سېرىق كۈدە چۆچۈرىسى
يانفوندا كۆرۈش
خۇرۇچلىرى:ئاق ئۇندىن 500 گرام،سېرىق كۈدىدىن200گرام،پالەكتىن 60 گرام،پىيازدىن بىر باش،سېمىز گۆشتىن 200گرام،ئەبجەش ياغدىن30گرام؛تۇز ،ئاقمۇچ ئۇنى،ئەتكەن قىزىلمۇچ.ئاچچىقسۇلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
ئېتىش ئۇسۇلى:1.ئۇنغا ئۆتكۈزۈپرەك تۇز سېلىپ،چىڭ خېمىر يۇغۇرۇپ تىندۇرىمىز.
2.گۆشنى ئۇششاق توغراپ،ئازراق سۇ،تۇز بېرىپ ئارلاشتۇرىمىز،سېرىق كۈدە،پالەك،پىيازلارنى ئايرىم ـ ئايرىمئۇششاق توغراپ،تۇز،ئاقمۇچ ئۇنى،ئەبجەش ياغ سېلىپ گۆشكە قوشۇپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلايمىز.3.تىنغان خېمىرغا قايتا ئىشلەپ زوۋۇلا قىلىپ،نېپىزھەم تەكشى يېيىپ،ئۈچ سانتېمېتىر كەڭلىكتە تۆت چاسا قىلىپ كېسىپ قويىمىز.4.چاسا كېسىلگەن جىلتىغا قىيما ئېلىپ،جىلتىنى پۈكلەپ چىمدىپ،چىمدالغان چېتىنى سىرتىغاكەلتۈرۈپ،ئىككى چېتىدىن پۈكلەپ چۆچۈرە ھالىتىگەكەلتۈرۈپ تۈگۈپ،تەييارلانغان شورپا ياكى قايناق سۇغا سېلىپ پىشۇرۇپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.ئەتكەن قىزىلمۇچ،ئاچچىقسۇ ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ ئىختىيارىدا بولىدۇ.