talmas يوللانغان ۋاقتى 2012-12-5 20:43:52

جىن ئۇرغان كومپيۇتېر

كومپىيوتىرغا سېستىما قاچىلاشتا مۇنداق بىر غەلىتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىدىم .بۇرۇن مۇشۇنىڭدەك ئىشقا يۇلۇقۇپ باققانلار بۇلسا ئازراق مەسلىھەت بەرسەڭلەر!!!


كومپىيوتىرنىڭ ئاساسى ئەھۋالى


DELL T7400 خىزمەت پۇنكىتى  (工作站 )


cpu: ئىككى دانە  XEON E5430 (تۈتتىن سەككىز يادرو)


قاتتىق دېسكا : ئايلىنىش قېتىم سانى 15000  لىق SAS ئېغىزلىق قاتتىق دىسكا سېستىما مۇشۇ دىسكىغا قاچىلىنىدۇ.


ئىچكى ساقلىغۇچ :2G+2G=4G


كۆرسىتىش كارتىسى:FX3700


ئاساسلىق مەسىلە


ئوپتىك دىسكا ،ئوپتىك دىسكا قۇزغاتقۇچ ھەممىسى ساق ئەھۋال ئاستىدا 64 بىتلىق vista ,win7,win8 قاتارلىق سېستىمىلارنىڭ ھەرقانداق كەسپى ھەم كارخانا نۇسخىسىنى قاچىلغىلى بۇلمىدى.قاچىلاش جەريانىدا سېستىما ئوپتىك دېسكىسى قوزغۇتۇلۇپ ،يەنە سېستىما ئوپتىك دىسكىسىنى ئوقۇپ قاچىلاشنىڭ بىرىنچى قەدىمى بۇلغان windows is loading files  دىگەن قىسمىدىن ئۆتكەندىن كىيىنلا كۆك ئېكران كۆرۈلدى ،خاتالىق مەلۇماتى 0X0000003E.


ئەمما يۇقارقى ئۈچ خىل سېستىمىنىڭ كەسپى ھەم كارخانا نۇسخىسىنىڭ 32بىتلىقىنى قاچىلغىلى بۇلىدۇ.ئۈچ خىل سېستىمىنىڭ ھەممىسى مىكروسوفىتنىڭ تۇر بېتىدىن چۈشۈرگەن ئەڭ ساپ نۇسخىلىرى.


دەسلەپ مەسىلىنى SAS ئېغىزلىق قاتتىق دىسكىنىڭ ئىشىمىكىن دەپ.باشقا بىر كومپىيوتىرغا 64بىتلىق سېستىمىنى قاچىلىۋىلىپ ،شۇ كومپىيوتىردىن بىۋاستا قاتتىق دىسكىنى ئېلىپ ،قاچىلماقچى بۇلغان كومپىيوتىرنىڭ SAS قاتتىق دېسكىسىنى ئېلۋىتىپ ھەم BIOS  تىن SAS ئېغىزىنى ئېتىۋىتىپ .سېستىما قاچىلىنىپ بۇلغان SATA ئېغىزلىق ئادەتتىكى قاتتىق دىسكىنى بۇ كومپىيوتىرغا چاتتىم.سېستىما قۇزغۇلۇپ مىكروسوفىتنىڭ تۈت خىل رەڭلىك بەلگىسى كۆرۈلگەندىن كىيىنلا يەنە كۆك ئېكران ،ئوخشاش خاتالىق مەلۇماتى.


ئىچكى ساقلىغۇچ ساق  ئىككى دانە ئىچكى ساقلىغۇچنى ئايرىم -ئايرىم ئېلىپ سىناپ باقتىم .


ئەمدىكى مەسىلە ئاساسى تاخـتا بىلەن كۆرسىتىش كارتىسىدا بۇلامدۇ ؟بۇ ئككىسى سېستىما يەكلەمدۇ؟


DELL تېخنىكلىرىغا تىلفۇن قىلسام بۇ كومپىيوتىر نەزىرىيە جەھەتتىن ھىچقانداق سېستىمىنى يەكلىمەسمىش.قايىل قىلارلىق جاۋاپقا ئېرىشەلمىدىم. ئاندىن كۆك ئىكراندىكى ئىنگىلىسچە خەتلەردىن مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچنى تەڭشەشتە مەسىلە بار دىگندەك بىر نەرسىنى ھىس قىلالىدىم.ئەمما بىر-بىرلەپ تەرجىمە قىلىپمۇ چۈشىنەلمىدىم.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 10:55:40

خىزمەت پونكىتى، مۇلازىمىتېر ئەمەس. شۇڭا مۇلازىمىتېر سىستېمىسى قاچىلاش دەيدىغان تەلەپ يوق. مەن ئىزچىل سىستېما قاچىلاشتا ئىشلەتكەن دىسكىلىرىڭىزدىن گۇمان قىلۋاتىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە win7 ۋە vista دىن باشلاپ SAS قوزغاتقۇچ توپلاشتۇرۋىتىلگەن، قوزغاتقۇچ تونىمىسا، قاچىلاش باسقۇچىدا قاتتىق دىسكا كۆرۈنمەيدۇ. كۆك ئىكران بولماستىن، قاتتىق دىسكا يوق دەپ ئەسكەرتىدۇ.

سىز يەنە قاتتىق cmos تىن CPUنى 超频 قىلغان ئىش بارمۇ يوق شۇنىمۇ تەكشۈرۈپ بېقىڭ.

kompyuter يوللانغان ۋاقتى 2012-12-5 22:27:06

工作站 نىڭ قانداق تەڭشىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن لېكىن ئۆز ۋاقتىدا DELL خاتىرە كومپيۇتېرىمغا سىستىما قاچىلىغاندا سىزدېگەندەك \"قاچىلاش جەريانىدا سېستىما ئوپتىك دېسكىسى قوزغۇتۇلۇپ ،يەنە سېستىما ئوپتىك دىسكىسىنى ئوقۇپ قاچىلاشنىڭ بىرىنچى قەدىمى بۇلغان windows is loading files دىگەن قىسمىدىن ئۆتكەندىن كىيىنلا كۆك ئېكران كۆرۈلدى \" ئەھۋالغا مەنمۇ ئۇچرىغان ؛كېيىن ئىزدەپ يۈرۈپ bios نىڭ sata تەڭشىكىنى ATA،AHCI ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇپ سىستىمىنى قايتا قاچىلىغاندا مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان .....

工作站 ماس كىلەمدۇ كەلمەمدۇ بىلمىدىم .... توغرا تاپسىڭىز سىناپ بېقىڭ ....

perikiz يوللانغان ۋاقتى 2012-12-5 22:36:01

ما ئىشنى مەن ئانچە بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن ئاكا ، كەچۇرۇڭ .

kompyuter يوللانغان ۋاقتى 2012-12-5 22:37:33

ماۋۇسى قاچىلانغاندىن كېيىنكى سىستىمىنى ئاكتىپلاشقا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيالكەن ....

http://bbs.pcbeta.com/viewthread-580565-1-1.html

Saralik يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 09:54:26

كومپيۇتېرىڭىز نوچىكەن!




خىزمەت پونكىتى ياكى مۇلازىمېتىرغا Windows نىڭ مۇلازىمېتىر ياكى خىزمەت پونكىتى نۇسخىسىنى ئورنىتىش كېرەك.




\"\"


سىستېما ئورنىتىش جەريانىدا F6 كۇنۇپكىنى بېسىپ ئانا تاختىدىكى SCSI ئۆزەكنىڭ قوزغاتقۇسىنى يۈكلەش كېرەك، بولمىسا سىستېما نورمال قوزغالماي كۆك ئېكران چىقىۋالىدۇ. كومپيۇتېرنى سېتىۋالغاندا بىللە تەمىنلەنگەن قوزغاتقۇ دىسكىسىدا كومپيۇتېر قاتتىق دېتاللىرىنىڭ قوزغاتقۇلىرى بار. كومپيۇتېرنىڭ ئىشلىتىش قوللانمىسىنى كۆرۈپ باقسىڭىز بەلكىم پايدىسى تېگىپ قالىدۇ.

تۆۋەندىكى يازمىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.




http://www.haogongju.net/art/1163823






bilimhumar يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 11:09:05

Saralik دىگىنى ئورۇنلۇق، مۇلازىمىتېرغا 2003 ياكى 2008 نى قاچىلايسىز، SAS قاتتىق دىسكىغا قاچىلاشتىن بۇرۇن ئاشۇ قاتتىق دىسكىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلۋىتىپ، كومپيۇتېرغا قايتا قوزغاتماي تۇرۇپ ئاندىن قاچىلايمىز. ئادەتە مۇلازىمىتېرغا سىستېما قاچىلاش خېلى ئاۋارچلىق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاشۇ شىركەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتېرىغا مەخسىس ياسالغان سىستېما دىسكىلىرى بار. ئۇشۇ دېسكىنى تاپمىسڭىز ئاۋارە بولۇپ كىتىسىز.

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 12:46:48

ماۋۇلارنىڭ قىلىشۋاتقان گەپلىرىگە قاراپ، ئۆزەمىنىڭ 10يىلدىن بىرى كومپىيوتېر ئىشلىتىپ كىلۋاتقانلىقىمىدىن گۇمانلىنۋاتىمەن.

talmas يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 13:19:11


1- قەۋەتتىكى kompyuterنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

工作站 نىڭ قانداق تەڭشىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن لېكىن ئۆز ۋاقتىدا DELL خاتىرە كومپيۇتېرىمغا سىستىما قاچىلىغاندا سىزدېگەندەك \"قاچىلاش جەريانىدا سېستىما ئوپتىك دېسكىسى قوزغۇتۇلۇپ ،يەنە سېستىما ئوپتىك دىسكىسىنى ئوقۇپ قاچىلاشنىڭ بىرىنچى قەدىمى بۇلغان windows is loading files دىگەن قىسمىدىن ئۆتكەندىن كىيىنلا كۆك ئېكران كۆرۈلدى \" ئەھۋالغا مەنمۇ ئۇچرىغان ؛كېيىن ئىزدەپ يۈرۈپ bios نىڭ sata تەڭشىكىنى ATA،AHCI ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇپ سىستىمىنى قايتا قاچىلىغاندا مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان .....

工作站 ماس كىلەمدۇ كەلمەمدۇ بىلمىدىم .... توغرا تاپسىڭىز سىناپ بېقىڭ ....





سىزنىڭ دىگىنىڭىز ئۇرۇنلۇق ئادەتتىكى ئەھۋالدا AHCI ھالەتتە بۇلىدىكەن ،ئەمما قاتتىق دىسكا ھەقىقەتەن سېستىمىنى يەكلىگەندە ATAغا تەڭشەلسە مەسىلە ھەل بۇلىدۇ ،يەنە بىر dell t5400 خىزمەت پونكىتىغا  مۇشۇ ئۇسۇلنى قۇللىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلغان ئەينى ۋاقىتتا dell t5400  كومپيۇتېر ATA تەڭشەلگەندىن كىيىن مەسىلە ئۈزۈل -كىسىل ھەل بۇلغان ،بىراقdell t7400  غا بۇ ئۇسۇل كار قىلمىدى ،مىنى گاڭگىرىتىپ قۇيغىنى مەيلى قايسىغا تەڭشەلسۇن dell t7400ھەرقانداق بىر 32بىتلىق سېستىمى قۇلللايدۇ ،بىراق 64لىكنى قۇللىمايدۇ.




talmas يوللانغان ۋاقتى 2012-12-6 13:42:21


5- قەۋەتتىكى bilimhumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

Saralik دىگىنى ئورۇنلۇق، مۇلازىمىتېرغا 2003 ياكى 2008 نى قاچىلايسىز، SAS قاتتىق دىسكىغا قاچىلاشتىن بۇرۇن ئاشۇ قاتتىق دىسكىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلۋىتىپ، كومپيۇتېرغا قايتا قوزغاتماي تۇرۇپ ئاندىن قاچىلايمىز. ئادەتە مۇلازىمىتېرغا سىستېما قاچىلاش خېلى ئاۋارچلىق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاشۇ شىركەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مۇلازىمىتېرىغا مەخسىس ياسالغان سىستېما دىسكىلىرى بار. ئۇشۇ دېسكىنى تاپمىسڭىز ئاۋارە بولۇپ كىتىسىز.



مەسىلە ھەقىقەتەن سىز دىگندەك قاتتىق دىسكا قۇزغۇتۇش پروگراممىسىدا بولسا ،مىنى تېخىمۇ گاڭگىتىپ قۇيغىنى مەن SAS قاتتىق دىسكىنىڭ سىم يولىنى ئۈزۈل-كىسىل ئۈزۈۋىتىپ ئادەتتىكى SATAئېغىزلىق سېستىما قاچىلىنىپ تەييار بۇلغان قاتتىق دىسكىنى چاتساممۇ يەنە كۆك ئىكران چىقىدۇ.(BIOSبارلىق SASئېغىزلىرىنى ئىتىۋەتتىم)ئادەمنى تېخىمۇ بەك گاڭگىرىتىپ قۇيدىغىنى ئۇخشاش نۇسخىدىكى 32بىتلىنى قۇللايدۇيۇ،64لىقنى قۇللىمايدۇ.


xpنۇسخىنىڭ ھەقىقەتەنSAS  قاتتىق دىسكىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسى باركەن .بىراق vistaھەم كىيىكى نۇسخىلارغا بۇ نەرسە لازىم ئەمەسكەن.


ئەمما مەن بۈگۈن vista ultimate  64بىتلىق سېستىمىنى تېپىپ  ئوڭۇشلۇق قاچىلىدىم. بۇ سېستىما بىلەن باشقا سېستىمىلارنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى بىلۋالغاندا ،ئېھتىمال مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىققىلى بۇلىشى مۇمكىن.


talmas يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 14:13:55

بۇ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنى 超频قىلغىلى بۇلمايدىغۇ دەيمەن.XEON E5400 تىپتىكىلەرنى مىنىڭچە 超频 قىلغىلى بۇلمايدۇ.XEON E5500 تىپتىن باشلاپ قىلغىلى بۇلىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە bios تىن مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ھەرقانداق تەڭشىكىنى تەڭشىگىلى ھەم سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆزگەرتكىلى بۇلمايدىكەن.

قۇلۇمدىكى سېستىما دىسكىلىرىدىن win8، ۋە vista ،win7لاردىن 64بىتلىقىنى http://msdn.itellyou.cn/مۇشۇ ئادرىستىن چۈشۈرۈپ 4xسۈرئەتتە دىسكىغا ئۇيغان ،ھەممىسى ئۆتمىدى .مۇشۇ ئادرىستىن چۈشۈرگەن win7نىڭ 32بىتلىقىنى قاچىلغىلى بۇلىدۇ.

قۇلۇمدا يەنە بازاردىن سېتىۋالغان 15پارچىغا يېقىن ھەرخىل سېستىما دىسكىسى بار ،ھەممىسى بىرقەدەم -بىر قەدەمدىن قاچىلايدىغان نۇسخىلىرى. msdnدىن چۈشۈرۈپ دىسكىغا ئويغان سېستىملارنىڭ ھەممىسىنى T7400 غا قاچىلغىلى بۇلمىغان بىلەن ، T5400 ھەم باشقا كوپىيوتىرلارغا قاچىلغىلى بۇلىدۇ.ئۇخشاش بىر ۋاقىتتا قاچىلاپ سىنىقتىن ئۈتكۈزگەن.قىزىل بايراق سۇدا شەھەرچىسىدىن مەخسۇس كومپيۇتېر سېستىمىسى رىمىنوت قىلغاندىغان بىرىنى چاقىرىپ كەلسەم ،ئۆزىنىڭ نەچچە دىسكىسىنى قاچىلاپ بېقىپ بولماي،ئەۋيوۋ،،دەپ كىتىپ قالدى.


talmas يوللانغان ۋاقتى 2012-12-7 21:58:49

مەن مەسىلىنىڭ قەيەردىكىلىكىنى ئاخىرى تاپتىم .

مەن 0X0000003Eخاتالىق مەلۇماتىنى خەنزۇچە تۇر بىكەتلىرىدىن تاپالمىغاندىن كىيىن ، نىمىشقا googleئىزلەپ باقمايمەن .دىگەن بىر خىيال بىلەن 0X0000003Eنى googleلىدىم،دەرۋەقە بىرمۇنچە 0X0000003Eگە ئالاقىدار بىر مۇنچە تۇر بىكەتلەر چىقتى.تەرجىمە قىلىش قۇرالىنىڭ ياردىمىدە 2010-يىلى 11-ئايدا يىزىلغان مەن سېستىما قاچىليالمىغان كومپيۇتېرغا تىپى ئوخشاش ،ئەھۋالىمۇ ئۇخشاش بىر تېمىنى تاپتىم.


قىزىقىدىغانلار كۆرۆپ بىقىڭلار!!http://translate.googleusercontent.com/translate_c?depth=1&ei=3gbCUL2KD4-yiQe6r4CQAg&hl=zh-CN&prev=/search%3Fq%3DSystem%2Binstallation%2B0x0000003e%26hl%3Dzh-CN%26newwindow%3D1%26safe%3Dstrict%26client%3Daff-cs-360se%26hs%3DIEg%26tbo%3Dd%26biw%3D1156%26bih%3D676&rurl=translate.google.com.hk&sl=en&u=http://answers.microsoft.com/en-us/windows/forum/windows_7-windows_install/multiprocessor-configuration-not-supported-by/0dc326e1-2b86-496c-936a-55161ad43169&usg=ALkJrhiiO3utIdeBWdx62Sf6pkSnSbobSw


ئەسلى مەسىلە CPU IDنۇمىرىنىڭ ئۇخشاش ئەمەسلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغانكەن.ئككى CPUنىڭ 步进  دىگەن نەرسىسى ئۇخشاش بۇلمىغاچقا سېستىما يەنە win 7,win8 64


بىرقىسىم vista  ئىككى CPUنى ئۇخشاش ئەمەس دەپ تۇنىۋېلىپ 0X0000003E خاتالىقى كۆرۆلگەن.KB973879دىگەن ياماق بۇنى ھەل قىلالايدىكەن ،بۇ نەرسە كۆپ قسىم vistaدا ھەم  ھەممە 64لىك win 7,win8 دا يوق ئىكەن ،مۇبادا بۇ ياماقنى تاپقىلى بۇلسا CPU دىن بىرنى چىقىرۋىتىپ تۇرۇپ سېستىما قاچىلۋىلىپ ،قۇزغالغان سېستىمىغا ياماقنى ئۇرىۋىتىپ ئاندىن يەنە بىر CPU نى ئۇرنىتىش ئۇخشايدۇ ھازىرچە.


كۆپ CPUلىق كومپيۇتېر قۇراشتۇرماقچى بۇلغانلار كىيىن بۇ ئىشقا دىققەت قىلىپ قۇيارسىلەر !!!!

بەت: [1]
: جىن ئۇرغان كومپيۇتېر