كىم ئەمگەك كۈچى شەكلىدە ئەۋەتىلگەن خادىملارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلىرىنى تاپشۇرىدۇ؟
ۋاقتى: 2016-07-19
ئاۋاتلىقى: 700 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
كىم ئەمگەك كۈچى شەكلىدە ئەۋەتىلگەن خادىملارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلىرىنى تاپشۇرىدۇ؟
جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش كېلىشىمىدە ئەۋەتىلگەن خادىملارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسىنىڭ سوممىسى ۋە تۆلەش شەكلى، ھەم شۇنداقلا كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش مەسئۇلىيىتى بېكىتىلىشى كېرەك.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قايسى تەرەپنىڭ ئەمگەك كۈچى شەكلىدە ئەۋەتىلگە خادىملارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلىرىنى تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئەمگەك كۈچى ئەۋەتكەن شىركەت بىلەن ئەمەلىي ئادەم ئىشلەتكەن شىركەت مەسلىھەتلىشىپ بېكىتىدۇ. لېكىن قانداق كېلىشىشىدىن قەتئىينەزەر، مەيلى ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش ئىدارىسى ياكى ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بولسۇن، چوقۇم ئەمگەك كۈچى شەكلىدە ئەۋەتىلگەن خادىملارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىلىرىنى تاپشۇرۇشى كېرەك، ئۆزئارا ئىتتىرىشىپ ئەمگەك كۈچى شەكلىدە ئەۋەتىلگەن خادىملارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلسا بولمايدۇ.