Quote:
بۇ مەزمون6قەۋەتتىكىbaxtograghنىڭ2008-12-17 04:08 PM دە يوللىغان يازمىسى :
شۇنداق ياخشى تىما ئىكەن . تەشەككۇر دىيارىمدىكى جاپاكەشلەر..........
مېنىڭمۇ بېشىمدىن شۇنداق بىر ئىش ئوتكەن . 1998 - يىلى خىزمەت بىلەن شىنجېن شەھىرىنىڭ بىر ساياھەت نوقتىسىغا بېرىپ ، ئۇ يەردىمۇ خۇددى يۇقىردا تىلغا ئېلىپ ئېيتقاندەك ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئاقسۇ ۋېلايىتىگە قاراشلىق مەلۇم بىر ناھىيە سەنئەت ئۆمىگىدىكى ياش قىز ئەرتىسلەرنىڭمۇ ، ئويۇن قويۇۋاتقانلىغىنى كۆرگەن ئىدىم ، بىر تۇرۇپ خوش بولدۇم بىر تۇرۇپ ئاچچىغىم كەلدى ، ئۇلار ئادەتتە كۇندۇزى ساياھەت رايۇنىدا ئويۇن قويسا كەچلىگى بەزمىخانلاردا ئۇسۇل ئويناپ پۇل تاپىدىكەن :!
مەن سۇرۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭمۇ تەشكىللىك ھالدا پىراكتىكا بايرىغىنى كۆتۇرۇپ ، ئۆزى ھەم ئۆزى تۇرۇشلۇق ئومەككە پۇل تاپىدىغانلىغىنى ئاڭلىغان ئىدىم .
بىز سەنئەت خۇمار ، سەنئەت سۆيەر مىللەت ئاتالغاندىن كىيىن ناخشا ئېيتىپ ، ئۇسۇل ئويناپ پۇل تاپما ئەمەس : تاپ . ئەمما بەزمىخانلاردا قاراڭغۇ بۇلۇڭ - پۇچقاقلاردا مىللەتنىڭ ، ۋەتەننىڭ شۇنداقلام سىنى بېقىپ چۆڭ قىلغان ، قاتارغا قوشقان ئاتا-ئاناڭنىڭ يۇزىنى تۆكۇپ ( پۇل ) تاپما .!
پىكىرمىز ئوخشاشكەن...
ئىچىكىرگە ئىكىرىپ پاراكىتىكا دەپ كىچىلىك بەزمىخانا ياكى شۇنىڭدەك ئورۇنلارغا ئاپارغانلارنىڭ مەقسىدى ئۇلارغا بىلىم بىرىشمۇ ياكى پۇل تىپشمۇ.....؟؟!! ئاپارغانكەن ئاشۇ كىچىك قىزلارنىڭ بارلىق ئش ھەركەتلىرىگە مەھسۇل بۇلىشى كىرەك ئىدى...
ئاللا كەلگۇسى مىللەت ئانىلىرىنىڭ ۋە ئاشۇ بىر قسىم ئاشۇنداق پەسكەش ئشقا يۇل ئاچىدىغانلارنىڭ ئىمان -ئتقادىنى بەرگەيسەن....!~