كۆزنىڭ تەشرىھى ۋە كۆزگە ئاق چۈشۈش ھەققىدە
ئەينى دەۋردە كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەگە
يەتكەن بولۇپ، ئۇنى كۆزنى ئوپراتسىيە قىلىشتا ئىشلىتىدىغان بىر قىسىم
سايمانلاردىن ۋە كۆز كېسەللىكلىرى ھەققىدە يېزىلغان بايانلاردىن ھېس قىلىش
مۇمكىن.
بۇ يازمىمىزدا ئاۋال كۆزنىڭ تەشرىھىنى تۇنۇشتۇرىمىز ئاندىن كېيىنكى گەپ
كۆزگە ئاق چۈشۈش ھەققىدە بولىدۇ. تېمىنى بېراقلا يېزەىپ بولالمايدىكەنمەن ،
شۇڭا ئاز-ئازدىن يېزىپ پۈتتۈرۈشۈم مۇمكىن.
بۇ تېمىنى ياخشىراق يورۇتۇش ئۈچۈن قولۇمدا بار ماتىرىياللاردىن
پايدىلاندىم، كۆپرەك ‹‹شەرھى ئەسباب›› كىتاۋىدىن ۋە ئەلقانۇن كىتاۋىدىن
پايدىلىنىمەن.
كۆزنىڭ تەشرىھى توغرىسىدا
بىز دەيمىزكى كۆرۈش قۇۋۋىتى ۋە كۆرۈش روھىنىڭ ماددىسى كۆز تەشرىھىدە
تۇنۇشتۇرۇلغان ئىچى كاۋاك ئىككى نېرۋا يولىدىن ئۆتىدۇ. ئەگەر نېرۋا ۋە ئۇ
نېرۋىغا قاش سۆڭىكىگىچە قوشۇلۇپ كېلىدىغان پەردىلەر تۆۋەنلىسە ، بۇ
ئىككىسىنىڭ ھەر بىرىنىڭ بىر تەرىپى كېڭىيىدۇ، ماددىغا توشۇپ قالىدۇ ۋە
ئوتتۇرىسىدا قىروسىمان ھۆللۈك بولغان ئىنچىكە ئورۇندىكى ھۆللۈكلەرنى قورشاپ
تۇرىدىغان ھالەتتە كېڭىيىدۇ، بۇ قىروسىمان ھۆللۈك مۇز ۋە مۆلدۈرگە ئوخشاش
سۈزۈك ھۆللۈك بولۇپ ، شەكلى يۇمىلاقتۇر. ئۇنىڭ كەڭلىكى ئالدى تەرىپىدىن
ئۇنىڭ يۇمىلاقلىقىنى ئازايتىدۇ، يىغىلغان نۇرنىڭ تولۇق بولۇشى ۋە كۆرۈنگەن
كىچىك نەرسىلەرگە يىغىلىدىغان يېتەرلىك ئورۇننىڭ بولۇشى ئۈچۈن كەڭرى
يارىتىلغان. قىروسىمان ھۆللۈككە كىرگەن ئىنچىكىلىكتىن كەڭرىلىكنى تەلەپ
قىلىۋاتقان جىسىملارغا ياخشى ماسلىشىش ئۈچۈن بۇ ھۆللۈكنىڭ ئارقا تەرىپى
ئازراق ئىنچىكە يارىتىلغان . بۇ ھۆللۈكنى قوغداشقا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان
ئۇرۇن ئوتتۇرىغا جايلاشقان، بۇ ھۆللۈكنىڭ ئارقىسىدا ئۇنى ئوزۇقلاندۇرۇش
ئۈچۈن مېڭىدىن ئۇنىڭغا كېلىدىغان يەنە بىر ھۆللۈك يارىتىلغان . چۈنكى ، بۇ
ھۆللۈك بىلەن ساپ قان ئارىسىدا تەدرىجىي ئۆزگىرىش بار.
بۇ ئارقا تەرەپتىكى ھۆللۈك ئېرىگەن شېشىگە ئوخشايدۇ، ئېرىگەن شېشىنىڭ
ئازراق قىزىلغا مايىل سۈزۈك بولۇشى ھۆللۈكنىڭ سۈزۈك نەرسىدىن
ئوزۇقلانغانلىقى ئۈچۈندۇر.ئازراق قىزىل بولۇشى بۇ ئۇزۇقلىنىدىغان نەرسىگە
تۇلۇق ئۆزگەرمىگەن قان جەۋھىرىدىن ئۇزۇقلانغانلىقى ئۈچۈندۇر. بۇ ھۆللۈك
قىروسىمان ھۆللۈككە تورسىمان پەردىنىڭ ۋاستىسى بىلەن مېڭىدىن ئەۋەتىلىپ ،
مېڭە تەرەپتە بولۇش زۆرۈر بولغانلىقتىن قىروسىمان ھۆللۈكنىڭ كەينىگە
ئورۇنلاشقان . بۇ ھۆللۈك قىروسىمان ھۆللۈكنىڭ ئارقا قىسمىنىڭ كۆپرەكىنى
ئىگەللەيدۇ. بۇ ھۆللۈكنىڭ ئالدىدا تۇىۇمنىڭ ئېقىغا ئوخشايدىغان يەنە بىر
ھۆللۈك بار بولۇپ، بۇ تۇخۇم ئېقىسىمان ھۆللۈك دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۇخۇم
ئېقىسىمان ھۆللۈك قىروسىمان ھۆللۈك جەۋھىرىنىڭ ئارتۇقىغا ئوخشايدۇ. سۈزۈك
نەرسىنىڭ ئارتۇق قىسمى سۈزۈك بولىدۇ، تۇخۇم ئېقىسىمان ھۆللۈك ئىلگىرى
سۆزلەنگەن سەۋەبتىن ۋە تۇلۇقلىغۇچىغا ئوخشاش بولغان سەۋەبتىن ئالدىغا
جايلاشقان. ئىلگىرىكى سەۋەب ئارتۇق تەرەپنىڭ ئۇزۇقلۇق تەرىپىگە ئۇدۇل
تۇرۇشىدۇر. تۇلۇقلىغۇچى سەۋەب نۇرنىڭ قىروسىمان ھۆللۈككە تەدرىجى ئۆتۈشى ۋە
تۇخۇم ئېقىسىمان ھۆللۈكنىڭ قىروسىمان ھۆللۈككە قالقانغا ئوخشاش بولۇشىدۇر.
ئاندىن نېرۋىنىڭ بىر تەرىپى شېشىسىمان ھۆللۈك بىلەن قىروسىمان ھۆللۈكنى
قىروسىمان ھۆللۈك بىلەن تۇخۇم ئېقىسىمان ھۆللۈك ئارىلىقىدىكى پاسىلغا قەدەر
ۋە تاجىسىمان سۆڭەكتىكى شېشىسىمان ھۆللۈك توختايدىغان پاسىلغا قەدەر تور
ئوۋنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندەك ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پەردە
تورسىمان پەردە دەپ ئاتىلىدۇ. تورسىمان پەردىنىڭ بىر تەرىپىدىن ئۆمۈچۈك
تورىسىمان بىر پەردە ئۈنۈپ، بۇ پەردىدىن قېلىن، يۇمشاق بىر قەۋەت پەردە
ھاسىل بولۇپ ، بۇ پەردە بىلەن بىز يېقىندا سۆزلەيدىغان جۈزئى مۇسەممادىن
قىل قان تۇمۇرلار ئۆتىدۇ. بۇ پەردە قۇيۇق بىلەن سۇيۇق ئارىلىقىنى ئايرىپ
تۇرۇش ئۈچۈن ۋە بۇ پەردىگە ئالدى تەرەپتىن تورسىمان پەردە ۋە بالا
ھەمراھىسىمان پەردىدىن ئۆتۈپ ، ئۇزۇقلۇق كېلىش ئۈچۈن قىروسىمان ھۆللۈك
بىلەن تۇخۇم ئېقىسىمان ھۆللۈكنىڭ ئارىلىقىنى توسۇپ تۇرىدۇ. بۇ پەردە
ئۆمۈچۈك تورىدەك نېپىزدۇر، ئەگەر بۇ پەردە قىروسىمان ھۆللۈكنىڭ ئالدىدا
تۇرىدىغان قېلىن پەردە بولسا ، قىروسىمان ھۆللۈككە تۇخۇم ئېقىسىمان ھۆللۈك
يولىدىن كېلىدىغان نۇرنى توسۇپ قويغان بولاتتى. ئەمما نېپىز شىللىق
پەردىنىڭ بىر تەرىپى بالا ھەمراھىغا ئوخشاش تۇمۇرلارغا تۇشۇپ كەتكەن ۋە ۋە
تومۇرلاردىن توقۇلغان بولىدۇ. چۈنكى بۇ پەردىنىڭ بىر تەرىپى ئەمەلىيەتتە
ئوزۇقلۇق ئۆتىدىغان ئورۇندۇر. بۇ پەردىنىڭ بارلىق بۆلەكلىرى ئوزۇقلۇققا
ئېھتىياجلىق بولماي، بەلكى بالا ھەمراھىسىمان پەردە دەپ ئاتىلىدىغان
ئاخىرقى بۆلىكى ئېھتىياجلىقتۇر. ئەمما بۇ پاسىلدىن ئالدى تەرەپكە ئۆتۈپ
كەتكىنى ئازراق قېلىنلاپ ئاسمان رەڭلىك بولىدۇ. بۇنداق بولۇشى كۆزىمىز
يۇرۇقلۇقتىن چارچاپ ، قاراڭغۇلۇقنى تەلەپ قىلىپ ياكى قاراڭغۇلۇق بىلەن
يۇرۇقلۇقنىڭ بىرلىشىشىنى تەلەپ قىلىپ ، كۆزنى يۇمغاندا كۆزنىڭ كۆرۈش
قۇۋۋىتىنى بىر يەرگە يىغىش ، نۇرنى تەڭشەش ۋە ھۆللۈكلەر بىلەن ئىنتايىن
قاتتىق بولغان مۈڭگۈز پەردىسىنى ئايرىپ ، ئادىل ۋاستىچىدەك تۇرۇش ۋە
مۈڭگۈز پەردىسىنى بالا ھەمراھىسىمان پەردىدىن كەلگەن ئوزۇقلۇق بىلەن
ئوزۇقلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر. بۇ قېلىن پەردە نېپىز پەردىنى ئالدى تەرەپتىن
شەيئىلەرنىڭ سىيماسىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى چەكلەپ قويماسلىق ئۈچۈن تامامەن
ئوراپ تۇرمايدۇ، بەلكى ئالدى تەرەپتە ئۈزۈمنىڭ ساپىقىنى تارتىۋەتكەندە
قېلىپ قالىدىغان تۆشۈكتەك تۆشكۈ قېلىپ قالىدۇ. مەزكۇر تۆشۈك ئارقىلىق
شەيئىلەرنىڭ سىيماسى كۆرۈش ئورنىغا يېتىپ كېلىدۇ. ئەگەر بۇ تۆشۈكلەر
توسۇلۇپ قالسا كۆرۈشنى چەكلەيدۇ. بۇ ئۈزۈمسىمان پەردىنىڭ قىروسىمان
ھۆللۈككە ئۇچرىشىدىغان ئىچكى قىسمىدا تىۋىتچىلەر بولىدۇ . بۇنداق بولۇش
پەردىنىڭ يۇمشاق ، لىغىلداپ تۇرۇشى ۋە بۇنىڭغا تېگىپ تۇرىدىغان ئەزالارغا
زىيان يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈندۇر.
كۆز بۆلەكلىرىنىڭ قاتتىقراقى قاتتىق مۈڭگۈزسىمان پەردىگە تۇتىشىدىغان
ۋە تۆشۈك بولىدىغان ئالدىنقى بۆلىكىدۇر. بۇنداق بولۇشى كۆز قارىچۇقىنى
ئوراپ تۇرىدىغان ئەزا قاتتىق بولۇش ئۈچۈندۇر . كۆز قارىچۇقى يۇقىرىدا
يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن پايدىلار ئۈچۈن ھۆللۈك ۋە روھ بىلەن
توشقۇزۇلغاندۇر. بۇنىڭ ھۆللۈك بىلەن روھقا توشقۇزۇلغانلىقىغا ئۆلۈم
يېقىنلاشقاندا كۆز قارىچۇقى ئۇدۇلىنىڭ كىچىكلىگەنلىكى دالالەت قىلىدۇ.
ئىككىنچى پەردە ئىنتايىن قېلىن بولۇپ ، نەرسىلەرنىڭ يېتىپ كەلگەن تەسۋىرىنى ياخشى ساقلايدۇ.
بۇنىڭ ئارقا تەرىپى قاتتىق قېلىن پەردە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئالدى
تەرىپى كۆز قارىچۇقىنىڭ ھەممىسىنى ئوراپ تۇرۇپ، كۆرۈشنى چەكلەپ قويماسلىق
ئۈچۈن ھۆللۈكنى سۈمۈرىدۇ. بۇ پەردە ئۇيۇپ، قىرىپ نېپىزلىتىلگەن مۈڭگۈزنىڭ
رەڭگىدە بولغاچقا ، مۈڭگۈز پەردە دەپ ئاتىلىدۇ.
كۆز بۆلەكلىرىنىڭ ئەڭ ئاجىزراقى ئالدى تەرەپتىكى بۆلىكىدۇر، بۇ
ئەمەلىيەتتە گىرەلىشىپ كەتكەن پوستلاققا ئوخشاش تۆت نېپىز پەردىدىن
تۈزۈلگىچىگە ئوخشاش بولۇپ ، ئەگەر بۇ تۆت قەۋەتنىڭ بىرەرسى سويۇلۇپ كەتسە ،
ئۇمۇميۈزلۈك ئاپەت يۈز بەرمەيدۇ.
بىر بۆلۈك تېۋىپلار مۇنداق دېدى: كۆزنىڭ ئالدىنقى قىسمىدىكى پەردىلەر
ئۈچ قەۋەت بولۇپ ، ئۇلاردىن كۆز قارىچۇقىغا ئۇدۇل تۇرىدىغانلىرىمۇ بار.
چۈنكى بۇ ئۇرۇن يېپىش ۋە ساقلاشقا ئىنتايىن ئېھتىياجلىقتۇر. ئۈچىنچى پەردە
كۆز ۋە قاپاقنى يۇمشاق تۇتۇپ تۇرۇش، كۆز ۋە قاپاقلارنىڭ قۇرۇپ قېلىشىنىڭ
ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆز قارىچۇقىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان مۇسكۇللار بىلەن
ئارىلىشىپ، بۇ مۇسكۇلنىڭ ھەممىسىنى ئاق، مايلىق گۆشكە توشقۇزىدۇ. بۇ
قەۋەتلەرنىڭ ئۇمۇمىيسى كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە(مۇلتەھىمە) دەپ ئاتىلىدۇ.
كۆز ئالمىسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى مۇسكۇللارنى تەشرىھ قىسمىدا سۆزلىدۇق.
كىرپىك: كۆزگە ئۇچۇپ كەلگەن نەرسىلەرنى ۋە كۆزگە باشتىن چۈشكەن
نەرسىلەرنى توسۇش ئۈچۈن ۋە ئۆزىنىڭ قارىلىقى بىلەن نۇرنى تەڭشەش ئۈچۈن
يارىتىلغاندۇر. چۈنكى قارىلىق كۆز نۇرنى يىغىدۇ . كىرىك ئۈنگەن ئورۇن ئاجىز
بولۇپ كىرپىك يېتىۋالمايياخشى تىك تۇرۇش ئۈچۈن ۋە كۆزنى ئاچقۇچى مۇسكۇلغا
سۆڭەككە ئوخشاش تايانچ بولۇپ ، ياخشى ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن كىرپىك ئۈنگەن
ئۇرۇن كۆمۈرچەككە ئوخشاش پەردە قىلىندى. قاپاقنىڭ بۆلەكلىرى تەرتىپ بويىچە
تېرە، شىللىق پەردە ئىككى ئەگمىسىنىڭ بىرى قاپاق يېغى، قاپاق مۇسكۇلى ۋە
قاپاق ئۈستى ئەگمىسى قاتارلىقلاردۇر. ئەمما ئاستىنقى ئەگمىسى مۇسكۇلسىمان
بۆلەكلەردىن تۈزۈلگەندۇر. بېرىش خەتەرلىك بولغان ئۇرۇن مۇسكۇل باشلانغان
جايدىكى كۆز بۇرجىكىنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇر.
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن،كۆچۈرۈپ ساقلىۋالدىم،مەن تىخى يىقىندىلا كۆز ئەينەككە چۈشۈپ قالغان،ئاساسلىقى نۇر يىغىش ئىقتىدارى چىكىنىپ كىتىپتۇ،بۇ خىل ئەھۋالدا دوختۇرلارمۇ كۆزئەينەك يىزىپ بىرىشتىن باشقا ھىچقانداق داۋالاش ئىلىپ بارالمايدىكەن، كۆزگە ئاق چۈشۈش ۋە ئۇنى داۋالاش ھەققىدە
مۇنداق بىر ھېكايەتنى قىسقىلا سۆزلەپ ئۆتەي.
بۇرۇنقى ئالىملىرىمىزدىن ئەبۇ بەكرى زەكەرىيا رازى(بۇ كىشى شەيخ ئىبىنسىنادىن سەل بۇرۇن ياشىغان ئالىم بولۇپ،تېب ئىلمىدە خۇددى ئىبىنسىنادەك شۆھرەتكە ئىگە كىشى ئىدى) بىر سەھۋەنلىكى بىلەن پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئەيبكار بولۇپ قاپتۇ ۋە ئۆزى يازغان كىتابلىرى بىلەن ئۇرۇش جازاسى بېرىلىپ ، كۆزىدىن توختىماي ياش ئاقىدىغان بولۇپ قالىدۇ. كۆرۈشىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇنداق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر تېۋىپنىڭ رازىغا ئىچى ئاغرىپ كۆزىنى داۋالىماقچى بولغىنىدا رازى ئۇ تېۋىپتىن كۆزنىڭ قانچە پەردىدىن تۈزۈلگەنلىكىنى سورىغاندا ھېلىقىپ تېۋىپ جاۋاپ بېرەلمەي تۇرۇپ قاپتۇ. رازى بولسا كۆزنىڭ قانچە قەۋەتتىن تۈزۈلگەنلىكىنى بىلمەيدىغان كىشىگە داۋالانمايمەن دەپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇنداق ئۆتۈپ كەتكەن ئىكەن.بۇ ھېكايە مۇشۇنداقراق ئېسىمدە قاپتۇ.
دېيىلگەندەك كۆز يەتتە قەۋەت پەردىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ كۆزگە چۈشكەن ئاق بۇ يەتتە پەردىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئىككىنچى قەۋەت بولغان مۈڭگۈز پەردىدە بولىدۇ ،مۈڭگۈز پەردىنىڭ سىرتقى يۈزىدە بولغان نېپىز ئاقلىق ساھاب،ئىچىدە بولىدىغان قۇيۇق ھۆللۈك بەياز دېگەن نامدا ئاتىلىدۇ. ئەگەر مۈڭگۈز پەردىنىڭ قەۋەتلىرىدە زەخم بولۇپ ، داغ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ئاقلىق پەيدا بولغان بولسا ، بۇ ئاقنىڭ نېپىزۋەسۇس بولغىنى دەندى،قېنىق بولسا پولى ياكى پولا دېيىلىدۇ، ئەگەر بۇ ئاقلىق باھايىتى قېنىق بولسا تىنتى دېگەن نامدا ئاتىلىدۇ.
كېسەللىك سەۋەبلىرى:
1.بۇ كېسەللىك بەزىدە زەخمىلەردىن كېيىن كۆزنى ئۇزۇن مۇددەت تېڭىپ قويۇش سەۋەبىدىن ياكى زەخمىلەر سەۋەبىدىن كۆزى ئاجىزلاپ ناچار ماددىلار زىيادە قۇيۇلغانلىقتىن پەيدا بولىدۇ.
بۇ تۈرىنى داۋالىغان بىلەنمۇ پۈتۈنلەي ياخشى بولۇپ كەتمەيدۇ.بەلكى زەخم پۈتكەندىن كېيىن بۇنىڭ تەسىرى ۋە ئىزى قېلىپ قالىدۇ. بۇ ئىزنىڭ يوقىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
2. بەزىدە بۇ كۆز ئاغرىقىدىن كېيىن پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبلىرى بولسا قائىدىسىز داۋالاپ ماددىنى قۇيۇلدۇرۇپ قويۇش ۋە تارقىتىۋەتمەسلىك؛قائىدىسىز داۋالاشلار ئارقىلىق كۆز پەردىلىرىگە ئاغرىق ۋە يېقىمسىزلىنىشلەرنىڭ يىتىشى؛ئۇزۇن مۇددەتكىچە كۆزنى تېڭىپ قويۇش قاتارلىقلار ….
3.بەزىدە بۇ كېسەللىك باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش ۋە قاتتىق باش ئاغرىقىدىن كېيىن بولىدۇ.
چۈنكى بۇ ھالەتلەردە ئۆتكۈر ئاغرىق ۋە يېقىمسىزلىنىش سەۋەبىدىن كۆزنى يۇمۇۋېلىپ ئاچمايدۇ. كۆزى ئۇچۇق ھالەتتە ھەرىكەت زىيادە بولغانلىقى، يۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا بىلەن ئۇچراشقانلىقى ئۈچۈن كۆزدىكى ماددىلار تارقىلىدۇ ۋە مۇشۇنداق ئاغرىقلاردا بەزىدە قاتتىق ئاغرىش سەۋەبىدىن بىھۇدە ھەرىكەتلەر كۆپ بولىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ماددىلار كۆز تەرەپكە قۇيۇلىدۇ.
4.كۆز ياشاڭغىراش ۋە تەتۈر كىرپىك سەۋەبىدىن مۈڭگۈزسىمان پەردىنىڭ داۋاملىق غىدىقلىنىشى ياكى بۇ پەردىدە ئىششىقنىڭ بولۇشى ياكى كىچىك يىرىڭلىق ئىششىقلارنىڭ پەيدا بولۇپ ،زەخم بولۇشىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن بالىلاردا كۆپ يىغلاش سەۋەبىدىنمۇ بۇ كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. لېكىن مۇناسىب داۋالاش بىلەن بالىلاردا بۇ كېسەللىك ئاسانلا يوقىلىدۇ، لېكىن ياشلاردا ۋە ياشانغانلاردا ئاسانلىقچە ياخشىلانمايدۇ. 白内障بىلەن 角膜白斑نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە ئارىلىشىپ قېلىش باردەك ھېس قىلىۋاتىمەن ...
كۆز قارىچۇق پەردىسى يەنى مۈڭگۈزسىمان پەردىگە چۈشكەن ئاق 角膜白斑دېيىلىدۇ
كۆز كىرىستال تەنچىسى( ئۇيغۇر تىبابىتىدە كۆزدە تۇتقان مۆلدۈرگە ئوخشاش ھۆللۈك شۇ دەپ ئويلىدىم )دۇغلىششى كۆزگە ئاق چۈشۈش دېيىلىدۇ ،تادۇبەگ مېنىڭچە سىز كۆزدە تۇتقان كۆزگە ئاق چۈشۈش قارىچۇق پەردىسى تۈرلۈك سەۋەپ تۈپەيلى زەخمىلەنگەندىن كېيىن پەيدا بولغان ئاق داغمىكىن .ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئاق چۈشۈش ئۇ ئايرىم كېسەللىك ،بۇ خىل كېسەلدە غەرب تىبابىتىدە كۆپ ھاللاردا ئوكىسدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىدۇ ئېغىرلاشقاندا ئوپىراتسىيە قىلىپ سۈنىئىي كىرىستال تەنچە سالىدۇ ...
بەكلا ھەيران قالدىم ،ئۇيغۇر تىبابىتىدە غەرب تىبابىتىدىنمۇ ئىنىچىكە ھالەتتە سۆزلىنىدىكەن ... تېما ئەلا.
3- قەۋەتتىكى dilnazukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
白内障بىلەن 角膜白斑نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە ئارىلىشىپ قېلىش باردەك ھېس قىلىۋاتىمەن ...
كۆز قارىچۇق پەردىسى يەنى مۈڭگۈزسىمان پەردىگە چۈشكەن ئاق 角膜白斑دېيىلىدۇ
كۆز كىرىستال تەنچىسى( ئۇيغۇر تىبابىتىدە كۆزدە تۇتقان مۆلدۈرگە ئوخشاش ھۆللۈك شۇ دەپ ئويلىدىم )دۇغلىششى كۆزگە ئاق چۈشۈش دېيىلىدۇ ،تادۇبەگ مېنىڭچە سىز كۆزدە تۇتقان كۆزگە ئاق چۈشۈش قارىچۇق پەردىسى تۈرلۈك سەۋەپ تۈپەيلى زەخمىلەنگەندىن كېيىن پەيدا بولغان ئاق داغمىكىن .ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئاق چۈشۈش ئۇ ئايرىم كېسەللىك ،بۇ خىل كېسەلدە غەرب تىبابىتىدە كۆپ ھاللاردا ئوكىسدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىدۇ ئېغىرلاشقاندا ئوپىراتسىيە قىلىپ سۈنىئىي كىرىستال تەنچە سالىدۇ ...
بەكلا ھەيران قالدىم ،ئۇيغۇر تىبابىتىدە غەرب تىبابىتىدىنمۇ ئىنىچىكە ھالەتتە سۆزلىنىدىكەن ...
___________________________
ئەلقانۇن كىتاۋىدا سىزدېگەندەك بۇ ئاقلىقنى كۆزدىكى زەخمىلەردىن بولغان دەپ سۆزلىگەن ، لېكىن شەرھى ئەسباب كىتاۋىدا بولسا بۇلارنىڭ تۈرلىرىنى يەنىمۇ تەپسىلىيرەك بايان قىلىپ ئاۋالقى ئىككى تۈرنى ساھاب ۋە بەيازدېگەن تۈرلەرنى زەخمىلەردىن بولغان ئاقلىقتىن ئايرىپ سۆزلەيدۇ. بۇ كۆزنىڭ دۇغلىشىشى بولسا كېرەك
ئالامىتى:
كۆزنىڭ مۈڭگۈزسىمان پەردىسىدە ئاق داغ بولىدۇ. كۆرۈش كۈچى تۆۋەنلەيدۇ ياكى تامامەن يوقىلىدۇ. ئەگەر بۇ مۈڭگۈزسىمان پەردىنىڭ مەركىزىدە بولسا ، ئۇنىڭ نېپىز بولۇشى ياكى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كۆرۈش كۈچى تۆۋەنلەيدۇ. ئەگەر بۇ ئاق مۈڭگۈزسىمان پەردىنىڭ ئەتراپىدا بولسا، ئۇنىڭ قېنىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كۆرۈش كۈچىدە ئازراقمۇ تۆۋەنلەش بولمايدۇ.
داۋالاش:
ئەگەر ماددىلارنىڭ قۇيۇلۇشى ۋە يىغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەبلەر تامامەن يوقالغان بولسا ، ھاممامغا چۈشۈرۈلىدۇ ۋە ئىسسىق سۇ ھورلىرىدا ھورلاندۇرۇلىدۇ،بۇنىڭدا كۆزى يۈزى تەرلەپ،قىزارغۇچە ئۇچۇق تۇتۇلىدۇ ،ئاندىن تازىلىغۇچى سۈرمىلەر تارتىلىدۇ. سۈرمە تارتىشتىن ئىلگىرى يۇقىرىقىدەك قىلىشنىڭ ماددىلارنى لەتىفلەشتۈرۈپ ۋە يۇمشىتىپ ،تازىلىغۇچى دورىلارنىڭ تەسىرىنى تىز قۇبۇل قىلشتا پايدىسى بار.
ئەگەر زۈرۈرىيەت بولسا ،يەنى كېسەللىك كونىرىغان بولسا ھەمدە بىمار سېمىز،كۈچلۈك بولسا ھەزۇم سەغىر ،ھەزۇم كەبىر ، ھەزۇم مۇئەسسەل چېپىش لازىم.(ئەسكەرتىش:نۇسخىلار تەركىبىدىكى بەزى دورىلارنىڭ تېپىلىشى تەسرەك بولسىمۇ ، مۆتىۋەر نۇسخىلار بولغاچقا ئۆز ئەينى بېرىلدى)
نۇسخىلار:
ھەزۇم سەغىر: ياساش ئۇسۇلى شۇكى ،تۇخۇم شاكىلىنى تاتلىق سۇغا چىلاپ ئاپتاپتا قويۇلىدۇ.سۇدا سېسىق پۇراق پەيدا بولغاندا ،شاكالنى ئېلىپ ئوبدان يۇيۇپ تازىلاپ ئۇنىڭ ئىچكى پەردىسىنى ئېلىۋېتىپ ،يەنە باشقىدىن سۇ قۇيۇپ تاكى سۇدا سېسىق پۇراق پەيدا بولغۇچە ئاپتاپتا قويۇلىدۇ.يەنە يۇيۇلۇپ سۇ قۇيۇلۇپ سۇدا سېسىق پۇراق تامامەن يوقىغان ۋاقىتتا توختىتىپ،قۇرۇتۇپ يۇمشاق ئىزىپ شېكەر بىلەن سالايە قىلىنىپ كۆزگە تارتىلىدۇ.
ھەزۇم كەبىر نۇسخىسى: يۇقىرىقى ئۇسۇلدا تەييارلانغان تۇخۇم شاكىلى،كونا قۇمۇش بۇغۇمى،كۆيدۈرۈلگەن سەدەپ،مەرۋايىت،كۆپۈكى دەريا،سالما مايىقى،دەھنە (بىرخىل تاش) كۈمۈش چىلىندان،ئالتۇن چىلىندان، شادىنەچ ، كەرگەس قانىتى كۈلى ، بىخ مارجان قاتارلىقلار بىر ھەسسىدىن، كۆك بىلەي تېشىدىن تۆتتىن بىر ھەسسە،شەپەرەڭ مايىقىدىن يېرىم ھەسسە ئېلىپ ھەممىسىنى ناھايىتى يۇمشاق سالايە قىلىپ تەييارلىنىدۇ.
ئارىدىكى بەزى دورىلار تېپىلمىغاچقا قالدۇرۇلدى……
ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە پەرھىز
يەڭگىل ۋە ئاسان ھەزىم بولىدىغان غىزالار بېرىلىدۇ. قەۋزىيە بولسا چوڭ تەرەت راۋانلاشتۇرۇلىدۇ. سىمىز ئوت،پالەك،قاپاق تەرى،كاكچا نان بېرىلىدۇ. پەل پەيدا قىلغۇچى نەرسىلەر مەسىلەن: ئەنجۈر ، سامساق، پىياز، سۈت بېلىق،كالا گۆشى قاتارلىقلاردىن شۇنداقلا تاتلىق نەرسىلەرنى كۆپ بېرىشتىن ۋە گۈرۈچ ،قېتىق ئىستىمال قىلىشتىن پەرھىز قىلدۇرۇشى لازىم.
ئەمدى بىر تۈركۈم رېتسىپلارنى تونۇشتۇرىمىز، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تېپىش ۋە تەييارلاش ئاسان بولغان ، ئەل ئىچى رېتسىپلىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن رېتسىپلار.
* ئاق لالىنى سىقىپ سۈيىنى ھەسەل بىلەن كۆزگە تېمىتىپ بەرسە كۆزدىكى ئاقنى يوقىتىدۇ.
* بىر دانە قىزىل ئالمىنى ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىپ، ئۇرۇقىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئىچىگە سېرىقماي سېلىپ ھىملىغاندىن كېيىن ، سىرتىنى خېمىر بىلەن ئوراپ، ئوتقا كۆمۈپ ئۈچ سائەت تۇرغۇزۇپ ،ئاندىن ئېلىپ خېمىرنى سۇيۇۋېتىپ قىزىق ھالەتتە كۆزىگە ،ئىككى چېكىسىگە تاڭسا كۆزدىكى ئاق يوقىلىپ كېتىدۇ.
(يۇقارقى نۇسخىلارنى ھەزرەت ئەپەندىم تەمىنلىگەن)
* كۆپۈكى دەريا بىلەن ئاق ناۋاتنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ ، يۇمشاق سوقۇپ ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن كۆزگە تارتىپ بەرسە كۆزدىكى ئاقنى يوقىتىدۇ(سىناقتىن ئۆتكەن نۇسخا-بەدرىدىن سوپاخۇنۇم نۇسخىسى)
* كېلەر مايىقىنى سوقۇپ ،كۆزگە سۈرمە ئورنىدا تارتسا ،كۆزگە چۈشكەن ئاقنى ۋە سۇنى يوقىتىدۇ.
* قۇشقاچ مايىقىنى سۈزۈك سۇدا ئىزىپ ،داكا بىلەن سۈزۈپ كۆزگە تارتسا كۆزدىكى ئاقنى ئالىدۇ.(باياخۇننىڭ مىللى تېبابەتچىلىككە دائىر رېتسىپلار ناملىق قوليازمىسىدىن)
*زەجۇۋادىن بىر ھەسسە،جۇۋىنەدىن بىر ھەسسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىىچىلىك ئېلىپ سېپىلمە تەييارلاپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈكرەكى ئەنزىرۇت ،ئاق شېكەر ، كۆپۈكى دەريا،زىراۋەندە،توغرىغۇ قاتارلىقلاردىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ،سۈرمە تەييارلاپ تارتىلىدۇ.
* قارلىغاچ مايىقى ، پاتمىچۇق مايىقى قاتارلىقلارنى يۇمشاق سوقۇپ،ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئەتىگەن ئاخشامدا سۈرمە قىلىپ تارتىلىدۇ.
* سېرىق زاك ۋە كۆك موزىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ ، سۇ بىلەن ئىزىپ يۇمشىتىپ، بىر نەچچە قېتىم سۈرمە قىلىپ تارتىلىدۇ.
* موزا ۋە ئاقاقىيانىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ ، شاقائىقۇنۇئماننىڭ سۈيى بىلەن سالايە قىلىپ ، قائىدە بويىچە سۈرمە قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.
* كەپتەر ۋە قۇشقاچنىڭ مايىقى سۈرمە قىلىپ تارتىلىدۇ.(ئەلقانۇن رېتسىپلىرى) يىراقنى كۆرەلمەسلىك ۋە كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىزلاپ كىتىشكە قارىتا رېتسىپلارمۇ بارمىدۇ؟