gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 00:36:05

دائىم لازىم بولىدىغان ئەپچىل چارىلەر

كىشىلىك تۇرمۇشتا ئادەمگە ئويلمىغان يەردىن ئادەتتىكى نەرسىلەرمۇ شىپا بولىشى مۇمكىن. تۆۋەندە مەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن بەزى ئاددى ئۇسۇللارنى سۆزلەپ بېرەي:

1 - زۇكامنى ئاددى ئۇسۇلدا داۋالاش:

ئەگەر بۇرنىڭىزدىن سۇ ئېقىپ، چۈشكۈرۈپ، زۇكام ناھايىتى تىز بىئارام قىلغان بولسا سامساقنى پىشۇرۇپ يىسىڭىز يېرىم سائەتتىلا ئۈنۈمىنى كۆرىسىز.

پىشۇرۇش ئۇسۇلى :  باش سامساقنى پارچىلاپ، قازاندا قورىسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ بىۋاستە ئوتقا قاقلاپ( گاز ئوچاقتا بولسىمۇ بولىدۇ) پۇشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ؛ چوغقا كۆمۈپ پۇشۇرسىڭىز تېخى ياخشى. پىشقاندىن كېيىن سامساقنىڭ ئاچچىقى يوقايدۇ. كۆيگەن پوستىنى سويىۋېتىپ يىسىڭىز تەملىك.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: گاز ئوچاقتا پۇشۇرسىڭىز بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىڭ. گېلىڭىز ئاغرىپ ياكى قىززىپ قالغان بولسىڭىز ئىستىمال قىلماڭ.



2 - يەنە زۇكامنى داۋالاش:

ئەگەر بۇرنىڭىز چىڭىشىش، گېلىڭىز ئاغرىش، قىززىتمىڭىز ئۆرلەش، كۆزىڭىز قىززىش، ئۇستىخانلىرىڭىز ئاغرىش، باش ئاغرىش دىگەندەك ئالامەتلەر بولسا شاتۇت كونسۇرۋاسى ئىستىمال قىلىڭ. تىزلا ئۈنۈمى بولىدۇ.(تاللا بازارلىرىدا سېتىلىدۇ)

    ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلى: ئاسان ئىچى سۈرىدىغانلار 100 گىرام ئەتراپىدا، ئىچى سۈرمەيدىغانلار 200 گىرام ئەتراپىدا ئىستىمال قىلىڭ.

دىقەت قىلىدىغان ئىشلار: قان بېسىمى زىيادە تۆۋەنلەر ئىھتىيات قىلىڭ.



3 - زەخمىنى داۋالاش.


يېقىلىپ كەتكەندە، ۋەقەگە ئۇچرىغاندا، ئۇرۇشۇپ قالغاندا( بولسا ئۇرۇشماڭ) زەخمىلەنسىڭىز، كۆكۈرۈپ قېلىش، ئىششىپ قېلىش، قىزىرىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولسا، يەرلىك تۇخۇم ئېقىنى سۈرۈڭ. كىچىكرەك يارا بولسا نەچچە سائەتتە، چوڭراق بولسا ئىككى كۈندە ياخشى بولىسىز.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: يەرلىك تۇخۇمنى كىچىك يىرىنى چېقىپ، تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ئايرىڭ. داكا تېپىڭ، داكا بولمىسا تازلىق قەغىزىمۇ بولىدۇ. ئاندىن تۇخۇم ئېقىغا مىلەپ، يارلانغان ئورۇنغا قويۇپ، قولياغلىق ياكى لاتا بىلەن تېڭىپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر يۈزىڭىزگە ئوخشاش تېڭىش قولايسىز ئورۇن بولسا، ئاخشىمى كىچىكرەك تازلىق قەغىزىنى ئازراق تۇخۇم ئېقىغا نەمدەيسىز. ئاندىن يارلانغان ئورۇنغا چاپلىسىڭىز، پىلاستىرغا ئوخشاش چاپلىشىپ، تىزلا قۇرۇيدۇ. ئەتىسى ئەتتىگەندە يۇيۇۋەتسىڭىزلا بولىدۇ. كۆكنى يوقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش تەسىرىگە ئىگە.

  دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: بوۋاق بالىلار يۈز- كۆزىگە مىلەپ ئوينىمىسىلا بولدى;P  



4 - پاشا چاققاندا:

ئەگەر پاشا چېقىۋېلىپ، توختىماي قىچىشىپ، بىئارام بولغان بولسىڭىز تۈكۈرىكىڭىز بىلەن نەمدەپ قويسىڭىزلا كۇپايە. تۈكۈرۈكنىڭ قىچىشىشنى پەسەيتىش، مىكروپ تازلاش رولى بار. نەچچە مىنۇتتىلا ئۈنۈمى بولىدۇ.

چىش پاستىسى سۈرسىڭىزمۇ ئۈنۈمى بولىدۇ.  




5  - ياللۇغلانسا:


بىرەر يىرىڭىزگە تىكەندەك نەرسە كىرىپ كىتىپ ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىش بولۇپ، قىزىرىپ، ئىششىپ، بەكلا بىئارام بولغان بولسىڭىز پاقا يوپۇرمىقىنى ئىزىپ، مەزكۇر ئورۇنغا تېڭىپ قويسىڭىز يىرىڭ يىغىپ، ياللۇغ قايتۇرىدۇ.



6 - تاش چۈشۈرۈش:


بۆرەكتە، ئۆتتە ياكى سۈيدۈك يولىدا تاش بولسا تاۋۇزنىڭ شاپىقى بىلەن قىزىل رەڭلىك ئېتى ئارىقىدىكى كۈكۈش، ئازراق تەمى بار يېرىنى بىر مەزگىل يەپ بەرسىڭىز، سۈيدۈكنى كۆپەيتىپ، تاش چۈشۈرىدۇ.



7 - ئاۋازىڭىز پۈتۈپ قالسا:


تۇرۇپ ئۇرۇقىنى چالا بولسىمۇ سوقۇپ، كىچىكرەك پىيالىدە دەملەپ، بىر ئاز دۈملەڭ. ئاندىن تەمى چىققاندا ئىچىپ بىرىڭ. بىر نەچچە قېتىم داۋاملاشتۇرسىڭىز ئاۋازىڭىز ياخشىلىنىدۇ.


نانىڭ كۆيۈكىنى چىلاپ، قېنىق تەمى چىققاندا ئىچىپ بىرىڭ. نەچچە قېتىمدىلا ئۈنۈمىنى كۆرىسىز.




داۋامىنى ئېسىمگە كەلگەندە يازاي.



بۇ چارىلەر بىر كۈنلەردە سىزگە ئەسقېتىپ قالسا پېقىرنى ئەسلەپ قويارسىز.


سىزدىمۇ بېشىڭىزدىن ئۆتكەن ئاددى چارىلەر بولسا ئىنكاس شەكلىدە يولاپ قويۇڭ. ھەممەيلەن بەھرىلەنگەي.



مەنبە: پېقىر ۋە ئەلداۋا ساغلاملىق تورى.

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 07:57:11

مېنىڭ سول قولۇمنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى ئازىراق قايرىلىپ كېتىپ بىر ئايدىن ئاشتى ، بارماقنى يىغىپ ئاچسام يېنىك ئاغىريدۇ.

yigana.yigit يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 08:08:27

ئانگىناغىمۇ داۋا بولسا يوللاپ قويۇڭلار باللا... ئايدا بىر قىتىم قوزغىلىپ بەك خاپا قىلىۋاتىدۇ.. ئاسما ئوكۇلمۇ تازا پايدا قىلمايدىغان بولۇپ قالدى..  مىللى تىبابەت دورىلىرىدىن يەپ ئۈزۈل كىسىل ساقايغىلى بولامدۇ؟ يەنە ئىغىزىم بەك تولا پىلە بولۇپ قالىدۇ.  داۋا بامۇ؟؟؟

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 08:19:38

1- قەۋەتتىكى snakeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭ سول قولۇمنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى ئازىراق قايرىلىپ كېتىپ بىر ئايدىن ئاشتى ، بارماقنى يىغىپ ئاچسام يېنىك ئاغىريدۇ.



يەرلىك تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن ئاز مىقداردا ئاش تۇزىنى تەكشى ئارلاشتۇرۇپ، كۆپۈك چىققاندىن كېيىن، داكانى چىلاپ ئاغرىغان بارمىققا تەكشى ئوراپ تېڭىپ بىرىڭ.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 08:22:47

2- قەۋەتتىكى yigana.yigitنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئانگىناغىمۇ داۋا بولسا يوللاپ قويۇڭلار باللا... ئايدا بىر قىتىم قوزغىلىپ بەك خاپا قىلىۋاتىدۇ.. ئاسما ئوكۇلمۇ تازا پايدا قىلمايدىغان بولۇپ قالدى.. مىللى تىبابەت دورىلىرىدىن يەپ ئۈزۈل كىسىل ساقايغىلى بولامدۇ؟ يەنە ئىغىزىم بەك تولا پىلە بولۇپ قالىدۇ. داۋا بامۇ؟؟؟



پوستى قاتمىغان ياڭاقنى چايناپ يۇتۇڭ ياكى سىقىپ سۈيىنى ئىچىڭ. قايتىلانمايدۇ. (لېكىن بەك قىرتاق. ئاشقازىنى ئاجىزلار ئازراق ئىچكەي)


------------------------------


يەنە ئىغىزىم بەك تولا پىلە بولۇپ قالىدۇ. داۋا بامۇ؟؟؟



ئاز مىقداردا يەرلىك شوخلىنى تەمى چىققۇچە قاينىتىپ، ئېغىزىڭىزدا تۇرغۇزۇپ، غەر غەر قىلىڭ. مۇۋاپىق مىقداردا ئىچسىڭىزمۇ بولىدۇ.

saray يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 08:53:31

ساقلاپ قوياي.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 09:16:41

ئاۋۇ  ناننىڭ كۇيۈكىنى سۇغا چىلاپ يەيدىغانى بۇلىدىغان گۇمپا.

BAHWAN يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 09:45:24

ياخشى رىستىپلاركەن

hoxhawar يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 10:02:55

مېنىڭ پۇلۇم تۈگىسىلا بېشىم ئاغرىيدىغان بوپ قالدى \"\"

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 10:22:57

چاق-چاق ئارلاشتۇرماڭلار! ئورۇقلاشنىڭ تېبابەتتە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بارمۇ ھەركەت قىلىشتىن باشقا!

kantir يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 11:24:08

8- قەۋەتتىكى hoxhawarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭ پۇلۇم تۈگىسىلا بېشىم ئاغرىيدىغان بوپ قالدى \"\"  

مەدىكار بازىرىغا بېرىڭ.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 11:26:49

9- قەۋەتتىكى bilkanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چاق-چاق ئارلاشتۇرماڭلار! ئورۇقلاشنىڭ تېبابەتتە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بارمۇ ھەركەت قىلىشتىن باشقا!



ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى بولمىغان بىرەر شەھەرگە بېرىپ بىر ئاي تۇرۇپ كەلسىڭىزلا بولدى، 10 كىلو كېپىل.

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 11:41:47

ئانامنىڭ بىر مەخپى رېتسىپى بار دەۋىتەي \"\"

1. بەدىنىڭىز كۆيۈپ قالسا

ناھايتى تېز سۈرەتتە سۇلۇق كۆتۈرلۈپ چىقىشتىن بۇرۇن بەرەڭگە (يەڭيۇ) نى قېرىپ ياكى ياپلاق قىلىپ كۆيگەن ئورۇنغا چاپلايمىز ،كۆيۈك ئېغىر بولسا بەرەڭگە ناھايتى تېز قېزىپ قالىدۇ ،شۇڭا يىڭىلاپ سوۋىتىپ ئەكىرىش كىرەك ...ئەگەر ياخشى قىلاللىسىڭىز تىرناقنىڭ كىرىچىلىك تارتۇق قالمايدۇ ...چىش پاستىسى ،سوغۇق سۇ قاتارلىقلار ئاغىرقنى توختىتىدۇ لىكىن ھەقىقى داۋاسى ئەمەس....ۋاقتى ئۆتۈپ سۇلۇق كۆتۈرۈپ چىققان ياكى يېرىڭدىغان بولسا بۇ ئۇسۇل ئەسقاتمايدۇ بالدۇراراق دۇختۇرخانىغا بېرىڭ...

ئېسىمنى بىلسەم ئاپام مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىناتتىكەن ،شۇڭا بىزنىڭ ئۆيدە كۆيۈك تاتۇقى يوق ، ، ،كىچىك ئاپام پۇتىغا بىر قازان ئاش سۈيىنى تۆكىۋىلىپ ،ئىككى ئۈچ خۇشنىسنى چاقىرىپ باللىرى بىلەن بىر كىچە بەرەڭگە چاپلاپ تارتۇقسىز ساقايتىۋالغان ،،ئىشلەتكەن بەرەڭگە بىر تاغار ئەتراپىدىكەن ،،،،،،



(بۇنى ئىشلىتىپ كىلىپ چىققان ھەرقانداق مەسىلىنى مەن ئۈستۈمگە ئالالمايمەن)

tagh يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 11:50:23

ئەسسالامۇئەلەيكۇمgulahmalik ئەپەندى!

مەن ئالدىنقى يىلى ئىھتىياتسىزلىقتىن ،مەيدەمگە قايناقسۇ تۆكىلىپ كىتىپ خېلى چوڭ تارتۇق قالغان،بۇنداق

تارتۇقنى قانداق يۇقاتقىلى بۇلىدۇ؟

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 12:45:55

13- قەۋەتتىكى ZAGHUNنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇئەلەيكۇمgulahmalik ئەپەندى!

مەن ئالدىنقى يىلى ئىھتىياتسىزلىقتىن ،مەيدەمگە قايناقسۇ تۆكىلىپ كىتىپ خېلى چوڭ تارتۇق قالغان،بۇنداق

تارتۇقنى قانداق يۇقاتقىلى بۇلىدۇ؟



بۇ سۇئال ئىلگىرىمۇ بىر قېتىم ئىزدىنىشتا سورالغاندەك ئېسىمدە.


كۆيۈك ئىزى ۋاقتىدا دورا قىلىنمىسا يوقالمايدۇ. ھازىر ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندەك.


بولمىسا باش سۈرىتڭىزدىكى بودىنىڭ كىيىمىدەك كىيىپ يۈرىۋېرىڭ\"\" (چاخچاق)



ناۋادا داۋالاش ئۇسۇلىنى ئۇچرىتىپ قالسام يوللاپ بېرەي.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 12:49:12

9- قەۋەتتىكى bilkanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چاق-چاق ئارلاشتۇرماڭلار! ئورۇقلاشنىڭ تېبابەتتە ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بارمۇ ھەركەت قىلىشتىن باشقا!



يېزىدا بولسىڭىز سەۋزىنى كۆپرەك تېرىپ قويۇپ، يۇلۇپلا ئېلىپ تازلىۋېتىپلا يەپ بەرسىڭىز بولىدۇ. بىر مەزگىل يەپ بەرسىڭىز بەدەندىكى ماينى ئېرىتىپ، ئۇرۇقلاش مەقسىتىگە يىتەلەيسىز. ( خام يەيسىز)



باشقا چارىلەر بولسا ئېسىمگە كەلگەندە يوللاي\"\"

forever يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 12:50:02

ساقلىۋالىدىغان رېسسىپلار ئىكەن. \"\"

talmas يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 13:18:09

گۇلاخمالىق زۇكامنىڭ نەچچە تۈرى بۇلدىكەن .يەنە سوغاقتىن بۇلغان زۇكام.قۇرۇق -ئىسسىق تۇتۇشتىن بۇلغان زۇكام،ۋىرۇسلىق زۇكام،،،،،،.كۆپ ئۇچرايدىغان سۇغاق بۇلغان زۇكام بىلەن ،قۇرۇق ئىسىقتىن بۇلغاننى قانداق پەرىقلەندۈرىمىز؟ئالامەتلىرى قانداق بۇلىدۇ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 13:54:29

بۇلار بەك بەلەن چارىلەركەن..

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2012-8-30 14:12:07

چىش بەك ئاغرىپ كەتسە بىر بوتولكا ھاراق ئېلىپ پاختىنى ھاراقتا ھۆلدەپ ئاغرىغان چىشقا باسسا پايدا قىلارمىش دەپ ئاڭلاپ چىشىم ئاغرىپ كەتكەندە شۇنداق ئامال قىلغانتىم مەن . ئەمما ئاغرىققا چىدىماي بىر بوتولكا ھاراقنىڭ ھەممىسىنى پاختىنى ھۆلدىمەيلا بىۋاستە چىشىمغا بېسىتىكەنمەن ..... \"\"
بەت: [1] 2 3
: دائىم لازىم بولىدىغان ئەپچىل چارىلەر