قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ؟
ۋاقتى: 2015-10-23
ئاۋاتلىقى: 505 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ؟
جاۋاب: ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچى مۇشۇ قانۇننىڭ 36-، 38-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىدىغان ئىدارە بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 36-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كەلسە، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
«ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 38-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇندا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرەرسى كۆرۈلسە، ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ:
(1) ئەمگەك توختامىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن ئەمگەك مۇھاپىزىتى ياكى ئەمگەك شارائىتى بىلەن تەمىنلىمىسە؛
(2) ئەمگەك ھەققىنى ۋاقتىدا تولۇق سوممىسى بىلەن بەرمىسە؛
(3) قانۇن بويىچە ئەمگەكچىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرۇپ بەرمىسە؛
(4) ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇننىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى قانۇن-نىزاملارنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ بولۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزسە؛
(5) ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئالدامچىلىق، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ياكى قارىغۇنى ياردا قىستاپ، ئەمگەكچىنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي خاھىشىغا خىلاپ ھالدا ئەمگەك توختامى تۈزۈشكە ياكى ئەمگەك توختامىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلىپ، ئەمگەك توختامىنىڭ ئىناۋەتسىز بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛
(6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدىغان باشقا ئەھۋاللار.
ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن زورلۇق، تەھدىت سېلىش ياكى جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەش ۋاسىتىسى بىلەن ئەمگەكچىنى ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇرلىغان بولسا ياكى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن قائىدىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇپ، خەتەرلىك مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇرلاپ ئەمگەكچىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئەمگەكچى دەرھال ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ، ئىشتىن بۇرۇن ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى بىھاجەت.
ئىزاھات: ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش ئىدارىسى مۇشۇ قانۇندا دېيىلگەن ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن شۇ.