جۇڭگو تۈركولوگىيەسىنىڭ ئاتىسى گېڭ شىمىن ئالەمدىن ئۆتتى[كۆچۈرۈلمە]
جۇڭگو تۈركولوگىيەسىنىڭ ئاتىسى گېڭ شىمىن ئالەمدىن ئۆتتى
ئۇلۇغ تۈركولوگ، جۇڭگۇ ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ بەرپا قىلغۇچىلىرىنىڭ بىرى، مەشھۇر ئالىم، تىلشۇناس گېڭ شىمىن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچ ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ ئېلىمىزنىڭ شۇنداقلا دۇنيا تۈركولوگىيەسىگە نىسبەتەن زور يوقۇتۇش.
![](./u=1978127236,1153017180&fm=23&gp=0.jpg)
گېڭ شىمىننىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى:
گېڭ شىمىن 1929-يىلى جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شۈجوۋ شەھىرىدە تۇغۇلغان. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پىروففىسورى. 1952-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شەرق تىللىرى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئەۋلات ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلشۇناسى، جۇڭگۇ ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ بەرپاچىسى ئىدى. ئۇ كۆپ خىل تىللاردا ئەسەر ئېلان قىلغان ۋە كۆپ خىل تىللار ئارا ئىلمىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللانغان، گېرمانىيە ھۇمبۇلت فۇندى خەلقئارا ئالىملار مۇكاپاتىغا، شۇنداقلا دۇنيا ئالتاي شۇناسلىقىدىكى ئەڭ بۈيۈك مۇكاپات PLAC مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئۇ ئۇيغۇر، قازاق، تۈرك قاتارلىق تۈركىي تىللارنى پىششىق بىلگەندىن تاشقىرى، ئېنگىلىز، رۇس، نېمىس، فرانسۇژ، ياپۇن تىللىرىنى بىلەتتى. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىن: ‹قەدىمكى تۈرك تىلى گىرامماتىكىسى›، ‹قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەسەرلىرى ھەققىدە ئومۇمىي بايان›، ‹قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى قومۇل نۇسقىسى مايىترى سىمىت تەتقىقاتى›، ، ‹دۇنخۇاڭ تۈرك-ئۇيغۇر ھۆججەتلىرىگە كىرىش›، ‹شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە ئومۇمىي بايان›، ‹قەدىمقى ئۇيغۇرتىلى ۋەسىقىلىرى دەرسلىكى›، ‹ئۇيغۇر ۋە قازاق ئەدەبىياتىغا دائىر ماقالىلەر توپلىمى›، ‹قەدىمكى ئۇيغۇر ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتى›، ‹قەدىمكى تۈرك مەڭگۈ تاشلىرى تەتقىقاتى›، ‹قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي ھۆججەتلەر تەتقىقاتى›، ‹ياۋرو-ئاسىيا تارىخ مەدەنىيەت ئامبىرى_ غەربىي يۇرت تارىخ مەدەنىيىتى تەزكىرىسى›، ‹ھازىرقى زامان قازاق تىلى گىرامماتىكىسى›، ‹قازاق تىلى تەزكىرىسى›، ‹قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرلىدىن تاللانما›، ‹قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى ئوغۇزنامە› قاتارلىقلار بار.
بىز شەۋقىي تورى ۋە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ئۇستاز گېڭ شىمىننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇرىمىز.
شەۋقىي تورى
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرى
2012-يىلى12-ئاينىڭ 18-كۈنى بۇ خەۋەردىن دەھشەت ئازاپلاندىم بىز ھەقتە كۆپ ئەمگەكلەر قىلغان ئىكەن،قايغۇردۇم . ھەقىيقەتەن ياخشى ئىشلارنى قىلغانكەن .يەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . جۇڭگوچە ئۇيغۇرشۇناسلىقنى بەرپا قىلغانمۇ؟ ئىسمىنى خېلى جىق ئاڭلىغان ئۇيغۇردىن چىقماپتىكەنمۇ ،،ئۇنداق ئادەملەر ،،،ماۋۇ ئىزدىنىشتا بىر ئۇستاز بولدىغانغۇ ،،مۈشۈكلەرنىڭ موللىسى دەپ
ئاشۇ ئۇستازمۇ بىر ۋاقىتتا كەسپىم تۈركلوگ دەۋاتقان ،،،،،
![\"\"](\"images/face/qq/029.gif\"/)
4- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
جۇڭگوچە ئۇيغۇرشۇناسلىقنى بەرپا قىلغانمۇ؟ ئىسمىنى خېلى جىق ئاڭلىغان
شۇنداق بەكلا ئارتۇق كەتتىمۇ بۇ گەپ ....
ئۆلگەن بولسا ياتقان يېرى ئۇ دۇنيادا بولسۇن، ئامىن !
ئۇسـتاز مىر سۇلتان ئوسمان بىلەن ئۇستاز خەمىت تۈمۈرنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرنى نۇمۇسسسىزلىق بىلەن ئۆزىنىڭ قىلۋېلىپ ئالتايشۇناس,تۇركشۇناس بۇلىۋالغان بۇ كىشىگە ,مېنىڭچە بۇنداق باھالار ئارتۇقچە..... ئاتىسى دېگەنگە قوشۇلۇپ بولالمىدىم![\"\"](\"images/face/qq/028.gif\"/)
![\"\"](\"images/face/qq/003.gif\"/)
ئۇياق بىلەن تونۇشمايدىكەنمەن، ئىگىسى ئاسانچىلىق بەرسۇن.
قىلغان ئىلمى ئەمگەكلىرى ناھايتى كۆپ، بىراق مۇئەللىمنىڭ دىيىشىچە كۈچۈرمىچىلىك قىلغان يەرلىرى بارلىقى ئېنىق.
لىكىنغۇ ئۇيغۇر تىلىنى تىتىدىكەن ئەمما... قوپال قىلىپ ئېيتسام,ئەگەر ئۇيغۇرمۇ جوڭگولۇق سانالسا(ياكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ جوڭگولۇق ئىكەنلىگى نەزەردىن ساقىت قىلىنمىسا) ,ئۇ ھالدا جوڭگو تۈركىلوگىيسىنىڭ ئاتىسى دىگەن شەرەپ مەھمۇت كاشىغەرىيدىن باشقا ھىچكىمگە مەنسۇپ بولمايدۇ!!!! ئاكاڭ كىمنى ئالسا يەڭگەڭ شۇ دىگەندەكلا ئىشكەنغۇ بۇ، باشقىلار ئاتا ئوبرازىنى تىكلەپ بەرگەندىن كىيىن ئاتا دىمەي تۇرالمايمىز.
17- قەۋەتتىكى aman121نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاكاڭ كىمنى ئالسا يەڭگەڭ شۇ دىگەندەكلا ئىشكەنغۇ بۇ، باشقىلار ئاتا ئوبرازىنى تىكلەپ بەرگەندىن كىيىن ئاتا دىمەي تۇرالمايمىز.
QQرىڭدا قايغۇرۇپ، قارلىق تۇتۇپ يۈرۈپتىكەنسەنكەن، ئەمدە نىم بولاپسە؟
![\"\"](\"http://bbs.izdinix.com/static/image/smiley/qqnew/14.gif\")
![\"\"](\"images/face/qq/045.gif\"/)
بەت:
[1]
2