70ياشلىق قېرى ئۆز ئايالى ئۈستىدىن ئەرىز قىلدى
نەنجىڭ شەھرى لىيۇخى رايۇندىكى بىر 70ياشلىق قېرى3بالىنىڭ ئۆز پۇشتىدىن بولمىغانلىقى ئۈستىدە ئايالى ئۈستىدىن ئەرىز قىلدى.
يۆپىڭ بىلەن دۇۋەنجۇەن ئاتا ئانىللىرى تەرىپىدىن تۇنۇشتۇرلۇپ توي قىلىشقان ئەر خوتۇنلار ئىدى. توي قىلغاندىن كىيىن يۆپىڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەت سىرىتتا خىزمەت قىلىشى سەۋەبىدىن ،ئايالى بىلەن بىرگە تورغان ۋقتى ئاز ئىدى ،شۇ سەۋەپتىن بولسا كىرەك ئىككەيلەن ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت تازا ياخشى ئەمەس بولۇپ ،بىر يەرگە كەلسىلا سوقۇشۇپ قالاتتى ،شۇنداق بولسىمۇ دۇۋەنجۇەن3بالىنى ئۆز يېنىدا بېقىپ چوڭ قىلدى.
باللار توغرىسدا يۆپىڭنىڭ كۆڭلىدە ئىزچىل تۈردە غۇم بار بولۇپ ،گەرچە ئۇ قۇشنا -قۇلۇملارنىڭ تارقاتقان ئۆسەك سۆزلىرىگە بەك ئېسىلىۋالمىغان بولسىمۇ ،لىكىن ئۆزىنىڭ ياكى ئەمەسلىكىگە قارتا كۆڭلىدە ئېنىق سان يوق ئىدى.
چۈنكى ئوغلى ئۇنىڭغا ئوخشغان بولۇپ ،قىزلىرى پەقەت ئوخشىمايتى .يۆپىڭنىڭ يېشىنىڭ چوڭيىشىغا ئەگىشىپ ،مىراس ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ۋاقىتمۇ يېقىنلىىشىپ قالدى.ئۇنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئوغلىنىلا ئۆز پۇشتىدىن بولغان دەپ قارىغاچقا ،مىراسلارنى پەقەت ئوغلىغلا قالدۇرۇشنى كۆڭلىگە پۇككەن بولۇپ ،بۇ ئىشنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولۇشى ئۈچۈن ئوغلىغا ئاتا باللىقنى تەكشۈرتۈش ئويىنى ئېيىتتى ،ئوغلى شۇ زامان قوشۇلدى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىككەيلەن ئاتا باللىقنى تەكشۈرۈتتى،بىراق ئويلىمىغان يەردىن ،‹ئوغلى ›بىلەن يۆپىڭنىڭ ئوتتۇرسىدا ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوقلىقى ئىسپاتلاندى. 3لا بالىسىنىڭ ئۆز پۇشتىدىن بولمىغانلىقىنى ئوققان يۆپىڭ ئازاپقا چىدىماي ،دوختۇرخاننىڭ ئاتا باللىقنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا تاينىپ ،ئايالى ئۈستىدىن سوتقا ئەرىز سۇنۇپ ، مال مۈلۈكىنى بۆلۈپ ئاجرىشىش ،300مىڭ يۇەن بالا بېقىش ئۈچۈن كەتكەن مەبلەغنى قايتۇرۇش ،50مىڭ يۇەن روھى تۆلەم پۇلى تەلەپ قىلدى.
تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن نەنجىڭ شەھرى لىيۇخى رايۇنلۇق سوت مەھكىمىسى ،سوت ئاچتى.سوتتا دۇۋەنجۇەن 2قىزىنىڭ دادىسى توغرىسدا ھېچقاندان ئىنكاس بىلدۈرمىدى. بىراق يۆپىڭ ئوتتۇرغا قويغان تۆلەمنىڭ بەك يوقىرى بوپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى. نۆۋەتتە بۇ ئەنزە تېخىچە تەكشۈرلۈش باسقۇچىدا ئىكەن.
مەنبە: سنا تورى
تەرجىمە قىلغۇچى:
http://www.uyenglish.com دىن مىشا