mahammat يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 16:50:32

ئايپەددە مۇنۇ ئىشنى قىلغىلى بولامدۇ ؟

مىنىڭ بىر ئاغىنەمماشىنا ئاپتۇلىنى توپ تارقىتىۋاتقان ، يىقىندا سودىسى كەڭىيىش تۈپەيلدىن ، خۇددى چوڭ ئاشخانىلاردا ئىشلىتىۋاتقانئايپەد تاماق تىزىملىكە ئوخشاش ئۆزى ھىساپ قىىلپ بېرىدىغان ، شۇنداقلا مەھسۇلاتلارنىڭ سۈرىتى ، باھاسى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ھەم تورغىمۇ چىقالايدىغان شۇنداق بىر تاختا كومپىيىتىرىغا ئىھتىياجى چۈشۈپ قاپتۇ . ئۇنداقتا ئايپەددە شۇنداق قىلغىلى بولامدۇ ياكى ياكى ئۇنىڭدىن ياخشىراق باشقا ئۈسكىنىلەر بارمۇ ؟ ئۇنى قايسىسىستىما بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىمىز ؟ بولسا شۇنداق ئايپەدىنى ھەم شۇنداق دىتالنى تەۋسىيە قىلغان بولساڭلارئىشلىتىپ باققانلار تەجرىبىسىنى ئايمىغاي. ئاۋۋال شۇ دوستىمىزغا ۋاكالاتەن رەھمىتىمنى ئىيتقاچ تۇراي . رەھمەت ...

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 17:49:37

تاماقخانلاردىكى مەخسۇس ياساتقان تاماقخانا باشقۇرۇش سېستىمىسىمۇ دەيمەن، بىر قانچە يۇمشاق دېتال ياسايدىغان شىركەتلەر بار سەركەر، يەلتاپان....دەپ مەخسۇس شۇ ئىشنى قىلىدۇ. مىنىڭچە ئۇ ئەپنى ئالما ئاندرويدلارنىڭ پەدلىرىدە ئىشلەيدىغان قىلىپ ياسىغىلى بولىدۇ. ئەگەر مەخسۇس بۇيرۇتۇش قىممەت بولسا، خەنلەرنىڭ تەلىپىڭىزگە يېقىنراق كىلىدىغان ئەرزانراق ياكى ھەقسىز ئەپلىرى بارىمىكى

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 18:19:41

ئالىم ئەھەت مۇئەللىم (ئۇيغۇر سوفىت) بىلەن ئالاقىلىشىپبېقىڭ ،تاماقخانا ، يۈك-تاق توشۇش ئورنى ، بانكا ،رادىئو ئىستانسسى قاتارلىق ئورۇنلارغا سېستىما ئىشلەپ بەرگەن http://www.alimahat.com

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 18:48:57

ئالىم ئەھەت مۇئەللىم بىلەن ئالاقىلىشىڭ، سۈپەتلىق قىلىپ ياساپ بېرىدۇ.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 20:28:59

B/S قىلىپلا يىغىشتۇرېدىغان ئىشكەن بۇ. {:101:}

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 20:52:18

شۇ، ئەپ ياسىسا مەبلىغى جىق كېتىدۇ، كەپتە دېگەندەك بى ئەس قىلىپلا، ئايپەتكە 3gكارتىسىدىن بىرنى سەپلىسە پۈتىدىكەنغۇ

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 22:08:39

مەخسۇس ياساتسا ئاندىن بولغۇدەك.

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 22:44:53

ئىزدەپ باقمامسىلەر ئەپ دۇكنىغا كىرىپ ،
ئالمىنىڭ ئەپلىرى تاش-تۇپراقتەك جىق!

karizqi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-11 13:24:48

سەپەرداش يۇمشاق دېتال ياساش مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆرۈڭ،تاماقخانىمىز ۋە شىنجاڭدىكى نۇرغۇن تاماقخانا ،تاللا بازىرى،توپ تارقىتىش دۇكانلىرى ئاندىروئىتدېتالىنى ئىشلىتىۋاتىمىز.

oyuncu يوللانغان ۋاقتى 2014-1-11 14:05:37

ما چوڭلار چۈشىنىشلىك دەڭلار، B/S دىگەن نىمە ئۇ؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-11 14:07:00

قىسقارتىپ ئېيتقاندا تور بەت

destiny يوللانغان ۋاقتى 2014-1-11 14:30:14

مۇنداق دىتال بولسا بىلىدىغانلار ، دىتال ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار بولۇپ تىكەن .

ئايپەد تاقاق ھالاتتە ئىچىش مەخپى نومۇرنى توغرا كىرگۇزسە ئايپەد ئىچىلىدىغان ، 3- قىتىم خاتا كىرگۇزسە پەد ئىچىدىكى بارلىق ماتىرىيال ئۆچۇپ كىتىدىغان ئىختىدارى بار دىتال بولسا تەۋسىيە قىلىڭلار ..
ئايپەد ئۇچۇن بولسىمۇ ئاندىرويىدپەدلىرىگە ماس كىلدىغىنى بولسىمۇ بولىدۇ .

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-11 14:53:29

destiny يوللىغان ۋاقتى2014-1-11 14:30 static/image/common/back.gif
مۇنداق دىتال بولسا بىلىدىغانلار ، دىتال ئىسمىنى قالدۇ ...

ئايپەدنىڭ ئۆزىدىلا تەڭشىيەلەيسىز.
ئۇسۇلى:
Settings->General->Passcode Lock->Erase Data

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-11 15:11:06

ۋاي توربەتتىن بىرنىلا ياسىسا بولىدىكەن . ۋورىد پرەستە بىركۈندىلا ياساپ پۈتتەگىلى بولىدۇ دەيمە ...

destiny يوللانغان ۋاقتى 2014-1-11 15:16:16

tarim222 يوللىغان ۋاقتى2014-1-11 14:53 static/image/common/back.gif
ئايپەدنىڭ ئۆزىدىلا تەڭشىيەلەيسىز.
ئۇسۇلى:
Settings->General->P ...

رەھمەت سىزگە .
بىراق ئايپەدتتە 10 قىتىمدىن ئارتۇق خاتا بىسىلغاندىن كىيىن ئاندىن ئۆچۇرلىۇپ كىتىدىكەن .
ماڭا كىرەكلىكى 2-3 قىتىم خاتا باسسىلا ئوچۇپ كىتىدىغان ياكى مەخسۇس بىر خاتا نومۇرنى بەلگىلەپ شۇنۇمۇرنى باسسىلا ماتىرىيال ئۆچۇپ كىتىدىغان دىتال لازىم ئىدى.
بەت: [1]
: ئايپەددە مۇنۇ ئىشنى قىلغىلى بولامدۇ ؟