hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-7-14 14:21:57

تىرەك دەرىخىنىڭ بالدۇر يۇپۇرماق تاشلاش سەۋەپلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبى

تىرەكنىڭ بالدۇر يۇپۇرماق تاشلىشىنىڭ سەۋەپلىرى

1.تىرەكنىڭ قارا داغ كىسىلى تىرەك دەرىخىنىڭ بالدۇر يۇپۇرماق تاشلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

(1) زىيانغا ئۇچراش دەرىجىسى : يۇپۇرماق زىيانغا ئۇچراش ئاساسى ئۇرۇندا تۇرىدۇ ، كىسەللىكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يۇپۇرماقنىڭ دۈمبە تەرىپىدە يىڭنىسىمان پارقىراق كىچىك چىكىت پەيدا بۇلىدۇ ، كىسەللىكنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە داغ تىز تەرەققى قىلىپ ، چوڭ داغقا ئايلىنىدۇ ، ھەمدەقىسمەن يۇپۇرماقلارنىڭ سارغىيىشىنى ، قارىداپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئېغىر بولغانداكىسەللەنگەن يۇپۇرماق ناھايىتى تىز قارىداپ قالىدۇ ، كىسەللەنگەن يۇپۇرماق مۇددەتتىن 2-3 ئاي بۇرۇن تۈكۈلۈپ ، دەرەخنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ دەرەخنىڭ ئغىر دەرىجىدە ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ئەگەر 7- 8 – ئايلاردا يامغۇرلۇق تۇتۇق ھاۋا رايى كۆپ بولسا ، كىسەللىنىش ئەڭ ئېغىر بۇلىدۇ ، 9-ئاينىڭ ئاخىرى كىسەللىنىشتىن توختايدۇ . كۈچەت مەزگىلىدە پۈتكۈل يۇپۇرماقلار قۇرۇپ كىتىدۇ ، ئېغىر بولغاندا پۈتۈن تۈپنىڭ قۇرۇپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

(2) كىسەللىنىش ۋاقتى : ئادەتتە5- 6- ئايلاردا كۈرۈلۈشكەباشلايدۇ ،7- 8- ئايلاردىكى يامغۇر پەسلىدە ئەڭ كۆپ كۈرۈلىدۇ .

(3) كىسەللىنىش سەۋەپلىرى :① يۇقىرى تېمپۇراتۇرا ۋە زىيادە ھۆل يېغىن : دەرەخلەردە ئۇسۈۋاتقاندايۇقىرى تېمپۇراتۇرا ۋە نەملىك مۇھىتىدا تۇرغاندا كىسەللىك باكتىرىيىلىرى تىز يامراپ پۈتكۈل تۈپنىڭ ياكى مەلۇم ئورمانلىقنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .② زىيادە زىچ تىكىۋېتىش : دەرەخلەرنىڭ تىكىلىشى زىيادە قۇيۇق بولغاندا دەرەخلەرنىڭ يۇرۇقلۇق ،ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ناچارلاپ ، يۇپۇرماقنىڭ فۇتۇسىنتىز رۇلى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن دەرەخنىڭ دەرەخ قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كىسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ ، ناھايىتى ئاسانلا باكتىرىيە بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ . ③ يەر شارائىتى ئامىللىرى : يەر تۈزۈلۈشى ئويمان ، سۇ يىغىلىپ قالىدىغان ياكى سۇ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ناچار بولغان يەرلەرنىڭيېپىشقاقلىق دەرىجىسى ئېشىپ كىتىدۇ ، ئاسان قېتىپ كىتىدۇ ، ئۇزۇقلۇق ماددىلار يىتىشمەيدۇ ، تۇپراقنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ناچارلاپ يىلتىز سېستىمىسى ياخشى ئۆسەلمەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن يۇپۇرماق تۈكۈلۈپ كىتىدۇ .

2. فىزىئولوگىيىلىك خاراكتىرلىك بالدۇر يۇپۇرماق تاشلاش كىسىلى

(1) كىسەللىك ئالامەتلىرى : بۇ كىسەللىك ئادەتتە 5- 6- ئايلاردا يۈز بىرىشكە باشلايدۇ ، 7- 8- ئايلاردىكى يامغۇرلۇق مەزگىلدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ . كىسەللىكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە پەقەت يۇپۇرماقنىڭ سىرتقى گىرۋىگىلا سارغىيىشقا باشلايدۇ ، بارغانسىرى ئىچىگە قاراپ تەرەققى قىلىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتكۈل يۇپۇرماق سارغىيىپ ، سۇلىشىپ قۇرۇپ بالدۇر يۇپۇرماق تاشلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

(2) پەيدا بۇلۇش سەۋەپلىرى : ① تۇپراق ئامىلى : ئورمان بىنا قىلغان يەرنىڭ ئۈنۈملۈك تۇپراق قاتلىمى نىپىز ، تۇپراقنىڭ تۇز مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى ، ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەن ، تۇپراق قېتىپ كەتكەن بولسا يىلتىز سېستىمىسىدا ئوكسىگىن كەمچىللىكنى يۈز بىرىپ   نەپەسلىنىشىقىيىنلىشىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن دەرەخنىڭ ئۈسۈش ھالىتى ناچارلاپ ، يۇپۇرمىقى سارغىيىپ بالدۇر تۆكۈلۈپ كىتىدۇ .②سۇۋە تۇپراقنىڭ ئېقىپ كىتىشى : بەزى يانتۇلۇقلاردا دەرەخ تىككەندە ، دەرەخنىڭ سۇغىرىش ئورىگى مۇستەھكەم چىقىرىلمىغاندا ، يامغۇر سۈيى سۇغىرىش ئورىگى ئىچىدىكى سۇ ۋە ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى ئېقىتىپ تۇپراقنىڭ قېتىپ كىتىشىنى ، تۇپراق قاتلىمىنىڭ ناچارلىشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، بۇ چاغدا سۇ ئۈنۈملۇك تۇپراق قاتلىمىغا سىڭىپ كىرەلمەي يىلتىز سېستىمىسىدا سۇ كەمچىلىگىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، دەرەخ تىنى ئاجىزلاپ كىتىدۇ .③ ئىقلىم شارائىتى : ئەتىياز پەسلىدە ھۆل يېغىن ( يامغۇر) ئاز ، قورغاقچىلىق بۇلىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشقان يۇقىرى تېمپۇراتۇرا قۇشۇلسا ، يەر ئاستى سۈيى ئورنى تۆۋەن بولغان يەرلەردە سۇ بىلەن تەمىنلەشتە كەمچىللىك كىلىپ چىقىدۇ ، دەرەخ تىنىنىڭ ئۈستى قىسمىدا پارلىنىش كۈچلۈك بۇلىدۇ، ئەگەرتۇپراق قېتىپ كەتسە ، نەملىك ساقلىشى ياخشى بولمىسا ، دەرەخ تىنىنىڭ ئېغىر سۇسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاپ ، يۇپۇرماق سارغىيىپ تۆكۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

3. زىيانداش ھاشارەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇپۇرماق تاشلاش

ئامىرىكا ئاق پەرۋانىسى ، تىرەكنىڭ قاناتلىق قولۋاقسىمان پەرۋانىسى ، ئۇزۇن بۇرۇتلۇق قۇڭغۇز قاتارلىق زىيانداش ھاشارەتلەر كەڭ كۆلەمدە يۈز بەرگەندە   يۇپۇرماق شاخلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ئېغىر بۇلىدۇ ،دەرەختىنىنىڭئۇزۇقلۇق ماددىلارنى توپلىشى ۋە سۈمۈرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ،ئۇنىڭغا تىرەكنىڭ ياللۇغلىنىش كىسىلى قوۋزاق چىرىش كىسلى قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ يۇقۇملىنىشى قۇشۇلسا ، دەرەخ قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ يۇپۇرماق تاشلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

4. دورا زىيىنى يۇپۇرماق تاشلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

ئۆتكۈر زەھەرلىك دىخانچىلىق دۇرىلرىنى ئىشلەتكەندە ياكى دېھقانچىلىق دورىلىرىنى مىقداردىن ئارتۇق ئىشلەتكەندە يۇپۇرماقنىڭ كۈيۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، يۇپۇرماق سارغىيىپ تۆكۈلۈپ كىتىدۇ .

5. ئورمان بىنا قىلغان يەرنىڭ يەر ئاستى سۈيى ئورنى زىيادە يۇقىرى بۇلۇش . يەر ئاستى سۈيى ئورنى زىيادە يۇقىرى ، سۇ چىقىرىۋېتىشى راۋان بولمىغان يەرلەر يىلتىز سېستىمىسىنىڭ نەپەسلىنىشىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەپ ، دەرەخ تىنىنىڭ ئۈستى قىسمى بىلەن ئاستى قىسمنىڭ ئۈسۈش تەكشىسىزلىگىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ يۇپۇرماقلار مۇددەتتىن بۇرۇن سارغىيىپ ، مۇددەتتىن بۇرۇن تۆكۈلۈپ كىتىدۇ .

6. شامال ۋە يۇرۇقلۇق ئۆتۈشۈش شارائىتى ناچار بۇلۇش

دەرەخ زىيادە زىچ تىكىلسە ، دەرەخنىڭ بۈك يېپىش دەرىجىسى يۇقىرى بولسا يۇپۇرماقلارنىڭ سارغىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بەزى جايلاردا دەرەخنىڭ تىكىش زىچلىقى يۇقىرى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە دەرەخنىڭ ئىگىزلىگىمۇ دەرەخ يېشىغا ماس كىلىدىغان ئىگىزلىكتىن ئېشىپ كەتكەن بۇلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بۈك يېپىش دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئېشىپ دەرەخنىڭ ئۈسۈش ھالىتى ناچارلاپ كىتىدۇ .

بالدۇر يۇپۇرماق تاشلاشنىڭئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى

1.ئورمان بىنا قىلىدىغان يەرنى مۇۋاپىق تاللاش

(1) كۆچەتخانا ئورنىنى تاللاش : يەر تۈزۈلۈشى ئىگىز ۋە قورغاق ، قۇياش نۇرى يىتەرلىك چۈشىدىغان قۇمساڭغۇ ئەت تۇپراقلىق يەرلەرنى كۆچەتخانا قىلىشقا بۇلىدۇ . كۆچەتخانا يەرلىرى تەكرار كۆچەتخانا قىلىنماسلىقى ، تۆت ئەتراپىدا كىسەل ھاشارەت زىيىنىغا ئۇچرىغان كۆچەتخانا ياكى ئورمانلىق بولماسلىقى ، كۆچەتخان قىلىدىغان يەرنىڭ سۇ چىقىرىش شارائىتى ياخشى بۇلۇشى كېرەك .

(2) ئورمان بىنا قىلىنىدىغان يەرنىڭ تاللىنىشى : تۇپراق قاتلىمى قېلىن ، يەر ئاستى سۈيى ئورنى 1.5-2 مىتىرغىچە بولغان ، سۇغىرىش شارائىتى بار ، قۇياش نۇرى يىتەرلىك بولغان ، يەر تۈزۈلۈشى ئىگىز قورغاق بولغان تۇپراقلار تاللىنىدۇ .

2. يەرگە باپ دەرەخ تىكىش پىرىنسىپى بۇيىچە ئورمان بىنا قىلىش适地适树造林

يېڭىدىن ئورمان بىنا قىلىدىغان رايۇنلاردا ئاساسى قاتلامغا چۇڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ، ئورمان بىنا قىلىش لايىھەسىنى ياخشى تۈزۈپ ، مۇۋاپىق بولغان تىكىش زىچلىقى ۋە دەرەخ تۈرىنى بەلگىلەش ، ئارىلاشما ئورمان بىنا قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك . تىرەك ئورمىنىنى ئورمان بەلباغلرىنى ئايرىۋېتىش ئۇسۇلىبۇيىچە تىكىش ، ئايرىۋېتىش بەلباغلىرىغا تۇخۇمەك دەرىخى ۋە قارىياغاچ دەرەخلىرىنى تىكسەك بۇلىدۇ : تۇپراقتىكى تۇز مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان رايۇنلاردا تۇزغا چىداملىق دەرەخ تۈرلىرىنى تىكىش ياكى ئاۋال تۇپراقنى قاندۇرۇپ شورنى تازىلاپ ئۆزلەشكەندىن كىيىن ئاندىن تىكىش كېرەك ، يەر ئاستى سۈيى ئورنى تۆۋەن بولغان رايۇنلاردا يىلتىزسېستىمىسىچۇڭقۇر ئۆسىدىغاندەرەخ تۈرلىنى تاللاپ تىكىش كېرەك .

3. ئورمان يىرىنىڭ تۇپراق ئۇغۇت سۇ باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش

(1) ۋاقتىدا ئۇغۇتلاپ سۇغىرىش . ئورمانلارنىڭ ئۆسۈشىنىڭ بۈك – باراقسان مەزگىلىدە بۇلۇپمۇ ئەتىياز ياز پەسلىدە قورغاقچىلىق يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ۋاقتىدا سۇغىرىپ ، دەرەخلەرنىڭ سۇ كەمچىللىك تۈپەيلدىن يۇپۇرمىقى بالدۇر تۈكۈلۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك . تۇپرىقى قېتىپ كەتكەن ، ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەن يەرلەرگەئورمان بىنا قىلماقچى بولساقئورگانىك ئۇغۇتلار بىلەن ئۇغۇتلاش ، يەرنى ئاغدۇرۇپ تۇپراقنى بوشىتىش ، يەرنى تەكشىلەشقاتارلىق تۇپراقنى ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئېلىپ بېرىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئورمان بىنا قىلىش كېرەك . بىر يىلدا ئۈچ قېتىم سۇغىرىش ، ئەتىيازلىق قايتا كۆكەرتىش سۈيى ( سېرىق ئوسا ) سىنى ياخشى قىلىش كېرەك . 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ 8- ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولغان دەرەخ بۈك – باراقسان ئۈسۈش مەزگىلىدە دەرەخ تىنىنىڭ سۇغا بولغان تەلىۋى ۋە ھۆل –يېغىن ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆز ۋاقتىدا سۇغىرىش كېرەك . قىشتىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن توڭ سۈيىنى ياخشى قۇيۇش . سۇغىرىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۇغۇتلاش ، ئاساسى ئۇغۇت ( ئورگانىك ئۇغۇتلار بىلەن ئۇغۇتلاش كېرەك .ئورمان بىنا قىلغان ۋاقىتتا ھەر بىر تۈپكە 5 كىلوگىرام مەھەللىۋى ئۇغۇتنى ئاساسى ئۇغۇت قىلىش ؛كۈزدە ئاساسى ئۇغۇت بىلەن ئۇغۇتلاشنى كۈچەيتىش كېرەك ، ھەر مو يەرگە 5000كىلوگىرام مەھەللىۋى ئۇغۇت بىرىش كېرەك . 5- ئايدا باراقسان ئۈسۈش مەزگىلىگە كەلگەندە قۇر ئارىلىقلىرىدا ئۆرەك ئېچىپ قۇشۇمچە ئۇغۇتلاش ، مۇۋاپىق مىقداردا ئورىيا بىلەن قۇشۇمچە ئۇغۇتلاش ، ئۇغۇتلاپ بولغاندىن كىيىن دەرھال سۇغىرىش كېرەك .

(2) توپراقنى بوشىتىش ۋە ئوت ئۇتاش : تۇپراقنى بوشىتىش ۋە ئوت ئۇتاشنى ئۆز ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىپ ، تۇپراقنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتىرىشۋە يىلتىز سېستىمىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، يانتۇلۇقلاردا ئورمان بىنا قىلغاندا سۇ ۋە تۇپراقنىڭ ئېقىپ كىتىشىنى كونترول قىلىش كېرەك .

4.ئورمان بىنا قىلىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش : دەرەخ قۇۋۋىتى ئاجىز بولغان تۈپلەرگە نىسبەتەن ئۆز ۋاقتىدا پەرۋىشنى كۈچەيتىپ ياخشىلاش ، شاخلارنى چاتاپ رەتلەشكە دىققەت قىلىش ، ئورمانلارنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىش كېرەك . يامغۇردىن كىيىن ئورمانلاردا يىغىلىپ قالغان سۇنى ئۆز ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىش ، تۆكۈلگەن يۇپۇرماقلارنى ئۆز ۋاقتىدا تازىلاپ ، يىغىپ كۆيدۇرۈش كېرەك .

5. كىسەل ھاشارەتلەرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش :

6- ئاينىڭ ئوتتۇرا ئاخىرلىرىدا كاربېندازىم (多菌灵)، خلوروتالونىل (百菌清) ، زىنېپ (代森锌)قاتارلىق دۇرىلارنى ئىشلىتىش ، ئارلىقى ھەر10 كۈندىن 15 كۈنگىچە بىر قېتىمبۇلۇپ ، ئۇدا ئۈچ قېتىم چاچقانداقارا داغ كىسىلىنىڭ يامراپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ ؛ بىئونىكىلىق تەڭشەپ ياسالغان دورا   دەرەخ شادلىقى   (树乐   شۇلې ) ،يارا   شىپاسى (溃疡灵 كۇيياڭلىڭ )قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تىرەكنىڭ قوۋزىقى چىرىش ، يارا كىسەللىگى قاتارلىقلارنى يۇقاتقىلى بۇلىدۇ . يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۆۋەن زەھەرلىك بولغان تەڭشەپ ياسالغان دورالېچىنكا يۇقاتقۇچى ئورېيە( 灭幼脲مى يونىياۋ ) ، ئاۋېي جۈنسۇ (阿维菌素 ) ، سېن دېباۋ (森得保)قاتارلىق دۇرىلارنى ئىشلىتىپ زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك . دىخانچىلىق دۇرىلىرىنى ئىشلەتكەندە تەڭشەش مۇۋاپىق بۇلۇشى ، يۇپۇرماقنى كۆيدۈرىۋېتىش ھادىسىسى كىلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك . تىرەك ئورمىنى باشقا زىرائەتلەرنىڭ مۇداپىئە ئورمىنى بولغانلىقتىن كىسەل ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىھاتە ئىچىدىكى زىرائەت مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ كىسەل ھاشارەتلەردىن مۇداپىئە كۈرۈش مەشغۇلاتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك .

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2012-7-14 18:27:39

مۇشۇ ئۈرۈمچىدىكى دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى يازدا بىر خىل مايلىشىپ ، كۇمۇدە زىيادە جىقلاپ كىتىدۇ ، سەۋەبى نىمىدۇر بۇنىڭ ؟

alip يوللانغان ۋاقتى 2012-7-14 20:45:34

تېرەكنىڭ يوپۇرماق تاشلىشى ئۆزىدىكى سۇنىڭ پارلىنىشنى ئازايتىش ئۈچۈن، يەنى چىقىمنى ئازايتىش ئۈچۈن. قاتتىق سوغۇق بولىدىغان تاغدا ئۆسىدىغان قارىغاي قاتارلىق يىڭنە يوپۇرماقلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇمۇرقىنىڭ كىچىك بولۇشىمۇ چىقىمنى ئازايتىپ، ناچار مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن. بۇ بىز ئىنسانلارغا قاتتىق كۈنلەردە، كىرىم چىقىمنى قاپلىيالمىغان كۈنلەردە قوڭنى قىسىپ، چىقىمنى ئازايتىڭ، جاھانغا بېقىپ ئىش قىلىڭ دېگەن ئەقىلنى ئۈگىتىدۇ. مىلتىق، تانكىغا پىچاق بىلەن قارشى تۇرماڭدېگەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

شۇنىڭغا ئوخشاش تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر بىر شەيئى ئىنسانغا ئەقىل ئۈگىتىدۇ. شۇڭا تەبىئەتنى بويسۇندىرىمەن دەپ ئۇنى ۋەيران قىلىش ئەمەس، ئۇلاردىن ئۆگىنىش بىزگە ئاللا تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان پۇرسەت. تەبىئەتتىكى ھەر بىر شەيىئىدە بىر ھېكىمەت بار.

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2012-7-16 12:51:05

ئۈنۋان ئالىدىغانلار ئۈچۈن بىر ئوبدان ئىلمى ماقالە بولغىدەك \"\"
بەت: [1]
: تىرەك دەرىخىنىڭ بالدۇر يۇپۇرماق تاشلاش سەۋەپلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبى