ئوغۇرلانغان ،شىفىر ئۇنتۇلغانQQ نۇمۇرنى قايتۇرۇش ئۇسۇلى
QQ نىڭ شىفىرىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ياكى نۇمۇر ئوغۇرلانغاندا تۆۋەندىكى ئۇسۇل بىلەن قايتۇرۇپ كەلگىلى بولىدۇ ،
QQ بىخەتەرلىك تورىغا بارىمىز ، qqsafe
بارغاندىن كېيىن 进行号码申诉 كونۇپكىسىنى باسىمىز ، ئېچىلغان بەتكە نۇمۇر ۋە سىناق خەتنى يېزىپ مۇقىملاشتۇرساق ئاساسلىق ماتىريالنى تولدۇرۇش بېتى ئېچىلىدۇ ، تۆۋەندىكىلەرنى تولدۇرىسىز
1. ھەقىقىي ئىسمىڭىز ، QQ ماتىريالىدىكى 姓名 دىگەن كۆزنەككە يازغان ئىسىمنى يازىسىز ، ئىسىم يوق بولسا قۇرۇق قالدۇرۇڭ ، قۇرۇق قالدۇرسىڭىز كېيىنكى قەدەمنى باسقىلى بولمىسا QQ دىكى تەخەللۇسنى يېزىپ قويۇڭ ، تەخەللۇسمۇ بولمىسا QQ نۇمۇرنى يېزىڭ ،
2. پوچتا نۇمۇر، QQ ماتىريالىدىكى تولدۇرغان پوچتا نۇمۇرنى يازىسىز ، تولدۇرمىغان بولسىڭىز تەۋەلىكىڭىزنىڭ پوچتا نۇمۇرىنى يېزىپ قويۇڭ ،
3. تەپسىلى ئادرىس ، بۇنىڭغا QQ ماتىريال لىدىكى تولدۇرغان 联系地址 نى يازىسىز، تولدۇرمىغان بولسىڭىز QQ نى ئىشلىتىۋاتقان جايىڭىزنىڭ ئادرىسىنى يېزىڭ ،
4. سىز دائىم تورغا چىقىدىغان جاي ، تاللاش ئېلىپ بارىسىز ، مەسىلەن ، 中华人民共和国 نى 新疆نى 喀什 دىگەندەك ، (سىز ھەر قېتىم QQ غا چىققاندا مۇلازىمېتىر چىققان ئورۇننى تىزىملاپ ماڭىدۇ ، مۇلازىمېتىر مۇشۇ خاتىرە بىلەن سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ ،)
5. ئاخىرقى قېتىم تورغا چىققان جاينى يازىسىز ، تاللاش ئېلىپ بارىمىز يۇقارقىغا ئوخشاش ، ۋىلايەتكىچە ئېنىقلىقتا تاللاش بار ،(مۇلازىمېتىر تىزىملىغان ئورۇن بىلەن سىزنىڭ ئوخشاشمۇ سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ ، باشقىلار ئوغۇرلاپ تورغا چىققان بولسا دائىم چىقىدىغان جاي ئوخشاش بولمايدۇ ، شۇڭا بۇ نۇمۇرنىڭ راستىنلا ئوغۇرلانغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ)
6. ئاخىرقى قېتىم تورغا چىققان ۋاقىتنى يازىسىز ، تاللاش ئېلىپ بارىسىز ، (ئاخىرقى قېتىم تورغا چىققىچۇ سىز مۇ ياكى ئوغۇرلىغۇچىمۇ ئېنىقلاشتۇرىدۇ ،)
7. ئەرز قىلىش سەۋەبى: تاللايسىز ، 忘记密码 شىفىر ئۇنتۇلغان 号码被盗 نۇمۇر ئوغۇرلانغان دىگەندىن بىرىنى تاللاڭ ،
8. شىفىر ئۇنتۇلغان ۋاقىت ياكى نۇمۇر ئوغۇرلانغان ۋاقىت نى يېزىڭ ، تاللاش ئېلىپ بارىسىز ، 7- دە ۋىروس سەۋەبى دەپ تاللىغان بولسىڭىز ئىشلەتكەن QQ يۇمشاق دېتالىنىڭ نەشىر نۇمۇرىنى يازىسىز ،
9. ئەرز ئالاقە شەكلى ، 1- ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇق ئارقىلىق ،2- يانفۇن ئارقىلىق ، 1-نى تاللاپ مەكتۇپ ئادرىسىڭىزنى كىرگۈزۈڭ ، ياكى 2- نى تاللاپ يانفۇن نۇمۇرىڭىزنى كىرگۈزۈڭ ،
10. يازسىڭىزمۇ يازمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، ئۆزىڭىزنىڭ باشقا QQ نۇمۇرى ياكى دوستىڭىزنىڭ QQ نۇمۇرىنى تولدۇرىسىز، شىفىرنىمۇ تولدۇرىسىز ، شىفىر تولدۇرۇشتىكى سەۋەپ مۇشۇ QQ راس سىزنىڭمۇ ،ئىشلىتىۋاتقان QQ مۇ ئېنىقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ ، شىفىر يوقاشتىن ئەنسىرىمەڭ ،
كېيىنكى قەدەمنى باسقاندا يەنە بىر مۇنچە كۆزنەك چىقىدۇ ،
1. سىناق نۇمۇر ، سىز يۇقاردا تولدۇرغان ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقا بارغان نۇمۇرنى تولدۇرىسىز،
4.3.2. كاتەكلەرگە بۇرۇن ئىشلەتكەن شىفىر لانى تولدۇرىسىز ، بىرلا شىفىر بولسا 2- گىلا يېزىڭ ، 3.4. قۇرۇق قالسۇن ،
5. QQ نىڭ ئىچىدىكى دوستلارنىڭ نۇمۇرىنى يازىسىز ، ئاز بولغاندا بىرنى ،كۆپ بولسا بەشنى كۆپ بولغاندا نۇمۇر ئارىسىغا پەش قويۇڭ ،
6.نۇمۇرنى ئىلتىماس قىلغان ۋاقىت ، تاللاش ئېلىپ بارىسىز ،
7. ئىلتىماس قىلىش شەكلى ، تاللايسىز ،
8. ئىلتىماس قىلغان جاي ، تاللاش ئېلىپ بارىسىز،
9.بۇرۇن ئاچقۇزغان مۇلازىمەتلەر ، ئاچقۇزمىغان بولسىڭىز تاللىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ،
10. پۇل تۆلەش شەكلى ، مۇلازىمەت يوق بولسا قۇرۇق قالسۇن ،
11.باشقا ئىسپاتلار ، يازمايسىز ، ياكى نۇمۇرىڭىزنى يېزىپ قويۇڭ ،
كېيىنكى قەدەمنى باسىمىز
سىناق نۇمۇر توغرا بولسا كېيىنكى قەدەمگە كىرىدۇ ،
ئېچىلغان بەتتىن يېڭى شىفىر ۋە شىفىر قوغداش ماتىرياللىرىنى تولدۇرىسىز ، شىفىر قوغداش ماتىريالى تولدۇرغاندا ئۈچ خىل تاللاش بار ھەممىسىدىن بىردىن تاللاپ شۇنىڭغا ماس جاۋاپ يېزىپ قويىسىز ، قالايماقان تاللىسىڭىز كېيىن شىفىر ئۇنتۇلغاندا ياكى نۇمۇر يوقالغاندا قايتۇرۇپ ئەكەلمەك تەس بولىدۇ ، كېيىن سىز شىفىر ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىزمۇ مۇشۇ سۇئالدىن بىرنى سورايدۇ ، چوقۇم ئەستايىدىل تولدۇرۇڭ،
مۇۋاپىقىيەتلىك تولدۇرۇپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز نۇمۇرىڭىز قايتىپ كەلگەن بولىدۇ ،
ﻣﻪﻧﺒﻪ ﺷﺎﺩﯨﻤﺎﻥ ﺗﻮﺭﻯ