ET.Ozturk يوللانغان ۋاقتى 2007-12-25 17:46:39

ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﻣﯩﻨﯩﻴﻪﺩﯨﻦ ﭘﺎﺭﭼﻪ

ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﻣﯩﻨﯩﻴﻪ(ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯘﺳﺎ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﻰ)     1903-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ.
   110-ﺑﻪﺕ
   ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﮭﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎﻣﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﯨﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺗﺎﻟﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺗﮭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ
    ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎﻡ ﻛﯘﭼﺎﺩﺍ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺧﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﻗﺎﺭ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯘﭘﺎﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻱ، "ﺧﯘﺩﺍﻧﯩﯔ ﻳﯘﻟﯩﺪﺍ ﺟﯩﻨﯩﻨﻰ ﭘﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻏﺎﺯﺍﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺷﯧﮭﯩﺘﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟"ﺩﻩﭖ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﺪﻯ.ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﻳﯜﺯ ﺑﯩﺸﻰ ﻛﯩﻠﯩﭗ،"ﺷﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﺟﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻩﻱ"ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ ﺧﻮﺟﺎﻡ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﻳﯜﺯ ﺑﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﯜﺯ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺷﯘﭖ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﺎﮬﺎﯞﯨﺪﯨﻦ ،ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺧﻮﺟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﯨﻨﺴﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ.ﺑﯘﻻﺭ ﺑﯜﮔﯜﺭﮔﻪ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ،ﺑﯜﮔﯜﺭﺩﻩ ﻳﯜﺯﮔﻪ ﻳﯩﻘﯩﻦ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭼﯩﺮﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ.ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﺑﯜﮔﯜﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﻯ.ﺷﯘ ﺋﻪﺳﻨﺎﺩﺍ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯩﺴﮭﺎﻕ ﻏﻮﺟﺎﻡ،ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺩﺍﺩﺧﺎﮬ،ﻣﻪﻣﯘﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺯ ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ.ﺑﯜﮔﯜﺭﺩﯨﻦ ﺩﯗﺋﺎﻳﻰ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ، ﺳﯘﻣﯘﺭﯗﻟﻼﮬ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯘﻧﮕﺎﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻳﯜﺯ ﻛﯩﺸﻰ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪﻯ.ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻛﻮﺭﻟﯩﻐﺎ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻮﺭﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﺩﻯ.ﻛﻮﺭﻟﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﭼﻮﯓ ﻗﯘﺷﯘﻥ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ.ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯘﻍ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ،ﺋﻮﻕ ﺳﺎﺩﺍﻕ.ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﻩﻙ،ﻧﻪﻳﺰﻩ ﻳﺎﺭﺍﻕ، ﻧﺎﻏﺮﺍ ﺳﻮﻧﺎﻱ،ﺩﺍﻗﺎ ﺩﯗﻣﺒﺎﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﻭﺭ ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﺎ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﺭﺍﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺯﻭﺭ ﮬﻪﺷﻪﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﻟﯩﯟﯨﮕﻪ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﻛﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﻩﻙ ﺋﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﯩﻠﻰ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﻯ.ﻧﺎﺋﯩﻼﺝ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﻛﻮﺭﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺗﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﻣﻪﺳﻠﻪﮬﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜﭖ:"ﭼﻮﯓ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ،ﺑﺎﻏﺮﺍﺵ ﻛﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﺋﯘﺷﺸﺎﻗﺘﺎﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﻗﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﯩﻨﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺴﺎﻕ" ﺩﯨﺪﻯ.ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﻪﺳﻠﻪﮬﻪﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﻮﺭﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ، ﺑﺎﻏﺮﺍﺵ ﻛﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯘﺷﺸﺎﻗﺘﺎﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ.ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ 18ﻣﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭼﯩﺮﯨﻜﻰ  ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻣﺎﯕﺎﻟﻤﺎﻱ،ﺗﻮﭖ ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﯨﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯚﻝ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﯩﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﯘﻣﻐﺎ ﻛﯚﻣﯜﭖ ﻗﯘﻳﯘﭖ ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﭙﻪﺭﯞﺍ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﺎﻧﯩﺪﻯ.ﺷﯘ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
    ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺟﺎﮬﺎﻧﮕﯩﺮ ﺧﻮﺟﺎﻡ ﺋﺎﻟﺘﻪﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻱ ﺟﯩﻴﺎﯕﺠﯜﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻣﻪﻧﺴﻪﭘﺘﺎﺭ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﭗ،ﺟﺎﮬﺎﻧﮕﯩﺮ ﺧﻮﺟﺎﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﯘﻟﯘﭖ،ﺷﯘ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻨﯩﯔ ﺧﺎﻧﻰ "ﺋﺎﻱ ﺟﺎﯕﺠﯜﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﮔﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ."ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺗﺎﻟﺪﺍ ﺋﺎﻱ ﺟﺎﯕﺠﯜﻧﮕﻪ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺑﯘﺗﺨﺎﻧﺎ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﮬﻪﻳﻜﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﻮﻥ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻣﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻱ،ﺷﯘ ﺑﯘﺗﺨﺎﻧﺎ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﯟﯨﻠﯩﭙﻤﯘ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﺎﻱ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻧﺎﺑﯘﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ.ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺑﯩﺮﺳﯩﻤﯘ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯩﺘﻪﻟﻤﯩﺪﻯ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﺎﺭﺍ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺯﯨﺮﺍﻕ ﻗﯩﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.
    ﻣﯘﺷﯘ ﭘﻪﻳﯩﺘﺘﻪ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺑﯩﻐﻪﻡ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﯩﻜﻪﻥ. ﻗﺎﻟﻤﺎﻗﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﯦﻠﯩﭗ ﺧﻮﺟﺎﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ﻳﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﺕ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﺒﯩﻠﯩﻐﺎ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺧﻪﺕ ﺑﯘﻟﯘﭖ، "ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﻣﯩﯔ ﭼﯩﺮﯨﻚ،ﺗﯚﺕ ﻳﯜﺯ ﻳﻪﺗﻤﯩﺶ ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﻩﻙ،ﺋﯜﭺ ﻳﯜﺯ ﮬﺎﺭﯞﺍ ﺋﻮﻕ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ ، ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯘﺷﺸﺎﻗﺘﺎﻟﻐﺎ ﻳﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﻮﺯﯗﻕ ﺗﯜﻟﯜﻙ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯖﻼﺭ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﺍ ﻳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ. ﺧﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻐﺎ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﭖ، ﭼﯚﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ،ﺳﯘﻧﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﺑﯘﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﺩﻯ.ﺋﯜﭺ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﯘﻍ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.ﺗﯘﻏﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻧﺪﻯ. ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﯘﻻﺭ:"ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ"،ﺩﻩﭖ ﺑﯩﭙﻪﺭﯞﺍ، ﻏﻪﻡ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﺴﯩﺰ ﻳﯩﻘﯩﻨﻼﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ.ﺷﯘ ﺋﻪﺳﻨﺎﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯩﺴﮭﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎﻡ،ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻣﻪﻣﯘﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ،ﺑﺎﮬﺎﯞﯨﺪﯨﻦ ﺧﻮﺟﺎﻡ،ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺧﻮﺟﺎﻡ،ﺩﯗﺋﺎﻳﻰ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ،ﺳﯘﻣﯘﺭﯗﻟﻼ ﺗﯘﻧﮕﺎﻧﻼﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺕ ﺳﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﻯ.ﺑﺎﮬﺎﯞﯨﺪﯨﻦ ﺧﻮﺟﺎﻡ،ﻣﻪﻣﯘﺭ ﺧﻪﻟﭙﻪ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﺷﻘﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ.ﺋﯩﺶ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ،ﺋﯩﺴﮭﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎﻡ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﯩﭙﯩﭗ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ "ﺷﯩﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﯩﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﯕﻼﺭ"ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﻰ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺩﺍﻻﻟﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ.ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﻳﯩﻐﺎ ﺯﺍﺭﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﮔﺎﮬﻰ ﺋﻮﯕﻨﻰ ﺳﻮﻟﻐﺎ ﮔﺎﮬﻰ ﺳﻮﻟﻨﻰ ﺋﻮﯕﻐﺎ ﺳﯜﺭﯛﭖ،ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﺷﻜﯩﭽﻪ،ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﻘﯩﭽﻪ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﺪﻯ.ﭼﺎﭖ ﭼﺎﭖ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ،ﺗﻮﭖ ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﻩﻙ،ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ﺳﺎﺩﺍﺳﻰ ﻗﯘﺷﯘﻟﯘﭖ ﭘﻪﻟﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﺘﻰ.ﺩﯦﻤﻪﻙ،ﻏﻪﻟﺒﻪ ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﺋﯩﺴﮭﺎﻕ ﺧﻮﺟﺎﻡ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ.ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﻟﯘﻕ ﺑﯩﺮﻛﯩﭽﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﻰ.ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻧﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﯩﭽﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯﻯ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﮬﺎﻻﻙ ﻗﯩﻠﺪﻯ.ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﺪﻩ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﯚﻟﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯘﻣﯘﺱ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﮬﺎﻻﻙ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ،ﺑﻪﺵ ﻛﯩﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﺩﯨﻤﯘ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﻰ.ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﯖﻐﯩﻤﯘ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺘﻰ.ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﺗﯚﺕ ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ.
  ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ﺑﺎﺭ.

urdek يوللانغان ۋاقتى 2007-12-25 18:25:00

ﺑﯘﺭﯗﻧﻤﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﯞﯨﺪﯨﻢ،ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺦ.
ﺋﻪﻧﺪﻯ ﺑﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯩﻘﺎﺭﺳﺎﻕ ﺑﻮﻻﺭﻛﯩﻦ،ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﺪﻯ ﺩﻩﭘﻤﯘ.

ugan يوللانغان ۋاقتى 2007-12-25 19:41:51

ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﺘﻪ.

YAWUZ914 يوللانغان ۋاقتى 2007-12-25 20:47:07

ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯘﺳﺎ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﯩﻨﯩﯔ \" ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﻪﻣﯩﻨﯩﻴﻪ \" ﯞﻩ \" ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﮬﻪﻣﯩﺪﻯ \" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ.
ﻣﻪﻧﺰﯨﻞ: http://www.orkhun.com/bbs

ET.Ozturk يوللانغان ۋاقتى 2007-12-25 21:06:25

ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﯕﻼﺭ ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﺵ.ﺳﻪﻣﯩﻤﮕﻪ ﺳﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ.
   ﺑﯩﺮﺍﻕ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻞ ﺋﻪﺳﻪﺭ.ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎﻱ ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ.

Perhad يوللانغان ۋاقتى 2007-12-25 22:46:12

ET.Ozturk
ﻳﯩﺰﯨﯟﯦﺮﯨﯔ.ﻳﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺗﯘﺭﺳﯩﯖﯩﺰ.ﻛﯚﭼﯜﺭﮔﻪﻧﻤﯘ ﻳﺎ؟

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2007-12-25 22:59:09

YAMAN يوللانغان ۋاقتى 2007-12-26 01:15:27

ﻳﻮﻟﻼﯓ ﺋﯘﻧﻰ ! ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻼ ﻗﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﯨﯖﯩﺰﺍ ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ .

ET.Ozturk يوللانغان ۋاقتى 2007-12-26 14:01:31

ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﯩﺨﻰ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﯘﺭﻻﺭﻧﻰ،ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯩﺸﻰ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﻗﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ،ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ ﺗﯘﻟﯘﻕ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﯘﭘﺘﯩﻜﻪﻥ.
    ﺑﯘ ﺑﺎﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻗﺎﺭﺍ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﻰ ﭘﻪﺗﮭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺟﻪﯕﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯜﺯﻣﯩﯖﭽﻪ ﻛﯜﭘﺎﺭﻻﺭ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺯ ﺋﻪﻟﻠﯩﻜﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺷﯩﮭﯩﺘﻠﯩﻚ ﺷﺎﺭﺍﺑﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ.
    ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﭖ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ، ﻗﯘﻣﯘﻝ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ،ﻓﯘﻛﺎﯓ،ﮔﻮﭼﯘﯕﺰﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﭘﻪﺗﮭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺭﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﻟﯘﭖ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺗﻮﺕ ﻳﯜﺯ ﻣﯩﯖﭽﻪ ﻛﯘﭘﺎﺭﻻﺭ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ.ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻳﻪﺭﻛﻪﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﻗﯩﭙﭽﺎﻗﻼﺭ ﺋﯩﺴﻴﺎﻥ ﻛﯚﺗﯘﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺷﯘﻥ ﻛﯘﭼﺎﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ.
   ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
   ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﺎ ﺗﯩﺨﯩﻤﯘ ﺋﯩﺴﯩﻞ،ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ،ﮔﺎﮬﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﻪﻛﻼ ﺋﯩﭽﯩﻨﺪﯨﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﯞﻩﻗﻪﻟﻪﺭ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ.
    ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭖ.
بەت: [1]
: ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﻣﯩﻨﯩﻴﻪﺩﯨﻦ ﭘﺎﺭﭼﻪ