يىقىندىن بىرى تورلاردا (گۈرۈچچاق ئەقلىفونى، قىسقارتىپ گۈرۈچفون دەپ تۇردۇق)小米手机دەپ تولا ئاڭلاپ كەتتۇق. تۆۋەندە خالاستان بىلوگىدىن نەزەرى بۇ ھەقتە ئۇيغۇر قىرىنداشلارغا تەپسىلىيراق مەلۇمات بېرىدۇ.
قوشۇمچە خەۋەر: ئورگان تەرەپ مەھسۇلات سۈپىتىگە ۋە بازار باھاسىغا قارىتا چەكلىك سېتىش سىتىراتىگىيىسى قوللانغان بولۇپ 9-ئايدىن باشلاپ ئورگان بېتىدە مۇنبەر ئەزالىرىغا چەكلىك سېتۋىلىش نومۇرى تارقاتقان. ھازىر سېتىۋىلىش نومۇرى 300 سوم ئەتراپتا. ھەم نومۇرنى سېتىش- سېتىۋىلىش چەكلەنگەن. بۈگۈنكى خەۋەردىن بىلىشىمىزچە ھازىر ئەڭ بۇرۇنقى ئەزالارغا مال تارقىتىلىۋاتقان بولۇپ باشقا تىزىملاتمىغان (ئەركىن بازار) دىكىلەرگەن كىلەر ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا كەڭ كۆلەمدە مال تەمىنلىنىدۇ. مال پەقەت بىۋاستە سېتىش ئۇسۇلىدا تەمىنلىدىغان بولۇپ ھەرقانداق 3-تەرەپتىن مال سېتىۋىلىشقا بولمايدۇ.
ھازىر گۈرۈچفون (小米手机) نىڭ قۇرغۇچىسى 新浪微博 دا CDMA 2000 فورماتتىكى گۈرۈچفون (小米手机) ئىشلەشكە پىكىر توپلاۋاتىدۇ. بەلكىم قوللىغۇچىلىرى كۆپ بولۇپ قالسا بازارغا كىرىشى مۇمكىن. بۇ يەردىن كىرىپ پىكىر بېرىڭ.
小米手机بولسا ئالتۇنتاغ (金山) يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ CEO سى 雷军 نىڭ مەبلەغ چېقىرىشى بىلەن قۇرۇلغان گۈرۈچچاق تېخنولوگىيسى(،北京小米科技有限责任公司小米科技) نىڭ بىردىنبىر مەھسۇلاتى.小米手机 نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئەرزان قوش نېگىزلىك ئەقلىفون دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ. 雷军 بولسا دىيارىمىزدىكى ھەربىر IT خادىمى تونۇيدىغان مەبلەغ سالغۇچى . دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق پىروگراممېرلىقتىن چوڭ ئۇتۇق قازانغان ئادەم. ئېلگىرى كىيىن بولۇپ 金山公司 نىڭ ئېچىش بۆلۈم باشلىقى، لىدىرى، 卓越网 نىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى، 逍遥网 نىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى، بېيجىڭ شەھرىنىڭ ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىسى، 北京UC优视 نىڭ لىدىرى شۇنداقلا ھازىرقى 小米科技 (گۈرۈچچاق تېخنىلوگىيىسى)نىڭ قۇرغۇچىسى. تولۇق تەرجىمىھالىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ. كەسىپداشلارنىڭ مۇنداق بىر باھاسى بار : 美国有乔布斯,中国有雷军!
iPhone نى ئامېركىنىڭ ئىستىمال مۇھىتىغا، ئادىتىگە ماسلاشقان مەھسۇلات دېسەك گۈرۈچفوننى جوڭگولۇقلارنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسى ۋە بازىرىغا ماسلاشقان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك بۇ مەھسۇلات ئەرزان بولغاچ جوڭگولۇقلارغىلا خاس، سۈپىتى ناچار دېگەنلىك ئەمەس. بىر نوقتا ئىسىمىزدە بولسۇن، ھەممەيلەن ناھايتى چوڭ بىلىپ كىلىۋاتقان iPhone4s نىڭ بارلىق تەننەرخى ئاران 1200 يۈەن خەلق پۇلى. ئەمما ھازىر 6200 يۈەندىمۇ مال يوق!!! iPhone ۋە گۈرۈچفون (小米手机) ئوخشاشلا جوڭگودا ئىشلەنگەن ، بىرى جوڭگونىڭ ئەڭ يۇقىرى دورامچىلىق سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلسا يەنە بىرى ئامېركىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەھسۇلات ئېچىش سەۋىيىسىگە ۋەكىلىك قىلىدۇ خالاس.
小米手机نىڭ سەپلىمىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولۇپ دۆلىتىمىزدە تەتقىق قىلىپ ئىشلەنگەن ئەقلىفونلار ئېچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. سىستمىسىغا ئالقشىقا ئىرىشىۋاتقان Android ۋە 小米 ئۆزلىرى ئاچقان، Android ئاساسىدىكى مەشغۇلات سىستىمىسى MIUI ئىشلىتىلگەن. ئىككى سىستىمىنى تاللاپلا ئەركىن ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا ھازىرقى بازاردا ئىقتىدار باھا نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئەقلىفون دەل گۈرۈچفون (小米手机) دۇر. مەن ئۆزۈممۇ پۇرسەت بولسا سېتىۋىلىش ئويىدىمەن. ھەم ئۇيغۇرلارنىڭمۇ سېتىۋالالايدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىدۇ.
يۇقاردا يانداشما گەپنى كۆپ يېزىپ كەتتىم، گۈرۈچفون (小米手机)نىڭ سەپلىمىسى تۆۋەندىكىچە :
مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى 高通MSM8260 1.5GHz قوش نېگىزلىك. ئىچكى ساقلىغۇچ 1GB RAMۋە 4GB ROM. ئىكرانى 4 سۇڭ، FWVGA ئۆلچىمىدە، يەنى 854×480 سىزىمچانلىقتا. سىنكۆز 8 مىليون پېكسول.1930mAh سىغىملىق باتارىيە سەپلەنگەن.
مۇشۇنداق يۇقىرى سەپلىمىلىك ئەقلىفون ئاران 1999 يۈەن. شۇنداقلا ”جوڭگودىكى تۇنجى قوش نىگىزلىك ئەقلىفون“ دېگەن نامغا ئىگە. iPhone سېتىۋىلىشقا قۇربى يەتمىگەن، مۇرەككەپ تۈرمىدىن قاچۇرۇش، دېتال قاچىلاش … قاتارلىقلارغا كۆنەلمىگەنلەر مۇشۇ ئەقلىفوننىلا سېتىۋالساڭلار غىمىڭلار ئازىيدۇ.
تۆۋەن بۇ ھەقتە ئەڭ يىڭى فىلىمدىن ھوزۇرلىنايلى
Close[SWF] - 小米手机