ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 11:38:10

كاۋاك كاپسۇل - «چاتاق كاپسۇل» ئىكەن

كاۋاك كاپسۇل - «چاتاق كاپسۇل» ئىكەن



تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى(2012-04-17) خەۋىرى:

دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەرلەر «چاتاق كاپسۇل»لارنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. 13 خىل دورىغا ئىشلىتىلگەن كاۋاك كاپسۇل مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش توختىتىلدى

2012-يىلى 16-ئاپرېل، ئىككى كىشى جېجياڭ ئۆلكىسى شىنچاڭ ناھىيەسىنىڭ رۇئاۋ بازىرىدىكى «جۇڭگو كاپسۇل يۇرتى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان ئېلان تاختىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتمەكتە

جېجياڭ ئۆلكىسى شىنچاڭ ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 16-ئاپرېل چۈش سائەت 12گىچە، ساقچى تەرەپ دورىغا ئىشلىتىلىدىغان زەھەرلىك، زىيانلىق كاۋاك كاپسۇلنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشقا چېتىشلىق 11نەپەر جىنايەت گۇماندارىغا قانۇنغا ئاساسەن جىنايى ئىشلاردىكى مەجبۇرلاش تەدبىرىنى قوللانغان. شىنچاڭ ناھىيەسى بارلىق كاپسۇل كارخانىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، تەكشۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلار بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدىكەن.

15-ئاپرېل چۈشتە، مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ھەپتىلىك سۈپەت دوكلاتى»دا خەۋەر قىلىنىشچە، شاۋشىن شەھىرىنىڭ شىنچاڭ ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم كارخانىلار كاۋاك كاپسۇل ئىشلەپچىقىرىشقا سانائەت يىلىمى ئىشلەتكەن. شىنچاڭ ناھىيە «جوكاڭ» كاپسۇل چەكلىك شىركىتى ۋە شىنچاڭ ناھىيە «خۇاشىڭ» كاپسۇل زاۋۇتى «چاتاق كاپسۇل»نى ئىشلەپچىقىرىشقا چېتىشلىق بولۇپ، ئاساسلىق كاپسۇل ئىشلەپچىقىرىدىغان ببۇ ئىككى كارخانا شىنچاڭ ناھىيەسىنىڭ رۇئاۋ بازىرىغا ماكانلاشقان. «كاپسۇل يۇرتى» دەپ نام ئالغان بۇ بازار مەزكۇر ناھىيەنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي بازىسى بولۇپ، ھەر يىلى  100 مىليارد دانىدىن ئارتۇق كاپسۇل ئىشلەپچىقىرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ كاپسۇللۇق دورا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 3/1ىنى ئىگىلىگەن.

شۇ كۈنى، مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى يەنە خېبېيدىكى بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ ئۆچۈرۈلگەن ھاكتىن پايدىلىنىپ تېرە تاشلاندۇقلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ ۋە ئۇنى قاينىتىپ سانائەت يىلىمى ھاسىل قىلىپ، شىنچاڭدىكى بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ كاپسۇللۇق دورا ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن سېتىپ بەرگەنلىكىنى، سانائەت يىلىمى ئىشلىتىلگەن بۇ دورىلارنىڭ دورا كارخانىلىرىغا ئېقىپ كىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىمارلار تەرىپىدىن ئىستېمال قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. تېرە تاشلاندۇقلىرى ئاشلىنىش جەريانىدا خروم تەركىبلىك ئاشلاش ماتېرىيالى كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا، بۇنىڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان كاپسۇللۇق دورىلارنىڭ خروم تەركىبى زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدىكەن. خروم بولسا كۈچلۈك زەھەرلىك  ئېغىر مېتال بولۇپ، ئاسانلا ئادەمنىڭ ھۈجەيرىسىگە كىرىۋېلىپ، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق ئىچكى ئەزالار ۋە DNAغا زىيان يەتكۈزىدىكەن، ئادەم بەدىنىدە يىغىلىپ قالسا راكنى ھەمدە گېنلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.






خروم تەركىبى ئېشىپ كەتكەن دورا





خروم تەركىبى ئېشىپ كەتكەن كاۋاك كاپسۇل ياساشقا چېتىلغان دورا زاۋۇتى









خروم تەركىبى ئېشىپ كەتكەن دورىلار بەزى دورا دۇكانلىرىدا يەنىلا سېتىلىشنى كۈتمەكتە





جوكاڭ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان كاۋاك كاپسۇل





خۇاشىڭ كاپسۇل شىركىتى









بۇ تېرە تاشلاندۇقلىرىدىن سانائەت يىلىمى ئېلىنىدۇ

★★★★★

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 11:53:18

بىر خەنزۇ تورداش بۇنىڭغا قارتا مۇنداق دەپ بىر ئنكاس يىزىپتۇ : تاشلىۋەتكەن ئەسكى ئايىمغىمدا ياسىغان كاپسۇلنى  سىزمۇ تېتىپ كۈرەمسىز

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 11:56:25

2004-يىلى بىر قېتىم پاش بولغان ئىش ئىكەن، لېكىن ھازىرغىچە بېسىلىپ يەنە كوتۇرلۇپ چىقىپتۇ. مۇشۇ ۋىجدانى يوق گۇيلار نى  \"\"

namsez يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 12:07:14

قايناق سۇ بىلەن كېسەل داۋالاش ...  ئاندىن جىمجىت ئولتۇرۇپ ئادەم ئۆز بەدىنىدىكى كىسەلگە قارشى ئىممۇنىت كۈچىدىن پايدىلىنىپ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ، بۇنىڭ ئۆزى بىر بىلىم ....بۇنى كېلەر قېتىملىق تېمامدا تەپسىلىي چۈشەندۈرىمەن ..

uzmakan يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 12:18:13

نىمە تىرە ئۇ، ئىنسانلار نىڭ يىمەيدىغان نەرسىسى قالماپتۇ ، بەزى نەرسىلەرنىڭ گۆشىنى يېمىسەكمۇ تېرىسىنى يەپ بىقىپتۇق مانا ،

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 12:20:44

ئىشىمىز ئوخشاپتۇ، مانا!  \"\"

سانائەت يىلىمى بۇ تەرقىدە تەييارلىنىدىغان بولسا، ھازىر سانائەت يىلىمى ئىشلىتىلمەيدىغان نېمە بار دەيسىلەر؟ دورىغا ئىشلىتىلمىدى دېگەندىمۇ باشقا نەرسىلەرگە ئىشلىتىلمەي قالامدۇ؟ ...

esiyan يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 12:31:07

يا ئاللا ماۋۇ ئىپلاسلارنىڭ دەستىدىن ياشىغىلى بولامدۇ يوق.ماۋۇ يەر شارىدا.ساختا سۈتنىمۇ مۇشۇنداق ئەسكى-تۈسىكى خۇرۇملارنى يىغىۋىلىپ ئىشلىسە.ساختا تۇخۇم.ساختا گۆش.ساختا ھەسەل، \"\" ئەمدى قوپۇپ ماۋۇ كاپسۇل چقسا،نىمانداق ئادەمنىڭ ھاياتىغا قەسىت قىلىدىغان شۇمپەنلەردۇ بۇ \"\"

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 13:17:01

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 13:44:43

دورىنىڭ ئاچچىقلىقىدىن كاپسۇلغا قاچىلايمىزمۇ ياكى تىبابەتتە باشقا سەۋەپ بارمۇ .

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 13:49:46

يائاللا، نۇمۇسسىزلار. \"\"

yolyol يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 14:37:00

ئاۋۇ 盖中 盖克 دىگەن خېلى داڭلىق بىرمىلەرتىغۇ @!~@   \"\"



\"\"






ھەي قاغا بىلەن بىر بولساڭ يىيىشىڭ پوق دىگەن مۇشۇمىدۇ ئەمدى  \"\"


saktikin يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 15:00:32


10- قەۋەتتىكى yolyolنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەي قاغا بىلەن بىر بولساڭ يىيىشىڭ پوق دىگەن مۇشۇمىدۇ ئەمدى


\"\"








شۇنداق  ،  قاغىلار  بىلەن  بىرگە  ياشاپ    يېيېشىمىز  پوق  بوپتۇ  مانا!!




tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 15:13:58

7- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىزمۇ دۇكانغا ئالغان ھەر كىلوسىنى 200كويدىن. كېيىن تۇيۇقسىز ئەرزانلاپ قالدى. بەزى ئادەملەرگە ھەيران قالىمەن، تىبابەت دورىسىنى سوقۇپ ، كاپ ئىتىپ بىرىڭ دەپ بەرسەك ، ۋايەي، بۇنداق ئاچچىق دورىنى يۇتالمايمەن، كاپسۇلغا قاچىلاپ بېرىڭ دەيتى. مانا كاپسۇلنىڭ ھالى ھەي،

  ئاۋۇ ھارام، ماۋۇ ھارام ، ماۋۇ شۈبھلىك دەپ كەتكەن غوجاملار بىر كۆرۈپ باقسا بولىدىكەن. قۇرۇق گەپنى جىق قىلغان بىلەن دورا ئوكۇلنىڭ مۇسۇنمانچىسىنى ئىشلەپ بىرىدىغاندەك.

ھالالكەن يەۋىرىڭ

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 15:27:00

ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن جايلار مەسىلە بار دورا كاپسۇلىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى



جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2012-04-17) خەۋىرى:

ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن جايلار مەسىلە بار دورا كاپسۇلىنى تەكشۈرۈشنى باشلىدى.

ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەرلەر 2012-يىلى 15-ئاپرېل تاراتقۇلار ئاشكارىلىغان 13 خىل دورىغا قۇرۇق كاپسۇل ئىشلىتىش ئىشىنى تەكشۈرۈشنى باشلاپ، بۇ خىل دورىلارنى سېتىش ۋە ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. مۇخبىرنىڭ 16-ئاپرېل بېيجىڭ شەھەرلىك دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، بېيجىڭ شەھىرى تاراتقۇلار ئاشكارىلىغان خىروم ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن مەھسۇلاتلارغا قارىتا، كېچىلەپ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇپ، «بېيجىڭ شەھەرلىك دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىروم ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن كاپسۇللۇق دورىلارنى سېتىش، ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى جىددىي چىقىرىپ، شۇ كۈندىن تارتىپ بېيجىڭ شەھىرىدىكى داۋالاش ئورگانلىرى، توپ سېتىش كارخانىلىرى ۋە دورىخانىلاردىن تاراتقۇلار ئاشكارىلىغان خىروم ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن 13 خىل مەھسۇلاتنى سېتىش، ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە بىردەك توختىتىش، پۈتۈن شەھەردىكى دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. بېيجىڭ شەھەرلىك دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى داۋالاش ئورگانلىرى، دورا پارچە سېتىش كارخانىلىرىنى دورا ئىشلىتىشكە مەسلىھەت بېرىش ۋە دورىگەرلىك مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كېسەللەرنى بۇ دورىلارنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى ياخشى تاللاشقا يېتەكلەشنى بۇيرۇدى. بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى يەنە 83979811 ئەرز تېلېفونىنى ئېلان قىلدى، شەھەر ئاھالىلىرى خىروم ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن مەھسۇلاتلارنى بايقىسا، بۇ تېلېفون ئارقىلىق ئەرز قىلسا بولىدۇ.

شاڭخەي شەھەرلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى 16-ئاپرېل مۇنداق دېدى: «دورا ئوبوروتىنى ئەمەلىي نازارەت قىلىش سىستېمىسى» بىلەن كېچىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شاڭخەي شەھىرىدىكى يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ قېتىم تاراتقۇلار ئاشكارىلىغان خىروم ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن 13 خىل دورىنىڭ شاڭخەي بازارلىرىغا كىرمىگەنلىكىنى بايقىدى؛ لېكىن بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تاراتقۇلار ئاشكارىلىغان باشقا ئالتە خىل دورا شاڭخەي بازارلىرىغا كىرگەن. نۆۋەتتە، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تارماقلىرى بارلىق دورا تىجارەت كارخانىلىرى ۋە داۋالاش ئورگانلىرىدىن بۇ خىل دورىلارنى سېتىش ۋە ئىشلىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، مال جاھازىسىدىن چۈشۈرۈپ، ئۆز جايىدا پېچەتلەشنى تەلەپ قىلدى. بۇندىن باشقا، شاڭخەيدىكى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تارماقلىرى دورا كاپسۇلى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئىككى كارخانىنىڭ خام ئەشيالىرى ۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈردى. نۆۋەتتە، شاڭخەيدىكى يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تارماقلىرى كاپسۇلغا ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى مەخسۇس نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە مەھسۇلاتلارنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشنى باشلىدى، لاياقەتسىز مەھسۇلاتلار بايقالغان ھامان قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەم جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ.

جېجياڭ ئۆلكىلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى تاراتقۇلار ئاشكارىلىغان جېجياڭ ئۆلكىسى شىنچاڭ ناھىيەسىدىكى ئىككى كارخانىنىڭ سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان يار يېلىم بىلەن دورىغا ئىشلىتىدىغان قۇرۇق كاپسۇل ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەسى ھەققىدە ئالاقىدار كارخانىلارنى جىددىي تەكشۈردى ھەم ئۆلكە بويىچە كاپسۇل تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىدى. نۆۋەتتە جېجياڭ ئۆلكىلىك يېمەكلىك، دورا، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان بۇ ئىككى كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، ئىسكىلاتى، مالىيەسنى پېچەتلىدى، مەسىلە بار مەھسۇلاتلار ۋە خام ئەشيالارنى ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشكە يوللىدى. بۇ ئىككى كارخانىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تارماقلىرىنى لاياقەتسىز كاپسۇل بىلەن دورا ئىشلەپچىقارغان كارخانىلارنى تەكشۈرۈپ، بۇنىڭغا چېتىشلىق دورىلارنى دەرھال پېچەتلەپ، سېتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش، سېتىلىپ بولغان گۇمانلىق مەھسۇلاتلارنى دەرھال قايتۇرۇپ كېلىشكە بۇيرۇدى. تەۋە جايلاردىكى دورا تىجارەت كارخانىلىرى ۋە داۋالاش ئورگانلىرىدىن گۇمانلىق دورىلارنى سېتىش ۋە ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ئۆلكىدىكى دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى چوڭ تەكشۈرۈپ، دورىغا ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇق كاپسۇل، يار يېلىم ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى، تەكشۈرۈشتە بايقالغان قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلدى.

دورىغا ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇق كاپسۇلدىكى خىروم ئۆلچەمدىن كېتىشكە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، چىڭخەي ئۆلكىسى گىلا دەندۇڭ دورىچىلىق چەكلىك شىركىتى ئامباردىكى 160 مىڭ تال قۇرۇق كاپسۇلنى پېچەتلىدى، شىركەتنىڭ كاپسۇل ئىشلەپچىقىرىشىنى ۋاقتىنچە توختاتتى ھەم ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى جىددىي يىغىۋېلىشقا باشلىدى. چىڭخەي ئۆلكىسى گىلا دەندۇڭ دورىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى قوشۇمچە سېتىش دىرېكتورى تيەن لياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تاراتقۇلار خىروم ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن 13 دورىنىڭ ئىسىملىكىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، چىڭخەيدىكى ئۆلكە، شەھەرلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تارماقلىرى 15-ئاپرېل شىركىتىمىزنىڭ سەككىز تۈردىكى 160 مىڭ تال قۇرۇق كاپسۇلىنى پېچەتلىدى. شىركىتىمىز كاپسۇل ئىشلەپچىقىرىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى ھەم 15-ئاپرېل جايلاردىكى ۋاكالەتچىلىرىگە جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شىركىتىمىز ئىشلەپچىقارغان بارلىق كاپسۇل مەھسۇلاتلىرىنى دەرھال پېچەتلەش، سېتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىش ۋە دەرھال يىغىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى.

★★★★★

http://www.uycnr.com/xwzx/lwzg/201204/t20120417_324671.html

★★★★★

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 15:40:45

ئەتىيازدا ئالدىنى ئېلىشقا تېگىشلىك كېسەللەر



شىنجاڭ گېزىتى(2012-04-16) ماقالىسى:

زۇكام: زۇكام ئەتىيازدا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ مەزگىلدە يۇقۇملۇق زۇكام تارقىلىدۇ. شۇڭا كىشىلەر تېمپېراتۇرىغا ماس كىيىملەرنى كىيىشى، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ دېرىزە - ئىشىكلەرنى ئېچىپ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇشى، سىرتقا چىقىپ يېنىك چېنىقىشى، تەرلەپ كەتكەندە كىيىم - كېچەكلەرنى ئالدىراپ سېلىۋەتمەسلىكى، سوغۇق تېگىشتىن ساقلىنىشى، ئۆيگە بارغاندا تەرلەپ ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىچ كىيىم ۋە تاش كىيىملەرنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇۋېتىشى، يۇقۇملۇق زۇكام تارقالغاندا ئاممىۋى سورۇنلارغا ئاز بېرىشى كېرەك.

تېرە كېسەللىرى: ئەتىيازدا تېرە قۇرغاقلىشىدىغان، يىرىكلىشىدىغان، يېرىلىدىغان ۋە قانايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئەتىيازدا تېرىگە سۇ تولۇقلاش زۆرۈر. خانىم - قىزلار تېرىگە سۇ تولۇقلاپ بېرىشى، نەملىك ساقلاش مايلىرىنى ئىشلىتىشى، ئوزۇقلۇق تەركىبىي مول يېمەكلىك، كۆكتات ۋە مېۋە - چىۋىلەرنى يەپ بېرىشى، سامساق، قىزىلمۇچ قاتارلىق يەللىك كۆكتاتلارنى ئازراق يېيىشى كېرەك.

جىددىيلىشىش خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى: ئەتىيازدا كۈندۈز ئۇزىراپ، كەچ قىسقىرايدىغان بولغاچقا، ئۇخلاش ۋاقتى ئازىيىدۇ، قىلىدىغان ئىشلارمۇ كۆپىيىپ بېسىم ئېغىرلىشىدۇ، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن مېڭە قان تومۇرلىرى قىسقىراپ، باش ئاغرىقى پەيدا بولىدۇ. ئەتىيازدا بۇ خىل كېسەلدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بەدەننى ئىسسىق تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، شوخلا، بۆلجۈرگەن، ئاپېلسىنلارنى كۆپرەك يېيىش، ئاچچىق، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش لازىم. مۇھىمى، كەيپىياتنى تەڭشەپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، روھىي بېسىمدىن خالىي بولۇش، سىرتتا كۆپرەك چېنىقىپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش كېرەك.

زىيادە سېزىمچانلىق: ئەتىيازدا بەدەنگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغان نەرسىلەر كۆپ بولغاچقا، تېرىنىڭ زىيادە سېزىمچانلىقى يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن گىرىم بۇيۇملىرىنى كۆپ ئالماشتۇرماسلىق، پۇرىقى كۈچلۈك گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىك، ھاراقنى كۆپ ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئاز يېيىش، يېتەرلىك ئۇخلاش، تۇرمۇشتا تەرتىپلىك بولۇش، گۈل چاڭلىرىنىڭ تەسىرىدىن، چاڭ - توزان، شامال، كۈن نۇرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش لازىم.

قالقانسىمان بەز يەللىكى: ئەتىيازدا كۆپ كۆرۈلىدىغان ۋىرۇسلۇق زۇكامغا سەل قارالسا، ئېغىرلىشىپ قالقانسىمان بەز يەللىكى كېلىپ چىقىدۇ. بۇ كېسەلدە بويۇن قىسمى ئاغرىش، قىزىش، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىش، كۆپ تەرلەش، ئورۇقلاش، ئىسسىققا چىدىماسلىق، كۆپ غىزالىنىش، چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا ئەتىياز پەسلىدە بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھاۋا ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىپ، بەدەننى ئىسسىق ساقلاپ، ۋىرۇسلۇق زۇكام، بادام بەز يەللىكى، ۋىرۇستىن بولغان نەپەس يولى يۇقۇملىنىش، بەك چارچاپ كېتىشلەردىن ساقلىنىش ھەم مۇۋاپىق چېنىقىپ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئەگەر كېسەل كۆرۈلسە، ۋاقتىدا مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.

ئاشقازان - ئۈچەي يەللىكى: ئەتىياز كېلىشى بىلەن يېڭى كۆكتات، مېۋە - چىۋىلەر چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ مەزگىلدە ئوزۇقلىنىش ئىلمى، پاكىز بولمىسا ئاشقازان - ئۈچەي يەللىكى كېلىپ چىقىدۇ. ئاشقازان - ئۈچەي يەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىدە ئىچى سۈرۈش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدە ئىلمى ئوزۇقلىنىش، يېمەكلىكلەرنىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

كاناي يەللىكى: كاناي يەللىكى ئەتىيازدا كۆپ كۆرۈلىدىغان نەپەس يولى كېسىلى بولۇپ، بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن زۇكامدىن ساقلىنىش، مۇۋاپىق چېنىقىش، تېمپېراتۇرىغا ماسلىشىش، نورمال كىيىنىش، ئۆي ئىچىنىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلىش، ئىشىك - دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.

يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرى: ئەتىيازدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى پەيدىنپەي ئۆرلىگەچكە بەدەندىكى ماددا مېتابولىزمى تېزلىشىپ، تېرە ئاستى قان تومۇرلىرى كېڭىيىدۇ؛ سىمپاتىك نېرۋىنىڭ قوزغىلىشچانلىقى ئېشىپ، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىدۇ؛ قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى ئۆرلەش، ئۇيقۇ ياخشى بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدە ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئوبدان تەڭشەش، چېنىقىپ بولۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ئۇسسۇزلۇق ئىچىش، ئوبدان ئۇخلاش، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.

★★★★★

http://www.uycnr.com/jy/zxxw/201204/t20120416_324331.html

★★★★★

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 15:57:00

جۇڭگوغىلا سېتىلىدىغان چەتئەلنىڭ سۈت پاراشوكلىرىغا قانداق قاراش كېرەك؟



جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2012-01-05) ماقالىسى:

يېقىندا بىر تورداش: توردا بىر تۈركۈم نوۋرىز ماركىلىق سۈت پاراشوكىنى سېتىۋالماقچى بولغاندا، مەزكۇر مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلغان ئورۇننىڭ ئادرېسىنى تاپالمىغانلىقى، ئۇنى چوقۇم ساختا چەتئەل مېلى دەپ گۇمان قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى، مۇخبىر تەكشۈرۈش ئارقىلىق نوۋرىز ماركىلىق سۈت پاراشوكىنى يېڭى زېللاندىيەدىكى ئىككى شىركەتنىڭ ۋاكالىتەن ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى، نۆۋەتتە پەقەت جۇڭگو بازارلىرىغىلا سېتىلىدىغان سۈت پاراشوكى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. بۇ خەۋەرنىڭ كەينىگە ئەمەلىيەتتە گەرچە چەتئەل ماللىرىغا بولغان ئىشەنچتە كىرزىسى كۆرۈلگەن بولسىمۇ ئەمما دۆلىتىمىز ئىستىمالچىلىرىنىڭ چەتئەل مېلىغا چوقۇنۇش ئىدىيەسىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىدەك بىر ھەقىقەت يوشۇرۇنغان.

2011-يىلى پۇرچاق سۈتى، سۆڭەك شورپىسى، چىۋىن قۇرتى توخۇ قانىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئارقا ئارقىدىن يۈز بەردى، كېنتاكى، ماكدونالت قاتارلىق دۆلەت ھالىقىغان ۋەكىللىك كارخانىلار، چەتئەل ماركىلىرى جۇڭگو بازارلىرىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىشەنچ كىرزىسىگە يولۇقتى، شۇنداقتىمۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ چەتئەل ماركىسىغا چوقۇنۇش ئىدىيەسى تەۋرەنمىدى.

بىر تورداشنىڭ يېڭى زېللاندىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان نوۋرىز ماركىلىق سۈت پاراشوكىدىن گۇمانلىنىشى ئەمەلىيەتتە مۇنداق بېشارەتنى يەنى ئىمپورت قىلىنغان مالدىن خاتىرجەم بولۇشتەك بىر پىسخىكىنى ئاشكارىلاپ قويدى، بۇ چەتنىڭ مېلىغا مايىل بولۇش بولۇپ، ئۇنىڭ كەينىگە ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى قىسىمەن ئەھۋاللار يوشۇرۇنغان.

خەلق ئاشلىققا تايىنىدۇ، ئۇزۇندىن بۇيان، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان چوڭ ئىش بولۇپ كەلدى، ئەمما كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرۇدىغىنى شۇكى بەزى مىللىي ماركىلار ئۆز ئىستىقبالىنى ۋەيران قىلدى، يېقىندا راك پەيدا قىلىدۇ دەپ تەكشۈرۈلگەن مېڭنيۇ ماركىلىق كالا سۈتى ۋەقەسى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە يەنە بىر قېتىم سىگنال بولدى، مۇشۇنداق چوڭ كارخانىمۇ ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمىسە، ئادەتتىكى كىچىك كارخانىلارغا نېمە دېگۈلۈك؟

دۆلىتىمىز مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىنىڭ ناچارلىقى ئىستېمالچىلارنىڭ چەتئەل مېلىغا توقۇنۇشىدىكى ئەڭ ياخشى سەۋەب، دەرۋەقە ئىستېمالچىلار دۆلەت مېلىنى ياخشى كۆردۈم دەپ ھاياتى ئارقىلىق بەدەل تۆلىسە بولمايدۇ-دە؟ لېكىن دۆلەت ئىچىدىكى ماركىلارغا سېلىشتۇرغاندا چەتئەل ماركىلىرىنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى، قويۇلىدىغان ئۆلچەم تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ دەپ كىممۇ ئېيتالىسۇن؟

ساختا چەتئەل سۈت پاراشوكى ۋەقەسى كىشىلەرنىڭ چەتئەل ماركىلىرىغا بېقىنىشىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرگە يەنە چەتئەل ماركىلىرىدىكى بەزى مەسىلىلەرنىمۇ ئاشكارىلىدى، بىرىنچى، چەتئەل ماركىلىرى سېتىۋالغاندا ئۇنىڭ سالاھىيىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، خەۋەرگە قارىغاندا، خېشېڭيۈەن سۈت پاراشوكىغا ئىزچىل تۈردە فىرانسىيە خېشېڭيۈەن دەپ يېزىلىدىكەن، ئەمما تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيە خېشېڭيۈەن شىركىتى گۇاڭجۇ خېشېڭيۈەننىڭ سالاھىيىتى گۇمان قوزغىغاندىن كېيىن ئاندىن 2008-يىلى قۇرۇلغانىكەن. ئۇندىن باشقا ئامېرىكا شوئىن ماركىلىق، يۈزدە يۈز ئىمپورت قىلىنغان دېيىلگەن سۈت پاراشوكنىڭ ئامېرىكا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تارماقلىرى تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىنمىغانلىقى ئاشكارىلاندى، شىركەتنىڭ لىدىرى ئاخىرى ئامالسىز: شوئىن شىركىتى جۈملىدىن شوئىن ماركىسى جۇڭگولۇقلارنىڭ دەپ ئىقرار قىلدى.

ماركا جىڭ بولغىنى بىلەن مەھسۇلاتنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن، ئالايلۇق، چەتئەل مەھسۇلاتى سودىسى قىلىدىغان بەزى شىركەتلەر جۇڭگولۇقلارنىڭ چەتنىڭ مېلىغا ئالاھىدە چوقۇنۇش پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ سۈت پاراشوكنىڭ ئورنىغا ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان سۈتلۈك مالتوزا قاتارلىقلارنى ياكى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئەرزان باھالىق سۈت پاراشوكىنى چەتئەلنىڭ دەپ ساتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىنىڭ قوش ئۆلچىمى ئاستىدا، ناھايىتى نۇرغۇن چەتئەل ماركىلىرى ئەخلاق ئۆلچىمىنى بوشىتىپ، قانۇندىن قورقماي، ساختىلىرىنى راست قىلىپ كۆرسىتىۋاتىدۇ.

ئىستېمالچىلارنىڭ چەتنىڭ مېلىغا بولغان چوقۇنۇشىنى كارخانىلارنىڭ ئىشەنچ مېخانىزمى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىك مېخانىزمىنىڭ ئورنىتىلىشىغا ياردىمى بولمايلا قالماستىن ئەكسىنچە كىرىزىسنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى،

ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، جارىنىڭ تولۇق ئەمەلىيلەشمەسلىكى چەتئەل ماركىلىرىنىڭ جۇڭگودا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، جامائەت پىكرى قوزغاش نىشانى بولۇپ قالدى، ئەمەلىيەتتە ئىستېمالچىلارنى خاتىرجەم قىلىدىغان بىر بازار بەرپا قىلىش ئۈچۈن نازارەت ۋە باشقۇرۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئىستېمالچىلارمۇ ئالدى بىلەن چەتئەل ماركىلىرىغا چوقۇنۇش ئىدىيەسىنى تۈگىتىپ، ئاقىلانە ئىستېمال قارىشىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك.

چەتئەلنىڭ ساختا ماركىلىق مەھسۇلاتلىرى شۇنچە قىممەت تۇرۇقلۇق يەنىلا تېز سېتىلىدۇ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان سۈت پاراشوكلىرى ئەرزان تۇرۇپمۇ سېتىلمايدۇ، دۆلەت ئىچىدە بەزى ساياھەتچىلەر ھەتتا ئاۋمىنغا بېرىپ چەتئەلنىڭ سۈت پاراشوكىنى سېتىۋالىدۇ، بۇ ئېنىقلا كەمسىتىش ئەمەسمۇ؟ بەزى ئوبزورچىلار مۇنداق دېدى: بازاردىكى سېتىش يوللىرىنى رەتكە سېلىپ، سۈت پاراشوكى ئارىسىدىكى ساختا چەتئەل ماركىلىرىنى تازىلاش ناھايىتى مۇھىم، ئەمما بۇنىڭ بىلەنلا ئاۋامنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ سۈت پاراشوكلىرى، جۇڭگونىڭ سۈت پاراشوكى سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ.

★★★★★

http://www.uycnr.com/xwzx/lwzg/201201/t20120105_250463.html

★★★★★

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 16:03:53

دورا باھاسى نېمە ئۈچۈن بىنورمال يۇقىرى بولىدۇ؟



جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2011-12-06)ماقالىسى:

يېقىندا دورا باھاسىنىڭ بىنورمال يۇقىرى بولۇش مەسىلىسى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارنى قوزغىدى. بەزى تاراتقۇلار دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى 1998-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 28 تۈرلۈك دورا باھاسىنى تۆۋەنلىتىش ھۆججىتى چىقارغانلىقىنى ئىستاتىستىكا قىلدى.

ئاددىي ھېسابلىغاندا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ دورا باھاسىنىڭ بىنورمال يۇقىرى بولۇشنى تىزگىنلىگىلى 20 يىلغا يېقىن بولغان.

20 يىل جەريانىدا قايسى سەۋەب دورا باھاسىنىڭ بىنورمال يۇقىرى بولۇشنى ھەل بولماس مەسىلىگە ئايلاندۇردى؟ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى داۋالاش ئىسلاھاتى مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى شيەنفا يېقىندا تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان دورا باھاسى بىنورمال يۇقىرى بولۇش مەسىلىسىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. ئەمما لى شيەنفا مۇنداق دېدى: دورا باھاسىنىڭ بىنورمال يۇقىرى بولۇشىدا ئالدى بىلەن بازار سەزگۈرلۈكىنى يوقاتقانلىقتىن، دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش تۈزۈمىگە تايىنىپلا دورا باھاسىنىڭ بىنورمال يۇقىرى بولۇشىنى يوق قىلىش تەس، ئەمما بۇ تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولمىسا، دورا باھاسىنىڭ بىنورمال يۇقىرى بولۇشى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ، بىمارلار بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بەدەل تۆلەيدۇ. لى شيەنفا ئۇزاقتىن بويان، داۋالاش ئاپپاراتلىرى سېتىۋېلىش تۈزۈمى ۋە داۋالاش دورا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلغان بولۇپ، جۇڭگودىكى «دورىغا خېرىدار چاقىرىش سېتىۋېلىشتىكى تۇنجى كىشى» دەپ تەرىپلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇ سەھىيە مىنستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ دورىغا مەركەزلىك خېرىدار چاقىرىش سېتىۋېلىش سىياسەت ھۆججىتىنى تۈزگۈچىلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە دوختۇرخانىلارنىڭ دورا سېتىۋېلىشى ئاشكارا بولدى، يېقىندا بېيجىڭ، شەندۇڭ قاتارلىقلار جايلار ئوخشاشلا خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما «ئوخشاش دورا پەرقلىق باھا » ھادىسىسى كۆرۈلگەنلىكىگە قارىتا لى شيەنفا مۇنداق دېدى: مەركەزلىك خېرىدار چاقىرىپ سېتىۋېلىش ئەندىزىسى دورا باھاسىنىڭ بىنورمال يۇقىرى بولۇشىنى تىزگىنلەيدۇ، بۇنىڭدا خاتالىق يوق.

لى شيەنفا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئېلىمىزدىكى دۆلەت ئىلىكىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دورا سېتىۋېلىشىدا ھەقىقەتەن ئىككى خىل تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ساقلانماقتا. بىرى، ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى تارقاتقان 56-نومۇرلۇق ھۆججەت، يەنە بىرى ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا سەھىيە مىنستىرلىقى قاتارلىق يەتتە تارماق بېسىپ تارقاتقان 64-نومۇرلۇق ھۆججەت. سىياسەت يۆنىلىشى بىردەك. ئەمما 56-نومۇرلۇق ھۆججەتتە خېرىدار چاقىرىش بىلەن سېتىۋېلىش بىرلەشتۈرۈلگەن، شەندۇڭ قاتارلىق جايلار 56-نومۇرلۇق ھۆججەت بويىچە ئاساسىي دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋالدى. كارخانىلارنىڭ خېرىدار چاقىرىشى- سېتىش جەريانىنىڭ ئاياقلاشقانلىقىدىن، 2-قېتىملىق سېتىشقا ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىدىن، دورا باھاسىنى خاتىرجەم تۆۋەنلەتسە بولىدىغانلىقىدىن، ھەتتا ئەڭ تۆۋەن باھادا خېرىدار چاقىرىشقا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

بېيجىڭ قاتارلىق جايلار 64-نومۇرلۇق ھۆججەت بويىچە دورىلارنى مەركەزلىك سېتىۋالدى، كارخانىلارنىڭ خېرىدار بولغانلىقى ئۇلارنىڭ يەرلىك بازارغا كىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن، 2-قېتىملىق سېتىشنى تېزلىتىش ئارقىلىق ئاندىن سېتىش جەريانىنى تاماملايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. كارخانىنىڭ 2-قېتىملىق سېتىشنى تېزلىتىش تەننەرخىنى مۆلچەرلىشى قېيىن بولغاچقا، ھەتتا چوڭ سودىگەرلەر شېرىنكاغا تايىنىپ سېتىشنى تاماملايدۇ، خېرىدار چاقىرىپ باھا مەلۇم قىلغاندا باھانى تۆۋەنلەتكىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە ۋاستە تاللىمايلا بىر قەدەر زور باھا بوشلۇقىغا ئېرىشەلەيدۇ. لى شيەنفا مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا دورا سېتىۋېلىش سىياسىتىنى يەنىمۇ تەڭشەشكە، دورا سېتىۋېلىش سىياسىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ۋە ماسلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇلار داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى.

★★★★★

http://www.uycnr.com/xwzx/lwzg/201112/t20111205_167927.html

★★★★★

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 16:10:40

دورا باھاسىدە نېمە ئۈچۈن بۇنچە چوڭ پەرق بولىدۇ؟



جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2011-11-21) ماقالىسى:

ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بەزى دورىلارنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى بىلەن دوختۇرخانىدا پارچە سېتىلىش باھاسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئارىدىن پايدا ئېلىش نىسبىتى ھەتتا %6500 دىن ئېشىپ كېتىدۇ،. ئۇنداقتا بۇنچە چوڭ پەرقلىق دورا باھاسىدا كىمنىڭ يانچۇقى تومپىيىۋاتىدۇ؟

مۇخبىر بۇ ھەقتە بىر يىلغا يېقىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان بەزى دورىلارغا خېرىدار بولۇش باھاسىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىدىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىدى، مۇخبىر ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان 20 خىل دورىنى تاللاپ تەكشۈرۈپ، بۇ دورىلارنىڭ زاۋۇتتىن چىقىپ، دوختۇرخانىغا بارغىچە بولغان ئارىلىقتا قالىدىغان ساپ پايدىنىڭ %500 دىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىدى.

داۋالاش ۋە دورا ساھەسىدىكى نۇرغۇن ئەربابلار: دورىدىن ھەددىدىن يۇقىرى پايدا ئېلىش ئەھۋالى قىسىمەن ئەھۋال دەپ ئىنكاس قىلدى، دورا كەسپىدىكى جاۋ ليەنبى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: دورا باھاسىدىكى پەرق ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بەش ھەسسىدىن ئاشىدۇ، بەزىدە 20،30 ھەسسىگىمۇ بارىدۇ، كەسىپ ئەھلىلىرى مۇخبىرغا بەزى دورىلارنىڭ باھا مۇندەرىجىسىنى بەردى، بۇ نەچچە يۈز دورا زاۋۇتىنىڭ نەچچە ئون مىڭ دورىسىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى ۋە دوختۇرخانىدا پارچە سېتىلىش باھاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۆپكە ياللۇغى، ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاغرىق توختىتىشقا ئىشلىتىلىدىغان بەزى دورىلارنىڭ زاۋۇتتىن چىقىپ دوختۇرخانىغا بارغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ساپ پايدىسىلا %400 دىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

ئەڭ ئەقىلگە سىغمايدىغىنى بۇنداق ئىككى خىل دورا باھاسى پەرقى: بىرى تيەنجىن دورىچىلىق گۇرۇھى شىنجېڭ پاي چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان 2 مىللىلىتىر 4 مىللىگىراملىق لاپپاكونىتى سۇيۇقلۇقىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى 52 پۇڭ، خېرىدار بولۇش باھاسى 16 يۈەن، دوختۇرخانىدا پارچە سېتىلىش باھاسى 18 يۈەن 40پۇڭ ، ئارىدىن ئالىدىغان پايدا %3400 دىن ئېشىپ كېتىدۇ، يەنە بىرى شەندۇڭ فاڭمىڭ دورىچىلىك پاي چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئىككى مىللىلىتىر 20 مىللىگىراملىق نىفوپام سۇيۇقلۇقىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى 32 پۇڭ، خېرىدار بولۇش باھاسى 18 يۈەن 49 پۇڭ، دوختۇرخانىدا پارچە سېتىلىش باھاسى 21 يۈەن 26 پۇڭ، ئارىدىن قالىدىغان پايدا %6500 دىن ئاشىدۇ، كېيىن يەنە مۇخبىرنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق مۇشۇ كەسپىدىكى ئەربابلار تەمىنلىگەن يۇقىرىقى باھانىڭ راستلىقى ئايان بولدى.

ئېلىمىزدە ھازىر يولغا قۇيۇلۇۋاتقان دورىغا مەركەزلىك خېرىدار چاقىرىش چارىسىغا ئاساسەن بارلىق ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئىشلىتىدىغان دورىلارنى رىقابەت باھاسى بويىچە سېتىۋېلىشى، باھانى يەرلىكتىكى ئۆلكە دەرىجىلىك دورا مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، ئېلان قىلىشى كېرەك، تەكشۈرۈپ بېكىتىلىپ ئېلان قىلىنغان بۇ باھا خېرىدار بولۇش باھاسى دەپ ئاتىلىدۇ، خېرىدار بولۇش باھاسى دوختۇرخانىلارنىڭ دورا سېتىۋېلىشىدىكى ئەڭ يۇقىرى باھا چېكى، شۇڭا رىقابەت باھاسىنىڭ بېكىتىلىشى دورا باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بەلگىلىك ئامىل بولۇپ قالغان.

مۇخبىر زىيارەت قىلىش جەريانىدا جايلاردىكى دورىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشنى ۋە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى خېرىدار بولۇش باھاسىنىڭ قانداق بېكىتىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان، مۇخبىر بىر دورا زاۋۇتى مەسئۇلىنى زىيارەت قىلغاندا بۇ مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى ئاشكارىلىغان: دورىغا خېرىدار بولۇش ۋە باھاسىنى بېكىتىش خىزمىتى دورا زاۋۇتىنىڭ ئىشى ئەمەس، ئۇنىڭغا كەسپىي داۋالاش، دورا ۋاكالەت شىركەتلىرى مەسئۇل بولىدۇ، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان ئاياللار كېسىلىنى داۋالايدىغان ئادەتتىكى بىر دورىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى يەتتە يۈەن، ئۇنىڭغا خېرىدار بولۇش باھاسى 56 يۈەن، بۇ جەرياندا يوشۇرۇن كەسىپ قائىدىسىگە ئەمەل قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.

بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: ۋاكالەتچى شىركەتلەر خېرىدار بولغاندىن كېيىن، قانچىلىك پۇل تاپىدۇ؟ دوختۇرخانا قانچىلىكىنى تۇتۇپ قالىدۇ؟ دوختۇرلارغا قانچىلىك قالىدۇ؟ ئاخىرىدا پۇقرالارغا قانچىلىكتىن چۈشىدۇ؟ مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر كەسىپ بەلگىلىمىسىدەك قىلىدۇ.

بۇ مەسئۇل كىشى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گەرچە بۇ دورىلاردىن ئارىلىقتا ئالىدىغان پايدا %800 دىن ئېشىپ كەتسىمۇ، ئەمما دورا زاۋۇتىمۇ بىر يۈەن ئەتراپىدا پايدا ئالىدۇ، 7 يۈەندىن 56 يۈەنگىچە بولغان ئارىلىقتىكى 49 يۈەن پۇل دورا ۋاكالەتچىلىرى، دورا شىركەتلىرى، دوختۇرخانا ۋە دوختۇرلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشىدۇ.

تەكشۈرۈش داۋامىدا، دورا توپ تارقىتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان بىر كىشى بۇ دورا زاۋۇتى مەسئۇلىنىڭ سۆزىنى ئىسپاتلاپ: بۇنداق پايدىنى تەڭ ئېلىش قېلىپى دورىغا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش، باسقۇچىدىكى يوشۇرۇن قائىدە دېدى.

دورىغا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى دورىغا خېرىدار بولۇش باھاسىنىڭ زادى قانداق بېكىتىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى، نېمىشقا دورىغا خېرىدار بولۇش باھاسىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقى قاتارلىق ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگىمۇ مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈش بەرمىدى.

ئۇقۇشىمىزچە، 2001-يىلدىن باشلاپ، ئېلىمىز دورىغا مەركەزلىك خېرىدار چاقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا باشلىغان، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دورا باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئۆرە بېكىتىلىپ كېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن ھەر بىر دورىغا قارىتا ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىش باھاسىنى بېكىتىپ، دوختۇرخانىلاردىن دورىلارنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسىنىڭ بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى، بۇنى كەسپىي خادىملار ئاسمان پەلەك باھا دەپ ئاتىدى، ئەمما مۇخبىر تەكشۈرۈش داۋامىدا نۇرغۇن دورىلارغا خېرىدار بولۇش باھاسى زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولسىمۇ، ھەتتا نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما دوختۇرخانىدىكى مۇشۇنداق خېرىدار بولۇش باھاسى بويىچە ھېسابلاپ چىقىلغان پارچە سېتىلىش باھاسىنىڭ تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ئېلان قىلغان ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسىدىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: دورىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسىنى بېكىتىشتىن مەقسەت  دورا باھاسىنى كونترول قىلىپ، دورا باھاسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولۇپ كېتىشىنى توسۇش، ئەمما ھازىرقى ئەھۋال شۇكى باھاسى ئاسمان پەلەك بۇ دورىلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسىنى زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى بىلەن سېلىشتۇرساق كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ. شەندۇڭ فاڭمىڭ دورىچىلىقى ئىشلەپچىقارغان ئىككى مىللىلىتىر 20 مىللىگىراملىق نىفوپام سۇيۇقلۇقىنى مىسال قىلىدىغان بولساق، ئۇنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى 32 پۇڭ، ئەڭ يۇقىرى پارچە سېتىلىش باھاسى 35 يۈەن 90 پۇڭ، ئۇنداقتا ئاسمان پەلەك باھا قانداق بېكىتىلىدۇ؟ مۇخبىر نۇرغۇن باھا باشقۇرغۇچى تارماقلار بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يۈز تۇرانە جاۋابىغا ئېرىشەلمىگەن.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دورا شىركەتلىرى، دوختۇرخانا، دوختۇر،خېرىدار چاقىرىش، دورىغا خېرىدار بولۇشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ ئالىدىغان پايدىسى يوشۇرۇن قائىدە، بۇ ئۆزگەرتىلمەيدىغان بولسا، دورىغا خېرىدار بولۇش باھاسىنىڭ نورمال دائىرىگە كىرىشى ناھايىتى قىيىن بولىدۇ، دورا باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دورىغا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش جەريانىدىكى ھەر خىل قالايمىقانچىلىقلارنى ھەل قىلىپلا قالماي يەنە دورىغا پىرسەنت قوشۇش سىياسىتىنى تەڭشەش كېرەك.

ئىگىلىنىشچە، نۆۋەتتە 2 ئا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دوختۇرخانىلار، خېرىدار بولۇش باھاسى بويىچە دورا سېتىۋېلىشى، دورىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا %15 باھا قوشۇپ بىمارلارغا سېتىپ بېرىشى كېرەككەن، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دورىغا پىرسەنت قوشۇش سىياسىتى ئەڭ دەسلەپ دوختۇرخانىلارنىڭ مۇۋاپىق پايدا ئېلىش ۋە نورمال تىجارەت قىلىشى ئۈچۈن چىقىرىلغان ئىدى، ئەمما يولغا قويۇش داۋامىدا دوختۇرخانىلار ھەمىشە قىممەت دورىلارنى كىرگۈزىۋاتىدۇ، ئادەتتىكى كېسەللەرنى داۋالايدىغان ئەرزان، ياخشى دورىلار دوختۇرخانىلارغا كىرەلمەيۋاتىدۇ.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ، يېڭى داۋالاش ئىسلاھاتى سىياسىتى مۇتەخەسسىسى گۇشىن مۇنداق دەپ قارىدى: دوختۇرخانىلاردا سېتىلىدىغان دورىلارغا %15 باھا قوشۇش سىياسىتىنى تېزدىن تەڭشەش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن دورا باھاسىنىڭ ھەددىدىن ئۆرە بولۇپ كېتىشىنى توسۇپ قالغىلى، بىمارلارغا نەپ يەتكۈزگىلى بولىدۇ، ئۇ مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئەگەر ھۆكۈمەت %15 قوشۇش تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى مۇستەقىل ھوقۇققا ئىگە قىلسا، ئۇلارنىڭ بازارغا بېرىپ ئەرزان مال كىرگۈزۈش يولى ئېچىلىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى بوشاتسا، مەيلى بىمار ياكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى ۋە ياكى دوختۇرخانا بولسۇن ھەممىسى نەپكە ئېرىشىدۇ.



تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەد

★★★★★

http://www.uycnr.com/xwzx/lwzg/201111/t20111121_164282.html

★★★★★

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 16:15:45

يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتامدۇ؟



جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2011-11-26) ماقالىسى:

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىنيەن، سەنچۇەن، ۋەنزەي ماتۇۋ قاتارلىق داڭلىق توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەردىن چاتاق چىقتى، ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ساغلاملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان سېرىق ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسى بايقالدى.

قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشى، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مەسئۇلىيەتتىن قېچىشى، ئاممىنىڭ گۇمانى سوئاللىرى بىلەن كارخانىنىڭ ئىنكاسى ئىچىدە ئېلان قىلىنغان توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنىڭ يېڭى دۆلەت ئۆلچىمى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ يېڭى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئاساسەن، سېرىق ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش- خاراكتېرىنى بېكىتىشتىن مىقدارىنى بېكىتىشكە ئۆزگەرتىلدى. يەنى يىمەكلىكلەردە ئاز مىقداردا سېرىق ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسى بولۇشقا رۇخسەت قىلىندى، بۇ ئۆلچەمنى بىر قىسىم كارخانىلار يولغا قويۇشقا باشلىدى ھەتتا ئۇلار بۇنى يىمەكلىكلىرىنىڭ ئۆلچەمگە توشقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان مۇداپىئە قالقىنى قىلىۋالدى.

يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئەھۋالى كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتامدۇ قانداق؟ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟ ئىستىمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى كىم قوغدايدۇ؟ ئامما يېمەكلىك يېڭى دۆلەت ئۆلچىمى نېمىشقا كەينىگە چېكىنىپ كېتىدۇ دەپ سوئال قويۇشتى، سەھىيە مىنىستىرلىقى بولسا مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى يېڭى ئۆلچىمىنى كونا ئۆلچەمدىن تۆۋەن بولۇپ قالدى دېيىش بىر خىل خاتا قاراش، يېڭى ئۆلچەم خەلقئارالىق ئۆلچەم بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى، ئۇ خەلقئارالىق مىكرو جانلىقلارنى نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنىڭ تەلىپىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.

ئۆلچىمى تۆۋەن بولۇش زادى ئىلمىي ۋە مۇۋاپىقمۇ؟ ئىشىنىمىزكى، ئاقىلانىلىك ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرقى جاۋابقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەمما ھەر قېتىم يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەقەسى كۆرۈلگەندە كىشىلەر ھامان نەزىرىنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە مەركەزلەشتۈرىدۇ، بۇ ئەلۋەتتە كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. نېمە ئۈچۈن بىتەرەپ، ئوبيېكتىپ بولغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى ئاممىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرايدۇ؟ ئەگەر يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىمۇ ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمىسە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ مۇداپىئە سىزىقىنى قانداقمۇ قۇرغىلى بولىدۇ؟

ھەرقانداق بىر ئۆلچەمنىڭ ھەممىسى دەۋرنىڭ مەھسۇلى، ئۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى ، دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىشى، تەرەققىيات باسقۇچىغا ماسلىشىشى كېرەك. ئەمما ئۆزىمىزنى قاچۇرۇشقا بولمايدىغان ئەمەلىيەت شۇكى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەقەسى كەينى كەينىدىن يۈز بېرىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئېلىمىزنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى ۋاقتىدا يېڭىلانمىدى، بىر قىسىم ئۆلچەملەر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بىر ئىزدا توختاپ قېلىپ، 20-30 يىل ئۆزگەرتىلمىدى. ئەمەلىيەتتە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن نۇرغۇنلىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرى بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ئەلۋەتتە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرمىدى، دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. نۇرغۇنلىغان ئۆلچەملەرگە باشقىدىن قاراپ چىقىلىپ ئۆزگەرتىلمەكتە. ئەمما ھەر قېتىم بۇ يېڭى ئۆلچەملەر چىقىرىلغاندا، ئامما بۇنىڭغا سوئال قويۇشماقتا. بۇنى چۈشەنمەك تەس ئەمەس: چۈنكى ئۆلچەمنى بېكىتىشكە قاتناشقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇشى كېرەك، بۇنداق چەكلىمە بولغاچقا ئالاقىدار تەرەپلەر، كارخانا ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئىشىكنى تاقىۋېلىشنى ئادەت قىلىۋالغان. ئۆلچەم بېكىتىش جەريانى يۇقىرىقىدەك بولغاچقا، ئامما بىلىش ھوقوقىي، قاتنىشىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قېلىپلا قالماستىن، بەلكى ئامما ئارىسىدا بۇنىڭدا چوقۇم ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان يوشۇرۇن سىر بار دەيدىغان گۇمان پەيدا قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر قېتىم خەلق ئاممىسى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى بەك تۆۋەنلەپ كەتتى، دېگەندە، مۇنداق بىر سادا كۆتۈرۈلۈپ: ئۆلچەمنى بېكىتىش دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىشى كېرەك، دېگەننى تەشەببۇس قىلدى. بۇ خىل قاراشنى خاتا دېيىشكە بولمىسىمۇ، ئەمما بەزى چاغلاردا تېمىسى بىلەن مەزمۇنى ماس كەلمەيۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بەش قولنى بىراقلا ئېغىزغا تىققىلى بولمايدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى ئەمەلىي ئەھۋالىغىمۇ ھۆرمەت قىلىدۇ. ئەمما ئاممىنىڭ قوبۇل قىلالمايدىغان يېرى شۇكى، مېلامىن ۋەقەسىدىن تارتىپ ئورۇق گۆش جەۋھىرى ۋەقەسىگىچە بولغان ئىشلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى، نۇرغۇنلىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچەملىرى ئاللىقاچان دۆلەت ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالدى. تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگو ئارقىدا قالغان

بۇ قالاق ئۆلچەملەردىن ۋاز كېچىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ھازىر بۇ كونا ئۆلچەملەر يەنىلا رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

كىشىلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى قايتا تۈزۈپ چىقىشقا بولغان تىلىكىگە- ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاددىيلا ئىنكاس قايتۇرۇپ بەرگەن جاۋابى كۇپايە قىلمايدۇ. ئۇلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنىڭ دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئارقىدا قالغان-قالمىغانلىقى، ئۆلچەم بېكىتىشنىڭ ئاشكارا بولغان-بولمىغانلىقى، بېكىتىش ھوقۇقىنى ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ياكى كارخانىلارنىڭ ئىگىلىۋالغان-ئىگىلىۋالمىغانلىقى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشى كېرەك. پەقەت مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىلگەندىلا، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى ئاندىن ئاممىنىڭ قىزىق ئەندىشىسىنى قوزغىمايدۇ، شۇنداقلا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ ھەقىقىي مۇستەھكەم قورغىنىغا ئايلىنالايدۇ.

★★★★★

http://www.uycnr.com/xwzx/lwzg/201111/t20111126_165558.html

★★★★★

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-4-17 16:20:01

دوختۇرلارنىڭ كېسەلگە خاتا دىياگنوز قويۇشى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىشمۇ؟



جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2011-11-10) ماقالىسى:

لى چىڭچىڭ 2-نويابىر كەچتە قورسىقى ئاغرىپ دوڭگۈەن شەھىرى تاڭشيا دوختۇرخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرتىدۇ، دوختۇر ئۇنىڭغا بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش دەپ دىياگنوز قويۇپ، ئۇنىڭغا دەرھال ئوپېراتسىيە قىلدۇرمىسىڭىز بولمايدۇ دەيدۇ. شۇ كۈنى كەچتە، باش ئوپېراتسىيەچى ئوپېراتسىيەخانىدىن چىقىپ، لى چىڭچىڭنىڭ يولدىشىغا بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش ئەمەس، بەلكى سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى ئىكەن دەپ، ئۇنىڭدىن سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى ئوپېراتسىيەسىگە قوشۇلىمەن دەپ قايتا ئىمزا قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن لى چىڭىڭنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، دوختۇرخانا بۇنداق خاتا دىياگنوز قويۇلۇش نورمال ئەھۋال دەپ تۇرۇۋالىدۇ، نۆۋەتتە دوختۇرخانا بىمار بىلەن بۇ ھەقتە كېڭەشمەكتە.

ھازىرقى تېخنىكا شارائىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، داۋالاش دىياگنوزىدا كەتكۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش تەس. 2008-يىلى، مەملىكەت بويىچە تۇنجى «جۇڭگو مېدىتسىناسىدا خاتا دىياگنوز قويۇش ھۆججەتلىرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» تەتقىقاتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئېلىمىز دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن خاتا دىياگنوز قويۇش نىسبىتى %27.8 بولۇپ، خەلقئارا سەۋىيەدىكى %30 بىلەن ئاساسەن تەڭلەشكەن. بۇ-خاتا دىياگنوزنىڭ دۇنياۋى مېدىتسىنا ھادىسىسى ئىكەنلىكى، ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بولغان تەقدىردىمۇ، بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھازىرقى داۋالاش سەۋىيەسىدە تېخى %100 توغرا دىياگنوز قويۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋالدا، بۇنداق رېئاللىقنى سىز قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك.

لېكىن نۆۋەتتىكى مەسىلە خاتا دىياگنوز قويۇشتا ئەمەس، بەلكى داۋالاش ئورگانلىرى ۋە دوختۇرلارنىڭ خاتا دىياگنوزغا تۇتقان پوزىتىسىيەسى، خاتا دىياگنوزنى نورمال ئەھۋال دەپ تۇرۇۋالىدىغان قورقۇنچلۇق تەپەككۇردا ئىپادىلەنمەكتە. كېسەل دوختۇرخانىغا كىرگەن ھامان، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي دوختۇرخانىغا تاپشۇرىدۇ، نېمە كېسەل، بۇنى قانداق داۋالاشنى دوختۇرخانا بېكىتىدۇ، دوختۇرخانا كېسەللەرنىڭ ھاياتىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. دوڭگۈەن شەھىرى تاڭشيا دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلار بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش بىلەن سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىنى ئاسانلا ئارىلاشتۇرۇپ قويغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەسىپ جەھەتتىكى ئالاقىدار كۆرسەتمىلەرنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، يەنە خاتا دىياگنوز قويغان شۇنداقلا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، كېسەلنىڭ روھىي ۋە پىسخىكا جەھەتتىكى يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن، شۇنداق بولغان ئىكەن، بۇنداق ئاتالمىش نورمال ئەھۋالنى ھەقىقەتەن نورمال ئەھۋال دېگىلى بولمايدۇ.

مەيلى قانداق سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، نورمال، ئېھتىماللىق ئىچىدە بولسۇن ياكى دوختۇرخانا يول قويغان دائىرىدە بولسۇن، بۇنىڭ ھەممىسىنى كېسەل ئەمەس، بەلكى دوختۇرخانا ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بولمىسا، نورمال ئەھۋال قارىشى تونۇش جەھەتتىكى چەتنەشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. مەسىلەن: دوختۇرخانا ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئويلىشىپ مۇمكىنچىلىكنىڭ مۇقەررەرلىككە ئايلىنىشىغا يول قويۇپ، ئاخىرىدا ئاتالمىش نورمال ئەھۋالدىكى مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىپ قويىدىغان ۋە خېيىم-خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان باھانىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشى مۇمكىن. ئارقىدىن، داۋالاشتىكى بارلىق خاتالىقنى خاتا دىياگنوز بىلەن يېپىپ، داۋالاش ۋەقەسىنى چەكلىشى تەسكە چۈشۈشى مۇمكىن.

بۇ ھەرگىز قورقۇتۇپ ئېيتىلغان گەپ ئەمەس، بەزى خەۋەرلەر بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ. يېقىندا، شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرىدىكى ۋاڭ خانىمغا ئۆپكە راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى، ئۈچ ئايلا ياشىيالايدۇ دەپ دىياگنوز قويۇلىدۇ، خىمىيەلىك داۋالاشتىن كېيىن ئەھۋالى بارغانسېرى يامانلىشىدۇ، شۇڭا دوختۇرخانا ئالمىشىپ تەكشۈرتكەندىن كېيىن خاتا دىياگنوز ئىكەنلىكى بايقىلىدۇ، لېكىن زىيادە خىمىيەلىك داۋالاشتا ئۆپكىنىڭ سول قانىتى ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقتىن كېسىپ تاشلىنىدۇ. ۋاڭ خانىم جاۋابكار دوختۇرخانىغا بېرىپ، بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، دوختۇرخانا 30 نەچچە يالغان كېسەللىك تارىخىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىدۇ. دوختۇرخانىنىڭ بۇ خىل قىلمىشى ئورتاقلىققا ئايلىنىپ قالدى، نۇرغۇن دوختۇرخانىلارنىڭ خاتا دىياگنوزغا تۇتقان پوزىتىسىيەسى پاكىتنى سەمىمىيلىك بىلەن ئېتىراپ قىلىش بولماستىن، بەلكى ھەقىقىي ئەھۋالى يوشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دۆڭگەپ قويۇش بولماقتا، نەتىجىدە دوختۇرخانا بىلەن كېسەللەرنىڭ مۇناسىۋىتىدە يوشۇرۇن خەۋپ كېلىپ چىقتى.

شۇڭا، خاتا دىياگنوزغا تۇتقان پوزىتسىيە تېخنىكىدىنمۇ مۇھىم. بىر تەرەپتىن، دوختۇرخانا بىلەن دوختۇرلار سەمىمىي پوزىتسىيە بىلەن داۋالاشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەك، بۇ-داۋالاشنىڭ ئىلمىيلىكىنى بەلگىلىگەن. ئەگەر ئۆزىنى قاچۇرسا، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغىلى بولمايدۇ، سەۋەبىنى ئىزدەپ، ئۈنۈملۈك باھالىسا ھەم خىزمەت تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرسە، خاتا دىياگنوز قويۇش نىسبىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر خاتا دىياگنوز قويۇش ئەمەلىيىتىگە بىۋاسىتە يۈزلەنمەي، تۈزۈم جەھەتتىن دۆلەتنىڭ تولۇقلىما تۈزۈمىنى ئورناتماي، خەتەرلىك ئەھۋال پەيدا قىلسا، ئاخىرىدا دوختۇرخانا بىلەن كېسەللەرنىڭ ئىناق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش تەسكە چۈشىدۇ.

خاتا دىياگنوزدىن ساقلانغىلى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ نورمال ئەھۋال ئەمەس، بۇنى داۋالاش ۋەقەسىنىڭ باھانىسى قىلىۋېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

★★★★★

http://www.uycnr.com/xwzx/lwzg/201111/t20111110_160843.html

★★★★★
بەت: [1] 2 3
: كاۋاك كاپسۇل - «چاتاق كاپسۇل» ئىكەن