irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-20 21:42:30

ئەقىل- پاراسەتنىڭ كۈچى

يولدىن چەت بىر جايدا بىر كۆل بار ئىكەن. يولدىن يىراق بولغانلىقتىن كىشىلەرنىڭ كۆزى بۇ كۆلگە ئانچە چۈشمەيدىكەن. بۇ كۆلدە ئۈچ بېلىق بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ چوڭلىقى ۋە سېمىزلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن. بۇ ئۈچ بېلىقنىڭ بىرى مۇكەممەل ئاقىل، يەنە بىرى يېرىم ئاقىل، ئۈچۈنچىسى ئەقىلسىز جاھىل ئىكەن. بىر يىلى باھار مەزگىلىدە بۇ كۆلدىكى بېلىقلار ئىككى-ئۈچ بېلىقچىنىڭ نەزىرىنى تارتىپتۇ. ئۇلار بۇ كۆلدە بېلىق بارلىقىنى بىلىپ ئۆزئارا سۆزلىشىپ، ئەتىسى تور ئەكىلىپ بېلىقلارنى تۇتۇشقاۋەدىلىشىپ ئۆيلىرىگە قايتىشىپتۇ. بېلىقلار بۇ ئاپەت خەۋىرىدىن ۋاقىپ بولۇپ، كۆل ئىچىدە ھەسرەت ۋە غەم ئوتى بىلەن كۆيۈشكە باشلاپتۇ. كەچ كىرىپتۇ. ھېلىقى مۇكەممەل ئاقىل ۋەھىمىدىن ھۇشيارراق بېلىق بولغاچقا، نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى تارتىپ، تەجرىبە ھاسىل قىلغاچقا، بىلىقچىلارنىڭتورىدىن قۇتۇلۇشنىڭ پېيىگە چۈشۈپتۇ. «دانالار ھەر ئىشقا قەدەم قويسا، ئىش بىناسىنىڭ ئۇلىنى مەھكەم سالىدۇ، ئەقىلسىزلار ئىش بىناسى ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ»دېگەندەك، مۇكەممەل ئاقىل قارىسا كۆلنىڭ بىر ئېرىقى بار بولۇپ، ئېرىق ئارقىلىق كەلگەن سۇ دەرياغا يېنىشما بولۇپ تۇرغانىكەن. قالغان ئىككى بېلىق پەرىشانلىق ۋە ئىزتىراپ بىلەن ئۆزىنى قىرغاقلارغا ئۇرۇپ تۇرۇۋېرىپتۇ. مۇكەممەل ئاقىل ئېرىق ئارقىلىق دەرياغا ئۈزۈپ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇپتۇ. تاڭ ئاتقاندا بىلىقچىلاركېلىپ ھېلىقى ئېرىقنى چىڭ ئېتىپتۇ. يېرىم ئاقىلنىڭ بىر ئاز ئەقىل- ھوشى بولسىمۇ ئىشكۆرمىگەن بولغاچقا، بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقى ئۈچۈن كۆپ پۇشايمان يەپتۇ ۋە ئۆز-ئۆزىگە: «ۋاھ دەرىخا، غەپلەتتە قاپتىمەن. غاپىللارنىڭ ئىشى مانا شۇنداق بولىدىكەندە! مەنمۇ مۇكەممەل ئاقىلدەك بالا كېلىشتىن بۇرۇن ئۆز غېمىمنى يىگەن بولسام، بۇ بالا تورىدىن قۇتۇلۇپ كەتمەسمىدىم. ئاقىللارنىڭ «تەدبىرنى ئىشتىن بۇرۇن قىلماق لازىم، ئىش ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ھەسرەت-نادامەت قىلچە پايدا بەرمەيدۇ، دېگىنى راست ئىكەن ئەمەسمۇ» دەپتۇ. ئۇ يەنە ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ مۇنداق پىكىر يۈرگۈزۈپتۇ: «ئەگەر پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋەتكەن بولساممۇ، لېكىن ھېيلە-مىكىر ئۈچۈن يەنە بىر پۇرسەت بارغۇ. بالا كەلگەندە تەدبىرمۇ ئارا تۇرالمايدۇ دېيىلگەن بولسىمۇ، ئاقىل كىشى ئۆز ئىدراكىنىڭ مەنپەئىتىدىن ھېچ ۋاقىت نائۈمىد بولماسلىقى كېرەك ۋە دۈشمەننىڭ يامانلىقىدىن مۇداپىئە كۆرۈشتە ھەرگىز تەخىر قىلىپ قاراپ تۇرماسلىقى كېرەك.» ئۇ شۇلارنى خىيال قىپتۇ-دە، ئۆزىنى ئۆلگەندەك قىلىپ كۆرسىتىپ قورسىقىنى ئاسمانغا قىلىپ، ئېرىقنىڭ باغلانغان يېرىگە يېقىن بېرىپ تۇرۇپتۇ. بېلىقچىدىن بىرى ئۇنى كۆرۈپ «ئۆلگەن بېلىق ئوخشايدۇ» دەپ قولىغا ئېلىپ قىرغاققا تاشلاپتۇ. بېلىق ئىككى ئېغىناپلا ئۆزىنى ئېرىققا تاشلاپ، جېنىنى ساق- سالامەت قۇتقۇزۇپ دەرياغا بېرىۋاپتۇ.
ئەمما، غەپلەتكە پاتقان ئەقىلسىز جاھىل ھەيران ۋە سەرسانلىق بىلەن ئوڭ ۋە سول تەرەپكە قېچىپ مۆكۈنۈپ بېقىپتۇ،تىپىرلاپ يوقۇرى- تۆۋەن چۆكۈپ يۈرگەن بولسىمۇ، ئاخىرى ھېچ پايدا بەرمەي بېلىقچىلارنىڭ تورىغا چۈشۈپتۇ.
دېمەك دوستلار، كىم ئىشنىڭ ئاخىرىسىنى كۆزلىمەيدىكەن، ئۇ ئادەمنىڭ كۆزى كۆرمەس، ئەقلى ئىشلىمەس دېيىش كېرەك. ئەقىللىق ئادەملەر ئۆتۈپ كەتكەن ۋە ئورنىغا كەلمەيدىغان ئىش ئۈچۈن پەرياد چەكمەي، كەلگۈسى ئىشلار ئۈچۈن تەدبىر ئىزلەيدۇ. ئەقىلسىز ئادەملەر تۆنۈگۈن ئۈچۈن پەرياد چېكىپ، بۈگۈنكى پۇرسەتنىمۇ قولدىن بېرىپ قويىدۇ.

karakhan07 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 08:47:37

بۇ ياخشى بىر تەربىيە خاراكتېرلىك مەسەلكەن.
ئەقىلسىز ئادەملەر تۆنۈگۈن ئۈچۈن پەرياد چېكىپ، بۈگۈنكى پۇرسەتنىمۇ قولدىن بېرىپ قويىدۇ.ئەقىللىق ئادەملەر تۈنگۈندىن ساۋاق ئېلىپ ،بۈگۈنگە يول ئاچىدۇ.
كىمدۇر بىرى:تارىخ ئەجداتلانىڭ ئابىدىسى،ئەۋلاتلارنىڭ يول خېتى دىگەن ئىكەن.

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 09:15:22

راستىنلا پەرزەنتلىرىمىزگە ئوقۇپ بىرىپ تەربىيە قىلىشقا ئەرزىگۈدەك مەسەل ئىكەن.
ئادەمگە «ھەر ئىشتا دانا بول، بىخۇد بولما» دېگەن ھىكمەتنى ئەسلىتىدىكەن.

newkiran يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 09:21:22

مەن بىر خىللا ھېس قىلىپ قالدىميا نىمىشقا ئاۋۇ ئەقىللىق بېلىق بىرگە ياشىغان ئىككى بېلىق دوسلىرىغا يول كۆرسىتىپ بىرگە قېچىپ كەتمەيدۇ، تازىمۇ دوسلۇققا يارىماس نەپسانىيەتچى بېلىق ئىكەن. قارىغاندا بۇ بېلىقلارنىڭ ئىتىپاقى تازا ياخشى ئەمەس ئوخشىمامدۇ ياكى ئۇرۇشۇپ قاپتىكەنمۇ؟

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 09:41:31

كەلىلە ۋە دىمىنە دىگەن كىتاپتىن ئېلىنغان ھېكمەتمۇ بۇ؟

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 09:48:36

ياخشى ئەمەسكەن. ئاۋۇ ئەقىللىق بېلىق قالغان ئىككىسنى يىتەكلىشى كېرەك ئىدى.

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-3-21 09:50:56

قېرىنداشلار خەنلەر تىرىك بېلىقنى ئۆلتۈرۈپ ئادالاپ بەرسە يىگىلى بولامدۇ ؟ :)
بەت: [1]
: ئەقىل- پاراسەتنىڭ كۈچى