يىقىندا ئوقۇشۇم پۈتۈپ، بېيجىڭدا ھىجرەت تەييارلىقى ۋە ئۆگىنىش بىلەن تۇرۇپ قالدىم. ئۆيۈم قاتناش قولاي يەردە، ۋاقتىم پۈتۈنلەي ئۆزۈمنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا بولغاچ بېيجىڭدىن ئىشەنچلىك ئىش بىجىرگۈچى ئىزدىگەنلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت تەمىنلەشنى ئويلاشتىم.بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقىلى 6 يىل بولدى، ئاساسەن پىششىق. يىقىندىن بىرى شىنجاڭدىكىلەرگە ۋاكالىتەن بىر نەچچە ئىش بىجىرىپ بەردىم. قارىسام ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان چارىكەن.
قانۇن دائىرسىدىكى، ۋاكالىتەن بىجىرىشكە بولىدىغان ھەر قانداق ئىش بولسا مەن ئۆگىنىشتىن سىرىت ۋاقتىمدا بىجىرىپ بىرىمەن. ئىشنىڭ مۇھىملىقى، ۋاقىتچانلىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقى دەرىجىسى بويىچە ھەق ئالىمەن. مەن كامىدا كىلەر يىلى 3-ئايغىچە بېيجىڭدا بار.
ئالاقىلاشقۇچىلار خالاستان بىلوگىغا خەت قالدۇرسا ياكى admin@../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../../ نامىدىكى QQ ۋە ئېلخەت بىلەن ئالاقە قىلسا كىچىكسە 12 سائەتتە جاۋاب قايتۇرىمەن. تېخىمۇ ئالدىرايدىغانلار ئالىم ئەھەد مۇئەللىم، پەخىردىن قارلۇق ئەپەندىم، ئالپسوفت ئەپەندى،ئىنتىل ئەپەندى،ئابدۇرشىت ئېلى، جېك، قۇدرەتجان، باتۇش، ئۆمەر14،ئەلئوغلى… قاتارلىق ئۇستازنىڭ خالىغان بىرىدىن مىنىڭ ئالاقە تېلفون نومۇرۇمنى سورىۋالسا بولىدۇ.
نەزەرى.
ogal kagilik ta ix ba ti muna