‹‹مەزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرسى›› نىڭ داۋامى
مەن مەزىنىڭ‹‹ ئەزان›› توۋلاپ بولغان يېرىدىن باشلاپ داۋامىنى ھازىرقى ئەھۋالغا تەدبىقلاپ مۇنداق بىر نەچچە خىل تەسەۋۇر قىلىپ ئۆزگەرتىپ يېزىپ چىقتىم ، ئەمما ۋەزيەت تەقازاسى ئۈچۈن قالماق يەنلا قالماق پېتى قالدى ...
نادان خەلىق بۇيچە تەسەۋۇر ...
ئەزان تۈگۈشى بىلەن ، ئۇياقتا مەزىن بىلەن پاكار قالماقنىڭ گىپى بۇلۇندى ، بۇ تۇرۇپ تۇرسۇن ، بىز مەھەللگە نەزەر سالايلى ...
ئۇزۇن ناھايتى ئۇزۇن قاتتىق ئۇخلاپ قوپقان مەھەللە خەلقى ئۇيقۇدىن گارڭلا ئويغاندى ، يەنە شۇ مەزىنىڭ تۇنۇش ئاۋازى ، ھىچكىم مەزىننىڭ باشقا كۈنىدىكىگە
ئوخشىمايدىغان ‹‹ئەزان››غا ئېرن قىلمىدى ، ئۇلار بۇرۇنقىدەك ئادەت بۇيچە مەسچىتكە يىغىلدى ، ۋە قىلىچ ئاستىدا قالدى ...
خائىنلار ئۇسلۇبىدىكى تەسەۋۇر ....
ئەزان توۋلاپ بۇلۇندى ، كىچىچە ئۇيقۇسى قاچقان مىرزا ئەزاننى ئاڭلاپ ياتتى ، ئۇنىڭ كاللىسى مەزىنىڭىكىن نەچچە ھەسسە يۇرۇپ كەتتى-دە مەسچىتكە ئالدىراپ چاپتى
، ۋە جامائەتتىن بۇرۇن مەسچىتكە يىتىپ باردى ، ئاندىن .... يۇرتنى 7 قالماققا تۇتۇپ بىرىش بەدىلىگە ئۇ بۇ مەھەللىگە شو دۇجاڭ بولدى ....
قۇلچۇلۇق تەسەۋۇرى ...
7 قالماق ، قالماق !!! قالماقنىڭ قىلىچى بار ، ناھايتى جامباز كىلىدۇ ، مانا بۇ XXنىڭ خىيالى ئىدى ، قانداق قىلىش كىرەك . مىنىڭ خۇتۇن باللىرىم بار . كۈپۈنچە كىشى مۇشۇ خىيالدا ئىدى ... نەگە جىم ياتسىلا ، بىرەر قېتىم نامازغا بارمىغانغا نىمە بوپتۇ؟ مانا بۇ YYنىڭ ئايالىنىڭ ئۇنۇڭغا دىگەن تاپا تەنىسى ئىدى . دىمىسمۇ شۇ سىڭگەن ناننى يەيلى دىدى YYخاتۇنىنىڭ دىگىنىنى تەدبىقلاپ . ماڭا ئىش تاپما بۈگۈن جىم يات ، سالامەت بولساق ئەتە بىزگە يەنە بار ئۇ مەسچىت ، ماڭ جۇگۇ جەينامازنى مۇشۇ يەرگىلا سال ، مانا بۇ بېشىدىن كۆپ ئىش ئۆتكەن بوۋاينىڭ دىگەن سۈزى ئىدى ....
شۇنداق قىلىپ ، يۇقارقىدەك ، بىخوتلۇق ، نادانلىق ، قۇلچۇلۇق سەۋەبى بىلەن ، مەھەلە كىشلىرى ئۇيقۇدا ئۇخلاپ قېلشتى ، ئاز ساندىكى ئويغاق ياشلار مەسچىتكە قاراپ يول ئالدى ، ئەمما مىرزا بىلەن قالماقلار ئۇلارنى تۇزاق بىلەن ساقلاپ تۇراتتى .
مەن مۇشۇنچىلىك تەسەۋۇر قىلىپ تۇراي ... ئىزدىنىشتىكى قەلمى ئۆتكۈرلەرمۇ قايلاپ ئولتۇرمىغاي ، مەنچە يەنمۇ كۆپ تەسەۋۇرلار بار.... پىكىرلەر ساقىت بولمىغاي ، پىكىلەر بولسا ئايماي ئىنكاس يازغايسىزلەر ...
ئەسەرنىڭ بېشىنى ئۇقۇمىغانار ، ئاۋال ئۇقۇپ بېقىڭلار...
http://bbs.izdinix.com/showpost.aspx?Page=3&ThreadID=53586#Inkas
ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ‹ يازدا يىگەن ئۈرۈك كۈزدە قۇرسۇقۇمنى ئاغرىتتى› دېگەن تەمسىل ئېسىمگە كەلدى. ھەرخىل شەكىلدە قىسقا داۋام قىلغۇچە مۇقىم بىر شەكىلنى تاللاپ شۇنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ يازغان بولسىڭىز ياخشى چىقاتتى. ئەسلى تىمىغا قارسام قارسام ھە دىسلا مەزىنى ئەيىپلەپ ئۆزى ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك بىلىندى ... دەمەللىققا ياخشى ماۋزۇ يادىمغا كەلمىدى شۇڭا مۇشۇ ماۋزۇنى ئىشلەتكەن . قىسقا ئەما مما تىگى بار (شۇنداق ھېس قىلدىم)قىلىپ بىر قانچە نوختىدىن مۇشۇنداق يېزىپ چىقىتىم، مەقسىتىم ھەممە ئىشتا تەغدىرىمىزنى مەلۇم كىشلەر تەرپىىدىن قارشتىن سىرىت ، ئۈزەم قانچىلىك دىگەن قاراشقا بۇرۇلسىكەن دىگەن ئۈمۈدتمەن ، مەسلەن مەن مەزىن بولسام دىگەندەك ... راسلا ئەھىيەتسىز تىما بولسسا مەيلى يۇيۋىتەي ... باشقىچە ئويلىغانلار ئويلىغاننى يېزىپ چىقارسىلەر ... يېزىپلا يوللىماپسىز ، تېمىغا مۇلاھىزە قىلغۇچە .... ئاشۇ تېمىدا داۋام قىلسا بولىدىكەن بۇ ......
6- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاشۇ تېمىدا داۋام قىلسا بولىدىكەن بۇ ......
ئۈچرەي دىسەم ، ھوقوقىڭىز يوقلا دەيدۇ