بىزنىڭ يۇرتتىمۇ تالاي خۇسوسى كىتاپخانىلار ئىچىلىپ تاقىلىپ كەتتى،ئەمما ھاراق-شاراپخانىلەر،رەڭلىك سورۇنغا مۇھىت ھازىرلاپ بېرىدىغان جايلار بارغانچە رۇناق تىپىپ كەتتى. بۇ تېمىنى كۆرۇپ نەچچە يىل بۇرۇنقى بىر كەچمىشىم يادىمغا گۇپپىدە كىلىپ قالدى. ئاۋات رەستىدە تىجارەت قىلدىغان بىر سودىگەر ئاغىنەم بار ئىدى.بىر كۈنى دوكىنىغا ئازراق ئىش بىلەن ئىزدەپ كىرىپ پاراڭلىشىپ قالدىم.شۇ ۋاقىتتا بوكسورچىدەك يۇغان بەدەنلىك،چىشلېرى ئالتۇندىن يالتىلغان بىر 40 ياشلاردىكى خۇتۇن كەينىگە 4-5 يېرىم-يالىڭاچ،چاچلېرى ئىسىل-ساڭگۇل،كىيىملېرى ئالا چىپار كىيىنگەن قىزلارنى ئەگەشتۇرۇپ دۇكانغا كىرىپ كەلدى.ئۇ ئالۋاستى خۇتۇن قىلچە تەپتارتماي،بۇ يىل 150مىڭ سومدەك ساپ پايدا يارتىپتىمەن.قىزلېرىمغا ئىسىل كىيىم ئەپ بېرەي دەپ ماگىزىن ئارلىشىم،دىگەن ئىدى.يىرگىنىپ كەتكەن ئىدىم.كىچىك بىر پاھىشىخانە ئىچىپ شۇنچىلىك كىرىم قىلغان گەپ.ئەمما مەنىۋىيىتىمىزنى بىيىتىدىغان ئورۇنلار چۆلدەرەپ قالغان.ھازىرقى رىئاللىقىمىزدىن ئەركەكلېرىمىز قىمار،ھاراق،پاھىشە ئويناش ئىشلېرى بىلەن كۈنلېرىنى ئۈتكۈزۈشكە كۈنۈپ كەتكەن،يىگىتلېرىمىزگە قاراپ قىزلېرىمىزمۇ چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا غەرىق بۇلماقتا.بۇ مەرەز ئىشلارنىڭ سەۋەپچىسى زادى نىمە؟مەدەنيەت تاجاۋۇزچىلىقىمۇ ياكى ئۆزىمىزنىڭ روھىنىڭ زەئىپلىشىشىمۇ؟
[ بۇ يازما totem تەرپىدىن2009-02-18 06:12 PMدە قايتا ]