ئۆزىمىزنىڭ كونىغا تەۋە،
چەتئەللەرنىڭ يىڭىدۇر شۇنچە.
داڭلاپ، ماختاپ:<<بەلەن نىمانچە>>،
زامانىۋى ياشايمىز شۇنداق
بەكمۇ يامان قىزلارنىڭ پەيلى،
تاڭ ئاتقۇچە قىلىدۇ سەيلى.
يىغلار زىمىن،يىغلايدۇ لەيلى،
زامانىۋى ياشايمىز شۇنداق
ياڭزا-ياڭزا ئۇيناپ ئۇيۇننى،
ئەرگە ئايال تۇلغاپ بۇيۇننى.
قۇرۇپ پات-پات رەڭلىك سۇرۇننى،
زامانىۋى ياشايمىز شۇنداق.
شەيتان بىزگە يىتىشەلمىدى،
بەيگىلەرگە چۈشەلمىدى.
سۇرۇنلاردا ئىچىشەلمىدى،
زامانىۋى ياشايمىز شۇنداق.
ۋاپادارلىق دىللاردىن ئۆچتى،
نۇمۇسچانلىق قىزلاردىن كۈچتى.
ئاھ يىگىتلەر رۇمكىغا كۆچتى،
زامانىۋى ياشايمىز شۇنداق.
ئەر-ئاياللار ئىچىشىپ بىللە،
قىز-ئۇغۇللار چىكىشىپ بىللە.
ھايا قىلماي قۇنۇشۇپ بىللە،
زامانىۋى ياشايمىز شۇنداق.
يەپ-ئىچىپ بىز ھۆ بۇپ يانغۇچە،
دېسكو-تانسا ئۇيناپ قانغۇچە.
ئەر-ئايالدىن قىز-ئۇغۇلغۇچە،
زامانىۋى ياشايمىز شۇنداق.
ياپالمايدۇ كىيىملەر تەننى،
كۆز-كۆز قىلار ئۇياتلىق يەرنى.
ئايرىماق تەس ئايالنى،ئەرنى،
زامانىۋى ياشايمىز شۇنداق.
بۇلسا مەيلى،سۆز چۆچەك تۇلا،
<<كۈندە ئەپسۇس،كۈندە غۇلغۇلا>>.
ئەپسۇسلارغا تاركەلسە دۇنيا،
زامانىۋى ياشايمىز شۇنداق.
ئاۋامنىڭ زىنىتى ئەخلاق،
دەرەخنىڭ زىنىتى ياپراق.
ئىدىقۇت قەسىدىس
[ بۇ يازما turkinaz تەرپىدىن2009-02-18 11:57 AMدە قا ]