kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-5-25 23:25:44

ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ توغرىسىدا




2012-2013 يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچلۇق مۇسابىقىسى 26 - چىسلا سەھەردە ئوينىلىدۇ .يەنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 00:45 ئۆتكەندە باشلىنىدۇ( ھازىر ) ، گىرمانىيە زەردارلىرىدىن دورتمۇند كوماندىسى بىلەن بەيرىن كوماندىىسى مۇسابىقىلىشىدۇ ، بۇ ياۋروپادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى گىرمانىيە دۆلەت دىربىسى بولۇپ ، كەسكىن مۇسابىقە بولشى ناھايتى ئىنىق.


ھەل قىلغۇچقا دورتموند خانلىق مادرىدنى 4:3 ئۇمونى نەتىجە بىلەن يىڭىپ كىردى. بايرىن بولسا بارسىلونانى 7:0 ئۇمومى نەتىجە بىلەن قىرغىن قىلىپ ئۇڭۇشلۇق ھالدا يەنە بىر قىتىم ھەل قىلغۇچقا كىردى. بۇلتۇر بايرىن ھەل قىلغۇچتا بىزنىڭ چېلسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ئىككىنچى بولغان كەتكەن.

تۆۋەندىكى ئادىرىسقا كىرىپ مۇسابىقە كۆرۈشنى باشلاڭ ! مۇسابىقە جەريارنىدا ئويلىغانلىرىڭىزنى مۇنۇ تىمىغا يىزىپ قويسىڭىز بولىدۇ ! قىنى مەرھەمەت : -



كۆرۈش ئادىرىسى :

مەركىزى تىلۋىزىيە 5 - قانىلى

http://tv.cntv.cn/live/cctv5/


شىنلاڭ تەنتەربىيە قانىلى : سۇدۇڭ چۈشۈندۈرىدۇ

http://www.azhibo.com/zhibo/xinlangouguan-flv-22752.html

نەخ مەيدان تارقىتىش 8 قانىلى

http://www.zhibo8.cc/zhibo/other ... eivsduotemengde.htm



ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 02:06:13

مۇسابىقە قىزىۋاتىدۇ \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 02:14:21

ئۇييۇ ماتوپنى نوچى توسىۋالدى

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 02:16:15

يەنبىر ئڭييۇ

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 02:37:32

بايرىن مۇبارەك

ئىزدىنىش مۇبارەك

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 03:52:57

دورتمۇند ئېسىل ئوينىۋەتكەن، ۋاراتارمۇ ئالامەت تەلەيلىككەن، ئەمما تەغدىر يەنىلا ئۇلارغا چاقچاق قىلىپ قويدى. بىرلەشمىدىكى 20 نومۇرلۇق پەرق بىكارغا چىقمىغاندە. مۇبارەك بولسۇن بايرىن، ئاخىرى چىمپىيون بولدۇڭلار.

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 06:56:11

\"\"

ئىزىدىنىش مۇنبىرىنىڭ قايتا ئېچىلغىنىدىن خۇش بولدۇم.

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 08:03:58

ئىزدىنىشنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىدىن بەك خوش بولدۇم . سەپەردە بولۇپ قېلىپ كۆرەلمىدىمدە بۇ مۇسابىقىنى .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 08:46:35

ئاخشام گۇڭۇر-مۇڭۇر پاراڭلاشقاچ مۇسابىقە كۆرەمىز دەپ يوللىغان تېمىنى ئالدىراپلا. تەلەي نەگە دوقا ماڭلايغا دەپ مۇسابىقە باشلىنىشىغا ئالدىراش بولۇپ كېتىۋىدىم مانا ئەمدى ئىشتىن چۈشتۈم... \"\"

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 09:49:41

ئىنكاسلارنى قانداق قوللايمىز؟

قارىغاندا يىڭى ئىقتىدار ئوخشايدۇ ئۈگۈنۈۋالايلى

Mihman يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 09:56:05

ھەجەپمۇ تەستە ئېچىلدى .  {:107:}

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 10:31:31

شۇنچە ئۇزۇن دەمئىلىشقا قويۇپ بەرسەك، بۇ ئىزدىنىشتىكى بەت تېشىغا ھالقىۋىلىشتەك ئەڭ قاملاشمىغان، تۈزۈتۈش ئەڭ زۆرۈر بولغان كونا نۇقسانىمۇ ئوڭشالمىغىنى نىمىسى؟ كونىسى ئوڭشالماقتا يوق، يېڭى نۇقسانلار قوشۇلۇپ يۈرمىگەندۇ ھە؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 10:32:33

ئىنكاسلىرىم يوللانمايۋاتىدۇ \"\"

5tash يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 15:47:08

ئامما مۇسابىقە قىززىدى،

ۋارتالا ياڭزىسىنى كۆرسىتىپ قويدىغۇ،

بەيرىن ھەجەپ بەلەن ئالدى دىسە، لىكىنغۇ يېرىم ھەل قىلغۇچتىلا رازى بولغان ئىدىم بەيرىدىن،  {:92:}   {:92:}

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 17:16:52

ئەمما مۇنداق يۈرەكنى سۇ قىلغان ھەل قىلغۇچنى كۆرمىگىلى نە زامان ،خوتۇن قارى بىلەن قىزىمنى يوتقانغا بەنت قىلىۋېتىپ روبىن تازنى تولۇق 87 مىنۇت قاغاپ چىقىپتىمەن ، 3 ياشلىق قىزىم كۆزىنى ئۇۋىلاپ تەمتىلەپ يېنىمغا چىقىپ 10 مىنۇت مۇسابىقە كۆردى ، روبىننى دەلتى دىسەم  دۆتكە بۇ دەپ قۇيۇشلىرى با تېخى   {:92:}  ھۇجۇمغا ھۇجۇم ،جىددى ۋە ئاساسەن پاكىز ئوينالدى، لەنۋەندوۋىسكى بىلەن دانتىنىڭ ھەركىتىدىن باشقا .  لېكىن دانتىغا ئىككىنچى سېرىق كەم بوپ قالدىدە ،  ئېنىقلا ئىككىنچى سېرىققا لايىق كارتىغا لايىق ئىدى . بىراق رىپىرجاننىڭ تەمكىنلىكىدىن بۇنى رىبىرىنىڭكى بىلەن نېيتىراللاشتۇرش دەپمۇ ئويلىدىم.

elqut يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 17:30:11

نەدىن قايتا كۈرىمىز

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 20:08:13

15- قەۋەتتىكى elqutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نەدىن قايتا كۈرىمىز



ماۋۇ ئادىرسقا كىرىپ ئىنكاس يزىپ قويسىڭىز كۆرۈش ئادرىسىغا ئېرىشىسىز.


http://bbs.putbol.cn/thread-35622-1-1.html

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 20:16:14

14- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەمما مۇنداق يۈرەكنى سۇ قىلغان ھەل قىلغۇچنى كۆرمىگىلى نە زامان ،خوتۇن قارى بىلەن قىزىمنى يوتقانغا بەنت قىلىۋېتىپ روبىن تازنى تولۇق 87 مىنۇت قاغاپ چىقىپتىمەن ، 3 ياشلىق قىزىم كۆزىنى ئۇۋىلاپ تەمتىلەپ يېنىمغا چىقىپ 10 مىنۇت مۇسابىقە كۆردى ، روبىننى دەلتى دىسەم دۆتكە بۇ دەپ قۇيۇشلىرى با تېخى \"\" ھۇجۇمغا ھۇجۇم ،جىددى ۋە ئاساسەن پاكىز ئوينالدى، لەنۋەندوۋىسكى بىلەن دانتىنىڭ ھەركىتىدىن باشقا . لېكىن دانتىغا ئىككىنچى سېرىق كەم بوپ قالدىدە ، ئېنىقلا ئىككىنچى سېرىققا لايىق كارتىغا لايىق ئىدى . بىراق رىپىرجاننىڭ تەمكىنلىكىدىن بۇنى رىبىرىنىڭكى بىلەن نېيتىراللاشتۇرش دەپمۇ ئويلىدىم.



ئىككى ۋارتار دەھەشت شاش تۇرۇپ قويدى بولمىسا كەم دىگەندە 5-6 توپ كىرەتتى ماۋۇ مۇسابىقىدە. روبىن شۇ ئاخىرقى توپنى ئۇرمىغنا بولسا پۈتۈن دۇنيانىڭ قارغىشىغا قالاتتى دە. بىتەلەي روبىن تۈگەشتى دەپ ئولتۇرسام  غەزەپ ئاچچىقى بىلەن ئۇرىۋەتتى ئاۋۇ توپنى. پۇرسەت يارىتىشى بەك ياخشىدە بۇ تازنىڭ. دانتېنىڭ ئاۋۇ ھەركىتىگە ئىنىق سېرىق كارتا كىلەتتى. لېكىن دورتموندمۇ ئېسىل ئويناپ قويدى. گوتزىغا ئىچىم ئاغرىدى. مىنىڭچە بايرىنغا قۇشۇلغانغا چۇقۇم پۇشايمان قىلدى.

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2013-5-26 20:58:04

ئاخشام كىم- كىملەر مۇسابىقە كۆردى؟  {:92:}  يالغۇز مەنلا ئوخشايمەن دەپتىكەنمەن تېخى \"\"

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 00:25:46

ئۇفففف...............

ماۋۇ ئىزدىنىش ئاخىرى ئېچىلىپتۇ. ئىزدىنىش بولمىسا، ھەجەپ بىر نەرسە كامدەكلام قالىدىكەن.



تۈنۈگۈن كەچتىكى مۇسابىقىدە، توپ رېپېرغا تېگىپ، توسۇلۇپ قېلىۋېدى، ما يەردىكى تۈرك چۈشەندۈرگۈچى:

«ئىتالىيەلىكلەر ئەزەلدىن مۇداپىئەگە بەك ياخشى، رېپىرلىرىدىن تارتىپ مۇداپىئەنى بەك ياخشى قىلىدۇ.» دەپ باھالىۋەتتى دېسە....  {:92:}   {:92:}
بەت: [1] 2
: ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ توغرىسىدا