tarboguz يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 15:54:44

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى سايلاپ چى

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلدى(1)

جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىغا قاراپ مېڭىش مۇساپىسىدا، خەلق سىياسىي كېڭىشى كونا، يېڭى رەھبەرلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئوڭۇشلۇق ئالماشتۇردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى يۈ جېڭشېڭ 11-مارت چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 23 مۇئاۋىن رەئىسى سايلاپ چىقىلدى. سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن يىغىن مەيدانىغا كېلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقىنى تەبرىكلىدى.



  يىغىن رىياسەتچىسى يۈ جېڭشېڭنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، جيا چىڭلىن بىلەن يۈ جېڭشېڭ قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پۈتۈن مەيداندا ئۇزۇنغىچە ئالقىش ياڭرىدى. يىغىندا سايلاپ چىقىلغان سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى تۆۋەندىكىچە: دۇ چىڭلىن، لېڭ جىخۇا، خەن چىدې، پابالا گېلىلاڭجى، دوڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، لىن ۋېنيى، لو فۇخې، خې خۇخۇا، جاڭ چىڭلى، لى خەيفېڭ، سۇروڭ، چېن يۈەن، لۇ جەنگوڭ، جۇ شياۋچۈەن، ۋاڭ جيارۈي، ۋاڭ جېڭۋېي، مابياۋ، چى شۈچۈن، چېن شياۋگۇاڭ، ما پېيخۇا، ليۇ شياۋفېڭ، ۋاڭ چىنمىن. مەنبە،خەلىق تور

2013年03月11日 18:24:03

来源: 新华社

    新华社北京3月11日电 中国人民政治协商会议第十二届全国委员会主席、副主席、秘书长、常务委员名单

    主席

  俞正声

    副主席

  杜青林令计划韩启德帕巴拉·格列朗杰(藏族)、董建华万钢(致公党界)、林文漪(女)、罗富和何厚铧张庆黎李海峰(女)、苏荣陈元卢展工周小川王家瑞王正伟(回族)、马飚(壮族)、齐续春(满族)、陈晓光(民盟界)、马培华刘晓峰王钦敏

    秘书长

   张庆黎مەنبە شىنخۇ تور

huqush يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 22:00:23

لى كېچاڭنىڭ بۇلىدىغىنى بەش يىل بۇرۇنلا بېكىتىلىپ بولۇنغان ئىش ئۇ

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 17:11:34

ئۇيغۇردىن بىرنى سايلاپ قوياتتى ،بۇ قېتىم يوقكەندە

tarboguz يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 17:46:39

1- قەۋەتتىكى tarim222نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇيغۇردىن بىرنى سايلاپ قوياتتى ،بۇ قېتىم يوقكەندە

   ئالدىنقى نۇۋەتلىك سىياسى كىڭەشتە ئۇيغۇردىن ئابلەت ئابدۇرشىت مۇاۋېن رەىس ئىدى

arislan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 18:08:48

ۋاي بۇ خەق ئۆزىنى ئۆزى سايلاپ، ئۆزىگە ئۆزى يېغىن ئېچىپ بولالمىدىما تېخى ؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 18:10:18

\"\" \"\" \"\"

ئالدىنقى قېتىم رەئىس خۇجىنتاۋ،زۇڭلى ۋىنجاباۋ ئىدى

بۇ قېتىم رەئىس شىجىڭپىڭ

زۇڭلى كىمۇ؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 18:12:39

لىكېچاڭ بولامتىكى

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 18:15:57

5- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

لىكېچاڭ بولامتىكى

\"\"


زۇڭلىما؟


بۇ كىمۇ ئەمدى؟


بۇرۇنقى گۋاڭدۇڭنىڭ لاۋداسىما؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 18:27:33

بىلمەيمەن،شۇنداقراقمىكى.

ئەمما http://uyghur.cntv.cn/album/20130306/100070/pic_show_js.shtml#g=undefined&p=30306100220 مۇشۇ كىشىنى زۇڭلى بولىدۇ دەپ ئاڭلىۋالغان

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 19:21:19

زۇڭلى بولىدىغان ئادەمنىڭ ئىسمىنىمۇ ئۇقماي يۈرىدىغان پۇقرادە بىزلەر \"\" \"\"

تېخى ئۇقتۇرماپتىما زۇڭلىرىڭلار مانا بۇ دەپ \"\"

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 19:33:17

بىغەملەر شەھرى ............. \"\"

format يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 19:44:36

بۇلارنى كىم سايلاپتۇ ، خەنزۇ تونۇشلاردىن سورىسام ئۇلارمۇ بىز سايلىمىدۇق دەپ بىزىرىپ تۇرىدۇ ، ئۆزىنى ئۆزى سايلىۋالىدىغان ئىش بولسا نىمىشقا بۇرۇنقىلىرى ئۆزلىرىنى سايلاپ يۈرىۋەرمەي ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغاندۇ ، ئۇلارنى ياز بىز سايلىمىساق يا يۇقۇرىدىن ئالدىن بەلگۈلەپ قويۇپ كۆز بۇيامچىلىق قىلامدىكىن دېسەم جۇڭگودا مەركىزى ھۆكۈمەتتىن يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورگان يوق ، بۇ باشلىقلار زادى قانداق ھۇجۇتقا كېلىدىغاندۇ

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

totem يوللانغان ۋاقتى 2013-3-14 18:35:56

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تۇغرىسىدا جىق سۆزلەندى-ھە؟

پوجاڭ ھېدى كۈرىيە بىلەن ياپۇنغا كەتمىسىلا چۇڭاملارنىڭ سىياسى مەسلىھەتى جايىدا بۇلىۋېرىدۇ.

tvman يوللانغان ۋاقتى 2013-3-14 19:11:39

بىر يۇمۇر يادىمغا كەلدى

ئامېرىكىلىق: بىز چۈشتىن بۇرۇن بىلەت تاشلىساق چۈشتىن كىيىنلا كىمنىڭ پىرىزدىنت بولدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز دەپتۇ،

جۇڭگۇلۇق: ۋاي بىزگە بىلەت تاشلاش كەتمەيدۇ بەش يىل بۇرۇنلا بىلىم بولىمىز كىلەر نۆۋەت كىمنىڭ رەئىس بولدىغانلىقىنى دەپتۇ.

چاۋشىيەنلىك : نېمە دىيشىدىغانسە ئاكاڭ قارغاي كىچىك ۋاختىدىلا بىلەتتى كىلەر نۆۋەتلىك ئەلبەشنى دەپتۇ.

ياپۇنلۇق: ۋاي نېمە دەيدىغانسىلە بىز دائىم بىلەت تاشلايمىز لىكىن ھازىرقى ۋەزىرنىڭ كىملىكىنى بىلمەيمىز دىگۈدەك.

forever يوللانغان ۋاقتى 2013-3-14 20:02:30

ھە بولاپتۇ!  {:134:}  \"\"

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 16:33:49

مۇشۇ ئەڭ چوڭ باشلىق سايلانغان ئادەم نىمىش قىلىدىغاندۇ؟ ئۇلارنىڭ مائاش تەمىناتى قانداق ھېساپلىندىغاندۇ؟ ئۇنى باشقۇردىغانغا ئادەم بولمىغاندىكىن ئىشقا قاچان چىقىش، نەگە بېرىپ نەدە توختاش دىگەندەكلەردە چەكلىمە يوقتۇ ھە؟ جۇڭگوچىلىقتا تۆۋەندىكى باشلىق يۇقىردىكى باشلىقنىڭ پودىقىنى كۆتۈرۈپ ئۆتكىنى ئۆتكەن... بولىدىغان ئىش بولسا ئەڭ چوڭى بولسا، بولمىسا بولمىغان ياخشىكەن دەپ قالدىم....

يۈرۈكۈمدىكى گەپنى قىلسام مېنى باش رەئىس قىلىپ سايلاپ قويسا مۇشۇ تاپتا نىمىش قىلىشنى بىلمەيمەن....  {:107:}
بەت: [1]
: سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى سايلاپ چى