دۇنيا كۈندىن-كۈنگە تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، ئىنسانلار ئىلىكتىرۇنلۇق دەۋىردىن ئۆتۈپ مىكرو ئىلىم دەۋرىگە قەدەم تاشلاپ مىڭىۋاتىدۇ. ھەتتا تىببى ئىلىممۇ تەرەققى قىلىپ ھەرقانداق كىسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش شەكلى ۋە بۇنى داۋالاش جەھەتتىمۇ كۆرنەرلىك نەتىجىلەرگە ئىرىشىۋاتىدۇ.
قورقۇنۇشلۇق بولغان ئىنسان ھاياتىنىڭ ياشاش ئىمكانىيەتى يوق دەپ دىئاگۇنۇز قويۇلغان راك كىسەللىكلەرىنىمۇ داۋاش ئارقىلىق ساقايتقانلىقىنى گىزىت-ژورنال، رادىئو-تىلىۋۇزۇرلاردائاڭلاۋاتىمىز. لىكىن مىللىتىمىز ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە ئاز ساندىكى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن، ئەڭ ناچار، ئەڭ پەسكەش ، ئەڭ يىركىنىشلىك بىر خىل كىسىلىگە ھازىرچە چارە تىپىلمىدى. نۇرغۇن مەشھۇر يازغۇچىلىرىمىز، شائىر ئالىملىرىمىز شىئىر ، ھىكايە، ماقال-تەمسىل ۋە قىممەتلىك ماقالىلىرى بىلەن تەنقىد قىلدى. مەشھۇر يازغۇچى ۋە شائىر ئالىمىمىز ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ (ئۆمۈر مەنزىللىرى) ناملىق شىئىرلار توپلىمىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتسەكمۇ. لىكىن بۇلارنىڭمۇ ھىچقانداق تەسىرى بولمىدى. ئۇ كىسەللىك بولسىمۇ مىللىتىمىز ئىچىدىكى ساقايماس « يۇرتۋازلىق » تىن ئىبارەت.
ئۇلۇغ ئاللاھ مۇشۇ كائىناتنى ياراتقاندا بارلىق مەۋجۇدىيەتنى ئىقلىم-ئىقلىمگە تەخسىم قىلغان ئىكەن. بىز ئۇيغۇرلارنىمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدا تۇپرىقى مۇنبەت، ھاۋاسى ساپ، مەنزىرىسى گۈزەل جەننەت مىسالى مۇشۇ ئانا-زىمىنگە نىسىپ قىلغان ئىكەن. ئەمگەكچان باتۇر خەلقىمىز بۇ زىمىننى گۈللەندۈرۈپ دۇنياغا تونۇتۇپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىلىم-ئىرفان، ساز-مۇزىكا ئۈگۈنۈش ئۈچۈن شاھزادە-مەلىكىلەر، ئىلىم-مەرىپەت سۆيەرلەر كەلگەن ئىكەن. سىرتتىن كىلىدىغان تاجاۋۇزچىلارغا قارشى پۈتۈن خەلقىمىز ئىتتىپاقلىشىپ بۇ ئانا-زىمىننى قوغدىغان ئىكەن.
ھازىر ئەھۋالىمىز، بىر-بىرىمىزگە بولغان ئۆز-ئارا كۆيۈنۇش ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلدۇق.
دۇنيادىكى ئىنسانلار ئىلىكتىرۇنلۇق دەۋىردىن ئۆتۈپ مارىسقا چىقىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان ئىكەن، بىز ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدىغان ھىچ قانداق پايدىسى بولمىغان ئىشلار ئۈستىدە تالىشىپ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئاۋارە قىلىپ يۈرۈپ، بۈگۈنكى ياشاۋاتقان تۇرمۇش ھالىتىمىز شەكىللەندى. تەرەققىيات، ئىلىم-پەن، تىخنىكا دىگەندىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. بىز نىمە ئىش قىلىۋاتىمىز ؟ نىمە ئىش قىلماقچى دىگەن پىلان ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ باقمىدۇق « ئۈزۈم پىش، ئاغزىمغا چۈش. خۇدايىم بار، بىر نەرسە دە » دەپ تەييار تاپلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلىنىپ قالدۇق. تىخى ئۆزىمىزنىڭ ھالىغا باقماي بىر-بىرىمىزنى كۆزگە ئىلمايدىغان، سەندىن مەن قالامتىم دەپ مودا قوغلۇشۇپ مودا-پەرەس بولۇپ كىتىدىغان نەسەبىنى كۆز-كۆز قىلىپ ساتىدىغان، ئانا-تۇپرىقىمىز، قىنىمىز ، دىنىمىز ئوخشاش تۇرۇغلۇق بىر-بىرىمىزنى ياتلايدىغان، ئارىغا ئالمايدىغان، ئۆز يۇرتلىقىمىز ئۇچراپ قالسا باشقىچە، باشقا ۋىلايەت،ناھىيە-يىزىلاردىن كەلسە باشقىچە مۇئامىلە قىلىدىغان رەزىل ئىللەت بىزدە ئىغىر شەكىلدە پەيدا بولدى.
ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان، تىجارەت قىلىۋاتقان ھەتتا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان، بىزدىن خىلى ئىلغار كۆز قاراشقا ئىگە بولغان، ئۆزلىرىنى ئانا تۇپراقنىڭ زىيالىلىرى، ۋەكىللىرى دەپ ئاتىۋالغانلاردا بۇ خىل ئىللەت خىلىلا ئىغىر. مەلۇم بىر دۇستىمىزنىڭ ئىيتىپ بىرىشچە بىر ئىچكىرى ئۆلكىگە ئوقۇشقا يىڭى بارغان يىلى ئىكەن، ئوقۇشقا بارغان ھەپتىسى مەكتەپكە ئورۇنلۇشۇپ بولغاندىن كىيىن بازارلارنى كۆرۈپ بىقىش ئۈچۈن، مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى بىلەن بىر سودا بازىردا ئايلىنىپ كىتىۋاتسا چىرايىدىن ئۇيغۇرلىقى چىقىپ تۇرغان بىر دوستىمىز ئۇچراپ قاپتۇ. ئوقۇغۇچى دوستىمىز يۇرتتىن شۇنچە ئۇزاق يەردە بىر ئۇيغۇر قىرىندىشىنى ئۇچرىتىپ قالغانلىقىدىن شۇنداق خۇشال بولۇپ خۇددى يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىسىنى تىپىۋالغاندەك بولۇپ كىتىپتۇ. ئامما ھىلىقى ئۇچراپ قالغان دوستىمىز كۆز قىرىنىمۇ سالماي يولىغا داۋام قىلىۋىرىپتۇ. ئوقۇغۇچى دوستىمىز بولسا، خىلى بىر يەرگىچە يىنىدىكى ساۋاقدىشى بىلەن بىرگە ھىلىقى دوستىمىزغا ئەگىشىپ مىڭىپتۇ. ئۇيغۇر ئوخشايدۇ دەپ بىر نەچچە قىتىم يىنىدىكى ساۋاقدىشى بىلەن ئاڭلىسۇن دىگەندەك ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشىپ مىڭىپتۇ. ئاخىرى ھىلىقى ئاداش توختاپ: ھە مەن ئۇيغۇر، ئۇيغۇر بولسام نىمە قىلاتتىڭلار دەپ قويۇپلا يولىغا داۋام قىلىۋىرىپتۇ.
يۇقارىقىدەك ئەھۋاللار ئۆز مىللىتىمىز كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان ئىچكىرى ئۈلكىلەردە ۋە چەتئەللەردە سادىر بولۇپ تۇرىدۇ. خۇددى بىر نەرسىسىنى ئىلىۋالدىغاندەك ، ياكى ئۇلارغا چاپلىشىۋالدىغاندەك مىكروپتىن قاچقاندەك قىچىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپتىكى شۇنداق چوڭ ئۈمىتلەر بىلەن ئۆز مىللىتىمكەن دەپ، تونۇشۇشقا تەلمۈرۋاتقان كىشىگە يامان تەسىر بىرىپ كۆڭلىدە : مىللەت سېنىڭدەك بولدىغان بولسا دەپ مىللەتتىن قاچىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.
مەن ئىنتىرنەت تور ئارقىلىق ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئىچكى ئۈلكىلەردە ۋە چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ياكى تىجارەت قىلىۋاتقان دوستلار بىلەن پاراڭلىشىپ قالىمەن. سۆھبەت جەريانىدا سىلەر تۇرىۋاتقان يەردە ئۇيغۇرلار بارمۇ ؟ ئىزدىشىپ ئۆتەمسىلەر ؟ بىر-بىرىڭلارغا يادەم قىلامسىلەر؟ دەپ سورايمەن. ئۇلاردىن كۆپىنچىسى: بىز تۇرىۋاتقان يەردە ئۇيغۇرلار بار دىسەكمۇ بولىدۇ، يوق دىسەكمۇ بولىدۇ، بەك ئارلىشىپ كەتمەيمىز دەپ جاۋاپ بىرىشىدۇ. بەزى دوستلار دەردىنى تۆكۈپ بىر مىللەت بولغاندىكىن بىربىرىمىزگە ئىگە بولايلى، ئىزدىشىپ ئۆتەيلى دەپ يىقىنلاشساق ئارىغا ئالمايدۇ، ھەرقايسىسى ئۆزيۇرتلۇقلىرى بىلەن بىرىش-كىلىش قىلىدۇ، بۇ مىجەزىمىز ئۆلگەندىن كىيىن تۈگەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ دەرتلىنىدۇ. راست دىگەندەك بەزىبىر ئۇيغۇرلىرىمىز ئۆزيۇرتلىقىدىن باشقا ئۇيغۇرلارنى ئارىغا ئالمايدىغان، بىرىش -كىلىش قىلمايدىغان ھەتتا پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ يىتىپ قوپۇشى ئۈچۈن قۇرۇلغان راباتلاردىمۇ (ۋەخپە يەرلەر) يۇرتۋازلىق قىلىشىدىغان ئەھۋال ناھايىتى كۆپ ،ھەركىم ئۆز يۇرتىنىڭ نامى بىلەن قۇرۇلغان راباتتىن باشقا راباتقا كىرەلمەيدۇ ھەم كىرگۈزمەيدۇ. ئەمدى بۇلار يەتمىگەندەك يۇرتىمىزدا يەنە بىر يۇرتۋازلىق قوشالدى يەنى بايرام يۇرتۋازلىقى ئوتتۇرغا چىقتى. تۇرپان ئۈزۈمى بايرىمى، خوتەن ناۋاسى، قەشقەر سەنىمى، ئىلى مەشرىپى ھەتتا ناھىيە يىزىلارنىڭ ئاللا-قانداقتۇر بىز بىلمەيدىغان ئىسىملەردىكى بايراملىرىچۇ؟ بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك.
بىزگە ھازىرچە ۋەتەننىڭ ئۆزىدە بۇنداق بايراملارنىڭ كىرىكى يوق ،بىرلا بايرام بولسا بولىدىغۇ ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر بايرىمى. مەن بۇيەردە سەنئەتىمىزگە، مەنىۋى قىممەتكە ئىگە قۇتلۇقلايدىغان كۈنلەرگە قارشى ئەمەس، باشتا خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش كىرەك، ئويلاش كىرەك، بايرام ئۆتكۈزىدۇ كىيىن بۇنىڭ چىقىمىنى خەلققە ئالۋاڭ سىلىشىدۇ. قايسى يىلى بولغانلىقى ئىسىمدە يوق، قەشقەر قاغىلىق ناھىيەسىدە« قاغىلىق ناۋاسى» دەپ بىر بايرام ئۆتكۈزىلدى. بۇنىڭغا 280000مىڭ (ئىككى يۈز سەكسەن مىڭ) يۈئەن چىقىم بولغان، شۇ يىلى قاغىلىق ناھىيەدە سەل ئاپىتى يۈز بىرىپ نۇرغۇن دىھقانلىرىمىزنىڭ مال-ۋاران، ئىتىز-ئىرىقلىرى ۋەيران بولدى، مۇشۇ 280000مىڭ يۇئەننى شۇ سەل ئاپىتىگە ئۇچرىغان دىھقانلىرىمىزغا تارقىتىپ بەرگەن بولسا شۇلارغا ياردەم قىلغان بولسا قانداق بولاتتى.
مانا بۇ يۇرتۋازلىق، ھەشەمەتچىلىكلەر بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يوق بولۇپ كىتىشنڭ بىشارىتى ئەمەسمۇ؟
بۈگۈنكى ئىسرائىل دۆلىتى پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۇدىلارغا، قايسى دۆلەتتە ياشاشتىن قەتئى نەزەر ھەتتا ئۆزئانا تىلى بولغان يەھۇدى تىلىنى ئۇنتۇپ قالغان تەغدىردىمۇ، پەقەت يەھۇدى قىنىدىن بولغانلىقى بىلىنسىلا ئىسرائىل دۆلىتىگە كىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ۋە ياردەم قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆزمىللىتىگە ئىگە چىقىۋاتىدۇ.
بىز شۇ كۆزىمىزگە ئىلمايدىغان يەھۇدىيچىلىك بولالمىدۇق. ئاز ساندىكى مىللىتىمىز ئىچىگە كىرىۋالغان داشقاللارنىڭ مۇشۇنداق يۇرۋازلىق كەيپىياتىنى ئوتتۇرغا سوقۇپ قويۇپ بىر سىۋەتتىكى ئالما، ھەممە ئالمىنى سىستىۋەتكەندەك خەلقىمىز ئىچىدە يامان تەسىر پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ئۆز مىللىتىنى، دىنىي قىرىندىشىنى ياتلىغان، ئارىغا ئالمىغان، ئىگە بولمىغان بۇنداق پەسكەش ئىنسانلار، مىللەت ئوتتۇرسىقا پىتنە-پاسات تارقاتقۇچى ۋابالاردۇر، ياكى مەلۇم شەخىسلەر ۋە ياكى مەلۇم جەمىيەتلەر تەرىپىدىن يىتىشتۈرىلىپ پۇل-مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆز مىللىتىنىڭ ئىززەت-ئابرويىنى سىتىۋاتقان غالچىلاردۇر. بۇنداق پەسكەش ئىنسانلارنى ھەقىقى ئۇيغۇر پەرزەنتىلىرىلا تونۇپ يىتەلەيدۇ.
كىلىڭلار دوستلار ھەممىمىز ئىتتىپاقلىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئۆزىمىزگە يۇقتۇرىۋالغان ناچار ئىللەتلەرنى تازىلاپ، يوقۇتۇپ تاشلايلى !
ھەممىمىز مۇشۇ گۈزەل ۋەتىنىمىزنىڭ تىنىچ، ئىتتىپاق ۋە بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىپ يۇرتۋازلىققا قارشى تۇرايلى!
يوقالسۇن يۇرتۋازلىق
--كۆڭۇل خاتىرەمدىن--