جاپاكەش ئانام ........
يانفوندا كۆرۈش
مېھرىبان ئانا سېز نىمىدېگەن ئۇلۇغ ھە ؟ دۇنيادا ھەممە ئانىلار ئۇلۇغ ، ھەممە ئانىلار جاپاكەش ، ھەممە ئانىلار پەرزەنىت ئۈچۈن قانچە جاپا چەكسىمۇ ۋايسىمايدۇ ، ئانا سىزنىڭ بىز تۆت بالىغا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭېزنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن . دۇنيادىكى ھەممە ئانىلارنىڭ پەرزەنتىگە سىڭدۈرگەن ئەجرىنى قوشسىمۇ سىزنىڭ تارىتقان جاپايىڭىزنىڭ يىرمىغا توغىر كەلمەيدۇ دەپ ئويلايمەن . ئانا سېز بىزنىڭ كۆڭلىمىزنىڭ يىرىم بولىشىنى خالىمايسىز ، شۇڭا ئۆتمۈشتىكى تارىتقان جاپالىرڭىزنى بىلىپ قىلىشىمىزنى خالىمىغاچقا ئۆتمۈشىڭىز توغىرلۇق بىرەر ئىشلارنى سورىساق سىز كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق كۆڭۈللۈك ياشىغانلىغىڭىزنى قىسقىغىنە سۆزلەپ بىرىپ يىنىمىزدىن ئايرىلىپ پىنھان بىر ئۆيگە كىرىپ كىتەتتىڭېز ، ئانا بىزنى كەچۈرۈڭ بىز بەك كىچىك بولغاچقا سىزنىڭ ئۆتمۈشىڭىز توغىرلۇق جىق گەپ قىلىشنى خالىمايدىغانلىغىڭىزنى چۈشەنمەپتۇق ، بىز چۈشەنگەندە بەك كىچىككەنلىگىمىزنى ھېس قىلدۇق . ئاھ .. مېھرىبان ئانا بىز ئاشۇ چاغلاردا سىزنىڭ ئۆتمۈشىڭىز توغىرلۇق گەپ سورىساق سىزنىڭ قانچىلىك ئازاپلىندىغانلىقىڭېزنى ، بىزنىڭ كەلگۈسىمىزنى كۆز ئالدىڭىزغا كۆلتۈرگىنىڭىزدە ، يۈرەك - باغرىڭېز ئۆرتىلىپ قان - قان يىغلايدىغانلىقىڭىزنى بىز ئەسلا چۈشەنمەپتۇق . بىزنى كەچۈرۈڭ ئانا ئاشۇ چاغلاردا پىنھان جايلارغا بىكىنىۋىلىشىڭېزنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى چۈشەندۇق . ئەقلى كەمتۈك پەرزەنىتلىرڭىزنى كەچۈرەرسىزمۇ ئانا ؟ مەن ئىشىنىمەن سىز چوقۇم كەچۈرسىز چۈنكى ئانلارنىڭ قەلبىگە ئالەم سىغىدۇ ئەمەسمۇ . ئانا سىز ئۆتمۈشىڭىز توغىرلۇق ھىچ نىمە دىمىسىڭىزمۇ بىز ھەممىنى بىلدۇق . سىز ئەمدىلا ئوتتۇز ياشقا كىرگەندە دادام رەھمەتلىك ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ . سىز بىزگە ھېچ نېمە دىمىگەن بىلەن بىز ھازىر ھەممىنى بىلدۇق ، دادام رەھمەتلىك ئالەمدىن ئۆتكەندە چۇڭ ئاكام ئەمدىلا يەتتە ياشتا ، ئاچام تۆت ياشتا ، مەن ئون سەككىز ئايلىق ، سىڭلىم تىخى سىزنىڭ قورسىقىڭىزدا ئىكەن . ئانا سىز نېمىدىگەن ئۇلۇغ ھە ؟ بۇنچە كىچىك تۆت نارىسىدىنى ئۆزى يالغۇز بىقىپ قاتارغا قوشۇش يەنە قانچىلىك ئانىلارنىڭ قولىدىن كىلەر ، دۇنيادا بار دىيىلسىمۇ مىنىڭچە ساناقلقلا ، ئانا سىزنىڭ بىزگە بەرگەن سۈتىڭېزنىڭ ھەققى ئۈچۈن ، بىزگە سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىز ئۈچۈن ، بىزنى بىقىش جەريانىدا تارىتقان ئازاپ - ئوقىبەتلىرىڭىز ئۈچۈن قانچە قىلساق ئەرزىيدۇ ، ئاھ جاپاكەش ئانا شۇنچە يىل جاپا تارتىپ تۆت پەرزەنىتنى قاتارغا قوشتىڭىز ، سىزنىڭ ئەجرىڭىزنىڭ ھىممىتىدە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز شۇنداق ياخشى كىتىپ بارىدۇ ، ئەمما سىزگە ۋادارلىق كۆرسىتەيلى ، ئەجرىڭىزگە جاۋاپ قايتۇرايلى دىگەندە سىزگە نەدىنمۇ چاپلاشتى بۇ نىجىس كىسەل ، ھەممە يەردە داۋالىدى ئۈنۈم بولمىدى ، ئانا سىز قانچە قىينىلىۋاتقانسىز ، تۆت يىل ئورۇن تۇتۇپ يىتىش ئاسانمۇ ، سىز بىزنى باقىمەن دەپ تۇمۇز ئىسسىققا ، قەھرىتان سوغۇققا قارىماي ئىشلەپسىز ئەمدى دەم ئالاي دىگەندە ئۆز ۋاختىدا سوغۇق ئۆتكۈزىۋالغان پۇتىڭىز پالەچ بۇلۇپ قاپتۇ . ئەمدى نامىزىمىزدا ئۇلۇغ اللاھتىن شىپاھلىق تىلىمەي ئامالىمىز قالمىدى . كىسەلنى بۆلۈشۈپ تارتىشنىڭ ئورنى بولسا ئىدى بىز تۆت پەرزەنتىڭىز بۆلۈشۈپ تارىتقان بولاتتۇق . ئاخىردا ھەممە پەرزەنىتلەرگە دەيدىغىنىم ئاتا - ئانىلارنى قەدىرلەيلى . جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا ...........