لۈكچۈن ۋە يەركەن: بىر پادىشاھنىڭ ھاياتى
لۇكچۇن ۋە يەركەن: بىر پادىشاھنىڭ ھاياتى ياسىن ئەبەيدۇللا لۈكچۈن لۇكچۇن پىچان ناھىيىسىنىڭ بىر بازىرى، ئەتراپىدا تۇيۇق،دالانكارىز،دىغار قاتارلىق يېزىلار قوشنا بۇلۇپ،لۇكچۇن بازىرىغا مەلۇم باغلىنىشقا ئىگە. ھازىر بازاردىن ئىبارەت مەمورى سالاھىيەتكە ئىگە بۇ يۇرت قەدىمدە ئاۋات شەھەر ئىدى،تۇرپان ۋاڭلىقى(ئىنانچى خان) دەۋرىدە تۇرپان ئويمانلقىنىڭلا ئەمەس لوپنۇر رايونىنىڭ مەمورى مەركىزى بولغانلىقى پەقەت يىقىنقى زاماندىكى ئىش. يارغول ۋە ئىدىقۇت شەھىرى ،خىزىر خۇجا زەربىسىدە يىمىرلىگەن قۇچۇ خانلىقى (ئىدىقۇت خانلىقى) بىلەن تەڭلا زاۋاللىققا يۈز تۇتۇپ خاراپلاشقاندا لۇكچۇن شەھىرى تورپان ئويمانلىقىدا باش شەھەر بۇلۇپ قالدى.شۇنىڭدىن كىيىن لۇكچۇننىڭ تۇرپان تارىخدىكى مۇھىم سەھىپىلىرى يىزىلدى. سەئىدخاننىڭ دەسلەپكى ھاياتى دەل تۇرپانغا ئىسلام تارقاتقان خىزىر خۇجا خاننىڭ ئەۋلادى ،كىيىنكى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سەئىدخان لۇكچۇن شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ پايتەختى بۇلۇپ تۇرغان مەزگىللەردە، ئەلسشىر ناۋائى ھەزرەتنىڭ ۋاپاتىدىن 10يىللارچە ئىلگىرى مۇشۇ شەھەردە تۇغۇلغان. ئاتىسى ۋە تاغىسى مەخمۇت خان ۋە ئەخمەت خانلارغا ئەگىشىپ ئۆزبىك شەيبانى خانغا قارىشى جەڭگە ئاتلانغاندا بەخىتكە قارىشى ئۇلاردىن ئايرىلىپ سەرگەردان بۇلىدۇ، ئىرادىسدىن قايىتمىغان سەئىدخان ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇزۇن مەزگىل ھەركەت قىلدۇ،بىراق نەتىجىسى ياخشى بولمايدۇ، نەۋرە ئاكىسى ،ھىندىستاندىكى بۇيۇك مۇغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى بابور شاھ( بۇچاغدا تىخى بابور ھىندىستانغا كىرمىگەن ئىدى) قىشىغا بېرىپ پاناھلىنىش ئۈچۈن كابولغا باردى. بۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كىيىن ،قايتىدىن غەيرەتكە كىلىپ ئازغىنە ئەسىكىرى بىلەن شۇ چاغدا قەشقەرنى ئىدارە قىلۋاتقان زالىم ھۇكۇمرانغا ھۇجۇم قىلىدۇ. يەركەنگە كىرىش 1514-يىلى 20 نەچچە ياشلاردىكى سەئىدخان مىڭغىمۇ يەتمەيدىغان ئەسىكىرى بىلەن كورلىنىڭ جەنوبىنى باشقۇرۇپ كىلىۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان بەكرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ ،مۇستەھكەم دەپ قارىلىدىغان قەشقەر قەلئەسىنى قولغا كىرگۇزگەندىن كىيىن دۇشىمىنىگە قوغلاپ زەربە بېرىپ يەركەن خوتەننى بىسىپ ئۇتۇپ ئۇزۇل- كىسىل يۇقىتىدۇ. ھاكىميەتنى قولغا ئالغاندا يەركەننى پايتەخىت قىلدى ۋە ئۇزۇنغا بارماي لۇكچۇندە تۇرۋاتقان تاغىسى مەنسۇرخاننى قايىل قىلىپ ئۇلارنىمۇ ھامىليىقىغا ئالدى. شۇنىڭدىن كىيىن 160يىلدىن ئارتۇق دەۋىر سۇرگەن خاندانلىقنىڭ پادىشاھلىرى مانا شۇ يەركەندە تەخىتتە ئولتۇرۇپ، تەڭرى ئاتا قىلغان تاجۇ –تەخىت ۋە ئۇلۇم –قەسىتلەشلەرنى كۇتۇۋالدى. يەركەن گەپنىڭ راسىتىنى دىگەندە يەركەنگە بېرىپ باقمىغىنىم ئۈچۈن بىۋاستە تەسىراتىم يوق دىيەرلىك، پەقەت كىتاپلەردىن كۆرگەنلىرىم ۋە باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىرىم ئاساسىدا يەركەن تۇغىرسىدىكى قاراشلىرىم تىكلەنگەن دىسەكمۇ بۇلىدۇ. يەركەن –قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بىر ناھىيە ،ئۇنىڭ شانۇ –شەۋكەتلىرى ئۇتمۇش تۇزانلىرىدا كۇمۇلۇپ قالاي دىگەن بۇلۇپ بۇرۇن پايتەخىت بولغان بۇ شەھەر ھازىر بىر ناھىيە ئىدى. لىكىن يەركەن يەنىلا 600مىڭدىن ئارتۇق نۇپۇسى بىلەن ھەقىقەتەن چوڭ ناھىيە ھىساپلىنىدۇ، شەرقى شىنجاڭدىكى مەيلى قۇمۇل بۇلسۇن ياكى تۇرپان بولسۇن بۇ ۋىلايەتلەرنىڭ نۇپوسىمۇ 500مىڭدىن ئارتۇقراق چىقىدۇ، دىمەك بىر ناھىيەنىڭ نۇپۇسى ۋىلايەت نۇپۇسىدىنمۇ ئارتۇق، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدا ئۇقىغان ئاغىنىلىرىمنىڭ دىيىشىچە، يەركەننىڭ بازىرى قەشقەرنىڭ بازىرىدىن قىلشمايدىكەن.ھەتتا تىخى مۇبالىغە قىلىپ ،بىر ئادەمنى قەشقەردە كۆزىنى يۇمدۇرۇپ يەركەنگە ئىلىپ بارسا ، ئۇ ئۆزىنىڭ يەركەنگە كىلىپ قالغانلىقىنى بىلمەيدۇ دىگەن گەپ بار دىدى. بۇ گەپلەردىن قارىغاندا يەركەن شەھەر رايوننىڭ كۇلىمنى كىچىك دىگىلى بولمايدۇ. سەئىدخاننىڭ كىيىنكى ھاياتى ۋە سەئىدىيە خانلىقى سەئىدخان جاسارەت بىلەن ھاكىميەتنى قولغا ئىلىپ بىر مەزگىل ئۈتكەندىن كىيىن نۇرغۇن پادىشاھلارغا ئوخشاش ئەيىش –ئىشرەتكە بېرىلىپ قالدى،بىراق ئۇزۇنغا قالماي ئۆزىنى ئۇڭشىۋالدى،ياشلا بىشىدىن نۇرغۇن ئىشلارنى كەچۇرگەن بۇ شاھ دانالىقى بىلەن يەنە ئەل غىمىگە چۇشتى، ھاكىميەتنى مۇستەھكەملەش ۋە زېمىن ئستىلا قىلش ھەركىتىنى داۋاملاشتۇردى. 1533-يىلى بىر قىتىلمىق تىبەت يۇرۇشىدە ئىگىز تاغ يۇرۇشىدە كىسەل بۇلۇپ ياشلا قازاقىلدى. ئۇنىڭدىن كىيىن ئابدۇرىشىت خان تەخىتكە چىقتى. ھەممىمىزگە مەلوم بولغىنىدەك يەركەن سەئىدىيە خانلىقى قاراخانىلاردىن كىيىنىكى گۇللەنگەن بىر خانلىق بۇلۇپ ،ئۇنىڭ تەسىرى ھەقىقەتەن زور. سەئىدخاننىڭ ئىلگىرىكى ھاياتى ۋە ئەجداتلىرى شىمالى شىنجاڭ ،شەرقى شىنجاڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا ،ئۇنىڭ كىيىنكى ھاياتى ۋە ئەۋلاتىلرى جەنوبى شىنجاڭدا ياشاپ ئۇتتى. |
ماۋۇ سانلىق مەلۇمات قاچانقى مەلۇمات ؟
2007 -يىلدىكى بىر سېتاستىكا مەلۇماتىدا كۆرۇشۇمچە 750 مىڭدىن كۆپرەك نۇپۇس بار دىيلگەن . بۇنىڭ 700مىڭى ئۇيغۇر ...
ھازىرقى مۆلچەردە (يەكەنگە كېلىپ كېتىپ تۇرىدىغانلارنى ۋە باشقا ئاقما نۇپۇسلارنى قوشقاندا ) بىر مىليۇن ئەتراپىدا دەپ مۆلچەرلەنمەكتە ...
بىدار قۇتلانكام يەكەننڭ كونىسى بولغاندىكىن ، سىز بىر دەپ بېقىڭە قىنى ...
بىداركا !!! Bidar-Qutlan@ @ Bidar-Qutlan تۇرپان ۋاڭلىرى؟؟؟؟؟؟؟؟؟ئەمەس ھە
1- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
«لىكىن يەركەن يەنىلا 600مىڭدىن ئارتۇق نۇپۇسى بىلەن ھەقىقەتەن چوڭ ناھىيە ھىساپلىنىدۇ،»
ماۋۇ سانلىق مەلۇمات قاچانقى مەلۇمات ؟
2007 -يىلدىكى بىر سېتاستىكا مەلۇماتىدا كۆرۇشۇمچە 750 مىڭدىن كۆپرەك نۇپۇس بار دىيلگەن . بۇنىڭ 700مىڭى ئۇيغۇر ...
ھازىرقى مۆلچەردە (يەكەنگە كېلىپ كېتىپ تۇرىدىغانلارنى ۋە باشقا ئاقما نۇپۇسلارنى قوشقاندا ) بىر مىليۇن ئەتراپىدا دەپ مۆلچەرلەنمەكتە ...
بىدار قۇتلانكام يەكەننڭ كونىسى بولغاندىكىن ، سىز بىر دەپ بېقىڭە قىنى ...
بىداركا !!! Bidar-Qutlan@ @ Bidar-Qutlan
بۇ يازمىنى يازغىلى نەچچە يىل بولدى ھازىرقى نۇپۇسى ھەققىدە توردىن ماتېرىيال تاپالمىدىم، 2003-يىلى 600مىڭدىن كۆپرەك نۇپۇس بار دىيىلىپتۇ.
2- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تۇرپان ۋاڭلىرى؟؟؟؟؟؟؟؟؟ئەمەس ھە
تادۇبەگ ، بۇ ئىنكاسىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم.
بەت:
[1]