يەنە شۇ يەكەن ھاكىمى ئەزىزبەگ ئشىك ئاغا نىياز بەگلەر تېخىمۇ چوڭ مەنسەپ ۋە ئىنئام ئېلىش ئۈمۈدى بىلەن (ئۇلارغا مانجۇلار تەرپىدىن شۇنداق مەنسەپلەر ۋەدە قىلىنغان ئىدى) دۈشمەن تەرەپكە سېتىلدى. بۇلار جەڭلەر راسا قىزىپ، دۈشمەنلەر ھالاكەتكە ئۇچىراپ چېكىنىشكە ئاز قالغان ھالقىلىق پەيىتتە جەڭچىلەر ئارىسىدا ئالاقزادىلىك پەيدا قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرى ئارقىسىغا بىر توپ تۇراقسىز ،مەھسىلەتسىز كىشىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ قاچتى، ھەم شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىۋەتتى. نەتىجىدە مانجۇ ۋە جۇڭغار ئەسكەرلىرى شەھەر ئىچىگە سەلدەك ئېلىپ كەلدى .
يول باشچىسىز قالغان جەڭچىلەر تېرى-پېرەڭ بولۇپ پېتىراپ كەتتى يەكەن تەسلىم بولۇشغا مەجبۇر بولدى. شۇنداق قىلىپ 1755 – يىللىرى يەنە ئاق تاغلىق خوجىلارنى ۋاستە قىلىپ، ئالتە شەھەرنى مانجۇ، جۇڭغالار ئىشغال قىلدى، شۇ چاغلاردا يەنە جۇڭغارلار بىلەن مانجۇلارنىڭ ئارىسمۇ بۇزۈلدى. ئامۇرسانا مانجۇلارنىڭ كۇچى بىلەن ھاكىمىيەتكە ئىگە بولىۋېلىپ ئۆزىگە كۇچ توپلىدى ۋە مانجۇ ئەسكەرلىرىنى تارمار قىلدى. مانجۇ خانلىقى جۇڭغارلاردىن ئىنتىقام ئېلىش باھانىسى بىلەن ناھايىتى كۆپ، خىل قوراللانغان ئەسكەرلەرنى ئەۋەتتى. جۇڭغار خانلىقى بىر تەرەپتىن شىنجاڭ خەلقىنڭ ئازادلىق كۆرەشلىرى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ماجىرالىرى سەۋەبتىن بەكلا زەئىپلەشكەندى، پۇرسەتتىن پايدىلانغان مانجۇ قوشۇنلىرى جۇڭغارىيە زېمىنىغا بېسپ كىردى. جۇڭغار (موڭغۇل)لارنى قىرغىن قىلدى. ئامۇرسانا ئۆز يېقىنلىرى بىلەن روسىيەگە قاچتى قېچىپ ئۈلگۈرەلمىگەن مۇڭغۇللار قېرىپ تاشلاندى. (شۇ قېتىمدا بىر ملىيوندىن ئوشۇق موڭغۇل قېرغىن قىلنىغان)
شىنجاڭ خەلقى مانجۇ – موڭغۇللار ئىشغالىيىتگە قاتتىق نارازى بولدى ۋە بۇرھانىدىن باشلىق خوجىلارنى ئۆزلىرىنىڭ مانجۇ پەرەسلىك سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلدى.
1756 – يىللىرىدىن باشلاپ بۇرھاندىن ۋە خان خوجىلار باشچىلىقىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مانجۇ ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلاڭلىرى باشلاندى، ئۈچ يىل داۋام قىلغان كۆرەش نەتىجىسىدە مانجۇ باسقۇنچىلىرى بىر قانچە قېتىم يېڭىلىپ چېكىندى ۋە جەنۇبى شىنجاڭ خەلقى ئازادلىق تۇغىنى قارىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىمالې شىنجاڭنى ھەم ئازاد قىلشقا ھەركەتلەندى. لېكىن، بىر تەرەپتىن خوجاملارنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى ئىدارە تەرتىپسىزلىگى گوروھۋازلىق كۆرەشلىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۈسىدىكى ئېغىرچىلىقلارنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىپ كەتكەنلىگى كۆرەش ئىرادىنىڭ بوشىشىپ زەئىپلىششىگە سەۋەب بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن مانجۇ مۇستەملىكچىلىرى كەڭ كۆلەمدە ھەربې كۈچ توپلىدى. ۋە ھەر قاچان تەييار تۇرغانلاردىن پايدىلاندى، نەتىجىدە 1758 – يىلى مانجۇ گېنىرالى جاۋخۇي مۇئاۋىن گېنىرال فۇدى باشچىلىقىدا بېسىپ كىرگەن زور قوشۇن شىنجاڭنى ھېچ كۈچىمەيلا ئىگەللىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ شىنجاڭ خەلقى 78 يىل ھوكۈم سۈرگەن جۇڭغارلاردىن قۇتۇلۇپ مانجۇ ھوكۈمرانلىغىغا تۇتۇلدى .
مەغلۇبىيەتكە ئۇچىراپ قاچقان شىنجاڭدىكى خوجا ئەۋلاتلىرندىن بۇرھانىدىن ۋە خان خوجىلار باشچىلىقىدىكى تۆت خوجا بەدەخشانغا باردى. ئۇ يەرنىڭ ھاكىمدارى سۇلتان شاھ مانجۇلارغا خوشامەت قىلىپ ھەم ئۆز تەسىردار ئىزىنى كېڭەيىتىش مەقىستىدە خوجىلارنى تۇتۇپ ئۆلتۈردى، ئۇلارنىڭ باشلىرىنى ئارقىلىرىدىن قوغلاپ كەلگەن مانجۇلارغا تەغدىم قىلدى. قالغان تۆت خوجا جەڭلەردە شەھىد بولدى. ئاپپاق خوجا نەسىلىدىن بولغان بۇرھانىدىنىنڭ ياش ئوغلى سامساق خوجا قېچىپ قۇتۇلۇپ ئائىلە ۋە يېقىنلىرى بىلەن قوقان خاندانلىقىنىڭ ھىمايىسىگە يېرىۋالىدى. «19-ئەسرنىڭ ئالدىنىقى يېرىمىدا قوقان ۋە مەرغىلانغان قېچىپ بارغان قەشقەر خوجىلىرىنىڭ ئەۋلادىلىرى 800كشدىن ئېشىپ كەتتى.» («ۋەلىغا بوپ ئەسەرلىرى 1958-يىل ئالمۇتا بەشرى. 52بەت ) مانجۇ ھاكىمدارلىرى قوزغىلاڭغا قاتقاشقانلارغا قاتتىق جازا چارىلىرىنى قولاندى. خەلق ئۈستدىكى ئېلىق- سېلىق، ئالۋان ياساق ھەدىدىن ئاشتى ئازادلىق قوزغىلاڭلىرىدا جان پىدالىق كۆرسەتلەنلەرنى مانجۇلار ئېنىقلاپ چىقىپ «خەتەرلىك ئۇنسۇرلار» تىزىملىگىگە ئالدى...
مانجۇ زالىملىرىنىڭ زۇلىمىغا چدىمىغان شىنجاڭ خەلقى يەنە قوزغىلىپ، جەڭ مەيدانلىرىغا مۇقەددەس قانلىرىنى تۆكۈشنى داۋام ئەتكۈزدى. 1765-يىللرى ئۈچتۇرپان خەلقى ئازادلىق تۇغىنى كۆتۈرۈپ چىقتى. مانجۇ ئەمەلدارلىرىنى، ساقچى ۋە ئەسكەرلىرىنى تارمار قىلىپ شەھەر ۋە پۈتۈن ناھىينى ئازات قىلدى. ئاقسۇ ۋە كۇچادىن ئەۋەتىلگەن مانجۇ ئەسكەرلىرىمۇ يېڭلىپ قاچتى. ئەمما بۇ قوزغىلاڭغا شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرى بىردەك ئشتراك قىلالماي قىلدى، چۈنكى قوزغىلاڭنىڭ تەشكىلى رەھبەرلىكى ۋە ئېنىق پروگراممىسى يوق ئىدى. شۇڭا مۇزارتىنى ئېشىپ ئۆتكەن 10 مىڭ مانجۇ ئەسكەرى ئۈچتۇرپاننى مۇھاسىرگە ئالدى. ئۈچتۇرپان خەلقى قەھرىمانلارچە مۇداپىيە تۈزۈمىنى داۋام قىلغان بولسمۇ، لېكىن ئۈچ ئاي مۇھاسرىدىن كېيىن ئاچ يالاڭغاچلىققا دۇچاربولغان شەھەر يېڭىلدى. شەھەرگە بىسپ كىرگەن باسقۇنچىلار بىلەن خەلق ئاخىرقى مىنۇتىقچە قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ جەڭ قىلدى. چىڭ ھۆكىمىتىنڭ ئەمىرى بىلەن بۇلارنىڭ ئورنىغا ھەر قايسى جايلاردىن ئاھالە كۆچۈرۈپ كېلىپ جايلاشتۇرۇلدى، شۇنىڭدىن كېيىن 60 يىلىغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە شىنجاڭدا كەڭ مىقىياسدا ئازادلىق ھەرىكىتى بولمىغىنى بىلەن ئۇششاق- چۈشەك، ئۇيەر- بۇيەرلەردە قوزغىلاڭلار بولۇپ تۇرىدى. مانجۇ ھاكىمىيىتى بارغانسىرى قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزدى، خەلىقىنىڭ ئىقدىسادى ۋە جىسمانىي كۈچى بىلەن سېپل ئستھكاملارنى كۆپەيتىپ، خەلق ئۈستىدىكى سېلىق، ئالۋاڭ ياساقلارنى كۈچەيتتى. خەلقنىڭ ئىقدسادى تۇرمۇشى كۈندىن كۈنگە يامانلاشتى. ھەر يىلى يۈزلىگەن، مىڭلىغان كەمبەغەل مەدىكارلار ئوقەت ئىزلەپ جان باقماق ئۈچۈن ئوتتورا ئاسىياغا ئېشىقا باشلىدى. گۆدەك سامساق خوجا چوڭ بولدى. ئۇ ئاتىسىنڭ ئىنىتىغا مىنى ئېلش نىيىتىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ كۈچ يىغدى. ئالتە شەھەر خەلقىنىڭ خوجاملىرىغا بولغان ئىدىقادى تېخى ساقلانغان ئىدى، بولۇپمۇ كېيىنكى جەڭلەردە قۇربان بولغان خوجاملارنىڭ خاتىرسى خەلىقتىكى بۇ ئىدىقاتىنى يەنىمۇ كۈچەيىتكەندى، شۇڭلاشقا خەلق خوجاملارنىڭ كېلىشنى ۋە ئۆزلىرىگە يېتەكچىلىك قىلشنى كۈتەتتى. 1816-يىلى قاراتاغلىق زىياۋۇدۇن باشچىلىقىداقوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى، قىرغىزلارنىڭ بىر قىسمى قوزغىلاڭغا قوشۇلدى. قاتتىق جەڭلەردىن كېيىن قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۈچى ئاجىز كېلىپ مەغلۇبىيەتكەئۈچىرىدى. زىياۋۇدۇن جەڭدە شەھىد بولدى. ئۇنىڭ بىر گۆدەك ئوغلىنى مانجۇ ئەمەلدارلىرى بىېجىڭغا ئېلىپ كېتىپ بالاغەتكە يەتكەندە دارغا ئاستى. بۇ ۋەقە خەلىقنىڭ قاتتىق غەزەپ-نەپرەت ئوتنى لاۋۇلداتتى. قەشقەرىيە خەلقى تاقەتسزلىك بىلەن ئازادلىق ھەرىكتىنڭ باشلشنى، سامساق خوجىنىڭ كېلشنى كۈتەتتى، 1820-يىلى سامساق خوجا ۋاپات بولدى. (شۇ يىلى قوقان خانى ئۆمەربۇ ۋاپات بولغاندى. ) سامساق خوجىنڭ مەديۈسۈپ خوجا، باھاۋۇدۇن خوجاۋە جاھانگىر خوجا دىگەن ئۈچ ئوغلى بار ئىدى، جاھانگىر خوجا زەردىلىك، زېرەك، قابل ۋە تەشكىلاتچى بولۇپ يېتىشىپ چىقتى، شىنجڭدىن چىققان ئۇيغۇرلارغا-مەدىكار، ئوقەتچىلەرگە، ئۆزبىك، تاجىك، قىرغىز خەلىقنىڭ ياردىمى ۋە تىلەك داشلىقىغا تايانغان جاھانگىر خوجا قوقان خاننىڭ روخستىسز تەڭرى تېغىغا قېچىپ چىقىتى. (چۈنكى ئۇ چاغلاردا شىنجاڭ بىلەن ئوتتورا ئاسيا ئارسدا قىززىق كېتىۋاتقان سودا ئالاقىسى ئۇرۇشلار نەتىجىسدە سۇسلاشقاندى. قوقان خانلىقى شىنجاڭ ئارقىلىق مانجۇ خانلىقى بىلەن كەڭ كۆلەمدە سودا ئالاقسى ۇۈرگۈزۈۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ مىننەتدار ئىدى. مانجۇلار بولسا بۇنداق سودىدىن مەنپەئەتدار بولۇشتىن باشقا جوجاملارنىڭ خەتەرلىك كۈچ ئىكەنلىگىنى بىلەتتى ۋە بۇ كۈچنى پەقەت قوقان خانلىرى ئوتتۇرسدا پۇتۇم ھاسىل قىلنىغانىدى. بۇ كېلىشمدە قوقان خانى ئۆمەر خوجىلارنى بوجى قىلىپ ئۆز پايدىسنى تەمىن ئەتتى، كېلىشم بويىچە خوجا ئەۋلاتلىرىنى دائىملىق تەقىپ ئاستدا تۇتۇپ تۇرۇش بەدلىگە مانجۇ خانلىقى ھەر يىلى 200 يامبۇ تۆلەپ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن قوقان ھۆكۈمىتى. خوجاملارنى قەشقەرىيەگە ئەۋەتمەي، تېخىمۇ چىڭ تۇتىدىغان بولغاندى.)ھەم شۇ يەردە كۈچ توپلىدى. قوقان خانلىرى مانجۇ تەرەپتە بولسمۇ، خەلق قوزغىلاڭچىلار تەرەپتە بولغاچقا، خەلىقنىڭ نارازىلىقىدىن قورقۇپ جاھانگىر خوجىغا قارشى قاتتىق ۋە قەتتى چارە كۆرەلمدى، جاھانگىر خوجا ئۇيغۇر، ئۆزبىك، تاجىك، قىرغىزلاردىن كۈچ توپلاپ 1825-يىلى قەشقەرگە بىرىنچى قېتىم ھۇجۇم قىلدى. لېكىن جاھانگىر خوجىنىڭ كۈچىنىڭ ئاجىزلىغى، مانجۇلارنىڭ ئايغاقچلار ئارقىلىق ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىشى نەتىجسىدە قەشقەرنى ئالالمىدى. جاھانگىر خوجا تەڭرى تېغىغا چېكىنىپ، قايىتىدىن كۈچ توپلاشقا كىرشىتى. قەشقەر ئەتراپىدا قوزغالغان خەلقتىن يېڭى كۈچلەر قوشۇلدى. مانجۇ ھاكىمىيىتى قوغلاشقا ئەۋەتكەن 500 ئەسكەر بىر تاغ قسلىچلىغدا جاھانگىر خوجا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلنىندى ھەم تامام قىرىپ تاشلاندى. بۇلارنىڭ قوراللىرى بىلەن قوراللانغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۈچى ھەسىلەپ ئاشتى،پۇخىتا تەييارلىقتىن كېيىن1826-يىلى ئەتىيازدا جاھانگىر خوجا يەنە لەشكەر تارتىپ قەشقەرگە يەنە ئاتلاندى شۇ چاغدىكى جەنۇبى شىنجاڭىنىڭ ھەربى ۋە دۆلەت ھاكىمدارى (جاڭجۈن) نىڭ بىۋاستە قوماندانلغىدا قوزغىلاڭچىلارغا قارشى مانجۇ ئەسكەرلىرى چىقتى، قاتتىق جەڭلەردىن كېيىن مانجۇ ئەسكەرلىرى يېڭلىپ قاچتى ۋە گۈلباغ (يېڭى شەھەر) سېپىلغا بېكنىۋالدى.قەشقەر ۋە قەشقەر ئەتىراپىدىكى پۈتۈن خەلق قوزغىلىپ جاھانگىر خوجا سېپىگە قوشۇلدى، تېخى تەجىربىسىز، يۇمشاق كۆڭۈل، تەقۋادار ۋە ياۋاش جاھانگىر خوجا مانجۇچە رەسلەرگە نىسبەتەن قاتىتىق سىياسەت قوللانمدى، شۇنداقلا پۈتۈن ئالتە شەھەرنى ئازات قىلىش يولىدا قەتئى ۋە تېز چارە كۆرمىدى.