گۆش-پىياز تۈگرىسى
يانفوندا كۆرۈش
خۇرۇچلىرى: ئاق ئۇندىن 600 گرام، لوق گۆشتىن350گىرام،پىيازدىن300گرام،تۇز،ئاقمۇچلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1.ئۇنغا يېتەرلىك تۇز سېلىپ،خېمىرنى چىڭراق يۇغۇرۇپ تىندۇرىمىز.2.گۆشنى ئۇششاق توغراپ،ئازراق سۇ،تۇز بېرىپ ئارىلاشتۇرىمىز. پىيازنى ئۇششاق توغراپ،ئاقمۇچنى گۆشكە قوشۇپ،تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلايمىز.3.تىنغان خېمىرغا قايتا ئىشلەپ پىلتا قىلىپ، زوۋۇلا ئۇزۈپ،بېسىپ يالپاقلاپ، چۆرىسى نېپىز،ئوتتۇرىسى قېلىن جىلتا ئېچىپ، قىيمىنى مۇۋاپىق سېلىپ، چېتىنى پۈكۈپ ياي شەكىلدە تۈگرە تۈگۈپ ، قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ،تۈگرە لەيلەپ چىقىپ كۆپكەندە ئازراق سۇ تېمىتىپ،بوش ئوتتا قاينىتىمىز.تۈگرە قورۇلۇپ پىشقاندا يەنە ئازراق سۇ تېمىتىپ،سەل تۇرغۇزۇپ،ئاندىن سۈزۈپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.