<ئوغۇزنامە >ئۇيغۇرلاردىكى قەھرىمانلىق ئىپۇسى.
بۇ ئەسەر ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن تارتىپ،ئېغىز ئەدىبىياتى شەكلىدە تارقىلىپ ،
ئېغىزدىن -ئېغىزغا كۇچۇش يۇلى بىلەن خەلق تەرىپىدىن تۇلۇقلىنىش،رەتلىنىش ۋە مۇكەمممەلىشىش
جەريانلىرنى باشتىن كەچۇرۇپ ،دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كەلدى .
ئۇنۇڭدىن ئۇيغۇر قەبىللىرنىڭ كىلىپ چىقىشى ،جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى ،ئىستىتىك تۇنۇشى
ئۇزگىچە قۇيۇلغان ئىسىملار بىلەن ئاتالغان پىرسۇناژلارۋە ئۇلارنىڭ ھەركىتى بىلەن يۇرۇتۇپ بىرىلگەن.
ئادەم ئىسىملىرنىڭ ياخشى تاللىنىشى ۋە توغرا ئاتىلىشى ،خاسلىققا،ساپلىققا ئىگە بۇلۇشى ئائىلە ۋە
مىللەتنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك !ئەجداتلارنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا ،ئىنساننىڭ
ھاياتى ئۇنۇڭ جىسمى ، رۇھى ۋە ئىسىمدىن ئىبارەت ئۇچ مۇھىم ئامىلدىن تەركىپ تاپقان.
<ئوغۇزنامە >ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم قۇيۇش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى ،مەدىنىيىتىنى ، يۇرۇتۇپ
بەرگەن مۇھىم ئەسەر.
<ئوغۇزنامە>دە ئوغۇزخان ۋە ئۇنۇڭ ساھىپجامال ئىككى ئايالى ،غايىۋى ئوبراز كۇك بۇرىنى قۇشقاندا
جەمى 21 پىرسۇناژ بار،بۇلار:
ئايخان، كۇن، ئاي ، يۇلتۇز ، كۇك، دېڭىز، تاغ، ئالتۇن خاقان ،ئۇزۇم خاقان ئۇرۇس بەگ (ساقلاپ)،
ئۇلۇس ئوردا بەگ(قىپچاق)، تۇمۇر دوقا غۇل(قالاچ)، جۇرجىپ خاقان، بارماقلىق يۇسۇن بىلگىل ،
(قانغۇلۇق)، ماسار خاقان ، ئۇلۇغ تۇرۇك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئىپۇستا ئۇچار قانات ۋە ھايۋان ئوبرازلىردىن يەنە شۇڭقار ۋە قىئاتلارمۇ بار!
يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان ئىسىملار ئىچىدە ئۇزۇگە خاس ئىسىملار بار بۇلۇپ ،بۇ ئىسىملار
تۇۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۇرگەن:
1-<ئوغۇزنامە>دە ئالاھىدە كۇزگە چىلىقىدىغان ئىسىملار ئىچىدە ،ئادەم ئىسمى بىلەن تەبىئەتتىكى
جېسىملارنى بىرلەشتۇرۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئېسىم قۇيۇش مەدىنىيىتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.
ئۇيغۇرلار تارىختا تەبىئەت ئىتىقاتچىلىق تارىخىنى ئۇز بىشىدىن كەچۇرگەن،ئۇلار ئالەمدىكى
تۇرلۇك نەرسىلەرنى سېرلىق ۋە ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى ، ئۇزلىرنىڭ ھامىيسى دەپ بىلىپ،ئۇلارغا
تىۋىنغان . ئۇلار ئاي، كۇن، يۇلتۇز، كۇك، ئاسمان، تاغ ،دوڭ ، كۇل ،قاتارلىقلارنى چۇقۇنۇش
ئوبىكتى قىلغان.
شۇڭا ئۇيغۇرلاردا قەبرىلەرنى قۇياش ۋە ئايغا ئوخشاش ياساش، قۇياش ۋە ئايغا قاراپ
چۇڭ كىچىك تەرەت قىلماسلىق ،بىگىز قۇل بىلەن قۇياش ۋە ئاينى كۇرسەتمەسلىك .
ئۇيلىرىنى قۇياش ۋە ئايسىمان ياساش،ئىشىكنى شەرىقتىن ئېچېش...ئەتىگەن سەھەر تۇرۇپ
قۇياشنى بالدۇر كۇرېۋېلىشتەك ئەنئەنىۋى ئادەتلەر شەكىللەنگەن~
كۇكتىن تۇتۇم بورىنىڭ پەيدا بۇلۇشڭ ، دۇڭدىن پەرزەنىتنىڭ ئاپرېدە بۇلۇشى،كۇلدىن دەرەخ
تۇتۇمىنىڭ ۋۇجۇتقا كىلىشى، تاغنىڭ بەخىتنىڭ مەنبەسى بۇلۇشى قاتارلىقلار...
مۇشۇ خىلدىكى نەرسىلەرگە چۇقۇنغانلىقنى كۇرسۇتۇدۇ.....
<ئوغۇزنامە >ئىپۇسدا ،ئوغۇزخان ئايخان ئانىدىن تۇغۇلدىغان بىر كۇرۇنۇش بار.بۇ يەردە
ئۇغۇزخاننىڭ ئانىسى ،ئۇيغۇرلار چۇقۇنىدىغان ئاي بىلەن ئاتالغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
مانا بۇ كۇرۇنۇشلەر ئادەملەرگە ،ئۇزلىرى چۇقۇنغان تەبىئەتتىكى قىسىملارنىڭ نامىنى ئىسىم قىلىپ
قۇيۇشتەك مەدىنىيەتنى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بەرگەن!
ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئىسىم قۇيۇش مەدىنىيەت ئەنئەنىسى مۇتەپپەككۇر شائىر يۇسۇپ خاس
ھاجىپ تەرىپىدىن بەددى ئوبراز نامى بىلەن جارى قىلدۇرۇلدى.( كۇن تۇغدى ...،ئاي تولدى)،
بۇ خىل مەدىنىيەت ئۇيغۇرلاردا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
2 --<ئوغۇزنامە>دە ئوغۇزخان ئاياللىرنىڭ تەسۋېرى ۋە ئۇنۇڭ 6 بالىلىرنىڭ ئىسىملىرى
تارىختا ئۇيغۇرلار چۇقۇنۇدىغان تەبىئەتتىكى جىسىملار ۋە تۇتۇملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك
ئۇتتۇرغا چىقىدۇ.ئىپۇستا مۇنداق تەسۋېر بىرىلگەن: << ئوغۇزخان بىر يەردە تەڭرىگە
سېغىنۋاتقاندا ئەتراپ قاراڭغۇلىشىپ ،ئاسماندىن بىر كۇك يۇرۇقلۇق چۇشتى ،ئۇ كۇندىنمۇ
نۇرلۇقراق ، ئايدىنمۇ يۇرۇقراق ئىدى.ئۇغۇزخان ئۇنۇڭ يېنېغا بېرېپ قارىسا ،بۇ
يۇرۇقنىڭ ئېچىدە بىر تەنھا قىز ئولتۇرغان.ئۇ ساھىپجامال بىر قىز ئىدى.ئۇنۇڭ
پىشانىسىدە چۇغدەك پارقىراق مىڭى بۇلۇپ ،تۇمۇر قۇزۇققا ئۇخشايتى.بۇ قىز
شۇنداق گۇزەل ئىدىكى، ئۇ كۇلسە تەڭرىمۇ كۇلەر ئىدى .ئۇ يىغلىسا
تەڭرىمۇ يىغلار ئىدى. ئۇ ئوغۇزخاندىن ئۇچ ئوغۇل تۇغدى . تۇنجىسىغا كۇن،
ئۇتتۇرانچىسىغا ئاي ، كەنجىسىگە يۇلتۇز دەپ ئىسىم قۇيدى >>.
يۇقۇردىكى تەسۋېردە ئوغۇزخاننىڭ چوڭ ۋە كىچىك خۇتۇنلىرى كۇك تەڭرىسى ۋە دەرەخ
تۇتۇمىدىن بولغانلىقى تەسۋېرلىنىدۇ.تەڭرىدىن تۇرەلگەن بۇ ساھىپجاماللار كۇن ۋە ئاي
تەڭرىلەر بىلەن سۇپەتلىنىپ تەسۋېرلىنىدۇ.
كۇك نۇر تەڭرىسى ۋە ئۇيغۇرلار تۇتىم قىلغان دەرەختىن تۇرەلگەن ئۇغۇزخاننىڭ
خۇتۇنلىرى تۇققان بالىلارغا ئىسىم قۇيۇش تۇغرا كەلگەندە ئۇزلىرىنى ئاپرىدە قىلغان
تەڭرىلەر ،يەنى ئۇزلىرى چۇقۇنغان ئوبىكىتلارنىڭ نامى بىلەن كۇن، ئاي،يۇلتۇز، كۇك ،تاغ ،
دېڭىز ، دەپ ئىسىم قۇيۇدۇ...ئوغۇزخان تۇنجى ئايالىنىڭ كۇندىنمۇ نۇرلۇق ،ئايدىن يۇرۇق
دىگەن سۇپۇتىگە ماشلاشتۇرۇپ ،ئىككى ئوغلىغا كۇن ، ۋە ئاي دەپ ئىسىم قۇيۇدۇ،
ئىككىنچى ئايالىنىڭمۇ كۇزى ئاسماندىن كۇك ، چىشى ئۇنچىدەك، چېچى ئىقىن سۇدەك
دىگەن سۇپىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ، ئوغۇللۇرغا كۇك، تاغ ، دېڭىز دەپ ئىسىم قۇيۇدۇ.
بىز يۇقۇردىكى پارچىلارنى ئىنچىكە تەھلىل قىلساق <ئوغۇزنامە> دە قۇللۇنۇلغان
كىشى ئىسىملىرى ،ئۇيغۇرلار تارىختا ئىتىقات قىلغان ئاسمان جىسىملىرى ئاي ۋە كۇن،
ۋە دەرەخ تۇتىمى بىلەن مۇناسىۋاتلىك كۇك ،تاغ ، دېڭىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك
ئىكەنلىكىنى كۇرەلەيمىز.
ئۇيغۇرلاردا بورىنى ئەڭ قەدىمقى چاغلاردا قۇرۇت دەپ ئاتايدىغان ئەھۋال بار ئىدى ،
بۇ سۇز ۋاقىتنىڭ ئۇتۇشىگە ئەگىشىپ تاۋۇش ئۇزگىرىشى ياساپ ،قۇت بولغان..
بەخىتنىڭ مەنىسىنى بىرىدىغان بۇ ئاتالغۇ تا ھازىرغا قەدەر قۇيۇلۇپ كەلمەكتە.
ئايقۇت...، قۇت تېكىن ، قۇتلۇق ، قۇتيار ، بۇ ئىسىملار ئەنە شۇ ئۇيغۇرلار تۇتىم قىلغان
بورىنىڭ ئىسمى بىلەن مۇناسىۋاتلىك ئىدى .
3-- ئىپۇستا ئوغۇز خاقاننىڭ ھەربى يۇرۇشلىرى خېلى تەپسىلى بايان قىلىنىدۇ.
ئوغۇزخان ھەربى يۇرۇش جەريانىدا ئەقىل كۇرسەتكەن ، ئادەملەرگە ئىسىم قۇيۇپ ،ئۇلارنى
قەبەلىلەرگە باش قىلىپ بېكېتېدۇ....ئۇ شەھەرنى ياخشى ساقلىغان ئۇرۇنبەگبىڭ ئوغلىغا ،
<ساقلاپ> ،دەپ، قابىليەتلىك ئادەم ئۇلۇس بەگنىڭ كېمە ياسىغىنى ئۇچۇن< قىچاق>
دەپ،ئۇغۇزخاننىڭ ئامراق ئېتىنى مۇز تاغدىن تېپىپ بارگەن بەستىلىك تەمبەل ئەرگە
<قارلۇق> دەپ ،چېۋەر ئۇستا تۇمۇر دوقا غۇلغا <قالاچ> دەپ، ھارۋېنى ياسىغان
بارماقلىق يۇسۇپ بىلىككە ھارۋېنىڭ خۇسىسىيىتىنى ئاساس قىلىپ <قانغۇلۇق> دەپ
ئىسىم قۇيۇدۇ.
بىز ئوغۇزنامەدىكى كىشى ئىسىملىردىن شۇنى كۇرىمىزكى ، ئۇيغۇرلار ئۇز ئەۋلاتلىغا ئىسىم
قۇيۇشتا تولىمۇ ئەستايىدىللىق قىلغان.
سۇزنىڭ مەنىسى ،رولى، كىلىپ چىقىش تارىخىغا تولىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن.ئىسىم قۇيۇشتا
سۇزنىڭ ئەسلىدىكى رولى ۋە كىيىنكى رولىغا تولىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن.
ئادەمنىڭ كەلگۇسى ئىستىقپالىغا ،باغلاپ قارىغان..
ئۇلارئىسىم قۇيۇپلا قالماستىن ،يەنە مۇراسىم ئۇتكۇزۇپ ،خەلقئالەمگە جاكارلىغان.
بۇ ئىسىم قۇيغاندىن كىيىن ،يۇرت ئەھلىگە كاتتا تۇي بەرگەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا <ئىسمى - جىسمىغا لايىق بۇلۇش > دىگەن جۇملە بار. بۇمۇ ئادەم بىلەن
ئىسىمنىڭ قانچىلىك مۇناسۋېتى بارلىغىنى كۇرسۇتۇدۇ .
قىسقىسى :<ئوغۇزنامە>دە تىلغا ئىلىنغان ، كىشى ئىسىملىرنىڭ مۇتلەق كۇپچىلىكىدىن
ئۇيغۇرلارنىڭ تەبى ئىتىقاتى ،ۋە تۇتىم چۇشەنچىلىرىنى ئارقا كۇرۇنۇش قىلغانلىقىنى
كۇرۇش تەس ئەمەس.
مەنبە : << ئوغۇزنامە >> ئىپوسى
[ بۇ يازما ajrim تەرپىدىن 2007-11-22 18:44 دە قايتا ]