hislat_7 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 11:22:56

بىر نەچچە دۆلەتلەر تاماق ئۈستىلىدىكى قائىدە يوسۇنلار [تەرجىمە]

تاماق ئۈستىلىدىكى قائىدە يوسۇنلار




1. ياپۇنىيە   چەتئەللىكلەرنىڭ قارىشىچە. ياپۇنىيەلىكلەر تاماق جوزىسى ئۈستىدىكى قائىدە يوسۇنلارغا بەكمۇ دىققەت قىلىدىغان بولۇپ ،ئەمما چۆپ يېگەن ۋاقىت بۇنىڭدىن سىرت. ياپۇنىيەلىكلەر ئۈگرە ئىچكەن ۋاقتىدا، ئاۋازىنى يۇشۇرۇپلا قالماي ، يۇقىرى بولغان چۆپ تارتقان ۋاقىتتىكى ئا ۋازنى چىقىرىدۇ. ساياھەتچىلەرمۇ خۇددى يەكچەشمىنىڭ شەھىرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىسىپ يۈر دىگەندەك، ھىچنىمىنى كۆرمىگەندەك، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ قىزغىن كۈتىۋالغانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ. گۈرۈچ تامىقى ھەم شورپا قاتارلىقلارنى ئىچكەن ۋاقتىدا رەسىمدىكىدەك قىياپەتتە ئىچىشى كېرەك



.




2. فرانسىيە    فرانسىيىدە تاماقنىڭ تەمىنى تېتىماي تۇرۇپلا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا تېتىتقۇلارنى سالىدىغان بولسىڭىز، ئاشپەزلەر بۇنىڭدىن تازا خۇشال بولمايدۇ.مېھمانلار تاماق يېيىشنىڭ دەخلىگە ئۇچرىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن  تاماق يېيىشتىن ئىلگىرى چوقۇم تېلېفونىنى ئېتىۋېتىشى كېرەك. بۇ يەردە ئادەتتە بولكىنى قويۇشقا  مەخسۇس كىچىك تەخسىلەرنى ئىشلىتىدىغانلار بەك ئاز، شۇڭا بولكىنى شىرە ئۈستىدىكى رەختنىڭ ئۈستىگە قويسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز ھاراق رومكىڭىزنىڭ ئۈستىگە ھاراق جىقلىماقچى بولسىڭىز ئاندىن رومكىدىكى ھاراقنىڭ ھەممىسىنى ئىچىۋېتىڭ ، بولمىسا ئەڭ ياخشىسى رومكىنىڭ ئاستىدا ئازراق ھاراقنى قالدۇرۇپ قويۇڭ.





3. فىلىپپىن    فىلىپىندىكى ۋاقتىڭىزدا ئەگەر راسلا بىر ئۆلچەملىك  فىلىپپىنلىق بۇلاي دېسىڭىز.چۇقۇم ساقلاشنى ھەمدە ئاڭلاپ ئاڭلىغانغا ئەگىشىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك. ئۆي ئىگىسى سىزنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ سىزگە نەدە ئولتۇرسىڭىز بولىدىغانلىقىنى دەپ بەرگەندىن كىيىن  ئاندىن ئولتۇرۇڭ،تاماق يېيىشنى باشلاشنى ئېيتقان ۋاقتىدا ئاندىن يېيىشكە باشلاڭ،ئەگەر ئۆي ئىگىسى سىزگە سەيلەرنى قوشۇپ بەرمىسە ئۆزىڭىز قوشماڭ. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن باشقىلار تەرىپىدىن ئەدەبلىك دەپ قارىلىسىز.





4. لىۋان    لىۋانلىقلار ئۆزىنىڭ قىزغىنلىقى ھەم مىھماندوسلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئادەتتە ئىككى ئۈچ خىل سەي چىقىرىدۇ. شۇڭا تۇنجى قېتىملىق سەي چىققان ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى ئازراق يەڭ، مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن كىيىنكى قېتىم چىققان سەيلەرنىمۇ ياخشى يىيەلەيسىز. تاماق ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا ئۆي ئىگىسىنىڭ شۇنچە قىزغىن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە مېھماننىڭمۇ تاماق سەيلەرنى شۇنچە ھۇزۇرلىنىپ يېگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.





5. ئېفىئوپىيە   ئېفئوپىيەلىكلەرنىڭ ئۆز ئارا بىر بىرىگە تاماق يېگۈزۈپ قويىدىغان ئادىتى بار، بۇ قارىماققا تولىمۇ پاكىز بولمىغان بىر ئىشتەك كۆرىلىدۇ. بولۇپمۇ سىز شورپىلىق تاماق ھەم سەيلەرنى قولىڭىزدا تۇتۇپ ئۇنى يان ئورۇنىڭىزدىكى كىشىگە يېگۈزۈپ قويۇپ، ئاندىن ئۈستەلدىكى باشقا كىشلەرگە يېگۈزۈپ قويۇشقا مەجبۇر بولغان ۋاقتىڭىزدا بۇنى تېخىمۇ ھېس قىلىسىز. سىز يېگەن تاماقلارمۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇل بويىچە ئۈستەلدىكى ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن ئۆتىدۇ.





6. ئافغانىستان  ئافغانىستانلىقلارنىڭ تاماق ئۈستىلىدە مېھمانلار ئىشىكتىن ئەڭ يىراق ئورۇندا( يەنى تۆدە دېمەكچى ) ئولتۇرىدىغان بولۇپ ، تاماقلارنى تۇنجى بولۇپ يەيدۇ، ھەم ئەڭ كۆپ يەيدۇ. تاماقنى يەرگە چېچىۋەتمەسلىككە دىققەت قىلىڭ. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن تاماق يەرگە چېچىلىپ كەتسە ئۇنى تىرىپ ئېلىپ سۆيۈپ قويىشىڭىز، ھەمدە ئۇنى پىشانىڭىز ئالدىغا ئەكىلىۋېتىپ ئاندىن ئۇنى قويۇپ قويىشىڭىز كېرەك. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ يېمەكلىككە بولغان ھۆرمىتىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ.





7. مىسىر  مىسىرلىقلارنىڭ ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا تەكلىپ قىلىنسىڭىز، ئىشىكتىن كىرىشتىن ئاۋال ئايىغىڭىزنى سېلىۋېتىڭ، ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆيىنى ماختاپ قويۇڭ. پەقەت ئوڭ قولىڭىزدىلا تاماق يېيىشكە بولىدۇ، ئىككىنچى قېتىملىق سەينى چوقۇم يەڭ. تاماقلارنىڭ ئۈستىگە تۇز قوشۇش بەكمۇ ئەدەپسىزلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ، ئەگەر يەپ تويغان بولسىڭىز تەخسىڭىزدە ئازراق تاماقنى ئاشۇرۇپ قويۇڭ، بولمىسا ساھىبخان تەخسىڭىزگە تاماقلارنى قوشىۋېرىدۇ.





8. تايلاند  تايلاندلىقلار ئادەتتە پولنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپلا تاماق يەيدۇ، ئەمما پۇتىنىڭ ئۇچىنى  باشقىلارغا قارىتىپ قالماسلىققا بەكمۇ دىققەت قىلىدۇ. ئەگەر سىز تايلاندلىقلارنىڭ ئۆيىگە سوۋغات ئېلىپ بارسىڭىز ئۇنىڭ سىرتىنى ئورىۋېلىڭ ھەمدە ئۆي ئىگىسىگە سوۋغاتنىڭ باھاسىنى كۆرسەتسىڭىز بولىدۇ. بەلكىم ئۆي ئىگىسىمۇ سىزگە سوۋغات قايتۇرۇشى مۇمكىن. مۇنداق بولغاندا سوۋغات قايتۇرغان ۋاقىتتىكى ئاز جىق بوپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.





9. كورىيە   ئەگەر كورىيەلىكنىڭ ئۈيىگە مېھماندارچىلىققا چاقىرىلسىڭىز ۋاقىت جەھەتتىن بەك ئالدىراپ كېتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، بەزى سەۋەبلەردىن يېرىم سائەت ئەتراپىدا كېچىكىپ قالسىڭىزمۇ ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ ھېسابلانمايدۇ. ئىشىكتىن كىرىشتىن ئاۋال ئايىغىڭىزنى سېلىۋىتىڭ. تاماق ئۈستىلىدە ئاۋال شۇ ئۆيدىكى ياشانغانلارغا تاماق ئۇسۇپ بېرىلىدۇ، بۇ سىزنىڭمۇ تاماق يېيىشكە باشلىسىڭىز بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. گۈرۈچ تامىقى ھەم شورپىلارنى ئىچكەن ۋاقىتتا قۇشۇق ئىشلىتىلىدۇ ، باشقا ۋاقىتلاردا چۇكا ئىشلىتىلىدۇ.چۇكا بىلەن ھەرگىزمۇ باشقىلارنى كۆرسىتىپ سالماڭ. قاچىڭىزدا ھېچقانداق تاماقنى قالدۇرمىسىڭىز ئاندى ئەدەبلىك ئىكەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ.





مەنبە : شىنخۇا تورى

   

Ay^Tugh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 11:42:14

ئۆي ئىگىسى سىزنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ سىزگە نەدە ئولتۇرسىڭىز بولىدىغانلىقىنى دەپ بەرگەندىن كىيىن  ئاندىن ئولتۇرۇڭ،

____________________________________________________________________________



ماۋۇ  مۇ چۇشۇپ قالغۇدەك فرانسوزلارنىڭكىگە...

umidhalid يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 12:00:32

بۇندىن بىر قانچە ئاي بۇرۇن بىزدىكى(ئۇيغۇرلاردىكى) سۇيۇق قاماقلارنى يېگەندە چىقىرىغان ئاۋازلىرمىز توغرىسىدا بىر تاماق سورۇنىدا مۇنازىرە بوپ قالدى . بىرقانچىمىز سەل پەسرەك چىقارساق بولدى ئاۋاز چىقارماي يىيىش ياخشى بولسىمۇ بىزنىڭ بۇ تاماقلارنى يېيىش ئۇسسۇلىمىز شۇنداق بۇنىڭغا ئامال يوق دېيىشتى ۋە ئەختەم ئۆمەر ئاكىنىڭ يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالامدىكى مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كۆز قاراشنىڭ تازا توغرا ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرغا قويغانمۇ بولدى . مەنمۇ سۇيۇق ئاش ئىچكەندە سىناپ بېقىش نىيىتىگە كەلگەن بولساممۇ يىل ئاي ئۆتسىمۇ سۇيۇق ئاش ئىچمەيدىغان مىجەزىم بولغاچقا سىنالمىغان ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇنتۇپتىكەنمەن ،بۇ تېمىنى ئوقۇپ يادىمدىن كەچتى.


Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 12:59:00

ئۆيىگە مىھمان تەكلىپ قىلىدىغان ئىشلارنى بىزدىلا بارمىكى دەيمەن تېخى \"\"

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 13:13:45

فىرانسوزلار ئۆيىگە مېھمانغا چاقىرىدىغان بولسا ئادەمنى ھارغۇزۇپ جۇلىقىنى چىقىرىۋېتىپ ئاندىن يولغا سېلىپ قويىدىكەن. بىر ۋاق تاماقنى نەچچە سائەتتە يەپ بولىدىكىن ئىشقىلىپ ئىككى سائەتتىن كەم ئەمەس   \"\" شۇڭا بۇلار ئاسانلىقچە بىرەسىنى ئۆيىگە چاقىرمامدىكىن دەيمەن،قاچان مېھمان قىلىپ بولارمەن دەپ ئەنسىرەپ.بەزىدە يېقىن دوستلار ئارامۇ ئۆيىڭگە بارايمۇ دىسە ياق كەلمە دەۋېرىدىكەن

جوزانى ئۈستەل،سەينى قورۇما ياكى كۆك دەپ ئالساق بولماسمۇ  @hislat_7

buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 14:01:55

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!!!

مەن مۇشۇ ياپونىيىلىكلەرنىڭ چۆپ يېيىشىگە ئەڭ ئۆچ.ئاۋازىنى بەك سەت چىقىرىپ يەيدۇ.بۇنداق يېمىسەڭ بولمامدۇ دېسەم،بۇنداق يېيىش تاماقنى بىر خىل مەززىلىك يېيىش دەيدۇ.ئىشقىلىپ ئادەم سەسكەنگىدەك يەيدۇ بۇ خەق.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 14:09:31

يا پانا  !  ئاۋۇ تاماقلارنى كۆرۈپ ئىشتىيىم تۇتۇپلا قالدى دېسە!

چۈشتە يىگەن لەغمەن نىمىدىگەن پەيزى..!

janggi_war يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 15:43:58

ئۇيغۇرلانىڭ ئۆيىگە مىھماندارچىلىققا بىرىپ قالسىڭىز، ئاۋال ئەڭ ياشانغانلار ئۇرۇن بىرشىڭىز كېرەك

تاماقلارنى بىر باشتىن پاكىز يىيشىڭىز لازىم، ئەگەردە چېچىۋتىپ ئىسراپ قىلسىڭىز مەينەتكەن دەپ قارلىسىز،

ئەڭ ياخشىسى تاماقنى ئازراق ئاشۇرۇپ قۇيۇڭ بولمىسا تاماقلارنى قاچىڭىزغا ئۇسىۋىردۇ  {:92:}
بەت: [1]
: بىر نەچچە دۆلەتلەر تاماق ئۈستىلىدىكى قائىدە يوسۇنلار [تەرجىمە]