arkim يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 14:36:23

سېرىق ئۇيغۇرلار قومۇلدا -ئەركىم

سېرىق ئۇيغۇرلار قومۇلدا


-ئەركىم


مېھمانلار قومۇل ئەدەبىياتدىكىلەر بىلەن ئارتام ئۇيغۇرشاردىكى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بار تاش ئالدىدا


مەن ۋە قومۇلدىكى بىر قانچە ئاغا-ئىنىلەر 2010-يىلى 7-ئايلاردا گەنسۇ ئۆلكىسى جاڭيې شەھىرى سۇنەن يوغۇر (سېرىق ئۇيغۇر)ئاپتونوم ناھىيسىگە بارغانتۇق. بۇ جەرياندىكى نەچچە كۈنلۈك تەسىراتىمنى تور ۋە <<قومۇل ئەدەبىياتى>>ژورنىلىدا ئېلان قىلىپ كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغانتىم. بەزى كىشىلەر ماڭا تېلېفۇن ئۇرۇپ ئۇلار ھەققىدە يەنىمۇ كۆپرەك ئۇچۇر بېرىشىمىزنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئېيىتتى. نۇرغۇن ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئۇلار ھەققىدە بىلىدىغانلىرى يوق دىيەرلىك بولسىمۇ، ئاشۇ يىراق سۇنەننىڭ تاغ-دالالىرىدا ھازىرغىچە ئۆز مەدەنىيەت چەمبىرىكىنى ئاداققىچە قوغداپ قېلىش ئىستىكىدە تىرىشىپ ياشاپ كېلىۋاتقان سېرىق ئۇيغۇر قانداش، قېرىنداشلىرىمىز بىزنى بىر كۈنمۇ ئۇنتۇپ قالماپتۇ. بۇ ئىككى يىل مابەينىدە مەن شەرق سېرىق ئۇيغۇرنىڭ ئېرجىن قەبىلىسىدىن بولغان جۇڭگودا كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، گەنسۇ ئۆلكىسى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان تۆمۈر ئەپەندىم بىلەن ئىزچىل ئالاقە قىلىپ كەلدىم. بۇ ئارىدا ساقىلىق ئابدۇغوپۇر ئابدۇرېھىم ئاغام تۆمۈر ئاغامنىڭ بىر قانچە پارچە ئەسىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇپ <<قومۇل ئەدەبىياتى>>دا ئېلان قىلدۇردى.تېخى پىشقەدەم رەھبەر ئابدۇراخمان مۇتىللا ئەپەندىم تۆمۈر ئاغامنىڭ <<سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى>>دېگەن زور ھەجىملىك تارىخى ۋەقەلەر بايان قىلىنغان كىتابىنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ نەشىرىياتقا بەردى، خۇدايىم بۇيرىسا بۇ يىل ئاخىرىغىچە نەشىردىن چىقىپ بىز بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. بەلكىم دىيارىمىز ئۇيغۇرلىرى ئۇشبۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇپ بولسىلا سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى كىملىكىنى ۋە ئۇلار تارىختىن بۇيان ئۇچىرىغان سورۇقچىلىقلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ سەلتەنەتلىك ئۆتمىشىنى بىلىپ يېتەلەيدۇ. 2000-يىلىدىكى نوپۇس سىتاتىسكىسىدا غەربى ۋە شەرق سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى نوپۇسى ئاران 13719 ئادەم بولغان. بىر ئەسىرنىڭ ئالدىدا مالوف ئەپەندىم ئۇلارنىڭ نوپۇسىنى بىر تۈمەن ئەتىراپىدا دەپ ئۇچۇر قالدۇرغان ئىكەن. جۇڭگودىكى ئازسانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ بۇ قەدەر ئاستا سۈرئەتتە كۆپىيىشىدە ھەرخىل سەۋەبلەر بار.


  ئوڭدىن تەرجىمان ئابدۇغوپۇر ئابدۇرېھىم، تۆمۈر ئەپەندىم ۋە شائىر سەمەت ئابدۇراخمان قۇچىغۇنلار ئارتام ئۇيغۇر چوققىسى ئېتىكىدىكى ئۇيغۇر ئۆيلىرىنىڭ ئالدىدا سۆھبەتلەشمەكتە.

  سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە: سېرىق ئۇيغۇرلار 19-ئەسىرنىڭ ئالدىدا ھازىرقى مۇڭغۇلىيە ۋە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ توۋا جۇمھۇرىيتىدە ياشىغانكەن. مىلادى840-يىلى تەبىئىي ئاپەت، ئىچكى نىزا ۋە قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇمىدا ئورخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقى يىمىرىلگەن، ئۇيغۇرلار نىڭ بىر قىسمى غەرىپكە، بىر قىسىمى جەنۇپقا ۋە شەرىققە قاراپ كۆچكەن، غەربكە يۈرۈش قىلغانلىرى تۇرپانغا كېلىپ 860-يىلى تۇرپان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خاندانلىقىنى قۇرغان، بىر قىسمى گەنسۇغا كېلىپ 300يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن قامچى(گەنجۇ)ئۇيغۇر خاندانلىقىنى قۇرغان. ھازىرقى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبى مانا مۇشۇنداق كۆچۈشلەر جەريانىدا قىسمەن كۆپ خىللاشقان. ئۇلارنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ ئىچىدە ياغلاقار، چومەن، كىرەي، نايمان، قوڭرات، ئەنجان(ئەنجاڭ)...قاتارلىق قەبىلە نامىلىرى ئۇچىرايدۇ. مالوپ ئەپەندىم 1910-يىلى10ئاينىڭ16-كۈنى  سانىسقاپ ئىسىملىك سېرىق ئۇيغۇر كىشىنىڭ ئاغزىدىن مۇنۇ قۇرلارنى خاتىرىلىۋالغانكەن: <<مىس يوغۇر مىندىن پىرىندا ئارتتان كەلگەن دىرو. شىجۇ-خاجىدان كەلگەن دىرو.>>مەنىسى: <<بىز سېرىق ئۇيغۇرلار بۇندىن بۇرۇندا غەرىبتىن كەلدۇرمىز، شىجىنىڭ-خاجىدىن كەلگەندۇرمىز.>> سېرىق ئۇيغۇرلار شىنجاڭدىمۇ ياشىغان، خېشى كارىدورىدا ياشاۋاتقىلىمۇ مىڭ يىللاردىن ئاشتى. سانىسقاپنىڭ بايانىدىكى شىجى-خاجىنىڭ زادى قايسى يۇرتلىقى ھەققىقدە ھازىرغىچە ئېنىق بىر جاۋاپ تېپىلمىدى. نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، شىجى-خاجى شەرىقتە دۇرخان(دۇنخۇاڭ)دىن، جەنۇبى چەيدام ئويمانلىقىغىچە،شىمالى قومۇلدىن،غەربى تۇرپانلارغىچە بولىشى مۇمكىنمىش.

  شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن سېرىق ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر كۆزىنى شىنجاڭغا تىكتى. بولۇپمۇ قومۇلدىكى بىر قىسىم بايقىلىشلار ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. ئېسىمدە قېلىشىچە، بىز تۆمۈر ئەپەندىم بىلەن 2005-يىللاردا تونۇشقان، شۇ يىللاردا ئابلېز ئورخۇن، سەمەت ئەسرا تۇرا، ئابلېز ئۆمەر ھاجى، دىلمۇرات تەلئەت ۋە مەن قاتارلىقلار سۇنەنگە بارماقچى بولدۇق، ئاخىرى مەندىن باشقىلىرى  بېرىپ كەلگەنتى. شۇ چاغدىن ئېتىبارەن سۇنەندىكى سېرىق ئۇيغۇرلار دىن تۆمۈر، ئارىسلان، ئەنيۈلىڭ قاتارلىقلار بىلەن باردى-كەلدىمىزنىڭ ئۈزۈلگىنى يوق. ئارلىقتا تۆمۈر ئەپەندىم بىر نەچچە قېتىم قومۇلغا چۈشۈپ ئۆتتى، ۋاقىت قىسلىقىدىن بىرەر كۈن تۇرۇپلا كېتىپ قالاتتى. بۇ قېتىم يەنى 2012-يىلى11-ئاينىڭ13-كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئورخۇن ئاغام ماڭا تېلىفۇن قىلىپ، كەچتە، تۆمۈر ئەپەندىمنىڭ ئۆزىدىن باشقا ئىككى سېرىق ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز بىلەن، گەنسۇ ئۆلكىلىك جاڭيې شەھىرى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىدىكى يەنە بىر قانچە كەسپىي خادىملارنى ئېلىپ، قومۇلغا يېتىپ كېلىدىغانلىق ئۇچىرىنى يەتكۈزدى. مەن قارادۆۋىدە خىزمەتتە بولغاچقا، شۇ كۈنلىكى يىتىپ بارالمىدىم. 11-ئاينىڭ15-كۈنى تاڭ بىلەن تەڭ، ئۇلار چۈشكۈن قىلغان قومۇل مۇقام سارىيىغا بېرىپ، تۆمۈر ئاغاملار بىلەن دىدارلاشتىم. بۇ قېتىم ئۇلار قومۇل ۋە تۇرپاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ھەققىدە بىر خاتىرە فىلىم ئىشلەشكە كەلگەن ئىكەن، فىلىم ئىشلىگۈچى جاۋگوپىڭ رىژىسسور ئۇستا فىلىم ئىشلىگۈچى بولۇپ، سېرىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قانچە خاتىرە فىلىمى ئىشلەپ زور ئالقىشلارغا نائىل بوپتىكەن. ئۇ ئىشلىگەن فىلىملار مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىدا كۆپ قېتىم كۆرسىتىلىپتۇ. ئۇلارنىڭ مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ 9-قانىلى بىلەن فىلىم ئىشلەپ بېرىش توختامى باركەن. بۇ قېتىم، ئۇلار جەمئىي يەتتە ئادەم بولۇپ، ئۈچ سېرىق ئۇيغۇر ، ئىككى تىبەت، بىر مۇڭغۇل ۋە ئىككى نەپەر خەنزۇدىن تەركىپ تاپقان ئىكەن. بىر نەپەر غەربىي سېرىق ئۇيغۇرنىڭ ساقىس (سەككىز) قەبىلىسىدىن بولغان سېرجىن ئاقام(ئاچام) مەملىكەت دەرىجىلىك چاشمىچى، قىيمىچى ۋارىسى ئىكەن.

شۇ كۈنى مەن ئۇلار بىلەن بىللە قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ بازىسى بولغان قوراي يېزىسىغا باردىم. چۈنكى ئۇ يەردە ھاۋاخان قاسىم ئىسىملىك داڭلىق چاشمىچى ھەم قىيىقچى ئاچام بار ئىدى. فىلىمنىڭ تەبىئىي ئېلىنىشى ئۈچۈن بىز ھاۋاخان ئاچامغا خەۋەر قىلمايلا باردۇق. يول ئۈستىدە تۆمۈر ئاغام، سېرجىن ئاقاملار بۇ تاغ يوللىرىنى كۆرۈپ ئۆزلىرىنى خۇددى سېرىق ئۇيغۇرلار دالاسىدا يۈرگەندەك تۇيغۇلارغا كېلىۋاتقانلىقىنى ھاياجان ئىچىدە بايان قىلاتتى. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تىلدىكى، مەدەنىيەتتىكى ئوخشاشلىقلار ئۇلارنىڭ يوقۇلۇش گىردابىدا تىپىرلاۋاتقان قەلبىگە ئازراق بولسىمۇ مەلھەم بولىۋاتقاندۇ. بىز ھاۋاخان ئاچاملارنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا ماشىنىدىن چۈشتۇق. ياندىكى بىر ئۆينىڭ قوۋۇقىدا يۈزلىرى تۆپتۆرۈك(يۇپيۇمىلاق)بىر چوكانچاق قولىدا چاشما دوپىسىنى تىكىنىچە سېرجىن ئاقامنىڭ چاشما چاپىنىغا قىزىقسىنىپ قاراپ تۇراتتى. چۈنكى سېرجىن ئاقامنىڭ چاشما چۈشۈرلگەن چاپىنىدىكى گۈل نۇسخىلار قومۇل چاشمىلىرى بىلەن تامامەن ئوخشاش ئىدى.بىز ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتۇق، ئۇ بىزنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى، ئەسلىدە ئۇمۇ يېتىشىۋاتقان ئىزباسار چاشمىچى ئىكەن. بىز تۈزۈت قىلمايلا ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىدىن ھوزۇرلاندۇق. مېھمانلارنىڭ سىن ئاپراتلىرى بۇ ئايرىلغىلى نەچچە ئەسىرلەر بولغان ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە ئىككى خىل مىللەت نامىدا ئاتىلىپ قالغان قان-قېرىنداشلارنىڭ چاشمىلىرىدىكى ئوخشاشلىقلار تارتىشقا باشلىدى. شۇ قەدەر ئورتاق نۇسخىلارنى كۆرۈپ ھەيرانۇھەس بولاتتى. بۇ ئۆيدىن چىقىپ ھاۋاخان ئاچاملارنىڭكىگە كىرگەندە بولسا، سېرجىن ئاقامنىڭ كۆزلىرىدىن ھاياجان ياشلىرى ئۈن-تىنسىز تاراملاپ كەتتى. ھاۋاخان ئاچام يىغىپ ساقلىغان قەدىمكى چاشما نۇسخىلىرىنى پىشانىسىگە تەگكۈزۈپ قىزارغان كۆزلىرىنى بىزگە تىكىپ ئۇنىڭدىكى ئوخشاشلىقلارنى بىزگە سۆزلەپ بەردى. بەزى نۇسخىلارنىڭ تىكىلىش ئۇسۇلى ھازىرمۇ ئۇلاردا بارئىكەن، ئۇلاردا يوقۇلۇپ كەتكەن نۇسخىلار بولسا بىزدە بار ئىكەن. قەدىم ئاياق ۋە ئىگىنلەرگە چۈشۈرۈلگەن كېپىنەك، بېلىق، بۇغا، بۆشۈك تەۋرەتكۈچ قاتارلىق جاندارلارنىڭ تىكىلىشلىرىمۇ پۈتۈنلەي ئوخشايدىكەن. سېرجىن ئاقام بۇ قىممەتلىك بويۇملارنى خۇددى يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان بۇۋاقنى ئاۋايلىغاندەك ئىنتايىن كۆڭۈل قويۇپ ئاستا ئۆرۈپ-چۆرۈپ كۆرۈپ، بۇ ئەنگۈشتەرلەرگە زادى قانمايۋاتاتتى. سېرىق ئۇيغۇر چاشمىچى بىلەن ئۇيغۇر چاشمىچى بىر بىرى بىلەن تىلدا قىسىنغان بولسىمۇ ئورتاق بىر كەسىپنىڭ پەرۋىشكارلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىردەمنىڭ ئىچىدىلا ئۇزاق يىللاردىن كۆرۈشەلمەي بۈگۈن جەم بولغان قېرىنداشلاردەك بولۇشۇپ كەتتى. ھاۋاخان ئاچام بىزگىمۇ ئەزەلدىن كۆرسۈتۈپ باقمىغان، تىلىغىمۇ ئالمىغان ئىككى، ئۈچ يۈز يىللىق تارىخلارغا ئىگە بولغان قىممەتلىك قەدىم چاشمىلىرىنى بىر بىرلەپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ چىقىپ تۆكۈۋەتتى.ئارىمىزدىكى تىبەت، مۇڭغۇل، خەنزۇ مېھمانلارمۇ بۇ ئىككى مىللەتتىكى بۇنچە كۆپ ئوخشاشلىقلارنى كۆرۈپ كۆزلىرى ھەيرانلىقتىن 100 ۋاتلىق لامپۇچكىدەك پارقىراپ كەتتى.


ماتېرىيال رەسىمى

  ھاۋاخان ئاچام گەپ ئارلىقىدا قەغەز قىيمىچىلىق بويۇملىرىنىڭمۇ بارلىقىنى دېگىنىدە سېرجىن ئاقامنىڭ قەلبى يەنە بىر قېتىم لەرزىگە كەلدى. چۈنكى ئۇنىڭ بۇ قېتىم قومۇلغا كېلىشتىكى مەقسىدىمۇ بۇ زىمىندىن ئۆزلىرىدە بار بولغان قەغەز، تېرە قىيمىچىلىقنىڭ ئىزنالىرىنى تېپىش ئىكەن. ئۇ ھاۋاخان ئاچامنىڭ قەغەز قىيمىلىرىنى كۆرگەندە كۆز قارچۇقلىرىنى يەنە بىر نۆۋەت نەملىگەن بولدى. چۈنكى بۇ نۇسخىلارمۇ سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ قەغەز قىيما نۇسخىلىرى بىلەن شۇ قەدەر ئوخشاش ئىدى...مەنمۇ بىر چەتتە، بوغۇزۇمغا بىرنەرسە كەپلەشكەندەك بولۇپ، ئۇلارغا قاراپ تۇراتتىم. ئوغۇلبالا قالايمىقان ياش تۆكمەيدۇ، ئۇلارنىڭ يۈرىكى يىغلايدۇ. شۇ كۈنى قومۇلغا قايتىپ، مىسران تائامخانىسىدا بىرلىكتە تاماقلىنىپ ئۆيگە كەلگەندىن كېيىنمۇ بوغۇزۇمغا تۈرۈلۈپ قالغان بۇ گادا زادى يوقالماستا قالدى.


***


ئارتامدىكى ئۇيغۇر چوققىسى ۋە تىك چوقىلار ئۈستىدىكى قەدىمىي قەبرىلەر

  ئەسلى مېھمانلارنىڭ پىلانى بويىچە2012-يىلى11-ئاينىڭ16-كۈنى تۇرپانغا بارماقچىكەنتۇق. تۆنۈگۈنكى خاسىيەتلىك سەپەر جەريانىدا مەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن قوراي قىزيادىكى ئۇيغۇر نامىدا ئاتانغان قىزيا ئۇيغۇرشار خارابىسى، ئەزىزان باغلىرىمىز بولغان ئارتامدىكى ئۇيغۇر ئۆيلىرى( ئاتامدىكى مىڭ ئۆينى يەرلىكلەر شۇنداق ئاتايدۇ)، ئۇيغۇر چوققىسى ۋە ئۇيغۇر شار خارابىسى ھەمدە قەدىمكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مىللەت، قەبىلە ناملىرىدا ئاتانغان قارلۇقغول، قارلۇق جەمەتى، تۈركى تىللاردىۋانىدا بايان قىلىنغان ئەلكى ۋە ئەلكى بۇلاق ۋە قومۇلدىكى نۇرغۇنلىغان يەرلەردىكى ئۇيغۇر نامىدا ئاتالغان ئورۇنلارغا بولغان قىزىقىش ئۇلارنىڭ تۇرپان سەپىرىنى بىر كۈن كىچىكتۈرىشىگە سەۋەب بولدى.


بۈۋەدىخان مومام ئۇيغۇر ئۆيى ۋە ئۇيغۇر كېسىكى ھەققىدە سۆزلىمەكتە.

  بىز تاڭ پەيتى ئۈرۈمچى ۋاقتى7:30 دە ئۇلار قونغان مۇقام سارىينىڭ ئالدىدىن ئارتامغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. يول ئۈستىدە تاشارلىق 95 ياشقا كىرگەن بۈۋەدىخان مومام( ئاپامنىڭ دادىسىنىڭ ئاچىسى)نىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئۇيغۇر ئۆيى ھەققىدىكى پاراڭنى سېلىپ بەردىم. بۇ يىل 2-ئاينىڭ2-كۈنى بۈۋەدىخان مومامنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا، پاراڭدىن پاراڭ چىقىپ،مومام توساتتىنلا ئۇيغۇر كېسىكى دەيدىغان بىر ئاتالغۇنى تىلغا ئېلىپ قالدى. ئەسلىدە يەرلىك ئارتاملىقلار تۇغۇتىدا شامال دارىپ قالغان ئايالنى ئۇيغۇر ئۆيى خارابىسىدىلا بولىدىغان ئۇيغۇر كېسىكىنى ئالدۇرۇپ كېلىپ، يوغان ياغاچ تەڭنە ياكى داسقا قايناقسۇنى قۇيۇپ، ئاندىن ئۇيغۇر كېسىكىنى سۇغا سالغاندا كۆتۈرۈلۈپ چىقىدىغان ھورغا پوملاپ داۋالايدىكەنتۇق. سېرجىن ئاقام بۇنى ئاڭلاپ ئۆزلىرىنىڭ ساقىس قەبىلىسىدىمۇ مۇشۇنداق داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىپ ئۆتتى. ئۇلارمۇ قەدىمىي كېسەكنى تېپىپ كېلىپ، ئوخشاش ئۇسۇلدا شامال دارىش ۋە گومىروي كېسەللىرىنى داۋالايدىكەن. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا سۇنەنگە بارغىنىمدا ھېلىقى ئىككى ياشانغان مومام بىزنىڭ پاراڭلىرىمىزنى ئاڭلاپ، سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ پاراڭلىرى بىز سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى ياغلاقار( ياغلاقار-ئورخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقىنى قۇرغان ئالتۇن ئۇرۇق ) بىلەن ساقىس قەبىلىدىكىلەرنىڭكىگە بەكرەك ئوخشايدىكەن، دىگەن ئىدى. بۇ قېتىم، ساقىس قەبىلىسىدىن بولغان سېرجىن ئاقام بىلەن سۆزلىشىش جەريانىدا تىل جەھەتتىكى نۇرغۇنلىغان ئوخشاشلىقلار بىزنى ھەقىقىي ئۇرۇق-تۇغقانلاردەك يېقىن قىلىۋەتتى. بىز شۇنداق تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ ئارتامغىمۇ چىقىپ قاپتىمىز.

ئۇيغۇر چوققا ئېتىكىدە


ئوڭدىن قارا چاپانلىقى مەن، تۆمۈر ئەپەندىم، سېرجىن ئاقام، دولقۇن ئاغام، ئابدۇغوپۇر ئاغاملار ئۇيغۇر ئۆيلىرىنىڭ ئالدىدا

   بىز بىرىنچى بولۇپ ئارتامدىكى ئۇيغۇر ئۆيلىرى ( شۇ جايدىكى نەچچە مىڭ يىللىق بۇددا تاش كېمىرلىرى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدا شۇنداق ئاتىلىدۇ) بار جايغا كەلدۇق. بۇ يەردە تۆمۈر ئاكام گەنسۇدا ياشاپ كېلىۋاتقان شەرق سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇڭغۇل تىلى ئارلاش قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىدىغانلىقىنى بەلكىم تارىختا، مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئىچىدىمۇ تۈركى تىللىق قەبىلىلەرنىڭ مەۋجۈتلىقىنى پەررەز قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى شۇڭا چىڭگىزخان ئۇيغۇرلار بىلەن ئالقە قىلغاندا تىلدا قىينالمىغان ھەمدە ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆزلىرىگە ئۇستاز تۇتۇپ، مۇڭغۇللارغا مەدەنىيەت ئۆگىتىشكە تاللىغان بولىشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئىلىم ئەھلىگە مەلۇم بولسا كېرەك. دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا مۇڭغۇلچە يەر-جاي ناملىرى ئۇچىرايدۇ. ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە يەرناملىرىمۇ ئاز ئەمەس، تۆمۈر ئەپەندىمنىڭ ئاشكارلىشىچە ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇل ۋە تاشقى مۇڭغۇل زىمىنلىرىدىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئاتالغان بىدىلىك، قارسۇ دېگەندەك يەر جاي ناملىرىنىمۇ كۆپ ئۇچىراتقىلى بولىدىكەن. تېخى مۇڭغۇلىيەدە ئۇيغۇرغول دەپ بىر جاي ئىسمىمۇ بار ئىكەن. دېمەك، بىز تاشلاپ كەتكەن ئورخۇن، تەڭرىداۋان، ئۆتۆكەن يايلاقلىرىدا بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ ئىزنالىرى تا بۈگۈنگىچە يوقالمىغان گەپ. قومۇلدىمۇ نۇرغۇنلىغان مۇڭغۇلچە يەر-جاي ناملىرى ئۇچىراپ تۇرىدۇ. مەسلەن: قومۇلدىكى تاغلىقلار تاغ چوقىلىرىدىكى يازلىق يايلاقنى <<جۇسلاڭ>>دەپ ئاتايدۇ. بۇ مۇڭغۇلچە گەپ بولۇپ مەنىسى: يازلىق يايلاق ئىكەن. مەن بۇ ھەقتە، تۆمۈر ئەپەندىم بىلەن ئوخشىمايدىغان پىكىرنى ئوتتۇرىغا تاشلىدىم. ئۇزاق تارىخى جەريانلاردا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ باسمىغان زىمىنلىرىمىز ئاز قالدى.بىز چىڭگىزخان ئىستىلاسىغىمۇ  قاتناشتۇق.مۇڭغۇل تىلىمۇ ئۇيغۇر تىلىدەكلا ئالتاي تىل تۈركىمىگە كىرىدۇ. بەلكىم، قەدىمدە بىز بىرخىل ئانا تىلدا سۆزلەشكەن بولىشىمىز مۇمكىن، ئەسىرلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن، بىر قانچە تۇغقان تىللارغا، كۆپ خىل شەكىللەرگە ئىگە تىل تۈركۈملىرى كېلىپ چىققان. شۇڭا، بىز قايناپ چىققان مۇڭغۇل ئورخۇن بويلىرى ۋە قومۇل باركۆل، ئاراتۈرك دالالىرىدا تەتقىقاتچى ۋە يەرلىكلەر تەرپىدىن قالماقنىڭ دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان مەسلەن:ئاراتۈركتىكى ئۆرگەي، نېرىنكىر، بۇرول، دۆرتە، دۆربەجىن...دېگەندەك كۆپلىگەن يەر نامىلىرى بارچە تۈركى مىللەتلەرگە ئورتاق ئانا تىلنى ئىشلىتىۋاتقان پەسىللىرىمىزدە مەيدانغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن كۆپ دىن ئالماشتۇرۇپ، كۆپ يېزىق ئىشلەتكەن ئۇيغۇر تىلىدا ئىزاھلىنىش تەسكە توختىماقتا. ئەنە ئاشۇنداق بىر قىسىم بىزگە مۇجىمەل ئىسىملارنى بىز مۇڭغۇل تىلى ئارقىلىق ئىزاھلاپ كەلدۇق. لېكىن، شۇنىسى بىزگە قاراڭغۇكى، مۇڭغۇل دالالىرىدىكى بىدىلىك، قاراسۇ، ئۇيغۇرغول دېگەندەك ئۇيغۇرچە يەر-جاي ناملىرىغا مۇڭغۇللار قانداق ئىزاھ بىرەلىشى مۇمكىن. شۇ كۈنى تۆمۈر ئەپەندىم پاراڭلىرىمدىن قومۇل تاغلىقلىرى سازلىقنى شىۋەر دەيدۇ،  تەسكەينى(تاغنىڭ كۈن چۈشمەيدىغان تەرەپ) ئورا، كۈنگەينى(تاغنىڭ كۈن چۈشىدىغان تەرەپ) ئۆۋەر دەيدۇ. دېگەن پاراڭلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،يەنە ماڭا مۇنداق بىر ئۇچۇرنى ئاشكارلىدى. بىزدىن يىراق سىبىرىيەنىڭ سوغوق ئېقىمىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ئەمما، سىبىرىيە دېگەن گەپنىڭ قايسى مىللەت تىلىدىن كەلگەنلىكىنى دۇنيا ئەھلىگە تېخى بىر سىر.مەنچە بولغاندا، بۇزىمىنلاردا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز ياشىغان، شۇ يەردىكى قازاق مالچىلار سىبىرىيىنى <<شىبەرئورا>>دەپ ئاتايدىكەن. سىبىرىيە دېگەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سازلىق. ئۇ يەرگە يىل بويى كۈن نۇرى تولۇق چۈشمەيدۇ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسى ئاساسەن سوغوق ھەم تۇمانلىق ھاۋارايى. قومۇل شىۋىسىدە ساقلانغان بۇ شىۋەر ۋە ئورا دەيدىغان قەدىم شىۋىلەردىن بىز  سىبىرىيە يەنى قازاقلار تىلىدىكى <<شىبەر ئورا>> دېگەن گەپتىن سىبىرىيە دېگەن گەپنىڭ تۈرك تىلىغا تەۋەلىكىنى ئىسپاتلىيالىغۇدەكمىز. دىدى. ھەر ئىككىمىزنىڭ مىللەت نامى، كېلىپ چىقىشىمىز بىر بولسىمۇ تارىخى بۆھرانلار سەۋەبىدىن شەرق، غەربى ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىپ قالغان بۇ مىللەتلەرگە خەنزۇ تىلى بىر كۆۋرۈكلۈك يولنى ئوينىغان بولسا، ئاز تولا توسالغۇ بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇق. تۆمۈر ئەپەندىم ۋە سېرجىن ئاقام(ئاچام)لارنىڭ دېيىشىچە،سېرىق ئۇيغۇرلاردىكى ياغلاقار،قوڭرات، ئەنجاڭ(ئەنجان)، ساقىس، بەيئوتاغ،چاڭمەن(چومەن)،كېرەي، نايمان قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق قەبىلىنىڭ شىۋىلىرى ئوخشىمايدىكەن. پەرىزىمچە، ئۇلارنىڭ تىلىدىكى بۇنداق كۆپ خىللىق، ئۆزلىرىگە قىسمەن پايدىلارنى ئېلىپ كەلگەن بىلەن سېرىق ئۇيغۇر تىلىنى قوغداپ قېلىشتا ئاز بولمىغان توسالغۇلارنىمۇ پەيدا قىلغاندەك تۇرىدۇ. نوپۇسى بىرتۈمەندىن ئازراق ئاشىدىغان،  تارىختا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان قەھرىمان مىللەتنىڭ تىلى، بىر قانچە خىل قەدىمي شىۋىلەرنىڭ ئامالسىز ئىڭرىغان ئازابلىق نىدالىرى ئىچىدە، ئۈن تىنسىز يوقۇلۇشقا باشلاپتۇ. خۇدايىم ساقلىسۇن، ئۇلارنىڭ بۈگۈنى بىزنىڭ ئەتىمىز بولۇپ قالمىغاي! ئىچ باغرىمىزنى تۆكۈپ بېرىشكە ئاران قېلىۋاتقان، تىلدا چۈشىنىشەلمىسەكمۇ دىلىمىز چۈشىنىشىۋاتقان بۇ قېرىنداشلار بىلەن قانماي مۇڭداشتىم. بەلكىم، 400يىل بۇرۇندا بىر تىللىق بولىشىمىزمۇ مۇمكىن ئىدى.


ئوڭدىن: ئەخمەت ھەمدۇللا ، ئابدۇغوپۇر ئابدۇرېيىم، ئېرجىن تۆمۈر، ساقىس سېرجىن، دولقۇن چومەن، جاۋ گوپىڭ رېژىسسورلار بىللە...

   بىز ئارتام ئۇيغۇر ئۆيلىرىنىڭ ئەتىراپىنى زىيارەت قىلىپ قايتاي دەپ تۇرىشىمىزغا ساقىلىق تەرجىمان ئابدۇغوپۇر ئاكام، ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدىكى دولقۇن ئاكام، قومۇل ئەدەبىياتى ژورنىلىدىكى سەمەت ئابدۇراخمان قۇچىغۇن، ئەخمەت ھەمدۇللالار ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ يېنىمىزغا چىقىپتۇ. ئابدۇغوپۇر ۋە دولقۇن ئاكاملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، بىر زامانلاردا مۇنبىرىمىزدە ئەڭ ئاخىرىقى ئارتاملىق دەپ تىلىمغا ئېلىنغان، مۇتەللىب ئاكامنىڭ ئۆيىدە مېھمانلارغا ئاتاپ قازانمۇ ئېسىلغانمىش. ئۇلارنىڭ قەدەم بېسىشى بىلەن پاراڭ مەزمۇنلىرى تېخىمۇ سەرخىللاشتى.دىنىمىز ئىسلامدا بارچە دىنلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ئېتىقادسىز كىشىنى ئادەم دېيىش بەسى مۈشكۈلدۇر. تۆمۈر ئەپەندىملەرمۇ ئاتا-بوۋىلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن تىبەت لاما دىنىنىڭ قائىدىسى بويىچە، ئۇيغۇر ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى بىر تۈپ دەرەخكە ھۆرمەت بىلەن خادا تەقدىم ئەتتى. ئاندىن كېيىن مەن ئۇلارنى باشلاپ ئۇيغۇر ئۆيلىرىنى ئارقىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئۇيغۇر چوقىسىنىڭ ئېتىكىگە باشلاپ باردىم.


ئارتام ئۇيغۇر شار ئىزناسى

   مومام (دادامنىڭ ئاپىسى)بالا چاغلىرىدا ئاراتامدا تۇرغان ئىكەن، مېنىڭ ئاپاممۇ ئارتاملىق ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئارتام ھەققىدە ئىنتايىن گۈزەل رىۋايەت، ھېكايەتلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولغانمەن. ئارتام تىلغا ئېلىنغاندا ئاپام دائىملا:- بىز بالا ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئۆيلىرىنىڭ ئالدى كەينىگە يۈگۈرەپ ئالدىراپ، يالغۇز يېرىم ئۆتەلمەيتتۇق. چۈنكى چوڭلار دائىم بىزگە، ئۇ يەرگە تاھارەتسىز بارماڭلار ،ئۇ يەر ئىگىلىك يەر، ئۇلۇغلىرىمىز ياشىغان يەر، دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ تۇراتتى، دەيتتى. مومامنىڭمۇ شۇنداق دېگەنلىرى ھېلىھەم يادىمدا.مەن بۇنداق ئاگاھلارنىڭ زادى قايسى دەۋىرلەردىن قالغانلىقىنى بىلىپ بولالمىدىم، ئەلقىسسە، بىزمۇ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، بۇددا دىنىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، ياپونىيە، كورىيە، تىبەت،مۇڭغۇل دالالىرىغا تارقىلىشىغا ھەسسە قوشقانمىز. ھېلىھەم بۇددا ۋە ئۇندىن بۇرۇنقى شامان دىنىنىڭ بەزى ئاسارەتلىرى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزدە قىسمەن ساقلىنىپ قالغانلىقىنى بايقاپ تۇرۇپتىمىز. بالا ۋاقىتلىرىمدا ئارتامغا ئويناپ چىقسام ئۇيغۇر ئۆيلىرى بۇقەدەر خاراب ئەمەس ئىدى. مومامنىڭ بايانىچە، بۇ ئۆيلەرنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن گۈزەل ھۆر-پەرىلەرنىڭ ئۇچىۋاتقان رەسىملىرى، بۇتلارنىڭ يېرىم-يارتا ھەيكەللىرى بار بولۇپ، يەر يۈزىگە تاختاي ياتقۇزۇلغانكەن. بىز بىرقانچە بالىلار بۇ يەردە ئوينىغان ۋاقىتلىرىمىزدا مەخسۇس ۋاقىت ئاجىرىتىپ، بۇ ئۆينىڭ ئازغىنە قالغان ھەيۋەتلىك  تورۇسلىرىدا نەچچە مىڭ يىللاردىن رەڭگىمۇ ئۆڭمەي ئۆز پېتى تۇرغان ئىنتايىن نەپىس سىزىلغان بۇت رەسىملىرىنى تاش ئېتىپ چېچىپ ئوينايتتۇق. بۇنداق قىلساق ساۋاپ تاپىمىز، دەپ ساددىلارچە ئويلىغان ئىكەنمىز.ھازىر بۇ قىلمىشىمدىن بەكمۇ پۇشايمان قىلىمەن.چۈنكى بۇ يادىكارلىقلار يەنىلا ئۆز ئەجدادىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ئىدى. ئۇ ھەم بىزنىڭ ئەزەلدىن بۇ زىمىنلاردا ياشاپ كەلگەنلىكىمىزنىڭ يوقالماس شاھىدىلىرىدۇر. بىزنىڭ ئۇلارنى قوغداش مەجبورىيىتىمىز بار.


ئارتام ئۇيغۇر ئۆيىلىرى

  تۆمۈر ئەپەندىملەرنىڭ ئۇيغۇر چوققىسىغا چىققۇسى بولسىمۇ ۋاقىت قىسلىقى سەۋەبىدىن چىقالمىدى. مەن ئۇلارنى باشلاپ چىنمۇدەن بىلەن مەردان قەھرىمانلارچە ۋاپات بولغان قومۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ يازلىق قەلئەسى سۈمبەقورونىڭ ئۈستىگە چىقتىم. راۋان بولمىغان خەنزۇچە تىلىم بىلەن، باغداش تاغلىرىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ ئىككى سۆيگۈ-مۇھەببەت قەھرىمانىنىڭ تەسىرلىك پائالىيەتلىرىنى سۆزلەپ بەردىم. گەنسۇ ئۆلكىسى جاڭيې شەھەرلىك تېلىۋېزىيە ئىستانىسىدىن كەلگەن جاۋ رېژىسسور بۇنى ئاڭلاپ بەك تەسىرلەندى. ئۇ، ۋاقتى ھەم مەبلىغى يار بەرسە قومۇل توغۇرلۇق نۇرغۇنلىغان خاتىرە فىلىملەرنى ئىشلىگۈسى بارلىقىنى ھاياجان بىلەن ئېيتىپ ئۆتتى. شۇ چاغدا مەن پەلەكنى مېھرى بىلەن سۆيگەن، بۇ مۇقەددەس زىمىننى باغرى بىلەن مەھكەم قۇچاقلاپ ياتقان ھەيۋەتلىك ئۇيغۇر چوققىسىغا قاراپ خىياللار دېڭىزىغا غەرق بولغانتىم. بەلكىم، جاۋ رېژىسسورنىڭ فىلىملىرى ئارقىلىق بۇ خىلۋەتتىكى گۆھەردەك زىمىنلارنىڭ شانلىق تارىخى ئىزنالىرى ۋە تۈگىمەس قايغۇ-ھەسرەتلىرى جاھان قەۋمىگە ھەم ئىلىم ئەھلىگە ئايدىڭ بولغۇسىدۇر.


چېچەك پەسلىدىكى سۈمبە قورو

  تۆمۈر ئەپەندىملەر تۆۋەنگە قاراپ ماڭدى، ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ئەپتىدىن، مېڭىش- تۇرىشىدىن ھەتتا، پۈتۈن ئەزايىدىن يىراق ئەجداتلىرىغا بولغان سېغىنىش تۇيغۇسىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولاتتى. مەنمۇ ئىچىمدە مۇشۇ زىمىندا يېتىپ قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ، ئەجدادلىرىمنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلغاچ پەسكە ئاستا قەدەم تاشلىدىم.ئارتامدىكى يەرلىك خەلقى بولغان سۆيۈملۈك، مېھماندوست، ئاقكۆڭۈل ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم كۆچۈپ كەتمىگەن، ھەممە جايى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈلگەن گۈزەل ۋاقىتلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ بوغۇزۇمغا يەنە بىر ئاچچىق نەرسە قاپلىشىۋالدى. ئاھ، مېنىڭ كۆز ياشلىرىم، ئاقمىغىن! كۆز يېشى قىلىش ماڭا ياراشمايدۇ...راستىمنى دېسەم شۇ تاپتا، قاتمۇ -قات تاغلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ ھېچكىم يوق يەرلەردە ھۆڭرەپ يىغلىۋالغۇم  كېلىۋاتاتتى. بىز ھەممىمىزلا ئۈن-تىنسىز ھالدا ماشىنىلارغا چىقىپ، تاشارغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. تۆمۈر ئەپەندىم مېنىڭ تېرگىنىمگە ( ماشىنا-سېرىق ئۇيغۇر تىلىدا تېرگىن دېيىلىدۇ)چىقىۋالدى. ھەش-پەش دېگۈچە تاشاردىكى مۇتەللىپ ئاكامنىڭ ئۆيىگىمۇ كەپ قاپتىمىز. ھايال بولمايلا داستىخان تارتىلىپ، مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ بېرىلىپ بولغاندىن كېيىن، مەزىلىك ھىدىنى ئەتىراپقا تارىتىپ ھورى پۇرقىراپ تۇرغان قومۇل ياپمىسى ئالدىمىزغا ھازىر بولدى. ساھىپخانلارنىڭ ئالسىلا، باقسىلا دېيىشكەن تەكەللۇپلىرى ئىچىدە بۇ مەزىلىك تائامغا داخىل بولۇشقا باشلىدۇق. سېرىق ئۇيغۇرلار گۈرجەك گۆشنى(دولا سۆڭەك) ( گۆشنى سېرىق ئۇيغۇرلارمۇ بىزدەكلا ئەت دەيدىكەن) ئەتىۋارلايدىكەن. ئۇلارمۇ گۆشنى پىچاقتا كېسىپ يەيدىكەن. بولۇپمۇ گۈرجەك گۆشنى چوقۇم مېھمانلارنىڭ ھەممىسىگە ئازراقتىن كېسىپ تارتقىتىش لازىمكەن. تاماق يەۋېتىپ سېرجىن ئاقامدىن قوۋۇرغىنى نىمە دەيسىلەر؟ دەپ سورىدۇم، شەرق سېرىق ئۇيغۇرلار <<قوبۇرغا>> دەيدىكەن.غەربى سېرىق ئۇيغۇر ساقىس قەبىلىسىدىكىلەر <<يىگە>>دەيدىكەن. مەن بۇ <<يىگە>>دېگەن گەپنى ئاڭلاپ ئېسىمگە :- يىگە باستۇرۇپ كېسەك قويۇش كېلىپ، شۇ گەپنى  قىلسام، سېرجىن ئاقام ھەممە گېپىمنى ئاڭلاپ چۈشۈنۈپ خوشال بولۇپ كەتتى. ئۇلار كېسەكنى بىر بىرسىگە چىشلىتىپ قويۇش ئۇسۇلىنى، يىگە باستۇرۇپ قويۇش، دەيدىكەن.ھەرخىل قىزىقارلىق پاراڭلاردىن كېيىن، ماڭىدىغان چاغمۇ بولۇپ قاپتۇ. تاماقتىن كېيىن دۇئا ئوقۇدۇق، ئۇلارمۇ بىزنى دوراپ قوللىرىنى تەڭ دۇئاغا كۆتۈردى. بۈگۈن ئۇلار قومۇلدىن تۇرپانغا قاراپ كەتمەكچى، ئىدى. بىز ئۇلارنى تاكى شىمالى چىقىش ئېغىزىغىچە ئۇزۇتۇپ باردۇق. ماشىنىلارنى يول بويىىغا توختۇتۇپ قويغاندىن كېيىن، خوشلاشتۇق. سېرىق ئۇيغۇرلارمۇ يېقىن دوست-بۇرادەرلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن مەيلى خوشلاشقان ۋە مەيلى كۆرۈشكەندە بولسۇن، قۇچاقىلىشىدىكەن. بىز قانداقتۇر قىيالماسلىق ھېس-تۇيغۇلىرى ئىلكىدە ئۇلار بىلەن  خەيرىلىشىپ قالدۇق. بايقىسام تۆمۈر ئەپەندىم، سېرجىن ئاقام ۋە يەنە بىر رېژىسسور تىبەت ئاكامنىڭ كۆزلىرىدىن قىيالماسلىقنىڭ نۇرلۇق يۇلتۇزى تاراملاپ تۇراتتى.

  ئۇلار تۇرپاندا ئىككى كۈن پائالىيەت قىلىپ، قومۇلغا قايتىپ، بىر كېچە قونغاندىن كېيىن، سۇنەنگە قاراپ كېتىپ قالدى.



2012-يىلى11-ئاينىڭ28-كۈنى  قومۇل

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 19:46:39

ئەلادىن بىرنى بەرگەچ ساقلاپ قويۇپ تۇراي ...

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 20:23:54

مۇشۇ قېرىنداشلىرىم بىلەن بىر كۆۇرۇشكۇم بار ئىدى مېنىڭ . قاچانلاردا كۆرۇشەرمەن دەپ ئويلايمەن .

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 21:33:38

ئاللاھ خالىسا كىلەر يىلى مۇشۇ قومۇلنى بىر ئايلىنىپ چىقمىسام. تۈرۈك ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى ئىزلىرى كۆپ، تاغلىرىدا بايلىق توشۇپ ياتقان يۇرت دىسە بۇ.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-12-3 21:41:00

3- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاللاھ خالىسا كىلەر يىلى مۇشۇ قومۇلنى بىر ئايلىنىپ چىقمىسام. تۈرۈك ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى ئىزلىرى كۆپ، تاغلىرىدا بايلىق توشۇپ ياتقان يۇرت دىسە بۇ.



شۈك .................. قۇمۇل  تاغلىرىدا  شۇ  كۆمۈردىن باشقا  بايلىق  يوق  \"\"گەپ  تاپماڭلار ........................

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 05:52:33

4- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاللاھ خالىسا كىلەر يىلى مۇشۇ قومۇلنى بىر ئايلىنىپ چىقمىسام. تۈرۈك ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى ئىزلىرى كۆپ، تاغلىرىدا بايلىق توشۇپ ياتقان يۇرت دىسە بۇ.



شۈك .................. قۇمۇل  تاغلىرىدا  شۇ  كۆمۈردىن باشقا  بايلىق  يوق  \"\"گەپ  تاپماڭلار ........................

تەپەككۇرچى \"گەپ تاپقان \"بىلەن،خەقلەر بايلىق تېپىپ،تاغلارنى تېشىپ ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ،تاغ يوللىرىنى تازا ياساۋېتىپتۇ...


مۇشۇ يىل ئۆكتەبىردە بارغان،تاغلىرى ھەيۋەت ھەم گۈزەلكەن...

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 09:21:36

گەرچە ئېتىقاد ئوخشاشمىسىمۇ لېكىن يۇغۇر بىلەن ئۇيغۇر بىر ئانىنىڭ بالىلىرىدۇر.. \"\"

Estami يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 10:46:41

خەتكۈچ سالغاچ ، قىش بولمدىما ئۇ يەرىدە \"\"

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 14:05:02


6- قەۋەتتىكى yaghlaqarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گەرچە ئېتىقاد ئوخشاشمىسىمۇ لېكىن يۇغۇر بىلەن ئۇيغۇر بىر ئانىنىڭ بالىلىرىدۇر.. \"\"




بىر ئانىنىڭ بالىلىرىمىدۇ ياكى بىر ئاتىنىڭ؟!


yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-4 14:22:23

8- قەۋەتتىكى matimatikaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


6- قەۋەتتىكى yaghlaqarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گەرچە ئېتىقاد ئوخشاشمىسىمۇ لېكىن يۇغۇر بىلەن ئۇيغۇر بىر ئانىنىڭ بالىلىرىدۇر.. \"\"




بىر ئانىنىڭ بالىلىرىمىدۇ ياكى بىر ئاتىنىڭ؟!






يېقىن دېمەكچى.\"\"

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 21:39:04

4- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاللاھ خالىسا كىلەر يىلى مۇشۇ قومۇلنى بىر ئايلىنىپ چىقمىسام. تۈرۈك ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى ئىزلىرى كۆپ، تاغلىرىدا بايلىق توشۇپ ياتقان يۇرت دىسە بۇ.



شۈك .................. قۇمۇل  تاغلىرىدا  شۇ  كۆمۈردىن باشقا  بايلىق  يوق  \"\"گەپ  تاپماڭلار ........................

_______________________________________________________


نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر توپ چىلبۆرىلەرنىڭ بايلىق ئىزدەش ۋە ئۇنى يەپ قۇرۇتىۋېتىش سەۋداسىدىن قومۇل تاغلىرىنىڭ ساق يېرىنى تاپقىلى بولمايدۇ ، ھازىر ...

ozturk123 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 22:46:54

ئېسىل تېمىكەن،بىر \"\" كەتتى.
بەت: [1]
: سېرىق ئۇيغۇرلار قومۇلدا -ئەركىم