ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن قايسى قائىدە-نىزاملارنى تۈزگەندە چوقۇم خىزمەتچىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىشى كېرەك؟
يانفوندا كۆرۈش
ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن قايسى قائىدە-نىزاملارنى تۈزگەندە چوقۇم خىزمەتچىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىشى كېرەك؟
«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 4-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققى، خىزمەت ۋاقتى، ئارام ئېلىش ۋە دەم ئېلىشى، ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە تازىلىقى، سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىق، خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش، ئەمگەك ئىنتىزامى ۋە ئەمگەك نورمىسىنى باشقۇرۇش قاتارلىق ئەمگەكچىلەرنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە چېتىلىدىغان قائىدە-تۈزۈملەرنى تۈزگەندە، ئۆزگەرتكەندە ۋە چوڭ ئىشلارنى قارار قىلغاندا، خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىدىن ئۆتكۈزۈشى، لايىھە ياكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن باراۋەر مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىشى كېرەك. قائىدە-تۈزۈم ۋە چوڭ ئىشلارنى قارار قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى خىزمەتچىلەر مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇنغا ئېيتىپ، مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئۆزگەرتىپ ياخشىلاشقا ھوقۇقلۇق. يۇقىرىدىكى ماددىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ قانۇن ئالايىتەن خىزمەتچىلەر ياكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە باشقىچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھوقۇقىنى بەلگىلىگەن. «ئەمگەك قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە سېلىشتۇرغاندا، قائىدە-تۈزۈملەرنىڭ دائىرىسىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئايدىڭلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپلا قالماي، يەنە قائىدە-تۈزۈملەرنى تۈزۈش، ئۆزگەرتىش، يولغا قويۇشلارنىڭ ھەممىسىگە ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى.