ھەقىقى قۇدرەت تېپىش دىگەن نىمە ؟ (2 )
ئالدىنقى قېتىم مۇشۇ مۇنبەردە بىر پارچە يازما ئىلان قىلغانتىم . بۇ تىما شۇ يازمىنىڭ داۋامى .
يېقىندىن بىرى دۇنيادا قۇدرەت تېپىش ، مىللى قايتا گۈللىنىش دىگەن ئاتالغۇلار قايتىدىن تىلغا ئېلىنىشقا باشلىدى . ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردىمۇ مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ھەققىدە پات -پات يېڭى تىمىلار ئېلان قىلىنىپ تۇرۇشقا باشلىدى . بۇ تىمىلاردا قۇدرەت تېپىشقا بولغان قاراشلار ھەرخىل . بەزىللىرى ھېچنىمىگە قارىماي پۇل تېپىش ئارقىلىق قۇدرەت تېپىشنى تەشەببۇس قىلسا بەزىللىرى غەرىپنىڭ مەدەنيىتى بىزنىڭ مىللىي مەدىنيىتىمىزنى يۇقۇتۇپ ياكى ئورنىنى ئېلىۋاتىدۇ دەپ قاراپ شۇڭا بۇ خىل سۈيقەسىتنى ئەمەلگە ئاشۇرماي سەگەك تۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەت تېپىشنى تەشەببۇس قىلدى . مەن بۇ قاراشلارنى توغرا ياكى خاتا دەپ ھۈكۈم قىلالمايمەن ، چۈنكى مىنىڭ قىممەت قارىشىمدا توغرا بىلەن خاتا ماتىماتكا پەنلىرىدە بولىدۇ ، نەزىريىۋى مەسلىلەردە ياكى تۇرمۇشتا توغرا بىلەن خاتانىڭ ئىنىق بىر چىگىرىسى ياكى ئىنىقلىمىسى يوق . مۇشۇ ماقالىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا مەن كەڭ مەنادىكى مائارىپ ھەقىقى قۇدرەت تېپىشنىڭ ئاساسى ھەم زۈرۈر شەرتى دەپ قارىغان، بۇ ئىككىنچى قىسىم تىمامدا چىرىكلىك ھەقىقى قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن چۇقۇم ھەل قىلىشقا تىگىشلىك بولغان مەسلە دىگەن قاراشنى ئىسپاتلىماقچى .
جوڭگودا چىرىكلىكنىڭ قانچىلىك ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى توغۇرلۇق ماتىريال كۈرۈپ باقمىدىم ، ئەمما غەرىپكە ساياھەت دىگەن كىلاسسىك ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا نەچچە يۈز يىل بۇرۇنلا جوڭگو جەمئىيىتىدە چىرىكلىك خېلىلا ئۇمۇملاشقان ھەتتا بىر نۇرمال جەمئىيەت ھادىسىى سۈپىتىدە "كەڭ قۇرساقلىق " بىلەن قۇبۇل قىلىنغان . ئىسلاھات ئېچىۋىتىش باشلىنىپ 30 يىل بۇلاي دىگەن كۈنلەردىمۇ بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەر " چىرىكلىك مەلۇم تەرەپتىن ئىقتىسادى قۇرلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق " دىگەن ئىنسانىيەت ئەخلاق تارىخىدىكى ئەڭ تېتىقسىز ئەڭ نۇمۇسسسىز نەزىريىنىمۇ ئوتتۇرغا قۇيۇشتى . بۇ خىل قاراشنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاۋام خەلق تەرىپىدىن قانچىلىك قۇبۇل قىلىنغانلىقى ياكى ئەيىپلەنگەنلىكىنى بىز تەكشۈرۈپ سىتاستىكا قىلىشقا ئامالسىز ، ئەمما ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن قانچىلىك قۇبۇل قىلىنغانلىقىنى بىز ھىس قىلالايمىز. بۇ گەپ مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرسۇن .
سابىق شاڭخەي شەھەرلىك ئەمگەك مۇلازىمەت كاپالەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يۆتكەپ خىيانەت قىلىۋالغان پۇل 158.56亿 ، بۇ ئەنزە پاش بۇلۇپ خۇلاسىسى چىققاندا 124亿 يۈەن پۇلنى قايتۇۋېلىش مۇمكىن بولمىغان . 2007 يىلى دۆلەت مالىيسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مائارىپ قۇرلۇشى ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلىغى 1076.35亿، داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلىغى 664.31亿 يۈەن بولغان . بۇنىڭدىن كۈرۋېلىشقا بۇلدىكى بىر پارىخور پۈتۈن مەملىكەت مائارىپ مەبلىغىنىڭ ئوندىن بىرىنى ، پۈتۈن مەملىكەت داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش مەبلىغىنىڭ بەشتىن بىرىنى يەۋەتكەن . بۇ باشلىق قۇدرەت تېپىپتۇ ، تۇتۇلۇپ جازاغا ھۈكۈم قىلنىشتىن بۇرۇن دۇنيادىكى چوڭ بايغا ئايلىنىپتۇ. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا چەت -خىلۋەت يېزىلاردىكى يالىڭاياق مەكتەپكە بېرىپ ئۇقۇش پۇلىنى تۈلىيەلمەي جىگدە دەرىخىگە ئېسىلىپ ئۈلىۋالغان كېرىيىلىك ئۇقۇغۇچى ، گۇيجۇ ، خېنەن ، سىچۈەن يېزىللىرىدا كۆۋرۈكسىز تاغقا يامىشىپ دوسكىسى يوق سىنىپلاردا ئۇقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچىلار قۇدرەت تېپىش دىگەن خەتنى خەنزۇچە يازالامدۇ يازالمامدۇ بۇ بىر مەسلە . بىر قىسىم ئادەمنىڭ ، بىر نەچچە كىچىك رايۇن ، بىر نەچچە توپنىڭ چىرىكلىك بىلەن قۇدرەت تېپىشى بىر چوڭ توپنىڭ قۇدرەت تېپىشىدىن دىرەك بەرمەيدۇ ، ھەتتا بۇ ئىككى خىل توپنىڭ زىديىتى قۇدرەت تېپىشنىڭ يۇلىنى تۇسۇپ قۇيىدىغان يۇشۇرۇن ھەم خەۋىپلىك ئامىلغا ئايلنىدۇ .
ئىقتىسادىي جەھەتتىكى چىرىكلىك مىنىڭچە ئانچە قورقۇنۇچلۇق ئەمەس ، قانۇنغا ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئۇرۇنلىرىغا ، خەلىق ئاممىسىنىڭ پاش قىلىشىغا تايىنىپ ئىقتىسادىي چىرىكلىك مەسلىلىرىنى كونتورول قىلىشقا بولىدۇ ، ئەڭ قورقۇنۇچلىقى ئىلىم -پەن ۋە تەتقىقاتتىكى چىرىكلىك . ئىلىم-پەن ۋە تەتقىقات چىرىكلىكى ئىلىم -پەننى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئىنسانىيەتكە بەخىت يارىتىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس نىشانىدىن ئاداشتۇرۇپ بىر ياكى بىر نەچچە ئەۋلاتقا ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسگە تولدۇرۋالغۇسىز زىيانلارنى ئەكىلىدۇ . ئىلىم پەن تەتقىقات چىرىكلىكى سانائەت چىرىكلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇ خىل چىرىكلىكنى ھەل قىلغۇچ پەيىت يىتىپ كەلمىگىچە ئاۋام پۇقرالار ھىس قىلىپ يىتەلمەيدۇ ، نازارەت قىلالمايدۇ ، چۈنكى پەن -تېخنىكا بىر دۆلەت نۇپۇسىنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاق ياقلىقلارنىڭ قولىدا بولىدۇ . جىياۋۇ يىلىدىكى جوڭگو ياپۇنيە ئۇرۇشىدا زەمبىرەك ئۇقىنىڭ ئىچىگە توپا قاچلانغانلىقتىن ئېتىلماي ھەربى قىسىملارنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرۇتىشى تېخى ھەربىر جوڭگولۇقنىڭ ئىسىدىن چىقمىغان بۇلۇشى مۇمكىن .
چىيۇ چېڭتوڭ خارۋارد ئۈنىۋېرسىتىنىڭ پىروفىسسورى ، رۇسيە پەنلەر ئاكادىميىسىنىڭ پەخرى ئاكادىمىكى ، ئامىرىكا پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن يېڭى جوڭگو تەربىيەلەپ چىققان ئەڭ مەشھۇر جوڭگولۇق ماتىماتكا ئالىمى بۇلۇشى مۇمكىن . ئالدىنقى قېتىم ۋەتەنگە قايتىپ كىلىپ زىيارەت قۇبۇل قىلغاندا "داڭلىق پىروفىسسورلىرىمىز " يىل بۇيى دۆلەت چۈشۈرگەن تەتقىقات مەبلىغىنى ئىشلىتىپ بىر يىلدا ئۈچ -تۆت ئاي چەتئەللەردە " ئىلمى زىيارەتتە" بولىدۇ ، ئۇلارنىڭ بەزىللىرى ئوتتۇزدىن ئۇشۇق ئاسپىرانىت يىتەكلەيدۇ ، بۇنداق ئاسپىرانىتلارنىڭ قانچىلىك ساپاسى بولماقچىدى ؟ دىدى . مەنمۇ ئۇنىڭ بۇ قارىشىغا قۇشۇلدۇم ، مەن ئون يىل بۇرۇن تۇنۇشقان دوكتۇرلار بىلەن ئون يىلدىن كىيىن تۇنۇشقان دوكتۇرلارنىڭ ئاسمان زىمىن پەرقى بار ، "تارتىپ ئۆستۈرۈلگەن مايسىنىڭ " قانچىلىك ھاياتى كۈچى بولماقچىدى ؟ قانچىلىك ھۇسۇل بەرمەكچى ئىدى ؟ كوچا - كوچىلارغا ، بېيجىڭنىڭ جوڭگۈەنسۇن كەنىتىدىن باشلاپ چىڭخۇا داشۆ ھويلىسىغىچە چاپلانغان توردىن نۇمۇرى چىقىدىغان ئۈنۋان كىنىشكىسى بىجىرىمىز دەپ چاپلانغان تىلىفۇن نۇمۇرلىرى يېڭى بىر ئەۋلاتنى قانچىلىك زەھەرلەيدۇ؟
بەلكىم يۇقارقىلار قىسمى ئەھۋال بۇلۇشى مۇمكىن ، ئەڭ مىنىڭ ھىس قىلىشىم جوڭگو جەمئىيىتىدە چىرىكلىك "قىسمىلىقتىن " ئاللىبۇرۇن ھالقىپ كەتتى . مەن جوڭگولۇق بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن ، ۋەتىنىمنى سۆيىمەن ، جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ھەقىقى قۇدرەت تېپىشىنى كىشلىك غايەم دەپ قارايمەن . شۇڭا چىرىكلىككە قارىغانسىرىم ، ئاڭلىغانسىرىم غەزەپلىنىمەن . مەن قىزىلبايراق ئاستىدا ، ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم ، كىچىكىمدىن ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئالدىم . مەن دۇنياغا ئۆزەمنىڭ قىممەت قارىشى ۋە دۇنيا قارىشى بىلەن قارايمەن . بىر قىسىم ئاۋام خەلىقنىڭ ئاغزىدىن بىر نىمە يىمەيدىغان قىزىلپاچاق ئىش بىجرەلمەيدۇ ، يول ماڭايلى ، ئارقا ئىشىك قىلمىساق ھازىرقى جاھاندا قۇرۇق گەپكە مۇشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ دىگەن گەپلەرنى ئاڭلىغاندا ئۇلارنىڭ چىرىكلىكنى بىر خىل قىممەت قاراش دۇنيا قاراش سۈپىتىدە قۇبۇل قىلىپ كەتكەنلىكىدىن ئازاپلىنىمەن ، ئۇلارنىڭ بۇ گەپلىرى نەچچە مىليۇن ئىنقىلاۋى قۇربانلارغا ھاقارەت قىلغاندەك ئاڭلىنىدۇ .
ئەيدىز ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئالداپ ئېلىپ چىقىلغان ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزىشى ، جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق كىرزىسىغا دۇچ كىلىشى تور بىكەتلەر كۆڭۈل بۈلۈپ كىلىۋاتقان مەسلە بولدى . نۇرغۇن ئادەملەر يازدى ، تىللىدى ، ياردەم قىلدى ، ئېچىندى ھەتتا بەزى خەلق ساقچىللىرى ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلدى (ئۇلارنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلسۇن ). چوڭقۇرراق ئويلانساق ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلساق چىرىكلىكنىڭ كەچۈرگۈسىز مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ھىس قىلالايمىز . خىروئىن ساتىدىغان ئادەم بولمىسا چىكىدىغان ئادەم تەبئىلا تۈگەيدۇ ، ئوغرى -يانچۇقچىلارغا يانتاياق تىل بىرىكتۈرگەن قانۇن سېپىدىكى چىرىك ئۇنسۇرلار بولمىسا ئاقچى ، قىمارۋاز ، ئوغرى -يانچۇقچى قانۇننىڭ جازاسىنى تارتىدۇ ، چىرىكلىك قانۇننىڭ ئىززەت ئابرويىنى يەرگە ئۇرغاچقا جىنايەتچى قانۇننى كۆزگە ئىلمايدۇ ، كاللىسىغا پۇل بولسا تۈرمە دىگەن كىرىپلا چىقىپ كىتىدىغان چايخانا دىگەن ئاڭ سىڭىدۇ .
ئاۋام خەلىقنىڭ كۈزى ئۇچۇق ھەممىنى كۈرۈپ تورىدۇ ، بۇ توغرىدا توردا ، مەنبۇئاتلاردا كۈندە خەۋەر بار ، ھەر بىر بايرام ، ھەر بىر كىچە ، ھەر بىر دوقمۇش ۋە كەيپى ساپا سورۇنلىرىدا چىرىكلىكنىڭ مىساللىرى يىتىپ ئاشقىچە بار ، بۇ توغۇرلۇق ئۇزۇن توختالمايمىز . لېكىن خۇلاسىمىز شۇكى بىر توپنىڭ ، بىر دۆلەت ياكى مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشنى ئاخبارات ۋاستىللىرىدا كۆپتۈرۈپ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ . چىرىكلىك قۇدرەت تېپىشنىڭ ئەڭ چوڭ تۇسالغۇسى ، قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن چىرىكلىك تازىلىنىش كىرەك ، مۇكەممەل بولغان مىخانىك تۈزۈم ، قانۇننىڭ مۇقەددەسلىكى ، ئادىل خالىس مەيداندا تۇرۇپ نازارەت قىلدىغان ئاخبارات ۋاستىلىىرى بولماي تۇرۇپ قۇدرەت تېپىش پەقەت شىرىن بىر خىيال ياكى مەۋھۇم قۇدرەت تېپىش بوپ قالىدۇ .
سەنلۇ سۈت پاراشۇكى پاش بولغاندىن كىيىن چوڭ -كىچىك نۇرغۇن زاۋۇتلارنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىدا مىلامىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە بايقالدى ، نۇرغۇن كىشىلەر سەنلۇ شىركىتىگە غەزەپلەندى ، تىللىدى ، سوت ھۈكۈم ئىلان قىلىپ ئېغىر جازالىدى ، ئۈلۈم جازاسىىمۇ بىرىلدى . لېكىن بۇ مەسلىدە نۇرغۇن كىشىلەر شۇنداق بىر نوقتىغا سەل قارىدى ، نىمىشقا ساختا مەھسۇلات ، زەھەرلىك يىمەكلىك جوڭگو بازارلىرىنى قاپلايدۇ ، بۇنداق ئىشلار شۇنچە قاتتىق زەربە بىرىلىپ تۇرسىمۇ داۋاملىق چىقىپ تورىدۇ ؟ مەسلە ئاددى ، مىنىڭ جاۋابىم شۇكى يىمەكلىك ، دۇرا ، تازىلىق تەكشۈرۈش نازارەت قىلىش ئۇرۇنلىرىغا بىر قىسىم چىرىك پارازىت قۇرۇتلار يۇشۇرۇنغان ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇرۇنلارنىڭ ئۆزىنىڭ نۇرمال فونكىسيىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان ، نەتىجىدە ئۇلار قاياققا ئوت كەتسە شۇ يەرگە بېرىپ ئوت ئۈچىرىدىغان ئوت ئۈچۈرۈش ئەترىتىگە ئايلىنىپ قالغان . سەنلۇ پاراشۇكى شۇنچە يىل بازاردا سېتىلىپتۇ ، يۇزمىڭدىن ئۇشۇق بالا زەھەرلىنىپتۇ ، شۇ چاققىچە نازارەت قىلىش ئۇرۇنلىرى نىمە ئىش قىلدى ؟ چىرىكلەشتى ، پارا يىگەنلىكى ئۈچۈن تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى تەكشۈرمەي تۇرۇلۇپ يېزىلىپ تامغا بېسىلدى ، ئىش چۇڭايغاندا مۇشۇ پارازىتلار ئوت ئۈچۈرگەن قەھرىمانغا ئايلىنىپ ئاۋام خەلق رەخمەت ئېيتىشتى .
ئۈزۈلمەي چىقىپ تۇرۋاتقان كۈمۈر كان ۋەقەلىرى ، ساختا دۇرا ۋەقەسى ، يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش پەقەت بىر نەرسىنى چۈشەندۈرۈلەيدۇ ، باشقۇرۇش قالايمىقان ، نازارەت قىلىش يىتەرلىك ئەمەس . سەۋەبى فونكىسيىلىك تارماقلار چىرىكلەشكەن ھېچ بولمىسا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغان . خادىملاردا كەسپىي ئەخلاق ئېڭى تۈۋەن ، قانۇننى كۆزگە ئىلمايدۇ ، چۈنكى قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ چىرىكلىشىشى بۇنىڭغا سەۋەب بولغان . ئالدىنقى قېتىم مالايسىنىڭ بىر مىنىستىرى قىلچە تەپ تارتماستىن جوڭگو شەرىقنىڭ تارىخىدا مىسلىسىز زور مەدنيەت ياراتتى ، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چىرىكلىكنىمۇ ياراتتى دىدى ، فىرانسىيە ئەلچىسى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ جوڭگولۇقلار مۇھىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بىر كىچىدە بېيىغان ، ساپاسى يوق ، بىز جوڭگولۇقلار بىلەن سودا قىلساقمۇ ئۇلارنى ئۆيىمىزگە تاماققا تەكلىپ قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس دىدى . چىرىكلىك دۆلەتنىڭ شان -شۆھرىتگە تەسىر يەتكۈزدى ، چىرىكلىك دۆلەتنىڭ ئابرويىنى تۆكتى. خېمىيىلىك ماتىرياللارنىڭ يىمەكلىك ، دۇرا ، بىناكارلىق قاتارلىق ساھەرلەردە نۇرمىدىن ئارتۇق ئىشلىتىلىشى ، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى بىلەن جوڭگولۇقلار ھەر كۈنى يىمەكلىككە قۇشۇپ زەھەر يەۋاتىدۇ .قانۇنسىز چىرىك ئۇنسۇلار شەخسى مەنپەتى ئۈچۈن خەلىقنىڭ كۈنى "يىگىنى زەھەر ئىچكىنى نىجاسەت " بوپ قېلىۋاتىدۇ . يېقىندا يەكەن ناھىيىسىدە ئىككى ئادەم ساختا دۇرىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلدى ، ناۋادا مۇشۇ ئىش كورىيىدە ، ياپۇنيىدە يۈز بىرىپ قالغان بولسا چۇقۇم سەھيىگە مۇناسىۋەتلىك باش مىنىستىر خەلىقتىن ئەپۇ سۇرايىتتى ياكى ئىستىپا بىرەتتى بىراق يەكەندىكى بۇ ئىش بىرەر مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارنىڭ ئىككى سائەتلىك ئۇيقۇسىغىمۇ تەسىر قىلمايدۇ ، چۈنكى ئارقا تىرەككە ئىشنىدۇ ، بەرگەن پارىسى بۇ پارازىتلارنى مۇشۇنداق ھاللىق خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىلغان .
چىرىكلىك جوڭگودا ئۇزۇن تارىخ ۋە ئىجتىماھىلىققا ئىگە ، بىر نەچچە ئادەمنىڭ تەنقىت قىلىشى قارشى تۇرۇشى بىلەن چىرىكلىكنىڭ بىر تال مويى تەۋرىمەيدۇ . بىراق ھەر بىر ۋىجدانلىق جوڭگولۇق شۇنى ئىسىدە تۇتۇشى كىرەككى دۈلەت قودرەت تېپىشى ئۈچۈن چىرىكلىك تازىلانمىسا قۇدرەت تېپىش ئەمەس دۆلەت مۇنقەرىز بولىدۇ ، خەلق گۇيا بىر دېڭىزغا ئوخشاش قولۋاقنى لەيلىتىپ تۇرالايدۇ شۇنداقلا دۇم كۆمتۈرەلەيدۇ ، خەلق لەيلىتىپ تۇرۋاتقان ھەربىر ئەمەلدار ، ھەر بىر ھۆكۈمەت خادىمى بۇنى ئىسىدە چىڭ تۇتۇشى كىرەك .
بۇ تىمىنى ھەقىقەتەن ياخشى يازالمىدىم ،ھەل قىلىش چارىسىنىمۇ دىيەلمەيمەن ، چۈنكى مەن چىرىكلىكنى ئەيىپلىگەنلىكىم ئۈچۈن مەن جازاغا تارتىلىشقا رازى دەپ ئوتتۇرغا چىقالمايمەن ، مەندە ئۇنداق جۈرئەت ، يۈرەك يوق . جوڭگو جەمئىيىتى ھەر ھەر قەھرىماننىمۇ تۇغۇلغانغا دات دىگۈزۈپ يىغلاپ تۇرۇپ كۈلەلەيدىغان قىلىۋېتەلەيدۇ ، شۇڭا مەن يېزىشتا چەكلىمىلىككە ئۇچرايمەن ، بۇ تەرەپنى توغرا چۈشنىڭلار . ئەمما مەن شۇنداق بىر نەرسىگە ئىشنىمەنكى بارلىق رەزىللىكلەر ، بارلىق رەزىل ئادەملەر ھامان بىر كۈنى بەدەل تۈلەيدۇ ، بۇ خىل بەدەل ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ بولىدۇ .
دۆۋلەت قانۇن تەرپىدىن ئىدارە قىلىنمىغىچە،چىرىكلىكنى يوقاتماق قىيىن.
ئەگەر جۇڭگڭودا چىرىكلىك، خىيانەتچىلىك، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش...لەر بولمىغان بولسا ھەربىر جۇڭگولۇق مىلىيونىرغا ئايلانغان بولاتتى.
ئەتىراپمىزغىمۇ نەزەر سالايلى...باشلانغۇچتىن تارتىپ،ئالىي مەكتەپلەرگىچە،ئۇششاق كەنتلەرنىڭ ئامبارچىللىرىدىن چوڭ خەزىنلەرگىچە ھەممىسنىڭ نەپسى يوغناپ كەتتى،شۆھرەتپەرەسلىك،غادايمىچىلىق،مەنمەنچلىك كىشلەرنى ھەر كويلارغا سېلۋاتىدۇ،
شۈكىرى ياراتقان ئىگەم بىر بۇردا نانغا تويدۇردۇڭ،،،دېگۈچىلەر كۆك نامرات،قەلەندەر،يالاڭتۆش،تىلەمچى،ھورۇن ئاتالماقتا،
«شىنجاڭ مەدەنىيتى»دىكى «تاغامنڭ شاپتۇللىرى»دىگەن ھېكاينى ئوقۇغانسىلەر،،،مىھر - مۇھەببەت يوقىغان يەردە،ئالدامچىلىق خىيانەت ئەۋىج ئالماي قالاتتىمۇ؟
ھەقىقى قۇدىرەت تىپىش مائارىپ ۋە ياكى ئىقتىساد بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئىتتىپاقلىق .
قانچە ئوم ئىتىتىپاق قەۋىمنىڭ ئىقتىسادى ۋە مائارىپى شۇنچە ياخشى .تەرەققىياتىمۇ شۇنچە ياخشى .
مىسال :
ئا تەرەققىيات =مائارىپ
ب تەرەققىيات = ئىقتىساد
س تەرەققىيات =مائارىپ +ئىقتىساد
بۇنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى سىلىشتۇرساق ھەرقانداق بىر كاللسى ساق ئادەم ئەلۋەتتە س تەرەققىياتنىڭ چوڭلىقىنى بىلىدۇ لىكىن س تەرەققىياتىنى چوڭ قىلغان مائارىپ ياكى ئىقتىساد بولماستىن دەل ئوتتىردىكى قوشۇش بەلگىسى .بۇ قوشۇش بولگىسى دەل ئىتتىپاقلىق .
ئىتتىپاقلىقنىڭ بىر خىل شەرت بۇلۇشى مۇمكىنچىلىكى بار ، ئاساس بۇلۇشى ناتايىن . ئافرىقا ئورمانلىرىدىكى ياۋا ئىشەكلەر ئىتتىپاق بوپ توپ يۈرىيدۇ ، ياۋا ئىشەكلەر توپى قۇدرەتلىكما ؟
ئىتتىپاقلىقنىڭ بىر خىل شەرت بۇلۇشى مۇمكىنچىلىكى بار ، ئاساس بۇلۇشى ناتايىن . ئافرىقا ئورمانلىرىدىكى ياۋا ئىشەكلەر ئىتتىپاق بوپ توپ يۈرىيدۇ ، ياۋا ئىشەكلەر توپى قۇدرەتلىكما ؟
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
نىمنىداق قىززىق گەپ قىلسەن .ھا ھا ھا
ياۋا ئىشەككە مائارىپ بىلەن ئىقتىسادنىڭ كىركى يوق .
قۇدىرەت تىپىشنىڭمۇ كىرىكى يوق .
بىز بۇيەردە ياۋا ئىشەكنىڭ قۇدىرەت تىپىشى توغۇرلۇق پاراڭلاشمايۋاتقاندۇق؟!
ئىتتىپاقلىقنىڭ شەرتىچۇ ؟
ئىتتىپاقلىقنىڭ شەرتىچۇ ؟
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
راسىت گەپ قىلسام ما گەپنى چۇشىنەلمىدىم .
ئىتتىپاق بولىمەن دەپلا بولىۋالغىلى بولمايدۇ ، شۇنداق بولۇش ئۈچۈن يەنە شۇ تەلىم تەربىيە ، مائارىپ ئارقىلىق يىتىلدۈرگەن ساپا لازىمدۇر دىگەن گەپ ...ئىتىتىپاقلىق كۇچ دىمەكتۇر
بۇ مەن دىۋالغان گەپ ئەمەس .......
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~``
<div class=ForumPostContentText>ئىتتىپاق بولىمەن دەپلا بولىۋالغىلى بولمايدۇ ، شۇنداق بولۇش ئۈچۈن يەنە شۇ تەلىم تەربىيە ، مائارىپ لازىمدۇر دىگەن گەپ ...</div> |
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
ئىتىپاقلىققا پەقەت يۇرەك كىرەك .
ئىشەكلەر توپ بولۋىلىپ يۇرسە قۇدىرەتلىك بولمىغان بىلەن ھىچ بولمىغاندىمۇ كۇشەندىلىرى دەماللىققا توغرىدىن توغرىغا ھۇجۇم قىلمايدۇ ... ئۇلار توپ بولۇپ يۇرسە ئوزگە كىلدىغان خەتەرنىڭ ئاز بولدىغانلىقىنى بىلدۇ ... دىمەك ئىتىپاقلىق كۈچ دىگەن گەپ
يۈرەكنى سوقۇپ قوژۇۋالغىلى بولمايدۇ ، ھەممىنى زاۋۇتقا بۇيرۇپ ياساتقىلى بولمايدۇ ، شۇ ئىتتىپاقلىشالايدىغان يۈرەكنى يىتەكلەپ تەربىيىلەپ چىقىشقا مائارىپ كېرەك ...
ئىشەكلەرنى بىركىم ئىتىپاق بول دەپ ئۇگەتكەن ياكى بۇيەردە دىيلىۋاتقان مائارىپ ئارقىلىق تەربىلەپ سەن باشقا ئىشەك بىلەن ئىتىپاق بول دەپ تەربىيە بەرگەنمۇ ئەمەس ... ئۇلارنى ئىتىپاق بولۇشقا تەبىئەت يىتەكلىگەن. دىمەك يۇرەكلا بولدىكەن بىركۇنى بولمىسا ھامان بىركۇنى ئوزگە كىلدىغان خىرىسنىڭ نەدىن كىلدىغانلىقىنى كىملەر بىلەن ئىتتپاق بولسا بولدىغانلىقى بىلدۇ .. لىكىن مەلۇم جەريان كىتىدۇ خالاسپىسخىكا ئۆگىنىڭ ئەپەندى ، ئادەم دەل شۇ ھايۋاندىن پەرىقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئادەمنىڭ پىسخىكىسىنى ئۇنداق ئاسان چۈشەنگىلى ، ئادەمنىڭ پائالىيىتىنى ئۇنچە ئاسان كونتىرول قىلغىلى بولمايدۇ ... قۇرۇق شوئار بىلەن ئىش ئاقمايدۇ ...يۈرەك بولسىلا ھەممىنى قىلغىلى بولىدىغان بولسا ھازىر چاۋشىيەنلىكلەر دۇنيادا ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇراتتى ، ئىرانلىقلار ھەممەيلەننى قورقۇتۇپ يۈرەتتى ... گېپىم گگپ دەپ جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋەرمەي خەق نىمە دەۋاتىدۇ ئاساسى بارمۇ يوق ئويلاپ باقايلى ...
شۇ ئۇزچى ئەپەندى دىگەن شۇ جەريانمۇ يەنە شۇ مائارىپ تەلىم تەربىيە بولمىسا نەچچە ئون يىل ئۆتسىمۇ بىكار ، بىلمەيدىغانلار شۇ پېتى يۈرىۋېرىدۇ ...
ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى خىيانەتچىلىك ۋە چىرىكلىكتىن جىنايەت يولىغا ماڭىدىكەن ،بۇلارنىڭ خىيانەت قىلغان پۇللىرنىڭ ئومۇمىي سوممىسى جوڭگۇGDPۋە ئىقتىسادىنىڭ 13پىرسەنتىنىمۇ ئېگەللەيدىغانلىق توغۇرسىدا ئەدلىيە سېستىمىسى چىقارغان بىر ماقالىدە كۆرگەن ئىدىم .ئەتىگىچە تولۇق سىتاتسىكىسى بىلەن يوللاپ قوياي .جوڭگۇدا چىرىكلىك زامانىمىزدىن قالغان \"كەسىپ\"كەن .
چىرىگلىك تۈپەيلى جاھان ئەھلى نىمە كۈنلەرنى كۆرىۋاتىدۇ ، پۇل - مۇئامىلە ئەربابلىرىنىڭ چىرىگلىگى بىر بىرلەپ ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ ، شۇنچىلىك جىق پۇل يوقىغانكىن ئەلۋەتتە سۈرۈشتە قىلىدىغان ئىش چىقىدۇ دە ، ئوباما قاتتىق سۈرۈشتە قىلماقچى بولىۋاتىدۇ ، ھەتتا بۇندىن بۇرۇن شۇنداق \"ئالدامچى\" لاردىن ئالغان ھەرقانداق مەنپەئەتنى قايتۇرۋېتىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ ، بۇ ئامېركا
چىرىگلىك تۈپەيلى ھەپتىدە بىر ئۆلكە باشلىغى ياكى مەلۇم نازارەتنىڭ باشلىقى ئېتىلىپ كېتىۋاتىدۇ ياكى چەتئەللەرگە قېچىۋاتىدۇ ، چىرىگلىك تۈپەيلى ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئۆزى كۆيۈنمەي سۈتىگە زەھەر قوشىۋاتىدۇ ، چىرىگىلىك تۈپەيلى GDP سى ئاسىيادا ياپوندىن قالسىلا ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان بىر دۆلەت تېخىچە دېموكراتىك ھالەتتە ، مەرتلىك بىلەن ھەر مىللەتتىن تەشكىل تاپقان بىر پۇتبول كوماندىسى تەشكىلليەلمەي سەۋەبىنى باشقا نەرسىلەردىن ئىزدەۋاتىدۇ ، بۇ جۇڭگۇ...
ئىشقىلىپ ، سالام دۇنيا ئەھمىيەتلىك بىر تېمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ .