بۇ بەتتىكى تېما: يۈرۈشلۈك يازمىلار -2: ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ۋە يەرلىك تىبابەت تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تېما 1681 قېتىم كۆرۈلدى
HelloLife
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 90
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە90دانە
شۆھرەت: 452 نۇمۇر
پۇل: 351 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-06
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 يۈرۈشلۈك يازمىلار -2: ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ۋە يەرلىك تىبابەت

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما HelloLife تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-01-30)
ئالدىنقى يازما:
./read.php?tid=9702
____

ﻳﯜﺳﯜﭘﺌﯧﻠﻰ ﻳﺎﺳﯩﻦ:
ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ  (ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻢ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﻰ، ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﻰ، ﺗﯩﺒﻪﺕ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻐﺎﻥ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻮﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ) ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ. ﺋﯘ ﻳﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﺳﯩﺰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﻭﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺳﯘﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ:
ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﻰ (Western Medicine ، 西方医学,西医)ﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﺯ ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﮔﻪﺭﯨﻚ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﻰ ﯞﻩ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﮔﯩﺮﯨﻚ ﻣﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻨﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻫﯩﭙﻮﮔﯩﺮﺍﺕ (Hippocrates ، 希波克拉底 )ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 2400 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﻰ 18-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯩﺰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﯓ ﻛﻮﻟﻪﻣﺪﻩ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.
18-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎﻧﯩﯔ  ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻴﭽﻪ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ 18-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﻮﺕ-ﭼﯚﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﻫﺎﻳﯟﺍﻥ ﻣﻪﻫﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. 18-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ 1895-ﻳﯩﻠﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺭﯦﻨﺘﯩﮕﯩﻦ (Wilhelm Conrad Roentgen) ﻧﯩﯔ ﺭﯦﻨﺘﯩﮕﯩﻦ ﻧﯘﺭﻯ (X-Ray) ﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺸﻰ، 1927-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﺑﯧﺮﻛﯘﻟﻴﻮﺯ ﯞﺍﻛﺴﯩﻨﺎ结核疫苗) ) ﺳﯩﻨﯩﯔ، 1928-ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯧﻨﯩﺴﯩﻠﯩﻦPenicillin, 青霉素)ﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﮔﯩﺮﺩﺍﯞﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻰ، ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻣﯩﺴﻠﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﯟﻩﺗﺘﻰ. ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﻮﯓ ﺗﻪﻫﺪﯨﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﯟﻩﺗﺘﻰ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻳﯜﺳﯜﭘﺌﯧﻠﻰ ﻳﺎﺳﯩﻦ:
ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻳﻪﺗﻪﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻩ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﭽﻪ، 1) ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﺎ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ؛ 2) ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﭼﻮﯓ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻜﯩﺪﻩﻙ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﻮﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯘﭘﻪﻳﻠﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﻪﻙ ﺑﯩﺮ  ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﻠﻪﺭ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺟﯘﯕﻴﻰ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ، ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻛﯜﭼﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ:
ﻣﯩﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻛﯩﺮﻩﻙ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﻮﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺴﯩﺮﻯ، ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻮﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﻮﭖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﻫﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭘﻪﻥ -ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺳﯘﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﻮﺗﯘﺭﯗﻟﻤﻪﻛﺘﻪ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺳﯘﭘﻪﺕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ، ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯩﯖﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺭﻩﺳﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻫﻪﺳﺴﻪ ﻛﯘﭼﻪﻳﺘﯩﻠﺪﻯ. ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﻭﺭﯨﻨﯩﯔ ﻳﯘﺯ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﺋﯩﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﻰ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﺗﻜﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻛﻮﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﯘ ﺟﻪﻫﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺗﯘﺯﯗﻡ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﯩﺨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﻜﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ، ﻳﺎﻛﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺗﯩﺨﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﻳﯘﺯﻟﯩﻨﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﺍ. ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﺗﯩﺨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺳﯩﺴﺘﯩﻤﯩﻠﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﺧﺘﺎﺝ. ﻳﻪﻧﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﺮﻩﻙ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻤﯘ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﯩﺪﻩﻙ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﻛﻪﯓ ﻛﻮﻟﻪﻣﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﺴﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭﺍ- ﺑﺎﺭﺍ ﺋﯩﻨﯩﻘﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻯ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﻛﻮﭖ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻼﭖ ﺗﻮﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭺ ﺧﯩﻞ ﺗﯘﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﯨﻨﺠﯩﺴﻰ، ﻛﯩﺴﻪﻟﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻣﯩﻠﻨﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﻛﯩﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﻧﯩﮕﯩﺰﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻨﻰ ﻣﻪﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﯩﺴﻰ، ﻛﯩﺴﻪﻝ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻨﻰ ﻣﻪﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ. ﺋﯘﭼﯩﻨﺠﯩﺴﻰ، ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﯘﻧﯩﺘﯧﺖ ﻛﯘﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ، ﻛﯩﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﯩﻴﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﺰﻟﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﻪ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻛﯩﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺧﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﮕﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺳﺎ، ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﯗﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﻛﯩﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﻮﺯﻟﯩﮕﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ.
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﻛﻮﭖ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﯩﺪﻩ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻼﻳﺪﯗ:
(1) ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ؛ ﺑﯘ ﺗﯘﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﯞﯨﺮﯗﺱ، ﺑﺎﻛﺘﯩﺮﻳﻪ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﺍﺯﯨﺖ ﻗﯘﺭﯗﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.
(2) ﺧﯩﻤﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ.
(3) ﻓﯩﺰﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ.
(4) ﻳﯩﻤﻪﻙ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﻯ.
(5) ﺋﯩﺮﺳﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ.
ﺑﺎﻛﺘﯩﺮﻳﻪ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﻮﭖ ﺋﺎﻣﺎﻟﻰ ﻳﻮﻕ. 1928-ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯧﻨﯩﺴﯩﻠﯩﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﻛﺘﯩﺮﻳﻪ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻧﯘﺵ ﺳﻪﯞﯨﺒﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﻮﻟﯘﻣﻨﻰ ﻛﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﺎﻟﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻧﯘﺵ، ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﯩﺘﯧﺖ ﻛﯘﭼﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﻮﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻫﺎﻳﺎﺕ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ. ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺘﻪﺗﺘﻰ.
ﯞﯨﺮﯗﺱ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﻮﭖ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﯩﺨﻰ ﻧﯩﮕﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻳﻮﻕ. ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻧﯘﻣﻠﯘﻙ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﯞﺍﻛﺴﯩﻨﺎ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﻛﯩﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺋﯩﻠﯩﺶ. ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﯞﯨﺮﯗﺳﻨﯩﯔ ﻛﻮﭘﯩﻴﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﯘﺭﯗﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﯩﺘﯧﺖ ﻛﯘﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯩﺮﯨﺶ.
ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺭﺍﻙ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻛﻮﭖ ﺋﺎﻣﺎﻟﻰ ﻳﻮﻕ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺳﻪﯞﯨﺒﻰ ﺗﯩﺨﻰ ﺋﯩﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ، ﺑﻪﺯﻯ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﯞﻩ ﺋﯩﺮﯨﺲ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﯩﯖﻪ، ﻧﯩﺮﯞﺍ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﯩﻴﯩﭗ، ﭘﺎﻟﻪﺝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﮔﻪﺷﻤﻪ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﯩﻨﯩﯔ ﻫﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﻛﻮﭖ ﺋﺎﻣﺎﻟﻰ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﯩﺨﯩﻤﻰ ﻛﻮﭖ ﺋﯘﻣﯘﺗﻨﻰ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﯘﺗﻤﻪﻛﺘﻪ. ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﺋﻪﻳﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯘ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﺷﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ.
[ بۇ يازما HelloLife تەرپىدىن 2008-01-31 13:18 دە قا ]
مۇنبەرگە تىما يوللىسىڭىز سىزگە كېرەك بولىدىغان بىزەك رەسىملەر بۇ يەردە
Email: 81095241@qq.com
QQ:81095241
| ۋاقتى : 2008-01-25 12:27 [باش يازما]
دىيارىم سۈرەتلىك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىڭ 2
HelloLife
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 90
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە90دانە
شۆھرەت: 452 نۇمۇر
پۇل: 351 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-06
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ﻳﯜﺳﯜﭘﺌﯧﻠﻰ ﻳﺎﺳﯩﻦ:
ﻏﻪﺭﺑﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺧﻪﻧﺰﯗ، ﺗﯩﺒﻪﺕ، ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﻩﻙ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟
ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ:
ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺗﯩﻠﻰ، ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ، ﺋﯚﺭﭖ-ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ، ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺒﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺴﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯚﻫﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ،  ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﻣﯩﺴﯩﺮ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ، ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺋﯩﺮﺍﻕ-ﺑﺎﺑﯩﻠﯘﻥ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ، ﻛﺎﻧﺎﺩﺍﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺪﯨﻴﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﯩﻤﯘ ﺋﻮﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺯﮔﯩﭽﻪ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﮕﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻮﺭﺗﺎ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﻫﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
ﻏﻪﺭﺑﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﻏﻪﺭﺑﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﮔﺮﯨﻚ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﻏﻪﺭﺑﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺯﯨﭻ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.
ﻳﯜﺳﯜﭘﺌﯧﻠﻰ ﻳﺎﺳﯩﻦ:
ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺒﯩﻴﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﺎﻫﻪﺳﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﺎ؟ ﻏﻪﺭﺏ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﺵ، ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ؟
ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ:
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﺎ ﻛﻮﭖ ﺋﺎﻣﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﻳﻪﻧﻰ ﻏﻪﺭﺑﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﻪﺯﻯ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺒﯩﻴﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﺋﯩﺘﯩﺒﺎﺭﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ- ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﯞﻩ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻐﺎ ﻳﻮﺗﻜﯩﻤﻪﻛﺘﻪ ﯞﻩ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻪﺯﻯ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺟﯘﯕﮕﯘﻧﯩﯔ ﻳﯩﯖﻨﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻏﻪﺭﺏ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻧﻮﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﻮﭖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﺳﯘﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ 2006-ﻳﯩﻠﻰ 3-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1-ﻛﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﻩ، ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺗﯩﺒﺒﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ偏头痛))ﻧﻰ ﻳﯩﯖﻨﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ،  ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯘﻧﯘﻣﮕﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻧﻠﯩﮕﻰ، ﻫﻪﺗﺘﺎ ﻳﯩﯖﻨﯩﻨﻰ ﺋﻮﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﭘﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﺳﺎﻧﭽﯩﭗ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﻧﯘﻣﮕﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻧﻠﯩﮕﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﻴﯩﻠﮕﻪﻥ، ﻳﯩﯖﻨﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﻧﯩﻤﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺗﯩﺒﺒﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﻛﻼ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯩﯖﻨﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯘﻧﯘﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﯨﺒﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﺘﻘﺎﻥ. 2006-ﻳﯩﻠﻰ 5-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1-ﻛﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﺘﯩﻤﻮﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﺒﺒﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ﺭﺍﻙ ﻛﯩﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﺎﻳﺘﺎ- ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﯘﺳﯘﺷﻨﻰ ﻳﯩﯖﻨﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻮﯕﻴﻰ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺧﯩﻠﻰ ﻛﻮﭖ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﻪﺯﻯ ﺷﻪﻫﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺳﯘﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﻗﻮﻟﻠﯘﻧﯘﻟﻐﺎﻥ.
ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻼﭖ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﻰ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻳﻮﻗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺵ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯘﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﯞﻩ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﯩﭽﻪ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﮕﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﭘﻜﻰ ﻣﻪﺧﺴﯩﺘﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﺯ ﺋﻮﺯﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﻫﺘﺎﺝ.

ﻳﯜﺳﯜﭘﺌﯧﻠﻰ ﻳﺎﺳﯩﻦ:
ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﯞﻩ ﺗﻪﺗﺘﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺶ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ (ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ) ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺶ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ.

ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ:
ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮ- ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻗﯩﻴﯩﻦ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻢ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ:
ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯘ ﺋﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺴﻪ، ﺳﯘ ﺋﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯨﻤﻪﻥ ﺩﯦﻤﻪﻱ، ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﺑﻮﻟﺪﯨﻐﯘ ﺩﻩﭖ ﺳﯘ ﺋﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻐﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﺴﻪﻡ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ، ﺳﯘ ﺋﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻢ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﯞﻩ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﻥ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﺴﻰ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﺪﺍ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﯞﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻫﻪﻡ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻘﯩﻤﯘ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻛﻪﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺩﺍﯞﺍ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻘﺎ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﭼﺎﺭﻩ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺸﺘﺎ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﻳﻮﻕ. ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﯜﺯﻟﯘﻙ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﻳﻪﻧﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯩﻨﺎﻕ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﺘﺎ.
ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﻫﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺋﻪﯓ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﺴﻰ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﻣﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ:
1. ﺑﺎﻛﺘﯩﺮﯨﻴﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺋﯚﭘﻜﻪ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻳﻮﻟﻰ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ، ﺗﯘﺑﯧﺮﻛﯘﻟﻴﻮﺯ... ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ.
2. ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺭﺍﻙ ﯞﻩ ﺋﯚﺳﻤﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﻯ؛ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ، ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺸﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ، ﭼﻮﯓ ﺳﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯘﻧﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ... ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﻪﺭ.
3. ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﻮﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﺳﻪﯞﯨﺒﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ.
4. ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺳﺎﻧﺠﯩﻘﻰ، ﻣﯧﯖﯩﮕﻪ ﻗﺎﻥ ﭼﯜﺷﯜﺵ، ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﮔﺎﺯ ﯞﻩ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ.
5. ﺑﻪﺯﮔﻪﻙ، ﭼﯧﭽﻪﻙ، ﯞﺍﺑﺎ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ، ﻣﯧﯖﻪ ﭘﻪﺭﺩﻩ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ (ﻣﯩﻨﯩﯖﮕﯩﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ)، ﻛﯧﺰﯨﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ، ﺟﯩﺪﺩﻯ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞﯨﺮﯗﺱ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﻛﺘﯩﺮﯨﻴﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ.
6. ﺳﻪﯞﯨﺒﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﺮﺳﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ.
ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﭽﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺩﺍﯞﺍﻟﺶ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ:
1. ﯞﯨﺮﯗﺱ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺟﯩﺪﺩﻯ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ.
2. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﺗﻪﻫﺪﯨﺖ ﺋﻪﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﻛﻮﻧﺎ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ.
3. ﭘﺎﻟﻪﭺ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺯﻩﺧﻤﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺋﻪﮔﻪﺷﻤﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ.
4. ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ.
5. ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺮﺳﯩﻲ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺮﺳﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ، ﺗﯘﻏﻤﺎ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ.
ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ.
ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﭽﻪ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺩﯨﺌﺎﮔﻨﻮﺯﻧﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﺑﺎﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯩﻠﻠﯩﻴﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﺎ ﺋﺎﻣﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻏﺎﻟﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﺎ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﭼﺎﺭﻩ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﻐﺎ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﻻﺯﯨﻢ، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﺎﻗﯩﻼﻧﻪ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
Email: 81095241@qq.com
QQ:81095241
| ۋاقتى : 2008-01-25 12:28 1 -قەۋەت
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
HelloLife
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 90
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە90دانە
شۆھرەت: 452 نۇمۇر
پۇل: 351 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-06
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ﻳﯜﺳﯜﭘﺌﯧﻠﻰ ﻳﺎﺳﯩﻦ:
ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺳﯩﺰ ﺑﺎﻳﺎ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ  ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺵ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺑﯘ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﯩﺘﯩﺪﻩﻙ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﺪﻯ؟

ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ:
ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﻪﯞﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 2696-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 2598-ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ"黄帝内经" ﻧﯩﯔ 2000 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﻫﯧﺴﺎﺑﻼﻧﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 18-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ 19-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ، ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﭼﯧﺮﻛﺎﯞﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻪﻫﺪﯨﺖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ. 20-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺗﯧﺰ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﭼﻮﯕﺎﻳﻐﺎﻥ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ 60-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻻﯓ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭ، ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﻰ ﻗﻮﻻﻳﺴﯩﺰ، ﭼﻪﺕ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻝ، ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﺎ ﭼﻮﯓ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ، ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ، ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯚﻫﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﺧﯧﻠﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ 2700 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ 11-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ 15-ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻘﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻥ. (ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺑﯘ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ؛ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯘ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﺴﻪ، ﻛﯚﭖ ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜﺭﻟﻪﺭ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﻪﻥ)
ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﯚﭖ ﺗﯚﻫﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ، ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩﻙ ﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺋﯚﺯ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﯨﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺍﻟﻤﯩﺪﻯ؟
ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﺮﻯ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﭽﻪ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
1. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ، ﺭﺍﻳﻮﻥ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ، ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ. ﻫﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻣﯩﺴﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻫﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯩﺮﺍﻕ-ﺑﺎﺑﯩﻠﯘﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺩﻩﻝ ﺋﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ. ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﻏﻪﺭﺏ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺗﯧﺰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
2. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ، ﺭﺍﻳﻮﻥ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ. ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻣﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻣﯘ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻤﺎﻗﺘﺎ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﻩﯞﺭﮔﻪ ﻣﺎﺳﻼﺷﻘﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﻫﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ  ﺳﻪﺭﯨﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 9000 ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻫﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 2500 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺕ ﺩﻭﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﺳﻪﺭﯨﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
3. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ-ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﻳﻪﻧﻰ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻫﯜﻧﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﻪﯞﻻﺩﻣﯘ-ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﯘﭖ، ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺋﻮﻗﯘ-ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ. ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ 1000 ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘ-ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﺎﺭ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ 18-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ 300 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻛﻪﯓ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
4. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﺸﻜﯩﻼ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻘﺎ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ. ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ 18-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ 300 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ، ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺯﻭﺭ ﺗﯚﻫﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ.
5. ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻦ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ؛ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺴﯧﺮﻯ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﻤﺎﻗﺘﺎ.
شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
Email: 81095241@qq.com
QQ:81095241
| ۋاقتى : 2008-01-25 12:29 2 -قەۋەت
ئەسقەر سەنئەت تورىنىڭ ئادرىسى ئۆزگەردى .
otyak
ئىجاتچان ئەزا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 17978
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 3844
ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3844دانە
شۆھرەت: 3748 نۇمۇر
پۇل: 11982 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :156(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-16
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاخىرىنىمۇ كۆرۈۋالدىم. رەخمەت !
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
| ۋاقتى : 2008-01-25 13:38 3 -قەۋەت
ayxamgul927
دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 23451
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 225
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە225دانە
شۆھرەت: 225 نۇمۇر
پۇل: 792 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-02-01
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

رەھمەت.
ھارمىغايسىز!
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
مۇنبەردىكى سۆزلەر دېگەن جايدىلا قالمىسۇن !
| ۋاقتى : 2008-01-25 13:55 4 -قەۋەت
كىلارە
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 24090
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە9دانە
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
پۇل: 137 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-01-24
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن بىر يېڭى كومپيوتېر ئۆگەنگۈچى ئىدىم    يۈرۈشلۈك يازمىلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم رەخمەت
شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
| ۋاقتى : 2008-01-25 16:53 5 -قەۋەت
MEXHUR
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 19050
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 79
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە79دانە
شۆھرەت: 79 نۇمۇر
پۇل: 243 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :79(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-04-08
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

تېما يوللىغۇچى يۈسۇپئەلى ياسىنغا بولۇپمۇ،مەمەت ئەمىن ئەپەندىگە رەھمەت!
بىز بۇ يوللانمىدىن ئىناق ،نورمال جەمئىيەتنىڭ  ئەققەلىيسىنى بىلىۋالدۇق.ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ نېمىنى مەركەز قىلىدىغىنىنى خېلى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق.
مەن ساغلاملىق دورىسى دەپ تىلغا ئالغان دورىنى «ئامۋاي» دەپ چۈشەندىم.
بىر كۈنى يولدا ئېغىربوي ئايالىم بىلەن كېتىۋېتىپ «ئامۋاي»نىڭ بىر تارقاتقۇچىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق.ئۇ ئايالىمغا قاراپ بىزگە  «ئامۋاي»نىڭ  خاسىيەتلىرىنى سۆزلىگىلى تۇردى.
مەن ئۇنىڭغا ئامېرىكىدىكى قېرىندىشىمنىڭ بىر خىل دورا ئەۋەتىپ بەرگەنلىكىنى«ئامۋاي»نى قېرىندىشىمنىڭ تەۋسىيە قىلمىغانلىقىنى ئېيتسام، ئۇمۇ تۇرۇپ كېتىپ ، «ئامۋاي»نىڭ ئامېرىكا بازىرىدا تۇرالمىغانلىقى،ھازىرقى ئەھۋالدا پەقەت تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگىلا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. يەنە ئەسكەرتىپ قوياي «ئامۋاي»نىڭ ئامېرىكا بازىرىدا پۇت تىرەپ تۇرالماسلىقى ئۇنىڭدا مەسىلىنىڭ چوڭلۇقىدىن ئەمەس،بەلكى ناھايىتى يۇقۇرى ئۆلچەم قويغان ھۆكۈمەت نازارەتچىلىكىنىڭ نەتىجىسى،
شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
| ۋاقتى : 2008-01-25 19:29 6 -قەۋەت
aljazir
دەرىجىسى : يىتەكچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 21847
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 671
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە671دانە
شۆھرەت: 671 نۇمۇر
پۇل: 1043 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 4 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :40(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-16
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

رەخمەت
ئۇيغۇرچەئەڭ مۇكەممەل ئىزدەش تورى
ئۆز گىلەرنىڭ بەختىنى كۆرىشمۇ بىر بەخىت
| ۋاقتى : 2008-01-25 20:15 7 -قەۋەت
katil731
كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 18503
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 2566
ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2566دانە
شۆھرەت: 2560 نۇمۇر
پۇل: 6507 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :452(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-17
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ﻣﯩﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻛﯩﺮﻩﻙ. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﻮﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺴﯩﺮﻯ، ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻮﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﻮﭖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﻫﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

يۇرۇشلۇك يازمىلار دىيارىمدىمۇ ئۇزۇلمىسۇن.
http://mtv.diyarim.com
مەنزىل يىراق، ئاتلار ئۇرۇق، گېپىمىز چوڭ، ئىچىمىز قۇرۇق.
| ۋاقتى : 2008-01-25 22:35 8 -قەۋەت
karima-0997
تەھرىر
ئىجاتچان ئەزا دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 16853
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 3595
ئۇنۋان:17 دەرىجە ھازىرغىچە3595دانە
شۆھرەت: 3954 نۇمۇر
پۇل: 1524 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 44 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :313(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-18
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن پەقەت ئىشەنمەيمەن ئامۋاينىڭ قۇۋۋەت تۇلۇقلاش دېگەنلىرىگە!
يەنىلا بىزنىڭ قوي گۆشىگە يەتمەيدۇ جۇمۇ!
« ئاتلان لوڭقىسى » ئاپتونوم رايۇنلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگلىزتىلى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى
ئىشچاننىڭ خورىزى چىللايدۇ تاڭدا،
ھورۇننىڭ خورىزى ئۇخلايدۇ كاڭدا.
| ۋاقتى : 2008-01-26 00:05 9 -قەۋەت
narazi
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10067
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 45
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە45دانە
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 182 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-11-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-05-31
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇشۇ ئەمۋاينىڭ كىشىللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ مەخسىتى پەقەت پۇل تېپىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس
ئۇلار بىلەن پاراڭلاشسىڭىز  سىزنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن ھەر قانداق يالغان گەپلەرنى قىلىشتىن
يانمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىسىز.
مىنىڭ كۈزىتىشىمچە مۇشۇ ئەمۋاي مەھسۇلاتلىرىغا قىز-ئاياللار بەك ئىشىنىپ كىتىدىكەنغۇ تاڭ؟
مۇنبەرگە تىما يوللىسىڭىز سىزگە كېرەك بولىدىغان بىزەك رەسىملەر بۇ يەردە
??
| ۋاقتى : 2008-01-28 14:58 10 -قەۋەت
HelloLife
دىيارىم باشقۇرغۇچىسى
دەرىجىسى : دىيارىم باشقۇرغۇچىسى


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 90
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە90دانە
شۆھرەت: 452 نۇمۇر
پۇل: 351 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2005-10-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-06
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

كېيىنكى يازما:
./read.php?tid=10003&page=e&#a
شىنجاڭ بابۇر ئىختىساسلىقلار بازىرى
Email: 81095241@qq.com
QQ:81095241
| ۋاقتى : 2008-01-28 20:04 11 -قەۋەت
tuhpikar
دەرىجىسى : دىيارىم ئەزاسى


UID نۇمۇرى : 14680
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 117
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە117دانە
شۆھرەت: 102 نۇمۇر
پۇل: 332 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :74(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-03-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-17
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

يەنىلا بىزنىڭ قوي گۆشىگە يەتمەيدۇ جۇمۇ!
مۇنبەرگە تىما يوللىسىڭىز سىزگە كېرەك بولىدىغان بىزەك رەسىملەر بۇ يەردە
| ۋاقتى : 2008-02-26 01:21 12 -قەۋەت
askar0998
دەرىجىسى : ئالى ئەزا


UID نۇمۇرى : 28292
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1118
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1118دانە
شۆھرەت: 1118 نۇمۇر
پۇل: 3622 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :457(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-17
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

رەخــــــــــــــــمەت ســـــــــــــــــــــــــــــــــىزگــــــــــــــــــــــە!
مەلۇم بىر شىركەت تولۇق رەسمىيەتلىرى بىلەن سېتىلىدۇ
ھەقىقىي ئادەمدەك ياشا !
| ۋاقتى : 2008-05-05 14:54 13 -قەۋەت
sarsan319
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 30757
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 57
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە57دانە
شۆھرەت: 57 نۇمۇر
پۇل: 271 دىيارىم تەڭگىسى
تۆھپە: 0 نۇمۇر
باھا: 0 نومۇر
توردىكى ۋاقتى :15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-06-02
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

قوي گۆشىنىمۇ ئازىراق يىگەن ياخشى
چولپانلارغا بىلەت تاشلاش پائالىيتى باشلاندى دەرھال ھەركەتلىنىڭ بۇ يەردىن بىلەت تاشلاڭ
كەسپى داشۆ 96319سىنىپىدا بىرگە ئوقۇغان ساۋاقداشلار بىر بىرىڭلارنى سىغىندىڭلارمۇ؟
| ۋاقتى : 2008-05-19 23:03 14 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
دىيارىم مۇنبىرى » ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺕ


 يېڭى يازما بار سەھىپە يېڭى يازمىلىق سەھىپە  نۇرمال زىيارەت قىلىغىلى بولىدىغان سەھىپە ئادەتتىكى سەھىپە  تاقاق سەھىپە مەخپىي سەھىپە  



ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﯞﻩﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻗﺎﻧﯘﻥ - ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ، ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ، ﻗﯘﺗﺮﺍﺗﻘﯘﻟﯘﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺗﻮﺭ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯚﺯ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﭼﯘﻗﯩﯖﯩﺰﺩﻩﻙ ﺋﺎﺳﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.
ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ . ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰﺳﯚﻳﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ .


ھازىرقى ۋاقىت : 06-18 05:53
Powered by PHPWind v6.0 Certificate Code © 2007-2010 Uypw.Cn Corporation