يېمەك-ئىچمەك
كۆپ ھاللاردا ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۈركلەر بولغان مۇسۇلمانلار ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەنئەنىلىرىنىمۇ ئۆزلىرى بىلەن تەڭ ئېلىپ كېلىشكەنىدى. بەك ئازلىرىنى يەرلىك خەلقتىن ئالغان ئىدى. بۇ ئادەت ۋە ئەنئەنىلەرنىڭ قانچىلىكىنىڭ نەچچە ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىنمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىغى ۋە ھازىرمۇ شۇنىڭغا پاكىستانلىقلارنىڭ ئىشىنىۋاتقانلىغىنى كۆرگىنىمىزدە ، بۇ ئىش بىزنى چۆچۈتمەي قالمايدۇ. مىسالغا ئالساق ،بۈگۈن پاكىستاندا ئېتىلىۋاتقان تائاملارننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكىلەردىن تۈپ پەرقى پىشۇرۇش جەريانىنىڭ سەل-پەل ئوخشىماي قالغانلىقىدۇر. پاكىستانلىقلار زەيتۇن يېغى ۋە ساپ سۈنئى قايماقنى بۇغداي ۋە ئايچېچەك يېغىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىدۇ ۋە تائاملارغا ناھايىتى كۆپ باھارەت ئىشلىتىدۇ.ھەتتا پاكىستان يېمەكلىكلىرىنىڭ ۋە يەيدىغان ماددىلىرىنىڭ بەك كۆپىنىڭ ئېتىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن. مىسالغا ئالساق،پىشىرۇلغان گۈرۈچ تامىقى «پولۇ»،قازان نېنى (قوتۇرماچ)«نان»، ئەت«گوش»، سوغان«پىياز»دىيىلىدۇ ۋە ئەلۋەتتە بەزى ئورتاق سۆزلەر تۈركچىدىكى بىلەن ئوخشاش قوللىنىلىدۇ. «كاۋاپ»،«ھالۋا»، «شالگام»، «شورپا»ۋە باشقىلار.
تىل
پاكىستاننىڭ مىللى تىلى بولغان «ئۇردۇ» ئاتالغۇسى تۈركچىدىكى «ئوردۇ» (لەشكەر)دىن كەلگەندۇر. بۇ ئاتالغۇ ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلىغىغا تەخمىنەن 1000يىل ئىلگىرى كەلگەن تۈرك لەشكەرلىرىنىڭ لاگېرىدىن ئوتتۇرىغا چىققان بولسا كېرەك. ئوردۇ تىلى پەيدا بولۇشىدىن پاكىستاندىكى بۈگۈنكى ھالىغا كەلگىچە ناھايىتى كۆپ ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. دەسلىپىدە كونا مۇسۇلمان «سۇفى» لىرى ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن بۇ تىلنى تەرەققى قىلدۇرغان، كېيىن بازارلارغا ، ئېلىم-سېتىم مەركەزلىرىگە ئېلىپ بېرىلغان، سارايلارغا ۋە ئاستانىلەرگە كىرگەن، بۇ ئۇزاق ۋە زور بولغان سەپەردە بۇ تىل ئۆزىنى پۈتۈنلەي يەرلىك دېئالىكتلەر بىلەن تويۇندۇرغان ۋە ناھايىتى ئەبجەش ھالەتكە كەلگەن. ئەسىرلەر بويى يېڭى ئېقىملارنىڭ تەسىرلىرىنى ئۆزىگە قوشقان، مەدىنىيەت يىلتىزى بولغان تۈرك تىلىنى يەنىمۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاساسىي يىلتىزى ھالىتىدە ساقلاپ قالغان. بۈگۈنكى كۈندە ئوردۇ تىلى بىلەن تۈرك تىلىنىڭ 6000دىن ئارتۇق ئورتاق سۆزى باردۇر.
مۇراسىملار
پاكىستاندا ساقلىنىپ قالغان مۇراسىملارنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرىنەرلىكلىرى مۇسۇلمانلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭكىگە ئوخشايدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا دىنىي مۇراسىملارمۇ بار.دىنىي مۇراسىملارغا ناھايىتى كەڭ تارقالغان شۈكۈر قىلىشنى ئىپادە قىلىش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرىنى سۆيۈندۈرۈش ئورتاق ئارزۇسىدا قوبۇل قىلىنغان بايراملار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەڭ چوڭلىرى ئىككى ھېيتتۇر. رامىزاننىڭ خەيرلىك ھالدا تاماملىنىشى روزى ھېيتنىڭ باشلانغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ، ھەزرىتى ئىبراھىمنىڭ ئاللاھنىڭ ئارزۇسىغا بويسۇنۇپ ئوغلى ئىسمائىلنى قۇربان قىلىشنى تەكلىپ قىلىشى قۇربان ھېيتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەنىۋى ئاساسىنى تۇرغۇزغان.پاكىستاندا قويلارنىڭ قۇربان قىلىنىشى بىلەن ھەر يىلى قۇربان ھېيت خاتىرىلىنىپ تۇرىدۇ ۋە ۋە قۇربانلىق گۆشلىرى ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن ھالدا خىش-ئەقرىبالارغا، قېرىنداشلارغا ، قوشنا-خۇلۇملارغا ۋە پېقىرلارغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.
پاكىستاندا توي ياكى تۇغۇت سەۋەبى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىملارغىمۇ ئىسلامى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ھاۋاسى ھاكىمدۇر. بىر بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئائىلىنىڭ ئەڭ چوڭى تەرىپىدىن بوۋاقنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا ئۇنى ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن تونۇماق ۋە تونۇتماق ئۈچۈن «ئەزان» ئوقۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بوۋاقنىڭ ئائىلىسىنى ئۇرۇق-تۇققانلار ۋە قېرىنداشلار زىيارەت قىلىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى كۆرۈشكە ، قۇتلۇقلاشقا كېلىشىدۇۋە ئۇنىڭغا ھەدىيە ياكى پۇل بېرىشىدۇر.
پاكىستاندا توي قىلىش ئەڭ چوڭ ئىش ھىساپلىنىدۇ. قەدىمدىن بېرى تىپىك بىر پاكىستان قائىدىسى بويىچە توي قىلغانلارنى بىر ھەپتىگىچە داۋام قىلاتتىكەن، ھازىر بولسا ئۈچ كۈنگىچە داۋاملىشىدىغان بولدى. ئەلۋەتتە كۈيوغۇلنىڭ كېلىننى ئېلىش ئۈچۈن بىر توي كۈنى باردۇر. «نىكاھ»مۇشۇ كۈنى ئوقۇلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر مۇشۇ بىر جۈپ ياشنىڭ تۇتقان ئۆيى بەختكە تولسۇن، دەپ خەيرلىك تىلەكلەردە بولىدۇ، شېكەر تارقىتىدۇ، كۈيوغۇل ئالدى بىلەن كېلىننىڭ ئانىسى، ئاندىن باشقا تۇققانلىرىنىڭ نەق پۇل، ئۈزۈك ۋە باشقا ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.بۇ بىر جۈپلەرگە يەنە «جاھنەز»، يەنى قىز مېلى ئۈچۈن ھازىرلانغان تۈرلۈك بۇيۇملارمۇ ئەۋەتىلىدۇ، يەنە بىر كۈنى كۈيوغۇلنىڭ ئائىلىسى بۇ توينى قۇتلۇقلايدۇ ۋە ئۆز ئائىلىسى ۋە دوستلىرى بىلەن كېلىننىڭ ئائىلىسىنىڭ شەرىپىگە بىر زىياپەت بېرىدۇ. بۇ «ۋالىما»دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئادەتتە كۈيوغۇلنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كېلىنگە يېڭى كىيىم ۋە زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقايدۇ ياكى قولىغا نەق پۇل بېرىدۇ.
يەنە كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان ۋە كەڭ تارقالغان مۇراسىم«خېنە قويۇش»مۇراسىمىدۇر. توي كۈنىدىن بىر كۈن ئاۋال قۇتلىنىدۇ. بۇ مۇراسىمگە دائىم ئەرلەر قېتىلىۋالسىمۇ ، ئەسلىدە بۇ مۇراسىم ئاياللار ئۈچۈندۇر. بۇ قۇتلۇقلاشتا كېلىن بىلەن كۈيەۋ ئائىلىلىرى تەرىپىدىن بەزى ئومۇمىلاشقان سىمۋوللۇق ھەركەتلەر بىلەن ئىپادە قىلىنغان.ئۆيلىنىشكە مۇناسىۋەتلىك بەك كۆپ ياخشى تىلەكلەر بىلەن ئۆيلىنىشكە ھازىرلىنىدۇ،كېلىننىڭ سىڭىللىرى ، باشقا قىزلار ئاياللار بىلەن بىرلىكتە خېنە ناخشىلىرىنى ئېيتقاچ كۈيەۋنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىدۇ. قوللىرىدىكى چىرايلىق بىزەلگەن،ئۈستىگە بىرەر شام يېقىلغان خېنە كاسىلىرىنى يەرگە قويىدۇ،ئۇلارنىڭ بەختىنى قۇتلۇقلاش ۋە بۇنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن كاسىلارنىڭ ئەتراپىدا ئۇسۇللارنى ئوينىشىدۇ ۋە كۈيەۋگە يەتتە خىل شىكەر ئىكرام قىلىدۇ. بۇ ، كۈيەۋ ھاياتىنىڭ شۇ شېكەردەك مول ۋە تاتلىق بولۇش تىلىكىنىڭ سىمۋولىدۇر.يېقىندا ئەسمە يېنىدىكى بىر بازاردا ئادەتتىكى بىر تۈرك تويىنىڭ مۇراسىمىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدۇم ۋە بۇ تويدا كۆرگەن ئادەتلەرنىڭ پاكىستاندىكىلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىكەنلىگىنى مەمنۇنىيەت بىلەن پەرق ئەتتىم. مۇراسىمدىكى مېھمانلاردىن تۈركىيەنىڭ كىچىك بازار ۋە شەھەرلىرىدە مۇشۇنداق ئومۇمىلاشقان توي مۇراسىملىرىنىڭ «خېنە كېچىسى» نامىدا «خېنە قويۇش» مۇراسىمىنىڭ ھازىرمۇ بار ئىكەنلىگىنى بىلدىم.