tashadem يوللانغان ۋاقتى 2011-11-7 10:42:23

قۇربان ھېيتلىق يۇمۇلار [كۆچۈرۈلمە]






















يۇمۇر


(1)


بىر قىز ئىشتىن چۈشكىچە كەچ بولۇپ كېتىپتۇ.قاراڭغۇدا قورقۇپ مېڭىۋاتسا،كەينىگە بىرسى ئەگىشىۋاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن قىز نەق زاراتگاھلىق تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ،ھېلىقى كىشىمۇ  كەينىدىن تەڭ يۈگۈرەپتۇ.قىز بىر قەبرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپتۇ-دە:


-دادا قەبرە ئىشكىنى ئاچە،ئاچقۇچ ئىلىۋىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن-دېيىشىگە،ھېلىقى كەينىدىكى ئەگىشىپ كېلىۋاتقان كىشى بەدەر قىچىپ كېتىپتۇ.قىز ئۇھ دەپ تۇرشىغا.قەبرىدىن:


-يەنە ئاچقۇچنى ئۇنتۇپ قاپسەن-دە.كىرە ئۆيگە-دېگەن ئاۋاز كەپتۇ.قىز ئالدى-كەينىگە قارىماي قىچىپتۇ.


ئەسلىدە قەبرىگە مۆكۈۋالغىنى جەسەت ئوغىرىسى ئىكەن.ئۇ قولىغا گۈرجىكىنى ئىلىپ قەبرىنى قازاي دەپ تۇرىشىغا،ياندىكى قەبرىدىن :


-كىچىك قىز بالىنى قورقۇتقۇچە تېزراق ئىشىڭنى قىلە گۇي.ما قەبرىدە ياتقىلى 80يىل بولاي دېدى،سېنى ساقلاپ كۆزۈم تۆت بولدى.-دېگەن ئاۋاز كەپتۇ.قەبرە قازغۇچى قورققۇنىدىن ھوشىدىن كېتىپتۇ.قەبرىدىن بىرى كىيىملىرىدىكى توپا-چاڭلارنى قىقىشتۇرغىنچە چىقىپ:


-مەندىن ئىش تالاشقانغا توي –دەپ ،ئالدىدىكى قەبرىنى كولاي دەۋاتسا،يىراقتىن دوڭ،دوڭ،دوڭ….قىلغان ئاۋاز كەپتۇ،قورققۇنىچە بېرىپ قارىسا بىر قېرى بوۋاي قەبرە تىشىدىكى خەتلەرنى قايتىدىن يازغىلى تۇرۇپتۇ.ھېلىقى جەسەت ئوغىرىسى لاغىلداپ تىتىرەپ تۇرۇپ:


-بوۋا،نېمە ئىش قىلىۋاتىلا؟-دەپ سوراپتۇ.بوۋاي ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي:


-ماۋۇ بەغىرەزلەرنى يىمەي-ئىچمەي باقساممۇ،قەبرە تاشقا ئىسمىمنى خاتا يېزىپ قويۇپتۇ.شۇنچە يىل ساقلىسام بىرسى كېلىپ تۈزتىپ قويمىدى.بۈگۈن ئاچچىقىمدا ئۆزۈم تۇزتىۋىتەي دەپ قەبرىدىن چىقىشىم-دەپتۇ.


ھېلىقى جەسەت ئوغىرىسى تىكلا چۈشۈپتۇ.


(2)


-قاراڭ دوختۇر،يېقىندىن بېرى كۆزۈم يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى-دەپتۇ بىمار.


-شۇنداقمۇ-دەپتۇ دوختۇر ۋە بىمارنى باشلاپ  دەرىزە ئالدىغا كېلىپ قۇياشنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ:


-ئاۋۇ نېمە –دەپ سوراپتۇ.


-قۇياش!


-ئەمسە دەڭچۇ قېنى،ئۇنۇڭدىن يىراق يەنە نەنى كۆرمەكچىتىڭىز-دېگۈدەك دوختۇر.


(3)


ئوغلى مېھمانخانا ئۆيدە مېھمان بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئاتىسىنىڭ قۇلقىغا بىر نېمىلەرنى دېمەكچى بولۇپ نەچچە قېتىم كەلسىمۇ،ئاتىسى سۆزلىگىلى قويماپتۇ ۋە ئەيىبلەپ:


-مېھمان بار يەردە بۇنداق قىلىش ئەدەپسىزلىك بولىدۇ،گەپ بولسا ئوچۇق دەۋەگۈلۈك،-دەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئوغلى دېمەكچى بولغان گېپىنى ئوچۇقلا دەۋىتىپتۇ:


-ئاپام،ئۆيدە كۆكتات قالمىدى،ئاتاڭغا دەپ قوي، مېھماننى تۇتۇپ قالمىسۇن،دەيدۇ.


(4)


بىر ئايال راك كېسلىگە گىرىپتار بولۇپ ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قاپتۇ.بالىلىرى ئاپىسىغا تەلمۈرۈپ قاراپ:


-ئاپا،ساقىيىپ كەتسەڭ بولاتتى.ئەگەر ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا ئۆگەي ئانىنىڭ قولىدا قانداقمۇ قىلارمىز؟-دەپتۇ.ئاپىسى بالىلىرىغا تەسەللى بېرىپ:


-ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم، ئاپام ئەيدىز بىلەن ئۆلۈپ كەتتى دەڭلار،داداڭلار ھەرگىزمۇ ئۆيلىنەلمەيدۇ.


(5)


بىر ئادەمنىڭ ئايالى يەڭگىپتۇ،ئۈچ كۈندە ئايىقى،تۆت كۈندە تىلى چىقىپتۇ.بىراق كىمنى چاقىرسا  شۇ ئۆلىدىكەن . بىر كۈنى موما دەپتىكەن مومىسى ئۆلۈپتۇ.يەنە بىر كۈنى بوۋا دەپتىكەن بوۋىسى ئۆلۈپتۇ.دادىسى:


-ماۋۇ گۇي كىمنى چاقىرسا شۇ ئۆلىۋاتىدۇ،دادا دەپ سالمىغېيتى-دەپ تۇرشىغا،دادا دەپ چاقىرىپتىكەن،دادىسى ئاپلا مەن ئۆلدۈم دەپ ئۆزىنى يەرگە تاشلىۋىتىپتۇ.بىر چاغدا كۆزىنى ئاچسا ساق ئۆلمىگەن.،بۇ نېمە ئىش دەپ تۇرشىغا خوشنىسىنىڭ بالىسى يىغلاپ كىرىپتۇ.نېمە بولدۇڭ دەپ سورىشىغا، ئۇ بالا يىغلاپ تۇرۇپ:


-دادام تۇيۇقسىز ئۆلەپ قالدى-دېگۈدەك.





مەنبە:ساغلاملىق ژورنىلى











xamxad يوللانغان ۋاقتى 2011-11-7 19:16:20

بىرىنچىسىنى ئوقۇپ بولغۇچە كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى، ۋايجان نىمانداق قىززىق  ....... \"\"

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2011-11-8 02:18:31

بىر فىرانسوز ماشىنا ياساش ئونىغا كەپتۇ ۋە رىمونتچى ئۇستامدىن: _ئەپەندىم،ماشىنامنىڭ چاقىنى يامىغىلى بولارمۇ؟ دەپ سوراپتۇ. ئۇستا چاقنى كۆرۈېتىپ :_ۋاي ۋۇي مۇشۇنداقمۇ ئۆتمۈتۆشۈك قىلىۋەتكەن بارمۇ چاقنى،كۆزىڭىز كۆرمىگەنمىدى؟ دىسە، _ۋاي ئۇ بوتۇلكا ئا ئەبلەخنىڭ يانچۇقىدىكەنتۇق،ئۇنى مەن قانداق كۆرىمەن دىگۈدەك.

     بىر فىرانسوز بىلەن بىر ئەنگىلىيىلىك پاراخوتتا ساياھەتكە مېڭىپتۇ.ئۇلار كۈندە ئەتىگەنلىك تاماقتا ئۇچرىشىپ قالىدىكەن.فىرانسوز ناھايىتى ئەدەپ بىلەن :_ بون ئاپېتى! (تامىقىڭىزنى ھۇزۇر بىلەن يەڭ) دەيدىكەن،بۇنىڭغا جاۋابەن ئەنگىلىيىلىكمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كىنەزلەرچە :_جون ۋىللىيام! دەپ قويىدىكەن. بۇ ئىش كۈندە تەكرارلىنىۋەرگەندىن كىيىن ئەنگىلىيىلىك كاپىتاندىن سوراپتۇ: _ئەپەندىم بۇ بون ئاپېتى ئەپەندىم نىمە بولغاندۇ ماڭا كۈندە ئۆزىنى بىر قېتىمدىن تونۇشتۇرىۋاتىدۇ؟ كاپىتان بون ئاپېتى دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى دەپ بەرگەندىن كىيىن ئەتىسى بۇ ئېنگىلىز ئالدى بىلەن بون ئاپېتى! دەپ سالام قىلسا ئاۋۇ فىرانسوز جون ۋىللىيام ! دەپ ۋارقىراپتۇ.

    بىر فىرانسوز بىلەن بىر ئامېرىكىلىق دۆلەت بايرىقىنىڭ پارىڭىنى قىلىپ قاپتۇ. فىرانسوز قىزىقچىلىق قىلىپ : _ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ بايراقتىكى قىزىل،ئاق،كۆكلەر  باج بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ مەسىلەن بىز باج تاپشۇرۇشنىڭ گېپىنى قىلغاندا قىزىرىپ كىتىمىز،باج تالونىنى تاپشۇرىۋالغاندا چىرايىمىز تاتىرىپ كىتىدۇ،باجنى تۆلەپ بولغاندا بولسا كۆكىرىپ كىتىمىز دىسە ئامرېكىلىق :_ بۇ رەڭلەرنىڭ مەنىسى بىزنىڭكى بىلەن ئوخشاپ قالىدىكەن ،بىر ئارتۇق يېرى بىزنىڭ كۆزىمىزگە يۇلتۇزلار كۆرۈنۈپ كىتىدۇ دەپتۇ.

     تىتانىك خادىغا ئۇرۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن قۇتقۇزۇش كىمىلىرى كىلىشكە باشلاپتۇ.بىر فىرانسوز ھېچنىمىگە قارىماي ئۆزىنى قۇتقۇزۇش كىمىسىگە ئاتماقچى بولىشىغا بىر ئەنگىلىيىلىك ئۇنى توختۇتىۋاپتۇ ۋە :_ئەپەندىم ،بۇ يەردە خانىملارنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن! دەپتۇ. فىرانسوز بولسا :_ۋاي ئەپەندىم،كاللىڭىز جايىدىمۇ؟مۇشۇنداق جىددى پەيتتە مېنىڭ گۈزەل ئاياللارنى خىيال قىلغۇدەك نەدە چولام، ھەرقانچە بولسا ھازىرلا ئۇلار بىلەن مۇھەببەتلىشىڭ دىمەيدىغانسىز؟ دىگۈدەك.

      بىر سىۋىتسارىيىلىك كونا سائەت سودىگىرى قېرىلار ساناتورىيىسىدا تۇرىدىكەن،سېستىرالار پاراڭغا چۈشۈپتۇ. _بۇ بۇۋاي خۇددى ئۆزى ساتقان سائەتلەردەكلا جۇمۇ! يەتتىدە بىر قېتىم كىچىك ،يەتتە يېرىمدا بىر قېتىم چوڭ! بىر قېتىممۇ خاتالىشىپ باقمىدى. _ چاتاق يېرى بۇ بۇۋاي سەككىزدە ئۇيغىنىدۇ!



     _بىر نامرات سىۋىتسارىيىلىك بىلەن بىر باي شىۋىتسارىيىلىكنىڭ پەرقى نىمە؟

     _پەرقى شۇكى نامرات شىۋىتسارىيىلىك مىرسىدىسىنى ئۆزى يۇيىدۇ!



      كورسىكا ئارىلىدىكى بىر ئادەمنىڭ بالىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرش ئېغىزچە ئىمتىھانىدىن قايتىپ كەپتۇ. دادىسى قانداق بولغىنىنى سورىسا ئوغلى خۇشال ھالدا: _دادا خاتىرجەم بول ،ئۇلار مېنى ئىككى سائەت سوراق قىلىپ ئېغىزىمنى ئاچۇرالمىدى! دەپتۇ. (كورسىكا ئارىلى فىرانسىيەنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئارال،مۇستەقىللىق داۋاسى قىلىپ تولا ئىش چىقىرارمىش)



      -دادا،دادا، مەن تۇغۇلغاندا كىم ماڭا ئەقىل بەرگەن؟

      _چوقۇم ئاپاڭ بىرىۋەتتى بالام چۈنكى مېنىڭ ئەقلىم جايىدا .



      ئوقۇتقۇچى بالىلارغا دەرس سۆزلەۋېتىپتۇ. _...ئۇ زامانلاردا كىشىلەر يوغان-يوغان تاشلارغا خەت يازىدىكەن...

بىر قىز ئوقۇتقۇچىدىن سوراپتۇ :_ ئەمىسە ئۇ چاغلاردىكى پوچتالىيونلار قانچە مائاش ئالىدىكەن؟  

     

      كىچىك قىزچاق ئاپىسىغا يۈگىرەپ كەپتۇ. _ئاپا ئاپا، قوشنىمىز بەك نامراتكەن!

       ئاپىسى : _نىمىشقا ئۇنداق دەيسىز قىزىم؟

       -دوستۇم ئەللىك تىيىنلىق تەڭگىنى يۇتۇۋېلىشىغا ئۇ ئۆيدىكى ھەممىسى چىقىراۋاتىدۇ.



      

     

         

      

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2011-11-9 01:05:22

تاش ئادەمنىڭ 5-يۇمۇرىنى ئوقۇپ مەن تىك چۈشتۈم

tuprakbag يوللانغان ۋاقتى 2011-11-10 00:55:06

ئاۋۇ تىتانىكتىكى فىرانسىيەلىك قاشقالىقمۇ نىمە؟ \"\"

diliyar0992 يوللانغان ۋاقتى 2012-2-14 22:33:46

ئالامەت قىزىق يومۇرلاركەن.................كۆپ رەخمەت!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! \"\"
بەت: [1]
: قۇربان ھېيتلىق يۇمۇلار [كۆچۈرۈلمە]