Tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2008-3-31 12:40:44

ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺳﯩﻨﻮﻙ ﻣﺎﮬﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺑﻼﺟﺎﻥ ﻧﯩﻴﺎﺯ

http://images13.51.com/43/a/da/ac/bir0000/1207105325_78691700.jpg
ﺋﺎﺑﻼﺟﺎﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﻩ
ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﯘﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ:
ﺋﺎﺑﻼﺟﺎﻥ ﻧﯩﻴﺎﺯ، 1981-ﻳﯩﻠﻰ 3-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5-ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻮﺭﻻ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ.ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﻠﻴﺎﺭﺕ(ﺳﯩﻨﻮﻙ)ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ.2005-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺷﯩﺮﻣﻪﺗﻠﻪﺭ( 精英赛ﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﯨﻐﺎﺭﺍﻕ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﯗﻣﻐﯘ) ﺳﯩﻨﻮﻙ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﭼﯩﻤﭙﯩﻴﻮﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺑﻼﺟﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺷﺎﯕﺨﻪﻳﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺳﯩﻨﻮﻙ (ﺋﯘﭼﯘﻕ) ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ. ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯩﻨﺎﺭﻟﯩﻐﻰ  4:5 ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﻛﻪﻧﺒﯩﻴﯧﺮﻏﺎ ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﯘﻳﯘﭖ 32 ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ 5 -ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﻪﺭﻩﭖ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﻠﯩﮕﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺩﯗﺑﻪﻳﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺳﯩﻨﻮﻙ ﻟﻪﯞﮬﻪ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺟﻮﯕﮕﻮ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻐﺎ ﯞﻩﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﺎﻗﭽﻰ.


http://images13.51.com/151/a/da/ac/bir0000/1207105325_78774000.jpg

           ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﺎﮬﯩﺮﻯ ﺩﯨﯖﺠﯜﻧﺨﯘﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﻩ
ﺑﯩﻠﻴﺎﺭﺕ ﺋﻮﻳﻨﺎﺵ 15 -ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍﺩﺍ ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﻨﻮﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ 19-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﺪﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﯚﭖ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯩﺮﯨﻠﻤﻪﻳﺘﻰ. ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺩﯨﯖﺠﯘﻧﺨﯘﻱ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﻟﻪﯞﮬﻪ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﭼﯩﻤﭙﯩﻴﻮﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﮬﻪﺭﻛﻪﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺗﯜﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯜﻟﯜﺵ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻛﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﯩﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﺎﮬﯩﺮﻻﺭ ﻳﯩﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺩﯨﯖﺠﯜﻧﺨﯘﻱ ﯞﻩ ﺷﯩﻴﺎﯕﮕﺎﯓ ﻣﺎﮬﯩﺮﻯ ﻓﯘﺟﯩﻴﺎﺟﯜﻧﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ.

ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﭙﻪﺗﻪﻥ ﻧﺎﺗﯘﻧﯘﺵ ﺋﯘﻗﯘﻣﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﯞﺍﺳﻜﯩﺘﺒﻮﻝ ﭼﻮﻟﭙﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺩﯨﻠﺠﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﺍﺳﻜﯩﺘﺒﻮﻝ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ﺑﯧﻜﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ 92 -ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﺳﯩﻠﻮﻧﺎﺩﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻚ ﺗﻪﻧﮭﻪﺭﻛﻪﺕ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ  ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺷﺎﻥ ﺷﻪﺭﻩﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ''ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ'' ﯞﺍﺳﻜﯩﺘﺒﻮﻝ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺗﯧﺮﻧﯩﺮﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﺍﺳﻜﯩﺘﺒﻮﻝ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺮﻧﯩﺮﻯ. ﺋﺎﺩﯨﻠﺠﺎﻥ ''ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ'' ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﭼﯩﻤﭙﯩﻴﻮﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯘ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﻨﻰ ﻳﯩﺘﻪﻛﻠﻪﭖ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﯞﺍﺳﻜﯩﺘﺒﻮﻟﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺩﯨﻠﺠﺎﻧﻨﻰ ﺗﯘﻧﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﺑﯘﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﺎﺩﯨﻠﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎﯞﯨﺘﻰ ﺑﻪﻙ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ.
ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﺑﺪﯛﺷﯜﻛﯜﺭ،ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ،ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ ،ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﻮﻛﯩﺲ ﺋﻪﺯﯨﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍﺩﺍ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﮬﯩﺮﻻﺭﺩﯗﺭ.
ﺑﻮﻟﺴﯩﻐﯘ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺋﻪﯓ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﻧﮭﻪﺭﻛﻪﺕ ﺗﯜﺭﻯ ﭘﯘﺗﺒﻮﻟﺪﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻣﯘ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻻﺭ. ﺷﻪﻧﺪﯗﯓ ﻟﯘﻧﯩﯔ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﺗﺒﻮﻟﭽﯩﻤﯩﺰ ﭘﻪﺭﮬﺎﺕ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﺎﻟﻼﻧﺪﻯ. ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺳﯘﻥ. ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ  ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﺴﺎ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺋﻮﻏﺮﻯ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﭽﻰ ﻳﺎﺩﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯩﺮﯨﭗ ، ﭘﻮﺗﺒﻮﻝ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﯘﺟﯘﻣﭽﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﺭﻩﻗﯩﺒﯩﻨﻰ ﻳﻪﺭ ﭼﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪ ﺑﻮﻛﯩﺴﭽﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﺋﯩﺴﯩﻠﺰﺍﺩﻩ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭ  ﺋﯘﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ (ﺳﯩﻨﻮﻙ) ﻗﯩﺮﺍﻥ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﺩﺍﺭﺩﺍ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﯓ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺩﺍﺭﯞﺍﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﺩﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ!
ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺩﻩﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ﺩﻩﭖ. ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﻱ : ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺋﺎﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟  ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺏ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﻳﺴﯩﺰﯗ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯩﻤﻪ ﺗﻮﻻ ﮔﻪﭖ!(ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘﻳﻪﺭﺩﻩ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻻﺗﺎﺭﯨﻴﻪ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻨﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﭘﯘﺗﺒﻮﻟﯩﻐﺎ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﻪﻥ). ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻧﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺸﯩﻐﺎ، ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﺑﯘﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻻﺭ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺳﻮﯕﭽﯩﯖﻠﯩﯔ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯜﻣﯩﺖ ﺯﻭﺭ.

  ﻣﺎﻧﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺳﯩﻨﻮﻙ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﻩ ﺋﺎﺑﻼﺟﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﺗﺎﻻﻧﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﺎﺑﻼﺟﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻜﻰ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻠﯩﻘﻠﯩﻐﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﺎﻕ ﺗﻮﭘﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻐﻰ ﻛﻪﺳﭙﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﯓ ﻗﻮﻝ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭ ﻛﯜﺗﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﺎﺑﻼﺟﺎﻧﻨﻰ 5:4 ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺗﻘﺎﻥ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﻛﻪﻧﺒﯩﻴﯧﺮﻣﯘ ﺋﺎﺑﻼﺟﺎﻧﻐﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﮬﺎﻻﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ.
ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺑﻼﺟﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺷﺎﻥ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪﻧﮭﻪﺭﻛﻪﺕ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻤﯘ ﻳﻮﻗﺎﺭﻗﯩﺪﻩﻙ ﻣﺎﮬﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

ﻗﯘﺷﯘﻣﭽﻪ:
ﺳﯩﻨﻮﻙ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﻯ:

http://img2.pcpop.com/SoftImages/400x300/0/1/000001502.jpg
                                        ﺳﯩﻨﻮﻙ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﻰ

ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻮﭖ 21 ﺩﺍﻧﻪ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺗﻮﭖ 15 ﺩﺍﻧﻪ ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻣﯘﺭ، ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺗﻮﭖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻮﻣﯘﺭ، ﻳﯩﺸﯩﻞ  ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ  ﺗﻮﭖ ﺋﯜﭺ ﻧﯘﻣﯘﺭ، ﻗﻮﯕﯘﺭ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ  ﺗﻮﭖ ﺗﯚﺕ ﻧﯘﻣﯘﺭ،ﻛﯚﻙ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺗﻮﭖ ﺑﻪﺵ ﻧﯘﻣﯘﺭ،   ﺳﯘﺱ ﻗﯩﺰﯨﻞ  ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺗﻮﭖ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭ، ﻗﺎﺭﺍ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺗﻮﭖ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭ.
ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺗﻮﭖ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﻠﯩﺪﯗ.ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﺗﻮﭖ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺗﻮﭖ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﻠﯩﺪﯗ.   ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺗﯘﻟﯘﻕ ﻧﯘﻣﯘﺭ 147.
ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﻩ ﺳﯩﻨﻮﻙ ﻳﺎﺳﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺗﻮﭘﻘﺎ ﺋﺎﻕ ﺗﻮﭘﻨﻰ ﺗﻪﻛﻜﯜﺯﻩﻟﻤﯩﺴﻪ ، ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻛﻪ ﺗﯚﺕ ﻧﯘﻣﯘﺭ ﻗﯘﺷﯘﻟﯩﺪﯗ.(ﺳﯩﻨﻮﻙ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ : ﺋﺎﻕ ﺗﻮﭘﻨﻰ ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺗﻮﭘﻘﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺗﻪﻛﻜﯜﺯﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﭘﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﭖ ﻗﯘﻳﯘﺷﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ).


      ئويناش ئۇسۇلى :

1 . ئاۋۋال قىزىل توپ چۈشۈرگەندىن كىيىن خالىغان باشقا رەڭلىك توپنى چۈشۈرۈشكە بولىدۇ .

2 . ھەممە قىزىل تاش چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن باشقا رەڭلىك توپلار رەت تەرتىۋى بوليىچە چۈشۈرلىدۇ .
  
     قانداق ئەھۋاللاردا نۇمۇر تارتىلىدۇ ؟

1 . تاش ئۇرۇش جەريانىدا ساقا ( يەنى ئاق توپ ) تۆشۈككە چۈشۈپ كەتسە نۇمۇر تارتىلىدۇ . ( ئەگەر سىزنىڭ ئۇرغان تېشىڭىز قىزىل ، 2 - ، 3 - ، 4 - نۇمۇرلۇق تاشلار بولسا نۇمۇر تارتىش ئۇسۇلى بىردەك بولۇپ 4 نۇمۇر تارتىلىدۇ . 5 دىن باشلاپ نۇمۇر سانى بويىچە تارتىلىدۇ ) .  

2 . سىز ئۇرماقچى بولغان تاش قىزىل توپ بولسا ، ئۇرۇش جەريانىدا ساقا ئاۋۋال باشقا رەڭلىك تاشقا تېگىپ كەتسە تۆۋىنى 4 نۇمۇر بويىچە 7 نۇمۇرغىچە نۇمۇر تارتىلىدۇ . ( 2 دىن 4 كىچە تېگىپ كەتسە 4 نۇمۇر بويىچە تارتىلىدۇ . 5 دىن تارتىپ نۇمۇر سانى بويىچە تارتىلىدۇ )

3 . تاش ئۇرۇش جەريانىدا ساقا ھېچقانداق ئۇرۇققا تەگمىگەن ئەھۋال ئاستىدا يۇقۇرقى قائىدە بويىچە نۇمۇر تارتىلىدۇ .

4 . ساقا مەيدان ئىچىدىن ئۇچۇپ چىقىپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا . ( يۇقۇرقى قائىدە بويىچە نۇمۇر تارتىلىدۇ )

5 . تاش ئۇرۇش جەريانىدا ئىككى توپ بىرلا ۋاقىتتا تۆشۈككە چۈشۈپ كەتسە ( ئىككى قىزىل تاش بۇنىڭ سىرتىدا ، بۇچاغدا 2 نۇمۇر قوشۇلىدۇ . قانچە قىزىل تاش بولسا شۇنچە نۇمۇر قوشۇلىدۇ ) نۇمۇر تارتىش ئۇسۇلى يۇقۇردىكىدك بولىدۇ . ( بۇ چاغدا ئاۋۋال سىز ئۇرۇشنى پىلانلىغان توپنىڭ نۇمۇرىغا قارايدۇ . ئاندىن قايسى توپنىڭ نۇمىرى چوڭ بولسا شۇ نۇمۇرنىڭ نۇمۇر سانى بويىچە نۇمۇر تارتىلىدۇ ) .

6 . توپ ئۇرۇش جەريانىدا ساقا مەيدان ئىچىدە سەكرەپ كەتسە يۇقۇرقى نۇمۇرلار تەرتىۋى بويىچە نۇمۇر تارتىلىدۇ .

7 . مەيداندا تاش ئۇرۇش جەريانىدا ، سىز ساقىنى مىدىرلاتماي تۇرۇپ باشقا تاشلار مىدرلاپ كەتسە نۇمۇر تارتىلىدۇ . نۇمۇر تارتىش ئۇسۇلى يۇقۇرقى تەرتىپ بويىچە بولىدۇ .

8 . مەلۈم پەيىتتە ، ساقا بىلەن باشقا تاش مەيداننىڭ قىرىدا مەلۈم گىرادۇس ھاسىل قىلىپ بىر - بىرىگە چاپلىشىپ قالىدۇ . بۇنداق چاغدا سىز ساقىنى ئۇرسىڭىز ساقا مەلۈم دەرىجىدە كەينىگە يانىدۇ . ئەگەر ساقا كەينىگە يىنىش جەريانىدا كالتەككە قايتا سوقۇلۇپ كەتسە نۇمۇر تارتىلىدۇ . نۇمۇر تارتىش ئۇسۇلى يۇقۇرقى تەلەپلەردەك بولىدۇ .

ئادەتتە نۇمۇر تارتىش ئۇسۇللىرى مۇشۇ يول بويىچە بولىدۇ . .   
   


       ئويۇندىكى ئالاھىدە ئەھۋاللار :

1 . مۇسابىقە جەريانىدا قارشى تەرەپ مەلۈم بىر نۇمۇرنى ئۇرغان چاغدا ( بۇ ئادەتتە سۇنۇك بولغان چاغدا كۆرىلىدۇ ) ساقا يەنى ئۇرماقچى بولغان تاشقا تەگمىسە سىز رېپىر ئارقىلىق قارشى تەرەپكە قايتا ئۇرۇشنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ . ئەگەر تەككۈزەلمىگەن سانى 3 قېتىمغا يەتسە بۇ مەيدان مۇسابىقىدە سىز ئۇتقان بولىسىز .

2 . ئويۇن جەريانىدا ساقا قىزىل تاشقا چاپلىشپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا سىز ساقىنى خالىغان تەرەپكە قارىتىپ ئۇرۇش ھوقوقىدا ئىگە بولىسىز . ( باشقا رەڭلىك تاش بۇنىڭ سىرتىدا )

[ﺑﯘ ﺗﯩﻤﺎ tangriqut ﺗﻪﺭﯨﭙﺪﯨﻦ  2008-4-2 13:50:09 ﺩﻩ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .]

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2008-4-2 05:53:57

Tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2008-4-2 09:11:15

ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻣﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺗﻪﻧﮭﻪﺭﻛﻪﺗﭽﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻛﻮﺭﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺳﯩﻨﻮﻛﭽﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﻮﻟﺪﺍﺵ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﭼﺎﭼﻘﯩﻨﯩﻼ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﯧﺴﺘﻪﻱ ﺗﻮﭘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ.

Sadarim يوللانغان ۋاقتى 2008-4-2 10:08:16

ﺋﺎﺑﻼﺟﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺑﯘﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .  ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯘﭼﺎﺩﺍ  ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻤﻨﻰ  ﺋﺎﺑﻼ ﺭﯦﮭﯩﻢ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭖ .

aywan يوللانغان ۋاقتى 2008-3-31 13:18:39

qqﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﻮﻙ ﺋﻮﻳﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﻘﯘﭺ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻱ ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭﻣﺎ؟

A.SERDAR يوللانغان ۋاقتى 2008-3-31 13:31:49

QQ ﺩﺍ ﺳﯩﻨﻮﻙ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻗﯧﻨﻰ ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﻤﻪﺕ .
QQ:155215286

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2008-3-31 13:44:40

snooker ﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﭙﻼ ﺳﯩﻨﻮﻙ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻻ؟
snook ﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ : ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ، ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
snooker ﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ: ﺑﯩﻠﻴﺎﺭﺕ، ﻗﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﻗﻮﻳﻤﺎﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

Perhad يوللانغان ۋاقتى 2008-3-31 14:10:38

ﮬﯘﺭﯗﻥ ﻣﯜﺷﯜﻙ ﺑﯩﺮﺯﺍﺗﻰ...

ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺋﯘ ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻗﯘﻻ.ﺳﯩﻨﯘﻙ ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻗﯘﺳﺎﻕ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ ؟

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2008-3-31 14:18:02

ﺷﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﺳﯩﻨﻮﻙ ﺩﻩﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺷﯘﯕﺎ ﺩﯦﺪﯨﻢ ﻣﻪﻥ.

Perhad يوللانغان ۋاقتى 2008-3-31 14:25:21

ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻼ ﺋﺎﻧﺪﺍ...ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﯨﺪﺍ ﺩﯨﻤﯩﮕﻪﻥ ﮔﯘﻧﺎﮬﯩﻤﻐﺎ..

ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﭘﯧﺘﻰ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ..ﯞﯦﺴﺘﺎﻧﻰ ﯞﯦﺴﺘﺎ ﺩﯨﺪﯗﻕ.ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻤﺎﭘﺘﯩﻤﯩﺰ.ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼﺭ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﻳﯜﺭﯨﺪﯗ.ﺋﯘﻧﯩﯖﻤﯘ ............ﮬﻪﻱ

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2008-3-31 14:29:29

ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﻏﺎ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﻛﯚﭘﻘﯘ؟!!
ﺗﯧﻠﻔﯘﻥ--ﺗﯩﻠﯩﻔﯘﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2008-3-31 15:26:56

ﺑﯧﻠﻴﺎﺭﯨﺪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻳﯘﻥ ، ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻻ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﯘﺭﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ...

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2008-3-31 15:27:13

Tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2008-3-31 15:33:31

ﻗﺎﺳﯩﻤﺠﺎﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﺎﻻ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﺑﻼﺟﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ.

Musicfan يوللانغان ۋاقتى 2008-3-31 18:26:13

ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺰﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻳﻮﻟﻼﭘﺴﯩﺰ . ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ

RGB يوللانغان ۋاقتى 2008-3-31 20:14:11

ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﻛﯧﭽﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺳﯩﻨﯘﻙ ﻟﻪﯞﮬﻪ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﻨﻰ CCTV-5 ﺗﻪ ﻧﻪﻕ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ ، ﺩﯨﯖﺠﯜﻧﺨﯘﻱ ﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻣﻮﺭﻓﯩﻲ  ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﮔﯘﻳﺌﯧﺮ 19 ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻣﺎﮔﯘﻳﺌﯧﺮ ﭼﯩﻤﭙﯩﻴﻮﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ 480ﻣﯩﯔ ﻓﻮﻧﺪﺳﺘﯧﺮﻟﯩﯖﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ ....

ﻛﺎﺳﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭ ﺩﻩﮬﺸﻪﺕ ﺗﯘﺗﯘﺷﺘﻰ ﺟﯘﻣﺎ ، ﺋﺎﺑﻼﺟﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯩﮕﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﻪﺟﻪﭖ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ ؟......

[ﺑﯘ ﺗﯩﻤﺎ tangriqut ﺗﻪﺭﯨﭙﺪﯨﻦ  2008-3-31 22:18:13 ﺩﻩ ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ .]

rock يوللانغان ۋاقتى 2008-3-31 22:35:08

ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﻪ، ﻣﺎ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻮﻳﺎﻥ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ.
http://www.smallgame.org/download/060715/InternationalCueClub.exe

ﺩﻩﮬﺸﻪﺕ ﺋﯧﺴﯩﻞ.

tanha يوللانغان ۋاقتى 2008-4-1 01:13:47

bir*zat| ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ:
ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﻏﺎ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﻛﯚﭘﻘﯘ؟!!
ﺗﯧﻠﻔﯘﻥ--ﺗﯩﻠﯩﻔﯘﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ
-------------------------
ﺗﯩﻠﯩﻔﯘﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ
ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺗﯩﻠﻰ(ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯩﻞ) ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2008-4-1 06:53:16

ﺳﯩﻨﻮﻙ ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﻩﺭﺳﻪﯕﻼﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻧﺰﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ..

ﺩﯨﯔ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﯘﻳﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﺑﻪﻛﻼ ﺗﯘﺭﺍﻗﺴﯩﺰ، ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪﺩﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘﭺ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﻮﺳﺎﻟﻠﯩﯟﯦﻦ ﻳﯩﻐﻠﯩﺘﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ

ﺩﯨﯔ ﻧﯩﯔ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ 10 ﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻐﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ، ﺷﺎﯕﮕﺎﯕﻠﯩﻖ ﻓﯘ ﺩﻩﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘﻣﯘ ﭘﯧﭽﻪﺕ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯨﯔ ﻧﻰ ﺷﯘ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺘﻰ....

Nurbulaq يوللانغان ۋاقتى 2008-4-1 18:55:18

ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﻨﻰ ﺋﯘﻗﯩﻤﻪﻥ ، ﺋﯘﻏﯘﻟﻼﺭ ﺑﻮﺯﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻤﯩﺴﯩﻼ ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺗﯘﭖ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥ .........
بەت: [1] 2
: ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺳﯩﻨﻮﻙ ﻣﺎﮬﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺑﻼﺟﺎﻥ ﻧﯩﻴﺎﺯ