ﺗﺎﺭﯨﺦ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ
تارىختا بېيجىڭدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل
بېيجىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ سەلتەنەتلىك ، گۈزەل پايتەختى ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ گۈللىنىش ، راۋاجلىنىش ۋە بۈگۈنكىدەك دۇنياۋى مەدەنىيەتلىك تارىخىي شەھەرگە ئايلىنىش جەريانىدا ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ ئۆچمەس تارىخىي تۆھپىسى بار .
بېيجىڭ شەھىرى مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلى چىن شىخۇاڭ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن تارتىپ ، مىلادى 937-يىلىغىچە باشتىن-ئاخىر شىمالىي جۇڭگودىكى مۇھىم شەھەر ۋە يەرلىك ھاكىمىيەتلەرنىڭ باششەھىرى بولۇپ كەلگەن . مىلادى 938-يىلى شىمالىي جۇڭگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان لىياۋ ( قىتان ) سۇلالىسى بېيجىڭ شەھىرىنى يانداش پايتەخت قىلغان . كېيىن جىن ( ئالتان ) ، يۈەن ، مىڭ ، چىڭ سۇلالىلىرى بېيجىڭ شەھىرىنى ئىلگىر-ئاخىر بولۇپ 650 يىل پايتەخت قىلغان . 1949-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، بېيجىڭ شەھىرى يېڭى جۇڭگونىڭ پاختەختى بولدى . بۇ شەھەردە دۇنياغا مەشھۇر گۇگۇڭ ( خان سارىيى ) ، تىيەنتەن ( كۆكئىلاھ سۇپىسى )، بېيخەي باغچىسى ، يىخىيۈەن باغچىسى ، جىڭشەن باغچىسى ، سەددىچىن مەنزىرەگاھى ، 13 قەبرىگاھ ( مىڭ سۇلالىسى خانلىرى قەبرىگاھى ) قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار . بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شانۇ-شەۋكەتلىك تارىخى—جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ نەچچە ئەسىرلىك جاپا-مۇشەققەتلىك مىھنىتىنىڭ يارقىن-نامايەندىسىدۇر . ۋاھالەنكى ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئۇيغۇرلارمۇ مۇھىم رول ئوينىغان . ئۇلار بېيجىڭ شەھىرىنى قايتا قۇرۇش ، كېڭەيتىش ، گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىغا قاتناشقاندىن باشقا يەنە ، ئەينى زامان ھاكىمىيەتلىرىگە ياردەملىشىپ ،دۆلەتنى ئىدارە قىلىش-باشقۇرۇش ئىشلىرىغىمۇ ئىشتراك قىلغان .
موڭغۇللار ھۆكۈمرانلىق قىلغان يۈەن سۇلالىسى ( 1368—1206 ) دەۋرىدە ، تۇرپاندىكى ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ خانى بارچۇق ئارت تېكىن 1209-يىلى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلغانلىقتىن، شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىغا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا رايونلىرىغا قارىغاندا، تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەينى دەۋردىكى موڭغۇل ئېمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى خانبالىق ( بېيجىڭ ) گە بېرىش ۋاقتى خېلى بۇرۇن باشلانغان . قەشقەرىيە رايونىدىن بولسا ، چىڭگىزخاننىڭ سانغۇنى جەبەنۇيان 1218- يىلى بۇ رايوننى ئىستىلا قىلغاندىن كېيىن باشلانغان . دېمەك ، بۇ دەۋردە يۈەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى ئىزچىل تۈردە شىنجاڭدىن تۈركۈملەپ نۇرغۇن ئۇيغۇر يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنى بېيجىڭگە يۆتكەپ ، كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ ، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ، ھەربىي ، ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى خىزمەتلەرگە قاتناشتۇرغان . ئەينى دەۋردە بۇلاردىن بىناكار ئەختەرىدىن 1268-يىلى يۈەن سۇلالىسى پادىشاھى قۇبلاينىڭ پەرمانىغا بىنائەن ، موڭغۇللارنىڭ دەسلەپكى ھۇجۇمىدا ۋەيران قىلىۋېتىلگەن قەدىمكى بېيجىڭ شەھىرىنى قايتا لايىھىلەش ، كېڭەيتىپ قۇرۇش خان ئوردىسىنى ياساش ئىشلىرىغا رىياسەتچىلىك قىلغان . دىپلومات ئۇقمىش تۆت قېتىم يىراق ئوكيانغا سەپەر قىلىپ ، دېڭىز قاتناش تارىخىدا شانلىق سەھىپە ياراتقان . ھازىرقى ھىندىستان ، سىرىلانكا قاتارلىق ئەللەرگە ئەلچى بولۇپ بېرىپ، نۇرغۇن خىزمەت كۆرسەتكەن . ئۇيغۇر ئالىمى چۇس كىخودزىر يۈەن سۇلالىسى پادىشاھى قوبلاينىڭ ، دۆلەت ئۇستازى بولغان. ئۇ ئۇيغۇر ئالىمى تاتاتۇڭا چىڭگىزخان دەۋرىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلغان « كونا موڭغۇل يېزىقى » نى سىستېمىلىق ئىسلاھ قىلىپ ، موڭغۇل تىل-تاۋۇشىنى تېخىمۇ توغرا ئىپادىلىگىلى بولىدىغان « يېڭى موڭغۇل يېزىقى » نى شەكىللەندۈرگەن . ئۇ تۈزگەن « موڭغۇل ئېلىپبەسى» موڭغۇل مىللىتىنىڭ يېزىق تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ . سەركەردىلەردىن ئېلقايا ، مىڭسۇسى ، مىڭسەرس ، قارايىغاچ بۇيرۇق قاتارلىقلار جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى يوقىتىش ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، ياۋروپا، غەربىي ئاسىيا رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق يۈەن سۇلالىسىنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرىدە چوڭ رول ئوينىغان . ئەنزاڭ ، ئوردۇتېكىن ، ئەنسارى قاتارلىقلار جۇڭگو كلاسسىك ئەدەبىياتى ، كۇڭزى ئەھكاملىرى ۋە تىبەت تىلىدىكى بۇددا نوملىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان . بيەنلۈ ، ليەنشىگۇاڭ ، لۇلۈ ، شىسەن ، ۋىن ينىاشىل قاتارلىقلار رەسساملىق ھەققىدە مۇتالىيە ، ئالتۇن خەتلىك بۇددا نوم ، كلاسسىك قامۇسنامە قاتارلىق كىتابلارنى يازغان . شۇ دەۋردە ، لىياۋ ( قىتان ) سۇلالىسى تارىخى ، چىن دۆلىتى تارىخى ، سۇڭ سۇلالىسى تارىخى قاتارلىق نادىر تارىخنامىلەرنى تۈزۈشكە ئۇيغۇر ئالىملارمۇ قاتناشقان . مالىيە-ئىقتىساد مۇتەخەسسىسلىرىدىن ئەھمەت ، ساڭگى قاتارلىقلار يۈەن سۇلالىسىنىڭ مالىيىسىنى تەرتىپكە سېلىش ، ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان . بۇلاردىن باشقا ، راببىن سائۇما ، نەسىردىن ، شەمسىدىن ، سەئىدۇللا ، توقلان ، شى شى ، شۆ چاڭغۇ ، ما زۇچاڭ ، گۈەن يۆنشى قايا ، كۇكۇن ، ليەن شىشەن ، سارابان ، ئارىق قايا ، يۈلۈن تۆمۈر ، سۇجىس ، شىيبان ، يۇچۇرۇچ قايا ، نىزەر ، چاقاي ، سادمىش ، قۇسقۇي قاتارلىق نۇرغۇن ئۇيغۇر سەركەردىلەر ، دىپلوماتلار ، مائارىپشۇناسلار ، تىلماچلار ، يازغۇچىلار ، شائىرلار ، رەسساملار ، ئەمچىلەر يۈەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى خانبالىق ( بېيجىڭ ) دا ئولتۇراقلىشىپ ، خانلىق ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان . بېيجىڭدىكى ھازىرقى ۋىيگوڭسۇن (畏公村) شۇ دەۋردە شەكىللەنگەن مەھەللە-كوچىلارنىڭ بىرى ئىدى . يۈەن سۇلالىسى دەرىدە بېيجىڭدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تارىخىي خاتىرىلەردە ، نەچچە ئون مىڭغا يېتىدىغانلىقى ، زور كۆپچىلىكنىڭ تۇرپان ، بەشبالىق رايونلىرىدىن بارغانلىقى خاتىرىلەنگەن . ئۇلار ئۇزۇن تارىخىي دەۋرلەر داۋامىدا بېيجىڭ شەھىرىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرگە ئۆزلىشىپ سىڭىشىپ كەتكەن . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ئاساسەن ساقلاپ قالالمىغان .
مانجۇلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەنچىڭ سۇلالىسى ( 1911—1644 ) دەۋرىدە ، مەنچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈش ، مۇستەھكەملەش ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش كۈرەشلىرىدە ، كۆرۈنەرلىك خىزمەت كۆرسەتكەن ھەر مىللەت يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنى بېيجىڭ شەھىرىگە ئەكىلىپ ، يۇقىرى مەرتىۋە ، مەنسەپ بېرىپ ، ئالىي تەمىناتتىن بەھرىمەن قىلىپ ، ئۇلارنى ئاسرىغان ، ئەتىۋارلىغان . چىڭ سۇلالىسى 1759-يىلى شىمالىي شىنجاڭدىكى جۇڭغارلارنى مەغلۇب قىلىپ ، 1680-يىلىدىن باشلاپ جۇڭغار خانلىقىنىڭ ھامىيلىقىدا تۇرۇۋاتقان ماڭلاي سۆيە ( جەنۇبىي شىنجاڭ ) رايونىدىكى چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇپ ، شىنجاڭنى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ كەلگەندىن باشلاپ ، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىنى كەينى-كەينىدىن بېيجىڭگە كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان . بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتنى باشلاشتىن بۇرۇن ، مۇشۇ ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان سەل ئاۋۋالقى تارىخىي ۋەقەنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ :
1635-يىلى جۇڭغار موڭغۇللىرىنىڭ سەردارى باتۇر خۇنتەيجى شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۇيرات قەبىلىلىرى ( جۇڭغار ، خۇشۇت ، دۇربۇت ، تۇرغۇت ) نى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ، بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، ھازىرقى قۇبۇقسارنى پايتەخت قىلغان جۇڭغار خانلىقىنى قۇردى . باتۇرخۇنتەيجى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىردە ، جۇڭغار خانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى شەرقتە ئالتاي تاغلىرىدىن غەربتە بالقاش كۆلىگىچە ، جەنۇبتا تەڭرى تاغلىرىدىن شىمالدا يىنسەي دەرياسى ۋە ئىمىل دەرياسىغىچە بولغان كەڭ رايونلارغا كېڭەيدى . ئۇ يالغۇز ھازىرقى شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىلا ئەمەس ، بەلكى ، چىڭخەيدىكى موڭغۇل قەبىلىلىرى ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچيۈز ( چوڭ يۈز ، ئوتتۇرا يۈز ، كىچىك يۈز ) قازاقلىرى ۋە قىرغىزلارنىمۇ ئۆزلىرىگە ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى . باتۇر خۇنتەيجى 1640-يىلى ھازىرقى تارباغاتايدا ئويرات ۋە خالخا موڭغۇللىرىنىڭ 27 قەبىلە سەردارلىرى قاتناشقان قۇرۇلتاي چاقىرىپ ، يېڭى موڭغۇل ئىتتىپاقىنى تەشكىل قىلدى . قۇرۇلتايدا ئويرات موڭغۇل ياسىقى نى ماقۇللاپ ، بۇ ئارقىلىق جۇڭغار خانلىقىنىڭ سىياسىي ، ھەربىي ، ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇردى . باتۇر خۇنتەيجى 1647-يىلى 11-ئايدا ، خانبالىق ( ھازىرقى بېيجىڭ ) قا ئەلچى ئەۋەتىپ ، مەنچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە بەيئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . 1673-يىلى غالدان جۇڭغار خانلىقىنىڭ خانى بولدى . ئۇ 1677-يىلى چىڭخەيگە ھۇجۇم قىلىپ ، خۇشۇت قەبىلىسىنى بويسۇندۇردى . 1717-يىلى تىبەت ( شىزاڭ ) كە ھۇجۇم قىلىپ ، لىخاسانى بېسىۋېلىپ ، تىبەتنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان خۇشۇت قەبىلىسىنىڭ سەردارى لاساڭ خاننى ئۆلتۈرۈپ ، خۇشۇت قەبىلىسىنىڭ 1642-يىلىدىن باشلاپ ، تىبەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىش تارىخىغا خاتىمە بېرىپ ، تىبەت رايونىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى دائىرىسىگە كىرگۈزدى . شۇنىڭدىن 41 يىل بۇرۇن يەنى 1680-يىلى غالدان يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانى ئىسمايىلخان تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئاق تەقىيلىق ئىشانلارنىڭ خوجىسى ھىدايىتىللا ( ئاپپاق خوجا ) نىڭ ئىلتىجا قىلىشى ۋە يول باشلىشى بىلەن يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى ( 1680—1514 ) يوقىتىپ ، پۈتكۈل ماڭلاي سۆيە ( جەنۇبىي شىنجاڭ ) رايونىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا قوشۇۋالغانىدى . دېمەك ، جۇڭغار خانلىقى بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە خېلى كۈچىيىپ ، كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى قوزغاشقاباشلىدى . جۇڭغار خانى غالدان 1670-يىلىدىن 1696-يىلىغىچە مەنچىڭ سۇلالىسىغا قارشى ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش قوزغاپ ، مەنچىڭ سۇلالىسىغا خىرىس قىلدى . مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى كاڭشى ئۆزى بىۋاسىتە ئىككى قېتىم قوشۇن باشلاپ چىقىپ ، جۇڭغار خانى غالدان قوشۇنلىرىنى مەغلۇب قىلدى . غالدان ھازىرقى موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇرخۇن دەرياسىنىڭ تارمىقى ئېمىل دەرياسى بويىدا زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالدى . شۇنىڭ بىلەن مەنچىڭ سۇلالىسى قوشۇنى جۇڭغار قوشۇنىغا قوغلاپ زەربە بېرىپ ، ئۇلارنى شىمالىي شىنجاڭ رايونىغا چىكىندۈرۈۋەتتى . 1697-يىلى سىۋاڭ ئاراپدان ئالمالىقتا ئۆزىنى جۇڭغار خانلىقىنىڭ خانى دەپ جاكارلاپ ، مەنچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
1754-يىلى داباجى جۇڭغار خانلىقىغا خان بولدى . شۇ يىلى دوربۇت قەبىلىسىنىڭ سەردارى ئامۇرسانا چىڭ سۇلالىسىغا ئەل بولدى . پادىشاھ چيەنلۇڭ چېڭدىېدىكى يازلىق ئوردىسىدا ئامۇرسانانى قوبۇل قىلىپ ، ئۇنىڭغا ۋاڭلىق ئۇنۋانىنى بەردى . 1755-يىلى جۇڭغار خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھوقۇق تالىشىش ماجراسى يۈز بەردى . بۇ مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىشى ئۈچۈن پايدىلىق پۇرسەت بولدى . 1755-يىلى مەنچىڭ سۇلالىسى قوشۇنى قۇمۇل ۋە بارىكۆلدىكى لەشكىرى بازىلىرىدىن يولغا چىقىپ ، موڭغۇلكۆرەدىكى گىدىن تېغىدا جۇڭغار قوشۇنىنى مەغل قىلدى . داباجى قېچىپ ئۈچتۇرپانغا كەلگەندە ، ئۈچتۇرپاننىڭ ھاكىمبېگى غۇجەش ئۇنى تۇتۇۋېلىپ ، ئېلىدىكى مەنچىڭ قوشۇنىغا تاپشۇرۇپ بەردى . مەنچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى داباجىنىڭ ئورنىغا خان تەسىس قىلماي ، جۇڭغارلارنىڭ تۆت قەبىلىسىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆت خان قويدى . ئامۇرسانانى بولسا چەتتە قالدۇردى . بۇنىڭدىن نارازى بولغان ئامۇرسانا 1755-يىلى 9-ئايدا ئاشكارا ھالدا قوشۇن باشلاپ چىقىپ ، مەنچىڭ سۇلالىسىگە قارشى ئىسيان كۆتۈردى . مەنچىڭ سۇلالىسى قوشۇنى 1757-يىلى 2- ئايدىن 8-ئايغىچە جۇڭغار قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ، جۇڭغار خانلىقىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى . ئامۇرسانا روسىيە تەۋەسىگە قېچىپ بېرىپ چېچەك كېسىلى بىلەن ئۆلدى . شۇنىڭ بىلەن مەنچىڭ سۇلالىسى نەزەرىنى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا قاراتتى . بۇ چاغدا ، جۇڭغار خانلىقىدا تۇرغاقلىقتا تۇرۇۋاتقان بورھانىدىن خوجا بىلەن خان خوجا مەنچىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن ئازات قىلىنىپ ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا ئەۋەتىلگەنىدى . يەنە كېلىپ بۇرھانىدىن خوجا جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا ھۆكۈمدار قىلىپ ئەۋەتىلگەنىدى . مۇشۇنداق ئەھۋالدا بۇرھانىدىن خوجا بىلەن خان خوجا كۇچادا توپىلاڭ كۆتۈردى ، 1758-يىلى 1-ئايدا ، خان خوجا كۇچادا ئۆزىنى باتۇرخان دەپ جاكارلاپ ، ئىلاھىيەت بىلەن ھاكىمىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن باتۇرخانلىقىنى قۇردى . جۇغلىغان توپىلاڭچى قوشۇنى 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى . بۇ—تارىختا چوڭ-كىچىك خوجىلار توپىلىڭى دەپ ئاتالدى . 1758-يىلى 8-ئايدا جاۋخۇي باش قوماندانلىقىدىكى مەنچىڭ قوشۇنى چوڭ-كىچىك خوجىلار توپىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلدى . 1759-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى چوڭ-كىچىك خوجىلار ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇب بولدى . بورھانىدىن خوجا بىلەن خان خوجا 300دىن ئارتۇق ئادىمىنى باشلاپ پامىردىكى يېشىلكۆل ئارقىلىق بەدەخشانغا قېچىپ بارغاندا ، بەدەخشان بەگلىكىنىڭ ئەمىرى مۇزەپپەر سۇلتانشاھ بورھانىدىن خوجا بىلەن خان خوجىنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ بېشىنى مەنچىڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتتى ، شۇنىڭ بىلەن مەنچىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى ئۈزۈل-كېسىل قايتۇرۇۋېلىپ بىرلىككە كەلتۈرۈش تارىخى ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇندىدى .مەنچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇپ ، جەنۇبىي شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشى كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى .قۇمۇلنىڭ سەردارى يۈسۈپ خوجا ، تۇرپاننىڭ سەردارى ئىمىن خوجا ، كۇچانىڭ ھاكىمبېگى مىرزاھادى ، باينىڭ ھاكىمبېگى گادايمەت ، ئۈچتۇرپاننىڭ ھاكىمبېگى غۇجەش ، يەكەننىڭ ھاكىمبېگى ھۈسۈيۈن ، خوتەننىڭ ھاكىمبېگى قوشۇق قاتارلىق يەرلىك ئەمەلدار-بەگلەر ۋە يۇقىرى تەبىقە دىنىي زاتلار مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشلىرىدا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى . مەنچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇلارغا يۈكسەك شان-شۆھرەت بەردى . پادىشاھ چيەنلۇڭ ئىمىن خوجا ، مىرزاھادى ، غوجەش قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ رەسىمىنى سىزدۇرۇپ ، خان ئوردىسىدىكى زىگۇاڭگې سارىيىغا ئاستۇردى ھەم ئۆزى بۇ ئۈچ كىشىگە ئاتاپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېغىشلىما يازدى :
جەمەتىكى تۇرپاندىن ، بۇرۇنلا توغرا يول تاپقان ،
ھەربىي ئىشقا ھەمدەم بوپ ، كۆپلىگەن ھەسسە-كۈچ قوشقان .
ھال-ئەھۋالى ئۇيغۇرنىڭ بىر ئوبدانلا تونۇش ئاڭا ،
تۆكەر ئىچىدىكىنى ، ساپ ۋىجدانلىق ، قەتئى راسا .
( ئىمىن خوجىغا بېغىشلانغان . )
توغرا يول تاپقانىدى ئۇ ، ئېلى تىنچىغان ھامان ،
ھەم سۇلالىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلغان شۇندىن بۇيان .
ئۇيغۇر ئىچىدە كۆرۈنەرلىك ، كۆڭلى تۈز ئەرباپ ئۆزى ،
ئەل قىلىش ئۈچۈن خوتەننى ، يولغا ئۇ بولغان راۋان .
قالدى قورشاۋ ئىچىدە ئۈچ ئاي شۇندا گابۇشۇ بىلەن ،
ئىستىھكام ياساشتا غەيرىتى يۈكسەك بولغان .
( مىرزاھادىغا بېغىشلانغان . )
داباجىنى تۇتۇپ بېرىپ ، بىجا قىلغاندى پەرماننى ،
تىڭىرقاپ قېلىپ كېيىن بىزنىڭ قوشۇننى قارشى ئالغانىدى .
قوشۇنىمىز بىلەن بىللە قارا سۇدا قامالغان ھەم ،
ئۇنىڭ ئابرۇيى بار يۈكسەك ، ھازىر پايتەختتە جاي ئالدى .
( غوجەشكە بېغىشلانغان . )
( ليۇزشاۋ : ئۇيغۇر تارىخى خەنزۇچە ، 1-قىسىم 510-بەت . ) تارىخچى ئالىم موللا مۇسا سايرامى تارىخى ھەمىدى دە بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ : خاقان بۇ ئالتە جان بەگنىڭ ) مىرزاھادى قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ . ئاپتور ( سۈرىتىنى قىلدۇرۇپ ، ئۇششاق تالدا بىر كاتتا بۇتخانا بىنا قىلدۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ سۈرەتلىرىنى قويدۇرۇپ : بۇ بەگلەرنى يەتتە شەھەرنىڭ ئىگىسى، تەربىيىسىگەردارى ۋە ساقلىغۇچىسى قىلىپ مەنسەپ بەردىم . بۇنىڭدىن كېيىن ، يەتتە شەھەرگە ئۆتكەن مەنسەپدارلار بۇ بەگلەرنى يوقلاپ ئۆتسۇن دەپ يارلىق قىلغانىكەن … ھەر قانداق مەنسەپدار ياكى سودىگەر-مەيمەيچىلەر بېيجىڭ تەرەپتىن كېلىپ بۇ بۇتخانا بار مەنزىلگە يەتكەندە ، ھامان ئاتتىن چۈشۈپ ياكى قونۇپ ، ئۆز ئادەت-رەسىمى بويىچە قەغەزلەرنى كۆيدۈرۈپ ۋە بىر نەچچە قېتىم باش ئۇرۇپ ، بۇ سۈرەت-بۇتلاردىن مەدەت-ياردەم تىلەپ ، ئاندىن ئۆتىدىكەن … بۇ بۇتخانىنى ئۇلۇغ ئۆي دەپ ئاتايدىكەن . بۇ بەگلەرنىڭ ئەۋلادىمۇ > بىزلەر ئۇلۇغ ئۆي ئادەملىرىنىڭ ئەۋلادىدىن بولىمىز < دەپ پەخىرلىنىپ ماختىنىدىكەن . ( موللا مۇسا سايرامى : تارىخىي ھەمىدى ، 146-بەت . )
1759-يىلى مەنچىڭ سۇلالىسى جۇڭغارلارنىڭ توپىلىڭىنى ۋە چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى مەغلۇب قېلىپ ، شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىپ ، ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالغاندىن كېيىن ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ، بۆلۈنمىچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىشكە باشتىن-ئاخىر يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەردى . 1765-يىلىدىكى ئۈچتۇرپان قوزغىلىڭى، 1815-يىلىدىكى زىياۋۇدن توپىلىڭى، 1828-يىلىدىكى جاھانگىر خوجا توپىلىڭى، 1830-يىلىدىكى يۈسۈپ خوجا توپىلىڭى، 1847-يىلىدىكىيەتتە خوجا توپىلىڭى، 1857-يىلىدىكى ۋەلىخان تۆرە توپىلىڭى، 1865-يىلىدىكى ياقۇببەگ تاجاۋۇزى قاتارلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەن ۋەقەلەرنى تىنچىتىش جەريانىدا ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ، شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشلىرىدا كۆرۈنەرلىك خىزمەت كۆرسەتكەن يەرلىك ئۇيغۇر بەگ-ئەمەلدارلارغا يۇقىرى شان-شەرەپ بەردى . بولۇپمۇ جاھانگىر خوجا توپىلىڭىنى تىنچىتىش ۋەياقۇپبەگ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئاشۇ تارىخىي دەۋردىكى خەۋپ بىرقەدەر زور بولغان ھايات-ماماتلىق كەسكىن كۈرەشلەردە ، ئىرادىسى مۇستەھكەم ، تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىگە يۇقىرى شان-شەرەپ بېرىپ ، ئۇلارنى ئەتىۋارلىدى ، بېيجىڭگە كۆچۈرۈپ كېلىپ ، يۇقىرى تەمىناتتىن بەھرىمەن قىلدى . 1828-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى مەنچىڭ پادىشاھى داۋگۇاڭ جاھانگىر خوجا توپىلىڭى نى تىنچىتىشتا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن 40 كىشىنىڭ رەسىمىنى جۇڭنەنخەيدىكى زىگۇاڭگې زالىغا سىزىشنى بۇيرىدى . ( قەشقەر ۋىلايىتى تەزكىرىسى . 86-بەت ) بۇلارنىڭ زوركۆپچىلىكى ئۇيغۇر بەگ ئەمەلدارلار ئىدى .مەنچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش كۈرەشلىرىدە ، خىزمەت كۆرسەتكەن ، تەسلىم بولغان يۇقىرى تەبىقە ئۇيغۇر كىشىلىرىنى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، بىر تۈركۈم قول ھۈنەرۋەن ، سەنئەتچىلەرنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ، بېيجىڭ شەھىرىگە ئەكىلىپ ئورۇنلاشتۇرغانلىقى توغرىسىدا مۇنداق تارىخىي خاتىرىلەر بار :چيەنلۇڭنىڭ 24-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ( 1760-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى) گەنسۇنىڭ تەپتىشى ۋۇداشەن مۇشۇ ئىش توغرىسىدا پادىشاھ چيەنلۇڭغا يازغان مەخسۇس مەلۇماتنامە ھازىرمۇ جۇڭگو بىرىنچى تارىخ ئارخىپلىرى ئىدارىسىداساقلانماقتا . بۇ مەلۇماتنامىدە مۇنداق دېيىلگەن : بۇ يىل 12-ئاينىڭ 5-كۈنى جىلىڭ ۋە ئۇلارنىڭ داققالچىسى سۇجۇغا يالاپ ئېلىپ كەلگەن ئاسىيلار باشلىقىدىن كاللىسى ئېلىنغان خوجا جاھاننىڭ ئائىلە تەۋەسى ۋە ئۇرۇق-جەمەتى بولۇپ 14 كىشى ، بىللە كەلگەن ئايال تۆت كىشى ، جەمئىي 18 كىشىنى شۇئان يول خېتى تارقىتىپ بېرىپ ، يول ئۈستىدىكى جايلارغا ئۇقتۇرۇپ ، يالاپ-مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپىرىش ئۈچۈن ئىككى نەپەر ئەمەلدار ، بىر چەنزۇڭ ، بىر بازۇڭ بىلەن 10 دىن ئەسكەر ، خىزمەتچى بەلگىلەپ ، 12-ئاينىڭ 6-كۈنى سۇجۇدىنبېيجىڭغا يولغا سالدىم . جۇنجىچۇ ( قارا دىۋان ) مەلۇماتلىرى ،مىللەتلەر تۈرى ، 2001-جىلد . چيەنلۇڭنىڭ 26-يىلى ( 1671-يىلى ) شىنجۇ ، ئىمىن خوجىلارنىڭ مەلۇماتىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن چيەنلۇڭنىڭ يارلىقىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئېنىق ئېيتىلغان . ئەسلى مەلۇمات مۇنداق : يارلىققا بىنائەن شۇنى مەلۇم قىلىمىزكى ، چيەنلۇڭنىڭ 26-يىلى 4-ئاينىڭ 71-كۈنى ، قارا دىۋاننىڭ ئەۋەتكەن خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق . بۇنىڭدا خاننىڭ 3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى يارلىقى يەتكۈزۈلۈپ : خەيمىڭنىڭ يازغان مەلۇماتىدا چوڭ خوجا بۇرھانىدىننىڭ خوتۇنى ئايشە ئاغچىدىن تۇغۇلغان ئوغىلى سامساقنى ۋە سامساقنىڭ ئىنىكئانىسى ئۇيغۇرئەختەر بۇبى ھەم سامساقنى باققان ئۇيغۇر پولات سوپىنى بىرلىكتە بېيجىڭغا يولغا سالدۇق ، دەپتۇ . چوڭ خوجا بۇرھانىدىننىڭ ئوغلى سامساق گۆدەك بالا تۇرسا ، ئۇنىڭ قانداقمۇ جىنايىتى بولسۇن ؟ بېيجىڭغا ئەۋەتىلگەن بولسا ، پەقەت بېقىپ ئۆستۈرۈلىدۇ ، ھېچقانداق جىنايەت ئارتىلمايدۇ . پولات سوپى ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى خوجايىنىنى ياد ئېتىپ سامساقنى باققانىكەن ، ئۇنى كەچۈرۈشكە بولاتتى . بېيجىڭغا ئەۋەتىلگەندىمۇ ، ئۇنىڭغا جىنايەت ئارتىلمايدۇ . پەقەت ئورۇنلاشتۇرۇپ بېقىلىدۇ ، خالاس . بۇنى يۇڭگۇي ، شىنجۇ ، خەيمىڭلارغا يەتكۈزۈڭلار ، ئۇلار بۇ يارلىقتىن پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى خەۋەردار قىلسۇن دېيىلگەن . چيەنلۇڭنىڭ 25-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ( 1760-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ) چيەنلۇڭ خان خوجا جەمەتىنىڭ قەبرىلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش توغرىسىدا چۈشۈرگەن يارلىقىدا مۇنداق دېگەن : قەشقەردىكى خوجىلارنىڭ مازارلىرىنى ساقلاشقا ئادەم ئاجرىتىپ بېرىلسۇن ، بۇ جايلارنى ئوتۇن كېسىش ۋە بۇلغىنىشتىن خالىي قىلىپ ، دۆلەتنىڭ ئىلتىپاتى گەۋدىلەندۈرۈلسۇن ( ليۇ زىشاۋ ، ئۇيغۇرتارىخى ، خەنزۇچە ، 530-بەت ) . بۇنىڭدىن مەلۇمكى ، چوڭ-كىچىك خوجىلار تارمار قىلىنغاندىن كېيىن ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە كەڭچىلىك سىياسىتىنى قوللانغان ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى خوجا جەمەتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى تەسىرىنىڭ چوڭلۇقىنى كۆزدە تۇتقان . مۇشۇنداق قىلغاندا ، شىنجاڭ تىنچلانغان دەسلەپكى مەزگىلدە ، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىپ ، سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولاتتى .ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ ئومۇمىي تەزكىرىسىدە، شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈش جەريانىدا ، مەنچىڭ سۇلالىسىگە ئەل بولغان ۋە خىزمەت كۆرسەتكەن ئۇيغۇر بەگلىرىدىن بېيجىڭغا كۆچۈرۈپ ئاپىرىلغانلار توغرىسىدا مۇنداق خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان :
غوجەك : خوتەندىن ، ئەسلى قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى . چوڭ-كىچىك خوجىلار توپىلىڭىدا ، غوجەك ئۆزىنى قاچۇرۇپ بۇيرۇت ( قىرغىز ) لار تەۋەسىگە بېرىۋالغان ، چيەنلۇڭنىڭ 24-يىلى ( 1759-يىلى ) مەنچىڭ قوشۇنىغا ئەل بولغان ۋە مەنچىڭ قوشۇنىغا خەرىتە تەقدىم قىلىپ ، چوڭ-كىچىك خوجىلارنى يوقىتىشقا ياردەم بېرىپ ، يەكەنگە ھاكىمبەگ بولغان ، چيەنلۇڭنىڭ25 -يىلى ( 1760-يىلى ) خانغا تازىمغا بارغاندا ، پەرمان بىلەن بېيجىڭدا قالدۇرۇلۇپ ، ئوتتۇرانچى گۇڭلۇق مەنسىپىگە تەيىنلىنىپ ، ئىككى كۆزلۈك قۇشقاچ جەركى ئىنئام ئالغان ، چيەنلۇڭنىڭ 46-يىلى ( 1781-يىلى ) ئۆلگەن . چوڭ ئوغلى ئىبراھىم ئۇنىڭ مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلغان . چيەنلۇڭنىڭ 53-يىلى ( 1788-يىلى ) يارلىق بويىچە ئوتتۇرانچى گۇڭلۇققا ۋارىسلىق قىلغان .
ھۈسىيىن : يەكەندىن ، لەقىمى ئەركە خوجا ، خوجا جەمەتى ، مەنچىڭ قوشۇنى جۇڭغارلارنى جىمىقتۇرغاندا ، ھۈسىيىن مەنچىڭ قوشۇنىغا ئەل بولغان . چوڭ-كىچىك خوجىلار توپىلاڭ كۆتۈرگەندە ، ھۈسىيىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ بۇيرۇت ( قىرغىز ) لار تەۋەسى ۋە باشقا جاياردا بولغان . چيەنلۇڭنىڭ 24-يىلى ( 1759-يىلى ) قوشۇن تارتىپ چوڭ-كىچىك خوجىلارغا ھۇجۇم قىلغان ، بىر بايراققا ئېرىشىپ ، قوشۇنىنى تەقدىم قىلىپ ، ئىچكىرىگە ئەل بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان . مەنچىڭ قوشۇنىنىڭ قوماندانى جاۋخۇي ھۈسىيىنننى خان ھۇزۇرىغا تازىمغا ئەۋەتكەن ، چيەنلۇڭ ئۇنى پەيغەمبەر ئەۋلادى دەپ ، ئوتتۇرانچى گۇڭلۇققا تەيىنلەپ يارلىق چۈشۈرگەن . ئۇ ئىلىدا ئۇزۇن تۇرغان ، يەكەنگە قايتۇرۇش ئەپسىز بولغاچقا ، بۇيرۇق بىلەن ئۇنى ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن بېيجىڭغا كۆچۈرگەن ، چيەنلۇڭنىڭ 55-يىلى ( 1790-يىلى ) ئۆلگەن . ئوغلى ئۇنىڭ مەنسپىگە ۋارىسلىق قىلغان . چەينلۇڭنىڭ خانىشى ( رىۋايەتتىكى ئىپارخان ) شۇلارنىڭ جەمەتى .
تۇردى : ھۈسىيىننىڭ جيەنى . چوڭ-كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىدا ،ھۈسىيىن بىلەن بىللە بۇيرۇت ( قىرغىز ) دا بولغان . چيەنلۇڭنىڭ 24-يىلى ( 1759-يىلى ) ، ھۈسىيىن بىلەن بىللە مەنچىڭ قوشۇنىغا ئەل بولۇپ ، خانغا تازىمغا بارغان . چيەنلۇڭ ئۇنى پەيغەمبەر ئەۋلادى دەپ ، يارلىق چۈشۈرۈپ ، 1-دەرىجىلىك جاساق تەيجى مەنسىپىنى بېرىپ ، بېيجىڭدا قالدۇرغان . 27-يىلى ( 1762-يىلى ) قەشقەرگە ھۇجۇم قىلغاندا خىزمەت كۆرسەتكەن دەپ قاراپ ، ئوتتۇرانچى گۇڭلۇققا ئۆستۈرگەن 44-يىلى ( 1779-يىلى ) ئۆلگەن ، ئوغلى بولمىغاچقا، جيەنى توختى ئۇنىڭ مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلغان .
ئابدۇرامان : يەكەندىن ، ئۇنىڭ بوۋىسى ئەركە غوجا توپىلاڭدا چوڭ-كىچىك خوجىلارغا بويسۇنمىغاچقا ئۆلتۈرۈلگەن . ئابدۇرامان بۇيرۇت ( قىرغىز ) لار تەۋەسىگە بېرىپ پاناھلانغان ، كېيىن چوڭ-كىچىك خوجىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ ، ھەپسىگە ئېلىنغان . چيەنلۇڭنىڭ 24-يىلى ( 1759-يىلى ) مەنچىڭ قوشۇنى چوڭ-كىچىك خوجىلارنى مەغلۇب قىلغاندا بوشىنىپ چىققان . كېيىنكى يىلى خانغا تازىمغا كىرگەندە ، 2-دەرىجىلىك تەيجىلىك مەنسىپى بېرىلگەن ، 37-يىلى ( 1772-يىلى ) ئۆلگەن ، ئوغلى ئابدۇنەزەرگە 3-دەرىجىدىكى تەيجىلىك مىراس قالغان .
غوجەش : ئۈچتۇرپاندىن ، چيەنلۇڭنىڭ 20-يىلى ( 1755-يىلى ) جۇڭغارلار خانى داباجىنى تۇتۇپ مەنچىڭ ھۆكۈمىتىگە تەقدىم قىلغان ، 23-يىلى ( 1758-يىلى ) ئۆزىگە تەۋە 5000 ئۆيلۈك ، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى باشلاپ مەنچىڭ قوشۇنىغا ئەل بولغاندا، گۇڭلۇڭ مەنسىپى ، ئىككى كۆزلۈك گۈللۈك جەرىكە ئىنئام قىلىنغان . كېيىن مەنچىڭ قوشۇنى يەكەنگە ھۇجۇم قىلغاندا لەشكەر تارتىپ ياردەملەشكەن،بۇ چاغدا يەنە گۈسەن بېيزى مەنسىپى بېرىلگەن . كېيىن مەنچىڭ قوشۇنىنىڭ توپىلاڭغا قارشى ئۇرۇشلىرىغا قوشۇن تارتىپ ياردەم بېرىپ ، خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ، ئالتە شەھەرنىڭ ھاكىم بەگلىرىنى باشقۇرىدىغان گۈسەن بېگى قىلىپ تەيىنلىگەن ، كېيىن دۇلۇبېيزى ، ئىنالچىلىق مەنسىپىنى بەرگەن . چيەنلۇڭنىڭ 52-يىلى( 1760-يىلى ) ئۈچتۈرپاننىڭ بەگلىرى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئاتا-بالا بىرلىكتە ئۇيغۇرلارغا ئېغىر زۇلۇم قىلدى ، دەپ ئەرز قىلغان ، مەنچىڭ ھۆكۈمىتى بۇۋەقەنىڭ چوڭىيىپ شىنجاڭنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش پەيدا قىلىشىدىن قورقۇپ ، غوجەشنى بېيجىڭغاكۆچۈرۈپ ئاپارغان ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ خاتىرجەم ھايات كەچۈرگەن ،قوغداپ قېلىنغان. ( غەرب پادىچىلىرىنىڭ ناخشا تېكىستىگە قارالسۇن ، ئاپتور ) .
يۈكسەل بلوگى
http://yuksel.blogbus.com
-------------
ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺳﻪﻧﻠﻰ ﻣﻪﺗﺒﻪﭼﯩﻠﯩﻚ ﺩﯦﺘﺎﻟﯩﺪﺍ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭺ، ﺭﻩﺗﻠﻪﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﺎ ﯞﻩ ﺋﯩﻤﻼ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﭘﯘ ﻛﯚﺯﯨﺪﻩ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻱ!
ﯞﯨﻴﮕﯘﯕﺴﯜﻥ ﺑﻪﻟﻪﻥ ﻳﻪﺗﻰ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﯩﻤﻪ ﺗﯧﭙﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻥ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﻗﭽﻰ-ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﭽﯩﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ.... ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺗﯘﮔﯩﺪﻯ .
مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل
بۇلاردىن باشقا شەنشى—گەنسۇ باش ۋالىيسى ياڭيىڭجۇنىڭ چيەنلۇڭنىڭ 24-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى ( 1759-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى) دىكى مەلۇماتىدا : ئۇيغۇرسالائاخۇنقاتارلىقلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرى ۋە ھاكىم خوجا قاتارلىقلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرى بولۇپ جەمئىي 18 ئادەم … ئەمەلدار ۋە ئەسكەرخىزمەتچىلەرنىڭ مۇھاپىزىتىدە يولغا سېلىنىپ ، سۇجۇغا يىتىپ كەلگەنىكەن ، شۇ كۈنىلا بېيجىڭغا ماڭدۇردۇق ، تەۋەلىكنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنڭ تاپشۇرۇپ ئېلىشىنى سورايمەن. (. جۇنجىچۇ ( قارادىۋان ) مەلۇماتلىرى مىللەتلەر تۈرى ، 1200-جىلد .) دېيىلگەن . بۇ سالائاخۇن ۋە ھاكىم خوجا قاتارلىق ئادەملەرنىڭ خوتۇن-بالىلىرىدىن 18 ئادەمنىڭمۇ مەنچىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېيجىڭغا كۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۈركۈم يۇقىرى تەبىقە ئۇيغۇر بەگلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ بالا-ۋاقىلىرىنى بېيجىڭغا كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي سەۋەب توغرىسىدا پادىشاھ چيەنلۇڭ مۇنداق دېگەن : خوجا جاھان جەمەتىنىڭ بېيجىڭدا قالدۇرۇلۇشى ۋە قوشۇننى چېكىندۈرگەندە بۇيرۇق بىلەن غوجەش بەگنىڭ بېيجىڭغا بىللە كەلتۈرۈلۈشىدىكى سەۋەب شۇكى ، ئۇلار ئەسلى ماكانىدا تۇرۇۋەرسە ، يامان خىياللاردا بولۇپ ، چاتاق چىقىرىشى چوقۇم ئىدى ، شۇڭا ئۇلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىندى … مۇشۇنداق قىلغاندا ، ئۇلاردىكى يامان خىياللارمۇ تۈگەيدۇ ، جايلاردىمۇ خاتىرجەملىك بولىدۇ ) جۇڭغارلارنى تىنچلاندۇرۇش لايىھىسى رەسمىي توپلام ، 79-جىلد ) .مەنچىڭ سۇلالىسى يەنە ، بىر قىسىم قول ھۈنەرۋەن—كاسىپلار ۋە سەنئەتچىلەرنىمۇ جاي-جايلاردىن تاللاپ پايتەخت بېيجىڭگە كۆچۈرۈپ ئاپارغان . بۇ ھەقتە مۇنداق خاتىرىلەر بار : ئۇيغۇرلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان ، ئالتۇن ۋە قاشتېشىدىن رەڭگارەڭ نەپىس ، نازۇك گۈل-نەقىشلەرنى ياسايدۇ … ھۈنەرۋەن-سەنئەتچىلىرى كۆپ ) غەربىي دىيارداكۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمدىن خاتىرە 2-جىلد ) ئۇيغۇرلار يەنە كېلىپ ناخشىچى-ئۇسسۇلچى مىللەت، 7—8ياشلىق بالىلىرىمۇ ھەر تەرەپكە ئۆرۈلۈپ ، بىرقانچە ئون تۈرلۈك موللاق ئويۇنى ئوينىيالايدۇ ، ئۇچقاندەك سەكرەپ موللاق ئېتىشى تاماشىبىنلارنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرىدۇ (ئۇيغۇرلار رايونى ھەققىدە خاتىرىلەر ) . ئاياللىرى ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر ، خىلمۇخىل ئۇسسۇللارنى ئوينايدۇ، موللاق ئاتىدۇ ، مىس سىم ئۈستىدە دار ئوينايدۇ ، بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ ) غەربىي دىياردا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمدىن خاتىرە ) . چيەنلۇڭنىڭ 25-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ( 1760-يىلى3-ئاينىڭ 3-كۈنى ) پادىشاھ چيەنلۇڭ ھەربىي ۋەزىرگە بېيجىڭغا كۆچۈرۈپ ئاپىرىلغان ئۇيغۇر ھۈنەرۋەن-سەنئەتچىلەرنى بىر سۇمۇن قىلىپ تەشكىللەش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن . بۇ ئەھۋال ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇكۆپلىگەن ئۇيغۇر ھۈنەرۋەن-سەنئەتچىلىرىنىڭ بېيجىڭغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . ھازىر جۇڭگو بىرىنچى تارىخ ئارخىپلىرى ئىدارىسىدا ساقلىنىۋاتقان بىر پارچە شەنشى-گەنسۇ باش ۋالىيسىنىڭ مۇشۇ ئىشنى بېجىرگۈچى تەپتىشى ۋۇداشەننىڭ مەلۇماتنامىسى بار . ( ۋۇداشەنچيەنلۇڭنىڭ25-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى( 1760-يىلى9-ئاينىڭ 27-كۈنى) مۇشۇ ئىشنى بېجىرگەن ئەھۋالنى پادىشاھ چيەنلۇڭغا خەۋەر قىلىپ يازغان مەلۇماتنامە . ) بۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن : خەيمىڭ ، ئىمىن خوجىلارنىڭ مەلۇماتىدا : ئەسلىدىكى باش ئاغلاقچى شېتۇڭلۇقاتارلىقلارنى تەيىنلەپ ، زەرگەرلەر ۋە موللاقچى ئۇيغۇرلارنىڭخوتۇن-بالىلىرىنى ئاقسۇغا يولغا سالدىم ، دېگەنىكەن ، ئېلى گۇڭ ئەۋەتكەن ھۈنەرۋەن ئۇستىلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنى قوشۇپ ئەسلى ئېلىپ كەلگەن ئەمەلدار ، ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭغا يولغا سالدىم جۇنجىچۇ ( قارا دىۋان ) مەلۇماتلىرى ، مىللەتلەر تۈرى ، 200-جىلد . ) بېيجىڭغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار مەمۇرىي جەھەتتە ئىككى سىستېمىغا تەۋە بولغان ، يەنى ئەسلىدىكى بەگ قاتارلىقلار ئاق سۆڭەكلەر تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىگە ، ھۈنەرۋەن-سەنئەتچىلەرئىچكى ئىشلارمەھكىمىسىگە تەۋە بولغان . چيەنلۇڭنىڭ 25-يىلى 1-ئاينىڭ16 -كۈنى ( 1760-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ) دىكى خان يارلىقىدا مۇنداق ئېنىق بەلگىلەنگەن : بېيجىڭغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن ھۈسىيىن گۇڭپىڭ دەرىجىلىك ، مامۇت ، تۇردى خوجا جاساق دەرىجىلىك بولغاچقا ،بۇلارتەۋەلىك مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە بولسۇن؛ يەنە ، ھۈنەرۋەن-سەنئەتچىلەر بىر سۇمۇن قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇلسۇن ، بۇنىڭغا ئاق خوجا سۇمۇن بولۇپ ، ئىچكى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولسۇن . بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق كەلگەن ئۇيغۇرلار مۇشۇ سۇمۇنغا كىرگۈزۈلسۇن مەنچىڭ خانى گاۋزۇڭنىڭ ئەمەلىي ئىشلىرى خاتىرىسى ، 605-جىلد ( . ئۇلارغا قىلىنىدىغان سىياسىي مۇئامىلە ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلغان . تەۋەلىك مەھكىمىسىگە تەۋە قىلىنغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرىگە موڭغۇللارنىڭ ۋاڭ-
گۇڭلىرى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يۇقىرى تەبىقىدىكى كىشىلىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمران سىنىپقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . ھۈنەرۋەن-سەنئەتچىلەرنىڭ ئىچكى ئىشلار مەھكىمىسىگەتەۋە قىلىنغانلىقى بولسا ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمران سىنىپنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .بېيجىڭغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇر بەگلىرى موڭغۇل ۋاڭ-گۇڭلىرىغائوخشاش مەرتىۋىسى بويىچە مائاش ئالغان . ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى دە بۇ ئىش مۇنداق ئېنىق خاتىرىلەنگەن : ئوتتۇرانچى گۇڭ غوجەك ، ھۈسىيىن ، 1-دەرىجىلىك تەيجى مامۇت ، تۇردى ، ھاشىم ، 2-دەرىجىلىك ئابدۇرامان ، 3-دەرىجىلىك تەيجى پەرسا قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن ئوردىغا تازىمغا كەلگەندە ، پەرمان بىلەن بېيجىڭدا قالدۇرۇلۇپ ، ھەممىسىموڭغۇللارنىڭ ئاقتۇغلۇق خۇشۈنىغا كىرگۈزۈلگەن . بۇلارنىڭ مائاشىغا كۈمۈش پۇل ، تەمىناتىغا گۈرۈچ بېرىشكە تېگىشلىك ، بۇلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش-چۈشۈرۈش ، مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلىش ئىشلىرىنى تەۋەلىك ھەھكىمىسىدىن دوغا بەگ لەييۈەنچىڭ كونكرېت بېجىرگەن . تەۋەلىك مەھكىمىسىنىڭ قائىدە-نىزامى دا : دوغا بەگ لەي يۈەنچىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ۋاڭ ، گۇڭ ، تەيجىلىرى، ئۇيغۇرلار رايونىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋاڭ ، گۇڭ ،تەيجى ، بەگلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ، چۈشۈرۈش ۋە ۋارىسلىق قىلىش ئىشلىرىنى ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تەزكىرىلىرىنى ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارماقمەزھەپلىرىنى تىزىمغا ئېلىش ئىشلىرىنى بېجىرىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن . ئۇلارنىڭ مائاشى تەۋەلىك مەھكىمىسىنىڭ خەزىنىسىدىن بېرىلگەن . تەۋەلىك مەھكىمىسىنىڭ قائىدە-نىزامى دا يەنە : ئومۇمەن موڭغۇل ۋاڭ ، گۇڭلىرى ۋەئۇيغۇرۋاڭ، گۇڭلىرى ئېلىشقا تېگىشلىك مائاشلىرىنى ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى خەزىنىگەبېرىپ ئالىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن .دەسلەپتە ، مەنچىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بېيجىڭغا كۆچۈرۈپ ئاپارغان ئۇيغۇر بەگلىرىنى غەربىي چاڭئەن كوچىسىنىڭ جەنۇبىغا ، كېيىنكى ۋاقىتتا ئۇيغۇر مەھەللىسى دېگەن جايغا ئورۇناشتۇرماقچى بولغان . چيەنلۇڭنىڭ 24-يىلى12-ئاينىڭ 13-كۈنى ) 1760-يىلى 1-ئاينىڭ30-كۈنى ئۇيغۇر مەھەللىسى—ئەينى ۋاقىتتا خۇيزىيىڭ (回子营) دەپ ئاتالغان ، ئىلمىي كالان ، قوشۇمچە تەۋەلىك مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى فۇخىڭنىڭ يازغان مەلۇماتىدا : غەربىي چاڭئەن دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى ئۆيلەر ياسىلىپ پۈتتى ، ئۇيغۇر گۇڭ ھۈسىيىن ، تەيجى مامۇت ، تۇردىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى بېيجىڭغا يىتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ھەممىسى مۇشۇ جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ( شاۋزىشىن : ئىپارخانغا دائىر تارىخ ماتېرىيالىنىڭ يېڭىدىن تېپىلىشى . مەدەنى يادىكارلىقلار ژۇرنىلى ، 1971-يىلى 2-سان . ) دېيىلگەن . ئېھتىمال ، بېيجىڭغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار كۆپ بولۇپ ، ئۇيغۇر مەھەللىسىگە سىغدۇرۇشقا مۇمكىن بولمىغاچقا ، كېيىنكى يىلى 1-ئايدا ، چيەنلۇڭ بېيجىڭغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇر بەگلىرىنى ۋە ھۈنەرۋەن-سەنئەتچىلەرنى ئايرىم-ئايرىم تەۋەلىك مەھكىمىسى ۋە ئىچكى ئىشلار مەھكىمىسىگە تەۋە قىلىپ جايلاشتۇرۇش يارلىقىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى تەبىقىدىكى ئادەملىرىگە ئايرىم جاي بېرىلگەن . مەسىلەن :تۇردىنى دۇڭنىڭ 6-كوچىسىغا ئورۇنلاشتۇرغان . چيەنلۇڭنىڭ25 -يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ) 1760-يىلى
4-ئاينىڭ 17-كۈنى ( فۇخىڭنىڭ يازغان مەلۇماتىدا : يارلىققا بىنائەن تۇردىغا ئۆي راسلاپ بېرىش ئىشىنى چىڭ فۇنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرغانىدىم . ئەمەلدارلار جايلاشتۇرۇلغان دۇڭداسى ( شەرقىي چوڭ بازار ) نىڭ 6-كوچىسىدىكى ( ھازىرقى دۇڭسىنىڭ شىمالىدىكى 6-كوچا ) تەييار 22 ئېغىزلىق ھۆكۈمەت ئۆيىنى بەرمەكچى بولغانىكەن . ئۇنىڭ ئولتۇرۇشىغا بۇيرۇق بېرىلدى ،دېيىلگەن . بېيجىڭغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇر بەگلەرگە ھۆكۈمەتتىن ئۆي-جاي بېرىش بىلەنلا قالماستىن ، يەنە ھۆكۈمەت پۇل ئاجرىتىپ ،تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىمۇ ھەل قىلىپ بەرگەن . فۇخىڭنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەلۇماتنامىسىدا يەنە : ئالىيلىرى ئىلتىپات قىلىپ ، تۇردىنىڭ ئۆي-سەرەمجان ،مالاي ۋە يۈرۈش-تۇرۇش مەسىلىلىرى ھەل قىلىپ بېرىلسۇن ، دېگەن ئىكەنلا، كىيىم-كېچەك ، ئات ، ئىگەر-جابدۇق ۋە قورال-سايمانلىرىنى تەييارلاپ بېرىش ئۈچۈن ، مالىيىدىن 500 سەر كۆمۈش بېرىش تەسىقلاپ بېرىلسە . يەنەتۇردىنىڭ يىللىق مائاشى ئاران يۈز سەر ئىكەن ، بۇ ئۇنىڭ مالايلىرى ۋە ئائىلە تۇرمۇشى ئۈچۈن يېتىشمەيدىغاندەك قىلىدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ
ئۆي ئىجارە خەزىنىسىدىن ھەر ئايدا 20 سەر كۈمۈش چىقىم قىلىپ،تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىلسە دېيىلگەن .ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يۇقىرى تەبىقىدىكى ئادەملىرىنى پادىشاھ دائىم قوبۇل قىلىپ تۇرغان ھەم ئۇلار دائىم ئوردىغابېرىپ زىياپەتلەرگە قاتنىشىپ ، پادىشاھ ئەتراپىدا مەھرەملىك قىلغان . ئۇلار يەنە دائىم شىكارغا چىقىپ تۇرغان ) ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى ( . پادىشاھقا ھەمراھ بولۇپ ھەر يىلى بىر نۆۋەت رېخېغا بېرىپ سالقىنداپ كەلگەن ۋە شىكارغا چىققان ، ئالاھىدە ھەشەمەتلىكتۇرمۇشكەچۈرگەن . لېكىن ئەمەلىي ھوقۇق تۇتمىغان ) غەرب پادىچىلىرىنىڭ ناخشا تېكىستى گە قارالسۇن ( .چيەنلۇڭ يېزىپ بەرگەن ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ سېلىنىشىغا بېغىشلانغان خاتىرە دە : بۇلارنىڭ بەگلىرىدىن خوجىس،خوجەك قاتارلىقلارغا گۇڭلۇق مەنسىپى ، تۇرار جاي ئىنئام قىلىندى، قالغانلاردىن ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇلمىغانلار چاڭئەن قوۋۇقىنىڭ غەربىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ، ئەمەلدار بولدى ۋە باشقا خىزمەتلەرنى قىلدى ، بىر ئورۇندا يىغىلىپ ئولتۇراقلاشتى . شۇڭا ، كىشىلەر بۇنى ئۇيغۇر مەھەللىسى دەيدۇ دېيىلگەن . مەنچىڭ ۋاقتىدىكى جۇيىشىن يازغانبېيجىڭ كوچىلىرى تەزكىرىسى دىكى خاتىرىگە ئاساسلانغاندا ، غەربىي چاڭئەن كوچىسىنىڭ جەنۇبىي خالتا كوچىسى ، ( ئۇيغۇر مەھەللىسى ) دېيىلگەن . بۇنىڭ ئورنى ھازىرقى تيەنئەنمىننىڭ غەربىدىكى غەربىي چاڭئەن كوچىسىنىڭ جەنۇبىدىكى دۇڭئەنفۇ دېگەن كوچىدا ئايدىڭ كېچىدە بۇرۇن ئىشتكەنلىرىم ھەققىدە ئېنىقلىمانىڭ 71-جىلدىدا ، گۇاڭشۈنىڭشۈنتيەن مەھكىمىسى تەزكىرىسى نىڭ 7-جىلىدىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئىچكى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ تىزىملىكى دە : چيەنلۇڭنىڭ 52-يىلى ، يارلىققا بىنائەن ئاق خوجىغا ئۇيغۇر سۇمۇنلىغى بېرىلىپ ، بەيئەت قىلغان ، ئۇيغۇرلار بىر سۇمۇن قىلىندى . ئۇلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن غەربىي چاڭئەن كوچىسىنىڭ جەنۇبىدا بىر ئۇيغۇر مەھەللىسى بىنا قىلىندى .بۇ يەرگە سېلىنغان جەمئىي ئۆي 147 ئېغىزلىق ئۇيغۇر مەھەللىسىدە ئىشبېجىرىش ئۆيى تەسىس قىلىندى ، بۇنىڭ ئىشلىرىنى ئىچكى ئىشلارمەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى باشقۇرىدۇ دېيىلگەن . 147 ئېغىزلىق ئۆي ، چيەنلۇڭنىڭ 24-يىلى 12-ئايدا فۇخېڭنىڭ يازغان مەلۇماتىدا ئېيتىلغان ھۈسىيىن قاتارلىقلارنىڭ ئولتۇرۇشىغا بەرمەكچى بولغان ئۆيگە قارىتىلغان . كې يىن ھۈسىيىن قاتارلىق بەگلەرگە مەنسەپ ، ئايرىم ئۆي-جاي بېرىلىپ ، بۇ ئۆيلەر ھۈنەرۋەن-سەنئەتچىلەرنىڭ ئولتۇرۇشىغا بېرىلگەن . ئۇيغۇر ھۈنەرۋەن سەنئەتچىلىرىنىڭ بېيجىڭغا داۋاملىق كۆچۈرۈلۈپ كۆپىيىشى بىلەن يەنە ئۆي سېلىشقا مەجبۇر بولغان . چيەنلۇڭنىڭ27-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ( 1763-يىلى1-ئاينىڭ 11-كۈنى ) شەرقىي ۋە غەربىي چاڭئەن دەرۋازىسىنى رېمونت قىلىش ئۈچۈن كېتىدىغان كۈمۈش توغرىسىدا سەن ، يىڭ ( ئىچكى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ ۋەزىرلىرى سەنخې ، يىڭلەن) لەرنىڭ مەلۇماتى دېگەن تېمىدا يېزىلغان بىر پارچە مەلۇماتتا ، چاڭئەنمېننىڭ شەرق،غەربتىكى ئۈچ دەرۋازىسىنى ياساش قۇرۇلۇشىجەريانىدا ، يەنە ئۇيغۇر مەھەللىسىنىڭ كېڭەيتىلگەنلىكى ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا يېڭىدىن 152 ئېغىز ئۆي سېلىپ بېرىلگەنلىكى ، ئۇيغۇرلارنىڭ 108 ئېغىز ئۆيى رېمونت قىلىنغانلىقى ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇرۇشى ۋە ئىش بېجىرىشى ئۈچۈن يېڭىدىن 50 ئېغىز ئۆي سېلىنغانلىقى تىلغا ېلىنغان . مۇشۇنداق بولغاندا ، ئۇيغۇر مەھەللىسى دە ( ئىش بېجىرىش ئۆيى ، يەنى ئۇيغۇر سۇمۇن باشقارمىسى قوشۇلۇپ) جەمئىي 310 ئېغىز ئۆي بولغان بولىدۇ .ئۇيغۇر ھۈنەرۋەن-سەنئەتچىلەرگىمۇ مەھكىمىدىن پۇل-ئاشلىق بېرىلگەن . گۇاڭشۈنىڭ15-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى ، ئىچكى ئىشلار مەھكىمىسى يۇقىرىغا يازغان ئىلتىماسلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا بىر يىلدا بېرىلىدىغان كۈمۈش پۇل ، ئاشلىق جەھەتتە ، سەرپ قىلىنغان كۈمۈش پۇلنىڭ سانى مەلۇم قىلىندى ، ئەنگەئېلىنسا دېگەن بىر پارچە ئىلتىماس بولۇپ ، بۇنىڭدا مۇنداق يېزىلغان : … چيەنلۇڭنىڭ 25-يىلى 1-ئايدىكى مەلۇماتىمىزغا بېرىلگەن تەستىق جاۋابتا : يەكەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار 126 نەپەر ئىدى . كېيىن يەنە 203 نەپەر ئۇيغۇر كەلگەن ، ئىلگىرىكىنى قوشقاندا جەمئىي 300 دىن ئاشقان . بۇ يىل چيەنلۇڭنىڭ 34-يىلى بولۇپ ، ئۇلارنىڭ بېيجىڭغا كەلگىنىگە 10 يىلدىن ئاشقان ۋە تەدرىجىي كۆپەيگەن . ئەمدى نوپۇس سانى بويىچە تۈرگە ئايرىپ ، چوڭلارغا بىر سەردىن كۈمۈش ، ئوتتۇرا ياشلىقلارغا 5 .7 مىسقالدىن ، كىچىكلەرگە بەش مىسقالدىن كۈمۈش ھېسابىغا يېمەكلىك پۇلى بېرىلسۇن . ھەر ئايدا كۈمۈش ، ئاشلىق بېرىڭلار ، ئۆزلىرى تاماق قىلىپ يېسۇن ، توي قىلغانلارغا ھەربىرىگە 5000 ياماق ، ئۆلۈم-يېتىم ئۈچۈن ھەر جانغا 5000ياماق بېرىلسۇن ، دېيىلگەن . ھازىر بۇلارنىڭ سۇمۇنىنى ئىچكى ئىشلار مەھكىمىسى باشقۇرىدىغان بولدى . سۇمۇن يېنىدا ياساۋۇل سۈپىتىدە خىزمەت قىلىشقا 59 كىشىلىك شىتات تەستىقلاپ بېرىلسە . دېيىلگەن . ( ياڭ نەيجې : ئىپارخان ھەققىدىكى رىۋايەت ۋە باۋيۈ راۋىقى ، ئۇيغۇر مەھەللىسى ( .
بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى ، چيەنلۇڭ دەۋرىدە شىنجاڭدىن بېيجىڭغا كۆچۈرۈپ ئاپىرىلغان ھۈنەرۋەن-سەنئەتچىلەر ، ئائىلە تەۋەلىرى قوشۇلۇپ جەمئىي 329 بولۇپ ، بۇلار بىر سۇمۇن قىلىنغان ، ئىچكى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان . ئۇلارغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەمىنات ئۈچۈن پۇل ، ئاشلىق بېرىلگەن .يۇقىرىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئىچكى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ ئىلتىماسىدا يەنە : گۇاڭشۈنىڭ 14-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 15-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەمىناتى ئۈچۈن چىقىم قىلىپ بېرىلگەن پۇل ، ئاشلىق ، كۈمۈش ھېسابىدا 1393 سەر ئىككى مىسقال دېيىلگەن . چيەنلۇڭ ۋاقتىدىكى چوڭ-كىچىك جان ئۈچۈن بېرىلگەن ئوتتۇرىچەتەمىنات پۇلى5 .7 مىسقال بويىچە ھېسابلىغاندا ، بۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كۆپىيىپ 1800 دىن ئاشقان . 120 يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ نوپۇسى بەش ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپەيگەن بولسا كېرەك .چيەنلۇڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دار ئويۇنىنى كۆرۈشكە بېغىشلاپ يازغان نەزمە نىڭ كىرىش سۆزىدە :ئۇيغۇرلار ئوردىغا تەۋە قىلىنىپ ، ھەرخىل سەنئەتچىلىرى مۇزىكا مەھكىمىسىنىڭ قارىمىقىدا بولغانىدى . يېڭى يىلدا سىرتتىن تازىمغا كىرگەنلەرنى پانۇسلار بىلەن كۈتۈۋېلىش ۋاقتىدا ، ئۇيغۇرلارنى دار ئويۇنى ئويناپ بېرىشكە بۇيرىغانىدىم ، ئۇلار مېھمانلار ئالدىدا دارغا چىقىپ ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتىنى كۆرسىتىپ ، كۆرگۈچىلەرنى خۇشال قىلدى دېگەن . ( مەنچىڭ خانى گاۋزۇڭنىڭ نەزمىنامىسى ، 17-جىلد ) مەسىلەن ، خاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش بايرىمى ، چاغان ھارپىسى ، يېڭى يىل بايرىمىدا ئوردىدا تەبرىك يىغىلىشى ئۆتكۈزگەندە ، ھەرەمدىكىئۇيغۇرسەنئەتچىلەرھەرەمئالدىدا سەنئەت ماھارىتىنى كۆرسەتكەن . جياچىڭ خان ۋاقتىدا يېزىلغان مەنچىڭ سۇلالىسى ئوردا تارىخىنىڭ داۋامى 40-جىلددا مۇنداق يېزىلغان : تەيخې سارىيىدىكى زىياپەتتە ، خاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشتە ۋە يېڭىيىل ، دۆلەت بايرىمىدا ، … ئىچكى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى چاۋشيەن قىزىقچىلىرى ،ئۇيغۇر ۋە جىڭچۈەنلىك زاڭزۇلارنى ئاچىقىپ تۈرلۈك ئويۇنلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ، ھەر يىلنىڭ ئاخىرقى كۈنى ، موڭغۇل ۋاڭلىرى قاتارلىقلارغا بوخېدىيەن سارىيىدا زىياپەت بېرىلىدۇ … شۇ كۈنى مۇزىكانتلار ، ئۇسسۇلچىلار بىرلىشىپ ئويۇن كۆرسىتىدۇ . چاۋشيەن قىزىقچىلىرى ، ئۇيغۇر ، جىڭچۈەنلىك زاڭزۇ قاتارلىق ھەرخىل ئويۇنچىلار جەم بولۇپ ، خاننىڭ چىقىشىنى كۈتىدۇ . مەنچىڭ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇرسەنئەتچىلىرى ئۇيغۇر مۇزىكا-ئۇسسۇلى ۋە دار ئويۇنى بىلەن داڭق چىقارغان . چىڭ سۇلالىسى تارىخى . مۇزىكا تەپسىراتى دا :پادىشاھ گاۋزۇڭ ئۇيغۇرلارنى تىنچلاندۇرۇپ،ئۇلارنىڭ مۇزىكىسىغا ئېرىشكەن . زىياپەتلەردە چېلىنىدىغان مۇزىكا ئۇيغۇر مۇزىكىسى دېيىلگەن . مەنچىڭ دەرىدە ئوردىدا تۆت خىل مۇزىكا-ئۇسسۇل بولۇپ ، بۇنىڭ بىرى ئۇيغۇرمۇزىكا-ئۇسسۇلى ئىدى . چىڭ سۇلالىسى تارىخى . مۇزىكا تەپسىراتى دا مۇنداق يېزىلغان : ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ سازچىلىرى سەككىز كىشى بولۇپ ، بۇلار تېشى كىمخاپتىن ، ئەستىرى شايىدىن تىكىلگەن ، يېڭىگە ھەر خىل رەڭلىك يىپەك تۇتۇلغان كىيىم،تېشىكىمخاپتىن،ئەستىرى تاۋاردىن تىكىلگەن دوپپا ، قارا تاۋاراتىكىلگەن ئۆتۈك كىيىدۇ ، مۈرىسىگە يېشىل شايا ئورايدۇ؛ ئۇسسۇلچى ئىككى كىشى ، ئۇسسۇلچى يانداشلىرى ئىككى كىشى بولۇپ ، ھەرخىل يىپەكتە يەڭ ئۇلانغان كىيىم ، رەڭگارەڭ تاۋاردا تىكىلگەن دوپپا كىيىدۇ؛ ئۇيغۇر شاكىچىكلىرى ئىككى بولۇپ ، شايىدىن ئەستەر قىلىپ ھەرخىل رەڭدىكى تاۋاردا تىكىلگەن كىيىم كيىدۇ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەييارلىنىپ قىزىل پەلەمپەي تۈۋىدە ئۆرە تۇرىدۇ ، چاۋشيەن قىزىقچىلىرى ئويۇن كۆرسىتىپ بولغاندا ، بۇلار قىزىل پەلەمپەيگە چىقىپ مۇزىكىنى باشلايدۇ ، ئۇسسۇلچى چىقىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ ، يانداشلىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئوينايدۇ . ئۇسسۇل ئاياغلاشقاندا ، ئۇيغۇر موللاقچى شاكىچىكلىرى داۋاملىق ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىدۇ چيەنلۇڭ خان يازغان : يۈەنشاۋ چاغىنى پانۇسى ھەققىدە سەككىز كۇبلېت نەزمە نىڭ بىركۇبلېتىدا : سورۇن باشقۇرغۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر دارۋازلىرىنىڭ دارغا چىقىپ ، موللاق ئېتىپ ماھارەت كۆرسەتكەنلىكى ، چەتتىن كېلىپ قاتناشقانلار كېلىپ قوشۇلۇپ ھەممە بىرلىكتە شۇكېچىنى خۇشال ئۆتكۈزگەنلىكى؛ پايتەختنىڭ بۇ ئاجايىپ كۆرۈنۈشىگە ھەرقانداق مەنزىرە تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن . ئۇ شېئىرغا بەرگەن ئىزاھاتىدا : ئۇيغۇر سېرىكچىلىرىنىڭ ماھارىتى مۇراسىم مەھكىمىسىدىكى مانجۇلارنىڭكىدىن پەرقلەنمەيدۇ دەپ يازغان .تۈرلۈك تارىخى سەۋەبلەر بىلەن بېيجىڭگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان يۇقىرى تەبىقە ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ بىر قىسمى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى شىڭخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن ،شىنجاڭدىكى ئۆزيۇرتلىرىغا قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن،ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالى موڭغۇللارنىڭ يۈەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىن مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشقانلىقى ئۈچۈن ، بېيجىڭگە بېرىپ ، ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە شۇ يەردە تۇرۇپ قالغان . ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل مەدەنىيىتى ۋە ھۈنەر-سەنئىتىنى بېيجىڭگە ئېلىپ بېرىپ ، باشقا مىللەت خەلقلىرى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشقان .
پايدىلانمىلار :
1 .جۇڭگو بىرىنچى تارىخ ئارخىپلىرى ئىدارىسى : جۈنجىچۇ مەلۇماتلىرى مىللەتلەر تۈرى ، 1200-جىلد .
2 . جۇڭغارلارنى تىنچلاندۇرۇش لايىھىسى . داۋامى 1-جىلد .
3. شاۋزىشىن : < ئىپارخان > غا دائىر تارىخ ماتېرىيالىنىڭ يېڭىدىن تېپىلىشى مەدەنىي يادىكارلىقلار ژۇرنىلى ، 1971-يىل ، 2-سان .
4. ليۇزىشاۋ : ئۇيغۇر تارىخى مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1987-يىل ، خەنزۇچە نەشرى .
5. موللا مۇسا سايرامى : تارىخى ھەمىدى ،
مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1986-يىل نەشرى .
6. ھاجى ئەخمەت : دېڭىز ئۈنچىلىرى ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ، 1989-يىلى نەشرى .
7.ئەنۋەر بايتۇر ، خەيرىنسا سىدىق : شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى، مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1991-يىل نەشرى .
8. فاڭ يىڭشى : جۇڭگو تارىخىدا شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش دۆلەت سىياسەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2006-يىل خەنزۇچە نەشرى .
9. ئىمىنجان ئەخمىدى : ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى نامايەندىلەر ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 1996-يىل نەشرى .
10 . جاڭ يۈشىن : مەنچىڭ دەۋرىدە بېيجىڭدە ياشىغان ئۇيغۇرلار ،شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ئىلمىي ژۇرنىلى ، 1985-يىل ، 1-سان .
11. ‹‹قەشقەر ۋىلايىتى تەزكىرىسى›› ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2006-يىل نەشرى .
12 . لىن گەن ، گاۋزىخۇ : قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ، 2000-يىل نەشرى .
( ئاپتور : قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە )
مۇھەررىر : ئەنۋەر ئىبراھىم
‹‹قەشقەر›› ژۇرنىلىنىڭ 2006 - يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى.
ﻳﯜﻛﺴﻪﻝ ﺑﻠﻮﮔﻰ
خەتنى چوڭراق قىلغىلى بولماسما.......كۆزدىن كىتىدىكەن ئادەم...
بەك ياخشى.......سەل تۇرۇپ كۈرەي مەن ئىسل تارىخ نەزمىلىنى .........