سەھىپە ئارخىپى: Gulanئەپەندى يازمىسى

ئابدۇۋەلى ئايوپنىڭ ئېسىل يازمىلىرى

[Gulan] شىئېر ۋە تىل

بۇ ماقالە خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئاسى ۋە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ يىقىندا خالاستان بىلوگىدا ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ. قىرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ، كىملىكى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن___ نەزەرى.

مەن ئەدىبلىرىمىزنىڭ دۇنياۋى چوڭ تىللاردا شىئېر ئېلان قىلىپ ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش قىزغىنلىقىغا ھۆرمەت قىلىمەن

 ئوقۇرمەن دوستلىرىمنىڭ ئەدىپلەردىن شۇنداق بىر قابىلىيىتىنى كۈتىشىگىمۇ ئاۋاز قوشىمەن. ئەلۋەتتە بىزدىن ئاشۇنداق دۇنياۋى تىللاردا ئەسەر ئېلان قىلالايدىغانلارنىڭ چىقىشى ھەممىمىزنىڭ ئارمانى. ۋاھالەنكى، يات تىلدا شىئېر يېزىش قانداق ئەھۋالدا مۇمكىن، قانداق ئەھۋالدا مۇمكىنلىكتىن يىراق؟ بۇ ھەقتە ئويلانماي، بۇنى ئىلىم نوقتىسىدىن چۈشەنمەي تۇرۇپ قۇرۇق ئارمان قىلغاننىڭ ئەھمىيىتى يوق ئەۋەتتى. مەن تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن مۇنداق ئىمكانىيەتنىڭ مەۋجۇد ياكى ئەمەسلىكىنى مۇنداق چۈشەندۈرۈپ باقاي.

 يات تىلنى بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئېگىلىگەنلەرنىڭ ئۆزى ئۆگەنگەن يات تىلدا شىئېر يازالىشى مۇتلەق مۇمكىن. چۈنكى تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىنىشىچە تىل ئىنساننىڭ سول مېڭىسىدىكى بروكا رايونى ۋە ۋېرونىكا رايونىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بروكا رايونى گرامماتىكىسى(قوشۇمچە، باغلىغۇچى، ئۇلانما، يۈكلىمە)، ۋېرونىكا رايونى سۆزنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. يات تىلنى كىچىكىدىن ئۆگەنگەنلەرنىڭ مېڭىسىدىكى يۇقارقى ئىككى رايونغا شۇ تىل ياكى تىللار يېقىن ئورۇنلاشقان بولىدۇ. بۇنداق دېگەنلىك، كىچىكىدىن ئۆگەنگۈچىلەر شۇ تىللارنى تەڭلا قوللىنىپ تەپەككۇر قىلالايدۇ ۋە سۆزلىيەلەيدۇ، قوللۇنۇلۇشتا بىر تىل يەنە بىرسىگە ۋاسىتە بولمايدۇ، ۋە ياكى بىرسى بىرسىگە تايىنىپ قالمايدۇ دېگەن سۆز . شۇڭا بۇنداق كىشىلەرنىڭ يات تىلدا شىئېر يېزىش ئىمكانىيىتى بار. بۇنداق كىشىلەر يات تىلنىڭ رېتىمىنى ئىگىلىگەن بولىدۇ. بۇ رېتىمىنى بىز گرامماتىكىدا ئىنتوناتسىيە ياكى جۈملە ئۇرغۇسى دەيمىز. يات تىلنى مۇنداق كىچىكىدىن ئۆگەنگەنلەر مېڭىسىگە ئورۇنلاشقان تىللاردىكى يۇقارقى ئەۋزەللىك سەۋەبىدىن يات تىلنىڭ ئىنتوناتسىيە ياكى رېتىمىنى تەبىئىى قوللىنالايدۇ. شىئېر رىتىم سەنئىتى بولغاچقا كىچىكىدىن يات تىل ئۆگەنگەنلەر شۇ تىل ياكى تىللاردىكى رېتىمىنى ئانا تىلى بىلەن ئوخشاش راۋانلىقتا ئىشلىتىپ شىئېر يازالىشى مۇمكىن. 

يات تىلنى ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپ ئېگىلىگەنلەرنىڭ يات تىلدا شىئېر يېزىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ سول مېڭىسىنىڭ يۇقارقى ئىككى رايونىدا تىللار يىراقراق جايلاشقان، تەپەككۇر ۋە تەلەپپۇزدا بۇ ئىككى تىل بىر بىرىگە بېقىنىدۇ. ئانا تىل يات تىلنى بېقىندۇرۇپ ئۆز قېلىپىغا سېلىۋالىدۇ. بۇنداق كىشىلەر يات تىلنىڭ سۆزلۈك، گرامماتىكا قىسىمنى ھەر قانچە ئوبدان ئۆگەنسىمۇ رېتىمىنى ئىگىلىيەلەيدۇ. شۇڭا يات تىلدا شىئېر يازالىشى تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشلىق مەزگىلدە چەت تىل ئۆگەنگۈچىنىڭ كاللىسىدىكى ۋېرونىكا رايونى يات تىلنىڭ گرامماتىكىغا مەنسۇپ ئۇچۇرلىرىنىمۇ سۆزلۈك قاتارىدا ساقلىۋالىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىۋېتىدۇ. ئۆگەنگۈچى ئۇزاق مەشىق قىلىش ئارقىلىقلا يات تىلدىكى بۇ گرامماتىكىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى سۆزلۈك رايونىدىن گرامماتىكا رايونىغا يۆتىكىيەلەيدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ يات تىل ئۆگەنگەندە قوشۇمچە ۋە باغلىغۇچىلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتەلمەسلىكىمىزنىڭ ۋە ”سۇدەك“ سۆزلىيەلمەسىكىمىزنىڭ سىرى. چۈنكى كاللىمىز ئۇنى خاتا يەرگە ساقلىۋالغان ۋە گرامماتىكىسى سۆزلۈك سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن. تىلدىكى رېتىمىنى قۇراشتۇرىدىغان گرامماتىكىسى راۋان قوللىنالمايۋاتقان ئۆگەنگۈچى شېئىرنى ئەلۋەتتە تولۇقىيالمايدۇ ياكى قاملاشتۇرۇپ تۇقۇيالمايدۇ. 

مەن يۇقىردا دېگەنلىرىمنى تاگۇرنى مىسال قىلىمەن. نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى، ئۇيغۇرغا ئەڭ تونۇش قوشنا ئەل شائىرى بېنگال تىللىق شائىر تاگۇر شېئىرنى ئاۋال بېنگالىچە يېزىپ ئاندىن ئىنگلىزچىگە نەسىر شەكلىدە تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغۇزغانىكەن. بىز سۆيۈپ ئوقۇيدىغان تاگۇرنىڭ مەشھۇر نەسىرلىرى دەل شۇ بېنگالچە شېئىرنىڭ ئىنگىلىزچە نەسىرلەشتۈرىلىشىدۇر، .شۇڭا يا تىلدا تىرىشسىلا نەسىرى ئەسەر يازغىلى بولىدۇ، ھەم مۇنداق يازغانلارنىڭ مىسالى كۈرمىڭ، ئەمما شىئېر يازغانلارنىڭ مىسلى ئاز. بولۇپمۇ يات تىلنى ياشلىقىدا ئىگىلەپ شۇ تىلدا شىئېر يېزىپ ئۇتۇق قازانغانلار ئاز بوسا كېرەك.
 يۇقارقى خۇلاسىگە قاراپ بەزىلەر، ئۇيغۇرلاردا تارىختا ۋە ھازىر يات تىلدا شىئېر يازغانلار جىققۇ دېيىشى مۇمكىن. بەرھەق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يات تىلدا شىئېر يازغان ئەدىب جىق، فارابى، نەۋايى، لۇتفى، يۈسۈپ سەككاكى… لېكىن شۇ يات تىل ئەھلىنى قايىل قىلغۇدەك، شۇ يات تىل ئەھلىنىڭ ئاغزىدا قالغۇدەك يازغانلىرى ئاز. بىز پەقەت شۇلارنىڭ يات تىلدا شىئېر يازغىنىنىلا بىلىمىز. فارابىنىڭ ئەرەبچە شېئىرلىرى ئەگەر راستىنلا ئېسىل بولۇپ ئەرەبلەرنى قايىل قىلالىغان بولسا ئەرەب ئەدەبىياتىغا دائىر تەتقىقاتلاردا، ئەرەب ئەدەبىيات تارىخىدا نامى قالغان بولاتتى، لېكىن فارابىنىڭ نامى مەزكۇر زات قالدۇرغان تۈرلۈك پەنگە دائىر ئەسەرلەردە. بولمىسا ئەرەب ئەدەبىيات تارىخى، فارىس ئەدەبىيات تارىخى دېگەنگە ئوخشاش كىتابلاردا ياكى شۇ ئەدەبىياتلارغا دائىر تەتقىقات ئەسەرلىرىدە بىزنىڭ يات تىلدا شىئېر يازغان ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرىنىڭ ئىسمىنىمۇ تاپالمايمىز.
 بىزنىڭ يات تىلدا شىئېر يازغان ئەدىپلىرىمىز دەۋرداشلىرى تەرىپىدىنمۇ مۇئەيەنلەشتۈرۈلمىگەن، مەسىلەن، نەۋايىنىڭ فارىسچە شىئېرلىرىنى بۈيۈك ئەجداد بابۇر ”تولىمۇ سۇس يېزىپتۇ“ دەپ باھا بەرگەنىكەن.
 ئەمەلىيەتتە شىئېر تەرجىمىسنىڭ تەرس بولۇشىدىكى سىرمۇ مەن يازمىدا يازغاندەك. تەرجىمىدە شېئىرنىڭ مەزمۇنىنى چىقارغىلى بولغان بىلەن رېتىمىنى چىقارغىلى بولمايدۇ. مەزمۇننى مەزمۇن بىلەن چىقارغىلى بولىدۇ، ئەمما يات تىلدىكى ئۆز تىلدا ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ. بۇ خۇددى بىر تىلدىكى ناخشىغا يەنە بىر تىلدا تېكىست سالسا چۈشمىگەندەكلا ئىش.
 بۇ يازمىدىكى بايانلار پۈتۈنلەي يات تىلغا قارىتىلغان، ئۇيغۇر قازاقچە، ئۆزبېك تاتارچە شىئېر يازسا گەپ يوق ئۇتۇق قازىنىدۇ، چۈنكى قېرىنداش تىللاردا رىتىم ئورتاقىلىقى بار. بۇ تىللاردىن شىېئىرلارنى تەرجىمە قىلماقمۇ تەرس ئەمەس.
 بەزىلەر تىرىشسا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، ئەخمەتجان ئوسمان ئەرەب ئەدەبىياتىنى تاڭ قالدۇردى… دېدى. مەن ئۇلاردىن بۈگۈنكى ئەرەب شىئېرىيىتى دېگەندەك تەتقىقات كىتابلىرىغا قاراپ باقسىكەن دەيمەن. ئەگەر شۇنداق نوپۇزلۇق ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان كىتابلاردا شۇنداق دېيىلگەن بولسا بىز بۇنى تەتقىق قىلىپ باققساق بولىدۇ. شۇنداق ئىمكانىيەت بولسا تېخى ياخشى. بەزىلەر ھەممە ئىشنى تىرىشسا قىلغىلى بولىدۇ دەيدۇ. ھەممە ئىشنى تىرىشسىلا قىلغىلى بولىدۇ دېگەنگە بۇرۇن مەنمۇ ئىشىنەتتىم، ئەمما يۇقارقىدەك رىياللىقنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. ئەگەر ياشلىق دەۋرىمىزدە تىل ئۆگەنگەن بولساق، بىز ھەرقانچە قىلساقمۇ كالىمىزدىكى بىر ئورۇنغا پاراللىل ۋە يېقىن ئورۇنلاشمىغان ئىككى تىلنى ئوخشاش راۋانلىقتا قوزغىتالمايدىكەنمىز. تىلدىكى باشقا ئامىلنى ئۆگىنىۋالغىلى بولغان بىلەن رېتىمىنى تولۇق سىڭدۈرىۋالماق مۇمكىن ئەمەستەك تۇرىدۇ.
 توغرا ئۇيغۇر شائىرلىرى مىڭ يىلغا يېقىن ئەرەبچە شىئېر يېزىش ئەئەنىسىگە ئېگە.(فارابىدىن تەجەللى، ئابدۇقادىر دامۇللامغىچە) بۇ يەردە بىر نەرسىنى ئوچۇقلاش زۆرۈر بولىدۇ. ئەرەب تىلىنىڭ رېتىمى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن قۇرئان ۋاستىسىدە تولىمۇ تونۇش، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەب شىئېرىيىتىدىكى رېتىمىنى ئۆزلەشتۈرىشىگە قولايلىق ياراتقان ئامىل. مەسىلەن، قىرائەت ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قارى ئەگەر ئەرەب تىلىنى بىلمىسە ئۇنىڭ ئوڭ مىڭىسىلا ئىشلەۋاتقان بولىدۇ. چۈنكى ئوڭ مىڭە مۇزىكا، رەسىم، شەكىل ئاۋاز قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىدۇ، ئەمما بۇنداق يادىلاش تىلدىكى رېتىمىنى ئېگىلەشكە پايدىلىق. شۇڭا ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەرەبچىنى قۇرئاننى يادلىتىپ بولۇپ ئاندىن ئۆگەتكىنىمۇ خاتا ئەمەس، بەلكى ئىسپاتلىمىغان ئىلمىيلىك. بۇنداق بولغاندا تىلنى تېخىمۇ مۇكەممەل ئۆگەنگىلى بولىدۇ. بۇ مىسالدا مىسالغا ئالغىنىمىزدىن مەلۇم بولغاندەك بىزگە ئەرەبچىنىڭ رېتىمى تونۇش، بىر قەدەر ئۆزلىشەرلىك شۇڭا بىزدە ئارۇز شىئېرىيىتى بار. ۋاھالەنكى ئۇيغۇرلار ئەرەبچىدىكى رېتىمىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ كېتەلمىگەن. پەقەت ئۇيغۇر تىلى بىلەن يېقىنلىشىدىغان رېتىمىنى قوبۇل قىلالىغان. شۇڭا ئارۇز ۋەزنىنىڭ ھەممە تۈرى بىزدە يوق، پەقەت بىر قىسىم تۈرىلا مەۋجۇد.

 ئۇيغۇرلارنىڭ فارىسچە شىئېر يازغانلىقمۇ ئارۇز سەۋەبلىك ئىككى تىلدا بارلىققا كەگەن رىتىم ئورتاقلىقى، مەدەنىيەتتىكى يېقىنلىق سەۋەبلىك كىچىكىدىن ئىككى تىلغا تەڭ پىشقان كىشىلەرنىڭ كۆپ بولۇشى، فارىس شىئېرىيىتىنىڭ ياراتقان پەللىسى قاتارلىق ئامىللار موھىم رول ئوينىغان. ئەمما بىز يۇقىردا توختالغاندەك ئۇلارنىڭ ھىچ بىرى شۇ مىللەت شىئېرىيىتى تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنىپ تارىخقا پۈتۈلگەنلىكىنى كۆرمىدۇق. ھازىر ئارىمىزدا بولۇۋاتقان مەلۇم شائىرلارنىڭ يات تىلدا شىئېر يېزىپ غالىپ بولغىنى ھەققىدىكى پاراڭلارنى توغرا چۈشنىمەن، مەنمۇ شۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن لېكىن، شىئېرىيەتتە بىر پارچىلا يات تىلدىكى شىئېر بىلەن يات تىلدا شىئېر يازالايدىغانلىقى بىلىنەر، مەشھۇر بولغاننى بىلمەيدىكەنمەن. بۇ توغرىدا ئارتۇقچە توختالماي.
 ياشلىق دەۋرىدە يات تىل ئۆگەنگەن ئادەمگە يات تىلدىكى شېئىرنى يازماق تەرسلا ئەمەس، ئوقۇپ ھوزۇر ئالماقمۇ تەرس. سەۋەبىي يۇمتالدا ئەمەس قاتتالدا. ئۆزىمىز ئۆزلەشتۈرەلمىگەن رېتىمىنى ئوقۇپ ھىس قىلماقمۇ ئاسان ئەمەس. شۇڭا يات تىلدا ئۇتۇقلۇق شىئېر يازماقمۇ، يات تىلدىكى شىئېردىن ھوزۇر ئالماقمۇ ۋە شۇنى رېتىمى بىلەن تەرجىمە قىلماقمۇ تەرس، بۇنى بىزنىڭ مىڭىمىزدىكى تىلغا مەسئۇل بۆلەكنىڭ خىزمىتى بەلگىلىگەن.

[Gulan] سىلەردە قۇربان ھېيىت مودا بولدىمۇ؟

مەن ئىچكىردە ئوقۇۋاتقىلى 6 يىل بولدى. ھەر يىللىق ئىككى ھېيىت ئاساسەن بېيجىڭدا ئۆتۈۋاتىدۇ. كىچىكىمدىن ۋاقىت ئىڭىم كۈچلۈك بولغانلىقتىنمۇ قانداق ھېيت كۈنىمۇ ئەتىگەندە نامازغا بېرىپ كەلگەندىن كىيىن بۇرۇنقى پىلانىم بويىچە بىرەر ئىشقا مەشغۇل بولۇپلا كىتىمەن. باشقا دوستلارنىڭ دەۋىتى بىلەن ئاستا سەپكە قوشۇلۇپ ”ھېيتلاپ“ قويىدىكەنمەن. ئىڭىمدا ئۇ ئىككى ھېيتمۇ ئۇلۇغ، لىكىن ئاللاھنىڭ ھىكمىتى سىڭگەن كۆزىمىز ئوچۇق ھەر بىر كۈن بىزنىڭ خۇشال بولىشىمىزغا ئەرزىيدۇ دەپ ئويلاپ ئالاھىدە ھەشەم قىلىپ كەتمەيمەن. شۇڭا 6 يىل جەريانىدا غىرىپسىنىپ باققىنىمنى بىلمەيمەن.

ئەمدى گەپنى ئابدۇۋەلىكامدىن ئاڭلايلى:

ھېيت كەلدى، ھەر قېتىم ھېيت كەلسە ئايالىم ھاياجانلىنىدۇ. بالام كىچىك بولغاچقىمۇ يا ئەتراپىدا ھېيت كەيپىياتى بولمىغاچقىمۇ قورچاق كۆرۈش بىلەن بەنت. مەن نېمە ئۈچۈن خوشال بولالماس بولۇپ قالغىنىم ئېسىمگە كېلىپ قالمىسىلا ئايالىمغا ئۈنسىز ئەگىشىمەن. ئۇنىڭغا خوش بولۇشۇپ بەرسەم كۆڭلۈم ئازراق بولسىمۇ ئارام تاپىدۇ. ئۆيدىكىلەر ھېيتلىق تېلېفون ساقلايدۇ، ھېيتقا مۇناسىپ بولالمىغان كەيپىياتىم بىلەن ئۇلارنىڭ سېغىنىشلىق ئىزگۈ سالاملىرىغا جۆر بولۇپ بولالماي قىينىلىمەن. ماڭا ئەسلىمەمدىكى دىكى ھېيتتىن قالغىنى دادام بىلەن ئوقۇغان ھېيت نامىزى ۋە جامائەتنىڭ سۈرلۈك ۋە مۇڭلۇق تەكبىرىدىن ھېس قىلغان ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى. ماڭا بۇ تۇيغۇدا بولغىلى ئەسىرلەر بولغاندەك تۇيۇلىدۇ، ھەر ھېيتتا شۇنداق. جىيەنلىرىمنىڭ بۇ كۆرۈنمەس قۇدرەتنى ھېس قىلىشقا قادىر بولالماي ئۆسۈۋاتقىنى يۈرەكنى تېخىمۇ ئېزىدۇ. شۇنداق ئويلايمەن، مەنغۇ ھىچ بولمىغاندا غېرىپ قەلبىمدە كۆرۈنمەس بىر ئۇلۇغلۇقنى ھېس قىلالايدىكەنمەن، جىيەنلىرىمچۇ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھېيتتىن شۇنداق بىر غايىپ پاسىبانلىقنى، مېھرىبانلىقىنى، مۇقەددەسلىكنى ھېس قىلالماي چوڭ بولسا، پەقەت يىغقان ھېيتلىق بىلەن يانچۇق، يېگەن گۆش بىلەن قورساق تومپايسا كۆڭۈل ئالىمى بوش قالماسمۇ؟ ئۇلارنىڭ جەنۇپ سەھرالىرىنى قاپلىغان يالتىراق خالتىلىق ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى يەپ بۇلغىنىۋاتقان جىسمى، چوڭلارنىڭ تەشۋىش، ۋەھىمە، مىسكىن تۇرۇقىدىن نۇسخا ئېلىپ ئەگرىلىككە يۈزلەنگەن سەبى كۆڭلى نېمە بىلەن قەد كۆتۈرەر؟
 ئۈچ يىل بۇرۇنغۇ دەيمەن. ئايالىمنىڭ بىر جىيەن قىزى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئوتتۇرىنىڭ قوش تىل سىنىپىغا تاللاندى. تەنتەنىلىك جاكارلانغان بۇ خەۋەر بىزنى خېلى تەمتىرەتتى. چۈنكى بىر ھەمراھ بولغۇچىلار، ئورۇنلاشتۇرغۇچىلار ئۆمىكى كېلىش ئالدىدا تۇراتتى. مەركىزىي شەھەردىكى قوش تىل سىنىپىغا قوبۇل قىلىندى دېگەنلىك بىزنىڭ ئۇ يۇرتتا مەرتىۋىدىن، غەلىبىدىن، ئىناۋەتتىن دېرەك بېرەتتى. كىممۇ ھاياجانلانمىسۇن، قوش تىل، دېگەن قوش تىلدە! بولۇپمۇ قوش تىلنىڭ ئوردىسى، قوش تىلچىلارنىڭ ساماۋى پايتەختى بولغان ئۈرۈمچىدىكى قوش تىل تۇرسا!
قىز ئەقىللىق ئىدى. كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىز بىلەن چىقىشىپلا كەتتى. دەسلەپتە مېنى ئىنگىلىزچە بىلىدۇ، دەپ ئانچە مۇنچە ئىنگىلىزچە تاپشۇرۇقلىرىنى سوراپ يۈردى. كېيىن نېمە ئۈچۈنكى مەندىن ئىنگىلىزچە سورىماسلا بولدى. سەۋەبىدىن ۋاسىتىلىك خەۋەر تاپتىم، خەنزۇچە ئۆلچەمسىز بولغاچقا ئىنگىلىزچەمنىڭمۇ ئۆلچەمسىزلىگىنى تەخمىن قىلىپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ تەلەپپۇزۇم جاڭ مۇئەللىمنىڭكىگە ئوخشىماسمىش، ساۋاقداشلار ئىنگلىزچىسى سەھرالىقچە دەيدىكەنسەن دەپ زاڭلىق قىلغانمىش. شۇندىن كېيىن بۇ قىزنىڭ ئوقۇيدىغان كىتابلىرىغا دىققەت قىلدىم، دائىم ئوقۇيدىغىنى مۇقاۋىغا چېچىنىڭ يېرىمىنى قىزىل يېرىمىنى يېشىل بويىۋالغان ”سۇمباتلىق يىگىت““ساھىپجامال قىز“ لارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن كىتابلار ئىدى.
دېكابىرنىڭ ئاخىرلىرى ئىدى، ئايالىم جىيەن قىزىنى تېلېفون قىلىپ ئۆيگە چاقىردى. بارالماسمىش، سەۋەبى ”ئەمنىلىك كېچىسى“ ياتاقداشلىرى بىلەن قۇتلايمىش. ئاڭلاپلا جۇدۇنۇم ئۆرلىدى، ”كەلسۇن، بىز قىلىپ بېرەيلى شۇ كېچىسىنى، نېمە ئالغىسى بولسا ئېلىپ بېرەيلى“ دېدىم ئۆزەمنى بېسىۋېلىپ. ئايالىمنىڭ ئېيتىشىچە بىزنىڭ مەھەللە تەرەپتە روژدىستىۋالىق كەيپىيات يوقمىش، ئەمىنلىك كېچىسىدە مودا بولىدىغان كىيىم كېچەك تېپىلماسمىش، پائالىيەتلەرمۇ يوقمىش شۇڭا كەلمەسمىش. شۇنداق قىلىپ قىزچاق كەلمىدى. بىر قانچە كۈننى ئۆتكۈزىۋېتىپ تېلېفون قىلدىم. ”ئەمىنلىك كېچىسى“ نىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ خرىستىيان دىنىغا مەنسۇپ پائالىيەت ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەركەن. پەقەت بۇ مەركىزى شەھەرنىڭ شۇ بۆلىكىگە مودا بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھەممە ماگىزىن، كوچا كويلار شۇنداق بايرام كەيپىياتى بىلەن بېزەلگەچكىلا ”دەھشەت“ ئۆتكۈزگىسى كەپتۇ. ساۋاقداشلار بىلەن ياتاقنى يېرىم سۆرۈن بېزەپ ئۆتكۈزگەن كېچە شۇنداق“پەيزى بوپتۇ“. ياتاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تۇرسا، نەدىن بىلگەندۇ، قانداق ئۆتكۈزەلىگەندۇ دەپ ھەيران قالدىم. ئۇ قىز مېنىڭ شۇنچە يىل ئىنگلىزلار بىلەن ئالاقە قىلىپ ئەمىنلىك كېچىسى ئۆتكۈزۈپ باقمىغىنىغا ھەيران قالدى.
ئىككىنچى مەۋسۈم باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي قۇربان ھېيت كەلدى. ئۆزەمنىڭ خوش بولالايدىغانلىقىم ئېنىق بولسىمۇ قۇربانلىق قىلىپ، ئۈرۈمچىدىكى ئۇرۇق تۇغقان ۋە يۇرتداشلارنىڭ بالىلىرىنى چاقىرىپ بىر ھېيت قىلىپ بەرمەكچى بولدۇم. شۇلارنىڭ خۇشال چۇۋۇرلاشلىرىدىن ھېيت بولغۇدەك كەيپىياتقا كېلىپ قالسام ئەجەب ئەمەس دەپمۇ ئويلىدىم. ئالدى بىلەن ئايالىمنىڭ جىيەن قىزىغا تېلېفون قىلدۇق. توۋا، كەلمەسمىش ”سىلەر ئۇ تەرەپتە ھېيت دېگەن بىلەن بىزنىڭ بۇ يەردە ئۇنداق مودا يوق، ھەممە ئادەم ئۆز ئىشى بىلەن، شۇڭا بايراملىق كىيىشمۇ ئالالمىدىم، خەقنىڭ ئالدىغا سەھرالىقچە بارامتىم، سىلەردە قۇربان ھېيت تازا مودا بولغاندۇ ھە! “ دەپتىمىش .
بۈگۈن مەنمۇ تورلارغا قاراپ ھېيت كەپتۇ دەپ ئويلىدىم، ھېلىقى جىيەن قىزىمنىڭ سوئالى خىيالىمدىن كەچتى. ھەممىڭلارنى سېغىندىم، مېنىڭ چاقچاق قىلىپ بولسىمۇ ”سىلەردە قۇربان ھېيت مودا بولدىمۇ“ دەپ سوراشقا تىلىم بارمىدى. چۈنكى بىزدە ھەق يولىدىكى پىداكارلىقنىڭ ئىككى دۇنيالىق مودا ئىكەنلىكى ئەقلىمگە ئايدىڭ ئىدى.

[Gulan] ئامېركىدا مەشرەپ

مەشرەپسىز ھايات ئۇيغۇرغا يات!

بىزدە يۇقارقىدەك ئادەت سۆزى ئەقلىمنى بىلسەملا باركەن.

خوش، بۇ ھەقتە ئابدۇۋەلى ئايوپ ئەپەندىمنىڭ قانداق كۆز قارىشى بار. دىققەت تۆۋەندىكى يازمىدا بولسۇن.

بۇ ماقالە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى.____________________نەزەرى.

داۋاملىق ئوقۇش

[Gulan]ئۇيغۇر قىزلارغا تالاشتا قالغان ئامرىكىلىق

بۇ ماقالە يىڭى يېزىلغاندا ھەقىقەتەن چوڭ تەسىر قوزغىغان، تورداشلار ئىزدەپ يۈرۈپ كۆرگەن.بۈگۈن ماقالە خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئاسى ۋە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ يىقىندا خالاستان بىلوگىدا ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ. قىرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ، كىملىكى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن___ نەزەرى.

ئۆزىمىز ۋە ئۆزگىلەرنىڭ نەزەردىكى ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى
 يېقىندا ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلگەن تېكساسلىق جەرياننىڭ فەيىسبۇك(دوستلۇشۇش تورى) قا چىقىرىپ قويغان رەسىمىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. رەسىمدە ئۇ ئۆزىنى قارىمايدىن ئىزدەپ كېلىپ مىھمان قىلغان بىر توپقازاق قىزلارنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ قويۇپتۇ. قىزلارنىڭ كىينىشى ئامرىكىدىكى كېچىلىك كۇلۇبتا ئوينايدىغان قىزلاردىنمۇ بەكرەك ئامېرىكىچە ئىدى. جەيسېن ئەسلى ئۇلارنىڭ بىرسىنىڭ دوستى بىلەن تونۇشىدىكەن. بىۋاستە تونۇشمىغان كىشىلەرنىڭ بۇ قەدەر قىزغىن ئىزدەشلىرىگە ئانچە كۆنۈك بولمىغان بۇ بۇرادەر تولىمۇ ھەيران قالغانلىقىنى يېزىپتۇ. ئاق ھاراقنى ئۇ قىزلار بىلەن تەڭ ئىچەلمەي مەسخىرىگە قالغانلىقى ئۇنىڭغا بەك ئېغىر كەپتۇ. ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان قىزلارنىڭ ئوغۇلبالىچىلقنى ھاراق ئىچىش بىلەن ئۆلچىگىنى ئۇنىڭغا بەك تەسىر قىلىپتۇ. جەرياننىڭ يېزىشىچە ئون نەچچە قىزنىڭ شۇ بىر قانچە كۈن خەجلىگەن پۇلىنى ئۇ نەق بىر يىل خەجلەيدىكەن.
 ئۇخاتىرىسىنى مۇنداق داۋام قىلىپتۇ. “ بۇ يىل ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلاردىن تەلىيىمىز كېلىپ ئاران ئىككەيلەن ئۈرۈمچىدىكى ئېكىس ئۇنۋېرىستىتقا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش ئۈچۈن قوبۇل قىلىندۇق. مەن سېرىق چاچلىق ئامېرىكىلىق، يەنە بىرەيلەن قارا چاچلىق شەرقى ئاسىيالىقلار پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق ئېدىت. بىز بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن قىزلارنىڭ قورشاۋىدا قالدۇق. شەرقى ئاسىيا نەسىلىللىك ئامېرىكىلىق بۇرادەر تەلەيلىك چىقىپ بۇقورشاۋنىڭ سىرتىدا قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ چىرايىدىكى ئادەملەر بۇ يەردەكۆپكەن، شۇڭا ئۇنى ھېچكىم ئامېرىكىلىق دەپ ”ھۇجۇم“ غا ئۆتمىدى. مەن بۇ قورشاۋدىنقاچقانچە چىقالماي قالدىم. قازاق قىزلار كىرىدۇ، ساڭا قازاقچە ئۆگىتىمىز بۇ دېگەن دۆلەت تىلى، مۇشۇ تىلنى ئۆگەنسەڭ ئەس قاتىدۇ، خەنزۇچە ئۆگەنسەڭمۇ بىز تەييار دەپ،خەنزۇ قىزلار كىرىدۇ، نېمە قىلىسەن ئۇيغۇرچە ئۆگىنىپ، ئۇيغۇرتىلى ئىشلىمەيدۇ، بىزدىن بىراقلا خەنزۇچە ئۆگەن دەپ، ئۇيغۇرقىزلار كىرىدۇ، ھەقسىز ئۇيغۇرچە ئۆگىتىپ قويايلى دەپ…مېنىڭ خۇسۇسىي ھاياتىم يوقاپلا كەتتى. كۈندە ئولتۇرۇش، كۈندە جىر، كۈندە تانسا، كۈندە دىبا (قىزىق يېرى ئۇدىبا سۆزىنىڭ يېنىغا كېچىلىك كۇلۇپ دەپ يېزىپ قويۇپتۇ). ماڭا ئەڭ غەلىتەتۇيۇلغىنى نەچچە سائەت يول مېڭىپ قارىمايدىن كەلگەن قازاق، ئۇيغۇر قىزلار بولدى. ئۇلارئۈرۈمچىگە مەخسۇس نەچچە مىڭ پۇللۇق كىيىم ئالغىلى كېلىدىكەن. ھەر كەلگەندە چوقۇم بەش يۇلتۇزدىن تۆۋەن مېھمانخانىدا تۇرمايدىكەن. مەن شىنجاڭدەك نامرات يەردە مۇنداق بايلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم. دەسلەپتە ماڭا ئويۇندەك تۇيۇلۇپ كارىم بولمىدى. ئۇلاربىلەن ”بىخەتەر“ ئارىلىشىۋەردىم. بارا-بارا بۇنداق چەكلىمىسىز تۇرمۇشتىن زېرىكتىم.بۇنداق ھاياتنىڭ، بۇنداق قىزلارنىڭ تەمىدىن تويۇشقا باشلىدىم. كۆزۈمگە خەنسۇمۇ،قازاقمۇ، ئۇيغۇرمۇ ئوخشاش تۇيۇلۇپ كەتتى. مەن شۇنىڭغا ھەيران مېنى قارىمايدىن ئىزدەپ كېلىپ ھارمايدىغان قىزلارنىڭ بۈگۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئەرتىسى بۇنىڭ بىلەن ئارىلاشسام نېمىشقا ئاچچىقى كەلمەيدىغاندۇ. قىزىق يېرى بۈگۈنى بىر دوستىنى باشلاپ كەلگەن قىز ئۇنى يولغا سالسام يەنە بىرىنى باشلاپ كېلىدۇ، مۇشۇنداقمۇ غەلىتىلىك بولامدۇ. ئۇلار بىلەن ئىچكەن ھاراقنى، تۈنىگەن كېچىلەرنى ئويلىسام قۇسقۇم كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ساددىلىقىغا ھەيران قالىسەن. ئۇلارنىڭ بىرلا مەقسىدى بار،ماڭا خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ياكى قازاقچە ئۆگەتمەكچى بولغان قىز مېنى ئامېرىكىغا ئېلىپ كېتىدۇ دەپ تاما قىلىدۇ. مەن سەل ئۇزاقراق ئارىلاشقانلىرىمغا دەپ قويدۇم،ئامېرىلىكلىقللارنىڭ بۇنداق ھىسسىياتنى سودىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۆچلىكىنى، بىلمىدىم ئۇلار راستىنلا چۈشەنمەمدۇ، ياكى چۈشەنسىمۇ ئۇلارنىڭ باشقا بىر خۇمارى بارمۇ بىلگىلى بولمايدۇ.
 مەن ئۈرۈمچىدە ئىككى ئاي تۇرۇپ قارىمايغا بەش ئالتە قىېتىم چىقتىم. مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى 80- يىللاردا چوڭ بولغان ئۇيغۇر ۋە قازاق قىزلاردىكى چەتئەل مەستانىلىقى بولدى. ئۇلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى مانچە بالام چەتئەلدەدېگەننى بەكمۇ ئۇرغۇلۇق قىلىپ مەغرۇر سۆزلەيدىكەن، ئۇلارچە بۇ غەلىبىدىن دېرەك بەرسە كېرەك. قىز ئۇغۇللار چەتئەللىكلەر(ئۇلارنىڭ ئېڭىدىكى چەتئەللىلەرياۋۇپالىقلار ياكى ياۋرۇپا چىرايدىكىلەرنى كۆرسىتىدىكەن) بىلەن بىللە ماڭغاننى ئالاھىدە بىرخىل سالاھىيەت ھىساپلايدىكەن. قىزىق يېرى ئۈرۈمچىدە ئامېرىكا، پىرانسىيە، كانادا،ئاۋېستىرالىيە، گېرمانىيە، شىۋىتسىيە، گوللاندىيە قىزغىنلىقى بار ئىكەن. بىردوستۇمنىڭ دېيىشىچە ئۈرۈمچى ۋە قارىمايدا يۇقىرىقى دۆلەتتىكى بىر يىگىت بىرەر قىزبىلەن تويلۇشۇپ ئېلىپ چىقىپ كېتەلىسە قىزلار تويلۇق ئالمايدىكەن، قىزنى ئاتا ئانىسى كىرا قىلىپ يولغا سېلىپ قويىدىكەن. مەنمۇ قەشقەرلىك بىر يىگىتنىڭ تويىغا قاتناشتىم،ئۇ ياپۇنىيەگە ئېلىپ چىقىش شەرتى بىلەن قىزغا تويلۇق بەرمەيدىغانغا پۈتۈشۈپتۇ. مېنىڭ ھەيران قالغىنىم، مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن قازاق بولسۇن بۇلار مۇسۇلمان، مەن ئىسلامدا تويلۇقنىڭ چوقۇم بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلىمەن. ئۇلارنى بۇ مۇقەدەس دىنى ئەھكاملىرىدىنمۇ تاندۇرۇپ چەتئەلگە تەلپۈندۈرىۋاتقان نەرسىنىڭ نېمىلىكى ماڭا مۇھىم بىر تەتقىقات تېمىسى بولۇپ تۇيۇلدى.“
 مەن بۇنداق قىزلارنى تۈركىيەدىمۇ كۆرگەن. تۈركىيەدە بۇنداق قىزلارنىڭ ھالى تېخىمۇ ئۆزگىچە. ۋەتەندىن توردا تونۇشقان يىگىتنى دەپ چىققان بۇ قىزلارنىڭ تەلىيى بارلىرى رەسمىي توي خېتى ئېلىپ قانۇنلۇق بىللە ياشايدۇ. يەنە بىر قىسمى نىكاھلىقلا بولۇپ قانۇنىي كاپالەتىسز ھاياتنى مەجبۇرى داۋام قىلىدۇ، ھەتتا بەزىلىرى ئىككىنچى نىكاھلىق خوتۇن بولۇپ قېقىلىپ سوقۇلىدۇ. ئارىمىزدىن ۋاقىتسىز كەتكەن بىر كىنو ئارتىسىنىڭ ئۇيغۇر گۈزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلغان قىزىنى ئەنقەرەدە ئىككىنچى خوتۇن ھالىتىدە ئۇچراتتىم. ئېرى بىرىنچى ئايالىنى تۇغقان يوقلاشقا ۋەتەنگە يولغا سېلىۋېتىپ بۇ قىزنى ئۈرۈمچىدىن ئەكىلىۋاپتۇ. بىرىنچى ئايالى قايتقاندىن كېيىن بۇ قىز ئىستانبولدىمۇ تۇرالماي ئەنقەرەگە يېنىپ كەپتۇ. مەن ئۇ ئارتىسنىڭ ئىتوت ۋە كىنولاردىكى رول ئېلىشىغا بەك قايىل بولغاچقا بۇ ئىشنى پەقەت ئۇنتالمىدىم. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن بايقىدىمكى ئۇيغۇر قىزلىرىدىن ئامېرىكىلىققا تېگىپ كەلگىنى خېلى باركەن، ئامېرىكىلىق قىزدىن ئۇيغۇرغا ياتلىق بولغان بىرسىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانلار يوقكەن. بۇلتۇر پاكىستانلىق بىر كىشى بىلەن توي قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ پاكىستاندا ئۆيدىن تۆت نارەسىدە بىلەن قوغلانغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدىم. مەن ياشىغان ئىچكىرىدكى شەھەردە بىز بىلەن يېقىن باردى كەلدى قىلىدىغان بەش ئايالنىڭ ئېرى خەنزۇ ئېدىت. بۇنى ئاز دېگەندەك ئۇنۋېرىستىتتىكى ياغلىقلىق قىزلارنىڭ تۇڭگان قارىلىرىغا ئەگىشىپ، خەنزۇۋان قىزلارنىڭ خەنزۇ يىگىتلەرنى قولتۇقلاپ ئوقۇشنىمۇ پۈتتۈرمەي كېتىپ قالىدىغان ئىشلاغا شاھىد بولدۇم. ئۈرۈمچىگە قايتقان بىر تەتىلىدە ئايدەك چىرايىنى چەگكەن ياغلىقى نۇرلاندۇرىۋەتكەن قىزلارنىڭ ئەرەبچە كۇرۇسلارغا كىرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئەمما بىر داڭلىق ئۇيغۇر زىيالىسىدىن ”ئۇ قىزلار ئەرەب دۆلەتلىرىگە ياتلىق بولۇش ئۈچۈن ئەرەبچە ئۆگىنىدىكەن“ دېگىنىنى ئاڭلىدىم. (بۇ قاراشقا قوشۇلۇشقا ئاساسىم يوق). نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟ قىزلىرىمىز نېمىشقا ياتنىڭ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ؟
 1. ياتقا مايىل قىزلارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرى
 مەن خەنچە ئوقۇغان بىر سىنىپقا ئىككى يىلغا يېقىن دەرس ئۆتكەن. شۇ سىنىپتىكى خەنزۇ يىگىتلىرىگە مايىل قىزلارنىڭ مۇنداق جاۋاپلارنى بەرگەنلىكى ئېسىمدە. ”ئۇيغۇر يىگىتلەر قوپال، قىزلارنى تۆۋەن كۆرىدۇ، خوتۇنىنى ئۇرالىغاننى ھەقىقى ئەرلىكنىڭ بەلگىسى دەپ بىلىدۇ، ھۆكۈمران بولۇۋالىدۇ، ئىددىيىسى خۇراپىي، نەزەر دائىرىسى كەڭ ئەمەس، ياۋايى…“
 خەنزۇغا تەگكەن ئاسپىرانت قىزنىڭ ھىكايسى
 ”مەن قاغىلىقتىن، بىز تۆت ئاچا سىڭىل. مەندىن چوڭ ئۈچ ئاچام ئۇيغۇر بىلەن توي قىلغان. ئىككىسى بىردىن بالىسى بىلەن ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتتى. بىرسى پەقەت ئىككى بالىسىنى دەپلا چىداپ ياشاۋاتىدۇ. ئېرى ئۆي ئىشلىرىغا قەتئى قاراشمايدۇ، ئىقتىسادنى ئېرى باشقۇرىدۇ، خالىغانچە بۇزۇپ چاچىدۇ، ھاراق ئىچىپ ئاچامنى ئۇرىدۇ. خىزمەتنى ئاچاممۇ ئوخشاش قىلىدۇ، پۇلنى ئاچاممۇ ئوخشاش تاپىدۇ، لېكىن ئۆينىڭ بارلىق يۈكى پەقەت ئاچامغىلا قاراشلىق. ئاتا-ئاناممۇ بالىسى بار دەپ ئاجرىشىشقا قوشۇلمايدۇ. شۇڭا خەنزۇ بىلەن توي قىلىشىمغا ئاتا-ئاناممۇ رازى.“
 ئۇ قىزغا مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئاياللار ھەتتا خەنزۇغا تەگكەن بىر ئايالمۇ قوشۇلۇپ نەسىھەت قىلغانمىش، لېكىن كار قىلمىدى. مەن ئۇ قىز بىلەن خېلى جىق پاراڭلاشقان ئۇنىڭ ساپالىق بىر قىزلىقىنى بىلىمەن. ئارزۇلىرى شۇ ياشتىكى خېلى خېلى قىزلاردا يوق ئېدىت. لېكىن ئالى مەكتەپتىن تارتىپ ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىنى تۈگەتىپ تويلاشقىچە يىگىتى بىلەن بىللە يېتىپ قوپۇپ يۈرۈشكەنمىش.
 ئۇيغۇرغا تەگكەن ئايالنىڭ قارىشى
 ياپۇنىيەنىڭ بىر تېلۋىزىيە ئىستانسىسىدە كۆرسۈتۈلگەن ھۆججەتلىك فىلىمدە بىر ئۇيغۇر دېھقان ئايال ”ئۇيغۇرغا تەگسە مۇشۇنداق ھەم ئېتىزدا ئەر بىلەن تەڭ ئىشلەپ، ئۆيگە كېلىپ ئەرنىڭ قوسقىنى بېقىپ، بالا بېقىپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ، ئەركىىشىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ، قېينى ئانا قېينى ئاتىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ مۇشۇنداق قېرىپ كېتىدىغان گەپ، خەنزۇغا تەگسە سىزگە ئوخشاش ئاپئاق، چىرايلىق تۇرۇدىغان گەپ…“
 2. ياتلارنىڭ چۈشەندۈرۈشى
 ئۇيغۇر قىزغا ئاشىق بولغان خەنزۇ
 مەن ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى ھەققىدە قەشقەردە بىر تونۇش خەنسۇدىن سورۇدۇم. ئۇنىڭ بىر ئۇيغۇر قىزىغا شاپاشلاپ يۈرگىنىدىن خەۋىرىم بار ئېدىت. ئۇ ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى. ”سىلەر ئۇيغۇرلار ئاياللىرىڭلارنى تەڭ كۆرمەيسىلەر. مېنىڭ بايقىغىنىم ئۇيغۇر ئاياللىرى ئېرىدىن ئاشقان تاماقنى يەيدىكەن، لېكىن ئۇيغۇر ئەرلىرى خوتۇنىدىن ئاشقان تاماقنى يىمەيدىكەن. ئۇيغۇر ئەرلىرى بىر يەرگە بارسا خوتۇنىغا دەپ قويمايدىكەن، لېكىن خوتۇنىنى بىسوراق ھىچ يەرگە چىققىلى قويمايدىكەن. ئۇيغۇر ئەرلىرى ئولتۇرۇشتا ھاراق ئىچىدۇ، لېكىن ئاياللىرىنى پىۋا ئىچكىلىمۇ قويمايدۇ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئەرلىرىلا باشقۇرمايدۇ، ئەرنىڭ ئاتا-ئانا ۋە قېرىنداشلىرى تەڭ باشقۇرىدۇ.“
 خەنزۇ زىيالىسىنىڭ چۈشەندۈرىشى
 ”ئۇيغۇر ئەرلىرى قوپال، بىر ئاز ياۋايى، خەنزۇ ئەرلىرى مۇلايىم، مەدەنىي. ئۇيغۇر ئاياللىرى چىرايلىق، ھەم چىرايلىق يۈرۈشكە ئالاھىدە ئامراق، ئۇيغۇر ئەرلىرىدە بۇنى قامدىغۇدەك يېتەرلىك پۇل ۋە بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگىدەك مەدەنىيىلىك يوق. ئۇيغۇر ئەرلىرى خوتۇنىغا گېرىم بويۇملىرى ئېلىپ بەرگەننى نومۇس بىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى پەدەزگە ئامراق. مەن ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ”خوتۇنۇڭغا ئوسما ئېلىپ بېرەرسەن“ دەپ تىللاشقىنىنى ئاڭلىغان. ئازادلىق ئارمىيە خوتەنگە بارغاندا كوچىلارنى سۈپۈرۈپ، ئەپكەش بىلەن سۇ توشۇپ، تېزەك تېرىپ، ئوت قالاپ يۈرگەندە ئۇيغۇر ئاياللىرى ‘خەنزۇغا تەگكەن خوتۇن خانىشتەك ياشايدىغان ئوخشايدۇ’ دەپ قالغانىكەن.“ بۇ كىشى ئۇيغۇرچە بىلىدۇ. ئىچكىرىدكى ئۇيغۇرلار كۆپرەك مەلۇم ئالى مەكتەپتە پروففېسسور. يۇقارقىلاردىن باشقا چالا پۇلا يازمىلار ۋە كۆزىتىشلەردىن ئۇيغۇر قىزلىرى ”جوڭگۇدا كەم ئۇچرايدىغان ئوتتۇرا شەرق مۇسۇلمان دىلبەرلەر“(م، ئۇيغۇر قىزلىرى ئىچكىرىدكى رىستۇرانلاردا ئەرەبلەردەك كىندىكىنى ئېچىپ، يۈزىنى يېپىپ قورساق، كاسا ئاتىدىغان ئۇسۇلغا سېلىنىدۇ. ئېنىقكى بۇ ئەرەب رەققاسلىرىنىڭ كىيىنىش شەكلى، ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغاچقا، خەنسۇلار مۇسۇلمان دېسە ئەرەبلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردىدىغان، شۇ ياغلىق قاپاقنى ئۇيغۇرلارغا كەيدۈرىدىغان گەپكەن.) يىپەك يولىغا ئائىت بۇددىزم رەسىملىرى ۋە مىڭ ئۆيلەردە تەسۋىرلەنگەن ھىندۇ-پارىس گۈزەللىرى“، مىڭ بىر كېچەدە تەسۋىرلەنگەندەك، ”سىرلىق قەسىرگە بەنت قىلىنغان ئەركىنلىككە تەشنا ساھىپجاماللار، ”، ”ھىسسىياتچان، ئىشرەتخور، ئوچۇق ( ھەتتا قوپالراق دېسەك ئىشتان بېغى بوش) ياۋا گۈللەر“. مەن بۇلارنى 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا خەنزۇچە تورلاردىكى يازمىلاردىن ۋە پاراڭلاردىن بايقىغان. ئەمما ئۇزاققا قالماي، ئۇنداق مەزمۇندىكى تورلار ۋە مەزمۇنلار ئېچىلماس بولدى. مەن 2009-يىلى تومۇزدىن كېيىن بىرقىسىم خەنزۇچە توربەتلەردە تەلۋىلەرنىڭ ”ئۇيغۇر جىنىسبازلىرى ۋە قىزلىرىنى زوراۋانلىق، ياۋايىلىق ۋە زۇلۇمدىن ئازات قىلايلى“ دېگەن شۇئارلارنى كۆرۈپ ئەجەپلەنمىدىم. بۇ پەقەت شەھۋانى تورلاردىكى ”شىنجاڭ(ئۇيغۇر) قىزلىرى“ ھەققىدىكى تېمىلاردا تولا دېيلگەن گەپلەرنىڭ ئازاراق سىلىقلاشتۇرۇلۇشى ئېدىت. ئىچكىرىدىكى چاغلىرىمدا بىر خەنزۇ ئايال مۇئەللىم بىلەن ئۇيغۇر ماقال-تەمسىللىرى ھەققىدە تېما ئىشلىدۇق. گەپ ماقاللاردىكى مەدەنىيەت ھەققدە سۆز بولۇۋېدى، ”ئۇيغۇر قىزلىرى خەنزۇ قىزلىرىدىن بەكرەك ئوچۇق، ئىشرەتخور، شىنجاڭ دېگەندە ئادەم ئاز يەر كەڭ بولغاچقا ئەر ئاياللار مۇناسىۋىتىگە دائىر تەقىب ۋە توساقلار خەنزۇ جەمئىيىتىدىكىگە قارىغاندا ئاز…“ دەپ قالدى. يۇقىرىقى مەزمۇننى ئىسپاتلايدىغان ماقاللارنى تېپىپ بېرەرمىشمەن. مەن ئۇنىڭغا بۇ گېپىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم. بىللە يازغان ماقالىمىز نەشىردىن چىققاندا قارىسام يەنىلا ”ئۇيغۇر قىزلىرى كۆڭلىنى ئەرلەرگە بايان قىلالايدۇ، خەنزۇ قىزلىرىدىن كۆپ ئوچۇق“ دەپ يېزىپتۇ، ھىچ ئاساس كۆرسەتمەي. 2009-يىلنىڭ ئاخىرىدا غۇلجىدا ئون نەچچە يىل تۇرغان مەشھۇر يازغۇچى ۋاڭمىڭ بىر خەنچە پروگراممىدا ”ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە يۈرەكلىك، ئوچۇق“ دەپ ئاتايىن دەپ ئۆتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن شەخسىي مەتبۇئاتى يوق. ئۇيغۇر ئاۋامنىڭ چىن ھالىتىنى پەدەزسىز، تەرەپسىز، ئالدىن بېكىتىلگەن پىلان مەقسەتسىز ئايان قىلغان نوپۇزلۇق ھۆججەتلىك فىلىملەر تېخى بارلىققا كەلمىدى. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى ھەققىدىكى يۇقىرىقى تەرەپباز، خىيالىي، بۇرمىلانغان، جىنسىيلەشتۈرۈلگەن، جىسىملاشتۇرۇلغان قاراشلار ئۇيغۇرقىزلىرىنىڭ ئۇسۇللۇق بەدىنى سەھنىدە ئومۇملاشقانچە تېخىمۇ ئومۇملىشىدۇ.
 بۇلار مەن بۇرۇن كۆرۈشكەن كىشىلەر، ئوقۇغان يازمىلار ۋە ئاڭلىغان ئىشلارنىڭ ئېسىمدە قالغانلىرى. بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە يېزىش ئىستىكىم بولمىغاچقا ھازىرلىقسىز بولغاچ مۇشۇنچىلىك يازاي. ئامېرىكلىق ئەرلەرنىڭ بۇ مەسىلگە قانداق قارايدىغانقىنى بىلىشكە ئىمكانىم بولمىدى. جەرياننىڭ ئېيتقانلىرى بىرەر ئېنىق مەسىلىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. ناۋادا ئوقۇرمەنلەر بۇ تېمىغا زىيادە قىزىقسا ئىھتىياجغا قاراپ يەنە داۋاملىق كۈزۈتۈپ داۋاملاشتۇرۇپ يېزىشىم مۇمكىن.
 3. مەن قانداق يېشىمەن؟
 ئومۇملاشتۇرغاندا يات ئەرلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇيغۇر قىزلىرى ئېچىلمىغان بوزلۇق، تەرەققىياتقا، زامانىۋىيلىققا، مەدەنىيلەشتۈرۈشكە، ئازاد قىلىنىشقا مۇھتاج بىر كوللكتىپ. ئۇلار خوراپىي، ياۋايى، زوراۋان، ھورۇن، نامرات ئەرلەرنىڭ قولىدا قول، ئويۇنچۇق بولماقتا. بۇ نۇقتلاردا ياتلارنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇر قىزلار كۆرۈنمەس ۋە سانىغۇسىز بىر توپ ئەمەس، بەلكى كونكىرىت بىر جىسىم. يەنى ئىگىلىۋېلىنغان كونكىرىت بىر شەيئى. ئۇلار نائىنىق بىر توپنى كونكىرىت بىر گەۋدە سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. بۇ گەۋدە گۈزەل، جەلپكار، بېسىۋېلىغان، بۇ گەۋدە ئەڭ موھىمى ”ئايال“. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئۆزلىرى قۇتقازغۇچى، ئىسلاھاتچى. ئۇيغۇر قىزلىرى زامانىۋىيلىققا مۇھتاج، قىزلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن ۋە تېنىدىن ”زامانىۋىيلىق“ قا ئېرىشىدۇ. ئوزلىرىچە ئۇلار مەدەنىي، باي، يۇقۇرى تەربىيەلىك تەبىقە، قىزلارنىڭ ئۇلارغا ئېرىشىشى مەدەنىيەتكە، سالاھىيەتكە، بايلىققا ئېرشىكىنى. قەشقەردە بىر ئۇيغۇر گۈزىلىگە بىر قانچە خەن خىزمەتدېشى ”سەن ئىچكىرىگە ھىچ بولمىغاندا ئۈرۈمچىگە كەتكەن بولساڭ شىياڭگاڭلىق زەردارلارغا ئەرمەك بولغۇدەك پۇرسىتىڭ بار ئېىدى“ دېگەننى نەچچە قېتىم دەپتۇ. بۇنىڭدىن شۇنى بىلىش مۇمكىنكى ئۇلارچە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ گۈزەللىكى زەردارغا مەنسۇپ. جامائەت پىكرىنى باشلىيالايدىغانلار بايلارۋە ئۇلارغا پاس چىقىرىپ جان باقىدىغان ئەمەلدار ۋە قەلەمدارلار. ئۇلار ساياھەتكە كېلىشىدۇ. مەقسىدى رىقابەت كەسكىن ، تۇرمۇش جىددىي ۋە ھەممە نەرسە تاۋارلاشقان جەمئىيەتنىڭ بېسىملىرىدىن قېچىش. ئىزدەيدىغىنى يۇقۇرى ئىستىماللىق قىممەت رايۇنىدا ئېرشەلمەيدىغان نىسبەتەن ئەرزان ”مۇلازىمەت“لەر، زامانىۋىيلىقتىن مۇستەسنا يوچۇن جەمئىيەت ۋە بۇ جەمئىيەتتىكى ”ئىپتىدائى“ كىشىلەر. يەنە بىرى ئۇلار ئۆزلىرىنى 21-ئەسىردىكى ئىلغار دەۋىرگە مەنسۇپ دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ زامان چېكىنى بۇزۇپ ئوتتۇرا ئەسىر تۇرمۇشىنى ياشاۋاتقان كىشىلەرنى سەيلە قىلىپ ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئالغا كەتكەنلىكىدىن ھوزۇرلانغۇسى كېلىدۇ. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ قېچىۋاتقىنى تەرەققىي ماكان ۋە ئۇچۇرلاشقان زامان. چىگراغا جايلاشقان، قويۇق ئىسلام مەدەنىيەت پۇرىقىغا تولغان بۇ زېمىن ئۇلارنىڭ شىرىن خىياللىرىغا مەلھەم بولىدۇ. ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بازانىڭ ئىچكىرىلىك زەردارلار تەرىپىدىن قويۇق ئۇيغۇر بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنىشى دەل شۇ شىرىن چۈشنى رىياللاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر.
 ئەمدى جەرياننىڭ يازمىسىدىكى چەتئەل خۇمارلىققا كەلسەك بۇ يەردە بىز ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ يۇقاردا دەپ ئۆتكەن زەردارلارنىڭ شىرىن چۈشىگە ماسلىشىۋاتقان كۆرۈنىشىنى كۆرمەي قالمايمىز. قىزلىرىمىز زامانىۋىيلىققا، بايلىققا، ئىلغارلىققا تەلپۈنىدۇ. ئۇلارمۇ ئۆزى ياشاۋاتقان خۇراپىي، قالاق، كونتروللۇق جەمئىيەتتىن تەرەققىي ماكانغا، يېڭى دەۋرگە قاچساق دەيدۇ. بايلىق ۋە تەرەققىياتتىن كەلگەنلەرمۇ تۇرۇۋاتقان تاۋارلاشقان ماكانى ۋە ماشنىلاشقان زامانىدىن قاچساق دەيدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئارزۇسى قاتناش بىر قەدەر قولاي، ئۇچرۇشۇشقا بىخەتەر ۋە مەدەنىيەت چەكلىمىلىرىدىن بىر قەدەرخالى بولغان ئۈرۈمچى، قاراماي قاتارلىق ئارا بەلۋاغدا قوشۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ قوشۇلىشىنى ئىككىلا تەرەپنىڭ مەدەنىيىتى قوللاپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن، مەن تۇرغان شەھەردىكى خەنسۇلارنىڭ نەزەرىدە ”ئۇيغۇرلار ئېرىنىڭ پۇلىنى دەپ ئەگىشىپ كەلگەنلەر“. ئامېرىكىدىكى يەرلىكلەرمۇ ”چەتئەللىك قىزلار ئامېرىكلىق بولۇش ئۈچۈنلا بۇ يەرگە ياتلىق بولىدۇ“دەپ قارايدۇ. شۇڭا رەسمىي توي قىلىشقا قارىغانداق مۇنداق سەييارە قۇشۇلۇش بەكرەك ئومۇملاشقان. بۇنىڭدا ۋاقىتلىق بولۇش، بەدەللىك بولۇش، مەخپىي بولۇش ئاساسلىق ئالاھىدىلىك. ئۇلار ئۆز مەدەنىيەتلىرىدە قوشۇلۇش ئەركىنلىكى ۋە ھالاۋىتىنى تولۇق سۈرەلمىگەچ ھەر ئىككىلا مەدەنىيەتكە تولۇق تەۋە بولمىغان بىر ئارا رايۇنغا مۇھتاج. ئۈرۈمچى، قارامايلار ئۇلار ئۈچۈن غايىۋى ئارا بەلۋاغ بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ساياھەتچىلىك، مەبلەغ سېلىش، ئېچىش تۈرلىرى بۇنداق بەلۋاغلارنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە كەڭەيتمەكتە. بۇ ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ خەقلەرنىڭ ئىشتىھاسىغا تېخىمۇ ماسلىشىشقا مەجبۇر بولۇشىنى ياكى ئخىتىيار قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى ئىھتىياجغا قاراپ تاۋارنىڭ سۈپىتىدە ئۆزگىرىش بولۇشى چوقۇم. ئۇيغۇر ئەرلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەلەپلەر دائىرىسىدە پائالىيەت قىلىشىنى شەرت قىلىدۇ، لېكىن شارائىت يارىتالمايدۇ. يات ئەرلەر ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ئىھتىياجلىرىنى يېڭىلايدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.
 خاتىمە ئورنىدا
 بۇ بۆلەكنى يازماق ماڭا بەك تەرس كەلدى. ئوقۇرمەنلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈشنى پەقەت خالىمايدىغىنىم ئۈچۈن نەچچە ۋاز كەچتىم. ئۇيغۇرلاردا ئالقىشلانغان ئادىل مىجتنىڭ ھېلىقى“ئۆلچەملىك“ ئەر ھەققىدىكى ئىتوتىنى كۆرۈپ جىق ئويلۇدۇم. ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۈگۈنكى ئائىلە كىرزىسى، ئەخلاق كىرزىسىنىڭ جاۋابىنى ئەجداتلارنىڭ يولىدىن ئىزدەۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلدىم. نەزەرىيە جەھەتتىن تەبىئى شۇنداق بولاتتى. ئەمما شۇنى دېگۈم بار، بىز ياشاۋاتقان دەۋىر ئەجدادتلىرىمىز ياشىغان جىسمانى كۈچ دەۋرى ئەمەس. جىسمانى قۇۋۋەت ۋە ئەر ئاياللارنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق ئايرىلغان دەۋىرنىڭ مەھسۇلى بولغان ئۆلچەملىك ئەر ۋە ئايال ھەققىدىكى ئۇدۇملىرىمىز دەۋرىمىز رىياللىقىغا ماس كەلمەۋاتىدۇ، شۇڭا قوغۇدايمىز دېگەنچە يىمىرىلمەكتە. بۇنى بىر قانچە ئېتوت يېزىپ تۈزىگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە بىزنىڭ مەسچىتلىرىمىز، دەرسخانىلىرىمىز، مۇنبەرلرىمىز ئەرلەرنىڭ قولىدا بولغاچقا ”بۇزۇلۇش“ دېگەن گەپ چىقسىلا ئۇلارنىڭ كۆزىگە قارشى قۇتۇپ ئاياللار كېلىۋالىدۇ، بارچە گۇناھ ئاياللاغا دۆڭگىلىدۇ، مەنچە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ رىياللىقى ئەرلىك نۇقتىنەزەرنىڭ، ئەرلىك بىر تەرەپلىمىلىكنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ ئۇزاق داۋاملاشسا ئاياللارنىڭ باشقا ماكان ۋە زامانغا ۋە شۇ قۇتۇپقا مەنسۇپ ياتلارغا تەلپۈنىشى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ.
 مەن 2005-يىلى بىر سىنىپقا دەرس ئۆتۈۋېتىپ مۇناسىۋەتلىك بىر تېكىستكە باغلاپ ئوغۇللاردىن “ خىزمىتى يوق بىر قىزغا ئۆيلىنەمسىز؟“ دەپ سوراپ باققانتىم. يىگىرمە نەچچە يىگىتتىن بىرسىمۇ مەن كۈتكەن “ مېنىڭ سۆيىدىغىنىم خىزمەت ئەمەس، ئىنسان“ دېگەن سۆزنى دېيەلمىدى. ”قىزلار بۇزۇلۇپ كەتتى“، ئاياللىرىمىز يالىڭاچلىنىپ كەتتى“ دەپ ئاغزىدىن كۆپۈك قانينىتىپ سۆزلەۋاتقان سەللىلىك خاتىپ، گالىستۇكلۇق ئوقۇتقۇچى، پاينەكباش يازغۇچىلارغا دېگۈم كېلىدۇ، ئۇلارنى بۇزۇۋاتقان، يالىڭاچلاۋاتقان سەۋەبلەر زادى نېمە؟ 

يۇقاردا گۈلەن ئەپەندىنىڭ ئېسىل مۇلاھىزىلىرىدىن كۆردۇق.

خوش، ئەقىللىق ئوقۇرمەن ۋىجدانى سوراققا قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلىپ بولدى.

[Gulan]«ئامېركىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار»نىڭ داۋامى_قىيىنچىلىقنىڭ قۇدىرتى ۋە غالىپلىق

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! خالاستان بىلوگىنىڭ قەدىرلىك ئوقۇرمەنى. بۇ ماقالە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ يىقىندا خالاستان بىلوگىدا ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ. ___ نەزەرى.

1.غەلىبە نەدىن باشلانغان؟
- ئىچكىرىدە ئوقۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەتتىكى ئىچكى ئېنىرگىيە
بىر قانچە يىل بۇرۇن “ئىچكىرىدە ئوقۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەتتىكى ئىچكى ئېنىرگىيە” دېگەن بىر تېمىدا لېكسىيە سۆزلىمەكچى بولغانلىقىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن بۇ ھەقتە ئويلاشقۇچى بولمىغانىدىم. يېقىندا ئىچكىرىدىكى بىر ئالى مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ شۇ يىلى ئامېرىكىدىكى بىر ئالى مەكتەپنىڭ پىزىكا پاكۇلتىتىغا تولۇق مۇكاپات بىلەن بوبۇل قىلىنغان بىر ئىنىمىزنىڭ دوستىدىن ئالغان خوش خەۋىرى مېنى بۇ تېمىغا باشلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە 2009-يىلى ئۇنىڭغا مەكتەپداش ئىككى ئۇيغۇر يىگىت ئامېرىكىغا بىرئۇيغۇر قىز كورىيەگە ئوقۇشقا ماڭغانىكەن. بۇيىل ئۈچ مەكتەبداش ئۇيغۇر (ئىككى ئوغۇل بىر قىز) بىراقلا ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرىگە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىپتۇ. ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇشى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدا ئوقۇغانلاردىن جىق بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم. ئەمما ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئانچە كۆپ بولمىغان، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئانچە بەك تونۇش بولمىغان بىر شەھەردىن بىراقلا پارلىغان يۇلتۇزدەك ھەممىمزنى ئىپتىخارغا چۈمدۈرگەن ياشلارنىڭ چىقىشى مېنى بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئويلاتقۇزدى. شۇلارنىڭ بىرى بولغان ھېلىقى ئىنىمىز بىلەن بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئاكا-ئىنىدەك ئۆتۈۋاتقاچقا بۇ ھەقتە پاراڭلاشتىم. ئىچكىرىدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغان ئېلخەتلىرى ھەققىدىمۇ ئويلۇدۇم، ھەم ئۆزەممۇ ئىچكىرىدىكى مەلۇم ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان ۋە شۇ يەردىكى بىر ئالى مەكتەپتە ئالتە يىلدىن ئارتۇق ئىشلىگەن بولغاچقا ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ غالىپلار سېپىگە بۇرۇنراق قېتىلىشىدىكى مەنىۋىي ئېنىرگىيە ۋە سىرلار ھەققىدە مۇنداق ئويلارغا كەلدىم.

داۋاملىق ئوقۇش

بۇ ماقالە گۈلەن ئەپەندى نامىدا ئوكيان تورىغا يوللانغان. خالاستان بىلوگى گۈلەن ئەپەندى مەخسۇس سەھىپىسىگە ئىملا تۈزىتىشىتىن كىيىن يوللىدى.

ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ۋە باشقا ئاشقۇنلۇقلار

ئابدۇۋەلى ئايۇب

چەتئەلدىكى ھېكايە

غەربتىكى مەلۇم دۆلەتتە بىر قانچە ئۇيغۇر بىللە ئىشلەيدىكەن. ئارىدىكى بىرى خىزمەت ۋاقتىدا باشقا ئىشلارنى قىلىپ خىزمەت ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بىرى بۇ ئىشنى باشلىققا ئىنكاس قىلىپتۇ. نەتىجىدە ئىنكاسچى ئىدارىدە يەكلىنىپ قاپتۇ. بۇ ھەقتە مەن ئاڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ باھاسى مۇنداق بولدى. ”ھەممەيلەن ئۇيغۇر تۇرسا نېمە قىلىدۇ دوكلات قىلىپ؟“، ”مائاشنى خەق بېرىۋاتسا نېمە كارى؟“، ”باشلىقى ئۇيغۇر بولسىغۇ بىر گەپ، ئۇيغۇرنى ياتقا چاقتى دېگەن نېمە ئىش؟“

ئىچكىرىدىكى ھېكايە

بىر كۈنى دۆلەتلىك ئىنگىلىزچە ئىمتىھانغا نازارەتچى بولۇپ قالدىم، مەن بىلەن بىللە نازارەتچى بولغان مۇئەللىم“ بۇ سىنىپتا بىرمۇ ئۇيغۇر يوقكەن، بولغان بولسا ئىنگىلىزچىڭىزنىڭ ياردىمى تېگەتتىكەن ھە،“ دېدى. كۈلۈپ قويدۇم. ئىمتىھان يېرىملاشقاندا ھېلىقى مۇئەللىم نوقۇپ قالدى، قارىسام بىر ئۇيغۇر بالا بىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرۇپ ئىمتىھاننىڭ ماقالە قىسمىنى كۆچۈرگىلى تۇرۇپتۇ. ئاچچىق مىڭەمگە تەپتى، ئوقتەك بېرىپ قەغىزىنى تارتىۋالدىم. ئىمتىھان تۈگىگەندىن كېيىن سەبدىشىم مەندىن رەنجىدى ”سىزنى بەك ئۇيغۇر بالىلارغا كۆيۈنىدۇ دەپ بىلەتتىم، سىز پەقەت ئابستراكىت ئۇيغۇرنى سۆيىدىكەنسىز، كونكرېت ئۇيغۇرنى سۆيمەيدىكەنسىز!“

ئۈرۈمچىدىكى ھېكايە

ئۇيغۇرلار تولىمۇ ئاز يېڭىشەھەر رايونىدا بىر ئوغرى تۇتۇلدى. تۇتقۇچىمۇ ئۇيغۇر ئوغرىمۇ ئۇيغۇر ئىدى. شۇ ئارىدا رايوننىڭ تازىلىقىنى قىلىدىغان بىر توپ تازىلىقچى ئۇيغۇر ئاياللار بۇ ئىشقا ئارىلاشتى ”ئاكا قاراڭ، بۇ بالىمۇ ئۇيغۇركەن، سىزمۇ ئۇيغۇر بولغاندىن قويۇپ بېرىڭە، ساۋاپ بولا، ھەممىمىز ئۇيغۇر ھەممىمىز مۇسۇلمان ئەمەسمۇ، يامان بولىدۇ، ھېلىمۇ كۈن ئالمىقىمىز تەس بولۇپ كەتتى“، نەتىجىدە ھېلىقى زىيان تارتقۇچى ئۇيغۇر كىشى خۇددى گۇناھكاردەك بەك ئوڭەيسىزلاندى ۋە ئوغرىنى قويۇۋەتتى.

بۇندىن باشقا ئىدارىدە، توردا ۋە گېزىت ژورناللاردا ئەگەر بىرسى ئۇيغۇرغا تونۇلغان بىرەر كىشىنىڭ خاتا سۆزلىرى، يازغانلىرىدىكى خاتالىقلار ۋە بىنورمال قىلىقلىرى ھەققىدە گەپ قىلسا دەرھاللا ”ئۇ دېگەن ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق ئالىمى، ئۇ دېگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پەخرى، سەن نېمە ئىش قىلغانغا ئۇنداق دەيسەن؟“ دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇنداق سۆھبەتلەر تورلاردا ئايىقى بېسىقماس زىددىيەتلىشىش بىلەن، تۇرمۇشتا جېدەل بىلەن تۈگەللىنىدۇ. بۇرۇن بۇ ئىشلار ماڭا بىر قارىسام ئۇيغۇر سۆيگۈسىدەك، يەنە بىر قارىسام ئۇيغۇرلۇقنى سۈيئىستىمال قىلىش ياكى دەسمايە قىلىپ پايدىلىنىشتەك تۇيۇلاتتى. ھازىر ئويلاپ باقسام بۇلار ئۇيغۇرلۇقنىڭ دەسمايە قىلىنىشى، نەپسى خاھشقا بوي سۇندۇرلىشى ئىكەن. ئۇيغۇرلۇقتىكى ئورتاق تارىخ، ئورتاق تىل، ئورتاق دىن، ئورتاق مەدەنىيەت، ئورتاق تەقدىر، ئورتاق كرىزىس ۋە ئورتاق شەرەپ كىشىلىرىمىزدىكى مەنىۋىي بىرلىكنىڭ ئاساسى بولغاندىن باشقا بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ سودا تىجارەت، پەيدا مەنپەئەت ۋە ھوقۇق ئىناۋەتلىرىدىكى دەسمايە ئىكەن. مېنىڭ چۈشەنمەيدىغىنىم ئۇيغۇرلۇقنىڭ بۇنداق دەسمايىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەر. مۇلاھىزەمگە كۆرە سەۋەبلەر ئىچىدە ھازىرچە مەن دېيەلەيدىغان سەۋەپ ئاشقۇنلۇق(رادىكال)تۇر. مەن بۇ يەردە تىلغا ئالغان ئاشقۇنلۇق بىز ئادەتتە تېلېۋىزور ۋە رادىيولاردا ئاڭلايدىغان سىياسىي ياكى خەلقئارا مەسىلىلىلەردىكى ئاشقۇنلۇق ئەمەس. مەن بۇ يەردە تىلغا ئالغان ئاشقۇنلۇق كونكرېت مەسىلىنىڭ، ھادىسىنىڭ ۋە شەيئىلەرنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرى، تۈزۈم-ئۆلچەملىرى، ئىلمىيلىك-مەنتىقىسىنى ئويلاشماي ھەمىشە مەلۇم خۇسۇسىي خاھىش، كۆنگەن تەپەككۇر، مىللىي ھېسسىيات ۋە مەلۇم ئىدولوگىيەنى ئۆلچەم قىلىپ پىكىر قىلىش ھەم ھەرىكەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندە مەن بۇ ئاشقۇنلۇقنى مۇنداق تۈرلەرگە ئايرىپ مۇلاھىزە قىلىمەن.

1. ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ئاشقۇنلىقى.
مىللەت سۆيگۈسى ئىنساندىكى تەبىئىى تۇيغۇ. بۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي پسىخىك ئېھتىياجى بولغان تەۋەلىك ئېھتىياجىدىن كەلگەن. بۇ مەنىدە ئۇيغۇرنى سۆيۈش يەنى ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ھەممىزدىكى ئورتاق تۇيغۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلۇقنى قانداق چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئاقىللىقنى ئۆلچەم قىلمىسا، بىر قىسىم تەييار تەپلارنىڭ ئارامگاھىغا، بىر قىسىم خاتا ھۆكۈم ۋە پىكىرلەرنىڭ پاناھگاھىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. يۇقىرىقى چەتئەل مىسالدا تىلغا ئېلىنغان خىزمەتتىكى ئۈنۈمنى قوغلاشماي يارىماس خىزمەتچىنى نەچچە يىل ئارىسىدا ئاسراپ قالغان ئۇيغۇر ئىشداشلارنىڭ قىلىۋاتقىنى مىللەتنى سۆيۈش ئەمەس پىرىنسىپسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىشىنى ساقلاپ قېلىش بەدىلىگە بىر توپ ئۇيغۇرنىڭ ئىشىنى ئاقسىتىش ئاقىللىق ئەمەس. ئەگەر شۇ بىرەيلەن سەۋەبلىك خىزمەتخانا تاقالسا بىز ئاياپ كەتكەن يۈز ھىچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيدۇ. ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ئاشقۇنلۇقىنىڭ زىيالىيلاردىكى ئىپادىسى؛ ”قۇربانجان تۇرەك ئۇيغۇردىن چىققان رېئاللىقتىكى ئەۋلىيا“ دېگەن ھۆكۈم، يالقۇن روزىنىڭ ”بېكخامدىن ئىشەك مۇھىم“ دېگەن ھۆكۈمى، قۇددۇس ھاپىزنىڭ ”ئۇيغۇر تىلى 21-ئەسىردە دۇنيا تىلى بولىدۇ،“ دېگەن ھۆكۈمى، ”قاسىم سىدىق ئۇيغۇرنى ئون يىلدىن كېيىن نوبىلغا ئېرىشتۈرىدۇ“ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا سەۋەب بولغان ۋە بۇ ھۆكۈملەرنى ئالقىشقا ئېرىشتۈرگەن ئامىل ئوخشاشلا ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ئاشقۇنلىقىدۇ. بۇ يەردە شەيئى ۋە ھادسىلەرنى ئۇيغۇرنىڭ مەنپەئەتى ۋە شەرىپى نۇقتىسىدىن باھالاش ھۆكۈم ئاساسى بولغان. ئەگەر بىز دۇنياغا مۇنداق ئۇيغۇرغا ياخشى بولسا ياخشى، مەنپەئەتسىز نەرسىنىڭ قىممىتى يوق، دېگەن نەزەردە باقساق، ئۇيغۇر بىلەن ئالاقىسىز بولغان نۇرغۇن نەرسىنى يوققا چىقىرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر مۇشۇ پېتىلا ئويلىساق ئۇيغۇر ئەجدادلار خىزىرغا ئايلىنىدۇ، ئۇيغۇر ئالىمى تەنقىدسىز بولىدۇ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتىسز قالىدۇ، ئۇيغۇر ئوغرىلار جازاسىز قالىدۇ، ئۇيغۇر پاسىقلار نەپرەتسىز قالىدۇ، نەتىجىدە يۇقىرىقى ھىكايەتلەر ئىجابىي ھادىسىگە ئايلىنىدۇ.

2. ئىلمىيلىك ئاشقۇنلۇقى
مەدەنىيەت (كۈلتۈر) ھادسىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىلىمگە ئۇيغۇن بولۇۋەرمەيدۇ. مەسىلەن ئات بىلەن ئېشەكنى مىسالغا ئالايلى. ئات ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋىچىلىق، ئوۋچىلىق، تېرىقچىلىق ۋە باغۋەنچىلىكنى بىرلەشتۈرگەن ئىگىلىك شەكلىدە ئىزچىل مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ھايۋان. ئەرلەرنىڭ جاسارىتىنى يېغىلىق دەۋرىدە جەڭدە، تېنچ زاماندا بەيگىدە، ئوغۇلاقتا ۋە ئاتتىكى جانبازلىق ماھارەتلىرىدە سىنغان بوۋىلىرىمىز ئاتقا ئالاھىدە مۇھەببەت باغلىغان. گەرچە ھازىر ئات تۇرمۇشىمىزدىن يىراقلاپ ئورنىنى ئېشەك، موتۇ، تراكتور، ماشىنا ئېگەللىگەن بولسىمۇ ئاتنىڭ مىللىي پىسخىكىمىزدىكى ئورنى يەنىلا ھەرقانداق مەخلۇققا سېلىشتۇرغۇسىزدۇر. ئىلىم جەھەتتىن قارىغاندا ئات بىلەن ئىشەك ۋە باشقا ھايۋاننىڭ باشقا ھايۋانلاردىن پەرقلىنىدىغان ”ئۇلۇغ“لىقىغا ئائىت پاكىت يوق. مەسىلەن ھىندىستانلىقلار كالىنى، تېبەتلەر بېلىقنى، خەنزۇلار كالىنى ياخشى كۆرىشىدۇ، ھەتتا چوقۇنىدۇ، بۇنىڭدىنمۇ ھىچ قانداق پەننىي پاكىت يوق، پەقەت مەدەنىيەتتىكى پەرق مەسىلىسى. بۇ يەردىكى پەرق ئەقىل-پەنگە چۈشىدىغان پەرق ئەمەس، مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىگە ياتىدىغان تۇيغۇدىكى پەرق. بۇنى توغرا چۈشەنمەي، يالقۇن روزىنىڭ ”ئۇيغۇرنى ئېشەك ئۈستىدىكى مىللەت دېمەي، نېمىشقا ئات ئۈستىدىكى مىللەت دەيمىز؟ ئېشەك بىزگە نېمە يامانلىق قىلدى؟“ دېيىشى ئاشقۇنلۇقتىن باشقا گەپ ئەمەس. ئاڭلىسام ”كرورەنلىك بالىلار“ دېگەن بالىلار روماندا قارغا ئىجابىي ئوبراز قىلىپ يېزىلىپتۇ. بۇ ھەقتە سورالغان سوئالغا ئاپتور ”قارغا ھىچ بىر يامان مەخلۇق ئەمەس…“ دېگەن مەنىدە چۈشەنچە بېرىپتۇ. توغرا، ئىلمىيلىك جەھەتتىن قارغا بىزگە ھىچ يامانلىق قىلغان يوق، ئېشەكمۇ شۇ، ئەمما بىر مىللەت يامان كۆرگەن نەرسىنىڭ ھەممىسىدە ئىلمىي سەۋەپ بولمايدۇ. بۇندىن باشقا بىر قىسىم كىشىلەر ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى، يېمەك ئىچمەكلەر ۋە مۇراسىملىرىدىكى ئاتالمىش ”ئىلغار، زامانىۋى“ مىللەتلەردە يوق تەركىبلەرنى ئىلمىي ئەمەس دەپ يامانلايدۇ. ھالبۇكى ھىچ كىم بىر مىللەت توغرا دەپ قارىغان نەرسىنى ئىلمىيلىك نۇقتىسىدىن ئىنكار قىلىپ غەلىبە قىلالمايدۇ. چوڭ غەلىبە قىلسا غالىبىيەت روھىغا بىر چۈمۈۋالىدۇ خالاس. بىر قىسىملار قارغا بىلەن ئېشەكنى قانچە مەدھىيەلىسىمۇ ئۇيغۇر تىلىدا ”قارغا بىلەن دوست بولساڭ يېيىشىڭ پوق“ ”قىلىقسىز ئېشەك“ دېگەن گەپلەر كەڭرى قوللۇنىلىۋېرىدۇ.

3. دىن ئاشقۇنلىقى
يېقىندا توردا مۇستاپا كامال ۋە سادام ھۈسەيىن ھەققىدە قىزىقارلىق مۇنازىرە بولدى. مۇنازىرە داۋامىدا سادام ”مۇسۇلمان“ بولغانلىقى سەۋەبلىك ئاقلاندى، مۇستاپا كامال بولسا ”دىنسىز“ غا چىقىرىلىپ قارىلاندى. ھەتتا سادامنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تەرەپدارى بولمىغانلار كاپىر، سادامغا ماھىللار ”مۇسۇلمان“ بولۇپ قالدى. شۇنچە ئۇزۇن تالاشقانلارنىڭ ئىچىدە سادامغا باھا بەرگۈدەك ئەرەبچە، مۇستاپا كامالنى قارىلىغۇدەك تۈركچە بىلىدىغان مۇنازىرىچىلەرنىڭ يوقلىقى مېنى ھەيران قىلدى. مۇنازىرىدە تالىشىۋاتقانلار مۇنازىرە ئوبيېكتىنىڭ كىملىكى، ھايات تارىخى، ئۇتۇق-ئۇتتۇرۇقلىرى بىر يەردە قېلىپ ئۇلارنىڭ دىنى باشتىن ئاخىر تالاشلارغا سەۋەپ بولدى. مېنىڭ ”ئامېرىكىچە قونداق ۋە ئۇيغۇرچە قەپەز“ دېگەن خاتىرەمگە ئىنكاس يازغان بىر ئانا بالىسىدىكى ئىزچىلسىزلىق، ئەخلەت يېمەكلىكلەرگە خۇمارلىق، تورخۇمارلىقى…قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەسىلىھەت بېرىشىمنى سوراپتۇ. مەن قايسى كىتابنى ئوقۇپ، قايسى ئۇسۇل بىلەن جاۋاپ بېرەرمەن دەپ ئويلاپ بولغىچە بىرەيلەن دىنىي تەربىيە بېرىشنى مەسىلىھەت سېلىپ ئۈلگۈرۈپتۇ. دۇنيادا تەننىڭ كېسىلىنى تېبابەت، روھنىڭ كېسىلىنى پىسخولوگىيە داۋالايدۇ. بۇ پەنلەرنىڭ ئىنساندىكى تۈرلۈك روھىي ۋە جىسمانى ساقسىزلىق ھەققىدە نەچچە يۈز يىللىق تەجرىبىدىن توپلانغان رېتسېىپلىرى بار. بۇلارنى ھىچ قوبۇل قىلماستىن، ھىچ ئويلانماستىن كاللىمىزغا كەلگەن، ئالدىمىزغا ئۇچرىغان مەسىلىنى ئاللاھ بەرگەن ئەقىل بىلەن ئويلاپ، مىڭىمىزنى ئىشلىتىپ ئىزدىنىپ ھەل قىلماي، ھەممىنى ئاللاھقا يۈكلەپ قويساق بىزنىڭ ئىرادە ھۆرلىكىمىز نەدە قالىدۇ؟ ئەگەر ھەممىنىڭ جاۋابى قۇرئاندا بولسا ئاللاھ نېمىشقا بىزنى تەپەككۇرسىز ياراتمىدى؟ بۇنداق ئاشقۇنلۇققا مايىل قېرىنداشلار كونكرېت مەسىلىنى كونكرېت ئوي ۋە ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشقا قىزىقمايدۇ. چۈنكى تەييار ھۆكۈم ھەممە ئادەمگە خوش ياقىدۇ. ۋاھالەنكى رېئاللىق دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ماھىيەتلەرنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى دائىم بىرخىل بولمايدۇ. شۇڭا بىز ئىشەنگەن ھۆكۈمنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن يەنىلا مەسىلىنىڭ تارىخى يۈزى، سېلىشتۇرما يۈزى ۋە كۆزىمىزگە كۆرۈنگەن-كۆرۈنمىگەن يۈزى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.

ئاشقۇنلۇق ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىر زىيانلىق ئۆسمە. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاشقۇنلۇقلارنىڭ ھەممىسىدە قارىمۇ قارشى قۇتۇپ مەۋجۇد. مەسىلەن؛ مەسلەن بەزىلەر ھەممە مەسىلىنىڭ داۋاسىنى دىندىن ئىزدىسە يەنە بەزىلەر ھەممە پىشكەللىكنىڭ سەۋەبكارى دىن دەپ ئاشقۇنلۇق قىلىدۇ. بەزىلەر ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى ھەممە ھادىسىگە پۈتۈنلەي ئىلىم كۆزى بىلەن قارىسا بەزىلەر ئۇيغۇر ئەجدادلارنىڭ ئۇدۇملىرىنى ھەممىگە ئەڭگۈشتەر بىلىدۇ. بەزىلەر ئۇيغۇرغا خاس بولسىلا پەخىرلەنسە بەزىلەر ئۇيغۇرغا تەئەللۇق بولسىلا گۇمانلىنىدۇ. مەسىلەن ”ئۇيغۇرلار قوي گۆشىنى كۆپ يېگەچكە قويدەك يۇۋاش بولۇپ قالغان“ ، “ ئۇيغۇرنىڭ جىنسىيىتى ئاينىغان…“دېگەن سۆز ئىلىمگە زىت ئاشقۇنلۇق بولسا، ”ئۇيغۇر تائاملىرى سەۋەبلىك بىز قان بېسىم ۋە يۈرەك كېسەللىكىگە كۆپ گىرىپتار بولۇۋاتىمىز“ دېگەنلىك ئىلىم ئاشقۇنلىقى بولىدۇ. ئاخباراتتىكى تەرەپدارلىق، تەشۋىقاتلىرى يەككە مېلودىيە، ئىدېئولوگىيە تۇمانلىرىغا يەم بولغان رېئاللىق بەلكىم بىر قىسىم ئەڭ غايىلىك، ھۇشيار ۋە ئويغاق قېرىنداشلىرىمزىنى ئاشقۇنلۇق مەپكۇرىلىرىغا مەھكۇم قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ۋە ياكى دۇنيايىمىز ئاشقۇنلۇققا ئۈندەيدىغان ئامىللارغا تولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. مېنىڭچە شۇنىسى شۈبھىسىزكى، ئاشقۇنلۇق بىزنى نورمال ئىنسانىي تۇيغۇ ۋە ئادەتتىكى بىر ئىنسانغا خاس تەپەككۇرىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. ئاشقۇنلۇق ئەۋج ئالسا كۆزلىرىمىزگە دۇنيا بىربولسا دۈشمەنلىك، قاراڭغۇلۇق، رەزىللىك بىلەن تولۇپ كەتكەندەك تۇيۇلىدۇ، يەنە بىر بولسا كۆز ئالدىمىزدا ئالۋۇندەك بىر مەنزىل بىزنى چاقىرىۋاتقاندەك، شۇ يەردە ھەممە نەرسە گۈزەلدەك، ھاياتنىڭ مەنىسى خىيالى مۇقەددەسلىكتەك بىلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە مەيلى دىنى ئاشقۇنلۇق بولسۇن ياكى ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ياكى لوگىكا ئاشقۇنلىقى بولسۇن ئەقىلدىن ۋە نورماللىقتىن ھالقىغان ھەرقانداق تۇيغۇ ۋە پىكىر ئىنساننىڭ نورمال ھاياتىغا ۋە كەلگۈسىگە نۇر چارچاتمايدۇ. مېنىڭچە دۇنيانى ئاددىي بەندىنىڭ كۆزى بىلەن كۈزىتىش، ئۆزىمىزنىڭ ۋە ئۆزگىنىڭ ئىنسانىيلىقىنى ئېتىراپ قىلىش، ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىشىنىش ھاياتىمىزنى ئاددىي ئىنسانلىق بەختىگە مۇشەررەپ قىلىدۇ.

(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار21

بۇ ماقالە خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئاسى ۋە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ يىقىندا خالاستان بىلوگىدا ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ. مەسئۇلىياتچان قىرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن___ نەزەرى.

كەيپىياتمۇ يۇقىدۇ
بۇ شەھەرگە كۈز كەلدى. ياپيېشىل چاققانغىنە بۇ شەھەر ئالتۇن رەڭگە كىردى. مەن ۋەتەننىڭ كۈز ئايلىرىنى سېغىنىمەن. بىزدە كۈز تولىمۇ بەرىكەتلىك بولىدۇ. تويلار قاينايدۇ، دېھقاننىڭ قولى ئازراق بولسىمۇ پۇل كۆرىدۇ. بىزنىڭ ئۇ توپراقلاردا سودىگەرلەرنىڭ رىسقى دىھقاننىڭ يانچۇقىغا باغلانغان. كادىر خەق بىلەن قىلغان سودىنى بىزنىڭ قەدىمكى ئوردۇكەنتتە « تۈپرۈك بىلەن ئاياق مايلىغاندەك» دەپ تىلغا ئالىدۇ تىجارەتچى تۇغقانلار. يات ئەلدىكى تۇنجى كۈز ماڭا تولىمۇ سۆرۈن تەلەت بىلىنمەكتە. سارغايغان ياپراقلار، يالىڭاچلانغان دەرەخلەر، سۇلغان گۈللەر، ماڭا سارغايغان يۈزلەرنى، ئۈمىتسىز كۆزلەرنى، ماتەملىك سۆزلەرنى ئەسلەتمەكتە. تۇيۇقسىز يادىمغا ئۆتكەن كۈزدە بەيگە مەيدانىدا بىر مايلامچى بالا ئوقۇغان،

قۇرۇپ قاخشال بولۇپ قالدۇق،
ئوتۇنچى ئاپپىرىپ ساتسۇن،
خېرىدارىم سوراپ قالسا
غېرىپ بىچارە دەپ ساتسۇن
دېگەن ناخشا كېلىپ قالدى. تېخى مەكتەپ يېشىغا ئەمدى توشقان ئۇ بالىنىڭ چىرايىدىكى مۇڭ يۈرۈكۈمنى ئەزگەنتى. بۈگۈن ئۆزۈمنى ئاشۇ بالىدىنمۇ بىچارە ھېس قىلدىم. بۈگۈن مەن ئۇ بالىدىنمۇ بەتتەر بىچارە ئىدىم، يىغلاش ئەركىم بار، لېكىن قېرىندىشىڭغا ئېسىلىپ يىغلىمىغان يىغا كىشىنى پۇخادىن چىقىراتتىمۇ؟ ئۇنىڭ يىغىسىمۇ ، كۈلكىسىمۇ ئۆز تىلىدا، خورلۇقىمۇ، ھالاۋىتىمۇ ئەل بىلەن بىللە ئىدى. سۇلتانلىقتىمۇ، ئۇلتان(پىتەك) لىقتـىمۇ ياشاپ باققان بوۋىلىرىمىز ۋەتەن، ئەل  ھەققىدە ئاجايىپ تۇيغۇلاردا بولغانىكەن. ئۇيغۇر ئۈچۈن مەشرەپ-كۈي پەسلى، باراۋەت-توي پەسلى ھىساپلىنىدىغان بۇ كۈنلەردە بوۋىلرىمىزنىڭ «ئەل بىلەن ئۆلۈم گوياكى توي» دېگەنلىرىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. مۇشۇلارنى ئويلىساملا بىر ئىش يادىمغا كېچىدۇ. ئۆتكەن 6-ئايدا بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ مەندىن يىراق بىر شىتاتتا تۈگەپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ قالدىم، بۇ خەۋەرنى ماڭا يەتكۈزگەن كىشى «خۇدايىم ساقلىسۇن، جەسىتىم بۇ يات يەردە قالمىغاي ئىلاھىم» دەپ كەتتى. ئاڭلىشىمچە بۇرۇن رەسمىيىتى تولۇق بولمىغانلىق سەۋەبتىن ئىزچىل ئامېرىكىغا ۋىزا ئالالماي كېلىۋاتقان مەرھۇمنىڭ ئاتا ئانىسى ۋە بىر قېرىندىشى ۋىزىغا ئېرىشىپتۇ. مەرھۇمنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىكى پىغانلىق نىداسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى قائىدىلىرىگە خىلاپ ھالدا ۋىزا بېرىشكە مەجبۇرلاپتۇ. لېكىن مەرھۇمنىڭ  ۋەتەندىن كەلگەن ئاتا-ئانا ۋە قېرىدىشىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەسرىتى يات تۇپراقتا قالغان يۈرۈك پارىسىدە قاپتۇ. كۆز ئالدىمدا تۆكۈلىۋاتقان ياپراقلارغا قاراپ ئويلاپ قالدىم. مىڭ ئىككى يۈز يىلدىن ئارتۇق مۇسۇلمانلىق تارىخىغا ئىگە خەلقىمىز نىمىشقا جەسىتىنىڭ يات يەردە قېلىشىغا شۇنچە ھەسرەت چېكىدۇ؟ ئاللاھتىن كەلدۇق ئاللاھقا قايتىمىز. شۇنداقكەن ھەممە يەر ئاللاھنىڭ زېمىنى ئەمەسمۇ؟ بۇ خەلقىمىزنىڭ بىز قاقشاپ كۆنگەن تەپەككۇرىمىز بويىچە يەنە شۇ «نادان» لىقىمۇ؟
مەن يەنە شۇ ياپراقلارغا قارىدىم، ياپراقلار زېمىندىن ئوزۇقلىنىپ كۆكىرىدۇ، ياشنايدۇ، يەنە شۇ ئۆزىنى باققان تۇپراققا سىڭىپ قۇۋۋەت بولىدۇ. بىز ياپراق ئەمەىسمۇ؟ تۇپرىقىدىن ئاياقلانغان، ئاتلانغان ئىنساننىڭ يەنە شۇ توپرىقىنى قۇچاقاپ يېتىشىنى قانداقمۇ «نادانلىق» دېگىلى بولسۇن؟ توغرا بىز ئاللاھتىن كەلدۇق، لېكىن ئاللاھ بىزنى ئاتا مىراس زېمىنىمىزغا، ئاتا بوۋىمىز كۆكلىگەن مۇقەددەس تۇپراققا ياراتتى. بۇ توپراق جەمەتىمىزنىڭ گۈللەتكەن باغلىرى، سالغان ئىمارەتلىرى، ياتقان قەبرىسى بولغاچقا بىزگە مەنسۇپ، ئەجدادلارنىڭ تەۋەرۈكلىرى بىلەن بىزگە بەخشەندە. ۋەتەننى دەل ئانىمىز كەزگەن رەستە، ئاتىمىز كەچكەن كېچىك، بوۋىمىز قىلغان باغلار سەۋەبلىك سۆيىمىز. ئاتىسىنىڭ قەبرىسىنى يات ئەلگە قاتۇرغان بالا ئەلۋەتتە دادىسى ياتقان توپراققا تەلپۈنىدۇ، ھەر ھېيىت، بايرام ۋە ئۇلۇق كۈنلەردە خىيالى دادىسى ياتقان جايلارادا كېزىدۇ. قەبرەم غېرىپ بولمىسۇن دېگەن بوۋىلىرىمىز ئۇلۇقكەندۇق، خىزىركەندۇق، يات تۇپراققا كۆمۈلۈشنى رەت قىلغان مومىلىرىمىز پەيلاسۇپكەندۇق، پەرىشتە كەندۇق. ئۇلار بىزگە قەبرىنى ئەمەس ۋەتەننى قالدۇرۇپ كەتكەنىكەن، ئۇلار بىزگە ھېيىت بايرام ئۇلۇغ كۈنلەردە تۇپراقنى-ۋەتەننى يوقلاشنى مىراس قىلغانىكەندۇق.  ئامېرىكىدىكى شۇنچە باي يەھۇدىلارنىڭ مەخسۇس ۋەخپە(فوندى جەمىيەت) قۇرۇپ ئىسرائىلىيەگە قايتماقچى بولغانلارنى يۆلەۋاتقىنى، ئىسرائىلىيەدىكى ئاتا بوۋىسىدىن چالا پۇلا ئىزى قالغان بىر تامنى تاۋاپ قىلىشقا ئۈزۈلدۈرمەي بېرىشلىرىنى بەلكىم بوۋىلىرىمىزنىڭ تۇپراقنى يالغۇز، غېرىپ قويماسلىقنى ۋەسىيەت قىلغانلىقىغا ئوخشاتساق خاتا قىلغان بولماسمىز.

خىيال بىلەن كۇتۇپخانىغا ماڭدىم دەپ نەگە كېلىپ قالغاندىمەن؟ بېشىمنى كۆتۈرسەم ئەزەلدىن كېلىپ باقمىغان بىر كوچىلارغا كېلىپ قاپتىمەن. ئەمدى قانداق قايتقۇلۇق؟ بىر ئاز ئالدىمغا ماڭدىم. داچا شەكلىدىكى بىر بىرىدىن يىراق -يىراق سېلىنغان ئۆيلەردىن بىر ئۆينىڭ ئالدىدا توختۇدۇم، مۇشۇ ئۆيدىن بىر ئادەم چىقىپ قالىدىغاندەكلا تۇيۇلدى. توۋا، شۇنچە كەڭ مەھەللىدە ئويناۋاتقان بىر بالا، كېتىۋاتقان بىر ئادەم، قاۋاۋاتقان بىر ئىت بولسچۇ كاشكى! ئاخىرى ھېلىقى ئۆينىڭ ئالدىغا توختۇتۇلغان ماشىنىنىڭ  كەينىدىن بەستلىك بىر  ئادەم چىقىپ كەلدى. ئېزىپ قالدىم دېگۈم كەلمەي بىر داڭلىق تاللا بازىرىنىڭ نەدىلىكىنى سورۇدۇم.
_ۋولمارتنى دەمسەن؟ تېخى خېلى ئۇزاق ماڭىسەن. نەدىن كەلدىڭ؟ ماڭا ئەڭ قىيىن سۇئال دەل مۇشۇ. جۇڭگۇدىن، دېسەڭ خەق چىرايىڭغا قاراپ جوڭگۇلۇققا ئوخشىمايدىكەنسەن دەيدۇ، جۇڭگونىڭ غەرىبى شىمالىدىكى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىن كەلدىم، دېسەڭ سەندىن كۆڭۈلسىز ۋەقەلەر ھەققىدە سورايدۇ.
_ مەن ئۇيغۇر، جوڭگۇدىن كەلدىم.
_ ھە ھېلىقى يېقىندا ۋەقە بولغان يەردىنمۇ؟
_ …….
_ …….- `
_ ئائىلەڭدىكىلەر ساقمىكەن؟
بۇنىڭغا نېمە دەيمەن؟ تور تاقاق، تېلىفون ماڭمايدۇ. ئەگەر ئائىلەمدىكىلەر بىلەن كۆرۈشەلىگەن بولسام مۇشۇنداق كۇتۇپخانىغا ماڭدىم دەپ نەگە كېلىپ قالغىنىمنى بىلەلمەي يۈرەتتىممۇ؟ بۇ كىشى ئوبدان ئادەمكەن. مېنى ھېلىقى تاللا بازىرىغا ئاپېرىپ ئاندىن ياتىقىمغا ئەكىلىپ قويىدىغان بولدى. قايسى كۈنى يامغۇردا قېلىپ پىيادە كېتىۋاتسام بىر ئايال ماشىنىسىغا سېلىپ ئاپتۇۋۇز بېكىتىگە ئەكىلىپ قويغانتى، بۇ قېتىم بۇ ئادەممۇ ماڭا يارىدەمدە بولماقچى. يول بويى پاراڭلىشىپ ماڭدۇق. مەندىن ئۇيغۇرنىڭ قىسقىچە تارىخىنى سورىدى. يول بەك ئۇزۇن ئەمەس. قانداق قىلغاندا مۇشۇنداق قىسقا ۋاقىتتا ئۇيغۇرنىڭ تارىخىنى بىزدىن پۈتۈنلەي بىخەۋەر بىر ئادەمگە بايان قىلغۇلۇق؟ مەن بىر سىكۇنت ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىيخى قىسمەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈركمەن، تاتار ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق خەلقلەر بىلەن تولىمۇ يېقىن بىر مۇسۇلمان خەلق ئىكەنلىكىنى. 19-ئەسىردە چىڭ ئىمپىرىيىسى، روسسىيە ئىمپىرىيىسى ۋە برىتانىيە ئىمپىرىيىسى ئارىسىدىكى « بۈيۈك ئويۇن» دەپ ئاتالغان مۇستەملىكە تالىشىش كۆرىشىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ نۇرغۇن زۇلۇم چەككەنلىكىنى. 20- ئەسىردە بولسا سوۋېت، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا غەلبە قىلغان دۆلەتلەرنىڭ شاھمات تاختىسىدا تولا پىچكا قىلىنىپ ۋە تېگىشىلىپ كۆپ قۇربان بەرگىنىنى سۆزلەپ بەردىم. بۇلارنى دەۋېتىپ ئۆزەمنى تونۇشتۇرۇشنىڭ بىر مۇۋاپىق جۈملىسىنى تاپقاندەك بولدۇم. بۇندىن كېيىن نەدىن كەلدىڭ دېگەنلەرگە « جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىياسىدىن» دەپ جاۋاپ بەرسەم بولغىدەك. بولمىسا بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى جوڭگۇ خەرىتىسىنىڭ غەرىبى قايسى، غەرىبى شىمالىچۇ دېگەنلەرنى بىلمەيدىكەن. قولىمىزغا خەرىتە ئېلىپ يۈرمىگەندىكىن بۇلارنى توغرا مەلۇماتلىق قىلماق  تەسكە توختايدىكەن. جوڭگۇ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ھەممەيلەنگە تونۇش ئۇقۇم، ئۇيغۇر دۆلەت تەۋەلىكىدە جوڭگۇغا مەدەنىيەت ۋە ئىرقى ئالاھىدىلىك جەھەتتە ئورتا ئاسىيالىقلارغا مەنسۇپ بولغاندىكىن مۇشۇ ئەڭ مۇۋاپىق ئۇقۇمكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.  كوممۇنىستىك جۇڭگونىڭ تارىخىنى ئۇ كىشى ياخشى بىلىدىكەن.  تارىخنىڭ ئەڭ قىيىن بۇ تەرەپلىرىنى ماڭاڭا سۆزلەتمىگىنىگە خوش بولدۇم.
_ قارىسام كەيپىياتىڭ تولىمۇ سۇس، ئۇنداق قىلما، بۇ دېگەن ئامېرىكا، بۇ يەر ھەر قانداق ئىنسان ئۈچۈن باراۋەر ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە پۇرسەتكە تولغان. بۇ يەرگە كىشىلەر بەخت قوغلۇشۇپ كەلگەن، بۇنداق سۇلغۇنلۇق بىلەن بەخكە يەتكىلى بولمايدۇ. كۆڭلۈڭ يېرىم بولسا ماڭا تېلىفون قىل. مەن بۇرۇن پېرۇدا بىر قانچە يىل تۇرغان. چەتئەلدە ياشىماق ئاسان ئەمەس، بولۇپمۇ سەندەك بۇنداق تەسۋىرلىگىسىز تەشۋىشتە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن تولىمۇ تەس. بىلەمسەن، كەيپىيات دېگەن يۇقۇملۇق كېسەلدەك نەرسە، سەن مۇشۇنداق كەيپىياتتا يۈرسەڭ، سەن يولۇققان كىشىلەرگىمۇ يۇقتۇرۇشۇڭ مۇمكىن، بۇنداق قىلىشنى خالىمايسەنغۇ دەيمەن؟ مېنىڭ بىر ۋېلسىپىتىم بار، ئەگەر خالىساڭ ساڭا ئەكىلىپ بېرەي، شۇنى ئىشلەت. ئۇزاق ۋاقىت مىنمىگەن شۇڭا ئاۋال بىر رېمۇنت قىلدۇرۇشۇم كېرەك. ماڭا تېلىفون قىل. ئۇ شۇنداق دەپ ماڭا ئېلخەت ئادرىسىنى قالدۇرۇپ كېتىپ قالدى.
كەيپىياتمۇ يۇقىدۇ! ماڭا بۇ گەپ تولىمۇ توغرا تۇيۇلدى. بۇرۇن ئويلايتتىم، نېمىشقا ئامېرىكىلىقلار تولىمۇ قىزغىن، ئەمما مەن ھەر قانچە قىزغىن بولاي دېسەممۇ بولالمايمەن؟ چۈنكى مەن كىشىلەر بىر بىرىگە تولىمۇ سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان، ئادەم كۆپ ئىچىكىرى جوڭگۇدا ئۇزاق ياشاپ كەتكەنلىكىم ئۈچۈن بەلكىم ئېغىر دەرىجىدە سوغۇق كەيپىياتتىن يۇقۇملانغان بولسام كېرەك. بۇ يەردە كىشىلەر دوقۇرۇشۇپ قالسا كۈلۈپ سالام قىلىدۇ، بىر بىرىگە يول بېرىدۇ، ھەر ئىشتا ئالدى بىلەن باشقىلارغا قولايلىق بولۇشنى، دەخلە قىلماسلىقنى ئويلىشىدۇ، مەنچۇ؟ مۇشۇ كۈنگىچە بۇلارغا كۆنەلمەي ئاۋارە، قارىغاندا مەن، «ئىنسان ئۆزى ئۈچۈن ياشىمىسا ئۇنى يەر يۇتىدۇ»  ( مەن ئىچكىرىدە ئۆگەنگەن ماقال) دېگەن ئىدىيە ئەۋج ئالغان موھىتتىن قاتتىق يۇقۇملانغان بولسام كېرەك. ئچىكىرىدە ئىشلەۋاتقان بىر يىلىم قەشقەرگە قايتتىم، بىر دوستۇم بىلەن ئاشخانىغا تاماققا كىردۇق. كۈتكۈچى بالا 8-9 ياشلاردا ئېدى. « ھەي، ماڭا قارا، بۇ ئاشخانىدا سۈيۈق سەلەڭ نېمە بار؟» دەپ سوراپتىمەن ئۇتتۇرلا ئىچكىرى پەدىسىدە. ئۇ بالا ماڭا نارازى بولغاندەك قاراپ قويۇپ، يەنە چاندۇرماي قېشىمىزغا كەلدى. تاماق يەپ چىقىپ بولغاندىن كېيىن دوستۇم « نېمانداق قوپاللىق قىلىسەن؟ بۇ دېگەن قەشقەر، ھەممە ئادەم بىر بىرىنى سىلى ئۆزلىرى دەپ گەپ قلىدۇ، سېنىڭ لەنجۇرىڭ ئەمەس بۇ، خەقنى سەنلەيدىغان»، مەن شۇ چاغدا خاتا قىلغىنىمنى بىلگەن. ئەمما ئادەمنى دەرىجىگە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىدىغان، ھوقۇقسىز، پۇلسىز ئادەمنىڭ ئىنسانلىقى ئىتىراپ قىلىنمايدىغان كەيپىياتتىن يۇقۇملانغانلىقىمنى ئويلىماپتىكەنمەن.
تۈنۈگۈن تېىخى بىر دوستۇم ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئۇزاق ئالاقە قىلالمىغانلىقتىن ئۇيقۇسى كەلمەس، دىققىتىنى يىغالماس بولۇپ قېلىپ  پىسخك دوختۇرغا كۆرۈنگىنىنى دەپ بەرگەنتى. ئۇ دوختۇرغا گېپىنى باشلاپ بولالماي يىغلاپ كېتىپ پەقەت دەردىنى ئېيتالماپتۇ. ئاخىرى دوختۇر دوستۇمنى ئۆز ئورنىغا ئولتۇرغۇزۇپ، خالاتنى ئۇنىڭغا كەيدۈرۈپ، سەن دوختۇر، مەن كېسەل، سەن ئەمدى مەندىن ھالىمنى سورا دەپتۇ. دوستۇمنىڭ كۈلگىسى كېلىپ، بىر دوختۇرلۇق قىلىپ باقايچۇ، دەپ ئەمدى «بىمار»نىڭ دەردىنى سورىشىغا، دوختۇر ھۆركىرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ. بۇرادىرىمىز، يىغلىما دەپمۇ توختۇتالماپتۇ. ئاخرى داۋالاش ۋاقتى توشۇپ دوختۇردىن يېنىپ چىقىپتۇ. بەلكىم بىز مۇساپىرلار بۇ يات توپراقتا دەردىمىزنى مۇشۇنداق بىر بىرىمىزگە تۆكۈپ مەيۈسلۈك كېسىلىنى يۇقتۇرىۋاتساق كېرەك. ماڭا بۇرۇن « شىنجاڭ مەدەنىيىتى» نى ئوقۇشۇم ئازاپلىنىشىم ئۈچۈنلا موھىمدەك بىلىنەتتى، دوستلۇرۇم بىلەن ئۇچراشساممۇ ئازاپلىنىش، ئازاپلارنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يىغىلىدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى. دوستلار بىلەن بولىدىغان سۆھبەت، مۇنازىرە، مۇلاھىزىلەردىن ئاخرىدا مەندە قالىدىغىنى تەشۋىش، قورقۇنچ، گاڭگىراشتىن باشقا ھاسىلات كەم بولاتتى. قارىغاندا مەن زور يۇقۇملۇنۇش دەۋرىدە، يۇقۇملانغان كەيپىياتتا، يۇقۇملانغان كىشىلەر بىلەن ئۇزاق ياشاپ كەتكەن بولسام كېرەك. مەن ساقىيالارمەنمۇ؟ بۈگۈن ھېلىقى پىسخىك دوختۇرغا كۆرۈنگەن دوستۇم بىلەن يەنە توردا كۆرۈشتۈم، ئۇ ئۆزىنى بىلىم دېڭىزىغا چۈشۈك كەتكەن سۇ ئۈزەلمەس پالاكەتتەك سېزىدىكەن، يەنە دەرت تۆكۈشتۇق. يۇقۇملىنىش تېخىمۇ ئېغىرلىدى.

(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار20

بۇ ماقالە خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئاسى ۋە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ يىقىندا خالاستان بىلوگىدا ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ. مەسئۇلىياتچان قىرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن___ نەزەرى.

ئىبرەتنىڭ كۈچى ۋە ئىتىراپ
شەرق داناسى ئەللامە زەمەخشەرى « بۇ دۇنيا ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ ھەسرەتلىرى ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن تولغان » دەيدۇ. زىددىيەتتىن ئىبرەت ئالىدىغان، ماجرادىن تەجرىبە يەكۈنلەيدىغان كىشىلەر بىر خەلقنىڭ ئىلىمدارلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىدۇر. كىيورى خانىمنىڭ تەرجىمھالىدىكى مۇنۇ قۇرلار پات-پات ئېسىمگە كېلىپ قالىدۇ، «سەن سۆيۈملۈك دەپ قارىغان نەرسەڭنى ماڭا مەجبۇرىي تاڭساڭ مەن پۇرسەت تاپساملا ئۇنىڭغا تۈكۈرۈپ قويۇشۇم، ھەتتا ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشىم مۇمكىن. بۇ چاغدا سېنىڭ غۇرۇرۇڭ پايخان بولىدۇ، ئارىمىزدا كېلىشتۈرگۈسىز نىزا چىقىدۇ. سېنى نەپرەتلەندۈرگىنى مېنىڭ «ياخشىلىق» قا «يامانلىق» قايتتۇرىدىغان «قالاق» لىقىم، مېنى ئەسەبىيلەشتۈرگەن نەرسە دەل سېنىڭ زورلۇقۇڭ، شەخسىيەتچىلىكىڭدۇر، سېنىڭ مىللتىڭ، مەدەنىيىتىڭ ئەمەس. سېنىڭ خاتالىقىڭ؛ ئىتىراپسىز، ئويلىنىشسىز، مۇرەسسەسىز داۋاملاشتۇرىۋاتقان مەجبۇرلاشلىرىڭ مېنى ساڭا ۋە سېنىڭ ھەممە نەرسەڭگە ئۆچ قىلدى». كىيۇرى خانىم ئەينى چاغدا پولشانى «تەرەققىي»  قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن رۇس گېنىرالىنىڭ ھەيكىلىگە مەكتەپكە ماڭغىچە ۋە مەكتەپتىن قايتقىچە تۈكۈرۈپ ئۆتىدىكەندۇق. مەدەنىيەت جەھەتتىن ئەسلىدە مەلۇم ئورتاقلىقلارغا ئىگە بۇ ئىككى خەلقنىڭ ئارىسىغا شۇنچە سوغۇقچىلىق سالغان نەرسە دەل ”ئىلغار“ روسلار تەرىپىدىن تېڭىلغان «تەرەققىيات»، مەجبۇرىي سىڭدۈرىلىۋاتقان «مەدەنىيلىك» ئېدى. رۇسلارنىڭ سەركىلىرى تېخىچە ئويغۇنۇپ ئىبرەت ئالغىنى، پولەكلەردىن ئەپۇ سورىغىنى يوق،  شۇڭىمىكىن يىگىرمە يىلدىن بۇيان ماغدۇرىغا كېلىپ بولالمىدى. ئەمما گېرمانىيىنىڭ باش مىنىستىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قىرىلغان پولشا ئوغۇل قىزلىرىدىن تىزلىنىپ تۇرۇپ ئەپۇ سورىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ھازىرغىچە تۆلەم تۆلەۋاتىدۇ. تارىخ ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن خاسىيەت، ئالمىغۇچىلار ئۈچۈن بەدەلدۇر. رۇسلار ئىبرەت ئالمىغاننىڭ بەدەلىنى ئۆتەۋاتىدۇ ھەم تېخى ئۆتەيدىغانەدك قىلىدۇ.  گېرمانلارنى ئۇرۇش خارابىلىقىدىن تەرەققىياتنىڭ ئالدىغان ئېلىپ چىققان ئامىللارنىڭ بىرى گېرمان زىيالىلىرىدىكى يۈكسەك ھەققانىيلىقتۇر، مانا بۇ ئىبرەت ئالغاننىڭ خاسىيىتى.

مەدەنىيەتتىكى پاياننى ئىتىراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش يۇقارقىدەك مىللەت روھىدىكى ھەققانىيلىققا مۇھتاج.  بۇ كۆپىنچە تارىخى ئىبرەتتىن كېلىدۇ. بۇنداق ھەققانىيلىق ئىلىم ۋە ھەقىقەتنى ئىزدىگەن مائارىپ سىستىمىسى ۋە ھەر قانداق مىللي توپنىڭ ئالاھىدە مەنپەئەتى ۋە ئەۋزەللىكىنى رەت قىلىدىغان قانۇن ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. سىياسى چىگرانى زورلۇق بىلەن تۈرلۈك مەدەنىيەتتىكى پايان ۋە پاسىللارنىڭ  ئورنىغا دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇش سىياسىي ئەسەبىيلىك ۋە مىللي ئاشقۇنلۇقتۇر. بۇنى خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە ئىرىقچىلىق، فاشىستلىق دەيمىز.  سىياسىيدىكى ئىتىبارلىق توپ ۋە ھۆكۈمران گورۇھنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى زورمۇ زور كېڭەيتىشى، تەرغىپ قىلىشى ۋە قوبۇل قىلدۇرۇشى ئىتىبارسىز توپ ۋە كىشىلەر ئارىسىدا مىللي ئۆچمەنلىك ۋە مىللي كەمسىنىشنىڭ ئورۇغىنى تېرىيدۇ. ھۆكۈمران تايىپە ئۈچۈن مىللىي ئۆچمەنلىكمۇ، مىللي كەمسىنىشمۇ ئوخشاشلا ئاپەتنىڭ مەنبەسىدۇر. ئۆچمەنلىككە تولغان بويسۇندۇرۇلغۇچىلار ماجرانىڭ مەنبەسى، كەمسىنىشكە پاتقان بويسۇندۇرۇلغۇچىلار تۈگىمەس ئىتىبارنىڭ پارازىتلىرىدۇر. مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى باراۋەر مەۋجۇدلۇق ۋە رىقابەت تەرەققىياتنىڭ قوزغاتقۇچىسىدۇر. بۈگۈنكى تەرەققىي قىلغان ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتقا  مۇكەممەل ئىكىلوگىيىلىك ۋە ئىنسانىي شارائىت ھازىرلىغان ئامېرىكا، يېڭى زىللاندىيە، كانادا، ئاۋستىرالىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى مۇستەملىكىچىلىكتىن ۋاز كەچكەن، مەدەنىيەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقىنى تەرغىپ قىلىۋاتقان ۋە ئۇنى قانۇن ئارقىلىق قوغۇداۋاتقان دۆلەتلەردۇر.

(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار15

بۇ ماقالە خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئاسى ۋە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ يىقىندا خالاستان بىلوگىدا ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ. مەسئۇلىياتچان قىرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن___ نەزەرى.

ھەقىقەتنىڭ دۆلىتى ۋە مىللىتى
شەرق مىللەتلىرىدە شەخسنى ئومۇمنىڭ  كۆزى بىلەن باھالاش، كىشىلىك قىممەتنى ئاۋامنىڭ ئىتىراپىغا باغلاش بىر قەدەر ئومۇمىيۈزلۈك ھادىسە. مۇشۇ سەۋەبتىنمىكىن ئۇلاردا يۈز ئابروي قارىشى ناھايىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. بولۇپمۇ مەدەنىيەتتە سىرىتنىڭ تەسىرىنى ئىزچىل يىمىرىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاسمىلاتسىيە قىلىپ كەلگەن خەنسۇلاردا بۇنداق قاراش بەك كۈچلۈك. خاسلىقنى، ئۆزگىچىلىكنى سىڭدۈرېتىشكە ماھىر خەنزۇ مەدەنىيىتى دۇنيانىڭ نەرىگە بارسا كىملىكىنى يۇقاتمايدىغان  يەھۇدىلارنىمۇ مىللىي ئاشقازىنىدا يەم قىلىۋەتكەن. بىر قېتىم  دەرسىدىن كېيىن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ۋە بىر قانچە ئامېرىكىلىق پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئامېرىكىلىقلارنىڭ جۇڭگۇ ھەققدىكى سۇئاللىرىغان پۈتۈنلەي دېگۈدەك خەنزۇ بالىلار جاۋاپ بەردى، مەن بۇنداق سورۇنلاردا كەمسۆز بولۇشقا تىرىشىدىغان بولغاچ سۈكۈتنى ساقلىدىم. ئارىدا بىر ئامېرىكىلىق « جۇڭگۇدا سىتۇدېنتلار مەكتەپتە ئىشلىمەكچى بولسا ئادەتتە نېمە ئىش قىلىدۇ؟» دەپ سوراپ قالدى. مەن بۇرۇن ئالى مەكتەپلەردە ئىشلىگەن تەجرىبەمگە ئىشىنىپ مۇشۇ بىخەتەر سۇئالغا بولسىمۇ جاۋاپ بېرىپ باقاي دەپ « ئادەتتە تازىلىق قىلىدۇ، بىنالاردا نۆۋەتچىلىك قىلىدۇ. بىزنىڭ ئۈرۈمچىدە قار كۆپ ياغىدۇ شۇڭا قىشتا قار تازىلايدۇ..» دەپ تېخى گېپىمنى ئەمدى تۈگىتىپ تۇرۇشۇمغا ئۈچ- تۆرت خەنزۇ ساۋاقداش گېپىمگە تۇشمۇ تۇشتىن قارشى چىقتى. ئۇلارچە جوڭگۇدا ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئامېرىكىدىكىدەك مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانا، تەنتەربىيە سارىيى، تەجرىبەخانا ۋە مۇزىي قاتارلىق ئورۇنلىرىدا ئىشلىيەلەيدىكەن. ئۇلارچە ئۇنداق ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تازىلىق قاتارلىق ئەرزىمەس ئىشلارغا  سالىدىغان ئەھۋاللارپەقەت شىنجاڭدەك تەرەققى قىلمىغان رايۇنلاردىلا قالغانمىش. مەن ئۆزەمنىڭ ئىچكىرىدىكى بىر ئالى مەكتەپتە ئىشلىگىنىمنى ۋە بېيجىڭدىكى ئالى مەكتەبتە ئوقۇغانلىقىمنى ۋە شىمالى جوڭگۇدىكى چوڭ شەھەرلەرگە ئاساسەن بارغانلىقىمنى دەپمۇ ئۇلارنى ئىشەندۈرەلمىدىم. مەن خۇددى سەۋەبسىز يالغان سۆزلەپ تۇتۇلۇپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ ئۇلارغا خەنزۇچە يەنە چۈشەندۈردۈم. ئۇلار « بىزمۇ بىلىمىز، لېكىن شۇنداق بولسۇنمۇ دەيلى، سەن نېمىشكە يۈزىمىزنى چۈشۈرۈپ بۇ گەپلەرنى چەتئەللىكنىڭ ئالدىدا دەيسەن. جوڭگۇدا يات بىلەن ئۆزنى ئېنىق ئايرىيىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن. بولۇپمۇ سەن شىنجاڭلىق بولغاندىكىن بۇنداق گەپنى دېمەسلىكىڭ كېرەك. بۇنداق دېسەڭ ئامېرىكىلىقلار شىنجاڭنى تېخىمۇ خاتا چۈشەنمەمدۇ؟ بولۇپمۇ مۇشۇنداق ۋەزىيەت كەسكىن چاغدا گەپ سۆزۈڭگە دىققەت قىلغىنىڭ تۈزۈك…» دېگەنلەرنى تەكىتلىۋىدى ھەيران قالدىم. قايتىپ كېلىپ بۇ گەپنى گۈيجۇلۇق ساۋاقداشقا دەپ بېرىۋېدىم ئۇمۇ « ياتلارنىڭ ئالدىدا ئۇنداق دەپ نېمە قىلاتتىڭ» دېۋىدى، توۋا، دەپ ئولتۇرۇپلا قالدىم. دېمەك، ئەمدى پاكىتنىڭمۇ جوڭگۇلۇق ئۈچۈن دېيىلىدىغان پاكىت ۋە ياتلار ئۈچۈن دېيىلىدىغان پاكىت دەپ ئايرىلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىشىمگە توغرا كەلدى. ئىچى ئاداپ كەتسىمۇ تېشىغا پۇرىقىنى چىقارماسلىقتىن ئىبارەت بۇ تارىيخى ئەنئەنە يات ئەللەرەدە تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدىكەندە!. شۇندىن كېيىن جۇڭگۇ توغرىدسىدىكى پاراڭغا خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئەگىشىپ قويىدىغان بولدۇم. بىر كۈنى يۈكسەك بىرلىك يەنە بۇزۇلۇپ كېتىپ قالدى. مۇشۇ ئاغزىمنى زە… دەرستىن كېيىنكى ئارامدا مۇئەللىم «جۇڭگۇدا قانداق ئېلان جىق ؟» دېۋىدى مەن يەنە ئاقساقاللىق قىلىپ « ھاراق بىلەن دوختۇرخانا-دورىنىڭ ئېلانى دېگەن ساماندەك»  دەپ تاشلاپتىمەن. « نېمىشكە؟» دەپ سورىشىغا « ھاراق ئىچمىسەڭ مۇناسىۋەت قۇرالمايسەن، مۇناسىۋىتىڭ بولمىسا ئىشىڭ ئاقمايدۇ. ھاراقلارنى تەكشۈرىدىغانلارمۇ ھاراق ئىچىپ تەكشۈرىدىغان بولغاچ ساختا ھاراقلار ئادەمنىڭ روھىنى ۋە تېنىنى كېسەل قىلىدۇ، بۇنىڭ بەزىلىرىنى دورا،  يەنە بەزىلىرىنى ھاراق داۋالايدۇ» دەپ تاشلاپتىمەن. مۇئەللىم قاتتىق كۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئامېرىكىدا ھاراققا ئوخشاش ئادەمنى خۇمار ياكى مەست قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئېلانى تېلۋىزوردا بېرىلمەديكەن. ئەتراپىمغا ئالاق جالاق قارىۋەتتىم، خۇداغا شۈكىر خەنزۇ سەپداشلار بەك ئېرەن قىلمىغاندەك. `
شۇندىن كېيىن پات-پات خيالىمغا مۇشۇ ئىشلار كېلىۋالىدىغان بولدى. نېمە ئۈچۈن پاكىتمۇ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېرىشىپ قالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىچىمىزدىكىنى تېشىمىزغا چىقارماق باشقىلارنىڭ نازارىتىگە مەھكۇم بولىدۇ؟ ئەجەبا ماۋزىدوڭنىڭ ئاممىۋىي پىرىنسىپتا مېڭىش، دېڭشاۋپىڭنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش تەشەببۇسلىرى  ئىككى مىڭ يىللىق يالغانچىلىق، تۆۋەننى قەتلى قىلىپ يۇقۇرىغا خىزمەت كۆرسەتكەن بولۇۋېلىش، ئۆز قەۋمىدىن بولمىغاننى مەڭگۈ گۇمانلىق دەپ قاراش دېگەندەك كىسەللەرگە مەلھەم بولالمىدىمۇ؟ بۇلارنى ئويلىساملا لۇشۇننىڭ نەقەدەر ئۇلۇق زاتلىقى يادىمغا كېلىدۇ. ئۇ جوڭگۇ جەمئىيىتىنى ئادەم يەيدىغان جەمئىيەت دېگەنىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەقىقەتنى مەنپەئەتكە بويۇن ئەگدۈرىدىغان ئاكىيۇلار چوقۇم ئىسلاھ قىلىنىشى، ئىنسان بىلەن ئىنساننىڭ باراۋەرلىكىنى مەڭگۈ ئىتىراپ قىلماي تىزلاندۇرۇش ياكى تىزلىنىشقىلا مايىل مىللىي پىسخىكا دېمۇكراتىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىلىشى كېرەك ئېدى. ئەپسۇس! لۇشۇن تەشەببۇس قىلغان ئىسلاھات يىگىلەپ قالدى. ماركىسىزىمدىن كېيىنكى ئىدېئولوگىيە  بوشلۇقىغا بەدەل قىلىنغان مىللەتچىلىك ئالدىدا لۇشۇننىڭ مىللەتنى كەسكىن تەنقىدلەيدىغان روھي بويۇن قىستى. پۈتۈن ئىنسانغا ئورتاق بولغان ھاياتنىڭ دەخلىسىزلكى، قانۇنننىڭ مۇقەددەسلىكى، ئاخباراتنىڭ تەرەپسىزلىكى، ئىددىيىنىڭ گۇناھسىزلىقى قاتالىق پىرىنسىپلار مىللەتچىلىككە بويۇن ئەگدى.  ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتىنى پاكىتتىن، ھەقىقەتتىن ئۈستۈن قويىدىغان مىللەتچىلەر ئىنساننىڭ ياشاش ئېھتىياجى، قوغۇدۇنۇش ئېھتىياجى، ئىززەتلىنىش ئېھتىياجى،  قاتارلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان كىشىلىك تەلەپلەرىنىمۇ ھۆكۈمران مىللي مەنپەئەت رەت قىلاتتى. مىللەتچىلىكتە مىللي مەنپەئەت بارلىق قىممەتلەرنىڭ تارازىسى. نېمىنى دېيىش ۋە قىلىش ھەقىقەتنىڭ قانداق بولغانلىقىدىن ئەمەس مىللىي ئابرۇيغا، مىللي مەنپەئەتكە قانچىلىك تەسىرى بولغانلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنەتتى.
يۇقارقى مىللەت مەنپەئەتىنى ھەممدىن ئۈستۈن قويىدىغان ھادىسە بىزدە بەك ئاشكارە يامرىيالمىغان بولسىمۇ، بار. شۈبھىسىزكى بۇ مۇھەببەتتىن  مۇھەببەت تۇغۇلسا، نەپرەتتتىن نەپرەت ئۈنگەندەكلا ئىش. مىسالەن، ئالدىنقى بىر مەزگىلدە ئەۋج ئالغان « بىكخام موھىممۇ ئىشەكمۇ» دېگەن ماقالىنىڭ خاھىشىنى مەملىكەتلىك مىللەتچىلىك تۇغقان يەرلىك مىللەتچىلىك دېيىش مۇمكىن.  يەرلىك مىللەتچىلىلەرنىڭ قارىشىدا ئۇيغۇرغا مەنپەئەتسىز بولغان ھەممە پاكىت ۋە ھەقىقەت قۇرۇق گەپ. بۇندىن باشقا قۇددۇس ھاپىزنى ئىككىنچى مەھمۇد كاشىغەرى دېيىش، ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد ئمىننى ئىككىنچى پارابى دېيىش، قۇربانجاننى ئەۋلىيا دېيىش، ئالىمجاننى ھاۋادىن يېقىلغۇ ياسىدى دېيىشلەرنىڭ ھەممىسى دەل شۇ؛ يەنى  ئۇيغۇرلار بولسا، ئۇيغۇر ئۈچۈنلا بولسا پاكىت نېمە بولسا بولسۇن، پىرىنسىپ قانداق بولسا بولسۇن ھەق دەپ تۇرىۋېلىش يۇقارقىدەك مەجبۇرىي ئۈندۈرمىدۇر. تۈركىيەدە مۇنداق بىر ئىش بولغانىدىى ھەر ئويلىسام ئاچچىق كۈلۈپ كېتىمەن.
2006-يىلىنىڭ باھار ئايلىرىدا تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرىگە مەلۇم ئۇيغۇرنىڭ ساختا دېپلۇم ۋە ساختا ئاجرىشىش خېتى ياساپ تۇتۇلۇپ قالغىنى خەۋەر قىلىندى. بۇ خەۋەر تېلۋىزوردىمۇ بېرىلگەندە بىز بەك بىئارام بولدۇق. تېلۋىزوردا بۇ خەۋەرنىڭ كېچە سائەت ئىككىدە تەپسىلى بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. بىز بىر قانچە قېرىنداش بۇ خەۋەرنى يېرىم كېچىگىچە ساقلاپ ئوخلىمۇدۇق. خەۋەر ئەمدىلا بېرىىلىشكە باشلىېۋىدى مەزكۇر ئۆيدە دوستلىرىمىز بىلەن بىللە تۇرىدىغان بىر تۈرك بالا ئىشىكنى چەكتى، بىز ھەرقانچە دېسىمۇ ئىشىكنى ئاچقىلى ئۇنىمىدۇق. ئۇ بالا بىر مۇنچە رەنجىپ كىرەلمەي بولدى قىلدى. ئۇ چاغدا مەن قىلغىنىمىزنى تامامەن يوللۇق دەپ ئويلىغانىكەنمەن. كېيىن ئويلاپ قالدىم، بىز شۇ قېتىم ئۇنىڭدىن پاكىتنى  يوشۇرۇشنىڭ ئورنىغا پاكىتنى ئاڭلىتىپ، سەۋەبىنى تەشتەببۇسكارلىق بىلەن چۈشەندۈرگەن بولساق، ئۇنىڭ مۇشۇ خىلدىكى مەسىلىنى ئۆزى بىلگەنچە ئىزاھلىشىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ خالىغانچە چۈشەندۈرۈشلىرىگە ئەگىشىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەنمىز. ئەجەبا، بىز ئۆيدىكى بىر تېلۋىزوردىن ئۇ خەۋەرنى كۆرگۈزمىگەنگە ئۇ كۆرەلمەي قالارمۇ؟ مۇمكىن ئەمەس. يەنە بىرى بىزنىڭ شۇ بىر تۈرك (بىزنىڭ شۇ چاغدىكى ئىپادىمىز بويىچە يات) بالىدىن يوشۇرغىنىمىز بىلەن بىز بىلمىگەن نۇرغۇن كىشىدىن يوشۇرۇپ قالايتتۇقمۇ؟ پاكىتنى ئىتىراپ قىلىپ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش ئاقىللىقمۇ ياكى پاكىتنى يوشۇرۇپ خاتا چۈشىنىشكە پۇرسەت يارىتىش ئاقىللىقمۇ؟
مەنچە پاكىتنىڭ، ھەقىقەتنىڭ،  پىرىنسىپنىڭ، نەزەرىيەنىڭ مىللىيلىكى ۋە دۆلەتلىكى بولمايدۇ ھەم بولماسلىقى كېرەك. ھەممە نەرسىگە ماركىسىزملىق ، ياكى …چە ئالاھىدىلىككە ئىگە دېگەن ئىبارىنى قۇشۇپلاۋالسا چېقىلغىلى بولماس مازارغا ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ. دۇنيادا ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نۇرغۇن ئورتاق مىزان ۋە قىممەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىمىز پاكىت. بۇ پاكىتلاردىن سۈزۈپ چىقىلغان ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدىلىشى كېرەك. ئازچىللىقلارنىڭ خاسلىقىنى دائىم كۆپچىللىكلەرنىڭ ئومۇميلىقىغا مەجبۇرى سىڭدۈرىۋەتمەسلىك كېرەك.  بولمىسا ئىرغاينىڭ ئېگىلەر سۇنماسلىقى ھەقىقەتنىڭ تەسۋىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. ھەقىقەت مىللەت ياكى دۆلەت مەنپەتىگە قاراپ ئېگىلمەيدۇ، ئەگەر ئېگىلسە ئۇ ھەقىقەت بولالمايدۇ.

(Gulan)ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار19

بۇ ماقالە خالاستان بىلوگىنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىئاسى ۋە گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايوپ) ئەپەندىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن توردىكى مەنبەلەردىن يۇغلىنىپ، يۇلغۇن ئىملا تۈزەتكۈچىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قايتا تەھرىرلىنىپ خالاستان بىلوگىغا يوللاندى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ باشقا ماقالىلىرىمۇ يىقىندا خالاستان بىلوگىدا ئۈزلۈكسىز ئىلان قىلىنىدۇ. مەسئۇلىياتچان قىرىنداشلارنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن___ نەزەرى.

تەشۋىقاتتىكى كۆلەڭگىلەر
بىر ياۋرۇپالىقنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كىتابىدا مۇنداق گەپنى كۆرگەندەك قىلغان.« ئۇيغۇرلار ياۋرۇپادا ئۆز ئىچىدە بىر بىرىگە ئۆز يۇرتى بىلەن تونۇشتۇرۇلىدۇ،   ياۋرۇپالىقلارغا ئۆزىنى ئۇيغۇر تۈرك دەپ تونۇشتۇرىدۇ، لېكىن ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئېسىدە كۆپىنچە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىلا ساقلىنىپ قالىدۇ، ئۇيغۇرلۇقىنى بىلىدىغانلار ساناقلىقلا (ئەلۋەتتە بۇ كىتاب 90 -يىللارنىڭ بېشىدا چىققان، ھازىر بۇگەپلەرنىڭ ئاخىرقى جۈملىسى چاك باسمايدۇ)». ئەۋەتتە، بۇ يەردە كىمنىڭ  ئۆزىنى قانداق تونۇشتۇرۇش مەسىلىسى موھىم ئەمەس، موھىمى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تونۇشنىڭ پەلەمپەيسىمانلىقى ۋە  مۇجىمەللىكى. ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن جوڭگۇ ۋە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرنىڭ نامى مىسلىسىز تىلغا ئېلىندى.خەلقئارا مېدىيەلەر ئۇيغۇرنى  مەدەنىيەت تەۋەلىكى بويىچە يۇقارقى پەلەمپەيسىمان تونۇش بىلەن تەسۋىرلىدى.  بەزى سەل تەپسىلى خەۋەرلەردە « مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار…. ئۇلار تۈركچە سۆزلەيدىغان جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى» دېگەندەك بايانلار ئاساسى سالماقنى ئېگىلىدى. دېمەك دۇنيانىڭ نەزىرىدە بىز ئاۋال مۇسۇلمان دەپ تونۇلدۇق، ئاندىن تۈركچە سۆزلەيدىغانلىقىمىز تىلغا ئېلىندى، ئۇيغۇرلىقىمىز بولسا ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلدى. يەنى بۈگۈنكى دۇنيادا ئىنسانلار بىر بىرىگە باھا بەرگەندە  ئاۋال ئۇنىڭ چوڭ جەھەتتىكى مەدەنىيەت تەۋەلىكىنى بىرىنچى بولۇپ تىلغا ئالىدىكەن، ئاندىن دائىرىنى سەل تارايتىپ ئىككىنچى قەدەمدىكى مەدەنىيەت تەۋەلىكىنى تەسۋىرلەيدىكەن، شۇ مىللەتنىڭ ئەڭ نىگىزلىك مەۋجۇد خاسلىقى ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلىدىكەن. ئەلۋەتتە بۇ يەردە دۇنيانىڭ بىزنى ياخشى بىلمەسلىكىمۇ يۇقارقى پەلەمپەيسىمان تونۇشقا سەۋەپ بولماقتا، ئەلۋەتتە.

ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇماتسىز قالغان دۇنيا جامائىتى 2009-يىلى ئىيولدىن باشلاپ خەۋەردار بولۇشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئېنگلىزچە، ياپۇنچە، فرانسوزچە، گېرمانچە، ئىتالىيانچە كىتابلارنىڭ بازىرى ئىنتايىن ئىتتىك بولدى. ئۇيغۇرغا ئالاقىدار  يېزىلىپ نەشىر قىلىنالماي قالغان ياپۇنچە، ئىنگىلىزچە ۋە تۈركچە كىتابلار كەينى كەينىدىن نەشر قىلىندى. ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن بىرقىسىملارنىڭ ئەسەرلىرى دۇنيادېكى چوڭ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى. بىر قىسىملىرى خەلقئارالىق مۇكاپاتلاغا ئېرشتى. لېكىن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ بىلىملەرنىڭ توغرا -خاتىرى ئايرىلىپ،  كىشىلەرنىڭ  كاللىسىغا ئورناپ ئۈلگۈرمىگەچكە جوڭگۇ ۋە دۇنياۋاۋىي مېدىيەلەردە ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇدلىقى ۋە ئۆتمۈشى چالا، قالايمىقان ۋە غۇۋا يوسۇندا ھەر خىل ئىزاھلاندى، ھەتتا  ئىسمىمۇ تولا خاتا تەلەپپۇز قىلىندى،مەسىلەن، بەزىدە  «يۇغۇر»،«يۇغۇرت»،«ۋىيغىر»،«ئۇيگۇر» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالدى. ئاتا مىراس زىمىنىمىزنىڭ ئاتلىرىمۇ ھەرخىل تەلەپپۇز قىلىندى. ئۈرۈمچى شەھرىمىز گەرچە ئۇغۇز بوۋىمىزنىڭ مۇبارەك قىسسەسىدىن ئورۇن ئالغان، قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىرىنىڭ  يازلىق ئارامگاھلىرىدىن بىرى بولغان مۇبارەك توپراق بولسىمۇ، دۇنيا ئۇنىڭ ئىسمىنى بەزىدە «يۇرۇمچى»،«ئۇرۇمكى»،«ۋۇلۇمۇچى» دېگەندەك  ئېيتىپ كەلدى. . ئەلۋەتتە، بەزى مىللەتلەرنىڭ نامىمىزغا تىلى كەلمەيدىغانلىقى ئەمەلىيەت، لېكىن ئەڭ موھىمى دۇنيانىڭ ئۇزاق ئەسىردىن بېرى بىزدىن بىخەۋەر قالغانلىقى ۋە خاتا مالۇماتلىق بولغانلىقى ئاساسلىق سەۋەپ. دۇنيانىڭ ئۇيغۇر ھەققىدە خاتا مەلۇماتلاندۇرۇلغانلىقىنى ئەڭ ئاددىيىسى يۇرت ناملىرىمىزنىڭ بەزى خەلقارالىق ئۆلچەمگە مۇخالىپ يېزىلغانلىقىدىنلا كۆرىۋېلىش مۇمكىن.، مەسىلەن، «كۇچا» Kuqa) )ۋە  «ئۈرۈمچى») Urumqi ) ( بۇ يەردېكى پىنيىنچە «Q »نى دۇنيا «ق» ياكى «ك» ئوقۇيدۇ، ).  بىز بەزىدە غەرب ئاخباراتىدا ئۇرۇمكى، كۇكا، ۋېنسۇ(ئونسۇ)، جىياشى(پەيزاۋات) دېگەندەك ناملارنى كۆرسەك ۋەئاڭلىساق ئېچىنىمىز، چۈنكى غەرپتە بىرسىنىڭ ئىسمىنى ئېسىدە ساقلىۋېلىش، توغرا تەلەپپۇز قىلىشنىڭ شۇ كىشىگە كۆرسەتكەن ئىتىراپ ۋە ھۆرمەتنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكى ئادەتكە ئايلانغان. بىزنىڭ يەر ناملىرىمىز خەنزۇچە پىنيىنغا تارتىپ يېزىلغاچقا ۋە جۇڭگونىڭ ئىنگىلىزتىلىدىكى ئاخباراتلىرىدا خەنزۇچە بويىچە تەلەپپۇز قىلىنغاچقا دۇنياۋىي مېدىيەلەرنىڭ خاتا قوللۇنىشى كېلىپ چىققان. جوڭگۇدا نەشىر قىلىنغان ئىنگىلىزچە لۇغەت، خەرىتە قاتارلىقلارغا ئۇيغۇر يەر ناملىرى، كىشى ئىسىملىرى پۈتۈنلەي خەنزۇچە تەلەپپۇزى بويىچە يېزىلغان، نەتىجىدە بىر ئۈرۈمچىنىڭ يۇقارقىدەك بىر قانچە ئىسمى پەيدا بولغان. بىر مىسالنى قىستۇرما قىلغۇم كەلدى. بىر دوستۇمنىڭ خەنسۇچىدا ئوقۇيدىغان جىيەن قىزى توردا ھەدىسى بىلەن پاراڭلىشىپتۇ. گەپ قىزچاقنىڭ مەكتەپتە ئىنگىلىزچە ئۆگىنىۋاتقانلىقىغا كەلگەندە دوستىمىز ئىنگىلىزچە قىزنىڭ ئىسمىنى سوراپتۇ. قىز ئىسمىنى خەنسۇچىلاپ دەپ بېرىپتۇ. دوستىمىز تۈزۈتۈپ بەرسىمۇ ئاڭلىماپتۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە خەنزۇچە ئىسمى ئۇنىڭ بىردىنبىر ئىنگىلىزچە ئىسمىكەن. بۇ يەردە ئىسىم قويغۇچى مۇئەللىم قىز ئۈچۈن نوپۇزنىڭ سىموۋۇلى، سىنىپتا ئۇنىڭ دېگىنى دېگەن، پايدا زىياننى ئويلاشقاندا قىزچاقنىڭ قوبۇل قىلىدىغىنى ئەلۋەتتە سىنىپتىكى ئوقۇتقۇچىسى قويغان ئىسىم، ھەرگىزمۇ ئون نەچچە مىڭ كىلومېتىر نېرىدىكى ھاممىسى تۈزەتكەن ئىسىم ئەمەس. بىز جەمئىيىتىمىزنى بىر دەرسخانا دېسەك نوپۇزنىڭ قۇدرىتى تېخىمۇ كونكىرىتلىشىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ « جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى» دەپلا ئاتىلىشىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتى باغرىدا مەۋجۇد بولۇپ تۇرغانلىقى سەۋەپ بولغان. ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرشۇناسلار ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇنداق ئاتىشىغا تۈپتىن قارشى ئىكەن. ئۇلارچە بۇ ئاتالما خەلقئارادا خاتا تەسىر پەيدا قىلغاندىن باشقا، مىللەتچى تورلاردا ئەۋج ئالغان ئۇيغۇر= ئىسلام+ئەلقائىدە+تۈرك+ قانخور دېگەن پورمۇلانى ئومۇملاشتۇرۇپ قويىدىكەن. ئىلمىيلىك بويىچە ئېيتقاندا  بۇ ئۇيغۇر بىلەن باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدىكەن. مېنىڭ ئەرەب تىللىق تونۇشلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار ئۇيغۇرنى بىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارچە «جوڭگۇلۇق مۇسۇلمان» دېگەن ئاتالما خەنزۇ تىللىق مۇسۇلمان خۇيزۇلارنى كۆرسىتىدىكەن. كوڭفۇزى ھەزرەت « نام ئورۇنلۇق بولسا گەپ يوللۇق بولۇر » دەيدۇ. تارىخ كىتابلار تۈزۈلمەكتە، ئىتتىپاقلىق دەرسلىكلىرى تەسىس قىلىنماقتا، كېلىشىمنامە، مەسئۇلىيەتنامىلەر يازدۇرۇلماقتا، مەنچە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە يۇرتىنىڭ نامىنى توغرا ئاتاشنى ئۆگەنگەندە ئاندىن باشقا گەپلەر يوللۇق بولۇشى مۇمكىن، بولمىسا بۇنداق ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ خاتالاشتۇرۇشتىن ساقلانغىلى بولماي قالىدۇ.

بىر كۈنى ماڭا بۇ يەردە ئاخباراتتا ئوقۇيدىغان بىر گۈيجۇلۇق تونۇشۇم « قۇربان تۇلۇم مەككىگە ھەجگە بېرىشنىڭ ئورنىغا ماۋزىدوڭنى كۆرگىلى بارغانىكەن، سەن بۇنىڭغا قانداق قارايسەن؟» دەپ سۇئال قويغاندا ھەيران قالغانتىم. ئۇنىڭغا باشقا گەپ قىلمىدىم، پەقەت ئۇيغۇرنىڭ مەڭگۈ ئىنسانغا، شەخسكە چوقۇنۇشتىن، تىزلىنىشتىن خالىلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويدۇم. لېكىن ئۇ «ئۇيغۇرلار ھازىر ئۆيلىرىگە ماۋزېدوڭ، دېڭشىياۋپىڭ قاتارلىق داھىلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن گىلەملەرنى ئاسىدىكەن» دېگەنىدى، «ئۇنداقتا ئۇ ئۆي پۇقرانىڭ ئەمەس كەنت سېكىرتارىنىڭ مەخسۇس كوممۇنىستىك مېھمانخانىسىكەن» دېدىم. ئۇ  جوڭگۇ خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئىنگىلىزچە پروگراممىسىدىن ئاڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ چاغان ئۆتكۇزىدىغانلىقى، چاغاندا پەيزاۋاتتىكى ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنىڭ «بەخت» دېگەن خەنزۇچە خەت يېزىلغان كەشتىلەرنى تىكىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى دەپ بەردى. مەن ئىچىمدە «تەشۋىقات» دېدىم. ئەمما ئۇ يەنە شۇ پەيزاۋاتلىق بىر دېھقاننىڭ 2009- يىللىق دۆلەت بايرىمىغا ئاتاپ ئەجدەرھا قولۋاق ياسىغانلىقىنى ئېيتىۋىدى گەپنى بۇرىۋەتتىم. كاللامغا ئۇيغۇر چۆچەكلىرىدىكى قورقۇنچلۇق ئەجدەرھا ھەققىدىكى ھىكايىلەرنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەقدىرى كېلىۋالدى. ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر يۇرتلىرىنىڭ ئەجدەرھالىشىش قەدىمى تېزلەشمەكتە ئېدى.  ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئوپالدىكى مەھمۇد كاشغەرىي مەقبەرىسىدىكى ئەجدەرھا غارىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتكۈزىۋەتكەنلىكى( ئۇ غارنىڭ نامى، مەھمۇد كاشغەرنىڭ ياراملىق بىر شاگىرىتىنىڭ ئەجدەرھانى ئۆلتۈرۈپ خەلقنى قۇتقازغانلىقى بىلەن باغلىنىدۇ)، كورلا رەھبەرلىرىنىڭ سارىخان تاغلىرىنىڭ نامىنى ئەجدەرھا تېغى دەپ ئالماشتۇرىۋەتكەنلىكى، خوتەندىكى «كۆتەككۆل» گە ئەجدەرھا كۆلى دەپ نام بېرىلگەنلىكى، شەھەرلەردىكى ئەجدەرھا چۈشۈرۈلگەن راۋاقلار، قەشقەردەكۆپۈيىۋاتقان ئەجدەرھا شەكىللىك بىنالار ئاڭلارغا سىغدالماقتا ئېدى. مەزكۇر تونۇشۇم يەنە شۇ ئەجدەرھا قولۋاق بىلەن قالدى. ئۇ دېھقان ھەتتا مۇخبىرغا «بىز جۇڭگولۇقلار ئەجدەرھا ئەۋلاتلىرى» دېگەنمىش. مەن ئۇ خەنزۇ تونۇشۇمغا «ئەجدەرھا ئەۋلاتلىرى» دېگەن بۇ سۆزنى پەيزاۋاتلىق دېھقاننىڭ چۈشىنىشگە ئىشەنمەيدىغانلىقىمنى، بۇ سۆزنى بېيجىڭغا كېلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ئۆگەنگەنلىكىمنى دەپلا خوشلاشتىم. چۈنكى مەن بۇنداق سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىپ ھارغان، قايتا دۇچ كەلگۈم يوق ئېدى. مەن بۇلارنى راست دېسەم ئەقلىمگە خائىنلىق قىلغان بولىمەن. يالغان دېسەم ئاشۇنداق تەشۋىقاتلارنى رادىئولارنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان بۇ خىلدىكى كىشىلەرنى ئىشەندۈرۈش ئاسان ئەمەس. يىگىرمە نەچچە يىللىق تەربىيەنى بىر كىشىنىڭ بىر نەچچە ئېغىز گېپى ئۆزگەرتەلەييتىمۇ؟. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىمۇ توغرا چۈشەندىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاخباراتتىن كۆرىدىغىنى يۇقارقىدەك «خەۋەرلەر»، سەھنىلەردە خوشال خورام ئۇسسۇل ئويناۋاتقان، چەكسىز ئىتىباردىن سۆيۈنگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر. تارىخ دەرسلىك  كىتابلىرىدىن ئوقۇيدىغىنى ئۇيغۇر شائىرى كەكمەنىرنىڭ خەنزۇچە « خەنزۇلار ئەزەلدىن بولمىش ئۇستازىم» دەپ يازغان «مەشھۇر» نەزمىلىرى.( بۇنىڭ يالغانلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان) مەنچە ئۇيغۇر ياشاۋاتقان توپراقنى،  ئۇيغۇر ياراتقان مەدەنىيەتنى ۋە ئۇنىڭ ھەقدارلىرىنى ئۆزىدىن تانغان، ئەجدەرھاغا مايىل قىلىپ تەشۋىق قىلىش  تولىمۇ خەتەرلىك.  بۇ چىگرانىڭ ئىچى ۋە تېشىدىكى  جوڭگۇ پۇقرالىرى بولۇپمۇ ئاۋام خەلققە خاتا ئۇچۇر، دۇنياغا خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويىدۇ.