4- ﺳـﯜﺭﻩ ﻧـﯩـﺴـﺎ
ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 176 ﺋﺎﻳﻪﺕ.
ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻳﻤﻪﻥ!
ﺋﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ! ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﺪﯨﻦ) ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺷﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﺪﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺟﯩﻨﺴﯩﺪﯨﻦ) ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﯜﭘﺘﯩﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﻫﻪﯞﯞﺍﻧﻰ) ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﯞﯞﺍﺩﯨﻦ) ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺭ - ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﯕﻼﺭ، ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﯕﻼﺭ، ﺳﯩﻠﻪ - ﺭﻩﻫﯩﻤﻨﻰ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯖﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﯖﻼﺭﻧﻰ) ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (1). ﻳﯧﺘﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ (ﺋﯘﻻﺭ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ) ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ، ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻧﻐﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﯩﻨﻰ، ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻣﯩﻨﯩﻐﺎ) ﺗﯧﮕﯩﺸﯩﯟﺍﻟﻤﺎﯕﻼﺭ؛ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻝ - ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻝ- ﻣﯜﻟﻜﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﻳﻪﯞﺍﻟﻤﺎﯕﻼﺭ. ﺑﯘ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﮔﯘﻧﺎﻫﺘﯘﺭ (2). ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ (ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﭗ) ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﯕﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻳﯧﺘﯩﻢ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺷﯘ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻫﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ) ﻗﻮﺭﻗﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﯧﺘﯩﭗ، ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﻰ، ﺋﯜﭼﻨﻰ ﯞﻩ ﺗﯚﺗﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ (ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ) ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺑﯩﺮ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯘﭘﺎﻳﯩﻠﻪﻧﺴﻪﯕﻼﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯘﭘﺎﻳﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯗﺭ (3). ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻫﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﺗﯜﻧﯜﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﺯﺯﯨﻠﯩﻚ، ﺳﯩﯖﯩﺸﻠﯩﻖ (ﻳﻪﻧﻰ ﭘﺎﻙ ﻫﺎﻻﻝ ﺑﯩﻠﯩﭗ) ﻳﻪﯕﻼﺭ (4). ﺍﻟﻠﻪ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻜﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﻗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﯕﻼﺭ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﯧﻤﻪﻙ- ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ، ﻛﯩﻴﯩﻢ- ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﯕﻼﺭ. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ (5). ﻳﯧﺘﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺗﯘﺭﯗﯕﻼﺭ، ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﺎﻝ- ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ؛ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﻣﺎﻝ- ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ- ﭼﯧﭽﯩﭗ ﻳﻪﯞﺍﻟﻤﺎﯕﻼﺭ. (ﻳﯧﺘﯩﻤﮕﻪ ﯞﻩﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ) ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺑﺎﻱ ﺋﯩﻜﻪﻥ (ﯞﻩﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﻫﻪﻗﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ) ﻳﯧﺘﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﺎﻝ- ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﺴﯘﻥ، (ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ) ﻛﯩﻤﻜﻰ ﻳﻮﻗﺴﯘﻝ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺋﯘ (ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﻗﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ) ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﻳﯧﺴﯘﻥ، ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﺎﻻﻏﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﯧﺘﯩﻤﻠﻪﺭ) ﻧﯩﯔ ﻣﺎﻝ- ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﮔﯘﯞﺍﻫ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﯕﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﯧﺴﺎﺏ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻜﺘﯘﺭ (6). ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻣﯩﺮﺍﺳﺘﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯧﻴﯩﺘﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻛﯩﺴﯩﺪﻩ)* ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺳﺴﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ، ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻣﯩﺮﺍﺳﺘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﻫﻪﺳﺴﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘ (ﻳﻪﻧﻰ ﺗﻪﺭﻩﻛﻪ) ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻫﻪﺭ ﺋﺎﺩﻩﻡ (ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺷﻪﺭﯨﺌﯩﺘﯩﺪﻩ) ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻫﻪﺳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ (7). ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﺎﺕ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ (ﯞﺍﺭﯨﺲ ﺋﻪﻣﻪﺱ) ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻼﺭ، (ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ) ﻳﯧﺘﯩﻤﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻣﯩﺴﻜﯩﻨﻠﻪﺭ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺗﻪﺭﻩﻛﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﻧﻪﺭﺳﻪ) ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯧﻠﻰ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩﯨﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯚﺯﺭﯨﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﯖﻼﺭ) (8). (ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﻛﻰ) ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ، (ﻳﯧﺘﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﺪﺍ) ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﺴﯘﻥ ﯞﻩ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﺴﯘﻥ (9). ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻝ- ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ (ﻧﺎﻫﻪﻕ) ﻳﻪﯞﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ، ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﻐﺎ (ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ) ﺋﻮﺗﻨﻰ ﻳﻪﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﻮﺗﻘﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﺩﻭﺯﺍﺧﻘﺎ) ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ (10). ﺍﻟﻠﻪ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ (ﻏﺎ ﺗﯧﮕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯩﺮﺍﺱ) ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻫﻪﺳﺴﯩﺴﻰ ﺗﯧﮕﯩﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯧﻴﯩﺘﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ (ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ) ﺋﯩﻜﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﯩﺮﺍﺳﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻫﻪﺳﺴﯩﺴﻰ ﺗﯧﮕﯩﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ (ﯞﺍﺭﯨﺲ) ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯩﺮﺍﺳﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﻰ ﺗﯧﮕﯩﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯧﻴﯩﺘﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯩﺮﺍﺳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﯧﮕﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻣﯩﺮﺍﺳﻘﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯘﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻣﯩﺮﺍﺳﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﯧﮕﯩﺪﯗ (ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﯩﺴﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﺪﯗ). ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯧﻴﯩﺘﻨﯩﯔ (ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ) ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻣﯩﺮﺍﺳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﯧﮕﯩﺪﯗ (ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ). (ﺑﯘ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﺎﺕ) ﻣﯧﻴﯩﺘﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﻧﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﻪﺭﺯﻯ ﺗﯚﻟﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﺎﯕﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﺩﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻦ) ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ، ﺑﯘﻻﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺪﯗﺭ. ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﻰ، ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (11). ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻣﯩﺮﺍﺳﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﻰ (ﺋﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ!) ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯧﮕﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻣﯩﺮﺍﺳﻨﯩﯔ ﺗﯚﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯧﮕﯩﺪﯗ. (ﺑﯘ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﺎﺕ) ﻣﯧﻴﯩﺘﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﺭﺯﻯ ﺗﯚﻟﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻏﺎ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻣﯩﺮﺍﺳﻨﯩﯔ ﺗﯚﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﯧﮕﯩﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻣﯩﺮﺍﺳﺘﯩﻦ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﯧﮕﯩﺪﯗ. (ﺑﯘ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﺎﺕ) ﻣﯧﻴﯩﺘﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﺭﺯﻯ ﺗﯚﻟﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﯘﭼﻰ ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺰ، ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﺰ ﺋﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﻣﺸﯩﺮﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ،ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯩﺮﺍﺳﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﯧﮕﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﯘﭼﻰ ﻣﯧﻴﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﺮ، ﺋﺎﺗﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ) ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ) ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﯩﺮﺍﺳﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. (ﺑﯘ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﺎﺕ) ﻣﯧﻴﯩﺘﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﺭﺯﻯ ﺗﯚﻟﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. (ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﯘﭼﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ) ﯞﻩﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﯞﺍﺭﯨﺴﻼﺭﻏﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯘ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﯩﺪﯗﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ، ﻫﻪﻟﯩﻤﺪﯗﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﻣﺮﯨﮕﻪ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ) (12). ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻫﻜﺎﻣﻼﺭ) ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ، ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﻼﺭ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﺪﯗ، ﺋﯘ ﺋﯘﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﭼﻮﯓ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﯩﺸﺘﯘﺭ (13). ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﻭﺯﺍﺧﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﺪﯗ، ﺋﯘ ﺩﻭﺯﺍﺧﺘﺎ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﺧﻮﺭﻟﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﺯﺍﺑﻘﺎ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ (14). ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻫﯩﺸﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ (ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ) ﺋﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﯚﺕ ﮔﯘﯞﺍﻫﭽﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﯕﻼﺭ؛ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﺳﻪ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺴﺎ) ﺗﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺗﯘﺗﯘﯕﻼﺭ (15). ﺋﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ) ﭘﺎﻫﯩﺸﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﯕﻼﺭ؛ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻪﯞﺑﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﻩﻟﺴﻪ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﯕﻼﺭ. ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﯞﺑﯩﻨﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﺪﯗﺭ (16). ﺍﻟﻠﻪ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﯞﻩﺩﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﯞﺑﻪ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﺎ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ) ﺗﻪﯞﺑﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﯞﺑﯩﺴﯩﺪﯗﺭ؛ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﯞﺑﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (17). ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺗﻪﯞﺑﻪ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ﺩﯦﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﯞﺑﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻛﺎﭘﯩﺮ ﭘﯧﺘﻰ ﺋﯚﻟﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﯞﺑﯩﺴﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﺘﯩﻢ ﺩﯦﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ) ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﺪﯗﻕ (18). ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺯﻭﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﻤﺎﻕ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻝ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻕ) ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯗﺭﯗﺱ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ؛ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﭘﺌﻮﭼﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻫﯩﺸﻪ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﻫﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻳﯘﻟﯘﯞﯦﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﯕﻼﺭ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻘﭽﻪ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﯩﺴﺎﯕﻼﺭ (ﺳﻪﯞﺭ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ)، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﺘﺎ، ﺍﻟﻠﻪ ﻛﯚﭖ ﺧﻪﻳﺮﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ (19). ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﻰ ﻗﻮﻳﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ (ﻣﻪﻫﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ) ﻛﯚﭖ ﻣﺎﻝ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭﻣﯘ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻤﺎﯕﻼﺭ. ﺋﯘﻧﻰ (ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ) ﻗﺎﺭﺍ ﭼﺎﭘﻼﭖ ﯞﻩ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻻﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ (20). ﺋﯚﺯ- ﺋﺎﺭﺍ ﺧﯩﻠﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎﯕﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ (ﻧﯩﻜﺎﻫ ﺋﻪﻗﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ) ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻡ ﺋﻪﻫﺪﻩ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ، ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻤﯘ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﯞﺍﻟﯩﺴﯩﻠﻪﺭ؟ (21). ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﯕﻼﺭ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ (ﺋﻪﭘﯘ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ). ﺑﯘ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﺘﯘﺭ، ﺋﯚﭺ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻘﺘﯘﺭ، ﺑﯘ ﻧﯧﻤﯩﺪﯦﮕﻪﻥ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺕ! (22). ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ، ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ، ﻫﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ، ﺋﺎﺗﺎﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﺎﻧﺎﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻫﻪﻣﺸﯩﺮﻩﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺳﯜﺕ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ، ﺋﯩﻤﯩﻠﺪﻩﺵ ﻫﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ، ﻗﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺎﯕﻼﺭﻧﻰ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ (ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ) ﺋﯚﻳﯜﯕﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ (ﺑﯘ ﺷﻪﺭﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ) ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻫﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯚﺷﻪﻛﺘﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺴﺎﯕﻼﺭ ﻫﯧﭻ ﺑﺎﻙ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯ ﭘﯘﺷﺘﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻫﻪﻣﺸﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻻ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻪﻣﺮﯨﯖﻼﺭﺩﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﻫﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﯩﻠﻪﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺟﺎﻫﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﯖﻼﺭ) ﺋﻪﭘﯘ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، (ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﮔﻪ) ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﺪﯗﺭ (23).
(ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﭘﺎﺭﻩ)
ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻤﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻫﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯘﯕﻼﺭ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯚﺭﯨﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ. ﺑﯘ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﯚﻛﻤﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ، ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺩﯗﺭﯗﺱ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ) ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺯﯨﻨﺎ ﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﯖﻼﺭ ﻫﺎﻟﺪﺍ، ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﻪﻫﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ) ﻧﯩﻜﺎﻫﻼﭖ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭ ﻫﺎﻻﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﻗﺎﻳﺴﯩﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ (ﻧﯩﻜﺎﻫﻼﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ) ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ (ﻧﯩﻜﺎﻫ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ) ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﻪﻫﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ، ﻣﻪﻫﺮﻯ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯚﺯ- ﺋﺎﺭﺍ ﭘﯜﺗﯜﺷﻜﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪﯕﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻫﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ)ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻫﯧﭻ ﮔﯘﻧﺎﻫ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ، ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (24). ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﯘﺭﺑﻰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﭼﯚﺭﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﺴﯘﻥ. ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﺮﯨﯖﻼﺭ، ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯕﻼﺭ). ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﻨﺪﺍﺷﺴﯩﻠﻪﺭ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﻮﺟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﺎﻟﺴﺎﯕﻼﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﻪﻫﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﯟﻩﺗﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﯞﻩ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯜﺭﻣﻪﺳﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺯﯨﻨﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﺷﻨﺎ ﺗﯘﺗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻓﯩﻔﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻠﯩﺮﻯ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﮔﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﺎﻫﯩﺸﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻫﯚﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﺯﺍﻧﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘ (ﻳﻪﻧﻰ ﭼﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻧﯩﻜﺎﻫﻼﭖ ﺋﯧﻠﯩﺶ)، ﺋﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﺍ ﺯﯨﻨﺎﻏﺎ ﻣﯘﭘﺘﯩﻼ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﺪﯗﺭ. ﺳﻪﯞﺭ ﻗﯩﻼﻟﯩﺴﺎﯕﻼﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯗﺭ. ﺍﻟﻠﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﺪﯗﺭ (25). ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ (ﻫﺎﻻﻝ ﯞﻩ ﻫﺎﺭﺍﻣﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺋﻪﻫﻜﺎﻣﻼﺭﻧﻰ) ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ، ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﻼﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺭ) ﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻫﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ، (ﮔﯘﻧﺎﻫﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ) ﺗﻪﯞﺑﻪﯕﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ) ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ ﯞﻩ ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (26). ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﯞﺑﻪﯕﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯗ (ﺑﯘ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺭﻩﻫﻤﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻧﺪﻯ). ﺷﻪﻫﯟﻩﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻓﺎﺟﯩﺮﻻﺭ) ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ (ﺷﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻓﺎﺟﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﯕﻼﺭﻧﻰ) ﺧﺎﻻﻳﺪﯗ (27). ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﻛﯜﯕﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺕ ﺋﻪﻫﻜﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ) ﺧﺎﻻﻳﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ (ﻧﻪﭘﺴﻰ ﺧﺎﻫﯩﺸﯩﻐﺎ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ) ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﺪﻯ (28). ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ (ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ، ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺑﯘﻻﺵ، ﺟﺎﺯﺍﻧﯩﺨﻮﺭﻟﯘﻕ، ﻗﯩﻤﺎﺭ ﺋﻮﻳﻨﺎﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ) ﻧﺎﻫﻪﻕ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﯞﺍﻟﻤﺎﯕﻼﺭ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﺳﻮﺩﺍ - ﺳﯧﺘﯩﻖ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﻠﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ. ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭﻧﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ) ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﯕﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﺪﯗﺭ (29). ﻛﯩﻤﻜﻰ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﯞﻩ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﭼﻪﻛﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ) ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻧﻰ ﺩﻭﺯﺍﺧﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﻤﯩﺰ، ﺑﯘ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﻧﺪﯗﺭ (30). ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻣﻪﻧﺌﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ ﮔﯘﻧﺎﻫﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﻧﺴﺎﯕﻼﺭ، (ﻛﻪﺭﯨﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ) ﻛﯩﭽﯩﻚ ﮔﯘﻧﺎﻫﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻣﺎﻛﺎﻧﻐﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ) ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﻤﯩﺰ (31). ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ (ﻫﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ) ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻼﺭ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻫﻪﺳﺴﯩﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻣﯘ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻫﻪﺳﺴﯩﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﺯﻟﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﯕﻼﺭ (ﺍﻟﻠﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ). ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ (32). ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﻛﯩﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﺍﺭﯨﺴﻼﺭ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﺪﯗﻕ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺭﺩﯗﺭ. ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ (ﺋﯚﺯ- ﺋﺎﺭﺍ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﻣﯩﺮﺍﺳﺨﻮﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ) ﺋﻪﻫﺪﯗ ﭘﻪﻳﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ (ﻣﯩﺮﺍﺳﺘﯩﻦ) ﻫﻪﺳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ*. ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (33). ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻣﯩﻴﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ، ﺑﯘ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯜﭺ- ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ، ﻏﺎﺯﺍﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ) ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﭘﯘﻝ- ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﭘﯩﻘﯩﺴﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﯨﻤﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﯜﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ). ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯗﺭ، ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﭘﺎﻧﺎﻫﯩﺪﺍ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯗﺭ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺳﻪﺭﻛﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، (ﺑﯘ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪ) ﺑﯩﺮ ﺗﯚﺷﻪﻛﺘﻪ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﺎﺗﻤﺎﯕﻼﺭ، (ﺑﯘﻣﯘ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪ) ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﺩﻩﭘﻠﻪﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺳﺘﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﺭﯗﯕﻼﺭ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﻮﺯﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﯕﻼﺭ. ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﺪﯗﺭ، ﺑﯜﻳﯜﻛﺘﯘﺭ (ﺍﻟﻠﻪ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻨﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﻳﺪﯗ) (34). ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﺭ- ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﯩﻜﻜﻪﻳﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎﻗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻲ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ، ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻲ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﯖﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻪﭘﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ، ﺋﻪﺭ- ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻖ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ، ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭﺩﯗﺭ (35). ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻫﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﻪﯕﻼﺭ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯕﻼﺭﻏﺎ، ﺧﯩﺶ- ﺋﻪﻗﺮﯨﺒﺎﻟﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻏﺎ، ﻳﯧﺘﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ، ﻣﯩﺴﻜﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ، ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻗﻮﺷﻨﯩﻐﺎ، ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﻮﺷﻨﯩﻐﺎ، ﻳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﻣﺮﺍﻫﻘﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﺍﺷﻘﺎ، ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻘﺎ) ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﻏﺎ، ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﯘﻝ- ﭼﯚﺭﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺍﻟﻠﻪ ﻣﯘﺗﻪﻛﻪﺑﺒﯩﺮ ﻣﺎﺧﺘﺎﻧﭽﺎﻗﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ (36). ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﺗﻪﻛﻪﺑﺒﯩﺮﻟﻪﺭ، ﻣﺎﺧﺘﺎﻧﭽﺎﻗﻼﺭ) ﺑﯧﺨﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺨﯩﻠﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯ ﭘﻪﺯﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﭘﯘﻝ- ﻣﺎﻟﻨﻰ، ﯞﻩ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﯞﺭﺍﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ) ﻳﻮﺷﯘﺭﯨﺪﯗ، (ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﺘﯩﻨﻰ) ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺧﻮﺭﻟﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﺯﺍﺑﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﺪﯗﻕ (37). ﺋﯘﻻﺭ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﻤﯘ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ. ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﻰ ﻫﻪﻣﺮﺍﻫ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ (ﺋﯘ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ)، ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﮕﻪﻥ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻫﻪﻣﺮﺍﻫ (38). ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﺴﻪ ﯞﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﺎﻟﺪﯨﻦ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ؟ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ (ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺟﺎﺯﺍﻻﻳﺪﯗ) (39). ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺯﻩﺭﺭﯨﭽﻪ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺯﻩﺭﺭﯨﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﻫﻪﺳﺴﯩﻠﻪﭖ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯚﺯ ﺩﻩﺭﮔﺎﻫﯩﺪﯨﻦ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﻪﺟﺮ (ﻳﻪﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ) ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ (40). ﺑﯩﺰ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯜﻣﻤﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﯞﺍﻫﭽﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﺳﯧﻨﻰ ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯜﻣﻤﯩﺘﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺎﻧﺴﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﮔﯘﻧﺎﻫﻜﺎﺭﻻﺭﻏﺎ) ﮔﯘﯞﺍﻫﭽﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﭼﯧﻐﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻟﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ (41). ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ (ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﻩﻫﺸﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ) ﻳﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﭘﺘﯜﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﯩﺸﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﻣﯜﻟﯜﭖ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ) ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، (ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﮔﯘﯞﺍﻫ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ) ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﻫﯧﭽﺒﯩﺮ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ (42). ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻣﻪﺱ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ*، ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﯩﻨﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﯩﯖﻼﺭﻏﯩﭽﻪ، ﺟﯘﻧﯘﺏ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ،ـ ﻳﻮﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ (ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ) ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ،ـ ﻏﯘﺳﻠﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﭽﻪ ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻤﺎﯕﻼﺭ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﯧﺴﻪﻝ (ﻳﻪﻧﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﺳﯘ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ) ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ، ﻳﺎﻛﻰ ﻫﺎﺟﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎﯕﻼﺭ، ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺳﻪﯕﻼﺭ، (ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ) ﺳﯘ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺴﺎﯕﻼﺭ، ﭘﺎﻙ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﻰ ﻳﯜﺯﯗﯕﻼﺭﻏﺎ، ﻗﻮﻟﯘﯕﻼﺭﻏﺎ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ ﺗﻪﻳﻪﻣﻤﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﻪﭘﯘ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻫﻪﺭﻩﺝ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﯩﺪﯗﺭ) (43). (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺗﻪﯞﺭﺍﺗﺘﯩﻦ) ﻧﯧﺴﯩﯟﻩ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻲ ﻣﻮﻟﻠﯩﻠﯩﺮﻯ) ﻧﯩﯔ ﮔﯘﻣﺮﺍﻫﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﯧﺰﯨﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﯖﻤﯘ؟ (44). ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻜﺘﯘﺭ ﯞﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﺩﻩﺗﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻜﺘﯘﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻜﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﺍﻟﻠﻪ ﻛﯘﭘﺎﻳﯩﺪﯗﺭ) (45). ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ (ﻳﻪﻧﻰ ﺗﻪﯞﺭﺍﺗﻨﯩﯔ) ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘﻻﺭ: «ﺑﯩﺰ (ﺳﯚﺯﯛﯕﻨﻰ) ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯗﻕ، (ﺋﻪﻣﺮﯨﯖﮕﻪ) ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻤﯩﺪﯗﻕ، ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻝ، ﺑﯩﺰ ﺳﺎﯕﺎ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ» ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺗﻪﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ، ﺭﺍﺋﯩﻨﺎ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﮔﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ) ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯗﻕ ﯞﻩ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﻕ، ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻝ، ﺋﯘﻧﺰﯗﺭﻧﺎ ﺩﯦﺴﻪ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ (ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﻫﯩﺪﺍ) ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯘﻓﺮﻯ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺭﻩﻫﻤﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﻰ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﻳﺪﯗ (46). ﺋﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﻠﻪﺭ! (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭ) ﺑﯩﺰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﯜﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﯜﺯﺩﯨﻜﻰ، ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﻛﯚﺯ، ﻗﺎﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﺯﮔﯜ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺑﻪﺩﺩﻩﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ) ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ، ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﯩﻨﯩﯔ ﻫﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ، ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺗﻪﯞﺭﺍﺗﻨﻰ) ﺗﻪﺳﺘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺑﯩﺰ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻐﺎ) ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﯕﻼﺭ (ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﻻﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺴﯩﻠﻪﺭ). ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻫﯚﻛﻤﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﻣﺮ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﯘ ﺋﯩﺶ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ) (47). ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﮔﯘﻧﺎﻫﯩﻨﻰ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮔﯘﻧﺎﻫﯩﻨﻰ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺷﯧﺮﻙ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ، ﭼﻮﯓ ﮔﯘﻧﺎﻫ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ (48). ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﻙ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺩﻫﯩﻴﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ) ﻧﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﺶ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ)، ﺍﻟﻠﻪ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻪﻧﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﭘﺎﻙ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﯩﻠﭽﯩﻠﯩﻜﻤﯘ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ (49). (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺗﯚﻫﻤﻪﺕ ﭼﺎﭘﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻦ! ﺑﯘ ﺋﻮﭘﺌﻮﭼﯘﻕ ﮔﯘﻧﺎﻫﺘﯘﺭ (50). ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﻧﯧﺴﯩﯟﻩ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﻠﻪﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭ) ﻧﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘﺗﻘﺎ ﯞﻩ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ: «ﺑﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯘﺭﻩﻳﺶ ﻛﯘﻓﻔﺎﺭﻟﯩﺮﻯ) ﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﯗﺭ» ﺩﻩﻳﺪﯗ (51). ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﺭﻩﻫﻤﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯗﺭ؛ ﺍﻟﻠﻪ ﻛﯩﻤﻨﻰ ﺭﻩﻫﻤﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ (ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ) ﻫﯧﭽﺒﯩﺮ ﻣﻪﺩﻩﺗﻜﺎﺭ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺴﻪﻥ (52). ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻧﯧﺴﯩﯟﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ (ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﯧﺴﯩﯟﯨﺴﻰ ﻳﻮﻕ) ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ( ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺑﯧﺨﯩﻠﻠﯩﻘﺘﯩﻦ) ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﯩﻠﭽﯩﻠﯩﻚ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ (53). ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯚﺯ ﭘﻪﺯﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ) ﻫﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺎﻣﺪﯗ؟ ﺑﯩﺰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻢ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﻐﺎ ﻛﯩﺘﺎﺏ، ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﻪﺭﺩﯗﻕ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﺩﯗﻕ (54). ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭ) ﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ) ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ (ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯘﻓﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﺯﺍ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ) ﺟﻪﻫﻪﻧﻨﻪﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﻮﺗﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻜﺘﯘﺭ (55). ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺩﻭﺯﺍﺧﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﻤﯩﺰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﭘﯩﺸﯩﭗ ﺗﯜﮔﯩﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﺯﺍﺑﻨﻰ ﺗﯧﺘﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯧﺮﻩ ﻳﻪﯕﮕﯜﺷﻠﻪﻳﻤﯩﺰ. ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻏﺎﻟﯩﺒﺘﯘﺭ، ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (56). ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﻼﺭ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﻤﯩﺰ، ﺋﯘﻻﺭ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭘﺎﻙ ﺟﯜﭘﺘﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﻐﺎ ﺩﺍﺧﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ (57). ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﮕﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ (ﺳﯚﺯﯛﯕﻼﺭﻧﻰ) ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، (ﺋﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ) ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (58). ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻳﺌﯩﺪﻩ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺪﺍ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﺭﺍﺟﯩﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ (ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ) ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺑﯘ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﯘﺭﺍﺟﯩﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ) ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻘﺘﯘﺭ، ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯜﺯﻩﻟﺪﯗﺭ (59). ﺳﺎﯕﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻐﺎ) ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻏﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﺗﻪﯞﺭﺍﺗﻘﺎ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺠﯩﻠﻐﺎ) ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﯗﻕ ﺩﻩﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ) ﻧﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﺭﺯﯨﻨﻰ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ؛ ﻫﺎﻟﺒﯘﻛﻰ، ﺋﯘﻻﺭ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻟﻐﺎﻥ، ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯗ (60). ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ) ﻏﺎ: «ﺍﻟﻠﻪ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﯖﻼﺭ» ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ، ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺴﻪﻥ (61). ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺕ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺍﻟﻠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﻪﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ: «ﺑﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻳﺎﺭﺷﯩﺸﻨﯩﻼ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ» ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻟﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ (62). ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ) (ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ)، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﯩﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻣﯩﻜﺮﯨﻨﻰ) ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯨﮕﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ (63). ﺑﯩﺰ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯘﭼﯜﻧﻼ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﯘﻕ (ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ) ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ) (ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻫﯚﻛﻤﯩﯖﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ) ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺳﺎﯕﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﺗﯩﻠﯩﺴﻪ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻣﯘ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﺗﯩﻠﯩﺴﻪ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯘﻻﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻥ ﺗﺎﭘﺎﺗﺘﻰ (64). (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﻪﻣﻜﻰ، ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ) ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺗﺎﻻﺷﻘﺎ ﺳﯧﻨﻰ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﭽﻪ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻫﯚﻛﻤﯩﯖﮕﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﻏﯘﻡ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﻮﻗﺎﻟﻤﯩﻐﯩﭽﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻤﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ (65). ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ: «ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯕﻼﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯘﺭﺗﯘﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯖﻼﺭ» ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻣﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯜﻛﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﯜﻛﻠﯩﺴﻪﻙ) ﺋﯩﺪﯗﻕ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﻰ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺘﺘﻰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﯞﻩﺯ- ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ (ﮔﯘﻣﺮﺍﻫﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻧﯩﻔﺎﻗﺘﯩﻦ ﺋﻪﯓ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ (66). ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺩﻩﺭﮔﺎﻫﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﻪﺟﺮ (ﻳﻪﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ) ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻼﺗﺘﯘﻕ (67). ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻫﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻼﺗﺘﯘﻕ (68). ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﻛﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭ (ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ) ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺳﯩﺪﺩﯨﻘﻼﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﯞﻩ ﺷﯧﻬﯩﺘﻠﻪﺭ)، ﺷﯧﻬﯩﺘﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﮕﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻫﻪﻣﺮﺍﻫﻼﺭ (69). ﭘﯘ ﭘﻪﺯﻝ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ، ﺍﻟﻠﻪ (ﭘﻪﺯﻝ- ﺋﯧﻬﺴﺎﻧﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ) ﺑﯩﻠﯩﺸﺘﻪ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻜﺘﯘﺭ (70). ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! (ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﺭﯨﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ) ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﯕﻼﺭ، ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ- ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﻫﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﯖﻼﺭ (71). ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺋﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎﻱ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ) ﺑﺎﺭ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺕ (ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﻠﯩﻖ) ﻛﻪﻟﺴﻪ (ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻖ) «ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﻣﻪﺭﻫﻪﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ (ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ) ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﯨﻢ (ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻢ)» ﺩﻩﻳﺪﯗ (72). ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﭘﻪﺯﻟﻰ (ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﯞﻩ ﻏﻪﻧﯩﻤﻪﺕ) ﻳﻪﺗﺴﻪ، ﮔﻮﻳﺎ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻖ) ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﻳﻮﻗﺘﯩﻜﯩﺪﻩﻙ، «ﻛﺎﺷﻜﻰ ﻣﻪﻥ (ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ) ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ، ﭼﻮﯓ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻜﻪ (ﻳﻪﻧﻰ ﻏﻪﻧﯩﻤﻪﺗﺘﯩﻦ ﺯﻭﺭ ﻧﯧﺴﯩﯟﯨﮕﻪ) ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻢ» ﺩﻩﻳﺪﯗ (73). ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ (ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ، ﭘﯘﻝ- ﻣﯧﻠﯩﻨﻰ ﭘﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ) ﺟﯩﻬﺎﺩ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ، ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺟﯩﻬﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﺴﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﻪﺟﺮ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ (74). (ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ!) ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﯨﻜﻰ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺟﯩﻬﺎﺩ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ (ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ): «ﺋﻰ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻤﯩﺰ! ﺑﯘ ﺋﺎﻫﺎﻟﯩﺴﻰ ﺯﺍﻟﯩﻢ ﺷﻪﻫﻪﺭﺩﯨﻦ* ﺑﯩﺰﻧﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯩﻦ، ﺋﯚﺯ ﺩﻩﺭﮔﺎﻫﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻨﻰ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﻗﯩﻞ، ﺋﯚﺯ ﺩﻩﺭﮔﺎﻫﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺩﻩﺗﻜﺎﺭﻧﻰ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﻗﯩﻞ» ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ، ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﯘﻗﯘﺯﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﯩﻬﺎﺩ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ (75). ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺟﯩﻬﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؛ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ (ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﺴﯩﻠﻪﺭ)، ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰﺩﯗﺭ (76). (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ): «(ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ) ﻗﻮﻟﯘﯕﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﯖﻼﺭ، ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﯕﻼﺭ، ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﻣﯩﺪﯨﯖﻤﯘ؟ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﺟﻪﺑﻠﻪﻧﻤﻪﻣﺴﻪﻥ؟) ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﺟﯩﻬﺎﺩ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﮔﻮﻳﺎ ﺍﻟﻠﻪ (ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﯨﻦ) ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﺗﺘﻪﺭﺭﻩﻙ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ (ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ): «ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﻤﯩﺰ! ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﯩﻬﺎﺩﻧﻰ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ؟ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﺎ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺟﻪﻟﮕﭽﻪ ﺗﻪﺧﯩﺮ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﯔ؟ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﺟﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﺗﻪﺧﯩﺮ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ، ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﻤﯩﺴﻪﻙ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻤﯩﺪﻯ؟)» ﺩﯦﺪﻯ. (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، «ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﻰ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﺘﻰ ﭘﺎﻧﯩﻴﺪﯗﺭ)، (ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ) ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻥ (ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﻼﺭ) ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯗﺭ، ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﯩﻠﭽﯩﻠﯩﻚ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﺑﻰ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ)» (77). ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﻤﺎﯕﻼﺭ (ﺋﻪﺟﻪﻝ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ) ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻣﯘﺳﺘﻪﻫﻜﻪﻡ ﻗﻪﻟﺌﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ) ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺴﻪ، «ﺑﯘ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ» ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺯﻩﺧﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺴﺎ، «ﺑﯘ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﯖﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ) ﺑﻮﻟﺪﻯ» ﺩﻩﻳﺪﯗ. (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ! ﺑﯘ ﺋﻪﺧﻤﻪﻗﻠﻪﺭﮔﻪ) ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، «(ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ) ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯗﺭ)». ﺑﯘ ﻗﻪﯞﻣﮕﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﯨﻜﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭ ﻫﯧﭽﺒﯩﺮ ﺳﯚﺯﻧﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺷﻪﻳﺌﯩﻨﯩﯔ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ) ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ (78). (ﺋﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ!) ﺳﺎﯕﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ (ﻣﻪﺭﻫﻪﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ) ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻨﺪﯗﺭ، ﺳﺎﯕﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ (ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯔ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ) ﺋﯚﺯﻩﯕﺪﯨﻨﺪﯗﺭ. (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﺳﯧﻨﻰ ﺑﯩﺰ (ﭘﯜﺗﯜﻥ) ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﯘﻕ، (ﺳﯧﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﯖﮕﻪ) ﺷﺎﻫﯩﺘﻠﯩﻘﻘﺎ ﺍﻟﻠﻪ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻜﺘﯘﺭ (79). ﻛﯩﻤﻜﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ (ﭼﯜﻧﻜﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ). ﻛﯩﻤﻜﻰ (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، (ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﻜﻰ) ﺑﯩﺰ ﺳﯧﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻛﯜﺯﻩﺗﭽﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ، ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻫﯧﺴﺎﺏ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﻰ) ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﯞﻩﺗﻤﯩﺪﯗﻕ (80). ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ): «ﺋﻪﻣﺮﯨﯖﮕﻪ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ» ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﻣﺮﯨﯖﮕﻪ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ)، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻜﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ). ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯨﮕﯩﻦ) ﻳﻪﻧﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﯩﻦ)، ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ (ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯜﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻐﺎ) ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻫﺎﻣﯩﻴﻠﯩﻘﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻜﺘﯘﺭ (81). ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﻣﻪﻣﺪﯗ؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ (ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ) ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﻏﻪﻳﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ (82). (ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ) ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭﻏﺎ) ﻳﻪﺗﺴﻪ، ﺋﯘﻧﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ) ﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﺴﺎ، (ﺷﯘ) ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯘﻧﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ) ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻻﺗﺘﻰ. (ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ!) ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻫﻪﻣﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﭘﻪﺯﻟﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯩﺪﻯ، ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﺎ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﯩﯖﻼﺭ (83). (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺟﯩﻬﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﺯﻩﯓ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻤﯘ ﺟﯩﻬﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ، ﺳﺎﯕﺎ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﯞﻩﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﻬﺎﺩﺗﯩﻦ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪ). ﺳﻪﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﻩﯕﮕﯩﻼ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭﺳﻪﻥ، ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﻰ (ﺟﯩﻬﺎﺩﻗﺎ) ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﯘﺭﻏﯩﻦ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﻮﺳﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﺘﯘﺭ. ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﻪﯓ ﺯﻭﺭﺩﯗﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺋﻪﯓ ﻗﺎﺗﺘﯩﻘﺘﯘﺭ (84). ﻛﯩﻤﻜﻰ (ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ) ﻳﺎﺧﺸﻰ (ﺋﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ) ﺷﺎﭘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ) ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﯧﺴﯩﯟﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؛ ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻣﺎﻥ (ﺋﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ) ﺷﺎﭘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ) ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﯧﺴﯩﯟﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺩﯨﺮﺩﯗﺭ (85). ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮﻛﯩﺸﻰ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﯕﻼﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ﺩﻩﭖ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﻪﺭﺳﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻡ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ﯞﻩﺭﻩﻫﻤﻪﺗﯘﻟﻼﻫﻰ ﯞﻩﺑﻪﺭﻩﻛﺎﺗﯘﻫﯘ ﺩﻩﯕﻼﺭ)، ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻨﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﯕﻼﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘﻡ ﺋﻪﺳﺴﺎﻻﻡ ﺩﻩﯕﻼﺭ). ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﺪﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ- ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ) ﻫﯧﺴﺎﺏ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (86). ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻫﯧﭻ ﻣﻪﺑﯘﺩ (ﺑﻪﺭﻫﻪﻕ) ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ. ﺍﻟﻠﻪ ﺷﻪﻛﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﯩﺪﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ (ﻫﯧﺴﺎﺏ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻫﺸﻪﺭﮔﺎﻫﻘﺎ) ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﻳﯩﻐﯩﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻨﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺳﯚﺯﻟﯜﻙ ﻛﯩﻢ ﺑﺎﺭ؟ (ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯚﺯﯨﺪﻩ، ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﺪﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻨﻤﯘ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﻳﻮﻕ) (87). ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮔﻮﺭﯗﻫﻘﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺴﯩﻠﻪﺭ؟ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭ ﻫﯚﻛﻤﯩﺪﻩ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﻏﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻫﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻻﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ ﻛﯩﻤﻨﯩﻜﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﮔﯘﻣﺮﺍﻫ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻝ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺴﻪﻥ (88). ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﻛﺎﭘﺮ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﯕﻼﺭﻧﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﯕﻼﺭﻧﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻫﯩﺠﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﭽﻪ (ﻳﻪﻧﻰ ﻫﯩﺠﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯩﭽﻪ) ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﻤﺎﯕﻼﺭ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻫﯩﺠﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯨﺴﻪ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﺎﭘﺴﺎﯕﻼﺭ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯕﻼﺭ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﻭﺳﺘﻤﯘ ﺗﯘﺗﻤﺎﯕﻼﺭ، ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﯩﻤﯘ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻼﺭ (89). ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻪﻫﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﯞﻣﮕﻪ ﺳﯧﻐﯩﻨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﯞﻣﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﯩﺮﻯ ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ (ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯚﺯ ﻗﻪﯞﻣﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ) ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﻪﯕﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﯕﻼﺭ). ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﺳﻪﻟﻠﻪﺕ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ، ﺋﯘﻻﺭ، ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﺎﺗﺘﻰ، (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺟﯜﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ)، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﺳﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯧﻘﯩﻠﻤﯩﺴﺎ)، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻤﯩﺴﺎ ﯞﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ (90). ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﻫﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﯞﻩ ﻗﻪﯞﻣﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﺍ (ﻛﯘﻓﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﻫﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﺋﯚﺯ ﻗﻪﯞﻣﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ) ﻧﻰ ﻛﯚﺭﯨﺴﯩﻠﻪﺭ، ﺋﯘﻻﺭ ﻫﻪﺭﻗﺎﭼﺎﻥ ﭘﯩﺘﻨﻪ- ﭘﺎﺳﺎﺗﻘﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﻛﯘﻓﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ) ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﺴﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﻣﯩﺴﺎ، ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، (ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﺷﺘﯩﻦ ﻗﻮﻝ ﻳﯩﻐﻤﯩﺴﺎ، ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﺭﺳﻪﯕﻼﺭ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ (ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯧﻠﯩﯖﻼﺭ) ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯕﻼﺭ، (ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﻴﺎﻧﯩﺘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ) ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ، ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ) ﺭﻭﺷﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ (91). ﻣﯚﻣﯩﻦ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻗﻪﺳﺘﻪﻥ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻰ ﻫﯧﭻ ﺩﯗﺭﯗﺱ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﯚﻣﯩﻨﻨﻰ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﻗﯘﻟﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺩﯨﻴﻪﺕ ﺗﯚﻟﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﺮﻯ) ﺩﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﻗﯩﻠﺴﺎ، (ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﯩﻞ ﺋﯘﻧﻰ) ﺗﯚﻟﯩﻤﯩﺴﻪ ﻫﯧﭻ ﺑﺎﻙ ﻳﻮﻕ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﯜﭼﻰ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ (ﻛﯘﻓﻔﺎﺭ) ﻗﻪﯞﻣﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﯘﭼﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﻗﯘﻟﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ (ﺩﯨﻴﻪﺕ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺲ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ)، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﯜﭼﻰ ﺋﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﺍ ﻣﯘﺋﺎﻫﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ (ﻛﯘﻓﻔﺎﺭ) ﻗﻪﯞﻣﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺩﯨﻴﻪﺕ ﺗﯚﻟﻪﺵ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻗﯘﻟﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯘﻝ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯘﻝ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ) (ﺗﻪﯞﺑﯩﺴﯩﻨﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ) ﺋﯜﺯﯛﻟﺪﯛﺭﻣﻪﻱ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻱ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ، ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (92). ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯚﻣﯩﻨﻨﻰ ﻗﻪﺳﺘﻪﻥ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺟﻪﻫﻪﻧﻨﻪﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘ ﺟﻪﻫﻪﻧﻨﻪﻣﺪﻩ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻏﻪﺯﯨﭙﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﻟﻪﻧﯩﺘﯩﮕﻪ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ (ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ) ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻳﺪﯗ (93). ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺍﻟﻠﻪ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﻏﺎﺯﺍﺗﻘﺎ) ﺋﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻠﻪﭖ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﺎﭘﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﯕﻼﺭ)، ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻣﺎﻝ- ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ (ﻏﻪﻧﯩﻤﻪﺗﻨﻰ) ﻛﯚﺯﻟﻪﭖ ﺳﻪﻥ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺳﺴﻪﻥ ﺩﯦﻤﻪﯕﻼﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﻟﯜﺷﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﻪﺭﺩﯨﯔ ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯞﻩﺗﻤﻪﯕﻼﺭ). ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﻫﯩﺪﺍ (ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻬﺎﺟﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ) ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻏﻪﻧﯩﻤﻪﺗﻠﻪﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺳﺎﯞﺍﺏ) ﺑﺎﺭ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ (ﻛﺎﭘﯩﺮ) ﺋﯩﺪﯨﯖﻼﺭ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ (ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﻰ) ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ، (ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ) ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻠﻪﭖ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ. ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭﺩﯗﺭ (94). ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﺭﯨﺴﯩﺰ (ﺋﻪﻣﺎ، ﺗﻮﻛﯘﺭ، ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯚﺯﺭﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ) ﺟﯩﻬﺎﺩﻗﺎ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺟﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﻜﯩﭗ ﺟﯩﻬﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺟﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﻜﯩﭗ ﺟﯩﻬﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺟﯩﻬﺎﺩﻗﺎ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﺯﺭﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﯩﻬﺎﺩﻗﺎ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺟﯩﻬﺎﺩﻗﺎ ﭼﯩﻘﻘﯘﭼﯩﻼﺭ) ﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺍﻟﻠﻪ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﻰ ﯞﻩﺩﻩ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺍﻟﻠﻪ ﺟﯩﻬﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﻪﺟﺮ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ (ﺋﯚﺯﺭﯨﺴﯩﺰ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺟﯩﻬﺎﺩﻗﺎ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ) ﻗﯩﻠﺪﻯ (95). ﺍﻟﻠﻪ (ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ) ﺑﻪﻟﻪﻥ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﻠﻪﺭ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﯞﻩ ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺍﻟﻠﻪ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﺪﯗﺭ (96). ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻫﯩﺠﺮﻩﺗﻨﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻛﯘﻓﻔﺎﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭ) ﻧﯩﯔ ﺟﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ: «(ﺩﯨﻨﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﺪﺍ) ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﺪﯨﯖﻼﺭ؟» ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ: «ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﺪﺍ) ﺑﯩﺰ (ﺩﯨﻨﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ) ﺑﻮﺯﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ» ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ: «ﻫﯩﺠﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎﯕﻼﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯩﺪﻯ؟» ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ (ﻫﯩﺠﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ) ﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻰ ﺟﻪﻫﻪﻧﻨﻪﻣﺪﯗﺭ. ﺟﻪﻫﻪﻧﻨﻪﻡ ﻧﯧﻤﯩﺪﯦﮕﻪﻥ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺟﺎﻱ! (97). ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ، ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ (ﻳﻪﻧﻰ ﻫﯩﺠﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭼﺎﺭﻩ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ)، ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ (98). ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﻪﭘﯘ ﻗﯩﻠﻐﺎﻱ. ﺍﻟﻠﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﭘﯘ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (99). ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻫﯩﺠﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﯞﻩ ﻛﻪﯕﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ. ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻦ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﻫﯩﺠﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺴﺎ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﯚﻟﺴﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺮﯨﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺍﻟﻠﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﺪﯗﺭ (100). ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭﻏﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ- ﺯﻩﺧﻤﻪﺕ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ، ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﻗﻪﺳﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ (ﻳﻪﻧﻰ ﺗﯚﺕ ﺭﻩﻛﺌﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ) ﺋﻮﻗﯘﺳﺎﯕﻼﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻫﯧﭻ ﮔﯘﻧﺎﻫ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﻮﭘﺌﻮﭼﯘﻕ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﺪﯗﺭ (ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯞﯦﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﺎﻧﻤﺎﻳﺪﯗ) (101). (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﺳﻪﻥ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ (ﺟﯩﻬﺎﺩﺗﺎ) ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﯖﺪﺍ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﺮﻗﯩﺴﻰ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ، ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ (ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺕ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ) ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺗﯘﺗﺴﯘﻥ، ﺳﻪﺟﺪﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺭﻗﺎﯕﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ (ﻳﻪﻧﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯩﺮﻗﻪ ﺋﺎﺭﻗﺎﯕﻼﺭﺩﺍ ﻛﯜﺯﻩﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ) ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﯩﺮﻗﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺭﻗﺎﯕﺪﺍ) ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺳﯘﻥ، (ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ) ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻮﺷﻴﺎﺭ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ. (ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﺷﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ) ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺗﯘﺗﺴﯘﻥ، ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﺩﯨﻦ. ﺋﻪﺷﻴﺎﻟﯩﺮﯨﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﻏﻪﭘﻠﻪﺗﺘﻪ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ (ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰﺩﯨﻦ) ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻫﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﺮﻻ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻱ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﯕﻼﺭ). ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﻫﻪﺭﻩﺝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ، (ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ) ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎﯕﻼﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻫﯧﭻ ﮔﯘﻧﺎﻫ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺗﭽﺎﻥ ﯞﻩ ﻫﻮﺷﯩﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﻮﺭﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﺪﻯ (102). ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ ﻓﺎﺭﯨﻎ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﯖﻼﺭﺩﺍ، ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ، ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﻫﺎﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﺩﺍ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﯖﻼﺭ (ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ). ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ (ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ. ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﻧﺎﻣﺎﺯ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ (103). ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻼﺷﻘﺎ ﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﯕﻼﺭ؛ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻗﯩﻴﻨﺎﻟﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯧﻬﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ، ﺳﺎﯞﺍﺑﻨﻰ ﯞﻩ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﻨﻰ) ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﻠﻪﺭ. ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ، ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (104). (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﺳﯧﻨﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ، ﺳﺎﯕﺎ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻫﻪﻕ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ. ﺧﺎﺋﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻦ (105). ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﺗﯩﻠﯩﮕﯩﻦ. ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﺪﯗﺭ (106). (ﮔﯘﻧﺎﻫ ﻗﯩﻠﯩﺶ) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻦ. ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ، ﮔﯘﻧﺎﻫﻘﺎ ﭼﯚﻣﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﻤﺎﻳﺪﯗ (107). ﺋﯘﻻﺭ (ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ) ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ (ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ) ﻳﻮﺷﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ (ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ) ﻳﻮﺷﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ؛ ﺋﯘﻻﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ، (ﻳﻪﻧﻰ ﺑﻮﻫﺘﺎﻥ ﭼﺎﭘﻼﺵ، ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺳﻪﻣﻨﻰ) ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﺪﻯ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ، ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ). ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ (108). ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﻛﻰ، ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻮﻏﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﺎﺋﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ) ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻼﺭ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯩﻢ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ؟ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻢ ﺩﻩﭘﺌﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؟) ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯩﻢ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻫﺎﻣﯩﻲ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟ (109). ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﯘ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ، ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ (110). ﻛﯩﻤﻜﻰ، (ﻗﻪﺳﺘﻪﻥ) ﺑﯩﺮﻩﺭ ﮔﯘﻧﺎﻫ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﺍﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯗ). ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ، ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (111). ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﮔﯘﻧﺎﻫ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﯓ ﮔﯘﻧﺎﻫ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﮕﯘﻧﺎﻫ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﭼﺎﭘﻠﯩﺴﺎ، ﺋﯘ ﺷﯘ ﺑﻮﻫﺘﺎﻧﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﭘﺌﻮﭼﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﻧﺎﻫﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻳﯜﻛﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ (112). (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﺎﯕﺎ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﭘﻪﺯﻟﻰ ﯞﻩ ﺭﻩﻫﻤﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﮔﻮﺭﯗﻫ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺳﯧﻨﻰ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﻗﻪﺳﺘﻠﻪﻳﺘﺘﻰ؛ ﺋﯘﻻﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯨﺪﯗ، ﺳﺎﯕﺎ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﺳﺎﯕﺎ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ) ﯞﻩ ﻫﯧﻜﻤﻪﺗﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﻨﻰ) ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺳﺎﯕﺎ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺕ ﺋﻪﻫﻜﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﻏﻪﻳﺐ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ) ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ. ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺳﺎﯕﺎ ﭘﻪﺯﻟﻰ ﭼﻮﯕﺪﯗﺭ (113). ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺳﯚﻫﺒﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯩﺴﯩﺪﺍ ﺧﻪﻳﺮﯨﻴﻪﺕ ﻳﻮﻗﺘﯘﺭ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﻪﺩﯨﻘﯩﻐﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﭘﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﻪﻣﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ (ﻧﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺳﯚﻫﺒﯩﺘﻰ) ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ. ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﯘ (ﺋﯩﺶ) ﻻﺭﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﺵ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﻪﺟﺮ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ (114). ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ (ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ) ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﮔﻪ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﮕﻪ) ﻣﯘﺧﺎﻟﯩﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﻳﺮﯨﻴﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ، ﺋﯘﻧﻰ (ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ) ﺟﻪﻫﻪﻧﻨﻪﻣﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﻤﯩﺰ، ﺟﻪﻫﻪﻧﻨﻪﻡ ﻧﯧﻤﯩﺪﯦﮕﻪﻥ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺟﺎﻱ! (115). ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯜﺷﯩﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﺷﺮﯨﻠﯩﻚ ﮔﯘﻧﺎﻫﯩﻨﻰ) ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻨﻰ (ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯚﺯﻯ) ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ (116). ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻼﺭ) ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﭘﻪﻗﻪﺕ (ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ) ﭼﯩﺸﻰ (ﻧﺎﻣﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ) ﺑﯘﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺒﺎﺩﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ (117). ﺍﻟﻠﻪ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﻰ ﺭﻩﻫﻤﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ: «ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﻳﻤﻪﻥ (118). ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯨﻤﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺧﺎﻡ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯨﻤﻪﻥ (ﻳﻪﻧﻰ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﺋﯘﺯﯗﻥ، ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ، ﻫﯧﺴﺎﺏ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻳﻮﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﺎﺗﯩﻞ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﯩﻤﻪﻥ)، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﭼﺎﻫﺎﺭﭘﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ (ﺑﯘﺗﻼﺭﻏﺎ ﻧﻪﺯﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ) ﻗﯘﻻﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﻤﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯟﯦﺘﯩﺸﻜﻪ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺧﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﻪﯓ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ) ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﻤﻪﻥ». ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘ (ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ) ﺋﻮﭘﺌﻮﭼﯘﻕ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ (119). ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ (ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ) ﯞﻩﺩﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺧﺎﻡ ﺧﯩﻴﺎﻟﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﻩ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﺯﯗﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ)، ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻨﯩﻼ ﯞﻩﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ (120). ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻰ ﺟﻪﻫﻪﻧﻨﻪﻣﺪﯗﺭ، ﺋﯘﻻﺭ ﺟﻪﻫﻪﻧﻨﻪﻣﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻱ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ (121). ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﻠﻪﺭ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﻤﯩﺰ. ﺋﯘﻻﺭ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﯞﻩﺩﯨﺴﻰ ﻫﻪﻗﺘﯘﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻨﻤﯘ ﺭﺍﺳﺖ ﺳﯚﺯﻟﯜﻙ ﻛﯩﻢ ﺑﺎﺭ؟ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻨﻤﯘ ﺭﺍﺳﺖ ﺳﯚﺯﻟﯜﻙ ﻫﯧﭻ ﺋﻪﻫﻪﺩﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ) (122). (ﺍﻟﻠﻪ ﯞﻩﺩﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﺎﯞﺍﺏ) ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﺭﺯﯗﻳﯘﯕﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ (ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ) ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺋﯘ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ (ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ) ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﻭﺳﺖ ﯞﻩ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺩﻩﺗﻜﺎﺭ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ (123). ﺋﻪﺭ- ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﺩﺍﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﺑﻰ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﻛﯩﻤﻪﻳﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ) (124). ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﭖ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﺲ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ)، ﺑﺎﺗﯩﻞ ﺩﯨﻨﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ، ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻤﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ (ﺩﯨﻨﻲ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ) ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻤﻨﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﺘﻰ (125). ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ، ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯖﺪﯗﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻣﯜﻟﻜﯩﺪﯗﺭ، ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯗ، ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ). ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ (126). (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﭘﻪﺗﯩﯟﺍ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ، ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﻪﺗﯩﯟﺍ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯩﻼﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ (ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﺮﺍﺳﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ) ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻣﯘ ﭘﻪﺗﯩﯟﺍ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﺘﯩﻤﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﭘﻪﺗﯩﯟﺍ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗﻛﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻳﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﯩﺮﺍﺳﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ، (ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﺮﺍﺳﻰ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ) ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﭘﻪﺗﯩﯟﺍ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ)، ﺑﻮﺯﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ (ﻧﯩﯔ ﻫﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﯖﻼﺭ) ﯞﻩ ﻳﯧﺘﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﻫﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﯖﻼﺭ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭘﻪﺗﯩﯟﺍ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ*. (ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﻳﯧﺘﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ) ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﻳﺪﯗ) (127). ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ- ﺋﺎﺭﺍ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﻫﯧﭻ ﮔﯘﻧﺎﻫ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺶ (ﺋﯜﺯﻟﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ) ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯧﺨﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺋﻪﮔﻪﺭ (ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻏﺎ) ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎﯕﻼﺭ، (ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ) ﺳﺎﻗﻼﻧﺴﺎﯕﻼﺭ (ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﻳﺪﯗ). ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭﺩﯗﺭ (128). ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﺎﯕﻼﺭﻣﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻏﺎ (ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﺘﻪ ﯞﻩ ﺩﯨﻠﻨﯩﯔ ﻣﺎﻳﻠﻠﯩﻐﯩﺪﺍ) ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮﺳﯩﮕﻪ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﻰ (ﺋﯧﺮﻯ ﺑﺎﺭﺩﻩﻛﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﻮﻗﺘﻪﻛﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ) ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﺪﻩﻙ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﯕﻼﺭ، ﺋﻪﮔﻪﺭ (ﺑﯘ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﯘﺳﯘﺭﻟﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ) ﺗﯜﺯﻩﺗﺴﻪﯕﻼﺭ، (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ) ﺳﺎﻗﻼﻧﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ (ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ) ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺭﻩﻫﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ (129). ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺋﯜﺯﻟﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯚﺯ ﭘﻪﺯﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﻬﺎﺟﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ (ﻧﯩﯔ ﭘﻪﺯﻟﻰ) ﻛﻪﯕﺪﯗﺭ، ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (130). ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯖﺪﯗﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻣﯜﻟﻜﯩﺪﯗﺭ، ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﯩﺪﯗﺭ)، ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭﻏﺎ) ﯞﻩ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﺎﭘﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ (ﻛﯘﻓﺮﯨﯖﻼﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ)، ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ (ﻣﯜﻟﻜﯩﺪﯗﺭ، ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﯩﺪﯗﺭ). ﺍﻟﻠﻪ (ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﺘﯩﻦ) ﺑﯩﻬﺎﺟﻪﺗﺘﯘﺭ، ﻣﻪﺩﻫﯩﻴﮕﻪ ﻻﻳﯩﻘﺘﯘﺭ (131). ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯖﺪﯗﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻣﯜﻟﻜﯩﺪﯗﺭ، ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﯩﺪﯗﺭ)، ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺍﻟﻠﻪ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻜﺘﯘﺭ (132). ﺋﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ! ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ، ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﺭﻧﯘﯕﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺩﯨﺮﺩﯗﺭ (133). ﻛﯩﻤﻜﻰ (ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، (ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﻜﻰ) ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﺘﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﻫﯩﺪﯨﺪﯗﺭ (ﺑﻪﻧﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﯩﺴﯘﻥ). ﺍﻟﻠﻪ (ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ) ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، (ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ) ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (134). ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺧﯘﺩﺍﻟﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﻪ، ﺋﯚﺯﻩﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﯩﻨﯩﻐﺎ (ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ) ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ، ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯖﻼﺭ، (ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﯜﭼﻰ) ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﺴﺎ (ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ)، ﻳﺎﻛﻰ ﭘﯧﻘﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ (ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﭻ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﻤﺎﺳﺘﯩﻦ) ﻫﺎﻣﺎﻥ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﮔﯘﯞﺍﻫ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯗﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ)، ﻧﻪﭘﺴﻰ ﺧﺎﻫﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ (ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﺘﯩﻦ) ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﯕﻼﺭ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯩﻠﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﻐﯘﺳﺎﯕﻼﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﭘﺎﻛﯩﺘﻨﻰ ﺑﯘﺭﻣﯩﻠﯩﺴﺎﯕﻼﺭ)، ﻳﺎﻛﻰ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﺴﺎﯕﻼﺭ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (135). ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﯞﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻐﺎ) ﯞﻩ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻏﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﺎﻣﺎﯞﻯ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻏﺎ) ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﯕﻼﺭ. ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ (136). ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﺎﭘﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﺎﭘﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯘﻓﺮﯨﺪﺍ ﺋﻪﺯﯞﻩﻳﻠﯩﮕﻪﻥ (ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯘ ﻛﯘﻓﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ) ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ) ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﯩﻤﻪﻳﺪﯗ (137). (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺑﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﻜﻰ،ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﺯﺍﭘﻘﺎ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ (138). ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ ﯞﻩ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻼﻣﺪﯗ؟ (ﻳﻪﻧﻰ ﻛﯘﻓﻔﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ ﯞﻩ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﺗﯩﻠﻪﻣﺪﯗ؟) ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ ﯞﻩ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺧﺎﺳﺘﯘﺭ (139). ﺍﻟﻠﻪ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ) ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﯖﻼﺭﺩﺍ، ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭ) ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﺎﺭﺍﯕﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻤﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﯕﻼﺭ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ (ﮔﯘﻧﺎﻫﺘﺎ) ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻠﻪﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ (ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ) ﺟﻪﻫﻪﻧﻨﻪﻣﮕﻪ ﺗﻮﭘﻼﻳﺪﯗ (140). ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ) ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻫﺎﺩﯨﺴﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯩﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻧﯘﺳﺮﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺴﻪﯕﻼﺭ، ﺋﯘﻻﺭ: «ﺑﯩﺰ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯩﺪﯗﻕ؟ (ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭ ﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻏﻪﻧﯩﻤﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺰﮔﯩﻤﯘ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ)» ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭ ﺯﻩﭘﻪﺭ ﺗﺎﭘﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭ (ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻏﺎ): «ﺑﯩﺰ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻏﺎﻟﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ (ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﯩﺪﯗﻕ) ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﯩﺪﯗﻗﻤﯘ؟» ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﺍ (ﻫﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻲ) ﻫﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻳﻮﻝ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ (141). ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﯨﺸﺎ ﺟﺎﺯﺍ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ﺋﯘﻻﺭ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺧﯘﺵ ﻳﺎﻗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ (ﺳﺎﯞﺍﺏ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ)، (ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ) ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﺭﯨﻴﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ) ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﺎ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ (142). ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ ﻛﯘﻓﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﺭﯨﺴﺎﻟﺪﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﻧﻪ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ، ﻧﻪ ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﺏ ﺋﻪﻣﻪﺱ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻏﯩﻤﯘ ﻣﻪﻧﺴﯘﺏ ﺋﻪﻣﻪﺱ)، ﻛﯩﻤﻨﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﮔﯘﻣﺮﺍﻫ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻝ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺴﻪﻥ (143). ﺋﻰ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ! ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﻰ (ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ) ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﻤﺎﯕﻼﺭ، ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﯩﻨﯩﯖﻼﺭﻏﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﻼﺭﻏﺎ) ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺧﺎﻻﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ (144). ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺩﻭﺯﺍﺧﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﻗﻪﯞﯨﺘﯩﮕﻪ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﻪﺋﺮﯨﮕﻪ) ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ (ﺋﺎﺯﺍﺑﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻥ) ﻣﻪﺩﻩﺗﻜﺎﺭ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺴﻪﻥ (145). ﭘﻪﻗﻪﺕ (ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻠﯩﻘﺘﯩﻦ) ﺗﻪﯞﺑﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، (ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ) ﺗﯜﺯﻩﺗﻜﻪﻥ، ﺍﻟﻠﻪ (ﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ) ﻏﺎ ﭼﯩﯔ ﻳﯧﭙﯩﺸﻘﺎﻥ، ﺩﯨﻨﻨﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﺎﻟﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ) ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ) ﺩﯗﺭ. ﺍﻟﻠﻪ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ (ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ) ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ (146). (ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ) ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻗﯩﻠﺴﺎﯕﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﯕﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؟ ﺍﻟﻠﻪ ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻨﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﻐﯩﭽﯩﺪﯗﺭ، ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ (147).
(ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﭘﺎﺭﻩ)
ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﯘﭼﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ (ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ) ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ (ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺯﺍﻟﯩﻤﺪﯨﻦ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺩﯗﺋﺎﻳﯩﺒﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ). ﺍﻟﻠﻪ (ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎﺳﯩﻨﻰ) ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، (ﺯﺍﻟﯩﻤﻨﻰ) ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ (148). ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎﯕﻼﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭﺳﻪﯕﻼﺭ (ﺳﺎﯞﺍﺏ ﺗﺎﭘﯩﺴﯩﻠﻪﺭ). ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﻪﭘﯘ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻜﺘﯘﺭ (149). ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ (ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﻤﯩﺰ ﺩﯦﻴﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﯟﻩﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ، (ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ) ﺑﻪﺯﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯩﺰ، ﺑﻪﺯﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﻤﯩﺰ ﺩﯦﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ- ﺋﯘﻧﯩﯔ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯘﻓﺮﯨﻨﯩﯔ) ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ (ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ) ﻳﻮﻝ ﺗﯘﺗﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ (150). ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭ (ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﻰ ﺩﻩﯞﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ) ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﺩﯗﺭ، ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻏﺎ ﺧﻮﺭﻟﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﺪﯗﻕ (151). ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻫﯧﭻ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﯟﻩﺗﻤﯩﮕﻪﻥ (ﻳﻪﻧﻰ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ) ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ (ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ) ﺋﻪﺟﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ، ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻧﺪﯗﺭ (152). ﺋﻪﻫﻠﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭ) ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯘﺳﺎﺩﯨﻦ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﭼﻮﯕﺮﺍﻗﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﭖ: «ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﻰ ﺋﺎﭘﺌﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯩﻦ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺯﯗﻟﻤﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﭼﺎﻗﻤﺎﻕ ﺳﻮﻗﺘﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺕ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻫﺎﻻﻙ ﻗﯩﻠﺪﻯ). ﺋﯘﻻﺭ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﻪﺭ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻮﺯﺍﻳﻨﻰ (ﻣﻪﺑﯘﺩ) ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﭘﯘ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ. ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺳﺎﻏﺎ (ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﺍﺳﺖ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ) ﺭﻭﺷﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ (153). (ﺗﻪﯞﺭﺍﺕ ﺷﻪﺭﯨﺌﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ)ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻫﺪﻩ ﺋﺎﻟﻤﺎﻕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﯘﺭ (ﺗﯧﻐﻰ)ﻧﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﺪﯗﻕ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ: «(ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻤﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ) ﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪﺟﺪﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻛﯩﺮﯨﯖﻼﺭ» ﺩﯦﺪﯗﻕ. ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ: «ﺷﻪﻧﺒﯩﻨﯩﯔ ﻫﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﯕﻼﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺷﻪﻧﺒﯩﺪﻩ ﺑﯧﻠﯩﻖ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﺩﺩﯨﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﻤﺎﯕﻼﺭ)» ﺩﯦﺪﯗﻕ. ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ (ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ) ﻣﻪﻫﻜﻪﻡ ﯞﻩﺩﻩ ﺋﺎﻟﺪﯗﻕ (154). ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﻫﺪﯨﻨﻰ ﺑﯘﺯﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻧﺎﻫﻪﻕ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ (ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ) ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﻪﺭﺩﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ (ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ) ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ (ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ). ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯘﻓﺮﻯ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯧﭽﻪﺗﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﻰ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﻳﺪﯗ (155). ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﻧﯩﯔ ﻛﯘﻓﺮﻯ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ) ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﻳﻪﻣﮕﻪ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻫﺘﺎﻥ ﭼﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ (ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ) (156). ﻳﻪﻧﻪ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺭﻩﺳﯘﻟﻰ ﺋﯩﺴﺎ ﺋﺒﻦ ﻣﻪﺭﻳﻪﻣﻨﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﯗﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ (ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ). ﯞﻩﻫﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺎﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﻮﻕ، ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﻮﻕ ﯞﻩ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺷﯜﺑﻬﻪ ﺳﯧﻠﯩﻨﺪﻯ، (ﺋﯩﺴﺎﻧﻰ ﺋﺎﺳﺘﯘﻕ ﺩﻩﭖ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯩﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﻰ)، ﺋﯩﺴﺎ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ (ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ) ﺩﻩ ﺷﯜﺑﻬﯩﺪﯨﺪﯗﺭ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ (ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﺘﻰ) ﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ، ﮔﯘﻣﺎﻧﻐﯩﻼ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﺴﺎﻧﻰ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﯩﺪﻯ (157). ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﺴﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﺭﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ). ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎﻟﯩﺒﺘﯘﺭ، ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (158). ﺋﻪﻫﻠﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭﺩﯨﻦ) ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﯨﻘﻰ ﺟﺎﻥ ﺋﯜﺯﯛﺵ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﺴﺎﻧﯩﯔ ﻫﻪﻕ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺑﻪﻧﺪﯨﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ) ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯩﺴﺎ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭ (ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺎﻧﻰ ﺩﺍﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺘﯘﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﺎ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﻩﯞﺍﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ) ﻏﺎ ﮔﯘﯞﺍﻫ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ (159). ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻫﻪﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ (ﻳﻪﻧﻰ ﺯﯗﻟﻤﻰ ﯞﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮔﯘﻧﺎﻫﻠﯩﺮﻯ)، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ) ﺗﻮﺳﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ، ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺟﺎﺯﺍﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﻝ- ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﺎﻫﻪﻕ ﻳﯧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ (ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ) ﻫﺎﻻﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻫﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻛﺎﭘﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﻫﺎﺯﯨﺮﻟﯩﺪﯗﻕ (161-160). ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﻤﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ، ﺳﺎﯕﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻐﺎ)، ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ (ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ) ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ، ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺋﯚﺗﯩﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﮔﻪ، ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭﮔﻪ، ﺍﻟﻠﻪ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ (ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ) ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ (162). (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﺑﯩﺰ ﻧﯘﻫﻘﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩﻫﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﯞﻩﻫﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ ﻫﻪﻣﺪﻩ ﺋﯩﺒﺮﺍﻫﯩﻤﻐﺎ، ﺋﯩﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻠﻐﺎ، ﺋﯩﺴﻬﺎﻗﻘﺎ، ﻳﻪﺋﻘﯘﺑﻘﺎ، ﻳﻪﺋﻘﯘﺑﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻐﺎ، ﺋﯩﺴﺎﻏﺎ، ﺋﻪﻳﻴﯘﺑﻘﺎ، ﻳﯘﻧﯘﺳﻘﺎ، ﻫﺎﺭﯗﻧﻐﺎ، ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻧﻐﺎ ﯞﻩﻫﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ، ﺩﺍﯞﯗﺩﻗﺎ ﺯﻩﺑﯘﺭﻧﻰ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ (163). ﺑﯩﺰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﯘﻕ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﺳﺎﯕﺎ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﺑﺎﺭ، ﺳﺎﯕﺎ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﺑﺎﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻣﯘﺳﺎﻏﺎ (ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ) ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﺪﻯ (164). ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﺎﺗﺘﯩﻢ ﯞﻩ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻢ ﺩﯦﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ) ﮔﻪ ﺑﺎﻫﺎﻧﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، (ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﺧﯘﺵ- ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺑﻪﺭﮔﯜﭼﻰ، (ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺩﻭﺯﺍﺧﺘﯩﻦ) ﺋﺎﮔﺎﻫﻼﻧﺪﯗﺭﻏﯘﭼﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﯘﻕ، ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎﻟﯩﺒﺘﯘﺭ، ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (165). (ﻳﻪﻫﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﯖﮕﻪ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪ ﮔﯘﻧﺎﻫﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ) ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺍﻟﻠﻪ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ (ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﯖﮕﻪ) ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﺍﻟﻠﻪ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ (ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ) ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻣﯘ (ﺍﻟﻠﻪ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻐﺎ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﯖﮕﻪ) ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، (ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ) ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻘﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻜﺘﯘﺭ (166). ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﻛﺎﭘﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ (ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ) ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﺳﻘﺎﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﺯﺩﻯ (167). ﺷﯜﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﻛﺎﭘﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻣﻪﻏﭙﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻐﯩﻤﯘ (ﻳﻪﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻐﯩﻤﯘ) ﺑﺎﺷﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯗ (168). (ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ) ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺟﻪﻫﻪﻧﻨﻪﻣﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﺟﻪﻫﻪﻧﻨﻪﻣﺪﻩ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺟﻪﻫﻪﻧﻨﻪﻣﺪﻩ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ) ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﻥ (169). ﺋﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ! ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ) ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﻫﻪﻕ (ﺩﯨﻦ) ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﯖﻼﺭﻛﻰ، (ﺑﯘ) ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﺴﺎﯕﻼﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻛﯘﻓﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺳﺎﯕﻼﺭ) (ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﻬﺎﺟﻪﺕ). ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯖﺪﯗﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﯩﺪﯗﺭ، ﻣﯜﻟﻜﯩﺪﯗﺭ). ﺍﻟﻠﻪ (ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻨﻰ) ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ، ﻫﯧﻜﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ (170). ﺋﻰ ﺋﻪﻫﻠﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ! (ﻳﻪﻧﻰ ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺳﻰ) ﺩﯨﻨﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﻫﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻤﺎﯕﻼﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺷﻪﻧﯩﮕﻪ ﻫﻪﻕ (ﺳﯚﺯ) ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﯕﻼﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺷﯧﺮﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﭘﺎﻙ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ). ﻣﻪﺳﯩﻬ ﺋﯩﺴﺎ ـ ﻣﻪﺭﻳﻪﻣﻨﻬﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﺪﯗﺭ (ﺳﯩﻠﻪﺭ ﮔﯘﻣﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ)، ﻣﻪﺭﻳﻪﻣﮕﻪ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﻪﻟﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯗﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﺴﯩﺴﯩﺰ، ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ «ﯞﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﻛﻪﻝ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯗﺭ)، ﺍﻟﻠﻪ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺭﻭﻫﺘﯘﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﯖﻼﺭ، (ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯩﺴﺎ، ﻣﻪﺭﻳﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ) ﺋﯜﭼﺘﯘﺭ ﺩﯦﻤﻪﯕﻼﺭ، (ﺧﯘﺩﺍ ﺋﯜﭺ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﺗﯩﻦ) ﻗﺎﻳﺘﯩﯖﻼﺭ، (ﺑﯘ) ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻘﺘﯘﺭ، ﺍﻟﻠﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻼﻫﺘﯘﺭ، ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺍﻟﻠﻪ ﭘﺎﻛﺘﯘﺭ، ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺩﯗﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﻣﯜﻟﻜﯩﺪﯗﺭ، ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﯩﺪﯗﺭ) ﺍﻟﻠﻪ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﻫﺎﻣﯩﻴﺪﯗﺭ (171). ﻣﻪﺳﯩﻬﻤﯘ، (ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ) ﻳﯧﻘﯩﻦ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺑﻪﻧﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﻛﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺑﻪﻧﺪﯨﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﻛﯚﺭﻩﯕﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، (ﺑﯩﻠﺴﯘﻧﻜﻰ) ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ (ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﻫﯧﺴﺎﺏ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ) ﺋﯚﺯ ﺩﻩﺭﮔﺎﻫﯩﻐﺎ ﺗﻮﭘﻼﻳﺪﯗ (172). ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ (ﺋﻪﻣﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ) ﺋﻪﺟﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﻧﯧﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، (ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﻗﯘﻟﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ) ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﻛﯚﺭﻩﯕﻠﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ (ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ) ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﻭﺳﺖ ﯞﻩ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺩﻩﺗﻜﺎﺭ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ (173). ﺋﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ! ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯨﯖﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ (ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ) ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺩﻩﻟﯩﻞ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﻧﯘﺭﻧﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ) ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ (174). ﺍﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻐﺎ) ﭼﯩﯔ ﻳﯧﭙﯩﺸﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﺍﻟﻠﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺭﻩﻫﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﻧﯧﻤﯩﺘﯩﮕﻪ (ﻳﻪﻧﻰ ﺟﻪﻧﻨﯩﺘﯩﮕﻪ) ﺩﺍﺧﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ (175). (ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻪﺩ!) ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ، ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﻣﯧﻴﯩﺘﻨﯩﯔ ﻣﯩﺮﺍﺳﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﭘﻪﺗﯩﯟﺍ ﺳﻮﺭﯨﺸﯩﺪﯗ، ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، «ﺍﻟﻠﻪ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ، ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﻛﯩﺸﻰ (ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻣﯩﺮﺍﺱ) ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﭘﻪﺗﯩﯟﺍ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻫﻪﻣﺸﯩﺮﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﺗﻪﺭﻩﻛﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﺍﺭﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯩﺮﺍﺳﻨﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ)، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻫﻪﻣﺸﯩﺮﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻪﺭﻩﻛﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻫﻪﺳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﯞﺍﺭﯨﺴﻼﺭ ﻫﻪﻡ ﺋﻪﺭ، ﻫﻪﻡ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ (ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ) ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻫﻪﺳﺴﯩﺴﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺩﺍﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺍﻟﻠﻪ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ (ﺷﻪﺭﯨﺌﻪﺕ ﺋﻪﻫﻜﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ) ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺍﻟﻠﻪ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﯩﺪﯗﺭ» (176).
ئەسسىالامۇئەلەيكۇم !ئەزىزقېرىنداشلار ، تورداشلار ، يېقىندا ئېلان قىلىنغان قۇرئان كەرىم ئاۋازلىق 114سۈرە ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسنى ئاڭلاش ئادىرسى :
http://www.muslimin.cn/quranmp3
يۇقارقى قۇرئان كەرىمنى ئۇيغۇرچە ئاۋازغا ئالغان قېرىندىشىمىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن امىين
مۇسۇلمانلار ئىسلام مۇنبىرى(www.muslimin.cn)
2009 -يىلى 1ئاينىڭ 31- كۇنى