tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 15:38:17

ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمقى تۆت تادۇ كۆزقارىشى .....

ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمقى تۆت تادۇ كۆز قارىشى توغرىسىدا


        ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن


قىسقىچە مەزمۇنى : ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمقى ئالەم-تۇپراق،سۇ،ھاۋا ۋە ئوتتىن ئىبارەت تۆت تادۇدىن تەركىب تاپقان دېگەن كۆز قارىشى ئۇلارنىڭ تەبىئەتنى بىلىش جەريانىدا ئېرىشكەن،ئۇمۇملاشتۇرۇلغان ، كاتىگورىيەلەشتۈرۈلگەن بىر خىل بىلىش سەمەرىسى بولۇپ،بۇ ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت بىلىش تارىخىغا ،شۇنداقلا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئاساسىي نەزەرىيىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققى قىلىشىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ماقالىدە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمقى تۆت تادۇ كۆز قارىشى بىر قاتار تارىخى ماتىرىياللار ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.


ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ، تۆت تادۇ كۆز قارىشى.(خەنزۇچىسى قالدۇرۇلدى)


                        1




پەلسەپىلىك بىلىشنىڭ ئۆزىگە خاس خارەكتىرلىك ئالامىتى دۇنيا ھەققىدىكى ئۇمۇمىي كۆز قاراشتىن ئىبارەت . دۇنيا قاراش- دۇنيا ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى،ئىنساننىڭ دۇنيادىكى ئورنى ھەققىدىكى ئەڭ تۈپكى ۋە ئەڭ ئۇمۇمىي كۆز قاراش بولۇپ ، ئۇ كونكرېت ،جۇزئى نەرسىلەر ئۈستىدە بېۋاسىتە ئىدراك ئاساسىدا ئەمەس ، بەلكى ئابىستراكىتلاشتۇرۇلغان ، كاتىگورىيەلەشتۈرۈلگەن تەپەككۇر ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ.


ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيانى بىلىشى مەيلى يەكۈن جەھەتتىن ياكى چىقىش نۇقتىسى جەھەتتىن بولسۇن ، تاشقى دۇنيانى بىر پۈتۈن ھالدا چۈشىنىش ۋە ئىزاھلاشقا مۇھتاج بولىدۇ.ئۇمۇملاشتۇرۇشسىز ، كاتىگورىيەلىك ئىزاھلاشسىز ئۇقۇمنىڭ بولۇشى،تەپەككۇرنىڭ بولۇشى، پەلسەپىۋى بىلىشنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مۇنداق ئۇمۇملاشتۇرۇلغان چۈشىنىش ۋە كاتىگورىيەلىك ئىزاھلاش بولمىسا ئىدى ،جۇزئى بىلىش سېستىمىلىشالمىغان،ھېسسى بىلىش ئەقلى بىلىشكە قاراپ ئىزچىللىشالمىغان ،ئىنسانىيەتمۇ ئۆز دەۋرىگە يارىشا باش-ئاياغسىز ھەيرانلىقتىن خالىي بولالمىغان بولاتتى.


  


  ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيانى مۇئەييەن ماددىلار ئاساسىدا ئۇمۇملاشتۇرۇپ بىلىشى ئەڭ قەدىمكى زامانلاردا مەيدانغا كەلگەن . تەپەككۇر ئىقتىدارىغا مۇيەسسەر بولغان ئىنسانىيەتنىڭ ھەر قايسى

گۇرۇھلىرى تارىخنىڭ ھەر قايسى دەۋرلىرىدە ئۆز دەۋرىنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتىنىڭ سەۋىيىسىگە يارىشا دۇنيا ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا ئۇنداق يا مۇنداق ئىزاھات بېرىپ كەلگەن . بۇ ئىجتىمائى ھاياتنىڭ ئوخشىمىغان تارىخى باسقۇچلىرىغا ماسلاشقان بىر خىل بىلىش فورماتسىيىلىرىنى شەكىللەندۈرگەن . كىشىلىك مەدەنىيەت تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق . ئەڭ دەسلەپكى ساددا رېئالىستىك روھتىكى غار تاملىرى ۋە ياپىلاق تاشلارغا سىزىلغان رەڭسىزۋە رەڭدار ھايۋانات ۋۈرەتلىرى ،ئۇندىن كېيىنرەك ساپال(تاش)ئىدىشقا چۈشۈرۈلگەن نەقىشلەر بىلەن لاي قورچاقلار ،ئروگلىفلىق يېزىقلار ،ئۇنىڭدىن كېيىن توغرىدىن-توغرا تەبىئەت ھەققىدىكى چۈشەنچىلەرنى ئۇمۇملاشتۇرىدىغان ساددا ماتىرىيالىستىك ‹‹ئامىل( زات تادۇ) كۆز قاراشلىرى›› نامايەندىلىرى كۆزىمىزگە تاشلىنىدۇ. بۇلار كېيىنچە ھەر خىل تەبىئىي شەيئىلەرگە مۇئەككەل سۈپىتىدە سېغىنىشقا ئاساسلانغان ئانىمىزىملىق بىلىش  فورماتىسيىسى ۋە ئىپتىدائى تەبىئەت ئىلاھلىقى كۆز قاراشلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالدى .ئانىمىزىم ۋە ئىپتىدائىي تەبىئەت ئىلاھلىقى كۆز قاراشلىرى يەنىلا ساددا رېئالىستىك ،ساددا ماتىرىيالىستىك ‹‹ئامىل كۆز قاراشلىرى››غا سىرلىق –ئىلاھىي يۇپۇق يېپىش بىلەن خارەكتىرلەندى.


ئېلىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئىپتىدائى جەمئىيەت ئاخىرلاشقان، سىنىپىي جەمئىيەت شەكىللىنىشكە باشلىغاندىلا ئالەم ‹‹›› دىن ھاسىل بولغان، ئالەمنىڭ مەنبىئى ۋە ماھىيىتى ‹‹›› دېگەن كۆزقاراش شەكىللەنگەن. غەربى جۇ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ، ئىپتىدائى تېرىقچىلىق ،ئاسترونومىيە، مېتال ئىرىتىش ۋە تېبابەتچىلىك تەجرىبىلىرى ئاساسىدا دۇنيا-مېتال، ياغاچ، سۇ، ئوت،تۇپراقتىن ئىبارەت ‹‹بەش ئامىل›› دىن تەركىب تاپقان دېگەن كۆز قاراش ئۈستۈنلۈك ئالدى. ‹‹بەش ئامىل ›› كۆز قارىشى قۇللۇق تۈزىمى بوھرانىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ مىڭزى(مىلادىدىن ئىلگىرىكى 479-381-يىللار)دەۋرىگە كەلگەندە ئىلاھىيەتلىك تۈس ئالدى.


قەدىمكى ھىندىستاننىڭ ئالەم ‹‹ھاۋا››دىن ھاسىل بولغان دېگەن كۆز قارىشى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7-ئەسىرگە ئائىت ‹‹ئوپانى شات›› دەستۇرىدا قايتا تەكىتلەنگەن. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە ئالەم ھاۋانى تۈپ زات قىلغان بولۇپ ، ئوت،سۇ،شامال،نۇر،زامان قاتارلىق ماددى ھادىسىلەر ھاۋادىن ھاسىل بولۇپ ھاۋادا ئاخىرلىشىدۇ دېيىلگەن .


قەدىمكى مىسىرلىقلار سۇغۇق سۇنى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ، جۈملىدىن ھاياتنىڭ تۈپ نېگىزى دەپ ئىزاھلىغان. قەدىمكى گرېكلارنىڭ كۆپچىلىك مۇتەپەككۇرلىرى مىسىر،جۈملىدىن بابىل،ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئىچكى جۇڭگو تەبىئەت كۆز قارىشىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولغان ئىدى.


فانس (تاللىس مىلادىدىن بۇرۇنقى 624-547-يىللار) مىسىر ئىدىلوگىيەسىنىڭ تەسىرىدە سۇنى دۇنيانىڭ بىردەك نىگىزى دەپ قارىغانىدى. ئاناكسىماندېر(مىلادىدىن ئىلگىرىكى 610-546-يىللار)مۇ ھايات سۇدىن ئاپىرىدە بولغان ،ئىنسان بېلىقتىن راۋاجلانغان دېگەن كۆزقاراشنى تەشەببۇس قىلغان. ئاناكسىمۇن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 585-525-يىللار) شەرق خەلقلىرى تەبىئەت كۆز قاراشلىرى تەسىرىدە دۇنيانىڭ نېگىزى ھاۋا دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.



داۋامى بار......

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 19:59:36

تۆت تادۇ دەپ ئالمامسىز؟

تۆت زات دىگەن قاملاشماپتۇ...



بۈگۈن نىمانداق قۇسۇرلا ئىزدەيمەن تىېمىلاردىن  \"\"  \"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 20:08:10

ئەسلى ماقالىدە شۇنداق ئىكەن، بولمىسا مېنىڭمۇ 4تادۇ دەپلا ئالغۇم بار ئىدى.مەرھۇمغا ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ قالسا كەچۈرەر ، تۆت تادۇ دەپلا  ئالايلى ئەمىسە ....

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 21:59:31

گراكلېت (مىلادىدىن بۇرۇنقى 530-470-يىللار) ھەقىقەتەن ئورىگىنال (خاس) پىكىرلىك مۇتەپەككۇر ئىدى.

ئۇ تۇنجى قېتىم ‹‹ ئوت بارلىق تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ ئۇمۇمى ئاساسى›› دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭچە ، ئوت ماھىيەت، جەۋھەر (سۇبستانسىيە)بولۇپ، ھەممە شەيئىنىڭ ئوتقا ئايلىنىشى ، ئوتنىڭ ھەممە شەيئىگە ئايلىنىشى ‹‹خۇددى مالنىڭ ئالتۇنغا(پۇلغا)، ئالتۇننىڭ(پۇلنىڭ)مالغا ئايلىنىشىدەك ھەرىكەت جەريانى›› ھېسابلىناتتى.



ئالەمنىڭ نىگىزىنى ‹‹سانلىق مۇناسىۋەتلەر›› دېگەن كۆز قاراش تاكى ھىندىستانغىچە ساياھەت قىلىپ قايتقان گىرىك پەيلاسوپى پېفاگور تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئېدىئالىستىك ‹‹ئامىل›› كۆز قارىشىنىڭ بىر شەكلى بولۇپ قالغان .



ئوتتۇرا ئاسىيا جۇڭگونىڭ قەدىمكى تارىخىي كىتابلىرىدا‹‹غەربىي دىيار›› دەپ ئاتالغان . ‹‹غەربىي دىيار›› ئاتالمىسى مىلادىدىن ئىلگىرىكى چاغلاردا ھازىرقى جايۇيگۇەن قورۇلىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى گەنسۇ كارىدورىنىڭ بىر قسىمىنى، شىنجاڭ رايونىنى ،ماۋرائۇننەھرى ۋە سىر دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ رايونلارنى ،شىمالى ۋ شەرقى ئافغانىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.



تاغ ۋەدەريالار،چۆل ۋەبوستانلار ، مۇزدەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى قۇرغاق كىلىمات تەسىرىدە ئۆز ھاياتىنى نەچچە ئون مىڭ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئادىمى ئوت، ئوقيا، ساپال ئىدىشلىرى، برۇنزى(تۇچ) ۋە ئاتنى ئۆزلەشتۈرۈۋالغاندىن كېيىن ، ئۆز ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدا ھاۋارايى، مەدەنچىلىك، سۇ ئىشلىرى ، تېرىقچىلىق،چارۋىچىلىق،تېبابەتچىلىك، تېرە ئەيلەش، يۇڭ يىپ ئىگىرىش، قول ھۈنەرۋەنچىلىكى، مال ئايرىۋاشلاش ۋە قاتناش بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇلار تەخمىنەن  ئۇرۇقداشلىق جامائەسىنىڭ ئوتتۇرا دەۋرىدە ئالەم تۈزۈلمىسى توغرىسىدىكى  ئەڭ ئىپتىدائى كۆز قاراشلىرىنىشەكىللەندۈرگەن.



ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئالەم-تۇپراق، سۇ،ھاۋا،ئوتتىن ئىبارەت تۆرت تادۇدىن تەركىب تاپقان دېگەن كۆز قارىشى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ھايات شارائىتلىرى ، جۇغراپىيەلىك مۇھىت-ئىقلىمى ۋە بىلىش سەمەرىلىرى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ ، ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمكى زامانلاردا دۇنيانى بىلىش يولىدا ئوتتۇرىغا قويغان پەلسەپىۋى كۆز قاراشلىرىنىڭ ئالاھىدە بىر شەكلىنى تەشكىل قىلغان . تۆت تادۇ كۆز قارىشى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ، ھەتتا يېقىنقى زامان ماتىرىيالىستىك تەبىئەت ئىلمى كۆزقاراشلىرىدا ئۆزىنىڭ سالماقلىق ئىزناسىنى قالدۇرغان.



داۋامى بار

sayahatqi0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-12 08:43:00

خاتا چۈشەنچە پەيدا بولمىسۇن . تۆت تادۇنى  تۆت زات دەپمۇ ئاتايدۇ . توغرا چۈشۈنۈڭلار .        

ئەمما كىشلەرنىڭ ئىلمى ماقالىسىكەن بۇ . بۇ ماقالىنىڭ ئاپتۇرىنى يېزىپ قويسىڭىز ياخشى بولامىكىن دەيمەن .

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-7-12 08:45:45

نېمىشقا ئۇنتۇغاندىمەن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ ئىسمىنى يېزىشنى.... \"\"

lawrence يوللانغان ۋاقتى 2012-7-12 10:45:02

قەدىمىي زاماندا تۆت زات ياكى تۆت تادۇنىڭ نامىمۇ ئۇيغۇرچىدىن خەنزۇچىغا تەلەپپۇزى ئۆز ئەينى ئېلىنغان ۋە  ھازىرمۇ شۇ  تەرىقىدە ئىشلىتىلمەكتە ، مەسىلەن : ئوت 火 ، سۇ 水 ، تۇپراق 土壤 ، ھاۋانى قەدىمي خەنزۇچىدە  نىمە  دەر  بولغىيتتى ... 空炁

function يوللانغان ۋاقتى 2012-7-12 11:59:00

6- قەۋەتتىكى lawrenceنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

  قەدىمىي زاماندا تۆت زات ياكى تۆت تادۇنىڭ نامىمۇ ئۇيغۇرچىدىن خەنزۇچىغا تەلەپپۇزى ئۆز ئەينى ئېلىنغان ۋە  ھازىرمۇ شۇ  تەرىقىدە ئىشلىتىلمەكتە ، مەسىلەن : ئوت 火 ، سۇ 水 ، تۇپراق 土壤 ، ھاۋانى قەدىمي خەنزۇچىدە  نىمە  دەر  بولغىيتتى ... 空炁   

ئاساسى بولسا يېڭى گەپكەن ماۋۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-7-12 12:32:31



2





              



قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى،بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا قەدىمكى مەدەنىيىتىنىڭ ۋارىسى ۋە مۇھىم نامايەندىسى ھېسابلانغان ئۇيغۇر –توققۇزئۇغۇزخەلقلىرى دۇنيانى ئىزاھلاشنىڭ تۆت تادۇ كۆز قارىشىنى ئۆزھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە ئىزچىل ئىپادىلەپ كەلگەن.





ئۇلاردا تۇپراق دۇنيانىڭ مۇھىم بىر ئامىلى ھېسابلانغان . ئەڭ قەدىمكى تاش قورچاقلار ھەر خىل مۇئەككەللەر ئوبرازلىرى لايدىن ياسىلىپ ئوتتىن پىشۇرۇش بىلەن تەييارلانغان. تۇزۋەسۇمۇق تېشى تۈرلۈك مەدەنلەر ھېكمەتلىك سانالغان. كىشىلەر قاشتېشىنى ، كۆكتاشنى(لازۇرىت تېشى)، فىرۇزا تېشىنى ، قىزىل ياقۇتنى(رابىس بالائىس)، قاراشەھەر كۆك تاختا تۇزىنى ، قىزىل سېغىزنى، گۈڭگۈرت پوقىنى، تانىكارنى ئەنە شۇنداق سېھىرلىك ھېسابلاپ ئالاھىدە قەدىرلىگەن. كىراسنو يارسىكنىڭ غەربىدىكى ئارچىن رايونى جەنۇبىغا جايلاشقان ئانتروپوۋ كەنتىدىكى ۋە شىمالىي ئالتاي سۆڭەك كەنتىدىكى قەدىمىي جەسەتلەر ئۈستىدىكى ئارخىلوگىيەلىك قېدىرىشلار جەسەتلەرنىڭ قىزىل توپىغا ئوراپ كۆمۈلگەنلىكىنى ، قىزىل تۇپراق ھايات ۋە قاننىڭ سىماسى قىلىنغانلىقىنى ، قىزىل توپا ئارقىلىق جەسەتنى چىرىشتىن ساقلاش مۇمكىنلىكىنى بىلەلىگەنلىكىنى كۆرسەتتى،





تۇپراق دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق، كاھىشچىلىق(كۇلالچىلىق) ، ئۆي-قەلئە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاساس بولۇپلا قالماي ، يەنە تېبابەتچىلىكنىڭ مۇھىم بىر مەنبىئى ھېسابلاندى. ھەر خىل دورا ئۆسۈملۈكلىرى، ھەر خىل مېنىرال دورا ماتىرىياللىرى تۇپراقتىن ئېلىندى. كېرەچى يېنىدىكى قۇلئاب قەلئەسىدىكى سىكات(سىكىف) قەبىلە ئاقساقىلىغا ئاتاپ سالغان قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان ئىدىشقا سۇنۇق تېڭىۋاتقان، چىش تارتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ سۈرەتلىرى سىزىلغان. مۇنداق ئاسار-ئەتىقە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا رايونلىرىدىنمۇ تېپىلدى.





تۇپراق بىلەن شۇغۇللىنىش ئاياللار(ئاناجىنسى)نىڭ ئىجتىمائى ئورنىنى كۆتۈردى. ئەڭ دەسلەپكى ئېكىنچىلەر –ئاشلىق ۋە دورا ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن شوغۇللانغۇچىلار ئانىلار بولغان. ئىرنقار دەرياسى بويىدىكى مالتا كەنتىدە تېپىلغان ئايال ئوبرازىدىكى قورچاق مەبۇدە، دەرياسى قەدىمكى خەلقلىرىنىڭ ياغاچ،ساپال، سۆڭەكتىن ئايال قونچاق ياساپ ئۇنىڭغا سېغىنغانلىقى ،قەبرىلەردە ياشانغان ئايال جەسىتى يېنىغا مۇنچاق قۇيۇش ئادىتى بارلىقى مانا شۇنىڭ ئىپادىسى بولغان . كراسنويار سىكتىكى قەدىمكى قەبرىلەر ئۈستىدىن قىلىنغان تەكشۈرۈشلەر بەدەننى بوياش، بەدەنگە يىلان، پاشا ۋە قۇرت –قۇڭغۇزلار چاقالماسلىقى ئۈچۈن لاي سۈركىۋېلىش ئادىتىنىڭ بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. خەلق ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان مايلىنىش، يۈزىگە قېتىقسۈركىۋېلىش قاتارلىقلار ئۇنىڭ بىر خىل شەكلىنى ئەكس ئەتكەن.





تۇپراق توغرىسىدىكى كۆزقاراش شامان دىنى قاراشلىرىدا داۋاملىق ئۆز تەسىرلىرىنى ساقلىغان. شامان دىنىدا ‹‹تەڭرى ئاتىنى كۆك(ئاسمان)دىن ياراتقان،ئانىنى يەردىن ياراتقان››دېگەن چۈشەنچە سالماقلىق ئۇرۇن تۇتقاچقا ، كۆك تەڭرىسى ئۇمۇمەن ئوت بىلەن ھاۋا ھەققىدىكى كۆز قاراشلارغا، يەر تەڭرىسى ئۇمۇمەن تۇپراق بىلەن سۇ ھەققىدىكى كۆز قاراشلارغا ئاساسلانغان ئىدى.





ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئىختىرا قىلغانلىقى ئىپادىلەنگەن ‹‹ئۇغۇزنامە›› ئىپوسىدا ئوغۇزخاننىڭ يېنىدا كۈمۈش چاچلىق ، ئېگىز گەۋدىلىك ئۇلۇغ تۈرك ناملىق شامان مەسلىھەتچىسىنىڭ بولغانلىقى، ‹‹كۆك تەڭرى›› باش مۇئەككەل ئورنىدا تۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن. كۆك تەڭرى بەزىدە ‹‹توبە تەڭرى(Teb Tangri)›› دېگەن نامدىمۇ ئىشلىتىلگەن. كېيىنكى دەۋرلەرگە ئائىت ئورخۇن ئابىدىلىرىدە باشتەگرى –ئاسمان ئىلاھى ‹‹كۆك تەڭرى ›› تىلغا ئېلىنغان. قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئارىيانلىرى ئۆزلىرىنى ‹‹ئالى›› دەپ سۈپەتلىگەندەك ، ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى ھېسابلانغان تۈركلەرمۇ ئۆزلىرىنى ‹‹كۆك تۈرك››،‹‹يەر تۈركلىرى››دەپ سۈپەتلەشتى.





يەر تەڭرىسى ھامىلىق مۇئەككەللەرنى ،بايلىق ۋە ھۇسۇل مەبۇدىسى ئوماي، ناجىگەي ۋە ئەمدىكۇل قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. كونا رولاننىڭ خارابىغا ئايلانغان شەھەرلىرىدىن بىرىنىڭ ‹‹ناجىكەنت›› دەپ ئاتالغانلىقى ئېھتىمالىم بايلىق ۋە ھۇسۇل مەبۇدىسىغا سىمۋول قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.



داۋامى بار


بەت: [1]
: ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمقى تۆت تادۇ كۆزقارىشى .....