پىلاستىنكا يوق
دوسلار بۇلتۇر 10. ئاينىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدە ئابلەت مىجىت<< تەلبا >> سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن ئىكەن ، مەن بىر نەچچە دوسلىرىمدىن بۇ كېچىلىكنىڭ ناھايتىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، ياخشى تەشكىللەنگەنلىكىنى ، كېچىلىككە ئابدۇقېييۇم مۇھەممەت ، ماھىرە ئابدۇغېنىنىڭ رىياسەتچىلىك قىلغانلىقىنى ، بۇ كېچىلىكتە ئابلەت مىجىت << تەلبا >> ئەپەندىنىڭ بىر قانچە نومۇر ئورۇنلىشى بىلەن بىللە ئاتاقلىق سەنئەتكارلىرىمىزدىن ئابدۇرېھىم ھېيىت ئاكا ، زاھىر بورھان ئەپەندى ، راخمانجان ئاۋۇت ( ئۆزھال ) قاتارلىقلارنىڭ ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىغانلىقى ھەمدە بۇ كېچىلىكنىڭ د ۋ د پىلاستىنكىسىنى پات ئارىدا بازارغا سالىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بۇ پىلاستىنكىنى كۆرۈش ئىستىكىدە خوشاللىققا چۆمگەن بولساممۇ لىكىن ھازىرغىچە كۆرۈش پۇرسىتى بولمىدى ، بۇ پىلاستىنكا ئىشلىنىپ بولغانمىدۇ ؟ بازارغا سېلىندىمۇ ؟ دوسلار ئەھۋالدىن - سەۋەبىدىن خەۋرىڭلار بولسا بىر دەۋەتمەمسىلەر ... چوڭ كوچىنىڭ دوقمۇشى،ئادەم ئىزدەش ئېلانى،
توشقان ئىزدەپ ئوغلاقلار،
چوشقىنىڭ قۇلىقى.... تېخى بازارغا چىقمىدى.بۈگۈنكىدەك ئوغرى نەشىر پۈتۈن بازارنى قاپلاپ كەتكەن شارائىتتا ھەتتا چىقماي قېلىشىمۇ مۇمكىن.چىقتى دېگەن تەقدىردىمۇ تەلبا ئەپەندىم ئۆز مەبلىغى بىلەن باستۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن.ئۇندىن باشقا نۇرغۇن كېچىلىكلەر قىلىندى،بىراق پلاستىنكىسى چىقمىدى.ياخشىسى بەك كۈتۈپ كەتمەڭ،ئۈمىدسىزلىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
بەت:
[1]