تۆۋەندىكىسى ئانا تىلىم بلوگىدىكى <خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى
http://anatilim.blogbus.com/logs/34715312.html > ناملىق تېمىنىڭ تولۇقلىمىسى:
خەلقئارادىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ دۇنياۋىلىشىشى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن دۇنيادىكى تىللارنىڭ كۆپ خىللىقى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىماقتا. ب د ت مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى سىتاستىكىلىغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە دۇنيادا 7000دىن ئارتۇق تىل بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا نوپۇسىنىڭ 97 پىرسەنىت نوپۇسىدىكى ئادەملەر پەقەت 4 خىللا تىلنى قوللىنىدۇ، پەقەت تۆتتىن بىر قىسىم تىللارلا مەكتەپ ۋە ئېنتېرىنىتتا قوللىنىلىدۇ. نەچچە مىڭلىغان تىللار ئاساسەن دىگۈدەك مائارىپ سېستىمىسى، خەۋەر– ئاخبارات ، نەشىرىيات ئورۇنلىرى ۋە ئاممىۋىي سورۇنلارغا كىرەلمەيدۇ. ئەگەر جىددىي چارە قوللىنىلمىغاندا، 7000دىن ئارتۇق تىلنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ يوقىلىپ كېتىشى مۇقەررەر.
دۆلىتىمىزدە 2006.يىلىدىن تارتىپ ئۇدا ئۈچ يىل خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى خاتىرلەنگەن بولۇپ، ھەر قايسى يىللىق خاتىرە پائالىيتىنىڭ تېمىسى ئايرىم– ئايرىم ھالدا «ئانا تىل مائارىپىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ خىل مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرايلى!(“推广母语教育,弘扬多元文化”)»، «كۆپ خىل مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئورتاق ئىناق دۇنيا قۇرايلى! (弘扬多元文化,共建和谐世界”)»، «كۆپ خىل مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىرلىكتە قارشى ئالايلى! (“弘扬多元文化,共迎北京奥运”)» بولغان. 2008.يىلى 4. ئاپرىل ب د ت نىڭ «2008.يىللىق دۇنيا تىلى يىلى توققۇزىنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ئانا تىلى كۈنى پائالىيتى» بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن.
2008.يىللىق خەلقئارا ئانا تىل خاتىرە كۈنى تەشۋىقات رەسىمى
جوڭگو مائارىپ خەلقئارا ئالاقىلىشىش جەمئىيتىنىڭ رەئىسى 2007.يىللىق خەلقئارالىق ئانا تىل خاتىرە كۈنىگە ئاتاپ سۆز قىلماقتا