ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻮﺭ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﻰ
ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻮﺭ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﻰﺋﯩﺴﻼﻡ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ـ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﻧﮕﻪﻥ, ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ, ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺗﻠﯩﻚ, ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ ﺋﻪﺭﻛﯩﺸﯩﺪﯗﺭ.
ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﻧﺴﻪﺑﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ, ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺗﺘﯩﻦ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ, ﺋﯘ, ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺳﺎﻧﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺋﯚﻳﻠﻪﻧﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰ ــ ﭼﻮﻛﺎﻧﻼﺭ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺑﯘﻻﻱ ﺩﺋﺴﻪ, ﺋﻪﯓ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﻰ, ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﮕﻪ, ﻣﺎﻝ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻐﺎ, ﻳﯜﺯـ ﺋﺎﺑﺮﯗﻳﯩﻐﺎ, ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻧﺴﯩﺒﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻻﺯﯨﻢ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺨﭽﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯘﺭﮔﻪﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: ”ﺩﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ, ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﯩﺰ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻛﻪﻟﺴﻪ, ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﯩﺰ ﺋﯚﻳﻠﻪﻧﺪﯗﺭﯗﯕﻼﺭ! ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ, ﻳﻪﺭ ﻳﯜﺯﯨﺪﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﯘﺯﯗﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﯧﺮﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﻠﻪﺭ“, ﺳﺎﻫﺎﺑﯩﻼﺭ ــ ﻳﺎ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﻫ! ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ (ﻳﻪﻧﻰ ﭘﯧﻘﯩﺮﻟﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯧﮕﻰ ﭘﻪﺳﻠﯩﻚ) ﺑﻮﻟﺴﯩﭽﯘ ؟ ـ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪﻧﺪﻩ, ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ, ”ﺩﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ, ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯩﺮﻛﯩﺸﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﯩﺰ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻛﻪﻟﺴﻪ, ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﯩﺰ ﺋﯚﻳﻠﻪﻧﺪﯗﺭﯗﯕﻼﺭ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻨﻰ ﺋﯜﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻳﺪﯗ. (ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﯨﻲ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ)
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺯﻩﻳﻨﻪﭖ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﻫﯘ ﺋﻪﻧﻬﺎﻧﻰ ﺯﻩﻳﺪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻫﺎﺭﯨﺴﻪﮔﻪ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ, ﺯﻩﻳﻨﻪﭖ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻧﻪﺳﻪﺑﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﮕﻪ, ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺟﺎﻣﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, ﺯﻩﻳﻨﻪﭖ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺯﻩﻳﺪﻧﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻥ ﭘﯘﺯﯗﺗﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ, ﺋﺎﻟﻼﻫ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﯘ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﭼﯘﺷﯩﺪﯗ: ”ﺋﺎﻟﻼﻫ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ, ﺋﻪﺭ ـ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺸﯩﺪﺍ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ (ﻳﻪﻧﻰ ﻫﯧﭻ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﺧﺎﻟﯩﭙﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ) ﻛﯩﻤﻜﻰ ﺋﺎﻟﻼﻫﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ, ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯘ ﺋﻮﭘﺌﻮﭼﯘﻕ ﺋﯚﺯﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.“ (ﺋﻪﻫﺰﺍﭖ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 36 ـ ﺋﺎﻳﻪﺕ)
ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ, ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺑﯩﺮ ـ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﻰ ﺗﻪﻗﯟﺍﻟﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺗﻪﺗﺒﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﻣﯘﻧﯩﺴﯩﺪﯗﺭ. ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ, ﻫﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﭖ, ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻣﻮﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ, ﺋﯧﺴﯩﻞ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﺎﻟﻼﻫ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: ”ﺋﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﺰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﺪﯨﻦ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻫﻪﯞﯞﺍﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ) ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎ ـ ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﯘﻕ. ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﺗﯘﻧﯘﺷﯘﺷﯩﯖﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ. ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺋﺎﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﻫﯩﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﻫﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺴﯩﻠﻪﺭ (ﻳﻪﻧﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ـ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻧﻪﺳﻪﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ, ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﻪﻗﯟﺍﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ) ﺋﺎﻟﻼﻫ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻫﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯘﭼﯩﺪﯗﺭ. ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺩﺍﺭﺩﯗﺭ.“ (ﻫﻮﺟﯘﺭﺍﺕ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 13 ـ ﺋﺎﻳﻪﺕ)
ﭼﯜﻧﻜﻰ, ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻫﻪﻕ ـ ﻫﻮﻗﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻫﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ, ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ, ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﺎ, ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯘﺯﻣﻪﺳﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ, ﺗﻪﻗﯟﺍ ﻛﯩﺸﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﻫ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮ ـ ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯘﺭ.
___________
ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ
ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺕ: ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﺩﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﮕﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﯧﻤﺎ-ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻼﺭ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﯞﻩ ﻧﯩﺰﺍﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﯞﻩ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﺴﺎ، ﺷﯘ ﺷﻪﺧﯩﺲ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ...
ﺑﯘ ﺗﯩﻤﻨﻰ ﻛﻮﺭﻩﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ﺩﯨﺴﻪ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺯﻻﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﻣﻪﺯﻣﻮﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﯞﺯﯗ ﻣﺎﺳﻼﺷﻤﺎﭘﺘﯘ .
بەت:
[1]