boztaghliq يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 02:58:36

ئىككى مىڭ يىللىق دۇنيا تارىخنى قايتا يېزىشقا توغرا كېلىدۇ

باشتا
دىنلار تارىخى بولۇش بىلەن بىرگە، پۈتۈن دۇنيا تارىخىنىڭ ئىككى مىڭ يىللىق
بۆلۈمىنى قايتا يېزىشقا مەجبۇر قىلىدىغان بىر ۋاقە «بارناباس ئىنجىلى»نىڭ تېپىلىشى
بولۇپ، بۇ ھەقتىكى بەزى مەلۇماتلار مۇنداق:

1981 ـ يىلى
تۈركىيەنىڭ ھاققارى ۋىلايىتىدىكى بىر غاردىن شۇ يەرلىك دىھقانلار ئوۋغا چەىقىپ
ئىتلىرىنى يۈتتۈرۈپ قويىدۇ. ئىتلىرىنى ئىزدەپ بىر غارغا كىرگەنلىرىدە، ئىتنىڭ
قاۋىغان ئاۋازى قاراڭغۇلۇقتا ناھايىتى چوڭقۇردىن ئاڭلىنىدۇ. ئۇلار غار ئىچىدىكى
چوڭقۇرلۇققا يېتەلمەي، قايتىپ كېتىپ، ئەتىسى ئۇزۇن ئارغامچىلار ئېلىپ كېلىپ، 150
مېتىر چوڭقۇرلۇققا چۈشۈپ، ئۇ يەردە 354 ئۆيلۈك بىر «يەر ئاستى شەھرى»گە ئۇچرايدۇ.
شۇ يەردە بىر لەھەتتە بىر جەسەتنىڭ كۆكسىدە تۇرغان ئاتقۇلاق يوپۇرماقلىرىغا
يېزىلغان كونا قوليازمىلارنى تېپىۋالىدۇ. كىتاپ ئارامى تىلى مۇتىخەسسىسى
پروففىسسور ھەمزە خوجاگىلگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ھەمزە ئۇنىڭ ئارامى تىلىدا
سۈريانى يېزىقى بىلەن بىرىنچى ئەسىردە يېزىلغان «بارناباس ئىنجىلى» ئىكەنلىكىنى
بىلىدۇ. ئارامى تىلى ئىسا ئەلەيھىسسلامنىڭ ئانا تىلى بولۇپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2
ـ يىللاردىن مىلادىيىنىڭ 7ـ ئەسىرى
(ئىسلامىيەت) كىچە ئارىلىقىدا بابىل ۋە ئاسۇر دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان
مىسسوپوتامىيەدە ھۆكۈمران تىل بولغان ئىدى ۋە ئىسلام بىلەن بىللە تارقالغان ئەرەپ
تىلى تەرىپىدىن تەدرىجىي ئىستىمالدىن قالدۇرۇلغان.

پروففىسسور
ھەمزە سابىق تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى تۇرغۇت ئۆزالنىڭ قوللىشى بىلەن ئىككى يىل
ژاندارما قارارگاھىغا يوشۇرۇنۇپ، ئاندىن ئالاھىدە ئۇرۇش مەھكىمىسىگە يۆتكۈلۈپ،
تەرجىمە ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ.

دىققەت
قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، خىرىستيانلىق قوبۇل قىلغان تۆرت ئىنجىلنىڭ
ھىچبىرىنىڭ ئارامىچە ئورگىنال نۇسقىسى يوق بولۇپ، ئەڭ كونىسىمۇ گېرىك تىلىدا
يېزىلغان ۋە ئىسادىن نەچچە ئەسىر كېيىن
4 ـ ئەسىردە مەيدانغا كەلگەن. بۇ ھال ئىسانىڭ تارىخسەللىكىگە، تۆرت ئىنجىلنىڭ
توغرىلىقىغا شەك چۈشۈرۈدىغان ئەقەللىي سوئاللارنى تۇغدۇرۇدۇ. بۇ ئەڭ دەسلەپكى
گىرىكچە نۇسقىلارمۇ بەشمىڭدىن كۆپ بولۇپ، ھەر بىرى باشقىلىرى بىلەن زىت كېلىدۇ.
پەقەت لۇكائىنجىلىنىڭ 450 قوليازما نۇسقىسىدا 30مىڭدىن ئارتۇق ئوخشىماسلىق
تېپىلغان.

ئىنجىل،
«قۇرئانى كەرىم»گە ئوخشاش ۋەھىي ئەلچىسى جىبرىئىل تەرىپىدىن پەيغەمبەرگە يادلىتىلغان
شەكىلدە ئەمەس، ئىسانىڭ قەلبىگە بىۋاسىتە نازىل بولغان. ئىسا قەلبىگە نازىل
قىلىنغانلارنى ئاۋال ھاۋارىيلىرىغا سۆزلىگەن. ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر تارىخىي يىپ
ئۇچى ئىنجىلنىڭ ئىسا ھايات ۋاقتىدىلا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئەكسىچە،
ئىسانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن بىرنەچچە يىل، ھەتتا تۆرت يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن
يېزىلغان. يەنى، ئاۋال ھاۋارىيلار خاتىرىسىدە قالغانلىرىغا ئاساسەن يازغان؛
كېيىنكىلەر ئۇلارنىڭ يازغانلىرىنى مەنبە قىلىپ، ئۆزىنىڭ زامان ۋە ماكانغا كۆرە
قوبۇل قىلغانلىرىنى قوشۇپ ياكى ئۆز چۈشەنچىسىگە توغرا كەلمىگەنلىرىنى تەھرىرلەپ
يازغان. مانا شۇنداق قىلىپ، ئىنجىلنىڭ بىر
ـ بىرىگە ئوخشىمايدىغان ھەتتا بىر ـ بىرىگە تۈپتىن
زىت مىڭلارچە نۇسقىسى مەيدانغا كەلگەن.

ئاساسىي
زىددىيەت تەۋھىد ئەقىدىدە بولۇپ، ئىسانىڭ پەيغەمبەر ياكى خۇدالىقى (خۇدانىڭ
ئوغلىلىقى)
ئاللاھنىڭ بىرلىكى ياكى ئاتا ـ ئوغۇل
تەڭرى ۋە مۇقەددەس روھتىن ئىبارەت ئۈچ خۇدالىق ئەقىدە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت
ئىدى.

ئاللاھنى
بىر دېگۈچىلەر بارناباس تەرىپىدىن يېزىلغان ئىنجىلنى ئاساس قىلاتتى؛ باشقىلىرى
كېيىن يېزىلغان ئىنجىللارنى ئاساس قىلاتتى. يەھۇدىيلارنىڭ ئەجداتلىرىدىن
كېلىۋاتقان دىنىي ئېڭىغا كۆرە ئاللاھ بىر ئەلچى ئەۋەتەتتى ۋە بۇ ئەلچى ئەينى
ۋاقىتتا يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى بولاتتى. يەھۇدىيلار بۇ مەسىھ سايىسىدە
رىملىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلاتتى. بۇ شۇ زاماندا رىم ئىمپىرىيىسى
ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان پەلەستىننىڭ ئازاتلىق ئۈمىدى ئىدى. ئىسانىڭ كېلىشى، رىم
ئىمپىرىيىسى ئۈچۈن خۇش قارشىلىنىدىغان بىر شەيئى ھېساپلانمايتى. كۆپ تەڭرىلىك
ئېتىقاتتا بولغان رىم ئىمپىرىيىسى يەھۇدىيلارنىڭ دىنىنى قوبۇل قىلالايدىغان ئاڭ
قۇرۇلمىسىدا ئەمەس ئىدى. بۇ ھالدىن پايدىلانغان شۇ زاماندىكى قورچاق يەھۇدىي
پادىشاھى، رىملىقلارنى ئۆزىگە ھىمات قىلىپ، تەختىگە خىرىس ھىساپلىنىدىغان كەلگۈسى
مەسىھنى كۆرۈلگەن ھامان يوق قىلىش مايىللىقىدا ئىدى. شۇڭا، ئىسانى شۇ زامان
يەھۇدىي ھۆكۈمران گورۇھى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، كىرىستقا مىخلىغان (ئىسلام ئەقىدىسىگە
كۆرە، ئۇلار ئىسا سۈرىتىگە كەلتۈرۈلگەن يەھۇدا
ئىسانى
ساتقان ھاۋارى
نى كىرىستقا مىخلىغان. ئىسا جازا مەيدانىغا توپلانغان ئادەملەر
ئىچىدە بولۇپ، بىرنەچچە شاگىرتىغا كۆرۈنگەن، كېيىن ئاللاھ ئۇنى كۆككە ئېلىپ چىقىپ
كەتكەن).

ئېتىقاتتىكى
زىددىيەت كۈنسېرى كۈچەيگەن. تاكى 4
ـ ئەسىرگە بارغاندا
بۇ زىددىيەتلەر ئىمپىرىيىنىڭ تېنچلىقىغا خەۋپ تۇغدۇرىدىغان دەرىجىگە يېتىپ،
ئىمپراتور دىنىي ئەرباپلارنى توپلاپ، بۇ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلماقچى بولغان.
دىنىي ئۆلىمالار ئىزنىكتە (ھازىرقى تۈركىيىنىڭ بىر ۋىلايىتى) توپلانغان.
توپلانتىنىڭ مەخسىدى ئىسانىڭ پەيغەمبەرلىكى ياكى خۇدالىقى، شۇنداقلا ئوتتۇرىدا
كېزىۋاتقان ئوخشىمىغان ئىنجىللارنىڭ قايسىسىنى ئاساس قىلىش مەسلىسىنى بېكىتىش
ئىدى. توپلانغالارنىڭ كۆپچىلىكى كۆپ خۇدالىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەردىن
كېيىن خىرىستيان بولغانلار بولۇپ، ئۇلار ھامان «ئۈچلۈك تەڭرى» مودىسىغا مايىللىقى
بولغاچقا، ئىسا ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ تەۋھىدىي ئەقىدىسىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي
دىنلىرىنىڭكى بىلەن يۇغۇرۇپ، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىراق بىر خىل شەكىلگە كەلتۈرۈپ،
ئاساسەن مۇقىملاشتۇرغانلار، شۇنداقلا ئىمپىرىيە ھۆكۈمىتىنى ئۆزىگە ھىمات قىلغانلار
ئىدى؛ ئاز بىر قىسىم ۋەكىللەر يەھۇدىيلار، مىسىرلىقلار بولۇپ، ئۇلار تەۋھىدتە
ئاللاھ بىر ئەقىدىسىدە، ئىسانى پەيغەمبەر، ئىنسان دەپ قارىغۇچىلار ئىدى.

تەرەپلەرنىڭ
قاراشلىرى ئىلمىي مۇنازىرە ئارقىلىق ئەمەس، ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق بىر تەرەپ
قىلىنىدىغان بولدى. نەتىجىدە ئىسا ئاللاھنىڭ ئوغلى دېيىلىدىغان ۋە مۇشۇ ئەقىدىگە
ئۇيغۇن يېزىلغان كانونىك ئىنجىللاردىن تۆرتى دىنىي كالام سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىپ،
باشقىلىرى كۆيدۈرۈلۈدىغان، باشقىلىرىنى يوشۇرۇن ساقلاپ ئوقۇغانلار جازالىنىدىغان
بىر قارار ماقۇللاندى!

بارناباس
ئىنجىلدا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسسەللەم ھەققىدە بايان بولغاندىن باشقا،
ۋاتىكان
ياكى خىرىستيانلىق قوبۇل قىلغان تۆرت ئىنجىلنىڭ بۇرمىلانغانلىقىنى دەلىللەيدىغان
بايانلار بار. يەنى بۇ ئىنجىللاردا ئىلگىرى سۈرۈلۈدىغان
خىرىستيانلار
قوبۇل قىلغان
ئىسانىڭ خۇدالىقى چۈشەنچىسىنى رەت قىلىدىغان ئايەتلەر بار.

ئاخىرقى
بەتلەرگە شۇلار ئىلاۋە قىلىنغان ئىدى: «مەن قىبرىسلىق (سىپرۇسلۇق) بارنابىئۇس...
مەدھىيىگە لايىق ئالەملەرنىڭ رەببىدىن بىر پۈتۈن ھالدا روھۇلقۇددۇس بىلەن مەشاھاغا
ۋەھىي بولغانلارنى خۇددى ئىسادىن ئاڭلىغىنىم كەبى ساداقەت بىلەن 48 كۆك يىللىرىنىڭ
ئاخىرىدا، تۆرتىنچى نۇسقا قىلىپ ئەينەن يازدىم»

پروففىسسور
ھەمزەدىن رېپورتاژدا سورالغان: «كىتاپ قانداق باشلانغان؟» دېگەن سوئالغا
پروففىسسور شۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ: «ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ تەرىپىدىن مەسىھكە
ۋەھيى قىلىنغانلارنى ئۇنىڭدىن ئاڭلىغىنىم بويىچە، 48 يىل كېيىن ئەينەن
ئاڭلىغىنىمدەك تۆمۈر نۇسقا قىلىپ يېزىۋاتىمەن. مەن قىبرىسلىق بارناباسمەن» دەپ
باشلىنىدۇ.

ھەمزە
تەرجىمە توختۇتۇلغانغا قەدەر 19 بەتنى تەرجىمە قىلغان بولۇپ، مۇشۇ يەرگىچە بولغان
مەزمۇنلار ھەققىدە شۇلارنى دېگەن:

«تەۋھىت
(ئاللاھنى بىر دەپ تونۇماق)تىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. ئىبادەتنىڭ ئەھمىيىتى،
ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەسلىك، قوشنىلارغا ياردەم قىلىش، لۇت قەۋمىگە دائىر
ئاگاھلاندۇرۇش مەزمۇنىدىكى قىسسە، بۇندىن باشقا دىققەتكە سازاۋەر بىر نۇقتا، بىر
پەيغەمبەر كېلىدىغانلىقى، ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ تولغان باشاققا ئوخشايدىغانلىقى،
ئايەتلىرى بار ئىدى.»

«بۇ
ئىنجىل دۇنياغا بىلدۈرۈلسە قانداق تەسىرى بولار؟» دېگەن سوئالغا ھەمزە شۇنداق
جاۋاپ بېرىدۇ:

«ئىنجىلنىڭ
قۇرئان بىلەن نەقەدەر ئوخشاشلىقى مەلۇم بولىدۇ. مەن تەرجىمە قىلغان ئىنجىللەر،
بولۇپمۇ تەپسىرلىك ھاققارى تېكستى ۋە تەبەرىيە، يەنى گولان تېكسىتىدە قۇرئان بىلەن
بىرمۇ بىر ئوخشاش شېئىر پىچىمىدىكى ئايەتلەر بار. قۇرئاندا تەۋھىد سۈپىتىدە نېمىنى
كۆرگەن بولساق بۇ ئىنجىللەردە شۇنى كۆرۈمىز. بۇنى كاردىنال مارىئو ۋە ۋاتىكان
كۈتۈپخانىسىدا ئالېكس بىزگە تونۇشتۇرغان بىر دوتسېنت بىلەن دېيىشكەن ئىدۇق. ئۇ
چاغلاردا كىتاپ مەندە ئىدى. ئۇلار ئۈچۈن مەن كىتاپنى سېلىشتۇرۇۋاتاتتىم.
ئايەتلەرگە نومېر بېرىلمىگەن ئىدى. قىزىل مەۋزۇلار بار ئىدى. مەسىھ ئىساغا خىتاپ
ئېتىلگەن، ئىلاھ ۋە ئاللاھ ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان جايلار قىزىل يېزىلغان
ئىدى.  (كاردىنال مارىئو) ماڭا شۇنداق
دېدى: ‹ئىسا ئۆزى كەلگەن تەقدىردىمۇ بىز سىستېمىمىزنى ئۆزگەرتمەيمىز. باشقىلارنىڭ
قولىغا چۈشمىسۇن، ئىنسانلارنىڭ كاللىسى بۇنىڭ بىلەن قالايمىقان بولمىسۇن، كۆڭۈللىرى
بۇنىڭ بىلەن بۆلۈنمىسۇن دەپ، كىتاپنى يوقۇتۇمىز›»

پروففىسسور
ھەمزە بىلەن بىرلىكتە تەتقىقات قىلىشقا قاتناشقان، سابىق ئسىرائىلىيە باش
مىنىستىرى ئىساق رابىننىڭ نەۋرىسى ۋىكتورىيە رابىن ئىنجىلنى ئوقۇغانسېرى مۇسۇلمان
بولىدۇ ۋە بىر ھەبەش تەرىپىدىن سىرلىق ھالدا ئۆلتۈرىلىدۇ! ۋاتىكان قوليازمىنى
سېتىۋېلىش ئۈچۈن 350مىڭ دوللار تەكلىپ قىلىدۇ. ئىسرائىلىيە باش ئەلچىلىكى ھەمزىگە
تەھدىت سېلىپ، ئۇنىڭ تەرجىمە قىلىشىنى توسماقچى بولىدۇ.

ئىنجىل
قۇرئانى كەرىم بىلەن ھەيران قارلارلىق ئوخشاشلىققا ئىگە بولىشى، ئىسانىڭ
تارىخسەللىكىنى ئىسپات قىلىشى، پۈتۈن دىنلار تارىخىنى ۋە ھەتتا ئىككى مىڭ يىللىق
دۇنيا تارىخىنى قايتا يېزىشقا مەجبۇر قىلىدىغان پەۋقۇلئاددە مەزمۇندا بولىشى
بىلەن، دۇنيا مىقياسىدا بىر ئىستىخبارات ئۇرۇشى، كۈلتۈرلەر ئارا جىددىيلىك
كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئىشقا چېتىلغان ئادەملەر بىرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرلىدۇ.

تەرجىمە
قىلىش ئىشى بىر مەزگىلدىن كېيىن توختۇتۇپ قويۇلىدۇ. ئىنجىلنىڭ ئاخىرقى بېتىدە بۇ
ئىنجىلنىڭ تۆرت نۇسقا كۆچۈرۈلگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرنى كۆرگەن ھەمزە گېنېرال ناھىت
شەنوغۇلنىڭ ياردىمى بىلەن باشقا ئۈچ نۇسقىنىڭ ئىزىغا چۈشۈدۇ. ئارقىدىن قالغان
ئىككى نۇسقىسى تېپىلىدۇ.

بىر
نۇسقىسى ئىسرائىلىيەدىن تېپىلىدۇ. ئىسرائىلدىكى نۇسقىسىنى بىر گېرمانىيە
شىركىتىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئىساق رابىننىڭ نەۋرىسى ۋىكتورىيە رابىن چىقىرىدۇ ۋە
ئىنجىلنى ئوقۇغانسېرى ھەقنى تونۇپ، مۇسۇلمان بولىدۇ. ئېلىپ بېرىۋاتقان قېزىشلىرىدا
«10 ئەمىر» ۋە «زەبۇر»نىڭ ئىزىنى ئىزدەۋاتقان ۋىكتورىيە بىر ھەبەش تەرىپىدىن
ئۆلتۈرىلىدۇ. ئىسرائىلىيەدىكى نۇسقىنى ۋاتىكان سېتىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. بۇ ھەقتە يول
مېڭىۋاتقان ۋاتىكان تەرەپ ۋەكىلى كاردىنال مارىئو «ئېنىقسىز سەۋەپلەر بىلەن» ئۆلۈپ
كېتىدۇ. ۋاقەلەر مەلۇم بىر مەخپىي تەشكىلاتنىڭ قول تىقىشى بىلەن ئاجايىپ كۆلەم ۋە
نەتىجىلەر بېرىشكە باشلايدۇ. ئاخىرىدا بىر نەشرىيات تەرىپىدىن گېرتسىيەگە
سېتىلىدۇ.

ۋاقە،
قىبرىس (سىپرۇس)تا تۇرۇشلۇق ئامانلىق قىسىملىرى تەرىپىدىن 1996
ـ يىلى
ئەزىز بارناباسنىڭ قەۋرىسى بۇلانغاندىن كېيىن تېخىمۇ چوڭۇيۇپ كېتىدۇ. ئەسكەرلەر
قەبرىدىن نېمىلەر تاپقاندۇ؟ شىمالىي قىبرىستا بۇلاڭچىلىقنى تەكشۈرۈۋاتقان ۋە بۇ
بۇلاڭچىلىق ھەققىدە تاپقان يىپ ئۇچلىرىغا كۆرە يازغان ماقالىلىرىنى جامائەتكە
سۇنۇۋاتقان ژۇرنالىست قۇتلۇ ئادالى نامسىز تەھدىتلەرگە ئۇچراپ ئۇزۇن ئۆتمەي
ئۆلتۈرۈلۈدۇ.

ھېلىھەم
ئالاھىدە ئۇرۇش مەھكىمىسىدە ساقلىنىۋاتقان نۇسقىلار ئاشكارىلانسا دىنلار تارىخى
تامامەن باشقىدىن يېزىلىشتەك دۇنياۋىي بۈيۈك ۋاقە بولىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

[يۇقارقى
خەۋەر «خەۋەر ئالىمى» ناملىق تۈركچە توربەتتىن ئېلىنغان بولۇپ، خەۋەر تۈركچە
«زامان» (ۋاقت) گېزىتى مۇخبىرى ئايدوغان ۋەتەنداش تەرىپىدىن يېزىلغان «ئاپوكرىفال
»
ناملىق كىتاپتا تىلغا ئېلىنغان مەزمۇنلارنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشىدۇر.
]

ئەمما
جەمىيەتتە كېزىۋاتقان يەنە بىر خىل «بارناباس ئىنجىلى» بار. بۇ ئىنجىل ھەققىدە پروففىسسور
ھەمزە ھاققارىدىن تېپىلغان ئىنجىلغا ئوخشىمايدۇ دېگەن باھانى بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ
ئورگىنالى تۆرت نۇسقا، بۇ تۆرت نۇسقا بۈگۈنگىچە:
ۋېنا مىللى كۈتۈپخانىسىدا، ئامېرىكا كونگېرسى
كۈتۈپخانىسىدا ۋە بېرىتانىيە مۇزىيىدا ساقلانماقتا. پەقەت پاكىستانلىق گېنىرال
ئابدۇرەھىمنىڭ يوشۇرۇن ھالدا مىكرو لېنتىغا سۈرەتكە ئېلىشى بىلەن قولغا چۈشۈرۈلگەن
بۇ نۇسقا ئېنگىلىزچە تەرجىمە قىلىنىپ  
Pakistan
Begum
Aisha
Bawan
“ ۋەقفى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ پۈتۈن دۇنياغا
ئۇقتۇرۇلغانىدى. مانا مۇشۇ نۇسقىغا ئاساسەن باشقا بەزى تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان
«بارناباس ئىنجىلى»، گەرچە مەلۇم بۇرمىلىنىشلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا
ئاساسىي جەھەتتىن دىنىي پىرىنسىپلىرى «قۇرئانى كەرىم» بىلەن ئوخشاش قالغان. شۇڭا
بۇ نۇسقىمۇ خىرىستيانلار ئۈچۈن يەنىلا چەكلەنگەن نۇسقا ھېساپلىنىپ، چېركاۋلاردا
قوللىنىلمايدۇ.

ئەمدى
تۆۋەندە «بارناباس ئىنجىلى»دا ئىسلام دىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە بۈگۈنكى
خىرىستيانلىقنىڭ بۇرمىلانغانلىقى توغرىسىدىكى بەزى بايانلارنى نەقىل قىلىمىز:

ئىسانىڭ تەۋھىدىي
ئەقىدىسى

ئىسا
جاۋاپ بەردى: «فىلىپپۇس، ئاللاھ
بىر ھەقتۇركى، ئۇ بولماستىن ھېچبىر ھەق بولماس؛
ئاللاھ
بىر بارلىقتۇركى، ئۇ بولماستىن ھېچقانداق نەرسە مەۋجۇت بولماس؛
ئاللاھ
ھاياتتۇركى، ئۇ بولماستىن ھېچبىر ھاياتلىق بولماس؛ ئۇ شۇنداق
بۈيۈكتۇركى، ھەر نەرسىنى تولدۇرار؛ ۋە ھەر يەردە مەۋجۇت بولالايدىغان؛ يالغۇزدۇر
ۋە ئۇنىڭ ھېچ تەڭدىشى يوقتۇر. نە باشلىنىشى بار، نە ئاخىرىسى بولماس؛ پەقەت ھەر
شەيئىگە بىر باشلىنىش بەرگەندۇر ھەم بىر ئاخىرلىشىش بېرىدۇ؛ نە دادىسى باردۇر، نە
ئانىسى؛ نە ئوغلۇ باردۇر، نە بىر تۇققىنى؛ نە يولدىشى....» (17
ـ سۈرە)

ھەزرىتى
مۇھەممەد سەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم ھەققىدىكى بىشارەتلەر

(ئادەم
ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى قىسسەنى بايان قىلىپ كېلىپ، شۇنداق داۋام قىلدى) «دەس
تۇرۇپ كەتكەن ئادەم ھاۋادا قۇياش كەبى چاقناپ تۇرغان بىر خەت كۆردى: ‹ئاللاھتىن
باشقا ئىلاھ يوقتۇر ۋە مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر› بۇنى كۆرۈپ ئادەم ئاغزىنى
ئېچىپ دېدىكى: ‹ساڭا شۈكۈر، ئەي رەببىم ئاللاھ، ماڭا ھايات نىمىتى بەردىڭ، پەقەت
(سەندىن) شۇنى دەپ بېرىشىڭنى تىلەيمەن: بۇ مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر دېگەن
سۆزنىڭ مەنىسى نېمىدۇر؟ مەندىن بۇرۇن (يارىتىلغان) باشقا ئىنسانلار بارمىدى؟›»

***

«قاراڭلار،
سىزلەرگە دەيمەنكى، ھەر پەيغەمبەر كەلگىنىدە پەقەت بىر قەۋمگە (مىللەتكە)
ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ ئىشارىتىنى كەلتۈرگەندۇر. شۇنداقلا سۆزلىرىمۇ ئۆزى
ئەۋەتىلگەن ئاشۇ ئىنسانلارنىڭ سىرتىغا چىقمىغاندۇر. پەقەت ئاللاھنىڭ ئەلچىسى
كەلگەندە، ئاللاھ ئۇنىڭغا قۇدرەت ۋە رەھمىتىنىڭ ھەممىسىنى بەرگەندەك بېرىدۇكى،
ئەقىدىسىنى قوبۇل قىلىدىغان پۈتۈن دۇنيا مىللەتلىرىگە رەھمەت ۋە ئامانلىق ئېلىپ
كېلىدۇ....»(43
ـ سۈرە)

***

تەۋراتنىڭ
بۇرمىلانغانلىقى ھەققىدە بىشارەت

مۇھەممەد
سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالامنىڭ كىمنىڭ نەسەبىدىن كېلىشى ھەققىدە ھاۋارىلىرى بىلەن
سوئال
ـ جاۋاپ
قىلىشىدۇ. ئاللاھنىڭ ئىبراھىمغا ۋەدە قىلىپ، «سېنىڭ نەسلىڭدىن پەيغەمبەر
چىقىرىمەن» دېگەنلىكىكە ئىشارە قىلىپ، ھاۋارىلار ئىسھاقنىڭ جەمەتىدىن
كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئەي مۇئەللىم، مۇسانىڭ كىتابىدا شۇنداق، يەنى،
ۋەدىنىڭ ئىسھاققا قىلىنغانلىقى يېزىلغان» دەيدۇ.

«ئىسا
ئاھ چېكىپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى: ‹شۇنداقتۇر، ئەمما ئۇنى (تەۋراتنى) مۇسا يازمىدى،
ھارۇن يازمىدى، ئۇنى ئاللاھتىن قورقمايدىغان ھاھام(يەھۇدىي دىنىدا دىنىي
ئۆلىمالار)لىرىڭىز يازدى.» (44
ـ سۈرە)

***

ئۇ دۇنيادىكى تىرىلىش ھەققىدە بايان قىلىپ ئىسا
شۇنداق دېدى: «(ئاللاھ ئالدى بىلەن ئەلچىسى [مۇھەممەد]كە ھايات بېرىدۇ). ئاللاھ
ياخشى كۆرۈدىغان تۆرت پەرىشتىسىنى قايتىدىن تېرىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلار ئاللاھنىڭ
ئەلچىسىنى ئىزدەيدۇ. تاپقان چاغدا ئۇنىڭغا كۆز قۇلاق بولۇش ئۈچۈن (ئۇ تۇرغان
يەرنىڭ) تۆرت يېنىغا جايلىشىدۇ. ئارقىدىن ئاللاھ بارلىق پەرىشتىلەرگە ھايات بېرىدۇ
ۋە ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئەتراپىغا خۇددى ھەرىلەرگە ئوخشاش ئايلىنىپ كېلىشىدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ھايات بېرىدۇ ۋە ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن
ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ قولىنى سۆيۈشكە بارىدۇ ھەم ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ
ھىمايىسىگە تاپشۇرىدۇ. كېيىن ئاللاھ بارلىق تاللانغان قۇللىرىغا ھايات بېرىدۇ ۋە
ئۇلار شۇنداق ۋارقىرىشىدۇ: ‹ ئەي مۇھەممەد، بىزنى ئۇنتۇپ قالما....» (54
ـ سۈرە)

***

«ئاللاھ
ئەلچىسى بىلەن سۆزلىشىۋېتىپ دەيدۇ: ‹خۇش كەلدىڭ ئەي مېنىڭ ئىمانلىق قۇلۇم. ئەمدى
نېمە تىلىسەڭ مەندىن سورا، چۈنكى ھەر نەرسە سورىساڭ ئېرىشىسەن.›

«ئاللاھنىڭ
ئەلچىسى جاۋاپ بېرىدۇ: ‹ ئەي رەببىم، ئېسىمدە بار، مېنى ياراتقان چېغىڭدا، مېنىڭ
مۇھەببىتىم ئۈچۈن، مەن قۇلۇڭ ئارقىلىق سېنى ئۇلۇغلۇسۇن دەپ دۇنيانى، جەننەتنى،
پەرىشتىلەرنى ۋە ئىنسانلارنى ياراتماقچى ئىكەنلىكىڭنى دېگەن ئىدىڭ. بۇ سەۋەپتىن،
رەھىمدىل ۋە ئادىل بولغان رەببىم ئاللاھ، ساڭا مەن قۇلۇڭغا قىلىنغان ۋەدىنى
خاتىرلىشىڭ ئۈچۈن يالۋۇرىمەن.›

«ئاللاھ
دوستى بىلەن چاخچاقلىشىۋاتقان بىر دوست كەبى جاۋاپ بېرىدۇ. دەيدۇكى، ‹بۇنىڭغا
شاھىتلىرىڭ بارمۇ، دوستۇم مۇھەممەد؟› ....» (55
ـ سۈرە)

***

«ئىسا
جاۋاپ بەردى: ‹قەلبىڭىز ئازاپ چەكمىسۇن، ھەم قورقماڭ؛ چۈنكى سىزنى مەن ياراتمىدىم،
سىزنى ياراتقان ئاللاھ سىزنى قوغدايدۇ. ماڭا كەلسەك، دۇنياغا ئامانلىق كەلتۈرگۈچى
ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ يولۇنى ھازىرلىماق ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەنمەن. پەقەت ھېچ
ئالدانماڭىزلار، چۈنكى مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئېلىپ، مېنىڭ كىتابىمنى پاسكىنا قىلىدىغان
بەك جىق ساختا پەيغەمبەرلەر كېلىدۇ.›

«بۇ
چاغدا ئاندرېئاس دېدى: ‹ مۇئەللىم، بىزگە بەزى ئىشارەتلەرنى دەپ بەرگىن، ئۇنى
بىلىۋالايلى.›

«ئىسا
جاۋاپ بەردى: ‹سىزنىڭ زامانىڭىزدا كەلمەيدۇ. پەقەت سىزدىن بىرقانچە يىل كېيىن،
كىتابىم ھۆكۈمسىز قىلىنىدىغان، پەقەت ئوتتۇزقەدەر مۆمىن قالغان بىر زاماندا
كېلىدۇ.›

«...
مېنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشاش بىر ئىنسان ئىكەنلىكىمنى ئېتىراپ ئېتىدىغان زاماندا،
دەپ قويايكى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى كەلگەن بولىدۇ» (72
ـ سۈرە)

«ئىسا
جاۋاپ بەردى: ‹مەسىھنىڭ ئىسمى ھەيران قالدۇرۇدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭ روھىنى
يارىتىپ، كۆكتە نۇر ئىچىگە قويغان چاغدىلا ئۇنىڭغا بۇ ئىسىمنى ئۆزى قويغان ئىدى.
ئاللاھ دېدى: كۈتۈپ تۇر، مۇھەممەد، چۈنكى سېنىڭ ھەققىڭدە جەننەتنى، دۇنيانى ۋە توپ
ـ توپ
مەخلۇقاتنى يارىتىمەن. ئىچىدىن سېنى بىر ئەلچى قىلىمەن. شۇنداقكى، كىم سېنى
ئېزىزلىسا، ئېزىزلىنىدۇ؛ كىم سېنى لەنەتلىسە، لەنەتلىنىدۇ. سېنى دۇنياغا
ئەۋەتىدىغان چاغدا، ئازاپتىن قۇتقۇزۇشقا ئەلچىم قىلىپ ئەۋەتىمەن. سېنىڭ سۆزۈڭ
ھەقىقەت بولىدۇ. شۇنداقكى، كۆك ۋە يەر ئاغدۇرۇلۇدۇ، ئەمما سېنىڭ دىنىڭ يوقالمايدۇ.
مۇھەممەد ئۇنىڭ قۇتلۇق ئىسمىدۇر.›»

ئىسانى
خۇدا قىلىۋالغۇچىلار ھەققىدە

«...
ئىسا بەك قورقتى ۋە ئاللاھقا يۈزلىنىپ: ‹مېنى بۇ دۇنيادىن ئېلىپ كەت، ئەي رەببىم،
چۈنكى، دۇنيادىكىلەر تەلۋى بولۇپ كېتىپتۇ، مېنى خۇدا قىلىۋالغىلى تۇردى› دەپ
يىغلاشقا باشلىدى.» (47
ـ سۈرە)

«بۇ
چاغدا ئىسا جىم ئىشارىتى قىلىپ قولىنى كۆتۈردى ۋە دېدى: ‹سىزلەرچۇ، سىلەر، ئەي
ئىسرائىللار، بىر ئىنسان بولغان مېنى ئاللاھىمىز دېيىش بىلەن بۈيۈك بىر گۇناھ
قىلدىڭىز.›

«كۆكنىڭ
ھوزۇرىدا ئېتىراپ ئېتىمەنكى، يەر ئۈستىدىكى ھەر نەرسىنى گۇۋاھلىققا چاقىرىمەنكى، سىزلەر
دېگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ناتونۇشتۇر. مەن ئۆلىدىغان بىر ئايالدىن تۇغۇلدۇم،
ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە تەۋە باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش يەيدىغان، ئۇخلايدىغان، سوغۇق ۋە
ئىسسىقنىڭ دەردىنى تارتقان بىر ئىنسانمەن. بۇ جەھەتتە، ئاللاھ ھۆكمىنى بېرىدىغان
چاغدا، سۆزلىرىم مېنىڭ ئىنساندىن ئارتۇق ئىكەنلىكىمگە ئىشەنگەنلەرنىڭ ھەر بىرىنى
بىر قىلىچقا ئوخشاش يېرىپ ئۆتۈدۇ.» (93
ـ سۈرە)

«ئۇ
ئاندا ئىسا قوللىرىنى يۇقۇرى كۆتۈرپ دېدى: ‹ رەببىمىز ئاللاھ، تەتۈرىسىگە
ئىشىنىدىغان ھەركىمگە شاھىت بولۇپ، سېنىڭ ھۆكمۈڭگە كەلتۈردىغان ئىشەنچىم بۇدۇر.›
ۋە خەلق تەرەپكە بۇرۇلۇپ دېدى: ‹كاھىننىڭ، ئاللاھنىڭ ئەبەدىيەتكە قەدەر ئەھدى
بولغان مۇسانىڭ كىتابىدا يېزىغلىق دېگەن شەيئىلەرگە قاراپ تۆۋە قىلىڭ، مۈمكىن
گۇناھلىرىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلالايسىز. چۈنكى مەن كۆرۈنۈپ تۇرغىنىمدەك بىر ئىنسان ۋە
يەر يۈزىدە يۈرگەن باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش ئۆلۈپ تۈگەيدىغان بىر ئوچۇم لاي مەن.
مېنىڭ بىر باشلىنىشىم بولدى، ئاخىرلىشىشىممۇ بولىدۇ. مەن بىر چىۋىننىمۇ يېڭىدىن
يارىتالمايدىغان بىرىمەن.›» (95
ـ سۈرە)

«ئىسا
جاۋاپ بەردى: ‹مەن داۋۇتنىڭ نەسلىدىن، مەريەم ئوغلى ئىسا، ئۆلۈدىغان ۋە ئاللاھتىن
قورقۇدىغان بىر ئىنسانمەن.›» (96
ـ سۈرە)

بۇ مەزمۇنلار «خىرىستيانلىقنىڭ مەخپىي
تارىخى» ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى،
ئا.

ئاپوكرىفال گېرىكچە «خەلقتىن
يوشۇرۇن» مەنىسىدە
ئا.

«ئاپوكرىفال» ناملىق كىتاپ  «تىماش» نەشرىياتى تەرىپىدىن 2008 ـ يىلى
سىنتەبىردە نەشىر قىلىنغان
ئا.

taklemakanlek_x يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 07:44:54

جاپا چىكىپسىز،تىمىڭىزنى كۆرۇپ، نۇرغۇنلىغان بىلىمىلەرگە ئىگە بولدۇم،كۆپ رەخمەت.......

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 08:41:00

ئەمگىكىڭىزگە تەشەككۈر. لېكىن مەن بۇ ماقالىدىن گۇمانلىنىمەن!

بەزى موللاملارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى زىيادە كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلغان مەزمۇنلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان «ئىنجىل ئايەتلىرى»نى مىسالغا ئېلىپتۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئىنسان، لېكىن ئالاھ بىلەن بىر ئورۇندا بولىدىغانغا ئازلا قالغۇدەك دەرىجىدە ئۇلۇغ ئەمەس، ھەم ھېچقانداق مەۋجۇدات ئۇنچىلىك ئۇلۇغ ئەمەس. پەيغەمبەرلەرنى كىتاپتىكى مەزمۇنلاردىنمۇ ئاشۇرۇپ كۆپتۈرۈش- قارىماققا دىننى ئۇلۇغلىغاندەك كۆرۈنگەن بىلەن، ھامىنى بىزنى شەيتانلىققا ئېلىپ بارىدۇ. خىرىستئان دىنىمۇ پەيغەمبەرنى زىيادە كۆپتۈرۈش ھېساۋىغا، ھازىرقىدەك ھەقتىن چەتنىگەن ھالغا كېلىپ قالغان.

تۆۋەندىكى بۇ «ئىنجىل ئايەتى»مۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

«بۇ چاغدا ئىسا جىم ئىشارىتى قىلىپ قولىنى كۆتۈردى ۋە دېدى: ‹سىزلەرچۇ، سىلەر، ئەي ئىسرائىللار، بىر ئىنسان بولغان مېنى ئاللاھىمىز دېيىش بىلەن بۈيۈك بىر گۇناھ قىلدىڭىز.›

ئىسرائىللار ئىسانىڭ ئىلاھلىقى تۈگۈل، ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگىمۇ ئىشەنمەيدۇ. پەقەت بىر ياخشى مۇئەللىم دەپلا چۈشىنىدۇ. بۇ تەرىپىنى ھازىرقى ئىنجىللاردىنمۇ كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئىسرائىللار پەقەت ھەزرەتى ئىسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت 2 پەيغەمبەردىن باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرىدۇ. بۇ مەزمۇنلارنى بىر يەھۇدىينىڭ ئاغزىدىن ئۆز قۇلۇقىم بىلەن ئاڭلىغان.

دىمەك، يۇقارقى ئىنجىل ئايىتىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولماسلىقى، تەبئىي ھالدا ئادەمنىڭ گۇمانىنى قوزغايدىكەن.

qutghur يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 08:59:44

يېڭى خەۋەركەن .اللە ئىنسانلارنىڭ ئىشىنى قۇتلۇق قىلغاي!

ufofly يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 09:21:41

ھاھااھا.. ئاتالمىش بارنابا ئىنجىلىدا قۇرئانغا زىت يەرلەر ناھايىتى كۆپ ، قۇرئاندا ئېنىقلا ‹مەسىھ - مەريەم ئوغلى ئەيسادۇر › دىيىلگەن ،لېكىن سىلەرنىڭ بارنابا ئىنجىلىڭلاردا مەسىھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر دىيىلگەن ...

ئۇندىن باشقا ئىسرائىللار قۇرئاندا ۋە ئىنجىلدە ئورتاق دىيىلگەندەك ئەيسانىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ۋە مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان ھەتتا ئۇنىڭ شاگىرتىنىڭ بىرى بولغان يەھۇدا ئۇنى سېتىۋەتكەن ..ئىسرائىللار رىم ئىمپىرىيىسىدىن ئۇنى كىرىستقا مىخلاشنى تەلەپ قىلغان ..ئىنجىلغىمۇ ھەم قۇرئانغىمۇ زىت بولغان ئاتالمىش بارنابا ئىنجىلىڭلار بىلەن 2000 يىللىق تارىخنى يازماقچىما؟پۈتۈن تارىخنى ئاللاھ كونتىرول قىلىدۇ ..سىلەرچە ئاللاھ 2000 يىلنىڭزە نىمىش قىلغاندۇ ؟سىلەر ئىنجىلنى ھەتتا قۇرئاننىمۇ ئىنكار قىلىپ ،شەيتاننىڭ تارىخىنى يازايمىكىن دەۋاتامسىلەر ؟لېكىن  .قۇرئاننىڭ ئۆزىلا  تەۋرات ،زەبۇر ،ئىنجىلنى تەستىقلاپ ،ھىچقانداق يوچۇق قالدۇرماي مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ..سىلەرنىڭ بۇنداق پىتنە پاساتلىرىڭلار ساماۋىي ھەقىقەت ئالدىدا ئاشۇنداق بىر پەشۋاغا يارىمايدۇ....

ئۇندىن باشقا ئۆلۈك دېڭىزدىن ئىنجىلنىڭ  مەشھۇر ئارامىي تىلىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇنقى يېزىپ قالدۇرۇلغان مەشھۇر ئۆلۈك دېڭىز قەدىمىي يازمىلىرى 死海古卷 ئاللىقاچان تېپىلدى .مەزمۇنى ھازىرقى بىلەن بىردەكلىكى ئىسپاتلاندى..

http://baike.baidu.com/view/3603.htm

سىلەر بۇنداق كۈچىمىسەڭلەرمۇ ،غەربتە نۇرغۇن ئىنجىلغا قارشى دىنسىز ،ئاتىئىزىمچى ياكى باشقا دىندىكى  تەتقىقاتچىلار بار ،ئۇلارمۇ مىڭ يىللاردىن بۇيان  مەخسۇس ئىنجىلنى تەتقىق قىلىپ يوچۇق ئىزدەپ ،ئىنجلىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ماقالىلارنى كىتابلارنى يازىدۇ ،ئەپسۇس ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىزدىنىشلىرى ۋە ھىلە مىكىرلىرى ساماۋىي ھەقىقەت ئالدىدا بىر پەشۋاغا يارىمايدۇ.سىلەرمۇ مۇشۇنداق پىتنە پاساتنى ئۆزەڭلار تارقتىپ ،كېيىن  ناسارالارغا دۆڭگەپ قويىسىلەرغۇ دەيمەن ..

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 09:57:38

قىىزيدىغان بولدى \"\"

elqut يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 10:13:14

  بۇ يازما ufofly تەرىپىدىن 2012-5-22 12:04:42 دە 4 -قېتىم تەھرىرلەندى.

سىزنىڭ ساماۋى ھەقىقەت دىگىنىڭىز قايسى ھەقىقەتنى كۆرسىتىدۇ ؟

بىر پەشۋاغا يارايدىغان باشقان رەددىيە پەددىيەلىرىڭىز بارمۇ جانابى بىرنەرسە ئەپەندى ؟سىزنىڭ دىنى ئىتقادىڭىزنىڭ ئىنىق نىمە ئىكەنلىكىنى بىلسەم سىز بىلەن مۇنازىرە ئىلىپ بارىمەن ھەم بىر نەچچە پەشۋاغا يارىغۇدەك رەددىيە كۆرىسىتىشىم مۇمكىن ئۇلۇپى ئەپەندى

ufofly يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 10:42:25

ۋاي ۋوي ،مەن دىن توغرۇلۇق گەپ چىقسىلا ئېتىقادىمنى ھەربىر ئەدەمگە چۈشەندۈرىمەن دەپ ھېرىپ كېتىدىغان بولدۇم ، يەنە چاپلاپ قوياي ...

مەن ئۆزەمنى ھەقىقىي مەنىدىكى ئىسلام دىنىدا دەپ قارايمەن ...

چۈنكى ئىسلام دىنى قانداقتۇر مۇھەممەد پەيغەمبەردىن كېيىنكى دىن بولۇپ قالماستىن ،ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ ،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچە بارلىق پەيغەمبەرلەر ئېتىقاد قىلغان دىن ،‹.

289)پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنجىسى-رەسۇلۇللانىڭ يوچۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكى توغرىسىدا.

جابىر ئىبنى ئابدۇللا رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن:مەن ۋە باشقا پەيغەمبەرلەر خۇددى بىر ئادەم چىرايلىق ياساپ پۈتتۈرۈپ،بىر كېسەكلىك ئورۇننىلا بوش قالدۇرغان،ئىچىگە كىرىپ كۆرگەن كىشىلەر ئەجەپلىنىپ،كېسەكنىڭ ئورنى تولدۇرلۇپ كەتكەن بولسا،تولۇق پۈتكەن بولىدىكەن دىيىشكەن بىر بىناغا ئوخشايمىز.(مەنبە:سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستىلانى شەرھى)

يۇقارقى ھەدىستىن ۋە قۇرئاندىكى نۇرغۇن ئايەتلەردىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىمارەتنىڭ ئۆزى ئەمەس ،بەلكى ئەزەلدىن ياسىلىپ پۈتەي دەپ قالغان ئىمارەتنىڭ يوچۇقىنى يېپىش ئۈچۈن كەلگەن بىر پارچە خىش خالاس . يەھۇدىي ناسارالار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە قۇرئاننى ئىنكار قىلسا ئىمارىتى مۇكەممەل بولمايدۇ ، مۇسۇلمانلار ئىلگىرىكى ھەممىسىنى يەنى تەۋرات ،زەبۇر ،ئىنجىلنى ئىنكار قىلسا ، بىرپارچە خىش ھەرگىز ئىمارەت بولالمايدۇ.......

كىمىكى ئىسلام (دىنىدىن) غەيرى دىننى تىلەيدىكەن ،ھەرگىز ئۇ قۇبۇل قىلىنمايدۇ ،ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقىچىدۇر.

ئال ئىمران 85-ئايەت.

ھەقىقەتەن اﷲنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر.

دىمەك ، تەۋرات ،ئىنجىل ،زەبۇر قاتارلىق كىتابلارنى قانداقتۇر ئالىم ئۆلىمالارنىڭ شەك كەلتۈرۈپ ئىنكار قىلغان كۆز قاراشلىرىغا ئەگىشىپ ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ دىنىنى ھەقىقىي ئىسلام دىنى دىيىشكە بولمايدۇ....ئۇلارنى توغرا يولدا دىيشىكىمۇ بولمايدۇ..مەيلى خرىسىتىئان ،مۇسۇلمان ،يەھۇدىي ،دىنسىز ئالىملار بولسۇن ئۇلارنىڭ تەۋرات ،ئىنجىل ،زەبۇر ،قۇرئان قاتارلىق 4 مۇقەددەس كىتابقا شەك كەلتۈرۈپ ئىنكار قىلغان كۆز قاراشلىرى بىردەك رەت قىلىمەن....

مانا بۇ مېنىڭ دىنىي قارىشىم ....سىزمۇ ئۆز قارىشىڭىز بويىچە ئاللاھقا ئېتىقاد قىلغاندەك مەنمۇ ئۆز قارىشىم بويىچە ئېتىقاد قىلىمەن...

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 10:52:04

موھەممەد سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەقىقەتەن ئىنتايىن ئۇلۇغ زاد.. ئىنسانلارنىڭ پەخرى.قىيامەتتە ئاللاھتىن بۆلەك ھىچ كىمنىڭ ئۈنى چىقمايدىغان شۇ  كۈندە خالىغان ئادەمنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلالايدىغان بىر دىن بىر  كىشى..

ھىچكىمنىڭ  سايىسى  بولمىغان  كۈندە ئاللا موھەممەت ئەلەيسالامنىڭ  سايىسىنى ساقلاپ قالىدۇ.. ئاللاھنىڭ ئۇلۇقلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دوستىنىڭ نۇرىنى چۆكۈرسەك ،بۇ دوستلار ئارسىدا سۇخەنچىلىك قىلىش  ھىسابلىنىدۇ..

موھەممەت ئەلەيسالامنى قانچە ئۇلۇغلىساق، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئاللاھنى شۇنچە ئۇلۇغلىغان  بولىمىز..ھىچ كىم بۇ ئۇلۇغ دوسلۇق رىشتىنى ئۈزۈۋىتەلمەيدۇ.

ufofly يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 11:26:35

8- قەۋەتتىكى adiyatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

موھەممەد سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەقىقەتەن ئىنتايىن ئۇلۇغ زاد.. ئىنسانلارنىڭ پەخرى.قىيامەتتە ئاللاھتىن بۆلەك ھىچ كىمنىڭ ئۈنى چىقمايدىغان شۇ كۈندە خالىغان ئادەمنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلالايدىغان بىر دىن بىر كىشى..

ھىچكىمنىڭ سايىسى بولمىغان كۈندە ئاللا موھەممەت ئەلەيسالامنىڭ سايىسىنى ساقلاپ قالىدۇ.. ئاللاھنىڭ ئۇلۇقلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دوستىنىڭ نۇرىنى چۆكۈرسەك ،بۇ دوستلار ئارسىدا سۇخەنچىلىك قىلىش ھىسابلىنىدۇ..

موھەممەت ئەلەيسالامنى قانچە ئۇلۇغلىساق، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئاللاھنى شۇنچە ئۇلۇغلىغان بولىمىز..ھىچ كىم بۇ ئۇلۇغ دوسلۇق رىشتىنى ئۈزۈۋىتەلمەيدۇ.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەلۋەتتە ئۇلۇغ ،لېكىن ئىنسان ھەرقانچە ئۇلۇغ بولا ر ئاللاھنىڭ مۇبارەك زاتىدىن كەلگەن كەلىمە(سۆز)دەك يەنى مەسىھتەك  ئۇلۇغ بولمايدۇ ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلۇغلايمىز دەپ ،پەيغەمبەرنىڭ نامىدا ،مەسىھنىڭ نامىدا يالغاننى توقۇسا ۋە پىتنە پاسات تارقاتسا بولمايدۇدە؟

agah يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 11:45:17

پىتنە!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 11:48:41

ئاللاھ بىلەن ھەزرىتى موھەممەت مۇستافا سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئوتتۇرسىدىكى بىر دوسلۇق رىشتى ئۈچۈن بۇ ئالەم يارىتىلدى.. شۇ دوستلۇق بولمىسا؛ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە دوستى ھەزرىتى موھەممەت مۇستافا سەللاھۇ ئەلەيھى

ۋەسسەللەم بولمىسا، ئاسمان زىمىن يارىتىلمايدۇ،جۈملىدىن ھەزرىتى مەسىھ ئىسا ھەم يارىتىلمايدۇ.. قىيامەتتىن بۇرۇن زىمىنغا قايتىپ كەلگەن ھەزرىتى ئىسا پەيغەمبەر، ئاللاھنىڭ دوستى- پۈتۈن مەخلۇقاتقا ئەۋەتكەن ئەلچىسىگە بەيئەت قىلىش بىلەن ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ ۋە تامامى ئالەم ،مەخلۇقات ئالدىدا شەرەپلىنىدۇ.

ufofly يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 11:54:18

11- قەۋەتتىكى adiyatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاللاھ بىلەن ھەزرىتى موھەممەت مۇستافا سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئوتتۇرسىدىكى بىر دوسلۇق رىشتى ئۈچۈن بۇ ئالەم يارىتىلدى.. شۇ دوستلۇق بولمىسا؛ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە دوستى ھەزرىتى موھەممەت مۇستافا سەللاھۇ ئەلەيھى

ۋەسسەللەم بولمىسا، ئاسمان زىمىن يارىتىلمايدۇ،جۈملىدىن ھەزرىتى مەسىھ ئىسا ھەم يارىتىلمايدۇ.. قىيامەتتىن بۇرۇن زىمىنغا قايتىپ كەلگەن ھەزرىتى ئىسا پەيغەمبەر، ئاللاھنىڭ دوستى- پۈتۈن مەخلۇقاتقا ئەۋەتكەن ئەلچىسىگە بەيئەت قىلىش بىلەن ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ ۋە تامامى ئالەم ،مەخلۇقات ئالدىدا شەرەپلىنىدۇ.

مەن قۇرئاندىن ئەيسانىڭ ئاللاھتىن كەلگەن سۆز يەنى كەلىمە شۇنداقلا ھىچقانداق پەيغەمبەرگە بېرىلمىگەن ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈش ،ئەمالارنى ساقايتىش، تۇپراققا جان كىرگۈزۈش  قاتارلىق مۆجىزىلىرىنى دەلىل قىلالايمەن ، لېكىن سىز قۇرئاندىن ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ياراتقانلىقىغا ئېنىق ئايەت كەلتۈرۈڭ ، پىر ئىشانلىرىڭىزنىڭ كىتابىنى دەلىل قىلسىڭىز ئىناۋەتسىز ...

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 12:18:59

4- قەۋەتتىكى ufoflyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆلۈك دېڭىزدىن ئىنجىلنىڭ  مەشھۇر ئارامىي تىلىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇنقى يېزىپ قالدۇرۇلغان مەشھۇر ئۆلۈك دېڭىز قەدىمىي يازمىلىرى 死海古卷 ئاللىقاچان تېپىلدى .مەزمۇنى ھازىرقى بىلەن بىردەكلىكى ئىسپاتلاندى..

ھازىرقى خرىسىتىئان ئۈلىمالار ئۆلۈك دېڭىز يازمىلىرىنىڭ ئىچىدە ساختا قوليازمىلارنىڭ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. مانا قاراڭ:

The Dead Sea Scrolls are traditionally divided into three groups: \"Biblical\" manuscripts (copies of texts from the Hebrew Bible), which comprise roughly 40% of the identified scrolls; \"Apocryphal\" or \"Pseudepigraphical\" manuscripts (known documents from the Second Temple Period like Enoch, Jubilees, Tobit, Sirach, additional psalms, etc., that were not ultimately canonized in the Hebrew Bible), which comprise roughly 30% of the identified scrolls;

بۇ يەردىكى  \"Apocryphal\" or \"Pseudepigraphical\" manuscripts  نىڭ مەنىسى \"ساختا، ئۇيدۇرما قوليازما\"، خەنچە 伪经 دېگەنلىك بولىدۇ.

http://en.wikipedia.org/wiki/Dead_Sea_Scrolls

ئۆلۈك دېڭىز قوليازمىلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئالاي دېسىڭىز، مانا بۇ يەرگە قاراڭ، رەسىملىرى بىلەن بىللە بار:

http://www.bibliotecapleyades.net/scrolls_deadsea/deadsea_scrollsdeception/scrollsdeception06.htm

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 12:39:53

9- قەۋەتتىكى ufoflyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەلۋەتتە ئۇلۇغ ،لېكىن ئىنسان ھەرقانچە ئۇلۇغ بولا ر ئاللاھنىڭ مۇبارەك زاتىدىن كەلگەن كەلىمە(سۆز)دەك يەنى مەسىھتەك  ئۇلۇغ بولمايدۇ ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلۇغلايمىز دەپ ،پەيغەمبەرنىڭ نامىدا ،مەسىھنىڭ نامىدا يالغاننى توقۇسا ۋە پىتنە پاسات تارقاتسا بولمايدۇدە؟

\"ئۇلۇغ\" دېگەن سۈپەتنى ئىزاھلاشتا كۆز قاراشلار پەرقلىق ئىكەن. \"كەلىمە، سۆز\"  ئاللاھنىڭ مۇبارەك زاتىدىن كەلدىمۇ ياكى \"كن\" دېگەن بىر ئېغىز بۇيرۇقىدىن كەلدىمۇ، ياكى يارىتىش قۇدرىتىدىن كەلدىمۇ، سىز ئۇنى بىلمەيسىز. ئاللاھنىڭ زاتىنى ئىنسان بىلەلمىگەن ئىكەن، ئاللاھنىڭ بىر مەخلۇقىنىمۇ ئۇنىڭ زاتىدىن كەلگەن دەپ ئېنىق كېسىپ ئېيتىشقا ھەددىڭىز يوق!

ئىيسا ئەلەيھىسسالام دادىسىز ھالدا، ئاللاھنىڭ بىر ئېغىز سۆزىدىن يارىتىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلۇغ بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا، ئادەم ئەلەيھىسسالام تېخىمۇ ئۇلۇغ. چۈنكى، ئۇمۇ دادىسىز يارىتىلغان. ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۇلۇغ بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن پەيغەمبەرلەر ھەممىسى ئۇلۇغ.

ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە قارىغاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بەكرەك ئۇلۇغ بولۇشىنىڭ سەۋەبى:

1) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئەۋەتىلگەن. ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر بولسا، مۇئەييەن بىر قەۋمگە ئەۋەتىلگەن. (ئىيسا ئەلەيھىسسالاممۇ يەھۇدى قەۋمىگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرغۇ؟!)

2) پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىنسانلارغا ئۆرنەك، يولباشچى بولۇپ، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاش. بۇ جەھەتتە باشقا پەيغەمبەرلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك ئۇتۇق قازانغان ئەمەس.

ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئوتتۇز نەچچە يىل ياشىغان، توي قىلمىغان، ھايات ۋاقتىدا بىر ئىسلام دۆلىتى قۇرۇپ چىقالمىغان. .....

يەنە سېلىشتۇرساق، گەپ جىق. ئاللاھتائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنى \"سېنى بىز پەقەت ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتۇق\" (ئەنبىيا، 107) دەۋاتىدۇ.....

ufofly يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 12:40:06

13- قەۋەتتىكى dilaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تۈرلۈك قاراشتىكى كىشىلەر بۇ تېمىدىكىدەك ئۆز مەيدانى ئۈچۈن نۇرۇغۇن سەپسەتىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ، مەنمۇ سىزمۇ ھەر ئىككەيلەن ئۆلۈك دېڭىزدىن تېپىلغان قوليازمىنى كۆرۈپ باقمىدۇق ، مەن كۆرگەن ماتىرىيالدا مەزمۇنى بىردەك دىيىلگەن ، سىز دىگەن ماتىرىيالدا بۇنداق دىيىلگەن بولسا ،بىز يەنىلا ھۆكۈم قىلىشقا ئاجىزمىز ، لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى ساماۋىي ھەقىقەتنى ھىچقانداق ساختا سەپسەتىلەر ۋە قوليازمىلار  بۇرمىلىۋېتەلمەيدۇ... ۋە ئاخىرىدا بىر پەشۋاغا يارىمايدۇ..

،تېمىدا ئېيتىلغان بارنابا ئىنجىلى ئاللاھنىڭ ۋەھىي قىلغان قۇرئانغا زىت بولغان بولغان ئىكەن پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقى ئېنىق ..

مەن ئۈچۈنغۇ ئۆلۈك دېڭىزدىكى قوليازمىلارنىڭ قانداق بولىشى مۇھىم ئەمەس ،چۈنكى مەن ئۇنىڭسىزمۇ 4 ساماۋىي كىتابقا ئىمان ئېيتىپ بولغان ...

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 12:59:13

15- قەۋەتتىكى ufoflyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

13- قەۋەتتىكى dilaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى ufoflyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆلۈك دېڭىزدىن ئىنجىلنىڭ  مەشھۇر ئارامىي تىلىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن بۇرۇنقى يېزىپ قالدۇرۇلغان مەشھۇر ئۆلۈك دېڭىز قەدىمىي يازمىلىرى 死海古卷 ئاللىقاچان تېپىلدى .مەزمۇنى ھازىرقى بىلەن بىردەكلىكى ئىسپاتلاندى..

ھازىرقى خرىسىتىئان ئۈلىمالار ئۆلۈك دېڭىز يازمىلىرىنىڭ ئىچىدە ساختا قوليازمىلارنىڭ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. مانا قاراڭ:

The Dead Sea Scrolls are traditionally divided into three groups: \"Biblical\" manuscripts (copies of texts from the Hebrew Bible), which comprise roughly 40% of the identified scrolls; \"Apocryphal\" or \"Pseudepigraphical\" manuscripts (known documents from the Second Temple Period like Enoch, Jubilees, Tobit, Sirach, additional psalms, etc., that were not ultimately canonized in the Hebrew Bible), which comprise roughly 30% of the identified scrolls;

بۇ يەردىكى  \"Apocryphal\" or \"Pseudepigraphical\" manuscripts  نىڭ مەنىسى \"ساختا، ئۇيدۇرما قوليازما\"، خەنچە 伪经 دېگەنلىك بولىدۇ.

http://en.wikipedia.org/wiki/Dead_Sea_Scrolls

ئۆلۈك دېڭىز قوليازمىلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئالاي دېسىڭىز، مانا بۇ يەرگە قاراڭ، رەسىملىرى بىلەن بىللە بار:

http://www.bibliotecapleyades.net/scrolls_deadsea/deadsea_scrollsdeception/scrollsdeception06.htm

تۈرلۈك قاراشتىكى كىشىلەر بۇ تېمىدىكىدەك ئۆز مەيدانى ئۈچۈن نۇرۇغۇن سەپسەتىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ، مەنمۇ سىزمۇ ھەر ئىككەيلەن ئۆلۈك دېڭىزدىن تېپىلغان قوليازمىنى كۆرۈپ باقمىدۇق ، مەن كۆرگەن ماتىرىيالدا مەزمۇنى بىردەك دىيىلگەن ، سىز دىگەن ماتىرىيالدا بۇنداق دىيىلگەن بولسا ،بىز يەنىلا ھۆكۈم قىلىشقا ئاجىزمىز ، لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى ساماۋىي ھەقىقەتنى ھىچقانداق ساختا سەپسەتىلەر ۋە قوليازمىلار  بۇرمىلىۋېتەلمەيدۇ... ۋە ئاخىرىدا بىر پەشۋاغا يارىمايدۇ..

...

مەن تەۋرات، ئىنجىل، زەبۇرنى ئوقىغان. خرىستىئانلارنىڭ تارىخىنى ئىزدىنىشتىكى ھەر قانداق تورداشتىن پىششىق بىلىمەن دېسەم پو ئاتقان بولمايمەن. (چۈنكى، مۇشۇ كەسىپتە نەچچە يىل ئوقۇپ دىپلوم ئالدىم). خرىستىئان دىنى توغرىلىق مۇنازىلىشىدىغان كىشى بولسا، مەن تەييار....

ufofly يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 13:05:14

14- قەۋەتتىكى dilaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

9- قەۋەتتىكى ufoflyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەلۋەتتە ئۇلۇغ ،لېكىن ئىنسان ھەرقانچە ئۇلۇغ بولا ر ئاللاھنىڭ مۇبارەك زاتىدىن كەلگەن كەلىمە(سۆز)دەك يەنى مەسىھتەك  ئۇلۇغ بولمايدۇ ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلۇغلايمىز دەپ ،پەيغەمبەرنىڭ نامىدا ،مەسىھنىڭ نامىدا يالغاننى توقۇسا ۋە پىتنە پاسات تارقاتسا بولمايدۇدە؟

\"ئۇلۇغ\" دېگەن سۈپەتنى ئىزاھلاشتا كۆز قاراشلار پەرقلىق ئىكەن. \"كەلىمە، سۆز\"  ئاللاھنىڭ مۇبارەك زاتىدىن كەلدىمۇ ياكى \"كن\" دېگەن بىر ئېغىز بۇيرۇقىدىن كەلدىمۇ، ياكى يارىتىش قۇدرىتىدىن كەلدىمۇ، سىز ئۇنى بىلمەيسىز. ئاللاھنىڭ زاتىنى ئىنسان بىلەلمىگەن ئىكەن، ئاللاھنىڭ بىر مەخلۇقىنىمۇ ئۇنىڭ زاتىدىن كەلگەن دەپ ئېنىق كېسىپ ئېيتىشقا ھەددىڭىز يوق!

ئىيسا ئەلەيھىسسالام دادىسىز ھالدا، ئاللاھنىڭ بىر ئېغىز سۆزىدىن يارىتىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلۇغ بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا، ئادەم ئەلەيھىسسالام تېخىمۇ ئۇلۇغ. چۈنكى، ئۇمۇ دادىسىز يارىتىلغان. ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۇلۇغ بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن پەيغەمبەرلەر ھەممىسى ئۇلۇغ.

ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە قارىغاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بەكرەك ئۇلۇغ بولۇشىنىڭ سەۋەبى:

1) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئەۋەتىلگەن. ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر بولسا، مۇئەييەن بىر قەۋمگە ئەۋەتىلگەن. (ئىيسا ئەلەيھىسسالاممۇ يەھۇدى قەۋمىگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرغۇ؟!)

2) پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئىنسانلارغا ئۆرنەك، يولباشچى بولۇپ، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاش. بۇ جەھەتتە باشقا پەيغەمبەرلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدەك ئۇتۇق قازانغان ئەمەس.

ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئوتتۇز نەچچە يىل ياشىغان، توي قىلمىغان، ھايات ۋاقتىدا بىر ئىسلام دۆلىتى قۇرۇپ چىقالمىغان. .....

يەنە سېلىشتۇرساق، گەپ جىق. ئاللاھتائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنى \"سېنى بىز پەقەت ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتۇق\" (ئەنبىيا، 107) دەۋاتىدۇ.....

سىز دىگەندەك ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە مەسىھ ھەر ئىككىلىسى كەلىمىدىن كەلگەن ،لېكىن ئالدىنقىسى گۇناھ تۈپەيلى  جەننەتتىن قوغلىنىشقا سەۋەب بولدى ،كېيىنكىسى ئۇنىڭ گۇناھىنى يۇيۇپ  جەننەتكە كىرىشكە سەۋەب بولدى .

مەسىھ دۆلەت قۇرالمىغان دىدىڭىزما ؟ھاھاھاھ ... مەسىھ  قولىغا قىلىچ ئالماي ،قوشۇن توپلىماي ، ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىدى ، 2000يىلدىن بۇيان قەلىبلەردە پادىشاھلىق قۇرۇپ كەلدى ،نۇرغۇن كاتتا پادىشاھلار ،ئالىملار مەسىھكە تىز پۈكۈپ ئۇنى پادىشاھىم دەپ ئېتىراپ قىلدى ... مەسىھ ئىنجىلدا ئېيتقاندەك :<مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەس ،كۆز بىلەن كۆرگىلى ،قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدۇ،ئۇ سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردا > دىگەن مەشھۇر سۆز ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ بەردى ..

مەيلى يەھۇدىي ،ناسارا ،مۇسۇلمانلار بولسۇن بۇلاردىكى ئورتاقلىق  مەسھنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى شۇنداقلا ئاللاھنىڭ كەلىمىسى ئىكەنلىكىنى  ئېتىراپ قىلىشتۇر ،مەيلى مۇسۇلمان ياكى يەھۇدىيلار بولسۇن مەسىھنى ئىنكار قىلغانلار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ...سىزمۇ بىر ئامال قىلىپ قارشى چىققىنىڭىز بىلەن ،ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ كالامى ۋە پەيغەمبىرى ۋە مەسىھى ئىكەنلىكىنى  ئىنكار قىلالمايسىزغۇ دەيمەن ...مەسىھ دىگەن سۆزگە كەلسەك ، يەھۇدىيلاردا پادىشاھنىڭ بېشىغا ياغ سۈرتۈپ ،ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە تەختتە ئولتۇرغۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ ،يەنى پادىشاھ دىگەنلىكتۇر ، ئاللاھ ئۆزى تەيىنلىگەن پادىشاھ بولغاچقا ،قۇرئاندا مەسىھ - مەريەم ئوغلى ئەيسادۇر دىيىلگەن .ئاللاھ تەيىنلىگەن پادىشاھقا قارشى چىققان قۇللارنىڭ ئاقىۋىتىنى دىمىسەممۇ بىلىسىز ...ھەتتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ مەسىھنى ئېتىراپ قىلسا سىلەر يەھۇدىيلاردەك ئىنكار قىلىۋاتىسىلەر ،قىيامەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ سىلەرگە قارشى گۇۋاھلىق بەرسە قانداقمۇ قىلارسىلەر؟

قۇرئاندا مەسىھنى روھۇل مىنھۇ دىگەن < مىنھۇ>سۆزىنى ئىشلەتكەن <مىن> دىگەن دىن  ،تىن قوشۇمچىسى <ھۇ> دىگەن ئۇ دىگەن سۆز يەنى شۇ جۈملىدە ئاللاھنى كۆرسىتىدۇ ، يەنى ئۇنىڭدىن كەلگەن روھ دىگەن مەنىدە ..ئۇندىن باشقا مەريەمگە ئىلقا قىلغان كەلىمىسىدۇر دىيىلگەن ، دىمەك .كەلىمىنىڭ ئۆزىدۇر . ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىكى تىرناقنىڭ ئىچىدىكى سۆزلەر بولسا ،تەرجىمان قوشقان ئىزاھات بولۇپ ئەسلى ئەرەبچىدىكى مەناغا تولۇق ۋەكىللىك قىلالمايدۇ..

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 13:18:39

قۇلاق سىلەردە!

kuchtunggur يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 14:53:21

سۇرۇن قىزىيدىغان بولدى.قۇلىغىمىز سىلەردە.

قەتئى توختاپ قېلىشماڭلار،ئۆز ئارا كىشىنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىدىغان،چىدىمىغاندا باشقىلارنىڭ ئىززەت-نەپىسىگە،دىنى ئېتىقاتىغا،ئاتا-ئانىسى،ھەدە-سىڭىللىرىنى چىشلەپ تارتىدىغان، ھاقارەت كەلتۈرىدىغان ئىشنى قىلىشماي ئىلمىيراق ئۇسۇلدا دىيىشىڭلار.

كەچلىك بازاردىكى مەسلەردەك جىدەل چىقىرىشماڭلار.

(شۇنداق بولسىمىغۇ بۇنىڭ ئاخىرىسى ھامان كۆڭۈلسىزلىك بىلەن تۈگەللىنىدۇ،ھىچكىم ھىچكىمنى قايىل قىلالمايدۇ)
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: ئىككى مىڭ يىللىق دۇنيا تارىخنى قايتا يېزىشقا توغرا كېلىدۇ