سەھىپە ئارخىپى: Mac OS X

Mac OS كە XCode قاچىلانماسلىق مەسىلىسى

ھەممەيلەنگەن ئايان، Mac OS كە XCode قاچىلاشتىن مەقسەت دەل ھازىرقى ئەرمەك بولغان iPhone, iPad,  Mac OS لەرگە قوللىنىلىشچان يۇمشاق دېتال (رىۋايەتلەردىكى ئەپ) يېزىش.

بۇرۇن ئۆزۈم قاچىلىغاندا ئۇنچە قىينالمايلا كىيىنكى قەدەم دەۋېرىپ قاچىلىغان. بۈگۈن بىر بۇرادېرىمنىڭ كومپىيۇتېرىغا قاچىلاش زۆرۈر بولۇپ قالغاچ ئۇچرىغان مەسىلىدىن قاچماسلىق ئىيددىيسى بويىچە بۇ مەسىلىنىمۇ ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىۋالدىم

XCode نىڭ بۇرۇنقى نەشىرلىرى MAC OS نىڭ نەشرىگە بىردىن ماس كىلەتتى. ھازىر بىر قىسىم نەشىردىكى XCode نى ئورتاق ئىشلەتكىلى بولىدۇ.يەنى يۇقىرىدىن تۆۋنگە سېغىشىدۇ. يەنى 10.7.2 گە 4.3.1 ياكى 4.2 ماس كىلىۋىرىدۇ. لىكىن ماۋۇ يىڭى 10.7.3 گە چوقۇم 4.3.2 بولىشى كىرەككەن. بۈگۈن بىر كۈن جاپا تارتىپ چۈشۈرگەن 4.3.1 قاچىلانماي ئاخىر APP Store غا تەلمۈرۈشكە توغرا كەلدى. لىكىن بۇ نەرسىنى APP Store دىن چۈشۈرۈپ بولۇشقا بىرەر ھەپتە كىتەرمىكىن…..

تۆۋەن نەشىردىكى XCode  نى يۇقىرى نەشىردىكى Mac OS كە قاچىلاشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ چىقىمىغان بېكەت قالمىدى. ئېنگىلىزچە بېكەتلەردىمۇ ئىنىق ھەل قىلىش چارىسى يوق ئاخىر خەنچە بىر بېكەتتىن بىر جۈملە تېپىۋالدىم، دەپتۇلەركى، «سىستىمىنىڭ ۋاقتىنى بىر يىل كەينىگە سۈرۈۋىتىپ سىناڭ!» ئاخىردا مۇشۇ گەپ بىلەن مەسىلە ھەل بولدى.

مانا ھازىر 10.7.3 دە Xcode نىڭ 4.3.1 نورمال ئىشلەۋاتىدۇ.

MAC OS LION گۈزەللەشتۈرگۈچى Lion Designer

ھازىر ئارىمىزدا MAC OS ئىشلىتىۋاتقانلار خىلى سالماقنى ئىگىلەپ قالدى. MAC OS نىڭ بىللە چىققان ئۇسلۇبى سەل يەككە رەڭلىك بولغاچ بەزىلەرگە يىقىمسىز تۇيۇلۇپ قالىدۇ. يىڭى چىققان lion سېسىتىمىدا گەرچە كۆپ يىڭىلىقلار بولسىمۇ ئاساسلىق ئۆزگىرىش كۆپ ئەمەس. بەزى گۈزەللەشتۈرۈش جەھەتتىكى ئىھتىياجىمىز ئۈچۈن لازىملىق دېتال دەل—- Lion Designer 

مەن تونۇشتۇرغان بۇ يۇمشاق دېتال ئارقىلىق سىستىمدىكى Dashboard/Mission Control قاتارلىق رايۇنلارنى گۈزەللەشتۈرگىلى، LaunchPad ھۆججەت قاپچۇقىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. لازىملار ئۈچۈن كىرىش بېتىنىڭ ئۇسلۇبىنىمۇ ئۆزگەرتىكىلى بولىدۇ.

ئورگان بېتى     بىۋاستە چۈشۈرۈش   تېخمۇ كۆپ يازمىلار

Mac mini توغرىسىدا قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار.

قايسى كۈنى توردىن  Mac mini توغرىسدا ئازتولا خەۋەر كۆرگەنتىم. apple شىرىكىتىنىڭ بۇنداق مەھسۇلاتى بارلىقىنى بىلسەممۇ ئەمما زادى نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ۋە نېمە ئىقتىدارلىرىنىڭ بارلىقىنى پەقەتلا بىلمەيدىكەنمەن. شۇڭلاشقا توردىن ئازتولا ئىزدەپ كۆرۈپ باقتىم. ھەم توردا كۆرگەنلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە يازما قىلىپ چىقىرىپ قويدۇم.

Mac mini بولسا apple شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ mac كومپيۇتېرى  كاتېگورىيەسىنىڭ بىر ئەزاسى. 2005-يىلى 1-ئاينىڭ11-كۈنى تۇنجى نۆۋەت ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئىخچاملىقى، كۆرىنىشىنىڭ چىرايلىقلىقى ۋە قولىنىشچانلىقى بىلەن خېلى كۆپ بىر بۆلۈك ئىستىمالچىلارنى جەلىپ قىلىپ كەلگەنىكەن. باشقا ئۈستەل كومپيۇتېرلارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ مەھسۇلاتنىڭ سېغىمى ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. apple تەرەپ خۇددىي ئۆزىنىڭ باشقا مەھسۇلاتلىرىنى قەرەللىك يېڭىلاپ ئارتۇقچىلىق قوشۇپ تۇرغىنىدەك بۇ مەھسۇلاتىنىمۇ ئىزچىل يېڭىلاپ كەلگەنكەن.

ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنىڭ  سەپلىمىلىرى خېلىلا ئىلغار ئىكەن.مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ خۇددىي بىر كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي ئاپراتىنىڭ رولىنى ئوينايدىغان ئۈسكۈنە بولۇپ، پەقەت ئېكران، مائۇس ۋە كۇنۇپكا تاختىسى بولسىلا بىر كومپيۇتېر بولالايدۇ. يېڭى نۇسخىسىنى بەزى بىر تېلىۋوزۇرغا چېتىپ ئىشلەتكىلى بولامىش.

apple كومپيۇتېرلىرىنىڭ باھاسىنىڭ بىرقەدەر يۇقىرى بولىشى، كومپيۇتېر ساھەسىدىكى مۇنۇپۇللىقىغا چەك قويۇپ قويغانلىقتىن، بىرقەدەر ئەرزان بولغان بۇ مەھسۇلات ئوتتىرغا چىقىرىلغانكەن.مەن بۇ مەھسۇلاتنى كۆرۈپ ئىشلىتىپ باقمىغانلىقتىن مۇشىنچىلىك مەلۇماتقا ئېرىشەلىدىم. تورداشلاردىن ئىشلىتىپ باققانلار بولسا ياكى نەزەرى تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولسا ئورتاقلاشساق.

Nezeri: خۇددى يۇقىردا ئېيتىلغاندەك apple شىركىتى بۇ مەھسۇلاتنى مەخسۇس ئائىلە كۆڭۈل ئېچىش سىستىمىسى ئۈچۈن ئاچقان. بىر ئۆيگە بىرنى ئورنىتىپلا ئائىلە تورى ئارقىلىق پىرويىكسيىە ئاپپاراتى، باشقا ئىكران، كىنو قويغۇ، سىن قويغۇ… لارغا بىمالال ئۇلىنالايدۇ.

شۇنداقلا يىڭى apple غا يۈرۈش قىلغانلار ئۈچۈن ئاساسى ماشىنا، ياكى مۇلازىمتېر ئورنىدىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. سەپلىمىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى. مەنمۇ دەسلەپتە مۇشۇ مەھسۇلاتنى سېتىۋالىمەن دەپ يۈرۈپ پەقەت ئىكرانى بولمىغاچ كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە ئەپسىز دەپ ھازىرقى  macbookpro نى سېتىۋالغان.

iTunesدىكى نەشىر كۆتۈرەلمەسلىك خاتالىقىنى تۈزەش

يىقىندىن بىرى Mac OS بىلەن ئېتىشىپ نۇرغۇن مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ ئۆتتۈم. بۇ جەرياندا بەزى مەسىلىلەر باشقىلارغىمۇ، Windowsشارائىتتىمۇ يولۇقۇش ئېھتىماللىقى بولغاچ تېما قىلىپ يوللاۋاتىمەن. ئوخشاش مەسىلگە يولۇققانلارغا ياردىمى تەگكەي.

ئۈسكىنىنى iTunes غا چېتىپ windows شارائىتتا Shift نى بېسىپ (Mac شارائىتتاOptionنى) نەشىر كۆتۈرۈش (ياكى ئوخشاش نەشىرنى قايتا يىڭىلاش) بۇيرۇقى بەرگەندە تۆۋەندىكىدەك خاتالىق كۆرۈلسە

无法恢复iphone the device isnt eligible for the requested build

بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسى تۆۋەندىكىدەك:

ئەگەر بۇرۇن 小雨伞 (ئېنگىلىزچە TinyUmbrella) دېگەن دېتال قاچىلانغان بولسا بۇ دېتالنى قايتا قوزغىتىپ advanced دېگەن تۈردىكى set hosts to cydia on exit  دېگەن تاللاشنىڭ ئالدىكدىكى تاللاشنى (بار بولسا) ئېلىۋەتسەك تامام.

ئەگەر يۇقارقى باسقۇچتىمۇ ئوڭشالمىسا تۆۋەندىكىچە مەشغۇلات قىلىمىز:

Windows  دىكىلەر: c%System32DriversEtc دېگەن مۇندەرىجىدىن Hosts دېگەن ھۆججەتنى خاتىرە دەپتەردە ئېچىپ  74.208.105.171 gs.apple.comياكى 74.208.10.249 gs.apple.com دېگەن ئىككى قۇرنى ئۆچۈرۋەتكەي.

Mac OS X تىكىلەر بولسا : 实用工具-终端 دېگەن تەرتىپ بويىچە ئىجرا كۆزنىكىنى قوزغىتىپ sudo vi /etc/hosts نى كىرگۈزۈپ قايتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى باسسا سىستىما پارولىنى سورايدۇ، كىرگۈزگەناىن كىيىن Host ھۆججەت ئېچىلىدۇ. ئاندىن i نى باسقاندىن كىيىن تەھرىرلەش ھالىتىدە تۇرۇپ 74.208.105.171 gs.apple.comياكى 74.208.10.249 gs.apple.com دېگەن ئ‍ككى قۇرنى تولۇق ئۆچۈرۋەتكەندىن كىيىن Escنى بېسىپ چېكىنسە(يەنە كىرگۈزۈش ھالىتىدە بولسا wqنى كىرگۈزىمىز) تامام.

[خوش خەۋەر] پەچەت ياردەمچى iTools يىڭىلاندى

ئالدىنقى قېتىم خالاستان بىلوگى iPhoneباشقۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى دېتالiTools نى تونۇشتۇرغان

ئۇزۇندىن بىرى بۇ دېتالدا كۆپ يىڭىلىنىش بولمىغان. مانا بۈگۈن بۇ دېتال ئۆزىنىڭ يىڭى ئىقتىدارىنى بىزگە نامايەن قىلدى.

بۈگۈنكى ئەڭ يىڭى نەشرىگە iOS5 نىڭ ئەڭ ياخشى ئىقتىدارلىرىدىن بىرى بولغان wifi ئارقىلىق ماسقەدەملەشنى قوللىدى. شۇنداقلا نۆۋەتتكى «دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولۇپ iOS5نى مۇكەممەل قوللىغان» 3-تەرەپ ياردەمچى دېتال بولۇپ قالدى.

يەنە بىر خۇشاللىنارلىق يىرى شۇكى، قاتتىق ئالقىشقا ئىرىشكەن بۇ كاساپەتنىڭ Mac Os نەشرى ئاخىر چىقتى(نەزەربايمۇ ئىشلىتەلەيدىغان بولدى… ھاھا).

بۈگۈن قوشۇلغان بۇ ئىقتىدارلارنىڭ تەپسىلاتى:

iOS 5 كە نىسبەتەن سىمسىز ماسقەدەملەش قوشۇلدى.

iOS 5 كە رەسىم كىرگۈزۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى(بۇرۇنقى نەشىرلىرىدە رەسىمنى چىقرىشىقا بولاتتى، رەسىم كىرگۈزۈشكە بولمايتتى).

iOS 4 كە قىسقا ئۇچۇر قوشۇش ئىقتىدارى قوشۇلدى. ئادەتتە CSV فورماتىدىكى ئۇچۇر ئامبرىنى قوللايدۇ.

ئابونت ئۈسكىنىلىرىنىڭ سىىمىنى خاتا ھىسابلاش مەسىلىسى ھەل بولدى.

ئۈسكىنە ئۇچۇرلىرىنى خاتا كۆرسىتىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدى.

ناخشا تېزىملىكىدىى خەنچە خەتلەرنىڭ خاتا كۆرۈنىۋىلىشى ئوڭشالدى(ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇچۇرلاردا خاتالىق چىقمايدۇ).

itools نىڭ Windows نەشىرنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ. itools نىڭ Mac OS نەشىرنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ. يۇقارقى دېتال ئىشلىشى ئۈچۈن iTunes نىڭ ئەڭ يىڭى نەشرى قاچىلانغان بولىشى كىرەك. چۈشۈرۈڭ.

AppStoreدىن چۈشۈپ بولالمىغان ئەپنى ئۆچۈرۈش

ئالما مەھسۇلاتى ئىشلىتىۋاتقان ھەممەيلەن يولۇققان بىر مەسىلە شۇكى، جاپا تارتىپ AppStoreدىن تاپقان يۇمشاق دېتالىمىز بىزنىڭ رايۇنلارنىڭ تور تىزلىكى سەۋەبلىك بىرەر ئىككى سائەت ئەمەس ھەتتا بىرەر ئىككى كۈندە  (نەزەرباي AppStoreدىن XCodeنى 3 كۈندە چۈشۈرۈپ بولالماي ئاخىر ب ت دا جايلىدى.) چۈشۈرۈپمۇ بولالمايمىز. قولاشمىغان يېرى، چۈشۈپ بولالمىغان يۇمشاق دېتالنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا بولمايدۇ،

ياكى نورمال ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ھەر بىر قېتىم تورغا ئۇلىساق چۈشۈرۋاتىمەن دەپ بىر تۇرسا ۋاقىتنىڭ ئۆتكىنى ئۆتكەن.

ئاۋۋال iPhone,iPodTouch,iPad تىكى چۈشۈپ بولالمىغان دېتاللارنى ئۆچۈرۈشنىڭ ئىككى ئۇسۇلىنى تونۇشتۇراي.

1.IFUNBOX ياكى iToolsدېگەندەك دېتاللار ئارقىلىق usermediadownloads  مندەرىجىگە كىرىپ ئىچىكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋىتىپ قايتا قوزغىتىمىز.

2.ئاۋۋال iTunes ئارقىلىق ئۈسكىنىدكى يۇمشاق دېتاللارنى كومپيۇتېرغا تەڭقەدەم(同步)لەپ ئاندىن كومپيۇتېردىكى iTunes ئارقىلىق ئۆچۈرۈپ تاشلاش.

ئەمدى  Mac OS X تىكى چۈشۈپ بولالمىغان دېتاللارنى ئۆچۈرۈشنىڭ  بىرئۇسۇلىنى تونۇشتۇراي.

launchpad كە كىرگەندىن كىيىن بارلىق يۇمشاق دېتاللار كۆرۈنىدۇ. option نى باسساق چۈشۈپ بولالمىغان دېتالنىڭ ئۈستىدە كۆپەيتىش بەلگىسى چىقىدۇ. شۇ بەلگىنى چەكسەكلا چۈشۈپ بولالمىغان دېتال سەللىمازا يوقايدۇ.  Mac OS X تە تىزىملاش جەدۋىلى بولمايدۇ، شۇڭا ھەرقانداق دېتالنىڭ ئىجرا بەلگىسىنى بىۋاستە ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋتسەك شۇ دېتال تولۇق ئۆچىدۇ.