كۈدە تۈگرىسى
ۋاقتى: 2014-05-10
ئاۋاتلىقى: 279 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
خۇرۇچلىرى:ئاق ئۇندىن 600 گرام،لوق گۆشتىن 200 گرام،ئەبجەش ياغدىن 70 گرام، يۇمران كۈدىدىن 600 گرام؛ ئاقمۇچ، پىياز، تۇز، ئەتكەن قىزىلمۇچ، ئاچچىقسۇلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى: 1.تۇزنى يېتەرلىك سېلىپ، خېمىرنى چىڭراق يۇغۇرۇپ تىندۇرىمىز.2. گۆش بىلەن كۈدە، پىيازلارنى بۇغدايدەك ئۇششاق توغراپ، تۇز، ئاقمۇچ، ئەبجەش ياغ سېلىپ قىيما تەييارلايمىز. 3.خېمىرغا قايتا ئىشلەپ پىلتا قىلىپ، زوۋۇلا ئۈزۈپ، چۆرىسى نېپىز، ئوتتۇرىسى قېلىن جىلتا ئېچىپ، قىيمىنى سېلىپ ياي شەكىلدە تۈگۈپ، قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ بوش ئوتتا قاينىتىپ، پات ـ پات سۇ تېمىتىپ پىشۇرۇپ لېگەنگە ئېلىپ، ئەتكەن قىزىلمۇچ، ئاچچىقسۇ بىلەن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.
Tags: