Laqin_1 يوللانغان ۋاقتى 2006-6-17 09:16:14

27 ﺧﯩﻞ ﺩﺍﻏﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﻮﻗﯩﺘﺎﻳﻠﻰ .



         1 . ﺗﻪﺭ ﺩﯦﻐﻰ :         

         ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﻪﻙ ﺗﻪﺭﺩﻩ ﻫﯚﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ، ﺗﻪﺭ ﺩﯦﻐﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺗﻪﺭ ﺩﯦﻐﻰ ﺑﺎﺭ ﻛﯩﻴﯩﻤﻨﻰ 3~5%ﻟﯩﻚ ﺗﯘﺯ ﺳﯜﻳﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﭼﯩﻼﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺳﯘﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯘﺗﯘﯞﯦﺘﯩﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﻮﭘﯘﻥ ﺳﯜﺭﻛﻪﭖ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﻻﺯﯨﻢ .ﺧﺎﻡ ﺯﻩﻧﺠﯩﯟﯨﻠﻨﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺳﻮﻗﯘﭖ ﺗﻪﺭ ﺩﯦﻐﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺳﯜﺭﻛﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻪﺭ ﺩﯦﻐﻰ ﺑﺎﺭ ﺟﺎﻱ ﻗﺎﻳﺘﺎ- ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯘﯞﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .ﻛﯚﻙ ﻛﺎﯞﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭ ﺩﯦﻐﻰ ﺑﺎﺭ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺳﯜﺭﻛﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ،ﺩﺍﻍ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﻻﺩﯨﻦ ﺗﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ﺭﻩﺧﺘﺘﯩﻦ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﻪﻥ ﺗﻪﺭ ﺩﯦﻐﻰ ﺑﺎﺭ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯞﺍﻝ 1~2%ﻟﯩﻚ ﺋﺎﻣﯩﻴﺎﻙ ﺳﯜﻳﯩﮕﻪ ﭼﯩﻼﭖ ﻧﯩﻴﺘﯩﺮﺍﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺳﯘﺩﺍ ﻳﯘﻏﺎﻧﺪﺍ ﺗﻪﺭ ﺩﯦﻐﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .


         2 . ﻗﺎﺭﺍ ﺳﯩﻴﺎ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﻛﯩﻴﯩﻢ -ﻛﯧﭽﻪﻛﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍ ﺳﯩﻴﺎ ﺩﯦﻐﻰ ﻳﯘﻗﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ،ﺑﯘ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻗﺎﺭ ﺳﯩﻴﺎ ﺩﯦﻐﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﮔﯜﺭﯛﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﭘﯘﻥ ﭘﺎﺭﺍﺷﻮﻛﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ، ﺩﺍﻍ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺳﯘﺩﺍ ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﯞﯨﻼﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺩﺍﻍ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺋﯘﻧﯩﺪﺍ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﺷﯩﻠﯩﻤﻐﺎ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﺎﺷﺘﯘﺯﻯ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ،ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﻍ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺳﯜﺭﻛﻪﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﺍﻍ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﺍ ﻳﯘﻳﯘﺷﻘﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﭼﯩﺶ ﭘﺎﺳﺘﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻗﺎﺭﺍ ﺳﯩﻴﺎ ﺩﯦﻐﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﭽﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﺴﻪ ﺳﻮﭘﯘﻧﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﺗﺘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﭗ ، ﺋﯧﺮﯨﺘﻤﯩﻨﻰ ﺩﺍﻍ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺳﯜﺭﻛﻪﭖ ،ﺩﺍﻍ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺋﯘﯞﯨﻼﭖ ﻳﯘﻳﯘﺷﻘﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .


         3 . ﻛﯚﻙ ﺳﯩﻴﺎ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﻛﯚﻙ ﺳﯩﻴﺎ ﺩﯦﻐﻰ ﻳﯘﻗﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﻴﯩﻤﻨﻰ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻼ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺳﯘ ،ﺳﻮﭘﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯧﺮﯨﺘﻜﯜﭼﺘﻪ ﻳﯘﻏﺎﻧﺪﺍ ، ﻛﯚﻙ ﺳﯩﻴﺎ ﺩﯦﻐﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .ﻛﯩﻴﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﻙ ﺳﯩﻴﺎ ﺩﯦﻐﻰ ﻛﻮﻧﺎ ﺩﺍﻍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﻛﯩﻴﯩﻤﻨﻰ %2 ﺋﻮﻛﯩﺴﻼﺗﺎ ﺋﯧﺮﯨﺘﻤﯩﺴﯩﮕﻪ 5 ~10 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﭼﯩﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯘ ﯞﻩ ﺋﯧﺮﯨﺘﻜﯜﭼﺘﻪ ﻳﯘﻏﺎﻧﺪﺍ ،ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .


         4 . ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺳﯩﻴﺎ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺳﯩﻴﺎ ﻳﯘﻗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﻴﯩﻤﻨﻰ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻼ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺳﯘﺩﺍ ﻳﯘﻳﯘﯞﯦﺘﯩﭗ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﺮﯨﺘﻜﯜﭼﺘﻪ ﭼﯩﻼﭖ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﯞﯨﻼﭖ ﻳﯘﻳﯘﯞﯦﺘﯩﭗ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺳﯘ ﺳﯘﺩﺍ ﭼﺎﻳﻘﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻴﺎ ﺩﯦﻐﻰ ﻛﻮﻧﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﻛﯩﻴﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺋﯧﺮﯨﺘﻜﯜﭼﺘﻪ ﭼﯩﻼﭖ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﯘﻳﯘﯞﻩﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،%10 ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﺗﺘﺎ ﻳﯘﻏﺎﻧﺪﺍ ﺩﺍﻍ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .


         5 .ﻛﯚﭘﻪﻳﻪﻡ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﻍ ﺋﯩﺴﺴﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯧﺮﯨﮕﯜﭼﻜﻪ ﭼﯩﻼﭖ ﺋﯘﯞﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﺗﺘﺎ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ ﻳﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ .


         6 . ﺳﯘﺭﯗﻕ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﻍ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺳﻮﭘﯘﻥ ﺋﯧﺮﯨﺘﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﭗ 10 ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘﺎ- ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ ﻳﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ .


         7 . ﺷﺎﻡ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﺷﺎﻡ ﺩﯦﻐﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﻰ - ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﺯﻟﯩﻖ ﻗﻪﻏﯩﺰﻯ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﭖ ﺭﻩﺧﺖ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﺯﻣﺎﻝ ﺳﯧﻠﯩﻨﺴﺎ ، ﺋﯧﺮﯨﮕﻪﻥ ﺷﺎﻣﻨﻰ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﺳﯜﻣﯜﺭﯛﯞﺍﻟﯩﺪﯗ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﺍﻍ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺋﯧﺮﯨﺘﻜﯜﭼﺘﻪ ﻳﯘﻳﯘﻟﺴﺎ ،ﺩﺍﻍ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .


         8 . ﻣﺎﻱ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﻫﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻣﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﮕﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﺍﻏﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﻩﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺩﺍﻍ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺩﯦﯟﯨﺮﻗﺎﻱ ﺳﯜﻳﻰ ﺑﯧﻨﺰﯨﻨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭘﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺸﭽﺎﻥ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ ﻳﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻧﻨﻰ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺳﯘﺩﺍ ﺷﯩﻠﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﺷﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺩﺍﻍ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺳﯜﺭﻛﻪﭖ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻘﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﯘﺭﯗﺗﯘﭖ ، ﺷﯩﻠﯩﻢ ﺳﻮﻳﯩﯟﯨﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﺍﻍ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﯧﺮﯨﺘﻜﯜﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ .ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻳﯘﺷﻘﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .


         9 . ﻛﯩﺮﺳﯩﻦ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﻛﯩﺮﺳﯩﻦ ﺩﯦﻐﻰ ﺑﺎﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺷﺎﻣﺎﻝ ﺋﯚﺗﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻗﯘﻳﯘﻟﺴﺎ ،ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻣﺎﻱ ﭘﺎﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯜﮔﻪﻳﺪﯗ . ﻛﯩﺮﺳﯩﻦ ﻫﯩﺪﯨﻤﯘ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺩﺍﻍ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﯧﺮﯨﮕﯜﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻳﯘﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ ،ﻛﯩﺮﺳﯩﻦ ﺩﯦﻐﻰ ﺑﺎﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺩﺍﻍ ﺑﺎﺭ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﭼﺎﯓ - ﺗﻮﺯﺍﯓ ﻗﻮﻧﯘﯞﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻗﻪﻏﻪﺯ ﻳﺎﻛﻰ ﺭﻩﺧﺖ ﻳﯧﭙﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ


         10 . ﺳﯩﺮ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﺳﯩﺮ ﻳﯘﻗﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﻴﯩﻤﻨﻰ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻼ ﺩﯦﯟﯨﺮﻗﺎﻱ ﻣﯧﻴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ ﻳﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻳﯘﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺳﯩﺮ ﻳﯘﻗﯘﯞﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ 1.1 % ﻟﯩﻚ ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯦﯟﯨﺮﻗﺎﻱ ﻣﯧﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﯩﻼﭖ ﺋﯘﯞﯨﻼﭖ ﻳﯘﻳﯘﭖ ،ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﻨﺰﻭﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯘﻳﯘﯞﯦﺘﯩﭗ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﺮﯨﺘﻜﯜﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺳﯘﺩﺍ ﭼﺎﻳﻘﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﻳﯘﻗﯘﯞﺍﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯩﺮﻧﻰ 10 -20 %ﻟﯩﻚ ﺋﺎﻣﯩﻴﺎﻙ ﺳﯜﻳﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﺍﻧﻜﺎ ﺳﯜﻳﯩﮕﻪ ﭼﯩﻼﭖ ﺋﯘﯞﯨﻼﭖ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﺮﯨﺘﻜﯜﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯘﻳﯘﯞﯦﺘﯩﭗ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺳﯘﺩﺍ ﻳﯘﻳﯘﺷﻘﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .


         11 . ﺋﯩﺲ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﭘﺎﺷﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺲ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﺪﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﻪﺭ ﺯﻩﻧﺠﯩﯟﯨﻠﻨﻰ ﺋﯧﺰﯨﭗ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﺱ ﺳﯘﺩﺍ ﻗﺎﻳﻨﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯜﻳﯩﮕﻪ ﭘﺎﺷﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯜﭺ - ﺗﯚﺕ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﭼﯩﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﺪﺍ ﺋﯘﯞﯨﻼﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﯩﺲ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .


         12 .ﻣﻪﻟﻬﻪﻡ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺩﺍﻍ ﺑﺎﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﻛﯩﺮﺳﯩﻦ ، ﺑﯧﻨﺰﯨﻨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﺗﻜﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﯞﯨﻼﭖ ﻳﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ . ﺩﺍﻍ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯧﺮﯨﺘﻜﯜﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ .


         13 . ﻛﯚﻙ ﻳﻮﺩ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺩﺍﻍ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺳﻮﭘﯘﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ ﻳﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ %5 ﺳﻮﺩﺍ ﺳﯜﻳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻮﺵ ﺋﻮﻛﺴﯩﮕﯧﻨﻠﯩﻖ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ،ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺪﯗ .


         14 .ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻳﻮﺩ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺩﺍﻍ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺋﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯧﺮﯨﺘﻜﯜﭼﺘﻪ ﺋﯘﯞﯨﻼﭖ ﻳﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺩﺍﻍ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻣﺎﺭﮔﺎﻧﺴﻮﭖ ﺋﯧﺮﯨﺘﻤﯩﺴﻰ ﺳﯜﺭﻛﯩﻠﯩﭗ ،ﺩﺍﻍ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﭼﯚﭖ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ،ﺩﺍﻍ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻧﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺳﯘﺩﺍ ﭼﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺪﯗ .

15 . ﻣﺎﺭﮔﺎﻧﺴﻮﭖ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺩﺍﻍ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﺕ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﻳﺎﻛﻰ %2 ﭼﯚﭖ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺳﯘﺩﺍ ﭼﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ "ﺱ"ﻏﺎ ﭼﯩﻼﭖ ﻳﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ


         16 . ﺟﻴﺎﯕﻴﯘ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﺟﻴﺎﯕﻴﯘ ﺩﯦﻐﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺩﺍﻍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺩﺍﻍ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺳﯘﺩﺍ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﺮﯨﺘﻜﯜﭼﺘﻪ ﻳﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ .ﺟﻴﺎﯕﻴﯘ ﺩﯦﻐﻰ ﻛﻮﻧﺎ ﺩﺍﻍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺩﺍﻍ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﺋﺎﻣﯩﻴﺎﻙ ﺳﯜﻳﯩﮕﻪ ﺗﯚﺕ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭ ﺋﯧﺮﯨﺘﻜﯜﭺ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﺋﯧﺮﯨﺘﻤﯩﺪﻩ ﺋﯘﯞﯨﻼﭖ ﻳﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ .ﻛﻮﻧﺎ ﺩﺍﻏﻨﻰ %2 ﻟﯩﻚ ﺩﺍﻧﻜﺎ ﺋﯧﺮﯨﺘﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﻩﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺟﻴﺎﯕﻴﯘ ﺩﯦﻐﻰ ﺑﺎﺭ ﻳﯘﯓ ،ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ %10 ﻟﯩﻚ ﺳﺘﺮﺍﺕ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﯩﻐﺎ ﭼﯩﻼﭖ ﻳﯘﻳﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩﻠﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻻﺯﯨﻢ .ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺩﺍﻏﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .


         17 . ﻗﺎﻥ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﻗﺎﻥ ﻳﯘﻗﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .ﻳﯘﻗﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﻨﻰ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻼ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﻩﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻳﯘﻗﯘﯞﺍﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﻨﻰ .ﺋﯧﺮﯨﺘﻜﯜﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯘﺳﺮﺍﻕ ﺋﺎﻣﯩﻴﺎﻙ ﺳﯜﻳﯩﺪﻩ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ .ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺵ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯘﺭﯗﭘﻨﻰ ﻗﻪﻟﻪﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺗﯘﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ .ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﯩﻘﺴﺎﻕ ﺗﯘﺭﯗﭘﻨﯩﯔ ﺳﯜﻳﻰ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﻗﺎﻥ ﺩﯦﻐﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﻩﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .


         18 . ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﺩﯦﻐﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺩﺍﻍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺩﺍﻍ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﻤﺎﻥ ﺳﯘﺩﺍ ﻳﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ ، ﻛﻮﻧﺎ ﺩﺍﻍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﻮﭘﯘﻥ ﭘﺎﺭﺷﻮﻛﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﻤﺎﻥ ﺳﯘﺩﺍ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﭗ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﺋﯧﺮﯨﺘﻤﯩﮕﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯘﺱ ﺋﺎﻣﯩﻴﺎﻙ ﺳﯜﻳﯩﮕﻪ ،ﺩﺍﻧﻜﺎ ﺋﯧﺮﯨﺘﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻼﭖ ﻳﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ، ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺳﯘﺩﺍ ﭼﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺪﯗ .


         19 . ﺳﯜﺕ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﺳﯜﺕ ﺩﯦﻐﻰ ﺑﺎﺭ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺳﯜﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺩﯦﻐﯩﻨﻰ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺳﯘﺩﺍ ، ﻛﻮﻧﺎ ﺩﯦﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﺮﯨﺘﻜﯜﭼﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯘﻳﯘﯞﯦﺘﯩﭗ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﯩﻴﺎﻙ ﺳﯜﻳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﻻﺯﯨﻢ .


         20 . ﻫﺎﺭﺍﻕ ﯞﻩ ﭘﯩﯟﺍ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﻫﺎﺭﺍﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﯩﯟﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺩﯦﻐﯩﻨﻰ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺳﯘﺩﺍ ﻳﯘﺳﯩﻼ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ﻛﻮﻧﺎ ﺩﯦﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﻣﻤﯩﻴﺎﻙ ﺳﯜﻳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﻧﻜﺎ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ .


         21 .ﭼﺎﻱ ﯞﻩ ﻗﻪﻫﯟﻩ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﭼﺎﻱ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﻫﯟﻩ ﺩﯦﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺮﯨﺘﻜﯜﭼﺘﻪ ﻳﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﮔﻠﯩﺘﺴﯧﺮﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻣﻤﯩﻴﺎﻛﻨﯩﯔ ﺳﯘﺩﯨﻜﻰ ﺋﯧﺮﯨﺘﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ . ﻳﯘﯓ ﺭﻩﺧﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻣﻤﯩﻴﺎﻛﺘﺎ ﻳﯘﻳﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺷﯘﯕﺎ ﭼﺎﻱ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﻫﯟﻩ ﺩﯦﻐﻰ ﺑﺎﺭ ﻳﯘﯓ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ %10 ﮔﻠﯩﺘﺴﯧﺮﯨﻦ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﯩﺪﺍ ﭼﯩﻼﭖ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﻻﺯﯨﻢ .


         22 . ﻣﺎﺭﻭﮊﻧﻰ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﻣﺎﺭﻭﮊﻧﻰ ﺩﯦﻐﻰ ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻣﯩﻴﺎﻙ ﺳﯜﻳﯩﺪﻩ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ ﻳﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ .


         23 . ﻣﯧﯟﻩ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﻣﯧﯟﻩ ﺩﯦﻐﻰ ﺳﯘﺳﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻳﯘﻟﻤﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .ﻣﯧﯟﻩ ﺩﯦﻐﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺷﺘﯘﺯﻯ ﺳﯧﭙﯩﭗ ، ﺗﯘﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺳﯘ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﺗﯘﺯﻧﻰ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﭗ ،ﺩﺍﻍ ﺑﺎﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺳﻮﭘﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﺳﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .ﻣﯧﯟﻩ ﺩﯦﻐﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﺴﯘ ﺗﯧﻤﯩﺘﯩﭗ ، ﺩﺍﻍ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻳﯧﻨﯩﻚ ﺋﯘﯞﯨﻼﭖ ﻳﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺳﯘﺩﺍ ﭼﺎﻳﻘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﺩﺍﻍ ﻗﯧﻨﯩﻘﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺩﺍﻍ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ %5 ﻟﯩﻚ ﺋﺎﻣﯩﻴﺎﻙ ﺳﯜﻳﯩﮕﻪ ﭼﯩﻼﭖ ﺳﻮﭘﯘﻥ ﺳﯜﻳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﻻﺯﯨﻢ .ﻣﯧﯟﻩ ﺩﯦﻐﻰ ﺑﺎﺭ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﺘﺮﺍﺕ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻮﭘﯘﻥ ، ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﯨﺘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﯞﯨﻼﭖ ﻳﯘﻳﯘﺷﻘﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .


         24 . ﺩﺍﺕ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﺩﺍﺕ ﺩﯦﻐﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩﻼﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﺴﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﯞﯨﻼﭖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯩﻨﯘﺕ ﻳﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺳﯘﺩﺍ ﭼﺎﻳﻘﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺩﺍﺕ ﺩﯦﻐﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .ﺩﺍﻍ ﺑﺎﺭ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺳﯘﻏﺎ ، ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﯚﭖ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﯩﻐﺎ ﭼﯩﻼﭖ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ، ﺩﺍﺕ ﺩﯦﻐﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﻻﺩﯨﻦ ﺗﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ، ﺩﺍﺕ ﺩﯦﻐﻰ ﺑﺎﺭ ﺭﻩﺧﺘﻠﻪﺭ %2 ﻟﯩﻚ ﭼﯚﭖ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﯩﺪﺍ ﻳﯘﻳﯘﻟﯘﭖ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺳﯘﺩﺍ ﭼﺎﻳﻘﯩﯟﻩﺗﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .


         25 . ﺋﻮﺕ - ﭼﯚﭖ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﺋﻮﺕ - ﭼﯚﭖ ﺩﯦﻐﻰ ﺑﺎﺭ ﻛﯩﻴﯩﻢ %20 ﻟﯩﻚ ﺋﺎﺷﺘﯘﺯﻯ ﺋﯧﺮﯨﺘﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯘﺯ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮﭘﯘﻥ ﺳﯜﻳﯩﮕﻪ ﭼﯩﻼﭖ ﻳﯘﻳﯘﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .


         26 . ﺋﺎﻳﺎﻍ ﻣﯧﻴﻰ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﺋﺎﻳﺎﻍ ﻣﯧﻴﻰ ﻳﯘﻗﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ، ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﯨﺖ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﯦﯟﯨﺮﻗﺎﻱ ﻣﯧﻴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻮﭘﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻳﺎﻍ ﻣﯧﻴﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻳﯘﻗﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺭﻩﯕﮕﻰ ﺳﯘﺱ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﻨﺰﯨﻨﮕﻪ ﭼﯩﻼﭖ ، ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ %10 ﻟﯩﻚ ﺋﺎﻣﯩﻴﺎﻙ ﺳﯜﻳﯩﺪﻩ ﻳﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻏﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﺎﻳﺎﻍ ﻣﯧﻴﯩﻨﯩﯔ ﺩﯦﻐﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .


         27 . ﻗﯘﺳﯘﻕ ﺩﯦﻐﻰ :

         ﻗﯘﺳﯘﻕ ﺩﯦﻐﯩﻐﺎ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ﺳﯜﺭﻛﻪﺵ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﻰ %5 ﻟﯩﻚ ﺋﺎﻣﯩﻴﺎﻙ ﺳﯜﻳﯩﺪﻩ ﻳﯘﻳﯘﺵ ، ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﺳﻮﭘﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻳﯘﯞﯦﺘﯩﭗ ، ﺋﯩﻠﻤﺎﻥ ﺳﯘﺩﺍ ﭼﺎﻳﻘﺎﺵ ﻻﺯﯨﻢ .ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻗﯘﺳﯘﻕ ﺩﯦﻐﻰ ﺋﺎﯞﺍﻝ %10 ﻟﯩﻚ ﺋﺎﻣﻤﯩﻴﺎﻙ ﺳﯜﻳﯩﺪﻩ ﻧﻪﻣﺪﻩﭖ ، ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﺕ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮﭘﯘﻥ ﺳﯜﻳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻳﯘﯞﻩﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ،ﺋﯩﻠﻤﺎﻥ ﺳﯘﺩﺍ ﺋﯧﺮﯨﺘﻜﯜﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﻳﻘﺎﺵ ﻻﺯﯨﻢ .


         ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﺩﺍﻏﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﯦﺘﯩﺸﺘﻪ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ :

         1 - ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﯧﺮﯨﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﺍﻏﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﻚ ﭘﯩﭽﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺭﻩﺧﺘﻨﯩﯔ ﺗﺎﻻﺳﻰ ﺯﻩﺧﯩﻤﻠﯩﻨﯩﺪﯗ .

         2 - ﺩﺍﻏﻨﻰ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﯦﺘﯩﺸﺘﻪ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺩﺍﻏﻨﯩﯔ ﭼﯚﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﺗﯜﺵ ، ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ .

         3 - ﺑﯧﻨﺰﯨﻦ ، ﺑﯧﻨﺰﻭﻟﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭘﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺸﭽﺎﻥ ﻣﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻻﺯﯨﻢ .

         4 - ﭼﯚﭖ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﻴﯩﻢ - ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﯕﺎﻱ ﭼﯩﺮﯨﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﻳﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﻩﺭﻫﺎﻝ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﭼﺎﻳﻘﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ .

         5 - ﻣﺎﺭﮔﺎﻧﺴﻮﭖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺋﻮﻛﺴﯩﺪﻟﯩﻐﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ،ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﻴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﺭﺟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺗﻪﮔﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﻘﯩﭗ ، ﻛﯩﻴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺭﻩﯕﮕﻰ ﺑﯘﺯﯗﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ . ﻳﯩﭙﻪﻙ ﯞﻩ ﻳﯘﯓ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﺍﻏﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﯦﺘﯩﺸﺘﻪ ﺋﺎﻣﻤﯩﻴﺎﻙ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .

         6 - ﺩﺍﻏﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﯦﺘﯩﺸﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﺩﻭﺭﺍ ﻣﺎﮔﯩﺰﯨﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﻰ ﺧﺎﻡ ﺋﻪﺷﻴﺎ ﻣﺎﮔﯩﺰﯨﻨﺪﯨﻦ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ

yasin_uighur يوللانغان ۋاقتى 2006-6-17 11:58:37

ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﻏﻨﻰ ﭼﯘ؟

aytumar يوللانغان ۋاقتى 2006-6-17 12:41:27

ﻛﯚﭖ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ .

suzuk02 يوللانغان ۋاقتى 2006-6-17 16:55:06

ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺩﺍﻏﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﻮﭘﯘﻥ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﯓ ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻣﯩﻜﯩﻦ .............

kizil-gul يوللانغان ۋاقتى 2006-6-17 17:45:48

ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺩﯦﻐﯩﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻤﯘ ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺴﺘﺎ ﻳﯘﻳﯘﯞﯦﺘﯩﺪﯗ.....

boytakyigit يوللانغان ۋاقتى 2006-7-25 10:34:15

ﺋﻪﻣﯩﻠﻰ ﺋﺸﻠﯩﺘﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ،ﺋﻪﺟﺮﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﮬﻪﺷﻘﺎﻟﻼ !

RUSLAN@ يوللانغان ۋاقتى 2006-9-18 08:56:00

ﺋﺎﻣﻴﺎﻙ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺗﺎﭘﺎﺭﻣﻪﻥ ﺋﻪﻣﺪﻯ

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2007-6-9 22:52:40

ﻳﺎﺧﺸﯩﻜﻪﻥ، ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻢ.

abduyakup يوللانغان ۋاقتى 2007-8-25 12:03:31

ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﻏﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ--ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻛﯩﺘﯩﺶ.

PADIQI يوللانغان ۋاقتى 2007-11-12 22:44:18

ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﻏﻨﯩﭽﯘ؟ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﻤﻪﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ.

qutluq يوللانغان ۋاقتى 2008-2-2 18:47:11

ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﺳﻰ.

kokbura يوللانغان ۋاقتى 2008-12-10 13:03:50

ياخشىكەن،بىلۋالدىم
بەت: [1]
: 27 ﺧﯩﻞ ﺩﺍﻏﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﻮﻗﯩﺘﺎﻳﻠﻰ .