hislat_7 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-15 10:13:05

قۇياش سىستېمىسىدىكى يېڭى بايقاش[تەرجىمە]



سىنا خەۋەرلەر تورىنىڭ 15‏- نويابىر خەۋىرى    ئاسترونوملار مۇنداق بىر ئورتاقلىققا كەلدى: قوياش سىستېمىسىدا ئىزچىل ھالدا تۇت دانە گىگانت پلانېتا بار بولۇپ، ئۇلار ئايرىم ئايرىم ھالدا يۇپتېر، ساتۇرن، نېپتون، ئۇران ئىدى. ئەمما ھازىر ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىچە، قۇياش سىستېمىسىدا بەشىنچى بىر گىگانت پلانېتا بار بولۇپ، پەقەت مۇشۇ پىلانېتىلا ئىلگىرى قۇياش سىستېمىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.




ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى داۋېي ياسىغان كومپيوتېر تەقلىدىدە كۆرسىتىلىشىچە، سىتاستېكا نوقتىنەزەرىدىن تەھلىل قىلغاندا، قۇياش سىستېمىسىدا ئەسلىدىلا تۇت دانا پلانېتا بار بولۇش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن كىچىك ئىكەن. ئۇنىڭ ھېسابلىشىغا ئاساسلانغاندا، قۇياش سىستېمىسىنىڭ ھازىرقىدەك تۇت دانە پلانېتا سانى ھەم ئوربىتا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىگە بولۇش پۇرسىتىنىڭ نىسبىتى 2.5% بولۇپ، ئەمما ئىلگىرى بەشىنچى بىر پلانېتىنىڭ بار بولۇش نىسبىتى بۇنىڭ ئون ھەسسىسىدىنمۇ ئېشىپ كېتىدىكەن.




داۋېي 6000 قېتىم تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق، قۇياش سىستېمىسىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە دەسلەپكى تەرەققىياتىنى تەقلىد قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:" يېقىندا پلانېتلار ئارىسىدىكى بوشلۇقتا كەڭ كۆلەمدە ئەركىن ھەرىكەت قىلىپ يۈرۈيدىغان پىلانېتلارنىڭ بارلىقى بايقالدى، بۇ پىلانېتالارنىڭ ئېتىلىش جەريانىنىڭ تولىمۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. بۇنىڭدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، قۇياش سىستېمىسىدا دەسلەپتە يالغۇز تۆتلا پلانېتا بولۇپ قالماي بەلكى بىر قىسىمنىڭ ئېتىلىپ چىقىش مۇمكىنچىلىقىنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ."ئۇنىڭ قارىشىچە، يۇپتېر مەلۇم بىر باسقۇچلاردا تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە قۇياش سىستېمىسى مەركىزىدىكى يەر شارى بىلەن مارس بار بولغان ئورۇنغا قاراپ سىيرىلغان. ئەمماتۇيۇقسىز " تاقلاش" نەتىجىسىدە ،تېخىمۇ يىراق بولغان ئوربىتىغا بېرىپ قېلىپ، بەشىنچى پلانېتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىكى بوشلۇققا قىستاپ ئاپىرىپ قويغان.




بۇنىڭدىن 4.5 مىليارد يىل بۇرۇن، غايەت زور چاڭ توزانلار،ھاۋا، بۇلۇتلار گۈمۈرۈلۈش ئارقىلىق قۇياشنى ھاسىل قىلغان ۋاقىتتا، قۇياش سىستېمىسى ھاسىل بولۇشقا باشلىغان. تەخمىنەن ئون مىليون يىل ئۆتكەندىن كىيىن پلانېتلار ئاندىن پەيدا بولغان. ئەمما ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىل ئۇلارنىڭ ئوربىتىسى مۇقىم بولمىغان. ھازىر قۇياشنىڭ ئۆمرىنىڭ تەخمىنەن يېرىمى تۈگىگەن. يەنە تەخمىنەن 5 مىليارد يىلدىن كىيىن ، قۇياشنىڭ ھىدروگېن يېقىلغۇسى تۈگەپ، يوغىناپ گېلىينى يېقىلغۇ قىلىدىغان قىزىل رەڭلىك پىلانېتقا ئۆزگىرىپ يەر شارىنى گۇمران قىلىدىكەن.


مەنبە: سىنا خەۋەرلەر تورى

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-11-15 11:40:39

بۇنىڭدىن 4.5 مىليارد يىل بۇرۇن، غايەت زور چاڭ توزانلار،ھاۋا، بۇلۇتلار گۈمۈرۈلۈش ئارقىلىق قۇياشنى ھاسىل قىلغان ۋاقىتتا، قۇياش سىستېمىسى ھاسىل بولۇشقا باشلىغان. تەخمىنەن ئون مىليون يىل ئۆتكەندىن كىيىن پلانېتلار ئاندىن پەيدا بولغان. ئەمما ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىل ئۇلارنىڭ ئوربىتىسى مۇقىم بولمىغان. ھازىر قۇياشنىڭ ئۆمرىنىڭ تەخمىنەن يېرىمى تۈگىگەن. يەنە تەخمىنەن 5 مىليارد يىلدىن كىيىن ، قۇياشنىڭ ھىدروگېن يېقىلغۇسى تۈگەپ، يوغىناپ گېلىينى يېقىلغۇ قىلىدىغان قىزىل رەڭلىك پىلانېتقا ئۆزگىرىپ يەر شارىنى گۇمران قىلىدىكەن.

_____________________________________________________

مۇشۇنداق گەپلەرنى نېمىگە ئاساسلىنىپ ئېيتىدىغاندۇ شۇ ئالىملار... خاۋكىڭدەك ئولتۇرغان جايىدىن قوپماي تۇرۇپ نەزىرىيە سۆزلەيدىغان ئادەملەرنىڭ ئالەم ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنى پاكىت سۈپىتىدە ئوتتۇرغا قويۇشىغا ھەيرانمەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-11-15 14:41:28

مەنچە ئالەم ئارىسىدىكى زەررىچە، سىپىكتىر، دۇلقۇنلارنى تەتقىق قىلىپ تۇرۇپ دەيدۇ..





بەش- ئون يىل بۇرۇن، مۇنداق بىر خىل ئالەم بوشلۇقىدىكى زەررىچىلەرنى يىغىش كۆپتۈرمىسى ياسالغان:

ئۇ، مىليونلىغان كاۋاكچە قۇرۇلمىغا ئىگە، رەڭگى ئاسمان رەڭ، ئەسلىغۇ قاتتىق ماددىدىن ياسالغىنى بىلەن، ئالاھىدە كاۋاكچە قۇرۇلمىغا ئىگە بولغاچقا، يىنىكلىگىدىن ئۇنى قولدا تۇتۇپ تۇرغان كىشىگە: «قارىسام بار، تۇتسام قولۇمدا، لېكىن يوقتەكلا..» تەسىر بېرىدىكەن. ئۇنىڭ رولى: سۈنئىي ھەمراھ ئالەم بوشلۇقىغا چىققاندىن كېيىن، ئۇ قاپتىن چىقىرىلىدىكەن، ئالەم ئارا زەررىچىلەر بۇ كۆپتۈرمىگە سوقۇلغاندا، مىليونلىغان كاۋاك تاملىرىنى تېشىپ ئۆتۈپ سۈرئەت ئاستىلىتىپ، كاۋاكچىنىڭ ئىچىدە توپلىنىپ قالىدىكەن، سۈنئىي ھەمراھ يەر شارىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئالىملار بۇ كۆپتۈرمە ئىچىگە يىغىلىپ قالغان ماددىلارنى يىغىۋېلىپ، ئالەم ئارا زەررىچىلەر ئەۋرىشكىسىگە ئېرىشىدىكەن. قوشۇمچە: سۈنئى ھەمراھ ئاسماندا سىكونتىغا كېلومېتىر دەرىجىدە ئۇچىدىغان بولغاچقا، ئالەم ئارا زەررىچىلەر بىرەر قاتتىق جىسىمغا سوقۇلغان ھامان، تېزلىكنىڭ يوقىرى بولۇشى تۈپەيلى، سوقۇلۇش كۈچىنىڭ تەسىرىدە گازغا ئايلىنىپ كېتىدۇ- دە، يىغىۋېلىش مۇمكىن بولمايدۇ. بۇ كۆپتۈرمە ماتىرىيال، كاۋاكچە تاملىرىغا مىليون قېتىم سوقۇلۇپ ھەركەت ئېنېرگىيىسىنى ئاستا- ئاستا خورىتىش ئارقىلىق، ئالەم ئارا لەيلەپ يۈرگەن زەررىچىلەرنى «ساق- سالامەت» يىغىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.



(قانداق قىلىمىز ئەمدى، سۈنئىي ھەمراھتا يا تورمۇز، نە بېكەت بولمىسا..{:134:})

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-11-15 21:38:33

كىچىك ۋاقتىمدا ئوقۇغان بىر ماتىرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە قۇياش 5 مىليارد يىل ئىلگىرى تەنھا بۇلۇپ، بىر قىتىم ئۆزىدىن نەچچە ئون ھەسسە چوڭ تۇرغۇن يۇلتۇز قۇياشنىڭ يىنىدىن ئۆتكەندە قۇياشتىن نۇرغۇن ماددىلارنى سۈمۈرۈپ ئالغان. ئۇ چوڭ تۇرغۇن يۇلتۇز قۇياشتىن يىراقلىغاندىن كېيىن قۇياشتىن سۈمۈرۈلگەن بۇ ماددىلار سۇۋۇپ تۇققۇز چوڭ پىلانىتنى شەكىللەندۈرگەن.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2011-11-16 15:53:52

مەن 2،كۈن بولدى خاۋكىڭنىڭ مەركىزى تىلۋىزىيە ئىستانىسىدىكى بىر ھۆججەتلىك فىلىمنى كۈرىۋاتاتتىم. بىر تەجىربە ئىشلەپ ،يۇرۇقلۇق تىزلىكىگە چەكسىز يېقىنلاشقاندا،ئەرشتىكى بىر كۈن ،پەرىشتىكى بىر يىلغا باراۋەر دەيدا..
بەت: [1]
: قۇياش سىستېمىسىدىكى يېڭى بايقاش[تەرجىمە]