يەنە قايتا سىناق ئېلىپ باردىم... دادام مەندىن چەكسىز رازى ئىدى. ئاكام ئىككىمىز بىر مۇنچە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شىپالىق رولىنى بايقىدۇق، يەنى يېڭىچە تەڭشەش نىسبىتىنى تاپتۇق. بۇندىن باشقا دادام جوۋىچىلىقمۇ قىلاتتى، شۇڭا تېرە- تەسەك سېتىۋېلىش ۋە دورا ئۆسۈملۈكى يىغىش ئۈچۈن پات- پات يايلاققا چىقىپ تۇراتتۇق.
— دېمەك، ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى ياخشى، تۇرمۇشىمىز خېلى ئوبدان ئۆتەتتى. بىراق، ماڭا ھامان نىمىدۇر يېتىشمەيۋاتقاندەك بولاتتى. يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئەھمەد كامال ياققان ئوتلار ئۆچمىگەن، يۈرىكىم ھامان كەڭلىكلەرگە تەلپۈنەتتى. ئىستىكىم تېخىمۇ چوڭراق خىزمەت قىلىشىدى، ئەلۋەتتە. لېكىن،  مەن بولسام تېخى بالا، بىلىممىمۇ، يۈز- ئابرويۇممۇ يوق. بۇنداق تۇرۇپ نېمە قىلالايمەن؟ مۇشۇلارنى ئويلىغىنىمدا بەكمۇ بىئارام بولاتتىم...
— بىر كۈنى سىلەرنىڭكىگە ئاخۇن دادام بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىپ ياناشىمدا،— تەۋپىق شۇيەرگە كەلگەندە سەل توختاپ ئىلاۋە قىلدى، — بۇ  كۈندىكى ئىشلار مېنىڭ كېيىنكى ھاياتىمدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغانىدى، شۇڭا بۇنى سۆزلەۋاتىمەن،— شۇنداق دەپ ئىزاھلىغاندىن كېيىن ئاۋالقى سۆزىنى داۋام قىلدى،— ۋاقۋاقدىن ياناشىمدا بۇيامەتنىڭ يۈز بېشى ئابدۇلباقى چوڭنىڭ ئىشىك ئالدىدىن رومىلىنى ئالدىغىراق چېگىپ، يۈزىگە سايىۋەن قىلىۋالغان ئون ئالتە ياشلاردىكى بىر قىز ئىتتىك يۈگرەپ چىقىپ قالدى. ھاۋا تازا قىزىغان چۈش مەزگىلى بولغاچقا غېرىپچىلىق باسقان ئەگرى- بۈگرى يېزا يولىدا ئادەم يوقىدى، شۇڭا ئىتتىك باسقان ئاياق تىۋىشى دەرھال دېققىتىمنى تارتىپ دەۋرۋازا تەرەپكە قارىدىم. شۇنداقلا ھېلىقى قىزنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ ناھايىتى لىۋەن ئىدى. بىراق ئۇنىڭ ھەربىر گۈزەل ئالاھىدىلىكىنى تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. چۈنكى مەن ئۇنىڭغا بىر قاراپ قالدىم. مەن ئۇنىڭغا بىر قاراپ قالدىم- يۇ، دەرھال كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالغان ۋە  ئاللىقانداق سېھرى كۈچ بىزنى شۇ يەرگە مىخلاپ قويغاندەك ھەر ئىككىمىز تۇرۇپ قالغانىدۇق.  مەن ئۇنىڭغا شۇنچە قىسقا مۇددەت قارىغىنىمغا قارىماي، ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىدىكى چاققان- تېتىكلىكنى، مىجەزىدىكى ئوچۇق- يورۇقلۇقنى بايقاپ، ”كىيىك بالىسىدەك“ شوخ نېمىكەن، دېگەن خىيالنى كۆڭلۈمدىن كەچۈردۈم ھەم ئۇنىڭ ئاشۇنداق مىجەز- خولقىغا يارىشا ئاۋازىمۇ كۈمۈش قوڭغىراقتەك بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ، ئاۋازىنى ئاڭلاپ بېقىش خىيالىدا ئالدىن گەپ ئېتىشقا ئۆز- ئۆزۈمگە ئىلھام بەردىم. نېمە دەيدىغانلىقىمنى قانچە قىلساممۇ ئويلاپ تاپالمىدىم. نېمە بولسا بولسۇن دەپ ئاخىرى:
— نېمانداق ھۈركۈپ كەتكەن كىيىك بالىسىدەك يۈگرەپ يۈرسىز؟...ـ دېدىم ئاڭسىز بىر ھالەتتە، ئىشەنچسىز ئاھاڭدا. شۇنداق دېدىم ـ يۇ، پۈتۈن بەدىنىمگە ئوت كەتتى. گەپلىرىم بەك قوپال كەتتىمىكىن دەپ دەككە- دۈككە بولۇپ قالدىم.
— سىزچۇ؟ سىزمۇ نىمانداق بۆرە بالىسىدەك ھۈركۈتۈپ يۈرىسىز؟ ھۈركۈتكەن ئۆزى تۇرۇپ،... نەدىن كەلگەن ئادىمكام بۇ؟ ... — دېدى ئۇ.
پاھ، ئۇنىڭ ئاۋازى سازلانغان تارنىڭ ساداسىغا ئوخشايدىكەن! سەل جۈرئەتلەنگەندەك بولۇپ:
— ۋاقۋاققا- ئاخۇن دادامنىڭكىگە بېرىپ كېلىۋاتىمەن،... — دېدىم كۈلكىلىك ھالدا. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇ مېنى مەسخىرە قىلغاندەك قىلىپ:
— ۋىييەي، ئاخۇن دادىڭىزنىڭ كىملىكىنى ئۆزىڭىز بىلمىسىڭىز، مەن نەدىن بىلەي، سىزنىمۇ كۆرۈپ باققىنم يوق، — قىز تازىمۇ ئەركە ئۆسكەن قىز بولغاچقا مەندىن جۈرئەتلىكراق بولۇپ چىقتى.
— تاشاخۇنۇمچۇ، مېنىڭ ئاخۇن دادام،... — بالىلارغا ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىپ يۈرگىنىمدىن ئۆزۈمگە بەكمۇ ئاچچىقىم كەلدى. ھودۇققان ھالدا ئىزا تارتىشىمنى يوشۇرۇشقا ئالدىراپ، — مەن غانجۇغاندىن كەپ قاپمىدىم، مەنمۇ بويامەتلىكقۇ. سىز مېنى بىلمىسىڭىز مەن سىزنى بىلىمەن، سىز يۈز بېشىنىڭ قىزى.
— ھە ، مەنمۇ سىزنى بىلدىم، سىز تىۋىپنىڭ ئوغلى. ھېلىقى ئەپەندىچىلىك قىلىپ يۈرگەن بالا، ئاڭلىغانتىم...
شۇ چاغدا ھويلىدىن بىرسىنىڭ گال قىرىشى ۋە سۆرەپ باسقان قەدەم ئاۋازى ئاڭلاندى.
— ۋىيەي، دادام! چاپسان يۇقۇلۇڭ!ـ دېدى قىز ۋە دەرھال رومىلنى پىشانىسىگىرەك قىلىپ، ئېرىق بويىغان ئېڭىشتى.
مەن ھەم ھودۇققان، ھەم كېتىشكە قىيمىغان ھالدا ئارقامغا قاراپ- قاراپ قويۇپ كېتىپ قالدىم. ئارقامدىن  يۈز بېشىنىڭ قىزىغا كايىغىنى ئاڭلاندى...
شۇندىن كېيىن ماڭا شېرىن خىياللار ھەمرا بولىدىغان بولدى. يىراق يېقىنغا دورا ئۆسۈملۈكلىرى يىغىش، ئوقەت قىلىش ئۈچۈن بېرىشقا توغرا كەلسىمۇ دادام بىلەن ئاكام ئىككىسى باراتتى. مەن بىرەر باھانە تېپىپ، ئاكامنى بېرىشقا سايە قىلاتتىم- دە، ئۆزۈم ئۆيدە قالاتتىم. ئىشتىن بىكار بولساملا يۈز بېشىنىڭ ئۆيى ئەتراپىدا ئەگىپ يۈرەتتىم.
كەچلىرى دوستلىرىم بىلەن بىللە ناخشا توۋلاپ كوچىنى چاڭ كەلتۈرۈپ ئۆتەتتىم. ئۇنىڭغا بېغىشلاپ بىيتلارنى يېزىشقا باشلىدىم. ھەتتا بەزىلىرىنى خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئاھاڭىغا سېلىپ ئوقۇپ كېچىلىرى شۇ ئەتراپى ئەگىيتىم. قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ تۈننىڭ كۆپرەكىنى  خىيال بىلەن ياكى تەمبۇر چېلىپ مۇڭ تۆكۈش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، تۈزۈك ئۇخلىيالمايتتىم. ھەي، قارىغاندا ياش يىگىت دېگەن بەئەينى توسۇن تاينىڭ ئۆزى بولىدىكەن ـ دە، كۈن بويى سۇكۇلداپ يۈرگەن، ئىشلەپ ھارغاننىڭ ئۈستىگە يەنە يېرىم كېچىگىچە ناخشا توۋلاپ يۈرگەنلىرىمىز... — گەپ بۇ  يەرگە كەلگەندە ھارۋىكەشمۇ گەۋدىسىنى بۇراپ پاراڭغا قۇلاق سېلىشقا باشلىدى، ئات بولسا ئاستا مېڭىشقا چۈشۈۋالدى. تەۋپىق ھىكايىسىنى داۋام قىلدى.
— ئانام مېنىڭ مىجەزىمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى سېزىپ قاپتۇ، دادام ئىككىسى مەسلىھەت قىلىشىپ مېنى ئۆيلىۋەتمەكچى بولۇشقان ئوخشايدۇ. بىزدە بالىلارنىڭ مۇھەبەتلىشىشى بىلەن ئائىلە قۇرۇلىدىغان ئىش يوق، ئاتا- ئانىلار ئۆزلىرى تاللاپ بىرسىنى ئېلىپ بېرىدىغان گەپ بولغاچقا ئۇلارنىڭ كىمنى دىتىغا كەلتۈرىۋاتقىنىنى بىلمەك ماڭا مۇھىم ئىدى. ئۇلار بولسا مېنىڭ كۆڭلۈمگە كىمنى پۈككەنلىكىمنى سوراپمۇ ئولتۇرمايتى، ئۆزلىرىچە ئالدىرىشاتتى. مەن ئۇلارنىڭ بىرەر چاتاقنى تېرىپ مېنى تازا قىيىن ئەھۋلغا چۈشۈرۈپ قويىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنى توسۇشنى ئويلۇدۇم. لېكىن بىزدە ئاتا- ئانىغا توغرىدىن- توغرا بۇ توغرۇلۇق گەپ قىلىدىغان ئادەت بولمىغاچقا پەدىشەپ پەردىسى يول قويمايتى.
ئاخىرى مەن دوستۇمنى ئارىغا قويۇپ، ئاۋۋال ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە پۈكۈۋاتقىنىنى ئۇقۇشۇپ كۆردۈم، ئۇلارنىڭ كېلىنلىككە دىتلاۋاتقان قىز يۈز بېشىنىڭ قىزى  ئەمەسلىكى مەلۇم بولدى. لېكىن مەن ئۆز كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتىشتىن خىجىل بولۇپ، ئۇلارنى توي قىلىشتىن توسۇپ قويۇش  بىلەنلا چەكلەندىم.
بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن كېيىن كۆپ ئۇرۇنغان بولساممۇ قىزنى چالا- پۇچۇقلا قارىسىنى كۆردۈم ـ يۇ، سۆزلەشكۈدەك پۇرسەت تاپالماي يۈردۈم.  مۇشۇ مەزگىل ئىچىدە بەكمۇ ئازابلاندىم. ھېلىقى چاغدا ئۇنىڭ ئىسمىنى بولسىمۇ سورىۋالمىغىنىمنى قارىمامدىغان! ئەمدى باشقىلاردىن سوراي دېسەم خۇددى باشقىلار مېنىڭ سىرىمنى بىلىۋالىدىغاندەكلا  تۇيۇلۇپ ئاغزىمدىن چىقىرالمايتتىم.
ئاخىرى بىر كۈنى خۇددى بىرىنچى قېتىمقى ئۇچرىشىشىمىزدەك كوچىدا قىسقىلا ئۇچرىشىپ قالدۇق. ئۇ كۈنىمۇ چۈش ۋاقتى بولۇپ، ھاۋا ئىسسىق  بولغاچقا تالا- تۈزدە ئىنسى- جىن كۆرۈنمەيتتى. مەن يەنە ۋاقۋاغدىن يانغانىدىم. ئابدۇلباقى چوڭنىڭ ئۆيىگە يېقىنلاشقانسېرى قەدىمىمنى ئاستىلاتتىم. دەۋرۋازىنىڭ ئۇدۇلىغا ئاز قالغاندا ئاسمادىن چۈشكەندەكلا مەشۇقۇم ئالدىمدا پەيدا بولدى. يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالغاندەك گەپ قىلالماي قالدىم. خۇددى بىردىنلا سوغۇق سۇغا چۈشۈپ كەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم.
― ئەجەپمۇ ئۇچرىشىپ قالدىڭىزا، كېچە- كۈندۈز خۇدادىن تېلىكىنم شۇ ئىدى، ― دېدىم سەل دېمىمنى راستىۋېلىپ، دەككە- دۈككە ئىچىدە ئالدى- كەينىمگە قاراپ.
— سىزنىڭ ئەتىۋالىقىڭىزنى نەگە  بېرىپ ئېيتاي،...
”بۇ نېمە دېگىنىدۇ؟...“ دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
— ئۇچرىشىپ قالامىن دەپ تامادىلا يۈرگەنىدىم...
— سىز ئاياققا ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ئۆگزىدىن،... قاچان ياناركىن دەپ ئۆگزىگە نەچچە چىقىپتىمەن. توۋا!...  بىر چاغدا قارىسام ئەپەندىگە ئوخشاش مېڭىپ كېلىۋېتىپسىز... — دېدى قىزمۇ ئالاق- جالاق ئەتراپقا قاراپ.
دېمەك، بىزنىڭ ئارىمىزدا بىر ئېغىز رەسمى گەپ بولماي تۇرۇپلا ئويلىرىمىز بىر- بىرىمىزگە مەلۇم بولۇپ بوپتۇ.
— سىزگە جىق گەپلىرىم بارىدى، بىراق...
— مېنىڭمۇ،... بىرسى كېلىپ قالسا گەپ تاپمىسۇن،... ئاخشاملىققا بىزنىڭ باغقا كېلەمسىز؟ قاراڭغۇ چۈشكەن ھامان يان ئىشكنى ئىچىدىن ئېچىپ قويىمەن، ئىشىك بىلەنلا چىرىسىز....
— ماقۇل....
— ئەمىسە ئىتتىكرەك يوقۇلۇڭ.
ئۇ قانداق تېز پەيدا بولغان بولسا شۇنداق تېز غايىپ بولدى.
ئۇ كۈنى كۈننىڭ كەچ بولمىغىنىنى نېمە دەيسەن. ئۇزۇنراق بادرا بولسا كۈننى ئىتتىرىپلا تاغ كەينىگە ھەيدىۋەتكۈم كېلىپ كەتتى. مەن قانچىلىك سەۋرسىزلەنگىنىم بىلەن قوياشنىڭ نېمە پەرۋايى؟ كەچلىك تاماق گېلىمدىن ئۆتكىنىمۇ يوق. يۈز بېشىنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ  چاپتىم. قوناقلىقلارنىڭ قىرلىرىدا مۈدۈرۈپ- چوقۇرۇپ، ئولارنىڭ يان ئىشىكىنى تاپتىم.
ئىشىك تاقاقلىقمىدىكىن، ھەر ھالدا ھىم ئېتىكلىك تۇراتتى.  بىراق بۇ كەمدىن-كەم ئېچىلىدىغان ئىشىك بولغاچقا يامغۇر سۈيى ئۈلگۈجىكىگە لاي ئېقىتىپ كىرىپ  چىڭقاپ قويغاچقا ئىشىكنى ئىتتىرىشىم بىلەنلا شۇنچىلىك سەت غىچىرلىدىكى، يۈرىكىمنىڭ ئۇرۇشى توختاپ قالغۇدەك بولدى. بۇ غىچىرلاش ھازىرغىچە قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەيدۇ. ھېلىمۇ  ئەنە شۇنداق غىچىرلاشنى ئاڭلىسام شۈركىنىپ كېتىمەن.
باغقا كىرىپ تال باراڭنىڭ ئاستىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ ئېھتىيات بىلەن سوزۇپ- سوزۇپ نەپەس ئېلىپ ئۇنى كۈتۈپ تۇردۇم. بىر كەمدە باغنىڭ ھويلا تەرەپتىكى ئىشكى ئېچىلدى. ئۇنى مېنىڭ تىۋىشىمنى تونۇيدۇ دەپ ئىشىنىپ ئاللىقانداق چەررەندىگە ئوخشىتىپ ئىسقىرىتىپ قويدۇم. ئۇ ھولۇققان ھالدا باراڭ ئاستىغا كەلدى ۋە ماڭا تاشلىنىدىغاندەك يېقىنلا كەلدى. مەن گويا ئوتتىن قاچقاندەك بىر يانغا داجىپ ئارىمىزدا مۇئەييەن بوشلۇق قالدۇرۇپ توختۇدۇم.
— كەلدىڭىزمۇ؟ بىرسى كۆرمىگەندۇ؟
— ياق، كۆرمىدى.
— ھە، گېپىڭىزنى قىلمامسىز؟ چاپسان بولۇڭ، مېنى ئىزلەپ قالىدۇ.
— نېمە دېسەم بولا، جىق گەپلىرىم باردەك قىلاتتى. ئەمدى بىرسىمۇ يوققۇ، ھە، ھېلىقى، نېمە، بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر...
— دەيدىغان گېپىڭىزنى كۆڭلىڭىزگە تىزىۋېلىپ ئاندىن كەلسىڭىز بولمامدۇ؟
— قانداق قىلىمەن، تىزىۋالساممۇ قېچىپ كەتسە؟ بۇنىڭغا ئۆزىڭىز ئەيىپلىك، سىز تىزىۋالغان سۆزلىرىڭىزنى دەۋەرمەمسىز....
— مەن؟... مەنمۇ شۇ... ئىلدام بولساق بولاتتى...
— ھە، راست، ھازىرغىچە ئېتىڭىزنىمۇ سورىماپتىمەن، بىرسىدىن سوراي دېسەم گۇمانلانمىسۇن دەپ قورقتۇم...
— مەنىسا،...
— ھە، مېنىڭ ئېتىم...
— سىزنىڭ ئېتىڭىز مەمتىلى، شۇ.
— مېنىڭ ئېتىمنى قانداق بىلىسىز؟
— تىۋىپنىڭ بالىسنى بىلمەيدىغان ئىش بولامدۇ؟  سىز بالا ئوقۇتۇپمۇ يۈرگەن، خەق سىزنى ئەپەندى دەيدىغۇ؟
— ھېلىقى گېپىمنى تاپتىم... بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر كېلىن ئىزدىگىلى تۇرۇپتىكەن، توختۇتۇپ قويدۇم.
— نېمە؟!...
— ئۇلارنىڭ تاپقىنى سىز ئەمەسكەنسىز، شۇڭا...
— كىم؟ قەيەرلىك؟
— تۇققانلاردىن بىرىنىڭ قىزىمىش،...
— مېنىڭ توغرامدىمۇ شۇنداقراق بىر ئىشلار بولسا كېرەك، ئۆيدىكىلەر،...
— نېمە!؟ كىممىش ئۇ؟! نەلىككەن؟
— بازارۋېشىلىق دېيىشىۋاتىدۇ، مەن كۆرۈپ باقمىغان. ئەمما دوستلىرىم ھەركۈنى ئۇ توغرۇلۇق ئاڭلىغانلىرىنى ماڭا دېيشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا ئۇ تازىمۇ بۇزۇق، نەشىكەش بىرنېمىكەن، قىمارمۇ ئوينايدىكەن...
— ئېتى نېمىكەن؟
— ئېتى؟...
— ئۆيىڭىزدىكىلەر نېمىشقا ئاشۇنداق بىر ئادەمگە چاپسانلا ماقۇل كېلىپ قويغاندۇ؟
— ئۇنىڭ قولىدا ھۆنىرى بارمىش. ھۈنىرى بار ئادەم خار بولمايدۇ، دەپلا قىلىۋاتقان ئىش...
— ھۈنىرى بولۇپ نېمە ھۈنىرى بولار ئۇنىڭ؟ يا دوغچىدۇ، يا ناۋايدۇ، شۇ... ئەمدى قانداق قىلىمىز؟
— مەن قىز بالا تۇرسام مېنىڭ قولۇمدىن نېمە كېلىدۇ؟ شۇڭا سىزنى كۆرۈشكە ئالدىرىغانتىم. ھەمىشە ناخشا ئېتىپ ئۇيان- بۇيان ئۆتسىز، ئادەمنى قىياپ... تېنىچقىنا ئۇخلىغىلمۇ قويمايدىغان بولدىڭىز.
— سىزگە تېتىمىغان بولسا بۈگۈندىن باشلاپ بۇ ئەتراپتا ئۈنۈمنى ئۆچۈرەي.
— ياق، ياق، — دېدى قىز ھولۇقۇپ، — ئەسلا! مېنى ئۇنىڭدىنمۇ مەھرۇم قىلماڭ...
— ئۇنىڭغىمۇ ماقۇل. ھېلىقى ئىشنى ئۆزەم بىر ئامال قىلىمەن. بولمىسا مەشھەدكە بېرىپ ھېلىقى بىر نېمە بىلەن كۆرىشىمەن...
— ھەرگىز ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكۈچى بولماڭ! ئۇ تۇرغانلا بىر ئىت ئىمىش. ھە دېسە پىچاق كۆتۈرۈپ چىقىدىغان قانجىق دەيدۇ. بىر ئۇنىڭ بىلەنلا كەتمەيدۇ دەڭا، تېخى، بازاۋېشىلىقنى بىلەمسىز، خوشۇلغاي دەڭ. ئۇ خەققە گەپ قىلىپ ئايىقىغا چىققىلى بولامدۇ. باشقا ئامال بولسا قىلىڭ. ماڭىمۇ گەپ كەلتۈرۈپ قويماڭ... ئەمدى كېتىڭ، چاققان بولۇڭ. ئانام مېنى ئىزدەپ قالىدۇ، ھويلىدا بىرسى مېڭىپ يۈرىدۇ...
شۇنچە ئۇزاق كۈتۈپ ئاران قولغا كەلتۈرگەن قىممەتلىك مېنۇتلار ئەنە شۇنداق تېزلا ئاخىرلاشتى. ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىشتا ۋىسال شاتلىقى بىلەن دىلىم يايراپ، دەممۇ- دەم خۇشاللىق ئاتىشى ۋۇجۇدۇمنى كۆيدۈرۈپ تۇرغان بولسا، ئەمدى قىيالماسلىق ئىلكىدە يۈرىكىم ئېچىشىپ ياندىم.
ئىككى ئېتىزدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزەمنى روھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشەنچسىز ئاۋازدا ناخشا باشلىدىم. ئەمما بۇ ناخشام ئۆزەمگىمۇ يىغلاۋاتقاندەك ئاڭلاندى.
قانداق ئامال قىلىپ بولغۇسى توينى بۇزۇشنى ۋە مەنىسانىڭ ۋىسالىغا يېتىشىنى ئويلاپ، كېچىسى ئۇيقۇ، كۈندۈزى ئارامچىلىق بولمىدى.
دادام كۈزدىن قالماي توي قىلىشقا ئالدىراپ ماڭا ئادەم قوياتتى. ئاخىرى مەن دوستلىرىم ئارقىلىق كۆڭلۈمدىكىنى ئېتتىم. مېنىڭ كۆڭۈل سىرىم تۇققانلار ئارىسىدا بىر مەزگىل غۇلغۇلىغا سەۋەب بولدى. ئۇلاردىن بەزىلىرى ”خەق ئېغىز ئېچىپ قويغان ئىشنى بۇزساق گۇناھكار بولىمىز“ دېسە، بەزىلىرى ”تارتىۋېلىش“ نى تەشەببۇس قىلاتتى. ئاخىرى، يۈز بېشىنىڭ باشقا بىرى بىلەن قۇدىلىشىپ قويغانلىقىنى بىلمەسكە سېلىپ، گەپنىڭ ئۇچىنى چىقىرىپ سىناپ بېقىش قارارىغا كېلىشىتى. ئۇلار دادامنىڭ يۈزى بېسىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشنەتتى.
ئويلىغىنىمىزدەك ئابدۇلباقى چوڭ دەرھاللا بولىدىغان توي ئىشىدىن ياندى. بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر دەرھال داستىخان كىرگۈزۈپ مەنىسانىڭ بېشىنى باغلاپ قويدى.
مېنىڭ رەقىبىمنىڭ دادىسى قازىغا ئەرز قىلىپ، ئابدۇلباقى چوڭنى جازاغا تارتقۇزماقچى بولۇپ كۆپ ئاۋارە بوپتىمىش. كېيىن مەن بىر قېتىم بازارغا بارغىنىمدا رەقىبىم بىر توپ ”نوچىلار“بىلەن ئالدىمنى توستى.
— ئاكاڭ قارىغاينىڭ كىملىكىنى بىلىپ قالىسەن! — دەپ پوپۇزا قىلدى ئۇ.
— مەن سېنى بالدۇرمۇ بىلەتتىم، — دېدىم مەنمۇ. گەرچە يالغۇز بولساممۇ بازارچىلار ئاجرىتىپ قويىدىغۇ دېگەن ئىشەنچىم بارىدى.
— ئاكاڭنىڭ ئالدىدا ھۆرت- پۆرت دەيدىغان نېمە ھەددىڭ؟! مەن دېگەن مەشھەدلىك جۇما!
— مەن ساڭا ھېچنىمە دېگىنىم يوق، ئەكسىچە ئۆزەڭ دەۋاتىسەن، بازارلىق بولغىنىڭ يوغۇن ئىش ئەمەس! ئاداۋىتىڭ بولسا ئۇچۇق ئېيىت.
— خەقنىڭ بولغىلى تۇرغان تويىنى نېمىشقا بۇزىسەن.
— مەن بۇزمىدىم.
— ئەمىسە، ئۆيۈڭدىكىلەر بۇزغاندۇ؟
— ياق ئۇلارمۇ بۇزمىدى. قىز سېنى خالىمايدۇ، سېنى ياراتمايدۇ. بۇ ئىش شۇنىڭ رايى بويچە بولغان ئىش!...
— سېنى يارىتامدۇ؟ ھە! بۈگۈن سېنىڭ بۇرنۇڭنى تۈزلىۋىتىپ باقاي، قېنى شۇ چاغدا يەنە سېنى يارىتامدىكىن!
— بۇ تالىشىپ ئولتۇرىدىغان ئىش ئەمەس! ئوغول بالا بولساڭ قىزنىڭ مەيلىنى ئۆزەڭگە قارىتىۋال، شۇنداق قىلالىساڭلا مېنىڭ باشقا گېپىم يوق. ساڭا ئوخشاش يول توسۇپ ئۇششۇقلۇق قىلىپ يۈرمەيمەن.
شۇ چاغدا بىزنىڭ پارىڭىمىزنى ئاڭلاپ تۇرغان بىر مويسىپىت كىشى گەپكە ئارلىشىپ:
— بۇ مانا توغرا گەپ ئەمەسمۇ؟ ”مەرتنى مەيداندا سىناڭ“ دېگەندەك سەنمۇ يىگىت بولساڭ خەقنىڭ مەيلىنى ئۆزۈڭگە تاتىۋالساڭ بولمىدىمۇ. كۆڭۈل دېگەن مۇشت بىلەن مايىل قىلغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. — دېدى.
— ماڭەۋە، پوقساقال، يولۇڭغا ماڭ! ساڭا گەپ قىلغان ئادەم يوق، — ئۇنىڭ شۇ گېپى بىلەنلا ئولاشقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى ئەيىپلىدى، ھەم مېنى كەتكۈزىۋەتتى. رەقىبىم ئىچىدە خەپلىگەن بولسىمۇ مەخسىدى ئىشقا ئاشمىدى.
بىز ئۇ يىلى قىش قىستاپ كېلىپ قالغاچقا توينى  يەنە بىر يىلى  كۈزگە قالدۇرۇق. بىراق، خۇدا نېسىپ قىلمىسا قولۇڭغا ئالغان ئاشنىمۇ يىيەلمەيدىغان گەپكەن. مەنىسا باشتىنلا ماڭا نېسىپ بولمىغان بولسا كېرەك، تەييار بولغان ئىش قېرىشقاندەكلا يەنە بىر يىلى قىز تەرەپتىن سۇغا چىلاشتى.
شۇ چاغلاردا ئاخۇن دادام  ماتىتەي بىلەن شېرىكلىشىپ قەشقەردە ”زەرب كاشىغەر“ ناملىق تەڭگە قۇيدۇرغانىكەن. قەشقەر بايلىرىدىن ئۆمەر باي كۆرەلمەسلىك، ئىچى قارىلىق تۈپەيلىدىن قۇيمىچىلارغا پارا بېرىپ تەڭگىنى ساختىلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. قۇيمىچىلا كۈمۈشكە رو، ئالتۇنغا مىس قوشۇپ ساختا تەڭگە ئىشلەپچىقارغان. ئۆمەر باي دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ماتىتەيگە چېقىشتۇرغان. ماتىتەي تەكشۈرۈپ كۆرسە ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. پارا ئالغان قۇيمىچىلار ئاخۇن دادامنىڭ كۆرسەتمىسى  بويىچە شۇنداق قىلغانلىقىنى ”ئىقرار“ قىلىشقان. ماتىتەي كۈمۈشلىرىمگە خىيانەت قىلدى دەپ ئاخۇن دادامنى قاتتىق تەپتىش قىلىشقا باشلىغانىدى. شۇڭا بۇ  بىزنىڭ ئۇرۇقتىكى جىمى ئائىلە پاراكەندە بولۇپ تۇرغان، ھەسەتخورلار ھەدەپ تۈگمىنى تۆگە قىلىپ كۆرسىتىپ، ”جىنايەت“ نى چوڭايتىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئالدىراۋاتقان، ئاخۇن دادام ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقا مەجبۇر بولغان مەزگىل ئىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن يۈز بېشى توينى ئارقىغا سۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. ئۇ پۈتۈنلەي ئادا- جۇدا بولۇپ كېتەي دېسە ئاخۇن دادامنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ، ئەنە شۇنداق كۈزىتىپ بېقىش يولىنى تۇتقانىدى.
بىراق، ئاخۇن دادامنىڭ ئىشى ئايدىڭلىشىشنىڭ ئەكسىچە تېخىمۇ يامان تەرەپكە تەرەققىي قىلىپ، ھۆكۈمەت ئۇنى تۇتۇشقا بۇيرۇق چىقاردى.  بۇنىڭ بىلەن ئابدۇلباقى چوڭ قۇدىلىقتىن يېنىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم مەنىسانىڭ مەن بىلەن قېچىپ كېتىشىدىن  ئەنسىرەپ ئۇنى قاتتىق نەزەربەند قىلىپ قويدى. ئەنە شۇ چاغدا مەن ئاشۇ شارائىتتىن ئۈزۈل- كېسىل بىزار بولغانىدىم. كۆڭلۈمدە ئىنسانلار خالىغىنىنى  قىلالايدىغان ئەركىن  جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئىستىكىمنىڭ ئىپتىدائىي ھالىتى بىخلانغانىدى.
1922- يىلى كۈز بولسا كېرەك، ئابدۇلباقى چوڭلار يېڭىدىن قۇدىلاشقان تەرەپ بىلەن توي قىلىش ھارپىسىدا مەنىسانىڭ ئوغا ئىچىۋالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر يۇرتقا پۇر كەتتى. مەن بۇنداق بولىشىنى زادىلا تەسەۋۋۇر قىلمىغانىدىم. يۈز بېشىنىڭ ئەركە چوڭ بولغان قىزىدا بۇنچىلىك جاسارەتنىڭ بولغانلىقى مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. مەن ئاشۇ قەيسەر قىزنى تىرىك يۇتقان مۇشۇ كونا دۇنيانى قانداق قىلغاندا ئاغدۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىدىغان بولدۇم. يۈرۈگۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئۆسمۈر ۋاقتىمدىكى ئۇستازىم ئەھمەد كامال تەرگەن ئىسيانكارلىق ئۇرۇقلىرى بىردىنلا بىخلانغاندەك بولدى. مەن بۇ كۆڭۈل خاھىشلىرىمغا يېتىش ئۈچۈن كۆپرەك ئوقۇش، ئىلىمگە تولۇش لازىملىقىنى ئۇستازىمنىڭ سۆزلىرىدىن بىلىۋالغانىدىم.
ئاشۇ پاجىئە يۈز بەرگەن زېمىندىن كېتىش، مۇھىتنى يېڭىلاپ، نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتىشتەك ئىچكى سەۋەپ، ھەمدە دادامنىڭ تىۋىپچىلىك ئىشلىرى  ئۈچۈن دورا ئۆسۈملۈكلىرى تەييارلاش (بۇنداق ئىشلاردىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يۈرەتتىم، ئەمدى ئۆزۈم ئىختىيار قىلدىم)، ئاخۇن دادامنىڭ  بۇ يەردىن باش ئېلىپ كېتىش سەپىرىگە ھەمرا بولۇش قاتارلىق تاشقى باھانىلەگە كۆرە 1923- يىلنىڭ باھارىدا تەڭرى تاغنىڭ شىمالىغا قاراپ كەتتىم.
مېنىڭ شۇ چاغدىكى روھى ھالىتىم تولىمۇ مۇرەككەپىدى. تەلكىدىن ئۆتۈشىمىز بىلەنلا گۈزەل سايرام كۆلى كۆك زۇمرەتتەك ئالدىمىزدا جۇلالىنىپ پەيدا بولدى. ئۇنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا خۇددى شۇ رەڭدىكى تاغلار تۇمانغا پۈركۈپ ياتاتتى. سايرام سۈيىنىڭ گويا كەڭساي تەرەپكە تېشىپ چىقماقچى بولىۋاتقاندەك چايقىلىپ تۇرىشى مېنىڭ قەلبىمدە مەۋج ئۇرىۋاتقان ئاللىنېمىگە ئوخشاپ كېتەتتى، شۇڭا  مەن كۆڭلۈمدە تاشقىنلاپ تۇرغان، ئەمما چىقىش يولى تاپالمايۋاتقان ھېسياتىمنى شۇنىڭغا تەققاس قىلدىم. بۇنى شۇ چاغدا يازغان مۇنۇ مىسرالىرىمدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ:

سايرام كۆلى ئۆزۈڭ كىچىك، دەردىڭ تولا،
داۋالغۇيسەن، ساھىللاردىن تاشالمايسەن.
ئەتراپىڭنى قورشىۋالغان ئېگىز تاغلار،
ئۆمتۈلسەن، داۋانلاردىن ئاشالمايسەن...

مەمتىلى ئەپەندى يىراقلارغا تىكىلگىنىچە گويا ھارۋىدا كېتىۋاتقىنىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك جىم- جىت بولۇپ كەتتى. ئۇ بەلكىم ھازىر كۆز ئالدىدا قاغجىراپ ياتقان قۇمالتاغنى ئەمەس، سايرام بويىنى، تەلكىنى، كەڭساينى كۆرىۋاتقاندۇ. رەڭگا- رەڭ گۈل- چىچەكلەرگە پۈركەنگەن قاپتاللار ئۇنى شائىرانە ئىلھامغا چۆمدۈرىۋاتقاندۇ...
سەيپىددىن بىلەن ھارۋىكەش ئۇنىڭ ھىكايىسىنى داۋاملاشتۇرۇشنى كۈتۈپ جىم- جىت قۇلاق سالاتتى. بىراق، مەمتىلى ئەپەندىدىن سادا چىقمىدى. پەقەت بەشكېرەم يېزىلىرىنى ئارىلاپ كېتىۋاتقان ھارۋىنىڭ تاراقلىشى بىر خىلدا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئەتراپتىن  سۇچى دېھقاننىڭ  ناخشىسى كېلەتتى. كۈتۈۋېرىپ ئۈمىدى ئۈزۈلگەن سەيپىددىن ۋىلىلداپ تۇرغان جەزىرىمە قۇمالتاغدىن كۆزىنى ئېلىپ سورىدى:
— كېيىنچۇ؟ كېيىن قانداق بولدى؟
مەمتىلى ئەپەندى چوڭقۇر خىيال ئىچىدىن چۆچۈپ  باش كۆتۈرۈپ، بىر نەۋرە ئىنىسىگە كۈلۈمسىرەپ قارىدى ئۇنىڭ كۈلكىسىدە يۈرەكتە داغ بولۇپ
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 02:21 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
bahtinur
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 22926
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 75
شۆھرەت: 99 نۇمۇر
پۇل: 539 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

قالغان كونا جاراھەتنىڭ — پاجىئەنىڭ ئازابى بىلىنىپ تۇراتتى.
— كېيىنمۇ؟ كېيىن شىمالنىڭ ھەر قايسى شەھەر- يېزىلىرىنى كېزىپ ئاخىرى چۆچەككە يېتىپ بېرىپ تىرىكچىلىك قىلدۇق. مەن شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئاتۇشلۇق مامۇتھاجىم دېگەن كىشىنىڭ ساتىراچخانىسىدا ئىشلىدىم...
— چەتئەلگە چىقىپ كېتىشڭىزدىكى سەۋەب نېمە؟ ئۇ يەردىمۇ تۇرۇشقا ئىمكانىيەت بولماي قالغانمۇ ياكى ئوقۇش نىيىتىدە كەتكەنمىدىڭىز؟
— ھەر ئىككىسى بار... — تەۋپىق بىر دەم خىيال سۈرۈپ جىم بولۇپ كەتتى ۋە ئارقىدىن شارتتىدا بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ دائىمى خۇشخۇيلىقى ئەسلىگە كەلدى، ھىكايەمنى داۋام قىلىشقا قىتاۋاتىسەن- ھە، ماقۇل، ساڭا ھەممىنى سۆزلەپ بېرەي، — دېدى ئۇ ھەم بۇرۇلۇپ سەيپىددىنگە روبىرو بولۇپ ئولتۇرىۋېلىپ ھىكايىسىنى داۋام قىلدى.
— مېنىڭ قېنىم قىزىغانىدى. جاھالەتنىڭ زىيانلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ تۇرغىنىم، ئۇنىڭ ئازاۋىدا ئىڭراۋاتقانلارنىڭ ئاھۇ- زارى قۇلىقىم تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن مەندە قارشىلىق قىلىش تۇيغۇسى، بۇزۇپ تاشلاش ئىستىكى ئويغانغانىدى. شۇڭا ئىمكانىيتىم يار بەرگەن دائىرىدە جاھالەتلىك جەمئىيەتنىڭ جىنايەتلىرىنى ئېچىپ تاشلايدىغان بولدۇم. بىزنىڭ ساتىراچخانىمىزغا  ئادەم كۆپ كېلەتتى. كۆپچىلىكى چاچ ئالدۇرمىسىمۇ مېنىڭ تەمبۇرۇمنى ئاڭلىغىلى كېلەتتى. شۇڭا بۇ يەر كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ يىغىلىپ ئولتۇرۇپ، قوساق كۆپۈكىنى بوشىتىدىغان يېرىگە ئايلاندى.
كېيىن مۇرات ئەپەندى دېگەن بىر كىشى بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇ قازان دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان تاتار زىيالىسى بولۇپ، بۇ يەردە مەكتەپ ئاچاتتى. ۋاقت تاپسىلا ساتىراچخانىغا كېلىپ بۇ يەرگە يىغىلغان ياشلار بىلەن پاراڭلىشىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ چوڭقۇر پىكىرلىرى، يىراقنى كۆرەرلىكى مېنىڭ زېھنىنمنى ئاچاتتى. ماڭا ئۇستازىم ئەھمەد كامالنى ئەسلىتەتتى. ئۇنىڭدا خېلى كۆپ كىتاب بارىدى. يەنە كېلىپ بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسى قازاندا كېيىنكى ۋاقىتلاردا نەشىر قىلنغان  ئىلغار  كىتابلار بولۇپ، بىز بىر توپ ياشلار يېرىم كېچىلەرگىچە دۇكان ئىچىدە ئوقۇپ ئولتۇراتتۇق.
مۇراد ئەپەندى بىزگە سوۋېت ئىتتىپاقىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىنقىلابلار، ئاخىرىدا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسى، ئاق پادىشانىڭ ئاغدۇرۇلىشى قاتارلىقلار ھەققىدە سۆزلەپ بېرەتتى. ئۇ مەۋجۇت  تۈزۈم ۋە ھۆكۈمران پادىشا ھەرگىزمۇ مۇتىئەسسىپلەر ئېيتقاندەك مۇقەددەس، تەۋرەنمەس نەرسە بولماي، بەلكى ئاغدۇرىۋەتكىلى بولىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى سۆزلەيتتى. بۇنىڭغا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۆزگىرىش بىلەن شۇ مەزگىللەردە يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى مىسال قىلاتتى.
بۇنداق سۆزلەر قۇرۇق ئوتۇندەك بولۇپ قالغان يۈرەكلەرگە ئوت تۇتاشتۇرۇدىغان سەرەڭگە بولاتتى. بىز كۆپ ئۆتمەي توپلىشىپ ئولتۇرۇپ زۇلۇم- جاھالەت ئۈستىدىن دەرت تۆكۈپ، ھۆكۈمەتنى سۆكۈپ، قوساق كۆپىكىمىزنى چىقىرىۋېتىلىشتەك پاسسىپ ئىنكاسنى، ئاڭلىق ھالدا ئاقارتىش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىشقا ئۆزگەرتتۇق. مەلۇم مەقسەد، روشەن مۇددىئا ئاساسىدا خېرىدارلارغا سۆزلەشتىن تاشقىرى، كىتاب كۆچۈرۈپ كۆپەيتىپ ساۋاتلىقلارغا تارقىتىدىغان بولدۇق. بىرمۇنچە ياشلار مۇراد ئەپەندىنىڭ  مەكتەپ ئىشلىرىغا ھەمكارلىشىدىغان بولدى. ئارىمىزدا قىزلارمۇ بارىدى. بۇلار ئارىسىدا تەربىيە ئالغان  سەرۋەر ئىسىملىك بىرسى ئالاھىدە كۆزگە كۆرىنەتتى. سەرۋەر مېنىڭ تۇنجى مۇھەببەت پاجىئەم تۈپەيلى مۇزلاپ كەتكەن يۈرىكىمدە ھارارەت پەيدا قىلىشقا، بارغانسېرى مەيلىمنى تارتىشقا باشلىدى...
بۇ چاغدا بىزنىڭ ھەركىتىمىز ھۆكۈمەت پايلاقچىلىرىنىڭ دېققىتىنى قوزغاشقا باشلىغانىدى. بەزى گۇمانلىق ئادەملەر ساتىراچخانىدا پات- پات پەيدا بولۇپ قالىدىغان بولۇپ قالدى. بىز ھەممىمىز مۇرات ئەپەندىنىڭ بېخەتەرلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇنى مەكتەپتىن سىرتقا كۆپ چىقماسلىققا تەۋسىيە قىلدۇق. ھەمدە ئۇنىڭدىن ۋاقىتلىق يىراقلاشتۇق. پايلاقچىلارمۇ كۆپرەك ساتىراچخانىدىن گۇمانلانغاچقا، مۇرات ئەپەندىگە كۆپ دېققەت قىلىپ كەتمىگەنىدى. بىزمۇ بىر مەزگىل جاسۇسلار ھەرىكىتىنى سۇسلاشتۇرسۇن ئۈچۈن جىم بولىۋالدۇق. بىراق شۇ مەزگىللەردە مەن قىزىقانلىق بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ دېققىتىنى تارتىدىغان بىر ئىش قىلىپ قويدۇم:
— 1924- يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ساتراچخانىمىزغا قەشقەر تەرەپتىن كەلگەن بىرەيلەن كىرىپ قالدى. ئۇ باشقىلارنىڭ قەشقەر ئەھۋالى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا قەشقەردە شۇ يىلى روي بەرگەن ئەڭ زور ۋەقەدىن بىرنى — ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ قەتىل قىلىنغانلىقىنى چوڭقۇر قايغۇ، ئېچىنىش ئىچىدە سۆزلەپ بەردى. ئۇ داموللامنىڭ چەتئەل مسسئونېرلىرىغا، مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى قانداق كۈرەشلىكەنلىكى، ئۆزىنىلا ئويلايدىغان ھارام تاماق بايلار  چەتئەللىككە تايىنىپ (يالاقچىلىق بىلەن) بېيىۋاتقاچقا بۇ ئىشقا ئۆچمەنلىك قىلغانلىقى، شىۋىد مىسسئونېرلىرى قەشقەر بايلىرىنى ئۆمەر باي قاتارلىقلارنى ئىشقا سېلىپ، ئۇ بولسا 300 تەڭگە پۇلغا بىر قارا قوساق ئىمانسىزنى سېتىۋېلىپ بۇ رەزىل قىلمىشنى سادىر قىلغانلىقىنى، ھەمدە قەشقەردە داموللام ھەققىدە تۇقۇلغان قوشاقلار، خەلقنىڭ داموللامغا قانداق قارىلىق تۇتقانلىقى... قاتارلىقلارنى سۆزلەپ بەردى.
— بۇ ئىشلارنى ئويلاپ كېچىچە ئۇيقۇم كەلمىدى. تېخىمۇ دېققىتىمنى تارتقىنى بۇ پاجىئەنىڭ سەۋەبكارلىرى ئىچىدە يەنىلا ئۆمەر باينىڭ بولىشىدى. ئويلاپ كۆرسەم ئۇستازىم ئەھمەد كامال ئاشۇ ئۆمەر باينىڭ پتنىسى سەۋەبىدىن ئىكساق مەكتەپتىن قوغلانغانىدى. ئاخۇن دادامنىڭ ئېشىغا توپا سالغانمۇ يەنە شۇ. ئۆمەر باينىڭ دامۇللامنىڭ ئىشلىرىغا شۇنچە ئۆچمەنلىك قىلىشى بولسا ئادەتتىكى كۆرەلمەسلىكتىن ھالقىپ كەتكەن ئىدى. بۇ ئۇنىڭ ”ئالداشقا كىچىك  بالا ياخشى“ دېگەندەك خەلقنىڭ نادان ھالەتتە تۇرشىنى ئۆزىنىڭ بايلىق توپلىشى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئويلىغانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، بۇ ئۇنىڭ نەقەدەر  شەخسىيەتچى، قىتغۇر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى جىنايىتى ئاددى ھالدىكى قاتىللىق بولماستىن مىللەتكە قىلنغان خىيانەت، چەتئەلگە سېتىلىشتەك خائىنلىق ئىدى.
بۇلارنى ئويلاپ ئۇيقۇم كەلسۇنمۇ، يۈرىگىمدىكى ئەلەملىرىمنى زادىلا باسالماي قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئورۇنۇمدىن تۇرۇپ، ھېلىقى كىشى يېرىم- ياتا ئېيتىپ بەرگەن مەرسىيە مەزمۇنىنى ئاساس قىلىپ بىر پارچە مەرسىيە يازدىم   بۇ مەرسىيەمنى يوغان بىر پارچە قەغەزگە كۆچۈرۈپ ساتراچخانىنىڭ ئالدى تېمىغا چاپلاپ قويدۇم. ئەنە شۇندىلا سەل ئارام تاپقاندەك بولۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. تاڭغا يېقىن ئۇخلىغانلىقىمدىنىمۇ، ئادەتتىكىدەك سەھەر ئويغىنالمىدىم. پەقەت بىر مۇنچە ئادەمنىڭ ساتراچخانا ئالدىدا قېلىشىۋاتقان غۇلغۇلىسىدىن ئۇيغىنىپ كەتتىم. نېمە بولغىنىنى  ئاڭقىرالماي ، ئىتتىك بېرىپ ئىشكىنى ئېچىۋىدىم، بىر توپ ئادەم ھېلىقى مەرسىيىنى ئوقۇۋېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ مۇلاھىزىسىگە قۇلاق سېلىپ بۇسۇغىدا تۇردۇم.
بارغانسېرى  ئادەم كۆپەيدى. بىلمىگەنلەر  نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئۆز ئارا سۈرۈشتۈرەتتى.  داموللامنىڭ ئۆلۈمىنى ئۆزلىرىچە ھەر خىل چۈشەندۈرەتتى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇپ،  يەنە بىر قېتىم قېنىم قايناپ كېتىپ، ياڭراق ئاۋازدا نوتۇق سۆزلەشكە، خالايىققا داموللامنىڭ ئۆلۈمىنى قانداقتۇر ”خۇدا بەرگەن ئامانىتىنى ھەرخىل يوللار بىلەن ئالىدۇ“ غانلىقى يۆنىدە چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇش، زىددىيەتنىڭ ماھىيىتىنى يېپىش، زوراۋانلارغا يالاقچىلىق قىلىش بولىدىغانلىقى، شەخسىي زىدىيەت سەۋەبىدىن بولغان- ئاددىي ھالدىلا بىر شەخسنىڭ يەنە بىر شەخىسكە قەست قىلىشىمۇ ئەمەسلىكى، بەلكى جاھالەت بىلەن ھۆرىيەتنىڭ، مۇتئەسىپلىك بىلەن يېڭىلىقنىڭ مۇرەسسەسىز زىدىيىتىدىن بولغان پاجىئە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم. (شۇ چاغدا ئۆزۈمدە ناتىنلىق ئىقتىدارى بارلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلغانىدىم).
جاسۇسلارنىڭ ھەرىكىتى جىددىيلىشىپ قالدى. بىرسى ئارىغا قىستىلىپ كىرىپ تامغا چاپلانغان مەرسىيىنى سويىۋېلىپ ئېلىپ كەتتى. خالايىق تەۋرەشكە، تارقىلىشقا باشلىدى. شۇ كۈنى كەچكىچە دۇكان ئەتراپىدا بىر خىل كۆڭۈلسىز جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى.
كەچقۇرۇن مۇراد ئەپەندى ماڭا سەرۋەرنى ئەۋەتىپتۇ. سەرۋەر:
— ئەپەندىم سىزنى كېچىسى ئەل ئايىقى جىمىققاندا يېنىمغا كەلسۈن دەيدۇ، — دېدى.
كېچىسى مۇرات ئەپەندىنى ئىزدەپ باردىم. ئۇ مېنى كۈتۈپ ئولتۇرغانىكەن.
— ئىنىم، ئۆزۈڭىزنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىڭنى بىلەمسىز؟ — دېدى ئۇ ئېغىر ئۇھ تارتىپ تۇرۇپ، — ياشلىقتىكى قىزغىنلىق كۆپ ھاللاردا خەتەرگە پىسەنت قىلماسلىقتەك قاراملىقنى تۇغدۇرىدۇ. كىشىدە خەتەرگە ئۆزىنى ئۇرۇش، تەۋەككۇل قىلىش خاھىشى ئۇيغۇتىدۇ. بەلكىم سىزمۇ ھازىر ھاياجانلىنىش تۈپەيلى مۇھىتنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتكەنسىز. بەلكىم سېزنى قولغا ئېلىشى مۇمكىن، بەلكىم مېنىمۇ ۋە يەنە بىر قانچەيلەننىمۇ قولغا ئالار. بۇ قولغا ئېلىش ئۆمۈرلۈك زىدانغۇ بولماس، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن سىزنىڭ زايا بولۇپ كېتىشىڭىزگە چىداپ تۇرالمايمەن.
ئەگەر بۇ تاسادپىي چاتاق تۇغۇلمىغان تەقدىردىمۇ مەن سىزگە بۇ يەردىن كېتىش، ئوقۇيدىغان جاينى تېپىش مەسلىھەتىنى بەرگەن بولاتتىم. لېكىن ئۇ چاغدا يا ئۇستازىڭىز ئۇنىمايتى ياكى تۇغقانلىرىڭىز توسايتى. ئەمدى بۇ بىر باھانە- سەۋەپ بولسۇن، دەرھال كېتىپ قېلىڭ. بولسا بۈگۈن كېچىدىن قالماڭ. قىردا سىزگە ياردەملىشىدىغان قازاق يىگىتلەر بار، مېنىڭ ياخشى تونۇشلىرىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خەت يېزىپ قويدۇم. مېنىڭ ئېتىمنى مىنىڭ، بۇ يەردىن كېتىڭ، — دېدى.
مەن ئۇشتۇمتۇت قارارغا نېمە دەرىمنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم. كاشكى سەرۋەر بولسىمۇ ئۇنىڭدىن مەسلىھەت ئالاتتىم. ھېچ بولمىسا ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشۋالساممۇ بولاتتى. ئەگەر موشۇ كېچە كېتىشكە توغرا كەلسە ئۇ سۆيۈملۈك قىز بىلەن خوشلىشىشقىمۇ پۇرسەت يوق!
مۇرات ئەپەندى مېنىڭ قاراملىق قىلىپ ئۇنىماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ سۆزىنى داۋام قىلدى:
— ئەتتىگەن سۆزلىگەن سۆزلىرىڭىزنىمۇ  ئاڭلىدىم. پەرۋىش تاپسا كېرەكلىك ئادەم بولىشىڭىزدا گەپ يوق. ئۇقۇڭ، بىلىم قانات پۈتىدۇ. كەڭرى پەرۋاز قىلىشقا ئىمكانىيەت بېرىدۇ. ئۆزىڭىزمۇ چۈشىنىسىز، جاھالەت، نادانلىق، خۇراپات بىزنىڭ بىر- ئىككى قېتىملىق نۇتىقىمىز ياكى بىر توپ ئادەمنىڭ يوشۇرۇن كىتاب ئوقىشى بىلەن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. مەن كۆپ سۆزلىمەي، قالغىنىنى يېتەرلىك ئوقۇيالىسىڭىز چۈشىنىپ قالسىز. ئەمدى دەرھال ئوستىڭىز بىلەن خوشلىشىپ كېلىڭ، تاغىڭىزغا تاپىلايدىغانلىرىڭىز بولسا ئۇستىڭىزغا ئامانەت قىلىڭ، چاپسان بولۇڭ.
مۇرات ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىنى يىرالمايتىم. دېمىسىمۇ ئەھۋال ھەقىقەتەن خەتەرلىك ئىدى. شۇڭا دەرھال كېتىپ ئۇستامنى ئويغاتتىم ۋە ئۇنىڭغا ئەھۋالنى قىسقىچىلا چۈشەندۈردۈم. ئۇمۇ بۈگۈنكى ئىش ھەققىدە  باش قاتۇرۇپ تۇرغانىكەن، تارتىشىپ تۇرماي رازىلىق بەردى. بۇ چاغدا غۇلجا جېلىلىيۈزىگە كەتكەن ئاخۇن دادامغا بىر پارچە  خەت يېزىپ قالدۇردۇم. ئۇنىڭغا ئۆيدىكىلەرگە يېزىلغان خەتنىمۇ قوشۇپ قويدۇم.
مۇرات ئەپەندى ئاتنى توقۇپ راستلاپ قويغانىكەن. ئۇ قولۇمنى ئۇزاق قىسىپ، ئاندىن مېنى ئاتنى مىنىشكە ئالدىراتتى. ئاندىن قىردىكى قازاق دوستلىرىغا يېزىپ قويغان خەتلىرىنى قولۇمغا تۇتقازدى. مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى شەبنەملەرنى كۆرەلمىسەممۇ، ئاۋازىنىڭ تىتىرىشىدىن قەلبىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇراتتىم. ئۇ مېنى مېڭىشقا ئالدىرىتىپ ئاتنىڭ ساغرىسىغا شاپىلاقلىدى...
مەمتىلى ئەپەندى شۇ يەرگە كەلگەندە گويا ھىكايىسىنىڭ ئاخىرىنى ئويلىنىۋاتقاندەك توختاپ قالدى. بىردەمدىن كېين داۋام قىلىپ:
— مەن مۇرات ئەپەندى دېگەندەك چەتكە  چىقىپ كەتمىدىم،— دېدى بېشىنى چايقاپ، — قازاق دالىلىرىدا يېرىم يىلدىن ئارتۇقراق سەييارە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، چەتئەلگە چىقىشتىن ئىككىلىنىپ ئاخىرى سەرۋەرگە تاتىشىپ قازاق دوستىلىرىمنىڭ ئىلتىماسغا قارىماي يەنە چۆچەككە قايتىپ كەلدىم.
1925- يىلنىڭ كۈزىدە مۇرات ئەپەندى، ئۈستام ۋە ئاخۇن داداملار ئورتاق مەسلىھەتلىشىپ مېنى ئۆيلەپ قويدى. مەن سەرۋەرنىڭ  ۋىسالىغا يەتتىم. ئاخۇن دادامغا قەشقەردىكى خەۋپ تۈگىگەنىدى. بۇ چاغدا ماتىتەي ئاغدۇرۇلغانىدى. بىزنىڭ تويىمىز ئۇنىڭ قايتىش ئالدىدا بوينىدىن ساقىت قىلىۋەتكەن قەرزى ئىدى.
سەرۋەر بىلەن ناھايىتى ياخشى ياشىدۇق. مەن دۇكان ئاچتىم. ئۇ مەھەللىدە بالىلارنى تەربىيلىدى. كېيىن ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ تەكلىپلىرى بىلەن مەسۇم تاران دېگەن كىراكەشنىڭ ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ شەمەيگە قاراپ كەتتۇق. بۇ   1926- يىلى ياز ئايلىرى ئىدى.
شەمەيدە مەن بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇپ يۈردۈم. بۇ مەزگىل سوۋېت ئىتتىپاقىدا قۇرۇلۇش يىللىرى بولغاچقا ئانچە مەمۇرچىلىك دېگىلى بولمايتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇش جاراھەتلىرى تېخى تامامەن ساقىيىپ كەتمىگەن، تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە بولسا باسمىچىلارنى تازىلاش كېتىۋاتاتتى. بۇنداق شارائىتتا مېنىڭ بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇشۇم كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى.
سەرۋەر مېنى ئۆيدىن ئايرىلىپ تاشكەنتكە، قازانغا ياكى موسكىۋاغا بېرىپ ئوقۇشقا دالالەت قىلاتتى. بىراق مەن ئۇنىڭدىن ئەنسىرەيتتىم. بۇ چاغدا ئۇ ئېغىر ئۇسقان بولۇپ قالغانىدى...
1927- يىلى سەرۋەر ئوغۇل تۇغدى. ئىسمىنى ئابدۇسەمەد قويدۇق. بۇ چاغدا مەن كىچىككىنە ئائىلىنىڭ غېمىنى قىلىمەن دەپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالمايلا قالدىم. بۇ ھالنى كۆرگەن سەرۋەر قەتئىي ھالدا مېنى ئوقۇپ كېلىشكە دەۋەت قىلىپ تۇرىۋالدى. ئىككىمىز ئۇزاق دەتالاش قىلىشقاندىن كېيىن ئاخىرى بىر قارارغا كېلىشىپ، سەرۋەرنى شەمەيگە تاشلاپ، ئوقۇش ئىزلەپ چىقىپ كەتتىم.
ئاۋۋال تاشكەنتكە باردىم. كېيىن ئىچكى روسىيگە كەتتىم.
دەسلەپ مۇسكىۋاغا بېرىپ بىر مەزگىل سەرگەردان تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئوقۇشنىڭ يولىنى قىلالماي يۈردۈم. كېيىن بۇ يەردە ئوقۇش ئۈچۈن ئۆرپ- ئادەت، تىل ھەم ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن بىراقلا قىينچىلىققا دۇچ كېلىدىغانلىقىمنى تونۇپ يېتىپ، تۈركىيىگە بېرىپ ئوقۇش نىيىتىگە كەلدىم. سودا پاراخۇدلىرىغا ئولتۇرۇپ تۈركىيىگە كېتىش ئۈمىدىدە سۋاستىپول شەھىرىگە بېرىپ  پورتتىكى بىر ئاشخانىدىن ئىش تاپتىم. پورتتا چەتئەل پاراخۇدلىرى توختايتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيە پاراخودلىرىمۇ  بارىدى. ماتروسلار بىزنىڭ ئاشخانىدا تاماق يەيتتى. پورتتىكى باشلىقلار مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ پاراخود خادىملىرىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئېچىلغان بۇ مۇسۇلمانلار ئاشخانىسىدا مەندىن باشقا ئازەربەيچان ۋە تاتارلار ئىشلەيتى.
تۈرك ماتروسلىرى تاماق ۋاقتىدا مېنى تەمبۇر چېلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلاتتى. مەن خەلق  ئاھاڭلىرىغا  ئۆزۈمنىڭ شېئىرلىرىنى سېلىپ ئېيتىپ بېرەتتىم. ناخشىلىرىمدا ئۆزۈمنىڭ تېنىچسىز ئۆمرۈم  ھىكايە قىلىناتتى.  بۇنڭدىن باشقا ۋەتەندىكى نادانلىق، جاھالەت ئۈستىدىن  قىلىنغان شىكايەتلەرمۇ بولاتتى. شۇنداق  قىلىپ ماتروسلار بىلەن چاپسانلا تونۇشۇپ، چىقىشىپ كەتتۇق.  ئۇلار ھەمىشە تۈركىيەدە يۈز بەرگەن يېڭىلىقلار- مۇستاپا  كامال ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتلارنىڭ مەزمۇنلىرىنى سۆزلەپ  بېرەتتى.
بۇنداق ئىسلاھاتلار بىزنىڭ جاھالەت ۋە نادانلىق ئىسكەنجىدە قالغان ۋەتىنىمىز ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن زۆرۈر ئىدى. شۇڭا تۈركىيەگە بېرىپ ئوقۇش ئارزۇيۇم كۈچىيىپ كەتتى.
بۇ ئارزۇيۇمنى تۈرك مايروسلىرىغا ئېيتتىم، ئۇلار مېنى تۈركىيىگە ئاپىرىپ قويۇشقا ماقۇل بولدى. شۇنداق قىلىپ 1928- يىلى تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقتىم قىرىم يېرىم ئارىلىى تەدرىجىي ئارقىمىزدا قالدى...
...
بىرمۇ تونۇشۇم بولمىغان يات ئەلدە بىردىنلا ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالىشىم مۇمكىن ئەمەسمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىممۇ ئىنتايىن خەتەرلىكىدى. مەندە سۋاستپول يۇرتىدا ئىقتىساد قىلغان ئازغىنا پۇلدىن  باشقا ھېچنەرسە يوقىدى. كۆتىرىۋالغان تەمبۇرۇمنى بولسا بۇ يەردە پۇلغا ئالمايتى.
مەن بىرەر پانا جاي تاپقۇچە بار دەسمايەمنى تۈگىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئىش ئىزلىدىم. بىراق  ئىش ئورنى تېپىش ئاسان ئەمەسىدى. شۇڭا كۈنلۈك ئىشلىدىم. پورت ۋە پرىستانلاردا، ۋوگزالدا ھامماللىق قىلدىم. يېتىشتا بولسا جامەلەردە، مۇساپىرخانىلاردا ۋە بەزىدەبودروملار (پودۋال، بىنا پەللەمپىيىنىڭ ئاستى) دا تۈننى ئۆتكۈزەتتىم. كېيىن بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى ماڭا خەيرىخاھلىق  قىلىپ، تاقىۋېتىلگەن خانىقانىڭ بىر ھوجرىسىنى ئېچىپ بەردى. شۇ يەردە يېتىپ- قوپىدىغان بولدۇم. كەچلىك تاماقنى ئاساسەن شۇ يەرگە ئەڭ يېقىن بىر ئاشخانىدا، ئەتتىگەن ۋە چۈشلۈكنى ئوتتۇر كەلگەن يەردە يەيتىم.
شۇنداق قىلىپ، ئاخىرقى ھېسابتا بىر ئاز ئىشەنچلىك تۇرار جايغا ئىگە بولدۇم. شۇندىن كېيىن تېرىكچىلىك ھەركىتىدىن ئېشىنغان ھامان ئوقۇشقا كىرىش يولىنى ئىزلەپ ھەرىكەت قىلىدىغان بولدۇم...
كەچقۇرۇنلىرى ئۆزۈم تاماق يەيدىغان ئاشخانىدا شۇ ئەتراپتىكى ياشلار بىلەن بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان بولدۇم. ئاشپەزمۇ مەندەك بىر چوپقىتى بولغانلىقىدىن خۇشال ئىدى. ئۇ ۋە شۇ ئەتراپتىكى يېڭى دوستلىرىم مېنىڭ غايە- ئىستەكلىرىمنى چۈشەنگەندىن كېيىن مېنىڭ ئىشىمغا تەڭ باش قاتۇرۇپ كېتىدىغان بولدى. ئاشخانا خوجايىنى بولسا ماڭا بىر قەشقەرلىك باي كىشى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى. ئۇ نۇرغۇن پۇل ئاجرىتىپ يېتىم- يسىرلارغا بېرىدىكەن، مەكتەپتە ئوقۇتىدىكەن. ئاشپەز گەز كېلىپ قالسىلا، ئۇ كىشىگە مەن توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرمەكچى بولدى. ئۇلارنىڭ ۋەدىلىرى ئانچە ئىشەنچلىك بولمىسىمۇ ھەر ھالدا ئۇلار ياخشى كۆڭلى بىلەن ماڭا ياردەم قىلىشنى ئىستەيتتى.
كېيىن ياش دوستلىرىم مېنى دىۋان يولىدىكى «تۈرك ئوچىقى»  غا باشلاپ باردى. بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى يېنىپ تۇرغان چوغقا ئوخشايدىغان قىزغىن كىشىلەر بولغاچقا، بەك تېز چىقىشىپ كەتتۇق. بۇ يەردە كەچقۇرۇنلىرى قەرەللىك لىكسىيە بولۇپ تۇراتتى. بىلىملىك ئادەملەر لىكسىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولاتتى. ھەممە تېمىدا سۆزلىنەتتى. ئۇ مەندەك ھېچنېمە كۆرمىگەن ئىگىسىز غېرىپقا نىسبەتەن گويا بىر ئالىي مەكتەپ ئىدى.
بىر كۈنى كەچتە ھېرىپ- ئېچىپ ئەمدىلا ”ياتىقىم“ غا قايتىپ كېلىپ تۇراتتىم، 50 ياشلار چامىسىدىكى بىر سالاپەتلىك ئەپەندى بۇسۇغىدا پەيدا بولدى. ئۇ مېنىڭ تېڭىرقاپ قارىشىمغا جاۋابەن:
— كىرىشكە بۇلامدۇ؟ — دەپ سورىدى، تولۇق قەشقەر شىۋىسىدە سورالغان بۇ ئىجازەت ئاۋال بەك دىققىتىمدا بولمىغان ئىكەن، ئەمما بىرنەچچە سىكونتتىن كېيىن ئىسسىق بىر ئېقىم بەدىنىمگە تاراپ كەتكەندەك بولدۇم. گويا دادام ماڭا گەپ قىلماقتىدى...
— بولىدۇ، كېرىڭ، — دەپ جاۋابەن بەردىم مەنمۇ ئۇيغۇرچىلاپ.
ئۇ ھوجرامغا كىرگەندىن كېيىن ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلغۇدەك بىساتىم يوقلىقىدىن خىجىل بولۇپ مەڭدەپ كېتىۋاتقىنىمغا پەرۋا قىلماي، ھە دەپ تامدا ئېسىقلىق تۇرغان تەمبۇرغا قارايتتى.
— سىلى قەشقەردىن كەلدىلىمۇ؟ — دېدى بىر ھازادىن كېيىن. مەن گىرىمسەن ئۆي ئىچىدە ئۇنىڭ رەڭگى- روھىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئېنىق كۆرەلمىسەممۇ، ئاۋازىدىن ھاياجانلىنىۋاتقانلىقىنى سەزدىم.
— شۇنداق، قەشقەر ئاتۇشتىن، ئىسمىم مەمتېلى، — دېدىم ئۆزەمنى تونۇشتۇرۇپ.
— مەنمۇ قەشقەردىن، ئاق ئوردا مەھەللىسىدىن. ئىسمىم ئابدۇللا... — دېدى ئۇ ۋە بىر ئۇلۇغ- كىچىك تىنىۋالغاندىن كېيىن، — پەمىمچە سىلى يېقىندا كەلدىلىغۇ دەيمەن؟
— شۇنداق.
— مەن سىلى  يېڭى كەلگەن چاغلار بولسا كېرەك، سىلىنى بىر قېتىم كۆرگەنىدىم. تەمبۇر كۆتۈرىۋالغان ئىكەنلا. ئاشۇ چاغدا قەشقەر كۆز ئالدىمغا كېلىپ يۈرىكىم يېرىلىپ كەتكۈدەك بولغانىدى. ئۇ كۈنى مەن ئارابا  بىلەن كېتۋاتاتتىم، دەرھال توختاپ ئەھۋاللىشىشقا بولمىدى. بۈگۈن مۇشۇ يەرلىك ئاشپەز ئېيتىپ بەرمىگەن بولسا تاپالمايتىم...
مەن ئۇنىڭ زادى نېمىشكە مېنى ئىزدىگەنلىكىنى، ھازىر نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلمەي ئۇنچىقماستىن قاراپ تۇراتتىم.
— سىلى كەلگەندىن كېيىن نېمە كەچمىشلەرنى كەچتىلە؟ مۇشۇ يەردىلا تۇردىلىمۇ؟
— ياق، دەسلەپ بىنا پەللەمپەيلىرىنىڭ ئاستىدا، كېيىنچە مەسچىتلەردە قونغانىدىم. كېيىن مۇشۇ مەسچىتنىڭ ئىمامى بۇ ھوجرىنى ئېچىپ بەردى.
— بولدى قويسىلا، باشقىسىنى كېيىن سۆزلىشەيلى، بەلكىم سىلى تېخى كەچلىك تاماق يېمىگەن بولسىلا كېرەك؟ مەن سىلىنى ئۆيۈمگە تەكلىپ قىلىپ كەلدىم. تەمبۇرلىرىنىڭ مۇڭىدىن بەھرىمەند قىلىشنى خاھلارلىمىكىن؟
مەن ھېچقانداق قارىشىلىق ئىپادىسدە بولمىدىم. بىر ئېغىز تەكەللۇپمۇ قىلمىدىم. بۇ يەردە بىر ۋەتەندىشىم بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىش مېنىمۇ چەكسىز ھاياجانغا سالغانىدى.
— ئەلۋەتتە خاھلايمەن، — دېدىم شۇڭا.
— ئەمسە يۈرسىلە، كەتتۇق. ئەپكەلسىلە، تەمبۇر مېنىڭ قولۇمدا تۇرسۇن، مەن ئېلىۋالاي. سىلىگە ھەقىقەتەنمۇ ھەۋىسىم كېلىۋاتىدۇ، قەشقەردىن تەمبۇرنى تاشلىماي كەلگەنلىرىنى قارىمامدىغان، ماختاشقا ئەرزىيدۇ. ئۆيدە  سۆزلىشەيلى، ئۆيدە. چارچىغانلا...
ئۇ ماشىنا بىلەن كەلگەنىكەن، بىز چاپسانلا ئىستانبۇل بوغۇزىغا يېقىن ھەشەمەتلىك قۇرا- جايغا يېتىپ كەلدۇق. مويسىپىت كىشى مېنى ئازادە مېھمانخانىغا باشلىدى. مېھمانخانىنى ئېلىكتىر چىراقلىرى يوپ- يورۇق يۇرۇتۇپ تۇراتتى.
شۇ چاغدىلا بۇ ۋەتەندېشىمنىڭ بەستلىك، قاڭشارلىق، تىپىك ئۇيغۇر ئەرلىرىدىن ئىكەنلىكىنى  كۆردۈم. ئۇ شىلەپىسىنى ئالغاندا  چاچلىرىنىڭ ئاقارغانلىقىنىمۇ بايقىدىم. ئۇ يېشىنىپ بەھۇزۇر ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.  خىزمەتكار دەرھال چاي كەلتۈردى. بىز بىر ئىستىكاندىن چاي ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ سۆز باشلىدى:
— ئۇنداق بولسا بىز تاماق ئۈستىدە قىسقىچە تەرجىمە ھالىمىز بىلەن تونۇشۋالايلى، ئاندىن  تەمبۇرغا نۆۋەتنى بېرىمىز، قانداق؟
— بولىدۇ، دېگىنىڭىزچە بولسۇن. ئەمسە مەن ئۆزۈمنىڭ كەچمىشلىرىمنى سۆزلەپ بېرەي، — دېدىم مەن ۋە كەچمىشلىرىمنى قىسقىچە ئاڭلاتتىم ئەمما ئەڭ موھىم يەرلىرىنى تەپسىلىراق ئاڭلاتتىم.
مۇلازىم داستىخاننى نازۇ- نىمەتلەرگە تولدۇرىۋەتكەنىدى.  
— ئەمدى پاراڭنى مەندىن ئاڭلىسىلا، — دېدى ئابدۇللا ئەپەندى، — مەن ئەمدىلا بۇرۇتۇم خەت تاتىۋاتقان چاغدا دادامغا ھەمراھ بولۇپ يۇرتتىن چىقىپ كەتكەنىدىم. دادام ئەسلىدە ئۆزى بىلىدىغان زەردىچىلىك ئىچىدە يۇرتنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن دادام كىچىك كارخانىلارنى ئېچىپ، بەزى كارخانىلارغا پاي قوشۇپ تىرىچىلىك باشلىغان. ئاخىرى  ئۇنى مۇشۇ ئەلنىڭ تۇپرىقىغا كۆمۈپ قويۇشقا توغرا كەلدى. ئۇنىڭدىن قالغان دەسمايە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى جاھانگىرلارنىڭ بۆلىشىۋېلىش ھەرىكىتدە ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانىدى. جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ ياردىىمىگە ئېرىشىپ دادامنىڭ كارخانىلىرىنىڭ بەزىلىرىنى تاقاپ، بەزىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ دېگەندەك، مەنمۇ ئىسلاھات يۈرگۈزۈپ، ئازراق  قەددىمنى تىكلىدىم. لېكىن، روھى جەھەتتىن ھامان كەمبىغەللىك ھېس قىلىمەن...
ئابدۇللا ئەپەندى چوڭقۇر  ھەسرەتلىك تىنىپ شۈكلەپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن تەمبۇرنى قولۇمغا ئالدىم. تارلاردىن زىل ئاۋاز ئاڭلىنىشى بىلەنلا ئۇ خىيالدىن باش كۆتۈرۈپ، مەمنۇنىيەت بىلەن كۈلۈمسىرەپ مېنىڭ تەمبۇر سازلىشىمغا قاراپ تۇردى. مەن دەرھال ”قەشقەرسەنىمى“ نى باشلىۋەتتىم....
ئابدۇللا ئەپەندى يوغان- يوغان تىنغاندا كۆكرىكى بىر كۆتۈرۈلۇپ، بىر چۈشۈپ، بۇرۇن- چاناقلىرى كېڭىيىپ- كېڭىيىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ شۇ تۇرىقى ھېلىلا يىغلىۋېتىدىغاندەك كۆرۈنەتتى. مەن تىنماي چالاتتىم. ئارقا- ئارقىدىن پەدە يۆتكەپ، ئۇلاپ كېتىۋېرەتتىم.
ئاتاسى ئۆلمىگەن كىم بار؟
ئاناسى ئۆلمىگەن كىم بار؟
كىشنىڭ يۇرتىغا بېرىپ،
مۇساپىر بولمىغان كىم بار؟
مېنىڭمۇ پىغانىم ئۆرلەپ، ئىچىم سىقىلىپ تۇرغاندا مۇشۇنداق مېھماندوست ۋەتەندىشىمنىڭ ھوزورىدا ئولتۇرۇشۇم خۇددى ئۇزاق يىغلىغان بوۋاق پەپىلىنشكە ئېرىشىپ ئارام تاپقاندەك بىر خىل تۇيغۇ بەخش ئەتتى بولغاي، كۆزلىرىم ئىختىيارسىز نەمدەلدى. بۇ چاغدا تېخىمۇ قىزغىن، ھېسياتلىق ئوقۇدۇم. مەن چېلىشتىن توختاپ تەمبۇرنى كىرسلوغا قويغىنىمدا ئابدۇللا ئەپەندى ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا يېقىن كەلدى. مەنمۇ ئىختىيارسىز ئورنۇمدىن تۇردۇم. ئۇ مېنى چىڭ قۇچقاقلاپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئادىتى بويىچە:
— قوللىرىغا دەرت بەرمىسۇن، رەھمەت ئوغلۇم، — دېدى،
ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ، تۇرالغۇمغا كەتمەكچى بولۇپ، تەمبۇرنى قولۇمغا ئېلىۋىدىم، ئۇ ئىتتىكلا تەمبۇرنى قولۇمدىن تاتىۋالدى.
— نەگە بارىلا؟ بۇنداق كىچىدە كىم سىلىنى يولغا سېلىپ قويىدىكەن؟ قونۇپ قالىلا. بۇندىن كېيىن قانداق قىلىشلىرىنى ئەتە سۆزلىشەيلى. قېنى بۇياققا مەرھەممەت.  بۇ ياتاق سىلىگە تەۋە، ئارام ئالسىلا. تەمبۇرنى مەن ئۆزۈمنىڭ ھوجرىسىغا ئېسىپ قوياي، قەشقەردىكى ئۆيۈمدە ياتقاندەك تۇيولسۇن...
شۇنداق قىلىپ ساھىپخاننىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلشقا توغرا كەلدى.
ئەتىسى يايمامنى ئېچىشقا ئالدىراپ ئورنۇمدىن تۇردۇم ۋە كېتىشكە تەمشەلدىم، بىراق خىزمەتچى تاماقخانىغا تەكلىپ قىلدى. ئابدۇللا ئەپەندى كۆرۈنمەيتتى. خىزمەتچى ماڭا:
— خۇجايىن زاۋۇتقا كەتتى. پاتلا قايتىمەن، كۈتۈپ تۇرسۇن، دېگەنىدى، — دېدى چالىراق تەلەپپۇز بىلەن تۈرك تىلىدا. ئۇ سەرگەردان ئەرەپىدى.
تاماقتىن كېيىنمۇ خېلى ئۇزاق كۈتتۈم. زېرىكتىم، تىت- تىت بولدۇم. ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ قورا- جايىنى(ئۇلار بۇنداق مەنزىرىلىك جايلارغا سېلىنغان ئۆيلىرىنى يازلىق دەپ ئاتايدىكەن) كۆزدىن كەچۈرۈشكە باشلىدىم...
ئابدۇللا ئەپەندى چۈشكە يېقىن قايتىپ كەلدى.
— ئالدىلىرىدا چەكسىز ئۆزرلىكمەن، تولىمۇ بىھۆرمەتلىك قىلدىم. ئەسلىدە مەن بۇنچىلىك ھايال بولۇشۇمنى ئويلاپ باقمىغانىدىم، — دېدى ئۇ سەمىيمىلىك بىلەن خىجىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ.
— مەن خوشلىشىش ئۈچۈن سىزنى كۈتۈپ تۇرغانىدىم، — دېدىم مەن مېڭىشقا ئالدىراپ. ئۇنداق بولمىغاندا بىر كۈنلۈك تاپاۋەتتىن قۇرۇق قالاتتىم. بۇ ھال بولسا تۇرمۇشۇمغا قېيىنچىلىق ئېلىپ كېلەتتى.
— سىز خۇشلىشىپ نەگە بارماقچى؟ خانىقاغىمۇ؟ يايمىچىلىك قىلىشقىمۇ؟ ياكى يۈك توشۇشقىمۇ؟ بولدى قويسىلا. ئېغىر كېلەمدىمىكىن دەپ دېمىگەنىدىم، ئەگەر بىكار نان يەمدىم دەپ خىجىل بولسىلا سىلىگە خىزمەت بېرەي، قانداق؟ نەرسە-كېرەكلىرىدىن ۋايىم يەۋاتاملا؟ قىيمۇغىدەك نېمىلىرى بارىدى؟
— بىر نەچچە كىتاب.
— كىتاب؟ ھاھا.... بۇ ياققا كەلسىلە، ئارقامدىن ماڭسىلا، مانا سىلىگە كىتاب. بۇ قىزىمنىڭ كۈتۈپخانىسى. زۆرۈر تېپىلسا بۇلاردىن خالىغانچە پايدىلانسىلا بولىدۇ.
— رەھمەت. بىراق ئۆزەمگە بىر نەچچە ۋاخ ھەمراھ بولغان كىتابلارنى تاشلىۋېتىشكە ھەققىم يوق ـ تە، — بۇنداق دېيىىشم بۇ كىتابلار ئىچىدە ۋەتەندىن بىللە ئېلىپ كەلگەن، مۇراد ئەپەندى بەرگەن كىتابلار، سەرۋەرمۇ ئوقۇغان، ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئەسلىتىدىغان كىتابلار بارىدى.
— ئەمىسە مەن بىرسىنى ئەۋەتەي، نەرسە- كېرەكلىرىنى ئېلىپ كەلسۇن.
— ئابدۇللا  ئاكا، رەھمەت ئېيتىشقا رۇخسەت قىلىڭ. مەن باشقا بىراۋغا — مەيلى ئۇ قانچىلىك رەھىمدىل كىشى بولسمۇ— بېقىندى بولۇپ ياشاشنى خالىمايمەن. شۇڭا مەن يەنىلا ئۆز يولۇمنى ئۆزەم تاپاي.
— ھەي، تەرسا يىگىت، سىلىنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۈچۈن ئەيىپكە بۇيرۇشقا ھەقلىق ئەمەسمەن. چۈنكى مېنىڭ قارىشىمچە يىگىت دېگەندە ئاشۇنداق روھ بولۇشى كېرەك. لېكىن، مېنىڭ سىلىگە تەۋسىيە قىلىۋاتقىنىم بېقىندى بولۇپ ياشاش ئەمەس، خىزمەت. مېنىڭ ئىگىلىكىمدە خىزمەت قىل دېمەكچىمەن. قىلغان ئەمگەكلىرىگە تايىنىپ ياشىسىلا يەنە بېقىندىلىق بولماس؟ بۇ ئۆيدە تۇرۇشنى نەزەردە تۇتىۋاتاملا- يا؟ بۇنى توغرا كۆرمىگەن بولسىلا، ئۆيۈمدە تۇرغانلىرى ئۈچۈن سىلىگە قوشۇمچە ۋەزىپە بېرەي ياكى ئىجارە تۆلەپ ئولتۇرسىلا، قانداق؟
مەن ئۇنىڭ ھېلىلا يىغلىۋىتىدىغاندەك ھالەتتە ئىلتىجا قىلىۋاتقىنىغا قاراپ، قاتتىقلىق قىلىشنى راۋا كۆرمىدىم.
— ئۇنداق بولسا نەرسە-كېرەكلىرىمنى ئېلىپ كېلىشكە ئۆزەم باراي. ھېلىقى ئىمام ۋە ئاشپەز بىلەن خوشلاشمىسام بولماس. ئۇلارمۇ يامان چاغدا بېشىمنى سىلىغان ئادەملەر، ئەمدىلىكتە ئۇلارنى بىردىنلا ئۇنتۇپ قالسام تۇزكورلۇق بولار، — دېدىم ئاخىرى.
— ئېھ، ئاقكۆڭۈل يىگىت، بۇنداق توغرا سۆزنى رەت قىلىپ بولاتتىممۇ، بارسىلا، ماشىنا بىلەن بېرىپ كەلسىلە. سىلىنىڭلا گەپلىرى ھېساب بولىۋەرمىسۇن، مېنىڭ بىرەر ئىلتىماسىمنىمۇ قوبۇل قىلىپ قويسىلا، — دېدى ئۇ سەمىمىي رەنجىپ.
شۇنداق قىلىپ بۇرۇنقى تۇرالغۇمغا بېرىپ ئۇ جايدىكى بۇرادەرلەر بىلەن خوشلاشقاچ نەرسە- كېرەكلىرىمنى يۆتكەپ كەلدىم ھەم شۇ كۈنىلا خىزمەت تەلەپ قىلدىم.
— ئەمىسە ۋەدىڭىز بويىچە ماڭا دەرھال خىزمەت بېرىڭ. بۈگۈنلا ئىشقا كىرىشىپ كېتەي.
¬ — ھازىرچە سىلىگە دەم ئېلىش ۋەزىپىسى بېرىلدۇ. سىلى ئىستامبولنىڭ جىمى كوچىلىرى، زاۋۇت- فابرىكىلار ۋە ھۆكۈمەت مەھكىمىلىرىنىڭ جايلاشقان ئورنى بىلەن تونۇشسىلا، بۇ سىلىنىڭ كېيىنكى خىزمەتلىرى ئۈچۈن كېرەك بولىدۇ.
ئۇنىڭ سەمىمىي سۆزلىرىنى ئاڭلىماي ئىلاج بولسۇنمۇ؟
¬—كۈتۈپخانىدا كىتاپ كۆرسىلە، قىزىم ئىستامبول ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقۇيدۇ. شەنبە كۈنى كېلىپ ئۆيدە ئىككى قونىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمى ئەدىبە. ئۇ مېنىڭ بىر تاللا قىزىم، ئانىسى رەھمەتلىكنىڭ تەۋەرۈكى...
كېيىن ئايال خوجايىننىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە بىر قېتىملىق قىرغىنچىلىقتا جاھانگىرلارنىڭ قانلىق قىلىچىدا ئۆلگەنلىكىنى بىلدىم. بۇندىن باشقا يەنە ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ ھەمىشە يالغۇزلۇق، غېرپلىق ھېس قىلىپ تۇرغىنى ئۈچۈنمىكىن، ۋەتەنداش مۇساپىرلارنى ئۆيىدە تۇرۇشقا، ئۆزى بىلەن بىللە ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى، بەزىدە بىر ياكى ئىككى مۇساپىر، بەزىدە بىر نەچچىسى ئۇنىڭ قورا- جايىدا پەيدا بولۇپ، كېينچە كېتىپ قالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇم. ھەج سەپىرىدە ئىستانبۇل ئارقىلىق ماڭىدىغانلاردىن ئۇنىڭ بىرەر ياخشىلىقىغا قەرزدار بولمايدىغىنى يوق دېسىمۇ بولىدىكەن.
مانا شۇنداق قىلىپ، ئابدۇللا ئەپەندى مېنى ھەممە گېپىگە ماقۇل دەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى. مەن ئۇنىڭ ئېزىز مېھمىنى بولۇپ، تۆردىن چۈشمەي تۇرىۋاتساممۇ كۆڭلۈم تازا جايىدا ئەمەسىدى. قانداقلا بولمىسۇن مەن ئىشلىشىم ۋە ئوقۇش پۇرسىتى ئىزدىشىم كېرەكىدى.
كۈتۈپخانىدا كۈن بويى كىتاب ئوقۇپ، ۋاقتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىننى تۇيماي قالدىم. ھايت- ھۇيت دېگۈچىلا شەمبە كۈنىمۇ كېلىپ قالدى. ئابدۇللا ئەپەندى زاۋۇتتىن بالدۇرلا قايتىپ كېلىپ:
— بۈگۈن ئەدىبەنى ئېلىپ كەلگىلى بارىمەن، مالال كۆرمىسلە بىللە بارايلى،  — دېدى
ماشىنا بىلەن كېتىۋېتىپ مەن ئابدۇللا ئەپەندىگە كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتتىم، چۈنكى ھازىرغىچە بۇنچىلىك پۇرسەت بولمىغانىدى.
— مەن بەك تىت- تىت بولۇپ كېتىۋاتىمەن، ئابدۇللا ئاكا، — دېدىم دېرىزىدىن كوچىغا قاراپ ئولتۇرۇپ.
— نېمىشقا؟ قانداق ئىش سىلىنى مالال قىلدى؟
— مەن ئاخىر بۇ يەرگە سىزنىڭ مېھمىنىڭىز بولۇش ئۈچۈن كەلمىگەن- دە! جان بېقىش كويىدا كەلگەنمۇ ئەمەس. ئوقۇش پۇرسىتى ئىزلەپ كەلگەنمەن. ئەگەر سىزنىڭ ماڭا بەك ياخشىلىق قىلىغۇڭىز بولسا مېنى بىرەر مەكتەپكە تونۇشتۇرۇپ قويۇڭ. بۇندىن باشقا دەرستىن سىرت ئىشلەيدىغان ئورۇنمۇ كېرەك.
— ئوقۇش؟ ياخشى گەپ. ئوقۇماي بولمايدۇ! — دېدى ئۇ كۈلۈپ. سەلدىن كېيىن سالماق ئاۋازدا، ئوغلۇم، نىيەتلىرىنى چۈشىنىمەن، بۇ يىل ئوقۇش باشلاش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى. مەن سىلىگە مەكتەپ ئوقۇشۇپ بېرىشكە ۋەدە قىلاي، بىراق سىلى تەخىر قىلسىلا. شۇڭغىچە بىمالال تۇرۇۋەرمەملا، مەن سىلىنى يەكلەۋاتمىغاندىكىن.
— مەسىلىمۇ دەل شۇنىڭدا. ئويلاپ كۆرۈڭ، ھەر قاچان ياخشىلىق قىلغۇچى ئۆزىنى يېنىك ۋە ئازادە ھېس قىلىدۇ؛ ياخشىلىقنى قوبۇل قىلغۇچى بولسا ئۆزىنى كۆرۈنمەس يۈك بىلەن بېسىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. مەن باشقىلارغا شەپقەت قىلىشنى ئويلايمەن، باشقىلارنىڭ شەپقىتىگە قەرزدار بولۇپ قېلىش مەن ئۈچۈن بەك ئېغىر. مەن دېگەن باقاندەك ئەركىشى تۇرسام...
— مەن سىلىگە شەپقىتىمنى مىننەت قىلمايۋاتقاندىمەن؟
— مەن دېگەن قەرزنىڭ سالمىقىمۇ دەل شۇ يەردە. ئەگەر مىننەت قىلسىڭىز ئىدى، ياخشىلىقىڭىزنىڭ قىممىتىنى ئۆزىڭىزلا تۈگىتىپ قوياتتىڭىز.
— ئۇنداق بولسا دۈشەمبە كۈندىن باشلاپ مەن بىلەن زاۋۇتقا بارسىلا، ئۇنىسىڭىز سىلىدىن قۇتۇلالمايدىغان ئوخشايمەن، — دېدى ئۇ كۈلۈپ.
بىز ئۇنۋېرسىتىت ئالدىغا  — بايازىت مەيدانىغا بېرىپ كۆپ كۈتمەيلا بىر قىز قول پۇلاڭلىتىپ ماشىنىغا قاراپ كەلدى.
— ئەنە شۇ مېنىڭ بىر تاللا قىزىم، ئەدىبە، — دېدى ئابدۇللا ئەپەندى ماشىنىدىن چۈشكەچ.
مەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماشىنىدىن چۈشتۈم. ئۇ چاققىچە قىزمۇ يېتىپ كەلدى ۋە دادىسى بىلەن سۆيۈشۈپ كۆرۈشتى. دادىسى بىلەن بىللە كەلگىنىمنى پەملىگەچكە ماڭىمۇ ئىللىق كۈلۈمسىرەش بىلەن:
— Merhaba!  —دەپ سالام قىلدى.
— تونۇشۇپ قويۇڭلار، قىزىم، بۇياق مەمتىلى ئەپەندى، قەشقەردىن يېقىندىلا كەلگەن ۋەتەندىشىمىز. بۇ مېنىڭ قىزىم ئەدىبە.
— Hoş geldiniz?  — دېدى قىز چوڭ سۈپەت مۇلايىملىق بىلەن. ئۇنىڭ خيالچان، ئېغىر مىجەزلىكى بېلىنىپ تۇراتتى.
— ياخشىمۇسىز خېنىم؟ — دېدىم مەنمۇ جاۋابەن.
— قېنى ماشىنىغا چىقىڭلار، پاراڭنى ئۆيدە قىلىمىز، — دېدى ئابدۇللا ئەپەندى.
ئەدىبە تۈركچىلا سۆزلەيتتى. ئۇ ئۇيغۇرچىنى بىلمەسلىكىدىن ئەپسۇسلانغاندەك قىلاتتى.
— مەن قەشقەرگە بارسام گېپىمنى ئۇقتۇرالامدىم قانداق، — دېدى ئۇ.
— سىز خۇددى ئىنگىلىز تىلى ياكى روس تىلى توغرىسىدا گەپ قىۋاتقاندەكلا. ئۇيغۇر دېگەنمۇ تۈرك ئەمەسمۇ؟ ئەگەر سىز ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا قىسقا بىر مەزگىل تۇرسىڭىزلا كۇپايە. مەنمۇ تۈركچىنى ئاتايىن ئۈگەنگىنىم يوق، مۇشۇ مۇھىتتا ئۆزەمچىلا مۇشۇنچىلىك سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدىم.
— داداممۇ ھەمىشە شۇنداق دەيدۇ. بىراق،...مەن ۋەتىنىم ھەققىدە، قەشقەر ھەققىدە بەكمۇ كۆپ ئويلايمەن...
¬—  قىزىم، بۈگۈن بۇ ئاكاڭ بىزگە تەمبۇر چېلىپ ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ئوقۇپ بېرىدۇ. ئۇيغۇر ناخشىسى بىلەن تەمبۇرنىڭ قانداق ھىملىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلگىنىڭدە ھەيران قالىسەن، — ئابدۇللا ئەپەندى ئىپتىخار بىلەن شۇنداق دىۋىدى، مېنىڭمۇ ۋۇجۇدۇم ئوتتەك يېنىپ كەتتى.
كەچلىكى ھەقىقەتەنمۇ بەزمە قىلدۇق. مەن ئۇلارغا ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ئوقۇپ بەردىم. كەچكى مۇراسىمىمىز ئاياقلاشقاندىن كېيىن ئەسلىدىمۇ خىيالجان بولغان ئەدىبە قاتتىق ھاياجانلاندى:
— بەرىبىر مەن پات ئۇخلىيالمايمەن. بىردەم كۆكنى تاماشا قىلايمىكىن دەيمەن. كەچ كۈزنىڭ تولۇن ئايلىق ئاخشىمى بەك گۈزەل بولىدۇ، ...سىز ماڭا ھەمراھ بولۇشنى خالامسىز؟ — دەپ سورىدى.
— بۇ گەپتىن ھەيران قېلىۋاتامسەن؟ ئۇ يەرنىڭ قىزلىرى بۇ يەردىكىدەك ئەركەكلەردىن ھۈركۈپ كەتمەيدۇ، — دەپ ئىزاھات بەردى تەۋپىق سەيپىددىنگە، ئاندىن يەنە داۋام قىلدى، — ئۇنىڭ دادىسىغا تاتقان يوغان بۇلاق كۆزلىرىدە ئانا يۇرتىغا بولغان سېغىنىش تولۇپ ياتاتتى. كۆز قارچۇقىنىڭ نۇرلۇق چاقناپ تۇرۇشى ئۇنى كۆزىدە ياش دۇاردانىلىرى پارقىراۋاتقاندەك كۆرسىتەتتى. بىرىنچى ئۇچرىشىشتىلا ماڭا ئېغىر، غەمكىن ۋە نىمىشكىدۇر ئاللىقانداق ھەسرىتى بار ئادەمدەك كۆرۈنگەن قىز ھازىر تېخىمۇ شۈكلەپ، بىچارە كۆرۈنمەكتىدى. ئۇ خۇسۇسەن غەمكىن ھالەتتە تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈنەتتى.
— مەيلى، ھەمراھ بولۇشۇمنى خالىغان بوسىڭىز ھەمراھ بولاي،— دېدىم مەن.
— ئەمسە پەلتۇ كېيىۋېلىڭ، قېلىنراق كىيىنىۋالمىسىڭىز  كېچىسى دېڭىز تەرەپتىن غۇر- غۇر شامال سوقۇپ تۇرىدۇ، ئاڭلىغانسىز، ”ئىستانبۇلنىڭ ھاۋاسىغا، پاراسىغا،... “ ئىشەنمە دېيىشىدۇ، — دېدى ئۇ سەبىلىك بىلەن گويا مەن بۇ شەھەرگە بۈگۈنلا كەلگەندەك چۈشەندۈرۈپ ۋە تەمسىلنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدىن ئۇيالغاندەك دۇدۇقلاپ قالدى.
مېنىڭ كىيىۋالغۇدەك پەلتۇيىممۇ يۇقىدى. ئەمما مەن يوقسۇز سەرگەردانلىقتا ”غۇر- غۇر شامال“ غىلا ئەمەس، بورانغىمۇ كۆنۈپ قالغاچقا شۇ پېتىلا كېتىۋەردىم.
— مەن ئۇنچىۋالا تاۋى نازۇكلاردىن ئەمەس، قورقماڭ، ئاغرىپ قالمايمەن، — دەپ ئىزاھلاپ قويدۇم مەن.
ئىككىمىز قورا ئىچىنى، گۈلزالىقنى، كىچىك باغچىنى ئايلىنىپ يۈردۇق. خېلى ئۇزاققىچە ھەر ئىككىمىز جىم ماڭدۇق. مېنىڭ گەپ-سۆزسىز ماڭغۇم بولمىسىمۇ قىزنىڭ كەيپىنى بۇزماسلىق ئۈچۈنلا جىملىقىنى ساقلاپ ماڭاتتىم.
— زەپ ياخشى ئايدىڭ! ناخشىنى ئەسلىدە مۇشۇنداق جايدا ئېيتسا تېخىمۇ ساز بولىدۇ، گۈزەللىك ئۈستىگە گۈزەللىك! سىزنىڭچە قانداق؟
—  ئەلۋەتتە. بىز يۇرتىمىزدا ئايدىڭ ئاخشاملىرى خامان ساقلاپ ياتقان يېرىمىزدە شۇنداق ناخشا ئېيتىپ چىقىمىز. ئۇ كېچىلەرگە نېمە يەتسۇن، ناخشىلار تەبىئەت قوينىغا سىڭىپلا كېتىدۇ، دېسىڭىزچۇ، — دېدىم مەن بىردىنلا خىيالىمغا مەنىسا ئۈچۈن ناخشا ئوقۇپ يۈرگەن ئۇيقۇسىز ئاخشاملار كېچىپ.
— سىزنىڭ تۈركچىنى كوچىدا يۈرۈپلا مۇشۇنداق ئۈگەنگىنىڭىزگە ئىشىنەلمەي قالدىم، — دېدى قىز مېنىڭ سۆزۈمنى   ئاڭلاپ بولۇپ،— ئاغزىڭىزدىن چىقىۋاتقىنى شېئىرغۇ؟ مەخسۇس تەربىيە ئالماي مۇشۇنداق ئۈگەنگىنىڭىز...؟
— مەنمۇ كۇچا تىلى بىلەنلا قانائەتلەنمەيمەن- دە، چۈنكى مېنىڭ قوغلىشىدىغىممۇ شېئرى تىل،— دېدىم كۈلۈپ.
بىز بىر تۈپ قارىغاي تۈۋىدىكى مەر- مەر ئورۇندۇقتا يانمۇ- يان ئولتۇرغاندا قىز تولۇن ئايغا قاراپ تۇرۇپ:
— قەشقەرنى كۆرۈشكە نېسىپ بولارمىكىن؟... — دېدى پىچىرلاپ.
— ئىنشا ئاللا، تىلىكىڭىزگە يېتەرسىز، — دېدىم مەن رومانتىك تۈسنى بۇزماستىن.
... بىز كېچىلىك سەيلىدىن ئۇخلاش ئۈچۈن قايتقان ۋاقتىمىزدا ئابدۇللا ئەپەندى كېچىلىك كىيىمى بىلەن كارىدور ئىشكىدە خۇددى نەچچە كۈنلۈك سەپەردىن كېلىۋاتقانلارنى كۈتىۋاتقاندەك كۈتۈپ تۇرغانىكەن ئۇ بىزنى كۆرگەندىن كېيىن راستىنلا شۇنداق ئۇزۇندا كۆرۈشۈپ تۇرغاندەك ئەھۋال سوراپ، قىزىنى ھوجرىسىغا ئۇزىتىپ قويۇپ،  ئاندىن ماڭا خەيرىلىك كەچ تىلەپ، خانىسىغا  كىرىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ يالغۇز  قىزىنى ئادەتتىن تاشقىرى  ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدىم. ئۇ قىزىنى  دىلى سۇنۇق دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېچىش، ئۇنى خوشال قىلىش كويىدىلا يۈرىدىكەن.
مەمتىلى ئەپەندى ئەمدى قىزغىنلىق بىلەن ھىكايىسىنى ئۈزمەي سۆزلەشكە باشلىدى. ئاڭلىغۇچىلارمۇ گەپ ئارىلىمىدى. ئات بىر خىلدا قەدەم  ئېلىپ كېتىۋاتاتتى.
— ئەتىسى ناشتىدىن كېينلا ئەدىبە مېنى  دېڭىز ساھىلىغا بېرىپ تاماشا قىلىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى. گەرچە مەن ئۇ ئۇقۇمۇشلۇق قىز بىلەن بىللە  بولۇشتىن قاچمىساممۇ كۈنلەرنىڭ مۇشۇنداقلا  ئۆتۈپ كېتىشىگە رازى ئەمەسىدىم. شۇڭا ئىككىلەنگەندەك، ئابدۇللا ئەپەندىگە قاراپ قويدۇم.
— بارسىلا، ئوغلۇم. نەچچە كۈندىن بېرى يالغۇز زېرىكىپ قالدىلا كۆڭۈللىرىنى ئېچىپ كەلسىلە. مەن بىرنەچچە ئاغىنىلىرىمنى   يوقلىغاچ سىلىنىڭ  مەكتەپكە كىرىش ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىپ كۆرەي،— دېدى ئابدۇللا ئەپەندى مېھرىۋانلىق بىلەن.
بىز مەرمەرەا دېڭىز بويىغا كەتتۇق. پۈتۈن سەيلە داۋامىدا روھى كەيپىياتىم ياخشى بولدى. بىراق، ”ئەدىبەگە كۆڭلۈم چۈشۈپ قېلىۋاتامدۇ ـ قانداق؟“ دېگەن سوئال بىلەن ئۆز- ئۆزۈمنى كۆپ قىينىدىم. سەرۋەرنىڭ مېھرىۋان چىرايى، ئوغلۇمنىڭ سەبى چىرايى پات- پات كۆز ئالدىمدا پەيدا بولاتتى. مەن ئەدىبەدىن ئىمكان قەدەر ئۆزۈمنى  تارتىشقا، ئۇنىڭغا بېرىلمەسلىككە
ئائىشە چاچ قارايتىش، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 02:22 AM |
دىيارىم كىنو قانىلى
bahtinur
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 22926
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 75
شۆھرەت: 99 نۇمۇر
پۇل: 539 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 1 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-12-16

 

كۆڭلۈمنىڭ قېتىدا ۋەدە قىلدىم. ئۇنداق قىلمسام بۇ يەرگە شەكلىسىز   باغلىنىپ قېلىپ، جىمىكى غايىلىرىم كۆپۈككە ئايلانغاندىن باشقا مېنى ئوقۇشقا ئۇزىتىش ئۈچۈن جىمى جاپانى ئۈستىگە ئالغان قەيسەر ئايالىم سەرۋەرنىڭمۇ يۈزىگە پاتقاق چاچقان بولاتتىم.
ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ مەكتەپ ھەققىدە بىرەر ئۇچۇر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلاپ، ئۆيگە قايتىپ شۇ ھەقتە خەۋەر ئاڭلاشقا ئۆمتۈلۈپلا تۇردۇم.
دېڭىز بويىدىن كەچ قايتتۇق، ئابدۇللا ئەپەندى ئاللىقاچان قايتىپ كېلىپ گۈلزارلىقىدا چىنار  ئاستىدىكى تاش ئورۇندۇقتا بىزنى كۈتۈپ تۇرغانىكەن.
سالامدىن  كېيىنلا ئالدىراپ سورىدىم:
— مەكتەپنىڭ ئىشى قانداق بولدى؟
— مەن سىلىنى مۇشۇ خەۋەرگىلا ئىنتىزار بولۇپ كۆڭۈللۈكرەك تاماشا قىلمايدىغۇ دەپ ئويلىۋىدىم، ئويلىغىنىمدەك، بىسسىمللا دېسەستىن شۇنى سورىدىلا.
— پۈتۈنلەي ئۇنداقمۇ ئەمەس، مۇشۇ خەۋەرگە ئىتىزار بولغىنىم راست، لېكىن سەيلىمىزمۇ كۆڭۈللۈك  بولدى. ئىشەنمىسىڭىز ئەدىبەدىن سوراڭ.
— شۇنداقمۇ، قىزىم؟ — دېدى  ئابدۇللا ئەپەندى ساددا دىللىك بىلەن.
— شۇنداق، دادا، مەمتىلى ئەپەندى بەك چىقىشقاق كىشىكەن، كۆڭلىدە ئاشۇ خەۋەرنىلا ئويلاپ يۈرگىنىنى زادىلا چاندۇرمىدى، بۇنى مەن ئەمدىلا بىلدىم. ئۇ ماڭا بىزنىڭ ۋەتىنىمىز ھەققىدە سۆزلەپ بەردى. بەك ئېچىنىشلىق...
— شۇنداقمۇ؟ يۈرۈڭلار، ئۆيگە كىرەيلى، مەن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ كۆڭلىنى تىندۇراي.
بىز مېھمانخانىغا كىرىپ قەھۋە ئىچكەچ ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشتۇق. ئاۋۋال ئابدۇللا ئەپەندى مەكتەپ ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئېتتى:
— بىر ئوتتۇرا دەرىجىلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۇ مېنىڭ خېلى يامان ئەمەس ئۈلپەتلىرىمدىنىدى. ئىلتىماسلىرىنى ئاڭلاپ  قوبۇل قىلىشقا قوشۇلدى. بىراق ئوقۇش باشلىنىپ ئىككى ئېيى ئۆتۈپ كەتكەچكە دەرسكە يېتىشەلمەي قالارمىكىن، ئوقۇۋېرىپ كېلەر يىلى قايتىلاپ ئوقۇيمەن  دېسە مەيلى دەيدۇ، قانداق قىلىسىز؟ سىلى باشقا مەكتەپتە ئوقۇماقچىمىدىڭىز يا؟
— ياق، يەنە مەكتەپ ئوقۇشمىز دەپ پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋەتمەيلى شۇ مەكتەپ قوبۇل قىلسىلا ئوقۇغاچ تۇراي، يېتىشىپ كەتسەم تېخى ياخشى، يېتىشەلمىسەم بۇ يىلقىسى تەكرار بولار، ئوقۇش راسخودى قانداق...؟
— ئۇ مېنىڭ يۈز- خاتىرەم ئۈچۈن سىزدىن ئوقۇش پۇلى ئالمايدىغان بولدى...
مەن بۇ گەپكە ئەلۋەتتە ئىشەنمىدىم. ئۇ مېنىڭ تەرسالىق  قىلىشىمدىن ئەنسىرەپ شۇنداق دەۋاتاتتى ئەمەلىيەتتە راسخودىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالغانىدى.
— قېنى كۆرەمىز. ئەمسە ۋاقتىڭىز يەتسە ئەتىلا مېنى باشلاپ بارسىڭىز ئىكەن.
— سىلىنىڭ بۇ تەقلىدتكى قىزغىنلىقلىرىغا مېنىڭ  باشقا ئامالىم يوق. بىراق، سىلى ئىشلەيمەن دېگەننى قويسىلا، ئوقۇش پۇلى ئالمىغاندىكىن...
—بۇ بولماسمىكىن... يەنىلا پارچە ـ پۇرات خىراجەتلەر ئۈچۈن پۇل كېرەك بولار...
— ئوغلۇم، مەن زاكات ئۈچۈن ھەر يىلى بىر مۇنچە پۇل ئاجىرىتىمەن، مۇساپىرلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن، مەكتەپلەردە بالا  ئوقۇتىمەن. سىلى نىمانچىلا تەرسالىق قىلىلا؟ سىلىگە ئوخشاش ۋەتەنداش مۇساپىردىن قىرىق- ئەللىكى ئوقۇيمەن دەپ كەلسە ئوقۇتسام شۇ غېرىۋانە قەشقىرىمگە كىچىككىنە بولسىمۇ پايدىسى بولۇپ قالسا دەپلا ئويلايمەن. مېنىڭ كۆڭلۈمنى نېمىشكە چۈشەنمەيلا؟...مەن دۇنيا يىغىپ ئاخىرەتكە ئېلىپ كېتەمدىمەن؟ بىر ئاتا، بىر بالا تۇرساق ئىككىمىزگە يېتىشمەي قالامتى؟
ئابدۇللا ئەپەندى بىر مۇنچە قايناپ كەتتى. ئەدىبەمۇ دادىسىغا بولۇشۇپ بوتنىدى. مەن ئۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلىگە ئازار يەتكۈزۈشنى توغرا تاپمىدىم.
— مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق سىلىنى سېتىۋالماقچى ئەمەسمەن. ھەر قاچان ئەركىڭىز  قولىڭىزدا، مېنىڭ دەۋاتقىنىم يۇرتداشلىرىمغا ياخشىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆز كۆڭلۈمنى تەسكىن تاپتۇرۇش، خالاس.
— رەخمەت، ئاكا. مەن ھازىر پەقەت مۇشۇنداق بىر ئېغىز رەخمەت بىلەنلا چەكلىنىمەن.
— سىلىگىمۇ رەخمەت ئوغلۇم ئەدىبەنىڭ كۈتۈپخانىسىدا سىلىگە كېرەكلىك كىتاپلارنىڭ كۆپى تېپىلىدۇ، خاھىلىغانچە پايدىلانسىلا، قىزىممۇ بۇنىڭغا قارشى ئەمەس، شۇنداققۇ قىزىم؟
— نېمىلەرنى دەپ يۈرىسىز دادا، خوشاللىق بىلىمەن رازىمەن.
— بولىدۇ، رەخمەت مېنىڭ يەنە باشقىچە خىيالدا بولۇپ يۈرۈشكە  نېمە ھەددىم؟ ئادەم دېگەن ياخشىلىقنىڭ قولى دېگەن گەپ بار.
— ئەمسە بۇ ھەقتىكى ئىش پۈتكەن بولسۇن ئەمدى ئۈچىمىز بىر يەرگە بېرىپ كەچلىك ئولتۇرۇشقا قاتنىشىپ كۆڭۈل ئېچىپ كېلەيلى قانداق، سىلىگە يۇرتداشلاردىن بىر قانچىنى تونۇشتۇرۇپ قوياي. بۇ يەردە مۇسابايلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بار.
بىز شۇ كۈنى كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە بېرىپ بىر مۇنچە ۋەتەنداشلار بىلەن تۇنۇشتۇق. ئىلگىرى مەن ئىكىساق مەكتەپتە كۆرگەن يۈسۈپ ئەپەندىمۇ شۇ يەردە ئىكەن (ئۇ چاغلاردا مەن كىچىك، يۈسۈپ زىيا بولسا يۇقىرى سىنىپتا ئوقۇيدىغان بولغاچقا ئارىمىزدا تونۇشلۇق يوقىدى. بۇ ئولتۇرۇشتا رەسمىي دوستلىشىپ قالدۇق). ئەخمەد ئەپەندى، مەجىدىن دوختۇرلار بىلەنمۇ شۇ كۈنى تونۇشقانىدۇق.
شۇنداق قىلىپ ئەتىسى مەكتەپ قوينىغا كىرىپ ئارزۇيۇمغا يەتتىم. ساۋاقداشلىرىم بىلەن چاپسانلا چىقىشىپ كەتتىم. مەكتەپنىڭ سەنئەت پائالىيەتلىرىگە، كېيىن ئەخمەد، يۈسۈپ ئەپەندىلەرنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن ”تۈرك گەنچلەر بىرلىكى“ گە قاتناشتىم. دەرىستىن سىرتقى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندىن باشقا ئىستامبول موزىيى، ئىستامبول ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ كۈتۈپخانىسىغا قاتناپ، كۆپرەك بىر نەرسە ئۈگىنىشكە ئورۇندۇم. ناخشا-ساز جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىم مېنى مەكتىپىمىزگە يېقىن بولغان بىر سەنئەت مەكتىپىگە قاتنىشىشقا ئۈندىدى. مەن نوتا ئۈگىنىۋېلىشقا تىرىشتىم. ئومۇمەن ۋەتەنگە قايقاندىن كېيىن نېمىلەرنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك؟ نېمىلەرنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك؟ دېگەنلەرنى ئويلاپ شۇنىڭغا كېرەكلىكنىڭ ھەممىسىنى ئۆزەملا ئېلىپ كېتىشكە تىرشىتىم. (بۇنىڭغا بىر مىسال قىلسام: كېيىم-كېچەك ئەندىزىلىرىنىمۇ توپلىغانىدىم. بۇلارنى كېيىن كۆرۈپ قالسەن).
ئەدىبە ماڭا كۆپ ياردەم قىلدى، ئۇنىڭ دادىسى ئابرويلۇق شەخىس بولغاچقا ئۇنىڭ ئىمكانىيىتى كەڭراقىدى. ئەمما مەن ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇشقا تىرشىدىغان بولغاچقا بارا- بارا گاھى شەمبە، يەكشەمبە كۈنلىرىلا بىللە بولۇپ قالاتتۇق. كۆپ ئۆتمەي قۇمۇلدا پارتلىغان دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ساداسى يېتىپ كېلىپ، مۇھاجىرلارنىڭ ھەممىسىنى ھاياجانلاندۇرۇىۋەتتى. نۇرغۇن يولداشلار دەرھال قايتىپ كېتىپ ئىنقىلاپقا قاتناشماقچى بولدى. مەنمۇ ئۇزۇندىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ گۈلدۈرماملىق ئاسمان ئاستىدىكى ھەيۋەتلىك دولقۇندا ئۈزۈشنى خالايتتىم. بىراق مەن تېخى ئوقۇش پۈتتۈرمىگەنىدىم.
يۈسۈپ زىيا قايتىدىغانلارنىڭ بىرىدى، مەجىددىن دوختۇرمۇ پىدائىلىق بىلەن ئۇنىڭغا ھەمرا بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇلار قالاقلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ زولمەت ئىچىدە مەشئەل يېقىش غايسىنى كۆڭۈللىرىگە پۈكۈپ يولغا چىقتى. ئەخمەد ئەپەندىمۇ ماڭماقچى بولغانىدى. بىراق ئۇ يېڭىلا بىر قىزغا ئۆيلەنگەنىدى. شۇڭا  ئۇنىڭدا بىر ئاز ئارسالدىلىق بولۇپ، كىچىككىنە ئائىلىسىگە قىيالمىدى. بۇ ھال ماڭا بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى بولۇپ قالدى.
بىراق، ئەدىبەنىڭ ماڭا تۇتقان مۇئامىلىسى كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىپ ۋە ئاشكارىلىنىپ بارماقتىدى.
بىر كۈنى ئۇ مېنى ئۇنۋېرسىتېتقا كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە تەكلىپ قىلدى. بىز سورۇنغا كىرىپ كەلگەندە ئۇنىڭ قىز دوستلىرى، ساۋاقداشلىرى كىشىنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان پىچىرلاشلار، ئىما- ئىشارەتلەر بىلەن كۈتىۋالدى. بەزى پىچىرلاشلارنىمۇ ئاڭلاپ قالدىم. ئۇلار مېنى ئەدىبەنىڭ سۆيگۈنى دېيىشمەكتىدى!
ئەدىبە بولسا بۇلارنى سەزمىگەندەك مېنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ئوقۇپ بېرىشىمنى ئىلتىماس قىلاتتى... قىسقىسى مەن بىلەن ماختىنىۋاتقاندەكىدى. ئەمما مەن بۇ گەپلەر ئۇنىڭغا كۆڭۈلسىزلىك كەلتۈرۈپ قويارمىكىن دەپ ئەنسىرەپ تۇراتتىم.
قايتىش يولىدا كۆڭلۈمدىكى تۈگۈننى يېشىۋېتىش ئۈچۈن ئەدىبەگە دېدىم:
— مېنى بۇنداق سورۇنلارغا باشلاپ كەلمەسلىكىڭىزنى سورايمەن...
— نېمىشكە؟
— ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ كەيپىياتىدىن ئۇلارنىڭ ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى خاتا چۈشۈنۈپ قالغانلىقىنى سەزمىدىڭىزمۇ؟ بۇ سىزگە كۆڭۈلسىزلىك كەلتۈرمەسمۇ؟
— بىرىنچىدىن بۇ ئىستانبۇل، ياۋروپا، ئاياللار ھوقۇقى ئەمەلىيلەشتۈرىلىۋاتقان جۇمھۇرىيەت. ئىككىنچىدىن، ئەگەر بۇ ئىش راست بولسىدى، ھەرقانداق كۆڭۈلسىزلىككىمۇ چىداشقا بولاتتى،... — دېدى ئۇ كۈتكىنىمدەك، شۇنداقلا ئويلىمىغان يەردىن.
— بۇ نېمە دېگىنىڭىز، ئەدىبە؟
— ... بۇنى ئويلىسام يۈرىكىمگە نېمىدۇر پاتمايۋاتقاندەك بولدى... دادامنىڭ ئۈمىدىمۇ ئۆز مىراسخورىنىڭ ۋەتەنداشلاردىن بولىشىدى... ئاڭلىغانسىز، ئۇ ئىلگىرىدىن تارتىپلا مۇساپىرلارنىڭ بېشىنى سىيلايتى، كېيىنكى چاغلاردا بولسا باشقا بىر خىل ئىنتىلىش، ئېھتىياج (نېمىلا دېسىلا بولىدۇ ھەم تازا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ) بىلەن ۋەتەنداش مۇساپىرلارغا ھامىيلىق قىلىدىغان بەزىلىرىنى ئۆيدە تۇرغۇزىدىغان بولدى ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسى مەندە ياخشى تەسىر قوزغىيالمىدى، قوزغىيالمايتى ھەم. ئەكسىچە ئۆزلىرى مەن توغرۇلۇق ئازاپقا قالاتتى. بۇندىن باشقا دادام بىچارە ھەمىشە يۇرۇتداشلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ زىياپەت كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ئويۇشتۇرۇپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى تۇيۇپ تۇراتتىم. ئۇ مېنىڭ بىرەرسىنى ياقتۇرۇپ قېلىشىمنى ئۈمىد قىلاتتى بىراق مەن ھەممىگە پەرۋاسىز مۇئامىلىدە بولۇپ كەلگەنىدىم ئاخىرىدا...
— ئەدىبە، ماڭا كۆڭۈل بەرمەڭ بىز ئاكا- سىڭىل بولايلى...
¬— سىز مېنى ئەتەي قىينىماقچى ئوخشايسىز.... نېمىشكىدۇر قەستەن ئۆزىڭىزنى قاچۇرىسىز....ھەركەتلىرىڭىز زورۇقۇشتەك...
— ئۇنداق ئەمەس. مەن بىرىنچىدىن سىزگە ھەمرا بولۇپ قالالمايمەن... ئىككىنچىدىن، مەن ئۆيلەنگەن، بالىلىق بولغان ئادەممەن، ۋەتەنگە قايتىشىم كېرەك.
— ئايالىڭىزنىڭ سىزنى كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنەمسىز؟ ئۇ ھازىر نەدە؟
— ئۇ ھازىر سوۋېتتە، قازاقىستاندا.
— ئەنە، بۇ بىر قاملاشمىغان خىيال ئەپەندىم سىز سوۋېتكە كەتمەيدىغان بولغاندىكىن، ئايالىڭىز بىلەن قوشۇلۇش ئېھتىمالى يوق. لېكىن...
— گەپ ئۇنىڭدا ئەمەس...
— بولدى قويۇڭ خالىمىسىڭىز... سىز بۇ يەردىن كەتكىچە سىزگە بىر دىدەك كېرەك ئەمەسمۇ؟ خىزمىتىڭىزنى قىلىشنى خالايدىغان بىر دېدەك بولغان تەقدىردە...؟
— سىز بەك رومانتىك ئىكەنسىز... ئەمەلىيرەك بولغان بولسىڭىز...
— ئاھ دەردىما....
— ھەسرەت چەكمەڭ، تەقدىر ھەسرەت چەككۈچىلەرنى بوزەك ئېتىدۇ. سىز بىردەملىك ھاياجان، بىردەملىك قىزغىنلىقنىڭ ئەسرى بولماسلىقىڭىز كېرەك. ھايات يولى ئەگرى- توقاي سىز جۆرە تاللاشتا ئۆمۈر مۇساپىسىنى ئۆزىڭىز بىلەن بىرگە باسالايدىغان كىشىنى تاللىشىڭىز كېرەك...
— كېرىكى يوق. ئاتىدارچىلىق قىلىغىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت... خۇدا كۆڭلىڭىزگە ئىنساپ بېرە....
ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۇنى ياشلىقتىكى بىردەملىك قىزغىنلىقىنىڭ تەسىرىدىن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم. شۇڭا ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئارتۇق پەرۋا قىلىپ كەتمىدىم.
مەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شەھەر ئەتراپىدىكى بىر مەكتەپكە خىزمەتكە ئورۇنلاشتىم. مېنىڭ بۇ يەردە بىلىم ئېلىش پىلانىم تېخى ئورۇندىلىپ بولمىغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەتەنگە قايتىش ئۈچۈن ئازراق پۇل توپلىۋېلىشىممۇ زۆرۈرىدى. شۇڭا بىر مەزگىل خىزمەت قىلغاچ كەچلىك كۇرۇسلارغا قاتنىشىپ يۈردۈم.
بىز ئەخمەد ئەپەندى بىلەن بىر بىنادىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇردۇق ئۇنىڭ ئايالى تىپىك تۈرك گۈزىلىدى. ئۇ جىمغۇر ئەخمەد ئەپەندىنىڭ نېمىسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنى نامەلۇم. ئەخمەد ئەپەندىنى مەبۇد بىلىپ چوقۇناتتى. ئۇنىڭ مۇھەببەتتىكى ساداقىتىنى تىپىك ئۈلگە دېيىشكە بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇ ئايالىنى چەكسىز ھۆرمەتلەيتى. مېنىڭ بىر مەزگىللىك ھاياتىم ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن باغلانغاچقا ئۇلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىۋاتىمەن.
شەپقەتچىم ئابدۇللا ئەپەندىنىمۇ شەمبە، يەكشەمبە كۈنلىرى يوقلاپ تۇراتتىم بىراق ئەدىبە بىلەن ئۇچراشماسلىققا تىرشاتتىم. ئابدۇللا ئەپەندى مېنى ئۆز ئۆيىدە تۇرمىغىنىم ئۈچۈن كايىپ قارشى ئالاتتى. لېكىن مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى دەي دېسەم ئەدىبەنىڭ كۆز يېشىنى كۆرۈپ تۇرۇش ئېغىر ئىدى. شۇڭا ئارىلىقنىڭ يىراقلىقىنى باھانە قىلاتتىم.
بىر كۈنى ئەدىبە بىلەن دېڭىز ساھىلىدا ئۇچرىشىپ قالدۇق. مەن ئەخمەد ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىگە ھەمراھ ئىدىم. ئەدىبە بىلەن كۆزلىرىم ئۇچراشقان ھامانلا ئۇنىڭ ئۇزۇن كىرپىكلىرى ئارىسىدا لىغىلداپ تۇرغان ياشقا كۆزۈم چۈشۈپ يۈرىكىم ئېچىشىپ كەتتى.
— بۈگۈن سەيلىگە چىقىپ مەن بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانلىقىڭىزغا ئۆكۈنمەيدىغانسىز؟ — دېدى ئۇ چېقىۋېلىش تەلەپپۇزىدا.
— ئەكسىچە خۇشالمەن.
ئەخمەد ئەپەندى رەپىقىسىنى ئىشارەت قىلىپ بىزنى تەنھا قالدۇرۇپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن ئەدىبە بوتناپ:
— بۇنداق سۆزلىرىڭىز بىلەن كىچىك بالىنى ئالداڭ. لېكىن مېنىڭ سىزنى ئەيىپلەيدىغان ھەققىم يوق چۈنكى سىز ماڭا ھېچقانداق ۋەدە بەرگەن ئەمەس،... نېمىشكە مەندىن قاچىسىز؟ خىجالەت كۈلكىڭىزنى قويۇڭ، مەن بىلىمەن سىز ئۇنتۇلدۇرۇش، مېنى ئازاپتىن ”قۇتۇلدۇرۇش“ ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىسىز، ياخشى نېيىتىڭىزگە رەھمەت! بىراق ”كۆزىنى يار جامالىنى كۆرۈشتىن تارتىۋىلىشقا قارىغاندا كۆڭۈلنى جاپاغا سېلىش ئوڭايراق چۈشىدۇ“ دېگەندەك، سىزنىڭ مەن بىلەن بىرگە بولغىنىڭىزدا تارتىدىغان ئازابىم يېنىكرەك بولاتتى ئەلۋەتتە.
— مەنغۇ قاچماقچى ئەمەس...
— بىراق، ”بارلىق كېچىلەر قەدىر كېچىسى، بولسا  قەدىر كېچىسىنىڭ قەدىرى بولماس ئىدى“  دېمەكچىمۇ يا؟ خاتىرجەم بولۇڭ، مېنىڭ كۆڭلۈمدە ھەممە كېچە ”قەدىر كېچىسى“ بولسىمۇ قىممتىنى يوقۇتىۋەتمەيدۇ.
— مەن سىزنى پىكىرىنى ئۆزگەرتىدىغۇ دەپ كۈتكەنىدىم....
— مېنى شاللاق دەپ ئويلىغىنىڭىزمۇ بۇ ياكى گۆدەك بالا دەپمۇ؟ ياق، ئەپەندىم ئەكسىچە مەن سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىزنى كۈتكەنىدىم، ئەمدى بىلدىمكى سىز جاھىل ئىكەنسىز... بىراق مەن يەنە كۈتىمەن... خەير بىللە چىققان يولداشلىرىڭىزغا يېتىشىۋېلىڭ، باشقا بىر كۈنى كۆرۈشۈشكە ئىلتىپات قىلارسىز.
ئەدىبەنىڭ ئاۋازى ھېلىلا يىغلىۋېتىدىغاندەك تىتىرەڭگۈ ئىدى. ئۇ ماڭا كۆز يېشىنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن كېتىپ قالدى.
ئەدىبەنىڭ بۇنداق قىلىشى مېنى تازىمۇ ئازاپلىدى. مەن ئۇنى قىيالمايتتىم، بىراق بىر بالام بىلەن سەرۋەرىم بار. تېخىمۇ مۇھىمى بۇ يەردە ئۇنىڭغا باغلىنىپ قېلىپ غايىلىرىمدىن ۋاز كېچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭغا ئۆيلىنىدىغان بولسام ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ مال- مۈلكىگە ۋارىس بولۇپ قالاتتىم؛ بىراق مەن دۇنياغا مال- مۈلۈك توپلاش ئۈچۈن كەلمىگەن- دە!
قۇمۇل دىھقانلار قوزغىلىڭى، بۇ قوزغىلاڭنىڭ پۈتۈن تارىم ۋادىسىغا يېيىلىپ غايەت زور ئېقىمغا ئايلانغانلىقى قاتارلىق كىشىنى ئۈمۈدلەندۈرىدىغان خەۋەرلەر كېلىپ ئاشۇ كۆرەش قاينىمىغا شۇڭغۇشقا ئۈلگۈرگەن يۈسۈپ زىيا، مەجىددىن ئەپەندىلەرگە ھەۋسىمىز كېلەتتى. بۇ قېتىمقى ئېنقىلاپ ئارقىلىق جاھالەتنى يىمىرىۋەتكىلى، ھۆرلۈككە ئېرىشكىلى بولىدۇ دەپ ئىشىنەتتۇق. شۇ چاغدىلا مېنىڭ كۆڭلۈم ۋەتەنگە قاراپ ئۇچۇپ كەتكەنىدى، بىراق ئۇ چاغلاردا مەن تېخى ئوقۇۋاتقىنىم ئۈچۈن كېتەلمىگەنىدىم. ئەمدى ئىلاج بار پاتراق كېتىش كويىدا بولۇپ ۋەتەنگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى كۆپرەك ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن ئالدىرايتىم. بىلىم دېگەن بىر دىڭىز. ئۇنىڭ چېكىگە يەتكىلى بولمايدۇ. مەن بۇ يەردە تۇرۇپ  ئۆمۈر بويى ئۈگەنسەممۇ ئاخىرىغا يىتەلىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى . ئۈگەنگەنلىرىمنى ۋەتەن ئۈچۈن ئىشلىتىش كېرەك، دېگەن يەرگە كەلدىم.
تەييارلىقىم پۈتكەندىن كېيىن ئابدۇللا ئەپەندى بىلەن خوشلاشقىلى ئۇنىڭ يازلىقىغا باردىم. گەرچە كۈز كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئادەتتە يازلىقتا تۇرۇشنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. باردىم كۆڭلۈمدە ئەدىبە بىلەن ئۇچرىشىپ قالمىسامكەن دېگەن ئوي بارىدى ئۇنىڭ ئاجايىپ سېھىرىلىك كۆزلىرىنى ۋە بۇ كۆزلەردىكى ئېغىر ھەسرەتنى كۆرۈش ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر شۇنداقلا ئىرادەم ئۈچۈن ئەجەل ئوقى ئىدى. ئابدۇللا ئەپەندى سۆز تاپالمىغاندەك:
¬¬¬—راستىنلا كېتەملا؟ — دەپ سورىدى.
— ئەلۋەتتە راست. يالغان ئەمەسلىكى ھەممىدىنمۇ سىزگە ئايان، ئاكا، مەن دەسلەپتىلا بۇ يەرگە ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىمنى ۋەتەنگە قايتىپ خىزمەت قىلىش نىيىتىم بارلىقىنى ئېيىتقانىدىمغۇ؟
— ئېيتقانىدىلە، بىراق... بىز يەنە مۇشۇ يەردە قالىدىكەنمىز- دە؟ ئوغلۇم قايتمىسىلا زادى بولماسمۇ؟
— ياق ئاكا، ھازىر ئىنقىلاپ دولقۇنى قەشقەرگە يېتىپ كەلدى. خوتەندىمۇ ئوت تۇتاشتى بۇ جاھالەتنى قوغلىۋېتىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى.
— كۆڭۈللىرىنىغۇ چۈشىنىمەن، سىلى غايە ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغانلاردىن. مېنىڭچە  ئەمەلىيراق ئويلاپ ئۆز غەملىرىنىمۇ ئانچە- مۇنچە قىلغانلىرى ياخشى بولماسمىدى؟ سىلى مىڭ يىل ياشاملىيا؟ ھەممە جاپانى سىلىگە كۆتۈرە قىلغاندەك نىمانچىلا ئۆزلىرىنى قىينايلا؟ مېنىڭ بىردىن- بىر مىراسخورىم ئەدىبە ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلا؟ سىلىغۇ مال- دۇنياغا پىسەنت قىلمايدىغان دەرۋىشانە پىكىر ئۈچۈن ياشايدىغانلاردىن. شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا ھەممە ئىشقا پۇل بولمىسا بولمايدۇ...
— ئاتا، بولدى سۆزلىمەڭ، دېگەنلىرىڭىز راست، بۇنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەسمەن، ئەمما ھەممىمىز چەتكە چىقىۋېلىپ، باي بولساق ساخاۋەت قىلىپلا ئۆتسەك، بۇنىڭ ۋەتەنگە بىر ئەمەلىي پايدىسى بولمىسا، يەنىلا ئادەمنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ، — دېدىم ئۆزۈمنى باسالماي كۆڭلۈم يۇمشاپ كەتكىنىدىن ئۇنى ”ئاتا “ دەپ ئاتاپ، — مەن باشتا سىزگە ئۆزۈمنى تونۇشتۇرغاندا دادامنىڭ تىۋىپ ۋە جۇۋىچى ئىككەنلىكىنى ئاكام ئىككىمىزنىڭمۇ شۇ ھۈنەرنى قىلالايدىغانلىقىمىزنى؛ بۇنىڭدىن باشقا مەن سەرسانلىق ھايات مۇساپەمنى بېسىپ ئۆتۈش يولدا يەنە ساتىراچلىق، ئاشپەزلىكنى ئۈگىنىۋالغانلىقىمنى ئېيتقانىدىم. ئويلاپ كۆرۈڭ مەن شۇ ھۈنەرلىرىم بىلەن ئۆز ۋەتىنىمدىمۇ باياشاد ياشىيالايتىم. مەن بەش ئالتە مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ سەرسان- سەرگەردان بولۇپ كېلىپ سىزنىڭ مال- مۈلىكىڭىزگە ۋارسلىق قىلماقچىمىدىم؟ شۇنىڭ ئۈچۈن كەلگەنمىدىم؟ بۇنى قويۇپ تۇرايلى سىزنىڭ شۇنچە كۆپ ۋەتەنداش مۇساپىرلارنى ئوقۇش راسخودى بىلەن تەمىنلىشىڭىز نېمە ئۈچۈن؟ چوڭ دائىرىنى ئويلىغاندا سىزمۇ ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىسىز ئەمەسمۇ؟ ...
— ماڭىغۇ بەرىبىر، قىزىم ئەگەر بىر ئوغرىنى يارىتىپ قالغان بولسىمۇ خاھىشى ئۈچۈن ھەممىسىگە رازى بولغان بولاتتىم...
— دادا، بولدى قىلىڭ، — دېدى ئەدىبە ئىشىكتىن كىرىپ كېلىپ. قارىغاندا ئۇ ئىشىك تۈۋىدە ھەممە گەپنى ئاڭلاپ تۇرغانىكەن، — سىز ئۇنى تولۇق چۈشەنمەيسىز مەن مەمتىلىنىڭ ۋەتەنگە قايتىشىنى قوللايمەن. پەقەت مېنىڭمۇ بىللە قايتىشىمغا قوشۇلسىڭىز... سىزدىن ئىلتىماسىم ... روخسەت قىلىسڭىز...
ئەدىبە شۇ تاپ ئىستامبول مۇزىيىدىكى ياخشى خىزمەت ئورنىدىن ۋاز كەچمەكچى بولىۋاتاتتى.
— نېمە؟!نېمە دەۋاتىسىز قىزىم!؟ ئابدۇللا ئەپەندى گېپىنى تاپالماي كېكەچلەپ كەتتى،— مەن يالغۇزچىلىقتىن ئۆلەيمۇ ئەمدى؟...ـ ئۇ كۆكرىكىنى تۇتۇپ كىرسلوغا ئولتۇرۇپ قالدى.
دادىسىنىڭ ئۆزىگە چىدىمايدىغانلىقى بىچارە قىزنى ئىككىلەندۈرۈپ قويدى. شۇڭا ئۇ ئىلاجىسىزلىقتىن كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ مېنى خوشلۇشۇش  ئالدىدا بىر نەچچە سائەت پاراڭلىشىشقا تەكلىپ قىلىش بىلەن كۇپايىلەندى.
ئىككىمىز دەسلەپ تۇنۇشقان كۈنى ئايلانغان باغچا ئىچىنى ئايلاندۇق بىر- بىرىمىزگە ئېيتىدىغان شۇنچە كۆپ سۆزلىرىمىنز باردەك قىلسىمۇ، لېكىن ھېچقايسىمىز ئەسلى دېمەكچى بولغان سۆزلەرنى دىيەلمىدۇق،  مەن بەزەن زوروقۇپ چاخچاق پاراڭلارنى  قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېچىشقا ئۇرۇنساممۇ لېكىن ئۇنىڭ غەمكىن ھالىتىگە خاتىمە بېرەلمىدىم...
بىز ماڭىدىغان كۈنى ئاتا- بالا ئىككىسى پورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى مەن تەمبۇرۇمنى ئۇلارغا ئەستلىك قىلىپ قالدۇردۇم.
ئەخمەت ئەپەندى ئەمدىلا بوشانغان ئايالىنى ئېلىپ مېڭىش ئەپسىز بولغاچقا ئۆزىلا يولغا چىقتى. بىز بىلەن يەنە يېڭى تونۇشلاردىن توختاجى ئەپەندىمۇ بارىدى. توختاجى سودىگەرچىلىك بىلەن ھەممە يەرنى كېزىپ يۈرگەن ئادەمكەن، بىز ئۇنىڭ بىلەن تېخى يېقىندىلا ئەخمەت ئەپەندىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن تونۇشقانىدۇق. ئۇمۇ قايتىدىغان بولغاچقا بىزگە ھەمرا بولماقچى بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كۆپ شەھەر كۆرگەن بولغاچقا يوللاردا ياردىمى تېگىدۇ، دەپ خوش بولدۇق. ئۇ ئىككىمىز ئەخمەد ئەپەندىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇنى كېيىنچىرەك قايتىشقا سايە قىلغان بولساقمۇ، ئۇ دەسلەپكى ئەھدىمىزگە خىلاپلىق قىلىشنى راۋا كۆرمىدى، ئايالىغا بالا ماڭالايدىغان بولغان ھامان ئارقىسىدىن يولغا چىقىشنى تاپىلاپ بىز بىلەن بىللە كېتىشتىن يالتايمىدى. بىز قىرغاقتىن ئايرىلغاندا ئەدىبە ئەخمەد ئەپەندىنىڭ ئايالىنى قوچاقلىۋالدى. ئىككىسى جۇدالىق ياشلىرىنى قوشىۋېتىشتى.
تەۋپىق شۇ يەرگە كەلگەندە ھىكايىسىنى توختاتتى. سەيپىددىن ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويدى، پەقەت ھارۋىكەش ئۇلارغا بۇرىلىپ:
— تازا ئەخمەقكەنلا، ئاشۇنداق بەلەن قىزنى ئېلىپ شۇ يەردە قالمامدىغان. ئۇنى ئالغان بولسىلا تازا باي بولاركەنل- دە خەپ! مەندەك ئادەم ھەرگىز بۇ خۇدا ئۇرغان  يەرگە قايتىپ كەلمەيتتىم،— دېدى.
— شۇنداقمۇ؟ — دېدى مەمتىلى ئەپەندى غەمكىن كۈلۈمسىرەپ.
ئۇلار قومالتاغ يولىنى ئايلىنىپ ئوڭۇرۇققا كەلگەندە بۆگەن تەرەپكە كەتكەن يول بويىدا سەيپىددىن چۈشۈپ قالماقچى بولدى.
— مەن مۇشۇ يەردە چۈشۈپ قالاي،— دېدى ئۇ بۇ يەردىن ۋاقۋاققا پىيادە كېتەتتى.
— ئەمسە، سەن بىر ھەپتە ئىچىدە خەت- ساۋادى بار، جىگەرلىك، شۈدى بار ئاغىنىلىرىڭدىن تۇنۇش- بېلىشلىرىڭدىن ئىشقىلىپ ئىختىيار قىلغۇچىلاردىن 40 – 50 نى تاپقىن    ئۇلارنىڭ تىزىمىنى تەييارلاپ ماڭا بەرگىن ئىسمى- ئاتىسى، جىنىسى، يېشى، يۇرتى، بوي تۇرىقى، رەڭگى- رۇخسارى، كۆز رەڭگى، ھەۋەس- قىزىقىشى، ھۈنىرى قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە تىزىملايسەن بۇ يەردە رەسىم تارتىدىغان بولمىغاندىكىن رەڭگى- روھىنى يازماي ئىلاجى يوق بۇلار ئارخىپ بولۇپ قالىدۇ. بۇ  ئىشقا ئەتىلا كىرىش. مەنمۇ ئەتىلا مەكتەپ ئورنى، راسخودى، دېگەندەكلەرنى ھەل قىلىش كويىدا بولىمەن خەير،— دېدى مەمتىلى ئەپەندى، — ھېلىقى ئانكىت مەزمۇنلىرىنى ئېسىڭگە ئېلىۋالدىڭمۇ؟ ھە بوپتۇ ماقۇل ئەمسە.
مەمتىلى ئەپەندى ئۆيىگە قايتىپ كېلىپلا ئاكىسىنىڭ ياردىمى بىلەن پىيانىنونى ياتاقخانىسىغا جايلاشتۇرىۋېلىپ، جىيەنلىرىگە قەشقەردىن ئالغاچ كەلگەن سوۋغاتلىرىنى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ، دەرھال ”دىۋان“ نى كۆرۈشكە باشلىدى. ئۇ كېلەر قېتىم قەشقەرگە كىرگىچە كىرىش سۆز قىسمىنى تەرجىمە قىلىپ بولۇش ئۈچۈن ئۆز- ئۆزىگە سۆز بەردى. ئۇ ئادەتتە ئۆز ـ ئۆزىگە ۋەزىپە بەلگىلەش، ئۇنى ئورۇنلاش ياكى چالا قالدۇرىشى ئارقىلىق ئۆزىنى باھالاپ تۇرۇشنى ئادەت قىلغانىدى. ئەگەر سەلبىي باھا ئالغان ئەھۋالدا ئۆزىگە قويىلىدىغان تەلەپنى كۈچەيتەتتى.
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-16 02:23 AM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
دىيارىم مۇنبىرى » ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى

 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  


ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .

باشقۇرغۇچى بىلەن بىۋاستە پاراڭ قىلىش


Total 0.156916(s) query 8, ھازىرقى ۋاقىت : 12-16 17:56
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Beta 2 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation

        

增值电信业务经营许可证B2-20070030号