سەھىپە ئارخىپى: ئالما دېتالى

Appleمەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن سەرخىل دېتاللار

قول ئىشلەتمەيمۇ بەت ئۆرۈپ كىتاب كۆرەلەيسىز

سالام كۆپچىلك!

مەن بۈگۈن كەڭ iPad ئابونتلىرى ئۈچۈن قولنى ئىشلەتمەيمۇ كىتابنىڭ بېتىنى ئۆرۈيدىغان بىر ئېسىل ئەپنى تونۇشتۇراي.

بۇ ئەپ نىڭ نامى MagicReader بولۇپ 2-، 3- ئەۋلاد iPad تە ئىشلەيدۇ. دېتالنى قوزغىتىپلا كىتاب كۆرگەچ باشنى ئوڭ- سولغا تولغىساق ماس يۆنىلىشكە بەت ئۆرۈلىدۇ.

iPad نى بەك يىقىن تۇتۇۋالسىڭىز ياكى مەندەك كۆزەينەك تاقىۋالسىڭىز سىنئالغۇنىڭ ئىنىقلىقىغا تەسىر يېتىپ ئېنكاسى سەل ئاستا بولۇپ قالىدىكەن.

تۆۋەندە ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقايلى. ئىكراننىڭ ئەڭ ئۈستىدە ئىككى كىچىك يۇلتۇز بار. ئاشۇر يۇلتۇز يانغاندا ئاندىن نورمال توغىرلانغان بولىدۇ.

Close[SWF] - MagicReader

چۈشۈرۈش ئادېرسى http://itunes.apple.com/us/app/magicreader/id505117386?mt=8

قارلۇق iPad ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ھەقسىز تارقاتتى

يىقىندىن بىرى دىيارىمىزدا قارلۇق شىركىتى ھەققىدە خەۋەرلەر ئۈزۈلمىدى. مۇشۇ ھەقتە خالاستان بىلوگىمۇ خەۋەر بەرگەن.

بۈگۈنكى ئەڭ يىڭى خەۋەرنى ”شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى“دىن كۆرۈپ ھەقىقەتەن خوش بولدۇم. قارلۇق شىركىتى تۇنجى ئاشكارلانغان ئەمگەك مىۋىسى— iPad ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئېلان قىلدى.

 6-دېكابىر app store  (ئالما قوللىنىشچان ئەپ ماگزىنى) غا ئالما شىركىتىنىڭ سەرخىل كوزۇرى بولغان ipad ئۈچۈن باشقا مەلۇم سۇپىلارغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئاساس قىلغان تۇنجى ئەپ —-« خاتىرەم» نى ھەقسز چىقىرىپتۇ ، بۇ  app store   تاكى ھازىرغىچە دىيارىمىزدا مۇشۇ ساھەدىكى پەن-تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ  app store   غا چىقارغان تۇنجى مىۋىسى بولۇپ ، ipad گە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپتۇ ، يەنى كىلىپ ھەقسىز ئەپ ئىكەن . ipad گە ئۇيغۇرچە كىرگۈزىدىغان ئەپ مەيدانغا كەلەەندىن كېيىن ، iphone ئۈچۈن مۇشۇ شەكلىدىكى ئەپنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە ئانچە ئۇزۇن قالمىدى دېگەن گەپ ، كەڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى قارلۇق شىركىتىنىڭ ئالما مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە نەتىجىلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ، ئاخىرىدا ئالما مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا يادروسىدىنلا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قوشۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىشنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز .

يۇقارقىسى مايور يازمىسى بۇ دېتالنى apple نىڭ appstore دىن ھەقسىز چۈشۈرۈش بىۋاستە ئادېرسى

قارلۇق تەرەپ ئېنكاسى : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
خاتىرەم بىرلا مەقسەت يەنى – ئايپەدتە ئۇيغۇرچە خاتىرە يېزىپ ئۇنى مەلۇم سۇپىلارغا يوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن. خاتىرەم ئارقىلىق گۈدۈك، ئىلخەت، ئايمەسىجلەرگە ئۇچۇر يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. كونۇپكا تاختىسىنى بىز ئەسلىدىكى ”كىلاسسىك ئۆلچەم“ بويىچە ئورۇنلاشتۇردۇق. ئەلۋەتتە، سىز بۇ خىل كونۇپكا لايىھىسىغا بۇرۇنلا ئادەتلىنىپ بولغان.
ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى:
☜ ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك كونۇپكا تاختىسى بىرىكتۈرۈلدى.
☜ يازمىنى گۈدۈك، ئايمەسىج ۋە ئىلخەتكە يوللىيالايسىز
☜ ئېكران يورۇقلۇقىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ
☜ پۈتۈن ئېكراننى تازلاش ئىقتىدارى بار
قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا شىركىتى

App Store جوڭگو بانكىلىرىنى قوللىدى

ئالدى بىلەن بارلىق apple پىروگراممېرلىرىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنىڭ iTunes ھىساباتىغا جوڭگونىڭ بىر نەچچە چوڭ بانكىسىنىڭ پۇل قاچىلاش ئېغزى ئ‍ېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن.

جوڭگولۇق پىروگراممېرلار ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ ئىشقا كۆپ ئېنكاس يازغان ئاخشامدىن تارتىپ جوڭگولۇقلارمۇ ئۆزىنىڭ بانكا كارتىلىرىنى خالىغانچە باغلاپ، ھەقلىق دېتاللارنى بىمالال سېتىۋاللايدىغان بولدى. جوڭگولۇق پىروگراممېرلارمۇ ھەقىقى يوسۇندا تېخىمۇ كۆپ ئىستىمالچىغا مۇلازىمەت قىلالايدىغان بولدى.

بۇرۇندىن بىزگە ئوموملاشقان apple ID دا پەقەتلا ئىناۋەتلەك كارتا قوللايتتى. لىكىن نۇرغۇن جوڭگولۇقنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا ئۇقۇمى تېخى مۈجمەل، نۇرغۇن زىيالىيلارمۇ بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىناۋەتلىك كارتا بىجىرەلمەيدۇ. شۇىڭ بىلەن جوڭگولۇقلارنىڭ  apple نىڭ يۇمشاق دېتال بازىرى بولغان app store دىن بىر نەرسە سېتىۋىلىشتا كۆپ قىينالغان.

ھازىر دەسلەپكى قەدەمدە قوللايدىغان بانىكلار : 招商银行、工商银行、建设银行、农业银行、浦发银行、光大银行、渤海银行、深圳发展银行、邮政储蓄、交通银行、中信银行(储蓄卡)、华夏银行、东亚银行、贵阳银行、锦州银行、稠州银行 .

بۇرۇنقى يۇمشاق دېتاللارنىڭ $ باھاسى بىلەن ¥ باھاسى ئوتتۇرسىدىكى ئالماشتۇرۇش قائىدىسى

نۆۋەتتە بىر قىتىمدا قاچىلىنىدىغان پۇل سوممىسى پەقەت 50/100/300/500  سوممىلىق بولۇپ ئاشقىنى ھىسابتا ساقلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن يەنە تېخىمۇ كۆپ بانىكىلارنىڭ قوشۇلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

تۆۋەندە ئىشلىتىلىش ئ‍ۇسۇلىنى تونۇشتۇراي:

Windows ياكى Mac OS X دە iTunes App Store نى ئېچىپ ئوڭ تەەپتىن پۇل قاچىلاش دېگەن تۈرگە كىرىمىز.iPhone App Store نىڭ ئەڭ تۆۋەندىكى 精品聚焦 نىڭ ئاستىدىلا “充值” دېگەن تاللاش بار.

قاچىلىماقچى بولغان پۇل سوممىسىنى ۋە بانكىنى تاللىغاندىن كىيىن پۇل تاپشۇرۇش تاللاش كۆرسەتمىسى چىقىدۇ. ئادەتتە قىسقا ئ‍ۇچۇر ئارقىلىق جەزىملەشنى تاللىساقلار قولاي.

بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن iTunes ھىساباتىمىزغا پۇل قاچىلانغانلىق ئۇچۇى كىلىدۇ.

iOS 5.0.1 رەسمىي ئېلان قىلىندى

خۇش خەۋەر: 5.0 دىكىلەر سىمسىز نەشىر كۆتۈرسە 5 مىنۇتتىلا تاماملىنىدىكەن.

ھەممەيلەن كۆزىنى تىككەن iOS 5  بەزى ئىستىمالچىلارنى رازى قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن apple بۈگۈن رەسمىي ھالدا 5.0.1 نى ئېلان قىلدى. بۇ بەلكىم ھازىرغا قەدەر يىڭىلىنىش ۋاقتى ئەڭ تىز بولغان بىر نەشىرى بولۇشى مۇمكىن. 5.0 نەشرى بۇ يىل 10-ئاينىڭ 12-كۈنى تارقىتىلغان ئىدى.

بۇ نەشرىدە ئاساسلىقى باتارىيە خوراش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپتۇ. ئۇنىڭدىن سىرىت iPAD1 گە كۆپ قول ئىشراتى قوشىلىپتۇ. بۇلۇت ھىسابلاش تىكى خاتالىق تۈزىتىلىپتۇ. ئاۋېستىرالىيە ئابونىتلرىنىڭ ئاۋاز پەرق ئىتەلمەسلىك مەسىلىسى تۈزىتىلىپتۇ.

بۇ قىتىملىق نەشىر يىڭىلاش تۆۋەندىكى مەھسۇلاتلارغا ماس كىلىدۇ:

• iPhone 4S
• iPhone 4
• iPhone 3GS
• iPad 2
• iPad
• iPod touch 4G
• iPod touch3G

بولاق چۈشۈرۈپ يىڭىلاش ئۈچۈن بۇ يەردىن ئورگان تەرەپ بولىقىنى چۈشۈرۈڭ.ئەگەر ئۈسكىنە 5.0 نەشىر دە بولسا ئۈسكىنە نىڭ ئۆزىدە تۇرۇپلا نەشىر كۆتۈرسىڭىز تېخىمۇ تىزكەن. مەن iPhone4 نىڭ 5.0 دە تۇرۇپ سىمسىز نەشىر كۆتۈرۈش بۇيرۇقى بەرسەم چۈشۈرىدىغان ھۆججەت ئاران 41MB  ئىكەن. WiFi غا ئۇلاقلىق بولسىلا ئاپتوماتىك يىڭىلايدىكەن. تەرتىپى : 设置–通用——软件更新ئەسكەرتىش: بۇ نەشىرنىڭ مۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلى تېخى ئېلان قىلىنمىدى، شۇنداقلا نامۇكەممەل تۈرمىدىن قېچىش ئۇسۇلىمۇ يىقىندا چىقماقچى. قۇلۇپلۇق نەشىردىكى (美版)  ئۈسكىنىلەر نەشىر كۆتۈرمەڭ!

«دەۋر ھەپتىلىكى»باھالاپ چىققان 2010-يىللىق50پەچەتiOSئەپلىرى

«ئەپ» دېگەن گەپ ئەسلى ئېنگىلىزچە application نىڭ قىسقارتىلمىسى، ئوقۇلۇشى [ˌæpliˈkeiʃən] بولۇپ «قوللىنىلىشچان پروگرامما» دېگەن مەنىلەردە. خەنچە 应用程序 قىلىپ يېزىلىدۇ، ئوقۇلۇشى:Yìngyòng chéngxù. خالاستان بىلوگى بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ ئاتالغۇنى رەسمىي قوللانمىغان، بۇنىڭدىن كىيىن كەسپىي ئۇستاز – دوستلارنىڭ تەشەببۇسى بويىچە داۋاملىق قوللىنىدۇ.

دەۋر ھەپتىلىكى (时代周刊)نىڭ تارىخ ھەپتىلىكى دەيدىغانمۇ چىرايلىق نامى بار. ئامېركىدىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك ھەپتىلىك ژورنال ھىسابلىنىدۇ. ئۇلار يىقىندا iOS ئۈچۈن يېزىلغان 470 مىڭدىن ئارتۇق ئەپنىڭ ئېچىدىن 6چوڭ تۈر بويىچە 50 خىل ئەپنى باھالاپ چېقىپتۇ. ئالما ھەۋەسكارى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنداق ئۇچۇرلاردىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقىمىز بار ئەلۋەتت.

تۆۋەندە ئۇلار ئېلان قىلغان 50 خىل ئەڭ ياخشى ئەپنى ئاددىيلا تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.بەزىلىرىنى پىقىر نەزەرىمۇ ئىشلىتىپ باقمىغان. بىللە كۆرۈپ باقايلى.

一、ئويۇنلار

1、غەزەبلەنگەن قۇشقاچ (喷奴的小鸟) ،بۇنى مەن ئارتۇق تونۇشتۇرماي.ھازىر پۈتۈن دۇنيا مۇشۇ ئويۇن تەرىپىدىن ئوينىلىۋاتىدۇ.

2、Scrabble، بۇ بىر ھەرپ كىرىشتۈرۈش ئويۇنى

3、Plants v. Zombiesبۇنىمۇ مەن تونۇشتۇرمايمىكىن… ھا ھا .بۇ ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق ئويۇن «ئۆسۈملىك جەسەتلەر سوقۇشى»،«植物大战僵尸»

4、Doodle Jumpرەسىملەرنى قىمىرلىتىپ ئوينايدىغان قىستۇرمىغا ئوخشاش ئويۇنلار ئوخشايدۇ.

5、fruit Ninja مىۋە توغراش. كىچىك دوستلار ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان ئويۇن

6、Cut the Ropeئارغامچا كېسىش ئويۇنى، قىيىنلىقى خىلى يۇقىرى

7、Picturekaبېرىلگەن سۆزگە ئاساسەن جىسىم ئىزدەيسىز

8、Wurdleبىر سۆز بېرىلىپ سىزدىن ئەڭ تېز سۈرەتتە قوراشتۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ

9、GeoDefense Swarmكۆزنى ئالا-چەكمەن قىلىدىغان بىر ئويۇنكەن،تەرجىمان نەزەرىدىن

二、ساياھەت

1、Kayakبۇ ئاساسلىقى مىھمانخانا، رىستۇران ئىزدەيدىغان ئەپ

2、yelpبۇ كۆپچىلىككە ناتونۇش ئەمەس. داڭلىق تەنقىدى توپلاملار تورى ئېپى

3、Word Lensيولدا تونۇمايدىغان يىزىقتىكى خەتلەر ئۇچۇرسا دەل بۇنىڭدىن پايدىلىنىسىز

4、Weather Channelھاۋاراي ياردەمچىسى

5、OpenTableتاماق زاكاس قىلىش تورى بولۇپ، ھازىر ھورۇنلار ئۈچۈن بىرىنچى تاللاش

6、Wikipediaبۇنى بىلمىگەنلەر خالاستان بىلوگىدا ئەمەس

7、HopStopيول بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن بىر قۇرال

8、AroundMeئورۇن بەلگىلەش دېتالى بولۇپ Google Latitudeنى بىرىنچى بولۇپ قوللانغان سىرىتقى API

9、Google Earthبۇنى ياخشىسى كومپيۇتېردا ئوينايلى

10、Zipcarماشىنا ئىزدەيمىز دەيدۇغۇ

三、تۇرمۇش

1、Amazonئامېركىلىقلارنىڭ بىرىنجى تاللىشى

2、Epicuriousتاماق رىسالىسى

3、Mixologyھاراق-ئىچىملىك تىزىملىكى

4、Paypalتوردا پۇل تاپشۇرۇشنىڭ باشلامچىسى

5、Shop Savvyمال سېتىۋىلىش ھەمبەھرى

6、Mint

7、WebMDدوختۇرلارلا ئۈچۈن ئەمەس

8、Lose Itئورۇقلاش ئۈچۈن كالورىيە ھىساباتى

9、Springpad قالايمىقان ئايكونلارنى بۇنىڭدا رەتلەيمىشمىز

四、كۆڭۈل ئېچىش

1、Netflixپېلاستىنكا ئارىيەت ئېلىش، كىنو كۆرۈش ئۈچۈن بۇنىڭدىن باشقا تاللاش ئازدەك…

2、IMDbكىنو رىسالىسى

3、ESPN’s ScoreCenterپەچەت كۆرۈنۈشلۈك ھەركەتلەر جەمگاھى

4、Instapaper ئوقۇغۇچ

5、Kindle نى بىلەمسىز؟ amazonنىڭ ئوقۇغۇچىسىغۇ…

6、PulseNews ئاپقاچتى خەۋەرلەر مۇشۇ يەردىن چىقىمىشقۇ

五、دوستلىشىش

1、Facebookتونۇشتۇمايمەن دېگەنتىم جوڭگولۇقلارنى بىلمەسلىكى مۇمكىن

2、twitterدۆلىتىمىزدىن باشقا يەرلەردە ئىشلىتىدىغان بىر خىل مىكروبىلوگ

3、Google

4、AIMبارلىق سۆزلىشىش قۇراللىرىنىڭ يىغمىسى

5、Skypeمەن بىردىنبىر رازى بولغان سۆزلىشىش قۇرالى

6、Foursquareئورۇن بەلگىلەپ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش

7、Bumpبۇنى مەنمۇ سىناپ باقمىدىم، نۇرغۇن ئادەم ياقتۇرىدىكەن

六、مۇزىكا ۋە رەسىم

1、Mogنى بىلمەمسىز؟spotifyغا ناھايتى ئوخشاش

2、Pandoraپايچىكى بازارغا كىردى ، كۈچلۈك

3、SoundHoundبىردەم ناخشا ئاڭلاپ بىقىپ ئاندىن سىزگە ناخشا نامىنى ئېيتىپ بېرىدۇ

4、Bloomئىشلىتىپ باققانمۇ؟

5、Camera+ ئەڭ كەسپىي رەسىم دېتالى

6、Photoshop Expressھەقسىز، قوللىنىلىشى كۆپ، پەيزى!

7、Hipstamatic

بىلوگگېرلار ئۈچۈن كاتتا خوشخەۋەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ھەممىمىز بىلگىنىمىزدەك بۇ يىل ئۇيغۇرلار ئۈچۈن«ئۇيغۇر بىلوگ يىلى»بولدى. نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شەخسىي بلوگلىرى بار.

تۆۋەندە بىز كۆپچىلىككە بىر يۇمشاق دېتال تونۇشتۇرىمىز. سىز بۇ دېتال بىلەن  ۋوردپرېس بلوگىڭىزنى تور كۆرگۈچتە بىۋاستە ئارقا سۇپىغا كىرىپ مەشخۇلات قىلغاندىن كۆپ ئەپلىك ھالدا ئارقا سۇپا بېتىگە كىرىپ تەھرىرلەش ئېلىپ بارالايسىز.

ئىنتايىن ئەپلىك ھالدا يازما يوللاپ چىقىرالايسىز. ئۆزىڭىز رەسىمگە تارتىپ شۇ ھامان بلوگىڭىزغا چىقىرالايدىكەنسىز. يېڭى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ ۋاقتىدا جاۋاب بېرەلەيدىكەنسىز. قېنى بلوگ باشقۇرغۇچىلىرى سىناپ بېقىڭ. بەلكىم بۇ دېتال سىزنىڭ دائىملىق ئىشلىتىدىغان دېتالىڭىز بوپ قالغۇسى.

بۇ دېتال iTunesدا ھەقسىز تارقىتىلغان. نامى wordpress

بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادىرسى

http://itunes.apple.com/us/app/wordpress/id335703880?mt=8 

 

 

ئۆزىڭىزنىڭ iPhone دېتالى بولىشى مۇمكىن…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

iPhone ئىشلىتىپ باققانلارنىڭ ۋە ئاز-تولا تاتقىق قىلىپ باققانلارنىڭ باشقىلارنىڭ لاھىيەلىگەن دېتاللىرىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە باھا بەرگەچ ئۆزى خالىغان بىرەر دېتالنىڭ بولىشىنى ياكى ئۆزى دېتال ئىشلەپ باققىسى كەپ قالىدۇ. بىراق دېتالى ئېچىش ئۈچۈن پۇختا بولغان كود يېزىش ئىقتىدارى بولمىسا، دېتال ئېچىش «مۇمكىن ئەمەس».  شۇنداق مۇمكىن ئەمەس چوقۇم قوش تىرناق ئىچىدە بولىشى كېرەك. چۈنكى بۇ مۇتلەق ئەمەس. چۈنكى بىرقانچە چەتئەلدىكى شىركەت ۋە تور بېكەتلەر مەخسۇس كود يېزىشنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن قۇلايلىق مۇلازىمەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. قېنى كۆرۈپ باقايلى…مەن پەقەت مەلۇم بىر خەنچە بلوگدا چىقىرىلغان مەزمۇنلارنى تەرجىمە قىلىپلا قويدۇم.


.1. Sweb Apps

بۇ توربەتنىڭ تەمىنلىگەن مۇلازىمىتى ئارقىلىق ھېچقانداق كود يېزىش بىلىمى يوقلارمۇ ئايفون دېتالى ياساپ چىقالايدۇ. بۇلارنىڭ مۇلازىمىتى ئاساسەن كىچىك تىپتىكى شىركەتلەرگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئۆزلىرى تەمىنلىگەن نۇرغۇن قېلىپلىرى بار.  ھەق ئېلىش ئۆلچىمى تۆت، ئالتە، سەككىز كۇنۇپكىلىق دەپ ئايرىلىدىغان بولۇپ، ھەربىر كۇنۇپكا ئۈچۈن 50دوللار، ھەربىر دېتال ئۈچۈن ئاجراتقان مۇلازىمىتىرنىڭ ئايلىقى 25 دوللار ئىكەن. راستىنلا بەك قىممەت. ئەمما ئۇلار ئۈچۈن بىر نەچچە ئون يۈەننىڭ ئورنىدىكى پۇل.

.2. AppIncubator

بۇ شىركەتنىڭ مۇلازىمىتى بولسا، سىز دېتالنىڭ ئىقتىدارىنىڭ لاھىيىسىنى چىقىرىسىز، ئۇلارنىڭ پروگراممىرلىرى دېتالنى ياساپ چىقىدۇ. بۇلارنىڭ دېتالىنىڭ قاچىلاش ۋە ئىشلىتىشى ھەقسىز. لېكىن ئايتۇنىز قا چىقىرىپ ئالغان پايدىسىنىڭ 25 پىرسەنتىنى سىزگە بېرىدىكەن.

 

.3. AppBreeder

بۇمۇ بىرىنچىسىگە ئوخشاش ئۆزىڭىز لاھىيەلەيسىز.دېتالنىڭ قىستۇرمىسى، سۈرەت، ھەركەتلىرىنى ئۆزىڭىزن بەلگىلەيسىز. ھەق ئۆلچىمى بىرنەچچە خىل بولۇپ ئايفون، بلەك بېررى، ئاندروئىد تېلفۇن سۇپىسىنىڭ خالىغىنىغا لاھىيەلىسىڭىز بولىدۇ.ھەر بىرى 40دوللاردىن 50 دوللارغىچە.

 

.4. MyAppBuilder

بۇلار سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى دېتاللارنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. يەنى كىتاب، مۇزىكا، فىلىم قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئايفۇن دېتالى ئىشلەپ چىقىرالايسىز. ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرىشىدە ئايفۇنغا دېتال ياساش خۇددىي بلوگ قا تېما چىقارغاندەكلا ئاددىي ئىكەن. ئايلىق ئىشلىتىش ھەققى 29 دوللار بولۇپ، ئايتيۇنىزغا ئىككى دېتالىڭىزنى ھەقسىز چىقىرىپ بېرەمىىش.

 

.5.BuildAnApp

بۇلارمۇ سىزگە  دېتال ئىشلەش بولىقى تەمىنلەيدۇ. ئۆزىڭىز دېتال لاھىيەلەيسىز.

 

.6. eBookApp

ئىسمىدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى بۇ كىتاب تۈرىدىكى دېتاللارنى ئىشلەپ بېرىدۇ.سىز پەقەت تېكىستىنىلا تەمىنلەيسىز.

 

.7. GameSalad

بۇلارنىڭ مۇلازىمىتى ئارقىلىق كود يېزىشنى بىلمىسىڭىزمۇ ئويۇن لاھىلەپ چىقالايدىكەنسىز. ھەقسىز ھالەتتە پەقەت تور يۈزىگىلا يوللىغىلى بولىدىكەن. ھەقلىق ھالەتتە ئاندىن ئايفۇنغا قاچىلىغىلى بولىدىكەن. ھەق ئۆلچىمى ئاددىي نۇسخىسى يىللىقى 99 دوللار ، كەسپىي نۇسخىسى يىللىقى 1999 دوللار. مېنىڭچە ۋەششىي قىممەتكەن.

 

.8. MobileRoadie

مەخسۇس مۇزىكا ئەترىتى ئۈچۈن دېتال ياساپ بېرىدىكەن. مۇزىكا، رەسىم، فىلىم، ئۇچۇر، ناخشا تېكىسىتى، خەۋەرلەر ۋە ر س س قاتارلىق ئىقتىدارلارنى قوشۇپ چىقىرىپ بېرىدىكەن.

 

.9. MobBase

بۇلارمۇ شۇ مۇزىكا ئەترەتلىرىگە مەخسۇس دېتال ئىشلەيدىكەن. 20دوللار ئەتراپىدا ھەق ئالىدىكەن.

 

.10. RedLaser

بۇ بىر ئايفۇن دېتالى بولۇپ، ئىشلەتكۈچىگە تاياقچەسىمان كود ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ، ماللارنىڭ باھاسىنى سېلىشتۇرۇپ بېرىدىكەن. ئايتۇنىزدا باھاسى 2 دوللار.

 

پايدىلانغان مەنبە

http://blog.it.sohu.com/readwriteweb

iTunes دىكى 3194 خاتالىقىنى ئوڭشاش

يىقىندىن بىرى iPhone غا نەشىر كۆتۈرۈش جەريانىدا مەن بۇ خاتالىققا كۆپ ئۇچراپ كەتتىم.

توردىن ئاختۇرسام بۇ ھەقتە چارە تولىكەن، بىراق ھەل قېلىش ئۇسۇلى دەل ئەكسىچە سۆزلىنىپتۇ.مەن تولا ئېتىشىپ يۈرۈپ سېستىمىنى قايتا قاچىلاپ، باشقا كومپيۇتېرغا ئالماشتۇرۇپ، ھەتتا پۈتۈن ئۈسكىنىنى قايتىدىن فورماتلاپ سىنىدىم، يەنىلا كارغا كەلمىدى.

3194 خاتالىقى بولسا iTunes نەشىر كۆتۈرۈش باسقۇچىدا apple نىڭ مۇلازىمتېردىن نەشىر كۆتۈرۈش تەستىق ئۇچۇرى تەلەپ قېلىش جەريانىدا كۆرۈلىدىغان بولۇپ مۇلازىمېر نەشىر كۆتۈرۈشكە بەرگەن تەستىق كودى GFW تەرىپىدىن توسۇۋىلىنغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. GFW تەرىپىدىن توسۇۋىلىنىشى بېيجىڭ پوچتا-تېلىگىراف ئونىۋىرىسىتىتىنىڭ مۇدىرى باشچىلىقىدا كەشىپ قىلىغان ”ئوتتىن ساقلىنىش تېمى“ تەرىپىدىن كىلىپ چىقىدۇ. يەنى ھۆكۈمەت قانۇنسىز دەپ قارىغان ئۇچۇرلارنى توسۇۋېتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ : http://zh.wikipedia.org/zh-sg/GFW

ئىشلەتكۈچىلەر tinyUmbreall دېتالى ئارقىلىق shsh نى زاپاسلاش جەريانىدا كومپيۇتېردىكى hosts ھۆججەت(كومپيۇتېردا ۋاقىتلىق ساقلىنىپ DNS رولىنى ئۆتەيدىغان ھۆججەت)كە بىر قۇر كود قوشۇپ قويىدۇ. شۇ سەۋەبتىن GFW تەرىپىدىن توسۇلۇپ قالىدۇ.

ئەگەر ئىشلەتكۈچى قەستەن نەشىر تۆۋەنلىتىش ياكى تور قۇلۇپ يېشىش قاتارلىق ئىھتىياجى بولمىسا بۇ قۇر كود ئارتۇقچە. شۇڭا بۇ قۇر كودنى ئېلىۋەتكەندە مەسىلە ئوڭشىلىدۇ. tinyUmbrella دا tts Server نى قوزغاتقاندا بۇ قۇر كود يەنە ئاپتوماتىك قوشۇلىدۇ.

خوش، نەزەرىيە مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن. 3194 ياكى 3195 خاتالىقنى ئوڭشاشنىڭ ئۇسۇلى hosts ھۆججەتتىن قوشۇلۇپ قالغان بىر قۇر كودنى ئۆچۈرۋىتىش. تەپسىلىي قەدەم باسقۇچى:

C:WindowsSystem32driversetc دىگەن مۇندەرىجىدىن hosts نامىدىكى ھۆججەتنى 记事本  دا ئېچىپ ئۇنىڭ ئېچىدىكى

gs.apple.com 74.208.10.249

دىگەن كودنى تېپىپ ئۆچۈرۋېتىش. ئاۋۇ IP ۋە ئادېرىسىنڭ ئورنى ئالماشقان بولىشىمۇ مۇمكىن، يەنىلا ئۆچۈرۋېتىمىز ۋە ساقلاپ چېكىنىمىز. ئەگەر ئۆزگەرتىشتە خاتالىق كۆرۈلسە 管理员身份 دا كىرىپ ئۆچۈرۈپ ئاندىن iTunes نى قايتا قوزغاتساقلا كۇپايە.

iphoneنى كومپيۇتېر ئۈچۈن كامېرا قىلىش

iphone نىڭ كامىرا سۈرەت ئېنىقلىقى ناھايتى يۇقىرى بولۇپ (iphone4نىڭ 5 مىليون پېكسىل، iphone3gsنىڭ 3 مىليون پېكسىل،iPhone3g نىڭ 2 مىليون پېكسىل) ، ناھايتى ياخشى كامىرا بولالايدۇ. لىكىن ئالما ئۆز ئىچىدىن كومپيۇتېر ئۈچۈن كامېرا بولىدىغان دىتاللارنى تەمىنلىمىگەن بولۇپ 3 -تەرەپ دىتالى ئارقىلىق  iPhone نىڭ كومپيۇتېرغا كامىرا قىلىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ دىتالنىڭ نامى دەل iwebcamera دۇر.  بۇ دىتال كامېرا ئىقتىدارى بولغان ipod,ipad,iphone لارنىڭ ھەممىگە ماس كىلىدۇ.

 

يۇقارقىسى دىتالنىڭ تەشۋىق سۈرىتى. تۆۋەندىكىلىرى مىنىڭ ئۈنۈم رەسىمىم.

بۇ دېتال ئىككى ئىقتىدار بىرلىكىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرى كومپيۇتېرغا قاچىلىنىدىغان مۇلازىمەت ئاساسى بۆلىكى، يەنە بىرى بولسا ئالما(ipod,ipad,iphone) غا قاچىلىنىدىغان نۇسخىسى.

تۆۋەندىكى ئادىرىسىتىن دىتال بولىقىنى چۈشۈرۈپ كومپيۇتېرغا MSI فورماتىدىكىنى قوش چىكىپ قاچىلاپ، ئاندىن Iphoneياكى ipod قا بولاقتىكى IPA نى قاچىلاپ قوزغاتسىڭىزلا كومپيۇتېرىدىكى كامىرا ئىشلىتىدىغان دىتاللار ئاپتوماتىك تونۇيدۇ. مەسىلەن QQ,MSN,GTALK,Skype… دىگەندەك. قىنى سىناپ مەسىلە بولسا قالدۇرۇڭ. بىللە ھەل قىلىمىز.

چۈشۈرۈش ئادىرسى:   http://dl.dbank.com/c02szs4yu9